• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » جون بولتوننىڭ تىرامىپ ھەققىدە ئېيتقانلىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئانالىزىدە بىلىشىمىز كېرەك بولغان پرىنسىپلار

جون بولتوننىڭ تىرامىپ ھەققىدە ئېيتقانلىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئانالىزىدە بىلىشىمىز كېرەك بولغان پرىنسىپلار

كۆلتىكىن

خەلقئارا مۇناسىۋەت ئېتىك ۋە ئەخلاق ئۆلچەملىرىدىن مۇستەسنادۇر. (بۇ ئالاھىدىلىكى ئونىڭ ئايرىم بىر پەن بولۇشقا لايىق ئىكەنلىكىنى كۆرستىدىغان موھىم ئالاھىدىلىكلەردىن بىرىدۇر.)

— خانس مورگېنتاۋ (Hans Morgenthau)

شۇ جاي ۋاقتى 2020-يىلى 6- ئاينىڭ 17 كۈنى ئامېرىكا پىرزدىنتى تىرامىپ نەچچە كۈنلەرچە ساقلىتىلغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لاھيەسى» گە ئىمزا قويدى. يەنە دەل شۇ كۈن سابىق ئامېرىكا بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جون بولتون تىرامىپنىڭ 2017- يىلدىكى خىتاي زىيارىتىدە شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ئونىڭدىن ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمانلارنى نىمشقا قامىغانلىقىنى سورىغانلىقىنى، شى نىڭ بۇنىڭغا جاۋان بەرگەنلىكى، شۇنداقلا تىرامپنىڭ شى غا بۇ ئىشتا قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى سۆزلىدى. جون بولتون بۇ خەۋەرنى ئەينى ۋاقتتا تىرامپقا تەرجىمان بولغان كىشىدىن ئاڭلىغانلىقىنى سۆزلىگەن.

بولتوننىڭ بۇ گەپلىرى ئامېرىكىنىڭ Wall Streat ۋە CNN قاتارلىق چوڭ مەتبۇئاتلىرىدا ئىلان قىلىندى ۋە بۇنىڭدىن كىينمۇ بىر نەچچە كۈن ھەتتا بىر نەچچە ئاي بۇ خىل خەۋەرلەر داۋاملىق چىقىشى مۇمكىن. ئوخشاشلا ئۇيغۇر جامائىتى ئارسىدىمۇ كۈچلۈك بەس – مۇنازىرىگە سەۋەب بولىشى ئېنىق. مەلۇم مەسىلە ھەققىدە مۇنازىرىنىڭ بولىشى ياخشى ئىش، لىكىن مۇنازىرە تىمىسى ھەققىدە ھىچقانداق نەرسدىن خەۋىرى يوق مۇنازىرە قىلىش ۋاقىت ئىسراپچىلىقىدىن باشقا نەتىجە بەرمەيدۇ.

ئەڭ ئاۋال بىلىشىمىز كېرەك بولغىنى بۇ تېما خەلقئارا مۇناسىۋەت تېمىسى شۇڭا بۇ مەسىلىدىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە دۆلەتنىڭ قارارىنى نىمىنىڭ بەلگىلەيدىغانلىقىنى بىلىش؛ ئۇنىڭدىن قالسا بۇ يەنە (ئامېرىكىنىڭ ئىچكى)  سىياسەت تىمىسى، شۇڭا  يەنە دۆلەت ئىچى سىياسىي ئاتموسفىراسىنىڭ دۆلەتنىڭ تاشقىي سىياستىگە قانداق تەسىر كۆرستىدىغانلىقىنى بىلىشىمىز زۆرۈر.

باشتا ئەقلىي تەپەككۇر ئۇسۇلى بويىچە بولتوننىڭ گىپىنىڭ ئاساسىنىڭ بار يوقلىقىغا قاراپ باقايلى.

1. بولتون گەپنى تەرجىماندىن ئاڭلىغان. بۇنىڭدىن بولتوننىڭ قولىدا تىرامپ دېدى دەيدىغانغا بىرىنچى قول ئىسپات يوق. يەنە ئەڭ موھىم بولغىنى تەرجىمان تىرامپنى ياخشى كۆرمەيدىغان بىرى بولسا تىرامپنى «شۇنداق دېدى» دەپ تۆھمەت قىلغان بولىشىمۇ ئىھتىمال.

2. تىرامىپ ھەقىقەتەن شى غا شۇنداق دېگەن بولىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ يەردە موھىم بولغىنى شى نىڭ لاگىر قۇرۇش مەسىلىسىنى تىرامپقا قانداق چۈشەندۈرگەنلىكىدۇر. «كەسپى تەربىيلەش مەركىزى» ياكى «رادىكاللىقىنى تۈگىتىش مەركىزى» دەپ چۈشەندۈرگەن بولسا، تىرامىپ «قوللايمەن» دېگەن بولىشى مۇمكىن. چۈنكى ئىلگىرى ھەتتا خىتاينىڭ تەشۋىقاتلىرىغا ئىشەنگەن بەزى دۆلەتلەر خىتاينىڭ  ئاتالمىش رادىكالىزمىغا قارشى تەدبىرىنى يەنى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتۇپ – سولاش سىياسىتىنى ناھايىتى توغرا، ھەتتا باشقا دۆلەتلەرمۇ قوللىنىش لازىم، دەپ ئوچۇق ئاشكارا بايانات بىرىشكەن ئىدى. خاتالاشمىسام مىسىر شۇنداق دېگەنلەرنىڭ ئارسىدا بار. شۇڭا شى نىڭ ئۆزگەرتىپ ئاڭلىتىشى تىرامپنىڭ بۇ لاگىرنى تەستىقلىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكە يىتەرلىك دەلىل بولالمايدۇ.

3. تىرامىپ ئامېرىكا تارىخدىكى ئەڭ كۆپ تالاش – تارتىش تىمىسى بولغان پىرىزدېنىت. ئونىڭ تىجارەتچى ئارقا كۆرىنىشى، سىياسەتتىكى «چۈشەنگىلى ۋە تەخمىن قىلغىلى» بولماسلىقى ۋە ئۆزگىرشچانلىقى ئونىڭدا پىرىزدىنتلارغا خاس ئالاھىدىلىك ھازىرلىغان ياكى ھازىرلىمغانلىقىغا سۇئال بەلگىسى تاشلاپ تۇرۇقلۇق. ھەممىدىن بەكرەك دىققەت قىلشقا ئەرزىيدىغىنى بۇ يىل سايلام يىلى شۇڭا قارشى تەرەپ بارلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ تىرامپنىڭ ئىتىبارىنى چۈشۈرىدۇ ۋە تىرامپمۇ قارشى تەرەپكە بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىدۇ، The Economist 2020 دە دىيلگىندەك بۇ يىلقى سايلام ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ رەسۋا سايلام بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ نوقتىدىن قارىغاندا يۇقارىقى گەپنى جون بولتون سايلامدا تىرامپنىڭ ئىتىبارىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن دېگەن بولىشى ئەڭ ئىھتىمالغا يېقىن.

بۇ ئۈچ نوقتىدىن چىقىش قىلىپ تەھىلىل قىلساق بولتوننىڭ گىپى چىنلىقتىن بەكرەك سۇيقەستكە يېقىندۇر.

ئىككىنچى مۇھىم مەسىلە دۇنيا سەھنىسىدە دۆلەتلەرنىڭ قارارىنى بەلگىلەيدىغان ئۆلچەم مەسلىسىنى بىلىش. بۇ تامامەن ھىسىيات ۋە ئەخلاق ئۆلچىمىدىن ئايرىم بولغان مىخانىزىمدۇر. خەلقئارا مۇناسىۋەت رىئالىزم نەزەرىيەسىگە ئاساسەن مەلۇم  دۆلەتنىڭ مەلۇم قارارى كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئەخلاق، دىمكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق ئېتىك قىممەت قاراشلاردىن بەكرەك مەنپەت بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. بۇ دۆلەت قانداق دۆلەت بولىشىدىن قەتتىينەزەر بۇ پىرىنسىپ ئۆزگەرمەيدۇ. بۇ 1500 – يىللىرى ماكئاۋىللىدىن باشلاپ 500 يىلنىڭ ياقى سىياسەتچىلەرنىڭ كاللىسىغا ئورناپ كەتكەن مۇرەسسەسىز پىرىنسىپتۇر.

«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لاھىيسى» نىڭ ماقۇللىنشىدا ئەلۋەتتە ماركو روبىئو قاتارلىق شەخسىلەرنىڭ خالىس نىيتىنى چەتكە قېقىشقا بولمايدۇ. لىكىن ئونىڭ بۇ نىيتىنى خىتاي تەھدىدىنى ھەممىدىن بەك كۆرۈپ يىتىشى ۋە ئامېرىكىنىڭ مەنپەتىنى ھەممىدىن موھىم ئورۇنغا قويۇش تۇيغۇسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەھىلىل قىلساق تېخىمۇ توغرا نەتىجىگە ئېرىشىمىز.

ھازىرغىچە رىئالىزىم ئېقىمنىڭ ئەڭ ئىلىمى نەزىرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى دەپ قارالغان يېڭى رىئالىزىمنىڭ (Neo -Realism)  باشلامچىسى ۋولتىز (Kenneth Waltz) «خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نەزەرىيەسى» دېگەن كىتابىدا دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىش ياكى بىر بىرى بىلەن دۈشمەنلىشىش قارارىنى دۆلەت ئەربابلىرى ۋە لىدىرلارنىڭ كىشىلىكى، تۇيغۇسى قاتارلىق  كۆرگىلى ۋە بىلگىلى بولمايدىغان ئېتىك ئۆلچەملەر ئارقلىق ئۆلچىگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ۋولتىزنىڭ پىكىرى بويىچە ئانالىز ئوبىكتى خەلقئارا سىستىما بولىشى كېرەك. ئونىڭ خەلقئارا سستىما نەزەرىيەسىدە دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ كۈچىنىڭ قانچىلىكلىكىگە قاراپ دۇنيا سەھنىسىدە ھەركەت قىلىدۇ ۋە قارار چىقىرىدۇ. (Kenneth Waltz, Theory of International Politics, 1979, p99) بۇنىڭدىن بىلىشىمىز زۆرۈر بولغان مەسىلە مەلۇم دۆلەتنىڭ بىزنىڭ مەسىلىمىزگە بولغان مەيدانىنى شۇ نۆۋەتلىك ھۈكۈمەت ياكى شەخسىنىڭ مەيدانى دەپ قاراشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىدۇر. بۇ خىل قاراشنى ئىلمىي نوقتىدىنمۇ ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئىنساننىڭ مەيدانى يەنى ئىچىنى كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس. ۋولتىز ئېيتقاندەك قارارلار ۋە ھەركەتلەر دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا سىستىمىدىكى تۇتقان ئورنى تەرىپىدىن بەلگلىنىدۇ. ھازىر ئامېرىكىنى خىتايغا قارشى قاتتىق قول سىياسەت قوللىنشقا ئىمكان ياراتقىنى ئونىڭ مەۋجۇت خەلقئارا سىستىمدىكى ئەمەلىي ئورنىدۇر.  ئونىڭچە بولغاندا كۈچلۈك دۆلەت خەلقئارا تەرتىپتە ئۆزىنىڭ ئورنىنى قوغداپ قېلىشنى مەقسەد قىلىدۇ. ھازىر خىتاي مەۋجۇت خەلقئارا سىستىمنى ئۆزگەرتىپ ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرماقچى  بولىۋاتىدۇ ۋە شى جىنپىڭدىن كىيىن بۇنى ئاشكارا بىر شەكىلدە نامايان قىلۋاتىدۇ ۋە بۇ سەۋەبتىن ئىككى دۆلەت ئوتترسىدىكى زىددىيەت كەسكىنلىشىۋاتىدۇ. بولمىسا بىزنىڭ مەسىلىمىز 1949 – يىلىدىن بېرى مەۋجۇت ئىدى، بارىن ئىنقىلابى ۋە غۇلجا قىرغىنچىلىقى بولغاندىمۇ ئامېرىكا بۇلاردىن خەۋەرسىز ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭدىن كىيىن 1989 – يىلى ئوقۇغۇچىلار ھەركىتى بولدى، 2008 – يىلى تىبەتتە قىرغىنچلىق ئېلىپ بېرىلدى، 2009 – يىلى ۋەتەندە ئەڭ زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىق بولدى ۋە موشۇ ۋاقىتتىمۇ ئامېرىكا بار ئىدى.

ئۇنداق بولسا سۇئال، نىمە ئۈچۈن يېقىنقى ئىككى ئۈچ يىلدا بىزنىڭ مەسىلىمىز ئامېرىكىنىڭ موھىم كۈنتەرتىپىگە كىردى؟

بۇنىڭدىن بىرىنى خىتاينىڭ ئىنسان ئاڭلىسىمۇ نەپرىتىنى قوزغايدىغان جازا لاگىرى قۇرغانلىقى دېسەك خاتالاشقان بولمايمىز، بۇ مەسلىنىڭ بىر تەرىپى، چۈنكى لىبىرال قىممەت قارىشىنى دۇنياغا يېيىشنى مەقسەد قىلغان ئامېرىكىدەك بىر دۆلەتنىڭ ئۆزىگە چۈشلۇق «ۋەزىپسى» بولىدۇ. چۈنكى مەسئولىيەتنى قايرىپ قويغاندا لىدىرلىق سالاھىيتىنى يوقىتىدۇ. لىكىن بۇ بىردىنبىر يىتەرلىك سەۋەب ئەمەس.

يەنە بىر ئەڭ موھىم سەۋەب بولسا خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ خەلقئارالىق مەنپەتىگە جەڭ ئىلان قىلىشى، خەلقئارا سىستىمىنى ئۆزگەرتىپ يېڭىچە قىممەت قاراش ۋە سىستىما تىكلىمەكچى بولىشىدۇر. بۇ تىرامىپنىڭ ۋاقىتىدا يۈز بەردى، شۇڭلاشقا تىرامىپ قەھىرىمانغا ئايلاندى. شۇنداق، خاتا ئەمەس، ئو قەھرىمان، چۈنكى قەھرىماننى شارائىت ۋە زامان يارىتىدۇ، بىزمۇ ئۇنى قەھرىمان دەپ قوبۇل قىلىمىز.

خەلقئارا سىستمىدىكى ئۆزگىرىش ئادەتتە توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئۆزگىرشنىڭ  سەۋەبىنى راندال (Randal Schweller)  سىستىمىدا باندىت دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى دەپ ئىزاھلايدۇ. (Şaban Kardeş, Ali Balcı: Uluslararası İlişkilere Giriş, 2017, p137). خىتاي مانا موشۇ  باندىت دۆلەتتۇر. باندىت دۆلەتكە قارىتا قانداق تەدبىر ئېلىندىغانلىقىغا قارىتا جون مىرشايمىر ئەسلىدىكى ھۈكۈمران دۆلەت پۈتۈن كۈچىنى  ئىشقا سېلىپ باندىت دۆلەتنى دۇنياۋى كۈچ ئەمەس، رايۇنلۇق كۈچ بولغىلىمۇ قويماسلىقى كېرەك دەيدۇ. ئو ئۆزىنىڭ بۇ نەزەرىيەسىنى ھوجۇمچى رىئالىزىم (Offensive Realism) دەپ ئاتايدۇ. سىستىمنىڭ قۇرغۇچىسى ياكى ھۈكۈمرانى بولغان دۆلەت باندىت دۆلەتكە قارشى ئۈزلىكسىز ھۇجۇم ئېلىپ بېرىشى كېرەك ۋە شۇنداق قىلغاندىلا ئۆزىنىڭ سىستىمدىكى ھۈكۈمرانلىق ئورنىنى شۇنداقلا مەنپەتىنى ساقلاپ قالالايدۇ. ئامېرىكا ئۆزىنىڭ باندىتلىقىنى ئاشكارلىغان خىتايغا قارشى ھۇجۇم خاراكترىلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرەك. بۇ ھۇجۇم ئىقتسادى ھوجۇم، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، دىمۇكراتىيە ۋە ئىدىئولوگىيە ھوجۇمى ۋە ۋاقتى كەلسە ھەربىي ھوجۇم قاتارلىق ھەرخىل ھوجۇملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىز ئۇيغۇرلارمۇ مانا بۇ ھوجۇملارنىڭ ئىچىدىكى بىر ھوجۇمدۇرمىز. مەسىلىگە قۇرۇق ھىسىيات ۋە مەلۇم لىدىرنىڭ (بۇ مەسىلىدە تىرامپنىڭ) كىشىلىكى نوقتسىدىن ئەمەس، خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە سىياسەتنىڭ ئانالىز ئوبىكتلىرى ۋە پىرىنسىپىلىرى ئاساسىدا ئانالىز قىلساق نۇرغۇن زىھىن ۋە ۋاقىت تىجەپ قالماي توغرا بولغان نەتىجىگە ئىگە بولىمىز.

ئەڭ ئاخىرىدا ئايدىڭلاشتۇرۋېلىشىمىز تولىمۇ موھىم بولغان مەسىلە «مەنپەت» مەسىلىسى. بۇ قېتىم ئامېرىكىنىڭ بىزنى قوللىشى بىزنىڭ مەسىلىمىزنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەتىگە ئۇيغۇن كەلگەنلىكى ئۈچۈندۇر. گەپنى تېخىمۇ ئوچۇق قىلساق ئامېرىكا بەك ئىنسانىي ياكى  كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قوغدىغۇچىسى بولغانلىقى ئۈچۈن بىزگە ياردەم بەرمەيۋاتىدۇ، بەلكى بىزنىڭ بېشىمزغا كەلگەن كۈلپەتلەر ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارشى دۆلەت مەنپەتى ئۈچۈن كىرەكلىك كوزۇرلۇق قىممىتىگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇنداقچە ئېيتقاندا، مەنپەتلىرىمىز بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقى ئۈچۈن بىزگە ئىگە چىقىۋاتىدۇ.

ئۇنداقتا بۇ خىل مەنپەت نوقتىسىدىن ھەركەت قىلىش يامان ئىشمۇ ياكى تەنقىدلىنشكە تىگىشلىك ئىشمۇ؟ ئەلۋەتتە، ياق.

بىزنىڭ كۆپىنچىمىز خىتاينىڭ مائارىپىدا چوڭ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن خىتاي ياسالمىلىقلارنىڭ ھەممىنى ھەقىقەتمىش كەبى بىزنىڭ كاللىمىزغا سىڭدۈرگەن ۋە مەنپەت ۋە شەخسىي مەنپەت قاتارلىق ئۇقۇملارغا سەلبى مەنە يۈكلەپ بىزلەرگە ئوقۇتقان. ئەمەلىيەتتە مەنپەت ۋە شەخسى مەنپەت ئىنساننىڭ تەبىئىيىتىدە بولغان ۋە ھايات قېلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان نەرسىدۇر. بۇنى ئىنكار قىلغانلىق ئىنساننىڭ تەبىئىيىتىنى ئىنكار قىلغانلىقتۇر.

«مەنپەت» ئۇقۇمى بىر ئاڭلاشقا بىر تەرەپ ئۈچۈنلا پايدىلقتەك كۆرۈنگىنى بىلەن، ئەملىيەتتە ئۇ قوش تەرەپلىك پايدا بىرىش خۇسۇسىيتىگە ئىگە، بولۇپمۇ خەلقئارالىق ھەمكارلىقتا تېخىمۇ شۇنداق.

شۇڭا بىزنىڭ مەسىلىمىزنىڭ ئامېرىكا مەنپەتىگە ئۇيغۇن كەلگىنى خۇشاللىنارلىق ئىشتۇر. 1 – دۇنيا ئۇرۇشىدا ئەرەبلەرنىڭ مەنپەتى ئىنگلىزلارنىڭ مەنپەتىگە ئۇيغۇن كەلگەچكە مۇستەققىل بولالىدى، مۇڭغۇلىيەنىڭ مەنپەتى سوۋىتنىڭ مەنپەتىگە ئۇيغۇن كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئولارمۇ مۇستەققىل بولدى، بىز بولساق رۇسلارنىڭ مەنپەتىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكىمز ئۈچۈن دۆلىتىمىزنى خىتايغا تارتقۇزۇپ قويدۇق.

بۇ قېتىم ئەمدى بىزنىڭ مەنپەتىمىز چوڭ دۆلەت ئامېرىكىنىڭ مەنپەتىگە ئۇيغۇن كىلشكە باشلىدى ۋە تىرامىپ ئىمزا ئېتىپ بىرىنچى قەدەمنى باستى. ئىنشائاللاھ داۋمى كىلىدۇ. شۇڭا بۇ يەردە تىرامىپ شى غا شۇنى دېگەن ئىكەن، بولتون مۇنداق دەپتۇ دەپ تالاش تارتىش قىلشنىڭ ئەھمىيىتى يوق. تىرامپنىڭ نىمە دېگىنى ئۇنچە مۇھىم ئەمەس، مۇھىم بولغىنى ئامېرىكىنىڭ خىتاي تەھدىدىنى تولۇق تونۇپ يەتكىنى ۋە خىتايغا قارشى دادىل قەدەم ئالغىنىدۇر. ئالاھىدە ئەھۋالدا يەنى ھازىرقى ئامېرىكنىڭكىدەك ئەھۋالدا دۆلەت رەھبىرى ئىچىكىي سىياسەت، خەلقئارا مەنپەت، رەقىبى بىلەن بولغان رىقابەتنىڭ ئاتموسفىراسى قاتارلىق ئۇنۋىرسال ئامىللارغا قاراپ ھەرىكەت قىلىدۇ. ئامېرىكا بىلەن بولغان مەنپەتداشلىقىمىز داۋاملاشقۇسى!

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top