• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » داڭلىق كىشىلەر » مايكول جېكسوننىڭ خاتا چۈشىنىشكە تولغان تەسىرلىك ھاياتى

مايكول جېكسوننىڭ خاتا چۈشىنىشكە تولغان تەسىرلىك ھاياتى

تەرجىمىدە يولۋاس

ئۇنىڭ ئىسمى پۈتۈن دۇنيا كىشىلىرىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالغان، تارىختا ھېچقانداق بىر شەخىس ئۇنىڭغا ئوخشاش زور بېسىم ئاستىدا ياشىمىغان، شۇنداقلا يەنە ھېچقانداق بىر شەخىس ئۇنىڭدەك ئالقىشلانمىغان ھەم شان شەرەپكە ئېرىشەلمىگەن! مانا بۇ ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق داڭلىق چولپان مايكول جېكسون (michael jackson) كىشىلەر تەرىپىدىن King Of Pop (مودا مۇزىكا شاھى) دەپ نام ئالغان، ناخشا پىلاستىنكىلىرىنىڭ ئومۇمىي سېتىلىش مىقدارى پۈتۈن دۇنيادا 750 مىليوندىن ئېشىپ بۇ جەھەتتە «دۇنيا جېننىس رېكورتى» ياراتقان، «تارىختا ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان سەنئەنكار» دەپ قارالغان رىۋايەتلىك شەخىس.

مەن دۇنيانى ئۆزگەرتىمەن

بۇنىڭدىن 41 يىل بۇرۇن، يەنى 1979-يىلى 11-ئايدا، تېخى ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن مايكول جېكسون مۇنداق بىر پارچە خەتنى يازغان: «مەن باشقىلارغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بىر ئادەم بولىشىم كېرەك! مەن بىر يېڭىچە قىياپەتتىكى، قالتىس ئاكتيور، ناخشىچى ۋە ئۇسۇلچى بولىشىم كېرەك! مەن چوقۇم دۇنيانى ئۆزگەرتىشىم كېرەك! مەن بارلىق كىشىلەرنىڭ بىرىكمىسىدىنمۇ قالتىس بولىشىم كېرەك!»

ئۇ ئۆزىنىڭ زور تىرىشچانلىقى بىلەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. 1984-يىلى 26 ياشلىق جېكسون ئۆزىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى «Thriller» بىلەن يىللىق گرەممىي مۇكاپاتىدا ئەڭ كۆپ تۈرگە ئېرىشكەن شەخىس بولۇپ قالغان. ناخشا ئېيتىش جەھەتتە ئەڭ قالتىس بولغان جېكسون ئۇسۇل ئويناش جەھەتتىمۇ باشقىلاردىن قېلىشمايدۇ. ھەممەيلەن ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى تالانتىنى ماختاپ «ئۇ ھەقىقەتەن بىر تالانت ئىگىسى!» دېگەن. جېكسوننىڭ ناخشا كېچىلىكىدە ھەر قېتىم نۇرغۇن تاماشىبىنلار ھاياجانلانغىنىدىن ئايلىنىپ كېتىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ قالتىس كەسپىي ھاياتى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا ئىلھام ئاتا قىلغان.

ئۇ كەسپىي ھاياتىدا يەنە نۇرغۇن دۇنيا رېكورتى ياراتقان، يەنى: كۆپلىگەن ناخشىلىرى ئوخشاش ۋاقىتتا ئەنگلىيە ناخشا رەت تەرتىپىدە كۆرۈلگەن بولۇپ، بۇ جەھەتتە دۇنيا جېننىس رېكورتى ياراتقان. ئېيتقان ناخشىلىرى ئامېرىكا ناخشى تىزىملىكىدە ئالدىنقى قاتاردا ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت ئورۇن ئالغان ناخشا بولدى. «تارىختىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان سەنئەتكەر» دۇنيا جېننىس رېكورتى ياراتتى. گەرچە بىر سەنئەتكار بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئىككى قېتىم نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا تاللانغان بولۇپ، كەسپىي ھاياتىدا تەخمىنەن يەتتە مىليارد يۈەن ئىئانە قىلىپ، دۇنيادىكى 130دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايون ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەقدىرلەنگەن.

2000-يىلى 41 ياشقا كىرگەن جېكسون ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق (نەق پۇل، ئىئانە، كىم ئارتۇق قىلىش) پۈتۈن دۇنيادا 39 خەير-ساخاۋەت ئورگىنىغا ياردەم بەرگەن. ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئافرىقىلىقلار ئۈچۈن ئېيتقان «we are the world» ناملىق ناخشىسى تاكى ھازىرغىچە تارقىلىپ كەلمەكتە. بۇلاردىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇ پۈتكۈل ھاياتى شان شەرەپلەرگە تولغان بىر رىۋايەتلىك شەخىل بولۇپ قالغان. «ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ كىملىكىنى بىلمىسىڭىز مەيلى، لېكىن مايكول جېكسوننى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك!»

سەلبىي خەۋەرلىرىنىڭ تارقىلىشى

قۇياش پارلاپ تۇرغان جاينى چوقۇم ئۇزۇن ئۆتمەيلا قارا بۇلۇت قاپلايدۇ! 1958-يىلى، جەمئىي توققۇز پەرزەتلىك بىر ئائىلىدە تۇغۇلغان، شۇنداقلا قارا تەنلىكلەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان مايكول جېكسون كىچىكىدىن باشلاپلا «تۇرمۇشنىڭ چوڭقۇر قايناملىرىدا بېلىق بولۇپ كەتكەن». تۆت يېشىدىن باشلاپ ناخشا ئېيتىشنى ئۆگەنگەن، بەش ياش ۋاقتىدا نومۇر ئورۇنداپ پۇل تېپىشقا باشلىغان، ئۇنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرى توختىماستىن ئىشلەش ۋە دادىسىنىڭ تىل ئاھانەتلىرى بىلەن تولغان. چۈنكى كىچىك ۋاقتىدا ئۇنىڭ بۇرنى ئۇزۇن ھەم كەڭرى بولغاچقا، دادىسى دائىم ئۇنى كەمسىتىپ مەسخىرە قىلاتتى.

گەرچە ئۇ ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسۇل ئويناشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرسىمۇ، لېكىن تاماشىبىنلار ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىكى تارتقان خورلۇقى ۋە ئازابلىرىنى ئويلىغاندا چوڭقۇر ئازابلىنىپ توختاپ قالاتتى ۋە «مېنىڭ ئەزەلدىن نورمال كىشىلەردەك ئۆسمۈرلۈك دەۋرىم بولۇپ باقمىغان. روژدېستۋو بايرىمى، تۇغۇلغان كۈن قاتارلىق ئۆسمۈرلەرگە خاس خۇشاللىقتىن بەھرىمان بولۇپ باقمىدىم» دەيتتى. تىرىشىپ خىزمەت قىلىش ۋە ئازابلىنىش ئۇنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىكى تۈرلۈك خۇشاللىقنىڭ ئورنىنى ئالغان بولۇپ، دەل مۇشۇ سەۋەبلەر جېكسوننىڭ كەلگۈسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىغا سەۋەپ بولغان.

ئازاپ ئىچىدە چوڭ بولغان جېكسون كېيىن Neverland ئارىلى (چۈش ئارىلى)دىن تۇرالغۇ سېتىۋالغان ۋە بۇ ئارالدا كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى قۇرۇپ پۈتۈن دۇنيادىكى ئۆسمۈرلەرنى كېلىپ ھەقسىز ئويناشقا تەكلىپ قىلغان، شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە يوقۇتۇپ قويغانلىرىنىڭ ئورنىنى تولۇقلاشنى ئارزۇ قىلغان. كېيىن يەنە راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئۆسمۈر ئۈچۈن مىكروپسىز كېسەلخانا لايىھەلەپ، نۇرغۇنلىغان ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن خۇشاللىق مىنۇتلارنى ئاتا قىلغان.

لېكىن بۇ «چۈش ئارىلى» ئاخىرىدا جېكسوننى تېخىمۇ چوڭ ئازاپقا مۇپتىلا قىلغان. چۈنكى جېكسون ئىزچىل «ئەتراپىمدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ چوقۇم ياخشى ئادەم ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن» دەيدىغان بولۇپ، ئەكسىچە 1993-يىلى ۋە 2003-يىلى ئىككى قېتىم ئۆسمۈرلەرگە جېنسي پاراكەندىلىك سالغان دەپ ئەيىپلەنگەن، بىلىشكە تېگىشلىكى شۇكى، بۇ ئىككى ئۆسمۈر ئەينى ۋاقىتتا جېكسوننىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ئۆسمۈرلەر ئىدى. بۇ خەۋەرلەر تارقىلىشى بىلەن جېكسون ناھايىتى تېزلا ئوڭۇشسىزلىق پاتقىقىغا پېتىپ قالدى، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئۇنى كۆپ تەكشۈردى، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈردى. ئۇزۇنغا سوزۇلغان تەكشۈرۈشتىن كېيىن ئۇنىڭ قارىلانغانلىقى ئاشكارىلاندى.

شۇنىڭدىن ئېتىبارەن جېكسون ئۆزىنى نابۇت قىلىشقا ئازلا قالغان «چۈش ئارىلى»غا بېرىپ باقمىدى. ئۇنىڭ چىرايىدىن ئىلگىرىكى خۇشاللىقلار يوقاشقا باشلىدى. ئۇنىڭ قەلبى جاراھەتكە تولدى، شۇنداقلا «ناھايىتى ئازابلاندىم. ئەمدى ھېچكىمگە ئىشەنمەيمەن» دەپ ئويلىدى. ئ‍ۇزۇن مۇددەت بېسىم ئاستىدا ياشىغان جېكسون ۋاپات بولۇشتىن خېلى يىللار بۇرۇنلا ئىزچىل دورا يېيىش ئارقىلىق ئۇخلايدىغان بولۇپ، 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى شەخسىي دوختۇرىنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلى دورىدىن زەھەرلىنىپ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان.

ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ جىنسىي پاراكەندىچىلىكىگە ئائىت تەكشۈرۈشلەر داۋاملاشقان، FBI ئورگان تورىدا ئېلان قىلغان ئون يىللىق تەكشۈرۈش دوكىلاتىدا ئېنىق قىلىپ ئۇنىڭ جىنايەت سادىر قىلمىغانلىقى ئاشكارىلانغان، ھەتتا ئەينى ۋاقىتتا جېكسوننى ئەرز قىلغان ئۆسمۈر جوردان چاندلېرمۇ ئىقرار قىلىپ، بۇنىڭ تۈپتىن ئويدۇرۇلغانلىقىنى، ئىزچىل دادىسىنىڭ يالغان ئېيتىپ كەلگەنلىكىنى، شۇنداقلا جېكسوننىڭ ۋاپاتىدىن قاتتىق ئېچىنغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭدىن ئەپۇ سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جوردان ئىسىملىك بۇ ئۆسمۈر يەنە دادىسىنىڭ بۇنداق قىلىشى پەقەت پۇل ئۈندۈرۈش ئارقىلىق ئەينى ۋاقىتتىكى نامرات تۇرمۇشىدىن قۇتۇلۇش ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئارقىدىنلا ئۇنىڭ دادىسى بۇ ئىش سەۋەبلىك ئۆلۈۋالغان.

دۇنياغا قالدۇرۇلغان مېھرى مۇھەببەت

جېكسون ۋاپات بولۇپ ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىن ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلىغان ئۆسمۈر كېيىن يەنە ھۆججەتلىك فىلىم «چۈش ئارىلىدىن ئايرىلىش»نى سۈرەتكە ئېلىشقا قاتناشقان بولۇپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغان.

1984-يىلى جېكسون پېپسى كولا شىركىتى ئۈچۈن ئېلان ئىشلەش جەريانىدا نەق مەيداندىكى ئوت كەتكەن كۆرۈنۈشتە سەۋەنلىك كۆرۈلۈپ جېكسوننىڭ چېچى كۆيۈپ كەتكەن، شۇنداقلا يۈز قىسىمىمۇ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى دەرىجىلىك زەخمىلەنگەن، كېيىن جېكسون كۆپ قېتىم ئوپراتسىيە ئارقىلىق داۋالانغان. ئۇنىڭدىن باشقا دادىسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا دائىم بۇرنىنى مەسخىرە قىلىشى بىلەن ئۇ ھۆسىن تۈزەش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرغان، شۇ سەۋەبلىك كىشىلەر ئۇنى كۆپ قېتىم ھۆسىن تۈزەتكەن دەپ مەسخىرە قىلىشقا باشلىغان.

پېپسى شىركىتىنىڭ زور سوممىلىق تۆلىمىگە ئېرىشكەن جېكسون ناھايىتى تېزلا كۆيۈك يارىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى ئېچىشنى قارار قىلغان. كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىنى كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا بىمارلارنى داۋالايدىغان «ئوكسېگىن بۆلمىسى»گە قىزىقىپ قالغان ۋە ئاتايىن كىرىپ يېتىپ باققان، ئۇنىڭ بۇ ھالىتى يەنە كىشىلەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالغان، يەنى كىشىلەر ئۇنى ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلدى دەپ قارىغان.

تېرە رەڭگىنىڭ تەكشى بولماسلىقى قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەبلەردىن سەھنىگە چىقىشتىن بۇرۇن يۈزىگە «ئۇپا-ئەڭلىك» سۆكەشنى ئادەت قىلغان جېكسون يەنە كىشىلەر تەرىپىدىن مەسخىرە قىلىنغان. بۇنداق كىشىلەر بولسا جېكسوننىڭ قارا تەنلىك بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ئەسلا بىلمەيتتى، «ئەگەر بىر كىشى ئىرقىي ئوخشىماسلىق سەۋەبىدىن يەنە بىر كىشىگە ئۆچ بولسا، بۇ قاملاشمىغان بىر ئىش. مەن دۇنيادىكى ھەر قانداق مىللەتتىن بولغان كىشىلەرنى سۆيىمەن» دەيتتى ئۇ.

سەلبى خەۋەرلەر ئىزچىل ئۇنىڭغا ئەگىشىپ تۇردى، مانا بۈگۈن ئۇ ۋاپات بولغىنىغا دەل 11 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە، ھېلىھەم نۇرغۇن كىشىلەر جېكسوننىڭ ھەقىقىي چۈشەنمەيدۇ. لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ مۇزىكا جەھەتتىكى تالانتى بىلەن ھەممەيلەننى تەسىرلەندۈردى، شۇنداقلا مەڭگۈلۈك رىۋايەتكە ئايلاندى.كېيىن كىشىلەر جېكسوننىڭ ئاپىسىدىن ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ ئېسىدە بۇنچە چىڭ ساقلانغانلىقى توغرىسىدا سورىغاندا، جېكسوننىڭ ئاپىسى «مېھرى مۇھەببەت سەۋەبىدىن، چۈنكى ئۇ پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلەرگە بولغان مېھرى مۇھەببىتى سەۋەبىدىن ھازىرغىچە ئۇنتۇلمىدى» دېگەن.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top