• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » پەن - مائارىپ » ۋاقىت ماشىنىسى ئەمەلگە ئاشىدىغان نەرسىمۇ؟

ۋاقىت ماشىنىسى ئەمەلگە ئاشىدىغان نەرسىمۇ؟

تەرجىمىدە زۆھەل

1905-يىلى، ئېينىشتىيىن تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدە بىر غەلىتە دۇنيانى مۇنداق چۈشەندۈرگەن: بىز تۇرۇۋاتقان ئالەمنى بىر تۆت ئۆلچەملىك زامان-ماكان دەپ قاراشقا بولىدۇ، جىسىملارنىڭ ھەرىكەت سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، ۋاقىت تەرتىپى ئاستىلايدۇ، بوشلۇق ئۆلچىمى قىسقىرايدۇ. 1915-يىلى ئېينىشتېين ئۆزىنىڭ تارتىش كۈچى نەزەرىيىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى دەپ ئاتىغان. ئوخشاشلا بۇ غەلىتە دۇنيادا، چوڭ ماسسىلىق جىسىم (يەنى كۈچلۈك تارتىش كۈچى مەيدانى ) نىڭ رولى ئاستىدا، زامان-ماكان قۇرۇلمىسى ئىگىلىپ كېتىدۇ، ۋاقىت تەرتىپىمۇ ئاستىلايدۇ. تۆت ئۆلچەملىك ۋاقىتتا ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇققا ئوخشاش ئېگىلىش يۈز بېرىدۇ.

1974-يىلى ئامېرىكا دۇلەن داشۆسىدىكى تىپلېر ھېسابلاش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇ ماسسىسى ناھايىتى چوڭ، چەكسىز ئۇزۇنلۇقتىكى بىر سىلىندىر ئەگەر ئوق مەركىزىنى بويلاپ يورۇقلۇق تېزلىكىگە يېقىنلىشىپ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىدىغان بولسا، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئۆز ئۆتمۈشىنى زىيارەت قىلالايدۇ دەپ قارىغان. ئوخشاشلا، بۇمۇ نۇرنى سۆرەپ ئوقنى ئايلىنىپ، يېپىق ئەگرى سىزىق بىلەن ھەرىكەتلىنىدۇ.

1991-يىلى، ئامېرىكا پرىنسېتون ئۇنۋېرسىتىدىكى گوت ئالەم تانىسى (كوسمولوگىيە ئالىملىرى بۇ خىل قۇرۇلمىنى ئالەملىك چوڭ پارتلاشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە شەكىللەنگەن دەپ قارايدۇ) نىڭ ئوخشىشىپ كېتىدىغان نەتىجىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. ئالىملارنىڭ تەتقىق قىلىشىچە، ئالەم كېمىسى ئېغىرلىق كۈچى مەيدانىدىن ئۆتكەندە، ئېغىرلىق كۈچى مەيدانىنىڭ تارتىش كۈچىنى ئىتتىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرىدىكەن. ئالەم كېمىسى شۇ مەزگىل ئىچىدە، يورۇقلۇق تېزلىكى ھەتتا يورۇقلۇق تېزلىكىدىنمۇ تېز ئۇچالايدىكەن.

كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، 1935-يىلى ئېينىشتىيىن نەزەرىيە جەھەتتىن قۇرت ئۆڭكۈرى يەنى ئىككى تۇتاش قاراڭغۇ ئۆڭكۈردىن تۈزۈلگەن ۋاقىت-بوشلۇق قۇرۇلمىسىدىكى ئېغىزنى، بوشلۇق ۋە ۋاقىتنى كېسىپ ئۆتىدىغان تونېلنى بايقىغان. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، مۇقىم بىر قۇرت ئۆڭكۈرى ياسىيالىسىلا، ۋاقىت ۋە بوشلۇقتىن ھالقىپ ئۆتكىلى بولىدۇ. ئەمما نەزەرىيەچىلەر ئىزچىل تۈردە قۇرت ئۆڭكۈرى نۇرنىڭ ئۆتۈشىگە يول قويامدۇ؟ ئالەم كېمىسى ئۆتەلەمدۇ؟ دېگەندەك گۇمانلاردا بولغان.

بۇ ئېينىشتېيننىڭ كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ۋە كۋانت مېخانىكىسى نەزەرىيىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى بولغان كۋانت تارتىش كۈچى نەزەرىيىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە موھتاج. داڭلىق لوسموس دۆلەت تەجرىبىخانىسىنىڭ ئالىملىرى قۇرت ئۆڭكۈرىدىن قانداق پايدىلىنىش جەھەتتە يول ئاچقان. ئۇلار قارشى ماددىلار ئۈستىدە تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان. بۇنداق غەلىتە قارشى ماددىلار ئىزچىل تۈردە نەزەرىيەدىلا مەۋجۇت بولۇپ كەلدى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇلار قارشى ماددىلارنىڭ بىزنىڭ رېئال دۇنيارىمىزدىمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىسپاتلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇنداق يەكۈن چىقاردى: قۇرت ئۆڭكۈرىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك تارتىش كۈچى مەيدانىمۇ ئوخشاشلا قارشى ماددىلار ئارقىلىق نېيترال بولىدۇ.

ئاكتىپ ماددا بىلەن قارشى ماددىنىڭ ناھايىتى مەنىلىك پەرقى بار، ئالدىنقىسى ئاكتىپ ماسسىىغا ئىگە بولۇپ، ئېنىرگىيە ھاسىل قىلالايدۇ، كېيىنكىسى مەنپىي ماسىسىغا ئىگە، ئەمما ئەتراپتىكى ئېنېرگىيەنى سۈمۈرەلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بىر قۇرت ئۆڭكۈرى ياساش ئۈچ قەدەمگە بۆلۈنىدۇ: بىرىنچى قەدەمدە، بىر قۇرت ئۆڭكۈرىنى ئىزدەش ياكى قۇرۇش، بىر تونېل ئېچىش ئارقىلىق ئالەم بوشلۇقىدىكى ئوخشاش بولمىغان ئىككى رايوننى تۇتاشتۇرۇش. ئىككىنچى قەدەمدە، قۇرت ئۆڭكۈر تۆشۈكىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. كۋانت ھاسىل قىلغان مەنپىي ئېنېرگىيە، قۇرت ئۆڭكۈرى سىگنالى ۋە جىسىملارنىڭ ئۇنى بىخەتەر كېسىپ ئۆتۈشىگە يول قويىدۇ. مەنپىي ئېنېرگىيە قۇرۇت ئۆڭكۈرىنىڭ زىچلىقىنىڭ چەكسىز چوڭلۇققا ئۆزگىرىشىگە قارشى تۇرىدۇ.

ئۇ قۇرت ئۆڭكۈرىنىڭ قاراڭغۇ ئۆڭكۈرگە ئۆزگىرىپ كېتىشىنى توسۇيدۇ. ئۈچىنچى باسقۇچ بولسا قۇرت ئۆڭكۈرى. يۈكسەك ئىلغار تېخنىكىغا ئىگە بىر ئالەم كېمىسى قۇرت ئۆڭكۈرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنى ئۆز-ئارا ئايرىپ چىقىشى كېرەك. ئەگەر ئىككىلابوشلۇق مۇۋاپىق جايغا قويۇلسا، ئۇنداقتا ۋاقىت پەرقى تۇراقلىق ھالەتنى ساقلاپ قالىدۇ. بۇ پەرقنىڭ 10 يىل ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلساق، بىر ئالەم ئۇچقۇچىسى بىر يۆنىلىشتىن قۇرت ئۆڭكۈرىنى كېسىپ ئۆتسە، ئۇ 10 يىلدىن كېيىنكى كەلگۈسىگە سەكرەپ بارالايدۇ. ئەكسىچە، ئالەم ئۇچقۇچىسى يەنە بىر يۆنىلىشتىن قۇرت ئۆڭكۈرىنى كېسىپ ئۆتسە، ئۇ 10 يىل بۇرۇنغا قايتىدۇ. بۇ ئاڭلىماققا فانتازىيەلىك ھېكايىدەك تۇيغۇ بەرسىمۇ لېكىن بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى قوللىماقچى بولغان ھەقىقىي تەتقىقات تۈرى ھېسابلىنىدۇ.
لېكىن بۇنىڭدا يەنە ۋاقىت قارشىلىق نەزەرىيىلىرى ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن، «بوۋا قىياسى». بۇ پارادوكسلارنىڭ ھەممىسى بىر مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئۆتمۈشكە قايتساقلا، يۈز بېرىشى مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارنى قىلىشىمىز مۇمكىن. دۇنيا ھەقىقىي، ۋاقىتمۇ ھەقىقىي، مۇمكىن بولمايدىغان ئىش بولمايدۇ. شۇڭا، بۇ خىل ۋاقىت قارشىلىق نەزەرىيىسىنى يېشىش ئۈچۈن، پەقەت بىرلا مۇۋاپىق جاۋابنى بېرىش كېرەك، ئۇ بولسىمۇ ۋاقىتنى كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدۇ، ۋاقىتنى كېسىپ ئۆتۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. چۈنكى بۇ جاۋابتىن باشقا يەنە بىر مۇۋاپىق جاۋاب بۇ قارشىلىق نەزەرىيىلىرىگە جاۋاب بولالمايدۇ.

ئەمەلىيەتتە ھېچكىم بۇ يەكۈنگە ئىشىنىشنى خالىمايدۇ، چۈنكى بۇ بىزنىڭ ۋاقىت ئارزۇيىمىزغا نىسبەتەن ئەھمىيىتىنى يوقىتىدۇ. لېكىن كىشىلەر يەنىلا بۇ كونىچە ۋاقىت قارشىلىق نەزەرىيەلىرىنىڭ ئۇ يەردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى خالايدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top