• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » داڭلىق كىشىلەر » 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ فىزىكا ئالىمى — ئالبېرىت ئېينىشتېين

20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ فىزىكا ئالىمى — ئالبېرىت ئېينىشتېين

ئالبېرىت ئېينىشتېين (1879-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى-1955-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى) گېرمانىيەلىك نەزەرىيە فىزىكا ئالىمى، پەيلاسۇپ ۋە يازغۇچى. ئۇ دۇنياغا تونۇلغان ۋە تەسىر كۆرسەتكەن ئالىمدۇر. ئۇ “ھازىرقى زامان فىزىكىسىنىڭ ئاتىسى” دەپ تەرپلىنىدۇ. 1921-يىلى ئۇ نەزەرىيە فىزىكىسىغا قوشقان تۆھپىسى، بولۇپمۇ فوتو-ئېلىكتېر ئېففىكىتىنى بايقىغانلىغى ئۈچۈن نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ئېينىشتىيىننىڭ تۇلۇق ئىسمى- ئالبىرىت ئېينىشتىيىن (Albert Einstein) بۇلۇپ،20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ فىزىكا ئالىمى. ئۇ 1879-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى گىرمانىينىڭ ۋىيۇرتېمبىرىگ ئوبلاستى مىيونخىن ئەتراپىدىكى مەشھۇر ئۇلم دىگەن كىچىك شەھەردە كىچىك مۈلۈكدار يەھۈدى ئائىلىسدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى ئۇيەردە بىر ئىلىكتىر سايمانلىرى زاۋۇتىغا ئىگىدارچىلىق قىلاتتى. ئېينىشتىيىن كىچىك ۋاختىدا ئانچە زىھنى ئۆتكۈر بالا ھىساپلانمايتتى، ئۇ ئۈچ ياشتىن ئاشقاندا تىلى چىققان بولسىمۇ لېكىن بەش ياش ۋاختىدىمۇ كىكەچلەپ سۆزلەيتتى. ئاتا-ئانىسى ئۈنى زىھىن جەھەتتىن ۋە يىتىلىشى جەھەتتىن نۇرمال ئەمەس، دەپ قارايتتى. بىراق كىچىك ئېينىشتىيىننىڭ فانتازىيلىك تۇيغۇسى كۈچلۈك ئىدى. تەبىئەت ھادىسىللىرىگە قاتتىق قىزىقىپ يۈرەتتى. ئۈزىنىڭ ئەسلىشىگە قارىغاندا تۆت-بەش ياش ۋاقىتلىرىدا ئۇنىڭدا بىر خىل «مۇقەددەس بىلىم ئېلىش» ئارزۇسى بولغان. شامال ۋە يامغۇرغا، ئاينىڭ نىمە ئۈچۈن چۈشۈپ كەتمەيدىغانلىقىغا ھەيران قالغان. بۇلارنىڭ تىگى-تەكتىنى بىلىشكە بولغان ئىنتىلىش ئۇنىڭدا ئۆتكۈر كۈزۈتۈش قابىليىتىنى يىتىشتۈرگەن. بىر كۈنى دادىسى ئۇنىڭغا بىر كۇمپاس ئېلىپ بىرىدۇ، ئۇ كۇمپاسنى قايسىلا تەرەپكە قاراتسا ئىچىدىكى سىتىرىلكىنىڭ ھامان ئوخشاش بىر يۈنۈلشنى كۆرسىتىپ تۇرغانلىقىنى بايقايدۇ. بۇ ئۇنىڭدا زور قىززىقىش پەيدا قىلىدۇ. ئۇ 12 ياش ۋاختىدا ئاممىباپ ئىلمى كىتاپلارنى ئۇقۇپ چىققاندىن كىيىن تىزلا «ئىنجىل» دىكى ھىكايىلەرنىڭ نۇرغۇنلىرى راست ئەمەس دىگەن تۇنۇشقا كەلگەن. ئۇ ئېۋكىلىتنىڭ «گىومىتىريەنىڭ ئەسلى نۇسخىسى» نى ئۇقۇپ چىقىپ، ئۇنىڭدىكى پىپاگور ‹گۇگۇ› تىئورمىسى ‹تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچبۇلۇڭ تىئورمىسى› ئۇنى چوڭقۇر جەلىپ قىلىدۇ. ئېينىشتىيىن بۇلارنى زوق-ئىشتىياق بىلەن ئەسلەپ: «ئەگەر ياش ۋاقتىمدا مۇشۇ ئەسەر مىنى جەلىپ قىلمىغان بولسا، نەزىريە تەتقىقاتچىسى بۇلۇپ يىتىلىىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى» دەيدۇ. شۇ يىلى ئېينىشتىيىن لونفود ئوتتۇرا مەكتىۋىگە كىرىپ ئۇقۇيدۇ.
ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى گىرمانىيە مەكتەپلىرىدىكى ئاشۇنداق قاتمال، ئۈلۈك مائارىپ تۈزىمىنى ياقتۇرمىغانلىقتىن بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگۈچە ئۇقۇمايدۇ. 1894-يىلى ئۈيىگە قايتىپ كىلىپ دادىسىنىڭ يىتەكچىلىگىدە ئۆزلىگىدىن ئۈگۈنىدۇ. 1895-يىلى ئېينىشتىيىن سىيورىخ فىدراتىپ سانائات ئىنىستىتوتىغا ئىمتاھان بىرىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ماتىماتىكا نەتىجىسى كۈرۈنەرلىك بولسىمۇ، ئورتاق نەتىجىسى ناچار بولغانلىقتىن قۇبۇل قىلىنمايدۇ. كىيىن كىيىن بائاۋۇرىيە ئوتتۇرا مەكتىۋىدە بىر يىل تۇلۇقلاپ ئۈگۈنۈپ، 1896-يىلى فىدراتىپ سانائەت ئونۋىرسىتىتى دارىلمۇئەللىمىن فاكولتىتىغا ئىمتاھان بىرىپ كىرىپ، ماتىماتىكا، فىزىكىنى بىرىلىپ ئۈگۈنىدۇ، ئۇ ۋاقتىنىڭ تۇلىسىنى فىزىكا تەجىربىخانىسدا ئۆتكۈزىدۇ. بۇچاغدا ئۇ كەلگۈسىدە نىمە قىلىشنى بايقاپ فىزىكا نەزىريىسىنى بىرىلىپ ئۈگۈنىدۇ، فىزىكا ئالىمى بۇلۇشقا نىيەت باغلاپ، نەزىريە تەتقىقاتىغا كىرىشىدۇ. لېكىن بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن، ئىشسىز قېلىپ تۇرمۇشتا قىيىنچىلىق تارتىپ، ناچار ئۇقۇغۇچىلارغا ماتىماتىكا ۋە فىزىكا ئۈگۈتۈشتىن تاپقان كىرىمىگە تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايدۇ. 1901-يىلى ئۇ توي قىلدى، ھەمدە بىر ساۋاقدىشىنىڭ دادىسىنىڭ دوستىنىڭ كۆرسىىتىشى ئارقىلىق بىكار يۈرىيدىغان لېكىن كىرىمى ئانچە يۇقۇرى بولمىغان ئۇرۇنغا يەنى بېرىن شىۋىتسارىيە فىدراتىپ پاتىنت (خاس پايدا) ئىدارىسىگە كىرىپ، پاتىنت تەكشۈرگۈچى خادىم بۇلىدۇ. 1905-يىلى 26 ياشقا كىرگەن ئېينىشتىيىن ناھايىتى قىيىن شارائىت ئاستىدا، نۇرغۇنلىغان ئىلمى تەجىربە پاكىتلىرىغا ئاساسەن، نىيوتۇننىڭ نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان مۇقەددەس دەخلىسىز بۇلۇپ كەلگەن مۇتلەق زامان‹ ۋاقىت › ۋە مۇتلەق ماكان ‹بوشلۇق› قارىشىنى ئىنكار قىلىپ، نىسپىيلىك نەزىريىسىنى ۋە يۇرۇقلۇق تىزلىكىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكى پىرىنسىپىنى ئوتتۇرغا قۇيىدۇ. ھازىرقى زامان فىزىكىسىنىڭ نەزىريىۋى تۈۋرىكنىڭ بىرى بولغان تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزىريىسىنى بەرپا قىلىدۇ. شۇنداقلا شۇ يىلى 3- 6-ئايلاردا ئۇ يەنە «فوتۇ-ئىلىكتىر ئېفكىتى نەزىريىسى» ۋە «برئون ھەركەت نەزىريىسى»نى ئىلان قىلىدۇ. ئېنىشتىيىن گېرمانىيىنىڭ «فىزىكا ژورنىلى» دا ئارقا- ئارقىدىن ئۈچ پارچە ماقالە ئىلان قىلىپ، ئۈچ مۇھىم ساھە بۇيىچە تارىخى خارەكتىرلىك نەتىجىگە ئىگە بۇلىدۇ. ئۇنىڭ مۇۋاپىقىيتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەر بىر پارچە ماقالسى بىلەن نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشەلەيتتى. شۇ يىلى 3-ئايدا ئىلان قىلىنغان «نۇرنىڭ پەيدا بۇلىشى ۋە ئۇنىڭ ئايلىنىشىدىكى رىغبەتلەندۈرىدىغان نوختىنەزەر توغىرىسدا» دىگەن ماقالىسىدە ئېينىشتىيىن پىلانىكنىڭ كۋانىت پەرىزىنىڭ ئىلھامىدا «يۇرۇقلۇق كۋانتى تەلىماتى»نى ئوتتۇرغا قۇيۇپ، «ئىلىكتىر ماگىنىت دولقۇنىنىڭ ئىنىرگىيسى پارچە- پارچە يۇرۇقلۇق كۋانتى ئارقىلىق تارقىلىدۇ» دەپ قارايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ كۋانت نەزىريىسىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، ئىلىم-پەن تارىخىدا تۇنجى قېتىم مىكرو ئوبىكتىپ جىسىمنىڭ دولقۇنلۇق ۋە زەرىچىلىكتىن ئىبارەت ئىككى ياقىلىمىلىق خۇسۇسىيتىنى شەرھىلەپ بىرىدۇ. ئۇ يەنە كۋانت نەزىريەسى ئارقىلىق فوتو-ئىلىكتىرىك ئىففىكىت، رادىئاتسىيە جەريانى ۋە قاتتقىق جىسىمنىڭ سېلىشتۇرما ئسسىقلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. بۇلار كۋانىت مىخانىكىسىنى تىكلەش ئۈچۈن ئاساس يارىتىدۇ.
1921-يىلى ئېينىشتىيىن «فوتو- ئىلىكتىرىك ئففىكىت قانۇنى» نى بايقىغانلىقى ئۈچۈن شەرەپ بىلەن نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئىرىشىدۇ. ئېينىشتىيىن بۇ شانلىق نەتىجىلەرگە ئىگە بولغاندىن كىيىن، ئۆز غەلبىسىدىن مەس بۇلۇپ كەتمەيدۇ. ئۇ ھەقىقەتنى تېپىش يۇلىدا زادى توختىمايدۇ. تىزلىنىشچان ھەركەتنىڭ نىسپىيلىگى ئۈستىدە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىزدىنىدۇ. 1907-يىلى تارتىش كۈچى مەيدانىدا ھەممە جىسىملار ئوخشاش تىزلىنىشتا بۇلىدىغانلىقى ئۈستىدىكى تەجىربە ئەمىليىتىگە ئاساسەن بىر خىل تارتىش كۈچى مەيدانىنىڭ تەكشى تىزلىنىش بىلەن تەڭ قىممەتتە بۇلىدىغانلىغىدىن ئىبارەت قائىدىنى ئوتتۇرغا قويدى. 1902-يىلىدىن 1909-يىلغىچە ئۇ 8 يىل «3-دەرىجىلىك مەخسۇس خادىم» لىق ۋەزىپىسىدە بولدى. 1909-يىلى مەشھۇر فىزىكا ئالىمى گىرمانىيە مائارىپ مىنىستىرى پلانكىنىڭ كۆرسىتىىشى ئارقىلىق سىيورىخ ئونۋىرسىتىتىنىڭ نەزىريە فىزىكا دوتسىنتى بۇلىدۇ. ئېينىشتىيىننىڭ شانلىق نەتىجىللىرىگە ئاساسەن، پلانك: «ئەگەر ئېينىشتىيىننىڭ نەزىريىسى ئىسپاتلىنىدىغان بولسا، ئۇنىڭغا ⅩⅩ-ئەسىردىكى كوپىرنىكنىڭ ھەقىقەتنى ئىسپاتلىغانلىقى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمەن» دىگەن ئىدى.
ئېينىشتىيىن 1911-يىلى فىراگا گىرمانىيە ئونۋىرسىتىتى نەزىريە فىزىكىسى پىراپپىسورى بۇلىدۇ. 1912- يىلى شىۋىتسارىيەگە قايتىپ كىلىپ سىيورخ فىدراتىپ سانائەت ئونۋىرسىتىتىنىڭ نەزىريە فىزىكا پىراپپىسورى بۇلىدۇ. 1913-يىلى فروسىيە پەنلەر ئاكادىمىيسىنىڭ ئاكادىمىكلىكىگە سايلىنىدۇ. شۇ يىلى بىرلىن ئونۋىرسىتىنىڭ فىراپپىسورى قوشۇمچە ۋىليام پادىشاھلىق ئىلمى جەمىيتى فىزىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بۇلىدۇ. ئېينىشتىيىن غايەت زور خىزمىتىنى 1915-يىلى ئۇرۇنلاپ، خۇلاسە خارەكتىرلىك ئەسەر- «كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزىريىسى» نى ئىلان قىلىدۇ. ئاندىن ئۇ كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىكتىكى تارتىشش كۈچى نەزىريىسى ۋە ھەركەت تەڭلىمىسگە ئاساسەن نۇرنىڭ تارتىش كۈچى مەيدانىدا ئاغىدىغانلىقى، مىركورىنىڭ قۇياشقا يېقىنلاشقان نوختىسىدا قوزغۇلۇش پەيدا بۇلىدىغانلىقى ۋە قۇياش كۈچى مەيدانىدىكى سىپىكتىر سىزىقلىرىنىڭ قىزىل تەرەپكە قاراپ ھەركەت قىلىدىغانلىقى توغىرىسىدىكى ئۈچ چوڭ بىشارەتنى ئوتتۇرغا قويدى. 1919-يىلى ئەنگىليە ئاستىرنوملىرى كۈننىڭ تۇتۇلىشىنى كۈزىتىش ئارقىلىق ئېينىشتىيىننىڭ تارتىش كۈچى مەيدانىدا نۇرنىڭ قايتىدىغانلىقى توغىرىسىدىكى بىشارەتنى دەلىللىگەن. كۈزىتىش نەتىجىسىنىڭ ئىلان قىلىنىشى بىلەن پۈتۈن دۇنيا بۇيىچە زور تەسىر قوزغىغان ئېينىشتىيىن 1921-يىلى نۇبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئىرىشىدۇ. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن ئۇ دۇنيا بۇيىچە داڭلىق پۈتۈن يەر شارى بۇيىچە شۆھرەتلىك ئەرباپ بۇلۇپ قالغان. لېكىن ئۇ ھېچقاچان ئۈزىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىرى بىلەن قانائەتلىنىپ قالماي يەنىلا مەلۇم بولمىغان ھەقىقەت ئۈسىتىدە كەمتەرلىك بىلەن ئۆزلىكسىز ئىزدىنىپ، ئىلىم-پەننىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەم قورغانلىرىغا توختىماي ھۇجۇم قىلغان. ئۇ: « مەن بىر پارچە تاختاينىڭ ئەڭ نىپىز، ئەڭ ئاسان تەشكىلى بۇلىدىغان يىرىنى تېپىۋېلىپ، نۇرغۇن تۈشۈكلەرنى تىشىۋېتىدىغان ئالىملارغا تاقەت قىلىپ تۇرالمايمەن» دىگەن ئىدى. ئۇ ئۆمرىنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا يەنى نىسپىيلىك نەزىريىسى ئالەمشۇناسلىق ۋە بىرلىككە كەلگەن مەيداندىن ئىبارەت بەكمۇ قىيىن بولغان ساھەلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يۇلىدا ئىزلىنىش خارەكتىردىكى خىزمەتلەرنى ئىشلەيدۇ. ئۇ بۇ تەتقىقاتلاردىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چوڭ نەتىجە ھاسىل قىلىش ئاسان ئەمەسلىگىنى ئىنىق بىلسىمۇ، لېكىن ئۈزنىڭ شەخسى پايدا زىيىنى بىلەن ھىساپلاشماي پۈتۈن زىھنىنى مۇشۇ تەتقىقاتقا سەرىپ قىلىدۇ. بۇلۇپمۇ مۇشۇ جەھەتتىكى ئىزلىنىشىگە كىيىنكى ھاياتىدىكى پۈتۈن زىھنىنى سەرىپ قىلىپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجە ھاسىل قىلالمىغان نەتىجە ھاسىل قىلالمىغان بولسىمۇ لېكىن قىلچە پۇشايمان قىلمايدۇ. كىيىنرەك ئۇنىڭ دىققەت كۈچىنى بارغانسىرى كۆپرەك يەھۇدى دۆلىتىنى تىرىلدۇرۇش ۋە دۇنيا يىنىچلىقى مەسىلىلىرى ئىگەللىۋالىدۇ. 1932-يىلى ئېينىشتىيىن مەشھۇر فىزىكا ئالىمى لانگېۋىن بىلەن بىرلىكتە فاشىسىزىمغا قارىشى تۇرىدۇ.
1933-يىلى گىتلىر تەخىتكە چىقىپ، ئېينىشتىيىننىڭ نىسپىيلىك نەزىريىسىنى «يەھۇدى پىتنىسى» دەپ جاكارلايدۇ. ئۇنى بىرلىن پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ رويىخېتىدىن ئۈچۈرۋېتىدۇ، ھەمدە ئېينىشتىيىننىڭ ئەنگىليەنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلنىپ، ئۇنى سىرتتىن ئۈلۈمگە ھۈكۈم قىلىدۇ، ئۆيى تىنىتىلىدۇ، مال- مۈلىكى مۇسادىرە قىلنىدۇ، ئەسەرلىرى كۆيدۈرۋېتىلىدۇ. شۇ يىلى 10-ئايدا ئېينىشتىيىن ئامرىكىغا بېرىپ، يىڭى جىرسىې شىتاتىنىڭ پىرېنىستۇن ئالى تەتقىقات ئورنىدا پىراپىسسور بۇلىدۇ. 1940-يىلى ئۇ ئامېرىكا تەۋەلىكىگە ئۈتىدۇ، شۇنىڭدىن كىيىن داۋاملىق ھالدا ئامرىكىدا نەزىريە فىزىكىسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئېينىشتىيىن نىيوتۇندىن قېلىشمايدىغان ئىلىم-پەن پىشىۋاسى. ئۇ فىزىكىنىڭ نۇرغۇن ساھەلىرىدە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان. ئەگەر پەقەت مۇھىمىنىلا تىلغا ئېلىشقا توغرا كەلسە، ئۇنداقتا، خۇددى ئېينىشتىيىن ۋاپات بۇلۇش ئالدىدا قالدۇرغان بىر قول يازما ئارگىنالىدا خۇلاسە قىلغاندەك: «زامان، ماكان، تارتىش كۈچى، ماسسا ۋە ئىنىرگىيە تەڭ قىممەتلىك نەزىريىسى قاتارلىق يىڭى نوقتىنەزەرلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان نىسپىيلىك نەزىريىسىنى بەرپا قىلىش، بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن مەيدان نەزىريىسىنى تىكلەش ‹پۈتتۈرەلمەيدۇ› كۋانىت نەزىريەسىنى راۋاجلاندۇرۇشقا تۆھپە قۇشۇش ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىشى كىرەك». كىيىن ئېينىشتىيىن كۋانىت مىخانىكا نەزىريەسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىزچىل تۈردە كۈڭۈل بۈلۈپ، كوپنھاگىن ئىلمى ئېقىمىدىكى بور، بون قاتارلىقلار بىلەن ئىلىم جەھەتتە 30 يىلغا يېقىن بەس مۇنازىرە قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا، ئۇنىڭ ئۈستىگە يىتەكچىلىك قىلغۇچى ئۇستاز بولمىغان ئەھۋالدا مۇشۇنداق ئۇلۇغ مۇۋاپىقىيەتلەرگە ئىگە بۇلىشى ئىلىم- پەن تارىخىدا بۇلۇپ باقمىغان ئىش ئىدى.
ئېينىشتىين نوپۇزغا خۇراپىيلارچە ئىشىنپ كەتمىگەن، باشقىلارنىڭ ئۈزىگە خۇراپىيلارچە ئىشىنىپ كىتىشىگە ۋە چۇقۇنىشىغا قارشى تۇرغان. 1952-يىلى ئىسرائىلىيە زۇڭتۇڭى ۋېسمان ئۆلگەندىن كىيىن، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ۋە كەڭ جامائەت ئۇنىڭ زۇڭتۇڭ بوۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ پەقەت: «مەن زۇڭتۇڭ بولالمايمەن» دىگەن سۆزنىلا قىلىدۇ. ئۇنىڭ «ھەقىقەتكە ئىگە بۇلۇشقا قارىغاندا ھەقىقەتنى تېپىش تېىخىمۇ قىممەتلىك» دىگەن ھىكمەتلىك سۈزى بار. دەرۋەقە ئۇ ھەقىقەتنى تېپىش يۇلىدا مەڭگۈ «توختىماي» ئۇتتى. شۇنداق دىيىشكە بۇلىدۇكى ئىلىم-پەننىڭ ئەگىرى-تۇقاي يوللىرىدا باتۇرلۇق بىلەن يۇقۇرى پەللىگە ئۆرلىگەن يېرىم ئەسىردىن كۆپ ۋاقىتى ئىچىدە ئۇ بىر كۈنمۇ تىنىم تاپمىغان. ھازىرقى ۋاقىتتىكى ئاتۇم ئىنىرگىيسدىن پايدىلنىش، تۇنجى ئاتۇم بومىبىسىنى ياساش، قۇياش ئىنىرگىسىدىن پايدىلنىش، قوزغۇتۇلغان نۇر تېخنىكىسىنىڭ كۆپ قوللىنىشى… مانا مۇشۇ پەن-تەخنىكىدىكى ئۇلۇغ نەتىجىلەرنىڭ ھەر قايسىسىغا ئېينىشتىيىن ئۆز ھاياتىدىكى جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق نەزىريىۋى ئاساس سېلىپ بەرگەن. ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنيىتى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشۇپ، پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە ئىرىشكەن ئۇلۇغ فىزىكا ئالىمى ئېينىشتىيىن 1955-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى 76يېشىدا ئامرىكىدا كىسەل كارۋىتىدا تەتقىقات ئۈستىدە ۋاپات بولدى.
مەنبە : ۋىكىپېدىيا تورى
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top