• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى

5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى

پىروفېسسوردوكتور ئالىمجان ئىنايەت

ئۇيغۇچىلاشتۇرغۇچى: ئەھمەد سۇلۇق

بۈگۈن 5-ئىيۇل بولۇپ، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 11 يىللىقى.  مەن بۇنى ئۈرۈمچى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى دەپ ئاتايمەن، چۈنكى پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەپەندى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئىشلارنى شۇ كۈنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تەسۋىرلىدى. ئۇ 2009-يىلى ئىدى. 7-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئۈرۈمچىدە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت خىتاينىڭ شاۋگۇەن شەھىرىدە ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنى ئۇرغان قاتىللارنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىش ئىدى. خىتاي بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ قولىدا كىتاب ۋە قەلەمدىن باشقا نەرسە بولمىغان نامايىشچىلارنى قۇراللىق باستۇرىشى، يۈزلىگەن ياشنى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

رايوندىن كەلگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 7-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچتە كوچىدا قالغان ئۇيغۇر تۈركلىرى كوچا چىرىغى ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن ئوققا تۇتۇلغان، تازىلىق ئىشچىلىرى ئەتىگەنگىچە كوچىلارنى تازىلاپ، قاتىللىقنىڭ ئىىزلىرىنى سۈرتكەن. تېخىمۇ چاتاق يېرى شۇكى، بۇ قىرغىنچىلىقتىن كېيىن مىڭلىغان كىشى غايىب بولدى. ئۇيغۇر تۈركلىرى جەمئىيىتى 5-ئىيۇل كۈنى زور زەخىمگە ئۇچرىدى. 60 يىلدىن بۇيان مىللەتلەرنىڭ ئەركىنلىكى، مۇستەقىللىقى ۋە باراۋەرلىكنى ئېيتىپ كەلگەن خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ھەقىقىي ماھىيىتىنى نامايان قىلدى.

شۇنداق، بۇ ھەقىقەتەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىدى. بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە قارايدىغان بولساق، ئېنىقكى، 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ۋەھشىيلىك ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قاراتقان سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىن قىلىش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى. بۇنىڭدىن باشقا، مىليونلىغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە ئۆزبېك تۈركلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش ​​«كەسپىي مائارىپ مەكتەپلىرى» دەپ ئاتالغان جازا لاگېرلىرىغا مەجبۇرلانغان، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى توسۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغماس قىلىپ قويغان، ھەمدە ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ كىچىك باللىرىنى ئۆز ئائىلىسىدىن مەجبۇرى ئېلىپ كەلگەن ۋە تەربىيلىگەن. ئۇيغۇر قىزلارنىڭ رازىلىقىسىز خىتاي ئەرلەر بىلەن توي قىلدۇرىلىشى ۋە مۇسۇلمانلارنى خىتاي ئۇسلۇبىدىكى ئىسلام دىنىغا ئىشىنىشكە مەجبۇرلاش 1951-يىلى 12-يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش ئەھدىنامىسى» غا ئاساسەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى دائىرىسىگە كىرىدۇ.

باشقىچە ئېيتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلماقتا. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق ھەرىكەت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن مۇددىئاغا قارايدىغان بولساق، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيىلىك سىياسىي، جۇغراپىيىلىك ئىستراتېگىيىلىك ۋە جۇغراپىيىلىك ئىقتىسادىي قىممىتى ۋە ئەھمىيىتى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە مۇھىم قىممەتكە ئىگە.

مانجۇ-خىتاي ئىمپېرىيىسى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلغاندا، ئالدى بىلەن بۇ رايوننىڭ نامىنى «شىنجاڭ / شىنجياڭ» (يېڭى چېگرا) غا ئۆزگەرتكەن، ئاندىن خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇر تۈركلىرىنى كۇڭزى ئىددىيىسى بىلەن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى پىلانلىغان. چۈنكى مانجۇ-خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاسسىمىلياتسىيەنى شەرقىي تۈركىستاننى كونترول قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى دەپ قارىدى، شۇڭا خىتايغا غەربتىن كېلىدىغان خەتەرنى مۇشۇ يول بىلەن كونترول قىلدى. مانجۇ-خىتاي ھۆكۈمرانلىقى بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ يولغا قويماقچى بولغان ئاسسىمىلياتسىيە پىلانىنى مىللەتچى خىتاي ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە ئۇلۇس دۆلىتى قۇرۇش تۈرىنىڭ تەلىپى، شۇنداقلا خىتاي كوممۇنىزم ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە كوممۇنىزم ئىدىئولوگىيىسىنىڭ زۆرۆرىيىتى سۈپىتىدە تەسۋىرلىگەن ۋە ئىلگىرى سۈرگەن.

1949-يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى شەرقىي تۈركىستاننى كونترول قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ تۇنجى خىزمىتى مىليونلىغان خىتاي كۆچمەنلەرنى تۈرك تۇپرىقىغا ئورۇنلاشتۇرۇش بولدى. 1949-يىلى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي نوپۇسىدىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ نىسبىتى% 80، خىتايلار% 5  ئىدى، 2000-يىللارغا كەلگەندە، بۇ رايوندىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ نوپۇسى %45 كە، خىياي نوپۇسى% 45 كە يەتتى. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرىگە قارشى نوپۇس قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر تۈركلىرىنى ھىيلىگەر لايىھەلەر بىلەن تىنىچلاندۇرۇپ، ئۇلارنى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تۈزۈمدىن مەھرۇم قويدى. بۇ مەزگىلدە، شەرقىي تۈركىستاندا بايقالغان يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرى خىتايلارنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاشۇردى. بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان يېڭى يىپەك يولى تۈرىنىڭ مەركىزىدە بولغاچقا، بۇ يەرلەر خىتايلار ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ئورۇن بولۇپ قالدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تۇپراقلاردا ياشايدىغان ئۇيغۇر تۈركلىرىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئارقىلىق ئۇلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ۋە ئۆزىنىڭ بىر پارچىسى قىلىشنى ئويلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، خىتاي يوشۇرۇن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسمىلاتسىيە سىياسىتىنى بۈگۈن ئوچۇق ئاشكارە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش باسقۇچىغا ئېلىپ كەلدى. چۈنكى ئۇنىڭ ئىقتىسادى، تېخنىكىسى ۋە ئارمىيىسى ياخشىلاندى ۋە دۇنيادىكى ئورنى كۈچەيدى. دۇنيا ئەمدى خىتاينىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمايدۇ.

قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، خىتاي تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن ئاپەت، دۇنيا ئۈچۈن تەھدىت. خىتاي ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى بۇنىڭ بىر مىسالى. شۇنى بىلىش كېرەككى، ئىنسانىيەت خىتاينىڭ پۇلىغا ئەمەس، ئادالەتكە موھتاج. بۇ نوقتىدا، ئادالەت ۋە قانۇننىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئىشەنگەنلەرگە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا، ئىسلام ۋە تۈرك دۇنياسىغا، قىسقىسى، ۋىجدان ئىگىلىرىگە چۈشكەن چوڭ مەجبۇرىيەت بار.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top