• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » قەدىمكى دەۋىردىكى مەشھۇر ئۇيغۇر بازارلىرى

قەدىمكى دەۋىردىكى مەشھۇر ئۇيغۇر بازارلىرى

ﺩﺍﯞﯗﺕ ﺳﺎﯞﯗﺕ

خەن، ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﻪﺕﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺋﯩﭽﻜﻰ-ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺳﻮﺩﯨﺴﻰ گۈللەنگەن ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻘﺎ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ. ﺑﯘ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻜﻰﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ يۈكسەلگەنلىكىنى، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ گۈللەنگەنلىكى ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯩﺮﻳﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ، ﺑﯘ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﻛﯚﻟﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﯕﻪﻳﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ،ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﻛﻪﯓ ﻛﻮﻟﻪﻣﺪﻩ ﺋﻮﺑﺮﯗﺕﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻫﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﯩﻚ، ﻣﻮﻝ ﺋﺎﺭﺧﯩﻠﻮﮔﯩﻴﻠﯩﻚ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ، ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻜﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕ ﺑﺎﺯﺍﺭﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﭘﯘﻟﻠﯩﺮﻯ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﯞﻩ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ﭘﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺑﺮﯗﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ يېقىنقى ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﺧﯩﻠﻮﮔﯩﻴﻠﯩﻚ ﺗﻪﻛﺸﯘﺭﯗﺷﻠﻪﺭﺩﻩ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻧﺪﻯ. ﺑﯘ ﺋﯩﭽﻜﻰ-ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺳﻮﺩﯨﻨﯩﯔ گۈللەنگەنلىكى، ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺗﻼﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﭼﯘﺷﻪﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯘﻫﯩﻤﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﻟﯩﻤﻰ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ، ﺷﻪﻛﻠﻰ ﯞﻩ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﻮﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.

ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﺷﯘ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺑﺎﺯﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪﺗﯘﻧﯘﺷﺘﯘﺭﻣﺎﻗﭽﻰ

ﻗﻮﭼﯘ ﺑﺎﺯﯨﺮى

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺷﻪﻫﻪﺭ-ﺑﺎﺯﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺑﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻮﻝ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻠﯘﻕ ﺳﻮﺩﺍ-ﺋﺎﻻﻗﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺭﻭﻧﺎﻕ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ ﺳﻮﺩﯨﺴﻰ ﺗﺎﺯﺍ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﻛﺎﺭﯞﺍﻧﻼﺭ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥﺷﻪﻫﻪﺭ-ﺑﺎﺯﺍﺭﻻﺭﻧﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﭖ، ﺳﻮﺩﺍ-ﺳﯧﺘﯩﻖ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺷﯘ ﺟﺎﻱ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﻟﻼﻳﺘﺘﻰ ﯞﻩ ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﭖ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﻮﻟﻼﺭﻧﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﻰ. ﻣﺎﻟﻼﺭﻧﻰﺳﯧﺘﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺗﺎﭘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﻠﻪﺗﻰ. ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺷﻪﻫﻪﺭﻣﯘ-ﺷﻪﻫﻪﺭ ، ﺑﺎﺯﺍﺭﻣﯘ – ﺑﺎﺯﺍﺭﻛﯧﺰﯨﭗ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﭘﺎﻳﺪﯨﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ. ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻣﺎﻟﻼﺭ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘ ﭼﻪﺗﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﭼﻪﺗﯩﮕﻪ ﺗﻮﺷﯘﻻﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻣﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﻮﻗﯘﺭﻯ، ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﯓ كۆﭖ ﺋﯩﺪﻯ.

ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ ﺳﻮﺩﯨﺴﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﻪﯞﺯﻩﻝ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ، ﺷﻪﻫﻪﺭ-ﺑﺎﺯﺍﺭﻻﺭﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻳﻨﺎﭖ ﺗﺎﺷﻘﯩﻨﻠﯩﻘﻘﺎ ﭼﻮﻣﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻗﻮﺟﯘ، ﺳﯘﻟﻰ، ﭘﯩﺸﺎﻣﺸﺎﻥ، كۈﺳﻪﻥ، ﺋﯘﺩﯗﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﻟﯩﻤﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ تېز ﺳﯘﺭﺋﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ كېڭەيگەن.

ﻗﻮﺟﯘ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 4-5-ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻼ ﺋﯩﭽﻜﻰ-ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺳﻮﺩﺍ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺯﻭﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﺪﻯ. ﻳﯩﭙﻪﻙ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻮﻫﯩﻢ ﺋﯚﺗﻪﯓ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ئايلىنىپ شەرىق بىلەن غەرىپ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﻣﺎﻝﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﺎﺭﺧﯩﺌﻮﻟﯩﮕﯩﻴﻠﯩﻚ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ قارىغاندا شۇ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺷﻪﻫﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﺪﺍ ﺗﯩﭙﯩﻚ ﺳﻮﺩﺍ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﻳﺎﻳﻤﯩﭽﯩﻼﺭ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﯨﺖ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﻘﺎﻥ ﺩﯗﻛﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ﺭﻩﺳﺘﯩﺴﻰ، قازان – قۇمۇش ﺭﻩﺳﺘﯩﺴﻰ، ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻣﺎﻟﻼﺭ ﺭﻩﺳﺘﯩﺴﻰ….ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺭﻩﺳﺘﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ <<ﻛﯩﻴﯘ ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ ﻫﻮﺟﺠﯩﺘﻰ>>ﺩﻩ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ ﻗﻮﺟﯘﺩﺍ ﻳﻪﻧﻪ <<ﻗﯘﻝﺑﺎﺯﯨﺮﻯ>> ﻣﯘ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.
ﻗﻮﺟﯘ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺷﻪﻫﻪﺭ، ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﺪﺍﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﻪﺭ، ﻫﯘﻧﻪﺭﯞﻩﻧﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻫﻪﺭ-ﺧﯩﻞ ﻛﻪﺳﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﻫﺎﻟﯩﻠﻪﺭﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.

<<ﻣﺎﻧﻰﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻫﻮﺟﺠﯩﺘﻰ>> ﺩﻩ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ، ﻗﻮﺟﯘﺩﺍ <<ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺷﻪﻫﻪﺭﯨﺴﺘﺎﻥ>>، <<ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺷﻪﻫﻪﺭﯨﺴﺘﺎﻥ>> ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. <<ﻗﻮﺟﯘﺩﯨﻦﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ-ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻫﻮﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭ>>ﺩﻩ <<ﻗﻮﺟﯘ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ>>؛ <<ﺑﺎﻫﺎﺳﯩﻨﻰ ﻗﻮﺟﯘ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﺍ ﺋۆﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﯧﻨﯩﻐﺎ ﺳﯩﺰﺯﯨﻘﭽﻪ ﻳﻮﻝ ﭼﯘﺷﯘﺭﯗﻟﮕﻪﻥ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﻐﺎ ﺗﺎﻣﻐﺎﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ يۈﺯ ﻗﺎﻧﯩﭙﯘﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﯘﻕ >> ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﺎﻳﺎﻧﻼﺭ ﺑﺎﺭ. ﺑﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﻗﻮﺟﯘ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺗﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻫﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰكۆرﯨﯟﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﺋﯘﺩﯗﻥ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ:

ﺋﯘﺩﯗﻥ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﯨﻨﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗﺭ. ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘﺩﯗﻧﻨﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺳﻮﺩﯨﺴﯩﻤﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺭﺍﯞﺍﺝ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﻧﻪﺗﻜﻪﻙ(ﻫﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ) ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﻮﺩﺍ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﻗﻮﻳﯘﻕ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘﺩﺩﺍ ئىتقادىنىڭ ﻫﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﺩﯗﻧﻐﺎ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﯓ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﻤﯘ ﺑﯘ ﻧﻮﻗﺘﯩﻨﻰ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.

ﺋﯘﺩﯗﻧﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺳﻮﺩﯨﺴﻰ ﻗﺎﺷﺘﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﻫﻪﻣﺪﻩ <<ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ>> ﺩﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻼ <<ﻗﺎﺷﺘﯧﺸﻰ ﻳﻮﻟﻰ>> ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ، ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﮔﯩﭽﻪ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ. <<ﻗﺎﺷﺘﯧﺸﻰ ﻳﻮﻟﻰ>> ﺋﯘﺩﯗﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﺷﻪﺭﻗﺘﻪ ﭼﻪﺭﭼﻪﻥ، ﻛﯩﺮﻭﺭﺍﻥ، ﺩﯗﻧﺨﯘﺍﯕﻨﻰ؛ ﻏﻪﺭﺑﺘﻪ ﺳﯘﻟﻰ، كۈﺳﻪﻥ، ﻗﻮﺟﯘ، ﺋﯩﯟﯨﺮﻏﯘﻟﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ. ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﻮﻝ ﻳﯘﻣﻪﻥ ﻗﻮﯞﯗﻗﻰ، ﺟﯩﺌﯘ ﭼﯘﺋﻪﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺷﻪﺭﻗﻘﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺳﻮﺯﯗﻟﯘﭖ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯘﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻜﺘﯩﻜﻰ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﭖ، ﭼﺎﯓ ﺋﻪﻥ، ﻟﻮﻳﺎﯓ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ. <<ﻗﺎﺷﺘﯧﺸﻰﻳﻮﻟﻰ>> ﻳﻪﻧﻪ ﻏﻪﺭﯨﭙﺘﻪ ﻛﺎﺑﯘﻥ، ﺋﯩﺴﭙﺎﻫﺎﻥ، ﺑﺎﻏﺪﺍﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺩﯦﯖﯩﺰﻏﺎ ﺗﯘﺗﺎﺷﻘﺎﻥ.
ﻏﻪﺭﺑﯩﻲﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺋﯘﺩﯗﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯘﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻚ ﺳﯘﻻﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﺩﺍ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯘﭼﻪﻳﮕﻪﻥ. ﺋﺎﺕ، قاشتېشى ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﺩﯗﻧﻨﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺳﻮﺩﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺋﯘﺩﯗﻥ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯘﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﭼﺎﻱ، ﻳﯩﭙﻪﻙ، ﻣﯩﺲ، ﺗﯘﻣﯘﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘﻳﯘﻣﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﭗ، ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﻳﺘﺘﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺯﺍﺭﻻﺭﺩﺍ ﺳﺎﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻼﺭ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﺩﯗﻧﻨﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺳﻮﺩﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺗﯘﺯﯗﻣﯩﻨﻰﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺋﯘﺩﯗﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ئۆﺯ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺟﺎﺯﺍ-ﺗﻮﺳﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ، ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﭖ، ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ ﺳﻮﺩﯨﺴﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﻮﻟﻠﯘﻕ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﺎﻥ. ﺋﯘﻻﺭ چىگرا ئېغىزىدا ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛﺎﺭﯞﺍﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺭﻩﺳﻤﯩﻴﻪﺕ ﻫﻪﻡ ﻳﻮﻝ ﺧﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ، ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻣﻪﻧﺌﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺗﺎﯞﺍﺭﻻﺭﻧﻰ ﻛﯩﺮﮔﯘﺯﻣﻪﺳﻠﯩﻚ، ﻣﯘﺳﺎﺩﯨﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺭﻩﺳﻤﯩﻴﻪﺕ ﻫﻪﻗﻘﻰ، ﻳﻮﻝ ﺑﯧﺠﻰ، ﺗﺎﯞﺍﺭ(ﻣﺎﻝ) ﺑﯧﺠﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﯞﻩ ﺧﻪﯞﻩﺭﭼﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﯞﻩﺯﯨﭙﻠﻪﺭﻧﻰﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ، ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻚ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺑﺎﺝ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ.

ﻗﺎﺭﯗﺷﺘﻰ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯘﺗﯘﻛﻠﻪﺭﺩﻩ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺷﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﺯ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ، ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮﻥ ﻛﯩﺸﻰ، ﻛﻮﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﯘﺯ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﺎﻝ ﻳﯚﺗﻜﻪﻳﺘﺘﻰ.

ﺋﯘﺩﯗﻥ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻮﻫﯩﻢ ﻣﺎﻝ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ، ﻳﯚﺗﻜﻪﺵ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ. ﻧﯩﻴﻪ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﺴﯩﺪﯨﻦﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﺷﺎ ﭘﯘﺗﯘﻛﺘﻪ ﻛﻮﺭﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﻧﯩﻴﻪ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵﺋﯧﻐﯩﺰﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﻪﺭ ﻳﻮﻝ ﺧﯧﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﻮﺗﻜۈﺯﯨﻠﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﺋﻪﻫﯟﺍﻝ ﮔﯘﻣﺎ ﻧﺎﻫﻴﯩﺴﻰ ﺳﺎﻧﺠﯘﺩﯨﻜﻰ ﻗﯩﻴﺎ ﺗﺎﺵ ﺭﻩﺳﯩﻤﯩﺪﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﯩﮕﻪﻥ: ﻳﻮﻟﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺵ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻟﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺧﺘﺎﻳﻨﻰ ئېگىز كۆتۈرۈپ، ﻳﻮﻟﺪﺍ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﻫﻪﻡ ﭘﯩﻴﺎﺩﻩ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺗﻮﺳﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ. ﺗﺎﺧﺘﺎﻳﻐﺎ ﺧﻪﺕ ﻫﻪﻡ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻳﯘﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯘﻧﻰكۆرگەن ﻳﻮﻟﻮﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻣﺎﯕﻐﺎﻥ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ئۆتەلمەي ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﺳۈرەتلەرنىڭ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ كۆﺭﯨﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻗﻪﺩﯨﻤﺪﻩ ﺑﯘ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﻮﺩﺍ ﻛﺎﺭﯞﺍﻧﻠﯩﺮﻯ، ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﻪﺭ ئۆﻣﯩﮕﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻮﻟﻮﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻪﻛﺸﯘﺭﯗﭖ ﺋﻮﺗﻜﯘﺯﮔﻪﻥ. ﻗﺎﺭﯗﺷﺘﻰ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯘ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ئۆﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﻮﻝ ﺧﯧﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﯩﺪﻯ. ﻳﻮﻝ ﺧﯧﺘﯩﮕﻪ ﺷﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ، ﻳﯧﺸﻰ، ﭼﯩﺮﺍﻱ ﺷﻪﻛﻠﻰ، ﻛﯩﻴﯩﻢ-ﻛﯩﻪﭼﯩﮕﻰ، ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ، ﺑﻪﮔﻠﯩﻜﻰ، ﻣﯧﻠﻰ، ﺋﺎﺕ، ﺗﻮﮔﻪ ﺳﺎﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﻼﺗﺘﻰ. ﻧﯩﻴﻪ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﺷﺎ ﭘﯘﺗﯘﻛﺘﻪ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺑﯩﺮ ﺗﻮﭖ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻣﺎﯕﻐﺎﻥ ﺗﺎﯞﺍﺭ-ﺩﯗﺭﺩﯗﻧﻰ ﺋﯘﭼﻴﯘﺯ ﺋﻮﻥ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺗﻮﭖ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺭﻛﯘﻡ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻣﺎﯕﻐﺎﻥ ﺗﺎﯞﺍﺭ-ﺩﯗﺭﺩﯗﻧﻰ تۆت مىڭ ئۈچ يۈز ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻪ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺗﻮﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯘﺩﯗﻥ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﺍ ﺗﺎﯞﺍﺭ-ﺩﯗﺭﺩﯗﻥ ﺳﻮﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺘﺘﯩﻜﻠﯩﻜﯩﻨﻰ كۆرىۋالغىلى ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﯘﺩﯗﻧﻐﺎ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﯞﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﺯﻭﺭ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﯗﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﯨﺖ، ﺋﯘﺩﯗﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻤﯘ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺳﻮﺩﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻧﻠﯘﻧﯘﭖ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯘﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﻫﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ قاشتېشى، ﺑﻮﺯ ﺭﻩﺧﺖ، ﻛﯩﮕﯩﺰ، ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎﺩﯨﻦ ﻛﯩﺮﮔﯘﺯﯗﭖ يۆتكەيدىغان ﺋﻪﻳﻨﻪﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﺍﺗﺘﻰ. ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻣﺎﻟﻼﺭ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﯞﻩ ﻗﻮﺷﻨﺎ ﺑﻪﮔﻠﯩﻜﻠﻪﺭﺩﻩ ﺳﯧﺘﯩﻼﺗﺘﻰ.

ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺳﻮﺩﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺯﻭﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﺩﯗﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﻝ-ﻫﯘﻧﻪﺭﯞﻩﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﻯ، ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﻪﻫﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺑﺎﺯﺍﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﯗﻟﮕﻪﻥ تۈرلۈك ﻣﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﯓ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪە <<ﺋﯘﺩﯗﻧﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺖ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ ﺗﻮﺕ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ-ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻢ ﻛﻪﯕﻪﻳﮕﻪﻥ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﮕﯩﺪﻩ ﺑﻪﺵ ﭼﻮﯓ ﺷﻪﻫﻪﺭ، ﺋﻮﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺷﻪﻫﻪﺭﺑﻮﻟﻐﺎﻥ>>. ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﻪﻫﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺩﻩﯞﯨﺮﻟﻪﺭﻧﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺷﻪﻫﻪﺭ-ﺑﺎﺯﺍﺭﻻﺭﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮﻧﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺷﻪﻫﻪﺭ-ﺑﺎﺯﺍﺭﻻﺭﺩﺍ <<ﺧﻪﻟﯩﻖ ﺧﯘﺩﺩﯨﻲﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﺩﻩﻙ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ>>. ﺋﯘﺩﯗﻧﻨﯩﯔ <<ﺧﺎﻥ ﺷﻪﻫﺮﯨﺪﻩ ئۆي-ﻛﻮﭼﯩﻼﺭ ﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ، مىۋە-ﭼﯩﯟﻩ، ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻼﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ تۈﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ>>، <<ئۆﻱ، ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﻪ، ﻗﻮﺭﻭ، ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎ، ﺋﺎﻣﯘﺕ، كۆﻛﺘﺎﺗﻼﺭ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ>> ﺋﯩﺪﻯ. <<ﻓﺎﺷﯩﻴﻪﻧﻨﯩﯔ ﺳﻪﭘﻪﺭ ﺧﺎﺗﯩﺮﻯ>> ﮔﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، <<ﺋﯘﺩﯗﻧﻨﯩﯔ ﺧﺎﻥ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺷﻪﻫﺮﯨﺪﻩ ﺧﻪﻟﻖ ﺯﯨﭻ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﺎﻧﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﺘﻰ كۆﭖ ﺋﯩﺪﻯ >>، <<ﻧﯩﻴﻪ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﻛﻪﯓ، ﺷﻪﺭﻗﺘﯩﻦ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﯞﻩ ﺟﻪﻧﯘﭘﺘﯩﻦ ﺷﯩﻤﺎﻟﻐﺎ ﺳﻮﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﻛﻮﭼﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﻳﻪﻧﻪ ﺗﺎﯞﺍﺭﻻﺭﻧﻰ ﺗﻮﭘﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﺯﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ >>. ﺋﯘﺩﯗﻥ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﯨﻦ ئۈچ يۈز ﺳﻪﻛﺴﻪﻥ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻢ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﻘﺘﺎ ﮔﯘﻣﺎ ﺷﻪﻫﺮﻯ، ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯩﻜﻜﻰ يۈز ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻢ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﻘﺘﺎ ﮔﯘﭼﯩﯔ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ، ﺋﯘﭼﻴﯘﺯ ﺗﻮﻗﺴﺎﻥ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻢ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﻘﺘﺎ ﮔﻮﻟﯩﺌﺎﯓ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ، ﺟﻪﻧﯘﭘﺘﯩﻦ ﺋﺎﻟﺘﻪ يۈز ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻢ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﻘﺘﺎ ﻫﯘﻧﯘ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ، ﺷﻪﺭﯨﻘﺘﯩﻦ ئۈچ يۈز ﺗﻮﻗﺴﺎﻥ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻢ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﻘﺘﺎ ﻛﯩﯟﻩﻧﭽﯩﯔ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﭼﻪﺕ ﻳﺎﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺑﺎﺯﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻫﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ كۆﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﺋﯘﺩﯗﻥ ﺷﻪﻫﺮﯨﺪﯨﻦ كەلتۈرىلەتتى. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺋﯘﺩﯗﻥ ﺑﯘ ﺑﺎﺯﺍﺭﻻﺭﻏﺎ ﻧﯩﺴﭙﻪﺗﻪﻥ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺑﺎﺯﺍﺭ(ﺗﻮﭖ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶﺑﺎﺯﯨﺮﻯ) ﺋﯩﺪﻯ.

ﺳﯘﻟﻰ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ:

ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺳﯘﻟﻰ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻟﯩﻨﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻫﯩﻢ تۈگۈﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﺳﻮﺩﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻧﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻮﺩﺍ ﻛﺎﺭﯞﺍﻧﻠﯩﺮﻯ ﺳﯘﻟﻰ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﺍ ﭼﯘﺷﻜﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻣﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯘﻟﻰ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﺍ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﭗ، ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺳﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﻪﻫﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻻﺗﺘﻰ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺑﯘ ﺟﺎﻳﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﻤﺨﺎﭖ ﺑﯩﻠﻪﻥ قاشتېشى ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﮔﯩﭽﻪ ﺗﯘﺷﯘﻟﯘﭖ ﺳﯧﺘﯩﻼﺗﺘﻰ.

ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺳﯘﻟﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺑﻪﮔﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﺎﺳﺘﺎﻧﺴﻰﺳﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺷﻪﻫﻪﺭ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﺪﺍ ﺋﺎﻫﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﺯﯨﭻ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ. ﺳﯘﻟﻰ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﺩﻩﻝ ﻣﯘﺷﯘ ﺭﺍﻳﯘﻧﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﻮﻝ ﻫﯘﻧﻪﺭﯞﻩﻧﻠﻪﺭ، ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺗﭽﯩﻠﻪﺭ، ﺩﯗﻛﺎﻧﺪﺍﺭ ﯞﻩ ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺗﻮﭘﻼﻧﻐﺎﻥ ﺟﺎﻱ ﺋﯩﺪﻯ. <<ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ>> ﺩﻩ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺳﯘﻟﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﻼﻧﻤﯩﺴﻰ ﺑﻪﺵ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻢ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﭼﻮﯓ ﺷﻪﻫﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﻮﻥﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ، ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻗﻪﻟﺌﻪﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮﻧﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. <<ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ>> ﺩﻩ ﺳﯘﻟﻰ ﺑﻪﮔﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻫﺎﻟﯩﺴﻰ ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻪﺑﯩﺮﻣﯩﯔ ﺗﯘﺗﯘﻥ(ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ) ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ. ﺩﯦﻤﻪﻙ ﺳﯘﻟﻰ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﯔ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻼ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻐﺎ كۆچكەن ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺷﻪﻫﻪﺭ ﻛﯚﻟﯩﻤﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ. ﺳﯘﻟﻰ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﺳﯘﻟﻰ ﺷﻪﻫﺮﯨﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯘﻟﻰ ﺑﻪﮔﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻪ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﯓ ﺷﻪﻫﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺷﻪﻫﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﻮﺩﺍ-ﺑﺎﺯﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﺎﯞﺍﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺷﻪﻫﻪﺭ-ﺑﺎﺯﺍﺭﻻﺭﻧﻰ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻣﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﻳﺘﺘﻰ.

ﺳﯘﻟﻰﺑﺎﺯﯨﺮﻯ-ﺷﻪﺭﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻏﻪﺭﺏ ﺋﻮﺗﯘﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻮﻫﯩﻢ ﺳﻮﺩﺍ مەركىزى ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﻗﯘﻳﯘﻕ ﺳﻮﺩﺍﺋﺎﻻﻗﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ.

ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ-ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺳﻮﺩﺍ ﻛﺎﺭﯞﺍﻧﻠﯩﺮﻯ ﺳﯘﻟﻰ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻦ ﻏﻪﺭﺏ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﻗﻨﯩﯔ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﻰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﻪﺭﺩﻩ ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺖ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﯩﻨﯩﯔ <<ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﻰ>> ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺳﯘﻟﻰ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ-ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top