• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىنىڭ مىللەت مەۋجۇتلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈستىدە ئىزدىنىش

ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىنىڭ مىللەت مەۋجۇتلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈستىدە ئىزدىنىش

ئىدىرىس مەھىدى

دۇنيادا ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرى ئولتۇراقلىشىپ ياشاۋاتقان ماكانلىرىدىن باشقا يات يەرلەرگە كۆچۈپ ئولتۇراقلىشىپ ماكانلىشىدىن ئىبارەت بۇ ئىجتىمائىي ھادىسە ناھايىتى قەدىقىي زامانلاردىن باشلانغان. بۇ ھادىسە ھاتتا يېڭى زامان ئادەملىرى (sapiens Homo ئەقىللىق ئادەملەر)  پەيدا بولغان زامانلاردىلا باشلانغان. بۇنىڭدىن 120 مىڭ يىل ئىلگىرى ئافرىقا قىتئەسىدە ياشاۋاتقان بۇ ئەقىللىق ئادەملارنىڭ بىر قىسمى كۆچمەنلىك ھاياتنى باشلىغان. 50 مىڭ يىل بۇرۇن ئۇلارنىڭ بىر قىسىمى ئاسىيا ۋەياۋروپا قىتئەلىرىگە كۆچكەن.

ئاھالىلارنىڭ بىر جايدىن باشقا جايغا كۆچۈشىتىن ئىبارەت بۇ جۇغراپىيىۋى دېموگرافىيىلىك كۆچۈش بىر تەرەپتىن بەزى قوۋم (مىللەت) لەرنىڭ قوۋم (مىللەت) سۈپىتىدە بۇ دۇنيادىن نەسلى قۇرۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا،يەنە بىر تەرەپتىن بەزى قوۋم (مىللەت) لەرنىڭ ساقىلىنىپ قىلىنىشىلا كەلتۈرۈپ قالماستىن، يەنە ئۇلارنىڭ ئاھالە نۆپۈسىنى كۆپىيىشىگە سەۋەپ بولغان.

ئوتتۇرا ئاسىيا كۆچمەنلەر تارىخىدىن ئۈزۈندىلەر

ئاھالىلارنىڭ بۇ خىلدىكى كۆچۈشلىرى ئىنسانىيەت تارىخىدا داۋاملىق داۋاملىشىپ تۇرغان.  كۆچمەنلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قوۋم (مىللەت) مەۋجۇتلىقىنى قانداق شارائىتتە ساقلاپ قالغانلىقىنى ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ۋە تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخىلىرىدا يۈز بەرگەن بىر قانچە قېتىملىق ئاھالە كۆچۈشلەردىكى تارىخىي پاكىتلار ئارقىلىق شەرھلەش ئۈچۈن تۆۋەندە ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ۋە تۈركىي خەلقلىرىنىڭ كۆچمەنلەر تارىخىدىن بىر قانچە تىپىك مىساللار كەلتۈرۈلدى:

ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەڭ قەدىمكى ئاھالىلىرى – ئارىيانلار (ئىرانىيانلار) مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 2000 – يىللاردا يۈز بەرگەن ھاۋا رايى ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن غەربكە كۆچكەن. ئۇندىن كېيىن ئارىيانلار مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 9- 8- ئەسىرلەر ۋە 4- 3- ئەسىرلەردە يەنە غەربكە كۆچكەن.

مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 1000 – يىللاردا باشقا بىر تۈركۈم ئارىيانلار غەربكە كۆچمەستىن، ئاستا – ئاستا شەرق ۋە شەرقىي جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرلىگەن ۋە پۈتۈن ھىندىستاننى بويسۇندۇرۇپ، بۇ يەردە ئەزەلدىن بار بولغان قارامتۇل ئۆڭلۈك دراۋىدلار   قوشۇلۇپ كەتكەن.

مىلادىيەنىڭ 1-  ئەسىرلەردىن باشلاپ ھۇنلار غەربكە كۆچۈشكە باشلىدى.  ھۇنلار ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم غەربكە كۆچكەن.

مىلادىيە 1070 – يىلى سالجۇق تۈركلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا يايلاقلىرىدىن غەربىي ئاسىياغا كۆچتى. شۇنىڭدىن 300 يىل ئۆتكەندىن كېيىن سالجۇق تۈركلىرى ئاجىزلىشىشقا باشلىغاندا ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئۇلارغا ئوخشاش مىللەتتىن بولغان ئوسمان تۈركلىرى ئالدى. ئۇلار ئاسىيا يايلاقلىرىدىن يېڭىلا باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۇزاق ئۆتمەيلا ياۋروپاغا تەۋە بولغان بالقان رايونى ئىگەلىدى.

1762-  يىلدىن تا  1893-  يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا  قىرىم تاتارلىرىدىن جەمئى 261 مىڭ ئادەم  تۈركىيەگە كۆچگەن.

1762- يىلى چىڭ ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلاردىن جەمئى بولۇپ 8000 تۇتۇننى ئىلغا كۆچۈرگەن.

1870-  يىلدىن باشلاپ بىر قىسىم ۋولگا تاتارلىرى (مىشارلار) فىنلادىيەگە كۆچۈشكە باشلىغان. (ھازىر فىنلادىيەدە 1000 چە  تاتار بار.)

1851- يىلى  چىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن چار روسىيە  ھۆكۈمىتى «ئىلى شەرتنامىسى» ئىمزالىغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىلى رايونىدىن تۆمەنلەپ ئۇيغۇرلار چار روسىيەنىڭ مۇستەملىكسى غەربىي تۈركىستاننىڭ يەتتە سۇ ئەتراپىغا كۆچكەن.

1862- يىلى خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدە قوزغالغان توڭگانلار قوزغىلىڭىدىكى توڭگانلاردىن 5000 چە ئادەم 1877- يىلى شەرقىي تۈركىستان ئارقىلىق غەربىي تۈركىستان تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن. (ھازىر بۇ توڭگانلارنىڭ نوپۇسى 50 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. )

1850- يىللاردىن باشلاپ تاتارلار ئاساسەن ئۈچ قېتىم  ئىدېل (ۋولگا) دەرياسى يەنى قازان  ئەتراپى  ۋە باشقا جايلادىن شەرقىي تۈركىستانغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن.

1908- يىلى سىبىرىيەدىن بىر قىسىم سىبىر تاتارلىرى تۇركىيەنىڭ كونىيا ۋىلايىتىگە كۆچگەن. (ھازىر بۇ تاتارلارنىڭ نوپۇسى 2000 ئادەم ئەتراپىدا ).

1949- يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۇرۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ بارىكۆل رايونىدىن قازاق قەبىلىسىنىڭ ئالتە قۇۋمىنىڭ ئەر- ئايال ۋە بالىلار بولۇپ 40 مىڭ ئادەم ئۆپچۈرىسىدە چەتئەلگە چىقىپ كېتىشنى مەقسەت قىلىپ، جەنۇپ تەرەپكە يورۇشنى باشلىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۆسقۈنلىقغا ئۆچراپ، خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيىسىنىڭ بومباردىمانچى ئايرۇپىلانلىرىنىڭ بومباردىمان قىلىشغا ئۆچراپ، كەشمىرگە يېتىپ كەلگەندە ئاران 3000 ئادەم  ھايات قالغان. كېيىنرەك  بۇ قازاقلار ب د ت تەرىپىدىن تۈركىيەدە  ماكانلاشتۈرۈلغان.

كۆچمەنلەرنىڭ مىللەت مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قىلىشىدىكى ئامىللار

يۇقىرىدا نەقىل كەلتۈرۈلگەن تارىختىكى بىر قانچە قېتىملىق ئاھالىلارنىڭ جۇغراپىيىۋى دېموگرافىيىلىك كۆچۈشلەردە قىسمەن قوۋم (مىللەت) ئاھاللىرى پۈتۈنلەي يەرلىك قوۋم (مىللەت)  ئاھاللىرى تەرىپىدىن ئاسسىمىلياتسىيە بولغان، يەنە قىسمەن قوۋم (مىللەت)  ئاھاللىرى تا ھازىرغىچە ئۆزلىرىنىڭ قوۋم (مىللەت) مەۋجۇتلىقىنى ( كىملىكىنى) داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.

بۇ كۆچمەنلەرنىڭ قوۋم (مىللەت) مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قىلىش ياكى ئاسسىمىلياتسيە بولۇپ كېتىش ئەھۋالىنى بىئولوگىيىلىك ئېتنىك ئالاھىدىلىك ۋە جۇغراپىيىۋى دېموگرافىيىلىك ماكانلىشىش جەھەتتىن تەكشۇرگەندە تۆۋەندىكى بىر ئۇرتاق ھادىسىنى بايقاش مۇمكىن. بىئولوگىيىلىك ئېتنىك جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك ئۆز مىللىتى ئىچىدە نىكاھلاشقان، جۇغراپىيىۋى دېموگرافىيىلىك توپلۇق (تارقاق) تىل جەمئىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ ماكانلاشقان كۆچمەنلەر ئۆز قوۋم (مىللەت) كىملىكىنى ساقلاپ قالغان. بۇنداق ھالەتنى شەكىللەندۈرمىگەن كۆچمەنلەر يەرلىك قوۋم (مىللەت) لار تەرىپىدىن پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنغان. مەسىلەن: بىئولوگىيىلىك ئېتنىك جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك ئۆز مىللىتى ئىچىدە نىكاھلىنىشقا ئانچە ئەھمىيەت بەرمىگەن، جۇغراپىيىۋى دېموگرافىيىلىك توپلۇق (تارقاق) تىل جەمىئىيىتى شەكىللەندۈرۈپ ماكانلاشماي ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتكەن كۆچمەنلەردىن ئارىيانلار، ھۇنلار (دەسلەپتە  توپلۇق ھالەتتە ماكانلاشقان بولسىمۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي يەرلىك خەلقلەر بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەن.)  ۋە تۈركىيە كۆچكەن قىرىم تاتار كۆچمەنلىرى.

بىئولوگىيىلىك ئېتنىك جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك ئۆز مىللىتى ئىچىدە نىكاھلاشقان، جۇغراپىيىۋى دېموگرافىيىلىك توپلۇق (تارقاق) تىل جەمئىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ ماكانلىشىپ قوۋم (مىللەت)  كىملىكىنى  ساقلاپ قالغان  كۆچمەنلەردىن سالجۇق – ئوسمان تۈركلىرى، چار روسىيە تەرەپكە كۆچكەن ئۇيغۇرلار ۋە  توڭگانلار، تۈركىيەنىڭ كونىيا ۋىلايىتىگە كۆچگەن تاتارلار، 1951- يىلى تۈركىيەگە كۆچكەن قازاقلار ۋە شەرقىي تۈركىستانغا كۆچكەن تاتارلار بار.

خۇلاسە قىلغاندا كۆچمەنلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قىلىشتىكى تۈپكى ئامىللار بىئولوگىيىلىك ئېتنىك ئالاھىدىلىكىنى ساقلاش – ساقلىماسلىقى ۋە جۇغراپىيىۋى دېموگرافىيىلىك توپلۇق (تارقاق) تىل جەمئىيتىدىن ئىبارەت جۇغراپىيىۋى تۇرمۇش فورماتسىيىسى شەكىللەندۈرۈش- شەكىللەندۈرمەسلىكىدىن ئىبارەت بولغان.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر كۆچمەنلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جۇغراپىيىۋى دېموگرافىيىلىك ماكانلىشىش ئەھۋالى

1962- يىلدىكى ئىلى ۋە تارغاباتاي ۋىلايەتلىرىدىكى 120 مىڭ تۈركىي خەلقلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كەتكەنلىكىدىن باشقا 1949–  يىلدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن  بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەنلىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئۇيغۇرلار مۇتلەق ھالدا شەرقىي تۈركىستاندا ياشاپ كەلگەن خەلق. خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «ئېشكىنى سىرتقا ئېچىۋېتىش» سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن باشلاپ، 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى ئوقۇش ئۈچۈن، بىر قىسىم ئۇيغۇرلار تىجارەت ئۈچۈن ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار چەتئەللەردە ئىستىقامەت قىلىش ئۈچۈن چەتئەللەرگە چىقىشقا باشلىدى. بۇ بىر تۈركۈم ئۇيغۇلارنىڭ چەتئەللەرگە كۆچۈشى مۇتلەق ھالدا تارقاق ھالدا يالغۇز كىشلىك ياكى ئائىلىۋى كۆچۈش شەكىلىدە بولغان. بۇ كۆچۈش شەكلى ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىنىڭ تارقاق تىل جەمئىىيىتىنى شەكللەندۈرۈشنىڭ ئاساسىنى سالغان.

نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردە تارقىلىش ئەھۋالى تۆۋەندىكىدەك:  ئوتتۇرا ئاسىيادا جەمئىي 347 مىڭچە ( قازاقىستاندا 260 مىڭچە، قىرغىزىستاندا 50 مىڭچە، ئۆزبېكىستاندا 37 مىڭچە).  تۈركىيىدە 50 مىڭچە، ياۋروپادا جەمئىي 14200 مىڭچە  (فرانسىيىدە 4 مىڭچە، گوللاندىيىدە 2500 – 3000 مىڭچە ، نورۋىگىيىدە 2 مىڭ 500 چە، ئەنگىلىيىدە 2 مىڭچە، بىلگىيىدە 2 مىڭچە، گېرمانىيىدە 1 مىڭ 800 چە، فىنلادىيىدە 400 چە، روسىيەدە موسكۋا رايونى ئەتراپىدا 500 چە)، شىمالىي ئامېرىكىدا 10000 مىڭچە (ئامېرىكىدا 5000 مىڭچە، كانادادا 5000  مىڭچە)، ئاۋىسترالىيىدە 3000 مىڭچە، ياپونىيەدە 1000 مىڭچە، پاكىستاندا 3000 مىڭچە ئۇيغۇرلار بار. سەئۇدى ئەرەبىستاندا بىر قانچە تۆمەن ئۇيغۇرلار بار ئىكەن. (مەلۇمات ئېنىق ئەمەس.). يەنە باشقا مەملىكەتلەردىمۇ ئاز ساندىكى كۆچمەن ئۇيغۇرلار بار. نۆۋەتتە چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 450 مىڭ ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن.  (ھەر قايسى مەملىكەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ھەققىدىكى بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئاساسىي جەھەتتىن ئۇيغۇر پروجېكت فوندىنىڭ  ئەپكار ژورنىلى«ئۇيغۇرلار» دىن ئېلىندى.)

يېڭى ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىدىن ئاز ساندىكى بىر قىسىمى تۈركىيەدە يېڭى بىر يېزا قورۇپ، توپلۈق تىل جەمئىيىتىنى شەكىللەندۈرگەندىن سىرت باشقا كۆپچىلىك قىسىمى ئون نەچچە مەملىكەتنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە تارقاق تىل جەمئىيەتلىرىنى شەكىللەندۈرگەن.

غەرب مەملىكەتلەردىكى كۆپچىلىك ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىنىڭ ئىستىقامەت تارىخى ئاران نەچچە ئون يىل بولغاچقا، ئاز ساندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت ئورگانلىرى، تەتقىقات مۇئەسسسەسەلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەردە خىزمەت قىلىۋاتقانلاردىن باشقا كۆپچىلىك ئۇيغۇرلار ئادەتتىكى خىزمەتلەردە ئىشلىمەكتە. ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى ئاساسەن نورمال. كۈندىلىك تۈرمۇشىنى قامداپ ئۆتمەكتە. (تۈركىيەدە ھازىرچە خىلى بىر سالماقتىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىنىڭ تۈرمۇشى كاپالەتلىك ئەمەس.)  ئۇلارنىڭ بالىلىرى ياخشى مائارىپ تەربىيەسىنى ئالماقتا، ئۇلارنىڭ ئىستقىبالى پارلاق. ئىقتىسادىي پائالىيەت جەھەتتە تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ بارماقتا سانىغىدەك كارخانىچى ۋە تىجارەتچى شىركەتلىرى بار. غەرب مەملىكەتلەردىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىنىڭ بەزىلىرى ئون نەچچە يىللاردىن بىرى ئىگىلىك تېكلەشكە تېرىشىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك نىسپىي ھالدا تۆۋەنرەك.

ئۇيغۇر مەۋجۇتلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئىستراتېگىيىلىك جەھەتتىن ئويلىنىش

دۇنيا كۆچمەنلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاشتا دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ تۈپكى مەسىلە —  بىئولوگىيىلىك ئېتنىك ئالاھىدىلىك، تىل، مەدەنىيەت ۋە ئىقتىساد جەھەتتىن مۇتلەق ئاساسىي ئورۇندا تۈرىدىغان يات مىللەتنىڭ ئىچىدە كۆچمەنلەرنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ئىستىمالدا يوق بولغان شارائىتىتا قانداق قىلىپ مىللەت مەۋجۇتلىقىنىڭ ھاياتلىقىنى ساقلاپ قىلىش مەسىلىسىدىن ئىبارەتتۇر.  ئۇيغۇرلار كۆچمەنلىرىمۇ بۇ مەسىلىدىن مۇستەسنا ئەمەس.

ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىنىڭ چەت ئەللەردە مىللەت مەۋجۇتلىقىنى ساقلاش ۋە داۋاملاشتۇرۇشى ئۇلارنىڭ مىللىي روھىنى ئۇرغۇتۇشى، مىللىي كىملىكىدىن پەخىرلىنىشى، مىللەت مەدەنىيىتىنى قەدىرىلىشى، ئۆز مىللەت بىئولوگىيىلىك ئېتنىك ئالاھىدىلىكىنى ساقلىشى، تىل جەمئىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشى ھەمدە « قاچانلا بولمىسۇن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىمىز. » دېگەندەك پاسسىپ ۋە ئۈمىدسىزلىك خاھىشلاردا بولماسلىق قاتارلىقلار ئارقىلىق ئەمەلىيلىشىدۇ. چەت ئەللەردە ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن يۈكسىلىشى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللەت ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماستىن يەنە ئۇيغۇر كىمىلىكىنى ساقلاش ۋە داۋاملاشتۇرۇشتا ئىجابىي رول ئوينايدۇ.  ساخاۋەتچىلىق ئارقىلىق نامراتلىقنى مەڭگۈ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، نامراتلىقنى تۈگىتىشنىڭ بىردىن بىر ئۈنۈملىك يولى ئىشلەش!

50 يىلدىن كېيىنكى دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ قانداق بولۇشىنى مۆلچەرلەش ئىنتايىن مۈشكۈل بىر ئىش. شۇڭلاشقا چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى ھازىردىن باشلاپ ئىستراتېگىيىلىك جەھەتتىن ئۆيلاش ناھايىتى مۇھىم ۋە زۆرۈر.

چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيىلىك پىلانى ئۈچۈن قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركىيەنى ئاساسىي تايانچ بازس قىلىپ مۇستەھكەملەش بىلەن بىرگە باشقا مەملىكەتلەردە قۇرۇلغان ئۇيغۇر جامائەت جەمئىيەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت  بولۇشىنىڭ مۇۋاپىق بولۇش- بولماسلىقىنى ئۇيغۇر جامائەتىنىڭ  مۇھاكىمە قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

ئۇيغۇرلارنى ئېتنىك تەرەپتىن ساپلىقىنى ساقلاپ قىلىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ ئازلاپ كەتمەي كۆپۈيىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۇچۈن ئۇيغۇر ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىگە (بولۇپمۇ قىزلىرىغا) ئۇيغۇر يىگىت- قىزلىرى بىلەن نىكاھلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈلۈشى زۆرۈر.

ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى داۋاملشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ھەر قايسى مەملىكەتلەردە  ئۇيغۇر مەدەنىيەت جەمئىيىتى ياكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى قاتارلىق جامائەت پائالىيەت مەركەزلىرىنى تەسىس قىلىشقا يۈزلىنىش بىلەن بىرگە دۇنياۋى ئۇيغۇر تىل- يېزىق ئىنتېرنېت تور جەمئىيىتىنى بەرپا قىلىش ھازىرقى ئىنفورماتسىيە دەۋرىدە ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئۇ جاھانغا تېرىقتەك چىچىلىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنى بىر پۈتۈن گەۋدە قىلىپ تۇرۇشتا ھاللىق ۋاستە. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىلدىكى جامائەت تەشكىللىرى ھەر قايسى دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىنمۇ قىزغىن قارشى ئېلىنىدۇ، بەلىكىم ئىقتىساديى جەھەتتىنمۇ مالىيە ياردىمىگە ئېرىشىشى مۇمكىن. يەنە مەۋجۇت بولغان نەشرىيات ۋە مەتپۇئات مۇئەسسسەسەلىرىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر مەدەنىيەت جەمئىيىتى ياكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئاستىدا ئۇيغۇر تىلى مائارىپى، كىچىك تىپتىكى ئىخچام نەشىرىيات، كىتابخانا، تېلېۋىزور ۋە  رادىئو ئىستانسىيىلىرى، سەنئەت ئۆمىكى ۋە ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى ئېچىش قاتارلىق ئاساسىي قۇرۇلۇشلارغا ئەھمىيەت بېرىلىشى زۆرۈر.

دۆلەت قانۇنلىرىغا ئىتائەت قىلىدىغان ھەر بىر ئۇيغۇر ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ بۇ خىل جامائەت خاراكتېرلىق مۇئەسسەسەلەرگە ئەزا بولۇش (قاتنىشىش)  ھوقۇقى كاپالەتلىككە ئىگە قىلىنىشى لازىم. سىياسىي خاراكتېرلىك تەشكىلاتلارغا قاتناشقان ھەر قانداق ئۇيغۇر ياكى شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ بۇ جامائەت تەشكىللەردە ھېچقانداق سىياسىي خاھىشنى تەشەببۇس قىلماسلىق ۋە ۋەزىپە ئۆتۈمەسلىك شەرتى ئاستىدا بۇ خىل جامائەت تەشكىلاتلىرىغا  قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىنىشى مۇۋاپىق.

بىر قىسىم تۈركىي خەلقلەر جۈملىدىن بىر قىسىم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۆچمەن تارىخلىرىدا يات يۈرتلاردا ئۆز قوۋم ( مىللىتى) نىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئەسىرلەر بۇيى ساقلاپ داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكى  ۋە ھازىرقى زاماندىمۇ بىر قىسىم كۆچمەن ئۇيغۇرلارنىڭ  مىللەت مەۋجۇتلىقىنى ساقلاش ۋە داۋاملاشتۇرۇش جەھەتتە نەمۇنە قىلغۇدەك ئۆرنەك ۋە تەجرىبە- ساۋاقلىرى بار. مەسىلەن، 1851- يىلى  كېيىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىلى رايونىدىن غەربىي تۈركىستاننىڭ يەتتە سۇ ئەتراپىغا كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ  توپلۇق تىل جەمئىيىتىنى بەرپا قىلىشىدىكى تەجرىبە- ساۋاقلىرى ، شەرقىي تۈركىستانغا كۆچكەن تاتارلار ۋە ئاۋىسترالىيەنىڭ ئادلاد شەھىرىدىكى كۆچمەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارقاق تىل جەمئىيەتلىرىنى بەرپا قىلىشىدىكى تەجرىبە- ساۋاقلىرى قاتارلىقلار بار. ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلىرىنىڭ ياراتقان تىل جەمئىيەتلىرىگە دائىر بۇ قىممەتلىك تەجرىبە- ساۋاقلار تەتقىق قىلىنسا، پايدىسى بولۇدىكى زىيىنى يوق.  قىممەتلىك تەجرىبە- ساۋاقلارنىڭ ياخشى  يېرى شۇكى ئۇلار ھەقىسىز.

قىسقىسى، ئۇيغۇر مىللەت مەۋجۇتلىقىنىڭ ساقلاش ۋە داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋە مەڭگۈلۈك  چارىسى ھەر بىر ئاتا – ئانا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كىملىك قىممىتىنى قەدىرلەپ، ئىشنى ئۆز ئائىلىسىدىن باشلىسا، ئۇيغۇر خەلقى ئەبەدىي ھايات.

2020- يىلى 18- ئاۋغۇست

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top