• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » «ھەممە ئېقىملارنىڭ بەس – بەستە سايرىشى» دىن ھەممە كىشىلەرنىڭ بەس – بەستە «ھاڭرىشى» غا نەزەر

«ھەممە ئېقىملارنىڭ بەس – بەستە سايرىشى» دىن ھەممە كىشىلەرنىڭ بەس – بەستە «ھاڭرىشى» غا نەزەر

كۆلتىكىن

ھەرقانداق توپلۇم، مىللەت، جەمىئىيەت ياكى مەدەنىيەتنىڭ تارىخىغا نەزەر سالدىغان بولساق ئولار ئەڭ قىين كىرىزىس ئىچىدە قالغاندا شۇ  توپلۇم ئىچىدىن چىققان سەرخىللار ئولارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە چۇڭقۇر ئويلىنىپ ۋە ئىزدىنىپ يېڭى ئىدولوگىيە، پىكر ۋە  چارە- تەدبىرلەرنى ئوتترىغا قويغانلىقىنى بايقايمىز. شۇنداقلا شۇ مىللەتنىڭ ئەڭ كاتتا كىشىلىرىنىڭمۇ موشۇ دەۋىردە بارلىققا كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ يىتىمىز. مەسىلەن، ئاتىنانىڭ سىپارتادىن يىڭلىشىدىن كىين مەيدانغا كەلگەن يۇناننىڭ قايتا ئويغىنىشى شۇنداقلا بۇ  دەۋرىدە ئوتترىغا چىققان سوقرات، ئەپلاتۇن ۋە ئارستوتىل قاتارلىق پەيلاسوپلار؛15- ئەسىردىن كىين سىرتقى جەھەتتىن ئ‍وسمان تۈرك ئىمپىرىيەسىنىڭ ئەسكىرى ۋە سىياسى بېسىمى ۋە ئىچكى جەھەتتىن چىركاۋنىڭ ئىدولوگيە ۋە ئىقتسادى زۇلۇمىغا قارشى مەيدانغا كەلگەن   Renaissance (ئەدەبىيات – سەنەتنىڭ قايتا گۈللىنىش)  دەۋرى ۋە بۇ ۋاقىتتا ئوتتىرىغا چىققان ماكياۋىللى، توماس خوببىس قاتارلىق گىگانىت شەخسلەر، شۇنداقلا بۇ ئويغىنىشىنىڭ ئىككىنچى دولقۇنى بولغان ئىدىيە ئاقارتىش ھەركىتى (Enlightenment) دەۋرىدىكى دېكارت، خيۇم، رۇسسو، جون لوك، مونتىسكىيو …. قاتارلىق مۇتەپەككۇرلار بۇنىڭ مىسالى بولالايدۇ. شۇنداق، يەنە 1- دۇنيا ئۇرشىدىكى ئېچىنىشلىق تىراگىدىيەدىن كىين ئۇرۇشتىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟ دېگەن سۇئالنى چۆرىدىگەن ھالدا بارلىققا كەلگەن خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىلىمىنىمۇ بۇ كاتىگورىيەگە كىرگۈزۈشكە بولىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا بىزگە تونۇش بولغان ياكى بەك تونۇش بولمىسىمۇ ئانچە – مۇنچە خەۋرىرىمىز بولغان خىتاينىڭ ئەمىنىيە ۋە يېغىلىق دەۋرىمۇ خىتاي تارىخدىكى ئەڭ چوڭ سىياسىي كىرىزستىن كىين  مەيدانغا كەلگەن ۋەھشى ۋە تىراگىدىيەلىك بىر زاماندۇر. كۆپىنچىمىز بىلگەندەك بۇ ۋاقىتتا خىتايچە 百家争鸣 يەنى ئۇيغۇرچە «ھەممە ئېقىملار بەس – بەستە سايراش» دەپ ئاتالغان بىر ھادىسە ئوتترىغا چىقتى. لاۋزى، گۈەن جۇڭ،زىشيا، لى كۈي،شاڭياڭ، كوڭزى،مىڭىزى، شۈنزى، خەن فېي….قاتارلىق خىتاي پەيلاسوپلىرى بۇ سىياسىي كىرىزىس ۋە تەپرىقچلىقتىن قانداق قۇرتۇلۇپ چىقىش ھەققىدە ئىزدەندى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا  شۈنزى ۋە خەن فېي قاتارلىقلار ئوتترىغا قويغان (ئىنسانىيلىققا يات بولغان) سىياسەت پەلسەپىسى 法家  ئارقلىق خىتايلارنىڭ سىياسى بىرلىكى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. (法家 ئۇيغۇرچىغا قانۇنچىلار ئېقىمى دەپ تەرجىمە قىلنغان بولۇپ، بۇ خىل تەرجىمە بۇ پەلسەپەنىڭ ماھىيتىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن. خىتايچىدىكى  法 بىلەن بىزنىڭ ۋە غەربلىكلەرنىڭ بىلشىمىزدىكى Law نىڭ مەنىسى بىربىرىگە ئاساسىي جەھەتتىن زىت،شۇڭا مەن قانۇنچىلار ئېقىمى دەپ ئالمىدىم. بۇنىڭغا تىلچى ۋە سىياسەتچلەر بىرلىشىپ باشقا ئىسىم قويۇپ چىقىشى لازىم.)  بۇ كىرىزس دەۋرىدە خىتاينىڭ ھازىرغىچە داۋملىشىپ كەلگەن ئىدولوگىيەسى ئ‍اساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىپ بولدى ۋە خىتايلارنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە خىتاي بولۇپ تۇرالىشىنىڭ ئىدولوگىيە قورالى مەيدانغا كەلدى.

يۇقارقى ئىككى مىسالدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، بىر توپلۇمدا بارلىققا كەلگەن  كىرىزىس ئىنسانلار ئارسىدا كەسكىن مۇنازىرە، چۇڭقۇر ئىزدىنىش ۋە ئىدىيە جەھەتتىن كەڭ دائىرىلىك يېڭىلىنىشنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. بۇ يېڭىلىنش شۇ توپلۇمنى كىرزىستىن قۇتۇلدۇرۇپ يېڭى ھاياتقا ئېلىپ كىرىشتە موھىم رول ئوينايدۇ. لىكىن بۇنداق نەتىجە بىرىشنىڭ  ئەڭ مۇھىم شەرتى ئىزدىنشنىڭ ئۇسۇلى ۋە جەريانىدۇر. ئۇسۇل توغرا بولمىسا يېڭى يول ۋە ئىدولوگىيە ئ‍وتترىغا چىقمايدۇ. مانا بۇ ئۇسۇل ئ‍وتترىغا چىققان پىكىرنىڭ «سايراش» ياكى «ھاڭراش» ئىكەنلىكىنى بەلگىلەيدۇ. يۇقارقى ئىككى مەدەنىيەت ئىنسانلىرىنىڭ ئاشۇ كىرىزىس دەۋرىدە نىمە قىلغىنى ھەققىدە كىچىككىنە توختىلىش بەلكىم بىز ئۈچۈن پايدىلىق بىر ئەينەك بولىشى مۇمكىن.  ئولارنىڭ ئۇسۇللىرى:

بىرىنچى: چۇڭقۇر ئىزدىنىش. مەيلى خىتاي مۇتەپەككۇرلىرى بولسۇن ياكى غەرب پەيلاسوپ ۋە ئالىملىرى بولسۇن بىر مەسىلە ھەققىدە يىللارچە چۇڭقۇر ۋە ئىنچىكە تەھىلىل ئېلىپ بارغان. مەسىلەن كۇڭزى دېگەن خىتاي، جەمىيەتنى قائىدە- يۇسۇن ۋە مۇراسىم ئارقلىق ئىدارە قىلشنىڭ مۇۋاپىق ئ‍ىكەنلىكى ھەققىدە بىر ئۆمۈر ئىزدەنگەن بولسا، خەن فېي دېگىنى ئىنساننىڭ تەبىئىتىنىڭ ناچار ئىكەنلىكى،زاماننىڭ ئ‍ۆزگىرىپ قائىدە يۇسۇننىڭ كارغا كەلمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقى شۇڭا ناچار تەبىئەتكە ساھىب بولغان ئىنسانلارنى باشقۇرۇش ئ‍ۈچۈن ئولار كۆتۈرەلمىگۈدەك  جازالاش بېرىش (دۆلەت تېرورىزىمى)  ۋە بەزىلىرىنى موكاپاتلاشنىڭلا ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى ئوتترىغا قويغان. ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇزۇن يىللار ئىنساننىڭ تەبئ‍ىيتى، قارار چىقىرىش  سەۋەبى ۋە خىتاينىڭ تارىخى ھەققىدە ئىزدەنگەن.  غەربتە تەرەپتە بولسا بۇ ئۇسۇل تېخمۇ روشەن ۋە كەسكىن بولغان. مەسىلەن دېكارت بىلم، ۋەھىي ۋە ئەقلنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە بۇ ئارقلىق بىلىمنىڭ ساھەسىنىڭ نىمە بولىشى ئىكەنلىكى ھەققىدە بىر ئۆمۈر ئىزدەنگەن. ماكىئاۋېللى دۆلەت ئەخلاقى ۋە كىشىلىك ئەخلاقنىڭ پەرقى ھەققىدە؛  توماس خوببىس دۆلەتنىڭ مەشرۇتىيەتى (قانۇنىيلىق ئاساسى)، خەلىقنىڭ ئىرادىسى ۋە دۆلەتنىڭ ھوقى ھەققىدە؛ جون لوك ئادالەت، شەخسى مۈلۈك ۋە ئەركىنلىك ھەققىدە؛ مونتسكىيۇ ئىدارە كۈچىنىڭ بۆلىنىشى ھەققىدە…. يىللارچە ئىزدەنگەن شۇنداقلا بۇلار ھەققىدە سېستملىق ئەسەرلارنى يېزىپ چىققان.

ئىككىنچى: بىر نوقتىغا مەركەزلىشىش، يەنى كەسپلىشىش. يۇقارقى مۇتەپەككۇرلار ئۆزىنىڭ ساھەسىدىلا تەتقىقات ئېلىپ بارغان. كوپىرنىك ۋە گالېلىي ئ‍اسمان جىسىملىرى ھەققىدە، نىيۇتۇن فىزىكا ھەققىدە كانت پەلسەپە ھەققىدە… ئارنولد تويبنى تارىخ ھەققىدە، مورگېنتاۋ ۋە ۋالتىز قاتارلىقلار خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە ئىزدەنگەن. ھىچقاچان ئېينىشتىن بىلەن دارۋىننىڭ سىياسەت ساھەسىگە،  ستىۋىن خاۋكىڭ بىلەن ئېلىن ماسك خەلقئارا مۇناسىۋەت دائ‍ىرىسىگە كىرۋالمىغان. خىتايلاردىمۇ شۇنداق بولغان، سۈنزى ئ‍ۇرۇش ھەققىدە،شىن داۋ ھىيلىگەرلىك ھەققىدە، لى كۈي، شاڭ ياڭ ۋە خەنفېي جازا قانۇنى ھەققىدە  يازغان ۋە ئىزدەنگەن.

بىز ھازىر ھەقىقەتەن ئېغىر كىرىزىس ئىچىدە تۇرىۋاتىمىز شۇنداقلا بۇ كىرىزستىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى ھەققىدە ئىزدىنۋاتىمىز، يېزىۋاتىمىز، سىزىۋاتىمىز ۋە سۆزلەۋاتىمىز. ئەمما قوللانغان ئ‍ۇسۇل جەھەتتە ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يۇقارقى ئىككى سەۋىيەگە كىلىپ بولالمايۋاتىمىز. بۇ سەۋەبتىن تالاش- تارتشلار بېسقماي كەلمەكتە. ئەلۋەتتە، مۇنازىرىنىڭ بېسقىپ قالمىغىنى ياخشى لىكىن بۇ مۇنازىرىلەردىن پايدىلىق بىر نەتىجە يەنى خۇلاسە چىقمايۋاتىدۇ. سەۋەبى بولسا سەۋىيە تۆۋەن.  بۇ سەۋەبتىن مۇنازىرە دېسە بىلمىگەننى ئۈگىنش سورۇنى ئ‍ەمەس جەڭ مەيدانى دەپ بىلدىغان، خاتا گەپ سۆزنى تۈزىتىپ قويسا دۈشمەنگە چىقىرۋىتىدىغان، رەدىيە يازمىسى يازسا ئىچىدىكى ناچار ئادەتلەرنى قەغەز يۈزىگە قۇسىۋىتدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەكتە.

بۇلارنىڭ سەۋەبى، بىزدە يۇقارقىدەك بىر ساھەدە يىللارچە چۇڭقۇر ئىزدىنىش كەمچىل بولىۋاتقانلىقىدۇر.   كەسپتە تەربىيلىنىپ چىققانلار بىر قەدەر  ئاز، بار بولسىمۇ ھە دىسىلا ھەممە ساھەگە كىرۋېلىش ئېغىر. بەزىلرىمىزنىڭ قىلۋاتقىنى،  تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق بىر شەكىلدە،بىر يىل بازاردا نىمە بەكرەك پۇل بولسا شۇ ئىشنى قىلشقا يۈگرەيدىغان ئ‍ۇششاق ئېلىپ ساتارغا ئ‍وخشاپ قېلىۋاتىدۇ. يەنى  قايسى مەسىلە قىزىزىق نوقتىغا ئايلانسا سالاھىيتىنى سۈرۈشتۇرۇپ ئولتۇرمايلا يۈگۈرۈپ كىرۋېلىش ئېغىر بولماقتا. بولۇپمۇ سىياسەت، خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە جەميەتشۇناسلىق ساھەسىگە نۇرغۇنلىغان بۇ كەسپتىن بولمىغان «كىتاب ۋە ماقالە -خەۋەر ئوقۇغۇچى» لار قىزغىن ئ‍شتراك قىلىپ سەپنىڭ ئالدىغا ئۆتمەكچى ۋە ئۆزلىرى بىلەن ئولتۇرپلا  قوراشتۇرۇپ چىققان ئىددىيەلىرىنى زورلاپ تىڭشقا ئۇرۇنماقتا. سەپنىڭ ئالدىغا ئۆتمەكچى بولغانلىقى ۋە پىداكارلىق بىلەن ئوتترىغا چىققىنى تەقدىرلەشكە تىگىشلىك روھتۇر. ئەمما، بۇ كەسپتە بىلىمنىڭ بولماسلىقى ، كەسپى بىلمنى خالغان بىر قانچە كىتاب ۋە ماقالە ئ‍وقۇۋېلىش ئارقلىقمۇ ئالغىلى بولدىغانلققا ئىشىنىشى، مۇنازىرە ئەخلاقىنى قايرىپ قويۇپ سەھرادىكى قوپال دىھقان ياكى مەشرەپكە پۇل بىرىپ ئەكەلگەن قىززىقچى ھەزلىكەش ئۇسلۇبىدا تەپەككۇر يۈرگۈزۈشلىرى نۇرغۇنلىغان كۈڭۈلسىزلىك، ۋاقىت ئ‍سراپچىلىقى ۋە مۇنازىرە سەۋىيەسىنىڭ چۈشۈپ كىتىشىگە ۋە ئاخىرىدا چايخانا پاراڭلىرىغا ئايلىنىپ كىتشلەرگە سەۋەب بولماقتا. مەخسۇس شۇ كەسپتە نەچچە يىل تەربىيە ئالغان ياكى ئېلۋاتقان كىشىلەر بىلەن بۇنچە ئىشەنچ  بىلەن تۇتۇشۇپ كىتشكە سەۋەب بولغان جاسارەتنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكى ئادەمنى ئويغا سالماي تۇرالمايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالنى نە ئ‍ىلمىيلىك بىلەن نە ئەقىلي تەپەككۇر بىلەن چۈشىنىش ياكى چۈشەندۈرۈش مۇمكىن ئەمەس، بۇ پەقەت شۇ كىشىلەرنىڭ ئ‍ۆزىنىڭ كاللىسىدىلا مۇمكىن.

يەنە بىر ئېچنشلىق ئەھۋال بولسا خېلى بەك ئۇقۇمۇشلىق ۋە ئىلمي دەپ قارالغان كىشىلەرنىڭمۇ توغىرىنى قوبۇل قىلش ئۆلچىمىنىڭ  پىكرنىڭ ۋەزنى ئەمەس بەلكى كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە ياكى ئ‍ۆزىگە قارشى بولغان كىشىگە قارشى بولغان كىشىنىڭ پىكىرى ئىكەنلىكىدۇر. بۇ ئىچى تارلىق، ئۆزىگە بولغان ئىشىنشىنىڭ كەمچىللىكى ۋە ئاداۋەتخورلۇقتىن كەلگەن بولىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئىللەت قارشى تەرەپنىڭ كۆز قارشىدىن خاتا يەرلەرنىلا ئىزدەيدىغان ياكى ئ‍سىمىنى كۆرۈپلا ھۈكۈمنى چىقىرۋىتىدىغان خاھىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نەتىجىدە توغرا بولغان پىكىر بىرلىكىگە ئەمەس، سورۇندا خوش -خوش دەپ قويغان ياغلمىچىلىققا ۋە قارشسىدىكى «رەقىپ» كە قارشى «ئىتىپاقلىق» ئاساسىدا شەكىللەنگەن گوروھۋازلىق ئوتترىغا چىقىدۇ. ئەملىيەتتە بۇنىڭ ھىچكىمگە پايدىسى بولمايلا قالماي  بولۇپمۇ كىرزىس ئىچىدىكى بىزدەك خەلققە زىيانلىقتۇر. مانا بۇنىمۇ كۆرۈپ يىتەلمەسلىك بۇ تۈردىكى ئىنسانلارنىڭ سەۋىيەسىنىڭ قانچىلىكلىكىنى ۋە نە قەدەر خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى كۆرستىشكە يىتەرلىكتۇر.

بىزنىڭمۇ بىر كىرىزس ئىچىدىن چىقىش ئ‍ۈچۈن تىپرلاۋاتقىنىمىز ھەقىقەت. لىكىن بۇ تىپىرلاش ۋە ئىزدىنشلەر قايسى خىل شەكىلدە ۋە قايسى ئۇسۇلدا بولىۋاتىدۇ؟ بىز قۇرتۇلۇشىمىز كېرەك بولغان نەرسە نىمە؟

بىز ئەنئەنۋى ئىزدىنىش ئۇسۇلىمىزنىڭ ئوربىتاسىدىن چىقىشىمىز لازىم. چۈنكى ئوخشاش ئىش قىلىپ ئوخشىمىغان نەتىجە كۈتۈش ھاماقەتلىكتۇر. ئىلىمنى كەسىپلىشىش سەۋىيەسىگە كۆتۈرىشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ سەۋىيەرىمىزدىن خەلقئارالىق سەۋىيەگە ئېلىپ چىقىشمىز كېرەك. بىزنىڭ كىرىزىستىن قۇرتۇلۇش ئۇسۇلىمىز بىر نەرسە ھەققىدە چۇڭقۇر ئىزدەنمەيدىغان، ئىلىمنىڭ قانۇنىيتىگە ئەمەس شەخسى ھىسىياتىمىزغا تايىنىپ تەپەككۇر قىلدىغان، ھەممە ساھەگە كىرىپ گەپ يورغىتىدىغان شەكىلدە بولىۋاتىدۇ.  ھازىر بىزنىڭ دەل «ھەممە ئېقىملار بەس – بەستە سايرايدىغان» ۋاقىت ئىدى، ئەمما بىزدە «ھەممە كىشىلەر ھەممە ساھەدە بەس – بەستە ھاڭراش» مەنزىرىسى پەيدا بولىۋاتقاندەك تۇرىدۇ. بۇ كىرىزسىنىڭ ئۈستىگە كىرىزىس دېمەكتۇر ۋە بىر ئامال قىلىپ قورتۇلۇشىمىز زۆرۈردۇر.

بىزدە بولغان ئېغىر شۇنداقلا جىددى تۈزەتمىسەك ئاخرىدا بەدىلىنى ئۆزىمىز، بولۇپمۇ خەلقىمىز تۆلەپ كىتىدىغان بىر قانچە ئىللەت بار. ئۇ بولسىمۇ بىلمسىزلىك ۋە نادانلىق، ئۆزىنىڭ روھىي دۇنياسىدىلا ياشاش،دۇنيادىن بىخەۋەر ھالدا  ئوتترا ئەسىر زىھنىيتى سۆرەپ يۈرۈشتۇر. بۇ ئاددى خەلىقتىلا ئەمەس بەزى زىيالى ۋە «داڭلىق» كىشىللىرىمىزدىمۇ مەۋجۇت ئەھۋالدۇر. ھەمىمىز چەتئەلدە ياشاۋاتىمىز، ئەمما چەتئەللىكلەرنىڭ تىلىنى ئ‍ۈگىنىپ جەمىيتىگە سىڭىپ كىرىپ ئولاردا بولغان ئارتۇقچىلىقلارنى ئ‍ۈگىنشنىڭ ئورنىغا ئۇنداق مۇشەققەتلىك ئىشقا كىرىشمەي ئۇيغۇرچە بىر بىرىمىزنىڭ شەخسىيتىگە ھوجۇم قىلدىغان يازمىلارنى يېزىپ بىر بىرىمىز بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرىۋاتىمىز. نەتىجىدە كاللىمىز يەنىلا ۋەتەندىكى كاللا پېتى يىپيېڭى ھالەتتە تۇرماقتا. بۇ بەلكىم بىزگە ئوخشاش كىرزىس ئىچىدە قالغان توپلۇم ئ‍ۈچۈن ئورتاق خۇسۇسيەت بولىشىمۇ مۇمكىن،  ئەمما بۇ كىرزىستىن قۇتۇلدۇردىغان خۇسۇسىيەت ئەمەس.

ئاخىرىدا بۇ يازمىغا قوشۇمچە قىلىپ قويدىغىنم، بىر مەسىلە ھەققىدە كەسىپ ئىگسىنىڭمۇ ۋە ھەۋەسكارلارنىڭمۇ پىكر قاتناشتۇرشى توغرا بىلەن خاتانى ئ‍استىن – ئۈستۈن قىلىپ توغرا يول چىقىپ قالارمىكىن دەپ ئۈمىد بىلەن قاراپ تۇرغان  خەلقنىڭ كاللىسىنى قالايمىقان قىلۋىتىدۇ. ئەملىيەتتە كىمنىڭ توغرا كىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلشىنىڭ % 100 بولمىسىمۇ خېلىلا يۇقىرى دەرىجىدە بىلگىلى بولدىغان  بىر قانچە ئۇسۇلى بار.

1. سۆزلىگۈچى ياكى يازغۇچى تىلغا ئالغان تىما بىلەن شۇ كىشىنىڭ كەسپىنىڭ مۇناسىۋىتى. بۇ ھەقتە بەك ئۇزۇن توختالغىلى بولىدۇ. ئەمما ئازراق ئەقلى بار ۋە سەمىمىي ئادەم ئۈچۈن بۇ بەك چۈشىنشلىك قائىدە. چۈنكى بۇ ئ‍ىلىم ساھەسىدە يۈزلەرچە يىللاردىن بېرى دىيلىپ تەكىتلىنىپ كىلۋاتقان ۋە تىئورمىغا ئايلىنىپ كەتكەن مەسىلىدۇر. ئەگەر بىراۋ ئۆز كەسپىنىڭ سىرتىغا چىقىپ گەپ يورغىلتىۋاتقان بولسا ھە دەپ قويسىلا بولدى. ياق، ھەممە ساھەدە ئات چاپتۇرساق بولىدۇ دېگۈچىلەر ئ‍ۆزلىرىنى 1500- يىللاردىن بۇرۇنقى دەۋرىنىڭ كىشىلىرى دەپ كۆرسە بولىدۇ. لىكىن، دەپ ئۆتىلگەندەك مەلۇم ساھە ھەققىدە ئىزدىنىپمۇ يۇقىرى سەۋىيەگىمۇ يەتكىلى بولىدۇ، ئەمما ئۇسۇل توغرا بولمىسا ماتەم مۇراسىمغا تويلۇق كۆڭلەك كىيىپ بارغاندەك نەتىجە چىقىدۇ. توغرا بولغان ئ‍ۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇسۇلى ئىلمى ۋە ئاكادىمىك ئورگانلاردا  سىستىملىق تەربىيە ئېلىش، ھىچ بولمىسا شۇ يەردىكى بىراۋلارنىڭ يول كۆرستىشى بىلەن ئۈگنىشتۇر. ئۆزۈم كىتاب ئ‍ۇقۇپ مۇتەخەسىس بولىمەن دەپ ئ‍ۆزىڭىزنى ئالدىماڭ ھەم ئۇنداق دىگۈچىلەرگە ئىشەنمەڭ.

2. تىل سەۋىيەسى. تىل خۇددى جەڭگاھتىكى قورالغا ئوخشايدۇ. كۆپ خىل تىلنى ياكى خەلقئارالىق تىلنى بىلىش شۇ تىللارنىڭ تەسىر دائىرسىدىكى ئىلملەردىن خەۋەردار بولۇش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلىدۇ. مسال ئۈچۈن، بىزنىڭ تىلىمىزدا سىياسەت ئىلىمى ھەققىدىكى ئەسەرلەر بارماق بىلەن سانىۋالغۇچىلىكلا. بۇ توغرۇلۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئ‍ۈچۈن چەتئەل تىلى مەلۇماتى بولىشى لازىم. بۇنىڭدىن مەلۇماتى بولمىغان بىرىنىڭ بۇ ساھەدە قانچىلىك نەرسە بىلىشى گۇمانلىق بىر مەسلىدۇر. بۇ خۇددى كۆسەي مىلتىق بىلەن تانكىغا قارشى جەڭ قىلىمەن دېگەندەك بىر ئەھۋالغا ئوخشايدۇ.

3. ئىلمى ئۇنۋان. كەسىپ بىلەن بىللە ئۇنۋانمۇ موھىم. تەبيكى، بەزى ئەھۋاللاردا قۇرۇق جازىلىق دوكتور ئاشتىدىن چۇڭقۇر ئىزدەنگەن باكلاۋۇرنىڭ بىلىمى ئۈستۈن بولىشى مۇمكىن. لىكىن بۇ قىسمەن ئەھۋالدۇر. كۆپىنچە ئەھۋالدا ئىنساننىڭ بىلىمى ئىلمىي ئۇنۋانى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. ھىچبىر ئۇنۋانى يوق ياكى يېڭى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرپلا ئ‍ۆزىنى ئەۋلىيالىق موقامىغا يەتكەنكدەك ھىس قىلدىغانلار ئەڭ كۈلىكىلىك ۋە بىچارە ئىنسانلاردۇر. چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنڭ نىمنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان كىشىلەردۇر. بۇنداق كىشىلەرنى كۆرگەندە شەخسەن كۆز ئالدىمغا  ئۇنۋىرسىتىتتىكى «جاللات شىڭ شىسەي» دېگەن بىر پارچە كىتابنىلا ئۇقۇپ باللارغا ئ‍ۆزىنى تارىخچى دەپ تونۇتقان بىر تونۇشۇم كۆز ئالدىمغا كىلدۇ. ھىچكىمگە گەپ بەرمەيدىغان بالاڭزا ئىدى. بۇنداقلارنىڭ ھاياتىدا ئ‍ۈگىنىدىغان نەرسىسى كۆپ. ئىنسان بىلگەنسىرى بىلمىگەن نەرسىسىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇ. بۇنىڭغا سوقراتنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا «بىردىن بىر بىلگەن نەرسەم ھىچنەرسە بىلمىگەنلىكىمدۇر» دېگەن سۆزى ياخشى مىسال بولالايدۇ.

4. قىلغان پىكىرى ۋە پوزىتىسيەسى. بىلمىلىك ئىنسانلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئاممىۋى سورۇن، ئىجتىمائى ئالاقە ۋاستىللىرى ۋە يازغان يازمىللىرىدا ئ‍ۆزىنىڭ ئ‍وبرازىغا دىققەت قىلىدۇ. بىرىنڭ زىتىغا تىگىدىغان ۋە مەسخرە قىلدىغان ئادەملەرنىڭ ئادەتتە ئىچى بوش بولىدۇ.ئولاردا قۇرلارنى تولدۇرغۇدەك ئوماچ بولمىغاچقا موشۇنداق گەپ سۆزلەر بىلەن تولدۇرىدۇ.  ئىلم ساھەسىدە ئادەتتە سۇ يۈزىدە لەيلەپ يۈرىيدىغان كىشىلەر ئاسمانغا پىچاق ئېتىپ ئويناشقا ئامراق كىلدۇ. يەنە بىرى گەپ سۆزلىرىدە «ھەممىسى ئۇنداق، بۇ چوقۇم موشۇنداق، ئۇ بۇنى بىلمەيدىكەن، مەن شۇنى دەپ قوياي» دېگەندەك كەسكىن ھۆكۈم جۈملىلەرنى ئىشلتىدىغان شۇنداقلا ئاسان قىزىرىپ جىدەل چىقىردىغان كىشىلەرنىڭمۇ ئىچى بوش بولىدۇ. شۇڭا بۇنداق كىشىلەرنىڭ گىپىگىمۇ ھە دەپ قويسا بولىدۇ.

5. تەجىرىبە. ئەسلى كەسىپ ئەھلى بولمىسىمۇ مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن شۇ كەسپكە مۇناسىۋەتلىك بىرەر ئورگاندا ئىشلەپ باققانلارمۇ شۇ كەسىپتە ئاز بولسىمۇ بەلگىلىك سالاھىيەتكە ئىگە بولىدۇ.

بەلكىم بىرلىرى چىقىپ  بۇ ئۆلچەملەرنى  بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ يەنىلا  ئۆزىدە سالاھىيەتنىڭ بارلىقىغا ھەرخىل باھانىلەرنى  تېپىشى مۇمكىن. بۇ ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس، بۇ كىشىلەرنىڭ سەمىمىيتى ۋە ساپاسىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىدۇر.

ئەمما يۇقىرىقى ئۆلچەملەرگە ئاساسەن بىراۋنىڭ ئىلىمنى ياكى مەلۇم ساھەدىكى سالاھىيتىنى شۇنداقلا گېىپىنىڭ ۋەزىنىنى بىلگىلى بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top