• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » مەدەنىيەت بوستانى » ”قۇتادغۇبىلىك“ نىڭ قۇرۇلمىسى ۋە شەكلى توغرىسىدا

”قۇتادغۇبىلىك“ نىڭ قۇرۇلمىسى ۋە شەكلى توغرىسىدا

نىشىۋاكى تاكېئو [ياپونىيە]

تەرجىمە قىلغۇچى: بارىجان زەپەر

”قۇتادغۇبىلىك“ سىياسەت، دىن، پەلسەپە، ئىدېئولوگىيە، ئېتىكا، ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، ھەربىي ئىشلار، قانۇن، دىپلوماتىيە، ئىقتىساد، ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت قاتارلىق نۇرغۇن تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. شۇڭا، ئۇ بىر ئەدەبىي ئەسەر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان بىر قامۇستۇر. شۇ سەۋەبتىن، كۆپلىگەن ئالىم، مۇتەخەسسىسلەر ”قۇتادغۇبىلىك“ نىڭ بەدئىيلىكىنى ۋە تىلىنى تەتقىق قىلىشتىن سىرت، يەنە ئۇنىڭ باشقا جەھەتلىرىنىمۇ تەتقىق قىلدى. ئۇلارنىڭ بەزى ئەسەرلىرىدە ”قۇتادغۇبىلىك“ نىڭ قۇرۇلمىسى ۋە شەكلى ئۈستىدە پىكىر قىلىندى. ۋەھالەنكى، بەزى ئەسەرلەردە مۇئەللىپ نېمە سەۋەبتىن شۇنداق قۇرۇلما ۋە شەكىلنى قوللىنىپ ”قۇتادغۇبىلىك“ نى يازغان، دېگەنگە قارىتا تۇلۇق چۈشەنچە بېرەلمىدى. ئەدەبىي ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى تەتقىق قىلىش مۇھىم، ئەدەبىي ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسىنى ۋە شەكلىنى تەتقىق قىلىشمۇ مۇھىم. چۈنكى ئەسەرنىڭ شەكلى بىلەن مەزمۇنى زىچ مۇناسىۋەتلىك.

مەن تۆۋەندە بەزى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، بۇ ماقالەمدە: مۇئەللىپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ نېمە سەۋەبتىن شۇنداق قۇرۇلما ۋە شەكىلنى قوللىنىپ ”قۇتادغۇبىلىك“ نى يازغان؟ بۇ خىل قۇرۇلما ۋە شەكىل مۇئەللىپنىڭ خاس ئىجادىيتىمۇ ياكى تەقلىد قىلغانمۇ؟ مۇئەللىپ تەقلىد قىلىش ئارقىلىق ئىلگىرىكى ئەسەرلەرنى ئەينەك قىلغانمۇ؟ ئىلگىرىكى شۇ ئەسەرلەر قايسىلار؟ ”قۇتادغۇبىلىك“ نىڭ ئەرەب، پارس ئەدەبىياتىدىكى ئورنى قانداق؟ ئۇنىڭ زامانداش ئەدەبىي ئەسەرلەر بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئوخشاشلىقلىرى ۋە ئوخشىمايدىغان جايلىرى قايسىلار؟ دېگەن نۇقتىلارنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇھاكىمە قىلماقچىمەن. مۇشۇ مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلساقلا، ”قۇتادغۇبىلىك“ نىڭ قۇرۇلما ۋە شەكىل جەھەتتىكى خاسلىقىنى پەرقلەندۈرەلەيمىز، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئوتتۇرا ئەسىردە مۇشۇنداق بۈيۈك بىر ئەسەرنى ياراتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيمىز.

1.“قۇتادغۇبىلىك“نىڭ قۇرۇلمىسى ۋە شەكلى

”قۇتادغۇبىلىك“ئېپىك داستان بولۇپ، ھازىر قوللىنىۋاتقان نۇسخىسى 88 بابتىن تەركىپ تاپقان.

10-1 بابتا مۇئەللىم ئەرەب، پارس ئەدەبىياتىنىڭ ئۇسلۇبىنى ئەينەك قىلىپ، تەڭرى مەدھىيسى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدھىيسى، تۆت ساھابە مەدھىيسى، بۇغراخان مەدھىيسى، يەتتە يۇلتۇز، ئون ئىككى بۇرج، ئىنسان بالىسىنىڭ قەدرى بىلىم ۋە ئەقىل بىلەن بولىدىغانلىقى، تىلنىڭ پەزىلىتى ۋە قۇسۇرى، پايدىسى ۋە زىيىنى، كىتاب ئىگىسىنىڭ ئۆزرىسى، ياخشىلىق قىلىشنىڭ مەدھىيسى ۋە پايدىسى، بىلىم ۋە ئىدراك- پاراسەتنىڭ پەزىلىتى، پايدىسى قاتارلىقلارنى سۆزلەيدۇ. 11- بابتا مۇئەللىپ كىتابنىڭ نامى، مەنىسى ۋە ئۆزىنىڭ قېرىلىقى توغرىسىدا سۆزلەيدۇ. 12-، 18- بابلار ئەسەرنىڭ ئاساسى قىسىملىرى بولۇپ، تۆت قىسىمغا بۆلۈنگەن.

بىرىنچى قىسمى 12-،23 – بابلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ قىسىمدا كۈنتۇغدى ئەلىگ بىلەن ئايتولدىنىڭ، ئايتولدى بىلەن ئۆگدۈلمىشنىڭ سۆھبىتى بايان قىلىنغان.

ئىككىنچى قىسمى 24-، 39- بابلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ قىسىم ئۆگدۈلمىش بىلەن كۈنتۇغدى ئەلىگنىڭ سۆھبىتىدىن بايان قىلىنغان.

ئۈچىنچى قىسمى 40-، 66- بابلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ قىسىم ئۆگدۈلمىش بىلەن ئۇدغۇرمىشنىڭ سۆھبىتىدىن بايان قىلىنغان.

تۆتىنچى قىسمى 67-، 88- بابلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ قىسىم كۈنتۇغدى ئەلىگ بىلەن ئۆگدۈلمىشنىڭ، ئۇدغۇرمىش بىلەن كۈنتۇغدى ئەلىگنىڭ، ئۆگدۈلمىش بىلەن ئۇدغۇرمىشنىڭ سۆھبىتىدىن تەركىب تاپقان.

مۇھاكىمە قىلىشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، بىز بۇ ئەسەرنى تۆۋەندىكىدەك سەككىز قىسىمغا بۆلىمىز:

  1. 12- 20- بابلار؛ 2. 21- 23- بابلار؛ 3. 24- 39- بابلار؛ 4. 40-45- بابلار؛
  2. 46-66- بابلار؛ 6. 67-73- بابلار؛ 7. 74-81-بابلار؛ 8. 82-85-بابلار؛

بايان ۋە دىئالوگلار ئۇتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۆزدە تۇتۇپ، ”قۇتادغۇبىلىك“ نى ئۈچ ياكى تۆت قىسىمغا بۆلۈش بىر قەدەر مۇۋاپىق. لاڭ يىڭ خانىم ”قۇتادغۇبىلىك“نى باشلانمىسىدىكى 11 بابتىن باشقا، ئۈچ قىىسمدىن تەركىب تاپقان، دەپ قارايدۇ.

ھەر بىر بابنىڭ قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك تۆت گۇرۇپپىغا بۆلۈشكە بولىدۇ:

A .خاس باياندىن تۈزۈلگىنى ئىككى باب

B .بايان ۋە دىئالوگدىن تۈزۈلگىنى 19 باب

C .دىئالوگ بىلەن باياندىن تۈزۈلگىنى 11 باب

D .خاس دىئالوگدىن تۈزۈلگىنى 42 باب

بۇ يەردە ئېيتىلغان بايان ھەرىكەت ۋە سورۇن‏-مەيداننى چۈشەندۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. A

پەقەت ئىككىلا بابنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.12- بابتا دىئالوگ يوق بولۇپ، پادىشاھ كۈنتۇغدى ئەلىگنى ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشتۇرىدۇ.69- بابتا ئۇدغۇرمىشنىڭ ئۆگدۈلمىش ھوزۇرىغا كەلگەنلىكى تەسۋىرلىنىدۇ. بىز بۇ بابنى ئالدىنقى يېرىم باب ۋە كېيىنكى يېرىم باب دەپ بۆلسەكمۇ بولىدۇ.

21- باب بايان بىلەن دىئالوگدىن تەركىب تاپقان. بۇ بابتا 120 بېيت شېئىر بار. بۇنىڭ 1- مىسراسى ھەرىكەتنى بايان قىلىش بىلەن باشلانغان بولۇپ،6- مىسرادا ئاياغلىشىدۇ. 7- مىسرادا ئايتولدى بىلەن ئۆگدۈلمىشنىڭ سۆھبىتى باشلانغان بولۇپ، تاكى مۇشۇ بابنىڭ ئاخىرقى مىسراسىغىچە داۋام قىلىدۇ. 18- باب بايان بىلەن دىئالوگدىن تەركىب تاپقان. بۇبابتا 163 بېيت شېئىر بار. ئايتولدى بىلەن كۈنتۇغدى ئەلىگنىڭ سۆھبىتى 1- مىسرادىن باشلىنىدۇ. ھەرىكەتنى بايان قىلغان 8- قۇر بۇ بابنىڭ ئاخىرىغا قويۇلغان. B بىلەن C نىڭ ئوخشاشماسلىقىنى بايان بىلەن دىئالوگنىڭ تەرتىپى بەلگىلىگەن. شۇڭا، ”بايان بىلەن دىئالوگ“ تەقلىدىي شەكىلدە ئالماشتۇرۇلۇپ، قايتا-قايتا قۇراشتۇرۇلغان.

”قۇتادغۇبىلىك“ نىڭ بايان قىسمى -12-1 بابلارنى، دىئالوگ قىسمى 13- بابتىن ئەڭ ئاخىرقى بابقىچە بولغان قىسمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

”قۇتادغۇبىلىك“ نىڭ كۆپلىگەن بابلىرى دىئالوگدىن تەركىب تاپقان. مەسىلەن،13-، 20-، 42- بابلار ۋە باشقىلار. بۇ بابلار بىر قەدەر ئۇزۇن سەھىپىلەرنى ئىگىلىگەن بولۇپ، مۇھىم ئاساسىي مەزمۇنلار سىڭدۈرۈلگەن.

شۇڭا، بىز ”قۇتادغۇبىلىك“ نىڭ ھەممىلا مىسراسى دىئالوگدىن تۈزۈلمىگەن بولمىسىمۇ، ئەمما بايان تۈسىدىكى مىسرالار ئانچە كۆپ ئەمەس. بۇ بايانلار پەقەت درامىنىڭ ئوينىلىشى ئۈچۈن پائالىيەت سەھنىسى بولۇپ بەرگەن.

”قۇتادغۇبىلىك“ تە دىئالوگ باياندىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا، بىز ئۇنى ”شېئىرىي دراما“ دېسەك خاتالاشمايمىز.

”قۇتادغۇبىلىك“ نى بىر دراما دېسەك، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ھەربىر قىسمىنى ئادەت بويىچە درامىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىدىن ئىبارەت بولىدۇ. ئەسەردىكى مەكتۇپ ئالماشتۇرۇش كۆرۈنۈشلىرى ھەقىقىي درامىدىكى پەردە- كۆرۈنۈشلەرنىڭ رولىنى ئوينىغان. بۇ مەكتۇپلار23- بابتىكى ئايتولدىنىڭ كۈنتۇغدى ئەلىگكە ئەۋەتكەن خېتى، 39- بابتىكى كۈنتۇغدى ئەلىگنىڭ ئۇدغۇرمىشقا ئەۋەتكەن خېتى، 44- بابتىكى ئۇدغۇرمىشنىڭ كۈنتۇغدى ئەلىگكە ئەۋەتكەن خېتى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ مەكتۇپلار ”دىئالوگ“ مۇ ياكى ”بايانمۇ“؟ بىز بۇ مەكتۇپلارنى دىئالوگ دېسەك مۇۋاپىق بولىدۇ. چۈنكى، ئايتولدى، كۈنتۇغدى ئەلىگ، ئۇدغۇرمىشلار خەتلىرىدە باشقىلار بىلەن سۆھبەت قىلىدۇ.

”قۇتادغۇبىلىك“ نى شېئىرىي دراما دېدۇق. ئەمما، ئۇ ئادەتتىكى درامىلاردىن پەرقلىنىدۇ. چۈنكى، تۆت پېرسوناژ دەسلىپىدىلا مۇناسىپ ھالدا تەڭ مەيدانغا چىقىدۇ، شۇنداقلا بارلىق كۆرۈنۈشلەر ئىككى ئادەمنىڭ سۆھبىتىدىن تۈزۈلىدۇ. سۇژىت بىلەن پېرسوناژلارنىڭ مەيدانغا چىقشى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت سەۋەبىدىن، ”قۇتادغۇبىلىك“ تە ئوخشاش دىئالوگلار تەكرارلانغان. مەسىلەن، كۈنتۇغدى ئەلىگ بىلەن ئايتولدىنىڭ سۆھبىتى، ئايتولدى بىلەن ئۆگدۈلمىشنىڭ سۆھبىتى، ئۆگدۈلمىش بىلەن كۈنتۇغدى ئەلىگنىڭ سۆھبىتى، ئۆگدۈلمىش بىلەن ئودغۇرمىشنىڭ سۆھبىتى قاتارلىقلار. بۇ ئەسەردە پېرسوناژلارنىڭ مەيدانغا چىقىش تەرتىپى مۇنداق: كۈنتۇغدى ئەلىگ، ئايتولدى، ئۆگدۈلمىش، ئودغۇرمىش. بۇ خىل شەكىل ”ئۇلانما ھالدا مەيدانغا چىقىش“ دېيىلىدۇ. شۇڭا، ”قۇتادغۇبىلىك“ نى كەڭ مەنىدىكى شېئىرىي دراما دەپ ئاتىغىنىمىز، ”دىئالوگ شەكىلدىكى داستان“ دەپ ئاتىغىنىمىزدىنمۇ مۇۋاپىق.

  1. ئەرەب، پارس ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرى

”قۇتادغۇبىلىك“ ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئەرەب، پارس ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىدە مەيدانغا كەلگەن. ئۇسلۇب جەھەتتە ”قۇتادغۇبىلىك“ قەدىمكى پارسلارنىڭ تارىخىي داستانى ”شاھنامە“ گە ئوخشاش ئەرەب-پارس شېئىرىيتىنىڭ مۇتەقارىپ بەھرىدە يېزىلغان. ”قۇتادغۇبىلىك“ مەزمۇن جەھەتتىن ئىبنى ئەل مۇققەفە نىڭ ”ئەدەبۇل-كەبىر“ ۋە ”ئەدەبۇس-سەغىر“ نامىلق ئەسەرلىرى، ئەل جەھىزنىڭ ”شاھنامە“ ناملىق ئەسىرى، ئىبنى قۇتەيبەنىڭ ”كىتابۇس سۇلتان“ ناملىق ئەسىرى، ئىبنى ئەبد رەببىھ نىڭ ”كىتابۇل ئىيقان“ ناملىق ئەسىرى، نىزامۇل مۇلك نىڭ ”سىياسەتنامە“ ناملىق ئەسىرى، غەزالى نىڭ ”نەسىھەتۇل مۇلك“ ناملىق ئەسىرى قاتارلىقلارغا ئوخشاش ”شاھلارنىڭ كاتتا تەزكىرىسى“ گە مەنسۇپ ئەسەردۇر.

”قۇتادغۇبىلىك“ ئۇسلۇبى جەھەتتىن ”شاھنامە“ نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. تارىخىي داستان ”شاھنامە“ نى پارس شائىرى فىردەۋسى 10-ئەسىردە يېزىپ تاماملىغان. بۇ ئەسەردە 50 پادىشاھنىڭ تارىخىي بايان قىلىنغان. ”قۇتادغۇبىلىك“ بىلەن ”شاھنامە“ نىڭ شېئىرىي ئۇسلۇبىدىن باشقا ھېچقانداق ئوخشاشلىقى يوق.

كۆپلىگەن ئەسەرلەر ئىچىدە ”قۇتادغۇبىلىك“ بىلەن كەيكاۋۇس يازغان ”پەندنامە“ ئەڭ يېقىن كېلىدۇ. ”پەندنامە“ ئۈچ قىسىمدىن تۈزۈلگەن.

بىرىنچى قىسمى 1-10- بابلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ قىسىمدا ئاللاھ، ئالەم، دىنىي مەجبۇرىيەتلەر، روھىي تاۋلىنىش قاتارلىقلار بايان قىلىنغان. شۇنداقلا، ھۇقۇق، قېرىلىق بىلەن ياشلىق قاتارلىقلار توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىلگەن. بۇ بابلار ”قۇتادغۇبىلىك“ نىڭ ئالدىنقى ئون بابىغا توغرا كېلىدۇ.

ئىككىنچى قىسمى 10- 35- بابلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ قىسىمدا ئورۇش قىلىش، بايلىق توپلاش، نىكاھ، پەرزەنتلەر تەربىيسى، دۈشمەندىن ھۇشيار بولۇش، ئۆگىنىش ۋە قانۇننىڭ رولى قاتارلىقلار بايان قىلىنغان. بۇ قىسىم ”قۇتادغۇبىلىك“ نىڭ ئىككىنچى قىسمىغا توغرا كېلىدۇ. ئەمما، ”قۇتادغۇبىلىك“ تە غىزالىنىش، كەيپ قىلىش، شاھمات ئويناش، ئون بەش يوللۇق ئويۇن، ئوۋ ئوۋلاش، چەۋگان توپ ئويناش، مۇھەببەتلىشىش ۋە تۇرمۇشنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆز-ئۆزىنى كونترول قىلىش تېمىلىرى يوق.

ئۈچىنچى قىسمى 32-44 – بابلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ قىسىم ”قۇتادغۇبىلىك“ نىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قىسىملىرىغا توغرا كېلىدۇ.

بۇ ئىككى ئەسەرنىڭ ھەرقايسى بابلىرىغا قۇرۇلما جەھەتتىن ئوخشىمايدۇ. ”پەندنامە“ نىڭ ھەرقايسى بابلىرى ھېكمەتلىك سۆزلەر ۋە ۋەقەلەردىن تۈزۈلگەن. ”قۇتادغۇبىلىك“ ئاددىي سۇژىتلىق بىر داستان بولۇپ، ئۇنىڭدا ۋەقەلىك يېزىلماستىن، ھېكمەتلىك سۆزلەر ئابىستراكت ھالدا مۇھاكىمە قىلىنغان.

مەزمۇن جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ ئىككى ئەسەردە ئوخشاشمىغان يېزىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان. ”پەندنامە“ نەسرىي شەكىلدە يېزىلغان ۋەقەلىك توپلىمىدۇر.

ئىككى ئەسەردىكى ئەقلىيە سۆزلەرنىڭ شەكلى ئۆز-ئارا ئوخشاشمايدۇ. ”پەندنامە“ پادىشاھنىڭ شاھزادىگە يازغان توغرا نەسىھەتلىرىدۇر. ئۇ ئەرەب، پارس ئەنئەنىسىنىڭ ”پادىشاھلارنىڭ كاتتا تەزكىرىسى“ تىپىدىكى كلاسسىك شەكىلدىكى ئەسەر. بەزى پادىشاھلارنىڭ كاتتا تەزكىرىلىرى مەكتۇپ شەكىلدە يېزىلغان. مەسىلەن تاھىر نىڭ خەت- چەكلىرى ”پادىشاھلارنىڭ كاتتا تەزكىرىسى“ گە تەۋە ئەڭ دەسلەپكى ئەسەرلەردىن ھېسابلىنىدۇ. بۇ خۇراسان، باغدادلارنىڭ ھۆكۈمرانى تاھىرىيلەر خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى دۇل يەمىنەن نىڭ ئوغلى ئابدۇللاغا يازغان مەكتۇپلىرىدىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئاساسى مەزمۇنى ھۆكۈمراننىڭ ئۆز ئىلاھىغا ئورۇنداپ بېرىدىغان مەجبۇرىيەتلىرى، كۈندىلىك ناماز، دىنىي ئەھكاملارغا بويسۇنۇش، شەخسىي ھەرىكەت، ۋە ئاممىۋى سىياسەت جەھەتتىكى گۈزەل ئەخلاق، جىنايەتچىلەرنى جازالاش، ئاللاھغا مەدھىيە ئېيتىش، قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلار ئەينى چاغدىكى شاھزادىلەر جەزمەن بىلىشكە تېگىشلىك ساۋاتلار ئىدى.

«پەندنامە» سۇبۇكتىگىن نىڭ مەھمۇد قا يازغان نەسىھەتلىرى بولۇپ، پارس تىلىدا يېزىلغان «پادىشاھلارنىڭ كاتتا تەزكىرىسى» گە مەنسۇپ ئەڭ دەسلەپكى ئەسەرلەردىن ھېسابلىنىدۇ. ئەينى چاغدا سۇبۇكتىگىن غەزنەۋىيلەر دۆلىتىگە مەھمۇدنى شاھزادە قىلىپ تەيىنلىگەندە، مەھمۇد يەتتە ياشلاردا ئىدى. ئەنە شۇنداق پەيتتە، ئاتىسى سۇبۇكتىگىن «پەند نامە» نى يېزىپ، شاھزادىنىڭ دۆلەت خىزمەتلىرىنى باشقۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلغان.

بۇ مەكتۇپلارغا سېلىشتۇرغاندا «قۇتادغۇبىلىك» روشەن ئۆزگىچىلىككە ئىگە. «قۇتادغۇبىلىك» ھۆكۈمرانلارغا بېغىشلانغان داستان بولۇپ، ئۇنىڭدا ۋەزىرلەرنىڭ پادىشاھقا دۆلەت باشقۇرۇش يوللىرىنى ئۆگەتكەنلىكى بايان قىلىنغان. بۇ جەھەتتىن «قۇتادغۇبىلىك» بىلەن «پەندنامە» ئوخشاشمايدۇ. يەنە بىر كۆرۈنۈش ـ ئايتولدى ۋەزىرنىڭ ئۆگدۈلمىشكە بەرگەن مەسلىھىتى يېزىلغان بابلار مەكتۇپ شەكىلدە يېزىلغان. بۇنىڭدىن شۇنداق خۇلاسىگە كېلىش مۇمكىنكى، «قۇتادغۇبىلىك» تە ئەرەب، پارس ئەنئەنىسىدىكى «پادىشاھلارنىڭ كاتتا تەزكىرىسى» نىڭ يېزىلىش ئۇسلۇبىمۇ قوللىنىلغان.

«قۇتادغۇبىلىك» بىلەن «پەندنامە» نىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ؟ يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك، بۇ ئىككى ئەسەر قۇرۇلما جەھەتتە ئوخشاشلىققا ئىگە. بىز ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېپىپ چىقماقچى بولساقمۇ، لېكىن بەزى ئالىملار بۇ خىل مۇناسىۋەتنى ئىنكار قىلماقتا.

بىرىنچى، ئىككى مۇئەللىپنىڭ ياشىغان ماكانىنىڭ ئارىلىقى مەسىلىسى، كەيكاۋۇس كاسپىي دېڭىزىنىڭ جەنۇبى قىسمىدىكى تەبەرىستانغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. گەرچە تەبەرىستان بىلەن قەشقەر ئەينى دەۋردە ئوخشاشلا ئىسلام مەدەنىيتى مۇھىتىدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، تەبەرىستان دىگەن بۇ مەملىكەت يۈسۈپ ياشىغان قەشقەردىن خېلىلا يىراق ئىدى.

ئىككىنچى، ئىككى مۇئەللىپنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىنى تاماملىغان ۋاقتى مەسىلىسى، «قۇتادغۇبىلىك» 1069- 1070- يىللاردا تاماملىغان. «پەندنامە» بولسا 1082- 1083- يىللاردا تاماملانغان. ئەگەر بۇ ئىككى ۋاقىت توغرا بولسا، قايسى ئەسەرنىڭ ئاۋۋال، قايسى ئەسەرنىڭ كىيىن يېزىلغانلىقىغا ھۆكۈم قىلالايمىز. يېزىشنى باشلىغان ۋاقىتنى ھەرگىز توغرا دېيەلمەيمىز. شۇڭا، بىز بۇ ئەسەرلەرنى پەقەت زامانداش دەپلا ئاتىيالايمىز .

ئۈچىنچى، تىل مەسىلىسى. «پەندنامە» پارس تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، ئۇ پارس ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەسەردۇر. «قۇتادغۇبىلىك» بولسا، ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان داستان. ئوتتۇرا ئەسىردە ئۇيغۇرلار پارس تىلىنى ئۆگىنىشكە قىزىقاتتى. ۋەھالەنكى، پارسلار ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشكە قىزىقمايتتى. شۈبھىسىزكى، كەيكاۋۇسنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» نى ئۇقۇشى مۇمكىن ئەمەس.

بىز بۇ مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئىككى ئەسەر ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق مۇناسىۋەت يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلالايمىز. ئوخشىشىدىغان مۇشۇنداق ئەسەرلەر قانداق قىلىپ بىر ۋاقىتتا مەيدانغا كەلگەن؟ بىزنىڭ كۆرسىتىدىغان ئاساسىمىز: مۇئەللىپ ئۆز ئەسەرلىرىنى يازغاندا ئىلگىرىكى ئەسەرلەرنى سېلىشتۇرما قىلغان.

تاھىرنىڭ مەكتۇپلىرى ۋە «پەندنامە» ئايرىم- ئايرىم ھالدا 9- ۋە 10-ئەسىردە تاماملانغان. يەنە بىر جەھەتتىن ئىبنى قۇتەيبە(828-889) ئۆزىنىڭ «ئۇيۇنۇل- ئەخبار» ناملىق ئەسىرىنى يازىدىغان چاغدا، نۇرغۇن ۋەقە، تەپسىلاتلارنى توپلىغان. بۇ بىر قامۇس تىپىدىكى كىتاب بولۇپ، جەڭ، ئېسىلزادىلەر، ئىلىم ئۆگىنىش، تەركىدۇنيالىق، كەسپداشلىق، ئېھتىياج، ئۇزۇق-تۈلۈك ۋە ئاياللار قاتارلىق تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. كېيىنكى دەۋرلەردىكى «پەندنامە» بىلەن «سىياسەتنامە» بۇ كىتابلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.

پارس شائىرى سەئدى مەسنەۋى ئۇسلۇبىنى قوللىنىپ، «گۈلىستان» داستانىنى يېزىپ تاماملىغان. بىر يىلدىن كىيىن ئۇ نەسىرىي شەكىلدىكى «گۈلىستان» نى تاماملىغان. بۇلارمۇ پەندى- نەسىھەت خاراكتېردىكى شېئىرلاردۇر. شېئىرلارنىڭ ھەربىر بابى ھېكمەتلىك سۆزلەر ۋە ۋەقەلىكلەردىن تۈزۈلگەن. ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى سەئىدى ئاۋۋال نەزمىي شەكىلدە، ئاندىن نەسرىي شەكىلدە ھىكايىلەرنى تاماملىغان.

شۇنىڭغا ئوخشىغان ھالدا «پەندنامە» دىن ئىلگىرى ئوخشاش نەزمىي شەكىلدە يېزىلغان ئەسەرلەر بولغان. كېيىن كەيكاۋۇس نەسرىي شەكىلدە يازغان. يۈسۈپ نەزمىي شەكىلدە يېزىپ چىققان. كەيكاۋۇس ئىلگىرىكى شېئىرىي ئەسەرلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان بولسىمۇ، سەئىدىنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» كە ئوخشىغان شېئىرىي ئەسەرلەرنى ئەينەك قىلغىنىدەك، يۈسۈپمۇ ئالدىنقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئەينەك قىلغان بولىشى مۇمكىن. گەرچە يۈسۈپ ئىلگىرىكى ئەسەرلەرنى ئەينەك قىلغان بولسىمۇ، بىز «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى بىر مۇھىم ئەسەرلەر ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلماي تۇرالمايمىز.

  1. مەدەنىيەت مەنبەسى بىردەكلىككە ئىگە قۇرۇلما ۋە ئۇسلۇب

«قۇتادغۇبىلىك» شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەريانىدا بارلىققا كەلگەن ئەدەبىي ئەسەر. مەدەنىيەت مەنبەسى جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئەرەب، پارس ئىسلام مەدەنىيتى، بۇددا مەدەنىيتى، شەرقنىڭ كۇڭزى تەلىماتى ۋە غەربنىڭ پەلسەپىسى قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. بۇ مەدەنىيەتلەر ئوخشىمىغان دەرىجىدە «قۇتادغۇبىلىك» كە سىڭگەن بولۇپ، تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيتى يەنىلا «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ئاساسىنى ياراتقان. كۆپلىگەن ئالىملار بۈگۈنكى كەلگەندىلا ئاندىن بۇ تەرەپنى ئىتراپ قىلىشتى.

مەن بۇ مەدنىيەت مەنبەلىرى بىلەن « قۇتادغۇبىلىك » نىڭ قۇرۇلمىسى بىردەكلىككە ئىگە دەپ قارايمەن. بۇنى مۇنداق كۆرسىتىشكە بولىدۇ:

.A ئىسلام دىنى ئەرەب « پادىشاھلارنىڭ كاتتا تەزكىرىسى » نەسىرىي

پارس « شاھنامە » نەزمىي

.B كۇڭزى تەلىماتى خىتاي « مۇھاكىمە ۋە بايان » دىئالوگ

. C بۇددا دىنى ھىندىستان « بۇددا نوملىرى » دىئالوگ

. D پەلسەپە گرېتسىيە « ئەپلاتوننىڭ ئەسەرلىرى » دىئالوگ

« قۇتادغۇبىلىك » دۇنياغا كېلشتىتن ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ئەرەب، پارس ئەدەبياتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ھېچقانداق ئەسەرنى يېزىپ باقمىغانىدى. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كىيىن، مەھمۇد كاشغەرىي «دىۋانۇ لوغاتىت تۈرك» نى تۈزدى. بۇ بىر تۈركىي تىل – ئەرەب تىلى لوغىتى بولۇپ، «قۇتادغۇبىلىك» بىلەن بىر دەۋردە مەيدانغا كەلگەن ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. كۆپلىگەن شېئىر- قوشاقلار ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەر بۇ كاتتا لوغەتكە كىرگۈزۈلگەن. بۇلار تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىسىنى ئىپادىلىگەن كاتتا ئەسەرلەردۇر. ئەمما، ئەرەب، پارس ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىدە مەيدانغا كەلگەن ئەمەس.

ھازىرغىچە ئوتتۇرغا چىققان ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا، « قۇتادغۇبىلىك » تاساددىپىي مەيدانغا كەلگەن.ئەرەب، پارس ئەدەبىياتىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئەسەلەرنى تاپالمايمىز. مەدەنىيەت مەنبەسى ۋە شەرق-غەرب مەدەنىيەت ئالماشتۇرلىشى شارائىتىدا يۈسۈپنىڭ « قۇتادغۇبىلىك » نى يېزىپ چىققانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.

مۇئەللىپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ « قۇتادغۇبىلىك » نى نىمە ئۈچۈن شېئىر شەكىلدە يازغان؟ چۈنكى، ئەينى دەۋردە «شاھنامە» پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىياغا تارالغانىدى. يۈسۈپ بولسا ئۆز ۋۇجۇدىدىكى تەربىيلىنىشى – بەئەينى ئىقتىدارىنى پارس ئەدەبىياتىغا تايىنىپ تىكلىگەنىدى.

مۇئەللىپ ئۆز ئەسىرىنى نىمە ئۈچۈن دىئالوگ ئۇسۇلىنى ياكى دراما ئۇسۇلىنى قوللىنىپ يازغان؟ بۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى شېئىرلىرىدىن بولغان «قىش بىلەن يازنىڭ مۇنازىرىسى» دىن يىلتىز تاپالايمىز. بۇ شېئىر «دىۋانۇ لوغاتىت تۈرك» كە كىرگۈزۈلگەن. ئەسلىدە بۇ داستان ياكى ئېپىك شېئىر بولسا كىرەك. ئەمما، «دىۋانۇ لوغاتىت تۈرك» كە بىر قىسىملا كىرگۈزۈلگەن. مۇشۇ شېئىردىن قارىغاندا، شۈبھىسىزكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى شېئىر- قۇشاقلىرىدا دىئالوگ شەكلى قوللىنىلغان.

تۇرپاندا ياشىغان ئۇيغۇرلار «مايترى سىمىت» قاتارلىق بۇددا دىنى تۈسىدىكى ئەدەبىي ئەسەلەرنى ئىجاد قىلغان. بۇ دىئالوگدىن تۈزۈلگەن بىر شېئىرىي دراما.

«قىش بىلەن يازنىڭ مۇناسىۋىتى» ۋە «مايتىرى سىمىت» لار ئارقىلىق بىز ئۇيغۇرلارنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» تەك بىر كاتتا ئەسەرگە ئىگە بولۇشنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئارقا كۆرۈنۈشىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيمىز.

ئەپلاتوننىڭ ئەسەرلىرى دىئالوگدىن تۈزۈلگەن. شۇڭا، شۈبھىسىزكى، يۈسۈپ دىئالوگ ئۇسۇلىنى قوللانغان. ئەمما، يۈسۈپ ساپلا ئەپلاتوننىڭ ياكى گرېكلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۆرنەك قىلغان، دېگەندىن دېرەك بەرمەيدۇ. مۇئەللىپ ئۆزىنىڭ پەلسەپە قارىشى ۋە سىياسى ئىدىيسىنى چۈشەندۈرگەندە، تۆت پېرسۇناژلىق دىئالوگنى قوللىنىپ، ئىككى كىشلىك دىئالوگقا قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەن.

ئىلگىرى مەكتۇپ شەكىلدە يېزىلغان ئەسەرلەر بولغانىكەن. ئۇنداقتا ئىلگىرى دىئالوگدىن تۈزۈلگەن ئەسەرلەر بولغانمۇ؟ مېنىڭ بېلىشىمچە، ئەرەب، پارس ئەدەبىياتىدا دىئالوگ ئۇسۇلى بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەر بولغان ئەمەس. شەك-شۈبھىسىزكى، «قۇتادغۇبىلىك» تىن ئىبارەت دىئالوگلۇق شېئىرىي ئەسەر ياكى شېئىرىي دراما يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مۇستەقىل ئىجادىيتىدۇر.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top