• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » پەن - مائارىپ » ئ‍ېينىشتېين ماتېماتىكىنى چۈشەنمەمدۇ؟

ئ‍ېينىشتېين ماتېماتىكىنى چۈشەنمەمدۇ؟

تەرجىمىدە زۆھەل

ھەممىگە مەلۇمكى، ئېينىشتېين ئىنتايىن داڭلىق فىزىكا ئالىمى. ئۇنىڭ ئاجايىپ ھاياتى تا بۈگۈنگىچە كىشىلەر تەرىپىدىن كەڭ تارقالماقتا. نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپەقىيىتى پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن ئەمەسمۇ. ئېينىشتېينغا كەلسەك، نۇرغۇن كىشىلەر ئالىملارنى ئىنتايىن كەسكىن ۋە ئۆلۈك ئادەملەر دەپ قارايدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي ئېينىشتېين ئۇنداق ئەمەس. ئۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ كۆز قارىشىمىزدىكى ئالىملار ئوخشىمايدۇ، ئېينىشتىيىن يۇمۇرلۇق ھەم شوخ شۇنداقلا ئاسان چىقىشقىلى بولىدۇ، شۇڭا ئېينىشتېيننى ياخشى كۆرىدىغانلار ئىزچىل ئىنتايىن كۆپ.
پەن-تېخنىكىنى ياخشى كۆرىدىغان دوستلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۆپچىلىك ئېينىشتېينغا ئىنتايىن قايىل ۋە ئۇنى ھۆرمەت قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، كىشىنى ئەڭ قايىل قىلىدىغىنى يەنىلا ئۇنىڭ فىزىكا نەزەرىيىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىنسانىيەت ئىلىم-پېنىگە يېتەكچىلىك قىلىشى تەرەققىياتنى ئاز دېگەندىمۇ يۈز يىل ئالدىغا سۈرۈپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن كەم بولسا بولمايدىغان رول ئوينىغان. ئۇنىڭ بىر قىسىم نەزەرىيەلىرى ھازىرغىچە ئىسپاتلانماقتا، ئەمما توردا ئۇنىڭ بىر پارچە سۈرىتى تارقىلىپ يۈرگەن بولۇپ، بۇ سۈرەتتە ئۇ دوسكىغا (6=3-6) دەپ يېزىپ قويغان. بۇ نۇرغۇن تورداشلارنى جەلپ قىلغان. ئېينىشتېين ئەجەبا مۇشۇنداق ئاساسىي ھېسابلاشنىمۇ بىلمەمدۇ؟ بۇ ھەقتە تورداشلار بەس-بەستە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بەزىلەر ئۇنىڭ بەك چارچاپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك كۆزلىرى تورلىشىپ كېتىپ سادىر قىلغان خاتالىقى بولسا كېرەك، بەلكىم ئالدىدىكى 6 دېگەن سان ئەسلى 9 بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان. يەنە بىر مۇنچە تورداشلار بۇنى توردا قەستەن ئۆزگەرتكەن سۈرەت دەپ قارىغان. يەنە بەزىلەر بۇ سۈرەتتىكى نۇقسانلارنى تېپىپ چىقىپ، بۇنى سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش دېتالىدا بىر تەرەپ قىلغان دەپ قارىغان.

بىراق بىزنىڭ ئىلگىرىكى تەجرىبىمىزگە ئاساسلانغاندا، تالانت ئىگىسى بىلەن ساراڭ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق پەرق يوقتەك قىلىدۇ. بولۇپمۇ ئىلىم-پەن ساھەسىدە ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان بەزى نەزەرىيەلەر ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، ئادەمنىڭ زېھنىنى خورىتىدۇ.

كىشىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلار بىردەك تالانت ئىگىسى دەپ ئاتىلىدۇ، ئەكسىچە كىشىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىغانلار بولسا بىردەك ساراڭ دەپ قارىلىدۇ. بەلكىم ساراڭلارنىڭ دۇنياسىنى كىشىلەر چۈشەنمىگەن بولسا كېرەك. ئەگەر بۇ ئالاھىدە فورمۇلانى راستىنلا ئۇ يېزىپ چىققان بولسا، ئۇنداقتا بۇنى چوقۇم ماتېماتىكا نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ، نېمىلا دېگەن بىلەن بۇ ھېسابنى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ئاساسەن خاتا ھېسابلىمايدۇ. بەلكىم بىز باشقا جەھەتلەردىن مەسىلەن فىزىكىدا نۇقتىسىدا تۇرۇپ چۈشەندۈرسەك بولۇشى مۇمكىن: مىكرو فىزىكىنىڭ بۆلۈنۈش تەڭپۇڭلۇقى نەزەرىيىسىدە، بەزى مەۋجۇت ماددىلار قارىماققا يوقالغاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن باشقا يەرلەردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، دەپ تىلغا ئېلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە چوڭ تەڭپۇڭلۇق ئۇقۇمى تىلغا ئېلىنىپ، بىر جىسىمدا ئۆزگىرىش بولسا، بەلكىم ئۆتمۈشكە ۋەكىللىك قىلىشى مۇمكىن. لېكىن ئۇ ھازىر ياكى كەلگۈسىدىمۇ يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ چۈشەندۈرۈشتىن، ماتېماتىكا بىلەن فىزىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئىنچىكە باغلىنىش ۋە پەرقلەرنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگىلى بولىدۇ.
مەسىلەن سىزنىڭ قولىڭىزدا ھازىر ئالتە يۈەن بار، سىز تاللا بازىرىغا بېرىپ بىر نەرسە سېتىۋېلىشقا ئۈچ يۈەن خەجلىدىڭىز، ئاخىرى قولىڭىزدا پەقەت ئۈچ يۈەنلا قالىدۇ. ماتېماتىكىلىق چۈشەندۈرۈشنىڭ ئۈچكە تەڭ بولۇشى كېمىيىشتىن دېرەك بېرىدۇ. لېكىن فىزىكا ئىلمىدە يەنىلا ئالتە مەۋجۇت، پەقەت ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ يۈەن يوقاپ كەتكەن بولماستىن بەلكى باشقىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى خالاس. پەقەت باشقا بىر ئادەمنىڭ قولىدىلا مەۋجۇت بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇڭا تەڭلىكمۇ يەنىلا پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ. نۇرغۇن ئۇلۇغ بايقاشلارنى فورمۇلا ئارقىلىق ئىپادىلەشكە توغرا كېلىدۇ، بۇمۇ ماتېماتىكا بىلەن فىزىكا ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش ۋە ئۆزگىچە سېھرىي كۈچكە ئىگە. سان-سىفىرلارغا تايىنىپلا بىر قاتار نەزەرىيەلەرگە ئېرىشكىلى، يەنە كېلىپ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

لېكىن بۇ ھېسابلاش فورمۇلىسىنى زادى ئېينىشتېين ئوتتۇرىغا قويغانمۇ-يوق، ھازىرغىچە ئېنىق بولغان خەۋەرلەر بۇنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ. بىراق بۇمۇ ياندىن ماتېماتىكا بىلەن فىزىكا ئوتتۇرىسىدىكى نازۇك مۇناسىۋەتنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بىر-بىرىگە باغلىنىش مەۋجۇت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بەزىدە زىددىيەت كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭا بۇمۇ بىزگە ھەرقانداق ئىشقا دۇچ كېلىشتىن قەتئىينەزەر، يەنە بىر نۇقتىدىن مەسىلىنى مۇلاھىزە قىلىشنى ئۆگىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بەلكىم بىر نۇقتىدىن ئويلىنىپ كاللىسىدىن ئۆتمەيدىغان ئىشلارنى ئۆزگەرتىپ ئويلىسا چۈشىنىپ قېلىشى مۇمكىن. ئورۇن ئالماشتۇرۇپ پىكىر يۈرگۈزۈشنى ئۆگىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىدىيىسىنى چۈشەپ قويمىساقلا ئاندىن تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ يىراققا ماڭالايمىز!

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top