• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » داڭلىق كىشىلەر » دۇنيادىكى ئەڭ باي جەمەت-ۋالتون جەمەتى ھەققىدە

دۇنيادىكى ئەڭ باي جەمەت-ۋالتون جەمەتى ھەققىدە

تەرجىمىدە جۇشقۇن

دۇنيادىكى ئەڭ باي جەمەتلەر تىلغا ئېلىنسا، نۇرغۇن كىشىلەر سىرلىق روسچىلد جەمەتى ياكى ئامېرىكىدىكى روكفېللېر جەمەتى، مورگان جەمەتى قاتارلىقلارنى ئېسىگە ئېلىشى مۇمكىن، بۇ جەمەتلەر ئىلگىرى شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ لېكىن ھازىرقى بايلىقىنىڭ كونكرېت ئەھۋالىنى تاشقى دۇنيا بىلمەيدۇ. بايلار تىزىملىكى رەت تەرتىپىدىن قارىغاندا، بىل گەيتىس ئون نەچچە يىلدىن بۇيان دۇنيا بويىچە بىرىنچى باي ئادەم ھېسابلىنىپ كەلدى. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئامازوننىڭ قۇرغۇچىسى بېزوس بىرىنچى بايلىق ئورنىغا چىقىپ، دۇنيادىكى ئەڭ پۇلدار ئادەم بولۇپ قالدى.

لېكىن ئۇلار ئەڭ پۇلدار جەمەت ھېسابلانمايدۇ، باي جەمەتلەر تىزىملىكىدىن قارىغاندا، ئەڭ باي جەمەت ئامېرىكىدىكى ۋولمارتنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋالتون جەمەتى بولۇپ، فوربېسنىڭ يېڭى بايلار تىزىملىكىدە كۆرسىتىلىشىچە، ۋولمارتنىڭ قۇرغۇچىسى سام ۋالتوننىڭ كىچىك ئوغلى جىم ۋالتوننىڭ مۈلكى 53 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، قىزى جوس ۋالتوننىڭ مۈلكى 53 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، چوڭ ئوغلى روبېرسېن ۋالتوننىڭ مۈلكى 46 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ بايلىقى جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ باي ما يۈننىڭ 39 مىليارد 400 مىليون دوللىرىلىق بايلىقىدىن كۆپ، ئۈچ ئادەمنىڭ جەمئىي بايلىقى 152 مىليارد 500 مىليون دوللار بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ باي بېزوسنىڭ 111 مىليارد 900 مىليون دوللارلىق بايلىقىدىن خېلىلا كۆپ.
نېمە ئۈچۈن ۋالتون جەمەتىنىڭ بايلىقى بۇنچە كۆپ؟ بۇ كارخانا ئۇدا نەچچە يىل دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كارخانا بولۇپ كەلگەن. «بايلىق» ژۇرنىلى ئېلان قىلغان تىزىملىكتە 2019-يىلى دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا ئىچىدە ۋولمارت يەنىلا 1-ئورۇندا تۇردى، تىجارەت كىرىمى 514 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا (خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 3 تىرىليون 581 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولىدۇ) يەتتى، ئۇنىڭ تىجارەت كىرىمى 2-بولغان جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ 414 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق تىجارەت كىرىمىدىن 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن ئارتۇق.

ھازىر ۋولمارتنىڭ دۇنيادا 8500 دىن ئارتۇق دۇكىنى بار، خىزمەتچىسى 2 مىليون 200 مىڭدىن ئاشىدۇ، ئۇلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان. 1996-يىلى ۋولمارت جۇڭگوغا كىرىپ، شېنجېندا تۇنجى دۇكاننى ئاچتى، ئارقىدىنلا كۈچلۈك كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، ناھايىتى تېزلا جۇڭگونىڭ پارچە سېتىش كەسپىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. گەرچە بەزى مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك. 2018-يىلى جۇڭگو بازىرىدىكى تىجارەت كىرىمى 80 مىليارد 400 مىليون دوللارغا يەتتى، دۇكان سانى 441 كە يېتىپ، تىجارەت كىرىمى خۇارۈندىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇردى.
ۋولمارتنىڭ قۇرغۇچىسى سام ۋالتون «ئامېرىكا ئارزۇسى»نىڭ تىپىك ۋەكىلى بولۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئارمىيىگە قاتناشقان، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ، قېيىنئاتىسىدىن 20 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى قەرز ئېلىپ بىر كىچىك دۇكان ئېچىپ، ئىگىلىك تىكلەش مۇساپىسىنى باشلىغان. كېيىن 1962-يىلى تۇنجى ۋولمارت تۈرلۈك ماللار دۇكىنىنى ئاچقان.

سام ۋولتون بىر مۇنەۋۋەر كارخانىچى، ئۇ ئىنتايىن يۇقىرى ئىگىلىك باشقۇرۇش تالانتىغا ئىگە، ئىنسان تەبىئىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ. ئۇ «ئايالچە ئىشتان نەزەرىيەسى» نى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:«ئايالچە ئىشتاننىڭ كىرىش باھاسى 0.8 دوللار، سېتىلىش باھاسى 1.2 دوللار، ئەگەر مەن باھاسىنى چۈشۈرۈپ بىر ئامېرىكا دوللىرىدىن ساتسام، ئازراق پۇلنى ئاز تاپىمەن، لېكىن ئۈچ ھەسسە ئارتۇق مال ساتىمەن، ئەمەلىيەتتە ئاز پايدا ئېلىپ كۆپ ساتىمەن». ۋولمارت ئادەتتىن تاشقىرى تۆۋەن باھا ئەۋزەللىكى ئارقىلىق يەر شارى ئىستېمالچىلىرىنى ئۈزلۈكسىز جەلپ قىلىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشىدىكى يادرولۇق سەۋەب.

ئەلۋەتتە، بۇنىڭغىلا تايىنىش كۇپايە قىلمايدۇ، ۋولمارت گەرچە ئەنئەنىۋى پارچە سېتىش كارخانىسى بولسىمۇ، لېكىن تېخنىكىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئەمەلىي كۈچى ئازراقمۇ ئاجىز ئەمەس. بۇنىڭدىن 35 يىل ئىلگىرىلا ۋولمارت سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىپ، پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا بارلىق تاۋارلارنىڭ ئامباردا ساقلىنىش، جازىغا چىقىرىلىش، سېتىلىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سىستېمىنى سانلىق مەلۇمات ياردىمى بىلەن تەمىنلەپ، سېتىش بىلەن زاكاز قىلىش، ئىسكىلاتتا ساقلاشنىڭ ماس قەدەمدە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەننەرخنى تېجەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. مانا بۇ تەرتىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش، سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق ئىستېمال ئەھۋالى ۋە ئىسكىلات قالدۇقى ئەھۋالىنى ئىگىلەش. ئەمەلىيەتتە بۇ ما يۈن ھەر كۈنى تىلغا ئېلىپ كېلىۋاتقان «چوڭ سانلىق مەلۇمات» بولۇپ، سام ۋالتون بۇنىڭدىن بۇرۇنلا ئەمەلگە ئاشۇرغان. ئامازوننىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك CTO سى ۋولمارتتىن تەكلىپ قىلىنغان، بۇنىڭدىن ۋولمارتنىڭ تېخنىكا كۈچىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

ۋولمارت «ئاز پايدا ئېلىپ كۆپ سېتىش» بىلەن «ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش» نى بىرلەشتۈرۈپ، تېز سۈرئەتتە كېڭىيىپ، رەقىبىنى بىر-بىرلەپ مەغلۇپ قىلىپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ زەنجىرسىمان تاللا بازىرى گۇرۇھىغا ئايلاندى.

ئەلۋەتتە، سام ۋالتون مۇشۇنداق بىر ئۇلۇغ كارخانىچى، ئەمما بۇ ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭمۇ مۇشۇنداق ئىقتىدار ۋە تالانتقا ئىگە ئىكەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. شۇڭا، ئەگەر كارخانا ئۇلارنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇلسا، كارخانىنىڭ روناق تېپىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولامدۇ؟ بۇ دەل ئىككىنچى ئەۋلاد ئىز باسارنى تاللاش مەسىلىسى. ئەمەلىيەتتە، ۋولمارت ئىنتايىن كلاسسىك جەمەت ۋارىسلىق قىلىش مىسالىنى ياراتتى. ئۇ بولسىمۇ جەمەت ئەزالىرى پايچىك بولۇپ، كارخانا ئەڭ مۇنەۋۋەر كەسپىي دىرېكتورلارغا تاپشۇرۇلدى، بۇنداق بولغاندا كارخانا ئىزچىل مۇنەۋۋەر بولىدۇ. شۇڭا، سام ۋالتوننىڭ بىر نەچچە پەرزەنتى كارخانىدا پەقەت مۇدىرىيەت ئەزاسى بولدى ھەمدە باش مۇدىر بولدى، بىراق CEOلۇق ۋەزىپىسىنى كەسپىي دىرېكتورغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، ئۇلارنى يۇقىرى مائاش بىلەن كارخانىنى باشقۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.

1992-يىلى سام ۋالتون ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ۋولمارت ئۈزلۈكسىز زورايدى، بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كارخانا بولۇپ قالدى، مانا بۇ كىلاسسىك جەمەت ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش مىسالى.

ۋولمارت جەمەتىنىڭ ئەزالىرى بايلار تىزىملىكىدە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ناھايىتى كەمتەر بولۇپ، دادىسى سام ۋالتوننىڭ مىجەزىگە ۋارىسلىق قىلىپ، كەمتەر، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھېچقانداق بايۋەچچىلىك كېبىرىنى كۆرسەتمىدى، بۇ خىسلەتلەر بەلكىم جەمەت بايلىقىغا مۇقىم ۋارىسلىق قىلىشىنىڭ سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top