• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » يېڭى دۇنيا سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدىكى ئۇيغۇر ئامىلى

يېڭى دۇنيا سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدىكى ئۇيغۇر ئامىلى

پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت

ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى ئەھمەد سۇلۇق

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان جىددىيلىك ۋە ئۆز-ئارا چەكلەش ئەمەلىيەتتە نۆۋەتتىكى دۇنيا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسى بىلەن خىتاي بەرپا قىلماقچى بولغان كەلگۈسى تۈزۈم ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئامېرىكا ئۆزىنىڭ مەيدانىغا كۆز تىككەن خىتاينىڭ مۇددىئاسىنى چۈشەنگەندىن كېيىن، نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاي ئۈچۈن ئېچىۋېتىلگەن ئىشىكلەرنى تاقاشقا باشلىدى. گەرچە خىتاي ئەمەلدارلىرى خىتاينىڭ ئامېرىكىغا جەڭ ئېلان قىلىش ياكى ئۇنىڭ ئورنىنى ئېلىش نىيىتى يوقلىقىنى كۆپ قېتىم جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى قايىل قىلالمىدى. قارىماققا بۇ ئەھۋال دەۋرىيلىك ياكى ۋاقىتلىق ئەمەس، بەلكى مەڭگۈلۈك ۋە دائىملىق ئىدى. شۇڭلاشقا، بۈگۈنكى كۈندە دۆلەتلەر ۋە جەمىئىيەتلەر لىبېرال، دېموكراتىك ۋە ئەركىن دۇنيا سىستېمىسى بىلەن دىكتاتور ۋە زالىم دۇنيا سىستېمىسىنىڭ تاللىشىغا دۇچ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر مەسىلىسى ئامېرىكا خىتاي بىلەن باشلىغان بۇ سىستېما ئۇرۇشىدا بەرپا قىلىنىدىغان يېڭى دۇنيا سىستېمىسىنىڭ مۇھىم ئامىلىغا ئايلاندى. پرېزىدېنت ترامپ 17-ئىيۇن «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» غا ئىمزا قويدى، ۋاشىڭگىتون خىتاينىڭ دۆلەت ئورگىنى ۋە خىتاينىڭ تۆت يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارغا زىيانكەشلىك قىلغان ۋە قىيىن-قىستاققا ئالغان خىتاي ھۆكۈمەت ئورگىنىغا جازا يۈرگۈزۈش قارارىدىن كېيىنلا، تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان 12 شىركەتنى جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشى، شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەشكە مەجبۇرلانغان ياكى خىتايغا ئېلىپ كېتىلگەن ۋە ھەرقايسى شىركەتلەردە قۇل سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن ئۇيغۇر ئىشچىلىرى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى سېتىشنى چەكلىشى، يېقىندا ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك رابنىڭ ئۇيغۇرلىرى تۈركلەرگە قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە مەسئۇل بولغان خىتايغا قارىتىلغان جازانىڭ ماقۇللىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىشى، يېقىنقى كۈنلەردە مەتبۇئاتلاردا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ كۆپىيىشى، شۇڭا خەلقئارا سوتلارنىڭ خىتايغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سوتى ئېچىشى كېرەكلىكى قاتارلىقلار، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

خىتاينىڭ ئامېرىكىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم كېڭەش پالاتا ئەزالىرى، ئورگانلىرى ۋە شىركەتلىرىگە جازا يۈرگۈزىدىغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتى جىددىيلىكنى كۈچەيتىۋەتتى ۋە ئۆز-ئارا كونسۇلخانىلارنىڭ تاقىلىشىغا بېرىپ يەتتى. خىتاي كومپارتىيىسى ئەزالىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشى چەكلىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرمۇ بار. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىبى پومپېيو ۋە بىر قىسىم ئەمەلدارلارنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، ئامېرىكا خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمەت ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى نىشان تاختىسىغا قويدى. بۇ قارارنى ئالغان ئامېرىكا تەرەپنىڭ قانچىلىك ئىرادىلىك ۋە قەيسەر بولىدىغانلىقى پات يېقىندا كۆرۈلىدۇ.

تۈركىيە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە داۋاملىق سۈكۈتنى ساقلاپ كەلمەكتە. ئۆتكەن يىلى 2-ئايدا تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ھامى ئاقسوي تۆۋەندىكىدەك بايانات ئېلان قىلغان: «بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلەردە ئىشكەنجە ۋە سىياسىي جەھەتتىن مېڭە يۇيۇشىقا ئۇچرىغانلىقى ئەمدى سىر ئەمەس. لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلمىغان ئۇيغۇرلارمۇ زور بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە. ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن پۇخرالار ۋە چەتئەللەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار تۇققانلىرىدىن خەۋەر ئالالمايدۇ. مىڭلىغان بالىلار ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىپ ئېلىنىپ يېتىم قالدى. 21-ئەسىردە جازا لاگېرلىرىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قارىتا سىستېمىلىق ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى ئىنسانىيەت ئۈچۈن زور نومۇستۇر».

تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىدىكى رەسمىي مەيدانى مۇشۇنداق ئىدى. ئۆتكەن بىر يىلدا نېمە ئۆزگىرىش بولدى؟ قانداقلا بولمىسۇن، ئالدىنقى ھەپتە تۈركىيەدە ئوخشىمىغان ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىدىن 100 ئادۋوكاتنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئېلىپ كىرىشى ياخشى تەرەپكە قاراپ ماڭماقتا.

خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيەنى مەركەز قىلغان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قەبىھ قىلمىشلار تۈركىيە بىلەن خىتاي جەمىئىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى قىزىل سىزىقىنى بۇزۇلۇش نۇقتىسىغا ئېلىپ كەلدى. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى كورۇنا ۋىرۇسى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى يوشۇرۇپ، دۇنياغا يالغان ئېيتقاندەك، شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى ھەقىقەتنىمۇ يوشۇرىدۇ ۋە يالغان سۆزلەيدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىق بىر ھەقىقەتتۇر. بۈگۈنكى كۈندە ئۇچۇر تېخنىكىسىدا قولغا كەلگەن سەۋىيە ھېچقانداق ھەقىقەتنى يوشۇرۇشقا يول قويمايدۇ. شۇڭلاشقا، بۇنى ئامېرىكا ئويۇنى، ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ يالغانچىلىقى دەپ بۇرمىلاش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ئىشلارنى نەزەردىن ساقىت قىلىش، يېپىش ياكى سەل قاراش توغرا ئەمەس.

ئۇيغۇر مەسىلىسى ھازىر ئىنسانىيەتنى يا ئەركىنلىك، يا ئىستىبدات ياكى يا ئادالەت يا مەنپەئەت دىگەندەك قىممەت قاراشلاردىن بىرسىنى  تاللاشقا مەجبۇرلايدىغان مەسىلىگە ئايلاندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top