• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » قەشقەر ھېتگاھ مەدىرىسەسىنىڭ ۋەخپىسى

قەشقەر ھېتگاھ مەدىرىسەسىنىڭ ۋەخپىسى

ئابدۇرىشىت ئىبراھىم

قەشقەرنىڭ 19- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت تارىخىدىن ئۇچۇر بېرىدىغان مۇھىم تارىخىي ھۆججەتلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇ ھۆججەت قەشقەرنىڭ ئەينى دەۋىردىكى ( 19 -ئەسىرنىڭ 30 –، 40- يىللىرىدىكى ) مەرىپەتپەرۋەر ھۆكۈمدارى زۇھۇرىددىن ھاكىمبەگ تەرپىدىن شۇ زاماننىڭ دىنىي ۋە مىللىي يوسۇنى بويىچە يازدۇرۇلغان. قەشقەرنىڭ شۇ زاماندىكى داڭلىق خەتتاتى، تىل ئۇستۇسى سەئىد جەلالىددىن باغدادى ھىجرىيە 1257- يىلى ماھى مۇھەررەمنىڭ ئىككىنچى كۈنى جۈمە ( مىلادىيە 1835 –، 1836 – يىلى 1-ئاينىڭ 22 – كۈنىدە خەتتىي تەئلىق نۇسخىسىدا يېزىپ چىققان.
مەزكۇر ۋەخپىنامە ئېسىل خوتەن قەغىزىگە يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ كەڭلىكى 57 سانتېمېتىر، ئۇزۇنلىقى 110 سانتېمېتىر، خەت چۈشكەن يۈزىنىڭ كەڭلىكى 43 سانتېمېتىر، ئېگىزلىكى 82 سانتېمېتىر، يۇقىرى قىسمىغا 14 سانتېمېتىر، ئىككى تەرىپىگە 7 سانتېمېتىردىن ھەل بېرىلىپ، تۆت خىل رەڭدە رامكا سىزىلىپ، كۆركەم نەقىشلەنگەن. نەقىش گۈللىرى ئارىسىغا بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان 20 مۆھۈر بېسىلغان، يۇقىرى قىسمىدىكى مېھراپ شەكىللىك نەقىشنىڭ ئولتۇرسىدىكى قاتلاممۇ – قاتلام چەمبەر ئىچىگە ھۆسۈن خەتتە ئىشلەنگەن چوڭ بىر مۆھۈر چۈشۈرۈلگەن بولۇپ بۇ مۆھۈرنىڭ زۇھۇرىددىن ھاكىمبەگنىڭ مۆھۈر ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىش تەس ئەمەس. ۋەخپىنىڭ ئازراق قىسمى ئەرەب، پارىس تىلىدا (تەخمىنەن توققۇز قۇر ئەتراپىدا )، مۇتلەق كۆپ قىسمى چاغاتاي تىلىدا ( تەخمىنەن 43 قۇر ئەتراپىدا ) يېزىلغان، بەزى جايلىرى ئاق قالدۇرۇلغان ۋە خەتلىرى ئۆچۈپ كەتكەن. ( مۇشۇ سان ژۇرنال مۇقاۋىسىنىڭ 3،-4 بەتلىرىدىكى « قەشقەر ھېتگاھ مەدىرىسەسىنىڭ ۋەخپىسى » نىڭ فۇتۇ نۇسخىرىلىرىغا قارالسۇن )
ئۇشبۇ ۋەخپىنامە ھەجىمنىڭ قىسقا بولغىنىغا قارىماي، مەزمۇنىنىڭ ئېنىق، رەتلىك، تىلىنىڭ ئاددى ۋە گۈزەللىكى ھەمدە مول تارىخىي، جۇغراپىۋى ئۇچۇرلارنى سىغدۇرغانلىقى بىلەن بىزنى سۆيۈندۈرسە، بېزىلىشىنىڭ رەڭدارلىقى، ھۆسۈن خېتىنىڭ ئاجايىپ كۆركەملىكى بىلەن بىزنى ھەيران قالدۇردى. شۇبھىسىزكى، « قەشقەر ھېتگاھ مەدىرىسەسىنىڭ ۋەخپىسى » دىيارىمىزنىڭ ئەينى زامان تارىخىنى ۋە ئىجتىمائىي، مەدەنىي مۇھىتىنى چۈشىنىشتە، شۇ زامان تىلىنى، گۈزەل- سەنئەت خەتتاتلىقىنى، يەر – جاي ناملىرىنى تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن زور قىممەتكە ئىگە. ئاخىرىدا، بۇ قىممەتلىك ھۆججەتنى زامانىمىزغىچە ساقلاپ بىزگە يەتكۈزۈپ بەرگەن تۇرپان ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى، مەرىپەتپەرۋەر زات ئابلا يۈسۈپ ئەپەندىگە ئالاھىدە تەشەككۇر ئېيتىمىز.
ببىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
( ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسىمى بىلەن باشلايمەن )
ئۆز پەيغەمبەرلىرىگە ئەگەشكەن خاس دوستلىرىغا مەرتىۋىسىنى يۇقىرى قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن.
ئاللاھ ۋەخپە، مەدرىسە، مەسجىد، قەبرىلەرنى بىنا قىلغان يېقىن دوستلىرىغا تەۋپىق بەردى، ئەۋلىيالارنىڭ، ئەزىزلارنىڭ سۈننىتىنى ۋە ئۆلىمالارنىڭ سۆزلىرىنى قوبۇل قىلىپ، سەدىقىنى، ۋەخپىىنى ئاللاھنىڭ رىزالىقى ئۈچۈن خالىس قىلغان ئەھلى تەۋپىقلەرگە كۆپ ئەجىر بېرىشنى ئەھدە قىلدى.
دۇئا ۋە رەھمەت ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ( ئۇ پاك شەرىئەت ئىگىسى بولۇپ، ئاسمان – زېمىن ئارىلىقىدىكى ئەلەملەرگە رەھمەتتۇر. ) ئائىلىسىگە ۋە ساھابىلىرىگە، ئىقتىدارنىڭ يۇلتۇزى، ھىدايەتنىڭ قۇياشى بولغان ساھابىلىرىگە بولسۇن.
مەقسەتكە كەلسەك : بۇ، دىل كۆزلىرى ئوچۇق بولغان زاتلارغا، ئەقىل ئىگىلىرىگە دانالىرىنىڭ روشەن زېھنى ئەقىدە، بەلكى روشەنلىكىدە كۈندەك ئاشكارە بولغان سەھىپىدۇر. بۇ سەھىپە زامان دانالىرىنىڭ روشەن زېھنى ئەقىدە شاھدلىرىغا ۋە كېيىنلىكى ياخشى ئۆلىمالارغا، ئۆز ئەقىدىسىگە ئەمەل قىلىغان زاتلارغا، ھۆرمەت ئىگىسى بولغان فازىللارغا، يۇرۇقلۇقى ئەينەكتەك، كەڭلىكى دەريادەك، ئەتىردەك خۇش بۇي دىل ئىگىلىرىنىڭ ئالدىدا مەلۇم بولغايكى :

شەھەرلەرنىڭ كاتتىسى، سەلتەنەت ماكانى قەشقەرنى ئاللاھتائالا ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن، يەنى پۈتۈن ئۆلىمىلار، يۇرت كاتتىلىرى ۋە بارلىق پۇقرالارنىڭ ھوزۇرىدا بۇ ۋەقە مۇشۇ تەرىقە بىلەن مۇقەررەر بولدى.
بۇ مۇبارەك زامان ۋە ياخشى ۋاقىت پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھىجرەت تارىخغا 1257 يىل تولغان، پەلەڭ ( يولۋاس) يىلى ماھى مۇھەررەمنىڭ يىگىرمە ئىككىسى ئازنا كۈنى ئىدى ( مىلادىيە 1835 -، 1836 – يىلى 1- ئاينىڭ 22- كۈنى ).
ئۆلىمالارنى دوست تۇتقۇچى، پېقىرلارنى تەربىيىلىگۈچى ھەرزىتى ھاجى زوھۇرىددىن ھاكىمبەگنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇنىڭ بۇ جاھاندىكى مال – مۈلكى ھېسابلاپ كۆرۈلدى. ئۇ بۇ چەكلىك ئالەمنىڭ، مەككار، پايدىسىز دۇنيانىڭ مۇقىم جاي ئەمەسلىكىنى بىلدى. ھەر قانچە كۆپ مۈلۈكلەر، ماللار، جانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇشۇ جاھاننىڭ مۈلكى ئىكەنلىكىنى چۈشەندى، يەنە ھەممىسىنىڭ زاۋالنىڭ ھارپىسىدا، يۆتكۈلۈپ كېتىشىنىڭ سەھنىسىدە تۇرغانلىقىنى بىلدى. پەقەت بۇ جاھاندا خۇداغا يېقىنچىلىق ئىزدەش، كۆپ تەر تۆكۈس ۋە ئەجىرنىڭلا يوقالمايدىغانلىقىنى چۈشەندى. تۈگىمەيدىغان نەرسە – داۋاملىق بولىدىغان سەدىقە ۋە ۋەخپە ئىكەنلىكىنى بىلدى. بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھنىڭ سۆزىدۇر.
« ئادەم بىر ياخشىلىك قىلسا، ئۇنىڭغا ئون ياخشىلىق بېرىلىدۇ. »
« سىلەر كشىلەرگە ياخشىلىق ( خەير- ئېھسان) قىلماي تۇرۇپ، ھەرگىز ياخشىلىققا ئېرىشەلمەيسىلەر. »
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن :
« سەدىقىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ئۇنىڭ ئۈزۈلمەي داۋاملاشقىنىدۇر »، « ئەگەر ئىنسان ئۆلسە ئۇنىڭ بارلىق ئەمىلى ئۈزۈلۈپ قېلىپ، پەقەت ئۈچ ئەمىلىلا ئۇنىڭغا يېتىپ بارىدۇ؛ ⑴ داۋاملىق ياخشىلىق يېتىپ تۇرىدىغان سەدىقە ( سەدىقەئى جادىيە ) ؛ (2) كىشىلەرگە پايدا يەتكۈزىدىغان ئىلىم ؛ (3) سالىھ پەرزەنتىنىڭ دۇئاسى. » « ئىنسانغا رەھىم قىلمىغان كىشىگە ئاللاھ رەھىم قىلمايدۇ » ،« تىرىكلەرنىڭ دۇئاسىنىڭ ساۋابى ۋە ئۇلارنىڭ قىلغان سەدىقىسى ئۆلگەنلەرگە يېتىپ بارىدۇ. »
بۇ ئايەت، ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنلىرىغا ھەمدەم بولۇپ، بۇ پۈتۈكنى پۈتكۈچى شەھەر سىرتىدىكى جاھاننىڭ ئالدى سەرمەندكە تەۋە پايناپ كەنتىدىكى كاتتىلارنىڭ كاتتىسى، سىرلارنى يەشكۈچى، دۇردانىلار پادىشاھىنىڭ پادىشاھى، پاك ۋە ھەممىدىن ئۇلۇغ تىلنى تەتقىق قىلغۇچىلارنىڭ سەردارى ھەزرىتى سەئىد جەلالىددىن باغدادى خەتتارتدۇر. ( ئاللاھتائاللا ئۇ كىشىنىڭ ياتىدىغنا يېرىنى يورۇق قىلسۇن. )
ئۇ ئۆز خۇداسىغا يېقىنچىلىق ئىزدىگەن، ئۇ ئاللاھنىڭ ساۋابىنى كۆپ تەلەپ قىلغان ۋە ئاللاھنىڭ ئالدىدا قىلغان ۋەدىسىگە يۈزلەنگەنىدى، بۇنىڭغا قۇرئان گۇۋاھ، ئۇ ئاللاھنىڭ « ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ( دۇنيادا ) قايسى بىر ياخشىنى ئىشنى قىلساڭلار، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ كاتتا ساۋابقا ئېرىشىسىلەر ①» دېگەن سۆزىگە ئەمەل قىلىپ، بىر مەدرىسە بەنا قىلدى، بۇ مەدرىسىگە تۆۋەندىكى يەر – مۈلۈكلەر ۋەخپە قىلىپ پۈتۈلدى.

مەدرىسىگە _ خان ئېرىققا تەۋە سېرىق توغراق ھويلىنى سالىھ ۋە غەيرى سالىھلىرى بىلەن تەخمىنەن قىرىق سەككىز پاتمانلىق يەر ۋە يەنە سەرمەندكە تەۋە بويىنچى كەنتىدىكى تەخمىنەن ئىككى پارچە تۆت پاتمانلىق يەر ۋە يەنە سەرمەندكە تەۋە بويىنچى كەنتدىكى تەخمىنەن ئىككى پارچە تۆت پاتمان، ئىككى چارەكلىك يەر، ۋە يەنە ئاتىكە ئاغىچىدىن سېتىپ ئالغان تەخمىنەن تۆت غەلبىرلىك يەر ۋە يەنە ئابدۇشۈكۈر ئاخۇندىن سېتىپ ئالغان تەخمىنەن ئون ئىككى چارەكلىك يەر، ۋە يەنە مەدرىسنىڭ ھويلىسىدىكى سەككىز ئىشىكلىك ھويلىدىكى ئالتە چارەكلىك يەر ؛ توققوز ئىشىكلىك ھويلا ۋە تۆت ئىشىكلىك ھويلا ؛ قارا قىرغا تەۋە ياندارمىدىكى سالىھ ۋە غەيرى سالىھلىرىدىن باشقا تەخمىنەن ئوتتوز پاتمانلىق يەر ۋە يەنە ئىرەم باغقا تەۋە بىنەم يەرلەرگە يېڭى چىقارغان ئۆستەڭدىن سۇ كىرىدىغان كامالىددىن بەگە ئۈستىدىن تۇرۇپ تەئمىرلىك قىلدۈرغان لەڭگەر ساھىلى، بىنەم بولۇپ تەخمىنەن يىگىرمە پاتمانلىق يەر بىلەن خان ئېرىققا تەۋە يۇپۇرغا ئۆستىڭىدە چۈرۈلۈپ تۇرۇۋاتقان ئارغۇنلۇق مۇھەممەد بايدىن سېتىپ ئالغان سەينادىكى بىر تاش تۈگمەن ۋە يەنە چانكا تۇغىدا چۆرۈلۈپ تۇرۇۋاتقان سەئىددىن ئاخۇندىن سېتىپ ئالغان بىر تاش تۈگمەن ۋە يەنە چانكا تۇغىدا چۆرۈلۈپ تۇرۇۋاقتان سەئىددىن ئاخۇندىن سېتىپ ئالغان بىر تاش تۈگمەن ۋە يەنە چانكا تۇغىدا چۆرۈلۈپ تۇرۇۋاتقان سەئىددىن ئاخۇندىن سېتىپ ئالغان بىر تاش تۈگمەن ۋە يەنە توختى باقى شەيخ ئاخۇننىڭ تۇغىدا چۆرۈلۈپ تۇرۇۋاتقان ئاق ئوردىلىق ئوسمان بايدىن ئالغان بىر تاش تۈگىمەن، ۋە يەنە لاڭقالىق تۇرىدا لاڭقالىق تۇغىدا چۆرۈلۈپ تۇرۇۋاتقان تۇردى نىيازكادىن سېتىپ ئالغان بىر تاش تۈگمەن ؛ جەلال تۇغىدا چۆرۈلۈپ تۇرۇۋاتقان ئىبراھىم خوجىدىن ئالغان بىر تاش تۈگمەن ؛ ۋە يەنە خام قۇمىدا چۆرۈلۈپ تۇرۇۋاتقان ئىبراھىم خوجىدىن ئالغان بىر تاش تۈگمەن ؛ ۋە يەنە خان قۇمىدا چۆرۈلۈپ تۇرۇۋاتقان نىنا خوجىدىن سېتىپ ئالغان بىر تاش تۈگمەن ؛ ۋە يەنە تازغۇنغە تەۋە قاقچىدىكى تۆت تۈگمەن ؛ تۇڭچى نىيازنىڭ قېشىدىكى ئىككى تاش تۈگمەن ؛ نىياز تۇردىكى تۆت تاش تۈگمەن؛ باخجانەنىڭ ئالدىدىكى يېڭى چۆرۈلگەن ئىككى تاش تۈگمەن ؛ ۋە يەنە قىزىل بويىغا تەۋە يامان ياردىكى ئىككى تۈگمەن ؛ ۋە يەنە خۇش ئاباد ئۆستىڭىدىكى ئىككى تاش تۈگىمەن ؛ بۇلاق جىلغىسىدىكى يېرىم تاش تۈگمەن ؛ ئاباد ئۆستىڭىدىكى، يېڭى ئۆستەڭدىكى بۇلاق تاش تۈگمەن؛ ۋە يەنە مەخپىي قالمىغايكى، يېڭى چىقارغان ئۆستەڭدە چۆرۈلگەن تۆت تاش تۈگمەن. بۇ مەزكۇر جەمئىي يىگىرمە توققۇز يېرىم تۇگمەننى ۋە يەنە شەھەرنىڭ ئىچىكى قاراقىر دەرۋازىسىدا بەرنا قىلغان ھەممامنى تۆت فۇزۇلى بىلەن ؛ ۋە يەنە بۇ مەزكۇر مەدرىسىنىڭ شىمالىي تەرىپىدە بانا … ئىككى چارەكلىك يەرنىڭ ئورنىدىكى ئۈژمىلىككە تەۋە يەرنى دەرەخلىرى بىلەن شەخسى مۈلۈكتىن ئايرىلىپ خالىسەن لىللاھى تەئەلا نەزىرىگە سەدىقە يولىدا ۋەخپە مۇتلەق قىلدىم. مەخپىي قالمىسۇن.
سەرمەندكە تەۋە پايناپ كەنتىدىكى بىر ھويلا يېرىم پاتمانلىق يەرنىڭ ئورنىدىكى باغ ۋە بىر پاتمالىق يەرنىڭ ئورنىدىكى باغ ۋە بىر پاتمانلىق يەرنىڭ ئورنىدىكى بىدىلىك يېرىمنى جەمئىي دەرەخلىرى بىلەن ئەۋلادلىرىمنىڭ ساۋاپلىقى ئۈچۈن ۋەخپە قىلدىم. بۇ يەرلەرنىڭ چېگرىسى تۆۋەندىكىچە :
شەرقىي پاسىلى – ئىسلام خوجىنىڭ يېرىگىچە بولغان پاسىل قىر.
شىمالىي پاسلى – ئىسمائىل خوجىنىڭ يېرىگە تۇتىشىدىغان يول.
غەربىي پاسىلى – ئىسمائىل خوجىنىڭ يېرىگە تۇتىشىدۇ.

ئەۋلادلىرىمنىڭ ساۋاپلىقى ئۈچۈن ۋەخپە قىلىنغان بۇ مەزكۇر يەر بىلەن پايناپدىكى ھويلا يەردىن بىر پاتمان بۇغداي ۋە بىر غەلبىر قوناقنى چىقىرىپ ئېلىپ، مۇتلەق ۋەخپە قىلغان تۈگمەندە باشقا يەرلەرنىڭ مەھسۇلاتىغا قوشۇپ، قالغان مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئەۋلادىم سەرىپ قىلىدۇ.
بۇ مەركۇز مەدرىسگە بىر مۇدەررىس، ئون تۆت تالىب، بىر ئىمان، بىر مۇئەززىن، ئوتتۇز قارى ) قىرائەتچى (، بىر جارۇپكەش ) مەردرىسگە قارىغۇچى( بىر مۆتىۋەللى تەيىن قىلىندى.
بۇ مەزكۇر جەمئىي ۋەخپىلەردىن ھەر يىلى بولغان مەھسۇلاتنى يىگىرمە بەش بۆلەككە بۆلۈپ، بۇنىڭدىن ئۈچ بۆلەكنى مۇددەرىس ئالىدۇ ؛ ۋە يەنە تون تۆت تالىب، خەلفەت ھەر كۈنى كالامۇللانى ئىككى مەرتىۋە خەتمە قىلىپ، ساۋابىنى بەخش قىلىپ، ھەر بىرى بىر ئۆلۈشتىن ئالىدۇ. بىر بۆلەكنى ئىمام ئالىدۇ. يېرىم بۆلەكنى مۇئەززىن ئالىدۇ، يېرىم بۆلەكنى جارۇپكەش ئالىدۇ. يېرىم بۆلەكنى مۇتىۋەللى ئالىدۇ، بەش بۆلەكنى ئوتتوز قارى ) قىرائەتچى (ئالىدۇ. تەيىن قىلىنغان بۇ بۆلەكلەردىن سېرىق توغراقتىكى ھويلا يەرنى تۆت بۆلەككە بۆلۈپ، بۇنىڭدىن ئۈچ بۆلەكنى يەنە مەدرىسىنىڭ ھويلىسىدىكى سەككىز ئىشىكلىك ھويلىنىڭ يەر ئورنىدىكى قورۇق بىدىلىك يەرنىڭ يېرىمىنى مۇدەررىس ئالىدۇ ۋە يەنە قالغان بىر بۆلەك يەنى قازغانلىق نىياز سوپىدىن سېتىپ ئالغان بىر تاش تۈگمەننى سىپارە قارى خەلپەت ئالىدۇ.

باغ ئابادتىكى بىر تاش تۈگمەننى، مەدرىسنىڭ شەرقى تەرىپىدىكى ئاتىكە ئاغىچىدىن سېتىپ ئالغان يېرىم پاتمانلىق يەردىن ئىككى غەلبىرلىك يەرنى، ئون ئىككى ئىشىكلىك ھويلىغا تەۋە ئالتە چارەكلىك قۇرۇق يەرنى قوشۇپ يەنە بىر سىپارەخان خەلپەت ئالىدۇ.

ئاق ئوردىلىق ئوسمان بايدىن سېتىپ ئالغان بىر تاش تۈگمەننى، يوپۇرغىدىكى ناينا خوجىدىن سېتىپ ئالغان بىر تاش تۈگمەننى، مەدرىسىنىڭ ھويلىسىدىكى توققۇز ئىىشكلىك ھويلا يېرىنى، ئابدۇللا بەگدىن سېتىپ ئالغان ئۈچ غەلبىرلىك يەردىن ئون ئىككى چارەكنى قوشۇپ يەنە بىر سىپارە ئوقۇيدىغان خەلپەت ئالىدۇ.
خان ئېرىقتىكى تۇردى نىياز كاردىن سېتىپ ئالغان بىر تاش تۈگمەننى، پاينايتىكى ھويلىدىن ئەۋلادلىرىمنىڭ ساۋابى ئۈچۈن ۋەخپە قىلىپ تەيىن قىلغان بىر پاتمان ئاشلىقنى قوشۇپ بىر سىپارە ئوقۇيدىغان خەلپەت ئالىدۇ.
خان ئېرىقدىكى سەئىدىن ئاخۇندىن سېتىپ ئالغان بىر تاش تۈگمەننى، تازغۇنلۇق موللا قۇتلۇقتىن سېتىپ ئالغان بىر تاش تۈگمەننى قوشۇپ يەنە بىر سىپارە ئوقۇيدىغان خەلپەت ئالىدۇ.
خان ئېرىقدا … دىكى ئارغۇتلۇق مۇھەممىدى بايدىن سېتىپ ئالغان بىر تاش تۈگمەننى، يامان يار بويىدىكى بىر تاش تۈگمەننى بىر سىپارە ئوقۇيدىغان خەلپەت ئالىدۇ.
سەرمەندنىڭ چۇيۇنچى كەنتدىكى تۆت پاتمانلىق يەرنى، باغچىنىڭ ئالدىدا يېڭى چۆرۈگەن ئىككى تاش تۈگمەندىن بىرنى قوشۇپ يەنە بىر سىپارە ئوقۇيدىغان خەلپەت ئالىدۇ. ئابادتىكى بىر تاش تۈگمەننى، يامان يار بويىدىكى بىر تاش تۈگمەننى مەدرىسىنىڭ ھويلىسىدىكى تۆت ئىشىكلىك ھويلىنى، پايناپتىكى ئابدۇللا بەگدىن ئالغان يەردىن ئون ئىككى چارەكلىك يەرنى قوشۇپ يەنە بىر سىپارە ئوقۇيدىغان خەلپەت ئالىدۇ.
ئابادتىكى بىر تاش تۈگمەننى، يامان يار بويىدىكى بىر تاش تۈگمەننى مەدرىسىنىڭ ھويلىسىدىكى تۆت ئىشكلىك ھويلىنى، پايناپتىكى ئابدۇللا بەگدىن ئالغان يەردىن ئون ئىككى چارەكلىك يەرنى قوشۇپ يەنە بىر سىپارە ئوقۇيدىغان خەلپەت ئالىدۇ.
تۇر تۇرادىكى ئىككى تاش تۈگمەننى قوشۇپ بىر سىپارە ئوقۇيدىغان خەلپەت ئالىدۇ.
خان ئېرىقىدىكى ئابدۇللا ئىسلاملاردىن ئالغان بىر تاش تۈگمەننى، مەدرىسنىڭ ھويلىسىدىكى تۆت ئىشىكلىك ھويلىنى قوشۇپ بىر سىپارە ئوقۇيدىغان خەلپەت ئالىدۇ.
ياندارمىدىكى ئون تۆت پاتمانلىق يەرنى ئۇشۇر موللىدىن سېتىپ ئالغان بىر تاش تۈگمەننى قوشۇپ بىر سىپارە ئوقۇيدىغان خەلپەت ئالىدۇ.
تازغۇنغە تەۋە قاقچىدىكى ئىككى تاش تۈگمەننى ۋە پايناپتىكى ھويلا يەردىن تەيىن قىلىنغان بىر غەلبىرىك قوناق ۋە بىر پاتمانلىق ئاشلىقنى قوشۇپ بىر سىپارە ئوقۇيغان خەلپەت ئالىدۇ. باغچىنىڭ ئالدىدىكى ئىككى تاش تۈگمەندىن بىر تاش تۈگمەننى، چولاق جىلغىسىدىكى يېرىم تاش تۈگمەننى ئىمال ئالىدۇ. 4
خۇش ئاباد ئۆستىڭىدە چۆرۈلۈپ تۇرۇۋاتقان بىر تاش تۈگمەننى مۇئەززىن ئالىدۇ.
پايناپتىكى ئابدۇشۈكۈر ئاخۇندىن ئالغان ئىككى چارەكلىك يەرنى جارۇپكەش ئالىدۇ.
ئارام باغقا چىقارغان يېڭى ئۆستەڭدە چۆرۈگەن تۆت تاش تۈگمەن تۆت تاش تۈگمەن، سەراپ، يەنە تۆت فۇزۇلدىن بولغان كىرىمنى ئوتتوز قارى ) قىرائەتچى ( تەقسىم قىلىپ ئالىدۇ.
لەنگەرگە خەۋەردارچىلىق قىلىشىنى مېنىڭ ئەۋلادلىرىمنىڭ دىيانەتلىكىدىن بىرى مۇتىۋەللى بولۇپ ئۆز ئۈستىگە ئالدۇ ۋە ئىرەم باغقا يېڭى ئۆستەڭدىن سۇ كىرىدىغان لەنگەرنىڭ يىگىرمە پاتمانلىق يېرى بىلەن مەزكۇر مەدرىسىگە ۋەخپە قىلغان بىر تۈگمەننى ئالىدۇ.
مۇشۇنداق تەيىن قىلىپ، مەدرىسىدىكى ھەر بىر سىپارە ئوقۇيدىغان خەلپەت، ئىمام، مۇئەززىن، جارۇپكەش، مۇدەررىسلەرنىڭ قولىغا ئالايتەن خەت قىلىپ ئۆز مۆھۈرۈمنى بېسىپ بەردىم.

بىرىگە تەيىن بولغان تۈگمەن، يەر ۋە ھويلىغا يەنە بىرى دەخلى – تەرۇز قىلالماس. ھەر ۋاقىت مۇدەررىس، سىپارە ئوقۇيدىغان خەلپەتلەر، ئىمام، مۇئەززىن، جارۇپكەش ۋە قارى ) قىرائەتچى( لەردىن قەستەن ئۆز ئىشىغا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلار كۆرۈلسە، تەكشۈرۈپ – ئېنىقلىغاندىن كېيىن ئورنىغا سالاھىيەتلىك تالىبىلئىلىملاردىن بىرنى تەيىنلىسە بولىدۇ.

مەدرىسنىڭ جەنۇب تەرىپىدىن ئۈجمىلىكنى ئامما ۋە پۇقرا ئۈچۈن، تەيىن قىلدىم. ئوتتۇز پارىدىن ئادەتتىكى ئىككى كالامۇللا ) قۇرئال ( نى، ھەر ھۇجرىغا بىردىن، ئاتمىش قارا قازاننى ۋەخپە مۇتلەق قىلىپ، ۋەخپىنى سەرپ قىلغۇچىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردىم.
بۇ مەزكۇر ۋەخپە مۇتلەق، ھەمىشە تەسەددۇق، دۇرۇس، ھەمىشە مەسچىتكە ئىشلتىلىدۇ، بۇ ھەممىگە ئاشكارە، بۇزۇشقا بولمايدۇ، توسقۇنلۇق قىلىنمايدۇ، ھەدىستە …« سېتىشقا بولمايدۇ، سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ سوۋغا قىلىشقا بولمايدۇ، مىراس قويۇلمايدۇ، مۈلۈك قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ، ئىگىلىۋېلىشقا بولمايدۇ گۆرۈگە قويۇشقا بولمايدۇ » دېيىلگەن. مۇشۇ مەزمۇن بىلەن بۇ ۋەخپە سېتىلماس، ئېلىنماس، بەخشەندە مىراس، مۈلۈك قىلىنماس. ھەر سائادەتمەنكى بۇ ۋەخپىنىڭ ئاۋاتلىقى ۋە روناق تېپىشىغا كۈچ چىقارسا بۇ دۇنيالىقى مەمۇر، ئۇ دۇنيالىقى ياخشى بولغاي ؛ مۇبادا بىر نىجىس ۋە بەدىيانەت بۇ ۋەخپىنى ۋەيران ۋە خاراپ قىلسا، بۇ دۇنيادا ھالى ۋايران بولۇپ لەنەتكە گىرىپتار بولسۇن، ئاخىرەتتە گۆرى قاراڭغۇ بولۇپ، ئازاب – ئوقۇبەتكە دۇچار بولغاي، بۇنداق ئىشلارنىڭ بولۇشىدىن خۇدايىم ساقىلىغاي!  4
بۇ زىكرى قىلىنغان ۋەخپىدە مېنىڭ، يا ئەۋلادلىرىمنىڭ يا غەيرىنىڭ ھېچ ھەققى ۋە تەئەللۇقاتى يوق. مېنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىمنى يا غەيرىدىن بىرى چىقىپ، مال – مۈلۈك دەۋاسى قىلسا، دەۋاسى شەرىئەتتە باتىل، ئۆتمەس بولسۇن دەپ، ئۆلىمايى ئەزەم ۋە ئۇمەرايى كەرەملەردىن مۆھۈرلۈك خەت قىلىپ بەردىم.
بۇ ۋەخپە قىلىنغان زېمىنلارنىڭ چېگرىسى.

سېرىق توغراق ھويلىدىكى قىرىق سەككىز پاتمانلىق يەرنىڭ چېگرىسى : 
شەرقىي چېگرىسى : ئېزىز خوجىنىڭ يېرىگە ۋە بەزىسى ھېسامىددىن باينىڭ يېرىگە، موللا رازىنىڭ يېرىگە چېتىشلىق، قوقەند ئېرىقى پاسىل. يەنە بىر قسىمى ‏-‏ موللا ئەزىمنىڭ يېرىگە، موللا رازىنىڭ يېرىگە، ۋە بەزىسى موللا تۇرسۇننىڭ ۋارىسىلىرىنىڭ يېرىگە، موللا رازىنىڭ يېرىگە، موللا سوپىنىڭ يېرىگە تۇتاش، پاسىل ئورەك.
شىمالىي چېگرىسى ‏- چەرخەلىقلەرنىڭ يېرىگە تەۋە ساس كۆلىگە تۇتاش پاسىل.

غەربىي چېگرىسى – سەئىددىن ئاخۇننىڭ شىرىك ھويلا يەرلىرىگە تۇتاش پاسىل، چوڭ يول. يەنە بىر قسىمى بوسۇغە باي، موللا قاسىم، موللا ئابدۇراخمانلارنىڭ يېرىگە تۇتاش، بىر قسىمى موللا روزىنىڭ ۋارىسلىرىنىڭ يېرىگە ۋە بەزىسى يەنە ھېسامىددىن باينىڭ ھويلا يېرىگە، ۋە بەزىسى ئېزىز خوجىنىڭ يېرىگە تۇتاش، پاسىل ئېرىق.
جەنۇبىي چېگرىسى – ئېزىز خوجا بىلەن ھىسامىددىن بايلارنىڭ يېرىگە تۇتاش، قوقەند ئېرىقى پاسىل.

سەرمەندكە تەۋە چۇيۇنچى كەنتىدىكى تۆت پاتمانلىق يەرنىڭ چېگرىسى :
شەرقىي چېگرىسى ‏- چوڭ يول ۋە بەزىسى ئامئېرىق بىلەن پاسىل.
شىمالىي تەرەپ – تۆمۈر خوجىنىڭ يېرىگە، توختەسۇپىنىڭ يېرىگە تۇتاش پاسىل ئورەك. بىر قىسمى كەتمەنچى مەسۇمنىڭ يېرىگە تۇتاش پاسىل ئېرىق. بىر قسىمى موللا رەئوفنىڭ يېرىگە، بەزىسى نىياز خوجىنىڭ يېرىگە، ۋە بەزىسى مەرۇپ ئاخۇننىڭ يېرىگە پۈتۈن تۇتاش پاسىل ئېرىق.
غەربىي چېگرىسى ‏- موللا باقىنىڭ يېرىگە، خۇجەش خوجىنىڭ يېرىگە تۇتاش، پاسىل ئېرىق. بىر قسىمى نەبرە خوجىنىڭ يېرىگە تۇتاش، پاسىل يول.

يەنە شۇ يەردىكى بەش چارەكلىك يەرنىڭ چېگرىسى :
شەرقىي چېگرىسى : مەسۇم خوجىنىڭ يېرىگە تۇتاش، پاسىل قىر.
شىمالىي چېگرىسى – ھاشىم خوجىنىڭ ۋارىسلىرىنىڭ يېرىگە تۇتاش، پاسىل قىر.
جەنۇبىي چېگرىسى – يەنە ھاشىم خوجىنىڭ ۋارىسلىرىنىڭ يېرىگە تۇتاش، پاسىل زەيكەش.
ئابدۇشۈكۈر ئاخۇندىن سېتىپ ئالغان ئىككى چارەكلىك بىر پارچە يەرنىڭ چېگرىسى :
شەرقىي چېگرىسى ‏- تۆلەندى باينىڭ ۋارىسلىرىنىڭ يېرىگە تۇتاش.
شىمالىي چېگرىسى – موللا ساقىنىڭ يېرىگە تۇتاش.
جەنۇبى چېگراسى – چوڭ يولغا تۇتاش پاسىل ئېرىق.
مەدرىسىگە ھاۋالە قىلىنغان ھويلا يەرنىڭ چېگرىسى :
شەرقىي چېگرىسى – ھەبىبە ئاغىچىنىڭ يېرىگە تۇتاش پاسىل تام.
شىمالىي چېگرىسى – توختى زىلچىنىڭ يېرىگە تۇتاش چوڭ يول پاسىل. يەنە بىر قسىمى پەيزۇللا خوجىنىڭ ۋارىسىلىرىنىڭ ھويلىسىغا تۇتاش، پاسىل تام.
غەربىي چېگرىسى – زۇبەيدە بۈۋىنىڭ يېرىگە، بىر قىسمى مەريەم بۈۋىنىڭ ھويلىسىغا تۇتاش، پاىسل چوڭ يول.
جەنۇبىي چېگراىسى نىياز بۈۋىنىڭ ھويلىسىغا ۋە باغلىرىگە، بىر قىسىمى ھەبىبە ئاغىچەنىڭ يېرىگە پۈتۈن تۇتاش پاسىل تام.

قارا قىرغا تەۋە ياندامىدىكى ئوتتۇز پاتمانلق يەرنىڭ چېگراىسى :
شەرقىي چېگرىسى – چوڭ يولغا تۇتاش
شىمالىي چېگرىسى – شەمشىددىن بەگنىڭ ئېرىقى.
غەربىي چېگرىسى – يانداما ئۆستىڭىگە تۇتا.
جەنۇبىي چېگرىسى – يانداما ئۆستىڭىگە تۇتاش.
ئىرەم باغقا تەۋە لەنگەردىكى يىگىرمە پاتمانلىق يەرنىڭ چېگرىسى :
شەرقىي چېگرىسى – بەشكېرەملىك موللا نىياز قۇتلۇقلارنىڭ يېرىگە تۇتاش، پاسىل ئورەك.
شىمالىي چېگرىسى – ئاستىن ئارتۇچلۇق موللا نورۇز ئەلىم تۇردى، موللا مۇھەممەد سادىقلارنىڭ يېرىگە تۇتاش، پاسىل ئورەك، بىر قسىمى خاس يول.
غەربىي چېگرىسى – چوڭ ئۆستەڭ.
جەنۇبىي چېگرىسى – سېچەكلىكنىڭ ئېرىقىغە ۋە بىر قسىمى موللا نىياز قۇتلۇقنىڭ يېرىگە تۇتاش، پاسىل ئۆستەڭ.
مەخپىي قالمىغايكى، ئەۋلادىمنىڭ ساۋاپلىقى ئۈچۈن ۋەخپە قىلغان ھويلا، باغ ۋە زېمىنلاردىن بولغان ھوسۇلدىن مەن تەيىن قىلغان تەرىقىدە مەدرىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىپ، قالغان ھۇسۇلنى مېنىڭ ئەۋلادىم قەرنە – قەرنىلەرىدىن كېيىنمۇ ) ئوتتۇز، ئوتتۇز يىلدىن كېيىنمۇ، يەنى – بالام، بالامنىڭ بالىلىرى ( تەڭ تەقسىم قىلىشپ ئالۇر!

مەنبە: بۇلاق ژۇرنىلى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top