• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » نەفىسىيدىن بىمىسلى تۆھپە

نەفىسىيدىن بىمىسلى تۆھپە

پىروفېسسور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

ئادەمىي ياشامدا كۈيلەر ۋە غەزەللەر،

سۆزلەنۈر ئۇندا كەلەچەك ھەم ئەزەللەر؛

بىر مىللەت، بىر توپلۇمنىڭ كۈلتۈر تارىخى،

كۈيلۈك قوشاق-داستان بىلەن زىننەتلەنەر.

مەھمۇد قىزى ئاماننىساخان نەفىسىي،

ئون ئالتىنجى ئەسىر ئۇيغۇر ئالىمەسى؛

بىباھادۇر تۈم دۇردانە ئەمگەكلەرى ،

قايىل ئۇنىڭغا ئىلىم دۇنيا جۈملەسى.

توپلاغان ئۇيغۇر مۇقام تەكىستلەرىنى،

تەرگەندەك ئاتىزلاردىن بۈغداي ئۈنچەنى؛

ئاڭا جۆرە كۈي-ئاھاڭنى رەتلەش ئۈچۈن.

ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگەنكىن تۈندىن قانچەنى.

ھىچبىر خۇراپاتلىققا يانداشقان ئەمەس،

زۇلمەت لىباسىنى راۋا كۆرگەن ئەمەس؛

راھەت خانىش ھاياتىغا چۆكۈپ كەتمەي،

مىللەت ئۈچۈن قىلغان خىزمەت مەڭگۈ ئۆلمەس.

قويۇپ “شۇرۇھۇل قۇلۇب”قا* گۈل قولىنى،

مەدھىيەلەگەن مۇزىكا- كۈي رولىنى؛

ئىجاد قىلىپ ئىشرەت ئەنگىز مۇقامىنى*،

قاڭداغاندۇر نەغمەشۇناسلىق ئۇلىنى.

“ئەخلاقى جەمىيلە”دۇر* بىر نادىر ئەمگەك،

جاۋابلانغان ئۇندا گۈزەل خۇلق نە دەمەك؛

ئىجاد بىلەن گۈللەنەر ئىنسان ياشامى،

كۈي-مۇزىكالار ھەر قاچان روھقا ئەمەك.

ئۇيغۇر مۇقاملارى دۇنياۋى خەزىينە، 

ئاماننىساخان ئۇنىڭغا پىير-ساھىبە؛

شۇڭا دەرمىز: بىتخوۋىندىن ھىچ قالىشماس ،

نەفىسىيمىز قالدۇرغان بىمىسلى تۆھپە!

*

 2020-يىل 10-ئىيۇل، سان ديەگو.

ئىزاھاتلار:

* “شۇرۇھۇل قۇلۇب” (قەلبلەر شەرھلەرى): ئاماننىساخان نەفىسىي يازغان مۇزىكاشۇناسلىق ھەققىدىكى خاس ئەسەر.

* ئىشرەت ئەنگىز مۇقامى:  “ئىشرەت ئەنگىز› ناملىغ بىر مۇقام ھەم بۇ مەلىكە (ئاماننىساخان) نىڭ ئىختىرائاتلارى (ئىجادىيەتى) ئەردى، ” (قاراڭ: ئىسمەتۇللاھ مۆئجىزىي: “تەۋارىخى مۇسىيقىييۇن”، قوليازما، 36-بەت، مىللەتلەر نەشرىياتى 1982-يىل نەشرى، بەيجىڭ).

* “ئەخلاقى جەمىيلە” (گۈزەل ئەخلاق): ئاماننىساخان نەفىسىي يازغان ئەخلاقشۇناسلىق توغراسىدىكى خاس ئەسەر.


ئىلاۋە: بۇ ئەسەر پىروفېسسور دوكتور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى (لايىھە)» بويىچە يېزىلغان بولۇپ، ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئاكادېمىيە تور بېتىدە ئەينەن ئىلان قىلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top