پاناسونىك ئېلېكترون ئىمپېرىيەسىنىڭ قۇرغۇچىسى ھەققىدە
تەرجىمىدە تىللا شىركىتى
ياپون كارخانىچىلىرى ئىچىدە كونوسۇكې ماتسۇشىتا (Nonosuke Matsushita) مەڭگۈلۈك ئابىدە ھېسابلىنىدۇ. ئۇ پاناسونىك ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئىمپىريەسىنى بەرپا قىلىپلا قالماي، يەنە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى، ياسىلىشى، سېتىلىشىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن، بۇ ئەپسانىۋىي ئىمپېرىيە ھەققىدە سۆز قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ھاياتىدىن گەپ باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.
كونوسۇكې ماتسۇشىتا 1884-يىلى تۇغۇلغان. ئۇ بەش ياشقا كىرگەن يىلى دادىسى سودىدا مەغلۇپ بولۇپ، ئائىلىسى ناھايىتى قىيىن ئەھۋالدا قالغان، ھەتتا ئەجدادىدىن مىراس قالغان ئۆي ۋە يەرنىمۇ سېتىشقا مەجبۇر بولغان. ئائىلىسى مۈشكۈلچىلىكتە قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى مەكتەپتە ئوقۇتۇشتىن يالتىيىپ قالمىغان. لېكىن ياخشى كۈنلەر ئۇزۇنغا بارمىغان، ئۇ باشلانغۇچىنىڭ 4-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقاندا سىرتتا ئىشلەۋاتقان دادىسىدىن خەت كەلگەن، خەتتە ئۇنى شاگىرتلىققا كىرىپ ئىشلەشنى تاپىلىغان، شۇنىڭ بىلەن ئەمدىلا 9 ياشقا كىرگەن كونوسۇكې مەكتەپتىن ئايرىلىپ ئوساكاغا كېلىپ شاگىرتلىق ھاياتىنى باشلىغان.
شۇنىڭ بىلەن كونوسۇكې بىر ۋېلىسپىت زاۋۇتىدا 6 يىل شاگىرت بولۇپ ئىشلىدى، تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق-چۈچۈكلىرىنى يەتكىچە تېتىدى. كېيىن ئۇ ئاشۇ كۈنلىرىنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «گەرچە كىچىك مەكتەپتىن ئايرىلىپ قېلىپ، مەكتەپتە كىتابىي بىلىملەرنى ئېلىشتىن مەھرۇم قالغان بولساممۇ، شاگىرتلىققا كىرىپ ئىشلەش جەريانىدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى بالدۇرلا بىلىۋالدىم.» ئۇنىڭ دادىسى دائىم ئۇنىڭغا مۇنداق دەيتتى: «ئاسمان يىقىلىپ چۈشسىمۇ، يەنە بىر نەرسە ئۆگىنىۋالالايمىز.»
1910-يىلى توكنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ياپونىيەگە غايەت زور ئۆزگىرىش ۋە ئۈمىد ئېلىپ كەلدى، بەزى جايلاردا تىراللىبۇس بارلىققا كېلىشكە باشلىدى. 17 ياشلىق كونوسۇكې ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ كەلگۈسىنى كۆرگەندەك بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ توك پەيدا بولغاندىن كىيىن كىشىلەرنىڭ ۋېلىسپىتكە بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئازلايدىغانلىقنى پەرەز قىلدى ۋە دەرھال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى ساھەسىگە قەدەم قويدى.
دەسلەپتە ئۇ ۋېلىسپىت زاۋۇتىدىن ئايرىلىپلا ئۇدۇللا ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى شىركىتىگە ئىشقا چۈشەلمىدى، لېكىن ئۇ ۋاز كەچمىدى. نەچچە قېتىملىق سىناشتىن كېيىن ئاخىرى ئېلېكتىر چىراغ شىركىتىدە ياردەمچى بولۇپ ئىشقا قوبۇل قىلىندى. ئۇ شىركەتتە ئىشلەش جەريانىدا يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر چىراغ توك چاتقۇچ كەشىپ قىلدى، لېكىن بۇنى شىركەت كەسكىن رەت قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ شىركەتتىن ئىستېپا بېرىپ چىقىپ كەتتى.
ئۇ يېنىدا بار 100 يېننى چىقىرىپ ۋە دوستلىرىدىن پۇل قەرز ئېلىپ، بىرلىكتە ئىش قىلىشنى خالايدىغان بىر نەچچە دوستلىرىنى يىغىپ، كىچىك تىپتىكى بىر دۇكان قۇردى، ئۆز ئارزۇسى ئۈچۈن يولغا چىقتى. كەشپىيات ھەرقانچە ياخشى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بازار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىسا بىكار. ماتسۇشىتا كەشپىياتىنى قانداق قىلىپ سېتىپ چىقىرىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى، ئۇ ھەرقايسى سودا ئورۇنلىرىغا كەشپىياتىنى تەشۋىق قىلىپ سېتىشنى سىناپ باققان بولسىمۇ، ھېچكىممۇ بۇ يېڭى نەرسىنى قوبۇل قىلمىدى.
بۇ زەربىنىڭ تەسىرىدە دۇكاندا ئۇنى قوشۇپ پەقەت ئىككى كىشىلا قالدى، ئۈمىدسىزلىنىپ تۇرۇۋاتقاندا، ئۇلار تۇيۇقسىز بىر ئېلېكتىر شامالدۇرغۇچ تەگلىكى مال زاكازى تاپشۇرۇۋالدى، بۇنىڭ بىلەن ماتسۇشىتا ۋە ئۇنىڭ يەنە بىر ھەمكارلاشقۇچىسى كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ياساشقا كىرىشىپ كەتتى، بۇ قېتىم ئۇ غەلىبە قىلدى. بىر ئاي ۋاقىت ئىچىدە ئۇ تۇنجى مال زاكازىنى ئورۇنداپ پۇل تاپتى، شۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق بۇ خىل زاكازلارنى تاپشۇرۇۋالدى، شۇنىڭ بىلەن توك چاتقۇچىمۇ ئاستا-ئاستا بازارغا كىرىشكە باشلىدى، ئۇ يەنە باشقا مەھسۇلاتلارنىمۇ ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىدى.
ئۇ قەددىنى رۇسلىۋالغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇ دۇكاننىڭ كىچىكلىك قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى ۋە 1918-يىلى ئوساكادا بىر ئۆي ئىجارە ئېلىپ، پاناسونىك ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى ياساش ئورنىنى قۇردى، كېيىنچە نامى دۇنياغا تارالغان «پاناسونىك ياسىمىچىلىقى» دەل مۇشۇ يەردىن يولغا چىققان ئىدى.
1922-يىلى پاناسونىك كۆلىمىنى كېڭەيتتى، يېڭى زاۋۇت قۇردى، نۇرغۇن يېڭى مەھسۇلاتلارنى بازارغا سالدى، بۇنىڭ ئىچىدە ۋېلىسپىت چىرىغى ئالاھىدە ئۇتۇقلۇق بولدى. ئۇ ۋاقىتتا پاناسونىك ياغدا يانىدىغان ۋېلىسپىت چىرىغىنىڭ ئورنىغا باتارىيەدە يانىدىغان ۋېلىسپىت چىرىغىنى بارلىققا كەلتۈردى، بۇ چىراغنى 50~30 سائەت ياندۇرغىلى بولاتتى. پاناسونىكنىڭ توختىماي تىرىشىشى نەتىجىسىدە ۋېلىسپىت چىرىغى شىركەتكە غايەت زور ئۇتۇق ئىلىپ كەلدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۈستەل چىرىغىمۇ ياساپ چىقتى، شۇنىڭ بىلەن پاناسونىك خەلقئارالىق ماركا بولۇپ قالدى.
ۋاقىت چاقى 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىغا كەلگەندە، يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادى كىرىزىس يۈز بەردى، كاپىتالىستىك دۆلەتلەرنىڭ كۈنى قىيىنلىشىپ كەتتى، پاناسونىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى يېرىم ھەسسە ئازىيىپ كەتتى، ئامباردا ماللار دۆۋلىنىپ كەتتى، نۇرغۇن ماركىلار يېڭى مەھسۇلات ئەمەس، يېڭى ئامبار قۇرۇش كويىغا چۈشتى، بۇ خىل ۋەزىيەت ئاستىدا، نۇرغۇن كارخانىلار ئىشچى قىسقارتتى، پاناسونىك بولسا باشقىچە بىر پىلان تۈزدى: «بىر ئىشچىنى قىسقارتىشقا بولمايدۇ، مائاشنى بىر پۇڭ ئازايتىشقا بولمايدۇ، لېكىن ئىشچىلار ئارام ئالماستىن ھەممىسى بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ مەھسۇلاتلارنى سېتىپ چىقىرىپ ئامبارنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىش كېرەك». شۇنىڭ بىلەن ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئامباردىكى بېسىلىپ قالغان مەھسۇلاتلار سېتىلىپ تۈگىدى، ئىشلەپچىقىرىش نورمال ئەسلىگە كەلدى.
كۈنلەر ئۆتۈپ ئايلار ئۆتۈپ 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىغا كەلگەندە، سودىسى ئاستا-ئاستا گۈللىنىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقان پاناسونىك ياپونىيەنىڭ سىرتقا تاجاۋۇز ئۇرۇشىنىڭ قۇيۇنى ئىچىدە قالدى. كېيىن ياپونىيە شەرتسىز تەسلىم بولغاندىن كېيىن، پاناسونىك شىركىتى تېخىمۇ قىيىن ئەھۋالدا قالدى، ئۇرۇشتىن كېيىن ھەر قايسى تەرەپتىن كېلىۋاتقان بېسىم شىركەتنى قىيناپ ناھايىتى قىيىن ئەھۋالدا قويدى، پاناسونىك شىركىتى تارقىلىپ كېتىشكە تاسلا قالغان ئىدى.
1950-يىلىدىن باشلاپ، ياپونىيە ئۇرۇشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش باسقۇچىغا كىردى، پاناسونىك شىركىتىگىمۇ قايتىدىن جان كىردى، پاناسونىكنى قايتىدىن باش كۆتۈرگۈزۈش ئۈچۈن ياۋروپاغا بېرىپ بازار كۆزىتىش ۋە ئۆگىنىش ئۈچۈن ئاتلاندى، ياۋروپانىڭ تەرەققىياتى ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ گوللاندىيەنىڭ فىلىپىس ماركىسى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش قارارىغا كەلدى، بۇ ئىككى تەرەپ ئۇزاق مۇلاھىزە قىلىش ئارقىلىق 1952-يىلى رەسمىي توختاملاشتى. پاناسونىك فىلىپىسنىڭ ئىلغار تېخنىكىسىنى كىرگۈزدى، فىلىپىس پاناسونىكنىڭ سودا ئېڭىنى قوبۇل قىلدى، فىلىپىسنىڭ ئىلغار تېخنىكىسى پاناسونىكقا يېڭىدىن جان قاتتى، ئۇ رەسمىي دۇنياغا يۈزلىنشىكە باشلىدى.
نەچچە ئون يىللىق ئىزدىنىش، تەتقىق قىلىش، بازار ئىچىش جەريانىدا پاناسونىك شىركىتى نۇرغۇن مۇشكىلاتلارغا دۇچ كەلدى، شۇنداقتىمۇ ھەممىسىنى بىر بىرلەپ يەڭدى، بازارغا ماس كېلىدىغان سۈپەتلىك مەھسۇتلارنى كەشىپ قىلىش، ئىشلەپچىقىرىشتىن قەتئىي توختاپ قالمىدى. پاناسونىك ماركىسىدىكى ھەرخىل مەھسۇلاتلار، مەسىلەن ساقال ئالغۇچ، چىراغ، توڭلاتقۇ، ياڭراتقۇ… قاتارلىقلار سۈپەت جەھەتتە ئىستېمالچىلارنىڭ، دۇنيانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، بۇ بىر ماركا، بىر شىركەت ئۈچۈن ئاسان قولغا كەلمەيدىغان غايەت زور نەتىجىدۇر.