• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » مېدىيانىڭ تاشقىي سىياسەتتىكى رولى

مېدىيانىڭ تاشقىي سىياسەتتىكى رولى

دوكتور ئۆزلەم ئىپەك [1]

قىسقىچە مەزمۇنى

مېدىيا ئىجتىمائىي كۈچلەرنى تەسىرى ئاستىغا ئېلىش ئارقىلىق ھۆكۈمەتلەرنىڭ قارار چىقىرىش جەريانىغا سەل قاراشقا بولمايدىغان دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتمەكتە. خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇقىملىق تالاش-تارتىشلىرىنىڭ مەركىزى بولغان تاشقىي سىياسەت قارارلىرى مېدىيا زومىگەرلىكىدە قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈردى. خەلقئارا سىياسەتتىكى قارار چىقارغۇچىلار دۇنيا سىستېمىسىدىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ تەسىرى بىلەن مېدىيانىڭ ئىدىيىۋى نۇتۇقلىرى، قۇتۇپلاشتۇرىشى ۋە ھەرىكەت خاراكتېرلىك بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە. مېدىيا جامائەت پىكرىنى قانۇنىيلاشتۇرۇش ئۈچۈن، تاشقىي سىياسەت قارارلىرىدا كۆزلىگەن جامائەت پىكرىگە ماس  قارار چىقىرىشتا بەلگىلىگۈچى ئامىل بولالايدۇ. مېدىيا ئامىللىرىنى خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنتىزامى جەھەتتىن باھالىغاندا ئاممىغا تەسىر كۆرسىتىش، جامائەت پىكىرى شەكىللەندۈرۈش، قارار چىقارغۇچىلارغا تەسىر كۆرسىتىش قاتارلىق كۈچ پارامېتىرلىرى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: تۈركىيەنىڭ تاشقىي سىياسىتى، مېدىيا، قارار چىقارغۇچىلار، مېدىيا ۋە تاشقىي سىياسەت

1-كىرىش

مېدىيا خەلقئارا سىياسەتتە ئاكتىيۇرلۇق ۋەزىپىسى بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تاشقىي سىياسەتتىكى قارار چىقىرىش جەريانىدا ئۈنۈملۈك بولغان ئاممىۋى ئاخبارات قورالى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. جامائەت پىكىرىنى شەكىللەندۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينايدىغان مېدىيا ھۆكۈمەتلەرنىڭ تاشقىي سىياسەت ئىستراتېگىيەسىنى يېتەكلەشتە ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ. تاشقى سىياسەتنىڭ يەرشارىۋىي ئورتاقلىقى بولغان تەدبىر بەلگىلەش ئۇسۇلى ۋە تەدبىر بەلگىلەش جەريانىدا ئاكتىپ رول ئوينايدىغان جامائەت پىكرى مېدىيانىڭ تاشقىي سىياسەتكە بولغان ئاكتىپ كۈچى ۋە بۇ كۈچنىڭ بەلگىلەش ئالاھىدىلىكىنى تەشكىل قىلىدۇ. دىپلوماتىيە مۇساپىسى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتتىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكەتلەرنىڭ ئەۋزەل كۈچى بولغان قارار چىقارغۇچىلار ئاخبارات مەنبەلىرى ئارقىلىق پەيدا بولغان ئاممىۋى كۈچنىڭ تەسرىنى ئىتىراپ قىلىدۇ. مېدىيانىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەردە قارار چىقىرىش جەريانىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ۋە تاشقىي سىياسەتتىكى تەدبىر بەلگىلەش ئۇسۇلىنى ئۇقۇم خاراكتېرلىك چۈشەندۈرۈش بۇ تەتقىقاتتا ئەكس ئەتتۈرىلىدۇ. تاشقىي سىياسەتنىڭ ئۇقۇم ۋە نەزەرىيەۋى چۈشەندۈرۈشى تەتقىقاتقا كىرگۈزۈلۈپ، ئۇنىڭ مېدىيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى چۈشەندۈرۈلىدۇ.

2. تاشقىي سىياسەتنىڭ دىنامىكلىرى

تاشقى سىياسەت خەلقئارالىق تۈزۈمنىڭ قۇرغۇچى ئېلمېنېتى بولغان ئۇسۇللارنىڭ ۋە دۆلەتلەرنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ئاساسى ئامىللىرىنىڭ بىرى ھېساپلىنىدىغان سىستېمىنىڭ بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇقۇم جەھەتتىن سۇبيېكتلار ئوتتۇرىسىدا ئېنىقلىمىسى تېپىلمىغان تاشقى سىياسەتكە نىسبەتەن ماتېرىياللاردا ئوخشىمىغان چۈشەندۈرۈشلەر بار. ئەڭ مۇۋاپىق تەبىر بىلەن ئېيتقاندا، «تاشقى سىياسەت خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە مۇستەقىل ئاكتىلاريۇر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان رەسمىي سۈپەتلىك تاشقى مۇناسىۋەتنىڭ ئېنىقلىمىسى» (خىلل، 2003: 3) ۋە «ھۆكۈمەتلەرنىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى ھەرىكىتىنى يېتەكلەش ئۈچۈن قوللانغان ئىستراتېگىيەسى»نى كۆرسىتىدۇ (گولدستېن & پېۋېخوس, 2015: 206).

تاشقىي سىياسەت ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ باشقا سىستېمىلار ياكى خەلقئارا سىستېمىدىكى خەلقئارالىق ئاكتىيورلارغا تۇتقان ئۇسۇللىرى، پىلانلىغان ھەرىكەت ئەندىزىسى ۋە نىشانغا يېتىش تىرىشچانلىقىدۇر (گۆزەن، 2001: 3).

دۆلەتلەرنىڭ  خەلقئارا سىستېمىدا باشقا دۆلەتلەرگە قاراتقان ھەرىكەتلىرىنى تەشكىل قىلىدىغان تاشقىي سىياسەت ئىنتىزاملار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت شەكلىنى كۆرسىتىدۇ. «تاشقىي سىياسەت بەلگىلەشنىڭ ئۇلىدا ئىككى خىل مېتۇد بار: بىرىنچىسى، مەنپەئەتنى ئاساس قىلىدىغان تاشقى سىياسەتنى يولغا قويۇش؛ ئىككىنچىسى، قىممەت قارىشىغا ئائىت تاشقى سىياسەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» (تارخان، 2013: 4). راتسىيونال خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنتىزامىدىكى ئاساسىي نەزەرىيە بولغان «كۈچ» ئۇقۇمى بۇ سىستېمىنىڭ تەبىئىي نەتىجىسى بولغان مەنپەئەت ئېلېمېنتىنى ئاساس قىلىدۇ. دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتى قىممەت قارىشى نۇقتىسىدىن خەلقئارا سىستېمىنىڭ ئىچىدە تەشكىلىي ئۇسۇلدا باھالىنىدۇ.

تاشقىي سىياسەت ئىستراتېگىيەسى دىنامىكلەر ئاساسىدا، رايون خاراكتېرلىك ياكى يەرشارىۋىي ئۆلچەمدە باھالاش ئارقىلىق يولغا قويۇلىدۇ. تاشقىي دىنامىكلەر خەلقئارا سىستېمىنىڭ خاراكتېرى،  سىستېما ۋە مۇھىتنىڭ ئاساسىي ئېلمېنېتلىرىنىڭ رايونغا كۆرسەتكەن تەسىرى ۋە دۆلەتنىڭ گېئو- ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى شەكىللەندۈرىدۇ.  ئىچكى دىنامىكلەر بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە قانۇنىي قۇرۇلمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا قارار چىقارغۇچىلارنىڭ بارلىق ئىدېئولوگىيەلەرنى ئەكىس ئەتتۈرىشىنى كۆرسىتىدۇ (ئوران، 2000: 130). تاشقى سىياسەتنى بەلگىلەيدىغان ئامىللارنىڭ بىرى بولغان تەسىر كۈچلەر باھالانغاندا گېئو-ئىستراتېگىيەلىك، گېئو-سىياسىي،جۇغراپىيەلىك، رايون خاراكتېرلىك ۋە يەرشارىۋىي ئۆلچەمدە ئىقتىسادىي بەلەىلىگۈچىلەردىن باشقا «قارار چىقارغۇچىلار» ئەڭ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى ئامىلدۇر. «دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا تەرەققىي قىلغان ۋەقەلەر قارار چىقارغۇچىلارنىڭ تاشقى سىياسەتتىكى ئىقتىدارى ۋە ھەرىكەت دائىرىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ ياكى ئاشۇرىدۇ. دۆلەت قارار چىقارغۇچىلار بولمىسا سىياسەت بەلگىلىيەلمەيدۇ، قارار چىقىرالمايدۇ ۋە يولغا قويالمايدۇ »(ئارى، 2013: 133).

تونۇش ئىنقىلابىغا نام بېرىشنى ئاساس قىلغان تاشقى سىياسەت ئۇقۇمىدا تاشقى سىياسەتتە تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ كاللىسىنى تابۇلارا [2] دەپ قاراشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى ۋە قارار چىقارغۇچىلارنىڭ تونۇشىغا بولغان تەسىرى نەزەرگە ئېلىنغاندا، شەخسلەرنىڭ تونۇشىنىڭ قىممىتى، شەخسىي ئالاھىدىلىكى، ئىلگىرىكى كەچۈرمىشلىرى قاتارلىق ئېلېمېنتلار تەرىپىدىن شەكىللەنگەن ئېتىقاد سىستېمىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقى بايان قىلىنغان (ۋوس ۋە دورسېي، 1992؛ ئېرېكېر، 2010-يىل، 41-بەت).

سيەندېر (R.C Synder) تاشقىي سىياسەت تەھلىلىدە يەر ئالغان قارار چىقىرىش ئۇسۇلىنى ماتېرىياللارغا قوشتى (سيەندېر، 1962: 24). قارار چىقىرىش ئۇسۇلى ياكى نەزەرىيەسىنى قوللانغانلار تاشقى سىياسەتنى پەقەت قارار چىقارغۇچىلارغا مەركەزلەشتۈرۈش ئارقىلىقلا تەھلىل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ (ئارى، 2013: 134). تاشقى سىياسەتتە تاشقى سىياسەت قارارى ۋە نەتىجىسىنى قارار چىقارغۇچىلار شەكىللەندۈرىدۇ. خەلقئارا مۇناسىۋەت بىلەن تاشقى سىياسەتنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىنى شەكىللەندۈرىدىغىنى دۆلەتلەر ئەمەس، بەلكى قارار چىقارغۇچىلار. «تاشقى سىياسەت نۇقتىسىدىن «قارار چىقىرىش » دۆلەتنىڭ خەلقئارا سىياسىي سىستېمىدا ھەر قانداق ئەھۋال/ ۋەقەگە قارىتا  ئىنكاسنى ياكى كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ياكى ھەرىكەت قوللىنىشى زۆرۈر بولغان ئەھۋاللاردا مەۋجۇت تاللاشلار ئىچىدىن تاللاش ئېلىپ بېرىش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ (ئاكسۇ، 2004: 8-9).

تەدبىر بەلگىلەش ئۇسۇلىدا دۆلەتلەرنىڭ ھەرىكىتىنى تەھلىل قىلغاندا، ئۇلارنى راتسىيونال پوزىتىسيە تۇتىدىغان بىر پۈتۈن ئېلمېنېتلار دەپ قارىماستىن، بەلكى تۆۋەن ئاپپاراتلاردىن تەشكىل تاپىدىغان ۋە سىياسەت ئۇلار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغان كۆپ سانلىقنى ئاساس قىلغان قۇرۇلما دەپ قارالغانلىقى كۆرۈلىدۇ (ئارى، 2006: 513). دۆلەت خەلقئارا سىياسەتنىڭ ئاساسلىق ئاكتىيۇرى بولۇش سۈپىتى بىلەن قارار چىقىرىشتىكى ئاساسلىق رولچى (ئايدىنلى، كۇرۇباش ۋە ئۆزدېمىر، 2009: 23). خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە دۆلەتنىڭ ئاساسلىق ئاكتىيۇر بولۇشى قارار چىقارغۇچىلارنىڭ دۆلەت ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق بولغان تەدبىرنى تاللايدىغانلىقىنى ئاساسىي پەرەز سۈپىتىدە قوبۇل قىلدى (كېئوخانە, 1984: 66).

«قارار چىقىرىش بىر خىل يېتەكچى جەريان بولۇپ، قوللىنىشچان پروگراممىلار تاشقى دۇنيادىن كەلگەن ئىنكاسلار نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ» (گولدېستن & ستېۋېخوس, 2015: 185). قارار چىقىرىش جەريانىدا باشلىنىش نۇقتىسى «ئەقلىي مودېل» تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. قارار چىقارغۇچىلارنىڭ نىشانى بېكىتىلگەن بۇ مودېلدا، تەكلىپلەر سېلىشتۇرۇلۇپ، مۇمكىنچىلىك ئىچىدە باھالاپ چىقىلىدۇ.

ھۆكۈمەتنى تەشكىل قىلىدىغان قارار چىقارغۇچىلار ئۆز نىشانىغا ماس ھالدا راتىسيونال ھەرىكەت قىلالايدىغان شەخسلەردىن تەركىب تاپىدۇ. قارار چىقارغۇچىلارنىڭ پەرقلىق نىشانلىرى ۋە ئېنىقسىزلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان مۆلچەرلىرى راتسىيونال قارار چىقىرىش ئەندىزىسنى كۆپ سانلىق غۇۋالىقلارغا دۇچار قىلماقتا. راتسىيونال ئەندىزىنىڭ ئاساسلىق ئاكتىيۇرى بولغان دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق پىلانلانغان نىشانغا ھەرىكەت ئارقىلىق يېتىشكە تىرىشىدۇ. دۆلەت ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويىدۇ ۋە ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەرگە ھەل قىلىش چارىسى تاپىدۇ (گولدېستىن & پېۋېخوس، 2015: 185).

تەدبىر بەلگىلەش ئەندىزىسىنىڭ يەنە بىر سەپلىمىسى «تەشكىلىي جەريان» ئەندىزىسى بولۇپ، بۇ ئەندىزىدە تاشقى سىياسەت تۈزگۈچىلەر نىشان ۋە سەپلىمە ھەرىكەتلەرنىڭ جىق كۈچ تەلەپ قىلىدىغان جەريانىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، تەدبىر بەلگىلەش جەريانىدا قارارلارنىڭ قېلىپلاشقان جاۋاب ۋە ئۆلچەملىك مەشغۇلات تەرتىپىگە تايىنىدۇ (بروۋىنۋې ئەينلېي، 2006 :65). نۇرغۇن تەشكىلاتلار بىرلىكتە چىقارغان قارارلار تېخىمۇ يۇقىرى ئورگانغا سۇنۇلۇپ، ئۇلارنىڭ تەك مەركەز خاراكتېرلىك ئىستىخبارات تورى تەشكىلىشىگە قارشىلىق قىلىدىغانلىقى قىياس قىلىندى. تاشقى سىياسەت قارارىدا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان تەشكىلاتلار ئۆلچەملىك تەرتىپلەر بىلەن تەشكىلىي خىزمەتلەرنى قىلىدۇ.

ھۆكۈمەتنىڭ مۇزاكىرە ئەندىزىسى دېگەندە تاشقى سىياسەت قارارلىرىنىڭ مەنپەئەتى بىلەن پەرقلىنىدىغان ھۆكۈمەت سىستېمىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئارىسىدىكى تەدبىر بەلگىلەش جەريانى تاشقى سىياسەتتىكى مەنپەئەتىنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ  تاشقىي سىياسەتكە ئەكىس ئەتتۈرىلىدۇ.

يەككە قارار چىقىرىش ئۇسۇلىدا شەخسلەرنىڭ ھەرىكىتى قىسقارتىلغان سىستېما دەپ قارىلىدۇ. راتسىيۇنال قارار چىقىرىش جەريانىدا ھەرىكەت، پىكىر ۋە شەخسىي تەجرىبىلەر يەككە قارار چىقارغۇچىلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. پەرقلىق قىممەت قاراش ۋە ئېتىقادلار خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە قارار چىقىرىش جەريانىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. شەخسلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى، ئەسلىمىسى، پسىخولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى ۋە ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنىڭ تونۇشى تاشقىي سىياسەت قارارىدا بەلگىلىك رول ئوينايدۇ (ئارى، 2013، 515). نەتىجىدە تاشقى سىياسەتتە قارار چىقارغۇچىلار «ئىنسانلار» بولۇپ، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقىي مۇھىتىدىن مۇستەقىل ھەرىكەت قىلالمايدۇ (خۇدسون، 2005: 1-30).

سىياسىي پىسخولوگ دەپ تونۇلغان تەشكىلات نەزەرىيەچىسى ھېربېرت سىمون قارار چىقىرىش ھەرىكىتىنىڭ تېخىمۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن شەرھسىنى تەرەققىي قىلدۇردى. ئۇ ئىككى ئۇقۇمنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق «چەكلىك راتسىيوناللىق» ۋە «مۇمكىنقەدەر ياخشى بولغانغا قانائەت قىلىش»پوزىتىسيەسىگە باشلامچىلىق قىلدى (تارخان، 2004:22). ھېربېرت قارار چىقارغۇچىلارنىڭ راتسىيونال ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنى ئۇلارغا يەتكۈزۈلگەن ئۇچۇرلار دائىرىسىدە قىلالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مورگېنتاۋنىڭ قارىشىچە، تاشقىي سىياسەت قانچىلىك مۇكەممەل تۈزۈلگەن ۋە يولغا قويۇلغان بولسۇن، قانچىلىك نۇقسانسىز باشقۇرۇلغان ۋە قانچىلىك مول مەنبەلەرگە تايانغان بولسۇن، ئۇل ئاساسىدا ياخشى بىر باشقۇرۇش مىخانىزمى، لاياقەتلىك بىر ھۆكۈمەت بولمىسا، ھېچ ئىشقا يارىماسلىقى مۇمكىن. بۇلار، دۆلەت كۈچىنى مەيدانغا كەلتۈرىدىغان ماددىي ۋە ئادەم كۈچى بايلىقى بىلەن يولغا قويۇلىدىغان تاشقى سىياسەت ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلۇق قۇرۇش، بۇ بايلىقلارنىڭ  ئۆز-ئىچىدە تەڭپۇڭلۇق قۇرۇشى ۋە يولغا قويۇلىدىغان تاشقىي سىياسەتتە ئاممىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشىنى كۆرسىتىدۇ. تاشقىي سىياسەتتىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ دۆلەتنىڭ مونوپوللۇقىدا ئەمەس، بەلكى كۆپ مەنبەلىك ئاكتىيورلار دۇنياسى بىلەن شەكىللىنىدىغانلىقى ۋە بىر كۈچنىڭ ئورنىغا دۇنياۋى كۈچلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەكىللىنىشنى ئاساس قىلىدىغانلىقى كۆزىتىلمەكتە.

خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنتىزامى ھوقۇق ۋە مەنپەئەت ئۇقۇمىنى ئاساس قىلىپ ئۇرۇش ۋە كۈچ بەلگىلىگۈچى رامكا ئىچىدە شەكىللەنگەن بولسا، بۈگۈنكى كۈندە يەر شارىۋىي ئىقتىسادىي تەرەققىياتلار بىلەن جەمئىيەتلەر بىرگەۋدىلەشكەنسىرى، كۈچ ۋە ئۇرۇش ئېلمېنېتىنىڭ ئورنىغا، «ئىقتىساد» ۋە «كۈلتۈر» ئالدىغا چىقىشقا ۋە «گېئو-سىياسەت» ئورنىنى «گېئو-ئىقتىساد»، ھەتتا «گېئو-كۈلتۈر» ئېلمېنېتلىرىغا بوشىتىپ بېرىشكە باشلىدى (يىلماز، 2013: 6). تاشقى سىياسەت ئىنتايىن مۇرەككەپ رەسمىي ۋە بىرەسمىي مۇناسىۋەت، ئىتتىپاق، زىددىيەت ۋە ھەمكارلىق سىستېمىسىدا پىشىپ يېتىلىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ. ھۆكۈمرانلىق دائىرىسى ئىچىدە شەكىللەنگەن تاشقى سىياسەت «يۇقىرى سىياسەت دەپ قوبۇل قىلىنغان ھۆكۈمەت پائالىيىتى» دەپ چۈشەندۈرىلىدۇ (ئايدەمىر، 2016: 37). تاشقى سىياسەت خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنتىزامىنىڭ تەتقىقات تارمىقى بولۇپ، بىر دۆلەتنىڭ باشقا بىر دۆلەت ياكى دۆلەتلەر توپىغا، بىر رايونغا ياكى ئومۇمەن خەلقئارا سىستېمىغا مايىللىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك (ئايدەمىر، 2016: 349).

3. تاشقىي سىياسەتنىڭ شەكىللىنىش ئامىللىرى

بۇ بۆلەكتە تاشقىي سىياسەتنىڭ شەكىللىنىش ئامىللىرى ئىككى نەزەرىيەچىنىڭ كۆز قارىشى ۋە ئۇسۇلىغا ئاساسەن باھالىنىدۇ.

1.3. روبېرت پۇتنام: ئىككى دەرىچىلىك ئويۇن نەزەرىيەسى

ئامېرىكىنىڭ داڭلىق سىياسىئونلىرىدىن روبېرت پۇتنام تاشقى سىياسەت نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ «ئىككى دەرىچىلىك دىپلوماتىك ئويۇن» ئۇقۇمىنى بارلىققا كەلتۈردى. پۇتنامنىڭ قارىشچە، دىپلوماتىيە بىرلا ۋاقىتتا ئوينىلىدىغان ئىككى ئويۇندىن تەركىب تاپقان. پۇتنام خەلقئارا مۇناسىۋەتنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ «ئىككى دەرىچىلىك ئويۇن» ئىكەنلىكىنى، دىپلوماتلارنىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى سايلىغۇچىلار ۋە باشقا دۆلەتتىكى كەسىپداشلىرى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ (خانتىڭتون، 2013: 444). ئۇ نەزەرىيەىسدە ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللارنىڭ تاشقى سىياسەت تۈزۈش جەريانىغا قانداق ۋە قاچان تەسىر قىلىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىدۇ. يەرلىك ۋە خەلقئارالىق دىپلوماتىك تەرەققىيات سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈلگەن بۇ نەزەرىيەدە، پۇتنام خەلقئارا سۆھبەتنىڭ بىرلا ۋاقىتتا دۆلەت (دۆلەت ئىچى سىياسىتى) ۋە خەلقئارا (ھۆكۈمەت) دەرىجىلىك ئىككى سۆھبەتتىن تەركىب تاپىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە ئاكتىيۇرلارنىڭ مەنپەئەتىنىڭ ھەر ئىككى قاتلامدا بىر-بىرىگە ئۇيغۇن كەلگەندە، ئاندىن بۇ سۆھبەتنىڭ مۇۋەپپقىيەتتىن دېرەك بېرىدىانلقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. پۇتنام بىرىنچى باسقۇچتا، تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندە ۋە باشقۇرۇش جەريانىدا، ھەرخىل گۇرۇپپىلارنىڭ ھۆكۈمەت ۋە سىياسەتچىلەرگە تەسىر كۆرسىتىش مەقسىتىدە سىياسەتكە يۈزلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئىككىنچى باسقۇچتا، خەلقئارالىق سۆھبەتنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرىلىدىغانلىقى، ئىچكى ئاكتىيۇرلارنىڭ بېسىمى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشىدىغانلىقى ئورۇن ئالغان.

پۇتنام: تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر دۆلەت ئىچىدە ھۆكۈمەتكە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئاكتىيورلارنىڭ مەنپەئەتىنى قاندۇرۇشقا تىرىشىشى ھەمدە تاشقى سىياسەت تەرەققىياتىنىڭ پاسسىپ ئاقىۋەتلىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەكتە ئازايتىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ (پۇتنام، 1998: 427-460).

پۇتنامنىڭ ئىككى دەرىجىلىك ئويۇن مېتاڧۇرى ئۇلۇسال ۋە خەلقئارالىق سىياسەتنىڭ ھەرىكەتچانلىقىنى مۇلاھىزە تېمىسى سۈپىتىدە مۇزاكىرە قىلدى ۋە دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ۋە دىپلوماتىك ھەرىكەتلىرىنى ئىككى باسقۇچلۇق ئويۇن ئىچىدە باھالىدى. دىپلوماتىك ئەۋزەللىكلەرنى ئىچكى شەرت-شارائىتلار ئاساسىدا باھالايدىغان بىرىنچى خىل ئۇسۇلدا، ھۆكۈمەتلەر كۈچ ئىگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن نىشانلىرىنى دۆلەتتىكى باشقا گۇرۇپپىلارنىڭ قوللىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىرلەشمە كۈچ تەشكىللەشكە ھەرىكەت قىلىدۇ. ئىككىنچى باسقۇچتا، ھۆكۈمەتلەر خەلقئارا سەۋىيەدە دىپلوماتىك تەشەببۇسلارنى، ئىجتىمائىي قوللاشلارنى كۆزدە تۇتۇپ، دۆلەت ھالقىغان ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن دۆلەت ئىچىدىكى تەلەپلەرنى قاندۇرۇش مەقسىتىدە مۇزاكىرە يولىنى تاللايدۇ. ئىككى باسقۇچتىن تەركىب تاپقان دىپلوماتىك جەرياندا، ھاكىمىيەت گۇرۇپپىلىرى ياكى سىياسىي رەھبەرلەر ھەر ئىككى ئويۇن تاختىسىدا باش رولچى سۈپىتىدە ئورۇن ئالىدۇ. خەلقئارا دىپلوماتلاردىن تەشكىل تاپقان تۇنجى ئۈستەلدە ئورۇن ئالغان ۋەكىللەر ئويۇن تاختىسىدىكى جەرياننى باھالىسا، ئۇلۇسال ئۈستەلدىكى پارتىيە ۋە پارلامېنت ۋەكىللىرى ھەرىكەتلىرىنى تۇنجى ئاكتىيۇرلارغا ئاساسەن ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. بۇ ئىككى قاتلاملىق ئويۇندا سىياسىي ھەرىكەتلەر، ئىقتىسادىي رېتورىكلار ئويۇن جەدۋىلىنىڭ ئەھۋالىنى ئايدىڭلاشتۇرىدىغان مۇھىم ھەرىكەتلەردۇر. ئىككى جەدۋەل مېتاڧۇرىغا ئاساسلانغاندا، خەلقئارا ئۈستەلدىكى ئاكتىيۇرلار مەسىلە پەيدا قىلغان ئەھۋال ئاستىدا رەتتىن چېىقىرىۋىتىلىشى مۇمكىن. ئىككى باسقۇچلۇق ئويۇندا، مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەر ئاكتىيۇرلارنىڭ راتسىيونال ھەرىكەت قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلالايدۇ. «بىر باسقۇچتا بىر ئاكتىيۇرنىڭ راتسىيونال ھەرىكىتى باشقا باسقۇچتىكى ئوخشاش ئاكتىيۇرغا زىيانلىق بولۇپ قىلىشى ئېھتىمالى بار» (ۋىلسون، 2010: 2). ئىككى باسقۇچلۇق نەزەرىيەدە، بىرىنچى باسقۇچ خەلقئارالىق سۆھبەتنىڭ قۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان سۆھبەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ۋە كۆپ قاتلاملىق تەشكىلاتلاردىن تەركىب تاپقان ئاپپارات؛ ئىككىنچى باسقۇچ، پارلامېنت تەرىپىدىن سۆھبەت نەتىجىسىنى تەستىقلاش مۇساپىسى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھالقىلىق باسقۇچ. ئاكتىيۇرلار مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغان خەلقئارالىق باسقۇچ ۋە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنى تەستىقلايدىغان دۆلەت ئىچى سىياسىتىدىن تەركىب تاپقان ئىككى باسقۇچ بىلەن تەسىس قىلىنغان نەزەرىيە؛ ئىچكى سىياسەت تەرەققىياتىنىڭ خەلقئارا سۆھبەت شارائىتىدا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تەڭلىمىسى. بۇ شەرتلەرنى كۆزدە تۇتقاندا، پۇتنام ئىككى باسقۇچلۇق ئويۇننىڭ ئۇتۇقىنى كىتەرلىك كۆپ سانلىقلا بار بولغان ۋە ئۇلار تەستىقلىغان پارلامېنت تۈزۈمىنىڭ نەتىجىسىگە تاياندۇرىدۇ. «غەلىبە يۈرۈشلۈكى»(Win set) دەپ ئاتىلىدىغان ئويۇن سەھنىىسدە ھۆكۈمەتلەر كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق بولغان كېلىشىمنى تەستىقلايدۇ. ئىچكى ئاكتىيۇرلار تەستىقلىغان «غەلىبە يۈرۈشلۈكى» خەلقئارا سەۋىيەدىكى كېلىشىملەردە ئاساسلىق پايدا بەلگىلىگۈچى سۈپىتىدە يەر ئالىدۇ. پۇتنام غەلبە يۈرۈشلۈك نەزەرىيىسىدىكى ئۈچ جۇغلانما ئامىلنى باھالايدۇ. ئۇ بۇنى «ئىچكى ئىتتىپاق ۋە تاللاش، ئىچكى ئورگان ۋە سۆھبەتچىلەرنىڭ خەلقئارالىق ئىستراتېگىيەسى» دەپ تەسۋىرلەيدۇ (پۇتنام، 1998: 438). پۇتنام، دېموكراتىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ كىچىك تىپتىكى غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىگەنلىكى ۋە  كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان ئەھۋالدا شەرتلەرنىڭ بەلگىلىنىشى ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى ئىتراپ قىلىدۇ.

2.3. جاكوب گۇستاۋسوننىڭ نەزەرىيەۋى ئۇسۇلى

جاكوب گۇستاۋسون ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا سىستېمىدىكى ھەرىكىتىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ تۇرۇپ، تاشقى سىياسەت نەزەرىيەسىنى بارلىققا كەلتۈردى. گۇستاۋسون ئومۇمىي مەنىدىن قوبۇل قىلىنغان ۋە ئايدىڭلاشتۇرۇلغان تاشقى سىياسەت نەزەرىيەسىنىڭ يوقلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھادىسەنى مەركەز قىلغان تاشقى سىياسەت نەزەرىيەسىگە رىچارد سنېيدېرنىڭ ۋە جامېس روسسۇنىڭ كۆز قارىشى ئاساسىدا ئېنىقلىما بەردى. گۇستاۋسون قۇرۇلما خاراكتېرلىك شەرت-شارائىتلارنى مۇلاھىزە قىلغاندا، ئۇ «ئوبيېكتىپ كۈچلەر» دەپ ئاتىغان تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ سۇبيېكتىپ ئامىللىرى ئۈستىدە توختىلىش ئارقىلىق تاشقى سىياسەتنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. جامېس روسېناۋنىڭ ئۇقۇم خاراكتېرلىك چۈشەندۈرۈشى سېلىشتۇرما تاشقى سىياسەت دەپ باھالانغان ۋە ئۇلارنىڭ نىسپىي مۇھىملىقى توغرىسىدا بىر قانچە پەرەزلەر ئوتتۇرىغا چىققان. روسېناۋ تاشقى سىياسەت ماركىسى ئاستىدا سىياسىي ھەرىكەت ۋە قۇرۇلما شارائىتى ئارىسىدا ستاتىستىكىلىق باغلىنىش ئورنىتىشقا تىرىشقان ھادىسەنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا مىقدارلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللاندى. 1960-ۋە 70-يىللارنىڭ بېشىدا روسېناۋنىڭ دەسلەپكى نەزەرىيەسى ئامېرىكىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ تەتقىقات تۈرلىرىگە كىرىپ، تەتقىقاتچىلار بۇنىڭغا سېلىشتۇرما تاشقى سىياسەت ئۇقۇمى ئاستىدا چۈشەنچە بېرىشكە باشلىدى. «پەرقلىق سەككىز دۆلەتتە بەش ئاساسىي ئۆزگەرگۈچى مىقدارنىڭ مۇھىملىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەككىز ئىستون جەدۋىلىنى قۇردى» (سىمىس، خاففېلد ۋە دوننا، 2016: 5). تاشقى سىياسەت ھادىسەلىرىنى باشقا تاشقى سىياسىي جەريانلىرىغا ئوخشاش سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىشقا تېگىشلىك بىر تېما دەپ قارىغان روسېناۋ ئاكتىيۇرلارنىڭ ھەرىكىتى ۋە پوزىتىسيەنىڭ تاشقى سىياسەت ئانالىزىدا مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. روسېناۋ تاشقى سىياسەت ھادىسىلىرىنىڭ مۇرەككەپلىكى ھەققىدە توختىلىپ، مۇرەككەپلىكنىڭ بۇ جەرياندىن يىراق ئەمەسلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، شۇڭا تاشقى سىياسەتنىڭ دىنامىكلىرىگە سەل قاراشقا ۋە نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ستېۋ سىمىسنىڭ تاشقى سىياسەت ھادىسىسىنى تىلغا ئېلىپ، تاشقى سىياسەتنىڭ ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدىغان ھادىسە مەركەزلىك شەرھىسىنىڭ يوقلىقىنى، ستاتىستىكا ئۇسۇلىنى قوللىنىشنىڭ ئومۇمىي نەزەرىيە ئۈچۈن ئېيىتقاندا مەجبۇرلاش ئامىلى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. گۇستاۋسون تاشقى سىياسەتنى ئۆزگەرتىشتىكى ئامىللارنى تەتقىق قىلىپ، ئۇلارنى ئوخشىمىغان ئۈچ خىل ئەندىزە بىلەن ئەكىس ئەتتۈردى. ئۇ تەكشۈرۈش تىزىملىكى ئەندىزىسى، قۇرۇلما خاراكتېرلىك چەكلىمىلەر ئەندىزىسى ۋە دەۋرىيلىك ئەندىزە.

تەكشۈرۈش تىزىملىكى ئەندىزىسى ئۈچ ئانالىز باسقۇچىنى ئاساس قىلىدۇ. بىرىنچىسى، بەزى يوشۇرۇن ئارقا كۆرۈنۈش ئامىللىرى، ئىككىنچىسى، تەدبىر بەلگىلەش جەريانىدىكى ئىدراك ئامىللىرى، ئۈچىنچىسى، ئۇلارنى نەتىجىگە باغلايدىغان ئامىللار. كالېۋى خولستى (1982) ۋە چارلېز ھېرمان (1990) ئىجاد قىلغان بۇ ئەندىزىلەردە ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەت ئىچىدە ھەل قىلىشقا بولىدىغان مۇستەقىل ئۆزگەرگۈچى مىقدار ۋە مېخانىزملارغا ئائىت نۇرغۇن ئېنىقلىمىلىرى بارلىقى چۈشەندۈرۈلدى. ئەندىزىگە ئاساسلانغاندا، مۇستەقىل ئۆزگەرگۈچى مىقدارلار «رەھبەرلەر يەنى قارار چىقارغۇچىلار» سۈپىتىدە توختىلىدۇ.

قۇرۇلما خاراكتېرلىك چەكلىمىلەر ئەندىزىسى كونا قەدەمنى ئېنىقلاپ چىقىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك كاتېگورىيەگە ئەھمىيەت بېرىپ، كونا سىياسەتنى مۇقىملاشتۇرىدىغان ۋە ئۇنىڭ ئۆزگىرىش بېسىمىدىن سىياسەتتىكى ئەمەلىي ئۆزگىرىشكە ئۆتۈشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بۇكاتېگورىيە كجەل گولامان(1988) ۋە داۋىد سكىدمور (1994) بېيىتقان ئەندىزىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

دەۋرىيلىك ئەندىزىسىدە، تاشقى سىياسەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان جەريانلاردا تەكرارلىنىش ئەندىزىسىنى بايقاش ئۈچۈن تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت تەكشۈرۈش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. ۋالتېر كارلنائېس (1993) ۋە قېرېل روساتى (1993) تەرىپىدىن بېيىتىلغان بۇ ئەندىزىنىڭ ئوخشىمىغان ئىككى خىل قۇرۇلما خاراكتېرلىك مۆلچەرى بار. روساتى دىئالېكتىكىلىق قاراش بىلەن مۇقىملىق دەۋرىنىڭ ئۆتكۈنچى مەزگىللەر بىلەن ئۈزۈلۈپ قالىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. كارلسنايس بۇنى تارىخ تەتقىقاتىغا ئىندىۋىدۇئاللىقنى ئاساس قىلغان قاراشنىڭ بىرىكىشى دەپ قاراش كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلدى.

گۇستاۋسون باسقۇچلار بويىچە تاشقى سىياسەتنىڭ ئۆزگىرىشىدىكى ئۈچ سەۋەبنى شەرھلىدى. گۇستاۋسون يەككە قارار چىقارغۇچىلارنىڭ قارار چىقىرىش جەريانىدا يۈز بېرىدىغان سىياسىي ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە توختىلىپ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئامىللارنىڭ ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خەلقئارا سىياسەتنىڭ كۈچ ئېلېمېنتى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ ئەنئەنىۋى پرىنسىپى بولغان ھەربىي تەرەپلەرنىڭ تەسىرىنى ئۆزگىرىشنىڭ بىر سەۋەبى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان نەزەرىيەشۇناس سىياسىي ئامىللارنىڭ كۆلەڭگىسىكى بارلىق ئامىللارنى باھالاپ چىقىدۇ. گۇستاۋسون سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئامىللارنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سىياسىي ئاكتىيورلارنىڭ تاشقى سىياسەت ئۆزگىرىشىدىكى بارلىق ئامىللارنى ھەل قىلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن (گۇستاۋسون، 1998-يىل، 16-27-بەتلەر).

1- جەدىۋەل: تاشقى سىياسەتنىڭ ئامىللىرى

4. مېدىيانىڭ تاشقى سىياسەتتىكى رولى

مېدىيا ئاممىنى خەۋەردار قىلىش، ئاممىۋىيلاشتۇرۇش، شەخىسلەرنىڭ شۇنداقلا ئۇلارنىڭ توپلىرى سۈپىتىدە جەمئىيەتلەرنىڭ كۈندىلىك ياشاملىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغاندىن سىرت،  سىياسىي مەنىدىن باشقۇرۇلغۇچى ۋە باشقۇرغۇچىلار ئارىسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئالاقە كۆۋرۈكىدۇر (بېرزا، 2006: 1). «مېدىيا ئەڭ ئاساسلىقى ئۇچۇر ئەۋەتىش، قوبۇل قىلىش، ساقلاش ۋە ئېرىشىش قورالىدۇر» (پوئې، 2015: 32).

مېدىيانىڭ سىياسىي رېئاللىققا چېتىشلىق چەكسىز  ۋەقەلەر بايلىقىنى تولۇق ۋە كەم كۈتىسىز يەتكۈزۈش ئىقتىدارى ئىنتايىن چەكلىك. شۇڭلاشقا، ئۇ ھەمىشە ئۆزىنىڭ تېمىسىنى تاللىشى ۋە تونۇشتۇرۇش شەكلىنى ياخشى ېېكىتىشى لازىم (مېيىر، 2004: 46). مېدىيا ۋەقەلەرنى يەتكۈزۈش جەريانىدا قۇرغان رامكىدا مېدىيا تەشكىلاتلىرى تەۋە بولغان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي قۇرۇلما ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. مېدىيا ئىچىدە ئورۇن ئالغان قۇرۇلمىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن جەمئىيەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە يېتەكلەيدۇ (بېرزا، 2006: 5). پۇقرالار ۋە مەمۇرى خادىملا ئۇچۇر ئەۋەتىش ۋە قوبۇل قىلىش ئۈچۈن مېدىياغا ئېھتىياجلىق. «ئاخبارات تەشكىلاتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتنى كونترول قىلىشىنى قانۇنىي جەھەتتىن قوغدىلىدىغان خىزمەت دەپ قاراشقا بولىدۇ» (لاۋرانس، 2009: 102-103). «ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، مەلۇم دەۋردىكى مېدىيا زومىگەرلىكنىڭ (ھېگېمونيانىڭ) كۈچىيىشى، ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنىيلىقى ۋە ئىزچىللىقىغا تۆھپە قوشىدۇ» (ئېرقان، 2017: 259).

خەۋەر مېدىياسىدا سىياسىي تەشۋىقات ۋە خەۋەر مەزمۇنىنى ئاممىنى ئۆزىگە قارىتىش ئۈچۈن كونترول قىلىش دېگەندەك تەسىر كۈچ ساھەسى دەپ قارىغاندا، خەۋەر ئىبارىلرىدىكى ئىدىيەۋى ئۇقۇملار جامائەت پىكرىگە بۇ يۆنىلىشتە تەسىر كۆرسىتىش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ۋان دىجك خەۋەر ئىبارىلىرىنى تىزغان سىستېمىدا تېكىست مەنىسى، يەرلىك ۋە دۇنياۋى پۈتۈنلۈك، تەسىر كۈچى، دەرىجىدىن تاشقىرى قۇرۇلما (خەۋەر لايىھىسى)، ئۇسلۇب ۋە رېتورىك، ئىجتىمائىي تونۇش ۋە ئىجتىمائىي ۋە كۈلتۈرەل مۇناسىۋەتلەر خەۋەر مېدىياسىدا سىستېمىلىق ئورۇن ئالىدۇ. ئۇچۇر يوللاش قورالى بولغان مېدىيادا ئىدىيەۋى نۇتۇقلار بۇ يۆنىلىشتە پات-پات خاتا ئۇچۇر ۋە بۇلغانغان ئۇچۇرلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئاندىن جامائەتچىلىككە سۇنۇلىدۇ.

مېدىيا ساھەسىدە كونترول ئىستراتېگىيەسى ھېساپلىنىدىغان ئۇچۇر يوللاشنىڭ كۆپ خىللىقى ئۇچۇرلارنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق مەلۇم  بىرخىل پىكىر مۇھىتىنى تەشكىل قىلىدۇ. بەزى تېمىلاردا چىڭ تۇرۇش، خەۋەر تېمىسى ئۈچۈن سۆزلەرنى تاللاش، بولۇپمۇ بەزى مەسىلىلەرگە ئاممىنىڭ دىققىتىنى تارتىش، بەزى ئىجتىمائىي رېئاللىقلارغا مەقسەتلىك ئارىلاشماسلىق دېگەندەك (ئالپ, 2011: 115).

مېدىيانى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈپ بېرىش ئۈچۈن بەزى مودېللار مۇزاكىرە قىلىندى. بۇلار; كۆپ سانلىقنى ئاساس قىلىدىغان مودېل ۋە سەرخىللار مودېلى. كۆپ سانلىقنى ئاساس قىلىدىغان مودېل كۈچنىڭ ھەر قانداق مەنپەئەت توپى ياكى باشقىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پۈتكۈل جەمئىيەتكە تارقىلىدىغانلىقىنى ئېلگىرى سۈرىدۇ. كۆپ خىللىقنى ئاساس قىلىدىغان مودېل مېدىيا ۋە جامائەت پىكرىنىڭ سىياسىي ئامىل سۈپىتىدە مۇستەقىل ئىكەنلىكىنى ۋە بەزى مەسىلىلەردە ھۆكۈمەتنى چەكلەش رولىىنى ئۆتەيدىغاندىغانلىقىنى قوبۇل قىلىدۇ. جامائەت پىكىرى ۋە كۆز قاراشلارنىڭ ھۆكۈمەتكە تەسىر كۆرسىتىش جەريانى بىۋاسىتە سايلام، جامائەت رايىنى تەكشۈرۈش ۋە تاراتقۇلارنىڭ جامائەت پىكرىگە ۋەكىللىك قىلىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (روبىنسون، 2001: 169).

«سەرخىللار مودېلى»; كۈچنى سىياسەت ۋە جەمئىيەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلالايدىغان سەرخىل گۇرۇپپىنىڭ قولىغا يىغىلغان دەپ قارايدۇ. ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ باياناتچىسى بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىغا قاراتقان سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇلار تېخىمۇ ئاز مۇستەقىل تەسىر پەيدا قىلماقتا. سەرخىللار مودېلىغا ئاساسلانغاندا، جامائەت پىكىرىنىڭ سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللىرى ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ، سىياسەتكە ناھايتى ئاز تەسىر كۆرسىتىدۇ (روبىنسون، 2001: 169).

سىياسىي تەرەققىياتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىككى خىل مېدىيا خەۋىرى بار.

* ۋاسىتىلىك يول؛ مېدىيانىڭ جامائەت پىكرىگە تەسىر كۆرسىتىشى، دېموكراتىك جەريان دائىرىسىدە جامائەت پىكىرىنىڭمۇ تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەرگە تەسىر كۆرسىتىشىنى كۆرسىتىدۇ.

* بىۋاسىتە يول؛ قارار چىقارغۇچىلارنىڭ مېدىيادىكى خەۋەرلەرنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىگە ئۇچرايدىغان جەرياندۇر. تەسىر كۆرسىتىش جەھەتتىن ئوخشىمىغان تۆت خىل تەسىرنى بايقاپ چىقىشقا بولىدۇ. CNN تەسىرى، تېزلەتكۈچ تەسىر، مۇمكىن قىلغۇچى تەسىر، توسقۇچى تەسىر.

CNN نىڭ تەسىرى; مېدىيا خەۋەرلىرى تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەرنى مەلۇم بىر خىل سىياسەتنى قوللىنىشقا ئىتتىرىش ئارقىلىق بىۋاسىتە رول ئوينىغاندا پەيدا بولىدۇ. CNN تەسىرى ئۇقۇمى شۇكى، مېدىيا كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن سىياسىي تېمىلاردا ۋە ئۇنىڭ ئاخباراتتا ئەكىس ئېتىشىگە مۇناسىۋەتلىك جامائەت پىكرىنىڭ سىياسي تەدبىر بەلەىلىگۈچىلەرنى مەلۇم مەسىلىلەردە قارار چىقىرىشقا مەجبۇرلايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئوبيېكتىپلىقتىن چەتنەپ كەتمەي، ئوبيېكتىپ ئىنسانىي قىممەت قارىشىنى ئاساس قىلغان نەشىر بويۇملىرى بىلەن تالاش-تارتىشتىكى قارار ۋە ئەمەلىيەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش جەھەتتە مەمۇرى ۋەزىپە ئۆتەيدۇ (دېنك، 2009: 3). CNN تەسىرىدە تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر مېدىيانى كونتروللۇقىغا ئېلىپ، ھالقىلىق دىپلوماتىك مەسىلىلەردە قارار چىقىرىش جەريانىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. CNN تەسىرىدىكى مۇھىم نۇقتا، نەق مەيدان ئالاقە تېخنىكىسىنىڭ يەرلىك ھادىسەلەردە كۆرۈرمەننى، يەرشارىۋىي سىياسىي ھادىسەلەردە سىياسىي سەرخىللارنى قىزىقتۇرالىشىدۇر (روبىنسون، 2001: 613-633).

تېزلەتكۈچ تەسىر; تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر ياكى قارار چىقارغۇچىلارنىڭ مەلۇم بىر مەسىلىگە تېز ئىنكاس قايتۇرىشىنى كۆرسىتىدۇ. گەرچە مېدىيا تەسىرىنىڭ بار-يوقلۇقى مەسىلىسى نامەلۇم بولسىمۇ، تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر ئوخشاش شەكىلدە جاۋاب قايتۇرىدۇ. «مەسىلەن: مېدىيانىڭ 1991-يىلدىكى شىمالىي ئىراق كرىزىسىغا بولغان مەركەزلىشىشى ئامېرىكىنىڭ قارارىنى تېزلەتتى».

ئاخبارات ۋاسىتىلىرى سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەرگە مەلۇم بىر سىياسەت ھەققىدە خەلقنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ بېرىش ئارقىلىق ئۇ سىياسەتكە ئەمەل قىلىش پۇرسىتى بېرىشى كېرەك. 11-سىنتەبىر ھۇجۇملىرى توغرىسىدا بوشنىڭ مېدىيادا يەر ئالغان تېرۇرلۇققا قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى نۇتۇقلىرى ۋە دېمۇكراتىك باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇستەبىت باشقۇرۇش سىستېمىسىغا ئۆزگەرتىش مەقسىتىدە ئاڧغانىستان ۋە ئىراققا قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەتنى خەلقنىڭ قوللىشى ئاساسىدا روياپقا چىقىرىشى مېدىيانىڭ مۇمكىن قىلغان تەسىرىنى كۆرستىدۇ.

ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملار ۋە ھۇجۇملارنىڭ ئاممىۋى تاراتقۇلاردا بېرىلىشى ئامېرىكا پۇقرالىرى ئارىسىدا بەكرەك ئۇرۇش تەرەپتارى بولغان، تاشقى سىياسەتنى تەشەببۇس قىلىدىغان سايلىغۇچى ئاممىنى شەكىللەندۈردى (روبىن ئوغلى، 2001: 178).

توسقۇچى تەسىر; تاراتقۇلاردىكى سەلبىي خەۋەرلەرنىڭ ئاممىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى شۇكى، ئۇ تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ ئالدىنى توسىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ مەلۇم بىر سىياسىي ئىدىيىنى يولغا قويۇشىنى چەكلەيدۇ. ۋيېتنام ئۇرۇشىدا غايىب بولغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرى توغرىسدىكى خەۋەرنىڭ مېدىيادا بىرىلىشى تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەرگە توسقۇچى تەسىرى رامكىسىدا تەسىر كۆرسەتتى (روبىنسون، 2000 : 178).

ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تاشقىي سىياسەتتە ئاكتىپ بولغان دۆلەتلەرنىڭ رەسمىي كۆز قارىشىنى  جامائەتچىلىككە يەتكۈزۈشتە، تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ تاشقى سىياسەتكە بولغان كۆز قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈشتە ۋە شۇ ئارقىلىق قارالما ھاسىل قىلىشقا مەنبە شەكىللەندۈرىدۇ. شۇڭلاشقا ، ئالاقە قوراللىرىنىڭ ئىگىدارلىق قۇرۇلمىسى ئاممىۋى ساھەنىڭ سۈپىتى ۋە سىياسىي ئىشتىراك قىلىشىنى بەلگىلەيدۇ (ئېرقان، 2017: 260).

5. خۇلاسە

مېدىيا جامائەت پىكىرىنى يېتەكلەيدىغان ئامىل بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاممىدا تونۇش پەيدا قىلىش، مىللىي سىياسىي ئۆلچەملەرنى يەتكۈزۈش، كۆز قاراشنى ئۆزگەرتىش ۋە ھۆكۈمەتلەرگە قارىتا بېسىم مېخانىزمى سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بار (ئايتېكىن، 2013: 167). تاشقىي سىياسەتتە قارار چىقىرىشتا ھاكىم كۈچنىڭ يالغۇز بېشىغا بەلگىلىك بىر ئامىلنى تەشكىل قىلمايدىغانلىقى، بۇ كۈچنى ئاجىزلاتقان ئامىللارنىڭ بېشىدا جامائەت پىكرى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن مېدىيا كېلىدىغانلىقى قوبۇل قىلىندى. بۇ تەتقىقاتنىڭ ئاساسلىق مەقسستى تاشقىي سىياسەتنىڭ قايسى ئامىللارنى ئاساس قىلىدىغانلىقى ۋە مېدىيانىڭ تاشقىي سىياسەتتە قايسى ئامىلنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقى توغرىسىكى كۆز قاراشلارنى نەزەرىيەشۇناسلارنىڭ كۆز-قارىشى ۋە تاشقىي سىياسەت نۇقتىسىدىن  باھالاشتۇر.

مەنبەلەر:

  • Aksu, M. (2004). “Türk Dış Politikası Karar Alma Mekanizmasının İşleyişi: 2.Körfez Krizi Örneği”.Yayınlanmamış Yüksek Lisans Tezi.Isparta: Süleyman Demirel Üniversitesi.
  • Alp, H. (2011). “Küreselleşme Sürecinde Medyadaki Dezenformasyon ve Irak İşgali Örneği”.Yayınlanmamış Yüksek Lisans Tezi. İstanbul: Kadir Has Üniversitesi.
  • Arı, T. (2006). Uluslararası İlişkiler Teorileri: Çatışma, Hegemonya, İşbirliği.Bursa: MKM Yayıncılık.
  • Arı, T. (2000).Amerika’da Siyasal Yapı, Lobiler ve Dış Politika.İstanbul: Alfa Yayınları.
  • Arı, T. (2013). Uluslararası İlişkiler ve Dış Politika. Bursa: Mkm Yayıncılık.
  • Aydınlı, E., Kurubaş, E. ve Özdemir, H. (2009).Yöntem, Kuram, Komplo Türk Uluslararası İlişkiler Disiplininde Vizyon Arayışları. Ankara: Asil Yayınları.
  • Berzah, M. Ç. (2006). Medyanın Ördüğü Berlin Duvarı. Ankara:Nobel Akademik Yayıncılık.
  • Brown, C. ve Ainley, K. (2006).Uluslararası İlişkileri Anlamak.İstanbul: Yayınodası Yayınları.
  • Denk, E. (2009).Türk Basınında Dış Politika.Ankara:Akademik Orta Doğu Yayınları.
  • Ereker, F. (2010). “Dış Politika ve Kimlik: İnşacı Perspektiften Türk Dış Politikasının Analizi”. Yayınlanmamış Dokto-ra Tezi.Ankara: Ankara Üniversitesi Sosyal Bilimler Enstitüsü Uluslararası İlişkiler Anabilim Dalı.
  • Ersin, E. (2017). “New Media, Public Sphere and Democracy”. Journal of Media Critiques.
  • Goldstein, J. ve Pevehouse, J. C.(2015).Uluslararası İlişkiler. Ankara: BB101 Yayınları.
  • Gözen, R. (2001).Dış Politika nedir? 21.Yüzyılın Eşiğinde Türk Dış Politikası. İstanbul: Alfa Yayınları.
  • Hill, C. (2003). The Changing Politics of Foreign Policy. New York: Palgrave MacMilan.
  • Hudson,   M. (2005). “Foreign  Policy  Analysis: Actor-Specific  Theory  and the  Ground  of  International  Relations”. Foreign Policy Analysis
  • Huntington, S. P. (2013). Medeniyetler Çatışması ve Dünya Düzeninin Yeniden Kurulması. İstanbul: OkuyanUs.
  • Gustavsson, J. (1998).The Politics Foreign Policy Change.Sweden: Lund University Press.
  • Keohane, R.O. (1984). After Hegemony: Cooperation and Discord in World Politikal Economy.New Jersey: Prince-ton University Press.
  • Lawrance, D.G.(2009).The Politics of Diversity. California: Belmont WardsworthPublishing.
  • Meyer, T. (2004).Medya Demokrasisi.İstanbul: Kültür Yayınları.
  • Oran, (2000). Türk Dış Politikası: Kurtuluş Savaşı’ndan Bugüne Olgular, Belgeler, Yorumlar. İstanbul: İletişim Yayıncılık.
  • Poe,M. 2015.İletişim Tarihi: Konuşmanın Evrimindenİnternete Medya ve Toplum. İstanbul: Islık Yayınları.
  • Putnam, R. D. (1998).“Diplomacy and Domestic Politics: The Logic of Two-Level Games”.International Organiza-tion. 42(3).
  • Robinson,P. (2001).“Medya ve Kamuoyunun Rolü, Dış Politika”. Steve Smith,  Amelia  Hadfield,  Tim  Dunne(der). Foreign Policy: Theories, Actorsand Casesiçinde. Oxford: Oxford University Press
  • Robinson, P. (2000).The Policy Media Interaction Model-Measuring Media Power During Humanitarian Journal of Peace Research.London: University of Liverpool.
  • Smith, ,  Hadfield  A.  ve  Dunna  T. (2016).Dış Politika, Teoriler, Aktörler, Örnek Olaylar. Uluslararası İlişkiler Kütüphanesi.
  • Synder,   C. (1962). Foreign  Policiy  Decision  Making:  An  Approach  to  the  Studyof  International  Politics,.New York: Free Press.
  • Tarhan, A. (2013).“Türk Dış Politikasını Belirleyen Faktörler ve 21. Yüzyıl Olaylarla Türk Dış Politikası”. Yayınlan-mamış Yüksek Lisans Tezi. Konya: Selçuk Üniversitesi, Sosyal Bilimler Enstitüsü.
  • Tarhan, N.(2004).Asimetrik Savaş, Politik Psikoloji. İstanbul: Timaş.
  • Turan, K. (2012).Tersine Dönmüş İki Seviyeli Bir Oyun.Gazi Üniversitesi İ.İ.B.F Uluslararası İlişkiler Bölümü.
  • Voss   ve  Dorsey,  E. 1992.“Perceptionand  International  Relations”.Eric Singerand  Valerie  Hodson  (der.).Political Pyschology and Foreign Policyiçinde. Boulder: Westview Press,
  • Wilson,A.C. (2010). “Putnam’s Two-Level Game: Case Studies of Serbianand Russian Reactions to the Kosovar and Chechen Independence Movements”. ABD:The Ohio State University,  Gratuade Program Slavicand East Euro-pean Studies.
  • Yılmaz, A. (2013).Küresel Dünyada Uluslararası İlişkiler. Ankara: Kadim Yayınları.

ماقالىنىڭ ئەسلى مەنبەسى:

Dış Politikada Medyanın Rolü

http://idealonline.com.tr/IdealOnline/pdfViewer/index.xhtml?uId=76226&ioM=Paper&preview=true&isViewer=true#

[1] دوكتۇر ئۆزلەم ئىپەك (Özlem ipek) قارا دېڭىز تېخنىك ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىسى

[2] تابۇلاراسا جون لوكنىڭ «قۇرۇق ۋاراق» تەكلىپىنى كۆرسىتىدۇ. ئېمپېرىستولان خۇمەنىڭ سۆزىگە قارىغاندا ، كاللىمىزدا تۇغما ئىدىيە يوق. ئەمما، خۇمە سەۋەبسىزلىككە قارشى تۇرىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top