• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » داڭلىق كىشىلەر » شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇخبىرى-مۇنىر يېرزىن

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇخبىرى-مۇنىر يېرزىن

نەبىجان تۇرسۇن (تارىخ پەنلىرى دوكتورى)
29-ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇر خەلقى 20-ئەسىر تارىخىدىكى ئەڭ شەرەپلىك سەھىپە، يەنى ئۆز مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇخبىرى- مۇنىر يېرزىن ئەپەندىدىن ئايرىلدى. دېمەك تاتار ۋە ئۇيغۇر ئىككى قېرىنداش خەلقنىڭ پەرزەنتى، بىر ئۆمۈر ھاياتىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇش ۋە ئازادلىق كۈرەشلىرىگە ھەم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشقا بېغىشلىغان ئۇيغۇرشۇناس مۇنىر يېرزىن ئەپەندى 2020-يولى 29-ئىيۇن كۈنى 92 يېشىدا ئالمۇتادا ۋاپات بولدى.
1944-يىلى، 17-نويابىر كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى بويىچە «ئازاد شەرقىي تۈركىستان» گېزىتى بىراقلا ئۇيغۇر ۋە رۇس تىللىرىدا تارقىتىلىشقا باشلىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ گېزىت يەنە قازاقچە، موڭغۇلچە ۋە شىبەچە چىقىرىلىشقا باشلىدى. بۇ گېزىت شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەسمىي ھۆكۈمەت ئورگان گېزىتى بولۇپ، بۇ گېزىتخانىدا دەسلەپتە ھەبىب يۇنۇچى، يەنە ھۈسەيىن ناسىرى، ئارقىدىن ئەسھەق ئىسھاقوف قاتارلىقلار باشلىق بولدى، 1947-يىلىدىن 8-ئايدىن كېيىن ئۇيغۇر سايرانى باش بولدى. بۈگۈن بىز بىلەن ۋىدالاشقان مۇنىر يېرزىن ئەنە شۇ گېزىت 1946-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى «ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان» نامىغا ئۆزگەرتىلىپ داۋاملىق چىقىرىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، يەنى 1947-يىلى 8-ئايدىن تاكى 1949-يىلى 10-ئايدا خىتاي كوممۇنىستلىرى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىپ، ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مەزكۇر گېزىت «ئىلى گېزىتى» گە ئۆزگەرتىلگىچە مۇخبىر بولۇپ خىزمەت قىلغانىدى.
مۇنىر يېرزىن ئەپەندى 1928-يىلى ئالتايدا تاتار زىيالىيسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1942-1945-يىلى ئۈرۈمچىدىكى ئۆكىلىك خىتاي دارىلمۇئەللىمىنىدە ئوقۇغان. 1946-يىلى، 9-ئايلاردىن باشلاپ، تاكى 1947-يىلى، 8-ئايغىچە ئەخمەتجان قاسىمى كونتروللۇقىدىكى ئۇيغۇرچە، قازاقچە «شىنجاڭ گېزىتى» دە خىزمەت قىلغان، 1947-يىلى، 8-ئايدا ئەخمەتجان قاسىمىغا ئەگىشىپ غۇلجاغا كېتىپ، «ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىدە تاكى 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە خىزمەت قىلغان ۋە ئۈرۈمچىگە بېرىشنى رەت قىلىپ، غۇلجىدا قالغان. ئۇ، 1955-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كەتكەن ۋە 1967-يىلىغىچە ئالمۇتادا ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان «كوممۇنىزم تۇغى» گېزىتىدە خىزمەت قىلغان. ئۇ، 1967-يىلىدىن باشلاپ، قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىدە، 1986-1996-يىللىرى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن.
مۇنىر يېرزىن تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر مەتبۇئات تارىخى ھەققىدە كاندىدات دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسى يېزىپ، تارىخ پەنلىرى كاندىدات دوكتورى بولغان ھەم ئۆمرىنىڭ 50 يىلىدىن ئارتۇق ۋاقتىنى مەخسۇس ئۇيغۇر تارىخى، ئۇيغۇر مەتبۇئات تارىخى شۇنىڭدەك يەنە تاتار تارىخى مەسىلىلىرىگە بېغىشلىغانىدى.
مۇنىر يېرزىن ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى بويىچە «سوۋېت ئۇيغۇر مەتبۇئات تارىخى» قاتارلىق بىر قانچە كىتاب ۋە ماقالىلەر توپلاملىرىنىڭ ئاپتورىدۇر.
مۇنىر يېرزىن ئەپەندى ھايات ۋاقتىدا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ «تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىسىگە كۆپ قېتىم ئۆزىنىڭ 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى دەۋرىدە كۆرگەن-بىلگەنلىرى ۋە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ھايات كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ، ئاڭلىغۇچىلاردا چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغانىدى. مۇنىر يېرزىن ئەپەندى ئىنقىلاب رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق مۇھىم ئەربابلار بىلەن سۆھبەتداش بولغان ۋە ئۇلارنىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى ئورۇندىغان. ئۇ، 1946-1949-يىللىرىدىكى ئۈرۈمچى ۋە ئىلىدا يۈز بەرگەن كۆپلىگەن سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي ۋەقەلەر شۇنىڭدەك شاھىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىىڭ «ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىنىڭ ئاخىرقى مۇخبىرى ئىدى.
مۇنىر يېرزىن ئەپەندىنىڭ «ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىدە بىرگە خىزمەت قىلغان خىزمەتداشلىرى نۇر بوساقوف، زۇنۇن قادىرى، ئەلقەم ئەختەم، تۇرسۇن ئىسرايىل، ئىبراھىم نورۇز، ئابدۇرېشىت ئىمىن، خەمىت تۆھپى، تۇرغۇن ئالماس ۋە باشقىلار ئىلگىرى-كېيىن ئاللىبۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، مۇنىر يېرزىن ئەنە شۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق كۈرەش تارىخىدىكى شەرەپلىك ۋە جەڭگىۋار مەتبۇئات ئورگىنىنىڭ ئاخىرقى گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە ھازىرغىچە ياشاپ، نۇرغۇن ۋەقەلەرنى ۋە باشقىلارنى سۆزلەپ بېرىپ خەلققە تەقدىم قىلغانىدى.
مۇنىر يېرزىن ئەپەندى بىلەن تۇنجى قېتىم 1991-يىلى، 6-ئايدا ئالمۇتادا پۈتۈن سوۋېتلەر ئىتتىپاقى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن 2-قېتىملىق ئۇيغۇرشۇناسلىق كونفېرېنسىيەسىدە كۆرۈشكەن ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ھەر قېتىم موسكۋادىن ئالمۇتاغا كېلىپ ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىدىكى دوستلار ۋە ئالىملار بىلەن كۆرۈشكىنىمدە مۇنىر ئاكا بىلەنمۇ سۆزلىشىپ، پىكىرلىشىپ تۇرغانىدىم. مۇنىر ئاكا كىچىكىدىن خىتاي تىلىدا ئوقۇغان ۋە ئۈرۈمچىدە خىتاي تىلىدىكى ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىندە مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ ھەتتا قەدىمكى خىتاي تىلىنىمۇ ياخشى بىلەتتى ۋە خىتاي مەنبەلىرى بويىچە شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر تارىخى مەسىلىلىرى بويىچە تەتقىقات قىلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. لېكىن، ئۇنىڭ ئاساسلىق تەتقىقاتى ئۇيغۇر مەتبۇئاتچىلىق تارىخى بولۇپ، ئۇ 20-ئەسىر ئۇيغۇر مەتبۇئات تارىخى ساھەسىدىكى ئەڭ ئەتراپلىق تەتقىقات ئېلىپ بارغۇچى ئىدى.
مۇنىر يېرزىن ئەپەندى 2000-يىللاردىن باشلاپ تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەنمۇ يېقىن ئالادىلاردا بولغان بولۇپ، تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا يېقىندىن ئېتىبار بېرىش بىلەن ئۇنى تاتار ۋە ئۇيغۇر ئىككى قېرىنداش خەلقنىڭ ئالىمى سۈپىتىدە ھۆرمەتلىگەنىدى. تاتارىستان پرېزىدېنتىمۇ ئۇنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا ئالى ھۆرمەتلەرنى كۆرسەتكەن. ئۇ ھەم تاتار تارىخى بويىچىمۇ ئەسەرلەرنى يېزىشقا باشھلىغانىدى.
مۇنىر يېرزىن ئەپەندى بىلەن 2010-يىللاردىن باشلاپ كۆپ قېتىم تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ، ئۇنىڭدىن ئۆزى شاھىت بولغان 1940-يىللار ، بولۇپمۇ 1946-1949-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب ۋەزىيىتى ھەققىدە ئەسلىمىلىرىنى خاتىرىگە ئالغانىدىم. 2018-يىلىدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ سوئاللارغا جاۋاب ئالدىم. مەرھۇم بىلەن بۇ يىل 2-ئاينىڭ ئاخىرىدا بىر قانچە قېتىم سۆھبەتلەشتىم. بۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاخىرقى سۆھبىتىم ئىدى.
مۇنىر يېرزىننىڭ ئۆزى شاھىت بولغان ۋەقەلەر ھەققىدىكى ئەسلىملىرى راتسچىل ، ھەقىقىي، ئەمەلىي ۋە ئېنىق بولۇپ، ئۇ بىر تەلەپچان ئالىم ۋە ئىنقىلاپ ساھىدى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەسىلىلەرگە ئوبيېكتىپ نۇقتىدىن قارايتتى، كۆپتۈرۈش ياكى چۈشۈرۈش ۋە ياكى ساقتىلاشتۇرۇشتىن ساقلىناتتى. شۇڭا ئۇنىڭ تارىخى بايانلىرى ئەڭ رەئال ۋە ئىشەنچىلىك ھېسابلىنىدۇ.
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنىڭ جەننەتتىن بولۇشى، نۇر ئىچىدە يېتىشىنى ئاللاھتىن تىلەيمەن !
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top