• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئاكادېمىيە » مىللىي كۆرىشىمىزنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستىراتىگىيەسىدە «پەن-تېخنىكا» ھەققىدە تور لىكسىيەسى – دوكتور مەمەتئىمىن ئابباس

مىللىي كۆرىشىمىزنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستىراتىگىيەسىدە «پەن-تېخنىكا» ھەققىدە تور لىكسىيەسى – دوكتور مەمەتئىمىن ئابباس

مەلۇم بولغىنىدەك، ياۋروپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بىلەن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ھەمكارلىقىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى پەن-تېخنىكا ئۇچۇرلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۆرىشىگە ئائىت بىر قسىم مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن نەق مەيدان تور لىكسىيەلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى ئوتتۇرا ياۋرۇپا ۋاقتى سائەت 16:00 دا فىرانسىيە دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور مەمەتئىمىن ئابباس ئەپەندى «مىللىي كۆرىشىمىزنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستىراتىگىيەسىدە «پەن-تېخنىكا» ھەققىدە نەق مەيداندىن توردا لىكسىيە بەردى. لىكسىيە ئاخىرىدا ئاڭلىغۇچىلار دوكتور مەمەتئىمىن ئابباس ئەپەندىدىن ھەرخىل سوئاللارنى سورىدى.

دوكتور مەمەتئىمىن ئابباس ئەپەندىنىڭ «مىللىي كۆرىشىمىزنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستىراتىگىيەسىدە «پەن-تېخنىكا» ھەققىدىكى لىكسىيەسىنى تۆۋەندىكى پىدائىيلار ئىكرانىنىڭ يوتىيۇب قانىلىدىن كۆرەلەيسىز.


دوكتور مەمەتئىمىن ئابباس ئەپەندىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

مەمەتئىمىن ئابباس، ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇغۇلغان. 15 يېشىدا يېڭى چىگرا (ئاتالمىش شىنجاڭ) ئۇنىۋېرسىتېتى پەن-تېخنىكا سىنىپىغا قوبۇل قىلىنىپ، ئىككى يىللىق تەييارلىق ئوقۇشىدىن كېيىن، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتىتىغا ئوقۇشقا كىرگەن ۋە 26 يېشىدا جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيەسى يۇقىرى ئېنىرگىيە تەتقىقات ئېنىستوتىدىن دوكتۇرلۇق ئۈنۋانى ئالغان. ياش جەھەتتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا مەمەتئىمىن ئابباس ئەپەندى ئۇيغۇرلار ئىچىدىن ئەڭ ياش ئالىي مەكتەپكە باشلىغان ۋە ئەڭ بالدۇر دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن تەتقىقاتچىلاردىن بىرى ھېساپلىنىدۇ.

ئۇ، ئىتالىيە ۋە ئاۋسترىيەلەردە دوكتۇر ئاشتى تەتقىقاتلىرى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، 2013 يىلىدىن بۇيان فىرانسىيە دۆلەتلىك  پەن-تېخنىكا مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.

ئۇ يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان تەتقىقات گۇرۇپپىسى فىرانسىيەنىڭ بوغدو شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۈچ پىروفېسسور، ئۈچ تەتقىقاتچى، ئۈچ دوكتۇر ئاشتى، يەنە بىر قانچە دوكتۇر ۋە ماگىستىر ئوقۇغۇچىلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئورگانىك يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ماتىرياللىرىنىڭ قوللىنىشى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا.

دوكتور مەمەتئىمىن ئابباس ئەپەندى يەنە ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بىلەن قۇتادغۇبىلىگ ئىنىستىتۇتى تەبىئىي پەن بۆلۈمىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ مەزكۇر ئاكادېمىيەنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسى بىلەن قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى تەبىئىي پەن بۆلۈمىنىڭ دائىمىي ھەيئەتلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالماقتا.


 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top