• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەرتە

تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەرتە

(نەسىر)

پىروفېسسور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

دۇنيادا مۇئەييەن تۇرغۇنلۇققا ئىگە بولغان ھەر قانداق شەيئىنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرى ۋە كەلگۈسى بولىدۇ. مۇشۇ نۇقتادىن ئالىپ دەگەندە، ئالەم تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەرتەنىڭ بارلىقى بىلەن مەۋجۇد. مۇنداقچە قىلىپ ئەيتقاندا، بۇ ئالەمنى ئالەم قىلغان ئاشۇ تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەرتەدىن ئىبارەت ئۈچ قارىنداش.

تۈنۈگۈن 

تەرەققىيات-ئىلگىرىلەش چۈشەنچەسى بويىچە ئەيتقاندا، تۈنۈگۈن ــ بۈگۈننىڭ ئاناسى، بۈگۈنكى مەۋجۇدلۇقنىڭ ئۇل ئاساسى؛ بۈگۈنكى ماددى ۋە مەئنەۋى ياشامنىڭ تۇغۇلۇش، ئۆسۈش ۋە ئاخىردا بۈگۈنكى ھالەتكە كەلىشىنىڭ جانلىق يۈرۈشۈش جەريانى؛ ئەڭ مۇھىمى، بۈگۈننىڭ مۇشۇنداق بۈگۈن بولۇشى ئۈچۈن مىننەتسىز ئەمگەك قىلغان ئەجدادلارنىڭ پائالىيەت ۋە چالىشىش مەيدانىدۇر. شۇڭلاشقا، بۈگۈننى ئەسلى-ئاساسى بىلەن تونۇش، بىلىش ۋە چۈشەنىش زۆرۈرىيەتىدىن ئالىپ ئەيتقاندا، تۈنۈگۈن تولامۇ ئەھمىيەتلىك ۋە بەكمۇ قىممەتلىكتۇر.

تۈنۈگۈن ئەھمىيەتلىك: ئۇنىڭ ئەھمىيەتى بۈگۈننىڭ يارالىشى، بۈگۈننىڭ مۇشۇنداق بۈگۈن بولۇپ يەتىلىشى ۋە بۈگۈنكى دارامەتلەرنىڭ، نادامەتلەرنىڭ ۋە ئامانەتلەرنىڭ جۇغلانماسى ئۈچۈن، كۆز يۇمۇۋالغۇسىز مۇھىم تۆھپەلەرنى قوشقانلىقىدا.

تۈنۈگۈن قىممەتلىك: ئۇنىڭ قىممەتى بۈگۈننى تۈنۈگۈندىن تەخىمۇ ياخشىراق، تەخىمۇ مەدەنىيەتلىكرەك ۋە تەخىمۇ ئەلۋەك قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بىباھا تەجرىبەلەرنى، ساۋاق-بىلگەلەرنى بىزگە خالىسلىق بىلەن يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكىدە.

بۈگۈن بولسا ئەرتەنى تۇغىدۇ. شۇڭا بۈگۈننىلا تونۇپ، ھازىرنىلا ئويلاپ، تۈنۈگۈننى قارالاش، ئەرتەنى قارغاش ھىچبىر ئاقىللىقتىن دەرەك بەرمەيدۇ.

بەزەنلەر: «تۈنۈگۈن ــ ۋاقتى ئۆتكەن چەك، ئۇنتۇپ كەت!» دەيدۇ. بىراق ئالدىڭغا قاراپ باق، ئەنە ئاشۇ سەن سۈپسۈزۈك سۈيىنى ئىچىۋاتقان قۇدۇق بۈگۈنلا ئاپىرىدە بولۇپ قالغان ئەمەس، ئۇنى دەسلەپ سەنىڭ بوۋاڭ كورلاغان. كەيىن داداڭ نەچچە رەت ئۇنىڭ لاي-لاتقالارىنى ئالىپ، كۆزىنى قايتادىن ئاچقان. ھالبۇكى، سەن بۈگۈن ئۇنىڭ سۈيىنى ئىچىۋالىپلا، مەزكۇر قۇدۇقنى كورلاغۇچىنى ئۇنتۇپ كەتسەڭ بولامدۇ ۋە ئۇنتۇپ كەتەلىشىڭ مۇمكىنمۇ، ئاخىر؟!

كىم بىلۈر، سەن دەگەندەك بوۋاڭ قاراڭغۇ ئۆڭكۈردە ياشاغان، ئەجدادىڭ بۈگۈن سەن ئەرىشكەندەك پۇرسەتلەرگە نائىل بولالماغان بولغىيدى. بىراق، ئەسىڭدە بولسۇنكى، سەنىڭ بوۋاڭ، ئۇ قاراڭغۇ ئۆڭكۈردە نىشانسىزلا تىمسىقلاپ يۈرگەن ئەرمەس، بەلكى ئۇ يەردە ئۇ «ھالال ئەمگەك» ماركالىق ھايات مەشئەلىنى يورۇتقان، «ئىجاد» مەتىنى بىلەن جاھالەت ئۆڭكۈرىنى تەشىپ، بۈگۈنكى كەڭ پۇرسەتلىك مۇھىتقا يول ئاچقاندۇر.

ئالىمادىس، داداڭنىڭ نادانلىق تۈنىدە تاڭىرقاپ يۈرگەنلەرىمۇ باردۇر بەلكىم. بىراق، ئۇ، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ رايى، ئۆزىنىڭ ئىرادەسى بىلەن سادىر قىلغان ئاداققىي گۇناھى ئەرمەس، ماقۇل، ئۇ شۇنداق گۇناھ سادىر قىلغانمۇ بولسۇن، شۇنىڭلىق بىلەن ئۇ ئەمدى مەڭگۈ ئەيىبلىكمۇ؟ ئۇنىڭ ساڭا يەتكۈزۈپ بەرگەن ساۋاق-تەجرىبەلەرى ھىچبىر ئەھمىيەتلىك ئەمەسمۇ-ئەجەبا؟

تۈنۈگۈن ــ بۈگۈن ئۈچۈن ئەينەك. تۈنۈگۈن ــ بۈگۈن ئۈچۈن تەجرىبە خەزىنەسى. ھەتتا، تۈنۈگۈنكى ئەلەم، جاپا ۋە قاباھەتلىك چۈشلەرمۇ بۈگۈن ئۈچۈن تىلغا ئالىش، ئەسلەش، ساۋاق ئالىش، ئۆرنەك قىلىش قىممەتىگە ئىگە. چۈنكى، تۈنۈگۈنكى ئوڭۇشسىزلىق بۈگۈنكى غالىبىيەتنىڭ ئۆز ئاناسى، تۈنۈگۈنكى جاپا-مۇشەققەتلەر بولسا، بۈگۈنكى نەتىجەلىك ئەمگەكلەرنىڭ ھىدايەت تاناسىدۇر!

بۈگۈن

دەرۋەقە، «يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغۇرىسى» چۈشەنچەسىنى چىقىش قىلىپ، «يىللارنىڭ ئۆمۈرنى ئوغۇرلاپ، ئارقاسىغا قاراماي يورغالاپ ماڭىپ، “ھاينى ھۇي-تورپاقنى ئۇي” دەپ بولغىچە قىزلارغا قوۋرۇق، ئەرلەرگە ساقال سوۋغا قىلىۋەتىدىغان ئەمەلىيەتتىن ئالىپ ئەيتقاندا، بۈگۈن تولامۇ قەدىرلىك، تولامۇ قىممەتلىك ۋە تولامۇ رەھىمسىزدۇر. بىراق، خۇددى پىداكار ئىنقىلابچى، مۇتەپەككۇر شائىرىمىز لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ئۆز تەپەككۇرىنى خۇلاسەلەپ: “يىللار دەڭىزى دولقۇنلۇق بولساڭمۇ، ئۇپقۇنلارىڭنى يارىدۇ بىزنىڭ كاراپ؛ يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قورقۇتۇپ باقساڭمۇ، <ئىجاد يىللارنى قەرىتىدۇ> دەپ بەرىمىز جاۋاب” دەگەنىدەك، ئىنسانلار بۈگۈننى قانداق قەدىرلەشنى ۋە ئۇنى قانداق قىلىپ ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشنى ئۆز چامى ۋە ئۆز ئىمكانىچە ئوبدان بىلىدۇ.

شۇنداق، بۈگۈننى قەدىرلەش، بۈگۈننى ئۇلۇغلاش، ئىمكان قەدەر بۈگۈننى مەئنەلىك ئۆتكۈزۈش تولامۇ زۆرۈردۇر. بۈگۈننى قەدىرلەش ئىش يۈزىدە، بۈگۈندىن ئىبارەت مۇشۇ ۋاقىتنى، بۈگۈنكى پۇرسەتنى، بۈگۈنكى ئىش-ئەمگەكنى ۋە بۈگۈنكى زامانداش ئادەملەرنى قەدىرلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۈگۈنكى ۋاقىت قەدىرلىك، چۈنكى، ئۇ تۈنۈگۈن يوق ئىدى، ئەرتە مەۋجۇد بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەرمەس. شۇڭا، بۈگۈننى ھالال ئەمگەك بىلەن، ئىجاد بىلەن ئۆتكۈزمەسەڭ، بۈگۈننىڭ كۈنى تاغنىڭ كەينىگە پاتىپ كەتكەندە، ئەپسۇس لەۋىڭنى ھەسرەت چىشىڭ بىلەن چىشلەپ قالىسەن.

بۈگۈنكى ئىمكان ۋە بۈگۈنكى پۇرسەت قەدىرلىك. “ئاللاھ نەسىب ئەتكەن ھەر ئىشتا بىر خەير (ياخشىلىق) باردۇر” دەگەن ئىمانىي پىكىر مۇتلەق ھەقىقەتتۇركى، ئۆز چامىڭ يەتكەن، ئۆز ئىمكانىڭ يار بەرگەن ۋە ساڭا نەسىبەتچىلىكى تەگكەن بۈگۈنكى ھەر قانداق ئىش- خىزمەت ۋە ھەر قانداق ئەمگەكتىن يالتايما، پەرۋاسىز قاراما، بىكارغا ئۆتكۈزۈۋەتمە!

بۈگۈنكى ئەمگەك قەدىرلىك. چۈنكى، ئۇنىڭ بىلەن بۈگۈننىڭ بىناسى ئۆرە تۇرىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن بۈگۈنكى تۇرمۇش جانلانىدۇ، شۇڭا، سەنمۇ بۈگۈن ئۈچۈن ئەمگەك قىل، بۈگۈنكى ئىمكانلارنى ۋە ساڭا نەسىۋە بولغان ئىش-ئەمگەكلەرنى قەدىرلە: مەزكۇر ئىش-ئەمگەكلەرنىڭ بولۇشلۇق نەتىجە بەرىشى ئۈچۈن، بىر ئۈلۈش كۈچ خەرجلە! ئەگەر مۇنداق قىلماساڭ، ئەمەلىيەتتە، ئۆزۈڭنىڭ بۈگۈنكى مەۋجۇدىيەتىڭنى ئۆزۈڭ دەپسەندە قىلغان بولىسەن.

بۈگۈنكى ئادەملەر قەدىرلىك. چۈنكى، بۈگۈنكى ھايات مۇشۇ بۈگۈن ياشاۋاتقان سەن، مەن ۋە ئۇلار بىلەن گۈللەنىدۇ. شۇڭا، بۈگۈنكى ئادەملەرنى قەدىرلە، ئۇلار بىلەن چىقىشىپ ئۆت، غايەڭ ئۈچۈن ئۇلار بىلەن ئىتتىپاق تۈز؛ زامانداشلار ئارا بىرلىك، ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىق ئىچىدە، ئورتاق مەقسەت تامان ئالغا قاراپ ئۈز!

شەكسىزكى، بۈگۈننى قەدىرلەش ھەرگىزمۇ كەينىدە تۇرغاننى تەپىش، ئالدىغا كەلگەننى چىشلەشنىڭ باھانەسى، ھەممەنى مۇتلەق ئىنكار قىلىشنىڭ نەزەرىيە دەستەكى، «بۈگۈن قورساقىم تويسالا بولدى، ئەرتەگە ئاللاھىم بار» دەيدىغان ھورۇنلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى بەزلەش تۇمارى بولۇپ قالماسلىقى لازىم. چۈنكى، يەنە سەمىڭگە سالاي: بۈگۈننىڭ ئاناسى تۈنۈگۈن، بۈگۈندىن تۇغۇلۇر ئەرتە ھەم ئۆرگۈن!

ئەرتە

بۇ ئالەم مەۋجۇدلا بولىدىكەن، كەلەچەك مەۋجۇد، ئەرتە مەۋجۇد. پەيشەنبەنىڭ كەلىشى چارشەنبەدىن مەلۇملۇق. ئىنسانلار ئەقىل ۋە ئاڭ كۈچى ئارقالىق، مەخلۇقاتلار سەپىدىن ئايرىلىپ چىققان شۇ كۈندىن باشلاپلا، ئۇلاردا كەلەچەكنى كۆزلەش، ئەرتەنى تەسەۋۋۇر قىلىش ۋە بىلىشكە تىرىشىش ئىقتىدارى بارلىققا كەلگەن. بۇ ئىقتىدارنىڭ بارلىققا كەلىشى ئىش يۈزىدە، ھايۋان بىلەن ئادەمنىڭ چەكىنى ئەبەدىيلىك، ئانىق ئايرىغان. دۇنيانىڭ تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكىدەك مۇشۇنداق رەڭدار، كۆركەم ۋە مۇشۇندق قوۋناق ھالغا كەلىشى ئەمەلىيەتتە، ئىنسانلاردىكى ئاشۇ كەلەچەكنى ــ ئەرتەنى كۆزلەش، تەسەۋۋۇر قىلىش ۋە ئەقىل كۈچى بىلەن ئۇنى بىلىش ئىقتىدارىنىڭ سەمەرەسىدۇر.

ئەرتەنىڭ ئالاھىدەلىكى مىڭ تۈرلۈك بولۇشىمۇ مۇمكىن. بىراق، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەممەدىن ئەۋزەلى ئۇنىڭ بۈگۈندىنمۇ ياش، بۈگۈندىنمۇ رەڭدار ۋە بۈگۈندىنمۇ گۈزەل بولۇشىدا. تۈنۈگۈن بولۇشى ئەقىلغا سىغمايدىغان، بۈگۈنمۇ مىسلى كۆرۈلۈپ باقماغان تۈرلۈك تۈمەن مۆئجىزاتلارنىڭ ئەرتە مەيدانغا كەلىشى تامامەن مۇمكىن. مانا بۇ – كەلەچەكنىڭ نىئمەت مەۋقەسى؛ مانا بۇ – ئەرتەنىڭ قىممەت مەنبەسى. شۇڭا، ئەرتەگە تەلپۈن، ئەرتە ئۈچۈن چالىش، شۇنداقلا، ئەرتەدىن نەسىۋە كۆرۈشكە تىرىش!

ئەرتە ئاخىرەت ئەمەس، بەلكى بۈگۈننىڭ داۋامىدۇر خالاس. بىر بۈتۈن ئىنسان ئۆمۈرىنىڭ ئەرتەسى ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ ئۈمىدىنى، ئارزۇسىنى ۋە ئەقلىي چۈشلەرىنى رىئاللىققا ئايلاندۈرۈش ئىمكانى بىلەن تەئمىن ئەتكۈچى مەيداندۇر. ھەممە ئىنساننىڭ ئۆزىگە چۈشەشلىك بولغان گۈزەل بالالىق خاتىرەسى بولغانىدەك، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز ئىدراكى بويىچە، ئۆز كۆڭلىگە پۈككەن بىر ئارمان نۇقتاسى بولىدۇكى، بۇ دەل ئۇنىڭ ئۆمۈرىدىكى گۈزەل ئەرتەدۇر. ئىنسان ئاشۇ ئۆز كۆڭلىدىكى گۈزەل ئەرتەنىڭ جەلىپكارلىقى بىلەن ئۆز ھاياتىغا مەپتۇن، ئۆز ئىستەكى ئۈچۈن مەھلىيا ۋە ئۆز ئۆمۈرىدىن مەمنۇن بولۇپ ياشاپ ئۆتىدۇكى، ئەرتە – بۈگۈنكى دۇنيادا ياشاش نەسىب بولۇنغان ھەر قانداق بىر مەدەنىي ئىنسانغا تالىق زۆرۈر غايەدۇر!

*                     *                    *                     *

شۇنداق، تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەرتەلەردە ئاشۇنداق يەكانە خاسىيەتلەر جىلۋە قىلىدۇ:

تۈنۈگۈن ــ ئەڭ ئەستلىك؛ بۈگۈن ــ ئەڭ قىممەتلىك؛ ئەرتە بولسا، ئەڭ جازىبەلىك ۋە سىھىرلىكتۇر.

ئى، ئاقىل ئىنسان! بۈگۈننىڭ قۇياشىنى كۆرۈپلا تۈنۈگۈنكى كۈننى تىللاما. چۈنكى تۈنۈگۈنكى كۈن بۈگۈنگە سالىشتۇرغاندا ھەرقانچە ئەرزىمەس بولسامۇ، ئۇنىڭدا ساڭا ھايات باغىشلاغان داداڭ بىلەن بوۋاڭنىڭ قەدەم ئىزلارى بار. ئەھمىيەتلىك يەرى شۇكى، شۇ ئىزلار بولماغان بولسا، بۈگۈنگە ئۇلاشقان يول بولماغان بولاتتى، ھەتتا، بۈگۈن سەن- بىز ئەرىشكەن شۇنچىلىك ھوسۇلمۇ بولماغان بولاتتى.

تەلقىنلىق نەسىھەت شۇكى، بۈگۈنكى نەتىجە، شاراپەت ۋە سائادەتلەر بىلەن مەست بولۇپ كەتىپ تۈنۈگۈننى ئەرزىمەس چاغلاما؛ ئەينى چاغدا، بۈگۈنكى قىيىنچىلىق، ئوڭۇشسىزلىق ۋە مەغلۇبىيەتتىن مەيۈسلەنىپ، ئەرتەدىن نائۈمىد بولما ۋە كەمئەقىللىق قىلىپ،  تەركىيدۇنياچىلىق كەمەرىنى بەلىڭگە باغلاما!

دۇرۇس، بۈگۈن بىلەن ئەرتەنى – كەلەچەكنى سالىشتۇرۇش ناھايىتى تەرس، بىراق شۇنىڭغا ئىشەنگىنكى، ئەرتەنىڭ قۇياشى بۈگۈنكىگە قارىغاندا تەخىمۇ پارلاق؛ ئۇنىڭدىكى ھايات بۈگۈنكىگە قارىغاندا تەخىمۇ يارقىن، تەخىمۇ قوۋناق ۋە قايناق. ئۇنىڭ سەندىن تەمە قىلىدىغىنى تۈنۈگۈندىن تەجرىبە ساۋاق بۈگۈندىن ئوزۇقلۇق ياراق ئالغان ھالداكى توختاۋسىز ئۆگرەنىش، تەمەسىز تىرىشچانلىق، ھالال ئەمگەك ۋە ئاداققىي غەيرەتتۇر!

بۇ ھالدا، ئۇنىڭ ساڭا مۇكاپات قىلىدىغىنى بولسا، ياڭىدىن ياڭى ئۈمىد، غەنىيمەت پۇرسەت ۋە غايەڭدىكى نۇسرەتتۇر!

 2020-يىل 26-ئىيۇل، كالىفورنىيە.

(ئىزاھ: بۇ نەسىر «شىنجاڭ ياشلارى» ژۇرنالىنىڭ  1994-يىللىق 7– سانىدا ئەلان قىلىنغان. بۇ نۆۋەت ئوبدانلا تولۇقلاندى)


ئىلاۋە: بۇ ئەسەر پىروفېسسور دوكتور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى (لايىھە)» بويىچە يېزىلغان بولۇپ، ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئاكادېمىيە تور بېتىدە ئەينەن ئىلان قىلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top