• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » مەدەنىيەت بوستانى » ئۇيغۇرلارنىڭ چاي مەدەنىيىتى

ئۇيغۇرلارنىڭ چاي مەدەنىيىتى

ئۇيغۇرلار چايخۇمار كېلىدۇ ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتا چايدىن ئايرىلالمايدۇ. چاي ئارقىلىق بىرىنچىدىن، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇپ، ھاردۇقنى چىقىرىپ راھەتلىنىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ھەزىمنى ياخشىلاپ، سالامەتلىكنى ئاسراپ، تەن ساغلاملىقنى ئاشۇرۇشقا ئاساس سالىدۇ؛ ئۈچۈنچىدىن، ئادىمىگەرچىلىك، مېھرىبانلىق، دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىشىلىك مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ باتۇر، ئەمگەكچان، ئەقىللىق، ئىجادكار ئۇيغۇر خەلقى ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان چاي ئۈستىدە ئىلمىي تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى گۈل_ گىياھ، ھەر _ خىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق تەركىبلىرىنى تېپىپ چىقىپ، جۇغراپىيىلىك ئورۇن، مۇھىت، تەبىئىي شارائىت ۋە كىشىلەرنىڭ ئوخشاشمىغان مىجەزى قاتارلىقلارغا ماس كېلىدىغان ئارىلاشما چاي ۋە “چاي دورىلىرى” نى كەشپ قىلىش ئاساسىدا ئېسىل چاي مەدەنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇ چاي مەدەنىيىتىنىڭ تەدرىجى راۋاجلىنىشى، ئېھتىياجى ۋە تەقەززاسىغا ئاساسەن، يەنە چايغا مۇناسىۋەتلىك باشقا خىلدىكى مەدەنىيەتلەرمۇ بارلىقا كەلدى. مەسىلەن: چاي ئۈچۈن بۇلغانمىغان ھەم دۇغلانمىغان سۈزۈك ۋە پاكىزە سۇ كېرەك. بۇنداق سۇلارنى سىرتتا تەييارلاش ئۈچۈن كۆل، ئائىلىدە تىندۇرۇش ئۈچۈن سوغا، چېلەك، قاپاق، كۇپ، تۇڭ قاتارلىقلارنى؛ كولاش، ياساش ۋە ئىشلىتىش-سۇنى قاينىتىش ئۈچۈن قازان، چۆگۈن، چەينەك، ساماۋەر؛ چايلارنى ساقلاش ئۈچۈن يۇقىرقىلاردىن باشقا يەنە چايدان، ئىسسىقلىق ساقلاش تۇڭى؛ چاينى قۇيۇپ ئېچىش ئۈچۈن جام، ئاياق، چىنە، پىيالە، ئىستاكان؛ چاينىڭ خام ئەشيالىرىنى سوقۇپ يۇمشىتىش ئۈچۈن ياغاچتىن، تۆمۈردىن چۆيۈندىن ياسالغان ھاۋانچە، مېھمانلارنىڭ ئالدىغا چاي سۇنۇش ئۈچۈن نەپىس ئىشلەنگەن تەخسە، پەتنۇس قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىشتەك يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن ھۈنەر-سەنئەت مەدەنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. يەنە چاي ئۆسۈملۈكلىرىنى تېرىش، يىغىش مەھسۇلاتلىرىمۇ بىر خىل كەسپ تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان. چاي مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بۈگۈنكى كۈندە مەخسۇس ئەلا سۈپەتلىك، مۇرەككەپ تەركىبلىك چاي مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان سانائەت ئورۇنلىرى بارلىققا كېلىپ، چاي مەدەنىيىتى زامانىۋىلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى ۋە كىشىلەرنىڭ بېيىشى ئۈچۈنمۇ كەڭ زېمىن ھازىرلىدى

ئۇيغۇرلارنىڭ چاي مەدەنىيىتى ھەممە ئائىلىلەردە دېگۈدەك ئومۇملاشقان بولۇپ، كىشىلەر كۆپىنچە ھاللاردا ئەتىگىنى چاي -نان بىلەن ناشتا قىلىدۇ. بۇنداق ناشتا ئادەمنىڭ ئەتىگەنلىك مىجەزىنى تەڭشەپ، شۇ كۈنلۈك سالامەتلىكى ۋە تۇرمۇشى ئۈچۈن پايدىلىق ئاساس يارىتىپ بېرىدۇ. ئائىلىلەردە ئادەتتە چاي كەم بولمايدۇ. سىرتتىن كەلگەن مېھمانلارىڭ ئالدىغا دەسلەپ قىلىپ ھاردۇق چېيى كەلتۈرىلىدۇ. ئاندىن نان-توقاچ، تاتلىق-تۈرۈملەر كەلتۈرىلىدۇ. شۇڭا سىرتتا ئۇچراشقان يېقىن كىشىلىرىنى “ئۆيگە كىرىپ بىر پىيالە چاي ئوتلاپ كەتسىلە ….” دېگەندەك تەكەللۇپ سۆزلىرى بىلەن تەكلىپ قىلىدۇ. ھەتتا مېھمان چاقىرغاندىمۇ بارغاقچىگە، سىلىق-سىپايە سۆز-ئىبارىلەر بىلەن “بىر چىنە چايغا تەكلىب”، “بىر پىيالە چايغا داخىل بولغايلا” دەپ يازىدىغان، ئېغىزچە چاقىرىشقا توغرا كەلگەندە بولسا مەخسۇس جابدۇلغان جايغا باشلاپ قول چايقىتىپ، ئالدىغا داستىخان سېلىپ، كۆپ تەركىبلىك، خۇشپۇراقلىق دەملەنگەن، قەنت-ناۋات قاتارلىقلار سېلىنغان چاي بىلەن بىر قاتاردا ئېسىل، قۇۋەتلىك نازۇ نېمەتلەرنى كەلتۈرىدىغان ئادەتمۇ بار. بۇ، مېھماندوستلۇقنىڭ، قائىدە-يوسۇنلۇقنىڭ، ئەدەپ-ئەخلاقنىڭ، بىر-بىرىگە بولغان ھۆرمەت ئېكرامنىڭ ۋە كۆيۈمچانلىقنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، كىشىلەر ئوتۇرسىدىكى ئىناقلىقنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق ئېسىل چاي مەدەنىيىتى ئائىلىدىن چىقىپ سىرتقىمۇ كېڭەيگەن. بەزى بايرام-خاتىرە كۈنلىرىدىكى دوستلار ئۇچرىشىشى، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلارنى كۆتۈۋېلىش يىغىنلىرى، سۆھبەت يىغىنلىرىنى سىلىقلاشتۇرۇپ، “چاي يىغىنى” ، “چاي سۆھبىتى” دەپ ئاتاش ئادەتكە ئايلانغان بولۇپ، بۇ كىشىلەرگە تولىمۇ يېقىملىق تۇيغۇ بەخش ئېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بازار-رەستىلەر، كىشىلەر كۆپرەك توپلىشىدىغان جايلاردا مەخسۇس چايخانا-ساماۋەرخانىلار ئېچىلغان بولۇپ، بۇ ئورۇنلاردىكى چايلار تۈرىنىڭ كۆپلىكى، سۈپىتى ۋە تەمىنىڭ ياخشىلىقى بىلەن خېرىدارلارنى كۆپلەپ جەلپ قىلىدۇ. كۆنى كۆرگەن ۋە بىلگەن ئاقىللار بۇ جايلارغا كېلىپ چاي ئېچىشكەچ ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان خەلق ناخشا-مۇزىكىلىرى، بېيت-قوشاق، قىسسە-داستان، رىۋايەت-چۆچەك، مەسەل-تېپىشماق، لەتىپە-چاقچاق، قىزىقارلىق پاراڭ، ھەر-خىل يېڭى خەۋەر ئۇچۇرلارنى ئېيتىپ ئىستېتىك زوق ئالىدۇ ۋە نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ. بۇنداق سورۇنلارنى بىر ھېساپتا “مەدەنىيەت مەركىزى” دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ. بىر قىسىم قەلەمكەشلەر مۇشۇ سورۇنلاردن ماتېرىيال ئېلىپ، خەلق سۆيۈپ ئوقۇيدىغان نادىر ئەسەرلەرنىمۇ مەيدانغا كەلتۈرمەكتە. ئۇيغۇرلارنڭ مەدەنىيىتى مۇشۇ خىلدىكى ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇناسىپ شەرەپ كەلتۈرمەكتە. بىز بۇ خىل ياخشى ئەنئەنىلەرنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملاشتۇرىشىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز .

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top