• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » ئۇيغۇر جەمىئىيىتىنىڭ كۆزىدىن قاچقان قارا كۆلەڭگە: تۈركىيەدىكى ياشلارنىڭ زەھەر ۋە كەيىپ-ساپاغا بېرىلىپ كىتىشى ۋە باشقا مەسىلىلەر

ئۇيغۇر جەمىئىيىتىنىڭ كۆزىدىن قاچقان قارا كۆلەڭگە: تۈركىيەدىكى ياشلارنىڭ زەھەر ۋە كەيىپ-ساپاغا بېرىلىپ كىتىشى ۋە باشقا مەسىلىلەر

كۆلتىېكىن

نەچچە كۈندەن بېرى ئۇيغۇرلار ئارسىدا تۈركىيەدىكى توردا ئويۇن ئويناشقا ۋە زەھەرلىك چىكىملىك چىكىشكە ئۈگىنىپ قالغان ۋە ياكى بۇ يولغان يېڭى قەدەم باسقان ياشلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى ۋە سانىنىڭمۇ ئۇنچە ئاز ئەمەسلىكى ھەققىدە گەپ سۆزلەر بولۇنماقتا. مەسىلىنىڭ تەرەققىي قىلىپ بۇ يەرگە كېلىشى بۇ مەسىلىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرى تەرىپىدىن نەزەردىن ساقىت قىلىغانلىقىدەك بىر نەتىجە كۆرىنىپ تۇرماقتا. بۇ ياشلارنى بۇ يوللاردىن تارتىپ چىقىرىش ۋە زامانغا لايىق ۋە ۋەتەنگە ياراملىق ئىختىساس ئ‍ىگىلىرى قىلىپ يىتۈشتۈرۈپ چىقىش شەك – شۈبھسىز ئەڭ مۇھىم ۋە جىددى مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر.

بۇ يازمىدا تىما بىلەن مۇناىسۋەتىلىك بىر قانچە ئىشەنچلىك مىساللار برىلىدۇ ۋە بۇ مەسىلىنىڭ كىلىپ چىقىشىدا مەجبۇرىيتى بولغان كىشىلەر، مەسئولىيتى ۋە تۈزەشتە قابىلىتى بولغان شەخس ۋە ئورگانلار ۋە ئەڭ ئاخىرىدا نىمە قىلىش ھەققىدە تەكلىپ – پىكىرلەر بېرىلىدۇ.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلاردا ، بولۇپمۇ 2015- يىلىدىن كىين ئائىلە بويىچە چىققانلاردا، ھەقىقەتەن مەسىلە ئېغىر. مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن، ھەتتا بەزىلىرى ئايرىم جامائەت بولۇپ ياشايدىغانلىقى ۋە باشقا ئۇيغۇرلار بىلەنمۇ بەك ئارلىشىپ كەتمەيمەيدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا. بۇ خىل ئايرىم بولىۋالغانلارنى قانداق قىلىش بىر ئاز قىين مەسىلە بولسىمۇ،  لىكىن قالغانلىرىغا تەربىيە قىلغىلى بولىدۇ ۋە جىددى بىر شەكىلدە قىلىش كېرەك.

بۇ مەسىلە ھەققىدە ئاۋسترالىيەدىن نۇرگۇل ساۋۇت  خانىم  تىلغا ئالغان ياش ئۇيغۇر بالىلار يىغلىدىغان يەر بارمۇ ، دېگەندە بار. سەفا كۆيدە ساماۋەر چايخانسى دەيدىغان چوڭ بىر يەر بار، بۇ يەردە ئوقۇيدىغانغا كىتاب، ئوينايدىغانغا شاھمات ۋە دامكا بار، بىكارلىق تور بار، ئەرزان چاي بار، دوغ بار، سوغۇق ئىچىملىكلەر ۋە تاتلىق تۈرمىلەر بار ۋە بۇ يەر پەقەت ئۇيغۇر باللارغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈنلا سېلىنغان يەر. لىكىن بىز گىپىنى قىلشۋاتقان ئىچىدىغان چېكىدىغانلار بۇ يەرنى بەك ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغان ياكى بۇ يەردىكى شارائىت ئۇلارنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرۇپ كىتەلمەيدىغاندەك قىلىدۇ.

زەھەر چىكىۋالىدىغان ئىشقا كەلسەك بۇنىڭ بار ئىكەنلىكى ھەقىقەت، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى 30 ياشلاردىن تۆۋەن بولغان ياشلار، ئاىسىدا ھەتتا قىزلارمۇ بار. بۇلارنىڭ بەزىللىرىنىڭ ئۇ زەھەرلەرنى ئېلىشقا ۋە باشقا كەيىپ – ساپالارنى قىلشىقا يەتكۈدەك ئىقتسادى بار يەنە لىكىن كۆپىنچىلىرى بۇنداق ئىقتىسادى يوق. لىكىن بۇنداق زەھەرلەرنى قانداق يول بىلەن ئېلىپ چىكىش ياكى قايسى پۇل بىلەن ئېلىشىىى سۈرۈشتە قىلنسا بەلكىم ھازىرغىچە مەلۇم بولمىغان  يەنە بەزى مەسىلىلەر چىقىشى مۇمكىن.

ئۆتكەندە بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئاۋازلىق ئۇچۇرى تارقىلىپ يۈردى، ئۇچۇردا دىيلىشىچە، بىر توپ ئۇيغۇر باللار بىر بىرى بىلەن ئاھالىلەر ئولتۇراق رايۇنىدا يېرىم كچىدە بەك قاتتىق مۇشلىشىپتۇ، ئۇيغۇر ئايال قورقۇپ كىتىپ كېچىچە ئۇخلىيالماپتۇ، ئۇيغۇر ياشلىرىمىز بىر- بىرىگە رەھىم شەپقىتى يوق دەرىجىدە قاتتىق ئۇرۇشۇپتۇ. تۈركلەر دېرىزىدىن بېشىنى چىقىرىپ ئۇيغۇرلار كەتسۇن دەپ ۋارقىراپتۇ…بۇ باللارنىڭ بەزىللىرى ئاتا ئانىسى باشقۇرالماي ئۆيدىن چىقىرىۋەتكەن ياكى ئاتا ئانىسى يوق باللار بولىشى مۇمكىن. ئىشەنچىلىك كىشىلەردىن ھەتتا ئائىلىسى باشقۇرالماي ئۆيىدىن چىقىرىۋەتكەن قىزلارمۇ بارمىش ۋە ئۇنىڭ بۇنىڭ بىلەن ئىش – پەش تارتىشىپ تۇتۇلۇپ قېلىپ يۈرەرمىش. بۇلارمۇ بەلكىم بىر تەرىپى ئەنە شۇ زەھەرگە تۇتشىدىغان ئىشلار بولىشى مۇمكىن.

بىلىشىمىزچە، زەھەرگە ۋە باشقا كەيىپ ساپاغا ئ‍ۈگىنىپ قالغان ياشلارنى ئىككى گۇرۇپقا ئايرىش مۇمكىن. بىرى سەفا كۆي ۋە زەيتىن بۇرنىدىكى ياشلار، يەنە بىر گۇرۇپ بولسا چاپا، بېشكتاش ۋە ئۇ تەرەپلەرگە يېقىن رايۇندىكى ياشلار. بۇلارنىڭ ئورتاق تەرەپلىرى بولسا ياش، ئىشى يوق، مەكتەپتە ئوقۇمايدۇ، يېنىدا ئاتا -ئانىسى ياكى چوڭلار يوق، ياكى بولسىمۇ باشقۇرالمايدۇ. قارايدىغان بولسا بۇلارنىڭ ھىچبىرى يامان نىيەتلىك ناچار بالىلار ئەمەس لىكىن بۇ ئۇلارنىڭ بۇ ئىشقا ئۈگىنىپ قېلىشىدا ئ‍ۆزلىرى سەۋەبچى ئەمەس ئىكەنلىكىنى كۆرسىتپ بەرمەيدۇ، ئەمما بۇ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب بولالمايدۇ. ئاساسلىق سەۋەب بولسا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر جەمىيتى تەرىپىدىن تاشلىۋىتىلگەنلىكى ياكى بىلىپ بىلمەي نەزەردىن ساقىت قىلىنغانلىقىدۇر. بۇ ياشلارغا قانداق تەربىيە قىلىش ھەقىدە بەزى گەپ سۆزلەر بولۇنماقتا، مەسىلەن شەخىسلەر بېرىپ ياكى كۆرگەن يېرىدە تەربىيە قىلىش ۋە بۇنىڭدىن كىينمۇ كۆز قۇلاق بولۇش. بۇ تازا ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن چارە ئەمەس. چۈنكى ئۇلارنى كۆرگەندە تەربىيە قىلسا «بۇندىن كىين قىلمايمەن» دەيدۇ، ھىچبىر « ئىشڭنى قىل، مەن يەنە زەھەر چىكىمەن» دېمەيدۇ ھەم ئۇلارغا دائىم كۆز قۇلاق بولۇش ئېغىزدىكى گەپ بولۇپ قالىدۇ. نىمە قىلىش كېرەكلىكى يازمىنىڭ ئاخىرىدا بىر ئاز تەپسىلىي سۆزلىنىدۇ. لىكىن بۇ يەردە شۇنى دەپ ئ‍ۆتۈپ كېتىش كېرەككى،تەربىيە خىزمىتىنى كوللىكتىپ ۋە سىستملىق، ئەگەر كېرەك بولسا ئىزچىل ئېلىپ بېرىش كېرەك.

يۇقارقى مەسىلىدىن باشقا بىزنىڭ ئىنسانلىرىمىز مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بەزى مەسىلىلەر بار ۋە بۇنىمۇ بۇ يەردە تىلغا ئېلىپ ئ‍ۆتۈشنى توغرا تاپتۇق.

يەنە بىر كىشىنىڭ دەپ بېرىشىچە، ئۇلارنىڭ ئۈستىنكى قەۋىتىدە باللىرى بار بىر ئۇيغۇر ئائىلىسى تۇردىكەن، كۆچۈپ بارغاننىڭياقى باللارنىڭ ۋارقىرىغان جاقىرىغان ئاۋازى بىلەن قاتتىق بىئارام بولۇپتۇ. لىكىن بالىلارنىڭ ئاتا- ئانىسى باللىرىغا ھىچنەرسە دېمەيدىكەن، ئاخىرى بولالماي گەپ قىلسىمۇ «سىلەرنىڭ نىمە چاتىقىڭلار ، باللار بىزنىڭ، ەەپ قىلغۇمىز كەلسە گەپ قىلمىز» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ۋە باللىرى يەنە شۇنداق قىيا- چىيا قىلىپ يۈرۈشنى داۋام قىلۋىرىپتۇ.

موشۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك شۇنداق ياخشى بىر ئائىلە بار ئىدى، يېقىندا ئۆي كۆچىدىغان بولۇپ سەفا كۆيدىن بىر ئاي ئۆزي ئىزدەپ تاپالماي ئاخىرى سەفا كۆيگە ئۇزاقراق يەردىن ناھايتى قىممەت پۇلغا ئىجارە ئۆي تېپىپتۇ. چۈنكى ئۆي ئىزدىگەندە ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ ئۇچۇقتىن ئوچۇق ،ئۇيغۇرلارغا ئۆي بەرمەيمىز دەپتۇ. سەۋەبى ئۇيغۇرلارنىڭ باللىرى كۆپ، ۋاراڭ چۇرۇڭ قىلىدۇ ۋە ئۆينى پاكىز تۇتمايدۇ دېگەندىن ئىبارەت. …بۇ ھەقىقەتەن كىشىنىڭ نۇمۇسىنى كەلتۈردىغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئوۈرازىنى خۇنۈكلەشتۈردىغان ئىللەتتۇر. لېكىن شۇنىمۇ دەپ ئۆتۈش كېرەككى، بۇ  ئىللەت ھەرگىزمۇ پۈتۈن ئۇيغۇرلاردا ئومۇملاشقان ئىللەت  ئەمەس ، بەز يەرلەردە ئۇيغۇرلارغا ئۆي ئىجارە بەرسە خۇشال بولىدۇ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازى ياخشى. ھەتتا شۇ رايۇندا ھەممىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ كۆپ. لىكىن چەتئەلدە ھىچكىم بىزگە شەخس سۈپىتدە مۇئامىلە قىلمايدۇ. بىر رايندىكى ياكى بىر كىچك گۇرۇپ ئىنساندىكى مەسىلىنى ئۇمۇمىي مىللەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ مۇئامىلە قىلىدۇ. بۇنى دېمىسىمۇ نۇمۇس قىلارلىق ئىشلاردىن يىراق تۇرىشى ئەقلىي ھۇشى ۋە ئىمانىي بار بىراۋلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكىدۇر.

بىزنىڭ يەنى ياكى مېنىڭ، ئۇ رايۇندىن يىراق بولغاچقا ۋە ئارلىشىدىغانلىرىم بىر ئاز پەرقلىق  ئۇيغۇرلار بولغاچقا يەنە جىق مەسىلىلەرنى بىلمەسلىكىم ئېنىق. يۇقىرىدا بايان قىلغانلىرىم پەقەت مېنىڭ ئۆزۈم كۆرگەنلىرىم ۋە  تونۇشلار يۈزلەشكەن ئەھۋاللار، بۇ يەردە ھەممىنى سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنى يوق.

يۇقىرىدا بايان قىلنغاندەك بۇ مەسىلىنىڭ تۈپ سەۋەبى تەربىيەنىڭ بولماسلىقى ۋە شۇ يەردىكى ئاقساقاللار ياكى مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتلارنىڭ بۇ ئىشلارنى مەسىلە دەپ قارىماسلىقى ۋە  كۆپ ساندىكى چوڭلارنىڭ كاللىسىدا  مەسلىنى پەقەت ۋەتەندىكى ئىشلار دەپلا قارىۋېلىشىدۇر. لىكىن ئەملىيەتتە ئۇيغۇرلارغا ۋە شەرقىي تۈركستانلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ھەل قىلىش دائىرىمىزدىكى ئىشلاردۇر.

شۇڭا بۇ ئىشتا باشتا پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ مەسئولىيتىنىڭ بارلىقى ئېنىق. لىكىن مەسئولىيەتنى ھەممىگە ئورتاق بۆلىۋىتىش بىر ھىسابتا ھىچ ئىشنىڭ قىلنماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا  تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت تۆۋەندىكى كىشىكەر ياكى ئورگانلاردا. بۇلارنىڭ مەسىلىنى سوغۇق قانلىپ بىلەن ئويلىىشى، خاتا چۈشەنمەسلىكى ۋە ئۆزىنىڭ مىللەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيتى ۋە مەجبۇرىيتىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئىنچىكە ئويلاپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

باشتا مەجبۇرىيەت

ئاتا- ئانىلاردا. پەرزەنتلەرگە تەربىيە قىلىش ۋە مەسئۇل بولۇش سىزنىڭ مەجبۇرىيتىڭىز، ئىگەر سىز بۇ ياشلارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ يەنە موشۇنداق ھالەت داۋام قىلغان بولسا دېمەك سىز لاياقەتسىز ۋە يارىماس ئىنسان، ياكى ھورۇن ۋە ياكى ئاق – قارىنى پەرق قىلىش ئىقتىدارىڭىش يوق بىرى. چۈنكى ئىزدەنسىڭىز ۋە ياخشى كۆز قۇلاق بولۇشنى ئۆزىڭىزگە مەجبۇرىيەت دەپ قارىسىڭىز، باللىرىڭىزغا تەربىيە قىلىشنىڭ نۇرغۇن ئۇسۇللىرى بار. باللىرىڭىزنى بۇ ھالەتتە چوڭ قىلىپ تۇرۇپ چەتئەلدە ۋەتەن، مىللەت ۋە دىن داۋاسى قىلىشقا يۈزىڭىز يوق.

ئىككىنچى بولۇپ مەسئۇلىيەت

1) شۇ مەسىلە يۈز بەرگەن رايۇننىڭ يۇرت چوڭلىرىدا. ھەممىگە ئايان بولغىنىدەك شۇ مەسىلە سادىر بولغان رايۇندا ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ خېلى يۈز ئابرويلۇق كىشىلىرى بار. ئەگەر ئولارنىڭ كۆز ئالدىدا بۇ ئىشلار يۈز بەرگەن بولسا،ياكى ئۇلار بىلمىگەن بولسا ۋە ياكى بىلسىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلغان بولسا دېمەك بۇ چوڭلارنىڭ «يۇرت چوڭلىرى» بولۇشنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىدىن بەك خەۋىرى يوق. ئۇياشلارنىڭ ئۆزلىرى بىلەن ياكى ئاتا-ئانىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئەنە شۇيەردە ياشايدىغان چوڭلارنىڭ مەسئۇلىتى. ئاتا – ئانا لاياقەتسىز بولسا ياكى ياشلارنىڭ ئاتا – ئانىسى بولمىسا ئەلۋەتتە مەسئۇلىيەت شۇ يەرنىڭ جامائەت ئەرباپلىرىنىڭ زىممىسىگە چۈشىدۇ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر جەمىتىدە تېخىمۇ شۇنداق بولىشى كېرەك.   چۈنكى بۇ ياشلار چەتئەلدىكى تەۋەرۈك ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىمى ۋە ئۇلارنىڭ قانداق چوڭ بولىشى كەلگۈسىمىزگە ناھايتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

2) ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ۋە موشۇ مەسىلىلەر سادىر بولىۋاتقان رايۇندا ئۇيغۇرلار كۆپ كۆرىدىغان مىدىيا ئىكرانلىرى بار. بۇنىڭغا نۇر ئېكىرانى ۋە ئىستىقلال تېلىۋىزىيەسىنى مىسال قىلشىقا بولىدۇ. بەلكىم نۇر ئىكىرانى تەلىم تەربىيە ئىشىدا ناھايتى مۇھىم رول ئوينىيالىشى مۇمكىن. لىكىن ئۇلارنىڭ ۋىدىئولىرىنىڭ تېمىسىغا قارايدىغان بولساق   ئاسەن دىن مەزمۇنلاردۇر. ئويلاپ باقايلى، شۇ سۆزلىنۋاتقان دىننىڭ داۋاملاشتۇرغۇچىللىرى بولغان ياشلانىڭ مەنىۋىيىتى ۋە ئەخلاقى توغرۇلۇق تەربىيە قىلشنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ دىندىن تەبلىغ قىلغاننىڭ قانچىلىك پايدىسى بولار؟ بۇ خۇددى بىنانىڭ ئۇلى زەيلىشىپ كەتسە چاتىقى يوق تاملىرىنى ۋە ئۆينىڭ ئىچىنى زىننەتلىگەنگە ئوخشايدىغان ئىش ئەمەسمۇ؟! بۇنى نۇر ئىكرانىدىكى قېرىنداشلارنىڭ سەمىمىي ئويلىشىپ بېىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇنىڭدىن باشقا ئىستىقلال تېلىۋزىيسىمۇ كۆپ پروگرامما ئىشلەيدۇ ۋە ئۇيغۇرلار ئارسىدا كۆپ كۆرىلىدۇ. شۇڭا بولارمۇ مىسال ئۈچۈن، بەش قېتم پروگرامما ئىشلىگەندىن كىين ئالتىجى پروگراممسىنى ئەۋلادلار ۋە ياشلاردىكى كىرزىس، ئۇلارنىڭ  تەربىيلىنىشى ۋە ئوقۇشى قاتارلىق ياشلارغا بېغىشلانغان تېمىدا ئېشلىشى تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈم يارىتىشى مۇمكىن. بۇنىمۇ ئۇلار ئويلىشىپ بېقىشى لازىم.

تەربىيە مەزمۇنى ھەققىدە

1) كەيىپ ساپا يولغا ماڭماسلىق ۋە ماڭدۇرماسلىق، ئوبكىتى ياشلار ۋە ئ‍ۇلارنىڭ ئ‍اتا- ئانىللىرى. تەپسىلىي مەزمۇنى ۋە دائىرىسى بۇ يازمىدا ۋە ئۇيغۇرلار ئارسىدا بۇ ھەقىتە بولۇنغان مۇنازىرىلەردە يىتىپ ئاشقۇدەك تىلغا ئېلىندى.

2) باللارنىڭ مەكتەپتە ئ‍وقۇشى ياكى ئاتا – ئانىلارنىڭ ئۇلارنى ئوقۇتۇشىنىڭ ئۆزىنىڭ ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ھەققىدە. چۈنكى يېقىن كەلگۈسىدە ھەممىمىز زامانىۋى ئىلىم بىلەن قوراللانمىغانلارنىڭ كېرەكسىز ئەخلەتكە ۋە جەمىيەتنىڭ يۈكىگە ئايلىندىغانلىقى ھەتتا جەمىيەتتىكى رولى ھايۋاناتلار بىلەن ئوخشاش ھالەتكە چۈشۈپ قالدىغانلىقىنى  كۆرىمىز، بەلكىم 10 يىلدىن كىين.

3) يەرلىكنىڭ خەلىقىنىڭ يەنى تۈركىيەدە بولسا تۈركىيەنىڭ، تىلىنى، قانۇنىنى ۋە مەدەنىيتىنى ئ‍ۈگىنىش.   بۇلارسىز بۇ جەمىيەتكە سىڭىپ كىرگىلى بومايدۇم ناۋادا سىڭىپ كىرەلمىسە ئىتراپ قىلشقا ئېرىشەلمەيدۇ ، تۈرك خەلقى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىدۇ ۋە بۇ تىل ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئىلغار تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئ‍ۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولمايدۇ.

4) پاكىزلىق ۋە تازلىق مەسىلىسى. بۇ تولىمۇ ئەيىپ ھىسابلىندىغان ئىللەتتۇر، مەسىلە ئېغىر ۋە بۇ يەردە جىق سۆزلەش نۇمۇس قىلارلىق ئ‍ىش.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top