• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىدا ساقلىنىپ قالغان قەدىمىي تەگئات ئىزنالىرى

قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىدا ساقلىنىپ قالغان قەدىمىي تەگئات ئىزنالىرى

قۇمۇل كۆپ خىل مەدەنىيەتلەر قويۇق ئۇچراشقان يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگىنىگە جايلاشقان قەدىمىي يۇرت. قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى تاكى 16 – ئەسىرلەرگىچە يەنىلا بۇددا دىنىغا ئىتىقاد قىلىپ كەلگەن بولۇپ، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرلاردىن ئالاھەزەل 500- 400 يىل كېيىن ئاندىن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان. بۇندىن باشقا، قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلىشتەك يايلاق تۇرمۇش شەكلىنى قىسمەن ھالەتتە ھازىرغىچە ساقلاپ كەلگەن. شۇڭا، قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىسلام دىنى ئارقىلىق كىرگەن ئەرەب – پارىس مەدەنىيىتى ۋە تىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى نىسبەتەن كېيىن ۋە ئاجىز بولغان. شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي تىل – مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى بىرقەدەر كۆپرەك ساقلاپ قالغان. شۇلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە، قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىدا ساقلىنىپ قالغان قەدىمىي ئۇيغۇر تەگئاتلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش مۇمكىن.

1. چۇمۇللار

چۇمۇل – قەدىمىي تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ بىرىنىڭ نامى . بۈيۈك تىلشۇناس بوۋىمىز مەھمۇد كاشىغەرى ئۆزىنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى ‹‹ دىۋانۇلۇغەتىت تۈرك ›› تە ، تۈركلەر ئەسلى 20 قەبىلىدىن تەركىب تاپقان دەپ كېلىپ، پەچەنەك، قىپچاق، ئوغۇز، ياغما، قارلۇق، چۇمۇل، ئۇيغۇر … دەپ بۇ قەبىلىلەرنىڭ نامىنى بىرمۇ – بىر كۆرسىتىپ ئۆتكەن ھەمدە ‹‹ چۇمۇللار قىر خەلقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزلىرىنىڭ ئۆزگىچە تىلى بار، ئۇلار ھەم تۈركچىنى ئوبدان بىلىدۇ ›› دەپ يازىدۇ. بەزى تارىخى ماتېرىياللارغا كۆرە، ئىلگىرى لۇپنۇر، چاقىلىق، چەرچەن قاتارلىق جايلاردىمۇ چۇمۇللار ياشىغان بولۇپ، بۇ كشىلەر ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن قېچىپ، بۇددا دىنى مۇھىتى قۇيۇق بولغان قۇمۇل رايونىغا كۆچۈپ كەلگەن ۋە شۇ جايدىكى يەرلىك ئاھالە بىلەن ئۆزلىشىپ كەتكەن. بۇ كىشىلەرنىڭ بەزى ئەۋلادلىرى ھازىرغىچە چۇمەن ، چۇمەل ( چۇمۇل سۆزىنىڭ ئاھاڭ ئۆزگىرىشى بولۇشى مۇمكىن ) نامى ( تەگئاتى ) بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە. چۇمۇل جەمەتىگە تەئەللۇق كىشىلەر ھازىر قۇمۇلنىڭ بوغاز، راھەتباغ، پالۋانتۇر، ساقا، خوتۇنتام قاتارلىق جايلىرىغا تارقىلىپ ياشىماقتا. بۇندىن باشقا يەنە، قۇمۇلدا ھازىر چۇمۇل سۆزىگە ئالاقىدار يەر – جاي ناملىرىمۇ بار. مەسىلەن، چۇمۇل، چۇمۇلتۇر، چۇمۇلبۇلاق، چۇمۇل كۆل، چۇمۇل قورۇسى دېگەندەك.

2. ئەلكىلەر

ئەلكە سۆزى ‹‹ دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك ›› تە ‹‹ ئەلكە بۇلاق ›› دېگەن سۆزنى ئىزاھلاش تەرقىسىدە ئۇچرايدۇ. يەنى ‹‹ ئەلكە بۇلاق تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ بىرىنىڭ نامى ›› دەپ كۆرسىتىلگەن. ھازىر قۇمۇل دىئالېكتىدا ئەلكە دېگەن سۆزمۇ، ئەلكە بۇلاق دېگەن سۆزمۇ بار. قۇمۇل شەھىرىدە ئەلكەتۇرا دەيدىغان جايمۇ بار. بۇندىن باشقا يەنە ئەلكە سۆزى قۇمۇل قوشاقلىرىدىمۇ كۆزگە چېلىقىدۇ:

ئەلكىدە تاۋۇز تېرىپ قاپاق باراڭلىق قىلدىلا،
يار ئۈستىگە يار تۇتۇپ ئەجەپ ساراڭلىق قىلدىلا.

قوش سوغامغا سۇ ئالدىم ئەلكە بۇلاقتىن،
سەن يارىمنى دەپ كەلدىم شۇنچە يىراقتىن.

ئەلكە سۆزى يەر – جاي نامى سۈپىتىدە ئىشلىتىپلا قالماستىن، يەنە ئەلكە، ساقا، لەڭگەر، ئاستانە قاتارلىق جايلاردا ئولتۇرۇشلۇق چوڭ بىر جەمەت كىشىلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى ( ئەلكىلەر ) سۈپىتىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. بۇ جايدىكى ئەلكىلەر سۆزى بۇ كىشىلەرنىڭ ئىسمىنىڭ ئالدى ياكى كەينىگە رەسمىي تەگئات سۈپىتىدە قوشۇپ ئىشلىتىلمىسمۇ، باشقىلار بۇ جەمەت كىشىلىرىنى ‹‹ ئەلكىلەر ›› سۆزى بىلەن بىلەن باشقىلاردىن ئايرىپ چاقىرىدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەلكىلەر سۆزى بۇ جەمەت كىشىلىرى ئۈچۈن تەگئاتلىق رولىنى ئۆتەيدۇ.

3 . قارلۇقلار

‹‹ دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك ›› تە ‹‹ قارلۇق ›› سۆزى تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ بىرىنىڭ نامى، دەپ كۆرسىتىلگەن. قۇمۇل دىئالېكتىدا قارلۇق سۆزى قەبىلە نامى، يەر – جاي نامى ۋە ئىسىم – تەگئات سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن،
يەر – جاي ناملىرى: قارلۇق كۆل، قارلۇق كارىز، قارلۇق تۈگمەن.
كىشى ئىسىم – تەگئاتلىرى: قارلۇق نىياز، قارلۇق ئىسھاق، قارلۇق سېيىت، قارلۇق توختى قاتارلىقلار.

4. چورۇقلار

چورۇق ( قۇمۇل دىئالېكتىدا ) سۆزىنىڭ ئەسلى چارۇق بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. ‹‹ دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك ›› تە چارۇق سۆزىگە ‹‹ چارۇق – تۈرك قەبىلىلىرىدىن بىرى، چارۇقلار بارچۇق شەھىرىگە يېقىن جايدا ياشايدۇ ›› دەپ ئىزاھ بېرىلگەن. قۇمۇلدا ھازىر چورۇقلار دەيدىغان بىر جەمەت كىشىلىرى ياشايدىغان بولۇپ ئۇلار بەلكىم ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن قېچىپ، قۇمۇلغا كەلگەن چارۇقلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى بولۇشى مۇمكىن.

5. كەنچەكلەر

كەنچەكلەر ‹‹ دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك ›› تە تۈركلەرنىڭ بىر قەبىلىسى دەپ تىلغا ئېلىنغان. يەنە بىر جايدا ‹‹ قەشقەردە كىشىلىرى كەنچەك تىلىدا سۆزلەيدىغان يېزىلار بار، ئەمما شەھەر كىشىلىرىدە خاقانىيە تۈركچىسىدە سۆزلىشىدۇ ››، دەپ كۆرسىتىلگەن. قۇمۇلدا ھازىر كەنچەكنىڭ شەھرى دەيدىغان بىر جاي بار. بۇندىن باشقا، بوغاز، راھەتباغ قاتارلىق جايلاردا ياشايدىغان بىر جەمەت كىشىلىرى كەنچەكلەر دېگەن تەگئات بىلەن چاقىرىلىدۇ.

ئارسلان ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ ‹‹ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى ›› ( خىتايچە ) نىڭ 36 – توم 3 – سانىدا ئېلان قىلغان ‹‹ 留存于哈密维吾尔中的古代姓氏和印记 ›› ناملىق ماقالىسىدىن تەلقىن قىلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top