• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » كاپىتالىزىم ۋە ئۇيغۇرلار

كاپىتالىزىم ۋە ئۇيغۇرلار

دوكتور قاھار بارات

«بۇندىن كېيىن ئىنسانلار پەقەت ئاڭلىق تاللاش ئارقىلىقلا، پىلانلىق سىياسەت ئارقىلىقلار ساقلىنىپ قالالايدۇ.»

– ۋاسلاۋ خاۋېل

بىزگە پۇل كېرەك. زوزۇڭتاڭ شىنجاڭنى ئالغاندا يىگىرمە مىليون سەر خەجلەپتىكەن. مۇشۇ كۈندە بېرىپ شەرقىي تۈركىستاننى ئازاد قىلىمىز دىسەك نەچچىلىك پۇل كىتەر؟ ئورتا ئەسىردە ھون، ئاۋار، تۈرك، ئۇيغۇر ۋە موڭغۇل قاتارلىق يايلاق ئىمپېرىيەلىرىنى قۇدرەتلىك قىلغان نەرسە ئات ئىدى. يېقىنقى زاماندا ياۋروپانى قۇدرەتلىك قىلغان نەرسە قۇرال. ئەمدىلىكتە ھەر كىمنى قۇدرەتلىك قىلىۋاتقان نەرسە پۇل بولۇۋاتىدۇ. گېرمان ۋە ياپونلار قۇرالدا يېڭىلغان ئىدى، پۇلنىڭ كۈچى بىلەن قايتا ئۆرە تۇردى. ئۆز ۋاقتىدا ئىسرائىلىيە دۆلىتى خەۋپ ئاستىدا قالغاندا جوھۇتلارنىڭ پۇلى قۇتۇلدۇرۇپ قالغان. جوھۇدلار ھازىر پۇل بىلەن بىر ئىسرائىليە ئەمەس پۈتۈن دۇنيانىڭ سىياسەت ۋە ئىقتىسادىغا بويۇنتۇرۇق سېلىۋاتىدۇ. خىتاي ئېچىۋېتىش سىياسىتى بىلەن باي بولۇۋالدى. ئۇ ھەربىي جەھەتتە خۇددى بىر قارا بۇلۇتتەك ئەجدەرھا بولسا ئۇنىڭغا قارشى ئاتلانغان بىز ئۇيغۇرلار خۇددى بىر كىچىك ئەسكەر. بىز چەتئەلدە ياشاۋاتقىلى شۇنچە يىل بولۇپ كەتتى. ئوقۇغانلېرىمىز ئىش تېپىۋېلىپ مائاش بىلەن، پۇل كۆتۈرۈپ چىققانلېرىمىز يەپ يېتىپ، قالغانلېرىمىز تىلەمچىدەك ياشاۋاتىمىز. باشلىقلېرىمىز تا بۈگۈنگىچە ن ئ‍ى د نىڭ بىزە پۇلىغا قاراپ يا شەرقىي تۈركىستان دىيەلمەي يا مۇستەقىللىق دىيەلمەي دۇدۇقلاپ يۇرىدۇ. بىرەر كونفېرېنس ئاچار بولساق تىلەمچىلىك قىلىشقا مەجبۇرمىز. بىز قاچان باي بولۇپ خەقنىڭ بەرگەن پۇلىغا قاراپ سۆز قىلمايمىز! باشقىلارنىڭ كۈچى بىلەن ۋەتەن ئازاد بولمايدۇ! دىگەندەك چوڭ – چوڭ گەپلەرنى قىلالايدىغان بولىمىز؟ بىزنى غەلىبىگە ئاپىرىدىغان نەرسە بىلىم ۋە پۇل. بىزگە پۇل كېرەك. ئەپسۇسكى بىزدە تېخىچە پۇلغا بېرىلىش نۇمۇس دەيدىغان كونا سوتسيالىستىك ئىدىيەنىڭ قالدۇقلېرى ھورۇنلۇقىمزغا روھىي ئوزۇق بولۇپ يېتىپتۇ. نۇرغۇنلېرىمىز پۇل تېپىپ باي بولاي دەپ قەتئى نىيەتكە كېلىشنىڭ ئورنىغا ئىشلەپ كىرىپ بالىلىرىمنى باقاي دەپ ئۆتكەن كۈنىمىزگە رازى بولۇپ ياشاۋاتىمىز. بۇ پۇللارنىڭ بەزىلېرىنى ئالدىرىماي تاپساقمۇ بەزىلېرىنى دىگەن ۋاقتىغا ئۈلگۈرتۈپ ۋۇجۇتقا كەلتۈرمىسەك ۋاقتىمىز بەكمۇ چەكلىك. دىمەك پۇلغا سەل قارايدىغان بولساق جىق ئىشلېرىمىز قىسقىسى ئىقتىسادىي بازىسىمىزنىڭ ئاجىزلىقىدىن ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقى ئېنىق تۇرۇپتۇ.

بىز بۇرۇن نامايىشقا چىقىش بىلەن شىكايەت قىلىشتىن باشقىسىنى بىلمەيتتۇق. مۇشۇ يىگىرمە يىل ئىچىدە جىق نەرسىلەرنى ئۆگەندۇق. كۇرتلار ۋە چەچەنلەر ئۇ يەر بۇ يەردە تېررورلۇق قىلىپ قويۇپ خەقنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتتى. ئەركىن ئالپتېكىن باشلىغان لوبىچىلىق ئۇيغۇر داۋاسىنى غەرب دېموكراتىيە سەھنىسىدە تېنچ يول بىلەن كۆرەش قىلىۋاتقان بىر مۇنەۋۋەر كۈچكە ئايلاندۇردى. رابىيە قادىر ئۇيغۇلارنى خىتايدا كوممۇنستلارنىڭ زۇلۇمى ۋە ئاسىملاتسيەسىگە تەسلىم بولمايدىغان بىر دۇشمەن مىللەتكە ئايلاندۇرۋەتتى. غەربنىڭ تىبەت مۇستەقىللىق ئارزۇسىغا شەرقىي تۈركىستان ئاتلىق بىر قوشكېزەك قوشۇلدى. بىز ئىشلېرىمىزنى كەلگۈسى ئون يىل، ئەللىك يىل ۋە يۈز يىلنىڭ نېرىسىدا قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئويلايدىغان بولدۇق.

ھازىر ئۇيغۇرلار ئىچكى ۋە تاشقى ھەر ئىككى ياقتىن يوقۇلۇشقا دۇچ كېلىۋاتىمىز. ۋەتەن ئىچىدە يولۇقۇۋاتقىنىمىز ئىسسسق قىرغىنچىلىق، چەتئەللەردە يولۇقۇۋاتقىنىمىز سوغۇق يوقۇلۇش. ۋەتەن ئىچىدە بولۇۋاتقىنى قانلىق ئۆلۈم، سىرتىدا بولۇۋاتقىنى جىم-جىت ئاسىملاتسيە. چەتئەللەردە بىزگە بېرىلگەن سۈرۈك ئاران ئەللىك يىل! بۇ رىئاللىق بىزنى مىللەتنى قۇتۇلدۇرۇش بىلەن بىرگە ئ‍ۆزىمىزنىمۇ ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت ھەر ئىككى سەپ ئۈچۈن كۆرەش قىلىشقا ئىتتىرۋاتىدۇ. بىزنىڭ چىقىش يولىمىز ۋە ئۈلگىمىز بىلىم، كاپىتالىزىم ۋە دېموكراتىيە يولىنى تاللاپ ھېلىغىچە ساق تۇرۋاتقان ئىسرائىلىيە، تەيۋەن، كورىيە ۋە خوڭكوڭدەك ئۇششاق دۆلەتلەر. شۇنىڭ ئۈچۈن دوكتور بولۇش، مىليونېر بولۇش ۋە دېموكراتىيەلىشىش بىزنىڭ سۆزسىز ئالىي غايىمىز. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنى ئىگىلىك تىكلەپ مىليونېر بولۇشقا ھەرىكەتلەندۈرۈىش ئۆزىمىزنى ئازاد قىلىش، مىللەتنى ئازاد قىلىش ۋە ۋەتەننى ئازاد قىلىش جېڭىنىڭ ئىقتىسادىي بازىسى. بىزنىڭ كۈندىلىك ھاياتىمىزدا ئائىلىمىز ئۈچۈن، داۋالېرىمىز ئۈچۈن، مەكتەپلېرىمىز ئۈچۈن، مەسچىتلېرىمىز ئۈچۈن، مەدەنىيەت مەركەزلېرىمىز ئۈچۈن، ئۇيغۇر مەھەللىلېرى ئۈچۈن ۋە ھەر تۈرلۈك ئىجتىمائىي پائالىيەتلېرىمىز ئۈچۈن ھەممىسىگە پۇل كىرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردە پۇل تېپىپ باي بولۇشنى ۋەتەنپەرۋەلىك كۆرىشى دەيدىغان بۇ ئىدىيەنى خەلقىمىزگە تېڭىشىمىز، ئىلھاملاندۇرىشىمىز ۋە ئاتلاندۇرىشىمىز كېرەك. مېنىڭ دىمەكچى بولۇۋاتقىنىم دەرھال بىر روھىي ئىنقىلاب قوزغاپ مىللەتنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىپ ھەممە ئۇيغۇرنى ئاتۇشلۇق ياكى جوھۇدلاردەك پۇلخۇمار، سودىگەر، شىركەتچى ۋە كاپىتالىست قىلىۋېتىشمىز كېرەك. بىز بىرەر مىللەتنى جەڭ ئۈچۈن، داۋا ئۈچۈن ئاتلىنىپتۇ دەپ ئاڭلىغان، ئەمما بىر مىللەتنى تىجارەت ئۈچۈن ئاتلىنىپتۇ دىگەننى ئ‍اڭلاپ باقمىغان. ئەمدى بىز ئاتلىنىمىز.

بىز چوڭلار مىللەتنى قاياققا باشلىساق بالىلار شۇ ياققا ماڭىدۇ. 1860- يىللاردا ئ‍ون بەش مىڭ خىتاي ئامېرىكىغا تۆمۈر يول ياساشقا كەلگەن ئىدى. ئۇلار قورقانچاق، قولىدا بىردىن چەيدو، پۇل تاپسام ئاشخانا ئاچىمەن دىگەندىن باشقىنى ئويلىمايتتى. ھازىر ئۇلارنىڭ ئارزۇلېرى تولۇق ئەمەلگە ئاشتى. مۇشۇ كۈندە بىر كىم خىتاي دىسە ئادەمنىڭ كۆزىگە بىر ئاشخانا كۆرۈنىدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا جوھۇدلار قاچقاندا ئامېرىكىغا بارساق بانكا ئاچىمىز، ئېگىلىك تىكلەيمىز، پۇل تاپىمىز دەپ نىيەت قىلغان. دىمەك ئەللىك يىلغا بارماي ئۇلارنىڭ ئارزۇلېرى ئەمەلگە ئېشىپ نيويوركنىڭ ئىقتىسادىنى قولىغا ئالدى. مۇشۇ كۈندە بىر كىم جۇھۇد دىسە ئادەمنىڭ كۆزىگە پۇل كۆرۈنىدۇ.

مۇشۇ كۈنلەردە يۈز مىڭ دوللار بولمىسا بىر ئائىلە بولمايدۇ. مىليون دوللار بولمىسا بىر ئۇيغۇر ئۆيى سېلىنمايدۇ، يۇز مىلليون دوللار بولمىسا بىر ئۇيغۇر مەھەللىسى قۇرۇلمايدۇ، مىليارد دوللار بولمىسا ۋەتەن ئازاد بولمايدۇ. ئەگەر ئىگىلىك تىكلەشكە ئاتلانماي، بىلىمگە ئاتلانماي ۋە دېموكراتىيەلەشمەي مۇشۇ يۈرۈشىمىزدە ماڭىۋەرسەك ئەللىك يىل ئىچىدە ۋەتەننى ئازاد قىلىش بۇ ياقتا تۇرسۇن ئۆزىمىزمۇ تۈگەپ بولىمىز. مۇشۇ ئەسىر ئىچىدە دۇنيادا كۆپىنچە مىللەتلەر ئاسىملاتسيە بولۇپ تۆگەيدۇ. ئۇ تىزىملىكتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئوقۇشنى رەت قىلغان، كاپىتالىزىمنى رەت قىلغان، كەمبىغەل، قالاق مىللەتلەر. توغرا ئۇ كۈنلەرگە بارغاندا ئارىمىزدىن ئۇنداق مىليون دوللارنى تاپقانلار چىقسىمۇ بەرىبىر ئۇيغۇرچىنى ئۇنتۇپ بولغان ئۇيغۇرلاردۇر.

پروگرامما

ئىگىلىك تىكلەش ئىنقلابى خۇددى بىر ئاڭلاشقا كۈلكۈلۈك، ئەمەلىيەتكە سىغمايدىغان ۋە مۇسۇلمان ئۇيغۇرنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان بىر خىيالي فانتازىيە. ئەمما بىز بۇ پىلانىمىزنى بىر چوڭ ئ‍ستراتېگىيىلىك پروگراممىغا كىرگۈزەلىسەك پۈتۈنلەي ئەمەلگە ئاشىدىغان بىر ئىش. گېرمانىيە، ياپون، سىنگاپور، تەيۋەن، كورىيە ۋە خىتايلارنىڭ كۆتۈرۈلۈشى يىگىرمە يىلغا بارمىغان. بىز ئۇلاردىنمۇ تىز كۆتۈرۈلۈپ كېتىمىز. بىز ئۈچۈن كۆز يەتكۈسىز كۆرۈنگەن ئۇ مەنزىل جاھان ئىقتىساد دېڭىزىدا بىر كىچىك كۆل. چۈنكى بىز ھازىر كومپۇتۇرلاشقان ۋە گلوباللاشقان بىر ئاجايىپ دەۋىردە ياشاۋاتىمىز. چوڭ ئويلىمىغىچە چوڭ ئىش چىقمايدۇ. بىزنىڭ چاقىرىقىمىز بىر ساۋاپلىق چوڭ جىھاد. بىزگە تاشلانغان بۇ سىناق بىر بىلىم، ئىدراك ۋە ئىرادىنىڭ بىرلەشمىسى. كۆز ئالدىمىزدا ئىككى مەنزىل كۆرۈنمەكتە: بىرسى ئىچىمىزدە دەرھال بىر كاپىتالىزىم ئىنقىلابىنى قوزغاپ بىر قۇدرەتلىك مىللىي قورغاننى قۇرۋېلىش. ئەگەر بۇ دىگەنلېرىمىز بىر بىر قۇرۇق گەپ بولسا ئۇنداقتا مۇشۇ كۈنلەردىكى قىلىۋاتقانلىرىمىز نىمىگە تەڭ؟

ئىگىلىك تىكلەش ئىنقىلابىنى قوزغاش زىيالىلارنىڭ مۇلاھىزىسى، لىدېرلارنىڭ چاقىرىقى، تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيۇشتۇرىشى، ئۆلىمالارنىڭ پەتىۋاسى ۋە ئىقتىساد ئىگىلېرىنىڭ باشلىشى بىلەن باشلانغىنى بىلەن ھەقىقىي ئىش ھەر بىر دوللار بىلەن ۋە ھەر بىر شەخسنىڭ كۆچى بىلەن باشلىنىدۇ. كۆپىنچىمىزدە ۋە ياكى پۇتۇن مىللىتىمىزدە بۇنداق بىر ئىنقلابنى قوزغاشقا روھىي تەييارلىقىمىز يوق. دۇنيادا بەزى مىللەتلەرنىڭ باش كۆتۈرىشىدە مەلۇم بىر تۈرتكۈلۈك كۈچ چوڭ رول ئوينىغان. مەسىلەن، جاھانگىرلارنى باي قىلغان نەرسە بۇلاڭچىلىق، جوھۇدلارنى ئەقىللىق قىلغان نەرسە خورلۇق، ئەرەبنى باي قىلغان بايلىق نېفىت، شەرقىي ئاسىيانى باي قىلغان دۆلەت ئ‍امېرىكا. بىزنى باي قىلىدىغان يول ئىقتىسادىي پروگرامما.

ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى، دۆلەتلەرنىڭ باي بولۇشى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى يەر شارىنىڭ ئومۇمىي قەدىمى. ھازىر ئافرىقا پايتەختلېرىمۇ ئەللىك قەۋەتلىك بىنالارغا توشۇپ كەتتى. بىزنىڭ چەتئەللەردىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى مىليونېر قىلىش خىيالىمىز بىر خىل ئوتوپىيە ئەمەس. بىزنىڭ ئەھۋالىمىز بىر ئايرىم كاتىگورىيە. بىزنىڭ بۇ كاپىتالىستىك پروگراممىمىز باشقا مىللەتلەر قىلىپ باقمىغان بىر سۇنئىي، پىلانلىق ۋە تەشكىللىك ھەرىكەت. دۇنيادا داڭ چىقارغان مىللەتلەر كۆپ ئەمەس ۋە ھەر-بىرسى بىردىن ئوخشىمىغان چوڭ ئىشلارنى قىلىپ باش كۆتەرگەن. بىز دۇنياغا قىرىلىپ تونۇلدۇق. ئەمدى ئەجدەرھاغا قارشى جەڭ قىلىپ داڭ چىقىرىمىز.

ھەر بىر ئۇيغۇر مىليونېر بولۇش ۋە دوكتور بولۇش بىزنىڭ ئالىي نىشانىمىز. بۇ لوزۇنكىنى تامنىڭ ھەر قانداق يېرىگە ئېسىپ قويسا يارىشىدۇ. ئەمما ئۇنى تامدىن ئ‍ېلىپ ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ راس بىر ئىش پىلانىغا كىرگۈزۈش باشقا بىر مەسىلە. بۇلارنى تەشكىللىك قىلغان بىلەن قىلمىغاننىڭ، سىياسى دەرىجىگە كۆتۈرۈپ قىلغان بىلەن قىلمىغاننىڭ پەرقى چوڭ. جوھۇدلار يۈز يىلدا يەتكەن مەنزىلگە بىز «پروگراممىلاشتۇرۇش» يولى ئارقىلىق ئون يىلدا يېتىمىز. ئۇنداقتا بۇ بىر ئادەتتىكىدەك پائالىيەت ئەمەس بەلكى ئىنقلاب. ئەگەر مۇشۇ كۈنلەردە خالىقكام ئىستانبۇلغا كېلىپ ئەي ئۇيغۇر ئويغان! دىسە ياتقان يېرىمىزدىن قوپۇپ نىمە ئ‍شلارنى قىلارمىز؟ ئۇ زامانلاردا قىلىچ قالقاننى كۆتۈرۈپ چىقىپ باش-كۆزىمىزنى يارىدار قىلىپ باتۇر بولغان ئىدۇق ئەمدىكى جەڭلەر ئەقىل، بىلىم ۋە پىلان بىلەن بولۇۋاتىدۇ.

شەخسىي تېرىكچىلىك

بىز تەرغىپ قىلىۋاتقان بۇ ئىگىلىك تىكلەش ئىنقىلابى ئالدى بىلەن ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنى مىليونېر قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بىزگە باي ئۇيغۇرلار، باي تەشكىلاتلار ۋە باي لىدېرلار لازىم. بىز بىر سوتسيالىستىك دۆلەتتىن كاپىتالىستىك دۇنياغا چىقتۇق. بۇ ئەللەر خۇددى تىجارەت ۋە پۇل تېپىشنىڭ ھەممە ئىمكانىيەتلېرى توشۇپ بولغان بىر ھەرە ئۇگىسى. ئىش تاپالىغانلېرىمىز چىقىپ باشقىلارغا مائاشقا ئىشلەۋاتىمىز. چوڭ پايدىنى خوجايىنلار ئالىدۇ. ۋاقتىمىزنىڭ كۆپ قىسمى دوللارغا قۇل بولۇپ ئۆتتى. مانا يېشىمىز ئەللىكتىن ئاشتى. ئويلاپ باقساق بىز بۇ كاپىتالىزىم كەلكۈنىدىكى بىر يوپۇرماق ئىكەنمىز. دۇنيادا مىليونېرلار ئەللىك مىليون بولۇپ قىرىق پىرسەنتى ئامېرىكىدا ياشايدۇ. بۇ يەردە ئاقلارنىڭ يەتتىدىن بىرى مىليونېر. ھەر يۈز مىڭ ئادەمنىڭ بېشىغا چاچقاندا مىليونېرلار شۋىتسارىيەدە ئەڭ كۆپ بولۇپ 9426، خوڭكوڭدا 6917، ئامېرىكىدا 5671، تۈركىيەدە 113.

خەلقىمىزدىن پائالىيەتلەرگە قاتنىشىۋاتقانلار ئاران ئون پىرسەنت. قالغانلېرى نامايىش، يىغىن، ئىئانە دىگەندەك ئالۋاڭلاردىن قېچىپ كەلمەيۋاتىدۇ. ئۇلارغا قەھرىمان لىدېرلېرىمىزنىڭ جەڭگىۋار چاقىرىقلېرىغا قارىغاندا ئوزلېرىگە نەپ كىلىدىغان بەزى ئەمىلىي نەرسىلەر ئەلا. بىزنىڭ ئۇيغۇرلارنى باي بولۇشقا چاقىرغانلىقىمىز ھەرگىز جامائەتنى سىياسى پائالىيەتلەردىن ۋە ئوقۇشتىن تارتقىنىمىز ئەمەس. ئەكسىچە ئۇنىڭ ئۈنۈمى نەچچە ھەسسە بولىدۇ.

بىز ئۇيغۇرلار كەمبىغەل. بىزنىڭ داۋالېرىمىز ئاساسەن كەمبىغەللەرنىڭ شىكايەتلېرى. نۇرغۇنلېرىمىز ھەتتا ئۆينىڭ كىراسىنى تۆلىيەلمەيدىغان ھالەتتە ياشاۋاتىمىز. ئوغۇللېرىمىزنى ئويلىيەلمەي قىزلېرىمىزنى ياتلار بۇلاپ كېتىپ بارىدۇ. ئارىمىزدىكى قىسمەن پۇلغا سېتىلىپ جاسۇسلۇق قىلىدىغان، ئىئانىگە خىيانەت قىلىدىغان، ئىككىنچى خوتۇنلۇققا رازى بولۇدىغان، قارا نىقابقا يۆگۈنىۋالىدىغان ۋە ھەتتا ئوغۇرلۇق، ئالدامچىلىق ۋە بۇلاڭچىلىققا ماڭغانلارنىڭ تۈپ يىلتىزى ئاشۇ كەمبىغەلچىلىك ۋە شەخسىيەتچىلىكتىن كېلىپ چىققان. بۇنداق ئەخلەت-چاۋا ئىشلار باي مىللەتلەردە ئاز كۆرۈلىدۇ. مىليونېرلىق بىر ئۆگىنىش، ئەقىل، تىرىشچانلىق ۋە پۇرسەتنىڭ نەتىجىسى. باشقىلارغا ئىشلەپ ئېزىلىۋاتقانلار ۋە كەمبىغەللەر ئالدى بىلەن ئوقۇشقا قېرىق، ئنتىلشكە ھورۇن ئادەملەردۇر. خاڭنىڭ ئۈستىدە ئىشلەيدىغانلار بىلەن ئاستىدا ئىشلەيدىغانلار ئوخشاش سەككىز سائەت ئىشلەيدۇ. ئۈستىدىكىلەر كاللىسنى ئىشلەتسە ئاستىدىكىلەر پۇت قولىنى ئىشلىتىدۇ. بىزنىڭ مەقسىدىمىز ئۈمىتسىز، دەرتمەن ۋە ھورۇن بولۇپ كەتكەن خەلقىمىزنى توغرا يولغا باشلاش، ئىلھاملاندۇرۇىش ۋە باي قىلىش. كىم باي بولۇشنى خاھلىمايدۇ؟ ئەمما نۇرغۇنلېرىمىز تىمسىقلاپ بىر يولنى تاپالماي يۈرۈپتىمىز. ئەگەر بىز تەشكىلاتلار قوللاپ تۇرۇدىغان، قېرىنداشلار ئورتاقلىشىدىغان ۋە بايلېرىمىز يېتەكلەيدىغان بىر يېڭى مۇھىتنى يارىتالىساق خەلقىمىزنىڭ خاراپ ھالىتى ئۇزۇنغا بارماي ئۆزگۈرۈپ بىلىملىك، قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىدىغان، ئالدىراش، روھلۇق ۋە قۇدرەتلىك بىر مىللەتكە ئايلىنىدۇ. ئەلۋەتتە بىر ئادەم تىرىشقاندىن بىر نەچچىمىز ھەمكارلاشقان ئەۋزەل. ھەمكارلىق شىركەتلەر چوڭ كوپىراتىپ ۋە تراستلارغا قوشۇلغىنى تېخىمۇ ئەۋزەل. ئەگەر بىز ئىگىلىك تىكلەشنى بىر پىلانلىق مىللىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرالىساق ئۇ بىر مىسلى كۆرۈلمىگەن مۆجىزە بولاتتى.

تەشكىلات ۋە لىدېرلىرىمىزنىڭ رولى

بىزنىڭ بۇ پروگراممىمىزنىڭ خاراكتېرى بىر تەشكىللىك ھەرىكەت. دىمەك تەشكىلاتلېرىمىز ئۇيۇشتۇرمىسا ئەمەلگە ئاشمايدىغان بىر ھەرىكەت. بىزنىڭ ھازىرقى تەشكىلاتلېرىمىز ئاساسەن داۋا تەشكىلاتلېرى. بىزنىڭ لىدېرلېرىمىز ئىقتىسادنى بىلمەيدۇ ۋە بىزمۇ ئۇلاردىن بانكا ئېچىپ بېرىشنى تەلەپ قىلمايىز. ئەمما ئۇلارنىڭ مەسئولىيىتى بۇ ئىستراتېگىيەنى ماقۇللاش ۋە ئىجرا قىلىش. بىزنىڭ تەشكىلاتلېرىمىزدىن تەلەپ قىلىدىغىنىمىز ئالدى باشلاپ جامائەتنى توپلاپ ئىگىلىك تىكلەش پۇل تېپىش ھەققىدە بەزى چاقىرىقلارنى قىلىشتىن ئارتۇق نەرسە ئەمەس. بۇ ئىشلار خەلق ئۈچۈن بىر سەرەڭگە ۋە كروسىن بولۇپ ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۇ ئۇلۇغ ھەرىكەتنىڭ باشلىنىپ كېتىشىگە ۋە ئونلاپ يۇزلەپ ئىگىلىكلەرنىڭ تىكلىنىشىگە يېشىل چىراق بولۇپ قالىدۇ. لىدېرلىرىمىزنىڭ تۆرت ئېغىز گېپى بۇ ئىشنى تەستىقلىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە خەلق ئارسىدا پۇل تېپىشنى بىر خىل قانۇنلۇق، ۋەتەنپەرۋەر ۋە شەرەپلىك ئىش دەپ ھىسابلايدىغان يىڭى چۈشەنچىنى پەيدا قىلىدۇ. بىر يىللىرى مەن نيويوركنىڭ دوقمۇشلىرىدا خىتايلار كاۋاپ سېتىپ كۈنىگە نەق مىڭ دوللار پايدا ئېلىۋېتىپتۇ دەپ يازسام بەزىلەر سىز شۇنداق بىر زىيالى ئالىم تۇرۇپ بىزنى يەنە كاۋاپ سات دەپ مازاق قىلىۋاتامسىز؟ دىگەن ئىدى. بىز خەلقنى نامايىشقا، ئىئانىگە ۋە نامازغا چاقىرىمىز. نىمە ئۈچۈن مىليونېر بولۇشقا، دوكتور بولۇشقا چاقىرمايمىز؟ كاپىتالىزىمنىڭ ماگىنىتى كۈچلۈك. بىزنىڭ تەشكىلاتلېرىمىزدىن كۈتىدىغىنمىز ئىككى- ئۈچ يىغىن ۋە تۆرت ئېغىز گەپ. شۇلا بولسا كۇپايە. ئارقىدىنلا ئاممىنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئىگىلىك تىكلەش يولىغا كەڭ كۆلەمدە ئاتلانغانلىقىنى كۆرىمىز.

پۇل ئۈچۈن باش قاتۇرمايۋاتقان بىرمۇ تەشكىلات يوق. لېكىن بىزدە ھازىرغىچە بىر ئ‍ستراتېگىيىلىك پىلان يوق. ئۆتكەندە ئەركىن ئەكرەم دۇقنىڭ بۇ ھەقتە بىر پىلانى بارلىقىنى ئېيتقان. ناۋادا بىزنىڭ باشلىقلىرىمىز يۇقۇرى قاتلامدىكى ئىشلار بىلەن بەنت بولۇپ كىتىپ تۆۋەندىكى بىز دەۋاتقان بۇ ئىشلارغا ئىنكاسى ئاستا ۋە ياكى سۈكۈت قىلىپ تۇرۋالسا بىزنىڭ بۇ ئىنقىلابىمىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ. بۇ ئىمكانىيەتنى يوق دىگىلى بولمايدۇ. ئەگەر ئۇ كۈنگە قالساق بۇ ئىشىمىز خاراكتېر جەھەتتە «ئستىخيىلىك» ھالدا داۋاملىشىۋاتقان نورمال ھاياتتىن «پىلانلىق» مىللىي ھەرىكەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلەلمەي قالىدۇ. بىر نەرسە ئېنىقكى مەيلى بىز كوللېكتىپ تەدبىر قوللۇنايلى ياكى تاشلاپ قويايلى خەلقىمىزنىڭ كاپىتالىزىمغا قاراپ مېڭىشى توسۇۋالغىلى بولمايدىغان بىر ئېقىم. بىز ئەركىن ئالپتېكىن چاقىرىق قىلمىغاندىمۇ ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى ئۆزىمىز ئاچىۋەرگەن ئىدۇق. ئەمدى ئۇلار گەپ قىلمىسىمۇ ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى ئۆزىمىز قۇرىۋىرىمىز. مۇشۇنداق ئادەت داۋاملىشىۋېرىدىغان بولسا ئۇيغۇر ئىگىلىكلىرىنى تىكلەش پائالىيەتلىرىنىمۇ ئۆزىمىز قىلىۋېرىدىغان ئوخشايمىز. ئەمما شۇغىنىسى سۈرئەت ئون ھەسسە ئاستا بولىدۇ. ئەپسۇسكى جىق ئىشلاردا ئەگەر ۋاقىتتىن ئۇتتۇرساق جاندىن ئۇتتۇرىمىز.

ئەگەر بىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياكى ئۇيغۇر ئامېرىكا جەمىيىتى بىزگە دوللارچىلىقىنى تەشۋىق قىلىغىلى تۇرسا بۇ ئۇقۇمنىڭ خاتا نەرسە ئەمەسلىكىنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. بىز باي بولۇش شەرەپلىك، پۇل تىپىش مىللەت ئۈچۈن دىگەندەك يىڭى يىڭى ئىدىيەلەرنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك. بۇ كۈنلەردە بىزگە بويۇنتۇرۇق بولىدىغان ماركسىزىم يوق. مىللەتكە نىمە كېرەك بولسا شۇنى قىلىمىز. ئ‍وچۇق ئىشلارنىمۇ قىلىمىز، مەخپى ئىشلارنىمۇ قىلىمىز. باشقىلار توغرا دىگەن ئىشلارنىمۇ قىلىمىز، باشقىلار خاتا دىگەن ئىشلارنىمۇ قىلىمىز. سىياسەتنىمۇ قىلىمىز، تىجارەتنىمۇ قىلىمىز. قېرىنداشلار! ماۋۇ مىللەت تۈگەپ كېتىپ بارىدۇ. ئۆزىمىزنى سىلكىمىسەك ئەتە-ئۆگۈن خىتايچە گەپ قىلىدىغان ئۇيغۇرلار پەيدا بولۇپ بىز لاگىردا ياتتۇق سەن نىمە ئىش قىلدىڭ دەپ ياقىمىزنى سىقىدۇ. بىزدە بىلىمگە تەشنا، پۇلغا تەشنا ۋە ھەرىكەتكە تەشنا يۈز مىڭ ئۇيغۇر تەييار تۇرۇپتۇ. شۇلارنىڭ ھەممىسىنى يىڭى يولغا باشلاش ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى ۋە تەشكىلاتلېرىمىزنىڭ بۇرچى.

مېدىيالارنىڭ رولى

ئامېرىكىلىقلاردا نېگاتىپ ئادەمدىن يىراق تۇر دەيدىغان بىر گەپ بار. بىر تەكلىپنى بەرسە ياق بولمايدۇ دىمەك ئوڭاي. چۇنكى ئۇنداق دەپ بولۇپ كىرىپ ئۇخلايدۇ. ئەمما ھەئە بولىدۇ دىمەك تەس. چۈنكى ئۇنى دىگەن شۇ ئادەم گەپنىڭ ئارقىسىدىن ئىش قىلىشى كېرەك. نېگاتىپ ئادەملەرنىڭ قولىدىن ئىش كەلمەيدۇ ۋە ئۇلار بىلەن بىر ئىش قىلغىلىمۇ بولمايدۇ. بىز زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتىمىز. تەبىئىكى ئىچىمىزدە چۈشكۈنلۈك، قورقانچاقلىق، نېگاتىپلىق، جاھىللىق ۋە چىرىكلىكلەر ئاز ئەمەس. خەلقىمىز بىر چىقىش يولىغا ۋە روھى ئىلھامغا مۇھتاج. مېدىيالار جەمىيەتنىڭ روھى دوختۇرخانىسى. ئۇنىڭ ئورنىنى نەچچە پارچە ماقالە، كىتاپ ياكى شەخسلەرنىڭ پەند-نەسىھەتلىرى تولدۇرۇپ بولالمايدۇ. ئارىمىزدا ھازىر ئوقۇش، تەتقىقات، خىزمەت ۋە ئىگىلىك تىكلەشلەردە ئاجايىپ نەتىجىلەرنى ياراتقان يۈزلىگەن ئۇيغۇرلار تۇرۇپتۇ. ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن خەۋىرىمىز يوق. ئۇلاردىن بىرنى مېدىياغا كۆتۈرۈپ چىقساق شۇنداق ئىسىلدىن يۈزنى پەيدا قىلغان بولىمىز.

ئىقتىسات ئاساسلېرى دىگەندەك دەرسلەرنى ھەممە ئۇيغۇر ئېلىشى كېرەك. ئەمما ئۇنداق بولۇپ كىتەلىشى ناتايىن. بۇنداق بوشلۇقنى تولدۇرۇدىغان نەرسە ئاممىۋىي مائارىپ. بىزدە ئۇيغۇر مائارىپ مىنىستىرلىكى يوق. چەتئەللەردە چېچىلىپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلمىسە بولمايدىغان دەرسلەر ۋە بىلىملەر ھەققىدە ھەر ساھەنىڭ مۇتەخەسسلېرى بىرلىشىپ «ئۇيغۇرلار بىلىشكە تېگىشلىك ساۋاتلار» دىگەندەك بىر يۈرۈش مىللىي ئاقارتىش پروگراممىسىنى ئويلاپ چىقىشىمىز كېرەك.

ھازىر تورلاردا خۇسۇسي مېدىيا پلاتفورملېرى ئون خىلغا بارسا كېرەك. ئ‍ابدۇجېلىل قارىقاشنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى ئۇيغۇر تور مېدىياسىنىڭ ئاتىسى. يالغۇز بىر ئادەم بىر دانە كومپۇتېر بىلەن شۇنچىلىك چوڭ دۇنياۋىي تەسىر قوزغاش بىر ئاجايىپ كۈچ. ئىقتىساد بىلىملىرى بىر پايانسىز دېڭىز. توردا دوكلاد ئاڭلاش، دەرس ئېلىش، گۇرۇپپا قۇرۇش ۋە پۇل تېپىش دېگەندەكلەرنىڭ ھىچقانداق چەكلىمىسى يوق بىلىم ۋە ئالتۇننىڭ خەزىنىسى.

ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ رولى

بىزنىڭ يانچۇقىمىز قۇرۇق بولغىنى بىلەن ئارىمىزدىكى ئىقتىساد ئوقۇغان، ئىگىلىك تىكلىگەن ۋە تىجارەت قىلىۋاتقانلارنى جانباقارلار، شەخسىيەتچىلەر دەپ ياراتماي كەلدۇق. ئەمما بۈگۈن دەل ئاشۇ ئ‍ادەملەر بىزنىڭ قىممەتلىك ئۇستازلىرىمىزدۇر. يىگىرمە يىل بۇرۇن بۇنداق گەپنى قىلساق ئەمىلىيەتكە سىغمايتتى. بۇ كۇندە ئارىمىزدا ئوز ئالدىغا تىرمىشىپ ئوقۇپ، ئىشلەپ، ئىزدىنىپ نەتىجە ياراتقان ۋە بىزگە مۇئالىم بولالايدىغان نۇرغۇن ئىقتىساد ئىگىلىرى ۋە مۇتەخەسىسلەر مەيدانغا كەلدى. ئۇلارنىڭ دەسسىگەن يالغۇز ئىزلىرى بۇنىڭدىن كىيىن كوپچىلىك ئەگىشىپ ماڭىدىغان چىغىر يوللارغا ۋە كەلگۇسىدە قاتناش جىددى ئاسفالت كوچىلارغا ئايلىنىدۇ.

ئۇيغۇرلار تۈرك دۇنياسىدىكى ئەڭ مەدەنىيەلىك مىللەت ئىدى. موڭغۇل ئىستلاسىدا ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى مەمۇرىي ئىشلارنى ئاساسەن ئۇيغۇر باخشىلار ئۈستىگە ئالغان. ئۆگىنىشكە قىزىقىش بىزنىڭ گىنىمىزگە سىىڭىپ كەتكەن نەرسە. مۇشۇ يىگىرمە يىل ئىچىدە ياشلېرىمىز ئىچىدىن ئاجايىپ تالانتلىق ئالىملار مەيدانغا كەلدى. چەت چۆرىمىزدىكى باشقا مىللەتلەرگە سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك شۇنىڭ ئۆزىدىن بۇ مىللەتتە ئۈمىت بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىز يېتەرلىك ئىزدىنىش ۋە ئويلۇنۇشلارنى بېشىمىزدىن كەچۈردۇق. ئەمدى رىئال ئىشلارغا ئ‍اتلانمىساق بولمىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر مۇھىم مەزمۇن دىققەت مەركىزىمىزنى ئىقتىسادقا پۇل تېپىشقا قارىتىش.

بىز ھەممىمىز ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەلۇم ئىدىيىۋىي قېلىپ ۋە بىر تەرەپلىمە تونۇشلارنىڭ كىشەن ۋە ياكى تۈرمىسىدە ياشايمىز. ئىدىيىمىز تېخى ئازاد بولمىغان ئەھۋالدا بىز مۇنداق ئويلايمىز: ئوي خوتۇنى بانكا باشقۇرمايدۇ، ئولىما زاۋۇد قۇرمايدۇ، شەرقىي تۇركىستان جەمىيىتىنىڭ رەئىسى توڭ گۆش ئىمپورت قىلمايدۇ، ئوقۇغۇچى بىنا باشقۇرمايدۇ، پروفېسور كان ئاچمايدۇ، مائارىپ جەمىيىتى ئۆي سودىسى قىلمايدۇ دىگەندەكلەر. بىزنى بۇگۇنكىدەك ئاجىز ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغان ئامىللار ھەر خىل بولسىمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە مۇھىمى كاللىمىزنى چۈشەۋالغان ھەر خىل كونسېرۋاتىپ رامكىلار. يېڭى ئىدىيەنى قوبۇل قىلمىغىچە كاللىمىزدا يېڭى ھەۋەس ۋە ئىرادە تىكلەنمەيدۇ. مەڭگۇ تاماشىبىنلاردەك ئولتۇرىمىز.

ئوقۇش

ھەر بىر شەخسى قەدىمىمىزنى ئاۋال ئۆگىنىشتىن باشلىشىمىز كېرەك. ئاۋال بىلىم ئاندىن پۇل. كىتاپ ئوقۇش ئىشىمىزنى باشلاشنىڭ، داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ۋە ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. مەشھۇر مىليونېر بىل گاتېس يىلىغا 50 كىتاب، ۋاررېن بۇففېت كۇنىگە  500 بەت ئوقۇيدىكەن. تۆۋەندىكى كىتابلار قانداق باي بولۇش ھەققىدىكى ئاممىباپ مىڭ بىر كېچە ھىكايىلار بولۇپ ئۇلارنى ئوقۇساق ۋە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلساق ئۆزىمىزدە چۈشەنچە ۋە ھەۋەس ھاسىل بولىدۇ:

The Millionaire Fast Lane

Your Money or Your Life

The Science of Getting Rich

The Millionaire Next Door

Total Money Makeover

The Money Book for the Young, Fabulous & Broke

Secrets of the Millionaire Mind

Think and Grow Rich

Rich Dad, Poor Dad

The Richest Man In Babylon

ئنگلىزچە

مەيلى بىز بروكسىلدا ياكى نامانگەندە بولايلى ئىنگلىزچە ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ بىرىنچى چەت تىلى بولۇشى كېرەك. ئىنگلىزچە بىر سودا تىلى بولۇپلا قالماي ئېسپېرانتونىڭ ئورنىنى ئېلىۋاتقان خەلقارالىق تىل. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى گلوباللىشىش ۋە ئىنگلىزچىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى چوڭ ئېقىمغا ئەگەشكەن ئەگەشمىگەنلىكىدىن باھالاشقا بولىدۇ. ئىنگلىزچىگە تەسلىم بولغان ھىندستان ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلېرى بىردەك تەرەققىي قىلىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ئادەملېرى ۋە كامپانىيەلېرى ھازىرقى زامان ئىقتىساد تەرەققىياتىنىڭ مەھسۇلات، تەقسىمات، ئالماشتۇرۇش، ئىستېمال ۋە مۇلازىمەت قاتارلىق ھەممە ساھەلېرىدە توسالغۇسىز ئۈزۈپ يۈرمەكتە. ئاتالمىش دۆلەت تىللېرى رۇسيە، خىتاي قاتارلىق خورىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ مائارىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۋەتتى. تۈركىيەمۇ شۇنداق. خورىكى يوق ھىندىنوزىيە، برازىلىيە، مالايشيا ۋە بەزى ئافرىقا دۆلەتلېرى پات يېقىندا ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن. بىزنىڭ تىلىمىز يۇمشاق، پەن-تېخنىكىنى خىتايلاردەك «تەرجىمە قىلىپ» ئۆگىنىشنىڭ ھاجىتى يوق. خىتايدا بىز ئەسلى بىردىن-بىر غەربلەشكەن بىر مىللەت ئىدۇق. 60- يىللارغا قەدەر بىزنىڭ تەبىئ‍ي پەن ئاتالغۇلېرىمىزنىڭ سەكسەن پىرسەنتى ۋە ئىجتىمائىي پەن ئ‍اتالغۇلېرىمىزنىڭ ئاتمىش پىرسەنتى خەلقارالىق ئىدى. ئۇ ئەينى زاماندىكى چاغاتاي ئەدىبىياتىمىزنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. بەزى چاغاتاي غەزەللېرىمىزنىڭ ھەتتا توقسەن پىرسەنتى ئەرەب-پارسچە بولۇپ كەتكەن. خىتايلار دۆلەت ئىچىدە ئۆزلېرىدىن مەدەنىيەتلىك بۇنداق بىر كىچىك ياۋروپالىقنىڭ بولۇشىنى قوبۇل قىلالمىدى ۋە ئۇمۇ بىزگە ئۆچ بولۇپ كېتىشىنىڭ بىر سەۋەبى بولۇپ قالدى. بىز بۇرۇنقى رۇسچە ئارقىلىق خەلقارالىشىش مودىسىدىن بىۋاستە ئىنگلىزچىدىن قوبۇل قىلىدىغان يېڭى ئادەتنى تىكلىشىمىز ۋە ئاتا-بوۋىلېرىمىزنىڭ غەربلەشكەن ئەنئەنىسىنى مۇشۇ يېڭى يول ئارقىلىق تىز ئەسلىگە كەلتۇرۋېلىشىمىز كېرەك. مەلۇم بىر خەلقارالىق ئاتالغۇنى قىينىلىپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ياكى ئەرەب-پارسچىلاشتۇرغىنىمىز بىزنى ھەرگىز قەدىمدىن بېرى مەدەنىيەتلىك ياشاپ كېلىۋاتقان بىر مىللەت دەپ ئىسپاتلاپ بەرمەيدۇ. چەت تىلدىن سۆز قوبۇل قىلىش ھەرگىز تىلىمىزنى خۈنۈكلەشتۇرمەيدۇ بەلكى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. بۇ تىلشۇناسلىقتا ئىسپاتلانغان. بۇ جەھەتتىن ئەنسرىمەسلىكىمىز ۋە خوشاللىق بىلەن يۈزلەپ مىڭلاپ ئىنگلىزچە ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك. ئىنگلىز تىلى سودا تىلى ۋە مۇناسىۋەت تىلى بولۇپلا قالماي زامانىۋىي ئىلىم پەننىڭ ھەممە تېرمنىلېرى ئىنگلىزچە ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىغان بولدى. شۇڭا ئىچىمىزدە ئۇيغۇرچىنى كۆچەيتسەك، سىرتتا ئىنگلىزچىنى كۆچەيتىشىمىز كېرەك. قالغان كۆۋرۈكلەردىن سەكرەپ ئۆتسەكمۇ ئۇيغۇر-ئىنگلىز قوش تىللىقىمىزنى بۇشاتماسلىقىمىز لازىم. بىز دۇنيادىكى يوقالمايدىغان بىر قۇدرەتلىك مىللەت بولۇش ئۈچۈن ئاۋال ئىنگلىز تىلىدا پۇختا بولۇشىمىز كېرەك. خىتايدا بىزنى خىتايچە قوش تىلغا زورلىسا چەتئەلدە ئ‍ۆزىمىزنى ئىنگلىزچە قوش تىلغا زورلىشىمىز لازىم. ھىندىستانلىقلار كونفېرېنستا ئىنگلىزچە سۆزلىشىدۇ. خەلقارالىق ئورگانلارنىڭ ھەممىسىنى ھىندىلار ئىگەللەپ بولدى. ئىنگلىز تىلى بۇنىڭدىن كېيىنكى بارلىق يۇقۇري قاتلام ئىجتىمائىي ۋە پەننىي ھاياتىمىزنىڭ جانلىق تىلى بولۇپ قالىدۇ. مەسىلەن، كۆز ئالدىمىزدا ئىگىلىك تىكلەش دولقۇنىنى قوزغىۋەتسەك تۆۋەندىكىدەك ئىقتىسادىي تېرمىنلار كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدۇ:

Accounting، Finance، Manufacturing Marketing, Research, Development, Safety, ، Sales، Management، Enterprises، Organization، Regulation، Commercial Law، Capital Intellectual Property, Trade Union, Real Estate, Currency Exchange, Investment, Trade, Stock, Bond, Interest, Mortgage …

بەزىلەر بالىلىرىنى ھېساب بىلمەيدۇ دەپ ئۇرىدىكەن. كۆز ئالدىمىزدىكى ئىگىلىك تىكلەش دولقۇنىدا مەبلەخ سېلىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سودا-سېتىق ساھەسىدىكى ئاساسلىق نەزىرىيە ۋە بىلىملەرنى تۈرلۈك مائارىپ ۋە تەشۋىقات يوللېرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاممىباپ ساۋادىغا ئايلاندۇرىشىمىز كېرەك. بۇ كەسپنى ئوقۇغانلار ئون يىلغا قالماي ئاساسەن مىليونېر بولۇپ كېتىدۇ. ئەمىلىيەتتە بىزنىڭ ھەقىقىي يېتەكچى كۈچىمىز مۇشۇ ساھەلەردىكى ياشلار.

پاي چەك ئامېرىكا ئائىلىلېرى سالىدىغان ئەڭ چوڭ مەبلەخلەرنىڭ بىرى بولۇپ ئۇلارنىڭ يېرىمى بولۇپمۇ بايلىرىنىڭ توقسەن پىرسەنتى پاي چەك ئوينايدۇ. پاي چەك  قىمار ئەمەس، ئۇنىڭدا جەزمەن بىلىم بار. ئەمما بۇ جەڭلەردە يېڭىپ چىقىدىغانلار يىگىرمە پرسەنتكە بارمايدۇ.

ئۆي مۈلۈك پاي چەكتىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇراتتى. ئ‍امېرىكىلىقلارنىڭ ئ‍اتمىش پىرسەنتىنىڭ ئۆي مۈلكى بار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتمىش پىرسەنتى قەرز تۆلەيدۇ. يېىقىندىن بېرى ئۇ بارا-بارا پاي چەكنىڭ ئورنىنى ئېلىۋاتىدۇ. ئەڭ ئوڭاي پايدا توپۇلاڭدا توقاچ ئوغۇرلاش. ئۇرۇش، ئاپەت ۋە كىرزىسلار ئىچىدە داۋلغۇپ تۇرۇدىغان بۇ دۇنيا ھەر دائىم بىزگە پۇل تېپىشنىڭ ياخشى پۇرسەتلەرنى تۇغدۇرۇپ تۇرىدۇ.

تىجارەت پەزىلىتى

ئۇيغۇرنىڭ كومپانىيەلېرى ئۆزىنىڭ قانۇنىي، پاك ۋە ھالاللىقى بىلەن جەمىيەتتە ھۆرمىتىنى تىكلىشى ۋە ساقلىشى كېرەك. پۇلنى يا قانۇنسىز قان تۆكۈش بىلەن يا قانۇنلۇق ئەقىل بىلەن تاپقىلى بولىدۇ. «تىجارەتنىڭ ھېلىسىغا ۋاقتىڭنى زايا قىلماي تىجارەتنىڭ ئۆزى بىلەن شوغۇللان». قولۇڭدىن كەلسە دوستۇڭنىڭ يانچۇقىدىكى ئاز پۇلغا كۆز سالماي كوچىدا سەلدەك ئېقىۋاتقان پۇلدىن بىر ساپلۇق ئۇسۇۋال. باي بولۇش ئۈچۈن ئادەم ئىشلىتىش كېرەك. بۇرۇن ئىتالىيەلىكلەر مافىيا بولۇۋېلىپ كوچىلاردا ئوق ئېتىپ يۈرگەن ئىدى. كېيىن ئ‍ۇنداق ئىشنىڭ قاملاشمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. بەزى رۇسلار دەستلەپ كېلىپلا نيويوركتا ئادەم ئۆلتۈرۈشكە باشلىدى ھازىر ئازلىدى. كاپىتالىزىمنىڭ رەھىمسىز رىقابەتلېرى ئىچىدە تەرتىپ ۋە ئەخلاق-پەزىلەتنى ساقلاپ قالماق تەس.

پۇل تېپىش تەس، ئەمما تاپقان پۇلنى قانداق خەجلەش ئۇنىڭدىنمۇ تەس. قانداق قىلىپ ئۇنى ئەڭ ساۋاپلىق، ئەھمىيەتلىك، ئىھتىياجلىق ۋە پۇل تۇغۇدىغان يەرگە خەجلەشكە جىق بىلىم، پەزىلەت ۋە تەجرىبە كېتىدۇ. ئىسراپچىلىق سۆلەتۋازلىق تېگى پەسلەرنىڭ ئىشى. لىق بىر جوزا سەينى بۇيرۇتۇپ قويۇپ تۈزۈك يىمەي تۆكۈۋېتىش ئۆزىنىڭ نامرات ئارقا كورۇنۇشىگە قىلغان ئ‍سيان.

ياخشى قۇماندان ئەسكەرنىڭ قارنىنى تويغۇزۇپ ئارقا سەپنى چىڭداشنى ئوبدان بىلىدۇ. تەشكىلاتلار ئۈچۈن جامائەتنى داۋاغا چىللاش ئوڭاي ئەمما ئۇلارغا كۆيۈنۈش ۋە باي قىلىش تەس.  «يوقسۇلغا بىلىق بەرمە، بىلىق تۇتۇشنى ئۆگەت». ئىئانە، ساخاۋەتلەر تىلەمچىلىكنى تۇغدۇرىدۇ. بۇ يەردە مەبلەخ سېلىش بىلەن سەدىقە بېرىشلارنى توغرا قىلىشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ زاكات توپلاپ خىيانەت قىلىدىغان دەرنەكلەردىن يىراق تۇرۇشىمىز، گۇرۇپپا بولۇۋېلىپ ئارىمىزغا بۆلگۈنچىلىك سالىدىغان تەشكىلاتلارغا قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك

تەشكىللىنىش

ئەر خوتۇن شەخسى پۇل تاپىمىز دىگەندىن بىر نەچچە ئۆيلۈك بىرلىشىپ ئىش باشلغان ئۈنۈملۈك بولىدۇ. مەن بۇرۇن تۇرغان ئۆينىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدە ئۈچ ئۆيلۈك جوھۇد ھەر شەنبە بىر يىغلىپ شام ياندۇرۇپ، ناخشا ئېيتاتتى. توخۇ گۆشى پىىشپ يەپ بولغاندىن كېيىن كېچىچە پۇلنىڭ مۇزاكىرىسىنى قىلاتتى. ئەگەر ئۇنداق ھايات داۋاملىشىۋەرسە شۇلار باي بولماي كىم باي بولماقچى؟ مەلۇم بىر تىجارەتنى كۆزلىگەندە ئۆزەم قىلىمەننىڭ ئورنىغا بىللە قىلايلى دىگەننى ئويلىشايلى. مەسىلەن ھەر ھەپتىدە بىر-ئىككى قېتىم يىغىلىپ مۇزاكىرىلەشسەك بىر يىل ئەللىك يىغىندىن كىيىنمۇ ئەمەلگە ئاشمايدىغان بىرەر ئىش بولارمۇ؟

بىر يېڭى كەلگەن ياكى ئىشسىز ئۇيغۇر ئۈچۈن قاراڭغۇدا تىمسىقلاپ بىر ئىش تېپىش تەس، ئەمما ئىش تېپىۋېلىپ يورۇغلۇققا چىقىۋالغانلار ئۈچۈن ئىككى-ئۈچ قېرىندىشىنىڭ قولىنى تارتىش تەس ئەمەس. ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ چەتكە چىققان ۋاقتى، قىلىۋاتقان ئىشى ۋە ئورنى ئوخشىمايدۇ. ئەمدى مەن قاچان كەلگەن، نىمە ئىش قىلدىم ۋە قانچە ئۇيغۇرغا ياردەم قىلدىم دىگەننىڭ ھېسابىنى بېرىدىغان كۈن كەلدى. كونىلار يېڭىلارنى تارتىش، خىزمىتى بارلار خىزمىتى يوقلارنى تارتىشتەك ئىسىل مىللىي پەزىلەتنى تەقدىرلەپ تۇرۇش تەشكىلات، مېدىيا ۋە لىدېرلېرىمىز ئۇنتۇپ قالسا بولمايدىغان بىر ئىش. ئىقتىسادنىڭ ھەممە ساھەلېرى مەلۇم گۇروھنىڭ مونوپولىيەسىدە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىگە قېرىنداشلار قول تۇتۇشمىسا كىرمەك تەس ياكى مۇمكىن ئەمەس. بۇ ئەھۋال ھەتتا بەزى ئۇششاق-چۈششەك  كەسپلەردىمۇ كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن ۋاشىڭتوندا شىكلار تاكسى ھايدايدۇ، ئىفوپىيەلىكلەر دەرۋازا باقىدۇ. شۇلارمۇ بىر-بىرسىنى تارتىپ كىرۋالغان خىزمەتلەر.

دۇنيادا ئىگىلىك جىق ۋە شۇنداق ئىگىلىكلەرنى تىكلەشكە بولۇدىغان پۇرسەتلەرمۇ جىق. بىر تىجارەتچىنىڭ ھۆرمىتى ئۇنىڭ قانداق پۇرسەت بىلەن باي بولغانلىقى ئەمەس قانچە ئۇيغۇرنى باي قىلغانلىقىدا. تىجارەت بىر رىقابەتتۇر. بىز بىر ياخشى ئىگىلىكنى تىكلىۋالغان بولساق ئۆزىمىزگە دۇشمەن تىكلەپ شۇ ئىگىلىكنى باشقا ئۇيغۇرلار ئارسىدا كېڭەيتەمدۇق ياكى ھىچكىمنى يېقىن يولاتماي ئۆزىمىزنى قوغدامدۇق؟ قېرىنداشلېرىمىز ياردەم قولىنى سۇنسا قىرغاققا چىقىۋالغاندىن كېيىن تۇزكورلۇق قىلامدۇق ياكى رەھمىتىنى ھەسسىلەپ ياندۇرۇپ ئۆزىمىزمۇ باشقىلارغا ياردەم بېرەمدۇق؟ بۇلار ھەر بىرىمىزنىڭ شەخسىيىتىگە ۋە مىللەتنىڭ ساپاسىغا باغلىق ئىشلار. قېرىنداشلار ئارسىدا دوستلۇق، ئامراقلىق، ئ‍ىشەنچ ۋە ھەمكارلىقنى تىكلەش بۇلۇپمۇ مۇشۇ كۈنلەردە دەرت-ئەلەمگە توشۇپ كەتكەن خەلقىمىزنىڭ قەلبى ئۈچۈن يوقاتقان يۇرت ۋە ئۆلگەن تۇققانلېرىمىز ئورنىنى تولۇقلايدىغان تەسەللى.

تراست (ئشەنچلىك)

غەرب ئىقتىساد تەرەققىياتىدىكى بىر ياخشى خىسلەت شۇكى ئۇ دۆلەتلەردىكى ئادەملەر ۋە كامپانىيەلەر ئوتتۇرسىدا تراست يەنى ئشەنچلىك ھەمكارلىق تىكلەنگەن. ياپون جەمىيتىدىمۇ تراست كۈچلۈك. بۇ يەردە رىقابەت بىلەن ھەمكارلىقنىڭ دىئالېكتىك مۇناسىۋىتىنى توغرا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۈست بىرلىكنى تۇرغۇزۇش كىرەك. مەبلەخ ياكى ئىئانىگە خىيانەت قىلىش ئىككى دۇنيالىق ھارام ئىش. بىز ئىشنى خىيانەتتىن باشلىدۇق. ئەندى خەلق پۇل چىقىرىشتىن قورقىدىغان، قارىملاردىن باشقىسىغا بەرمەيدىغان بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئۇنداق سەت ئىشنى ھەرگىز قىلمايدىغان بىر داۋا ئەخلاقى قانۇنىنى تىكلەپ قويۇشىمىز كېرەك. مەن 1991- يىلى ئالموتودا ئالغان ئ‍ۇيغۇر ئۆيىنى يولداش ئازاماتوۋلار يەپ كەتتى، ھېلىھەم تۇرۇپتۇ. ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۇركىستان ۋەخپى ۋە ۋاشىڭتوندىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ھەققىدە مىش-مىش گەپلەر جىق. بۇلارنىڭ ھېساۋاتىنى ئېنىق بېرىپ توسمىنى ئاچمىغىچە سۇ ماڭمايدۇ. بولمىسا بۇ كەمگىچە ئوتتۇز ئۆي ئېلىنىپ بولغان بولاتتى.

مەن ئىشىنىمەنكى تەشكىلاتلىرىمىز قاناتيايدۇرغان بۇ دۇنياۋىي خاراكتېرلىك ئىنقلاپ، زىيالىلېرىمىز باش قاتۇرۇپ پىلانلىغان بۇ چوڭ ئ‍ستراتېگىيەلىك پروگرامما، ئىقتىسادچىلېرىمىز ئۆز قوللېرى بىلەن يىتەكلىگەن يىڭى-يىڭى ئىگىلىكلەر پات يېقىندا ئۇيغۇرلار قۇرغان ئالى بىلىم يۇرتلېرىنى، ئۇيغۇرلار سالغان ئىگىز بىنالارنى، ئۇيغۇرلار ئاچقان بانكىلارنى، ئۇيغۇر دوختۇرخانىلېرىنى، ئۇيغۇر زاۋۇتلېرى ئىشلەپ چىقارغان ماللارنى، ئۇيغۇرلار تىكلىگەن خەلقارالىق كومپانىيەلەرنى ۋە پەزىلەتلىك قايناق ئۇيغۇر شەھەرلېرىنى مەيدانغا كەلتۇرىدۇ.

2020-يىلى ئىيۇل

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top