• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » سەرەڭگە ساتقۇچى قىزچاق

سەرەڭگە ساتقۇچى قىزچاق

ئاپتۇرى: ئاندېرىسون

بۈگۈن يېڭى يىل ھارپىسى، يىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى. كىشىلەر يېڭى يىل تەييارلىقى بىلەن ئالدىراش ئىدى.

– سەرەڭگە ئالامسىز؟
– سەرەڭگە لازىممۇ؟
قىزچاق ئالدىراش ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەرنى سەرەڭگە سېتىۋىلىشقا چاقىراتتى. قار يېغىۋاتقان مانا مۇشۇنداق شىۋىرغانلىق كۈندە پۇتلىرى يالاڭئاياق قىزچاقنىڭ پۇت – قوللىرى سوغۇقتىن قىزىرىپ كەتكەنىدى.
– سەرەڭگە ئالامسىز؟
– سەرەڭگە لازىممۇ؟
قىزچاق بۇ ئالدىراش ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەرنى توختىماي چاقىراتتى، ئەمما، ھىچكىممۇ پەرۋا قىلمايتتى.

ئۆي – ئۆيلەرنىڭ چىراقلىرى يېنىشقا باشلىدى، دەرىزىلەردىن كىملەرنىڭ خۇشال كۈلكە ئاۋازلىرى، ئوخشىغان تاماقلارنىڭ مەززىلىك ھىدلىرى كېلەتتى.
”قورسىقىم ئاچتى…!“ قىزچاق ئەتىگەندىن بېرى ئاغزىغا گىياھمۇ سالمىغانىدى. كۈن ئولتۇرۇپ كوچىدىكى كىشىلەرنىڭ ئايىغى شالاڭلىشىشقا باشلىدى. خېلىلا قاراڭغۇ چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ قىزچاق يەنىلا كوچىلاردا يۈرەتتى. چۈنكى، سەرەڭگىدىن بىرنىمۇ ساتالمىغانىدى. بۇ ھالەتتە ئۆيگە قايتسا، چوقۇم دادىسىدىن تاياق يەيتتى. شۇڭا، ئۇ ھارغىن پۇتلىرىنى سۆرەپ يەنە يول يۈرۈشكە مەجبۇر ئىدى.

ئەمدى ماڭالمايمەن…ماڭغۇچىلىكىم قالمىدى…
قىزچاق يول بويىدىكى لەمپىنىڭ ئاستىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ قالدى، ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى مۇزلاپ كەتكەنىدى.

ھە – راست! سەرەڭگىگە ئوت ياقسام چوقۇم ئىسسىيمەن!
ساتىدىغان سەرەڭگىنى ئىشلىتىۋالسا، دادىسىدىن چوقۇم دەشنام ئاڭلايدىغانلىقىنى بىلەتتى. بىراق، قىزچاق شۇنچىلىك توڭلاپ كەتكەنكى ئەمدى بەرداشلىق بېرەلمەي قېلىۋاتاتتى.
”پەقەت بىر تاللا …“
دەپ ئۆز – ئۆزىگە سۆزلىگىنىچە سەرەڭگىگە ئوت تۇتاشتۇردى قىزچاق.
” ۋاششىدە“ قىلغان ئاۋاز بىلەن سەرەڭگە تىزلا ئوت ئالدى. ” ئاھ ! نېمىدىگەن ئىسسىق، نېمىدىگەن ئىسسىق! “

ئوت تېخىمۇ يالقۇنجاپ ئىچىدە مەش پەيدا بولدى. مەش قىپقىزىل يېنىۋاتاتتى. ”ۋاھ! ھەجەپ خۇش بولدۇم!“
قىزچاق ئەمدى قولىنى سوزۇپ ئىسسسىنىشقا تەمشەلدى.

دەل شۇ پەيتتە ئوت ئۆچۈپ، مەشمۇ غايىپ بولدى. ئەتراپ يەنىلا قار يېغىۋاتقان مۇزدەك ھالىتىگە قايتتى.
”يەنە ئازراقلا يانغان بولسا، پۇت – قوللىرىممۇ ئىسسىپ قالاتتى…“
قىزچاقنىڭ يەنە بىر قېتىم مەشنى كۆرگۈسى بار ئىدى …”پەقەت بىر تاللا…“ قىزچاق سەرەڭگىگە ئوت ياقتى.

بۇ قېتىم يالقۇن ئىچىدىن ئۈستەل كۆرۈنۈشكە باشلىدى، ئۈستىدە ئۈزۈم شەربىتى، قىزىرىپ پىشۇرۇلغان توخو گۆشىمۇ بار ئىدى.
”ۋاھ ! نېمىدىگەن ئوخشىغان ! “
توخو ئارا – ۋىلكىلار سانجىلغان ھالدا قىزچاقنىڭ ئالدىغا كىلىشكە باشلىدى.
قورساقلىرى ئېچىپ تارتىشىپ كەتكەن قىزچاقنىڭ شادلىقى ئىچىگە پاتمايتتى، ئۇ خوشلىقىدا توخو گۆشىگە قولىنى ئۇزارتتى.

دەل شۇ پەيتتە ئوت ئۆچۈپ مەززىلىك توخو گۆشىمۇ، ئۈزۈم شەربىتىمۇ غايىپ بولدى. قىزچاق، يەنە سەرەڭگە ياقتى. بۇ قېتىم پەيدا بولغىنى شۇنچىلىك، شۇنچىلىك يوغان مىلاد دەرىخى بولدى.
شاخلىرىغا نۇرغۇنلىغان شام قويۇلغان بولۇپ، نۇرلار چاقناپ تۇراتتى.
”پاھ، نېمىدىگەن گۈزەل! “
قىزچاق بۇ مەنزىرىگە مەپتۇن بولغانىدى.
بىردىنلا، شام ئاسماننىڭ كۆكىگە تىزىلىپ كىچىك يۇلتۇزلارغا ئايلاندى.
ئاسماندا سانسىزلىغان يۇلتۇزلار چاقناپ تۇراتتى، ئىچىدىن بىرى ئۇزۇن نۇر سزغىنىچە ئېقىپ چۈشتى.
”ئاقما يۇلتۇز!… بىرەرسى ئۆلۈپ كېتىپتۇ-دە…“
قىزچاق ئۆز – ئۆزىگە پىچىرلىدى.

خېلى بۇرۇنلا تۈگەپ كەتكەن مومىسىنىڭ ئېيتىشىچە، يۇلتۇزدىن بىرى ئېقىپ چۈشسە، بىر روھ تەڭرىنىڭ دەرگاھىغا قايتارمىشكەنتۇق….
مىھرىبان مومىسى قىزچاقنى تولىمۇ ئەتىۋارلايتتى.
”مومامنى سېغىندىم… شۇنچىلىك سېغىندىم …“
قىزچاق يەنە سەرەڭگىنى ياقتى. پەيدا بولغىنى ئۇزۇن يىللاردىن بىرى سېغنىغان مومىسى ئىدى. ”موما، ئۆتۈنۈپ قالاي! مېنىمۇ ئالغاچ كەتكىن… بىلىمەن، ئوت ئۆچۈپ قالسا سەنمۇ غايىپ بولىسەن… موما، يوقاپ كەتمىگىن… يوقاپ كەتمىگىن…“ . قىزچاق ئالدىراپ يەنە بىر سەرەڭگىنى تۇتاشتۇردى، ئەتراپ كۈندۈزدەك يورۇپ كەتتى.

مومىسى ”كېلە بالام!“ دىگىنىچە قىزچاقنى ئىللىق باغرىغا باسقىنىچە ئاستا – ئاستا كۆككە كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى.
”موما، ئەمدى مېنى تاشلاپ كەتمىگىن، بولامدۇ؟“
”ئەنسىرىمە قوزام، بۇنىڭدىن كېيىن مەڭگۈ – مەڭگۈ بىللە بولىمىز جىنىم بالام! “. ئەمدى بۇ كىچىككىنە قىزچاق شىۋىرغان سوغۇقلاردىمۇ مۇزلىمايدۇ، قورسىقى ئاچمۇ قالمايدۇ، ھاياتنىڭ ئاچچىقلىرى، رەھمسىزلىكلىرى كىچىككىنە يۈرىكىنىمۇ پۇچىلىيالمايدۇ…

ئەتىسى يېڭى يىل تاڭلىرى ئەتراپنى يورۇتۇشقا باشلىغىنىدا، قىزچاق ئاللىبۇرۇن كىچىكككىنە قوللىرىدا سەرەڭگە تېلىنى تۇتقىنىچە مۇزلاپ بولغانىدى…
-تۈنۈگۈن سەرەڭگە ساتقان قىزچاققۇ بۇ!
-سەرەڭگە يېقىپ ئىسسىناي دەپتىكەندە!
-ئاھ، بىچارە!

قىزچاقنىڭ ئەتراپىغا يىغىلغان كىشىلەر توپى نېمىلەرنىدۇر دىيشەتتى. بىراق، ھىچكىممۇ قىزچاقنىڭ قانچىلىك گۈزەل نەرسىلەرنى كۆرگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتى.

مەنبە : ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top