• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » ئىسلامچىلىق ئىدىيىسىدىكى تېيىز ۋە قىستاڭچىلىقنىڭ كۈلتۈر يىلتىزى

ئىسلامچىلىق ئىدىيىسىدىكى تېيىز ۋە قىستاڭچىلىقنىڭ كۈلتۈر يىلتىزى

پىروفېسسور مۇستافا ئۆزتۈرك

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى ئەھمەد سۇلۇق

ئىسلامچىلىق 19. ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20. ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئوسمانلى ئىمپىراتورلىقىنىڭ زاۋاللىقتىن قۇتۇلۇش چارىسى بولۇپ ئوتتۇرغا چىققان ۋە بۇ خىل ئۇسۇلدا ئىسلامنى ئەنئەنىۋى چۈشۈنۈش ۋە ھەزىم قىلىشتىن چىقىپ پەرقلىق چۈشۈنۈپ ۋە ئىزاھلاپ، دەرھال كۆزگە كۆرۈنگەن يوقۇلۇش ۋە زاۋاللىقتىن قۇتۇلۇش مومكنچىلىك قارىشىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بىر ئىدولوگىيەدۇر.

قانداقلا بولمىسۇن، ئىسلامچىلىق يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ۋاقىتلاردىن باشلاپ ئېغىر تەدرىجى تەرەققىيات جەريانىنى باشتىن كەچۈردى، دەسلەپتە دىننى (ئىسلامنى) ئەنئەنىۋى چۈشىنىشتىن يىراق، ئىجادچان، ئۆزگىرىشچان، تەنقىدىي، رازى بولمىغان ۋە ئازدۇر-كۆپتۇر سولچىل پوزىتسىيىدە بولۇش بىلەن بىللە، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۈركىيە بارغانسىرى قاتتىق مۇتەئەسسىپ، ئوڭ قانات بىخەتەرلىكىگە ئايلىنىپ، تېيىز خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ قالدى. يېقىندا «ئىستانبۇل ئەھدىنامىسى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك تارتىشمىلاردىمۇ ئۆزىنى كۆرسەتكەن بۇ دىرامماتىك ئۆزگۈرۈش «ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا، ئىسلامچىلار مەدەنىيەت ۋە مائارىپ مەبلىغى ئاز بولسىمۇ، ئۈنۈملۈك ئورگانىك زىيالىيلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىرالىغان بولسا، ئاكادېمىك ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە تېخىمۇ ئىقتىدارلىق ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولۇشىغا قارىماي، كېيىنكى ئەۋلادلار نېمە ئۈچۈن يېڭى لىنىيە ھاسىل قىلمىدى؟ نېمە ئۈچۈن ئىسلامچىلىق ئىدىيىسى توختاپ قالدى؟ ئېنىق بايان قىلىنغان، روشەن يېڭى كېڭىيىش ۋە تارىخى ھېكايە بەرپا قىلالايدىغان دىئالېكتىكىلىق ئىلگىرىلەشنى كەلتۈرۈپ چىقارمىدى؟ » دېگەندەك ھالقىلىق سوئاللاردا ئويلىنىشنى تەلەپ قىلدى.

بۇ ھەقتە، ھۈسەيىن پادىرنىڭ بىرىكىم گۈنجەلدە ئىلان قىلغان «ئىسلامچى روھىي توسالغۇنىڭ كۈلتۈر يىلتىزى توغرىسىدىكى ماقالە» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تەھلىللەر بار. پالدىر ئېيتتىكى «بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىدا (تەنقىچى، ئانالىزچى، شەخسىيەتچى، ئۆزىنىلا ئويلايدىغان، ئىلغار) يازما كۈلتۈر بىلەن (جانلىق، توپلاشقاق، پاراڭلاشقاق ، سىرتقا ئىچىۋېتىلگەن، ناتىقلىق قابىلىيىتى بولغان) ئېغىز كۈلتۈرى ئارىسىدىكى پەرقلەندۈرۈشلەرمۇ مەۋجۇت»؛ ئۇ كۆرۈنەرلىك تەھلىللىرىنى تۆۋەندىكىدەك داۋاملاشتۇردى: پاراڭلىشىش كۈلتۈرى گۇرۇپپا پىسخولوگىيەسىنى مەركەز قىلىدۇ، قايىل قىلارلىق كۆڭۈلدىكىدەك سۆزلىگۈچى-رەھبەر بولىدۇ.

سۆزلەش-پاراڭلىشىش كۈلتۈرى ئانالىز ئەمەس، بەلكى سۆز ئويناش، سۆزمەنلىك ۋە ھازىر جاۋاپ بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ يەككە ئىشلەپچىقىرىشقا ئەمەس، كوللىكتىپ سالاھىيەتكە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇ تەپەككۇرنى ئەمەس، ھېسسىياتنى بايان قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ. بۇ كۈلتۈردە (ماددىي ۋە ئەقلىي) مەنبەلەر ئېنىق بايان قىلىنمىغان، ھەممە مېھىر-شەپقەت ياكى ھەدىيە دەپ قارىلىدۇ. غەيرەت ئەمگەكنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ. بۇ كۈلتۈر ئۆزىنىڭ ئوي-پىكىرلىرى بىلەن ئۆزىنى ئاشكارىلايدىغان يەككە-يازغۇچى ئەمەس، بەلكى ئوقۇرمەن غەيرەتلىك قېرىنداشلارنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ئاخىرىدا، بۇ كۈلتۈردە چوڭ بولغان كىشىلەر تۈركىيەدىكى ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇپ ئامېركىدا دوكتۇرلۇق ئۈنىۋانىغا ئېرىشكەن تەقدىردىمۇ كۈلتۈرىگە بىر ئاساسلىق قوشۇمچىمۇ قوشالمايدۇ. پاراڭچىلىق كۈلتۈرى ۋەبەر(Weber)چى ئەنئەنىۋى ھوقۇقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى كونىلاردىن ھازىرغىچە ئېقىپ كەلگەن گىرونوكراتىك كۈلتۈردۇر. كونىلار ئاغدۇرۇلمىغاچقا، ئۆلۈكلەرنىڭ سايىسى تىرىكلەرگە چۈشىدۇ. بۇ ئەھۋال ئۆزىنى ئېنىق ئىپادىلەيدىغان شەخسلەردىن تولىمۇ يىراق بولۇپ، ئاشكارا سۆزلەشنىڭ ئورنىغا بىخەتەر كەسىپ قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگەن، بىكىنمىچى سالاھىيىتتىكىلەرنى ياساپ چىقىدۇ … پادىرنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، سۆزمەنلىك كۈلتۈرى ئىسلام دىنىنىڭ روھىي توسالغۇسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئېپىزىمولوگىيەلىك توسالغۇدۇر. دېمەك ، ئىسلام دىنى ماددىي مەدەنىيەت، ئىقتىسادىي شارائىت ۋە تۈزۈم پۇرسىتى جەھەتتە ئىنتايىن ئىلغار بولسىمۇ سۆھبەتچىلىك كۈلتۈرى ئىسلام دىنىنىڭ ئۆزىنى چۈشىنىش روھىنى چەكلەپ قويىدۇ. بۇسەۋەپلەر تۈپەيلى جامائەتنىڭ ئىچىدىكى ياشلارنىڭ كۈلتۈرگە ئىشقى بولغىنى بىلەنمۇ يەنىلا يا يېتىشكەن بىر زىيالى بولالمىدى ياكى كونىلارنىڭ ئاسارىتىگىمۇ ئىگە بولالمىدى، شۇنىڭ بىلەن نان قېپى، راھەتپەرەس، غەمسىز، ئىشسىز بىر ھالەتكە كىلىپ قالدى.

«تۈركىيەدىكى ئوڭ قانات سىياسەتنىڭ سول قاناتتىكىلەرنى ھىچ چۈشەنمسلىكى ۋە توختىماي ئۇلارنى مەسخىرە قىلىشى سول قاناتتىكىلەرنىڭ بۆلۈنۈپ كىتىۋاتقانلىقىدىن» دېگەن پادىرنىڭ ئانالىزىغا قارىغاندا سول قاناتتىكىلەرنىڭ ئايرىلغان چېغىدىكى بولشلۇقىنى ئىسلامچىلا توشقۇشىدۇ. سول تەرەپتە ئىدىيەۋى ساداقەت كىشىگە بولغان ساداقەتنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. ھالبۇكى، سولچىللارنىڭ بۆلۈنۈشى بىلەن توختىماي مەسخىرە قىلىۋاتقان ئىسلام جەمئىيىتى ئۈچۈن ئاساسلىق مەسىلە مەھەللىنىڭ بۆلۈنمەسلىكى بولۇپ، يەنىلا ئۆتمۈشنى ئەسكە سالىدىغان «تىنچلىق كوچىسى»نىڭ داۋاملىشىشى ۋە ئۇنىڭغا بولغان سېغىنىشنىڭ تۈگىمىگىنىدىندۇر. ئىسلامچى-پاراڭلىشىش كۈلتۈرى تەشكىل قىلىدىغان گۇرۇپپا مۇناسىۋىتى ۋە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، ھىممەت، ئاكىلىق قاتارلىق يەرلىك ماددى تەشكىلات شەكىللىرى شەخسلەرنى مەڭگۈلۈك مەھەللە ، مەھەللە (گېمېنشافت) روھىي ھالىتىدە تۇرۇشقا مەجبۇرلايدۇ. جامائەتتىكى ئايرىمچىلىقلار ئوخشاش بىر ئىزدا قالماقتا ۋە ئاكىلار، ئاقساقاللار ۋە يۈز ئابرويلۇق كىشىلەرگە خوشامەت قىلىش داۋاملاشماقتا. ئومومدىكى ئايرىمچىلىققا ئالاھىدە قارالماقتا، گەپدانلىقلار جامائىتىنى تەسەۋىرلەش كېرەك بولسا كونىلارنىڭ سۆزى بويىچە «قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە» بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. باشقا تەرەپتىن، ئەۋلادلار ئارىسىدىكى ئايرىمچىلىقمۇ مەلۇن بىر ئىرادە ئۈستىگە قۇرۇلالمىدى، بۇرۇنقىلار قانداق قىلغان بولسا شۇنداق قىلىۋاتىدۇ. ئىسلامچىلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەدىكى بارلىق بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىنى يولدىن/پادىدىن ئايرىلماسلىقتەك «يول ۋەقەسى» دەپ قاراشقا بولىدۇ. يول ۋەقەسى كىيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ ئۆز خائىشى بىلەن ئۆزى تاللىغان يولدا مېڭىشىنى توسۇپ قويىۋاتىدۇ.

پادىرنىڭ ئىسلامچى روھىي ھالىتىنىڭ توسقۇنلۇقىغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر كۆزىتىشى شۇكى، ئىسلامچىلىقتىكى ئېغىز كۈلتۈرىنىڭ مۇتەئەسسىپلىكى سەۋەبىدىن ئاممىۋى بەس مۇنازىرىنى توسۇپ قويىدۇ. ئىسلامچى جامائەتلەردە تەشكىلىي قۇرۇلما ئەزەلدىن ئېنىق بېكىتىلمىگەچكە، ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلاردىكى كىشىلەرنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقى ۋە نېمە ئۈچۈن قىلىۋاتقانلىقى، گۇرۇپپىنىڭ نىشانى، كەلگۈسى ئىستراتېگىيىسى، ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقلىرى ھەققىدە يېتەرلىك ئۇچۇر يوق. شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ ئورتاق پىكىردە قوغدايدىغان نىشان ۋە مۇددىئالىرى يوق. ئىسلامچى جامائەتنىڭ ئىچىدە، يىتىشكەن، تېز سۈرئەتتە سىياسىي كەسپىنىڭ پەللىرىنى ئاشقان بىلىملىك ​​كىشىلەر ئاممىۋى مۇنازىرىلەردە ئىنتايىن ئاجىز، ئەمما ئۇلارنىڭ تەشكىللىنىش، سىياسىي مايىللىق ۋە يۆتكىلىش، پەردە ئارقىسىدىن ھەرىكەت قىلىش قاتارلىقلارغا ناھايىتى ئۇستا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز. ئاغزاكى پاراڭلىشىدىغان يەرلىك كۈلتۈرنىڭ ئىدىيەسىدە تۇرۇۋاتقان بۇ كىشىلەر ئاممىۋى سورۇندا پەقەت كۆپ قۇتۇپلۇق ئۇسلۇب بىلەنلا كۈن تەرتىپىگە كىلىپ، گۇرۇپپا ئەۋزەللىكىنى ئىشلىتىپ ناھايىتى تېزلا بۇ خىل كەسىپنى ياراتتى.

مەنبە: قارار تورى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top