• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ئىلىم، ئۇستاز ۋە شاگىرت

ئىلىم، ئۇستاز ۋە شاگىرت

(چاتما نەسىر)

پىروفېسسور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

1. ئىلىم

ئىلىم – بۇ ئالەمدىكى بىرىنچى قۇۋۋەت مەنبەسى. ئىنسانلارنىڭ ئەقلى مۇشۇ قۇۋۋەت مەنبەسىگە ئۇلانغاندىن كەيىنلا، ئاندىن ئۇلارنىڭ دىل چىراغى يورۇغان. شۇندىن كەيىن، ئۇلار مەخلۇقاتلار سەپىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، ئۆزلەرىنى ئۆزلەرى تونۇشقا، ئۆزلەرى ياشاۋاتقان بۇ ئالەمنى بىلىشكە باشلاغان.

ھازىر ئىلىم ئىنسانلارنى مۇندىن مىليارت يىللار بۇرۇنقى دۇنيا ئۈستىدە تەسەۋۋۇر يۈرگۈزەلەيدىغان، شۇنداقلا، مۇندىن مىليون يىللار كەيىنكى ئالەم ھەققىدە ئۆز پىكىرىنى ئۆتكۈزەلەيدىغان قىلدى. ئىلىمنىڭ قۇدرەتى ئاشۇنداق چەكسىز، ئۇنىڭ ئەھمىيەتى ۋە رولى ھەقىقەتەنمۇ مىسلىسىز بولغاچ، «ئىلىم ئۆگرەنىڭلار» دەگەن بۇ سۆز ئەزەلدىن تارتىپ، جاھان مۇتەپەككۇرلەرىنىڭ خەلققە نىدا قىلىدىغان ئەڭ ياڭراق شوئارى بولۇپ كەلمەكتە. شۇڭا، مۇھەممەد پەيغەمبەرمۇ «ئۇتلۇبۇل ئىلم ۋەلەۋ بىس سىين (ئىلىم ئۆگرەنىڭلار، ئۇ ھەرقانچە يىراق چىندا بولسامۇ)» دەپ خىتاب قىلغان ئىكەن.

ئاللىقاچان مەخلۇقاتلار سەپىدىن ئايرىلىپ چىققان ئىنسان ئادەتتە، «ئاقىل» دەپ ئاتالىدۇ. «ئاقىل» دەمەك «ئەقىل ئىگەسى» دەمەكتۇر. ھالبۇكى، ئىنساننى ئەقىل ئىگەسى قىلغان نەرسە ئىلىمدۇر. مۇشۇ مەئنەدىن ئالىپ ئەيتقاندا، ئىلىم ئۆگرەنىش ئىنسان ئۈچۈن پەرز، بىلىم ئالىش ھەرقانداق بىر ئادەم ئۈچۈن، باش تارتىپ بولمايدىغان قەرزدۇر.

بۈيۈك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرى ئەلىشىر نەۋائىى ئىلىم ھەققىدە توختالغانىدا: «ئىلىم قانداقتۇر بىر يەرگە كۆمۈپ قويۇلغان خەزىنە ئەرمەس، بەلكى ئۇ كۆكلەپ تۇرىدىغان دەرەختۇر» دەگەن. مانا بۇنى ئىلىمنىڭ نەمەلىكى ھەققىدىكى ئەڭ لىللاھ تەئبىر، ئۇنىڭ ھەقىقىي مەنسۇبىيەتى توغراسىدىكى ئەڭ ماغىزلىق شەرھ دەيىش مومكىن.

دەمەك، بىرىنجىدىن، «ئىلىم» دەگەن تەلەيلىك كىشىلەرگە ئالىمادىس ھالدا ئۇچراپ قالىدىغان خەزىنە-دەپىنە، خۇپىيانە نەرسە ئەرمەس، بەلكى ئۇ دەرەخكە ئوخشاش قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان، ھالال مىھنەت، ئەجىر ئىگەسى بولغۇچى ھەرقانداق ئادەم ئەرىشەلەيدىغان نەرسە؛ ئىككىنجىدىن، «ئىلىم» دەگەن قاتىپ قالغان، ئۆزگەرمەيدىغان ئۆلۈك نەرسە ئەرمەس، بەلكى ئۇ كۆكلەپ تۇرىدىغان دەرەخكە ئوخشاش چارتاقلاپ، شاخلاپ، تەرەققىي قىلىپ تۇرىدىغان جانلىق نەرسەدۇر.

ئىلىم ئادەتتە، ئىلىم ئىگەسى بولغان ئالىم-ئۇستازلار بىلەن ئىلىم ئاشىنالارى بولغان شاگىرتلارنىڭ ئوتتۇراسىدا خىرامان يۈرىدىغان مەھبۇب پائالىيەت بولۇپ، ئۇ تەتقىق قىلىش ۋە ئۆگرەنىش-ئۆگرەتىش ئارقالىق، ئۆزىنىڭ ئەبەدىي خوراماس ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ.

ئۇستاز ئالىم، ئىلىم ئىگەسى، ئىلىم ئىشلەرىنىڭ ۋارىسى ھەم تارقاتقۇچىسى، بىراق ئۇ  ئىلىمنىڭ مىراسخورى، پەننىڭ ئىختىيار تىزگىنىنى تەنھا تۇتقان خوجايىنى ئەرمەس. ئۇستاز شاگىرتقا بىلىم بەرىدۇ. بىراق، ئۇ بەرگەن بىلىم ئۇنىڭ خۇسۇسىي چۆنتەكىدىن بەرىدىغان سەدىقە ئەرمەس، بەلكى تەمەنناسىز ھالدا بەرىشكە تەگىشلىك ۋە ئىنسانىيەتكە تەئەللۇق بولغان ئورتاق بايلىقتۇر!

2. ئۇستاز

مەدەنىيەتلىك بىر جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان ھەرقانداق بىر ئادەم ئۈچۈن ئالىپ ئەيتقاندا، ئۇستاز ئاتا بىلەن ئانادىن كەيىنلا تۇرىدىغان مۇقەددەس ئىنسان سانالىدۇ. چۇنكى، ئاتا بىلەن ئانا ئادەمنى تۇغۇپ ئۇنىڭغا ۋۇجۇد بەرگۈچى بولسا، ئۇستاز ئۇنىڭ دىل چىراغىنى ياقىپ، ئەقىل كۆزىنى ئاچقۇچى بولۇپ ھىسابلانىدۇ؛ ئانانىڭ ئاق سۈتى، ئاتانىڭ ساق نانى پەرزەنتنىڭ تەنىگە ئەت، ۋۇجۇدىغا قۇدرەت قاتار قىلسا، ئۇستازنىڭ تەئلىمى، ئۆگرەتكۈچىنىڭ ئىلمى بالانىڭ زىھنىگە ئۆسۈش، ئەقلىگە بۆسۈش ئاتا قىلىدۇ. شۇڭا، ئۇستاز بۇ دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل سۆز بىلەن مەدھىيەلەنىشكە لايىق، بۇ ئالەمدىكى ئەڭ يارقىن ناخشا بىلەن كۈيلەنىشكە مۇتلەق مۇناسىپتۇر.

ئۇستاز ئۇلۇغ. چۈنكى، ئۇ ئىنسانىيەت ئەقلىنىڭ جەۋھەرى بولغان ئىلىمنىڭ ۋارىسى ۋە تارقاتقۇچىسى. ئادەمىزات ئەقىل بوستانلىقىنىڭ ماھارەتلىك باغۋەنى، ئاقىللار ئىدراكزارلىقىنىڭ خاس ئىنجەنىرى. ئۇ بولماسا، مەئرىپەت دەڭىزى قۇرۇپ، ئۇنى نادامەت قۇملارى باسىپ كەتىدۇ؛ ئۇ بولماسا، ئىرپان دەرەخلەرىنى جاھالەت قۇرۇتلارى غاجاپ-يەپ، قۇتادغۇ بىلىك (بەخت كەلتۈرگۈچى بىلىم) باغلارىنى تىكەنلىك قاپلاپ كەتىدۇ.

ئۇستاز ئۇلۇغ، چۈنكى ئۇ ئۆز ئىلىمى ئارقالىق جەمئىيەتكە ئەھتىياجلىق، خەلققە لازىملىق قىممەت ياراتىدۇكى، ئۇ ياراتقان قىممەتنى ھىسابلاشقا، پەقەت يۈرەكنى جىڭ تاشى، ۋىجداننى چوكا، مىڭە-كاللانى پەللە قىلغان پەۋقۇلئاددە تارازالا قادىر. ئەلەكتىرونلۇق ھىسابچى دەگەنلەر بولسا، ئۇنىڭ ھىسابى ئالدىدا بىچارە، ناچارە ۋە ئاجىزدۇر.

ئۇستاز ئۇلۇغ. چۈنكى ئۇنىڭ ئىلىم شىرنەلەرى يىغىشتىكى ئىشچانلىقى ئەمەلىيەتتە، شىرىن ھەسەل چىقىرىش يولىدا خاس گۈل ئىزدەپ نە- نەلەرگە بارىشتىنمۇ ئەرىنمەيدىغان ھەسەل ھەرەسىنى سۇندۇرىدۇ؛ ئۇنىڭ بىلىم دۇردانەلەرى تارقاتىشتىكى ئەستايىدىللىقى بولسا، ئۆز بوۋاقىغا قايماق-بۇلماق يەگۈزىۋاتقان مىھرىبان ئانانىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ.

ھەقىقىي ئۇستاز بەجايىكى ئىلىمنىڭ سىماسىدۇركى، ئۇنىڭ كۆزىدىن ئىلىم نۇرى بالقىپ تۇرىدۇ؛ ئۇنىڭ ھەر بىر سۆزىدىن ئىلىمنىڭ بىر تۈر ھۈجەيرەلەرى سارقىپ تۇرىدۇ؛ ئۇنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى بىلىم مۆئجىزەسىدىن ئىشارەت، مۇلايىم ئەمما سۇباتلىق سالاپەتى بولسا، ئىلىمنىڭ قۇدرەتىدىن بەشارەت بەرىپ تۇرىدۇ.

ئۇستاز ئۇلۇغ. چۈنكى ئۇ ئىنسانىيەت ئەقىل جەۋھەرلەرى بولغان ئىلىمنى خەلققە، ئەۋلادلارغا ھىچ تەمەنناسىز تارقاتىش بىلەن شادلانىدۇ ۋە ئۇنى ئۆز ھاياتىنىڭ تۈپ مەئنەسى بىلىدۇ. شاگىرت ئالىپ، ئىلىم ئۆگرەتىشنى بولسا، ئۆز تۇرمۇشىنىڭ كونكرىت مەزمۇنى ۋە ئۆمۈر ھوسۇلى قىلىدۇ!

3. شاگىرت

شاگىرت سۆيۈملۈك. چۈنكى ئۇ ئىلىم سۆيەر ئۆگرەنگۈچى، ئۆگرەنىش ئارقالىق شاراپەت تاپقۇچى، ھالال، ئىلمىي ئىزدەنىش ئارقالىق، ئۆزىگە سائادەت يولىنى ئاچقۇچىدۇر.

شاگىرت قەدىرلىك-كۆيۈملۈك. چۈنكى ئۇ ئىلىمغا كۆيىدۇ، ئۇستازغا كۆيىدۇ. ئۇ ئۇستاز قولىدىكى ئىلىم مەشئەلىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى ئۆز نەۋقىران ۋۇجۇدى بىلەن تەخىمۇ يالقۇنجاتىدۇ، تەخىمۇ پارلاتىدۇ. ئەگەر ئۇستاز ئىلىم قوشۇنىنىڭ گەنىرالى بولسا، شاگىرت مەزكۇر قوشۇننىڭ پىداكار جەڭچىسىدۇر. ھەر قانداق كۈرەش-جەڭ گەنىرال قوماندانلىقى بىلەن جەڭچى پىداكارلىقىنىڭ ئاڭلىق مۇجەسسەم گەۋدەسى ئارقالىقلا، ئاندىن زەپەر دۇمباقىنى ياڭراق چالالايدۇ. ئوخشاشلا، ھەرقانداق ئىلىم دەرەخىمۇ ئۇستازنىڭ پاراسەت ۋە تەجرىبە غولىدا، شاگىرتنىڭ ياش ئەقىل نوتاسىنىڭ بىخ ئۇرۇپ كۆكلەشى ئارقالىق، ئاندىن ياڭىدىن ياڭى توزاماس چەچەكلەرنى ئاچالايدۇ ۋە ئالىي سورتلۇق مىۋەلەرنى بەرەلەيدۇ!

شاگىرت قىممەتلىك. چۈنكى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا جۇش ئۇرۇپ تۇرىدىغىنى قىزىقىش، ئىنتىلىش ۋە ئىستەك؛ ئىلىم ئىزلەش، بىلىم ئىگىلەش كويىدا، ئالەمنىڭ ئۇ چەتىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن قوغۇنلۇقنىڭ يولىدەك. بىلىمىزكى، ئىلىمنىڭ ئۆمۈرى ئۇزاق، ئىلىم قەرىمايدۇ. ھالبۇكى، شاگىرت بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ئۇستازمۇ ئۆز ھاياتىنىڭ چەكلىكلىكىدىن، ئۆز ئۆمۈرىنىڭ قىسقالىقىدىن غەم يەمەيدۇ. مۇندىن چىقتىكى، شاگىرت ئۇستاز ئۆمۈرىنىڭ داۋامى، ئۇ ھەرقانداق ئىلىمنىڭ ئاداققىي خوجايىنى ۋە ۋارىس ئىگەسىدۇر.

شاگىرت ئۇلۇغ. چۈنكى، ئۇستاز دەگەن ئۆز شاگىرتى بىلەن ئۈمىدلەنىدۇ؛ ئىلىم بولسا، شاگىرت ئارقالىق ئۈزلۈكسىز گۈللەنىدۇ. شاگىرت بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ئۇستاز «ئۇستاز» بولغان؛ شاگىرت بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ئىلىم دەرەخى مەڭگۈ باراخسان. شۇڭا، ئىلىم باغىغا، ئىرپان گۈلزارلىقىغا خالىس نىيەت بىلەن قەدەم قويغان شاگىرتنىڭ ئاياغىغا ئۇستاز ئۆز قولى بىلەن پايانداز سالسا ئەرزىيدۇ؛ ئىلىم يولىدا ئىجتىھاد قىلغان، تۆھپە ياراتقان شاگىرتنى ئۇستاز ئۆز باشىغا ئالسا ئەرزىيدۇ!

شاگىرت بولۇش شەرەپلىك. ئى، تۆرت كوچانىڭ پىلوس نۇقتاسىدا تاڭىرقاپ تۇرغان ئوغلۇم (قىزىم) كەل! سەنمۇ بىرەر ئىلىم-ھۆنەر ئىگەسىگە شاگىرت بول؛ بىلگىنكى، ئىلىم ئۈچۈن شاگىرت بولۇش ئىنسان بەختىيارلىقى ئۈچۈن داغدام يول. شاگىرت بولساڭ، كاللاڭدىكى تاڭىرقاش تۈگۈنلەرى يەشىلىپ، كۆز ئالدىڭدا غايە، ئىقبال كەڭلىكى يۈز ئاچىدۇ؛ كۆڭلۈڭدىكى مەئنەسىزلىك تۇمانلارى تارقاپ، قەلب ئاسمانىڭدا قىزىقىش، ئىنتىلىش ۋە ئىجاد قىلىش قۇياشى نۇر چاچىدۇ. شاگىرت بولساڭ، روھىيەتىڭدىكى چۈشكۈنلۈك مىكروبى ئۆلىدۇ، ھورۇنلۇق ئىللەتى گۆرىگە كۆمۈلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئورنىغا روھلۇق، جۇشقۇنلۇق ۋە جاسارەت ھۆجەيرەلەرى تۆرەلىدۇ، ئۇنىڭ كارامەتى ئەمەلىيەتتە مۇنداق كۆرۈلىدۇ: ۋۇجۇدۇڭدىن ئىدراك، تەدبىر، پاراسەت ۋە پەم چاقنايدۇ، تۇرمۇشۇڭنى ئەھمىيەتلىك سەرگۈزەشتە، قىزىق مەئنە ۋە لەززەتلىك تەم قاپلايدۇ.

چۈنكى، ئىلىمدا كارامەت ۋە قۇدرەت؛ ئۇستازدا پاراسەت ۋە پەزىلەت؛ شاگىرتتا بولسا، شىجائەت ۋە جاسارەت ئۆز قىممەتىنى ئەڭ ئىسپاتلايدۇ!

4. ئىلىم ئالدىدىكى ئۇستاز ۋە شاگىرت

ئىلىم ئالدىدىكى ئۇستاز بىلەن شاگىرت باراۋەرلىكتە، ئاللاھ ئالدىدىكى پادىشاھ بىلەن گادايغا، قانۇن ئالدىدىكى ئەمەلدار بىلەن پۇقراغا ئوخشايدۇ.

ئۇستاز ئۇلۇغ، شاگىرتنىڭمۇ ئۇلۇغلۇقتا ئۇستازدىن قالغۇچىلىكى يوق. ئىلىم ئۇلۇغ، ئىلىم مۇقەددەس. ئىلىمنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن بىرەر نەرسىگە بەدەل قىلماق تەرس.

ئۇستاز ئالىم، ئىلىم ئىگەسى. بىراق ئۇ ئىلىمنىڭ ئەبەدىيەتلىك مىراسخورى، ئۇنىڭ تىزگىنى مەڭگۈ يالغۇز ئۇنىڭ ئۆزىدىلا بولىدىغان خوجايىنى ئەرمەس. ئۇستازنىڭ ئىلىمغا بولغان ھاجەتىنى «شاگىرتتىن تۆۋەن تۇرىدۇ» دەسە، ھەرگىز توغرا كەلمەس.

ئۇستاز شاگىرتقا بىلىم بەرىدۇ، بۇنىسى راست. بىراق ئۇ بەرگەن بىلىم ئۇنىڭ خۇسۇسىي چۆنتەكىدىن ئالىپ بەرىدىغان بەخشىش ئەرمەس، بەلكى ھىچ تەمەنناسىز ھالدا بەرىشكە تەگىشلىك ۋە  پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە تەئەللۇق بولغان بايلىقتۇر تۈگەمەس.

شاگىرت ئۇستازدىن بىلىم ئالغۇچى. بىراق، ئۇ ئۇستاز ئالدىغا تىلەپ كەلگەن سائىل ئەرمەس. بۇ نۇقتانى ئاڭقارالماغان شاگىرت ئاقىۋەتتە، ئۇستازنىڭ بىلىمىغا ئاداققىي نائىل ئەرمەس.

ئۇستازغا ھۆرمەت قىلىش شاگىرتنىڭ زاكا بۇرچى، ئىلىمغا ھۆرمەت قىلىش بولسا، ئۇستازغا ھۆرمەت قىلىشنىڭ باش مەنبەسى ۋە ئەڭ ئۇچى. ئاڭلاڭ: «مەن ئۇستازىمنى سۆيىمەن، مەن ھەقىقەتنى تەخىمۇ سۆيىمەن». مانا بۇ – نەبى ئۇستاز ئاتالغان ئارستوتىلنىڭ يۈرەك سۆزى!

1994-يىل 21-مارت، سان ساكو.

2020-يىل، 20-ئىيۇن، سان ديەگو.

ئىزاھات: بۇ چاتما نەسىر «شىنجياڭ گەزىتى» 1994-يىل 5-ئاينىڭ 14-كۈنى، «گۈلىستان» بەتىدە ئەلان قىلىنغان.


ئىلاۋە: بۇ ئەسەر پىروفېسسور دوكتور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى (لايىھە)» بويىچە يېزىلغان بولۇپ، ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئاكادېمىيە تور بېتىدە ئەينەن ئىلان قىلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top