• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » مەدەنىيەت بوستانى » سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرى

سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرى

سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرى (يەرلىكلەر ھەزسۇلتان مازىرى دەپ ئاتىشىدۇ) ئاتۇش شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن ئۈچ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى سۇنتاغ يېزىسى مەشھەت كەنتىگە جايلاشقان، خەرىتىدىكى ئورنى شەرقىي ئۇزۇنلۇق 76.10 گرادۇس، شىمالىي كەڭلىك 39.41 گرادۇس، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1298 مېتىر، مازار ھەيۋەتلىك مۇنارلىق دەرۋازا، قورشاۋ تام، مەسچىت، سەرراپ، ياتاق (مۇساپىرخانا)، ئىش بېجىرىش ئۆيلىرى، ھويلا، كۆل، قەبرىستانلىق ۋە مېۋىلىك باغلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كۆلىمى 10 مىڭ كۋادرات مېتىردىن كۆپرەك كېلىدۇقەبرىستانلىقتا سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مەقبەرىسى (گۈمبەز) دىن باشقا يەنە سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئۇستازى ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ مەقبەرىسى ۋە باشقا ئۇلۇغلارنىڭ قەبرىلىرىمۇ بار.

سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان قاراخانىيلار خانلىقىغا ئاساس سالغۇچى بىلگە كۆل قادىرخاننىڭ نەۋرىسى، قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ 3 – ئەۋلاد خاقانى ھەمدە خانلىقتا تۇنجى بولۇپ ئۆلىما ئەبۇ نەسر سامانىنىڭ دەۋەت قىلىشى ۋە ئەرەب ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى بىلەن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ئۇيغۇر قاغانى. ئۇ تەختتە ئولتۇرغان ۋاقىتتا (مىلادىيە 943\ 942 ?? 955\956 – يىللىرى) ئىسلام دىنىنى ئالدى بىلەن قەشقەر رايونىدا ئومۇملاشتۇرۇش، ئۇنىڭدىن كېيىن باشقا جايدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە تارقىتىش، كېڭەيتىش جەھەتتە زور كۈچ چىقارغان ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن ئاساس سالغان ئۇلۇغ ئۆلىما ھەم ھەربىي ئالىم. سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ھىجرىيە 344 – يىلى (مىلادىيە 955\956 – يىلى) ۋاپات بولغاندىن كېيىن مۇشۇ جايغا دەپنە قىلىنغان. سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ چوڭ ئوغلى ۋە تەخت ۋارىسى مۇسا بىننى ئابدۇلكېرىم(بايتاش ئارسلانخان) ئۇنى ياد ئېتىپ تۇرۇش ئۈچۈن بۇ مەقبەرىنى ياساتقان، بۇ مەقبەرە قاراخانىيلار دەۋرىدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە كۆپ قېتىم رېمونت قىلىنغان ۋە قايتا ياسالغان. مەقبەرە دەسلەپتە ياغاچ تۈۋرۈكلۈك، ۋاسا جۈپ، تۈز تورۇسلۇق شەكىلدە بولۇپ، پۈتۈن قۇرۇلۇش توپا، ياغاچتىن ياسالغان، پۈتۈنلەي نەقىشلىك ياغاچ پەنجىرىلىك ئىمارەت بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر دىيارى تەۋەسىدە ئەڭ بۇرۇن ياسالغان ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك خاتىرە ئىمارىتى ۋە قەبرىگاھ ئىدى. غەرب ئالىملىرى ئىچىدە بىللېي تۇنجى بولۇپ سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرىنى زىيارەت قىلغان، ئۇنىڭ ئىسپاتلىشىچە ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بارغان كاپمان تارتقان سۈرەتكە قارىغاندا، مازارنىڭ قۇرۇلمىسى ھەشەمەتلىك گۈمبەز بولۇپ، گۈمبەزنىڭ تۆت ئەتراپىدىمۇ مۇنارلىرى بار. گۈمبەز كۆك، يېشىل، سېرىق كاھىش چاقچۇقلار ۋە نەقىشلەر بىلەن چىرايلىق قىلىپ بېزەلگەن. گۈمبەزنىڭ شەرقىي تەرىپىدە قۇلۇپلاقلىق ئېگىز ياغاچ ئەگمە دەرۋازا ئۈستىدە ” 1838- يىلى قەشقەرنىڭ ھاكىمبېگى زۇھۇرىدىن قايتا رېمونت قىلدۇرغان” دېگەن ئەرەبچە خەت بارلىقى مەلۇم.

چاغاتايچە “تەزكىرەئى بۇغراخان” ناملىق قوليازمىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خوجا مۇھەممەد شېرىپ دېگەن كىشىنىڭ بۇ مازارغا كەلگەنلىكى، مەسچىت سالدۇرۇپ، ئىمام – مەزىنلەرنى تەيىنلەپ، ۋەخپە يەر ئاجرىتىپ، مازارنى ئاۋاتلاشتۇرغانلىقى، ئۇنىڭ دىنىي جەھەتتىكى بىلىمى ۋە پازىللىقى بىلەن ئەل ئىچىدە ئابرۇي قازانغانلىقى مەلۇم. جۈملىدىن يەكەن سەئىدىيە خانلىقى سەلتەنىتى دەۋرىدە سۇلتان ئابدۇرەشىدخان (مىلادىيە 1533?? 1559- يىللىرى)نىڭ ھەر يىلى ئىككى – ئۈچ قېتىم ئاتۇشقا كېلىپ ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مەقبەرىسىنى تاۋاپ قىلىپ، قۇران – تىلاۋەت ئۆتكۈزۈپ تۇرغانلىقى ھەمدە ئۇنى شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنىتىنىڭ ئۇسلۇبى بىلەن خىش قۇرۇلمىلىق گۈمبەز تورۇسلۇق قىلىپ كەڭ كۆلەمدە رېمونت قىلدۇرغانلىقى ۋە كېڭەيتىپ قۇرۇپ چىققۇزغانلىقى، مازارنىڭ ئالدى تەرىپى ھەر خىل نەقىشلەر بىلەن ئىشلەنگەن رەڭدار كاھىش بىلەن زىننەتلەنگەنلىكى مەلۇم. يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاخىرقى خانى مۇھەممەد ئىسمايىل باھادىرغازى (مىلادىيە 1670?? 1678- يىللىرى) ئالاھىدە يارلىق چىقىرىپ: سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرىغا ۋەخپە قىلىنغان يەرلەردىن ئۆشرە – زاكاتتىن باشقا ھېچقانداق باج – سېلىق ئېلىنمايدىغانلىقىنى بېكىتكەن. بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ھىجرىيە 1241 – يىلى (مىلادىيە 1827\ 1826 – يىللىرى) قەشقەر ھۆكۈمرانى ئىسھاق ۋاڭ تەرىپىدىن يەنە بىر قېتىم رېمونت قىلىنىپ، ئاپاق خوجا مازىرىنىڭ ھازىرقى شەكلىگە ئوخشاش قىلىپ ياسىتىلغانلىقى مەلۇم.

ئومۇمەن سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرى 1000يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت داۋامىدا، ھاكىمىيەت، دىنىي تەشكىلات، پۇلدارلار ۋە جامائەتنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن كۆپ قېتىم رېمونت قىلىنىپ كەلگەن.

مازاردىكى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ گۈمبىزى ئىلگىرى – كېيىن 1901 − 1902 – يىللاردىكى قەشقەر، ئاتۇش رايونىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ۋە 1944 – يىلىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ۋەيران بولغان.

سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ قەبرىگاھى 1956 – يىلى ۋە 1959 – يىللىرى تەكشى يۈزى تۆت چاسا شەكىلدە، خىش – ياغاچ قۇرۇلمىلىق قىلىپ قايتا ياسالغان. تۆت تېمىنىڭ سىرتقى يۈزى گۈللۈك خىش تىزما نەقىش بىلەن زىننەتلەنگەن، ئۈستى ئۈچبۇلۇڭلۇق ياغاچ لىم بىلەن يانتۇ ئۆگزىلىك، تۈز تورۇسلۇق قىلىپ يېپىلغان، ئوتتۇرىسىغا كىچىك مۇنار چىقىرىلغان. مۇنارنىڭ ئۈستىگە ھىلال ئاي بەلگىسى ئورنىتىلغان.

قەبرىگاھنىڭ كۆلىمى 196 كۋادرات مېتىر، ئۇزۇنلۇقى بىلەن كەڭلىكى 14 مېتىر، ئېگىزلىكى 85 .5 مېتىر، ئۈستى بىگىزسىمان، قاڭالتىر بىلەن قاپلانغان. سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ قەبرىسى قەبرىگاھنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، شىمالدىن جەنۇبقا ئۇزۇنلۇقى 3.20 مېتىر، كەڭلىكى 2.32 مېتىر، ئېگىزلىكى 1.55 مېتىر، سىرتى ئاق گەج بىلەن ئاقارتىلغان. قەبرە ئۈستىگە دۇخاۋا يوپۇق يېپىلغان، ئۈچ تەرىپىدە تۆمۈر پەنجىرىلىك دېرىزە بار بولۇپ، دېرىزىنىڭ ئېگىزلىكى 2.83 مېتىر، كەڭلىكى 1.80 مېتىر، سىرتى نەقىشلەنگەن تۆمۈر رېشاتكا بىلەن ئورالغان. قەبرىگاھ دېرىزە تەكچىسىگە چوڭ – كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان بىرقانچە تاش قويۇپ قويۇلغان، تاۋاپچىلارنىڭ نەزەرىدە بۇ تاش خاسىيەتلىك بولۇپ، بەل – پۇت ئاغرىقى بارلار ئۇنى ئاغرىغان يەرلىرىگە سۈركىسە كېسىلى ساقىيارمىش. سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدا ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ چاسا شەكىللىك ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئۈستى يېپىلغان مەقبەرىسى بار بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى بىلەن كەڭلىكى 3.30 مېتىر، ئېگىزلىكى 3.70 مېتىر، كۆلىمى 11 كۋادرات مېتىر. سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان قەبرىگاھىنىڭ ئالدى تەرىپىگە مەسچىت، مەدرىس، ياتاق، مۇنچا قاتارلىق بىر يۈرۈش ئىمارەتلەر سېلىنغان.

مازاردىكى مەسچىت ئېگىز كۆتۈرۈلگەن سۇپا ئۈستىگە جايلاشقان بولۇپ، تەخمىنەن 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ياسالغان. مەسچىتنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 1192 كۋادرات مېتىر، ئېگىزلىكى 7.43 مېتىر، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 10889 كۋادرات مېتىر بولۇپ ئىچكىرى – تاشقىرى قىلىپ سېلىنغان. مەسچىتنىڭ ئىككى ئىشىكى، تۆت دېرىزىسى بار، ئىچىدە ئىككى رەت 12 تال تۈۋرۈكى بار، مەسچىتنىڭ شىمال، جەنۇب، شەرق تەرىپىدە ھەيۋەتلىك پېشايۋان بار بولۇپ، شىمال ۋە جەنۇبىدىكى پېشايۋاندا ئىككى رەت يەتتە تال تۈۋرۈك، شەرقىدە ئۈچ تال تۈۋرۈك بار. پۈتۈن مەسچىتنىڭ تۈۋرۈكى 43 تال. مەسچىتنىڭ مېھراب ۋە چاسا تورۇسلىرى بىلەن پېشايۋان تورۇسلىرى خىلمۇخىل رەڭلىك سىزما نەقىشلەر بىلەن ناھايىتى چىرايلىق بېزەلگەن. مەسچىت توپا، خىش ۋە ياغاچ قۇرۇلمىلىق بولۇپ، ئەتراپى ياغاچ رېشاتكا بىلەن ئورالغان. ئۇنىڭ ياسىلىشى پۇختا، كۆركەم ۋە ئەتراپىدىكى مەنزىرىسى چىرايلىق بولۇپ، مەسچىت ئالدىدىكى سۈپسۈزۈك كۆل ۋە ياپيېشىل بوستان تېرەكلەر ئۆز ئارا قوشۇلۇپ، پۈتۈن مازارغا ھۆسن قوشۇپ، ئىنتايىن گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلىدۇ. شۇڭا، بۇ مازار مەملىكەت ئىچى – سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولۇپ كەلمەكتە. مازارنىڭ دەرۋازىسىدا 1993 – يىلى پۈتكەن 45 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ھەيۋەتلىك مۇنار بار. مازارغا تەۋە 12 مو باغ بار بولۇپ، بۇ باغدا ئەنجۈر، ئۈزۈم، شاپتۇل، ئامۇت، ئانار، بادام ۋە قارىئۆرۈك قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخلەر بار.

سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ھازىرقى قەبرىگاھى ھۆكۈمەت ۋە شەخسلەرنىڭ ئىقتىساد چىقىرىشى بىلەن 1996- يىلىدىن باشلاپ يەنە قايتا ياسىلىشقا باشلاپ، ھازىر قۇرۇلۇشى تاماملاندى. ئاساسىي قۇرۇلۇش بۇنىڭدىن مىڭ يىل ئىلگىرىكى ئەسلى كۆلەم ۋە ئۇسلۇب بويىچە ھەيۋەتلىك ۋە كۆركەم قىلىپ ياسالدى، ھازىر مازارغا تەۋە مەسچىتمۇ قايتا ياسالماقتا.

سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرى 10- ئەسىردە بىنا قىلىنغاندىن تارتىپ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كېلىدىغان كىشىلەرنىڭ تاۋاپ قىلىدىغان جايى بولۇپ كەلمەكتە. ئۇ مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچى – سىرتىغا داڭلىق سەيلىگاھ ۋە زىيارەتگاھ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرى 1956 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن “ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇن” قىلىپ بېكىتىلگەن.

راھىلە داۋۇتنىڭ ”ئۇيغۇر مازارلىرى” ناملىق كىتابىدىن

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top