• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ جامەسىنىڭ تارىخى

ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ جامەسىنىڭ تارىخى

ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺟﺎﻣﻪ، ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﯞﺍﺕ ﺳﻮﺩﺍ، ﻣﻪﺩﻩﻧﻴﻪﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﺪﯗﺭ، ﺋﯘ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﺎﺭﺗﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯜﻥ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﭼﻮﯓ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﻰ، ﭘﻪﺷﺘﯩﻘﻰ، ﺋﺎﻕ ﮔﯜﻣﺒﯩﺰﻯ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﻰ ﻧﻪﻗﯩﺸﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﺷﻪﮬﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻛﯚﺭﻛﻪﻣﻠﯩﻚ ﺑﯧﻐﯩﺸﻼﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ.
ﺟﺎﻣﻪﻧﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻰ، ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﺗﺎﻣﭽﻰ ﯞﻩ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﻣﺎﮬﺎﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻪﻛﯩﺲ ﺋﻪﺗﺘﯜﺭﯛﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.

ﮬﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮬﯧﻴﺘﺘﺎ ﭼﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﺎﻏﺮﺍ، ﺳﯘﻧﺎﻱ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺟﻪﻟﭗ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗﻛﻰ، ﺑﯘ ﻗﯩﺰﯨﻘﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯚﺯ ﺋﯜﺯﯛﭖ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﯘﺳﻰ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﺴﻰ 12 ﻣﯘﻗﺎﻡ ﻧﺎﻏﺮﺍ ﺳﯘﻧﺎﻳﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻧﻨﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺑﯘ ﺋﯜﭺ ﻛﯜﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﺧﻪﻟﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯜﺯ ﻛﯚﺭﯛﺷﯩﺪﯗ. ﺋﯚﺯ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺋﺎﻛﺎ ﺳﯘﻧﺎﻳﭽﻰ، ﺭﻭﺯﻯ ﺋﺎﻛﺎ (ﺑﺎﺷﻰ) ﻻﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﮬﺎﺭﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﮬﯧﻴﺖ ﺋﯩﺸﺘﺮﺍﻛﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﻩﮬﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻻﺗﺘﻰ. ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﺑﺘﯩﻨﻤﯘ ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﮬﯧﻴﺘﺘﺎ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﯘﻻﺗﺘﻰ. نۆۋىتى ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﯘ ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﻮﻳﻨﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﺎﻣﺎ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﺴﻪﻙ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻛﻪﺗﻤﻪﺱ؛ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ، ﻧﺎﻏﺮﺍ، ﺳﯘﻧﺎﻳﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﺷﻘﺎ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺧﯘﺷﺘﺎﺭ، ﺭﻭﺯﻯ ﮬﯧﻴﺖ، ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﮬﯧﻴﺘﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﯞﻩ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘ ﻧﺎﻏﺮﺍ، ﺳﯘﻧﺎﻳﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺳﺎﺩﺍﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ.

ﮬﯧﻴﺖ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻣﯘﻡ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﺘﯩﺮﺍﻛﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﻣﺎ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯗﺭ. ﺳﺎﻣﺎ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﻳﯘﻥ ﺑﯘﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯧﭽﯩﺸﺘﺎ ﺋﻮﻳﻨﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﯩﺪﯨﻦ ﺗﯜﭘﺘﯩﻦ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻛﯩﺸﻰ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯩﺸﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﺭﯗﻧﻼﻧﺴﺎ، ﺳﺎﻣﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﺘﯩﺮﺍﻛﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﻧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻳﯜﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯚﺯ ﺩﺍﺋﯩﺮﺳﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﺒﯩﻦ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﮔﻮﻳﺎ ﺑﯩﺮﻻ ﻛﯩﺸﻰ ﮬﻪﺭﻛﻪﺗﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺳﺎﻣﺎ ﺩﺍ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻧﺎﻏﺮﺍ، ﺳﯘﻧﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﮬﺎﯓ ﻳﯚﺗﻜﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﯦﺘﯩﻢ ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﯩﺪﯗ. ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﺳﺎﻣﺎ ﺳﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﻧﺎﻏﺮﺍ- ﺳﯘﻧﺎﻳﻨﯩﯔ ﻣﯘﯕﻠﯘﻕ، ﻳﺎﺭﻗﯩﻦ، ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﮬﯧﻴﺖ ﺗﻪﻧﺘﻪﻧﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻤﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯜﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ.

ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮬﯧﻴﺖ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﺍ ﮬﯧﻴﺖ ﺗﻪﻧﺘﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﭼﻪﺕ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﮬﻮﺯﯗﺭﻟﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﻪﺭﺩﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺩﯦﯖﯩﺰﯨﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯗ.

ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﻪﺵ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﻜﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺏ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﯩﻼﺩﻯ 1442- ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﺎﻛﯩﻢ ﺑﻪﮒ- ﺳﺎﻗﯩﺖ ﻣﯩﺮﺯﺍ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﻕ- ﺟﻪﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﯘﺭﯗﻕ- ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ. ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﻳﺎﺳﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻥ ﻳﯩﻠﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﻛﯩﻢ ﺑﯧﮕﻰ ﺋﯘﺑﯘﻝ ﮬﺎﺩﻯ ﺑﻪﮔﻨﯩﯔ ﺗﺎﻏﯩﺴﻰ ﻣﯩﺮﺯﺍ ﺋﻪﺯﯨﺰ ﯞﻩﻟﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯘﺭﯗﻧﻐﺎ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 944- ﻳﯩﻠﻰ (ﻣﯩﻼﺩﻯ 1558- ﻳﯩﻠﻰ) ﺋﯘﺑﯘﻝ ﮬﺎﺩﻯ ﺑﻪﮒ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻨﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﭗ ﻳﯧﯖﯩﺒﺎﺷﺘﯩﻦ ﻳﺎﺳﺎﺗﻘﺎﻥ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺑﻪﺵ ﯞﺍﺥ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻨﻰ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﺋﻮﻗﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻣﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻜﻪﻥ. ﻣﯩﻼﺩﻯ 1787- ﻳﯩﻠﻰ (ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 1201- ﻳﯩﻠﻰ) ﻳﯩﯖﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﺌﯧﺮﯨﻖ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺯﯗﻟﭙﯩﻴﻪ ﺧﯧﻨﯩﻢ ﻣﻪﻛﻜﯩﻨﻰ ﺗﺎﯞﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻮﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺳﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﭗ ﻳﯧﯖﯩﺒﺎﺷﺘﯩﻦ ﻳﺎﺳﯩﻐﺎﻥ.

ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭ ﯞﺍﯓ 19- ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ، ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 1224- ﻳﯩﻠﻰ (ﻣﯩﻼﺩﻯ 1809- ﻳﯩﻠﻰ) ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺏ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﻳﻨﺎﭖ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﻐﺎ ﮬﻪﺷﻪﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﮔﯜﻣﺒﻪﺯ ﻳﺎﺳﺎﺗﻘﺎﻥ. ﺑﯘ ﮔﯜﻣﺒﻪﺯﻧﻰ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﺎﻟﯟﺍﯓ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻳﺎﺳﺎﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ، ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﻰ ﻏﻪﺯﻩﭘﻜﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯓ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻥ. ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭ ﯞﺍﯓ، ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭘﻪﺳﻪﻳﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﯩﻨﻰ ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﻝ ﭼﺎﭘﺘﯘﺭﻏﺎﻥ، ﺋﯧﺮﯨﻖ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺳﯘ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﻮﺭﻣﺎﻥ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.

ھىجرﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 1235- ﻳﯩﻠﻰ (ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ 1820- ﻳﯩﻠﻰ) ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ ﻳﯧﻐﯩﭗ ﺟﺎﻣﻪﻧﯩﯔ ﺗﻮﺭﯗﺱ- ﺗﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻧﯩﺪﯨﺮ ﺧﻮﺟﺎ ﺋﻪﺑﺮﯨﺸﯩﻤﻜﺎ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯘﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ. ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 1255- ﻳﯩﻠﻰ (ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ 1839- ﻳﯩﻠﻰ) ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﻛﯩﻢ ﺑﯧﮕﻰ ﺯﻭﮬﻮﺭﯨﺪﯨﻦ ﺑﻪﮒ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﯨﻘﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﺳﯧﭙﯩﻞ ﺳﻮﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﻜﻪﻥ. ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺟﺎﻣﻪﻧﻰ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ.

19- ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﯧﺮﯨﻤﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻪﺩﯙﻟﻪﺕ (ﻳﺎﻗﯘﭖ ﺑﻪﮒ) ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻣﺎﮬﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﺍ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ، ﻣﻪﺩﺭﯨﺲ، ﻣﺎﺯﺍﺭﻻﺭﻧﻰ ﻳﺎﺳﺎﺗﻘﺎﻥ. ﺷﯘ ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 1290- ﻳﯩﻠﻰ (ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ 1872- ﻳﯩﻠﻰ) ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﯩﻨﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﭗ ﺑﺎﺷﻘﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﻣﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﮬﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ. ﺑﯘ ﺟﺎﻣﻪﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ، ﺷﻪﺭﻕ ﺗﻪﺭﭘﯩﻨﻰ ﻣﻪﺩﺭﯨﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﻐﺎ ﺑﯚﻟﯜﭖ، ﻣﻪﺩﺭﯨﺲ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻝ، ﺷﻪﺭﻕ ﯞﻩ ﺟﻪﻧﯘﺏ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ 24 ﻗﺎﺗﺎﺭ 72 ﺋﯧﻐﯩﺰﻟﯩﻖ ﮬﯘﺟﺮﺍ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻝ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ 100 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻛﯩﺸﻰ ﺳﯩﻐﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﭽﺎ، ﻣﯘﻧﺎﺭ، ﮔﯜﻣﺒﻪﺯ، ﭘﻪﺷﺘﺎﻕ، ﺩﻩﯞﺍﺯﺍ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺳﺎﺗﻘﺎﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﻧﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﮬﺎﻟﯩﺘﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ.

ھىجرﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 1320- ﻳﯩﻠﻰ (ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ 1903- ﻳﯩﻠﻰ) ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻳﻪﺭ ﺗﻪﯞﺭﻩﺵ ① ﺯﯨﻠﺰﯨﻠﯩﺴﻰ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺟﺎﻣﻪﻧﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﯨﻘﻰ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﺧﯧﻠﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺯﻩﺧﯩﻢ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﻪﺯﻯ ﺗﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻥ، ﻣﯘﻧﺎﺭ ﺯﻩﺧﯩﻤﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 1322- ﻳﯩﻠﻰ (ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 1905- ﻳﯩﻠﻰ) ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺑﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺑﺎﻱ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺑﺎﻱ ﮬﺎﺟﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺮﯨﻢ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺑﺎﻳﯟﻩﭼﭽﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.

ھىجرﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 1352- ﻳﯩﻠﻰ (ﻣﯩﻼﺩﻯ 1934- ﻳﯩﻠﻰ) ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻛﯧﺮﯨﻢ ﺧﺎﻥ ﻣﻪﺧﺴﯘﻣﻨﯩﯔ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺩﻩﺭﻩﺧﻠﻪﺭ ﺗﯘﻟﯘﻗﻼﭖ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ، ﻛﯚﻟﻠﻪﺭ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﭼﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ. ﻛﯚﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﺭﯨﺸﺎﺗﻜﯩﻼﺭ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ.

ھىجرﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 1354- ﻳﯩﻠﻰ (ﻣﯩﻼﺩﻯ 1936- ﻳﯩﻠﻰ) ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﮬﺌﯩﺴﻼﻣﻰ ﻣﻪﺩﺭﺳﯩﮭ – ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﮬﻪﻳﺌﯩﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ. ﺟﺎﻣﻪﻧﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻝ ﯞﻩ ﺟﻪﻧﯘﺏ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﺎﻥ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ، ﻛﯩﺮﯨﭗ- ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺭﺍﯞﺍﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ. ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 1355- ﻳﯩﻠﻰ (ﻣﯩﻼﺩﻯ 1937- ﻳﯩﻠﻰ) ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﺶ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﺪﻩ ﺟﺎﻣﻪﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻕ ﺗﻪﺭﭘﯩﺪﯨﻜﻰ 24 ﺋﯧﻐﯩﺰﻟﯩﻖ ﮬﯘﺟﺮﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﭽﺎ ﭼﯧﻘﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ. ﺗﺎﻡ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺳﺎﻻﺳﯘﻧﻠﯘﻕ ﺭﯨﺸﺎﺗﻜﺎ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ.

مەنبە: ياشلار مۇنبىرى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top