• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » مودىرنىزىم ئەدەبىياتى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى

مودىرنىزىم ئەدەبىياتى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى

تاھىر ھامۇت

مودېرنىزىم ئەدەبىياتى 19 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن تارتىپ تا بۈگۈنگە قەدەر ئاساسلىق غەرپ دۆلەتلىرىدە بارلىققا كەلگەن زور بىر تۈركۈم ئەدەبىي ئېقىملارنىڭ ئومۇمى نامى بولۇپ، ئۇ رومانتىزىم، رىئالىزىم قاتارلىق ئاساسلىق ئەنئەنىۋى ئېقىملارغا قارشى ھالدا ئوتتۇرغا چىققان.

1. غەرپ مودېرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ بارلىققا كېلىشى ياۋرۇپانىڭ ئىجتىمائى تەرەققىياتى ۋە ئۇنىڭغا ماس ھالدىكى ئەدەبىيات تەرەققىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

18 – ئەسىردىكى ئەنگىلىيە سانائەت ئىنقىلابى پۈتكۈل غەرپ دۇنياسىغا غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلگەن. پار ماشىنىسىنىڭ مۇكەممەللىشىشى ۋە بارا – بارا ئۇمۇملاشقان ماشىنىلاشقان ئىشلەپچىقىرىش ئەمگەك مەسھۇلاتلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتكەن بولسا، كۆمۈر قاتارلىق تەبئىي ئىنىرگىيە مەنبەلىرىنىڭ كۆپلەپ ئېچىلىشى كۆمۈر سانائىتىنى ئىنتايىن ناچار شارائىتتا مىسلىسىز كېڭەيتكەن. شۇ ئەسىردە يۇقىرى پەللىگە يەتكەن ئاقسۆڭەكلەرنىڭ يەر بۆلىۋېلىش ھەركىتى ئىشسىز قالغان يېزا ئاھالىلىرىنى شەھەرلەرگە ھەيدەپ، ئۇلارغا زور قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان. ئۇلار شەھەرلەردە قۇرۇلغان يېڭى زاۋۇتلارغا كىرىپ ئىشلەپ، ناھايىتى ئاز مائاش ۋە رەھىمسىز ئىكىسپالاتاتسىيە تۈپەيلىدىن شەھەر ئەتراپىدىكى نامراتلار ئۇۋىلىرىنى شەكىللەندۈرگەن. ماشىنىنىڭ ئىشلىتىلىتىلىشىدىكى ھەربىر قېتىملىق يېڭىلىنىش قىيىن شارائىتتىكى ئەمگەكچىلەرگە ۋەھىمە ئېلىپ كەلگەن ( ھەتتا بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئېلېكتىرونلۇق تىزگىنلەش ئەسلىھەلىرىنىڭ تېز سۈرئەتلىك تەرەققىياتى ھازىرقى زامان ئادەملىرىنى خاتىرجەمسىزلەندۈرمەكتە ). سانائەتلىشىشى بىر قەدەر ئارقىدا ماڭغان چوڭ قۇرۇقلۇق دۆلەتلىرىدە سانائەتلىشىش ئېلىپ كەلگەن ئاۋارچىلىق بىرقەدەر ئاز بولغان. چۈنكى ئۇلار مەسىلىنىڭ قەيەردىلىكىنى كۆرۈپ يەتكەن. لېكىن، مەسىلە بۇنىڭ بىلەن ھەل بولمىغان. 18 – ئەسىرنىڭ ئەسىر ئالمىشىش مەزگىلىدە كەشىپ قىلىنغان ۋاكسىنا ئۆلۈم نىسپىتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، نۇپۇسنىڭ غايەت زور دەرىجىدە كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
19 – ئەسىرگە كەلگەندە، پەن – تېخنىكا بىلەن سانائەت ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىپ ماڭغان. شۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا پار ماشىنىسىنىڭ تېخىمۇ ياخشىلىنىشى بىلەن ياۋرۇپا ۋە شىمالى ئامېرىكىدا كەل تۆمۈر يول تورى شەكىللەنگەن. پاراخۇت يەلكەنلىك كېمىنىڭ ئورنىنى ئالغان. بۇ يېڭى ئەھۋال ۋە يېڭى شەيئىلەر ئۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا ۋە كۆز قارىشىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلغان. ئادەم خۇددى بىر كونسېرۋاتىپ ھايۋانغا ئايلىنىپ قالغان. ئادەمنىڭ تېخنىكا ئىقتىدارى ئۇنىڭ سىياسى ئەقىل – پاراسىتىدىن ھالقىپ كېتىپ، تەڭپۇڭلۇقنى يوقاتقان. دارۋېننىڭ تەدرىجى تەرەققىيات نەزىرىيەسى ياۋرۇپادا زور زىلزىلە پەيدا قىلىپ، داۋېن بىلەن خىرىستىئان دىنى ئوتتۇرسىدىكى كەسكىن بەس – مۇنازىرىنى قوزغاپ، كىشىلەرنىڭ تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن. ماركىزىمنىڭ مەيدانغا كېلىشى ياۋرۇپادا سوتسىيالىزىم ئىنقىلابىنى ۋە كومۇنىزىم غايىسىنى يىتىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ياۋرۇپادا بۇرژۇئا مىللى ئىنقىلابى ۋە ئۇرۇشلار ئارقا – ئارقىدىن يۈز بېرىپ تۇرغان. سىياسى ۋەزىيەت داۋالغۇپ، كۈچلۈك سانائەت دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەملىكە تالىشىش كۆرىشى ئەۋجىگە چىققان.
مانا شۇنداق ماددى ۋە روھى مۇھىت كەسكىن ئۆزگىرىپ تۇرغان دۇنيادا، گەرچە ئىنسانىيەت ھەر قېتىملىق قىيىنچىلىقلارنى بىر ئاماللارنى قىلىپ يېڭىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ دۇنياغا ۋە ئۆزىگە بولغان تونۇشىدا زور بۇرۇلۇش بولغان. راتسىئونالىزىم ( ئەقىلچىلىك ) ئەنئەنىسىگە ئىگە غەرىپلىكلەر ئادەم ۋە خۇدانىڭ قىممىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشىدىن گۇمانلىنىپ، راتسىئونالىزىملىق بىلىشنىڭ ئادەمنىڭ بارلىقى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان. ئەلۋەتتە، بۇ ئۇلار ئۈچۈن ئانچە يېڭى ئىش بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۆز ئەھۋالىغا ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا ھەرقانداق چاغدىكىدىن بەكرەك دىققەت قىلغان، شۇنداقلا ئۇلارنى ئىپادىلەشكە ۋە ئېچىشقا تىرىشقان. بۇ ھال ئادەمنىڭ مەلۇم شارائىتتىكى مەۋجۈتلۇق ھالىتىنى ئىپادىلەشنى مەقسەت قىلىدىغان ئەدەبىياتتا ئەكىس ئەتكەن. بۇنىڭ بىلەن ئىدىئالىزىملىق پەلىسەپىلەر ۋە مۇدېرنىزىم ئەدەبىياتى بارلىققا كېلىپ تەرەققى قىلىشقا باشلىغان.
بىز ئەنئەنىۋى ياۋرۇپا ئەدەبىياتى بىلەن مودېرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ھارقايسى ئېقىملار ئۈستىدە توختالغاندا ئۇدۇللۇق سۆزلەپ ماڭىمىز.
شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، مودېرنىزىم ئەدەبىيات – سەنئىتى ( كەڭ مەنىدىكى مودېرنىزىم ) يالغۇز ئەدەبىياتنىلا ئەمەس، بەلكى يەنە گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا، ئۇسسۇل، كىنو، بىناكارلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى بىرمۇنچە ئېقىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن بىزنىڭ بۇ يەردە بايان قىلىدىغىنىمىز پەقەت مودېرنىزىم ئەدەبىياتىدىنلا ئىبارەت.

2. مودېرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى

مودېرنىزىم ئەدەبىياتى ھازىرقى زامان غەپ ئەدەبىياتىدىكى ئەنئەنىۋى ئەدەبىياتقا قارشى بىر ھەرىكەت بولۇپ، ئۇ ئىدىيە ۋە بەدىئىي ماھارەت جەھەتتە يىپيېڭى خائىشقا ۋەكىللىك قىلغۇچى نۇرغۇن ئەدەبىي ئېقىملارنىڭ ئورتاق نامى.
بۇ مودېرنىزىم ئەدەبىياتىغا بېرىلگەن ئەڭ ئاددى ئىزاھ. بۇنداق بۇنداق چۈشەندۈرۈش ھەرگىزمۇ ئەتراپلىق، ئۇمۇميۈزلۈك ۋە دەل ئەھمىيەتكە ئىگە ئەمەس. چۈنكە مودېرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ ئەھۋالى ناھايىتى مۇرەككەپ. گەرچە ئۇنىڭدا بىرلىككە كەلگەن بەزى تۈپ ئورتاقلىقلار بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىچكى قىسىمدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ مەكەممەل بىردەكلىككە ئىگە بولمىغان، ئۆز – ئارا زىدىيەتلىك، ھەتتا بىر – بىرگە قارمۇ – قارشى بولغان خىلمۇخىل ئېقىملارنى ئۆزئىچىگە ئالغان. شۇڭا، مودېرنىزىم ئەدەبىياتىغا قارىتا ھەممە رازى بولىدىغان، ئۇمۇميۈزلۈك، ئەتراپلىق ۋە دەل ئېنىقلىما بېرىش ناھايىتى تەس. بىز تەتقىقات يۆنىلىشى بەلگىلەش ئۈچۈن ئۇنى ئاددى ھالدا ئاشۇنداق ئىزاھلاپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىكى مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ھەرقايسى ئېقىملارنى سۆزلىگەندە بىر – بىرلەپ چۈشەندۈرىمىز.
مودېرنىزىم دېگەن بۇ سۆز دۇنياۋى نۇپۇزلۇق لوغەت ‹‹ ئوكىسفورد چوڭ لوغىتى ›› دە خاتىرلىنىشىچە، ئەڭ بۇرۇن 1737 – يىلى پەيدا بولغان. ئەنگىلىيەلىك مەشھۇر يازغۇچى جوناتان سىۋايفىت ( 1667 – 1745 ) 1737 – يىلى 7 – ئاينىڭ 23 – كۈنى يازغۇچى ئالېكساندىر بوپ ( 1688 – 1744 ) قا يازغان بىر پارچە خېتىدە : ‹‹ سولتەك شائىرچاقلار بىزگە قالايمىقان شېئىرلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇ نەرسىلەر ئادەمنى يىرگەندۈرىدىغان قىسقارتىلما سۆزلەر ۋە ئاجايىپ – غارايىپ مودېرنىزىم بىلەن توشۇپ كەتكەن. ئىنگىلىزتىلىنى دەل ئاشۇ سولتەكلەر بۇزىۋاتىدۇ ››. مودېرنىزىم دېگەن سۆزنىڭ كېلىپ چىقىشى تېخىمۇ بۇرۇن بولۇپ، 1588 – يىلى ئوتتۇرغا قويۇلغان. بىراق بۇ ئىككى ئىسىم بىز بۇ كىتاپتا توختالماقچى بولغان مودېرنىزىم ئەدەبىياتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. بۇ خۇددى ئوتتىرا ئەسىر ياۋرۇپا پەلىسەپىسىدىكى رىئالىزىم بىلەن بىز بىلىدىغان ئەدەبىياتتىكى رىئالىزىمنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغانغا ئوخشايدۇ.
‹‹ مودېرنىزىم ›› دېگەن بۇ سۆزنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەتتىكى بىر مەخسۇس ئاتالغۇغا ئايلىنىشى ۋە ھازىرقى مەنىسىدە قوللىنىلىشى خېلى كېيىنكى ئىش. 20 – ئەسىرنىڭ 20 – 30 – يىللىرىدا غەرپ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىدىغان بەزى تەتقىقاتچىلار ئاشۇ ئەسەرلەردىكى ‹‹ زامانىۋى ئالاھىدىلىك ›› ئۈستىدە توختالغاندا، بۇ يېڭى ئەدەبىياتنىڭ ئېنىق بىر نامى يوقلۇقىغا دىققەت قىلغان. بەزىلەر ئۇنى قۇيۇن ئىقىمى ياكى ئىماگىزىم دەپ ئاتاشنى تەشەببۇس قىلغان. بىراق خىلمۇخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن. دەل مۇشۇ مەزگىلدە مودېرنىزىم ئاتالغۇسى ئوبىكتىپ ئېھتىياجغا ماسلىشىپ، بارا – بارا قۇبۇل قىلىنغان. چۈنكى، بۇ ئاتالغۇنىڭ سۆز مەنىسى ( ھازىرقى زامانچىلىق ) بۇ ئەدەبىيات ھەركىتىنىڭ يېڭى ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرگەن بولۇپ، بىرەر دەل ۋە ئېنىق مەنىنى كۆرسەتمەيدۇ. شۇڭا بۇ ئاتالغۇنىڭ سىغىمچانلىقى ناھايىتى زور.
بىراق مۇدىرنىزىم ئەدەبىياتى ئۇنىڭدىن كۆپ ئىلگىرى مەيدانغا كەلگەن. چۈنكى، ئادەتتە مەلۇم ئەمىلىيەت ياكى ھادىسە ئاۋال بولىدۇ. كېيىن ئۇنىڭغا ئىسىم قويىلىدۇ. ئۇنداقتا مودېرنىزىم ئەدەبىياتى زادى قاچان باشلانغان ؟
مودېرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ باشلىنىش چېكى توغرىسىدا تەتقىقاتچىلارنىڭ پىكىرى بىردەك ئەمەس. ئامېركىلىق شائىر ئىزرا پوند قاتارلىقلار ئوتتۇرا ئەسىردىن كېيىنكى بەش، ئالتە يۈز يىللىق ئەدەبىياتنىڭ ھەممىسىنى مودېرنىزىم دەپ ئاتاشقا بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئامىركىلىق ئەدەبىي تەنقىدچى ئېدموند ۋېلىس ( 1895 – 1972 ) 1870 – يىلنى مودېرنىزىمنىڭ باشلىنىش نوقتىسى دەپ قارايدۇ. ئەنگىلىيەلىك ئەدەبىي تەنقىدچى سىرىل كاننولى ( 1903 – 1974 ) 1880 – يىلنى مودېرنىزىم باشلانغان چاغ دەپ بېكىتىدۇ. خىتاي ۋە غەرىپتىكى مودېرنىزىم ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىدىغان تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆپى دانىيىلىك مەشھۇر ئەدەبىي تەنقىدچى بىرانكىسنىڭ قارىشىنى ياقلاپ، 1890 – يىلىنى مودېرنىزىم ھەقىقى باشلانغان چاغ دەپ قارايدۇ.
بىراق مودېرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋۋالىنى چىقىش قىلىدىغان بولساق، يەنىلا فىرانسىيەلىك سىموۋلىزىمچى شائىر چارلېس بودېلىرنىڭ ‹‹ رەزىل گۈللەر ›› دېگەب كىتابى ئېلان قىلىنغان 1857 – يىلىنى مودېرنىزىمنىڭ باشلىنىش نوقتىسى دەپ قاراش بىرقەدەر مۇئاپىق. چۈنكى ‹‹ رەزىل گۈللەر ›› تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىققان تىپىك سىموۋلىزىملىق شېئىرلار توپلىمى بولۇپ، ئۇنىڭدا تۇنجى قېتىم ئەنئەنىۋى شېئىرىيەت ئەندىزىسى ئۇمۇميۈزلۈك بۇزۇپ تاشلىنىپ، شۇنىڭدىن كېيىن يۈزنەچچە يىللىق شېئىرىيەتكە تەسىر كۆرسەتكەن بارلىق سىموۋلىزىملىق ئىپادىلەش شەكىللىرى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. بۇ كىتابنىڭ دۇنياغا كېلىشى سىموۋلىزىمنىڭ گۈللىنىشىدىن ۋە مودېرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ رەسمىي مەيدانغا كېلىشىدىن دېرەك بەرگەن. بۇ كىتاب نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن ،1890 – يىلدىن بۇرۇن پائۇل ۋېرلىننىڭ ‹‹ شېئىر سەنئىتى ›› ( 1884 ) ،ئارتور رىمبۇنىڭ ‹‹ مەست كېمە ›› (1871 )، سىتىفان ماللارمىنىڭ ‹‹ چارۋا ئىلاھىنىڭ چۈشتىن كېيىنى ›› ( 1876 ) قاتارلىق مەشھۇر سىموۋلىزىملىق ئەسەرلەر بارلىققا كېلىپ، بۇلار يادرۇلىقىدىكى ئالدىنقى سىموۋلىزىم ئىقىمىرەسمى شەكىللەندى.
دېمەك، مودېرنىزىم ئەدەبىياتى سىموۋلىزىم بىلەن باشلانغان. سىموۋلىزىمنىڭ نەزەرىيىۋى تەشەببۇسلىرى سەنئەت ئەمەلىيىتى پۈتكۈل مودېرنىزىم ئەدەبىياتى ھەركىتىگە ئاساس سالغان. مودېرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىنى مۇنداق ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ.
بىرىنچى باسقۇچ 19 – ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرىدىن 90 – يىللىرىغىچە بولۇپ، بۇ مەزگىلدە سىياسى، ئىقتىسادى، ۋە ئىجتىمائى ئۆزگىرىشلەر فىرانىسىيەدە سىموۋلىزىم ئەدەبىياتىنىڭ يىڭى قىياپەت بىلەن ئوتتۇرغا چىقىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. بۇ مەزگىلدىكى ئاۋانگارت يازغۇچىلار ئۇمۇم ئىتراپ قىلىپ كەلگەن بەلگىلىمە ۋو يۇسۇنلارغا خىلاپلىق قىلىپ، يىپيېڭى بەدىئىي شەكىل ۋە ئۇسلۇپ بىلەن ئىجاد قىلىپ، تا شۇ چاغقا قەدەر سەل قارالغان ۋە چەكلىنىپ كەلگەن تېمىلاردا ئەسەر يازغان. بۇ رىئالىزىم ناتۇرالىزىمغا ئورۇن بوشاتقان، رومانتىزىم ئىستېتىكىزىمغا ئۆزگىرىۋاتقان مەزگىل ئىدى. سىموۋلىزىم تاتۇرالىزىمغا قارشى ئوتتۇرغا چىقىپ 19 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىغا كەلگەندە ئاڭلىق ھالدىكى ئەدەبىيات ھەركىتىگە ئايلانغان. ئۇزۇن ئۆتمەي بېلگىيە قاتارلىق خوشنا دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە ئەنگىلىيەدە بارلىققا كەلگەن يېڭى رومانتىزىم ۋە ئىتېتىكىزىم بىلەن دوست تارتقان. بۇ مەزگىلدە مودېرنىزىم ئەدەبىياتى بىرقەدەر يەككە بولۇپ، ئاساسەن، ئاساسەن ئالدىنقى سىموۋلىزىم بىلەن چەكلەنگەن.
ئۇنىڭ دائىرىسىمۇ نىسبەتەن تار بولۇپ، فىرانسىيەنى مەركەز قىلغان. ھەرقايسى تەرەپلەردىن پىشىپ يىتىلىشىمۇ يىتەرسىز بولۇپ، مىستىكىزىملىق ۋە ئىستېتىكىزىملىق خائىش بىر قەدەر ئېغىر بولغان، ئاساسەن شېئىر بىلەنلا چەكلەنگەن.
ئىككىنچى باسقۇچ 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ 20 – يىللارغا قەدەر بولۇپ، بۇ مودېرنىزىم ئەدەبىياتى زور تەرەققىياتقا ئېرىشكەن مەزگىل بولغان. 1- دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ بالائي – ئاپىتى كىشىلەرنىڭ غەرپ مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسى ۋە ئىزچىللىقىغا بولغان ئۈمۈدىنى يوققا چىقارغان. مودېرنىزىم ئەدەبىياتى ئەنئەنىۋى ئەدەبىيات شەكلى ۋە تېمىسىغا كۈچلۈك قارشى ھالدا ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرغان. مۇ مەزگىلدە مودېرنىزىم ئەدەبىياتىغا تەۋە ھەرخىل ئېقىملار ئارقا – ئارقىدىن مەيدانغا كېلىپ، كەڭ تەسىر كۆرسىتىپ مودېرنىزىم ئەدەبىيات ھەركىتىنىڭ بىر قېتىملىق يوقىرى پەللىسىنى ياراتقان. ئاساسلىقى كېيىنكى سىموۋلىزىم، كەلگۈسىزىم، ئاڭ ئېقىنى پىروزىچىلىقى، ئىپادىزىم، ھالقىما رىئالىزىم قاتارلىق ئېقىملار بارلىققا كەلگەن. بۇنىڭدىن باشقا خىلمۇخىل كىچىك ئېقىملار بارلىققا كەلگەن. بۇ ئېقىملار يېڭى ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، ئەنئەنىۋى سەنئەت قانۇنىيەتلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، يىڭى ساھەلەرنى ئېچىپ، قەدەممۇ – قەدەم پىشىپ يېتىلگەن. زور بىرتۈركۈم دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە مۇنەۋەر ئەدىپلەر ۋە كىلاسسىك ئەسەرلەر بارلىققا كەلگەن.
20 – ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرىدىن 40 – يىللىرىنىڭ باشلىرىغىچە ياۋرۇپادا ناتسسىتىزىم ۋە فاشتىزىم كۈچلىرى ئەۋج ئالغان. بۇ مەزگىلدە فاشىزىمغا قارشى دىمۇكۇراتىك يازغۇچىلار رىئالىزىملىق ئەدەبىياتنى راۋاجلاندۇرغان. ياۋرۇپا ۋە ئامېركىدىكى بەزى يازغۇچىلار سولغا بۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ سېپىغا قۇشۇلغان. مودېرنىزىم ئەدەبىياتى بىرقەدەر تۆۋەن باسقۇچقا چۈشۈپ قالغان.
ئۈچىنچى باسقۇچ 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۈگۈنگە قەدەر بولۇپ، بۇ مودېرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ بىر قېتىم مۇقىم ۋە ئۇمۇميۈزلۈك گۈللەنگەن مەزگىلى ھېساپلىنىدۇ. 2 – دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاپەت خارەكتېرلىك ئاقىۋىتى يادرو قوراللىرىنىڭ تەھتىدى، ئىكىلوگىيىلىك مۇھىدنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشى، نۇپۇسنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشى ۋە ئاچارچىلىق ۋەھىمىسى كىشىلەرنىڭ گۇمانلىنىش، تېڭىرقاش، ئۈمىدسىزلىنىش ۋە بىمەنىلىك خاھىشىنى تېخىمۇ كۈچۈيتىۋەتكەن. ئىنسانىيەت تەجىربىسىنىڭ كۆپ خىللىقى، ئېنىقسىزلىقى ۋە چۇڭقۇرلىقى ئۇمۇميۈزلۈك مۇئەييەنلەشكەن. ئادەمنىڭ تارىخى ۋە تارىخنىڭ تاساددىبىلىقى مىسلىسىز ئىتىبارغا ئېرىشكەن. بۇ مەزگىلدە مەۋجۈدىيەتچىلىك پەلىسەپىسى پۈتكۈل غەرپ دۇنياسىغا ئىنتاين تېز تارقالغان. فىرانسىيەلىك ژان – پائۇل سارترې ۋە ئالبېرت كامۇ ۋەكىللىكىدىكى مەۋجۇدىيەتچىلىك ئەدەبىياتى، فىرانسىيەلىك ئېۋگېنى ئىئونېسكو ۋە ئېرلاندىيەلىك ساموئېل بېككېت ۋەكىللىكىدىكى بىمەنە دىراممىچىلىق، فىرانسىيەلىك روببې – گىرىللېت ۋەكىللىكىدىكى يېڭى پىروزىچىلىق، ئامېركىلىق يوسېف ھېللېر ۋە كۇرت ۋوننېگۇت ۋەكىللىكىدىكى قارا يۇمۇر ئېقىمى، كۇلۇمبىيەلىك گارسىيا ماركوز ۋە گۋاتېمالالىق ئاستۇرېئاس ۋەكىللىكىدىكى سېھرى رىئالىزىم قاتارلىق ئەدەبىي ئېقىملار ۋە باشقا كۆپلىگەن ئېقىملار مەيدانغا كەلگەن. بۇ مەزگىلدىكى ئەدەبىيات- سەنئەت ‹‹ پوستمودېرنىزىم ›› دەپ ئاتالغان. ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا پوسمودېرنىزىم ئەدەبىياتى يالغۇز مودېرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ ئەنئەنىگە قارشى سىناقلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھەتتا ئۇلارنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپلا قالماي، بەلكى يەنە مودېرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ مودېرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ خىلمۇخىل شەكىللىرى بىلەن چەك – چىگرا ئاجرىتىپ، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ۋە شەكىللەرنى ياراتقان. چۈنكى بۇ مەزگىلگە كەلگەندە ئاتالمىش مودېرنىزىم ئەدەبىياتىمۇ ئەنئەنىۋى شەكىلگە ئايلىنىپ قېلىشتىن قۇتۇلالمىغان. ۋاھالەنكى بۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ بىر مەسىلە، بۇ ھەم مودېرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ ئاخىرقى چېكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئۇنداقتا، مودېرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ ئاخىرقى چېكى زادى قاچان ؟ بۇ مەسىلىگە جاۋاپ بېرىشتىكى ئاچقۇچ پوسمودېرنىزىمنى قانداق چۈشىنىشكە باغلىق. ‹‹ موستمودېرنىزىم ›› دېگەن بۇ سۆزنىڭ ‹‹ مودېرنىزىمدىن ھالقىغان، مودېرنىزىمدىن كېيىن ›› دېگەن مەنىسى بار. بۇ ھەرگىزمۇ ‹‹ كېيىنكى مودېرنىزىم ›› دېگەن مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئىگىلىزتىلىدا ‹‹ پوست ›› سۆزى مىقدارنى ( ۋاقىتنى ) ئەمەس، سۈپەتنى بىلدۈرىدۇ. دېمەك پوست مودېرنىزىم دېگەن بۇ ئاتالغۇنى ئوتتۇرغا قويغۇچى مۇشۇ ئۇقۇم ئىپادىلىگەن ئەدەبىيات ھەركىتىنى مودېرنىزىم ئەدەبىياتىدىن كېيىنكى يېڭى بىر ئەدەبىيات ھەركىتى دەپ قارىغان. مۇشۇ چۈشىنىش بويىچە بولغاندا موسمودېرنىزىم دېگەن بۇ ئۇقۇم مودېرنىزىمنىڭ ئاياقلىشىشىنى ئالدىقنى شەرت قىلغان. بىراق، مەسىلىگە بۇ ئاتالغۇنىڭ سۆز مەنىسىدىن جاۋاپ ئىزدەش كۇپايە قىلمايدۇ.
پوسمودېرنىزىم گەرچە ئاللىقاچان غەرپ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى ناھايىتى مۇھىم بىر ئۇقۇمغا ئايلىنىپ بولغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئەمەلىي مەنىسى يەنىلا ئىنتايىن مۈجمەل. پوسمودېرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ ئۇمۇم ئىتراپ قىلغان ۋەكىللىرىدىن بىرى، ئامېركىلىق يازغۇچى جون باس مۇنداق دېگەن : ‹‹ پوسمودېرنىزىم دېگەن بۇ سۆزنىڭ ئۆزىلا مۈجمەل، ئازراق تەقلىد تۈسىنى ئالغان … ئۇ بويسۇنۇش ناھايىتى قىيىن بولغان بىر قائىدىگە ئىنتايىن تەستە بويسۇنماقتا ››. ئەمەلىيەتتە ھەقىقەتەن شۇنداق. پوسمودېرنىزىم بەزى تۈپ زىددىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ناھايىتى تەس. پوسمودېرنىزىم ئەسلىدە مودېرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ نازۇكلىقى ۋە تۇتۇقلىقىنى تۈزىتىپ، ئادەتتىكى ئادەملەر قوبۇل قىلالايدىغان يېڭى شەكىلنى يارىتىشنى مەقسەت قىلغان. بىراق ئەمەلىيەت بەزىدە ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغان. ئەنگىلىيەلىك ئوبزورچى داۋېد لوج مۇنداق دېگەن : ‹‹ مودېرنىزىم ئەدەبىيات – سەنئىتى ئىپادىلەش جەھەتتە يېڭىلىق ئىزدەپ ناھايىتى مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن كىتابخانلار ھىچ بولمىغاندا بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئەھمىيىتى ۋە مۇددىئاسىنى چۈشىنىشى مۇمكىن، ھەتتا ئۇلاردىن بىرنەچچە خىل مەنا چىقىشىدىن قەتئىنەزەر››. ‹‹ پوسمودېرنىزىملىق ئەسەرلەرنى ئوقىغاندا، كىتاپخانلارنىڭ قىيىنچىلىقى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ چۈشىنىكسىزلىكىدە ئەمەس، ئۇنى ئايدىڭلاشتۇرۋالغىلى بولىدۇ. بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىشچانلىقىدا. بۇ دەل پوسمودېرنىزىملىق ئەسەرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ››. مانا مۇشۇنداق مۇرەككەپلىك تۈپەيلىدىن غەرپ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ مودېرنىزىم بىلەن پوسمودېرنىزىمنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى قاراشلىرىدا نۇرغۇن ئىختىلاپلار بار. بىرخىل كۆز قاراشتىكىلەر پوسمودېرنىزىمنىڭ خاس ئىجادچانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇنى مودېرنىزىمدىن پەرقلىنىدىغان يېڭى بىر ھادىسە دەپ قارايدۇ. پوسمودېرنىزىم ھەقىقەتەن ئۆزگىچە يېزىقچىلىق پىرىنسىپىنى ياراتقان. داۋىد لوج بۇ پىرىنسىپنى زىددىيەت، ئالماشتۇرۇش، ئۈزۈش، ئىختىيارىلىق، چەكتىن ئاشۇرۇش، قىسقا مۇساپە قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە يىغىنچاقلىغان. يەنە بىرخىل كۆزقاراشتىكىلەر پوستمودېرنىزىم بىلەن مودېرنىزىمنىڭ ئورتاقلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇنى مودېرنىزىمنىڭ داۋامى دەپ قارايدۇ. بۇ پوسمودېرنىزىمنىڭ دائىرىسىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە بولۇپ، بۇمۇ تېخى ئايدىڭلاشمىغان. بەزى غەرپ تەنقىدچىلىرىنىڭ شەرھىسى بويىچە، پوسمودېرنىزىم جون باس، سائۇل بېللوۋغا ئوخشاشبەزى يازغۇچىلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ يەنە 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى غەرپ ئەدەبىياتىدىكى پىروزا، دراما، شېئىرىيەت قاتارلىق ساھالەردە مەيدا كەلگەن بەزى يېڭى ئېقىملارنى، مەسىلەن، بىمەنە درامىچىلىق ئېقىمى، يېڭى پىرەزىچىلىق، قارا يۇمۇر … قاتارلىق ئېقىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ سېھرى رىئالىزىمىمۇ دائىملا پوستمودېرنىزىمغا تەۋە قىلىنىدۇ. مەسىلەن جون باس كولۇمبىيە يازغۇچىسى گارسىيا ماركوزنى ‹‹ مۇنەۋەر پوستمودېرنىزىمچى يازغۇچى، پىروزا سەنئىتىنىڭ ئۇستازى ›› دېگەن. بىراق، ئادەتتە بۇ ئېقىملارنىڭ ھەممىسى مودېرنىزىم دائىرىسىگە كىرگۈزىلىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئېنىقسىزلىق ئىچىدە بىز مەسىلىنى مۇنداق بىر تەرەپ قىلىمىز. مودېرنىزىم بىلەن پوسمودېرنىزىم ھېچ بولمىغاندا ئۆزئارا كىرىشىىپ كەتكەن. يېڭى پىروزىچىلىق دەل ئۇلارنىڭ كىسىشىش نوقتىسىدا تۇرىدۇ. مودېرنىزىمغا ئوخشاش بۇنداق مۇرەككەپ ئەدەبىيات ھادىسىسى ئۈستىدە توختالغاندا، چوقۇم ئۇنىڭ ئۆزىدىكى مۈجمەللىكنى ھۆرمەت قىلىش ۋە نەزەرگە ئېلىش كېرەك. مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن زىيادا ئاددىيلاشتۇرىۋېتىش ياخشى ئەمەس، گەرچە بەزىدە بۇنداق قىلىشتىن ساقلانغىلى بولمىسىمۇ.
مانا مۇشۇ كۆزقاراشلار ئاساسىدا، شۇنداق دېيىشكە بولىدىكى، مودېرنىزىم ئاللىقاچان ۋاقتى ئۆتكەن نەرسە ئەمەس. بەلكى ئۇ بۈگۈنكى كۈندىمۇ تېخى تاماملانمىغان ئەدەبىيات – سەنئەت ھەركىتى، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قانداق تەرەققى قىلىشى بىزگە نامەلۇم.
بىز بۇ كۆزقاراشنىڭ تولۇقلىمىسى سۈپىتىدە مۇنداق پاكىتلارنى كەلتۈرىمىز : فىرانسىيەلىك مەۋجۇدىيەتچى پەيلاسوپ ۋە يازغۇچى سارترې 1980-يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن،مەۋجۇدىيەتچىلىك گەرچە ئېقىم سۇپىتىدە ئاياغلاشقان بولسىمۇ،لېكىن ئۇنىڭ تەسىرى ياۋروپا، ئامېرىكا، لاتىن ئامېرىكىسى قاتارلىق جايلادا مەيدانغا كەلگەن نۇرغۇن ئەدەبىي ئېقىملارغا چۇڭقۇر سىڭىپ كەتتى. يېڭى پىروزىچىلىىقنىڭ رەھبىرى ئالان روببى-گرىللېت تا بۇگۇنگە قەدەر ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆز نوقتى نەزىرىنى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى پىروزىچىلىقنىڭ يەنە بىر مۇھىم يازغۇچىسى كىلوت سىمۇن 1985 – يىلى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، فىرانسىيەدە ‹‹ يېڭى پىروزىچىلىق قىزغىنلىقى ›› نىڭ قايتا كۈتۈرۈلىشىگە سەۋەپ بولدى. سېھرى رىئالىزىمنىڭ ۋەكىللىك يازغۇچىسى گارسىيا ماركۇز 1982 – يىلى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ داۋاملىق ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانماقتا. دېمەك، مودېرنىزىم ئەدەبىاتى گەرچە 50 – 60 – يىللاردىكىدەك گۈللەنگەن دەۋىردىن ئۆتۈپ كەتەكن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا غەرپ ئەدەبىياتىدىكى مۇھىم ۋە ئاساسلىق ئەدەبىي ئېقىم سۈپىتىدە پۈتكۈل دۇنياغا چۇڭقۇر ۋە كەڭ تەسىر كۆرسەتمەكتە. شۇڭا، مودېرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ ئاخىرقى چېكىگە قارىتا ھازىر خۇلاسە چىقىرىش تېخى بالدۇر.
ئامېركىلىق ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تەنقىدچىسى ئىرۋىڭ خاۋ ئۆزىنىڭ ‹‹ مودېرنىزىم ئۇقۇمى ›› دېگەن ماقالىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا مۇنداق يازىدۇ :
‹‹ يەنە مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇشقا ھېچقانداق ئاساسى قالمىغان، شۇنداقلا ئۆزىنى بەربات قىلالمايدىغان ئاشۇ نەرسىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۆلۈم ئادەمنى نەقەدەر ھەسەت قىلدۇرىدۇ – ھە ! مودېرنىزىم بولدى قىلمايدۇ، كىشىلەر ئەۋلاتتىن – ئەۋلاتقىچە ئۇنىڭ جەڭ مارشىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ. چۈنكى، بۇرۇنقى ھەرقېتىملىق مەدەنىيەت ھەركەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا، ئۇنى كۈتۈپ تۇرغان ئاقىۋەت تېخىمۇ ئازاپلىق، شۇنداقلا مۇقەررەر ھالدا ئانچە تەنتەنىلىك ئەمەس. ئۇنى كۈتۈپ تۇرغىنى نام ئاتاق ۋە زىلزىلە – بىرخىل ياۋايى ئەندىزە، بۇ ھەقىقەتەن ئۆلۈمدىنمۇ ئېچىنىشلىق بىردىن – بىر قىسمەت بولىشى مۇمكىن ››.

3. مودېرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ مەزمۇن ئالاھىدىلىكلىرى

مودېرنىزىم ئەدەبىياتنىڭ مەزمۇن ئالاھىدىلىكىنى قىسقىچە مۇنداق ئۈچ نوقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن :
بىرىنچى : ئىرراتسىئونالىزىم : بۇ مودېرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ ئەنئەنىۋە ئەدەبىياتقا ئوخشىمايدىغان ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى. ياۋۇرپادا ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش مەزگىلىدىكى ھىيومانىزىم ئەدەبىياتىدىن تارتىپ تاكى 19، 20 – ئەسىردىكى رىئالىزىم ئەدەبىياتىغىچە بولغان بارلىق ئەدەبىيات سەنئەت ئەقىلنى يېتەكچى قىلغان ۋە ئۇنى تەكىتلەپ كەلگەن. كىشىلەر ئەقىلنىڭ تارىخ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغان ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن، شۇنداقلا ئەقىلنىڭ ھەممىنى بىلىش رولىدىن گۇمانلانمىغان. لېكىن مودېرنىزىم ئەدەبىياتى مەزگىلىگە كەلگەندە، غەرپ مەدەنىيىتىدىكى ئەنئەنىنىڭ بىردەكلىكى ۋە ئۈزلۈكسىزلىكى بۇزۇپ تاشلانغان. نەچچە ئەرسىرىن بويان مەدەنىيەت بىلەن جەمىيەت قۇرۇلمىسىنى باغلاپ تۇرغان ئارغامچا يېشىلگەن. مەدەبىيەت ئۆز خام – خىيالىدىن ۋازكېچىپ، ئۇزاق داۋاملاشقان ‹‹ شاكىلىنى تاشلاپ مېغىزىنى ئايرىۋېلىش ›› تىن زېرىككەن. ئەقىل جۇشقۇن ھاياتى كۈچكە ئىگە ئادىمىيەتنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ قالغان. كىشلەر ئىجتىمائى قائىدە يۇسۇن ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى قانائەتچانلىقىنى بۇزۇپ، باشقىچە بىر خۇسۇسى تىل شەكلى ئارقىلىق ئەركىن، ئەمەلىيەتنىڭ ھەقىقى قىياپىتىنى ئېچىپ بېرىدىغان ئەدەبىياتقا مۇھتاج بولغان. رومانتىزىم ئەدەبىياتىدىكى قاتماللاشقان، ئاقسۆڭەكلەشكەن، ئادەمدىن ئايرىلغان، كۆرگەزمە بويىمى سۈپىتىدىكى ئەسەرلەر ۋە رىئالىزىم ئەدەبىياتىدىكى ئىجتىمائىلاشقان، مەقسەتلەشكەن، ئىجابى ۋە سەلبىلىك ئېنىق ئايرىلغان، ئەقلى يەكۈن خارەكتىرىنى ئالغان ئەسەرلەر ئەمدى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشكەن. مودېرنىزىم ئەدەبىياتىدىكى نۇرغۇن ئەسەرلەردىن ئەقىلنىڭ ھەممىنى بىلىش رولى بىلەن، ئەقىل كونتىروللىقىدىكى بارلىق پەرەزلەرگە بولغان كۈچلۈك يىرگىنىشنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. مودېرنىزىمچى يازغۇچىلار شەخىس بىلەن شەخىس ئېڭىنىڭ ئومۇمى گەۋدىدىكى ۋە كائىنات تۇرمۇشىدىكى ئورنى قاتارلىق مەسىلىلەرنى راتسىونالىزىملىق ئۇسۇن بىلەن بىر تەرەپ قىلىشتىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، رىئاللىقنى ئەستايىدىىل چۈشەندۈرىدىغان ۋە ئۇنى كۆزىتىدىغان باشقا يوللار ئۈستىدە ئىزدىنىپ ئالەم گارمونىيىلىكنىڭ يېڭىچە ئەندىزىسىنى تېپىشقا تىرىشقان. ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن پەن بىلىملىرىگە ۋە راتسىونالىزىملىق پەلىسەپىلەرگە مۇراجەت قىلمىغان، بەلكى سەنئەتتىكى ئەپسانىۋى ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ سېھرى كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان، شۇنداقلا شەخىسنىڭ مەۋجۈتلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىرراتسىئانىلىزىملىق مەزمۇنلارغا زور ئېتىبار بىلەن قارىغان.
2. ئىپادىلەش : مودېرنىزىم ئەدەبىياتى ئارىستوتىلدىن بويان غەرپ ئەدەبىيات – سەنئىتى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان ئەنئەنىۋى ‹‹ تەقلىد قىلىش نەزىرىيسى ›› گە قارشى تۇرۇپ، ئەدەبىيات سەنئەت ئوبىكتىپ ئەمەلىيەتنىڭ ئىپادىلىنىشى ۋە تەسۋىرلىنىشى دېگەن ئەندىزىنى ئىنكار قىلغان، شۇنداقلا رىئالىزىم ئەدەبىياتىدىكى ‹‹ ئەدەبىيات ئىجتىمائى تۇرمۇشنىڭ يازغۇچى مېڭىسىدىكى ئىنكاسى ›› دەيدىغان پىرىنسىپىنى چۆرۈپ تاشلاپ، يازغۇچىنىڭ رىئاللىقتا ھېس قىلغان تۇيغۇ ۋە تەجىربىلىرىنى ئىپادىلىگەن. ئوبىكتىپ دۇنيا ئىپادىلەشنىڭ ماتىريالى ۋە ۋاستىسى بولۇپ قالغان. ئورگانىك مۇھىد سۈپىتىدىكى تەبىئەت ئويغىتىلغان ياكى قايتا ئەسلەنگەن ‹‹ ئىدىيە ›› گە ئايلانغان. ئىتالىيىلىك ئەدەبىيات نەزىرىيەچىسى كىروكې ( 1952 – 1866 ) مۇنداق دېگەن : سەنئەتكار ‹‹ ئۆزىنىڭ مەلۇم بىر دەقىقىدىكى بىلىنەر-بىلىنمەس تۇيغۇسىنى ياكى كەيپىياتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ››.مودېرنىزىمچىلارنىڭ قارىشىچە ،ئوبىكتىپ نەرسىلەر ۋەھادىسىلەر ئەھمىيەتسىز،ئىشەنچىسز،پەقەت ئادەملەرنىڭ ئۇلاردىن ئالغان تۇيغۇ ۋە تەجىربىلىرىلا ھەقىقىى چىن بولىدۇ. چۈنكى، رېئال دۇنيانى تەسۋىرلەش ۋە ئۆزگەرتىش ئەدەبىياتىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشقى دۇنيانى ئەينەن تەسۋىرلەش مۇمكىن بولمايدىغان ئش. شۇڭا مودېرنىزىمچىلار تەسۋىرلەش ۋە بايان قىلىشقا ئەمەس بەلكى، ئىپادىلەشكە ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇلار تەسىرات،ھېس-تۇيغۇ، بىۋاستە سېزىم، خىيال، ئۇلانما ئوي، چۇش قاتارلىق پىسخىك پائالىيەتلەرنى ،ھەيرانلىق چۆچۈش، روھلىنىش، ۋەھىمە قاتارلىق ئالاھىدە پىسخىك ھەركەتلەرنى، جىنايەت ،بۇزغۇنچىلىق،ئۆلۈم، قاتارلىق ھادىسىلەرنى ھەرخىل ۋاستىلار ئارقىلىق ئەينەن ۋە ئىنچىكە ئىپادىلىگەن.
3.يېڭىچە پېرسوناز : مودېرنىزىم ئەدەبىياتدىن بۇرۇنقى ئەسەرلەردىكى پىرسۇناژ ئېنىق، موقىم ۋە تىپىك ئىدى. ئەڭ مۇھىمى ئۇلار مەقسەتكە تولغان دۇنيادا ياشايتتى. ئۇلارنىڭ پىسخىك پائالىيەتلىرى ئىنچىكە تەسۋىرلەنمەيتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئىنتايىن ئوبىكتىپ بولغان بىر يۈرۈش نەرسىلەرنىڭ قاتتىق چەكلىمىسىگە ئۇچرايتتى. بىراق مودېرنىزىم ئەدەبىياتى مەزگىلىگە كەلگەندە كوللىكتىپ تەقدىرگە بولغان ئىشەنچ يوقالغان. پېرسۇناژ ئۆزىنىڭ ئوبىكتىپ دۇنيانى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلالمايدىغان بولۇپ قالغان. جامىس جويىس، ۋىرگېنىيە ۋۇلق، ۋېليام فولكېنىر قاتارلىق مودېرنىزىمچى يازغۇچىلار ئۈچۈن، پىرسۇناژ ئەمدى ھەرگىزمۇ ئىزچىل، بەلگىلىك ۋە ئىنچىكە تەشكىللەنگەن سوبىستانسىيىگە ئەمەس، بەلكى تىركىشىۋاتقان روھقا ۋە ھەل قىلغىلى بولمايدىغان سۇئالغا ياكى ھېس – تۇيغۇنىڭ ئېقىنىغا ئايلانغان. ئەنئەنىۋى ئەدەبىياتتىكى قەھرىمان پىرسۇناژلار مودېرنىزىم ئەدەبىياتىدا يوقالغان. مودېرنىزىم ئەدەبىياتىدىدىكى پىرسۇناژلار ئىجتىمائى قەھرىمانلاردىن روھى قەھرىمانلارغا، يەنى مەغلۇبىيەت ئىچىدە داۋاملىق مەۋجۈت بولۇپ تۇرىدىغان قەھرىمانلارغا ئايلانغان. بۇ پىرسۇناژلار ئۆز مەجۇتلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن جەسۇر بولىشى كېرەك ئىدى، لېكىن ئۇلار ئۈچۈن جەسۇر بولۇشنىڭ بىردىنبىر يولى جەسۇرلۇقتىن ئىبارەت بۇ يۈكنى تاشلىۋېتىش ئىدى. ئۇمۇمەن، مودېرنىزىم ئەدەبىياتىدىكى پىرسۇناژلار ئۆزىگە تېخىمۇ يېقىنلاشقان، ئەمەلىيەتنى ئېتراپ قىلغان، شۇڭا ئۇلارنىڭ خارەكتىرى مۇرەككەپ ۋە ئۆزگىرىشچان بولغان. گېرمانىيىلىك پەيلاسوپ نېتىزشې مۇنداق دېگەن : ‹‹ سۇئال، قېچىش، خوشاللىققا بولغان ئىشەنمەسلىك ۋە تاپىتەنىگە بولغان ئىشتىياقنىڭ ھەممىسى ساغلاملىقنىڭ سىموۋلى؛  بارلىق مۇتلەق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى كېسەل ››. مودېرنىزىمچى يازغۇچىلار ئاددى تىپىك بولغان پېرسۇناژلارنى يېزىپ ئادەمنىڭ يىگانىلىقىنى ئىنتايىن سەمىمىيلىك بىلەن ئىپادىلەپ، بۇ ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرگە پۈكۈلگەن تىرادىيىنى ئېچىپ بېرىشكە تىرىشقان.
مودېرنىزىم ئەدەبىياتىدىكى پىرسۇناژلار توغرىسىدا ئىرۋىڭ خاۋ مۇنداق دېگەن : ‹‹ ئەگەر مودېرنىزىم ئەدەبىياتىدىكى پىرسۇناژ ئۆزىنىڭ دۇنيانى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرسە، ئۇنداقتا ئۇ خۇددى ھېمىڭۋاينىڭ ئەسەرلىرىدە تەسۋىرلەنگەندەك، ئۆزىگە تەۋە بولغان، خالى بىر دۇنيانى ئىجاد قىلىشقا تىرىشسا بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ كۆرەش قىلىپ، قايتا تۇغۇلۇپ، شەرەپلىك مەغلۇبىيەتكە ئېرىشىشى مۇمكىن. ( ئۇ ھەم بۇنىڭغا ئىشىنىدۇ ) ››.

4. مودېرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ بەدىئىي ئالاھىدىلىكلىرى

مودېرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ بەدىئى ئالاھىدىلىكلىرى تۆۋەندىكىچە :
سىموۋل : بۇ سۆزنىڭ گىرىك تىلىدىكى ئەسلى مەنىسى ‹‹ بىر پارچە تاختاينى ( ياكى ساپالنى ) ئىككى پارچە قىلىپ، ساھىپخان بىلەن مېھمان بىر پارچىدىن ئېلىپ، كېيىن قايتا كۆرۈشكەندە ئۇنى جۈپلەش ئارقىلىق دوستلىقنى ئىپادىلەيدىغان يالداما ›› دىن ئىبارەت. ئۇنىڭ يەنە ‹‹ بەلگە ›› دېگەن مەنىسىمۇ بار. بۇيەردە ئېيتىلىۋاتقان سىموۋل ئادەتتە بىر بىلىدىغان سىموۋلغا ئوخشىمايدۇ. بىزنىڭ نەزىرىمىزىدىكى سىموۋل تۇراقلاشقان، چەكلىك سىموۋل بولۇپ، مەنىسى ئېنىق، چۈشىنىشلىك. مەسىلەن : گۈل – مۇھەببەتنىڭ سىموۋلى، يالقۇن – ئىنقىلابنىڭ سىموۋلى دېگەندەك. ئەمەلىيەتتە بۇ ھەرگىزمۇ سىموۋل ئەمەس، پەقەت ئوخشىتىشتىنلا ئىبارەت. سىموۋل – مەلۇم بىر كونكىرت نەرسە ياكى ھادىسە ئارقىلىق ئابىستىراكىت ئۇقۇملارنى، يەنى ماددى تۈسكى ئىگە ئوبرازلار ئارقىلىق يۇشۇرۇن ھىسىياتنى ئىپادىلەشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدا سىموۋل قىلىنغۇچى بىلەن سىموۋل قىلغۇچىنىڭ بىرىكىش ئېھتىماللىقى چەكسىز بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سىموۋۇللار مەلۇم ئىشارە قىىلش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مودېرنىزىم ئەدەبىياتىدىكى سىموۋل ناھايىتى زور سوبىكتىپ ئىختىيارىلىققا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ دائىم مەلۇم بىر شەخىسنىڭ بىۋاستە سېزىمى ۋە ئالاھىدە تۇيغۇلىرى، ھېسىياتلىرى ئىپادىلىنىدۇ. بەزىدە ھەتتا تىل بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدىغان نەرسىلەر سىموۋل ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. مودېرنىزىمچى يازغۇچىلار رومانتىزىمنىڭ ھىسىياتنى بىۋاستە تەسۋىرلىشىگىمۇ، رىئالىز تەرغىپ قىلىدىغان تىپىك مۇھىتتىكى تىپىك پىرسۇناژنى تارىتىش پىرىنسىپىغىمۇ قارشى تۇرۇپ، كونكىرت ئوبرازلار ئارقىلىق مۇرەككەپ ۋە ئۆزگىرىشچان روھى پائالىيەتلىرىنى ئىپادىلىگەن. سىمۋول قىلىش يالغۇز سىمۋولىزىم ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلى بولۇپلا قالماي ،ئۇنىڭدىن كېيىنكى بارلىق مودېرنىزىم ئېقىملىرىنڭىمۇ مۇھىم ئپادىلەش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى.
ئاڭ ئېقىنى : بۇ مودېرنىزىمچى يازغۇچىلار ئۇمۇمىيۈزلۇك قوللنىدىغان بىر خىل ئىپادىلەش ئۇسۇلى. مودېرنىزىم ئەدەبىياتىدا كىشىلەرنىڭ روھى دۇنياسى مەركەزلىك ئىپادىلىنىدىغان بولغاچقا، مودېرنىزىمچى يازغۇچىلار پىرسۇناژلارنىڭ ئىچىكى مونولۇگى، ئەركىن ئۇلانما ئويلىرى، خىيالى، چۈشى، قاتارلىقلارنى يېزىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىنچىكە ۋە مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان ،شۇنداقلا بى دەقىقىمۇ توختاپ قالمايدىغان قەلب پائالىيىتىنى ئىپادىلىگەن. ئۇلار پىسۇناژلارنىڭ يۇشۇرۇن ئاڭ پائالىيىتىنى قېزىپ، ئاڭ بىلەن يۇشۇرۇن ئاڭ ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ۋە گىرەلىششنى ئىپادىلىگەن. ئادەمنىڭ روھى پائالىيەتلىرى تەرتىپسىز، ئىدراكسىز ۋە ۋاقىتسىز بولغاچقا ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىكى تەسۋىرلەردە لوگىكىلىق، ھەتتا گىرامماتىكىلىق تەرتىپ بۇزۇلغان، رىئاللىق بىلەن خام – خىيال، رىئاللىق بىلەن چۈش، ھازىر بىلەن ئۆتمۈش، ماكان بىلەن ماكان بىر – بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن. بۇخىل ئۇسۇل ھازىرقى زامان ئادەملىرىنىڭ روھىدىكى چۇڭقۇر، مۇرەككەپ، مەخپى، كۆپ قاتلاملىق ۋە ئىزچىل پىسخىك ھالەتلەرنى تەسۋىرلەپ، پىسخىك تەسۋىرنىڭ دائىرىسىنى چەكسىز كېڭەيتكەن بولغاچقا مودېرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى بولۇپ قالغان. بىز ئاڭ ئېقىنى پىروزىچىلىقىنى سۆزلىگەندە بۇ ھەقتە تەپسىلى توختىلىمىز.
يېڭىچە بايان شەكلى : مودېرنىزىم ئەدەبىياتى بايان قىلىش جەھەتتە پۈتۈنلەي يېڭى، ئەنئەنىگە قارشى بولغان شەكىلنى قوللىنىپ، خاتىرلەش ۋە تەرتىپ بويىنچە بايان قىلىش شەكلىدىكى پىرىنسىپنى چۆرۈپ تاشلىغان. مودېرنىزىمچىلار تاشقى بايان قىلىش بىلەن ئىچكى باياننىڭ سۈرئىتىنى بىر – بىرىدىن ئايرىپ، تەسۋىرى ۋاقىت بىلەن ئەمەلى ۋاقىتنىڭ ئاجىرىلىشىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى قارمۇ قارىشى ھالەتتە ئىپادىلىگەن. ئەمەلىي ۋاقىت ( تارىخى ۋاقىت ) پىرسۇناژلار ئۈچۈن ئەھمىيەتسىز، مەۋجۇتلۇقنىڭ سىرىنى ئېچىپ بېرەلمەيدىغان بولغاچقا مودېرنىزىم ئەدەبىياتىدىكى پىرسۇناژلار تارىخى ۋاقىتقا ئەمەس، بەلكى ئەپسانىۋى ۋاقىت ئىچىدە ياشىغان. ھازىر، ئۆتمۈش ۋە كەلگۈسى بىر – بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن. بۇنىڭ بىلەن مودېرنىزىم ئەدەبىياتىدا مۇنداق بىر ئەھۋال شەكىللەنگەن؛  يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ھەرقانداق ۋاقىتتا ھەم ھەرقانداق ۋاقىتتا ئەمەس. ھەرقاندا ئورۇندا ھەم ھەرقانداق ئورۇندا ئەمەس. ئادەم ۋاقىتنىڭ سىرتىدىكى رىئال تۇرمۇشتا ياشىغان. بۇنىڭدىن باشقا مودېرنىزىمچى يازغۇچىلار كىنوچىلىقتىكى مونتاژ ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، رىئاللىقتا بىر- بىرىدىن ناھايىتى يىراق تۇرىدىغان كۆرۈنۈشلەرنى بىر – بىرىگە چېتىپ، بايان ئىچىدىكى ۋاقىتنى ئۇزارتقان ياكى قىسقارتقان. بەزى مودېرنىزىمچىلار، بولۇپمۇ ھالقىما رىئالىزىمچىلار ۋە ئىپادىزىمچىلار ئەسەرلىرىدە بولۇشقا تىگىشلىك بەلگىلى قۇرۇلما ۋە مۇكەممەللىك پىرىنسىپىنى ئۆزگەرتكەن. ئۇلار ئەسلىدىكى گارمونىيىلىككە ئىگە بولمىغان دۇنيادا مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىدىيىسى كىشىلەر ئۆز – ئۆزىگە تەسەللى بېرىدىغان يالغانچىلىق دەپ قارىغان. شۇنداق قىلىپ ئەدەبىياتتىكى چەكلىمىلىكلەر بۇزۇپ تاشلىنىپ، قاتمال بايان ئۇسۇلى ۋە ئەنئەنىۋى شېئىرىيەتنىڭ ئاساسى بىكار قىلىنغان. ئۇلار شېئىرىيەتتىكى مەنتىقىلىق تەسۋېىلەش پىرىنسىپىنى ئىنكار قىلىپ، لوگىكىلىق ھۆكۈمنىڭ رولىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، سۆزلەرنىڭ ئىچكى ئىپادىلەش شەكلىنى ئاساس قىلغان. يۇشۇرۇن لوگىكىلىق باغلىنىشىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان. ئۇلار بەزىدە تىنىش بەلگىلىرىنى ئىشلىتىشنى رەت قىلغان. چۈنكى، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، مىسرالارنىڭ ئۇدارى بىلەن سۆزلەرنىڭ تاۋۇشى ۋە ئۇلانما تەسەۋۇر ئوتتۇرسىدىكى ئۆز – ئارا ئالمىشىش تەبىي تىنىش بەلگىلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
بىمەنىلەشتۈرۈش : بۇ ھادىسىلەرنى يوقىرى دەرىجىدە كۆپتۈرۈش ۋە ئاجايىپ غارايىپلاشتۇرۇش ئارقىلىق، كىشىلەرنىڭ پىسخىكىسىدىكى ئەقىلگە سىغمايدىغان، لېكىن چۇڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان خام – خىيال ۋە تەسەۋۇرلارنى ئىپادىلەشنى كۆورسىتىدۇ. بۇنداق ئۇسۇل بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەر كىتابخانلارنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئەسەر بىلەن كىتابخان ئوتتۇرىسىدا ئورتاقلىق شەكىللەندۈرۈپ، كىتابخانلارنىڭ قەلبىدە زىلزىلە پەيدا قىلىدۇ. بۇ ئۇسۇل بىمەنە دىراممىچىلىق ۋە سېھرى رىئالىزىم قاتارلىق ئېقىملاردا كۆپ ئۇچرايدۇ.

5. يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مودېرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ خىتاي ئەدەبىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى :

يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ 20 – يىللىرىدا فىرانسىيەدە ئوقىغان شائىر لىجىڭفا سىموۋلىزىم ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، بودلېر، ۋېرلىن ‹‹ پەخرى ئۇستازىم ›› دېگەن. 1925 – يىلى 2 – ئايدا ئۇ تۇنجى سىموۋلىزىملىق شېئىرى ‹‹ تاشلاندۇق ئايال ›› نى ئېلان قىلغان. شۇ يىلى 11- ئايدا شېئىرلار توپلىمى ‹‹ سىم – سىم يامغۇر ›› نى نەشىر قىلدۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى- ئۈچ يىلدا ئۇ يەنە ئىككى شېئىرلار توپلىمى چىقارغان. ئۇنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە شېئىرلىرى ئەينى چاغدا زور بەس – مۇنازىرە قوزغىغان. ئۇنىڭدىن باشقا فېڭ نەيچاۋ، ۋاڭ دۇچېڭ، موموتىيەن، خۇيىپىن قاتارلىق شائىرلارمۇ سىموۋلىزىملىق شېئىرلارنى ئىجاد قىلىشقا باشلىغان ۋە ئارقا – ئارقىدىن سىموۋلىزىملىق شېئىرلار توپلاملىرىنى چىقارغان. بۇ ياش شائىرلار مەمىلكىتىمىزدىكى تۇنجى سىموۋلىزىملىق شېئىرىيەت ئېقىمىنى شەكىللەندۈرگەن. 3- يىللاردا خىتاي شېئىرىيىتىدىكى سىموۋلىزىم ھەركىتى خېلى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن. 1932 –يلى شىدېسۈن، دۇخېڭ، دەيۋاڭشۇ قاتارلىقلار تەھرىرلىكىدىكى ‹‹ ھازىرقى زامان ئايلىق ژورنىلى ›› ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن دەيۋاڭشۇ چىقارغان ‹‹ يېڭى شېئىرلار ›› ئايلىق ژورنىلى مودېرنىزىم شېئىرىيىتىنىڭ خىتايدىكى تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرگەن. دەيۋاڭشۇنىڭ ‹‹ ناماز شامدا ››، ‹‹ سونېتلار ›› قاتارلىق شېئىرلىرى سىموۋلىزىمچى شائىرلارنىڭ خېلى روشەن تەسىرىگە ئۇچرىغان. شۈيجىژمۇ 20 – يىللاردا بودلېرنىڭ ‹‹ رەزىل گۈللەر ›› توپلىمىدىكى ‹‹ جەھەت ›› دېگەن شېئىرنى تەرجىمە قىلغان ھەمدە بۇ شېئىرنى ‹‹ ( رەزىل گۈللەر ) توپلىمىدىكى ئەڭ رەزىل ھەم ئەڭ ئاجايىپ بىر دەستە توزىماس گۈل ›› دېگەن. شائىر فېڭجىژ سىموۋلىزىمچى شائىر رېلكىنىڭ چۇڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئۇ 30 – يىللاردا رېلكىنىڭ ‹‹ بىر ياش شائىرغا يېزىلغان ئون پارچە خەت ›› دېگەن ئەسىرىنى تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرغان. فېڭجىژ ئۆز شېئىرلىرىدا گۈل – گىياھ، چىغىر يول، دەل – دەرەخ قاتارلىق ئابىستىراكىت ئوبرازلار ئارقىلىق پەلىسەپە ئىدىيىسىنى ۋە ھېس – تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلىگەن. شائىر خېچىفاڭ 1931 – يىلى ئۆزىنىڭ سىموۋلىزىملىق شېئىرى ‹‹ بىشارەت ›› تە فىرانسىيە شائىرى ۋاللېرنىڭ روشەن تەسىرىگە ئۇچرىغان، ئۇ ئۆزىمۇ ‹‹ ئەينى چاغدا مەن فىرانسىيەنىڭ بەزى سىموۋلىزىمچى شائىرلىرىغا، ھەتتا بەزى چوڭ شائىرلارغا ھەۋەس قىلاتتىم ››، ‹‹ فىرانسىيەنىڭ سىموۋلىزىملىق ئەسەرلىرىگە مەپتۇن بولغان ئىدىم ›› دېگەن. ئۇ فىرانسىيەنىڭ سىموۋلىزىملىق ئەسەرلىرىنى كۆپلەپ ئوقۇشتىن سىرت، يەنە ئېلىئوتنىڭ باياۋان قاتارلىق شېئىرلىرىنى تەتقىق قىلغان ھەم ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. 1934 – 1935 – يىللاردا، ئۇ ئېلىئوتنىڭ ئوسلۇبىغا ئوخشاپ كېتىغان خېلى كۆپ شېئىرلارنى يازغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئۇدارى ئېغىر بولۇپ، جەزىرىدە تېڭىرقاپ قالغان ئادەمنىڭ ئۈمىدسىز نالىسىنى ئىپادىلىگەن. مودېرنىزىم ئەدەبىياتى 20 – ئەسىرنىڭ 20 – 30 – يىللىرىدا خىتاي پىروزىچىلىقىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن. شى جېسۈن بۇ مەزگىلدە ئاڭ ئېقىنى ئۇسلۇبىدىكى خېلى كۆپ ھېكايىلەرنى يازغان. ئۇنىڭ بۇ ئەسەرلىرىدە نورمال ۋاقىت تەرتىپى بۇزۇپ تاشلىنىپ ئۆتمۈش، ھازىر، كەلگۈسى ئارلاشتۇرۋېتىلگەن. بۇ مەزگىلدە لۈشۈنمۇ غەرپ مودېرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ دورا، ئاچ نىڭ رەسمى تەرجىمھالى، سەۋدايى خاتىرىسى قاتارلىق نادىر ئەسەرلەرنى يازغان.

6. مودېرنىزىم ئەدەبىياتىغا تەۋە ئېقىملار توغرىسىدا

بىز ئۈچىنچى بابتىن باشلاپ مودېرنىزىم ئەدەبىياتىدىكى ئون چوڭ ئېقىمنى بىرقەدەر تەپسىلى تونۇشتۇرىمىز. بۇ يەردە مودېرنىزىم ئەدەبىياتىغا تەۋە ئېقىملار ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىمىز.
بىز يوقۇردا بايان قىلغان كۆز قاراشلار بويىنچە مودېرنىزىم ئەدەبىياتى 150 يىللىق تارىخقا ئىگە. بۇ جەرياندا بارلىققا كەلگەن خىلمۇخىل مودېرنىزىملىق ئېقىملار ۋە ھەرىكەتلەر گويا مودېرنىزىمدىن ئىبارەت بۇ دەرەخنىڭ شاخلىرىغا ئوخشايدۇ. بۇ ئېقىملار غەرپ ئەدەبىيات ساھەسىدە، شۇنداقلا ھازىرقى زامان دۇنيا ئەدەبىياتىدا ئۆزىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىنى قالدۇرغان. بەزىلىرى بىرمەزگىل داغدۇغا قوزغىغاندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا يۇقالغان. بەزىلىرى دۆلەت چىگرىسىدىن، مەلۇم تىل دائىرىسىن ھالقىپ خېلى ئۇزاق داۋاملاشقان ياكى داۋاملاشماقتا.
بۇيەردە مۇنداق ئۈچ نوقتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈش زۆرۈر :
بىرىنچىسى: نۇرغۇنلىغان مودېرنىزىمچى يازغۇچىلارنىڭ سالاھىتى ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكىنى مەلۇم بىر ئېقىم دائىرىسىگە پۈتۈنلەي يىغىنچاقلىغىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئۇ ئادەتتە مەلۇم بىر يازغۇچى مودېرنىزىم ئەدەبىياتى توغرىسىدىكى ئوخشاش بولمىغان ئەسەرلەردە ئوخشاش بولمىغان ئېقىملارغا تەۋە قىلىنىدۇ. مەسىلەن، ئاڭ ئېقىنى پىروزىچىلىقىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان ئېرلاندىيەلىك يازغۇچى جامىس جويىس بەزىدە ئىپادىزىمغا ياكى سىموۋلىزىمغا تەۋە قىلىنىدۇ؛  فىرانىز كافكامۇ دائىم ھالىقىما رىئالىزىملىق يازغۇچى، خام خىيال ئەدەبىياتىنىڭ پىشۋاسى ياكى بىمەنىچىلىك يازغۇچىسى دەپ قارىلىدۇ، ھەتتا مودېرنىزىم ئەدەبىياتىغا تەۋە ئېقىملارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ پىشۋاسى دەپ ھېساپلايدۇ. يەنە بەزى يازغۇچىلار مودېرنىزىم ئەدەبىياتىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى مەلۇم بىر ئېقىمغا تەۋە قىلىش ناھايىتى تەس. شۇڭا بىز ئۇلار توغۇرلۇق مەخسۇس توختالمىدۇق. مەسىلەن : گېرمانىيىلىك مەشھۇر دىرامماتىروگ بېرتولىد بېرخىت ( 1956 – 1898 )، ئامېركىلىق مەشھۇر يازغۇچى ھېمىڭۋاي ( 1899 – 1916 )، ئارگىنتىنالىق مەشھۇر يازغۇچى بوخىس ( 1899 – 1986 ) قاتارلىقلار. شۇڭا، بىزنىڭ ئېقىملارغا بۆلىشىمىز نىسپى.
ئىككىنچى: بۇ كىتابتا نوقتىلىق ھالدا ئون ئېقىم ئۈستىدىلا توختالدۇق. بەزى ئېقىملارنى ( مەسىلەن، ئىماگىزىم ) مۇناسىۋەتلىك جايلاردا قىسقىچە تىلغا ئېلىپ ئۆتتۇق. بەزى بىرقەدەر مۇھىم ئېقىملار ئۈستىدە توختالمىدۇق. مەسىلەن : ئامېرىكا ئەدەبىياتىدا 2- دۇنيا ئۇرىشىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن غۇلىغان بىر ئەۋلاد ئېقىمى، ئىقرارچىلىق شېئىرىيىتى ئېقىمى ۋە 20 – ئەسىرنىڭ 20 – يىللىرىدا ياپۇنىيەدە بارلىققا كەلگەن يېڭى تۇيغۇچىلىق ئېقىمى قاتارلىقلار. نۇرغۇنلىغان كىچىك ئېقىملارنى تىلغا ئالمىدۇق.
ئۈچىنچى: ‹‹ غەرپ ›› بىر مەدەنىيەت ئاتالغۇسى سۈپىتىدە، ئادەتتە ياۋرۇپا، ئامېرىكا دۆلەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ؛  ھازىرقى زامان سىياسى مەدەنىيەت تۇرمىشىدا پەقەت غەربى ياۋرۇپا بىلەن شىمالى ئامېركىنىلا كۆرسىتىدۇ. بىراق، بىز سىموۋلىزىمنى سۆزلىگەندە روسىيە سىموۋلىزىمىنى تىلغا ئالىمىز. كەلگۈسىزىمنى سۆزلىگەندە روسىيە كەلگۈسىزىمى ئۈستىدە توختىلىمىز. مەۋجۈدىيەتچىلى ئېقىمىنى سۆزلىگەندە بەزى ياپۇنىيەلىك ۋە ھىندىستانلىق يازغۇچىلارنىمۇ سۆزلەيمىز. بۇ ئەدەبىي ئېقىملارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. سېھرى رىئالىزىم لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئەدەبىي ئېقىم، ئۇ ئادەتتە ‹‹ غەرپ ›› دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. بىراق بىز ئۇنى مەخسۇس بايان قىلدۇق. مودېرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ ئەھۋالى ناھايىتى مۇرەككەپ بولغاچقا ئۇنى ئۇمۇمى گەۋدە نوقتىسىدىن ئېگەللەشكە توغرا كېلىدۇ، بەزىدە ئۇششاق تەپسىلاتلار بىلەن زىيادە ھېساپلىشىپ ئولتۇرۇش ھاجەتسىز، بولمىسا قەدەمدە بىر قىيىنچىلىق تۇغۇلىدۇ. ئۇمۇمەن مودېرنىزىم ئەدەبىياتى ئۈستىدە توختالغاندا، بەلگىلىك دەرىجىدىكى مۈجمەللىكتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. شۇنداقلا بۇنداق مۈجمەللىكنىڭ بولىشى ھەم زۆرۈر.

مەنبە: تاھىر ھامۇت تۈزگەن ”غەرب مودېرنىزىم ئەدەبىياتى“ ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top