• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » پەن - مائارىپ » 21-ئەسىر كىرگەندىن بۇيان ياپونىيەدىن يىلىغا بىردىن ئادەم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

21-ئەسىر كىرگەندىن بۇيان ياپونىيەدىن يىلىغا بىردىن ئادەم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

تەرجىمىدە شىرجان

2018-يىللىق نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ھەر قايسى تۈرلىرى تارقىتىلغاندا، ياپونىيەلىك ئىممۇنولوگ تاسۇكۇ خونجو ئامېرىكىلىق كەسىپدىشى جامېس ئاللىسون بىلەن بىرلىكتە 2018-يىللىق نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ 21-ئەسىر كىرگەندىن بۇيان ياپونىيەنىڭ ئاساسى جەھەتتىن يىلىغا بىردىن نوبېل مۇكاپاتىنى قولغا كەلتۈرۈشتەك ۋەزىيەتنى ساقلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

2001-يىلى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ يىللىق ئىككىنچى پەن-تېخنىكا ئاساسى پىلانىدا «50 يىلنىڭ ئىچىدە 30 قېتىم نوبېل مۇكاپاتىنى قولغا كەلتۈرۈش»نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى توغرىسىدا تاراتقۇلار خەۋەر بەرگەن ئىدى. بۇ نىشان ئوتتۇرىغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن نوبېل مۇكاپاتىنىڭ بىر ئەسىرلىك تارىخىدا ياپونىيەدىن پەقەت 9 نەپەرلا نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى چىققان. 2001-يىللىق نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن رىيوجى نويورى ئىلگىرى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق نىشاننى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى «ناھايىتى ئەقىلسىزلىك»دەپ قارىغان ئىدى، نەتىجىدە ئۇ ئۆزى بۇ پىلاننىڭ تۇنجى ئىجراچىسىغا ئايلاندى. 2001-يىلىدىن 2018-يىلىغا قەدەر ئىنتايىن ئاز ساندىكى چەتئەل تەۋەلىكىگە ئۆتكەن ياپونىيەلىكلەرنىمۇ ھېسابلىغاندا ياپونىيەدىن 18 ئادەم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، دېمەك «50 يىلدا 30 قېتىم نوبېل مۇكاپاتىنى قولغا كەلتۈرۈش» نىشانىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئەمەلگە ئېشىپ بولدى.

تۆۋەندە بۇ 18 نەپەر نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىنىڭ ئاساسلىق ئۇچۇرلىرىنى تونۇشتۇرىمىز:

ئورگانىك خىمىيە ئالىمى رىيوجى نويورى، ئۇ «ئاسىممېترىك سىنتېزلاش»قا قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن 2001-يىللىق نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. رىيوجى نويورى ئىلگىرى تەجرىبىخانىدىكى بىر قېتىملىق پارتلاشتا يارىلانغان بولۇپ، يۈز قىسمى ۋە بوينى 20 يىپلىق تىكىلگەن، بىراق ئۇ ئىككى كۈندىن كېيىنلا تەجرىبىخانىغا قايتىپ كەلگەن بولغاچقا كەسىپداشلىرى ئۇنى «قەقىنۇس» (ئۆلمەس قۇش دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتىغان.
ئاستىروفىزىكا ئالىمى ماساتوشى كوشىبا،ئۇ «ئالەم بوشلۇقىدىكى نېيترىنونى تەكشۈرۈش» ساھەسىگە قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن 2002-يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ماساتوشى كوشىبا 12 ياش ۋاقتىدا بالىلار پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ۋە بۇ كېسەلنىڭ ئاسارىتى بىلەن ئوڭ قولى مېيىپ بولۇپ قالغان. ئۇ پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن ئېلىكتىرونلۇق ئويۇنغا مەستانە بولغان بولۇپ، ئۆزىنى «دۇنيادىكى يېشى ئەڭ چوڭ ئويۇن ئوينىغۇچى» دەپ ئاتىغان، ئەڭ ئامراق ئويۇنى «ئاخىرقى خىيال» يۈرۈشلۈكىدىكى ئويۇنلار ئىكەن.

خىمىيە ئالىمى كوئىچى تاناكا، ئۇ «بىيولوگىيەلىك چوڭ مولېكۇلا ماسسا سپېكترومېترىيىسى»نى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن 2002-يىللىق نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. كوئىچى تاناكا كىچىكىدىن باشلاپلا ئۆگىنىشتە ناچار ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئۇنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىش جەريانىمۇ تىپىك «تەنتەك ئالىم» ھېكايىسىدۇر، بىر قېتىملىق تەجرىبىدىكى سەۋەنلىكتىن ئۇ «تاسادىپى بايقاش»قا ئېرىشكەن، باشقىلارنىڭ نەسىھىتى بىلەن ئاندىن ئىلمى ماقالە يازغان، شۇ يىل نوبېل مۇكاپاتى تەشكىلى ھەيئىتى ئۇنىڭغا تېلىفون بەرگەندە ئۇ بۇنى چاقچاق دەپ ئويلاپ قالغان.

شۇنىڭدىن كېيىنكى ئالتە يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ياپونىيە نوبېل مۇكاپاتى جەھەتتە «تېرىقچىلىكمۇ ھوسۇل ئالالمىغان»، تاكى 2008-يىلىغا كەلگەندە فىزىكا ئالىمى يوئىچىرو نامبۇ (دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا) « ئىككىلەمچى ئاتوم فىزىكىسى داۋامىدا ئىستىخىيەلىك كەمتۈك سىممېترىكلىك مېخانىزىمى»نى بايقىغان، شۇ يىلى فىزىكا ئالىملىرىدىن كوباياشى ماكوتو ۋە توشىكېدى ماسكاۋا « كەمتۈك سىممېترىكلىك»نىڭ كېلىپ چىقىشىنى بايقىغان ۋە بۇ ئارقىلىق «تەبىئەت دۇنياسىدا ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ خىل كۋارىك جەمەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى»نى پەرەز قىلغان. بۇ ئۈچ نەپەر فىزىكا ئالىمى ئورتاق ھالدا شۇ يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن،

شۇ يىلى (2008-يىلى) ئورگانىك خىمىيە ئالىمى، دېڭىز-ئوكيان جانلىقلىرى ئالىمى ئوسامۇ شىمومۇرا «يالتىراق نۇرلۇق ئاقسىل»غا قوشقان ئۇزۇن مۇددەتلىك تۆھپىسى ئۈچۈن نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئپسامۇ شىمومۇرا ئەينى يىللىرىدىكى «ناگاساكى ئاتوم بومبىسى ھۇجۇمى»دا ھايات قالغۇچى بولۇپ، ئىلگىرى قىسقا مۇددەت ئەما بولۇپ قالغان، شۇنداقلا خېلى ئۇزۇنغىچە «قارا يامغۇر» (رادىئوئاكتىپلىق يۇقۇملانغان يامغۇر)نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئوسامۇ شىمومۇرا نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشتىن ئىككى بۇرۇن (2008-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى) بېيجىڭ داشۆنىڭ پېروفېسسورى راۋ يى ئۆزىنىڭ مىكروبىلوگىدا ماقالە ئېلان قىلىپ ئۇنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىرىنى تونۇشتۇرغان ئىدى.

2010-يىلىغا كەلگەندە ياپونىيەلىك خىمىيە ئالىمى ئېئىچى نېگىشى ۋە ئاكىرا سۇزۇكى « ئورگانىك سىنتېز ئىچىدە پاللادىي كاتالىز گىرەلەشمە جۈپلىشىش رېئاكسىيىسى» جەھەتتە قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن شۇ يىللىق نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇ ئىككەيلەن 2011-يىلى 3-ئايدا دالىيەن سانائەت پەنلىرى ئۇنۋېرسىتىنىڭ پەخرى پېروفېسسورلىقىغا تەكلىپ قىلىنغان. ئېئىچى نىگىشى بۇ يىل 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئامېرىكىدا ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە چىققاندا قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ۋەقەدە ئۇنىڭ ئايالى سۇمىرې نېگىشى قازا قىلغان.

2012-يىلى بىئولوگىيە ئالىمى شىنيا ياماناكا «جەلپ قىلىش خاراكتېرىدىكى كۆپ ئىقتىدارلىق غول ھۈجەيرە» تەتقىقاتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقى ئۈچۈن نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ كوئىچى تاناكادىن كېيىنكى ئىككىنچى بولۇپ ئۇرۇشتىن كېيىن تۇغۇلغان ۋە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ياپونىيەلىكتۇر.

2014-يىلى ياپونىيەلىك خىمىيە قۇرۇلۇش ئىلمى ئالىمى ئىسامۇ ئاكاساكى، قۇرۇلۇش ئىلمى ئالىمى خىروشى ئامانو ۋە ئېلىكتىرون قۇرۇلۇش ئالىمى شۈجى ناكامۇرا (دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا) «يورۇقلۇق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان كۆك نۇر چىقىرىدىغان ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا»نى كەشىپ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئورتاق ھالدا شۇ يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىسامۇ ئاكاساكى خىروشى ئامانونىڭ ئۇستازى بولۇپ، ئىككەيلەن بىرلىكتە «كۆك نۇر چىقىرىدىغان ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا»نى تەتقىق قىلىۋاتقاندا دۆلىتىمىزدىكى ۋېيچۇاڭ شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، «ئىشلەمچى پادىشاھ» دەپ نام ئالغان تاڭ جۈنمۇ ئىسامۇ ئاكاساكىنى ئۇستاز تۇتقان.

«نېيترىنو تەۋرىنىش» نى بايقىغانلىقى ۋە «نېيتىروننىڭ ماسسىغا ئىگە ئىكەنلىكى»نى ئىسپاتلىغانلىقى ئۈچۈ نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.ئۇ 2002-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ماساتوشى كوشىبانىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى. بىراق كاجىتا تاكائاكىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى يىلى ئۇ توكيو ئۇنۋېرسىتىغا ئوقۇشقا كىرگەندە يۇقىرى ئېنىرگىيە فىزىكىسىغا ئانچە قىزىقمىغان ۋە «ئۆزىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىغان سەۋەب»بىلەن ماساتوشى كوشىبانىڭ تەجرىبىخانىسىغا قوشۇلغان.

شۇ يىلى (2015-يىلى) ياپونىيەلىك تەبىئى ئورگانىك فىزىكا ئالىمى ساتوشى ئومۇرا ۋە خىتاي ئالىم تۇ يوۋيوۋ بىرلىكتە نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ساتوشى ئومۇرا ئومۇمىيۈزلۈك ھالدا ئىرسىيەت قۇرۇلۇشىدىن پايدىلىنىپ يېڭى بىرىكمىلەرنى بايقاشتىكى «بىرىنچى تۆھپىكار» دەپ ئېتىراپ قىلىنغان، ئۇ يەنە خېلىلا داڭقى بار گۈزەل-سەنئەت ئەسەرلىرىنى يىغىپ ساقلىغۇچى.

2016-يىلى ياپونىيەلىك مولېكۇلىلىق ھۈجەيرە بىئولوگىيە ئالىمى يوشىنورى ئوخسۇمى «ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆزىنى يۇتۇش مېخانىزىمى»نى بايقىغانلىقى ئۈچۈن نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ 21-ئەسىر كىرگەندىن بۇيان ئۆزى يالغۇز مەزكۇر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىككىنچى ئالىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

2017-يىلى ياپونىيەلىك يازغۇچى كازۇئو ئىشىگۇرو (دۆلەت تەۋەلىكى ئەنگىلىيە) نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «يېقىنلاۋاتقان ئۇزۇن دەملەر»،«مېنى كەتكۈزمىگىن» قاتارلىقلار بار. كازۇئو ئىشىگۇرو كىچىكىدىن باشلاپ ئەنگىلىيىدە چوڭ بولغاچقا، ئەنگىلىيە مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىسىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئۇنىڭ رومانلىرىنىڭ باش تېمىسى ناھايىتى كۆپ خىللىققا ئىگە بولۇپ، كىتابلىرىدىكى باش پېرسوناژلارمۇ ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى قاپلىغان. ئۇ ئىلگىرى «ئەنگىلىيە ئەدەبىيات سەھنىسىدىكى ئۈچ كۆچمەن قەھرىماننىڭ بىرى» دەپ نام ئالغان.

ئاخىرىدىكىسى دەل بىز ماقالىمىزنىڭ بېشىدا تىلغا ئالغان، يەنى بۇ يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنى نوبېل فىزىئولوگىيە ۋە مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تاسۇكۇ خونجو، ئۇ «ئىممۇنىتېتلىق مەنپى تەڭشەش مېخانىزىمىنى چەكلەش ئارقىلىق راك كېسىلىنى داۋالاش ئۇسۇلى»نى بايقاپ، راك ھۈجەيرىلىرىنى يوقىتىش ساھەسىگە بۆسۈش خاراكتېرلىك تۆھپە قوشقانلىقى ئۈچۈن بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشتى. نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن شۇ كۈنى ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شېنزو ئۆزى ئۇنىڭغا تەبرىك تېلگىراممىسى يوللاپ: «سىزنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىڭىز نۇرغۇن راك كېسىلى بىمارلىرىغا ئۈمىد نۇرى ئاتا قىلدى» دېدى.

ئاخپارات ۋاستىلىرىدە «ياپونىيە ئالىملىرىنىڭ ھەر يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى ياپونىيەنىڭ ئاساسى تەتقىقاتنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مۇقىم قوللاپ كەلگەنلىكىدىن، كىرىزىس تۇيغۇسىنى يوقاتمىغانلىقىدىن ۋە ياش پەن-تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ» دېيىلدى. كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياپونىيەنىڭ نوبېل مۇكاپاتىدا ئالغان «مول ھوسۇلى» دۇنيا ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولسىمۇ، بىراق ياپونىيە جەمئىيىتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرى يەنىلا تىنچ شارائىتتا خەۋپنى ئۇنتۇماي، ھەر ۋاقىت كىرىزىس تۇيغۇسىنى ساقلاپ كەلگەن.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top