• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » داڭلىق كىشىلەر » ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى ۋە ئۇيغۇرشۇناس رېشېتوف

ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى ۋە ئۇيغۇرشۇناس رېشېتوف

نەبىجان تۇرسۇن (تارىخ پەنلىرى دوكتورى)

رۇسىيەنىڭ سانكىتپېتېربۇرگ شەھىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ھەمراجان ئامراق ئەپەندى فەيسىبوئوكتا ئاتاقلىق رۇس ئۇيغۇرشۇناسى ئالېكساندىر رېشېتوفنىڭ سۈرىتى بىلەن ئۇنىڭ قىسقىچە ھايات تەرجىمھالىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى چاپلىدى، ئوزۇم كوپ سۆھبەتداش بولغان ۋە مېنىڭ موسكۋادىكى 6 يىللىق ئۇيغۇر تارىخى دوكتورلۇق ئوقۇش ھاياتىمغا تەسىر كۆرسەتكەن بۇ ئۇستازنىڭ سىماسىنى كۆرۈپ ئۇنى ئەسلىدىم.

مەرھۇم ئالېكساندر مىخايلوۋىچ رېشېتوف ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېقىن دوستى، بىر ئۆمۈر ئۇيغۇرلار نەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا ئەڭ يۈكسەك باھا بېرىپ ئۆتكەن رۇس-سوۋېت ئۇيغۇرشۇناسى ئىدى.

رېشېتوف لېنىنگراد، يەنى سانكىتپېتەربۇرگدا ياشاپ، شۇ جايدىكى رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنىتىتۇتى شۆبىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئۆتتى ۋە شۇ يەردە ۋاپات بولدى. رېشېتوف بىلەن مەن 1991-يىلى 6-ئايدا 2- قېتىملىق پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇرشۇناسلىق كونفېرېنسىيەسىدە تونۇشقان. بۇ كونفېرەنسىيە ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىش ئالدىدىكى ئاخىرقى ئۇيغۇرشۇناسلىق كونفېرېنسىيەسى ئىدىكى. مەن موسكۋادىن كېلىپ قاتناشتىم، لېنىنگرادتىن س. كيلاشتورنىي، م. رېشېتوفلار، موسكۋادىن يەنە د. ناسىلوف ۋە د. دۇبروۋسكايا قاتارلىقلار كەلگەنىدى.

ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن مەن رېشېتوف بىلەن يەنە كۆپ قېتىم كۆرۈشتىم. رېشېتوف دائىم ئۇيغۇر خەلقىگە ئەڭ ياخشى تىلەكلەرنى دەيتتى. ئۇيغۇرلار ئەسلىدە بىر جۇمھۇرىيەت بولۇشى كېرەك ئىدى. ئۇيغۇرلار ئەگەردە بىر جۇمھۇرىيەت بولسا مەركىزىي ئاسىيادا ئەڭ باي ۋە ئەڭ مەدەنىيەتلىك ھەم كۈچلۈك جۇمھۇرىيەت بولاتتى. بۇنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شانلىق تارىخى ئىسپاتلاپ بەردى. ئۇيغۇرلار تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا ئەڭ مەدەنىيەتلىك ۋە كۈچلۈك ھەم مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەرنى قۇرغان خەلق ئىدى. شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار مانجۇ-خىتايلارنىڭ ئىشغالىغا چۈشكەندىن كېيىنمۇ ھىچقاچان كۈرەش قىلىشنى توختىتىپ قويمىدى، ئەسلىدە بۇ جۇمھۇرىيەت قۇرۇشقا ھەقلىق خەلق ئىدى دېگەن ئىدى. يەنە بىر تارىخچى پروفېسسور ب. گۇرىيېۋىچ بولسا بىز سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ئۇيغۇر خەلقىنى تارىختا ئۈچ قېتىم قۇربان قىلىۋەتتۇق، بولمىسا ئاللىبۇرۇن مۇستەقىل بولۇپ كېتەتتى دېگەنىدى. مەن بۇلارنى «موسكۋا خىياللىرىم» غا كىرگۈزگەنىدىم. 1990-1998-يىللار ئارىسىدا مەن كۆرگەن ۋە سۆھبەتداش بولغان شۇنىڭدەك مېنىڭ ئىلمىي ئىشلىرىمنى قوللىغان، ئۇستاز بولغان سوۋېت-رۇسىيە ئالىملىرى- ئاكادېمىكلار، پروفېسسورلار د. ۋاسىليېف، پروف. رېشېتوف، پروف. چۋىر، ئاكادېمىك ب. لىتۋىنسكىي، پروف. د. ناسىلوف ۋە باشقا ئونلىغان ئالىملار، جۈملىدىن تاتار ئالىملىرىدىن پروف. ئەدھەم تېنوشېف، پروف. مىرقاسىم ئوسمانوف ۋە باشقا ئونلىغان رۇس، تاتار ۋە باشقا مىللەت ئالىملىرى، بولۇپمۇ رۇس ئۇيغۇرشۇناسلىرى ئۇيغۇر خەلقىگە ئەڭ يۈكسەك باھالارنى بېرەتتى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىل دۆلەتسىز، جۇمھۇرىيەتسىز قالغانلىقىغا ئېچىناتتى ھەم ھىسداشلىق قىلاتتى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇلارنىڭ ھەممىسى تارىختىكى رۇسىيە ۋە سوۋېت سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى ئىدى، خالاس.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top