• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » پەن - مائارىپ » كىۋانت فىزىكىسى ئەمەلىي تۇرمۇشتا قانداق رول ئوينايدۇ؟

كىۋانت فىزىكىسى ئەمەلىي تۇرمۇشتا قانداق رول ئوينايدۇ؟

تەرجىمىدە توربەگ

ھەرقېتىم كىۋانت دېگەن سۆز تىلغا ئېلىنسا ئۇنىڭغا ئابىستىراكىت چۈشەندۈرۈشلەرنى بېرىمىز. بۇنداق ئېنىقسىز ۋە غەلىتە نەزەرىيە قارىماققا بىزدىن ناھايىتى يىراقتەك، بىز بىلەن مۇناسىۋىتى يوقتەك تۇيۇلىدۇ. ئۇنداقتا ئەمەلىي تۇرمۇشتا كىۋانتنىڭ رولى بارمۇ؟ ئەلۋەتتە بار. ھازىرقى پەن-تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىدىن كۆپرەكى كىۋانت نەزەرىيەسى ئاساسسىدا تەرەققىي قىلغان. ئەگەر كىۋانت بىلەن ئۇچراشماقچى بولسىڭىز تەجرىبىخانا دېگەندەك يەرلەرگە بېرىش ھاجەتسىز. پەقەت سودا سارايدىن بىرسىگىلا بارسىڭىز كۇپايە.

بەزى سودا سارايلارنىڭ ئىشىك ئالدىغا كېلىپ بولغۇچە «كۈنجۈت، ئىشىكنى ئاچ» دېمىسىمۇ ئۆزلىكىدىن ئېچىلىپ يېپىلىدۇ. بۇنداق ئىشىكلەرگە فوتوئېلىكتېرىك تۇرۇبا دېگەن نەرسە ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ياپراقچىدىن تۈزۈلگەن بىر سېنزور. سېنزورنىڭ نۇرى توسۇلغان ھامان قۇرۇلما ھەرىكەتلىنىپ ئىشىك ئۆزلىكىدىن ئېچىلىدۇ. سودا سارايلاردىكى سىفىرلىق كامېرا، چىراغ سېنزورى، ھېسابلىغۇچ، DVD، لازىر نۇرلۇق پىرىنتىر، ئوپتىكىلىق مائۇس، نەرسە ئالغاندا تاياقچە كود سايىلەيدىغان ماشىنىدىن تارتىپ ھەممىسى فوتو ئېلىكتىرىك ئېففىكتىنى قوللىنىدۇ. پەن-تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى تىلغا ئالغاندا 20-ئەسىردىكى مۇھىم كەشپىيات بولغان كىرىستال لامپىنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ. كىرىستال لامپا بولمىغان بولسا يانفون، كومپيۇتېر، تېلېۋىزور، رادىيو قاتارلىقلارمۇ مەۋجۇت بولمىغان بولاتتى. كىرىستال لامپا توك يولىدا توك ئېقىمىنى ئۈلەشتۈرۈش ۋە ئېقىملاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇ 1974-يىلى كەشپ قىلىنىپ، ۋاكۇئۇم تۇرۇبىنىڭ ئورنىنى ئالغان.

ۋاكۇئۇم تۇرۇبا بىر چوڭ لامپۇچكىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئالقانچىلىك كېلىدۇ. كىرىستال لامپىنىڭ چوڭلىقى بولسا بىر سانتىمېتىرنىڭ نەچچە مىليوندىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ. دەسلەپكى كومپيۇتېرغا ۋاكۇئۇم تۇرۇبا ئىشلىتىلگەچكە ھەجىمى چوڭ، باھاسىمۇ قىممەت ئىدى. كىرىستال لامپا پەيدا بولۇپ، ئۆزەك ئىجاد قىلىندى. توك يولىنىڭ كىچىكلىشى ئەمەلگە ئاشتى. بۇرۇنقى نەچچە ئۆيگە لىق كېلىدىغان كومپيۇتېر بىر سومكىغا پاتقۇدەك بولدى.
كىۋانت ئىلمى بىلەن بىيولوگىيە تېخنىكىسى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت كۈندىن-كۈنگە زىچلىشىپ، كىۋانت تېخنىكىسى تېببىي ساھەدىمۇ قوللىنىلىپ كەلمەكتە. مەسىلەن كىۋانت رادىيوئاكتىپلىق داۋالاش ئۇسۇلىدا راك ھۈجەيرىلىرىگە نۇقتىلىق ھۇجۇم قىلىپ، ساغلام ھۈجەيرىلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

كومپيۇتېرنىڭ ئىقتىدارى ئۇنىڭدىكى ئۆزەك سانىغا باغلىق. ئىنتىلنىڭ قۇرغۇچىسى 1965-يىلى مور قانۇنىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كومپيۇتېردىكى ئۆزەككە پاتىدىغان كىرىستال لامپا سانىنىڭ ھەر 18 ئايدا بىر ھەسسىلىنىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان. بۇنى ئېنىقراق چۈشەندۈرگەندە، ھازىرقى ئادەتتىكى بىر يانفوننىڭ ئىقتىدارى ئەينى چاغدا ناسا ئاي شارىغا تۇنجى قېتىم ئادەم ئەۋەتكەندە ئىشلەتكەن كومپيۇتېرنىڭ ئىقتىدارىدىنمۇ كۈچلۈك. بىراق كىرىستال لامپا كىچىكلەپ ئاتوم چوڭلۇقىدا بولغاندا توختاپ قالىدۇ. بۇ چاغدا كىۋانت ئىلمىدىكى ئاجايىپ قانۇنىيەتلەر كۈچكە كېلىدۇ. ئادەتتىكى كومپيۇتېردا ئەڭ كىچىك بىرلىك «بىت» بولۇپ، ئىككىلىك سىستېما دېيىلىدۇ. بۇنى «0» ۋە «1» بىلەن ئىپادىلەيدۇ. كىۋانت كومپيۇتېرىدا «0» بىلەن «1»نى ھەسسىلەپ تۇرۇپ ھېسابلايدۇ. بۇ ئارقىلىق ھېسابلاش سۈرئىتى زور دەرىجىدە قىسقىرايدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top