• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » مەدەنىيەت بوستانى » ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﮬﯩﺰ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺭﻭﻟﻰ

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﮬﯩﺰ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺭﻭﻟﻰ

ﭘﻪﺭﻫﯩﺰ — ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﭘﯧﺸﻜﻪﻟﭽﯩﻠﯩﻚ، ﺑﺎﻻ – ﻗﺎﺯﺍﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺶ – ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ، ﮔﻪﭖ – ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﺵ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﭘﻪﺭﻫﯩﺰ ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍﺩﺍ “ TABOO“ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﺎﯞﯨﺴﺘﺮﺍﻟﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻓﻮﻟﻜﻠﯘﺭﺷﯘﻧﺎﺱ ﻓﯧﺮﺋﯩﻮﺩﺱ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ:  ”ﭘﻪﺭﻫﯩﺰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﻣﻪﻧﯩﮕﻪ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ:  ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ، ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ، ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ؛ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ، ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ، ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ، ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻥ، ﺗﻪۋﻩﻛﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ “.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮﻗﻪﺩﻩﺭ ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ؛ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺋﯩﺶ – ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﭻ ﺑﺎﻏﻼﻧﻐﺎﻥ. ﺭﻭﺷﻪﻧﻜﻰ، ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﯨﻤﯘ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻰ ﺋﯚﺯ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻤﯩﺪﻯ. ﺩﯦﻤﻪﻙ ﺋﯘ، ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻧﯩﯔ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺷﻪﻛﯩﻠﺴﯩﺰ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﯗﺭ.
ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻧﯩﯔ ﭼﯧﺘﯩﺸﻠﯩﻖ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﻤﯘ ﻛﯧﯖﻪﻳﺪﻯ. ﺧﻪﻟﻖ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻟﯩﺮﻯ، ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻟﯩﺮﻯ، ﺗﯩﻞ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻟﯩﺮﻯ، ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ﺩﻩﭖ ﺗﯚﺕ ﺗﯜﺭﮔﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ، ﺑﯘ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺑﯩﻲ ﺋﺎﻣﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ، ﺷﻪﻫﻪﺭ – ﻳﯧﺰﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﺵ ﺟﻪﻫﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ.

ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ، ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻟﻪﺭ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘﺭﯗﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭙﻼ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺩﯨﻨﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﺘﯩﻜﻰ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻧﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ، ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ”ﺋﺎﻱ ﻧﯘﺭﻯ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﻳﯘﻧﺪﺍ ﺗﯚﻛﺴﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ“، ”ﻗﯩﺰ ﺑﺎﻻ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻟﯘﻕ ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﻳﺎﻻﯕﺒﺎﺵ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﺴﺎ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ “ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻟﻪﺭ. ﺑﯘ، ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ”ﻛﯚﻛﻜﻪ ﭼﻮﻗﯘﻧﯘﺵ“ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻟﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺑﯩﺰﺩﻩ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﺗﯩﻜﻰ ”ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻘﺎ ﭼﻮﻗﯘﻧﯘﺵ“ ﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﺰﯨﺰﻻﺷﻘﺎ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺑﻪﺯﻯ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻟﻪﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ”ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻳﻨﺎﻗﺴﯘ ﺗﯚﻛﺴﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ“، ”ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﻳﻪﺭ ﻳﯘﺗﯩﺪﯗ “ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻟﻪﺭ. ”ﺳﯘﻏﺎ ﭼﻮﻗﯘﻧﯘﺵ “ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ”ﺳﯘ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ ﻛﯩﺮ ﻳﯘﻳﺴﺎ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ “، ”ﺳﯘﻏﺎ ﺗﯚﻛﯜﺭﺳﻪ، ﭼﻮﯓ – ﻛﭽﯩﻚ ﺗﻪﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﮔﯘﻧﺎﻫ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ“، ”ﺳﯘﻧﻰ ﺋﯩﺴﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﮔﯘﻧﺎﻫ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ“ ﺩﯦﮕﻪﻧﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻟﻪﺭ. ﻳﻪﻧﻪ ”ﺩﻩﺭﻩﺧﻜﻪ ﭼﻮﻗﯘﻧﯘﺵ“ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﯨﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻟﻪﺭﺩﯨﻦ “ ﻛﯚﻛﻠﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﻩﺭﻩﺧﻨﻰ ﻛﻪﺳﺴﻪ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ“، ”ﺩﻩﺭﻩﺥ ﺷﺎﺧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮ ﻳﺎﻳﺴﺎ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ“ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻟﻪﺭ ؛ ”ﺋﻮﺗﻘﺎ ﭼﻮﻗﯘﻧﯘﺵ“ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﯨﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ”ﺋﻮﺗﻘﺎ ﺗﯜﻛﯜﺭﺳﻪ، ﺋﻮﺗﻨﻰ ﭼﯚﺭﯛﭖ ﺋﻮﻳﻨﯩﺴﺎ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ“ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻟﻪﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ. ﻳﯘﻗﯘﺭﻗﯩﺪﻩﻙ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰ – ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻧﯩﯔ ﺳﺎﻗﯩﻨﺪﯨﺴﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺩﯦﻴﯩﻠﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺋﯘ، ﻫﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﭼﯧﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﺧﯘﺭﺍﭘﯩﻴﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺑﯘ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺯ – ﺗﻮﻻ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﯩﺠﺎﺑﯩﻲ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯜﮔﯜﻧﮕﻪ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻫﻪﻡ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ.

ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻟﯩﺮﻯ
ﺑﯘ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻟﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻛﻪﯓ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ، ﻳﯧﻤﻪﻙ – ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﯞﻩ ﺯﯨﺮﺍﺋﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﻟﯘﻏﻼﺷﺘﯩﻦ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻟﻪﺭ، ﭘﺎﻛﯩﺰ، ﭘﺎﻙ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﯞﻩ ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻟﻪﺭ، ﺋﻪﺩﻩﭖ – ﺋﻪﺧﻼﻕ ﯞﻩ ﺋﻪﺭ – ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻟﻪﺭ، ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﮕﻪﺭﭼﯩﻠﯩﻚ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻟﻪﺭ، ﺋﯩﻨﺎﻕ – ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ ﺋﯚﺗﯜﺵ، ﭼﻮﯕﻼﺭﻧﻰ ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﻠﻪﺵ، ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺰﺯﻩﺗﻠﻪﺵ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻟﻪﺭ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﻫﯧﻴﺖ – ﺑﺎﻳﺮﺍﻡ، ﺋﯚﻟﯜﻡ – ﻳﯧﺘﯩﻢ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻻﺭ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ:
1. ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ، ﻳﯧﻤﻪﻙ – ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ، ﺯﯨﺮﺍﺋﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﻟﯘﻏﻼﺷﺘﯩﻦ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻟﻪﺭ:  ﺑﯘ ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻟﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻛﻪﯓ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﻘﺎﻥ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ:  “ﻧﺎﻧﻐﺎ ﺩﻩﺳﺴﯩﺴﻪ، ﺗﯘﺯﻏﺎ ﺩﻩﺳﺴﯩﺴﻪ، ﻏﯩﺰﺍ – ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﭼﺎﭼﺴﺎ، ﺗﯘﺯ ﺧﺎﻟﺘﯩﺴﻰ، ﺋﯘﻥ ﺧﺎﻟﺘﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺧﯧﻤﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺳﺎ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ “ ؛ “ ﺯﯨﺮﺍﺋﻪﺗﻨﻰ، ﻧﺎﻥ ﺋﯘﯞﺍﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﻩﺳﺴﯩﺴﻪ، ﻏﯩﺰﺍ – ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﻩﺗﺴﻪ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ “ ﺩﯦﮕﻪﻧﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ. ﺭﻭﺷﻪﻧﻜﻰ، ﻧﺎﻥ، ﺗﯘﺯ ﯞﻩ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﺎﭘﺎﻟﯩﺘﻰ، ﺋﯘ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﻪﺟﯩﺮ ﯞﻩ ﻣﯧﻬﻨﻪﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺩﻩﺳﺴﻪﺵ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﻣﯧﻬﻨﻪﺕ – ﺋﻪﺟﯩﺮﻧﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﺑﺘﯩﻦ، “ ﻧﺎﻧﻐﺎ ﺩﻩﺳﺴﯩﺴﻪﯓ ﻛﻮﺭ ﺑﻮﻟﯩﺴﻪﻥ “ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﺎﻗﺎﻝ – ﺗﻪﻣﺴﯩﻞ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﺯﯨﺮﺍﺋﻪﺗﻠﻪﺭ ﺩﻩﺳﺴﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ، ﻗﯘﺭﯗﭖ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﻫﻮﺳﯘﻝ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ، ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﭖ ﺯﯨﺮﺍﺋﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﺳﺮﺍﺵ ﻻﺯﯨﻢ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮ ﺩﺍﻧﻪ ﻧﺎﻥ ﺋﯘﯞﯗﻗﯩﻤﯘ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻗﺎﻥ – ﺗﻪﺭ ﺑﻪﺩﯨﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﭼﻜﻪ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻳﯧﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﻩﺗﻤﻪﺳﺘﯩﻦ، ﻗﯘﺷﻼﺭ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﺎﻝ – ﭼﺎﺭﯞﯨﻼﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﯟﯦﺘﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ. ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﻘﻰ ”ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ“ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﺎﺷﻠﯩﻘﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﺵ، ﺋﯩﺴﺮﺍﭘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﺩﻩﻝ – ﺩﻩﺭﻩﺥ، ﻣﯧﯟﯨﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﻩﺧﻠﻪﺭﻧﻰ، ﺯﯨﺮﺍﺋﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ — ﺋﺎﺳﺮﺍﺷﺘﻪﻙ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ، ﺑﯘﻻﺭ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﯨﻤﯘ ﺋﯚﺯ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ .
2. ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻘﻘﺎ ﺭﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ – ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻟﻪﺭ:  ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، “ ﻗﻮﻝ ﻳﯘﻏﺎﻧﺪﺍ ﻗﻮﻟﻨﻰ ﺳﯩﻠﻜﯩﺴﻪ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ “، ”ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺋﻪﺧﻠﻪﺕ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯜﻧﺪﻩ ﻗﻮﻧﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ “، “ ﭼﺎﭺ، ﺳﺎﻗﺎﻝ- ﺑﯘﺭﯗﺕ، ﺗﯩﺮﻧﺎﻗﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﯞﻩﺗﺴﻪ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ “، “ ﺗﺎﻣﺎﻗﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ، ﺗﻪﺭﻩﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﻮﻝ ﻳﯘﻣﯩﺴﺎ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ “، ”ﺋﯘﺩﯗﻝ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺗﯜﻛﯜﺭﺳﻪ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ “، ”ﭼﺎﭼﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺗﺎﺭﯨﺴﺎ، ﻛﻪﺳﺴﻪ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ “، ”ﺋﻪﺗﺘﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ ﻳﯘﻣﺎﻱ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ“، ”ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻤﻰ ﻫﻮﺷﯘﻗﯩﻨﻰ ﻳﺎﭘﻤﯩﺴﺎ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ“ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ. ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ، ﻗﻮﻝ ﻳﯘﻏﺎﻧﺪﺍ ﻗﻮﻝ ﺳﯩﻠﻜﯩﺴﻪ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﭼﺎﭼﺮﺍﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ، ﺑﯘ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﭼﺎﭺ – ﺳﺎﻗﺎﻟﻼﺭﻧﻰ، ﺗﯩﺮﻧﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﯞﯦﺘﯩﺶ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﺪﻩ ﻣﻪﻳﻨﻪﺕ ﺑﺎﺳﻘﺎﻧﻠﯩﻖ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘﺩﯗﻝ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺗﯜﻛﯜﺭﺳﻪ ﻫﺎﻳﺎﺳﯩﺰﻟﯩﻖ، ﺋﯘﭼﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻫﯩﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ، ﻗﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺗﯜﻛﯜﺭﺳﻪ، ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﺋﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﭼﺎﭺ — ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﯚﺳﻨﯩﮕﻪ ﻫﯚﺳﯩﻦ ﻗﻮﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﭼﺎﭼﻨﻰ ﻛﻪﺳﻜﻪﻧﺪﻩ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺗﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻪﺳﻤﻪﻱ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﺋﯚﺭﯛﺩﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﺗﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ. ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﯞﻩ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﻗﻮﻧﺠﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺗﯜﻙ، ﻗﯩﺴﻘﯩﺮﺍﻕ ﺋﯩﺸﺘﺎﻥ ﻛﯩﻴﯩﺸﻜﻪﻥ ؛ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﭼﻮﯓ ﺳﯜﭘﻪﺕ، ﺋﯩﺒﺎﻟﯩﻖ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯩﻴﯩﻤﻨﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻛﯩﻴﯩﭗ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﻳﯚﮔﻪﭖ ﻳﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﻘﻰ ”ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ“ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ، ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭘﻼ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﺘﻪ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻘﻘﺎ ﺭﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ، ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ .
ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﻘﻰ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﻚ، ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﻗﻪﻟﺐ ﺋﻪﯛﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻰ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ، ﺋﯚﺯ ﻧﯚﯞﯨﺘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻧﺪﯨﺴﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯩﺰ ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻚ، ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﻚ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﺋﯘﻧﻰ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﺩﻩﯞﺭ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ.
3. ﺋﻪﺩﻩﭖ – ﺋﻪﺧﻼﻕ، ﺋﻪﺭ – ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻟﻪﺭ. ﺑﯘﻻﺭ، ”ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﻮﻝ ﺷﯩﻠﺘﯩﭗ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ“، ”ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﻪﻛﺴﻪ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ“، ”ﻫﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﺴﻪ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ“، ”ﻗﯩﺰﻻﺭﻏﺎ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﻗﯩﻠﯩﻘﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ“، ”ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺗﯩﻠﻠﯩﺴﺎ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ“، ”ﮔﻪﭘﻜﻪ ﻗﻮﺷﯘﻕ ﺳﺎﻟﺴﺎ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ“، ”ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺋﺎﺗﻼﭖ ﺋﯚﺗﺴﻪ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ“، ”ﻏﻪﻳﯟﻩﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ“، ”ﺋﯚﺭﻩ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯧﺴﻪ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ“، ”ﺩﺍﺳﺘﯩﺨﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﭘﯘﺗﯩﻨﻰ ﺳﻮﺯﯗﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺳﺎ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ“، “ ﺋﻮﻳﻨﯩﺸﯩﭗ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺗﯩﻎ ﺗﻪﯕﻠﯩﺴﻪ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ“، “ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﻳﯧﺴﻪ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ“ ﺩﯦﮕﻪﻧﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ. ﺩﻩﺭﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺕ، ﻛﻪﻳﯩﭙﺨﯘﻣﺎﺭﻟﯩﻖ، ﺯﯨﻨﺎﺧﻮﺭﻟﯘﻕ — ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﺪﺍ ﺋﻪﯓ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﮔﯘﻧﺎﻫ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺯﯨﻨﺎﺧﻮﺭﻟﯘﻕ — ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﯞﻩ ﺭﻭﻫﯩﻲ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻫﺎﻻﻛﻪﺕ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ ؛ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻧﺎﺷﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ ﻧﻪﭘﺮﻩﺗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﭼﻮﯕﻼﺭﻧﯩﯔ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ، ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻫﺎﺭﺍﻕ ﺋﯧﭽﯩﺶ، ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯧﻜﯩﺶ ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ؛ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﯩﭗ ﺩﺍﺳﺘﯩﺨﺎﻥ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﺍ ﭘﯘﺗﯩﻨﻰ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﺳﯘﻧﯘﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺵ ﺳﺎﻫﯩﭙﺨﺎﻧﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻫﯩﻤﻰ ﺗﺎﺋﺎﻣﻼﺭﻏﺎ، ﻫﻪﻣﺪﺍﺳﺘﯩﺨﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﻫﺎﺳﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻨﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺗﯩﻠﻠﯩﺴﺎ، ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻏﯘﺭﯗﺭﯨﻐﺎ ﺗﻪﮔﻜﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻫﯧﺴﺎﻧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺗﻠﯩﺴﺎ، ﺑﯘ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻏﯘﺭﯗﺭﯨﻐﺎ ﺗﯧﮕﯩﭗ ﭘﻪﺱ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻚ ﻫﯩﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻏﻪﻳﯟﻩﺕ – ﺷﯩﻜﺎﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﮔﻪﭘﻜﻪ ﻗﻮﺷﯘﻕ ﺳﯧﻠﯩﺶ — ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻫﯩﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺟﯧﺪﻩﻝ – ﻣﺎﺟﯩﺮﺍ ﯞﻩ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﮕﻪ ﺳﻪﯞﻩﺑﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯩﻨﺎﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻻﺭ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﻪﺧﻼﻕ، ﻛﻪﺳﯩﭗ ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻐﺎ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ .
ﺷﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﻛﯧﺮﻩﻛﻜﻰ، ﺋﻪﻝ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ”ﻛﯜﻟﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎ ﻛﯜﻧﻰ ﺳﻮﺭﯗﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ“، ”ﻳﺎﺳﺘﯘﻗﺘﯩﻦ ﺋﺎﺗﻠﯩﺴﺎ، ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺳﺎ ﺋﯧﻐﯩﺰﻯ ﭘﯩﭽﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ“، ”ﺋﻪﺗﺘﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﮔﺎﺯﯨﺮ ﭼﺎﻗﺴﺎ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺗﯚﻫﻤﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ“، ﺩﯦﮕﻪﻧﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﺪﺍ ﺋﺎﺯﺭﺍﻗﻤﯘ ﺳﻪﯞﻩﺏ – ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻟﻪﺭ ﻳﺎﺷﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﺪﻩ ﻣﯜﺟﯩﻤﻪﻟﻠﯩﻚ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺑﯩﻲ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﻮﺳﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﻛﯜﻟﻨﻰ ﺳﻮﺭﯗﺵ ﺑﻪﺩﻩﻧﮕﻪ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ، ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯜﻧﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯦﺘﻰ ﻳﻮﻕ ؛ ﻳﺎﺳﺘﯘﻕ — ﻳﺎﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻘﻘﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺳﺘﯘﻗﻘﺎ ﺩﻩﺳﺴﯩﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺮﻩﻙ ؛ ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ”ﺋﯧﻐﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﯩﭽﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ“ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﻳﻮﻕ ؛ ﺋﻪﺗﺘﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﮔﺎﺯﯨﺮ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻜﻪ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ، ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺗﯚﻫﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﻳﻮﻕ ؛ ﺷﯘﯕﺎ، ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻟﻪﺭﮔﻪ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻧﻐﺎﻥ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻣﻪﻧﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
4. ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﮕﻪﺭﭼﯩﻠﯩﻚ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻟﻪﺭ: ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻟﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﯚﺭﭖ – ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﮕﻪﺭﭼﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻮﺭﯗﺗﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﺋﯩﻨﺎﻕ ﺋﯚﺗﯜﺷﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﺷﺘﯩﻜﻰ ﺭﻭﻟﻰ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺯﻭﺭ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ”ﺗﻮﻧﯘﺵ – ﺑﯩﻠﯩﺸﻠﻪﺭ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ “، “ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﺴﺎ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ“، “ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮﻯ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻗﻮﻳﻤﯩﺴﺎ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ“، “ ﺩﺍﺳﺘﯩﺨﺎﻥ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ”“ﭼﻮﯕﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺳﺎ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ“ ﺩﯦﮕﻪﻧﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻟﻪﺭﮔﻪ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻣﻪﻧﻪ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻧﻐﺎﻥ. ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﺗﻮﻧﯘﺵ – ﺑﯩﻠﯩﺸﻠﻪﺭ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﺳﺎﻻﻣﻼﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ:  ”ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯩﺮﺳﯩﻠﻪ، ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺑﺎﺷﻼﻱ، ﭼﺎﻱ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻣﺎﯕﺴﯩﻼ“ ﺩﯦﻴﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، ”ﻗﯩﺰﻏﺎﻧﭽﯘﻕ، ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﮕﻪﺭﭼﯩﻠﯩﻜﻰ ﻳﻮﻕ“ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ، ﻣﯧﻬﻤﺎﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ، ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ ”ﯞﺍﻱ، ﻣﯧﺰﯨﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭘﺘﯘ“ ﺩﻩﭖ ﻣﻪﻣﻨﯘﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻫﯩﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .ﭼﻮﯕﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺵ — ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﮕﻪﺭﭼﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ ؛ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﻘﻰ ”ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ“ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯ – ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﺪﻭﺳﺖ، ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ – ﻳﻮﺳﯘﻧﻠﯘﻕ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ.
5. ﺋﯩﻨﺎﻕ – ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ ﺋﯚﺗﯜﺵ، ﭼﻮﯕﻼﺭﻧﻰ ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﻠﻪﺵ، ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺰﺯﻩﺗﻠﻪﺵ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻟﻪﺭ:  ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻟﻪﺭﻣﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ،“ﻛﯚﯙﺭﯛﺷﻜﻪﻧﺪﻩ ﺳﺎﻻﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﯚﺗﻤﯩﺴﻪ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ“، ”ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻦ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯚﺗﺴﻪ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ“، “ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﯩﻤﯩﺴﺎ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﭼﻮﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺳﺎ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ“، “ ﭼﻮﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﭘﯘﺗﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺳﺎ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﭼﻮﯕﻼﺭ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﮔﯧﭙﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﺍﻟﺴﺎ، ﭼﻮﯕﻼﺭﻏﺎ ﮔﻪﭖ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﺳﺎ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ“، “ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﺳﻪﺕ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﯜﮔﻪﺗﺴﻪ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ“ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ. ﺑﯘ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﻮﯕﻼﺭﻧﻰ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﻣﯘﻫﯩﻤﻠﯩﻐﯩﻨﻰ، ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭼﻮﯕﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ”ﺋﺎﻛﺎ، ﺋﺎﭼﺎ، ﺑﻮﯞﺍ، ﭼﻮﯓ ﺋﺎﻧﺎ، ﺩﺍﺩﺍ، ﺋﺎﻧﺎ “ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﺵ ﻻﺯﯨﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﭼﻮﯕﻼﺭ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﯕﻼﺵ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺋﻪﺩﻩﭘﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ، ﭼﻮﯕﻼﺭﻧﻰ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺰﺯﻩﺗﻠﻪﺷﺘﻪﻙ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻲ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪﻣﻠﻪﺷﻜﻪﻥ.
6. ﻫﯧﻴﺖ – ﺑﺎﻳﺮﺍﻡ، ﺋﯚﻟﯜﻡ – ﻳﯧﺘﯩﻢ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻟﻪﺭ:  ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻫﯧﻴﺖ – ﺑﺎﻳﺮﺍﻣﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯚﻟﯜﻡ – ﻳﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﺭﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ”ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﺋﺎﺩﺍﯞﻩﺕ ﺳﺎﻗﻠﯩﺴﺎ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺋﯚﭺ – ﺋﺎﺩﺍﯞﯨﺘﻰ ﺑﺎﺭﻻﺭﻣﯘ ﺋﺎﺩﺍﯞﯨﺘﯩﻨﻰ ﻳﯘﻳﯘﭖ ﻫﯧﻴﺖ – ﺑﺎﻳﺮﺍﻣﺪﺍ ﻳﺎﺭﯨﺸﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ“، ”ﻫﯧﻴﺖ – ﺋﺎﻳﻪﻡ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰ ﺗﺎﻗﺎﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ“ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﻫﯧﻴﺖ – ﺋﺎﻳﻪﻡ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﭼﯚﻣﯜﺩﯨﻐﺎﻥ ﻛﯜﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﺩﺍﯞﻩﺗﻠﻪﺭ ﻳﯘﻳﯘﻟﻤﯩﺴﺎ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ. ﻫﯧﻴﺖ – ﺋﺎﻳﻪﻡ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯩﺸﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﺎﻗﺎﭖ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ “ ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﮕﻪﺭﭼﯩﻠﯩﮕﻰ ﻳﻮﻕ، ﭘﯩﺨﺴﯩﻖ، ﺋﺎﭼﻜﯚﺯ، ﻗﯩﺰﻏﺎﻧﭽﯘﻕ“ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ، ﻳﻪﻧﻪ ﺩﻭﺳﺖ – ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭﻟﻪﺭ، ﺋﯘﺭﯗﻕ – ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﺵ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻫﺮﯗﻡ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﯜﻡ – ﻳﯧﺘﯩﻢ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﯩﺮﻗﻪﺩﻩﺭ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ”ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺗﻠﯩﺴﺎ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ“، ”ﻣﯧﻴﯩﺘﻨﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ﺗﯧﺰ ﻗﻮﻳﯘﯞﻩﺗﻤﯩﺴﻪ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ“، “ ﻣﯧﻴﯩﺘﻨﻰ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻗﻮﻳﺴﺎ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ“، ”ﺟﯜﭘﺘﻰ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭ، ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ﺟﯜﭘﺘﯩﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ“ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻻﻱ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ. ﺑﯘﻻﺭﺩﯨﻤﯘ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﺯﯨﺰﻟﻪﺵ، ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﻠﻪﺵ، ﺟﻪﺳﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ، ﻫﺎﻳﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﺳﻪﺕ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﻪ ﻧﺎﻟﻪ – ﭘﯩﻐﺎﻥ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ… ﻗﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭ ﺑﺎﺭ. ﺋﺎﺗﺎ – ﺑﻮﯞﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ”ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ“ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪﻣﻠﻪﭖ، ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﺵ، ﺗﯩﺮﯨﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻏﯧﻤﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﮕﻪﻥ.

ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ، ﺗﯩﻞ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻟﯩﺮﻯ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯩﻞ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻟﯩﺮﻯ — ﻧﺎﭼﺎﺭ، ﻗﻮﭘﺎﻝ ﺳﯚﺯ – ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﯩﻠﯩﻘﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ، ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﯩﺸﺎﺭﻩﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻳﺎﯨﺸﻰ ﺗﯩﻠﻪﻙ، ﺋﺎﺭﺯﯗ – ﺋﯜﻣﯩﺪﻟﻪﺭﮔﻪ ﻣﯘﺧﺎﻟﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﺎﭼﯘﺭﯗﺵ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻫﺎﺩﯨﺴﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺗﯩﻞ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ”ﺗﻮﻛﯘﺭ“ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ — ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰ ﺗﯘﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ”ﭘﯘﺗﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰ، ﻣﯧﻴﯩﭗ“ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﺸﺎﺭﻩﺕ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ .“ﺋﯚﻟﯜﻡ“ ﺳﯚﺯﻯ — ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻰ ”ﺋﯚﻟﺪﻯ“ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ، ”ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ، ﻛﯚﺯﻯ ﻳﯘﻣﯘﻟﻤﺎﻕ، ﺗﯜﮔﻪﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﻙ، ﻗﺎﺯﺍ ﻗﯩﻠﻤﺎﻕ، ﻛﯧﺴﻪﻟﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﯩﻴﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﭼﯩﺮﯨﻐﻰ ﺋﯚﭼﻤﻪﻙ، ﻳﯜﺭﯨﻜﻰ ﺳﻮﻗﯘﺷﺘﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻕ“ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﺎﺩﻩﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻏﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯘﻣﺸﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﻫﯧﺴﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺧﺎﻫﯩﺸﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ .
ﺗﯩﻞ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻯ ﯞﻩ ﺋﯩﻔﯩﻤﯩﺰﻡ — ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯚﺭﭖ – ﺋﺎﺩﻩﺕ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯩﻞ – ﻳﯧﺰﯨﻖ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﯞﻩ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﭻ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺋﯚﺭﭖ – ﺋﺎﺩﻩﺕ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻐﺎ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ.

ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ، ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻟﯩﺮﻯ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺋﯩﯧﻠﻰ ﺑﯘﺭﯗﻧﻼ ﺋﻮﯞﭼﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ، ﻗﻮﻝ – ﻫﯜﻧﻪﺭﯞﻩﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻛﻪﺳﭙﯩﮕﻪ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺗﯧﺮﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻣﯘﻗﯩﻢ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻰ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﯚﺗﯜﭖ، ﻣﯘﺷﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، “ ﻣﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﻏﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﻏﺎﻣﭽﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﻼﭖ ﺋﯚﺗﺴﻪ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻣﺎﻝ – ﭘﺎﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﻳﯧﺮﯨﭗ ﺋﯚﺗﺴﻪ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻣﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﯘﺭﯗﭖ – ﺗﻪﭘﺴﻪ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ“، “ ﺋﺎﺷﻨﯩﯔ ﺗﯘﺯﯨﻨﻰ ﭼﯚﻣﯜﭼﺘﻪ ﺗﯧﺘﯩﺴﺎ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ”، ”ﺳﯜﺕ، ﻗﯧﺘﯩﻖ – ﻗﺎﻳﻤﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺗﯚﻛﺴﻪ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ “، “ ﻗﺎﺭﻟﯩﻐﺎﭼﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﺴﺎ ﻗﻮﻟﻰ ﺗﯩﺘﺮﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ“ ﺩﯦﮕﻪﻧﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻗﻪﺩﯨﻤﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﭼﺎﺭﯞﺍ ﻣﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﭼﺎﺭﯞﺍ ﻣﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﺎﺭﻻﺷﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﮔﯘﻧﺎﻫ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ. ﻗﯘﺵ — ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﻭﺳﺘﻰ، ﺷﯘﯕﺎ، ”ﻗﺎﺭﻟﯩﻐﺎﭼﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﺴﺎ ﻗﻮﻟﻰ ﺗﯩﺘﺮﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ“ ﺩﯦﻴﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﻗﯘﺷﻼﺭﻧﻰ، ﺟﺎﻥ – ﻗﺎﻧﯩﯟﺍﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺮﺍﺵ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ. ﻗﺎﺯﺍﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺷﻨﻰ ﭼﯚﻣﯜﭼﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘﺯﯨﻨﻰ ﺗﯧﺘﯩﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺗﯘﺯ ﺋﻮﺗﻠﯩﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻜﺮﻭﺏ ﺗﺎﻣﺎﻗﻘﺎ ﺗﺎﺭﻗﺎﻳﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯘﺯ ﺋﻮﺗﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻏﺰﻯ ﻛﯚﻳﯜﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯘﺭ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺧﻪﻟﻖ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺪﯗ، ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺳﺎﻏﻼﻡ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻐﺎ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ ﻗﻮﺷﯩﺪﯗ ؛ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ ﭘﯩﺴﺨﯩﻚ ﻫﺎﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻳﺪﯗ ؛ ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯚﺭﭖ – ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﺑﯧﻴﯩﺘﯩﭗ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺑﯩﺰ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﻯ، ﭘﻪﺭﻫﯩﺰ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﯧﻠﯩﭗ، ﺭﻭﺷﻪﻥ ﺩﻩﯞﺭ ﺭﻭﻫﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺧﻼﻕ -ﭘﻪﺯﯨﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﻧﯘﺭﻻﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﻪﻩ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ ؛ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ، ﭘﻪﺭﻫﯩﺰ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ — ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻐﺎ ﺋﻮخشاش ﺯﻭﺭ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ.

مەنبە:  لەمجىن خېمىيە بىلوگى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top