You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ئەسىر ئاخىرىدىكى ئويلار

ئەسىر ئاخىرىدىكى ئويلار

ئابدۇقادىر جالالىدىن

ئەگەر سەن ئادەم بولىدىغان بولساڭ، خەلقنىڭ غېمىنى يېمىگەنلەرنى ئادەم ھېسابلىما.
ــ ئەلىشىر ناۋائىي

(1)

ئىشلىرىنى تولۇق ئورۇندىغان ئادەم ئۆزى ئىز قالدۇرغان ھەربىر تۈنۈگۈننى خۇشاللىق بىلەن ئۇزىتىپ قويالايدۇ، شۇنىڭدەك ھەربىر ئەتىنى كۆڭلى توق، ئىشەنچلىك ھالدا قارشى ئالالايدۇ. بىراق ئىشلىرى چالا قالغان ئادەم ياكى ئىنسانىي ھاياتتىكى ئەڭ ئىپتىدائىي ھاجەتلەرگە باغلىنىپ، ئۇنىڭدىن ئاشالمىغان ئادەم نېمە قىلىشى مۇمكىن؟ بۇنىڭدا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈپ، ئۆمرىنىڭ ئەھمىيەتسىز ھالدا ئاخىرلىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە بىرەر سېزىمنىڭ بولۇشى تەس گەپ، ھەرقانچە بولغاندا، ئۇنىڭدا سۇس بىر غەمكىنلىك بولار. بۇ دۇنياغا تۆرىلىپ تۈزۈك ياشىمىغان ئادەم، روھىي، ماددىي يېتىلىشنڭ ئۆزىگە خاس نېسىۋىسىنى تېتىماي، ئۇنى گۇمراھلىق ئىچىدە تەرك قىلغان ئادەم ئاخىرەتتە دەھشەتلىك ھېساب بېرىدۇ.
دېمەك، سەن راھەت كۆرمىگەنىكەنسەن، بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ يىپ ئۇچى ئالدى بىلەن ئۆزۈڭدە بولىدۇ. بىراۋلار ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى ئۆزگەرتمىسە، يات بىراۋلار ئۇنى ئۆزگەرتىپ قوياتتىمۇ؟! دۇنيا تارىخىنى تەكشۈرسەك، قوشنىدارچىلىقنىڭ پرىنسىپى مۇنداق بوپتۇ: ئۆزىنى ئۆزى سۆيمىگەنلەرنى ھېچكىم سۆيمەيدۇ، ئۆزىگە ئۆزى ياردەم قىلمىغانلارغا قوشنىسىمۇ ياردەم قىلمايدۇ. ئاجىز قوشنا كۈچلۈك قوشنىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرايدۇ، كۈچلۈك قوشنا ئاجىز قوشنىلارنىڭ ياردىمىگە ئۇچرايدۇ.

(2)

بىزمۇ 21 – ئەسىرگە كىرىۋاتىمىز. كىشىلەر ئەقىل – پاراسەت ۋە گۈللىنىشنىڭ يېڭى سەھىپىلىرىنى ئېچىۋاتقاندا، بىز ئۆتمۈش ۋە ئەتە ھەققىدە ئويلىنىشنىڭ قەرزلىرىگە بوغۇلۇپ كەتتۇق. بىز يېڭى زاماننىڭ سىناق مەيدانىغا قەرز دەپتەرلىرىنى ئۆشنىمىزگە ئارتقان ھالدا كىرىپ كېلىۋاتىمىز. بۇ دەپتەرلەر بىزنىڭ ئەسلىدىكى قاۋۇل ۋۇجۇدىمىزنى بېسىپ يىگىلىتىش بىلەن بىرگە، روھىمىزنى سىقىپ تۇنجۇقتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. چۈنكى پانىي دۇنيانىڭ قەرزىنى ئادا قىلمىغان ئادەم باقىي دۇنيانىڭ جەننىتىگىمۇ ئېرىشەلمەيدىغۇ!
بىز خوشلىشىۋاتقان 20 – ئەسىردە ئىنسانىيەت كاتتا ئۆزگىرىشلەرگە قەدەم قويدى. رادىئو، تېلېۋىزور، كومپيۇتېرلار بارلىققا كەلدى. بۇلار يەر شارىدىكى ئىقلىملارنى، تاقىم ئاراللارنى، ئېتىقاد جەھەتتە بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان دۆلەت، مىللەت ۋە گۇرۇھلارنى بىر – بىرىگە باغلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاتوم بومبىسى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئاۋىئاماتكا، خىمىيىلىك قوراللار بارلىققا كېلىپ، بۇلار ئىنسانلارنى يوشۇرۇن خەۋپ ئىچىدىكى دىپلوماتىيە ئويۇنلىرى، نەيرەڭلەر، كۈلۈپ تۇرۇپ خىرىس قىلىدىغان تىنچسىز، مۇقىمسىز ۋەزىيەتكە ئېلىپ كىردى. دېمەك، بۇ ئەسىردە پەن – تېخنىكا جەھەتتە مۆجىزە خاراكتېرلىك بايقاش ۋە كەشپىياتلار بولدى، بۇلار ئىنسانلارنىڭ ماددىي قىممەتكە ئىنتىلىش تەبىئىتىنى چەكتىن ئاشقان ھالدا نامايان قىلدى. ئەمما ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەككى، تارىختا يۈز بېرىپ باقمىغان قاباھەتلەر، ئادالەتسىزلىكلەر، تەڭسىزلىكلەر مۇشۇ ئەسىردە يۈز بەردى. ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى پارتلاپ، 100 مىليونلاپ ئادەم ئۆلدى، 100 مىليونلاپ ئادەم نامراتلىق ۋە سەرسانلىق ئىچىدە قالدى. ئىنسانلار بولۇپمۇ غەربلىكلەر ئۆزى ئەخلاقىي قىممەتنىڭ كىشىلىك دۇنياسىدىكى ئورنىدىن گۇمانلىنىپ، ئۇنىڭ رولىغا ئىشەنمەيدىغان بولدى. بىر قانچە دۆلەت رەھبەرلىرى بىر يەرگە كېلىپ، نۇرغۇن دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ تەقدىرىنى ئۇيان – بۇيان قىلدى. دۇنياۋى تەرتىپ ئۆزگەردى، خەرىتىلەردىكى سىزىقلار ۋە رەڭلەر ئادالەتسىز رەۋىشتە ئۆزگەرتىلدى. ئارقىدىنلا كوممۇنىزم، كاپىتالىزم لاگېرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى باشلىنىپ ئۇزۇن داۋام قىلدى. قورال – ياراغلار ئىسكىلاتلاردا، مەخپىي بازىلاردا كۈنسېرى كۆپەيدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاچ – يالىڭاچلارمۇ كۆپىيىپ، مىليونلاپ كىشىلەر ئوزۇقلۇق يېتىشمەي ئۆلدى. تۇغۇتتىن ساقلىنىش كومىلىچى ۋە قاپچۇقلىرى ياسالدى. زەھەرلىك چېكىملىك سودىسىغا ساقچىلارمۇ ئارا تۇرالمايدىغان ھالەتكە يەتتى. ئەيدىز كېسىلى يامراپ، راك كېسەللىكلىرى بىلەن بىرگە ئىنسانىيەت ئۈچۈن ۋەھشىي خەۋپكە ئايلاندى. سۇ، تۇپراق، ھاۋانىڭ بۇلغىنىشلىرى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان تۈرلۈك ئاپەتلەرنىڭ ئىنسانلارغا كەلتۈرگەن زىيانلىرى ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدىنمۇ ياۋۇز ھالەتكە كەلدى.
روشەنكى، 20 – ئەسىردە ئىنسانلار پەن – تېخنىكا ۋە ماددىي جەھەتتە مىسلىسىز تەرەققىي قىلدى، لېكىن ئىنساننىڭ بەختسىزلىكى تارىختىكى ھەر قانداق دەۋرىدىكىدىن ھالقىپ كەتتى. گۈللەنگەن پەن – تېخنىكا، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىككە دائىر تۈزۈلگەن تالاي خىتابنامىلەر، قانۇنلار ۋە مەجلىسلەر يەنىلا تەڭسىزلىكنى تۈگىتەلمىدى. خىلۋەت بۇلۇڭلاردىكى يوشۇرۇن كۆز ياشلارنى تۈگىتەلمىدى. كۈچلۈكلەر بىلەن ئاجىزلار ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان بېقىندۇرۇش ۋە بېقىنىش خاراكتېرلىك تىنچلىق كەلگۈسىدىكى زور بالايىئاپەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا تىنچلىق كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈلدى. ھەقىقىي تىنچلىق بىلەن زوراۋانلارنىڭ كۈچ ئۈستۈنلۈكى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ساختا تىنچلىقنىڭ پەرقى تۈتەك ئىچىگە غەرق بولۇپ كەتتى.
ئامېرىكىلىق ئىقتىسادشۇناس پائول ئا سامولسېن بىلەن ۋىليام د نودخوس بىرلىشىپ يازغان «ئىقتىساد ئىلمى» دېگەن زور ھەجىملىك كىتابنىڭ مۇقەددىمىسىدە ئەنگلىيىلىك پەيلاسوپ ئېدموند بۇركىينىڭ مۇنداق بىر سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن: «رىتسارلىق (چەۋەندازلىق) دەۋرى ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ كەتتى، ئەمدى سەپسەتىچىلەر، ئىقتىسادشۇناسلار ۋە كومپيۇتېر دەۋرى يېتىپ كېلىدۇ»
بۇركىي 18 – ئەسىردە ئۆتكەن پەيلاسوپ سۈپىتىدە ئۆزىدىن كېيىنكى 200 يىللىق رېئاللىقتىن بېشارەت بەرگەن. دېمەك، بۈگۈنكى غەربلىكلەر دۇنياۋى تەرتىپ ۋە سىياسەتتە شۇنىڭ ئۈچۈن تەشەببۇسكار ئورۇندا تۇردىكى، ئۇلاردا ئىلمىي پەرەزچىلەر ھەر ساھە بويىچە تۈركۈم – تۈركۈملەپ چىقىپ تۇرغان. پەيلاسوپلار جاھاننىڭ قىياپەتلىرى ئۈستىدە پىكىر قىلىپ تۇرغان. ئالىملار ماددىي قانۇنىيەتلەر ھەققىدىكى پەرەزلىرى ۋە گاھ – گاھ دەلىللىرى ئارقىلىق پەيلاسوپلارنىڭ پىكىرلىرىگە ئاساس يارىتىپ بەرگەن. ئىقتىسادشۇناسلار بۇ قانۇنىيەتلەرنى جەمىيەت قانۇنىيەتلىرىگە تەتبىقلاپ داھىيلار ۋە سىياسىيونلارغا ئىلمىي تەكلىپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى يەرلىرىدە تەسىرى مۇتلەق بولغان غەرب سىستېمىسى بەرپا بولغان. 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە غەربنىڭ قىممەت قارىشى، ئەخلاق سىستېمىسى دۇنيا مىقياسىدا ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلغان بولدى. ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ غەربلىكلەر تەرىپىدىن ئەرەب، تۈرك، پارسلار دۇنياسىغا غەربنىڭ ئارىلىشىشىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بەردى. نەتىجىدە، ئەسلىدىكى ئوسمان ئىمپېرىيىسى قارىمىقىدىكى رايونلاردا غەربنىڭ قىممەت قارىشى ئۈستىگە قۇرۇلغان پادىشاھلىق، جۇمھۇرىيەتلەر پەيدا بولدى. بۇلار بەجايىكى غەربتىن ئىبارەت ماگنىت تاياقچىسىنىڭ ھەرىكىتىگە ئاساسەن قىمىرلايدىغان تۆمۈر ئۇۋاقچىلىرىغا ئوخشاپ قالدى.
نەتىجىدە، ئەھۋال قانداق بولدى؟ مەنپەئەتنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ئىقتىسادىي قىممەت ھەممىنى بەلگىلەيدىغان نەرسە بولدى. ئىنسان بىلەن ئىنساننىڭ مۇناسىۋىتى مەنپەئەت قانۇنى بويىچە چۈشەندۈرۈلدى. مەنپەئەت، پۇلغا ئېرىشىش ئۈچۈن جىددىي كۈرەشلەر باشلاندى. ئىنسان تەبىئىتىدە بولىدىغان روھىي قىممەتلەر (ئېتىقاد)، ئەخلاقىي قىممەتلەر (ۋاپادارلىق، سەمىمىيلىك، دىيانەت)، ئىنسانىي قىممەتلەر (ئىنسانپەرۋەرلىك مەزمۇنىدىكى قۇتقۇزۇشلار، ئىرق، مىللەتتىن ھالقىغان رىشتىلەر ۋە ياردەملەر) يۇقىرىدىكى ئىقتىسادىي قىممەتنىڭ قوشۇمچە نەرسىلىرىگە ئايلىنىپ قالدى ياكى ئەرزىمەس ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى. چېركاۋلار قىممىتى ۋەيران بولغان كىشىلەر ئىزدەيدىغان ئايرىم نەرسىگە، پوپلار جەسەت ساندۇقى ئالدىدا نۇتۇق سۆزلەيدىغان كىشىلەرگە ئايلاندى. سەنەتكارلار كىشىلەرنىڭ ماددىي مەنپەئەتدارلىق تۇيغۇسىغا ماسلاشماي، سەنەتنىڭ ئىچكى تەلەپلىرىنى قازىمەن دېسە جان باقالمايدىغان بولۇپ قالدى. ئۇلارنىڭ ئوڭ مېڭىسىدە سەنەت، سول مېڭىسىدە تىجارەت بولمىسا بولمايدىغان ئەھۋال شەكىللەندى. خىتاي تاكى 1970 – يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر ئاڭ فورمىسى ئۈچۈن ياشىدى. مىليونلاپ ئىنسان ئاڭ فورمىسى ئۈچۈن بولغان كۈرەشتە ئۆلدى. مىليونلاپ ئىنسان ئاڭ فورمىسى ئۈچۈن ياماق چاپان، ياماق ئىشتان كىيگەن ھالدا قەھرىمان بولدى. مىليونلاپ ئىنسان ئىجاد قىلىش، بايلىق يارىتىشقا تېگىشلىك مېڭىسىنى ئاڭ فورمىسى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشنىڭ جابدۇقلىرىغا ئايلاندۇرۇپ، ئادىمىيلىككە ياتىدىغان تەبىئەتتىن مەھرۇم بولدى. سىرتقى دۇنيانىڭ يۈكسەك گۈللەنگەن ھالىتى 1840 – يىلىدىكى ئەنگلىيە زەمبىرەكلىرىدەك خىتايلارنىڭ تەپەككۇر دەرۋازىسىنى سىلكىدى. ئاڭ فورمىسىنىڭ خۇمارى ئەپيۈننىڭ خۇمارىدىنمۇ دەھشەتلىك بولۇپ، بۇ خۇمار تا بۈگۈنگىچە خىتاي ۋۇجۇدىدىن خالاس تاپمىدى. بىراق قانداقلا بولمىسۇن، 1970 – يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلانغان ئىسلاھات خىتاي ئۈچۈن بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدىكى ماددىي مەئىشەتنى يارىتىپ بەردى. شۇنداق قىلىپ، 20 – ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئىقتىسادىي قىممەت ئۇرۇشى پۈتكۈل دۇنيانى تەلتۆكۈس قاپلىدى. روھىي قىممەتلەر كىشىلىك جەمىيىتىدىن سىقىپ چىقىرىلدى. ئالىيجاناب ئەخلاقىي قىممەتلەر مۇرەككەپ ماھىيەتلىك دىپلوماتىيە ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەۋرەت لاتىسىغا ئايلاندى. تالاش – تارتىش، كۈرەش، تاجاۋۇز، ئالدامچىلىق قۇرۇلۇشلىرى چىرايلىق ھەل بېرىلگەن ھالدا كىشىلەرنىڭ ئەقلىنى بەيەت قىلىدىغان ئومۇمىي يۈزلىنىش بولۇپ قالدى. ئەينى دەۋرلەردە ھەربىي ئىشلارغا تەتبىقلانغان ھىيلە – مىكىر دەستۇرلىرى زامانغا يارىشا ھالدا قايتىدىن ئىشلىنىپ، پۈتكۈل سودا ۋە ئىنسانىي ئالاقىلەرگە تەتبىقلاندى (مەسىلەن، ماكياۋېللىينىڭ «ھۆكۈمدارلار دەستۇرى»، كلاسسىۋېتزنىڭ «ئۇرۇش نەزەرىيىسى»، خىتايدىكى «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»، «36 تەدبىر»، «سۇنزى ھەربىي ئىشلار دەستۇرى»).
پەن – تېخنىكىنىڭ كۈچىنى توغرا چۈشىنىش كېرەك. مۇبادا پەن – تېخنىكىنىڭ كۈچىگە بولغان ئىشىنىش چوقۇنۇش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتسە، بۇ، پەن خۇراپاتلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. چېكىدىن ئاشقان مەنپەئەتدارلىق ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى قېزىش تۈپەيلى ئېغىر تەبىئەت كرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ كرىزىس ئەمەلىيەتتە ئىجتىمائىي كرىزىس (مىللەتلەرنىڭ بۆلۈنۈشى، ئائىلىنىڭ يىمىرىلىشى، مائارىپنىڭ دوگمىلىشىشى، قانۇننىڭ كۈچتىن قېلىشى… قاتارلىق) ۋە روھىي كرىزىس (ئۈمىدسىزلىك، چۈشكۈنلۈك، ئەقىدسىزلىك، روھىي كېسەللىك…) نىڭ نەقەدەر زور ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.
20- ئەسىر شۇ قەدەر ئەسەبىي قىلىقلار بىلەن تولغان ئەسىر بولدىكى، كىشىلەر مۇقەددەس كىتابلاردىكى قىيامەت تەسۋىرىنىڭ ئالامەتلىرىنى ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى رېئال تۇرمۇشتىن يەتكۈدەك ئۇچرىتىشتى. ئىجادىيەت بىلەن بۇزغۇنچىلىق بالانس رەۋىشتە روياپقا چىقتى.
غەرب مۇتەپەككۇرلىرى بۈگۈنكى روھىي كرىزىستىن ئاللىقاچان بېشارەت بېرىشكەنىدى. 19 – ئەسىر دىنىي جەمىيەت دەۋرى بولدى. ئاللانىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن ھەدىيە قىلغان ئېتىقاد ھوقۇقى، قانۇن ھوقۇقى ۋە باشقا ھوقۇقلىرى ئېپىسكوپلار، پوپلار ۋە مىسسىيونېرلار تەرىپىدىن مونوپول قىلىندى. ئېتىقادتىكى ئىندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىك ئەمەلدە يوق قىلىندى. شەخسنىڭ خۇدانى چۈشىنىش ۋە سېغىنىشتىكى ھوقۇقى تالان – تاراجغا ئۇچرىدى.
شۇڭلاشقا گېرمانىيە پەيلاسوپى ف. نېتزى: «خۇدا ئۆلدى!» دەپ جاكارلىغانىدى. بۇ «ئۆلگەن خۇدا» شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، خۇدانىڭ بارلىق بەندىلەرگە بولغان ئورتاقلىقى يوقىلىپ، ئىجتىمائىي قاتلام ۋە دەرىجىلەرنىڭ غايىب شاھىتى بولۇپ قالدى. خرىستىئان دىندارلىرى بەئەينى «ئۆلۈك خۇدا»نىڭ بېشىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ كىشىلەرگە ھەيۋە قىلىشقانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خرىستىئان دىنىنىڭ پات ئارىدا ھاكىمىيەتتىن سىقىپ چىقىرىلىشىدەك رېئاللىقنىڭ سايىسى يىراقتىن ئايان بولۇپ تۇراتتى.
رىتسارلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى شائىرلارغا خاس رومانتىك دۇنيانىڭ زەربىگە يولۇقۇشىدىن دېرەك بېرەتتى. رىتسارلىقنىڭ تۈگىشى ئىنساندىكى قىشلاققا خاس تەبىئەتنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىشىدۇر. بۇنداق چاغدا جەمىيەت كىشىلىرىنىڭ ھەرىكىتى مۇتەپەككۇرلار ۋە سەنەتكانىڭ تەسىر دائىرىسىدىن قاڭقىپ چىقىپ كېتىدۇ – دە، نوقۇل ئەقىل ئۈستىگە قۇرۇلغان سىياسىيونلۇق سەھنىگە چىقىدۇ. شۇڭا 19 – ئەسىر ئىنسانلارنىڭ سەنەتكە مايىل تەبىئىتى بىلەن دىن، ھوقۇققا مايىل تەبىئىتى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنىڭ مەنزىرىسى بىلەن خاراكتېرلەندى. 19 – ئەسىر چەت ئەل ئەدەبىياتى ۋەيران بولۇۋاتقان ئىنسانىي قىممەتكە ئوقۇلغان ھەسرەتلىك ناخشىدۇر. 20 – ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئادۋوكاتلار ئاساسىي ئورۇندا تۇرۇپ، ھاكىمىيەتنىڭ بېشىدىكى ئىشەنچلىك مەسلىھەتچىلەرگە ئايلاندى. سىياسىي رەڭۋازلىق دۆلەت باشقۇرۇش سەنىتىنىڭ كۆزنى چاقنىتىدىغان ۋاسىتىلىرىگە ئايلاندى. سانائەت بىلەن ماشىنا ئىنساندىكى مۇنەۋۋەرلىك ۋە ئىجادىي كۈچنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى. شائىرلارنىڭ لىرىك سادالىرى ماشىنىلارنىڭ تاراق – تۇرۇقلىرى ئىچىدە دىمىقىپ، بوغۇق ئاڭلىنىدىغان، ھەتتا ئەسەبىي چىرقىراشقا ئايلىنىپ قۇلاقنى يارىدىغان بولدى. مودېرنىزمچىلار ئىنسانلاردىكى روھىي بىمارلىقنى ماس شەكىللەر، غەيرىي ئۇسلۇبلار بىلەن ئەينەن كۆرسەتتى. روشەنكى، مودېرنىزممۇ بىر خىل رېئالىزم بولۇپ، ئۇ، بۇرمىلانغان ئىنسانىي چىنلىقنى بۇرمىلانغان تەپەككۇر شەكلىدە ئەينەن كۆرسەتتى. بۇ دەۋردىكى ئەدەبىيات روھىي ئازابنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نالىسىنى چىڭقىلىپ توۋلىدى – دە، ئەدىبلەر ئۆلدى ئەدىبلەرنىڭ تەرەققىي تاپقان ئەللەردىكى پەۋقۇلاددە ئوبرازى خىرەلەشتى. 20 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، دۆلەت سىياسىي ئىقتىسادنى مەركەز قىلىدىغان بولدى. ئەمدىلىكتە ئىقتىساد ئالىملىرى زۇڭتۇڭلار، باش مىنىستىرلار، پادىشاھلار، ۋەزىرلەر ۋە سېكرىتارلارنىڭ يېقىن مەسلىھەتچىلىرىگە ئايلاندى. ئىنسان قىممىتىنىڭ مەركەزلىك ئورنى شەكلەن مەسىلە بولۇپ قالدى ئىنسانىيەت روھى، تەبىئىي مۇھىت، ئىجتىمائىي كاپالەت جەھەتتىن تولۇق تەنھالىققا يەتتى. ھەل قىلىش قىيىن بولغان تۈرلۈك زىددىيەتلەر ئىنسانلارنى خاتىرجەم ئۇخلىيالمايدىغان، تۈزۈك نەپەس ئالالمايدىغان ھالەتكە كەلتۈردى. دېمەك، بۇ دەۋردە ئىنسان ئۆلدى. غەرب مۇتەپەككۇرلىرى يۇقىرىقى ئۈچ ئۆلۈمنى ئايرىم – ئايرىم توۋلىغاندا، خەۋپ ۋە شاۋقۇن – سۈرەن قاپلىغان تىنچسىز دۇنيا ئۇلارنىڭ ئاشۇ سەمىمىي ئاۋازىنى پەرۋاسىزلىق بىلەن يۇتۇۋەتتى.
20- ئەسىردىكى پەن ۋە دېموكراتىيىگە يۈزلىنىشنىڭ تىنىمسىز دولقۇنلىرى خىتاي زېمىنىغا ئۇرۇلۇپ تۇردى. بۇ 100 يىل ئىچىدە خىتاينى ئاساسەن ئىدېئولوگىيە كۈرىشى ئېلىپ باردى، دېسە بولىدۇ. بۇ جەرياندا سانسىزلىغان زىيالىيلار (ئەلۋەتتە غەربپەرەس زىيالىيلارمۇ) ۋەيران بولدى. ئاۋىئاماتكىغا بېلىقچى كېمىسى بىلەن تاقابىل تۇرۇشتەك مەمەدانلىق خىتاينى خەلقارا تەسىر ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتە يېتىم قالدۇردى. خىتاي بۇنى ئاخىر چۈشىنىپ يېتىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن بەزى ئىسلاھاتلارنى يۈرگۈزدى. بۇ جەھەتتىكى نەتىجىلەر زور بولغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي تەپەككۇر قۇرۇلمىسى، قىممەت قارىشى ۋە بىر پۈتۈن ساپاسىدا ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش ياسىيالمىدى.
يىغىپ ئېيتقاندا، غەربتىمۇ ئادەم كرىزىسى مەۋجۇت، بىراق بۇ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى تەرەققىياتنىڭ ۋايىغا يېتىشى، ئەركىنلىك، دېموكراتىيە مۇھىتىدىكى ئىجادىي روھنىڭ ئۇرغۇشىدىن كېيىنكى كرىزىس بولۇپ، تەبىئەت، جەمىيەت ساھەلىرىدىكى ئەقىلنىڭ تويۇنۇشىدىن كەلگەن. دېمەك، غەربتىكى كرىزىس مۇكەممەل توقلۇقتىن كەلگەن. خىتايدىكى كرىزىسچۇ؟ خىتايدا ئادەم كۆپ بولۇشىغا قارىماي، ئۇلاردىكى ئەقلىي قابىلىيەت بوغۇپ قويۇلغان. ئەقىلنىڭ بوغۇلۇشى پۇتنىڭ بوغۇلۇشىدىنمۇ يامان. نەتىجىدە، كىشىلەر ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىق يارىتىشتىكى رولىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، تاماق يەيدىغانلار جەمىيىتىدىن ئىبارەت بولۇپ قالغان.
لى مېڭ ئەپەندى خىتايدىكى بۇ خىل كرىزىسنى مۇنداق چۈشەندۈرگەن: «خىتاي كرىزىسى تارىختىن بۇيانقى ئەقلىي تەرەققىياتنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىدىن كەلگەن. بۈگۈنكى خىتايلۇقلاردا تەبىئىي پەندىكى ئەقلىيلىقتا كەمتۈك بولۇپلا قالماي، بەلكى جەمىيەت دېموكراتىيىسى جەھەتتىكى ئەقلىيلىقتىمۇ كەمتۈك. خىتاي دۇنيادىكى ئىلىم – پەن ۋە دېموكراتىيىنىڭ دولقۇنلىرىغا ئارقا – ئارقىدىن ئۇچراپ تۇرۇپمۇ ئاخىرقى بىر پارچە قاقشال زېمىن بولۇپ تۇرۇۋەردى» («خىتاي كرىزىسى»نىڭ كىرىش سۆز قىسمىدىن ئېلىندى. ئىسلاھات نەشرىياتى 1998 – يىل 12 – ئاي نەشرى).
دېمەك، خىتايدىكى كرىزىس روھىي ۋە ماددىي جەھەتتىكى گادايلىقتىن كەلگەن. نەچچە ئەسىرلىك يېغىلىق ۋە موھتاجلىق خىتايلاردىكى روھىي ساپانىڭ يېتىلىشىگە زادى ئىمكان بەرمىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ بىر مەزگىللىك تالان – تاراجى، فېئودال ئىچكى كۈچلەرنىڭ زۇلۇمكارلىقى بۇ خەلقنى ئۆزىنىڭ كىملىكى ھەققىدە تۈزۈك ئويلاش پۇرسىتىگە ئىگە قىلمىغان. ئەنگلىيە تارىخچىسى ئارنولدتويىنبى ئىنسانىيەت تارىخىدا يوقاپ كەتكەن 24 مەدەنىيەت (ئەلۋەتتە، 24 مىللەت دۆلەت) نى بايان قىلىپ، ئۇلارنىڭ يوقاپ كېتىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب، ناھايىتى بالدۇر گۈللىنىپ كەتكەنلىكىدە، دەپ چۈشەندۈرىدۇ. خىتاينىڭ كۇڭزى ئەقىدىسىنى ئومۇرتقا قىلغان مەدەنىيىتى گەرچە يوقاپ كەتمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ بىر خىل رىتىمدىكى ئۇزۇن تارىخى ئەرزىمەس روھىي غالىبىيەتچىلىكنى پەيدا قىلغان – دە، ئەمەلىي ئاساسىدىن ئايرىلىپ قالغان مەغرۇرلۇق ساقىت بولۇش قىيىن بولغان ئىرسىيەتنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ ئىرسىيەت دۇنيانىڭ «قاپ ئوتتۇرىسى»دا تۇرغان ئانى ئەجدادلىرىغا نېسىپ بولغان مەئىشەتتىن ئايرىۋەتكەن.
كۇڭزىنىڭ: «ئەجدادىڭنى ئۆرنەك قىل» دېگەن سۆزى خىتاينىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخىنىڭ روشەن ئەينىكىدۇر. دەرۋەقە، خىتايدىكى ئىلىم تەھسىل قىلىش كۇڭزىنىڭ قائىدە – يوسۇن دەستۇرى، پاساھەتلىك شېئىر – نەزمىلەرنى پىششىق يادقا ئېلىش، خۇشخەت قىلىپ كۆچۈرۈشتىن ئىبارەت بولدى. سۆز قىلغاندا كونا كىتابلاردا ئىشلىتىلگەن ماقال – تەمسىللەر ۋە ئىدېئوملارنى ئىشلىتىش تەربىيە كۆرگەنلىكنىڭ بەلگىسى بولدى.

كۇڭزى يەنە مۇنداق دېگەنىدى:

«بەگلەر خۇلقى شامالدۇر،
پۇقرا خۇلقى گىياھتۇر.
شامال ئۇچسا قايانغا،
گىياھ شۇيان ياتادۇر.»

جۇگېلياڭ فېئودال خىتايدىكى تىپىك ئۆلىما (زىيالىي دېگەن گەپ بىلەن ئوخشاش بولامدۇ، يوق؟ مۇھاكىمە قىلىپ بېقىش كېرەك). لېكىن ئۇ شۇنچە مول بىلىمى ۋە ئەقىل – پاراسىتى بىلەن زاۋال تېپىۋاتقان خاندانلىقنى تىرىلدۈرۈشنىڭ كويىدا يۈرۈپ، ئارمان بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇمۇ «ئەجدادنى ئۆرنەك قىلىش»نىڭ نامايەندىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
سۇن ۋۇكۇڭ بىرلا چەمبىرەك بىلەن ئۆزىگە قارىغاندا قابىلىيەتسىز، ھاماقەت تاڭ سىڭغا باغلىنىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ. ھەتتا كۇڭزىنىڭ ئۆزىمۇ ئوردا ئىچىگە تەلمۈرۈپ، ھەسرەت بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ.
روشەنكى، خىتاي تارىخىدىكى ئۆلىمالار ئۆزلىرىنىڭ زېھنىي كۈچىنى كونىنى تىرىلدۈرۈش، ھاكىمىيەتنى بېزەش ئۈچۈن سەرپ قىلىشىپ، دىلىدىكى ئارمانلىرىنى ئىچىگە يۇتۇپ ئۆتۈپ كېتىشكەن. ئۇلار بۇ خىل ئوبرازى بىلەن خەلققە ئۆزىنى پرومىتىدەك بېغىشلايدىغان قەھرىمانلاردىن تولىمۇ يىراقتا تۇرىدۇ.
غەرب زىيالىيلىرى ئۆز دەۋرى سىغدۇرالمايدىغان ئىلمىي قىياس ۋە ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا ئېتىپ بالاغا قېلىشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بەرىبىر ئۆز دەۋرىنىڭ بىباھا گۆھەرلىرىگە ئايلىنالىغان.
تارىخ ھەر قانچە بەتنىيەت بولسىمۇ، تەبىئەت بىلەن ئىنساندىكى پىتىرەت (تەبىئەت) كە بېقىنىدۇ. قانداقتۇر بىر مۇقەررەر قانۇنىيەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. شۇڭا تارىخ ئۆزى قۇربان قىلىۋەتكەن ھەقىقەتچىلەرنىڭ قەبرىسىگە باش ئۇرۇپ، ئۆزىگە ئاشۇ قەبرىنىڭ توپىسى بىلەن ئۇل سالىدۇ.
ۋەھالەنكى، پاكىز قەبرە تاپقىلى بولمىسا قانداق قىلغۇلۇق؟ بۇمۇ بىر مەسىلە.
لى مېڭ ئەپەندى «زىيالىيلارنىڭ بۇرچى ۋە تەقدىرى» دېگەن ماقالىسىدە يۈز – خاتىر قىلمىغان ھالدا «خىتايدا زىيالىيلارنىڭ پەيدا بولۇشى ‹4 – ماي›دىن كېيىنكى ئىش» دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ ۋە لۇشۈننى نادانلىق، كونىلىققا قارشى ئىسيانكارلارنىڭ ۋەكىلى قىلىپ كۆرسىتىدۇ. ئارقىدىنلا ئۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا نەچچە ئون يىللاردىن بۇيانقى زىيالىيلار پاجىئەسىنى قەيت قىلىپ ئۆتىدۇ.
زىيالىيلار جەمىيەتنىڭ سەرخىللىرىدۇر. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»نىڭ ئالدى – كەينىدىكى مۇقىمسىز ئىجتىمائىي ۋەزىيەت دۆلەتنى روناق تاپقۇزۇشتا رول ئوينايدىغان كەسپىي سەرخىللارنى ئارقا – ئارقىدىن قۇرۇتۇپ تاشلىدى.
مانا ھازىر خىتاي جەمئىيىتىدە شەھەرلىشىش تېزلەشتى. شەھەرلەردە كۆككە تاقاشقان بىنالار، ئۆتۈشمە كۆۋرۈكلەر زامانغا يارىشا ھەشەمەتلىك كۆرۈنۈش ھاسىل قىلدى. خۇسۇسىي ماشىنىلار كۆپەيدى، كاستۇم – بۇرۇلكا، شىبلىت كىيىش ئومۇملاشتى. قوللىرىغا يان تېلېفون ئېلىۋالغان دىرېكتور ئەپەندىلەرنىڭ سالاپەتلىك تۇرقى ھەممىلا يەردە ئۇچرايدۇ. بىراق بۇلار يامغۇردىن كېيىنكى ھەسەن – ھۈسەنگە ئوخشايدۇ. ئۇلار گۈزەل بولغىنى بىلەن كۆۋرۈك قىلىپ ماڭغىلى بولمايدۇ، قۇرغاق ھاۋا ئەسلىگە كەلسىلا، بۇ رەڭگارەڭ ھەسەن – ھۈسەن كۆرۈنمەي قالىدۇ. بۈگۈنكى گۈللىنىۋاتقان خىتايدا ئىككى قۇتۇپلىشىش روشەنلىشىپ، يەر ئىسلاھاتى مەزگىلىدە يوقالغان ئىككى قۇتۇپنىڭ ئۆزگىچە ۋارىيانتى باش كۆتۈردى. ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەنىدى. ئەمەلدارلار بىلەن پۇقرالارنىڭ نىسبىتى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن سەۋىيىنى ياراتتى.

مەسىلەن:
خىتاي تارىخىدا مەنسەپدار بىلەن پۇقرانىڭ نىسبىتى مۇنداق ئۆسكەن:

خەن دەۋرىدە 1:7945
تاڭ دەۋرىدە 1:3927
چىڭ دەۋرىدە 1:911
ھازىر 1:30

(«7 – قېتىملىق ئىنقىلاب» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى. «ئىقتىساد گېزىتى» نەشرىياتى 1998 – يىل 4 – ئايدىكى نەشرى).

روشەنكى، خىتاي جەمىيىتىنىڭ قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىش يەنىلا مەنسەپدارلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن نەتىجىلەنگەن، پارىخورلۇق، چىرىكلىك باش كۆتۈرگەن.
ئىقتىسادىي ئىسلاھات يولغا قويۇلۇپ، بىر قىسىملارنىڭ ئالدىن بېيىشى تەشەببۇس قىلىنىۋىدى، باي – كەمبەغەللىك پەرقى زىيادە چوڭ بولۇپ كەتتى. ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي نوپۇسىنىڭ ٪3 ئىگە يەتمىگەن كىشىلەرنىڭ بانكىغا قويغان ئامانىتى پۈتكۈل مەملىكەتتىكى يېزا – بازار ئامانىتىنىڭ ٪38 ئىنى ئىگىلەيدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ پۇللارنىڭ كۆپ قىسمى ھۆكۈمەت بەرگەن ھوقۇقنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ تېپىلغان.
كۆز ئالدىمىزدىكى ئەھۋاللارنى ئالساق، ئۈرۈمچىنىڭ مەلۇم بىر مېھمانخانىسىدىكى بىر قېتىملىق ئاددىي زىياپەتكە كەتكەن پۇل خوتەن يېزىلىرىدىكى بەزى دېھقاننىڭ نەچچە يىللىق كىرىمىدىن چوڭ. ئادەتتىكى بىر شىرە زىياپەت بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاساسلىق مائاشىنىڭ بىر يېرىم ياكى ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدۇ (ئەلۋەتتە، ئايلىق مائاشى كۆزدە تۇتۇلىۋاتىدۇ).
يۇقىرىقىلاردىن باشقا، ئىش سۈپىتى، تاۋار سۈپىتى، ئادەم سۈپىتى، ئىشسىزلىق قاتارلىق ئامىللار يېڭىۋاشتىن ئۆزىنى كۆرسەتمەكتە.
زامانىمىز كرىزىس تۇيغۇسىغا ئىگە زىيالىيلارنى يېتىشتۈرمەكتە. بۇ پات ئارىدىكى كرىزىس تۇيغۇسىغا ئىگە رەھبەرلەردىن بېشارەت بېرىدۇ. ئۇلار ئويلانماقتا. ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ مەسلىھەتچىلىرى سۈپىتىدە ئىلغار تەكلىپ – لايىھىلەرنى سۇنماقتا.

(3)

بىزمۇ كرىزىستا تۇرۇۋاتىمىز. بىراق بىزنىڭ ھازىرقى كرىزىسىمىز ھېچكىمنىڭ كرىزىسىغا ئوخشىمايدۇ. بۇ كرىزىس دەل كرىزىسنىڭ كرىزىس پېتى ئۇزاق مۇددەت داۋام قىلىشىدىن ئىبارەت.

ئۇيغۇر دىيارى ئۆزىگە خاس يەرلىك ئالاھىدىلىك، مىللىي ئالاھىدىلىك، تارىخىي كەچۈرمىش، ئىگىلىك سىستېمىسى ۋە جەمىيەت قۇرۇلمىسى ئارقىلىق باشقا رايونلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ رايون بىز خوشلىشىۋاتقان 20 – ئەسىردە مۇرەككەپ تارىخنى باشتىن كەچۈردى. بۇ رايون ئوخشىمىغان چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ مەنپەئەت تالىشىش كۈرىشىنىڭ بىۋاسىتە سەھنىسى ۋە ئوبيېكتى بولدى. بۆلگۈنچى مىلىتارىستلار بۇ رايوننىڭ ئىقتىسادىنى خالىغانچە بۇلاڭ – تالاڭ قىلدى. مائارىپ، مەدەنىيەت ساھەلىرىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى توستى. زىيالىيلار قوشۇنىنى خەلققە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغان دەرىجىدە چەكلىدى. ئۇرۇش، قىرغىنچىلىق، سۇيىقەست قاتارلىق سىياسىي ۋاسىتىلەر تۈپەيلىدىن ھالسىرىغان بۇ زېمىن يېڭى خىتاي قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ يېڭى قىياپەتتىكى تۇرمۇشىنى باشلىدى. ئەلۋەتتە، 50 يىلدىن بۇيان پۈتكۈل مەملىكەتتە بولۇپ ئۆتكەن ئىسسىق – سوغۇقلار بۇ يەردىمۇ بولدى. گۈللىنىش ۋە تەرەققىي قىلىشلار بۇ يەردىكى ئادەملەرنىڭ ئىچكى – تاشقى قىياپەتلىرىنى يېڭى تۈسكە كىرگۈزدى.
بىز بۇ ئالامەتلەرنى تۆۋەندىكى نۇقتىلاردىن كۆرۈۋالالايمىز:

‹1› قاتناش تەرەققىي قىلىپ، بۇرۇنقى تۆگە كارۋانلىرىنىڭ ئورنىنى ئايروپىلان، پويىزلار ئىگىلىدى. ئات – قېچىرلارنىڭ ئورنىنى ماشىنا، ئاپتوبۇسلار ئىگىلىدى. دىيارىمىزدىكى تاشيول ئۇزۇنلۇق جەھەتتە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. بۇ تاشيوللارنىڭ ئەڭ يىراق مۇساپىسىنى ئىككى كېچە – كۈندۈزدە، كېچىككەندە ئۈچ كېچە – كۈندۈزدە بېسىپ بولغىلى بولىدۇ. بۇ ئەھۋال رايونىمىزدىكى سودا – سېتىق، مەدەنىيەت – مائارىپ ئالاقىلىرىنى راۋانلاشتۇردى، شۇنداقلا ۋىلايەتلەر ئارا كۆرۈلىدىغان ئۆرپ – ئادەت، خۇلق – مىجەز، تەپەككۇر پەرقىنى ئازايتتى. يەرلىك پىسىخىكىنىڭ ئورتاقلىق تەرىپى ئاساسلىق ئورۇنغا ئۆتتى.

ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئېھتىياج قانۇنى بويىچە يۈرۈشلىشىشى بىرقەدەر ئەۋزەل كاپالەتكە ئىگە بولغاچقا، ئىگىلىكنىڭ گۈللىنىشىگە زۆرۈر بولىدىغان ئەمگەك كۈچلىرى ئۆز رولىنى نىسبەتەن جارى قىلدۇردى، شۇنداقلا ئۇلار يېڭى ساھە، يېڭى ئېھتىياج ئالدىدا ئېڭىنى، سەۋىيىسىنى يۈكسەلدۈرۈشكە توغرا كېلىپ قالاق، قاتمال قىممەت قارىشىنى مەلۇم مەنىدە ئۆزگەرتتى. گەرچە ئۇلارنىڭ قىممەت قارىشى ئىستىخىيىلىك ھالدا توختاپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بەرىبىر بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ يۈكسىلىش ھېسابلىنىدۇ. ئۆز يېزىسىغا مەھكۇم بولۇپ، نوقۇل دېھقانچىلىققا يۆلىنىپ قالغان بىر دېھقانغا قارىغاندا، لەنجۇ، گۇاڭجۇلارغا كىرىپ كاۋاپچىلىق قىلغان دېھقاننىڭ ئېڭى بىرقەدەر يۈكسەلگەن بولىدۇ. لېكىن بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، بىر دېھقاننىڭ تىجارەت قىلىشى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ يەر – مۈلۈكلىرىنى ئۈزۈل – كېسىل تاشلىۋېتىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ھەر قانداق زور بايلىق زېمىن بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ، زېمىندىن ئايرىلغان ھالدىكى بايلىق ئۆز كۈچىدىن مەھرۇم قالىدۇ. ۋەتەننى ئارقا كۆرۈنۈش قىلمىغان بايلىق بەرىكەت تاپمايدۇ. خەلقىمىز تىجارەت قىلدىم دەپ پاك – ھالال ئەقىدىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ۋە ئاخىر ئۈزۈل – كېسىل بەربات بولغان پەرزەنتلەرنى ئاز كۆرمىدى. ئۇلار ئۆز خەلقى ۋە ئاتا – ئانىسىغا ئەسقېتىش تۈگۈل، ئۇلارنىڭ باغرىنى خۇن قىلدى.

ھېكمەت:

ئەقىدە بىلمىگەن شەيتانغا ئەلدۇر،
ئەگەر مىڭ يىل ئىبادەت قىلسا يەلدۇر.

بىر ئىشنى قىلىشتا مۇددىئا ئايدىڭ بولۇشى كېرەك، شۇنداقلا ھالال – توغرا بولۇشى كېرەك. ھايۋاندا ئەقىدە بولمىغاچقا، ئۇنىڭ چاكارلىقىدىن ئۆزگە ئەۋلادى ئۈچۈن ھېچبىر نىشان قالمىدى. ئېشەكنى ھەجگە ئېلىپ بارسا، ئېشەك پېتى قايتىپ كېلىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆزى بارغان ئەمەس، بەلكى ئاپىرىلغان. ئادىمىي ھايۋان ئۈچۈن ئەقىدىدىن گەپ ئاچقىلى بولمايدۇ. ئەقىدە پەقەت ئۆزىنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكىنى، نەدىن كېلىپ نەگە كېتىدىغانلىقىنى تونۇغان، ئىش – ھەرىكىتىنىڭ نېمە ئۈچۈنلىكىنى بىلگەن ئادەمگە قارىتا ئېيتىلىدۇ.

‹2› يېزا ئىگىلىكىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ۋە ئۇسۇلىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولدى. ئالدى بىلەن ئەنەنىۋى خۇسۇسىي ئىگىلىك كوللېكتىۋىزمچە ئۇسۇلغا ئۆتتى، ئاخىرىدا ھۆددىگەرلىك شەكلىدىكى پىلانلىق ئىگىلىككە كۆچتى. ۋاسىتە جەھەتتە ئەسلىدىكى كالا، ئات، ئېشەكلەرنىڭ ئورنىنى قىسمەن ھالدا تراكتور ئىگىلىدى، جۇۋازنىڭ ئورنىنى ماي زاۋۇتى ياكى كېلىشىم باھالىق ئاشلىق – ماي دۇكانلىرى ئىگىلىدى. ئەسلىدىكى تۈگمەننىڭ ئورنىنى ئۇن زاۋۇتلىرى ئىگىلىدى. يېزىلارغا ئېلېكتر يېتىپ باردى. ئىشلەپچىقىرىش جەريانلىرى بۇرۇنقىغا نىسبەتەن بىرقەدەر قۇلايلاشتى. ئۈنۈمىمۇ يامان ئەمەس بولدى. خىمىيىۋى ئوغۇت، سۇلياۋ يوپۇق قاتارلىقلار مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يېزىلارغا كەڭ تارقىتىلدى. بىراق بۇ ئۆز نۆۋىتىدە تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشى، دېھقانچىلىق ئەسلىھەلىرىگە كېتىدىغان چىقىمنىڭ زورىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

يەرلىك دېھقانلار ھايۋان كۈچىدىن پايدىلىنىشتىن ماشىنا ئىشلىتىشكە، ھەتتا بىر قىسىملىرى ئىلمىي باغۋەنچىلىك، ئىلمىي دېھقانچىلىققا يۈزلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ سەۋىيىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسى يەنىلا كېڭىيىپ كېتەلمىدى. دېھقانچىلىق ۋاسىتىلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يېزا ئىگىلىكىگە كېتىدىغان مەنقۇلاتلارنىڭ چىقىمى كىرىم بىلەن پەرقلەنمەيدىغان ئەھۋاللارمۇ كېلىپ چىقتى. ئەگەر دېھقاننىڭ ۋاقتى بىلەن جىسمانىي كۈچىنى سېلىشتۇرما قاتارىدا ھېسابلاشقا توغرا كەلسە، ئۇ چاغدا دېھقان ئۆز مېھنىتىدىن نەپكە ئېرىشمىگەن بولىدۇ.

ئادەتتە، ئىقتىسادشۇناسلار تاپقان كىرىمىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى يېمەكلىك ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان ئائىلىنى نامرات ھېسابلايدۇ. ئۇيغۇر دىيارىمىزدا، بولۇپمۇ جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدا 360 كۈن دېگۈدەك قورساق ئۈچۈنلا ئىشلەيدىغان دېھقانلار قانچىلىك نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ؟ بۇنى بىز ئىقتىساد خادىملىرىنىڭ جاۋاب بېرىشىگە قالدۇرىمىز.

يۇقىرىدا ئېيتقاندەك، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىدا مەلۇم دەرىجىدە ماشىنىلىشىش بولدى. بۇ، ھايۋان كۈچىگە تايىنىپ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قاششاق ھالەتنىڭ تۈگىگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئەكسىچە، ئۇ بۈگۈنكى يېزىلار قىياپىتىدىن يەنىلا ئېنىق كۆزگە چېلىقىدۇ. ئىقتىسادى بىرقەدەر ياخشى ئائىلىلەر بىر قىسىم ماشىنا – سايمانغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، يېزا ئىگىلىكى ماھىيەت جەھەتتىن ئەنەنىۋى تۈستە تۇرۇۋەردى. ھۆل – يېغىن، تەبىئىي دەريا – ئېقىنلارغا تايىنىپ سۇغۇرۇش ئېلىپ بېرىش، يەرگە باغلىنىش، ئىگىلىك شەكىللىرىنىڭ كۆپەيمەسلىكى ئەنە شۇ ئەنەنىۋى ئىگىلىكنىڭ ئاساسلىق تەسۋىرىدۇر. يەرلىك ئورۇننىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسلانغان ئادەتتىكى سانائەتلەرمۇ بولمىغاچقا، ئەسلىدە بار بولغان قول ھۈنەرۋەنچىلىك زاماننىڭ شاللىشىغا دۇچ كەلدى. نەتىجىدە، دېھقانلار تۈرلۈك ئۆي سايمانلىرى، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا ئېرىشىش جەھەتتە نوقۇل ئىستېمالچى ھالەتكە چۈشۈپ قالدى.

نوقۇل يەرگە باغلىنىش، بىر تۇتاش پىلانلانغان مەھسۇلات ئۈچۈن ئىشلەش بۈگۈنكى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسلىق فۇنكسىيىسى. بۇنداق ھالەت ئۇزاق ئۆتمۈشتىن بۇيانقى ئادەت كۈچلىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ تاشلىيالمىدى. ئادەتتە، ئادەت كۈچىنىڭ ئىككى خىل رولى بولىدۇ. ئۇنىڭ بىرى، ئەنەنىنىڭ يوقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يەنە بىرى، جانلىق، ئىجادىي ماسلىشىشقا توسالغۇ بولۇش. بىز بۇ يەردە تىلغا ئېلىۋاتقان ئادەت كۈچى بېكىنمە رايون كىشىلىرىدە بولىدىغان خاراكتېر جاھىللىقى، كاللا ئىشلىتىش جەھەتتىكى قاتماللىق، تەۋەككۈلچىلىك روھىنىڭ يوق بولۇشى، تەشكىللىنىش، تەتبىقلاش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىز بولۇشى، ياقا يۇرتلارغا ئىنتىلىشنىڭ سۇس بولۇشى قاتارلىق ئالامەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.

ئىجادكار خەلق ئېچىۋېتىلگەن جەمىيەت، ئېچىۋېتىلگەن سىستېمىنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن ئىبارەتكى، ئادەم ئۆزىدىكى قابىلىيەتنى ئىجتىمائىي مۇھىتقا يارىشا جارى قىلدۇرىدۇ.

ئامېرىكا ئىقتىسادشۇناسى سامولسېن ۋە نودخوسلار مۇنداق قارايدۇ: «نۇرغۇن نامرات كىشىلەر تەربىيە كۆرمىگەن بولىدۇ، ئۇلار ئىقتىسادى توختاپ قالغان دېھقانچىلىق رايونلىرىدا ياشايدۇ ياكى شەھەرلەردىكى نامراتلار رايونىدا يېگانە ھالدا تۇرۇپ قالغان»
(«ئىقتىساد ئىلمى»، خىتاي تەرەققىيات نەشرىياتى، 21 – نەشرى).

نامراتلىق كىشىنىڭ مائارىپتىكى سۈپىتىنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ، مائارىپ جەھەتتىكى سۈپەتسىزلىك نامراتلىقنى نەچچە ھەسسە قاتلايدۇ، بۇ ئاخىر بېرىپ جەمىيەتتىكى ئىشسىزلىق ۋە ئىجتىمائىي تەڭسىزلىكنىڭ مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ.

‹3› سودا – سېتىق بۇرۇنقىغا نىسبەتەن كۆپ جانلاندى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھۆكۈمەت شەخسكە نېمە يېيىش، نېمە ئويلاش، نەدە تۇرۇشنى ئېيتىپ بېرىدىغان ۋەزىيەت شەخسلەر ناھىيىلەر ئارا، ۋىلايەت – ئوبلاستلار ئارا سودا قىلىدىغان، ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە بېرىپ تىجارەت بىلەن شۇغۇللانسىمۇ بولىدىغان ۋەزىيەتكە ئۆزگەردى. يېڭى خىتاي تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇ ئەۋزەل ۋەزىيەت 80 – يىللار ۋە 90 – يىللارنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا خېلى ئوبدان جانلاندى. 70 – يىللاردا بىر قاپ سەرەڭگە تېپىشمۇ بەسىي مۈشكۈل ئىدى. كىشىلەر ھازىر زۆرۈر بولغان تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئىشىكى ئالدىدىكى بوتكا ياكى ماگىزىنلاردىن بىمالال سېتىۋالالايدىغان بولدى. يەرلىك خەلق باغۋارانلىرى ۋە ئېتىزلىرىدىن چىققان بىر قىسىم مەھسۇلاتلارنى ساتمايتتى. تارىختىكى يىپەك يوللىرىنى ئېچىپ ھىندىستان، چاڭەن، ئىراق، ئىران، يۇنانلارغا بېرىپ سودا قىلغان، جاھاندا سودىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۆزگە ئەللەرگە تونۇتقان بۇ خەلق بىر مەزگىللىك بېكىنمە تارىختىن كېيىن گاڭگىراش ھالىتىگە چۈشۈپ قالدى، چۈنكى بۇ خەلق بازارغا بىر نەرسە ئېلىپ چىقىپ سېتىش جىنايەت ھېسابلىنىدىغان غەلىتە دەۋرلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى، بۇ ھەقتە بىھېساب ئاچچىق ساۋاقلارنى باشتىن كەچۈردى. تەئەججۈپكى، ئاشۇ رېئاللىقنى ھازىرقى رېئاللىق بىلەن سېلىشتۇرغاندا، زامان ئەلپازىنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ نەقەدەر مەنتىقىسىز بولىدىغانلىقى مەلۇم بولدى. مانا ھازىر بازار دېگەن ئۇقۇم كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا ئەسەبىيلىك دەرىجىگە يەتتى، گويا ھەممە ئادەم «سودىگەر» بولدى. كىشىلەر ئۆز ئەتراپىدىكى نەرسىلەرنى تاۋارغا ئايلاندۇرۇش بىلەن بىرگە، ئىنساننىڭ ئىززىتى دائىرىسىگە كىرىدىغان ۋۇجۇد بايلىقلىرىنىمۇ بازارغا يۈزلەندۈردى. كېلىشكەن بەدەن، دىلرەبا كۆز، ئوتقاشتەك لەۋلەر مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئەڭ گۈزەل ئىلېمېنتلىرىغا ئايلاندى.

بۇ جەرياندا شۇنداق بىر ئاقىۋەت يۈز بەردىكى، بازارنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى بىلەن ئەنەنىۋى ئەخلاق ئوتتۇرىسىدا زور بىر ھاڭ پەيدا بولدى. جۈملىدىن، ھازىرقى بازار يەرلىك مىللەتلەرنىڭ قىممەت قارىشى بىلەن يىراق بىر ئارىلىقنى شەكىللەندۈردىكى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى روشەن ھالدا ئىلگىرى سۈردى.

شۇنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەككى، بۇ يەردىكى سودا بىر بولسا خام ئەشيا سودىسى، بىر بولسا تەييار مەھسۇلاتلارنى يۆتكەپ سېتىش سودىسىدىن ئىبارەت بولغاچقا، كىشىلەرگە قويۇلىدىغان مەدەنىيەت، كەسىپ جەھەتلەردىكى سەۋىيە تەلىپى چوڭ بولمايدۇ. شۇڭلاشقا كىشىلىرىمىزنىڭ ئىلكىدە پۇل كۆپەيسىمۇ، ئۇلارنىڭ سودا ھەققىدە ھاسىل قىلغان بىلىملىرى تەسىراتلار يىغىندىسىدىن ئىبارەت بولدى. ئۇلاردا سودا ۋەزىيىتىنىڭ ئىچكى – تاشقى ئامىللىرىنى بىلىشكە قىزىقىشتەك ئىستىخىيىلىك ئاڭ مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى تەھلىل قىلىپ، ئۆز پايدىسى ئۈچۈن پايدىلىق پۇرسەتنى ئاڭلىق ھالدا يارىتىش، قولىدىكى پۇللارنى كاپىتالغا ئايلاندۇرۇپ مۇلازىمەت، كەسىپ، تىجارەتنىڭ يېڭى، زامانىۋى تۈرلىرىنى بەرپا قىلىش، سالمىقى چوڭ بولغان كارخانا – زاۋۇتلارنى قۇرۇپ، ئىلمىي باشقۇرۇش سىستېمىسىغا كىرگەن سۈپەتلىك ئادەملەرنى تەربىيىلەش، ئۆز يۇرتىغا مەدەنىيەت، بىلىم كىرگۈزۈش، ئىلغار تىپتىكى تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنىلەرنى كىرگۈزۈش قاتارلىق تەلەپلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىدى. ئەلۋەتتە، بۇنىڭدا تۈپ سەۋەب بولمىغاندىمۇ ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى، ئۇلارنىڭ ياخشى تەربىيە كۆرمىگەنلىكى، يەنە بىرى، ئۇلارنىڭ ئۆز – ئۆزىنى تەربىيىلەپ، بىلىم سەۋىيىسىنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىدىن ئىبارەت.

كىشىلەر يېڭى خىتاي قۇرۇلۇشتىن بۇرۇنقى مۇسابايوفلار جەمەتىنى ئەسلىسە شۇنى بايقايدۇكى، ئۇلار ھەم سودا قىلغان، ھەم مۇتەخەسسىسلەرنى يۇرتقا تەكلىپ قىلغان، ھەم ئىلغار ئۈسكۈنىلەرنى كىرگۈزۈپ زاۋۇت قۇرۇپ، كېرەكلىك بۇيۇملارنى بىۋاسىتە ئۆزى ئىشلەپچىقارغان، بىر بۆلۈك ئادەملەرنى ئاشۇ ساھەلەر بويىچە تەربىيىلىگەن. مانا بۇ قۇرۇق نەزەرىيىلەر، ۋەز – نەسىھەتلەردىن تۈزۈلگەن دەرسلىكلەرگە قارىغاندا ئەڭ ئەمەلىي، ھاياتىي كۈچى ئەڭ زور بولغان ھەقىقىي مائارىپ! يەنە شۇنى ئەسلەش كېرەككى، ئۇلار يۇقىرىقىلارنى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، يېڭى مەكتەپلەرنى ئېچىپ سۈپەتلىك كىشىلەرنى ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلغان، ھەتتا دەرسلىك قۇرۇلمىسى ۋە مەزمۇنىنىمۇ زامانغا لايىق ئورۇنلاشتۇرغان. مانا بۇ مەكتەپ، جەمىيەت ۋە زامان بىر گەۋدىلەشكەن تىرىك مائارىپ! بۇ ئەھۋاللار ئۆز زامانىسىدىكى كىشىلەرنىڭ روھىغا ۋە ساپاسىغا مۆلچەرلىگۈسىز ئاكتىپ تەسىرلەرنى بەرگەنكى، ئاشۇ خىل ئىلغارلىق تەسىرىدىكى ياراملىق ئادەملەر بىزنىڭ دەۋرىمىزگە قەدەر كۈچ بېرىپ كەلگەن.

كىشىلەر يەھۇدىيلارنىڭ بايلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا شۇنچە قايىل. بىزدە يەھۇدىيلارنىڭ سودا سەنئىتى، سۆھبەت سەنىتىگە دائىر بەزى كىتابلارمۇ نەشر قىلىندى. ئۇلار سودىدا نېمە ئۈچۈن شۇنچە زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قازاندى؟ بۇ يەردە ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ مۇلاھىزىسىگە ئەگىشىپ چارچاپ كەتكەن مېڭىسىگە كىچىككىنە ئارام بېرىش ئۈچۈن يەھۇدىيلاردىكى بىر رىۋايەتنى تەنەپپۇسلۇق سوۋغا سۈپىتىدە ئېيتىپ بېرىشنى لايىق تاپتىم. لېكىن ئوقۇرمەنلىرىمىزدە ئاز – تولا تەھلىل بولۇشى كېرەك. شۇنىڭدىلا ھېكمەت تاپالايدۇ. يەھۇدىيلاردىن ئۆگىنىش يەھۇدىي بولۇپ كېتىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. كىشىدە ئۆز ۋەتىنى، ئۆز خەلقىگە لايىق توغرا ئەقىدە بولغاندىلا، ئاندىن يات ئەقىدىلەرگە ئەگىشىپ كەتمەيدۇ. بەلكى يات ئەقىدىلەردىن تېگىشلىك ۋاسىتە ۋە تاكتىكا قوبۇل قىلالايدۇ.

مەزكۇر رىۋايەت مۇنداق:

«بىر ئېسىلزادە يىراق بىر ئەلنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ. ئۇ، يولغا چىقىشتىن بۇرۇن 10 نەپەر خىزمەتكارىنى ئالدىغا چاقىرىپ، ھەر بىرىگە بىردىن يامبۇ بېرىپ مۇنداق تاپىلاپتۇ:

– سىلەر بېرىپ سودا قىلىڭلار، مەن قايتقاندىن كېيىن ئاندىن كېلىڭلار.
بۇ ئېسىلزادە تەييارلىقىنى پۈتتۈرۈپ سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ.
ئىش كۆڭۈلدىكىدەك بوپتۇ. دەرۋەقە، ئۇ ھېلىقى ئەلگە ئىگە بوپتۇ. ئۇ، غەلىبە – نۇسرەت بىلەن قايتىپتۇ. ئۇ، يامبۇ تارقىتىپ بېرىلگەن 10 خىزمەتكارىنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇلاردىن سودىدا قانچىلىك پۇل تاپقانلىقىنى سوراپتۇ.

بىرىنچىسى كېلىپ مۇنداق دەپتۇ:
– ئى خوجايىن، سىز ماڭا بەرگەن بىر يامبۇنى 10 قىلدىم.
– ياخشى، ئاق كۆڭۈل خىزمەتچىم،- دەپ ئۇنى ماختاپتۇ خوجايىن، – ئەڭ كىچىك ئىشتىمۇ ساداقەتمەنلىك كۆرسەتكەچكە، مەن ساڭا 10 شەھەرنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بەردىم.

ئىككىنچىسى كېلىپ مۇنداق دەپتۇ:
– ئى خوجايىن، سىز ماڭا تاپشۇرغان بىر يامبۇنى بەش قىلدىم.
– بۇمۇ ياخشى،- دەپتۇ خوجايىن،- سەن بەش شەھەرنى باشقۇرساڭ بولىدۇ.

يەنە بىرسى كېلىپ مۇنداق دەپتۇ:
– ئى خوجايىن، مانا قاراڭ، سىز بەرگەن بىر يامبۇ مەيەردە، تېخى تەگمىدىم! قورقۇپ سىرتقا ئېلىپ چىقالماي، ياغلىقىمغا تۈگۈپ ساقلاپ كەلدىم. مەن سىزدىن قورقاتتىم، چۈنكى سىز قالتىس يامان ئادەم، قويمىغان نەرسىنىمۇ ئالىسىز، تېرىمىغاننىمۇ يىغىسىز…
خوجايىن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ئۆڭۈپ – تاتىرىپ ئۇنى ئەيىبلەپ كېتىپتۇ:
– ھوي ئوسال مالاي، ئاغزىڭدىن چىققان گېپىڭگە يارىشا ئەدىپىڭنى بېرىمەن! سەن مېنىڭ قالتىس يامان ئادەم ئىكەنلىكىمنى، قويمىغان نەرسىنىمۇ ئالىدىغان، تېرىمىغان نەرسىنىمۇ يىغىدىغانلىقىمنى بىلگەندىكىن، نېمىشقا يامبۇنى بانكىغا قويۇپ، مەن قايتىپ كەلگەن چاغدا ئۆزىنى ۋە ئۆسۈمىنى ئەكەلمەيسەن؟

ئۇ، شۇ گەپلەرنى قىلىپ يېنىدا ئۆرە تۇرغان بىرەيلەنگە دەپتۇ:
– ئۇنىڭدىن ئاۋۇ بىر يامبۇنى ئېلىپ، بىرنى 10 قىلغان خىزمەتكارغا بەرگىن.
– خوجايىن- دەپتۇ يېنىدا تۇرغان ئادەم،- ئۇ، 10 يامبۇ پايدا تاپتىغۇ؟
– مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى،- دەپتۇ خوجايىن،- پايدا ئالالمىغانلارنىڭكىنى ئۇنىڭدا بارلىرى بىلەن قوشۇپ تارتىۋېلىش كېرەك. پايدا تاپقانلارغا بولسا قوشۇپ بېرىش ۋە ئۇنى ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن كۆپرەك شۇغۇللاندۇرۇش كېرەك».

بۇ بىر ھېكايە. بىراق ئۇنىڭدىن بىر دۆلەتنىڭ مالىيە لوگىكىسى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. دۇنيادا پۇلدىنمۇ مۇھىم نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى ئەستە تۇتقان ھالدا تىجارەت قىلىش كىشىنى پۇلنىڭ قۇلىغا ئايلاندۇرمايدۇ، بەلكى پۇلنىڭ خوجايىنىغا ئايلاندۇرىدۇ. چۈنكى ھاياتتا پۇل كېرەككە كەلمەيدىغان چاغلار كېرەككە كېلىدىغان چاغلاردىنمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن. پۇل تېپىشتىكى غايە ۋە مەقسەتنى توغرا ھەل قىلالمىغان ئادەم مەڭگۈلۈك نامراتلىققا مىخلانغان بولىدۇ. ھېكايىدىن مەلۇمكى، ھاكىمىيەت پۇل تېپىشنىڭ ئېپى بىلەن ساخاۋەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشەنگەنلەرگە، شۇنداقلا قانداق تەشكىللەشنى بىلگەنلەرگە مەنسۇپ.

بۇ يەرگە كەلگەندە كىشىلەرنىڭ سەمىگە مۇھەممەد باھاۋىدىن نەقىشبەندى (1388 – يىلى ۋاپات بولغان)نىڭ: «دىلىڭ ئىماندا بولسۇن، قولۇڭ ئىشتا(بولسۇن)» دېگەن سۆزىنى سېلىپ ئۆتۈش ئارتۇقچە بولماس.

‹4› تېلېۋىزور بۇ يەرنىڭ كىشىلىرىگە سىرتقى دۇنيانىڭ ماددىي كۆرۈنۈشلىرى، شەكىل – فورمىلىرى، ياشاش تەرىزلىرىنى ھېسسىي رەۋىشتە تونۇشتۇردى، بولۇپمۇ سىملىق تېلېۋىزىيىنىڭ پەيدا بولۇشى چەت ئەل تۇرمۇشىنىڭ رېجىسسورلار نەزەرىدىكى ئۆزگەرتىلگەن، پىششىقلانغان ياكى بۇرمىلانغان ۋارىيانتىنى كۆپلەپ يۈز كۆرۈشتۈردى. ئارقىدىنلا سىنقويغۇ، سىنالغۇ ئاپپاراتلىرىنىڭ تارىلىشى، چد، ۋچد، لد پلاستىنكىلىرىنىڭ شىددەت بىلەن ئومۇملىشىشى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىنى غەربچە مۇھەببەت شەكلى، تۇرمۇش شەكلى، غەربچە مۇناسىۋەت شەكلى، غەربچە قائىدە – يوسۇنلارغا تولدۇرۋەتتى ۋە ياشلارنىڭ ئېڭى، قىممەت قارىشىنى تېز ئۆزگەرتىپ تاشلىدى. نەتىجىدە، بىر ئائىلىدە ئاتا – ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى ئەخلاقىي نىزامدا سۈركىلىش پەيدا بولۇپ، ئاتا – ئانا ۋە بالا ھەمجەھەتلىكى ئۈستىگە قۇرۇلغان مىللىي ئەخلاق ئەنەنىسى قاتتىق خىرىسقا دۇچ كەلدى. ئائىلە تەربىيىسى (شەھەرلەردىكى مىللىي ئائىلىلەردە ئائىلە تەربىيىسى دېگەن نەرسە بارغانسېرى يوقنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قالدى). مەكتەپ تەربىيىسى قاتارلىقلار جەمىيەتتىكى چېرىكلىكلەرنىڭ تەسىرى ئالدىدا ئۈنۈم بەرمەيدىغان بولۇپ قالدى. ئەنەنىۋى ئائىلە قۇرۇلمىسى دەۋرنىڭ قارا دولقۇنلىرى ئىچىدە قالدى. يىگىتلەر نىكاھقا كەلگەندە قىزلىق ئىپپەتكە قاتتىق دىققەت قىلىشتىن سەل قاراشقا ئۆتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزلىق ئىپپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپېراتسىيىسىنىڭ تىجارەت شەكلى سۈپىتىدە ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقىشى ئىپپەتكە قويۇلىدىغان نازۇك تەلەپنى مۈجىمەللەشتۈرۈۋەتتى. خروئىن بىلەن ئەيدىز كېسىلى ئائىلىلەرنىڭ نورمال تۇرمۇشى ۋە مۈلكى ئاساسىنى بىتچىت قىلىپ تاشلىدى. ھاراق كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادى، ۋاقتى ۋە سالامەتلىكىنى خورىتىدىغان ئاستا خاراكتېرلىك چىرىتكۈچكە ئايلاندى.

بىز ھازىر كىيىم – كېچەك فورمىلىرى جەھەتتە دۇنياغا يۈزلەندۇق. غەربچە تۇرمۇشقا ياتىدىغان يېڭى يىل بايرىمى، تۇغۇلغان كۈن خاتىرىسى شەھەرلىك كىشىلىرىمىزگە ئۆزلەشتى. چاچلىرىنى ئالتۇن رەڭگىدە بويىغان، مادۇننانىڭ سىياقىدا كىيىنىۋالغان قىزلار، ھىلتونكەنت ماركىلىق سىگارتلارنى چېكىپ، ۋېسكى، براندىلارنى ئىچىپ يۈرىدىغان يىگىتلەرمۇ بىزدە كۇرمىڭ. ئەلۋەتتە، ياغلىق ۋە روماللارغا چۆمكىلىپ يۈرىدىغان قىز – ئاياللىرىمىزمۇ بار. رەستىلەردە غەربچە مۇلازىمەت قىلىدىغان رېستۇرانلار بىلەن كىچىك ئاشپۇزۇللار گىرەلىشىپ كەتكەن. رېستۇرانلاردا ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل بىلەن تانسا – دېسكولار بىرلىشىپ كەتكەن. ناخشا – ئۇسسۇللىرىمىزدىمۇ نۇرغۇن ئىقلىملارنى دوراپ، مىللىي مېلودىيىلىرىمىزنىمۇ ئەبجەش بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدۇق.

قارىغاندا، بىز خەۋەر تاپقانلىكى دائىرىدە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىنى ئىمپورت قىپتۇق. بىز ھازىر يەر شارىدىكى ھەر قانداق مۇراسىم قائىدىلىرى، يەپ – ئىچىش ئۇسسۇللىرىنى ئۆزىمىزگە مۇجەسسەم قىلىپ، شەنبە – يەكشەنبىلىرىمىزدە، ھەتتا ھەپتە ئارىلىقلىرىدىكى ئاخشاملاردىمۇ خالىغانچە سورۇن تۈزۈدىغان، توي ۋە چايغا ئالدىراپ مېڭىشقان كىشىلەر كوچىلاردا بىر – بىرىمىزگە تەكرار دوقۇرۇشۇپ قالىدىغان بوپقالدۇق. كەچلەردە بالىلار بىلەن بىللە بولۇپ ئاتا – ئانىنىڭ تەربىيىسىنى سىڭدۈرۈشتىن ئىبارەت ئەۋلاد قوغداش ئىشىغا سەل قارايمىزكى، بىرەر قېتىملىق ئولتۇرۇشتىن قېلىشقا كۆڭلىمىز ئۇنىمايدۇ. شۇنداق قىلىپ، بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەلبى دۇنيادىكى ئۆرپ – ئادەتلەر ۋە مۇراسىملارنىڭ مۇزېيىغا ياكى ئەخلەتخانىسىغا ئايلاندى. بىز ھاراق ئىچتۇق، بىراق ھاراق ئىشلەيدىغان تېخنىكىغا قىزىقمىدۇق؛ تېلېۋىزور، توڭلاتقۇلارنى ئىستېمال قىلدۇق، ئەمما ئۇنىڭ تېخنىكىسىنى ئۆگەنمىدۇق. غەربچە كىيىم – كېچەك، يېمەك – ئىچمەك، قائىدە – يوسۇنلارنى ئەكىردۇق، بىراق ئۇلارنىڭ ئىجادچان روھىنى ئەكىرمىدۇق. خروئىن ۋە ئەيدىز كېسىلىنى ئەكىردۇق، بىراق بەدەن ۋە روھنى تاۋلاپ غالىبلار قوشۇنىنى تۇغۇدىغان رىقابەت ۋىجدانىنى ئەكىرمىدۇق. دېمەك، بىز مەدەنىيەتنىڭ شەكلەن ھادىسىلىرىگە قىزىقىپ، ئۇنىڭ مېغىزى ۋە ماھىيىتىگە يەتمىدۇق. شۇڭلاشقا بىزدە غەربچە ئىستېمالغا ئادەتلەنگەن بولسىمۇ، ئىچى قۇرۇق ئادەملەر ساماندەك (كەچۈرۈڭلار، سامانمۇ ئۇنچىۋالا ئەرزان ئەمەس). بىزدىكى نۇرغۇن ھاللىق كىشىلەر چاچلىرىنى 20 – ئەسىرنىڭ زامانىۋى پاسونىدا ياسىتىپ يۈرسىمۇ، كاللىسىدا ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئېڭىمۇ يوق. زامانىۋى چاچ پاسون كونا زامانغا مەنسۇپ پىكىر شەكلى… مانا بۇلارنىڭ بىرلىكى بىزدىكى ئاچچىق كومېدىيىلىك قىسمەتنىڭ ماددىي تەسۋىرى.

‹5› پۈتكۈل 20 – ئەسىر بۇ ئىقلىمنىڭ زىيالىيلىرى ئۈچۈن پەۋقۇلاددە سۈپەتتىكى يىللار بولدى. بۇ سۈپەتنى قانداق يورۇتۇپ بېرىش ناھايىتى تەس. «زىيالىيلارنىڭ بۇرچى – ئىنسانىيەت ئۈچۈن يول ئېچىش، نادانلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش، خەۋپ – خەتەردىن ئاگاھلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ روھ ئارقىلىق تىنىمسىز كۈرەش قىلىشتۇر. خىتاينىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدا بۇنداق زىيالىيلارنى چىقمىدى دېگىلى بولمايدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ كۈن كەچۈرۈشى تولىمۇ قىيىن بولغان».
لى مېڭ ئەپەندىنىڭ بۇ سۆزى بىزنىڭ 20 – ئەسىردىكى مۇھىتىمىزغىمۇ تازا ماس كېلىدۇ.

يېڭى خىتاي قۇرۇلۇپ، پەن – مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تىنچلىقنىڭ مۇساپىسى باشلاندى. بىراق خىتايدا تاكى پارتىيە 11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىغا قەدەر مۇقىم تىنچلىق بولمىدى. بۇ ئارىدا تۈرلۈك ئىنقىلابلار ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇردى، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» يۈز بەردى. نەتىجىدە، خىتاي خەلقى مىللىي تەرەققىياتقا كېرەكلىك نۇرغۇ مۇنەۋۋەر زىيالىيلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى. رايونىمىزنى ئالساق، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى يىللار يول ئېچىش تالانتىغا ئىگە پىكىرلىك ئەزىمەتلەرنى دەپنە قىلىش يىللىرىدىن ئىبارەت بولدى.

3- ئومۇمىي يىغىندىن كېيىنكى 20 يىل مابەينىدە مائارىپ جانلىنىش باسقۇچىغا كىردى. مەدەنىيەت، مائارىپ، تەنتەربىيە، ئەدەبىيات – سەنەت، نەشرىيات ئىشلىرى يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدە گۈللەپ – ياشنىدى. زىيالىيلار قوشۇنىنىڭ سالمىقى زامان ئېھتىياجىغا يارىشا تەدرىجىي ئاشتى. بۇ مەنزىرە ئەلۋەتتە، بۇرۇن تۈزۈك خاتىرجەملىك كۆرۈپ باقمىغان خەلقنى كۆپ خۇرسەن قىلىدۇ. بۇ قېتىملىق گۈللىنىشتە ئەدىبلەر ۋە سەنەتچىلەر قوشۇنىنىڭ سالمىقى ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. مۇئەييەن بىر تارىخىي دەۋرنى يورۇتۇپ بېرەلەيدىغان زور ھەجىملىك رومانلار بارلىققا كەلدى. ئالىي مەكتەپلەردە، ئاكادېمىيىلەردە ئەدەبىيات – سەنەت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەتقىقاتچىلار قوشۇنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى. ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا تىل – ئەدەبىيات كەسىپلىرى بويىچە دوكتور تەربىيىلەش ئورنى ۋۇجۇدقا كېلىپ ئىش باشلىدى. بىز كىشىنى خۇشاللاندۇرىدىغان ئاشۇ يۈزلىنىشلەر بىلەن ئۈمىدكە تولغان ھالدا 21 – ئەسىرنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ قالدۇق.

ۋەھالەنكى، 21 – ئەسىردە قانداق ئەسىر بولىدۇ؟
ئىنسانلار 21 – ئەسىردە نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟
قانداق ياشايدۇ؟
دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ تەرتىپ يۆنىلىشىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟
خەلقارا قۇرۇلمىنىڭ ئىسلاھاتى قايسى خىل قىممەت قارىشىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ؟
ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى قانداق خاراكتېر ئالىدۇ؟
ئىنسانىيەت نېمىلەرگە دۇچ كېلىدۇ؟
نۆۋەتتىكى تەرەققىياتتا بىز قايسى خىل ئورۇنغا ئېرىشىمىز؟

مانا بۇ مەسىلىلەر بىزنىڭ ئاشۇ ئۈمىدۋار زىيالىيلىرىمىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا. غەربنىڭ تۇيغۇن زىيالىيلىرى بۇ مەسىلىلەرنى خەلقارا سەۋىيىدە قىياس قىلىپ بولدى، بىزگە بولسا پەقەت ئاشۇ مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىشنىڭ ئۆزىلا قالدى.

(4)

رېئاللىق – پاكىت دېمەكتۇر. بىز ئالدىمىزدا تۇرغان كومپيۇتېرنىڭ كۇنۇپكا تاختىسىنى قانداق ئىشلىتىشنى بىلسەكلا، دۇنيانىڭ ئەڭ يىراق يەرلىرىمۇ بىزگە يېڭى نەرسىلەرنى سۆزلەپ بېرىدىغان بولدى. بەلكىم ئالتە – يەتتە يىل ئىلگىرى بولسا كېرەك، ئامېرىكا كېلەچەكشۇناسى يوھان نەسبىتنىڭ «بۈيۈك يۈزلىنىش» دېگەن كىتابى ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنىپ، كىشىلەردە ھېچقانداق ئىنكاس بولمىدى. ئۇ چاغلاردا قىزىق لەتىپىلەرگە، نەپىس ئۇسسۇللارغا خۇمار خەلقىمىز ئۇنداق نەرسىلەرگە دىققەت قىلمايتتى. ئويغىنىشنىڭ ئەقلىي تېرەنلىكىگە يەتمىگەن خەلق ھامان ئۆزىنىڭ ئاقىل كىشىلىرىنى نامرات، ئېتىبارسىز ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ – دە، پۇرسەتپەرەسلەرنى سەمرىتىپ كۆرەڭلىتىۋېتىدۇ. يۇقىرىقى ئەسەرنىڭ ئارىمىزدا ئىنكاس پەيدا قىلماسلىقى ئالدى بىلەن ئۇنى تەرجىمە قىلىشقا جۈرەت قىلغان كىشىنىڭ ئەمگىكىنى سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىتىدۇ. شۇڭلاشقا ئىلمىيلىكى ئۈستۈن، خەلقنىڭ ئەقلىي بايلىقىنى ئاشۇرىدىغان ئەسەرلەرنى تونۇشتۇرغان ياكى ئىجاد قىلغان كىشىلەر ھېلىھەم بازار تاپمىدى. بىز ئەسلىتىۋاتقان ئاپتور يوھان نەسبى ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەت ئامېرىكىنىڭ ھازىرى ۋە كەلگۈسىنى تونۇشتۇرۇپ، 21 – ئەسىردىكى قىياپەتلەردىن بەزى بېشارەتلەرنى بەرگەنىدى. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، باشقا بېشارەتچىلەردىن خەۋەر تاپقان ئۇچۇرلىشىش، يەر شارىلىشىش دولقۇنى بۈگۈن ھەقىقەتەن يېتىپ كەلدى.

بىر كېچىدىلا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ پۇل مۇئامىلە ساھەسىنى مۇنقەرز ھالەتكە چۈشۈپ كرىزىس كەلتۈرۈپ چىقارغان جورجى سورۇسنى بەزى ئوقۇمۇشلۇق كىشىلىرىمىز ئازدۇر – كۆپتۇر بىلىدۇ. ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ بايلىقى 42 دۆلەتنىڭ بايلىقىدىن زور بولۇپ، دۇنيا پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.

قەيەردە شالتاق بولسا، شۇ يەردە چىۋىن بار.
قەيەردە بالا – قازا بولسا، شۇ يەردە جورجى بار.

مانا بۇ، دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ سورۇس ھەققىدىكى ئىخچام تەسۋىرى. مۇشۇ بىر مىسالنىڭ ئۆزىلا ئىقتىساد ۋە سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ دۇنياۋى بىر گەۋدە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. مەلۇمكى، بۈگۈنكى دۇنيانى چۈشەنمىگەن ئادەم ئۆزىنى تولۇق چۈشىنەلمەيدۇ.

1980- يىلى ئامېرىكا كېلەچەكشۇناسى ئالۋىن توفلېر «ئۈچىنچى دولقۇن» ناملىق ئەسىرىنى نەشر قىلدۇرۇپ، «ئىنسانىيەت يېزا ئىگىلىكىلىشىش، سانائەتلىشىش دولقۇنىنى تاماملاپ بولدى، ئەمدى ئۈچىنچى دولقۇن ئۇچۇرلىشىش دولقۇنى يېتىپ كېلىدۇ» دېگەنىدى. ئۇ يەنە 1990 – يىلى نەشر قىلدۇرغان «ھوقۇقنىڭ كۆچۈشى» ناملىق ئەسىرىدە، «جەمىيەتنىڭ ھۆكۈمران كۈچى پۇلدىن بىلىمگە يۈزلەندى» دەپ ھۆكۈم قىلدى.

1973- يىلى ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەمىيەتشۇناسى دانىل بېل «كېيىنكى سانائەت جەمىيىتىنىڭ يېتىپ كېلىشى» دېگەن ئەسىرىنى ئېلان قىلىپ قالتىس غۇلغۇلا قوزغىغان.
ئۇ، سانائەت دەۋرىنى مۇنداق ئۈچكە بۆلگەن: «ئالدىنقى سانائەت جەمئىيىتى ئىپتىدائىي ئەمگەك كۈچىگە تايىنىپ، تەبىئەتتىن دەسلەپكى بايلىقلارنى ئېلىش بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. سانائەت جەمئىيىتى بولسا يۇقىرىقىلارنى مەركەز قىلىپ تاۋار ئىشلەشكە تەشكىللىنىش بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. كېيىنكى سانائەت جەمئىيىتى بولسا بىلىمنى چۆرىدەپ مەيدانغا چىقىدۇ»
(«بىلىم ئىگىلىكى دولقۇنى» دېگەن كىتابقا قارالسۇن. تاۋ دېيەن تۈزگەن. خىتاي شەھەر نەشرىياتى 1998 – يىل 7 – ئاي نەشرى).

دېمەك، 21 – ئەسىر «بىلىم ئىگىلىكى دەۋرى» دەپ ئاتالماقتا. 11 – ئەسىردە ئۆتكەن ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «بىلىم – بەخت دېمەكتۇر» دېگەن ھۆكۈمىنىڭ كۈچى نۆۋەتتە تېخىمۇ روشەن ئىسپاتلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ.
بىراق يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەرىپىدىن سىستېمىغا كەلتۈرگەن دۆلەت ۋە بەخت – سائادەت قاراشلىرى كېيىنچە نەگە كەتكەن بولغىيدى؟
ئەڭ بالدۇر باشلانغان ئەنئەنە كېيىن نېمە ئۈچۈن يىگىلەپ قالدى؟
بىز بۇنىڭ جاۋابىنى تارىخچىلارنىڭ تېپىشىغا قالدۇرىمىز.

كۆرۈپ يېتىش تەس ئەمەسكى، مىللىتىمىز تېخىمۇ ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. تەكەللۇپ قىلماي ئېيتقاندا، بىز ھازىرقى سۈپىتىمىز ۋە زىيالىيلار قاتلىمىمىز بىلەن كەلگۈسىدىكى مۈشكۈل سىناقلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايمىز. ئەمدىكى سىناق ھايات – ماماتلىق خاراكتېرى كەسكىن بولغان شەپقەتسىز سىناق بولۇپ، بۇنىڭدا شاللانغانلار يېڭى تارىخىي مۇنبەردىكى غالىبلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى يېڭى قانغا ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، خەلقنى باياشات قىلىدىغان ھەقىقىي ئامىل شۇ خەلق ياشاپ كەلگەن زېمىندىكى كان بايلىقلىرى ياكى خام ئەشيالار ئەمەس، باشقىلارنىڭ تاسادىپىي ياردىمىمۇ ئەمەس، ھەتتا نوقۇل ئىلىم – پەننىڭ ئۆزىمۇ ئەمەس.
ئۇنداق بولسا بۇ ئامىل نېمە؟
بۇ، ئىلىم – پەننى قورال قىلغان توغرا ئەقىدە.
ئىلىم-پەن ئېينىشتېيىننىڭ ئىزاھلىشى بويىچە ئېيتقاندا، «كىشىلەرنى سەۋەب – نەتىجە مۇناسىۋىتى بويىچە ئويلاندۇرىدۇ ۋە شەيئىلەرنى تەكشۈرىدۇ». دېمەك، ئۇ تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىزدەيدۇ. مەلۇم بىر ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. بۇ ھۆكۈم يېڭى بايقالغان ئۆزگە بىر قانۇنىيەت تەرىپىدىن ئىنكارغا ئۇچرايدۇ. بايقاش، ھۆكۈم، ئىنكار، ئىنكارنى ئىنكار قاتارلىقلار ئىلىم – پەن تەرەققىياتىنىڭ يولىدۇر. مەلۇمكى، بۇ جەرياندا نەچچە ئون يىل ھەتتا ئەسىرلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ. ھەرقانداق قانۇنىيەت ئۆزى رول ئويناۋاتقان دائىرىدە كۈچكە ئىگە، ئۇ يەنە بىر دائىرىدىكى قانۇنىيەتنىڭ چەكلىشىگە ئۇچرايدۇ.

روشەنكى، بارلىق قانۇنىيەتلەرنىڭ ئورتاقلىقىدىن كېلىپ چىقىدىغان بىر مۇتلەق قانۇنىيەت بار. ئۇ، چوڭقۇر ئىنسانىي ھېسنى شەكىللەندۈرۈپ، بۇ ھېسنى ئاستا – ئاستا پەرۋىشلەپ مۇكەممەل ئەقىلگە ئايلاندۇرىدۇ، بۇ ئەقىل پەننى توغرا يۆنىلىشكە، ئىنساننىڭ ھالال بەختى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا يېتەكلەيدۇ.

مۇھەببەت ئادەمدىكى بىرقەدەر ئالىي ئېھتىياجدۇر، ئېتىقاد مەنىۋى ئېھتىياجلارنىڭ ئەڭ ئالىيسىدۇر، ئەقىدە ئېتىقاد يولىدىكى ھەرىكەتتۇر ۋە بۇ ھەرىكەت جەريانىدا تونۇلغان ھەمدە ئەقىل، قابىلىيەت، ئىنسانىي تەبىئەت تەرىپىدىن تەستىقلانغان ساپ ھەقىقەت مەجمۇئەسىدۇر. ئۇ بىر كامالەتتۇركى، ئىنسان ئۇنىڭغا ھەيران قېلىش بىلەن سېغىنىدۇ، لەززەت تاپىدۇ. مەنىۋى دۇنياسىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلايدۇ. ئىنسان چەكسىز داۋام قىلىدىغان ئەنە شۇ روھ سەپىرىدە ئىلھاملىنىدۇ، ئۆزىدىكى مۇۋاپىق كۈچ – قۇدرەتنى، ئىجاد ھەۋىسىنى جارى قىلدۇرىدۇ. ئۇ ئۆزى مەدەت ئېلىۋاتقان ۋە سۆيۈنۈۋاتقان ئەنە شۇ روھ مەركىزىگە يېقىنلاشقانسېرى ئۆزىدە سادىر بولغان بەدىۋىيلىك ۋە قانخورلۇقلاردىن ئىبرەت ئالىدۇ، يىرگىنىدۇ. ئىنسانلار ئارا بولىدىغان، ئىرق، مىللەتتىن ھالقىغان قېرىنداشلىق مېھرىنى روشەن تونۇشقا باشلايدۇ.

لېكىن، پەن – تېخنىكا ئاجايىپ گۈللەنگەن، مەئىشەتچىلىك ئەۋج ئالغان 20 – ئەسىردىمۇ كىشىلەر ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغاندەك ئەخلاقىي تاكامۇللۇقنى تاپالمىدى. ئەكسىچە، ئېغىر ئەخلاقىي كرىزىسقا پاتتى.
شۇڭلاشقا فرانشسىس فوسان: «تارىخنى ئىقتىساد نۇقتىسىدىن شەرھلەش مۇكەممەل ئىش ئەمەس. ئۇ، كىشىنى قايىل قىلمايدۇ. چۈنكى ئىنسان نوقۇل ئىقتىسادىي ھايۋان ئەمەس» دەيدۇ.
ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى نىكسونمۇ «تېخنىكا ماددىي جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدۇ، لېكىن سىياسىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايدۇ» دېگەنىدى.
بىز ماقالىمىزنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىدە غەرب دۇنياسىدىكى كرىزىسلىق ۋەزىيەتنى تېز سىزما ئۇسۇلىدا ئىشارە قىلىپ ئۆتتۇق.

بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، پەن – تېخنىكا ئارقىلىق روناق تېپىش ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە، بىراق ئۇنى توغرا، گۈزەل غايە بىلەن تەمىنلەش تېخىمۇ مۇھىم. خەلقىمىزدە «ئەقىدىسىز ئالىم كىتاب ئارتىلغان ئېشەك» دېگەن گەپ بار.

بىلىملىك ئادەمنىڭ چوقۇم ياخشى ئادەم بولۇپ كېتىشى ناتايىن. فاشىستلارنىڭ سىياسىي ھەۋىسى ئۈچۈن ۋەھشىي قوراللارنى تەتقىق قىلىپ بەرگەن كىشىلەرمۇ قالتىس بىلىملىك ئىدى. ئۆزىدىكى مول تېخنىكا بىلىملىرىنى ئىنسانغا خىلاپ مەنىسىدە ئىشلىتىۋاتقان ئالىملاردىن بۈگۈنمۇ تالايلاپ تېپىلىدۇ. ئارىمىزدا ئاز – تولا بىلىملىك ئادەملەرمۇ بار، بىراق ئۇلارنىڭ بىلىمى ئۆزىنىڭ كۈنىنى ئاران ئۆتكۈزۈشتىن ئاشمايدۇ. خۇددى نەم تارتىپ قېيىپ قالغان ئوقيا نىشانغا تەگمىگەندەك، بىلىم ئېلىشتىكى توغرا غەرەزنى تىكلىيەلمىگەن زىيالىي ئۆز خەلقىگە مەنپەئەت يەتكۈزەلمەيدۇ. ئەكسىچە زىيانلىق رول ئوينايدۇ.

بىزگە ئىلىم – پەن، تېخنىكا ساھەسىدىكى ئۆتكۈر زىيالىيلار تولىمۇ زۆرۈر. چۈنكى بىزدە يوق بولۇۋاتقىنى ئەنە شۇلار. ئۇلار نېمە ئۈچۈن بىزدە يوق؟ بۇنىڭغا جاۋاب تېپىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر مەسىلە. بىز دانىل بېلنىڭ سانائەت تەرەققىياتىنى ئۈچ باسقۇچقا بۆلگەنلىكىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئۆتتۇق. ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىغا سېلىشتۇرساق، بىز ھەتتا سانائەتنىڭ بىرىنچى باسقۇچى دەۋرىگىمۇ كىرمەيدىكەنمىز، مۇشۇ ھالىتىمىز بىلەن بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىگە كۆچىدىكەنمىز. ئەجەبا، 21 – ئەسىردىكى ئاۋات شەھەرلەرنىڭ خالتا كوچىلىرىدا كاۋاپدانلىرىمىزنى كۆتۈرۈپ يۈرۈش يېڭى ئەسىرلىك رىزقىمىزمىدۇ؟

شۇ چاغدا يېڭى ئېچىلغان ماگىزىنلارنىڭ ئالدىدا ناغرا چېلىپ بېرىپ پۇل تاپقىلى بولارمۇ؟ ھازىرقى ھالىتىمىزدىن قارىغاندا، جەننەتكىمۇ كاۋاپدان كۆتۈرۈپ كىرسەك كېرەك.

بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىدە بىلىم كېرەك بولىدۇ، زىيالىيلار جەمىيەت چاقىنىڭ ئوقىغا ئايلىنىدۇ. بۇنداق دېسەك «زىيالىي» دېگەن ئۇقۇم «سىنىپ» ئۇقۇمى بىلەن ئوخشاشتەك كۆرۈنىدۇ. بىراق جەمىيەت پۇقرالىرىغا بىلىم تەلىپى قويۇلىۋاتقان شارائىتتا «زىيالىي» دېگەن ئۇقۇم خەلقنىڭ گەۋدىسى بىلەن بىر تۇتاش بولىدۇ. شۇنداق ئەھۋالدا سىنىپ شەكلىگە كىرىپ قالغان زىيالىيلارنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئارتۇقچە بولىدۇ. كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ خىل رېئاللىقنى مىللىتىمىزگە تەتبىقلىساق، بىزدىكى مەسىلىمۇ زىيالىيلاردىكى سۈپەت مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىلىدۇ.
بىزدىكى زىيالىيلارنىڭ ئەھۋالى قانداق؟

(5)

يىگىرمىنجى ئەسىر ئۇيغۇر تارىخى ئىلغار زىيالىيلارنىڭ بوھرانغا ئۇچراش تارىخى. بۇنىڭ سەۋەبلىرى مۇرەككەپ بولۇپ، كۆپ خىل ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. زىيالىيلار قۇرۇلمىسىنىڭ مۇرەككەپلىكى، تەلىم – تەربىيە ۋە ئىدېئولوگىيە قوبۇل قىلىشتىكى مەنبەنىڭ ئوخشىماسلىقى، خەلقنىڭ ئۇلارنى ئۆز ۋاقتىدا چۈشەنمەسلىكى… مانا بۇلار كونكرېت مەسىلىلەر بولۇپ، ئۇلارنى بىرمۇ بىر يېشىپ چۈشەندۈرۈشنىڭ ئۆزىمۇ بىر تېما. بۇ تېما يېتەرلىك ئەمەلىي ماتېرىيال، كۆپ قىرلىق مۇلاھىزە مېتودىنى تەلەپ قىلىدۇ. بىز پەقەت يۇقىرىقى تارىخىي سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بەزى ئاجىزلىقلار ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىمىز.
خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇنقى زىيالىيلار پاجىئەسى بىر قىسىم تارىخىي رومان، قىسسە ۋە تەرجىمھاللىرىمىزدا مەلۇم دەرىجىدە ئەكس ئەتتى. ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان يېغىلىقلار، قوزغىڭلار ۋە سىياسىي ئۆزگىرىشلەر زىيالىيلارنى يېتۈشتۈرىدىغان مۇھىتنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا يول قويمىدى، شۇنداقلا بار بولغان ئازغىنا زىيالىيلارنى ئامان قويمىدى. ئابدۇقادىر داموللا، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى، مەمتىلى ئەپەندى، قۇتلۇق شەۋقىي، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئابدۇللا روزىباقىيېف قاتارلىق باھادىر ئوغلانلار ئەينى دەۋردىكى خەلقنىڭ جاھالەتتىن قۇتۇلۇش كۈرىشىنىڭ يارقىن سەمەرىلىرىدۇر. بۇ سەمەرىلەر يەنە ئۆزىگە ئوخشاش سانسىز ئەزىمەتلەر پەيدا قىلغان جەڭگىۋار مۇھىتنىڭ نامايەندىلىرى بولۇپ، بەئەينى ھەربىر جۈملىسىدىن ئىسسىق قاننىڭ تەپتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، ئۇسلۇبى جۇشقۇن، ھەيۋەتلىك نۇتۇقنىڭ باش ماۋزۇلىرىغا ئوخشايدۇ.
مەردلىك جۇشقۇن ۋە ئېگىلمەس بولىدۇ، نامەردلىك ئەۋرىشىم ۋە يېپىشقاق بولىدۇ. سىياسەت مەردلىكنى يېپىنچا، نامەردلىكنى ماھىيەت قىلىدۇ. بۇ ماھىيەت سان – ساناقسىز ئاچچىق ساۋاق، تەجرىبە، نەيرەڭۋازلىقنى كەسىپ قىلغان ئەقىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سىياسەت ئىبلىسقا ئوخشايدۇكى، ئۇ، ئىنسان تەبىئىتىگە مۇرەسسە قىلىش ۋە ئۇنى ئاستا ئۆزىگە مايىل قىلىش يولى بىلەن كىشىلەرنى رام قىلىدۇ، ئۇلارنى ئۆزى كۆزلىگەن مەنزىلگە تۇيدۇرماي باشلايدۇ. ھەقىقەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىنقىلاب ئىبادەتكە ئوخشايدۇكى، ئىبلىسنىڭ ھۈنىرىدىن خەۋىرى بولمىغان ئادەم شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، نەتىجىدە، ئىبادىتى ئىبادەت بولمايدۇ، نۇسرەت تاپالمايدۇ. خوجىنىياز ھاجى، تۆمۈر خەلپىلەر ئالغان تەھەرەتلىرى ھالال بولسىمۇ، شەيتاننىڭ ھۈنىرىدىن تولۇق خەۋەردا بولمىغاچقا، تەرەت ئۇزۇنغا بارماي سۇنغان. بىزنىڭ تارىخىمىز بۇنداق مىساللارغا تولىمۇ باي. شۇڭلاشقا «قەھرىمانلار ئوق يېگەن، ئەۋلادلىرى پوق يېگەن».
يېڭى خىتاي قۇرۇلغاندىن كېيىن، باشتا ئېيتىلغاندەك گۈللىنىشنىڭ تىنچلىقتىن ئىبارەت ئاساسى تىكلەندى. بىراق «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» يەنە بىر قوشۇن زىيالىيلارنى خەلقتىن ئايرىۋەتتى. بۇ تۈپەيلى كېلىپ چىققان ئۈزۈكچىلىك بىز بېسىپ ئۆتكەن شانلىق 20 يىل ئىچىدە ئۆزىنى كۆرسەتمەي قالمىدى.
1930- ۋە 1950 – يىللارنىڭ ئالدى – كەينىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىلىم تەھسىل قىلغان زىيالىيلارنىڭ تولىسى ئارىمىزدا يوق، بارلىرى ياشىنىپ قالدى. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ تۈركۈمدىكى زىيالىيلارنىڭ پائالىيەتچانلىق رولى ئاساسەن ئاخىرلاشتى. ھازىرقى نۇقتىلىق ئىجتىمائىي قاتلاملاردا رول ئويناۋاتقانلارنىڭ كۆپ قىسمى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كىرگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قولىدا تەربىيىلەنگەن. ئۇلار ئۆگەنگەن دەرسلىكلەر رۇسچە ئىدى ياكى رۇسلار ئەندىزىسىدىكى مىللىيچە كىتابلار ئىدى. ئەمما يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى كوممۇنىزم مەپكۇرىسىنى بىۋاسىتە سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈستقۇرۇلمىسىنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا قوبۇل قىلىشقان. پەن – تېخنىكىنىڭ سۈنىي ھەمراھ ۋە ئاتوم بومبىسى كەبىي مۆجىزىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىن كەلگەن قايىللىق ئارقىسىدا سىڭگەن ئاتېئىزم روھى ئۇلارنىڭ ئوبيېكتىپ خىزمەتلەرنى بېجىرىشىدىكى يېتەكچى ئىدى. ئەمما ئۇلار خىزمەت ئىشلىگەن مۇھىت مەنىۋى جەھەتتىن قانداق ئىدى؟
ئۇلار ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ پەرزەنتلىرى بولۇپ، ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئۇلارنىڭ چوڭ بولغان مۇھىتى مۇسۇلمانلار مۇھىتى، ئۇلاردا بۇ خىل مۇھىتنىڭ مەلۇم تەسىرى بار. ئۇلار ئالىي مائارىپ ھاياتىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۆز خەلقى ئارىسىدا خىزمەت قىلدى. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پرىنسىپى بويىچە ئېيتقاندا، بۇ كادىرلار قوبۇل قىلغان ئىدىيە يەرلىك خەلقنىڭ ئەنەنىۋى ئىدىيىسىگە نىسبەتەن يېڭى ۋە ئۆزگىچە بولغاچقا، كادىرلار بىلەن خەلق ئاممىسى ئوتتۇرىسىدا بەزى پەرقلەر مەۋجۇت بولدى – دە، كادىرلار بىلەن خەلق ئاممىسى گويا ئىككى سىنىپ كىشىلىرىدەك بولۇپ قېلىشتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كادىرلار ماددىي تۇرمۇش شەكلى جەھەتتىن رۇسلاردىكى ياۋروپاچە يوسۇننى مەلۇم دەرىجىدە ئۆزلەشتۈرگەن بولۇپ، مىللىي تۇرمۇشنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسىگە ئالاھىدە بىلىنىدىغان بىر قىسىم رەڭلەرنى قوشتى (بۇ، چېكىش، ئىچىش، كىيىش، ئەدەبىيات – سەنەت جەھەتلەردە كۆرۈلدى). بۇنداق ئەھۋاللار يالغۇز بىزدىلا كۆرۈلگەن ئەھۋال ئەمەس،
تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇنداق ئەھۋاللار پېتىر دەۋرىدىكى رۇسىيىدىمۇ كۆرۈلگەنىكەن. پېتىر غەربىي ياۋروپالىشىشنى يولغا قويغاندىن كېيىن، رۇسىيىنى غەربىي ياۋروپا ئەندىزىسىگە ئۈندەيدىغان زىيالىيلار قوشۇنى بارلىققا كەلگەن. بۇ زىيالىيلار 19 – ئەسىردە غەربىي ياۋروپاغا ئۆزلىرى خالاپ كۆچمەن بولغان ياكى سىياسىي پاناھلىق ئىزدەپ چىقىپ كەتكەن بىر تۈركۈم كىشىلەر ۋە ياكى ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. ئۇلار غەربىي ياۋروپا ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلغانلار بولۇپ، غەربىي ياۋروپا ئاڭ فورمىسى ئارقىلىق رۇسىيىنى قۇتقۇزۇشنى ئويلاشقان. بىراق بۇ، خەلق بىلەن ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ بىر ئارىلىقنى شەكىللەندۈرۈپ قويغان. «خەلقنى يىلتىز دېسەك، زىيالىيلار ئاشۇ يىلتىزدىن ئېچىلغان چېچەك. زىيالىيلاردا شۇنداق بىر كېسەل باركى، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئادەتتىكى خەلققە ئوخشىمايمىز، دەپ قاراپ ئەتەي پەرق كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدۇ» (ياپونىيىنىڭ خەلقارا جامائەت ئەربابى چىتيەن دازونىڭ سۆزى). بۇنداق ئەھۋال ئەلۋەتتە ساغلام بولمىغان ئەھۋالدۇر. ئۇنداق بولغاندا خەلق ئۆزىگە راستتىن نەپ كەلتۈرىدىغان تەربىيىدىن مەھرۇم قالىدۇ. زىيالىي ئۆزى بىلەن خەلققە ئورتاق ۋە ئومۇمىي بولغان مەسىلىلەرگە جاۋاب تاپالمايدۇ.
ماركسىزم مىللىي مەسىلىلەرنى ئالاھىدە دىققەت بىلەن تەتقىق قىلىدۇ. چۈنكى مىللەت دېگەن ئۇقۇم ئابستراكت بولغان بىلەن، مىللەتنىڭ ئۆزى كونكرېت بولىدۇ. ئۇنىڭدىكى كونكرېتلىق زېمىن، تىل، دىن، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، ھوقۇق قاتارلىق بىر تالاي مەزمۇنلاردىن تەركىب تاپىدۇ. ئوبيېكتىۋىزملىق ئۈستىگە قۇرۇلغان بىلىش ئۆز ئوبيېكتىدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلىلەردىن تارتىپ ئەڭ كىچىك مەسىلىلەرگە قەدەر ھەممە نەرسىنى سەمىمىي نەزەرگە ئالىدۇ. شۇڭلاشقا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا مىللەتتىكى يۇقىرىقى ئالاھىدىلىكلەر ئېنىق ئەكس ئەتكەن ۋە ھۆرمەت قىلىنغان. قانۇن ئاساسىي خىزمەتلەردىكى ئىلمىيلىك ۋە ئۈنۈمنىڭ كاپالىتى. زىيالىيلار ۋە كادىرلار (ئەسلىدە بۇ ئىككى ئۇقۇم بىر گەۋدە) ئەمەلىي خىزمەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئىلمىيلىكتىن كەلگەن مۇشۇ پرىنسىپنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىنكى زىيالىيلار كوممۇنىزم ئىدىيىسى بىلەن تەربىيىلەنگەن، بىراق بۇلارنىڭ ئىلگىرىكىسى بىلەن ئوخشاشمايدىغان يېرى، بۇلار كوممۇنىزم تەربىيىسىنى پروفېسسور ئەپەندىلەرنىڭ دەرسلىكلىرىدىن ئالغان، ماركسىزم كلاسسىكلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى بىۋاسىتە، تولۇقى بىلەن ئوقۇغانلار ئاز. ماركس، ئېنگېلسلارنىڭ ئەسەرلىرى 50 تومدىن ئاشىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ كېتىش مۇمكىن بولمىغاندىمۇ، ماركسىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەرەپلىرىنى تولۇق ئۆگىنىش، ماركسىزمنى يېتەكچى قىلغان دۆلەتنىڭ كادىرلىرىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. دېمەك، بۇلار يا ماركسىزمنى تۈزۈك بىلمەيدۇ، يا ئۆز خەلقىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ – ئادىتىنى تولۇق بىلمەيدۇ. ماركسنىڭ ئالدىغا بارسا ماركسقا يارىمايدىغان، خەلقنىڭ ئالدىغا بارسا خەلقىگە يارىمايدىغان بىر قىسىم زىيالىيلار پارتىيە سىياسىتىنىڭ ئىجرا بولۇشىدىكى توسالغۇلاردۇر. دۇنيادا بىرەر نەرسىگە پۈتۈن بولالماي، ھەممە نەرسىدە چالا بولۇپ قېلىشتىنمۇ ئارتۇق خەۋپ يوق.
مەدەنىيەت ماددىي ۋە مەنىۋى بولىدۇ. بۇلاردىن بىرى راۋاج تاپماي قالىدىكەن، مەدەنىيەت پالەچ نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. بىزدىكى مەدەنىيەتنىڭ مەنىۋىلىكى دۇنيا قاراش ياكى ئاڭ فورمىسى شەكلىدە باش كۆتەردىيۇ، ئەمما تەبىئەت دۇنياسىدىكى قانۇنىيەتلەرنى بىلىش ئاساسىدىكى يېڭىلاشتىن قۇرۇق قالغاچقا، جەمىيەتنى ئۆزگەرتىدىغان رولى ئىشقا ئاشمىدى. بىزدىكى زىيالىيلار قاتلىمى يالاڭ قاتلام، زىيالىيلار ئاساسەن ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىن ئورۇن ئالغان. پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولغان، ئىچكى – تاشقى ئالەمنىڭ قانۇنىيىتىنى ئاچىدىغان، بۇ ئارقىلىق ماددىي گۈللىنىشنى يارىتىدىغان پەن – تېخنىكا خادىملىرى بىزدە يوق دېيەرلىك. بار بولغاندىمۇ يەرلىك مەنىۋى ئاتموسفېرانىڭ شاللىشىغا ئۇچراپ تەرەققىي قىلالمىدى ياكى باشقا رايونلارغا ئېقىپ كەتتى. دۇنيا قاراش ياكى ئاڭ فورمىسى ئىجتىمائىي بولىدۇ، ئۇ، بىر خىل تۈزۈمدىكى جەمىيەتكە ماس كەلگەن بىلەن يەنە بىر خىل تۈزۈمدىكى جەمىيەتكە ماس كەلمەيدۇ. دېمەك، دۇنيا قاراش مەلۇم بىر جەمىيەتكە خۇسۇسىي بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئەدەبىي ئەسەرلەر، ھەيكەللەر كەبىي مەدەنىي شەكىللەر ئەنە شۇ جەمىيەتكە رول ئويناش بىلەن چەكلىنىدۇ. بۇ مەدەنىي شەكىللەرنىڭ ياراتقۇچىلىرىمۇ تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىستىخىيىلىك رەۋىشتە قايرىپ قويۇپ دۇنيا قاراشقا بېقىنىدۇ.
ئادەم ئۆز دۇنيا قارىشىنىڭ خوجايىنى بولۇش كېرەكمۇ؟
ياكى قۇلى بولۇشى كېرەكمۇ؟
كىشىلەر قۇلى بولۇشى كېرەك، دەپ جاۋاب بەرمىسە كېرەك.
بىراق ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى قۇللار ئۆزىنىڭ قۇل ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتمىگەن بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭدا قۇل ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش مەۋجۇت بولمايدۇ. مۇئەييەن دۇنيا قاراشنىڭ قۇلى بولۇپ قالغان ئادەمدىن ئىنسانىيەتنىڭ ئىدىيىسىنى ئازاد قىلىدىغان مەدەنىيەت بارلىققا كېلەمدۇ؟
ماركسىزم قائىدىلىرى بويىچە ئېيتقاندا، ئاڭ فورمىسى ئۈستقۇرۇلمىغا كىرىدۇ. گەرچە ئۇ بازىسقا قارىتا پائالىيەتچانلىق رولىنى ئوينىسىمۇ، بەرىبىر بازىسنىڭ چەكلىشىگە ئۇچرايدۇ. بۇ چەكلىمە دۇنيا قاراشنى بارا – بارا بازىسقا پاسسىپ ئىنكاس قايتۇرىدىغان زەئىپ نەرسىگە ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ.
ئەدەبىيات – سەنئەتچۇ؟
ماركسىزم ئەدەبىيات – سەنەتنى بازىس بىلەن ئۈستقۇرۇلما ئوتتۇرىسىدا تۇرىدىغان ئارىچى ۋاسىتە دەپ چۈشەندۈرىدۇ. مەلۇمكى، بۇ يەردە ئەدەبىيات – سەنەت پەقەت ۋاسىتىدىنلا ئىبارەت ئىدى. ئەگەر ئەدەبىيات – سەنەت ئاڭ شەكلىگە ئوخشاش مۇتلەق بېقىنما بولۇپ قالغان بولسا، مۇقەررەر ھالدا ئۈستقۇرۇلما ھېسابلانغان بولاتتى. ئەدەبىيات – سەنەت مۇنداق زىددىيەتكە ئىگە: ئەگەر ئۇ ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە زىيادە ئارىلىشىپ كەتسە، ئۆزىنىڭ ئېستېتىك ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىپ قويىدۇ، ئەگەر ئۇ ساپ ئېستېتىك دۇنيانى ھەددىدىن زىيادە قوغلىشىپ جەمىيەت ھاياتىدىن مۇتلەق قول ئۈزسە، ئىنساننىڭ رېئال تەقدىرىدىن يىراقلىشىپ كېتىدۇ. ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللانغۇچى كونكرېت جەمىيەتكە تەۋە ئىنساندىن ئىبارەت بولغاچقا، ئىنسانىيەتكە دائىر بىرەر مەسۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالماي قالمايدۇ.
بۇ خىل روھ دوستويېۋىسكىنىڭ مۇنۇ سۆزىدە يارقىن ئەكس ئەتكەن: «ئەي ئىنسان، ساڭا تەزىم قىلىۋاتقىنىم يوق، بەلكى ئىنسانىيەت تارتىۋاتقان بارلىق ئازاب – ئوقۇبەتلەرگە تەزىم قىلىۋاتىمەن».
بىزدە زىيالىيلار كۆپرەك ئىجتىمائىي پەن ساھەسىگە، بولۇپمۇ ئەدەبىيات – سەنەت ساھەسىگە توپلاشقان. دەرۋەقە، بۇلار خەلقىمىزنىڭ بايلىقلىرى. ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى خەلقىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ، ئىمكانىيىتى يەتكەن دائىرىدە تەربىيىلەپ كەلدى، ئۇلارنى ياخشى ئىشقا، ئىجاد ۋە مېھنەت بىلەن مەغرۇر ياشاشقا ئۈندەپ كەلدى. بىزنىڭ ئەدەبىيات – سەنەت ۋە مائارىپ سىستېمىمىزدىكى بەزى كىشىلەر شۇ قەدەر ساددىكى، ئۇلار ئەدەبىيات – سەنەت ئەسەرلىرى خەلقنى، جەمىيەتنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، دەپ ئىشىنىدۇ. بۇ خىل ئىشەنچ نورماللىق دائىرىسىدىن چىقىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ، نۇرغۇن كىشىلەرنى تۇيۇق يولغا باشلاپ قويدى، تالاپەتكە ئۇچراتتى. ئەدەبىيات – سەنەتنىڭ ئىنسانىيەت بىلەن بولغان بۇرچكارلىق ئالاقىسىنى چۈشىنىش بىلەن ئۇنىڭغا ئىشىنىش ئوتتۇرىسىدا زور پەرق بار. چۈشىنىش نورماللىققا ياتىدۇ، تەشەببۇسكارلىقنى يوقىتىپ قويۇش بەدىلىگە كەلگەن ئىشىنىش بولسا، ئاپتورنىڭ سۇبيېكتىپ ئەركىنلىكىدە بەرق ئۇرىدىغان ئىنسانىي چىنلىقنى يوقىتىدۇ.
ئەدەبىيات – سەنەت ئىنساننىڭ گۈزەللىككە مايىل ئىنتىلىشلىرىنىڭ سىرتلىشىشى ياكى كونكرېت بەلگىلەر بىلەن ماددىلىشىشى. گۈزەللىك ھېسسىي ۋە خۇسۇسىي بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئىنساننىڭ ئەڭ پىنھان ئىستەكلىرىگە تۇتىشىپ كېتىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئۇ، ھېسسىياتنى مەنبە قىلىپ، ھېسسىياتقا تەسىر قىلىدۇ. ھېسسىيات كۈچلۈك روھىي ئېنېرگىيە سۈپىتىدە يالت قىلىپ چاقنايدۇ – دە، ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق چاقناش دىتى نازۇك كىشىلەرگە كۆپرەك مەنسۇپ بولىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئەدەبىيات – سەنەت ئەسەرلىرى ئېلىپ كەلگەن ئويغىنىش ھاياجاننى ئالامەت قىلغان ھېسسىي ئويغىنىش بولۇپ، ئۇ، ئەقلىي ئويغىنىشتەك تۇرغۇن، مۇقىم ۋە ئەمەلىي بولمايدۇ. گەرچە ئۇ خىل ئويغىنىش ئىنساندىكى سېزىمنىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى يۈكسەك دەرىجىدە نامايان قىلسىمۇ، بەرىبىر جەمىيەت ھاياتىدىكى رېئال مەسىلىلەرگە قويۇلغان ئىلمىي دىئاگنوز بولالمايدۇ.
ئەدەبىيات – سەنەتنى ياخشى كۆرۈش ئىنساندىكى تۇغما ئىقتىدار. ئىنسانىيەتنىڭ يىراق ئۆتمۈش دەۋرلىرىدىمۇ بىزنى ھاڭ – تاڭ قالدۇرغان ئەسەرلەر يارىتىلغان. ھەتتا شۇنداق دېيىشكىمۇ بولىدۇكى، بۈگۈنكى ئەدەبىيات – سەنەت ئەسەرلىرى يىراق ئۆتمۈشتىكى ئەدەبىيات – سەنەت ئەسەرلىرىدەك تەسىر كۈچكە ئىگە بولغىنى يوق. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئەدەبىيات – سەنەتنىڭ گۈللىنىشىدىكى سۈپەت ئۆلچىمى خېلى بۇرۇنلا يېتىلىپ بولغان. ئەدەبىيات – سەنەتنىڭ راۋاجىنى ئۆلچەيدىغان ئەمدىكى ئۆلچەم ئەنە شۇ سۈپەتنىڭ كەڭ كۆلەمدە قانات يېيىپ، پۇقرالارنىڭ مەنىۋى ئىستېمال ئادىتىگە ئايلىنىشىدۇر. سۈپەت يۇقىرى سان ۋە كۆلەم ھالىتىگە كۆچتىمۇ – يوق، دېگەن مەسىلە ئەدەبىيات – سەنەت پائالىيىتىدىكى ئەركىنلىك مۇھىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئويلىغاندا، ئەدەبىيات – سەنەت ئىنسانىيەتتىكى قىشلاققا خاس تەبىئەتتىن تۇغۇلىدۇ.
شۇڭلاشقا، چارۋىچى ۋە دېھقان مىللەتلەرنىڭ مىجەزى سەنەتكە مايىل كېلىدۇ. يايلاقلاردا داستان ئېيتىش ئەنەنىسى ئۈزۈلۈپ قالمىغان بولىدۇ. مىللىي ئۆرپ – ئادەت ئاشۇ مىللەتنىڭ ھاياتىدا تۈزۈم شەكلىدە رول ئوينايدۇ. يېزىلاردا بولسا توي – تۆكۈن، بەزمە – مەشرەپلەر مىللەت ھاياتىنىڭ تىپىك ئىجتىمائىي كۆرۈنۈشلىرى سۈپىتىدە كۆزگە تاشلىنىدۇ. قائىدە – يوسۇنلار پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ جەمىيەت پۈتۈنلۈكىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان چېتىقلاردىن ئىبارەت بولىدۇ. ھەيران قېلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، دېھقان مىللەتنىڭ زىيالىيسىمۇ ئالدىراشلىق ۋە مۇرەككەپ زىددىيەت بىلەن تولغان شەھەر تۇرمۇشىدا تۇرۇپمۇ ئەنە شۇ ئېتنوگرافىيىلىك چەمبەرگە مەھكۇم بولىدىكەن. ئەمەلىيەتتە، بۇ يەنىلا ئىجتىمائىي نەيرەڭلەردىن خالىي ھالدىكى سەنەت تىپلىق پسىخىكا، لېكىن بۇ پسىخىكا شەھەردە بولىدىغان مەككارلىق ئادەتلىرى بىلەن چاڭلىشىپ سۈزۈكلۈكىنى يوقاتقان بولىدۇ. شائىر مىللەتنىڭ ياتلاشقان شائىر پەرزەنتلىرى بەئەينى ئۇرۇقى بۇزۇلغان قوغۇندەك ئەجدادلىرىغا تۈزۈك ئوخشىمايدىغان ياكى يېڭى سورتقا ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بېرەلمەيدىغان غەلىتە قىياپەتتە بولىدۇ.
مانا ھازىر دەبدەبىلىك قەسىدىلەر، مۇڭلۇق لىرىكىلار، دىيانەت، نادامەت ئىدىيىلىرى بىلەن تولغان پروزىلار، بىر – بىرىگە تاپا قىلىشىدىغان ماقالىلەر يېزىلىپ تۇرىدۇ. ئېكرانلاردا نەپىس ئۇسسۇللار، يەتتە ئىقلىمنىڭ ئارىلاشما ناخشىلىرى دىققەتنى مالىمان قىلىپ تۇرىدۇ. خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى ئىستېمالى يۇقىرىقىلارنىڭ ئىچىدە پەندىنامە سۆزلەيدىغان ناخشىلارنى، ئەۋرىشىم ئۇسسۇللارنى ئالاھىدە بازارغا ئىگە قىلغانكى، لوپا ئەينەك بىلەن قەدىمكى يېزىقلارنى مىڭ بىر جاپادا ئوقۇپ، تەقدىرنىڭ رايىغا يېشىم ئىزدەۋاتقان ئالىملار ماددىي، مەنىۋى قەرزدارلىقنىڭ كوچىسىدا يۈرمەكتە. ئالىملارنىڭ ئەقلى، نۇتۇقلىرى، يازغان كىتابلىرى ئەنە شۇ ئالىملارنى نورمال ياشىغۇدەك ماددىي شارائىتقا ئىگە قىلالمىدى. بايرام ۋە ئايەملەردىكى لاتاپەتلىك ئاشۇ قىستۇرمىلار بۈگۈنكى ئەقىل – پاراسەت دەرىجىمىزنىڭ رېئال ئورنىغا ۋەكىللىك قىلدى، بىزنىڭ ئىجادكار روھىمىز پەقەت ئەنە شۇ تەرزدىلا ئەكس ئەتتى ۋە جارى بولدى. گەرچە سەنەتچىلىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى تاپاۋىتى مەدەنىيەتىڭ باشقا قاتلاملىرىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ كىرىمىدىن ئۈستۈن بولسىمۇ، بىراق ئۇ تەرەققىي قىلغان باشقا رايونلارغا سېلىشتۇرغاندا يەنىلا كۆپ تۆۋەن. پەن – تېخنىكىدىكى تۆۋەن ساپا تۆۋەن ئىقتىسادىي مۇھىتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
خەلقىمىز ئەنەنىۋى تەنتەربىيە تۈرلىرىگە ئىنتايىن باي خەلق، چەۋەندازلىق، نەيزىۋازلىق، كاماندازلىق، ئاتقا مىنىپ تۇرۇپ ئوينايدىغان چەۋگەن توپ ئويۇنى، بۇقا بىلەن چېلىشىش، چېلىشىش، ئوغلاق تارتىشىش، جانبازلىق، قوشقار سوقۇشتۇرۇش، خوراز سوقۇشتۇرۇش… كەبىي خاراكتېر تاۋلايدىغان، جاسارەت، رىقابەت، تەشكىلچانلىق، تەرتىپ – ئىنتىزام، ئۇيۇشقاقلىق كەلتۈرىدىغان مەدەنىي شەكىللەر يوقاپ كەتتى. ئۇنىڭ ئورنىنى كىشىنىڭ خاراكتېرىنى يۇمشىتىدىغان، نازۇك، رايىش قىلىپ قويىدىغان، تەقدىرنىڭ سوئاللىرىغا پەرىشان – مۇڭ بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشنى ئۆگىتىدىغان مەدەنىي شەكىللەر ئىگىلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ شۇ قەدەر غۇرۇرسىز سەنەتكى، ئۇ، بۇتتەك ئولتۇرۇپ كۆرىدىغان، ھاياجانلىنىش، چاۋاك چېلىش، ئىنكاس دېگەنلەرنى بىلمەيدىغان، خۇددى يوق تاماشىبىنلار ئالدىدىمۇ غەمزە قىلىشقا تەييار بۇ ھالەت ئوردا مەھرەملىرىنىڭ سالاپەتلىك، كىبىرلىك ھالىتىنى ئەسلىتىدۇ. بىزنىڭ سەنەتكارلىرىمىزدا غۇرۇر بولۇشى، ئۆز خەلقىنىڭ سەنەت تارىخىغا ئەقىدە بولۇشى، سەنەتنى خورلىماسلىقى كېرەك. ئۇلاردا ئابرۇي – ئىناۋەت كۆز قارىشى بولۇشى كېرەك. مېنىڭچە، غۇرۇرى يوق سەنەت ئىگىلىرىنىڭ سانى مىليونغا يېتىپ، كۈنىگە نەچچە قېتىم ئويۇن كۆرسەتسىمۇ، خەلقىمىزنىڭ ساپاسى ھازىرقىدەك تۇرۇۋېرىدۇ.
ئەدەبىياتىمىزنى ئالساق، بىزدە مەلۇم مىقداردىكى ئىجادىيەتچىلەر قوشۇنى بار، بىراق ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتىنى يېتەرلىك ئىجتىمائىي سەزگۈرلۈك، مول مەدەنىي قاتلام، يۈكسەك نەزەرىيىۋى پەللە نۇقتىسىدىن تەھلىل، تەتقىق قىلىدىغان قوشۇن تېخى يېتىلمىدى، بۇ پەقەت بىر نەچچە ئادەمنىڭ ئىشى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىر قانچە ئادەمدىكى نەزەرىيىۋى رامكا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى زېمىنىدا يېتىلگەن رامكا بولماستىن، 19 – ئەسىر ۋە 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى رۇس ئەدەبىياتى، خىتاينىڭ «4 – ماي» دەۋرىدىن كېيىنكى ئەدەبىياتى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن نەزەرىيە. بۇ نەزەرىيە ئەنەنە، ئېتىقاد، ئېستېتىك دىت جەھەتتە تامامەن ئۆزگىچە بولغان مىللەتنىڭ ئەدەبىياتىنى باھالايدىغان ئۆلچەمگە ئايلاندى. دېمەك، بىز ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ئۇيغۇرنىڭ كۆزى بىلەن ئەمەس، بەلكى رۇسلارنىڭ كۆزى بىلەن كۆزەتتۇق. بۇ پەقەت بىزدىلا ئەمەس، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ئەدەبىيات زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك سادىر بولدى. بىر مىللەتتە مۇستەقىل نەزەرىيىۋى سىستېمىنىڭ بارلىققا كېلىشى شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتىكى ھاياتىي كۈچىنى ئاشكارىلايدۇ. بۇ سىستېما تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەننىڭ ماس قەدەملىك گۈللىنىشىدىن كېلىپ چىققان ئۇنىۋېرسال قىممەت قارىشىدىن ھايات تاپىدۇ. ۋەھالەنكى، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىنىڭ زىيالىيلىرى تەتقىقاتچى بولماستىن، پەقەت ئۈستقۇرۇلما قورالىغا ئايلىنىپ قالدى. ئۇلار يېڭى تارىخىي دەۋردە يېڭى ئۈستقۇرۇلمىنى يەرلىك خەلققە يەتكۈزىدىغان ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالدى.
زىيالىيلار قاتلىمىمىزنىڭ ئىچىدە تارىخچىلارمۇ سالماق ئورۇن تۇتىدۇ. قايسىدۇر بىر يازغۇچىنىڭ “تارىخ ئايدىڭلاشتۇرۇلغان تەجرىبىلەر مەجمۇئەسى” دېگىنى يادىمدا تۇرۇپتۇ. بۇ تەجرىبە ئەۋلادلارغا توغرا ھايات پروگراممىسى تۈزۈش، توغرا يۆنىلىش بەلگىلەش جەھەتتە ماياك رولىنى ئوينايدۇ. بىراق تارىخ ئاختۇرۇش، تارىخ يېزىش تولىمۇ زىل مەسىلە. تارىخچىلار ھامان فېئودال خانلارنىڭ رايى بويىچە بۇرمىلانغان دۆۋە – دۆۋە ماتېرىياللار ئىچىدىن ھەقىقەتنىڭ پارچە – پارچە سۆڭەكلىرىنى ئىزدەيدۇ ۋە بۇ سۆڭەكلەرنى بىر يەرگە كەلتۈرۈپ، ھەقىقەتنىڭ ئوبرازىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولىدۇ. بىراق بەزى سۆڭەكلەر چىرىپ يوقاپ كەتكەن بولىدۇ، تارىخچى مانا مۇشۇ تراگېدىيىنىڭ ئىچىدە ئۇزۇن ۋاقىت تۈنەيدۇ. بەلكىم فرانسىيە مۇتەپەككۇرى ۋولتېرنىڭ: «تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ» دېگەن سۆزى مۇشۇ مەنىدە ئېيتىلغان بولسا كېرەك.
بۈگۈنىگە ئىگە بولالمىغان خەلق ئۆتمۈشتىن تەسەللى ئىزدەيدۇ، بۇنداق خەلقنىڭ تارىخچىلىرىمۇ كەلگۈسىنى يېزىشنىڭمۇ تارىخ بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئۈلگۈرمەيدۇ.
ف.نېتزى تارىخنىڭ تىرىكلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى مۇنداق چۈشەندۈرگەن:
«تارىخ تىرىشىپ كۈرەش قىلىۋاتقانلار ئۈچۈن ياد ئېتىش، ئىززەت – ھۆرمەتتىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلار ئۈچۈن قوغداش، ئازابلىنىۋاتقانلار ئۈچۈن تەنقىد» (ف. نېتزى: «تارىخنىڭ پايدا – زىيىنى»، سودا نەشرىياتى 1998 – يىل 10 – ئاي نەشرى).
خىتايدا زىيالىي كادىر ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئىمتىھانلاردا كەسپىي سىناقلارغا دۇچ كېلىش بىلەن بىرگە سىياسىي سىناقلارغىمۇ دۇچ كېلىدۇ. بەلكى سىياسىي سىناق ھەممىدىن مۇھىم ئۆتكەل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بىر زىيالىي كەسپىي ساپا ئىگىسى بولۇشتىن ئاۋۋال سىياسىينى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ئاڭ فورمىلىرىنى بىلىشى، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۆتكەللىرىدىن ئۆتۈشى كېرەك. ئىسلاھاتنىڭ قەدىمىگە ئەگىشىپ، ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان ئاڭ فورمىلىرىنى بىلىشى، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۆتكەللىرىدىن ئۆتۈشى كېرەك. ئىسلاھاتنىڭ قەدىمىگە ئەگىشىپ، ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان رايونلاردا مۇتەخەسسىسلىشىش دولقۇنى پەيدا بولدى. ئەمما نىسبەتەن بېكىك، ئىقتىساد دېگەندەك تەرەققىي قىلمىغان، تېخى سولچىللىقنىڭ ئاسارىتىدىن تولۇق قۇتۇلۇپ كېتەلمىگەن رايونلاردا بولسا باشتىكى تەلەپ يەنىلا كۈچكە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە قاتتىق تەكىتلىنىدۇ. تۇراقلىق مائاش تۈزۈمى يۇقىرىقىلار بىلەن بىرلەشكەن ھالدا زىيالىيلارنىڭ مەنپەئەتدارلىق تۇيغۇسىنى بىر نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ قويدى. ئۇلارنىڭ پىكىر – خىيالى مائاشتا، مائاشىنى زىيان – زەخمەتكە ئۇچراتماسلىقتا بولدى. يۇقىرىدىن – تۆۋەنگىچە مائاشقا قاتتىق يېپىشتۇرۇلغان كونترول سىستېمىسى كىشىلەردە باشقۇرۇپ تۇرمىسا بولمايدىغان خىزمەت ئۇسۇلىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇلاردىكى ئاڭ ئاشۇ خىل يېپىق، تار مۇھىتنىڭ مەھسۇلى بولغاچقا، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا تاپشۇرۇلغان ئىشخانا ۋە ئىدارىلەر ياشاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندى. ياشاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش بارلىق جانلىقلارغا خاس پائالىيەت بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئادەمگە خاس بىردىنبىر ئىقتىدار ئەمەس. ئەمما بۇ ئىقتىدار نەزەر دائىرىسى تار ئادەمنىڭ قەلبىدە خۇسۇمەتچىلىك، ناتوغرا زىددىيەت ئۆسمىلىرىنى پەيدا قىلىپ، ئەتراپقا تېزلا يۇقىدۇ. ئىنسان ئۆزىنىڭ ياشاش تەرزىنى ھايات ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىگە كۆرە بەلگىلەيدۇ.
ئاڭ ناھايىتى كەڭ ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. ھايات، بارلىق، ئىنسان ھەققىدىكى چۈشەنچىلەر، دۇنيانىڭ ھاياتلىقتىن ئىلگىرىكى ھالىتى، ئۇنىڭ ھاياتلىق بىلەن بولغان ئالاقىلىرى، بۇ ئالاقىلەرنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۆزگىرىشلىرىگە ئائىت ئىزدىنىشلەر ئاڭنى تەشكىل قىلىدۇ. ئەمما پەننىڭ تەرەققىياتى ئۇنىڭ بۆلۈنۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىنسانلارنىڭ ئىزدىنىشلىرى ئىنچىكىلەشتى، بۇ ھال ئىجتىمائىي پەن ساھەلىرىدىمۇ كۆرۈلدى. نەتىجىدە، قۇرتنى تەتقىق قىلغۇچىلار قۇرتقا ئايلىنىپ كېتىدىغان، جەمىيەتنى تەتقىق قىلغۇچىلار قەغەز دۆۋىلىرى ئىچىدە ھەسەنشېرىككە ئايلىنىپ كېتىدىغان ئاقىۋەت كېلىپ چىقتى. زىيالىيلار بىلەن ئاددىي قاتلاملاردىكى خەلقنىڭ ئارىلىقى يىراقلاپ كەتتى. كۆپلىگەن زىيالىيلار پەقەت كۈندىلىك تۇرمۇشى ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ يۈرەكزادە بولۇپ كېتىدىغان، ئۆزى ئۈچۈن كىتاب يېزىپ، ئۆزى ئۈچۈن ئۇنۋان ئالىدىغان، بالىسى قىزىپ قالسا يېرىم كېچىدە دوختۇرخانىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ ئاسما ئوكۇل سالدۇرىدىغان، تېلېۋىزوردىن باشقىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ يىتۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنى كۆزىنى مىت قىلماي ئولتۇرۇپ كۆرىدىغان شەخسىيەتچىلەرگە ئايلىنىپ كەتتى.

زىيالىي دېگەن نېمە؟
بۇنىڭغا فرانسىيىنىڭ بۈگۈنكى زامان مۇتەپەككۇرى ليۇتارد مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: «زىيالىيلار ئۆزىنى، ئىنسان، ئىنسانىيەت، مىللەت، خەلق، پرولېتارىيات، جانلىقلار ۋە باشقا مەۋجۇدىيەتنىڭ ئۆزىنى قويۇپ تۇرۇپ پىكىر قىلىدىغان مۇتەپەككۇرلارغا ئوخشايدۇ» (ليۇتارد: «كېيىنكى زامانىۋىلىق ۋە گۇۋاھلىق ئويۇنى»، شاڭخەي خەلق نەشرىياتى 1997 – يىل 1 – ئاي نەشرى). بۇ جاۋاب ھەر خىل تۈزۈمدىكى جەمىيەتلەرنى تەڭ كۆزدە تۇتۇپ بېرىلگەن بولۇپ، زىيالىي دېگەن گەپ ئۆزىنى باشقىلار بىلەن تەقدىرداش دەپ تونۇغۇچى دېگەن مەنىدىن دېرەك بېرىدۇ. ماددىي ۋە مەنىۋى پاراۋانلىقتا ياشاۋاتقان بىر ئەرباب يەنىلا زىيالىيلارغا قويۇق ئادەمگەرچىلىك پۇراپ تۇرىدىغان تەلەپنى قويۇۋاتىدۇ.
بۇنىڭغا باققاندا، بىز قانداق تەلەپنى قويۇشىمىز كېرەك؟

يىلان ئادەملەر ۋىجىلداپ كۆيۈۋاتقان دوزاخ ئوتىغا تەمەچ توشۇپ تەمەچ تاشلايدىكەن، قارلىغاچ شىددەتلىك دوزاخ ئوتىنى ئۆچۈرىمەن دەپ ئاغزىدا سۇ توشۇپ چاچىدىكەن.
«ئەي قارلىغاچ، تامچە – تامچە سۇ بىلەن بۇ ئوتنى قانداقمۇ ئۆچۈرەلەيسەن؟» دەپ سورالغاندا،
قارلىغاچ: «ئىنساننىڭ ئازابىنى چۈشىنىش مېنىڭ ئەقىدەم، قانداق بولمىسۇن، ئۆز ئەقىدەم يولىدىكى ھەرىكىتىمدىن زىيادە لەززەت تاپىمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن.

جەمىيەت نۇقتىسىدىن كۆزەتكەندە، يىلان بىلەن قارلىغاچنىڭ كۈرىشى ھېلىمۇ مەۋجۇت. تەبىئەت نۇقتىسىدىن كۆزەتكەندە، يىلان بىلەن قارلىغاچنىڭ ھەر ئىككىسىلا يارالمىش مەخلۇق. ئەخلاق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئادالەت ئەنە شۇنداق پاجىئەلىك دەقىقىلەردە تۇغۇلۇپ ئۆسىدۇ. دەسلەپتە ئۇ يېگانە بولىدۇ ۋە ئاشۇ يېگانىلىق ئىچىدە باشقىلارغا نېسىپ بولمىغان گۈزەللىك ھەم باتۇرلۇقتىن دەرس ئالىدۇ.

توغرا نىشانغا يۈزلەنمىگەن ئىلىم ئۆز ئىگىسىنى شەرمەندە قىلىدۇ، قارا نىيەت كۈشەندىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. ئالۋاستىنى بىلىملىك ئەمەس، دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟ لېكىن ئالۋاستىنىڭ بىلىمى ئىبلىس ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.

(6)

قالاق يېزا ئىگىلىكىدە تۇرۇۋاتقان بىر مىللەت بىلىم ئىگىلىكىنى مەزمۇن قىلغان 3 – قېتىملىق سانائەت دولقۇنىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ساۋاتسىزلىق پاتقىقىدىن چىقىپ بولالمىغان بىر مىللەت كومپيۇتېر دەۋردىكى يەنە بىر ساۋاتسىزلىققا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. تارىخىنى ياخشى تونۇمىغان بىر مىللەت ئۆزىگە نىسبەتەن تامامەن ناتونۇش بولغان يېڭى ئەسىرگە كىرىۋاتىدۇ. ئالدىمىزدىكى دۇنيا ئىنسانىي ھەمكارلىقنىڭ تۈرلىرى كېڭىيىدىغان، مەدەنىيەت تىپلىرى ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت كەسكىنلىشىدىغان، ئەقىلنىڭ قىممىتى بىۋاسىتە ئايان بولىدىغان بىر پۈتۈن دۇنيا. ئۇ، تەرەققىيات سۈرىتىنىڭ ئالاھىدە تېزلىكى ۋە رىقابەت جەھەتتىكى رەھىمسىزلىكى بىلەن بىزنى كۈتمەكتە.

ئامېرىكىلىقلار: «21 – ئەسىر ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەسىرى بولىدۇ» دېيىشىدۇ.
ياۋروپالىقلار: «21 – ئەسىر ياۋروپالىقلارنىڭ ئەسىرى بولىدۇ» دېيىشىدۇ.
مۇسۇلمانلار: «21 – ئەسىر ئىسلام گۈللىنىش دەۋرى بولىدۇ» دېيىشىدۇ.
ئېلىمىز: «21 – ئەسىر شەرقىي ئاسىيالىقلارنىڭ دەۋرى بولىدۇ» دېيىشىدۇ.

بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ھەركىم يەنىلا ئۆزىگە پايدىلىق پۇرسەتلەرنى ئىزدىمەكتە ۋە ياراتماقتا.
پۇرسەت ئىزدەش بىلەن يارىتىشنىڭ بىرلىكى.
مىلادىيەدىن ئىلگىرى ئۆتكەن يۇنان ئالىمى تاللېس ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى كۆزىتىپ كېتىۋېتىپ، دىققەتسىزلىكتىن ئالدىدىكى بىر ئازگالغا چۈشۈپ كېتىپتۇ. بىر سودىگەر ئۇنى كۆرۈپ قاپتۇ – دە، مۇنداق دەپتۇ:
سىز ئاسماندىكى نەرسىلەرنى بىلىمەن دەۋاتاتتىڭىز، پۇتىڭىزنىڭ ئاستىدا نېمىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلمەي قاپسىزغۇ؟ ئىلمىي تەتقىقاتتىن راستتىنلا چوڭ نەپ ئاپسىز. ئازگالغا چۈشۈپ كېتىشىڭىزمۇ بىلىمنىڭ سىزگە كەلتۈرگەن پايدىسى.
تاللېس ئازگالدىن چىقىپ تەمكىن ھالدا ئۇنىڭغا:
ئېگىزدە تۇرالىغان ئادەمدىلا ئېگىزدىن ئازگالغا چۈشۈش ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى بولىدۇ. بىلىمسىز ئادەملەرنىڭ ئىشى ئەۋرەزدە ماكان تۇتۇش تۇرسا، ئۇنىڭ ئەركىن يىقىلىپ قوپۇشىدىن قانداقمۇ گەپ ئاچقىلى بولسۇن، دەپتۇ.
ئۆزى يىقىلغان ئادەمدە قوپۇش ئەركىنلىكى بولغاچقا، مەنزىلىگە يېتىپ بارالايدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top