• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » قەدىمكى ئۇيغۇر باش كىيىمى – قالپاق

قەدىمكى ئۇيغۇر باش كىيىمى – قالپاق

مەرھۇم مۇختار قادىر ھۇنزادە

ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ كىيىم – كىچەك سەنئىتى شۇ مىللەتنىڭ ئومۇمىي مەدەنىيەت تارىخىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. تارىخ چاقى ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇر كىيىم – كىچەكلىرى ئىچىدىكى باش كىيىمنىڭ تۈرلىرىمۇ تىنىمسىز دولقۇن ئىچىدە يېڭىدىن – يېڭى شەكىللەرگە ئىگە بولۇۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا ئەجدادلىرىمىز ئۇزاق تارىخىمىزدا قالدۇرۇپ كەتكەن ئەنئەنىۋى باش كىيىملىرى ھېلىمۇ تۇرمۇشىمىزنى گۈزەللەشتۈرۈپ كەلمەكتە. قالپاق ئەنە شۇلارنىڭ بىرى.

1979 – يىلى لوپنۇر كۆلىنىڭ شىمالىدىن قېزىۋىلىنغان جەسەتنىڭ بېشىغا بىر نەچچە تال پەي قىستۇرۇلغان كېگىز قالپاق كىيدۈرۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن 4000 يىللار ئىلگىرىكى باش كىيىمى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. چەرچەندىكى زاغۇنلۇق قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان جەسەتلەرنىڭ بېشىغىمۇ كانايسىمان كېگىز قالپاق كىيدۈرۈلگەن، ھەر بىر قالپاققا يەتتە ياكى توققۇز تالدىن قۇش پېيى قادالغان، ئىلىدىن تېپىلغان مىس لەشكەر قونچاقنىڭ قالپىقى ئۇچلۇق بولۇپلا قالماستىن ئىككى ھەسسە ئېگىز، بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭدىن 3000 يىللار ئىلگىرىكى بويۇملار، كۇچا قىزىل مىڭ ئۆيىدىكى تام رەسىملىرىدە بېشىغا تاجىسىمان گۈللۈك قالپاقلارنى كىيىپ، ھەر خىل چالغۇلارنى چېلىۋاتقان سازەندىلەر تەسۋىرلەنگەن. تۇرپاندىكى بېزەكلىك مىڭ ئۆيىدىمۇ بېشىغا كەينى ئېگىز، ئالدى پەس، ئۇچى ئۇچلۇق باش كىيىمى كىيگەن قوچۇ خانىنىڭ رەسىمى بار. ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقىرى «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» دا: «ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىنلاشقاندا، تۈرك قاغانى ئۇنىڭغا قارىشى 4000 ئادەم ئەۋەتكەن، ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن …»دېگەن مەلۇماتنى قالدۇرغان. بۇ پاكىتلاردىن قالپاقنىڭ قەدىمكى باش كىيىم بولۇپلا قالماستىن، بەلكى سەنئەتچىلەر، ئەسكەرلەر ۋە پادىشاھ – ئەمەلدارلار تەرىپىدىن ئارزۇلىنىدىغان سەلتەنەتلىك كىيىم ئىكەنلىكىنى كۆرۋالالايمىز .

ھازىرقى زامان قالپاقلىرى قەدىمكى زامان قالپاقلىرىدىن روشەن پەرقلىنىدۇ. ئەمما زور تۈركۈمدىكى قالپاقسىمان باش كىيىملەر (تەلپەك، ئاق تۇماق، كۆرپە تۇماق، سەرپۇش تۇماق قاتارلىقلار) خەلقىمىز تەرىپىدىن ھېلھەم ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، قالپاقتىن ئىبارەت بۇ باش كىيىم ئانا دىيارىمىزدا يېڭلانماي، چەت ئەللەردە ئۆزگەرتىپ ئىشلىنىپ نازايىتى تېزلا يەنە بىزنىڭ بازارلىرىمىزغا كىردى. بۇ يېڭى قالپاقلارنىڭ پاسۇنى ئۆزگىچە بولۇپ، كۆركەم، نەپىس،  كىيىشكە ئەپلىك بولغانلىقى ئۈچۈن،  ئىستىمالچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى .

مەنبە: دولانلىق تورى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top