• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » 1929-يىلىدىكى چوڭ كاساتچىلىق زادى قانچىلىك قورقۇنچلۇق؟

1929-يىلىدىكى چوڭ كاساتچىلىق زادى قانچىلىك قورقۇنچلۇق؟

تەرجىمىدە قەھۋە

1918-يىللىرى ئامېرىكا قىسقا مەزگىللىك ئىقتىسادىي چېكىنىشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئىقتىسادنىڭ پارتلاش خاراكتېرلىك ئېشىشى كۆرۈلگەن. ئەسلىدە دۇنيا زومىگىرى بولغان ئەنگلىيە ئۇرۇشتا قاتتىق زىيانغا ئۇچرىغان، دۇنيانىڭ پۇل مۇئامىلە مەركىزى لوندوندىن نيۇيوركنىڭ ۋال كوچىسىغا يۆتكەلگەن. بۇ چاغدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يولغا قويغىنى ئىقتىسادقا پۈتۈنلەي ئارىلاشمايدىغان ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىدىغان ئەركىن سىياسەت بولۇپ، ئامېرىكا سانائەتلىشىش ۋە ئىستېمالچىلىق مەدەنىيىتىگە تايىنىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئالتۇن ئون يىلىنى كۈتىۋالغان. ئاپتوموبىل: 1929-يىلى ھەر بەش ئامېرىكىلىقنىڭ ئىچىدە بىرىنىڭ ئاپتوموبىلى بار بولغان. ئاپتوموبىل كەسپى نېفىت، كاۋچۇك، خىمىيە سانائىتى، تاشيول ۋە مېھمانخانا قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرگە تۈرتكە بولغان.

رادىيو: 1922-يىلىدىكى 60 مىڭدىن 1928-يىلىدىكى يەتتە مىليون 500 مىڭغا يەتكەن. توك چىقىرىش مىقدارى: توڭلاتقۇ ۋە كىرئالغۇ قاتارلىق ھەر خىل ئېلېكتىر سايمانلىرى كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا ئايلىنىپ، توك چىقىرىش مىقدارى سىجىل ئاشقان. ئىشسىزلىق نىسبىتى : %2 ~ %3 بولغان تۆۋەن ھالەتنى ساقلاپ قالغان، ئەزەلدىن %4 تىن ئېشىپ كەتمىگەن. خەلق ئاۋىياتسىيەسى: 1926-يىلىدىن 1929–يىلىغىچە، ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ باققان ئادەم سانى ئالتە مىڭدىن 170 مىڭغا كۆپەيگەن. ئۆي-زېمىن: بىر يىل ئىچىدە ئۆسۈش نىسبىتى %300 كە يەتكەن. پاي چېكى بازىرى: 1923-يىلىدىن 1929-يىلىغىچە، دوۋجونېس كۆرسەتكۈچى %50 ئۆرلىگەن، نۇرغۇن ئۇششاق پايچىلار پاي چېكى بازىرىغا كىرگەن.

ئەمما بۇ ئاۋات كۆرۈنۈشنىڭ ئارقىسىدا يوشۇرۇن تەھدىت مەۋج ئۇرۇپ تۇراتتى:

يېزا ئىگىلىكى ئۇزاق مۇددەت كاساتلاشقان: ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر تاموژنا بېجى تۈزۈمىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى قوغداشقا باشلىغان، ئەرزان ئەمگەك كۈچى بار دۆلەتلەرنىڭ ئاشلىقى خەلقئارا بازارغا كۆپلەپ سېلىنغاچقا، ئامېرىكىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەپ كەتكەن، باھا ئۈزلۈكسىز چۈشۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمى بارغانسېرى تۆۋەنلىگەن.

كرېدىتنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى: بۇ چاغدا ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئىستېمال ئېڭى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، «ھازىردىن ھۇزۇرلىنىش» ئۇلارنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىغا ئايلانغان. سودىگەرلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، ئامېرىكا خەلقى «ئۆز كەلگۈسى»نى ئىستېمال قىلىشقا باشلىغان. 1924-يىلىدىن 1929-يىلىغىچە، مۇددەتكە بۆلۈپ پۇل تۆلەش شەكلىدە سېتىلغان تاۋارلارنىڭ قىممىتى ئىككى مىليارد دوللاردىن ئۈچ مىليارد 500 مىليون دوللارغا كۆپىيىپ، ئاپتوموبىلنى قەرز ئېلىپلا قالماي، ھەتتا ئۆينىڭ ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇلىنىمۇ قەرز ئالغىلى بولغان. دېمەك، بىر ئامېرىكىلىقنىڭ يېنىدا بىر تىيىن پۇلى بولمىسىمۇ، قەرز پۇلىغا تايىنىپ بىر يۈرۈش ئۆي سېتۋالالايدىغان بولغان.

قارا پەيشەنبە : توختىماي چۈشۈۋاتقان پاي كۆرسەتكۈچى

پاي چېكىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، پاي چېكى ئويناش كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا ئايلانغان، 1927-يىلى نيۇيورك پاي چېكى بازىرى غالجىرلىق دەرىجىسىگە يەتكەن. كىشىلەر ئۆيىنى رەنىگە قويۇپ پاي چېكى بازىرىغا مەبلەغ سالغان، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۆينىمۇ قەرز ئېلىپ سېتىۋالغان. ئىشچىلاردىن دېھقانلارغىچە، ھەتتا ئاياغ سۈرتىدىغان كىچىك بالىلارمۇ خېرىدارلار بىلەن پاي چېكى توغرىسىدا پاراڭلىشىدىغان بولغان، كىشىلەر راست-يالغانلىقىنى بىلمەيدىغان پاي چېكى بىلەن بىر كېچىدىلا باي بولۇپ كېتىشتەك ئەپسانىلەر توغرىسىدا پاراڭلاشقان.

1928-يىلى پۇل سىياسىتىنى چىڭىتىش باشلانغان، ئوبوروت مىقدارى تۆۋەنلەپ، نۇرغۇن مەبلەغ چېكىنىپ چىقىپ، پەيدا بولغان كۆپۈك تېشىلىشكە باشلىغان. 1929- يىلى 5-ئايدا، ئامېرىكا پاي بازىرىدا قىسقا مۇددەتلىك ئۆزگىرىش بولغان، 6-ئايدا %11، 7-ئايدا %5، 8-ئايدا %10 ئۆسكەن. ئامېرىكا فېدىراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈم نىسبىتىنى %6 كە ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭ بىلەن قەرز بازىرىنىڭ كاپالەت پۇلى نىسبىتى ئىلگىرىكى %10تىن %50كە ئۆستۈرۈلگەن. 1929-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى، دوۋجونېس كۆرسەتكۈچى 381 نۇقتىغا يەتكەن، كېيىنكى 25 يىلدا بۇ نۇقتىدىن ئېشىپ كەتمىگەن. 1929-يىلى 10-ئايدا، ئون يىللىق راۋاجلىنىشنى باشتىن كەچۈرگەن ئامېرىكا ئىقتىسادى بىر كېچىدىلا ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان. 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، پاي كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىدىن بىراقلا تۆۋەنلەپ ئەسلىدىكىنىڭ %10لىك ھالىتىگە كېلىپ قالغان، لېكىن بۇ پەقەت باشلىنىش ئىدى.

10-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە، پاي چېكى بازىرىنىڭ سودا مىقدارى ئېشىپ، بازار شىددەت بىلەن چۈشۈپ كەتكەن. كاپالەت پۇلىنى قوشۇش، سېتىپ ئامبارنى بىكارلاش، داۋاملىق شىددەت بىلەن چۈشۈپ كېتىش ئۆلۈك ئايلانما ھالىتىگە كىرىپ قالغان. 1929-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى، بۇ كۈنى ئامېرىكا ئاكسىيە تارىخىدا مەڭگۈ خاتىرىلەنگەن. شۇ كۈنى 12 مىليون 890 مىڭ قېتىم پاي چېكى ئالماشتۇرۇلغان. بازار ئېچىلىشى بىلەنلا، ئاكسىيە بېرژىسىدىكى خادىملار ساراڭدەك ئۇياق-بۇياققا مېڭىپ يۈرۈپ، نۇرغۇن پاي چېكىنى قولدىن چىقارغان. لېكىن بەزى پاي چېكىنى سېتىۋالغۇچىلار يوق بولۇپ، پاي باھاسى بىراقلا تۆۋەنلەپ كەتكەن.

چۈش سائەت 12 دە، ئالتە مىليارد دوللارلىق پايچېكى «پارغا ئايلىنىپ» كەتكەن، ئىككى بانكىر ۋە بىر پايچېكى ۋاسىتىچىسى ۋەيران بولۇپ ئۆلۈۋالغان. ھۆكۈمەت ساقچى ئاجرىتىپ ۋال كوچىسىنى كونترول قىلغان، مورگان مالىيە گۇرۇھى يەنە بىر قېتىم باشقا بانكا ماگناتلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئىقتىسادنى قانداق قۇتقۇزۇش ئۈستىدە كېڭەشكەن. بۇ كۈننى كىشىلەر «قارا پەيشەنبە» دەپ ئاتايدۇ، بۇ خۇسۇسىي بانكىرلارنىڭ ياردىمىدە پاي كۆرسەتكۈچى بارا-بارا مۇقىملاشقان. كېيىنكى ھەپتە ئاخىرىدا، سىياسىيونلار ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق «بۇ ساھە تۈپتىن ئىشەنچىلىك، پەسكويغا چۈشۈپ قېلىش تېزلا ئاخىرلىشىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ سېتىۋېلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ» دەپ خەۋەر بەرگەن.

28–ئۆكتەبىر، دۈشەنبە كۈنى ئاكسىيە بازىرى ئېچىلغان ھامان باھا يەنە تېز سۈرئەتتە چۈشكەن. 29-ئۆكتەبىر «قارا سەيشەنبە» دەپ ئاتالغان، بۇ كۈندىكى پايچېكى ئالماشتۇرۇش نىسبىتى «قارا پەيشەنبە»دىنمۇ چوڭ بولۇپ، 16 مىليون 410 مىڭ قېتىمغا يەتكەن، كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسى ئۈزۈل-كېسىل سۇغا چىلاشقان. 10-ئاينىڭ 29-كۈنى، پاي كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىدىن %40 كە چۈشۈپ قالغان 1929-يىلى 10-ئايدىن 1932-يىلى 7-ئايغىچە، دوۋجونېس كۆرسەتكۈچى %87.4 چۈشۈپ، داڭلىق ھەممىباب شىركىتىنىڭ پايچېكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىدىكى 396 دوللاردىن سەككىز دوللارغا چۈشۈپ قالغان.
مەڭگۈلۈك قاباھەتلىك چۈش: كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان «چوڭ كاساتچىلىق». پاي كۆرسەتكۈچىنىڭ «قار كۆچكۈنى شەكىللىك» چۈشۈشى پەقەت ئاپەتنىڭ باشلىنىشى ئىدى، كېيىن يېتىپ كېلىدىغىنى بولسا ئامېرىكىلىقلار مەڭگۈ ئۇنتالمايدىغان ۋە كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان «چوڭ كاساتچىلىق». 1929-يىلىدىن 1933-يىلىغىچە 10 مىڭ 500 بانكا تاقىلىپ قالغان، بانكا سىستېمىسى پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالغان، 80 مىڭدىن ئارتۇق كارخانا ۋەيران بولغان. ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشى %95، پولات-تۆمۈر سانائىتى %85 تۆۋەنلەپ، ئامېرىكا ئىقتىسادى ئاساسەن توختاپ قالغان. 17 مىليون ئادەم ئىشسىز قالغان، يېرىم ئىشسىزلار سان-ساناقسىز بولۇپ، ئۆي-زېمىن كەسپى ئۈزۈل-كېسىل ۋەيران بولغان، نەچچە يۈز مىڭ ئادەم ئۆزىنىڭ ئۆيىدىن ئايرىلىپ قالغان، نەچچە مىليون ئادەم كوچىدا قالغان.

كىرىزىسقا پېتىپ قالغان ئامېرىكا گېرمانىيىگە كۆپلەپ مەبلەغ سالغان، بۇنىڭ بىلەن گېرمانىيە ئىقتىسادىمۇ كىرىزىسقا پېتىپ قالغان، ئەنگلىيە ئاكسىيە بازىرىمۇ ۋەيران بولغان، ئوخشاشلا مەبلەغ سېلىش زىيادە قىزىپ كەتكەن فىرانسىيەمۇ كىرىزىسنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، چوڭ كاساتچىلىق پۈتكۈل ياۋروپانى قاپلىغان.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top