• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » ئامېرىكىنىڭ قۇللۇق تۈزۈمى تارىخى ھەققىدە

ئامېرىكىنىڭ قۇللۇق تۈزۈمى تارىخى ھەققىدە

تەرجىمىدە نەۋدارجان 

1. قۇل قىلىنغان بارلىق ئافرىقىلىقلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىغا بارغانمۇ؟

مۆلچەرلىنىشىچە، پۈتكۈل 17-، 18-، 19-ئەسىرلەردە 10 مىليون 600 مىڭ ئافرىقىلىق مەجبۇرىي كېمىگە سېلىنىپ، تەخمىنەن 388 مىڭ ئادەم ئامېرىكىغا بارغان (ياكى كېيىن ئامېرىكىغا بارغان)، بۇ ئومۇمىي ساننىڭ تەخمىنەن %3.6 ىنى ئىگىلەيدۇ.

جەنۇبىي ئامېرىكا ۋە كارىب دېڭىزىغا توشۇلىدىغان قۇللارنىڭ سانى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ ھېچقانچە ئىش ئەمەس ئىدى. تەخمىنەن تۆت مىليون 800 مىڭ ئادەم بىرازىلىيەگە توشۇلۇپ، مەزكۇر دۆلەتنىڭ ئالتۇن كانى ۋە شېكەر قومۇشى ئېكىنزارلىقىدا خىزمەت قىلغان، تەخمىنەن %40 ئافرىقىلىق ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۆتەڭ يول ئارقىلىق بۇ يەرگە كەلگەن، يەنە بىر مىليون 200 مىڭ ئادەم يامايكىغا ئاپىرىلغان.

تارىخشۇناسلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، تەخمىنەن 60 مىڭدىن 70 مىڭغىچە قۇل كارىب دېڭىزىدىن ئامېرىكىغا بېرىپ، ئافرىقىلىقلارنىڭ ئومۇمىي سانىنى تەخمىنەن 450 مىڭغا يەتكۈزگەن. بۇ بۈگۈنكى كۈندە بار بولغان 42 مىليون ئافرىقىلىق پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئاشۇ ئەسلى 500 مىڭغا يەتمەيدىغان ئافرىقىلىقلارنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

2. قۇللۇق تۈزۈم پەقەت جەنۇبتىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانمۇ؟

1776-يىلى، ئەڭ دەسلەپكى 13 مۇستەملىكىنىڭ ھەر بىر يېرىدە قۇللۇق تۈزۈم قانۇنلۇق ئىدى. قۇللار قۇرۇلۇش جەريانىدا ھالقىلىق رول ئوينىغان. قۇللار يەنە پىرىستان، ئۆي ئىچى ۋە دېھقانچىلىق مەيدانىدا خىزمەت قىلغان.

گەرچە 1804-يىلىغا كەلگەندە شىمالدىكى ئىشتاتلار قۇللۇق تۈزۈمنى چەكلەش قانۇنىنى ماقۇللىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ قانۇنلار بۇ ئىشتاتتىكى بارلىق قۇللارنى دەرھال ئازاد قىلمىدى. تالاش-تارتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بۇ قانۇنلار قۇللۇق تۈزۈمنى تەدرىجىي ھالدا بىكار قىلىشنى تەكىتلىگەن. نيۇيوركتا تەدرىجىي ئازاد قىلىش قانۇن لايىھەسى ئارقىلىق، 1799-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان قۇل قىلىنغان بالىلار قويۇپ بېرىلدى. لېكىن ھامىيسى بولمىغان ئەھۋالدا نۇرغۇن بالىلارنى قويۇپ بېرىش مەسئۇليەتسىزلىك قىلمىشى ھېسابلىنىدۇ. مانا بۇ يېڭى جېرسىي ئىشتاتىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا 1804-يىلى ئاندىن قۇللۇق تۈزۈمىنى قانۇنسىز دەپ جاكارلىغان شىمالىي ئىشتات بولۇشىنىڭ سەۋەبى، 1860-يىلىغا كەلگەندىمۇ يېڭى جېرسىي ئىشتاتىدا يەنىلا 18 قۇل مەۋجۇت ئىدى.

3. قۇللۇق تۈزۈم پەقەت يېزا رايونلىرىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانمۇ؟

گەرچە ئامېرىكىدىكى كۆپ ساندىكى قۇللار دېھقانچىلىق (بولۇپمۇ پاختا، تاماكا ۋە گۈرۈچ كەسپى) بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، لېكىن تەخمىنەن %10 قۇل شەھەر رايونىدا ياشىغان ۋە خىزمەت قىلغان. ئۇلار ھەرخىل تېخنىكىلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە پىرىستان ئىشچىلىرى، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىدىن تارتىپ توپا قېزىش ماشىنىسى شوپۇرى ۋە تۆمۈرچىلەرگىچە بار ئىدى. بەزى ئەھۋاللاردا ئېكىنزارلىقتىكى قۇللارنىڭ دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسالدى مەزگىلىدە شەھەرگە كۆچۈپ بېرىپ پۇل تېپىشىغا رۇخسەت قىلىنغان.

شەھەردىكى قۇللارنىڭ كۆپىنچىسى ئاياللار بولۇپ، ياۋروپا ئائىلىلىرىدە ئائىلە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىناتتى. باي ئائىلىلەرنىڭ بىر نەچچە خىزمەتكارى بار بولۇپ، ئۇلار بايلارنىڭ ئۆيلىرىنى تازىلاپ، ئائىلىسىدىكىلەرگە تاماق ئېتىپ، كىر يۇيغان. ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ئائىلىسىمۇ بىر قۇلنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلەرگە ياردەملىشىشىنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە بەزى ئاياللارنىڭ باشقا ئافرىقىلىقلار بىلەن بىللە شەھەر سىرتىدا ياشىشىغا رۇخسەت قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە قۇللارمۇ، ئەركىن كىشىلەرمۇ بار ئىدى.

ياغاچ سانائىتى ياكى خىش-كاھىش سانائىتىگە ئوخشاش كەسىپلەر قۇل سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئەمگەك كۈچىنىڭ تەننەرخىنى چۈشۈرۈۋەتكەن. تۆمۈر يول شىركىتىمۇ بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغان. يەنە بەزى شەھەر قۇللىرىمۇ بار بولۇپ، شەھەر ھۆكۈمىتىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا تىجارەت قىلغان، بۇ خۇددى ئىچىملىك سۇ بىلەن مەينەت سۇنى ئېلەشتۈرگەنگە ئوخشاش بولغان.

4. قۇللارنىڭ ئەركىن ھەرىكەت قىلىدىغان ۋاقتى بولغانمۇ؟

ئۇلارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، قۇللارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئەركىن ۋاقتى بار ئىدى. جەنۇبىي كارولىنا ئىشتاتى ۋە جورجىيە ئىشتاتىدىكى شال ئېكىنزارلىقلىرىدا ھەربىر قۇلغا ھەر كۈنلۈك ۋەزىپىگە تەقسىم قىلىنىپ، ۋەزىپە ئورۇنلانغاندىن كېيىن قالغان ۋاقتىنى خالىغانچە ئۆتكۈزەلەيدۇ. كېۋەز ئېكىنزارلىقى ۋە تاماكا ئېكىنزارلىقىدىكى قۇللار كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىن ئارام ئالاتتى، بەزى قۇلدارلار شەنبە ياكى يەكشەنبىدە ئارامغا قويۇپ بېرەتتى.

قۇللارمۇ بايرامنى تەبرىكلەيدۇ، بولۇپمۇ مىلاد بايرىمى بىلەن يېڭى يىل بايرىمى ئارىلىقىدا، بۇ بولسا قۇللارنىڭ توي قىلىشىغا ماس كېلىدىغان ئوبدان ۋاقىت. شۇنداق چاغدا بەزى قۇلدارلار سوۋغات بېرىدۇ، ھەتتا بەزىلىرى ئاز مىقداردا نەق پۇل تەقسىم قىلىپ بەرگەن.

5. قۇللار پۇل تاپالامدۇ؟

دۇنيادىكى باشقا كىشىلەرگە ئوخشاش، قۇللارمۇ پۇل تېپىشقا موھتاج، بولۇپمۇ ئەركىنلىككە ئېرىشكەن ئاز ساندىكى كىشىلەر تېخىمۇ شۇنداق. بۇنىڭدىن باشقا بەزى قۇلدارلارنىڭ بىر خىل تۈزۈمى بار ئىدى، بۇنداق تۈزۈم شارائىتىدا قۇللار ئارتۇقچە خىزمەت ئىشلەشكە توغرا كېلەتتى، بۇنداق تۈزۈم «نورمىدىن ئارتۇق خىزمەت» دەپ ئاتىلىپ، ئەمگىكى نەق پۇلغا ئالماشتۇرۇلاتتى. ئەگەر قۇللار مەلۇم بىر ئالاھىدە ھۈنەر-سەنئەت جەھەتتە ئىنتايىن پىششىق بولسا، مەسىلەن بازغانلاش دېگەندەك، بۇ خىل ئەھۋالدا قۇللارنىڭ ئەتىۋارلىنىشى كۆپ ئۇچرايدۇ. كىچىك تىپتىكى كۆكتاتلىقلارمۇ ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشىدۇ، چۈنكى بۇ ئائىلىلەر بۇ كۆكتاتلارنى ئۆزى ساتالايدۇ ياكى يەۋېتەلەيدۇ. ئۇلارنىڭ بارغانسېرى پىشىپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلار چوشقا ۋە توخۇغا ئوخشاش ھايۋانلارنى سېتىۋالالايدۇ. باشقىلار شال پاخىلى سۈپۈرگىسى ياكى باشقا قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرىنى ياساپ بازاردا ساتىدۇ.

قۇللار ئۆزلىرىنىڭ پۇلىغا يېمەكلىك، سايمان جابدۇق، كىيىم-كېچەك، گىرىم بۇيۇملىرى ۋە ھاراق-تاماكا قاتارلىق بۇيۇملارنى سېتىۋالاتتى. بۇنىڭ بىلەن قۇلدارلار بۇ نەرسىلەرنى ئۆزى تەمىنلىمەيلا قالماستىن، بەلكى قۇللارغا ئازراق شەخسىي ئەركىنلىك بەرگەن ھېسابلىناتتى. بەزى قۇلدارلار توپىلاڭنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بۇنداق ئىگىدارلىق ھوقۇقى ئېڭى زۆرۈر دەپ قارىغان.

6. قۇللار ساۋاتسىزمۇ؟

قۇلدارلار بەزى قۇللارنىڭ خەت ئوقۇشىنى ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى ۋە ھودۇقۇپ كەتتى. قانداقلا بولمىسۇن ساۋات چىقىرىش ھايتىدىكى قۇللار ئىنقىلابىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنىڭ بىر قىسمى ئىدى. شۇڭا جەنۇبتىكى نۇرغۇن ئىشتاتلاردا قۇللارغا خەت ئوقۇشنى ئۆگىتىش مەنئى قىلىنغان. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا دۇنيادىكى بىردىنبىر قۇل مائارىپىنى چەكلىگەن دۆلەتكە ئايلانغان.

لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر بۇ چەكلەش بۇيرۇقىغا قارشى تۇرغان. بىر تەرەپتىن، ھۆكۈمەتكە قارشى قۇلدارلار ئىشتاتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مال-مۈلكىنى (يەنى قۇللارنى) كونترول قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىدىن غەزەپلەندى. باشقا قۇلدارلار ئۆزلىرىنىڭ قۇللىرىنىڭ كاتىپلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا، مەسىلەن خەت يېزىش ۋە ھۆججەتلەرنى رەتلەشكە موھتاج ئىدى، كىتاب ئوقۇسىمۇ بولاتتى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top