• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » كۈنلەر تېخى ئۇزاق

كۈنلەر تېخى ئۇزاق

(پوۋېست)

داۋۇت مەتنىياز
1

ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، ھەيۋەتلىك قارا قۇرۇم تاغلىرىنىڭ قارلىق چوققىلىرى يېقىنلا يەردە كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئەتىگەننىڭ غۇر – غۇر شامىلى يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ نەمخۇش ھىدىنى دىماققا ئۇرماقتا ئىدى. بىر تەرىپى ئاشۇ ئانا دەرياغا، يەنە بىر تەرىپى تۇتاش كەتكەن ئېتىزلارغا يانداشقان ئاسفالت يولدا »غەربىي دىيار« ماركىلىق ئاپتوبۇس تاغ تەرەپكە قاراپ كېتىپ باراتتى. ئاپتوبۇسنىڭ ئالدى رەت ئورۇندۇقلىرىدا بىر نەچچە قىز كاللا مونەك بولۇۋېلىپ »ساۋاقداش« دېگەن ناخشىنى ئېيتىۋاتاتتى. ئارقا تەرەپتىكى كەپسىز ئوغۇللار قىيقاس – چۇقانلىرى بىلەن ئاپتوبۇسنى بېشىغا كىيگەنىدى. ئېگىز بوي، قارا مۇتۇق، كۆزلىرى يوغان بىر ئوقۇغۇچى كۆزنەكتىن لاي ئارىلاش سۈيى ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان ئەزىم دەرياغا خىيال بىلەن تىكىلگەنىدى.
−− مەيداندا نېمە ئىش قىلىدىكەنمىز مەتتۇرسۇن؟ −− جېلىل ئىسىملىك سېرىق چىراي بالا شۇنداق دېگەچ ئۇنىڭ مۈرىسىگە يېنىك نوقۇدى.
−− ۋايتاڭ ئاداش، −− دېدى ئۇ ناخۇش ھالدا، −− بۇغداي ئورۇيمىزمىكىن.
−− ئاپلا، −− دېدى جېلىل، −− جاھاندا بۇغداي ئورۇشتىن تەس ئىش يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەيداننىڭ ئېتىزلىرى ساپلا خوخا، تىكەنلىك. ئۇنداق يەرلەردە بىر كۈننى كەچ قىلىپ بولغۇچە مەن – مەن دېگەن دېھقاننىڭمۇ جۇلۇقى چىقىپ كېتىدۇ.
−− ھېلىتىن غەم يېگىلى تۇردىڭىزمۇ؟ −− ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان قوشۇما قاش قىز ئارقىسىغا بۇرۇلدى.
−− مەن ئۆزۈمدىن غەم يېمىدىم، −− جېلىل مەتتۇرسۇنغا مەنىلىك كۆز قىسسىپ قويۇپ گېپىنى داۋاملاشتۇردى، −− سەندىن غەم يەۋاتىمەن. بىر ھەپتىلىك بۇغداي ئورۇش ئەمگىكى ئاخىرلىشىپ بولغۇچە ئاپپاق چىرايىڭ ئاپتاپقا سالغان قاقتەك قورۇلۇپ كېتەرمىكىن دەپ…
−− مەندىن غەم يېمەي ئۆزىڭىزدىن غەم يەڭ، −− دېدى قىزمۇ بوش كەلمەي، −− مەن دېھقان قىزى، كىچىكىمدىن ئېتىز ئىشلىرىغا پىشقانمەن، ئېتىزغا كىرسەم قەۋەتلا سۆيۈنۈپ كېتىمەن.
−− ئورما ئورۇش دېگەن سېنىڭ كىچىك چاغلىرىڭدىكى ئېرىق بويلىرىدا سېغىز لايدىن ئوچاق ياساپ ئوينىغان ئويۇنۇڭغا ئوخشىمايدۇ، −− دېدى جېلىل مىيىقىدا كۈلۈپ، −− ھازىر پو ئاتقىنىڭ بىلەن، ئورغاقنى قولۇڭغا ئالغاندا يېرىم كۈنگە بارمايلا »ۋاھ« دەيسەن.
ئەتراپتىكىلەر پاراققىدە كۈلۈشتى.
−− ئەمىسە باغلىشامدۇق؟
−− ھە جېلىل، −− ئورۇندۇقلارنىڭ ئارىلىقىدا ئاپتوبۇسنىڭ تۇتقۇچىغا ئېسىلىپ تۇرغان كۆزئەينەكلىك بالا جېلىلنى دەيدەيگە سالغىلى تۇردى، −− گەپ چىڭىغا چىقىپ قالدى. ئەمدى تۇنىساگۈل بىلەن باغلاشمىساڭلار بولمىغۇدەك جۇمۇ.
−− ئۆتەپ بارە سوقا باش، مەن قىز بالا بىلەن ئورما ئورۇشتا باغلىشامدىمەن؟ باغلىشىدىغان ئىش بولسىمۇ زاڭىقى ئۇستىرا كۆرگەن ئوغۇللارنىڭ بىرەرى بىلەن باغلىشارمەن.
−− مەيدانغا بارماي تۇرۇپ غەمدە قالغان تۇرسىڭىز ئوغۇللار بىلەن باغلىشامسىز؟ −− تۇنىساگۈل يەنە ھۇجۇمغا ئۆتتى.
−− ۋاي – ۋۇي تۇنىساگۈل، بۈگۈن ئەجەب مەن بىلەنلا قالدىڭغۇ، قاراپ تۇر، مۇشۇ گەپلىرىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ بۇغداينى ئىككى كىشىلىك ئورۇمىسام ھېساب ئەمەس.
دەتالاش يەنە قانچىلىك داۋاملىشاتتىكىن تاڭ، ئارقا تەرەپتىن بىرى »مۇشت كەتتى« دېگەن گەپ بىلەن تەڭ جېلىلنىڭ گەژگىسىگە »پاققىدە« ئۇردى. جېلىل ئارقىسىغا بۇرۇلدى. ئىككى – ئۈچ بالا ھەييارلىق بىلەن كۈلۈپ تۇراتتى.
−− مۇشت كەتتى، −− جېلىلمۇ تۇنىساگۈلنىڭ دۈمبىسىگە شاپىلاقلىدى. تۇنىساگۈل ئالدىدىكى قىزنىڭ مۈرىسىگە قول ئۇزاتتى. شۇنداق قىلىپ ئاپتوبۇس ئىچى پالاق – پۇلۇق مۇشت ئاۋازى ۋە قىيقاس – چۇقان بىلەن قايتا جانلاندى.
بىردەمدىن كېيىن ئاپتوبۇس سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ سول تەرەپكە بۇرۇلدى – دە، دەرەخزارلىق ئارىسىدىكى تار يول بىلەن يۈرۈپ كەتتى. ئەمدى ئوقۇغۇچىلار ھەممە ئويۇنلىرىنى توختىتىپ ئەتراپقا تويماي قاراشماقتا ئىدى. يول بويلاپ يىراقلارغا سوزۇلغان تېرەكزارلىق، ئۇنىڭ ئىچكىرىسىدە ھەر يان ئۇچۇپ يۈرگەن رەڭدار كېپىنەكلەر، دەرەخ شاخلىرىدا چۇۋۇرلىشىپ ئولتۇرۇشقان قۇشقاچ توپى … ئانا تەبىئەت قوينىدىكى بۇ گۈزەللىك ئايلاپ، يىللاپ تۆت تامنىڭ سىرتىغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدىغان بۇ ئوقۇغۇچىلارنى راستتىنلا زوقلاندۇرغانىدى.
−− كەلدۇق! −− دېدى مەتتۇرسۇن كۆزنەكتىن سىرتقا قاراپ، −− مەكتەپنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانى مۇشۇ يەر شۇ.
راست دېگەندەك ئاپتوبۇس قاتار كەتكەن پاكار ئۆيلەرنىڭ ئالدىغا كەلگەندە قېرى ئۆكۈزدەك ئېغىر پۇشۇلداپ توختىدى.
ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرغىنى باشاقلىرى سارغىيىپ، چاناقتىكى دانلىرى تۆكۈلەي دەپقالغان تەپتەكشى بۇغدايلىق ئىدى. ئەمگەكنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدە ئۇلارغا كەڭ كەتكەن بەرىكەتلىك ئېتىزلار ئانا قۇچىقىدەك ئىللىق، ئېرىقلاردىكى شىرىلداپ ئېقىۋاتقان سۇلار ئانا سۈتىدەك تاتلىق، يۈزنى سىيپاپ ئۆتكەن مەيىن شامال ئانا ئەللىيىدەك مېھىرلىك، دەرەخ شاخلىرىدىكى قۇشلارنىڭ چۇڭۇلداپ سايراشلىرى مۇقام كۈيلىرىدەك يېقىملىق ۋە جازىبىلىك تۇيۇلماقتا ئىدى. ئۇلارنىڭ يۇمشاق تۇپراققا باغرىنى باسقۇسى، ئېغىنىغۇسى، يۇمران كوكاتلارنى دەسسەپ ئوينىغۇسى كېلەتتى. لېكىن ئىككى – ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇلارنىڭ شېرىن چۈشلىرى بىر – بىرلەپ بەربات بولۇپ، ئورغاقنى تۇنجى قېتىم قولىغا ئالغان چاغدىكى جۇشقۇن كەيپىياتتىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى. ئۇلار ئەمدى قەدىردان دەرسخانىنى، ئۇشتۇمتۇت جاراڭلاپ كىشىنى چۆچۈتىدىغان قوڭغۇراق ئاۋازىنى، كىتاب – دەپتەرلەرنى… سېغىنىشقا باشلىغانىدى.
قۇياش دەرەخ شاخلىرى ئارىسىدىن كۆتۈرۈلۈپ چىقىش بىلەن تەڭ، ئەتراپ ئاستا – ئاستا ئوت قالىغان تونۇردەك قىزىشقا باشلىدى. خۇددى يەر بىلەن ئاسمان ئوتتۇرىسىدىكى بارچە ھارارەت مۇشۇ بۇغدايلىققا شۇڭغۇپ كىرىۋالغاندەك، ھەممە ياقتىن گۈپۈلدەپ ئوت تەپتى ئۇرۇلاتتى.
−− قارىغىنا مەتتۇرسۇن، −− قىر بېشىدا ئورغاقنىڭ ئۇچىنى نەم توپىغا توكۇلدىتىپ چوقۇپ ئولتۇرغان ئاينىسا ئالىقىنىدىكى سۇ تامچىسىدەك قاپارتمىنى مەتتۇرسۇنغا كۆرسەتتى، −− قوللىرىم قاپىرىپ كەتتى مانا.
−− قولىڭىزغا قىزىلگۈل ئۈنىدۇ.
−− قىزىلگۈل ئۈنۈپ بولغۇچە مەشەدە تىكەن ئۈنىدىغان ئوخشايدۇ.
−− مېنىڭ قولۇمغا قىزىلگۈل ئۈندى مانا، −− ۋىجىككىنە، قارامۇتۇق ئوغۇل ئالىقىنىدىكى تەپچىرەپ چىققان قاننى كۆرسەتتى، −− ئەسلىي ئەمگەك قىلسا ئۈنىدىغان قىزىلگۈل مۇشۇ ئىكەن.
−− بۇ يەردە بىر ھەپتىنى ئۆتكۈزۈش ئاسان بولمىغۇدەك.
−− چىداشلىق بېرىڭلار، −− دېدى بۇغدايلىقنى ئارىلاپ كېلىۋاتقان مەيدان باشلىقى مىيىقىدا كۈلۈپ، −− جىسمانىي ئەمگەكتە پىشمىغان ئوغۇل بالا بۇرۇتى چىققىنى بىلەنمۇ يىگىت ھېسابلانمايدۇ.
−− ۋايجان !…
بۇغدايلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۇشتۇمتۇت كۆتۈرۈلگەن بۇ ئاۋاز ھەممەيلەننى چۆچۈتۈۋەتتى. مەتتۇرسۇنلار ئەندىكىپ قاراشتى. تۇنىساگۈل ئارقىسىغا بىر داجىپلا ئولتۇرۇپ قالغانىدى.
−− تۇنىساگۈل، نېمە بولدى؟
بالىلار تۇشمۇتۇشتىن يوپۇرۇلۇپ كېلىپ سوراشتى.
−− پاتمىچۇق … −− دېدى تۇنىساگۈل دۇدۇقلاپ، −− بىر تال پاتمىچۇققا دەسسىۋالدىم.
راست دېگەندەك ئۇ بۇغداي ئورىغان يەردە كىچىك بالىنىڭ بارمىقىچىلىك چوڭلۇقتىكى بىر تال پاتمىچۇق قىپقىزىل ئېغىزىنى ماكىلدىتىپ ياتاتتى.
−− پاتمىچۇقتىن قورقۇپمۇ شۇنچە توۋلىدىڭىزمۇ خېنىم؟ −− دېدى ئاينىسا قاش – كۆزلىرىنى ئوينىتىپ، −− ناۋادا ئۇنىڭدىن چوڭراق نەرسىنى دەسسىگەن بولسىڭىز ئىش باركەن.
−− قورقماڭ، −− دېدى مەيدان باشلىقى يانچۇقىدىن ئىككى تال سارغايغان غورىنى ئېلىپ تۇنىساگۈلگە تەڭلىگەچ، −− پاتمىچۇق دېگەن ھېچ نەرسە قىلمايدۇ.
−− قارىسىلا مەيدان باشلىقى، −− ئاينىسا ئىككى قەدەم نېرىدىن يۈگۈرۈپ كېلىپ مەيدان باشلىقىغا ئەركىلىگىلى تۇردى، −− بۇغداي ئورۇپ بولالماي قوللىرىم تېشىلىپ كەتسە غورا بەرمەيلا، تۇنىساگۈل شۇنچىكى بىرنى چىرقىراپ قويسا ھەممىنى بېرىۋەتتىلە، سىلىگە چىرقىراپ بەرسە بولىدىكەندە.
−− چىداڭ! −− دېدى تۇنىساگۈل سەل ئۆڭۈپ.
−− ئاشۇ ئىككىنىلا ئېلىۋالغان ئىكەنمەن، −− دېدى مەيدان باشلىقى نېرىراقتىكى ئۆرۈكلۈككە قولىنى چىناپ، −− ئاۋۇ تەرەپتە بىر تۈپ خوندەك سارغىيىپتۇ، بېرىپ قېقىپ يەڭلار.
بالىلار خۇددى قوتاننى بۆسۈپ چىققان ئۆچكە توپىدەك ئۆرۈكلۈك تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈشتى، ئۈستى تەرىپى ئۆرۈلۈپ چۈشەي دەپ قالغان سوقما تامنىڭ تۈۋىدىكى بىر تۈپ ئۆرۈكنىڭ ئالا غورىلىرى قۇياش نۇرىدا خۇددى ئالتۇندەك تاۋلىنىپ تۇراتتى.
−− پاھ، ئاۋۇ شاختىكىگە قارىغىنا، ئەجەب پىشىپتۇ.
−− ئەنە، مەنمۇ كۆردۈم.
−− نېرى تۇرۇڭلار، مەن قېقىپ بېرەي.
مەتتۇرسۇن خىش پارچىسىنى سارغايغان غورىغا قارىتىپ ئاتتى. ئۈچ تال غورا كەينى – كەينىدىن توروكلاپ يەرگە چۈشكەندە بالىلار بىر – بىرىنى ئىتتىرىشىپ غورىغا ئېتىلدى. ئۇلارغا غورا يېيىشتىن كۆرە، غورا تالىشىپ ئويناش قىزىق تۇيۇلۇپ قېلىۋاتاتتى.
−− مەتتۇرسۇن، ئەمدى ماڭا بىرنى قېقىپ بېرىڭا، −− ئاينىسا ئادەمنىڭ مۇشتىدەك چوڭلۇقتىكى خىش پارچىسىنى ئەكېلىپ مەتتۇرسۇنغا تۇتقۇزدى، −− ئاۋۇ شاختىكىسى سارغىيىپتۇ، كۆردىڭىزمۇ؟
−− كۆردۈم، ئەمىسە نېرى تۇرۇڭ – ھە.
مەتتۇرسۇننىڭ قولىدىن خىش پارچىسى ئۇچۇپ چىقىش بىلەن تەڭ، ئاينىسا خۇددى باش پەللىدىن قوزغالغان يۈگۈرۈش ماھىرىدەك ھېچ نەرسىگە قارىماستىن ئۆرۈك ئاستىغا ئېتىلدى، بىر نەچچە تال غورا چۈشتى، بىر چەتتە تۇرغان بالىلارمۇ ئۆرۈك ئاستىغا يۈگۈرۈشتى.
−− ئېھ… ھى …
بالىلار چۆچۈپ يان – يېنىغا قاراشتى، ئاينىسا ئۆرۈك تۈۋىدە پۇتلىرىنى ئۇزۇن سۇنۇپ ياتاتتى. ئۇنىڭ پاخپايغان چاچلىرى ئارىسىدىن قان سىرغىپ چىقىشقا باشلىغانىدى. بالىلار ئاينىسىغا يېپىشتى.
−− ئاينىسا نېمە بولدۇڭ؟
−− ئاينىسا، ئاينىسا…
−− نېمە ئىش بولدى بالىلىرىم؟ −− مەيدان باشلىقى ئۇلارنىڭ قېشىغا يۈگۈرۈپ كەلدى.
−− ئاينىسانىڭ كاللىسى يېرىلىپ كەتتى.
ھەممەيلەن قاتتىق ساراسىمىگە چۈشتى. مەيدان باشلىقىنىڭمۇ مەزگىلسىز قورۇق چۈشكەن چىرايىدا قان قالمىغانىدى.
−− كۆتۈرۈڭلار!
تېخىچە نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇقالمىغاندەك گاڭگىراپ قالغان مەتتۇرسۇن يۈگۈرۈپ كېلىپ ئاينىسانى ھاپاشلىدى. ئۈچ كۈندىن بېرى جۇشقۇن ناخشا، جاراڭلىق كۈلكە سادالىرى بىلەن جانلانغان كەڭرى باغ ئىچى يەنە ئەسلىدىكى تەگسىز جىمجىتلىقىغا قايتتى.
كېچە، يورۇڭقاش دەرياسى تەرەپتىن ئۇرۇپ تۇرغان شامال دەرەخ شاخلىرىنى ئىرغىتىپ، ياتاقنىڭ ئىشىك – دېرىزىلىرىنى تاراقشىتاتتى، ئەمگەك ئېزىۋەتكەن بالىلارنىڭ خورەك ئاۋازىمۇ شامالنىڭ گۈركىرىشىدىن قېلىشمايتتى. مەتتۇرسۇن زادىلا ئۇخلىيالمىدى. ئۇ كۆزىنى يۇمسىلا بېشىدىن قان ئېقىۋاتقان بىر قىزنىڭ ھوشسىز ياتقان ھالىتى كۆز ئالدىغا كېلىۋالاتتى. ئۇ ھوشىغا كەلمىگەن بولسا قانداق قىلار ئىدىم؟ ناۋادا ئۆرۈك تۈۋىدىلا جان ئۈزگەن بولسىچۇ؟ ھېلىقى ۋىجىك دوختۇرنىڭ راستتىنلا كارامىتى بار ئىكەن. ئۇ ئاينىسانى بىر نەچچە يىڭنە سانجىش بىلەنلا ھوشىغا كەلتۈرۈۋەتتى. ئاينىسا دوختۇرخانىدا يەنە قانچىلىك ياتار؟ دوختۇرنىڭ گېپىدىن قارىغاندىغۇ چوڭ چاتاق يوقمىش، ئەمما… دېگەنلەرنى ئويلىدى مەتتۇرسۇن. ئۇ ئەتىسى چۈش ۋاقتىدا بىر قاچا تاماق كۆتۈرۈپ دوختۇرخانىنىڭ كېسەللەر ياتىقىغا ئاستا كىرىپ كەلدى. ئاينىسا بىر پۇتىنى ئۇزۇن سۇنۇپ تامغا يۆلىنىپ ئولتۇراتتى. ئاپپاق مايكىسىنى كۆتۈرۈۋالغان قوپال كۆكسى نېپىز داستىخاندا باستۇرۇپ قويۇلغان ئىككى دانە چىلگىدەك يانمۇيان چوقچىيىپ تۇراتتى. مەتتۇرسۇننىڭ كۆزلىرى ئاشۇ ئالامەتلەرگە چۈشۈپ قالغاندا پۈتۈن ۋۇجۇدىغا غەيرىي بىر سېزىم تاراپ كەتتى.
−− كېلىڭ مەتتۇرسۇن، −− دېدى ئاينىسا ئورنىدىن ئىرغىپ تۇرۇپ.
−− قانداق، ياخشىلىنىپ قالدىڭىزمۇ؟
−− خېلى ياخشى، قېنى ئولتۇرۇڭ.
ۋۇجۇدىدا ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولغان ياشلىق تۇيغۇلىرىنى يۈگەنلىۋالغان مەتتۇرسۇن ئامال بار ئاينىسادىن كۆزىنى قاچۇرۇپ كارىۋاتنىڭ بىر بۇرجىكىدە يەرگە قاراپقىنا ئولتۇردى. ياندىكى كارىۋاتتا بىر ئايال ئاغزىنى كاماردەك ئېچىپ، پۇشۇلداپ ئوخلىماقتا ئىدى. يەنە بىر ئايال ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، ساپما كەشىنى شىپىلداتقىنىچە سىرتقا ماڭدى.
−− ھەممە سەۋەنلىك مەندە، −− دېدى مەتتۇرسۇن گۇناھكارلاردەك بېشىنى ئېگىپ ئولتۇرۇپ، −− ئاشۇ كېسەكنى ئۆرۈككە ئاتمىغان بولسام بۇنداق پېشكەللىك يۈز بەرمەيتتى.
−− ھېچقىسى يوق، ئۇنى سىزدىن كۆرگىلى بولمايدۇ، سىز كېسەكنى مېنىڭ بېشىمغا چەنلەپ ئاتمىغان تۇرسىڭىز.
−− ئۇغۇ شۇنداق، ئەمما سىزدىن بەك ئەنسىرىدىم.
−− ئەنسىرىگۈدەك ئىش يوق، ياخشىلىنىپ كەتتىمغۇ مانا.
−− قېنى، ئىسسىقىدا تاماق يەۋېلىڭ، −− مەتتۇرسۇن چىنىدىكى ھورى ئۆرلەپ تۇرغان پولۇنى ئاينىسانىڭ ئالدىغا قويدى.
−− جاپا تارتىپسىز، كېلىڭ، بىرگە يەيلى.
−− ياقەي، مەن ھېلىلا…
−− نېمىگە تارتىنىسىز؟ مۇشۇنچە تاماقنى مەن يالغۇز يەپ كېتەلەمدىم؟ كېلىڭ.
−− ياق، ئۆزىڭىز يەۋېرىڭ. تاماقنى جىق – جىق يېسىڭىز تېزرەك ئەسلىڭىزگە كېلەلەيسىز.
شۇ ئارىدا ئاينىسانىڭ باياتىن سىرتقا چىقىپ كەتكەن ياتاقدىشى بىر چىنىدە لىق سوغۇق سۇ كۆتۈرۈپ كىردى.
−− ئىچەمدىلا خېنىم؟
−− ئازراق ئىچەييا.
−− مەن قايتاي ئاينىسا، −− مەتتۇرسۇن لىككىدە ئورنىدىن تۇردى، −− يەنە كېلىپ تۇرارمەن.
−− بىردەم ئولتۇرمامسىز؟ −− بىر چىنە سۇنى چۆلدە قالغان تۆگىدەك بىرلا كۆتۈرۈشتە غورتۇلدىتىپ ئىچىۋەتكەن ئاينىسا مەتتۇرسۇنغا قاراپ تاتلىققىنە كۈلۈمسىرىدى، −− مەن زېرىكىپ قالىدىكەنمەن.
ئاينىسا دوختۇرخانىدا ساق بىر ھەپتە ياتتى. ئۇ دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن باشقىچە ئېغىر – بېسىق، خىيالچان بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭدىكى ئۆزگىرىشنى كۆرۈپ مەتتۇرسۇن تېخىمۇ بىئارام بولدى ھەم بېشىغا كېسەك تەگكەننىڭ تەسىرىدىن دەپ چۈشەندى.
−− مەن سىزنىڭ بىر ھەپتە دەرستىن قېلىشىڭىزغا سەۋەب بولدۇم ئاينىسا، بۇنىڭ ئۈچۈن سىزدىن ئەپۇ سورايمەن.
−− ئەمما مەن سىزنى ئەيىبلىك دەپ قارىمايمەن، ئۇ دېگەن بىر قېتىملىق تاسادىپىيلىق. بىراق مېنىڭ سىزدىن بىر ئۆتۈنۈشۈم بار، شۇنىڭغا ماقۇل بولسىڭىز بولىدۇ.
−− قانداق ئۆتۈنۈش ئۇ؟ −− مەتتۇرسۇن تۇنجى قېتىم ئاينىسانىڭ كۆزلىرىگە تىك قارىدى.
−− بىر نەچچە كۈندىن بېرى دەرسكە قاتنىشالماي بەك چېكىنىپ كەتتىم. بۇنىڭدىن كېيىن ئىككىمىز بىرگە دەرس تەكرارلايلى. مەن يوق ۋاقىتتا ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى چۈشەندۈرۈپ قويۇڭ، ماقۇلمۇ…
−− ئۆتۈنۈشىڭىز شۇمىدى؟
−− شۇ، ئۇنىڭدىن باشقا نېمە ئۆتۈنۈشۈم بولماقچىدى؟
مەتتۇرسۇن ھامان ئاينىسانىڭ ئالدىدا ئۆزىنى قەرزداردەك، ئۇنىڭغا بىرەر ياخشى ئىش قىلىپ بەرمىسە ئاشۇ قەرزى ئادا بولمايدىغاندەك ھېس قىلاتتى. شۇڭا ئاينىسانىڭ تەلىپىنى خۇددى چاڭقاپ كەتكەن يولۇچىغا بىر چىنە سۇ بەرگەنچىلىك ئاددىي ئىش قاتارىدا قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭچە بولغاندا بىرگە دەرس تەكرارلاش، بىر – بىرىگە دەرسلەرنى چۈشەندۈرۈپ قويۇش ساۋاقداشلار ئوتتۇرىسىدىكى نورمال ئەھۋال ھېسابلىناتتى.
−− ئاددىي تەلەپكەنغۇ ئۇ.
−− ماقۇل بولدىڭىزمۇ؟
−− ھەئە.
شۇ كۈندىن باشلاپ ئېگىز بوي، بۈدۈر چاچ، سەل ياپما قاپاق يىگىت بىلەن سېرىق چىراي، ئاغزى يوغان، گازىر كۆز، پاكار بويلۇق قىزنىڭ دەرسخانىدا، دەرەخلىك ئارىسىدىكى قوش كىشىلىك تاش ئورۇندۇقلاردا بىردىن دەپتەرنى تۇتۇپ يانمۇيان ئولتۇرۇشقانلىقىنى، ئوقۇتۇش بىناسىدىن ياتاق بىناسىغىچە سوزۇلغان تار يولدا، توپ مەيدانلىرىنىڭ ئەتراپىدا ئاستا پىچىرلىشىپ كېتىشىۋاتقانلىقىنى ھەرقاچان كۆرگىلى بولىدىغان بولدى. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى مەتتۇرسۇن ئۆزىنى قاچۇرۇشنىڭ غېمىگە چۈشتى، ئەمما ھەر قانچە قىلسىمۇ خۇددى پاتقاققا دەسسىۋالغان موزاي پۇتىنى تارتالمىغاندەك ئاينىسادىن قۇتۇلالمايۋاتاتتى. ئاينىسا ئەمدى مەتتۇرسۇننىڭ پېشىگە مەھكەم ئېسىلىۋالدى. ئۇ پات – پات، »بېشىم بەك ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى، كاللامغا پەقەت دەرس چۈشمەيۋاتىدۇ« دەپ چېكىسىدىكى كېسەك يېرىۋەتكەن مۇبارەك تاتۇقنى سىلاپ قوياتتى. دەرسلەرنى بىرگە تەكرارلاش، ئاينىسا چۈشەنمىگەن مەزمۇنلارنى چۈشەندۈرۈپ قويۇش دېگەنغۇ مەتتۇرسۇن ئۈچۈن بىر پىيالە چاي ئىچكەنچىلىك ئىش، لېكىن ئەتراپتىكىلەر ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە توغرا باھا بېرەلمىدى. باشقىلار گۇمانلانسا، خاتا چۈشەنچىدە بولسا مەتتۇرسۇن ئۈچۈن بەرىبىر، ئەمما ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن ئۆتىدىغان ساۋاقدىشى تۇنىساگۈلنىڭ توغرا چۈشىنەلمىگەنلىكى مەتتۇرسۇننى ئۈمىدسىزلىك ئازگىلىغا ئىتتىرمەكتە ئىدى. تۇنىساگۈل ھەدېسىلا مەتتۇرسۇنغا باتناپ، ياپتا گەپلەرنى قىلاتتى، ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىگە قۇلاق سالمايتتى.
كەچلىك مۇزاكىرىدىن تارقىغان ئوقۇغۇچىلار ياتاقلىرىغا ماڭغانىدى. بىر نەچچە كۈندىن بېرى پۇرسەت ئىزدەپ يۈرگەن مەتتۇرسۇن بالىلارنىڭ ئارقىسىدىراق بىر دەستە ماتېرىيالنى قولتۇقلاپ كېتىۋاتقان قىزغا يانداشتى.
−− تۇنىساگۈل، تۇنىساگۈل…
قىز مەتتۇرسۇننىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغاندەك مېڭىۋەردى.
−− توختىڭە، سىزگە دەيدىغان گېپىم بار.
−− ماڭا دەيدىغان گېپىڭىزنى ئاينىسا دېگەن پىستەككە دەڭ، ئەمدى گېپىڭىزنى ئاڭلايدىغان چولام يوق.
−− تۇنىساگۈل، سىزگە نېمە بولدى؟
−− نېمە بولغىنىنى ئۆزىڭىزدىن سوراڭ!
−− ئاينىسا بىلەن بولغان ئىشنى ئۆزىڭىز بىلىسىز. ھېلىقى كېسەكنى ئۆرۈككە مەن ئاتقاندىكىن، ئۇنىڭ دەرس تەكرارلىشىغا ياردەملىشىپ كېلىۋاتىمەن. ھېسسىيات جەھەتتە ئىككىمىز ئوت بىلەن سۇغا ئوخشايمىز.
−− ئوت بىلەن سۇغا ئوخشامسىز ياكى نىجاسەت بىلەن چىۋىنغا ئوخشامسىز مەن بىلەن نېمە ئالاقىسى؟
تۇنىساگۈل مەتتۇرسۇننى يانداپ ئۆتۈپ زەردىلىك قەدەملەر بىلەن تاق – تۇق دەسسەپ كېتىۋەردى. مەتتۇرسۇن يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇنىڭغا قاراپلا قالدى.
تۇنىساگۈلنىڭ قەدەملىرى ياتاق ئالدىغا كەلگەندە شىپپىدە توختاپ قالدى. چۈنكى ئۇنىڭ نامى ئاينىسانىڭ ئېغىزىدا ئەيىبلىنىۋاتاتتى.
−− تۇنىسانىڭ ھازىر قەيەردىلىكىنى بىلەمسىز؟ −− ھېچ كىشىدىن زۇۋان چىقمىغاندىن كېيىن ئۇ يەنە ئۆزى جاۋاب بېرىشكە مەجبۇر بولدى، −− ئۇ ھازىر مەتتۇرسۇن بىلەن ئاي سەيلىسى قىلىۋاتىدۇ.
تۇنىساگۈل ئىشىكنى غاچچىدە ئىتتىردى.
−− كېچىكىپ قالدىڭغۇ؟ −− كۆك سولياۋ داسقا پۇتىنى چىلاپ شالاپشىتىپ يۇيۇۋاتقان ئاينىسا قاش – كۆزلىرىنى ئوينىتىپ سورىدى.
−− سېنىڭ نېمە كارىڭ؟ −− تۇنىساگۈل قولىدىكى كىتاب – دەپتەرلەرنى كارىۋاتقا پاققىدە تاشلىدى، −− مېنىڭ كېچىكىشىم، بۇرۇن كېلىشىم ھەققىدە باش قاتۇرماي ئۆزۈڭنىڭ ئىشىنى ئويلا.
−− ئۆزۈمنىڭ قايسى ئىشىمنى ئويلايمەن؟ يا مەن ئاخشىمى بۇلۇڭ – پۇچقاقلاردا ئوغۇللار بىلە يېتىلىشىپ يۈرمىسەم.
−− مەن ئوغۇللار بىلەن يۈرسەممۇ ئىناۋىتىمنى ساقلاشنى بىلىمەن. ئۆزۈمنى ئەرزانلىتىپ بۇدۇشقاقتەك چاپلىشىۋالمايمەن، −− تۇنىساگۈل بارلىق غەزىپىنى سۈپۈرگىدىن ئالماقچىدەك كارىۋىتىنى شارت – شۇرت سۈپۈرۈشكە باشلىدى.
−− كىم بۇدۇشقاقتەك چاپلىشىۋاپتۇ؟ −− ئاينىسا ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ ساپما كەشىنى كىيدى، −− دېگىنە، كىم چاپلىشىۋاپتۇ؟
−− كىمنىڭ چاپلىشىۋالغىنىنى مەندىن سورامتىڭ؟ ئۆزۈڭدىن سورا، ئۆزۈڭدىن.
بىر – بىرىدىن ئۆچ ئېلىشقا پۇرسەت ئىزدەپ يۈرگەن رەقىبلەرنىڭ تۇتۇشۇپ قېلىشىغا بىر نەچچە ئېغىزلا گەپ تۇتۇرۇق بولۇپ بەردى. ئاينىسا ھايت – ھۇيت دېگۈچە تۇنىساگۈلنىڭ چاچلىرىغا چاڭگال سالدى. تۇنىساگۈلنىڭ قوللىرىمۇ ئاينىسانىڭ چاچلىرىغا يامىشىپ ئۈلگۈرگەنىدى. ياتاقتىكى قىزلار تۇشمۇ تۇشتىن ئۇلارنى ئاجرىتىشقا كىرىشتى. ئۇلار كاللا مونەك بولۇپ، ھېلى بىر ياققا سۆرۈلسە، ھېلى بىر تەرەپكە دومىلايتتى. بىردە تامغا تاقالسا، بىردە كارىۋاتقا تىرىلىپ توختايتتى.
قىزلار ئاخىر ئۇلارنى ئاجرىتىشتى، لېكىن تۇنىساگۈلنىڭ چوكىدەك توملۇقتىكى چېچى ئاينىسانىڭ قولىدا قالغانىدى. بۇ چاغدا قوشنا ياتاقتىكى قىزلارمۇ ياتاق ئىچىگە لىق توشقانىدى.
−− خەپ رەسۋا! كۆزۈڭگە كۆرسىتىمەن تېخى.
−− ئاغزىڭنى يۇم ئالۋاستى.
ئۇلار بىر – بىرىگە تاشلىناتتى. تۇتۇۋالغانلارنىڭ قولىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىش ئۈچۈن تىركىشەتتى. قوشنا ياتاقتىكى قىزلار تۇنىساگۈلنى ئۆز ياتاقلىرىغا ئېلىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ياتاق ئىچى تىپتىنچ بولۇپ قالدى.

2

مەۋسۇم ئاخىرلىشاي دەپ قالغانىدى. خۇددى دېھقان بىر يازدا ئېتىزدا ئىشلەپ، كۈزدە ھوسۇلنى يىغىۋالغىنىغا ئوخشاش، ئوقۇغۇچىلارغىمۇ ئەمدىلىكتە ھوسۇل يىغىش نۆۋىتى كەلگەنىدى. دېھقان ناھايىتى جىق ھوسۇلغا ئېرىشسىمۇ، تاغىرى يېرىم قالسىمۇ ئوخشاشلا خاسىيەتلىك زېمىننىڭ بەرگىنىگە شۈكرى قىلىپ ئەتە ئۈچۈن، كۆپلەپ ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن قايتا يەڭ تۈرىدۇ. ئەمما ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. ھەرقانداق ئوقۇغۇچى ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسە خۇددى ئوڭ – تەتۈر چۆرگىلىتىپ قويۇپ بەرگەندەك، ئېگىز ھاڭدىن بىرى ئىتتىرىۋەتكەندەك روھسىزلىنىپ كېتىدۇ. شۇڭا ئىمتىھاننىڭ شەپىسى ئاڭلانغان ھامان ئوقۇغۇچىلار غەپلەت ئۇيقۇسىدىن سىلكىنىپ ئويغىنىدۇ. مۇشۇ بىرەر ھەپتىدىن بېرى ئاينىسامۇ سەگەكلەشتى. ئۇ كۈندە مەتتۇرسۇنغا سوڭدىشىۋېلىپ ئۇنى – بۇنى سورايتتى. ئۆگىنىپ بولغان مەزمۇنلارنى ئېسىدە ساقلىيالمىغانلىقى ئۈچۈن ئەپسۇسلىناتتى. كىتابنى توختىماي ۋاراقلايتتى.
−− مەن ياتاققا بېرىپلا كېلەي، −− دېدى سۆگەت تۈۋىدىكى قوش كىشىلىك ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ئاينىسا قولىدىكى كىتابنى مەتتۇرسۇنغا تۇتقۇزۇپ، −− ھايال بولمايمەن.
−− چاپسانراق كېلىڭ، بۈگۈن ئۆگىنىدىغان مەزمۇنلار كۆپ.
−− ماقۇل.
ئاينىسانى ساقلاۋېرىپ تاقىتى تاق بولغان مەتتۇرسۇن قولىدىكى كىتابنى ئورۇنداقتا قويۇپ ئورنىدىن تۇردى. مەكتەپ سەيناسى ئۆزگىچە بىر دۇنياغا ئايلىنىپ كەتكەنىدى. بىرلىرى دەرەخ ئاستىدا ئولتۇرۇپ دەرس تەكرارلىسا، بىرلىرى ئاستا كېتىۋېتىپ كىتاب ئوقۇيتتى. قارىماققا ھەممە يەر جىمجىتلىق، لېكىن ھەممە ئوقۇغۇچى ئالدىراش، بىر – بىرىگە پاراڭ قىلغۇدەك، ھەتتا قارىغۇدەكمۇ ۋاقتى يوق ئىدى. مەتتۇرسۇن تولىمۇ ئاز تېپىلىدىغان بۇنداق قىممەت ۋاقىتنى بىكارغا ئۆتكۈزۈۋېتەلمەيتتى. ئۇ ئىچى سىقىلىپ ئاينىسانىڭ كىتابىنى قولىغا ئېلىۋېدى، كۈتۈلمىگەندە ئۇنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇلغان ئىككى ۋاراق قەغەز يەرگە پۇررىدە ئۇچۇپ چۈشتى. مەتتۇرسۇن قەغەزنى كىتابقا قىستۇرۇۋېتىپ »سالام خەت« دەپ باشلانغان تونۇش پوچېركىنى كۆرۈپ قالدى. ئۇ، ئاينىسا ئاتا – ئانىسىغا خەت يازغان بولسا بېشىنىڭ زەخىملەنگىنىنى تىلغا ئالغانمىدۇ. ماڭا چاندۇرمىغىنى بىلەن ئاتا – ئانىسىغا دادلىغان بولسىچۇ؟ … دېگەنلەرنى ئويلاپ قىزلار ياتىقى تەرەپكە قارىدى. ئاينىسانىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. ئۇ خەتنى كىتابنىڭ قېتىدىن ئاستا سۇغۇرۇۋالدى. خەتكە مۇنۇلار يېزىلغانىدى: »قەدىردانىم قۇربان، ھايات بارمۇ سىز؟ ئۆز لەۋزىگە ۋاپاسىزلىق قىلىدىغانلارنىڭ بارغانچە كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئويلىسا، كىشىنىڭ تاغ – ئېدىرلارغا، چۆل – جەزىرىلەرگە بېرىپ زاھىتلارچە تۇرمۇش كەچۈرگۈسى كېلىدۇ. ئەمما ئامال قانچە؟ يەنە چىشنى چىشلەپ تۇرۇپ ئۆزى كۆرۈشنى خالىمىغان، بىزار بولغان شۇ ئادەملەر ئارىسىدا ئازابلىق تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. سىز لەۋزىڭىزدە تۇرمىغاندىن كېيىن، سىزدىن شۇنچىلىك نەپرەتلەندىم − يۇ، يەنە ئېسىمدىن چىقىرالمىدىم، يۈرىكىمدە يىرگىنىش بىلەن سېغىنىش، نەپرەتلىنىش بىلەن ئارزۇلاشتەك مۇرەككەپ ھېس – تۇيغۇلارنىڭ تىركىشىشى بىر مىنۇتمۇ توختىمىدى. ھېچ چۈشىنەلمىدىم. سىزنى قانچە كۆرگۈم كەلگەنسېرى غەزىپىم شۇنچە كۈچىيىدۇ. غەزەپلەنگەنسېرى سىزنىڭ ئىللىق كۈلۈمسىرەپ تۇرغان دىدارىڭىز كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ. كۈچۈم يەتسە چايناپ يەۋەتسەم، بېشىغا تاش بىلەن ئۇرۇپ يانجىۋەتسەم، دەپ ئويلايمەن. نېمىشقىكىن تاڭ، تۇرۇپلا شۇنداق يامان خىيالنى قىلغىنىم ئۈچۈن يەنە ئۆزۈمنى ئەيىبلەپ، سىزنى كەچۈرىمەن. سىزنى سېغىنىپ ئۈنسىز ياش تۆكىمەن. يېقىندىن بېرى سېغىنىش يىغىسىنىڭ ئورنىنى قورقۇنچ، غەم – ئەندىشە يىغىسى ئىگىلىدى. ماڭا ئەمدى بىرلا نەرسە لازىم. مەن ئۇنى كېچە – كۈندۈز ئارزۇ قىلىمەن. ئۇ نېمە دەمسىز؟ ئۇ ئۆلۈم. مېنى ئەمدى بۇ قارا قىسمەتتىن پەقەت ئۆلۈملا قۇتقۇزالايدۇ. شورلۇق كۆز ياشلىرىمنى ئۆلۈملا توختىتالايدۇ. ئۈنسىز ئىڭراشلىرىمغا ئاشۇ ئۆلۈملا خاتىمە بېرەلەيدۇ. ئەمما مەن باشقا يەردە ئەمەس، سىزنىڭ كۆز ئالدىڭىزدا ئۆلمەكچى، سىزنىڭ مۇبارەك باغرىڭىزدا جان ئۈزمەكچى، چۈنكى مېنىڭ بويۇمدا بار ئىكەن. يېقىندىن بېرى ئاشۇ مۇدھىش كېچىدىكى شەرمەندىچىلىكنىڭ بىردىنبىر گۇۋاھچىسى بولغان پاسىق تۆرەلمە ئەيىبكار قورسىقىمدا پات – پات مىدىرلاپ مېنى ئۆلۈمگە ئالدىرىتىۋاتىدۇ…«
مەتتۇرسۇن خەتنى ئوقۇپ شۇ يەرگە كەلگەندە قوللىرى لاغ – لاغ تىترەپ كەتتى. باشقىلارنىڭ خېتىنى ئوغرىلىقچە ئوقۇپ قويغىنىغا، ئىنس – جىنغا سەزدۈرۈشكە بولمايدىغان مەخپىيىتىنى بىلىپ قالغىنىغا پۇشايمان قىلدى. ئاشۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزىنى باشقىلارنىڭ يانچۇقىغا قول سالغان ئوغرىغا، ئىشىك – دېرىلىزىلىرىنى مارىلاپ يۈرىدىغان رەزىل پايلاقچىغا ئوخشاتتى…
مەتتۇرسۇن ئاياغ تىۋىشىدىن چۆچۈپ بېشىنى كۆتۈردى، ئۇنىڭ ئالدىدا ئاينىسا قاراپ تۇراتتى. مەتتۇرسۇننىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى. ئاينىسانىڭ چىرايى ئۇنىڭدىن بەكرەك تاتارغانىدى. مەتتۇرسۇن خەتنى ئاينىسانىڭ كۆزىچىلا قاتلاپ جايىغا قىستۇردى، ئاينىسا مەتتۇرسۇننىڭ قولىدىكى كىتابنى شارتتىدە يۇلۇپ ئالدى – دە، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ كەتتى.
ياتاق ئىچى تىپتىنچ، پەقەت ھاۋاداننىڭ ئەينىكىگە يېپىشىۋالغان يوغان چىۋىنلا توختىماي غوڭۇلدايتتى. كارىۋات ئۈستىدە ئوڭدىسىغا ياتقان ئاينىسا ئىچ – ئىچىدىن بوغۇلۇپ نالە قىلاتتى. ئاھ خۇدا، كېرەملىك ئىگەم، دۇنيادا بار بولغان كۆڭۈل ئاغرىقنىڭ ھەممىسى مېنىڭ بېشىمغىلا كېلەمدۇ؟ ھەممە كۆڭۈل ئاغرىقى مېنىلا پاراكەندە قىلامدۇ؟ ھەممە پالاكەتنى تېرىغان مۇشۇ بېشىم، مۇشۇ كاللام… ئاينىسا خۇددى ئەقلىدىن ئاداشقان ساراڭدەك بېشىغا ئۇراتتى، تامغا يېنىش – يېنىشلاپ ئۈسەتتى.
راست، ئۇنىڭغا كېلىدىغان بارلىق پېشكەللىك بېشى بىلەن ئالاقىدار بولۇۋاتتى. ھەممە كۆڭۈلسىزلىكلەرنى بېشى تېرىغاندەك تۇراتتى. بۇ باش باھاردىكى ئىش ئىدى. يەر – جاھاننىڭ ئىللىشى بىلەن تەڭ ئاينىسانىڭ بېشى قىچىشىدىغان بولۇپ قالدى. خۇددى مىڭلارچە چۈمۈلە چېچىنىڭ ئارىسىغا كىرىۋېلىپ ئۇياق – بۇياققا ئۆمۈلەۋاتقاندەك قىمىلدايتتى. ئاينىسا دەسلەپكى كۈنلەردە بېشىغا قول ئۇزاتماي چىداپ ئۆتتى. ئاخىر ئۇ بارماقلىرىنىڭ چاچلىرى ئارىسىغا كىرىپ قالغىنىنى سەزمەي قالدى. دەرسخانىلاردا، يوللاردا كېتىۋاتقاندا، ياتاقتا… ئىش قىلىپ ھەممىلا يەردە بېشىنى كارتىلدىتىپ قاشلايتتى، قاشلىغانسېرى ئىچ – ئىچىدىن ھۇزۇرلىنىپ تېخىمۇ ئۇزاق قاشلىغۇسى كېلەتتى.
−− ساڭا نېمە بولدى قىزىم؟ −− دېدى بىر يەكشەنبە كۈنى ئانىسى ئۇنىڭ بېشىنى قاشلىشىغا چىداپ تۇرالماي، −− تاز بولۇپ قالدىڭمۇ؟ بېشىڭنى نېمانچە قاشلايسەن؟
−− ئۆزۈممۇ ئۇقمايمەن، بېشىم توختىماي قىچىشىدىغان بولۇپ قالدى.
−− ئېڭىشكىنە، كۆرۈپ باقاي.
ئانا ئاينىسانىڭ بېشىنى تىزىغا ئېلىپ، چاچلىرى ئارىسىنى يېرىپ كۆرگىلى تۇردى.
−− ۋاي خۇدايىم، نېمە خاپىلىق بۇ. بېشىڭنى يارا قاپلاپ كېتىپتۇ، قىچىشىۋاتقىنىغا قانچە كۈن بولدى؟
−− ئىككى ھەپتىدىن ئاشتى.
−− ئۆزۈڭ دوختۇرلۇق مەكتىپىدە ئوقۇپ تۇرۇپمۇ دوختۇرغا كۆرۈنمەپسەنغۇ، شۇنداقمۇ بىپەرۋالىق قىلغان بارمۇ؟ قىز بالا دېگەن ئەيىبلىك بولۇپ قالسا بولمايدۇ.
راست، ئاينىسا بۇ ئىشقا نېمىشقا سەل قارىدىكىنە، ئۇ بىرەر تەجرىبىلىك دوختۇرغا، ھېچ بولمىغاندا ئۆزىگە دەرس بېرىۋاتقان دوختۇرلارغا كۆرۈنۈپ باقسىمۇ بولاتتىغۇ. باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئەيىبى ئاشكارىلىنىپ قالسا نېمە بولاتتى، مانا ئەمدى ئاشكارىلىمىسا بولمايدىغان ھالەتكە يېتىپتۇ.
−− چېچىڭنى ئالدۇرۇۋېتەمسەن – يا؟ −− ئانا بىردەم ئويلىنىپ تۇرغاندىن كېيىن سورىدى، −− دوختۇرنىڭ ئالدىغا بارساڭمۇ چېچىڭنى ئالدۇرماي داۋالىمايدۇ،
−− شۇنداق قىلايمىكىن.
−− چاچ دېگەن بېدىگە ئوخشاش ئۆسۈپ تۇرىدىغان نەرسە، بېشىڭ ساقىيىۋالسا چاچ بىرەر يىلغا بارماي ئۆسۈپ بولىدۇ. ئەمما يوغىناپ تۇرىدىغان ياش بالىلارغا ئالدۇرغىن. ئۆسۈشى توختاپ قالغان چوڭ ئادەملەرگە ئالدۇرساڭ چېچىڭ ئۆسمەيدۇ.
ئاينىسا شەھەر كوچىلىرىنى ساق بىر كۈن ئايلاندى، بۇ كىچىك شەھەردە ئۇ بوسۇغىسىغا دەسسىمىگەن ساتىراشخانا قالمىدى. ئۇ ھەممە ساتىراشخانىغا ئۈسۈپلا كىرەتتى – يۇ، يەنە گەپ قىلماي قايتىپ چىقاتتى. ئاخىر كۈن ئولتۇراي دېگەندە چوڭ يولنىڭ سەل ئىچكىرىسىدىكى كوچىدا يېڭى ئېچىلغان بىر ساتىراشخانىغا كىردى.
−− كېلىڭ، چاچ ياسىتامسىز؟
−− ھەئە.
−− ئورۇندۇققا مەرھەمەت قىلىڭ، ھەرقانداق پاسوندا ياسىيالايمەن.
−− مەن … −− ئاينىسا تارتىپقىنە ئورۇندۇققا يېقىنلاشتى، −− چېچىمنى ئالدۇرۇۋەتمەكچى ئىدىم.
−− پۈتۈنلەي ئېلىۋېتەمدۇق؟
−− بېشىمغا بىر نەرسە چىقىپ قاپتىكەن.
−− ئەندىشە قىلغۇدەك ئىش يوق، −− ساتىراش يىگىت ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگە پوك – پوك مۇشتلىۋېتىپ گېپىنى داۋاملاشتۇردى، −− چاچنى ئىككى – ئۈچ قېتىم قىرىۋەتسەك پاك – پاكىز ساقىيىپ كېتىدۇ.
ئاينىسا ئەمدى سەل تېتىكلەشتى، ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئۈمىد ئۇچقۇنى پاللىدە چاقناپ ئۆتكەنىدى. ئۇ ئورۇندۇققا ئولتۇرۇۋېتىپمۇ ئىختىيارسىز بېشىنى تاتلىۋەتتى.
−− بېشىڭىزنى تولا قاشلاۋەرمەڭ، −− دېدى ساتىراش يىگىت ئاينىسانىڭ بوينىغا ئاپپاق پەرتۇقنىڭ شوينىسىنى باغلىغاچ.
ئاينىسا دەسلىپىدە سەل قورۇندى، يىگىتنىڭ قوللىرى ئۇنىڭ بېشىدا، بويۇنلىرىدا لەرزان ئۆمۈلەشكە باشلىغاندا، چىرايىنىڭ چوغدەك قىزارغانلىقى ئەينەكتىن مەلۇم بولدى.
−− چوڭ مەسىلە يوقكەن، −− دېدى يىگىت ئاينىسانى خاتىرجەم قىلماقچىدەك پەرۋاسىزلا، −− بۇنداق ئىشلار مېنىڭ ئالدىمدىن جىق ئۆتكەن. بىرەر ئايغا قالماي سەللىمازا ساقىيىپ كېتىدۇ. بېشىڭىزغا ئۇستىرا سالماي، ماشىنا بىلەن ئالاي، تىغ تەگسە ساقايمىقى تەس بولىدۇ.
ئاينىسا يىگىتنىڭ ھەممە گەپلىرىگە ئىتائەتمەنلىك بىلەن باش لىڭشىتىپ قويۇپ ئولتۇرۇۋەردى. يىگىتنىڭ قولىدىكى ماشىنا ئۇنىڭ چېچىنى بىر باشتىن تۈرتەكلەپ يەرگە تاشلىغىلى تۇرغاندا، بېشىنىڭ قىچىشىشىغا چىدىيالماي قوللىرى نەچچە قېتىم يۈگۈرۈپ كەتتى.
ئاينىسا ئەينەككە قاراپ چۆچۈپ كەتتى. ئاپپاق پەرتۇققا پۈركەنگەن ۋىجىك گەۋدىنىڭ ئۈستىدە خۇددى تۇز قاپىقىدەك ئاپپاق شور ئۆرلەپ كەتكەن بىر باش تۇراتتى. توۋا، تۇغۇلغاندىن بېرى كۆتۈرۈپ يۈرگىنىم مۇشۇ باشمىدۇ؟ ئەينەكنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ زوقلىنىپ قارايدىغان، ئالدىرىماي سوزۇپ – سوزۇپ تارغاق سالىدىغان سارغۇچ چاچلىرىم قېنى؟ دەپ ئويلىدى ئاينىسا، شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئەينەكتە زاھىر بولغىنى خۇددى كېسەلمەن مايمۇننىڭ تۈكى چۈشۈپ كەتكەن كاللىسىدەك تامامەن يات، يىرگىنچلىك بىر باش ئىدى.
يىگىتنىڭ كۈچلۈك قوللىرى ئاينىسانىڭ شورلۇق يەردىكى داڭگالدەك كەپشەرلەشكەن بېشىنى تاتىلاشقا باشلىدى. دەسلىپىدە ئاستا، كېيىن تېز – تېز تاتىلىۋېدى، قىزنىڭ بېشىدىن خۇددى قار ئۇچقۇندىغاندەك ئاپپاق كېپەك توزۇماقتا ئىدى. قىزنىڭ كۆزلىرى ئاستا – ئاستا يۇمۇلدى، ئاجايىپ شېرىن بىر خىل لەززەت ئېقىمى يىگىتنىڭ بارماقلىرىدىن چىقىپ قىزنىڭ بېشىغا، بېشىدىن يۈرىكىگە، پۈتۈن ۋۇجۇدىغا تاراپ كەتتى. قىزنىڭ يىگىتكە مىڭلاپ رەھمەت ئېيتقۇسى، دۇنيادىكى ئەڭ تاتلىق مەدھىيە سۆزلىرىنى ياغدۇرغۇسى كېلەتتى.
ئاينىسا چېچىنى ئالدۇرۇۋەتكەندىن كېيىن بېشى ئازراق يەڭگىللەپ قالدى. ئەمما قىچىشىش ت−وختىمىدى. بېشىدىكى ن−امەلۇم »چۈمۈلە«لەر تىنماي ئۇياق – بۇياققا يۈگۈرۈشەتتى. ئەمدى ئۇنىڭ ئۆز قوللىرى ئۆز كاللىسىنى تازا ئارام تاپقۇزالمايدىغان بولۇپ قالغانىدى. ئۇ بېشى ئەسەبىيلىك بىلەن چىمىلداپ قىچىشقىلى تۇرغاندا ھېلىقى قۇربان ئىسىملىك ساتىراش يىگىتنى، ئۇنىڭ كۈچلۈك، قوپال بارماقلىرىنى ئەسلەيتتى.
قىز ئىككىنچى قېتىم ساتىراشخانىغا كەلگەندە قۇربان ئۆزى دېمەتلىك بىر يىگىتنىڭ چېچىنى ياساۋاتقانىدى. ئۇ ئاينىسانى تام بويلىتىپ قويۇلغان ياغاچ ئورۇندۇققا شەرەتلەپ قويۇپ، ئۆز ئىشىنى قىلىۋەردى. ئاينىسا ئۇنىڭ باشقىلار بار يەردە بېشىدىكى پاراكەندىچىلىك توغرۇلۇق گەپ ئېچىپ سالماسلىقىنى، ھەتتا چىرايىغا تىكىلىپمۇ قارىماسلىقىنى تىلەيتتى.
−− قانداقراق؟ −− قۇربان ئاينىسانىڭ كۆڭلىنى چۈشەنگەندەك خېرىدارنى يولغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئېغىر ئاچتى، −− پايدىسى بولغاندەكمۇ؟
−− پايدىسى بولدى، −− دېدى ئاينىسا ساتىراشنىڭ ئورۇندۇقىغا ئوبدان جايلىشىپ ئولتۇرۇۋېتىپ، −− ھازىر ئانچە قىچىشمايدۇ.
قۇرباننىڭ قوللىرى بۇ قېتىم قىزنىڭ بېشىنى تاتىلاش بىلەنلا توختاپ قالمىدى. ئۇ ئاينىسانىڭ بېشىنى ئۇزاق ۋە ئەستايىدىل تاتىلاپ بولغاندىن كېيىن ئىككى مۈرىسىنى، بويۇنلىرىنى، بىلەكلىرىنى، ھەتتا قولىنىڭ بارماقلىرىنىمۇ ئالىقانلىرى ئارىسىغا ئېلىپ ئېدىتلىق ئۇۋۇلىدى. قىز سەل قورۇنغان بولسىمۇ قۇرباننىڭ غەلىتە قىلىقلىرىنى توسۇيالمىدى. بېشىدىن باشقا جايلىرىنى تۇتماسلىققا ئاگاھلاندۇرالمىدى، ئۇنىڭ پۈتۈن پىكىر – خىيالى ساتىراشنى رەنجىتىپ قويماسلىقتا ئىدى.
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاينىسا قۇرباننىڭ دۇكىنىغا ھەر كۈنى بىر نۆۋەت كېلىدىغان بولۇپ قالدى. ئەمدى ئۇ قۇرباننىڭ قوللىرىنىڭ بەدىنىنىڭ خالىغان بىر يەرلىرىگە تېگىشىنى، سىلاپ، تاتىلاپ، ئۇۋۇلاپ قويۇشىنى ھېچقانداق نورمالسىزلىق ھېس قىلمايتتى. ئاشۇ ھەرىكەتلەردىن بىر خىل راھەت، ھېچقاچان، ھېچيەردە ھېس قىلمىغان بىر خىل لەززەت سېزەتتى.
−− بېشىڭىزنىڭ ساقىيىشى بەك ئاستا بولۇۋاتىدۇ، −− دېدى قۇربان ئۇنىڭ بەدەنلىرىنى ئۇۋۇلاپ ئولتۇرۇپ، −− مېنىڭ ئۆيۈمدىكى دورىنى سۈركىمىسەك بولمىغۇدەك.
−− قانداق دورا ئۇ؟
−− مۇشۇنداق باش تەمرەتكىسى ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغان دورا. سىزنىڭ بېشىڭىزدىن بەتتەر بولۇپ كەتكەن باشقىمۇ بىر – ئىككى قېتىم سۈركەپ قويسام قەقەچلىرى دەرھال ئاجراپ چۈشۈپ كېتىدۇ.
ئاينىسانى شۇ تاپتا قىزلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئېسىل كىيىملەرنىڭ، ئالتۇندىن ياسالغان چىرايلىق زىبۇ – زىننەتلەرنىڭ گەپلىرىمۇ ئانچە قىزىقتۇرالمايتتى، ئۇنىڭغا دەرھال لازىم بولۇۋاتقىنى كاللىسىدىكى كەپشەر باغلاپ كەتكەن قوتۇرماچلارنى يوقىتالايدىغان قۇدرەتلىك دورا، قىزلارنىڭ گۈزەل لاتاپىتىنى تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزەلەيدىغان سۇمبۇل چاچلىق باش ئىدى. ئۇ ئاشۇلار ئۈچۈن ئالدىرايتتى.
−− ئۇ دورىنى مېنىڭ بېشىمغىمۇ سۈركەپ قويۇڭ ئەمىسە.
−− چاتاق يوق.
−− نەچچە پۇل ئالسىڭىز مەيلى قۇربان، ئەتىلا ئالغاچ كېلىڭ. سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي.
−− پۇلنىڭغۇ كارايىتى چاغلىق، بىراق بۇ يەرگە ئەكېلىشكە بولمايدۇ.
−− نېمىشقا؟
−− توڭلاتقۇدىن ئايرىلسا ئۈنۈمىنى يوقىتىدۇ، بۇنداق كېسەللەرنى ئۆيۈمگە ئاپىرىپ سۈركەپ قويۇۋاتىمەن. ناۋادا سىزمۇ خالىسىڭىز ئۆيۈمگىلا باشلاپ باراي.
ئاينىسا بېشى ساقىيىدىغانلا بولسا، ھېلىغۇ ساتىراش يىگىتنىڭ ئۆيىكەن، ھەتتا پېرىخوننىڭ قاباھەتلىك غارىغا قەدەم بېسىشقىمۇ رازى ئىدى. بېشىغا دورا تۇرماق ئىت، مۈشۈكنىڭ گەندىلىرىنى سۈركەشتىنمۇ باش تارمايتتى.
−− ماقۇل ئەمىسە، −− دېدى ئاينىسا تونۇشقاندىن بېرى قۇربانغا تۇنجى قېتىم تىك قاراپ، −− قاچان بارىمىز؟
−− قاچان بارساق ئوخشاش.
−− ئەمىسە ھازىرلا بارايلىمۇ؟ كەچلىك مۇزاكىرىگە يەنە ئىككى سائەت ۋاقىت بار ئىكەن. شۇنىڭغىچە مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىۋالسام بولىۋېرىدۇ.
قۇرباننىڭ ئۆيى شەھەرنىڭ سەل سىرتىدىراق بولغىنى بىلەن تام – تورۇسلىرى ئۇيغۇر مېمارچىلىق سەنئىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ تۇراتتى. رەڭدار چىراغنىڭ شولىسىدا ۋال – ۋۇل جۇلالىنىپ تۇرىدىغان ئوتقاشتەك گىلەملەر، سىپتا ياسالغان ھەرخىل پاسوندىكى تام ئىشكاپلىرى… ئاينىسانىڭ قىياسىچە بۇ ئۆينىڭ كېمى يوق ئىدى. ناۋادا كېمى بار دېيىلسە، بۇ ئۆيگە خوجايىنلىق قىلىدىغان بىر قىزلا كەمدەك تۇراتتى. ئاينىسا، ناۋادا تەقدىر ماڭا بىر مېھرىبانلىق كۆرسىتىپ مۇشۇ ئۆينىڭ كېمىنى تولۇقلاشتەك ئامەتنى قولۇمغا تۇتقۇزۇۋەتسە – ھە، دېگەن خىيالنىمۇ كاللىسىدىن ئۆتكۈزۈپ ئۈلگۈردى. قۇربان ئاينىسانىڭ ئالدىدىكى شىرەنى بىردەمنىڭ ئىچىدىلا ھەر خىل تاتلىق – تۇرۇملار بىلەن تولدۇرۇۋەتتى.
ئاينىسانىڭ كۆزى قۇرباندا، قۇربان ئۆي ئىچىدە قاياققا ماڭسا، شۇ ياققا تىكىلەتتى. قايسى شىرەنى ئاختۇرسا بېشىمغا سۈركەيدىغان دورىنى ئېلىۋاتامدىكىن دېگەن ئۈمىدتە شۇ شىرەگە سەپسالاتتى. قۇربان ئاخىر بىر بوتۇلكىنى كۆتۈرۈپ كەلدى، بىراق ئۇنىڭ قولىدا تۇرغىنى دورا بوتۇلكىسى ئەمەس، ھاراق ئىدى. مېنىڭ بېشىمغا سۈركەيدىغىنى ئاشۇ ھاراقمىكىنە، ياكى دورىنى ھاراق شېشىسىگە قاچىلىغانمىكىن، دەپ ئويلىدى ئۇ.
−− ماۋۇنى ئىچىۋېتىڭ، −− قۇربان لىپمۇلىق ھاراق توشقۇزۇلغان خىرۇستال رومكىنى ئاينىساغا ئۇزاتتى.
−− مەن …. −− ئاينىسانىڭ تەئەججۈپلىك كۆزلىرى قۇبانغا تىكىلدى، −− مەن ھاراق ئىچەلمەيمەن.
−− ئىچىڭ دېگەندىكىن ئىچمەمسىز؟
−− سىز مېنىڭ بېشىمغا دورا سۈركەپ قويماقچى بولغان.
−− دورا سۈركەشنىڭ تەييارلىقى شۇ.
−− بېشىمغا ھاراق پايدا قىلامدۇ؟
−− ئەخمەق قىز، نەدىمۇ ئۇنداق ئىش بولسۇن؟ باشقا سۈركەيدىغان دورا بەكلا ئاچچىق، ئازراق ھاراق ئىچىپ مەست بولمىسىڭىز چىدىيالمايسىز.
−− ياق، قۇربان، −− ئاينىسا قۇرباننىڭ قولىنى نېرى ئىتتىردى، −− مەن ھاراق ئىچمىسەممۇ چىدىيالايمەن. بېشىم ساقىيىدىغانلا ئىش بولسا بىر قات تېرىسىنى كۆيدۈرۈۋەتسىمۇ مىت قىلماي ئولتۇرۇشقا رازىمەن.
−− ھەر قانچە مەن – مەن دېگەن نوچىلارمۇ باشتا پو ئاتقىنى بىلەن، دورىنى سۈركەشكە باشلىغاندا ئۆينى بېشىغا كىيىپ ئوڭ – تەتۈر سەكرىگىلى تۇرىدۇ. ھېلى سىزمۇ يىغلىغىلى تۇرسىڭىز يۈرىكىم قانداق چىدايدۇ؟ سىزگە قاراپ مەنمۇ يىغلاپ سالمامدىمەن؟
−− خاتىرجەم بولۇڭ، −− دېدى ئاينىسا قۇربانغا لەپپىدە بىر قارىۋېلىپ، −− مەن ھەرگىز يىغلىمايمەن.
−− بۇ دورا بىلەن ئويناشقىلى بولمايدۇ، −− دېدى قۇربان سەل نارازى بولغاندەك تەلەپپۇزدا، −− بېشىم تېزرەك ساقايسۇن دېسىڭىز بۇ ھاراقنى قايتۇرماڭ.
ئاينىسا قۇرباننىڭ گېپىنى ھەر خىل مەنىدە چۈشەندى. ئاشۇ مەنىلەر ئىچىدە ھاراقنى ئىچمىسىڭىز بېشىڭىزغا دورا سۈركەپ قويمايمەن، دېگەن ئاگاھلاندۇرۇش ھەممىدىن كۈچلۈك ئىدى. ئۇ قۇرباننىڭ قولىدا تۇرغان رومكىغا قارىدى، ئۇنىڭغا مۇشۇ بىر رومكا سۇيۇقلۇقنى سۈمۈرۈۋەتسە ھەممە ئىش پۈتىدىغاندەك، ئەتىلا بېشى تولۇق ئەسلىگە كېلىپ، سۇمبۇل چاچلار شامالدا يەلپۈنۈشكە باشلايدىغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. ئۇ رومكىنى قولىغا ئالماقچى بولىدى – يۇ، جۈرئەت قىلالمىدى.
−− قېنى، تېز بولۇڭ، −− دېدى ئاينىسانىڭ كۆڭلىدىكى داۋالغۇشنى پەملىگەن قۇربان، −− ۋاقىتنى سۈرۈۋەتمەيلى. كەچلىك مۇزاكىرىگە ئۈلگۈرۈپ مەكتىپىڭىزگە كەتمەكچى ئەمەسمىدىڭىز؟ سائەت توشاي دەپ قالدى، مەن بېشىڭىزغا دورا سۈركەپ بولۇپلا مەكتىپىڭىزنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ قويمىسام بولمايدۇ.
ئاينىسا قۇرباننىڭ قولىدىكى رومكىنى ئالدى – دە، خۇددى كۆنۈك ئىچەرمەنلەردەك بىر سۈمۈرۈپلا ئىچىۋەتتى. ھاراقنى يۇتۇش بىلەن تەڭ بىر خىل قاڭسىق ئاچچىق كانىيىدىن باشلاپ ئىچ ئەزايىدىكى نامسىز جايلىرىغىچە تۇتۇشۇپ كەتتى. ھەتتا بۇرۇن تۆشۈكلىرىمۇ ئېچىشىپ، كۆزىدىن تاراملاپ ياش قۇيۇلدى.
−− ھە، ئەمدى ماۋۇنىمۇ، −− قۇربان ئاينىساغا يەنە بىر رومكا تەڭلىدى.
−− كۆڭلۈم ئىلىشىۋاتىدۇ.
−− بۇرنىڭىزنى تۇتۇۋېلىپ غۇرتلا يۇتۇڭە، بىردەمدىلا ماسلىشىپ قالىسىز، −− ئاينىسا يەنە بىر رومكىنىمۇ ئىچتى. ئەمدى ئۇنىڭ ئىچ – باغرى خۇددى مۇچ سۈيىگە توشۇپ كەتكەندەك يال – يال ئىچىشاتتى. شۇ ئارىدا قۇربان ئۆزىمۇ ئىككى رومكا ئىچىۋالدى.
−− ماۋۇ ئەڭ ئاخىرقىسى، −− قۇربان يەنە بىر رومكىنى ئاينىساغا تەڭلىدى، −− مۇشۇنى ئىچىۋەتسىڭىزلا دورا سۈركەشنى باشلايمىز.
−− ياق، ئەمدى ئىچمەيمەن.
−− ھەممە كەسىپنىڭ ئۆز ئالدىغا قائىدىسى بار. قائىدىگە رىئايە قىلمىساق بولمايدۇ. مۇشۇنى ئىچسىڭىز ئاندىن ئۆلچەم بويىچە بولىدۇ.
−− قېنى دورا؟ دورىنى ئەكېلىڭە، كۆرۈپ باقاي.
−− مۇشۇ بىر رومكىنى ئىچىۋەتسىڭىز ھاراقنى تىقىۋېتىپ، دورىنى ئەكېلىمەن، ئېلىڭە.
ئاينىسا ئاخىرقى رومكىنى تولىمۇ تەسلىكتە يۇتۇۋەتتى. ئەمدى ئۇنىڭغا كۆز ئالدىدىكى ھەممە نەرسە بوشلۇقتا لەيلەپ كېتىۋاتقاندەك، قۇرباننىڭ ئاۋازىمۇ ناھايىتى يىراقتىن ئاڭلىنىۋاتقاندەك تۇيۇلماقتا ئىدى.
قۇربان ھاراق بوتۇلكىسىنى نېرى سۈرۈپ قويۇپ ئاينىسانىڭ بېشىنى ئۆزىگە تارتتى – دە، كارتىلدىتىپ تاتىلىغىلى تۇردى.
−− دورىچۇ؟
−− بىردەم قاشلىۋېتىپ ئاندىن سۈركەيمىز.
ئاينىسانى ئۇيقۇ تۇتتى. ئۇ كۆزىنى ئېچىشقا، كاللىسىنى سەگەك تۇتۇشقا ھەر قانچە تىرىشسىمۇ كۆزلىرى ھەدەپ يۇمۇلۇپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئېغىرلاشقان گەۋدىسى ئاستا – ئاستا قۇربانغا يۆلىنىپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن نېمە ئىشلار بولغانلىقىنى ئاينىسا بىلمەيتتى. ئۇ ئەتىسى قۇرباننىڭ كارىۋىتىدا قىپيالىڭاچ ھالدا ئويغانغاندا ھەممىنى چۈشەندى. ئۇ ھۆڭرەپ يىغلىدى، يۈزلىرىنى مورلىدى، ئۆز گېلىنى بوغدى، ئەمما ئۇنىڭ تاشنىمۇ ئېرىتىۋەتكۈدەك ئىسسىق كۆز ياشلىرى، نالە – پەريادلىرى ھېچ نەرسىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمىدى…
ئىشىكنىڭ تاراقلاپ ئېچىلىشى ئاينىسانىڭ قاباھەتلىك ئۆتمۈشىگە باغلانغان خىيال يىپىنى ئۈزۈۋەتتى. ياتاققا غىڭشىپ ناخشا ئېيتقاچ كىرگەن تۇنىساگۈل ئۇدۇل كېلىپ ساندۇقىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى. ئاينىسا تېخىچە كۆزلىرىنى يۇمۇپ ياتاتتى. ئۇ كۆزىنى قىيا ئىچىپ تۇنىساگۈلنىڭ ياتاق ئىچىدىكى ھەربىر ھەرىكىتىنى تەپسىلىي كۆزەتتى. تۇنىساگۈل ساندۇقىنى گۈپپىدە تاقاپ، ياتاقنىڭ تۆرىگە قويۇلغان ئۈستەل ئالدىغا كەلدى – دە، تىكلىمە ئەينەككە قارىغىلى تۇردى، ئۇ قارىغانسېرى ئۆز چىرايىدىن زوقلانغاندەك قاشلىرىنى يېنىك لىكىلدىتىپ قوياتتى، بارا – بارا ئۇنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ئۇ لەپپىدە ئارقىسىغا بۇرۇلدى – دە، ياتاقتىن چىقىپ كەتتى.
بۇ ئالۋاستى نېمىگە شۇنچە خۇشال بولۇپ كەتتىكىنە، دەپ ئويلىدى ئاينىسا تۇنىساگۈلنىڭ ئارقىسىدىن كۆز ئالايتىپ.
ئاينىسا ئاستا مىدىرلاپ ئۆرە بولدى. ئۇ ئويلىغانسېرى بىئارام بولاتتى، يۈرىكى چىدىغۇسىز سىقىلماقتا ئىدى. ئىسىت، ئۇ خەتنى كىتابنىڭ قېتىغا نېمىشقا قىستۇرغاندىمەن، نېمىشقا مەتتۇرسۇنغا بېرىپ قايتىپ كەلگەندىمەن، ئەمدى مەتتۇرسۇنغا يالۋۇرۇشۇم، ئايىغىغا باش قويۇپ يېلىنىشىم كېرەكمۇ؟ ئاشۇ مەخپىيەتلىكنى ھېچ كىشىگە تىنماسلىق ئۈچۈن ۋەدە ئېلىشىم كېرەكمۇ؟ ۋەدىغۇ بېرەر، ئەمما ۋەدىسىدە تۇرمىسىچۇ؟ قۇربانغا ئوخشاش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىسىچۇ؟ ياق. بۇ دۇنيادا ھېچ كىشىنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ. قۇربانمۇ، مەتتۇرسۇنمۇ ئوخشاش. مەن ئۇنىڭغا يالۋۇرماسلىقىم، ئەكسىچە ئۇنى يېلىندۈرۈشۈم لازىم. بىراق قانداق قىلغاندا ئۇنى ئاشۇنداق ھالەتكە كەلتۈرگىلى بولىدۇ؟ ئاينىسانىڭ كۆزلىرى ئاستا – ئاستا چاقناپ كەتتى.

3

مەكتەپ سەيناسىنى بىر ئالغان ۋاڭ – چۇڭ ئاخىر بېسىقتى. ياتاقتىن غىپپىدە چىقىپ كەتكەن مەتتۇرسۇن بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ سىنىپقا كەلدى. باياتىن ئاينىسا ئۇنىڭغا مۇھىم گېپى بارلىقىنى، ئاخشىمى سىنىپتا ئىنس – جىن سەزمەيدىغان يەردە دەيدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. چوقۇم ھېلىقى خەتنىڭ گېپىنى دەيدۇ. مۇشۇنداق چاغدا ئۇ ئىشنى ماڭا دېمەي كىمگە دەيتتى؟ ئاتا – ئانا، ئۇرۇق – تۇغقانلارغا دېگىلى بولمايدۇ – دە، بۇنداق ئىشلارنى ئامال بار ئەتراپلىق مەسلىھەتلىشىپ بىر تەرەپ قىلغان تۈزۈك. خەتتە يېزىلغىنى قايسى قۇربان بولغىيتتى؟ قىلغۇلۇقنى قىلىپ بولۇپ تاشلىۋەتكىنىنى قارىمامدىغان. ئۆزىنىڭ سىڭلىسىنى ئويلاپ باقسا بولماسمۇ؟ مەن ساۋاقداشلىق ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ ئاينىساغا قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىشىم، ياشاشقا، ھاياتتىن ئۈمىد ئۈزمەسلىككە ئۈندىشىم؛ قاراڭغۇدىن كېيىن تاڭ يورۇغاندەك، ھەسرەتلىك كۈنلەردىن كېيىن بەختىيار كۈنلەرنىڭ چوقۇم يېتىپ كېلىدىغانلىقىغا ئۇنى ئىشەندۈرۈشۈم لازىم. شۇنداق قىلسام ساۋاقداشلىق بۇرچۇمنى ئادا قىلغان بولىمەن، مەتتۇرسۇن شۇلارنى ئويلاۋاتقاندا ئاينىسانىڭ شىپىرلاپ ماڭغان تىۋىشى يېقىنلىشىپ، سىنىپ ئىشىكى غىچچىدە ئېچىلدى.
−− سىزنى ساقلىتىپ قويدۇممۇ؟
−− ھېچقىسى يوق.
−− چىراغنى ئۆچۈرۈۋېتىڭ، باشقىلار كۆرۈپ قالمىسۇن.
−− ئۆچۈرمەيلى، بىز يامان ئىش قىلمىغاندىكىن باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق.
−− ئۇنداق دېمەڭ، −− ئاينىسا چىراغنىڭ يىپىنى پاسسىدە تارتىۋەتتى، −− بىمەھەل چاغدا سىنىپنىڭ چىرىغىنى ياندۇرۇپ قويساق باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ قويىمىز.
−− قورساقنىڭ ئاغرىقى بولمىسا تاۋۇز يېيىشتىن قورقما، دېگەن گەپ بار، −− دېدى مەتتۇرسۇن چىراغنى ياندۇرغاچ، −− خۇدۈكسىرەيدىغان يېرىمىز بولمىغاندىكىن چىراغ يېنىق يۇرسۇن.
−− ياق، ئۆچۈرۈۋېتىمەن.
ئاينىسا چىراغنى يەنە ئۆچۈردى. مەتتۇرسۇننىڭ چىراغقا ئۇزارتقان قوللىرى ئاينىسانىڭ قوللىرى بىلەن گىرەلىشىپ قالدى. مەتتۇرسۇن قوللىرىنى تارتىپ ئۈلگۈرمىدى. ئاينىسا ئۇنىڭغا خۇددى شىلىم سۈركىگەن قەغەزدەك مەھكەم يېپىشىۋالغانىدى.
−− بۇ… بۇ نېمە قىلغىنىڭىز؟
−− مەتتۇرسۇن، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن. بىلەمسىز، بۇ دۇنيادا پەقەت سىزنىلا سۆيىمەن.
−− ئۇنداق دېمەڭ ئاينىسا، مەن سىزگە باشقا جەھەتتىن قەرزدار. ئەمما مۇھەببەتنىڭ گېپىنى دېيىشمەيلى.
−− ئەجەب تاش يۈرەككەنسىز. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى كۆيگىنىمنى بىلمىدىڭىزمۇ؟ ئېھتىمال ھېلىقى چاغدا بېشىمغا تەگكەن كېسەك مۇھەببەت ئىلاھىنىڭ بېشارىتى بولسا كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا، ئۆرۈككە ئاتقان كېسەك نېمىشقا دەل مېنىڭ بېشىمغا تېگىدۇ؟
−− بېشىڭىزنىڭ زەخىملەنگەنلىك ئىشىنى مەن سىزگە بىر قانچە قېتىم چۈشەندۈردۈم. ئۇ ھەقتە مەن ھەر قانداق ئەيىبنى ئۈستۈمگە ئېلىشقا تەييار. ئەمما ئۇ ئىشلارنى مۇھەببەت بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋالماڭ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنىڭ قۇربان بىلەن بولغان ئىشىڭىزمۇ ئىككىمىزنىڭ ئەبەدىي بىرگە بولالمايدىغانلىقىمىزنى بەلگىلەيدۇ.
−− قۇربان؟ قۇربان دېگەن كىم؟
−− ئاينىسا، مەن سىزنىڭ چاۋىڭىزنى چىتقا يايماقچى ئەمەس، ئەمەلىيەتتە مېنىڭمۇ قۇربانغا بەك ئاچچىقىم كەلدى. سىز بەلكىم مەجبۇرلانغان بولۇشىڭىز مۇمكىن.
−− نېمىلەرنى دەۋاتىسىز؟ بارغانچە ئادەم چۈشەنمەيدىغان گەپلەرنى قىلغىلى تۇردىڭىزغۇ؟
−− قۇربان دېگەن نېمىگە يازغان خېتىڭىزچۇ؟
−− خەت! قېنى ئۇ خەت؟
−− بولدى ئەمىسە، ئۇ گەپلەرنى دېيىشمەيلى، مەنمۇ سىزنىڭ خېتىڭىزنى كۆرمىگەن بولاي.
−− سىز ماڭا تۆھمەت قىلىۋاتىسىز. خۇددى تاڭ سەھەردىكى شەبنەم تامچىسىدەك پاك سۆيگۈمگە بېرىدىغان جاۋابىڭىز مۇشۇمۇ؟ بوپتۇ، مۇھەببىتىمنى قوبۇل قىلمىسىڭىز ئىختىيارىڭىز. مۇھەببەت دېگەننى زورلاپ تاڭغىلى بولمايدۇ. ئەمما ئادەمنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدىغان ئۇنداق يالغان گەپلەرنى قىلماڭ.
ئاينىسا شىۋىرلاپ سۆزلىگەچ قىسقا يوپكىسىنى شىرتتىدە چۈشۈرۈۋېتىپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالغان مەتتۇرسۇننىڭ بوينىغا ئېسىلدى. دەل شۇ چاغدا ئىشىك قوپال تاراقشىپ ئېچىلىپ سىنىپقا كىملەردۇر دۇكۇرلىشىپ كىردى.
−− ۋايجان! ئادەم بارمۇ؟ ماڭا چېقىلدى، −− ئاينىسا مەتتۇرسۇننىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ توۋلىغىلى تۇردى.
مەتتۇرسۇن ئۆزىگە توغرىلانغان قول چىرىغىنىڭ ئۆتكۈر نۇرىدا كۆزىنى ئاچالمايلا قالدى. سىنىپقا كىرگەنلەر ئاينىسانىڭ ياتىقىدىكى قىزلار ئىدى.
ئۇلار ئاينىسانى زاڭ مال بىلەن قولغا چۈشكەن ئوغرىنى قازىنىڭ ئالدىغا يالاپ ماڭغاندەك دۈشكەلەپ، سۆرەشتۈرۈپ ياتاققا قايتۇرۇپ كەلدى.
−− يۈزى قېلىن رەسۋا، −− نۇرىمانگۈل ياتاققا كىرىپلا ئاينىسانى بىرلا ئىتتىرىپ بۇلۇڭغا نىقتىۋەتتى، −− سەندەك مېكىيان بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇپ قالغىنىمىزغا لەنەت! يۈزىمىزنى يەر بىلەن يەكسان قىلدىڭغۇ ئاخىر.
−− سىنىپقا كېلىڭ، گېپىم بار دېۋىدى، −− ئاينىسا مىرت – مىرت بۇرنىنى تارتىپ قويۇپ ئۆزىنى ئاقلاشقا كىرىشتى، −− نېمە گەپكىن دەپ بېرىپتىكەنمەن. ياق دېسەممۇ ئۇنىماي…
−− بولدى، كاپشىما قانجۇق! مەكتەپ ئىچىدە قايسى يۈزىمىز بىلەن يۈرىمىز ئەمدى.
ئاينىسا ھېچ كىشىنىڭ چىرايىغا قارىيالماي شۈمشىيىپ ئولتۇراتتى.
−− ھۇ تېگى پەس… −− كارىۋىتىدىن تاراققىدە سەكرەپ چۈشكەن تۇنىساگۈل ئاينىسانىڭ يۈزىگە شالاققىدە تۈكۈرۈۋەتتى.
ئاينىسا بىر ئېغىزمۇ جاۋاب قايتۇرمىدى، ياكى كۆزىنى مىت قىلىپ يۇممىدى. ئۇ خۇددى رەسۋا ئاياللارنىڭ تامغا چاپلانغان سۈرىتىدەك ئىپادىسىز قاراپ ئولتۇراتتى. ئەتىسى ئۇلارنىڭ گېپى پۈتۈن مەكتەپ ئىچىگە پۇر كەتتى، ھەممە ئېغىزدا »ئاينىسا«، »مەتتۇرسۇن« دېگەن ئىككى ئىسىملا تەكرارلىناتتى.
−− ئاڭلىدىڭىزمۇ، دورىگەرلىك سىنىپىدىكى ئاينىسا بىلەن…
−− ھەئە، ئاڭلىدىم.
−− ئاينىسا دېگىنى قايسى قىز ئۇ؟
−− ھېلىقى سېرىق ئاسلانغۇ، ئاغزى يوغان، پاكار.
−− ھە، ئېسىمگە كەلدى، ئەپتىدىن قارىغاندىمۇ سەل ھاياسىزدەك كۆرۈنىدىغان نېمىتى ئۇ.
مەتتۇرسۇن بىلەن ئاينىسانى ئايرىم – ئايرىم سوراق قىلغان ئاسىم مۇئەللىم ھە دېگەندە »گۇناھ« نى بىرەرىنىڭ پېشانىسىگە مۇقىمدىيالمىدى. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئەيىبنى ئۆزىگە يېقىن يولاتماي، قارشى تەرەپكە دۆڭگەيتتى. ئاينىسا، مەتتۇرسۇن ماڭا چېقىلدى. سىنىپقا ئالداپ ئەكېلىپ نابۇت قىلدى، دېگەن گەپنى ھەر قېتىمقى سوراقتا ئاشكارا دەۋەردى. ئەمما مەتتۇرسۇننىڭ گېپى ئۇنىڭغا پەقەت ئوخشىمىدى. ئۇ، ئاينىسا قۇربان ئىسىملىك بىرىگە يازغان بىر پارچە خەت بارلىقىنى، خەتتە دېيىلىشىچە، قۇربان ئاينىسانى ئەخمەق قىلىپ بولۇپ تاشلىۋەتكەنلىكىنى، سىنىپقا ئاينىسانىڭ قايتا – قايتا يالۋۇرۇشى بىلەن بارغانلىقىنى ئېيتقاندىن باشقا ھېچقانداق گەپ قىلغىلى ئۇنىمىدى.
ئاسىم مۇئەللىم چەت – ياقىسى كۆرۈنمەيدىغان قاراڭغۇ جاڭگالغا كىرىپ قالغان ئادەم قاياققا مېڭىشىنى بىلەلمىگەندەك، قايسى ئوقۇغۇچىنىڭ گېپىگە ئىشىنىشنى بىلەلمىدى. بىرىنىڭ گېپى چوقۇم يالغان، −− دەپ ئويلايتتى ئاسم مۇئەللىم، −− زادى قايسىنىڭ گېپى يالغاندۇ؟ قايسىسى زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى، قايسىسى زىيانكەشلىك قىلغۇچىدۇر؟ ئاسىم مۇئەللىم بۇ ۋەقەگە ئالاقىدار بولغان ئەڭ ئۇششاق ئېھتىماللىقلارنىمۇ تەپەككۇرىدىن سىرتتا قالدۇرمىدى. ئۇلارنىڭ بۇرۇنقى ئىپادىسىگە قارىغاندا ئاينىساغا ئانچە ئىشىنىپ كەتكىلى بولمايتتى. ئۇنىڭ قولىدىن ھەر بالا كېلىشى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس ئىدى. ئەمما مەتتۇرسۇن ئۇنىڭغا ئوخشىمايتتى. ئۇ ھايالىق، چىرايىنىڭ قېنى بار بالا ئىدى. مەكتەپكە كەلگەندىن بېرى بىرەر قېتىممۇ يالغان گەپ قىلىپ باقمىغانىدى. ئاسىم مۇئەللىم مەتتۇرسۇننىڭ ئاشۇنداق قىلىقسىزلىقلارنى قىلىشىغا زادى ئىشەنمەيتتى. ئەمما ئۇنىڭ پىكىر قۇشلىرى قانچە يىراقلارغا قانات سىلكىگەنسېرى، مەتتۇرسۇنغا بولغان ئىشەنچىسى شۇنچە لىڭشىپ قالاتتى. ئاينىسادا ھېلىقى خەتنىڭ بارلىقى راست. مەتتۇرسۇن ئاشۇ كوزىرنى كۆرۈپلا ئاينىسانى ئەخمەق قىلىش نىيىتىگە كەلگەن. ئاينىسا ئاشۇ خەتنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن قورقۇپ مەتتۇرسۇننىڭ تەلىپىنى رەت قىلالمىغان. مانا بۇ ئاسىم مۇئەللىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يەكۈنى ئىدى. ئۇ مۇشۇ خۇلاسىنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىغا ئىشىنەتتى.
−− راست گەپ قىل مەتتۇرسۇن، −− دېدى ئاسىم مۇئەللىم، −− بۇ ئىشتا سەن گۇناھىڭدىن تېنىۋالالمايسەن. ھازىر سەن پاسسىپ ئورۇندا، ھەممە ئېھتىماللىق ساڭا پايدىسىز.
−− ئۆزۈمنىڭ پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالغانلىقىمنى بىلىمەن، −− دېدى مەتتۇرسۇن كۆز چاناقلىرىغا سىغمىغان ياشلىرىنى سۈرتكەچ، −− ئاشۇ رەسۋانىڭ گېپىگە كىرىپ كېچىسى سىنىپقا بارغانلىقىم ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز خاتالىق. لېكىن مەن گۇناھ قىلمىدىم. ھەممە ئادەمنىڭ ئالدىدا قارا ھېسابلانساممۇ ياراتقان ئىگەمنىڭ ئالدىدا ئاقمەن. تۇغۇپ باققان قەدىردان ئانامنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ئۇنداق يامان ئىش قىلغىنىم يوق. مەن راست گەپ قىلىۋاتىمەن مۇئەللىم، مەن مۇشۇ مەكتەپكە كەلگەندىن بېرى، ماڭا ئۆز ئىنىلىرىدەك مۇئامىلە قىلىپ كەلدىلە، مەن بۇنى ھەر قاچان ئۇنتۇپ قالمايمەن، شۇنداق تۇرۇپ سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا يالغان سۆزلىسەم تۇزكور بولىمەن.
−− ئەمىسە سىنىپقا نېمىشقا بارغانىدىڭ؟
−− ئاينىسا ھېلىقى خەتتە ئۆلۈۋېلىشنىڭ گېپىنى قىلغانىكەن، ئۇنىڭغا تەسەللى بەرمەكچى، ئۆلۈۋېلىش نىيىتىدىن ياندۇرماقچى بولۇپتىمەن، ئەسلىدە ئۆلگەن بولسا توغرا بولار ئىكەن ئۇ رەسۋا.
−− سەن ئۇنىڭغا شۇنچە كۆيۈنىسەن، لېكىن نېمىشقا ساڭا قارا چاپلايدۇ؟
−− ھەممە ئىش ئاشۇ خەتنى كۆرۈپ قالغىنىمدىن بولدى. خەتنى ئاشكارىلىۋېتىدۇ، دەپ قورقۇپ مېنىڭ ئالدىمغا ئۆتۈۋالماقچى.
ئاسىم مۇئەللىم يەنە دېلىغۇل بولۇپ قالدى. قارىغاندا مەتتۇرسۇننىڭ گەپلىرى يالغان ئەمەستەك قىلاتتى. ئانىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىش دېگەن ئاسان ئىشمۇ؟ قەسەم دېگەن ئادەتتىكى چاقچاقمۇ؟ −− ئاسىم مۇئەللىمنىڭ خىيالى يەنە سايدا يامرىغان كەلكۈن سۈيىدەك تەرەپ – تەرەپكە ئېقىشقا باشلىدى، −− دۇرۇس، قانۇن قەسەمنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. ھېسسىياتقا ئىشەنمەيدۇ، پەقەت پاكىتقىلا ئاساسلىنىدۇ. لېكىن ئىنساندا ھېسسىيات مەۋجۇت. قەسەم، ۋەدە ئارقىلىق يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى ھەل قىلىش مۇمكىن. ئىنساپ – دىيانەت بار يەردە ۋەدە – قەسەمنىڭ كۈچى قانۇننىڭ كۈچىدىن ئۈستۈن. مەتتۇرسۇننىڭ كۆزلىرىمۇ راست سۆزلەۋاتقىنىنى ئىسپاتلاپ تۇرمامدۇ؟! بوپتۇ، شۇنداقمۇ دەيلى، مەتتۇرسۇننىڭ لەۋزىگە مەن ئىشەنگەنمۇ بولاي، ئەمما باشقىلار ئىشىنەرمۇ؟ مەكتەپ رەھبەرلىكى ئۇنىڭ قەسەملىرىنى ھېسابقا ئالارمۇ؟… ئاينىسانىڭ كۆرسەتكەن دەلىللىرىمۇ ئۇنى مەكتەپتىن ھەيدەشكە يېتەرلىك ئاساس بولالايدىغۇ…
ئاسىم مۇئەللىم ئەندىشە قىلغان ئىش ئاخىر يۈز بەردى. مەكتەپ مەسئۇللىرى ھېلىقى ئىككى ئوقۇغۇچىنى »ئىستىل مەسىلىسى سادىر قىلدى« دەپ مۇقىمداپ، چېكىندۈرۈشنى قارار قىلدى، ئۇلار ئاسىم مۇئەللىمنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىگە، مەتتۇرسۇننى ئاقلاشلىرىغا قۇلاق سالمىدى.
مەكتەپتىن چېكىندۈرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاتا – ئانىسىنى چاقىرىتىپ قولىغا تۇتقۇزۇشقا توغرا كېلەتتى، نامۇ ئەمەلىنى بېكىتىپلا ئىشىكتىن چىقىرىۋەتكىلى بولمايتتى. مەتتۇرسۇننىڭ دادىسى ئابدۇرېھىم ئاكا مەكتەپ مۇدىرى بىلەن قىسقىلا سۆھبەتلەشتى.
−− مېنىڭ بالام ئۇنداق ئىش قىلماپتۇ مۇدىر، −− دېدى ئابدۇرېھىم ئاكا، −− مەن ھەممە گەپنى كوچىلاپ سورىدىم.
−− ھېچ كىشى يامان ئىشنى مەن قىلدىم دېمەيدۇ. مەن قىلمىدىم دەپلا تۇرىدۇ. ئۇ گەپكە قاراپ ئۇلارنى گۇناھسىز دېگىلى بولمايدۇ.
−− ھەممە ئادەم ئىشەنچسىز ئەمەس، ئارىمىزدا ئىشەنچكە يارايدىغانلارمۇ بار. مەن بىر چاڭگا ساقال دېھقان بولساممۇ يالغان گەپ بىلەن راست گەپنى پەرقلەندۈرەلەيمەن. شەكسىزكى، بالام ماڭا يالغان گەپ قىلمىدى. قايتا بىر تەپتىشلەپ باققايلا مۇدىر.
−− بۇ ئىش پۈتۈن مەكتەپكە يېيىلىپ كەتتى، ئەمدى يىغىشتۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ، بۇلارنى چېكىندۈرمىسەك باشقا بالىلارنى باشقۇرالمايمىز.
ئابدۇرېھىم ئاكا ئوغلىنى ئەگەشتۈرۈپ خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك بەخىرامان ھالدا قايتىپ كەتتى. ئەمما ئاينىسانىڭ ئۆيىدىن ئادەم كەلمىدى. ئۇنى مەكتەپتە ساقلاۋېرىشكە بولمايتتى. تەنھا يولغا سېلىپ قويۇش تېخىمۇ ئەقىلگە سىغمايتتى.
شەھەرنىڭ خىلۋەت كوچىسىدا ئادەم شالاڭ ئىدى. بىرى ئېگىز بويلۇق تاقىرباش، يەنە بىرى سەل دۇغىلاقراق، شاپ بۇرۇت ئىككى يىگىت ئاستا كېلىۋاتاتتى، ئاللىنېمىلەر بىلەن توشقۇزۇلغان قارا سومكىنى كۆتۈرۈۋالغان ئاينىسا ئۇلارغا ئەگەشكەنىدى. ھەممىسىنىڭ كۆڭلى غەش، ئاينىسا مەكتەپتىن قوغلانغىنى ئۈچۈن ئازابلانسا، يىگىتلەر ئاينىسانى ئائىلىسىگە يەتكۈزۈپ بېرىشتەك ناباب ۋەزىپىگە بۇيرۇلغىنى ئۈچۈن ئەپسۇسلىناتتى.
−− ئىلدام ماڭە ئۇكاموي، −− تاقىرباش يىگىت ئون قەدەمچە ئارىلىق قالدۇرۇپ كېلىۋاتقان ئاينىساغا بۇرۇلدى، −− مۇنداق ئاستا ماڭساڭ كەچ كىرگىچە ئۆيۈڭگە بارالمايمىز.
ئاينىسا ئۇنىڭغا يېلىنىش نەزىرىدە لەپپىدە بىر قارىدى – دە، يەنە ئۆز قەدىمىنى ساناۋاتقاندەك روھسىز ھالدا كېلىۋەردى.
−− يا بۇ بىر نېمىنى كۆتۈرۈۋالغىلى بولمىسا… −− غۇدۇڭشىدى تاقىرباش ھەمراھىغا قاراپ.
−− كۆتىگە بىرنى تېپەيمۇ – يا؟
−− ئۇنداقمۇ قىلما، ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك بولمىسۇن.
ئۇلار تەڭلا ئارقىسىغا قاراشتى، ھېلىلا ئىگىسىگە ئەگەشكەن كېسەلمەن كۈچۈكتەك يەرگە قاراپ كېلىۋاتقان ئاينىسا يوق ئىدى.
−− قېنى ئۇ؟ −− يىگىتلەرنىڭ تەئەججۈپلۈك كۆزلىرى بىر – بىرىگە تىكىلىپلا قالدى. ئۇلار ئالدى – كەينىگە، يول ياقىلىرىدىكى ماگىزىنلارغا سەپ سالدى. ئاينىسا يول لېۋىدىكى ئورمانلىقنىڭ ئىچىگە كىرىپ سومكىسىنى باغرىغا باسقىنىچە تۈگۈلۈپ ئولتۇرۇۋالغانىدى.
−− نېمە بولدۇڭ؟ −− دېدى ئۇنىڭ قېشىغا يۈگۈرۈپ كەلگەن تاقىرباش يىگىت، −− نېمىشقا بۇ يەردە ئولتۇرۇۋالىسەن؟
−− جېنىم ئاكا، −− ئاينىسانىڭ كۆزلىرىدىن مۆلدۈردەك ياش تۈكۈلدى، −− مېنى قويۇپ بېرىڭ. مەن بۇ ھالەتتە ئۆيگە بارالمايمەن.
−− بىزنى تەڭلىككە سالمىغىن، ئۆزۈڭ بىلىسەن، بىزگىمۇ ئامال يوق.
−− ئۆتۈنۈپ قالاي ئاكا، سىزنىڭمۇ قىزىڭىز باردۇ، ئاتا – ئانامغا تاپشۇرۇپ بەرسەڭلار مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىشتىن يانمايدۇ.
تاقىرباش يىگىت قانداق قىلىمىز، دېگەن مەنىدە ھەمراھىغا قارىدى. بۇرۇتلۇق يىگىتنىڭ قوشۇمىسى سەل تۈرۈلدى.
−− تۇرە ئورنۇڭدىن! قىلغۇلۇقنى ئۈزۈڭ قىلىپ، ئەمدى بىزگە يالۋۇرامسەن؟ سېنى قويۇۋەتسەك مەكتەپكە نېمە دەپ جاۋاب بېرىمىز؟
بۇرۇتلۇق يىگىتنىڭ ئەلپازىدىن چۆچۈگەن قىز ئاستا ئورنىدىن تۇردى. ئۇ خۇددى ئېرىنىڭ ھۇزۇرىدىن ھەيدەلگەن تەلەيسىز چوكاندەك ئېسىلىپ يىغلايتتى. ئۇنىڭ ھالىغا قاراپ باغرى ئېرىگەن بۇرۇتلۇق يىگىت ئارقا تەرەپتىن كەلگەن مەپىنى توختاتتى.
−− چىقە ماۋۇ مەپىگە.
يول ياقىسىدىكى مەسچىتنىڭ قۇببىسىدا قېرى مەزىن پېشىن نامىزىغا ئەزان تولىماقتا ئىدى. ياش قۇرامى، كىيىنىشى بىر – بىرىگە پەقەت ئوخشاشمايدىغان جامائەت مەسچىتكە ئالدىراش كىرىپ كېتىشىۋاتاتتى. مەپە مەسچىت دەرۋازىسىنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە ئاينىسا توككىدە سەكرىدى – دە، قاچتى. ئۇ باشقا تەرەپكە ئەمەس، ئۇدۇل مەسچىت دەرۋازىسىغا قاراپ ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ كېتىۋاتاتتى. يىگىتلەر يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقان مەپىدىن ھاپىلا – شاپىلا سەكرەپ چۈشۈپ ئاينىسانىڭ ئارقىسىدىن قوغلىدى، بۇ چاغدا ئاينىسانىڭ چاققان قەدەملىرى مەسچىتنىڭ قوش قاناتلىق دەرۋازىسىغا يېتىپ بولغانىدى. بۇرۇتلۇق يىگىت تاپ باستۇرۇپ كېلىپ، ئۇنىڭ بىلىكىدىن قاماللاپ تۇتتى.
−− ھۇ قاشقالداق، نەگە باراتتىڭ؟
−− ماڭ بۇياققا! −− تاقىرباش يىگىتمۇ ئۇنىڭ قولىدىكى سومكىنى يۇلۇپ ئالدى.
ئاينىسا ئۆزىنى يەرگە پوككىدە تاشلاپ، بار ئاۋازى بىلەن ۋارقىراشقا باشلىدى:
−− ۋايجان، ئادەم بارمۇ؟ ماۋۇ ئىككى لۈكچەك مېنى بوزەك قىلدى، ۋايجان، خالايىق مېنى قۇتۇلدۇرۇڭلار!
ئاينىسا تېپچەكلەيتتى، تۇتۇۋالغانلارنىڭ قوللىرىنى مۈشۈكتەك تاتىلايتتى، ئىتتەك چىشلەيتتى. چىڭقىلىپ ۋارقىرايتتى، ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق ئاۋازى قېرى مەزىننىڭ ئەزان ئاۋازىنىمۇ بېسىپ كەتكەنىدى، مەسچىتكە كىرىۋاتقان جامائەت بۇ مۇقەددەس جايدا يۈز بېرىۋاتقان نامەھرەم ھەرىكەتنىڭ ھېرىسمەن تاماشىبىنى بولۇپ تۇرۇۋەرمىدى. ئۇلار غەزەپ بۇرانلىرىنى ئىككى يىگىتنىڭ ئۈستىگە قارىتىپ قويۇۋەتتى.
−− ھەي مۇناپىقلار! −− قارا ساقىلى تەكشى قىرقىلغان، قارا چاپان ئىچىدىكى ئۆرە ياقىلىق كۆڭلىكى كانىيىغىچە تۈگمىلەنگەن بىر كىشى تاقىرباش يىگىتنىڭ ياقىسىدىن كاپپىدە بوغدى، −− كۈپكۈندۈزدە نېمە قىلىق بۇ؟
−− ئۇرۇڭلار بۇ بەدبەخلەرنى.
يىگىتلەر باش – كۆزلىرىگە يامغۇردەك تىگىۋاتقان مۇشت – تېپىكلەرنىڭ زەربىسىدىن ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈشكىمۇ ئۈلگۈرەلمىدى.
جامائەت بارغانچە غولداپ كەتتى. ئۇلار يىگىتلەرنى ھېلى ئۇ ياققا سۆرىسە، ھېلى بۇياققا ئىرغىتاتتى. بۇرۇتلۇق يىگىتنىڭ بۇرنىدىن ئاققان قان ئاق كۆڭلىكىنىڭ ئالدى تەرىپىنى بويىۋەتكەنىدى. ئاخىر جامائەت ئۇرۇپ ھاردىمۇ ياكى يىگىتلەر ھالىدىن كېتىپ يىقىلغاچقىمۇ، ھەممىسى مەسچىتكە كىرىپ كېتىشتى. يىگىتلەر بىر – بىرىنى يۆلىشىپ ئورنىدىن تۇرۇشقاندا، ئاينىسا ھېچ يەردە كۆرۈنمەيتتى.
قۇرباننىڭ ئۆيىدىكى ئۇزاقتىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن جىمجىتلىق بۈگۈن ئەتىگەندە تۇيۇقسىزلا بۇزۇلۇپ كەتتى. ئەينەك شىرەدە بىر نەچچە دانە پىۋا بوتۇلكىسى، سوۋۇپ قالغان چاي، تونۇر كاۋاپنىڭ ئاق چامغۇر توغرالمىسىدەك مايلىرى، چالا غاجىلانغان ئۇستىخانلار تۇراتتى. يەنە بىر شىرەدە قۇربان ئىككى ئاغىنىسى بىلەن قارتا ئويناپ ئولتۇراتتى. قارتا توختاۋسىز سانىلاتتى، شىرەگە چۈشەتتى، يەنە قولدىن – قولغا ئۆتەتتى، بۇ يەردە قارتىلا ئەمەس، بىر تۇتام پۇلمۇ قولدىن – قولغا، يانچۇقتىن – يانچۇققا ئۆتۈپ تۇراتتى. بۇ يەردە يەنە يۈرەكلەر تەرتىپسىز دۈپۈلدەيتتى. بارماقلار ئېلىنغان پۇلنى ئىختىيارسىز مىجىقلاپ تاشلايتتى. چىرايلار ئۆلۈكنىڭكىدەك تاتارغانىدى.
−− ئىككى بەشكە بارمۇ؟
−− مانا ئىككى كارول.
−− توختاپ تۇرۇڭلار، مەن ئالىمەن.
−− ماڭا كەلدى.
ئىشىكنىڭ تاراققىدە ئېچىلىشى ئۇلارنى چۆچۈتۈۋەتتى. ئەتىگەندىن بېرى قارتىغا مىختەك تىكىلىپ قالغان كۆزلەر ئەمدى ئۆي ئىچىگە ئۈسسۈپلا كىرگەن ن−اتون−ۇش قىزغا تىكىلگەنىدى. قۇرباننىڭ قارتا تۇتقان قولى خۇددى سېھىرلەنگەندەك قېتىپ قالدى. ئاغزىدا سىڭايان چىشلىۋالغان تاماكىسى ھېلىغىچە ئىس چىقىرىپ تۇراتتى. ئاينىسا خۇددى مۇشۇ ھەشەمەتلىك ئۆينىڭ خوجايىنىدەك قولىدىكى بوقچىسىنى بىر ياققا تاشلاپ قويۇپ، سافاغا لوڭڭىدە ئولتۇردى. قۇرباننىڭ ئىككى دوستى بىر – بىرىنىڭ چىرايىغا مەنىلىك قاراشتى – دە، ئوپۇل – توپۇل ئالدىدىكى پۇللارنى يىغىشتۇرۇپ ئورنىدىن تۇرۇشتى.
−− كېلىپ قاپسىزغۇ ئاينىسا؟ −− دېدى قۇربان دوستلىرىنى ئۇزىتىۋەتكەندىن كېيىن ھەييارلىق بىلەن كۈلۈپ.
−− مەن سېنىڭ بالاڭنى تۇغۇپ بەرگىلى كەلدىم.
−− نېمە؟ قايسى بالىنىڭ گېپىنى قىلىۋاتىسىز؟
−− خۇپسەنلىك قىلما. قىلغان ئىشىڭ ئۆزۈڭگە ئايان.
−− سىز…
−− ھەئە، مەن. بۈگۈن ساڭا ھەممىنى كۆرسىتىمەن.
−− ئۇ چاغدىكى ئىش مېنىڭ مەستلىكىمدە…
−− توغرا، سەن شۇ مەستلىكىڭدىن پايدىلىنىپ نېمە قىلغان؟
−− مەن دېدىمغۇ، ھېچ قانداق ئىش يادىمدا يوق.
−− قارا يۈز مۇتتەھەم، مەن بۇ يەرگە سەن بىلەن تالاشقىلى ئەمەس، بالاڭنى قولۇڭغا تۇتقۇزۇپ قويغىلى كەلدىم.
−− ئولتۇرۇڭە ئاينىسا، ئاۋۋال ئولتۇرۇپ چىرايلىقچە سۆزلىشەيلى، −− قۇربان ئاينىسانىڭ قولىدىن تۇتۇپ سافاغا تارتتى.
−− نېرى تۇر ئىپلاس! −− ئاينىسا قۇرباننىڭ قولىنى زەردە بىلەن سىلكىۋەتتى، −− ھەممە خاتالىق گېپىڭگە ئىشەنگىنىمدىن، يىرگىنچلىك ئۆيۈڭگە قەدەم باسقىنىمدىن، مۇشۇ قارغىش تەگكۈر ئورۇندا ئولتۇرغىنىمدىن بولغان.
−− بويىڭىزدا بارمىكەن ئاينىسا؟
−− خىجىل بولماي سوراۋاتىسەنغۇ.
قۇرباننىڭ كۆزلىرى بىردەمدىلا قورقۇنچلۇق چەكچىيىپ كەتتى. ئاينىسا قاچاندۇر قوينىغا سېلىۋالغان يوغان قىڭراقنى شارتتىدە سۇغۇرۇپ ئېلىپ، سەل تومپىيىپ چىققان قورسىقىغا توغرىلىدى.
−− بالاڭنى كۆرەمسەن ئوغرى؟
−− ئاينىسا، ئۇنداق قىلماڭ، −− قۇربان بىر قەدەم يېقىنلاشتى.
−− نېرى تۇر! ماڭا يېقىن كېلىدىغان بولساڭ بالاڭنى ھازىرلا كۆرسىتىپ قويىمەن.
−− ئاينىسا، ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ، قەدىرلىك ئاينىسا…
قۇربان ھودۇقۇپ كەتتى، ئۇ ئاينىساغا يالۋۇراتتى، قەسەم قىلاتتى، لېكىن ئۇنىڭغا يېقىنلىشالمايتتى. ئاينىسانىڭ چىرايى بارغانچە سارغىيىپ كەتتى. ئۇ قولىدىكى قىڭراق بىلەن قورسىقىنى يېرىپ خېلىدىن بېرى مىدىرلاپ ئارام بەرمەيۋاتقان ھامىلىنى سۇغۇرۇپ ئالىدىغاندەك قىلاتتى. لېكىن ئۇنداق قىلىشقا ئۈلگۈرەلمىدى. كارىۋات ئاستىدىن مىياڭلاپ چىققان يوغان ئالا مۈشۈك ئۇدۇل كېلىپ ئۇنىڭ پۇتلىرىنى پۇراشقا باشلىدى. ئاينىسا قورقۇپ، دىر – دىر تىترەپ مۈشۈكنى نېرى ئىتتەردى. قېرىشقاندەك، مۈشۈك يەنە يېپىشىۋالدى. دەل شۇ ۋاقىتتا قۇربان ئوقتەك ئېتىلىپ كېلىپ ئاينىسانىڭ قولىنى قىڭراق بىلەن قوشۇپلا تۇتۇۋالدى.
−− مېنى تۇتما! نېرى تۇر.
−− قىڭراقنى قويۇپ بېرىڭ! ئۇنداق قىلماڭ.
قۇربان قىڭراقنى يۇلۇپ ئېلىپ، سافانىڭ ئارقىسىغا چۆرۈۋەتتى – دە، ئاينىسانى مەھكەم قۇچاقلىۋالدى.
−− مېنى قويۇۋەت، قويۇۋەت! −− ئاينىسا نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ۋۇجۇدىدا پەيدا بولغان ئۆچمەنلىكنى تىرنىقىنىڭ ئۇچىغا يىغىپ قۇرباننىڭ يۈزىگە چاڭ سالدى.
−− ئاينىسا، ئاچچىقىڭىزنى بېسىۋېلىڭ، ئۇنداق تەرسالىق قىلماڭ. بىز ئوبدان پاراڭلىشايلى.
−− ياق، ماڭا چېقىلغۇچى بولما! −− ئاينىسا قۇرباننىڭ كۆكرىكىگە پوكۇلدىتىپ بىر نەچچىنى ئۇردى. ئەمما ئۇنىڭ مۇشتىنىڭ سالمىقى ئۇنچىۋالا كۈچلۈك ئەمەس ئىدى.
قۇربان ئاينىسانى دەس كۆتۈرۈپ سۇپىغا بېسىۋالدى. ئاينىسانىڭ بارلىق تىركىشىشلىرى ئاخىر كارغا كەلمەي قالدى.
يېڭى بىر تاڭ ئېتىپ، قۇياش كۆتۈرۈلۈپ چىقتى. ئاينىسانى يەنە غەم باستى. ئۇنىڭ كېچىچە ئۇنتۇلغان ئەندىشىسىنى قورسىقىدىكى تۆرەلمىنىڭ مىدىرلىشى قايتا ئېسىگە سالغانىدى.
−− ئەمدى قانداق قىلىمىز؟ −− دېدى ئاينىسا قۇرباننىڭ ياغاق مەڭزىدىكى تۈنۈگۈن ئۆزى سالغان ئىزلارنى سىلاپ ئولتۇرۇپ.
−− ئالدى بىلەن بالىنى ئالدۇرۇۋېتەيلى، −− دېدى قۇربان ئاينىسانىڭ كۆزلىرىگە ئۇدۇل قاراشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، −− بالىنى ئالدۇرۇۋەتسەك ھەممە ئىشنى ئالدىرىماي مەسىلىھەتلىشىشكە پۇرسەت چىقىدۇ.
−− ياق، −− دېدى ئاينىسا ھەرە چاققان ئەمادەك چۆچۈپ، −− بۇ بالا مېنىڭ ئىستىقبالىمنى نابۇت قىلدى. ئوقۇش ھاياتىمدىن ئايرىدى. باشقا بىر گۇناھسىز ئادەمگە تۆھمەت چاپلاشقا مەجبۇرلىدى. مەن بۇ بالىنى تۇغىمەن. مۇشۇ ئۆيدە تۇغىمەن.
−− ئۇنداق تەرسالىق قىلماڭ ئاينىسا، بالىنى ئالدۇرمىساق تۇرمۇشىمىزنى باشتىن باشلىيالمايمىز. ماڭا ئىشىنىڭ. بىز مۇناسىۋىتىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيمىز.
−− مۇناسىۋىتىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرەلىگىنىمىز بىلەن مېنىڭ ھاياتىمنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولامدۇ؟ يوقالغان ئىززەت – ئابرۇيۇمنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولامدۇ؟
−− مەن سىزنىڭ ئوقۇش ھاياتىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىمەن، دادامنىڭ قولىدىن ھەر قانداق مۈشكۈل ئىشمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.
−− ئەمىسە تىلخەت يېزىپ بېرىڭ. بالىنى ئالدۇرۇپ بولغاندا ئالدى بىلەن مېنىڭ ئوقۇشۇمنى ئەسلىگە كەلتۈرىسىز. ئوقۇش پۈتكۈزگەندە خىزمىتىمنى ھەل قىلىسىز، ئاندىن كېيىن ئەمرىڭىزگە ئالىسىز. مۇشۇ ئۈچ شەرتنى تولۇق كىرگۈزۈپ تىلخەت يېزىپ بەرسىڭىز بالىنى ئالدۇرىمەن. بولمىسا ئالدۇرمايمەن. دادىڭىزنىڭ، ئانىڭىزنىڭ ئالدىغا كىرىپ ھەممە ئىشنى يىپىدىن – يىڭنىسىغىچە دەيمەن، ئۇقتىڭىزمۇ؟
قۇرباننىڭ چىرايى سەل ئۆڭدى.
−− تىلخەت يازمىساممۇ ۋەدەمدە تۇرىمەن.
−− ئىشەنمەيمەن، سىزگە ئەمدى قەتئىي ئىشەنمەيمەن.
−− ئۇنداق بولسا تىلخەت يېزىپ بېرەي.
ئاينىسا تار، دىمىق بىر ئۆيدە ھوشىغا كەلدى. ئۆينىڭ ئىشىك – دېرىزىلىرى، تام – تورۇسلىرى ئۇنىڭغا تونۇشتەكلا بىلىنەتتى. ئۇ بۇ ئۆينى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى كۆرگەنمۇ ياكى چۈشىدە كۆرگەنمۇ، بۇنى ئېنىق ئايرىيالمايتتى، ئۇ گەۋدىسىنى ناھايىتى تەستە مىدىرلىتىپ يانغا ئۆرۈلدى. ئۇنىڭ ئۈگە – ئۈگىلىرى ئۇرۇپ – چېقىۋەتكەندەك سىرقىراپ ئاغرىيتتى، ئۇ كۆزىنى چىڭ يۇمۇۋالدى. قايسى كۈنى قۇربان ئۇنى خىلۋەت كوچىدىكى مۇشۇ كىچىككىنە دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلگەن. باش – كۆزلىرىنى مېھرىبانلىق بىلەن سىلاپ كېسەل كارىۋىتىغا چىقارغان. ئۇنىڭ ئېسىدە قالغىنى پەقەتلا شۇلا، قالغان ئىشلار ئۇنىڭ ئېسىدە يوق. ئەمدى قۇربان ئۆزى قېنى، دوختۇرچۇ؟… ئاينىسا خۇددى چۆچۈپ ئويغانغان بالىدەك كۆزىنى ئاچتى. ئۇنىڭ ئەتراپىدا چىۋىنلار گىژىلدايتتى، قىيا ئوچۇق قالغان دېرىزىنىڭ كىرلەشكەن قىزىل پەردىسى بوشقىنە لەپىلدەپ تۇراتتى. ئاينىسا بىردىنلا قورسىقىنىڭ ئاچقانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشەلدى – يۇ، بېشى قېيىپ ئۆرە بولالمىدى.
−− ھوشىڭىزغا كەلدىڭىزمۇ؟ −− ياشانغان بىر ئايال ئىشىكتىن ئاستا كىرىپ كەلدى، −− ۋاي خۇدايىم، ئادەمنى ئەجەبمۇ قورقۇتتىڭىز. نەچچە كۈن ھوشسىز ياتتىڭىز دەڭە.
−− قۇربان قېنى؟
−− قۇربان دېگەن كىم؟ −− موماي ئاينىسانىڭ سوئالىغا سوئال ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى، −− ئېرىڭىزمۇ؟
−− …
ئاينىسا ھەئە دېگەن مەنىدە بېشىنى لىڭشىتتى.
−− ئۇ ۋاپاسىزكەن قىزىم، ۋاقتىدا قولىڭىزنى يۇيۇۋەتسىڭىز بولغىدەك. دوختۇر ھامىلىنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، پۇلنى تۆلەپ بېرىپ كەتكىنىچە ياتاقنىڭ بوسۇغىسىغا قايتا دەسسەپ باقمىدى. قويۇڭ ئۇنداق جانغا ئەسقاتمايدىغان ئەرنى.
ئاينىسا موماينىڭ گەپلىرىنى ئۈنسىز يېتىپ تىڭشىدى.
−− بىر نەرسە يېگۈڭىز بارمۇ قىزىم؟
ئاينىسا خۇددى تىلىدىن قالغاندەك، موماينىڭ گېپىگە يەنە باش ئىشارىسى ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى. موماي نېمىلەرنىدۇر دەپ غۇدۇڭشىغاچ ياتاقتىن چىقىپ كەتتى.
ئاينىسا شۇ يوسۇندا خېلى ئۇزاق ياتتى. بىر چاغدا كاللىسىغا ئۇشتۇمتۇت بۆسۈپ كىرگەن يېڭى بىر ئەندىشە ئۇنى سەگىتتى. ئۇ چىشىنى چىشلەپ تەستە ئۆرە بولدى – دە، سومكىسىنى ئاختۇرۇشقا كىرىشتى. ئۇ گۇمان قىلغان ئىش راستتىنلا يۈز بەرگەندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى مۇزدەك تەرگە چۆمدى. سومكىسىنىڭ ھەممە يانچۇقلىرىنى ئالدىرىماي يەنە بىر نۆۋەت ئاختۇرۇپمۇ ئىزدىگەن نەرسىسىنى تاپالمىغان ئاينىسا بېشىنى ئالىقانلىرى ئارىسىغا ئېلىپ، تامغا يۆلەنگىنىچە ئولتۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئىچ ئەزايىنىڭ بىرەرسىنى مۇدھىش بىرقول يۇلۇپ ئالغاندەك پۈتۈن بەدىنى ماغدۇرسىزلانماقتا ئىدى. كۆز ياشلىرى يامغۇردەك تامچىلايتتى. ئۇ مىڭ تەسلىكتە ئورنىدىن تۇرۇپ، كىيىم ئىلغۇچتىكى چاپىنىنى قولىغا ئالدى. چاپىنىنىڭ يانچۇقىدىمۇ ھېچ نەرسە يوق ئىدى. خەپ قۇربان، سەن ئۇخلىماي چۈش كۆرۈپسەن، خەتنى ئېلىۋېلىپلا مەندىن قۇتۇلماقچى بولغىنىڭ ئەخمەقلىق، سەن مەندىن ئۇنداق ئاسان قۇتۇلالمايسەن، تىلخەتكە كىرگۈزۈلگەن ھەممە شەرتلەرنى ئەمەلدە كۆرسەتمىسەڭ مەندىن قۇتۇلىمەن دېمە، ئۇ شۇلارنى ئويلاپ كىيىملىرىنى كىيىپ كارىۋاتتىن چۈشۈۋاتقاندا، موماي بىر چىنە تاماق كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلدى.

4

ئاينىسا مەكتەپتە ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولۇپ قالدى. ئۇ خۇددى ئۆگەي ئانىنىڭ كۆزىگە قاراشقا پېتىنالمىغان يېتىم قىزدەك، ساۋاقداشلىرىغا بوينىنى قىسىپ قارايتتى. ساۋاقداشلىرىمۇ ئۇنى ئارىغا ئالمايتتى، ئۇنىڭدىن نومۇس قىلاتتى. بولۇپمۇ ھېلىقى ئاخشىمى سىنىپقا باستۇرۇپ كىرگەن ياتاقداشلىرى ئۇنىڭغا يىرگىنىش نەزىرى بىلەن قارايتتى. ئاينىسا سىنىپقا ھەممىدىن بۇرۇن كېلەتتى، دەرسخانىنى تازىلايدىغان، دوسكىنى سۈرتىدىغان ئىشلاردىن قاچمايتتى. دەرس ئارىلىقىدىكى قىسقا دەم ئېلىشلاردا سىرتقا چىقماي، مۈكچىيىپ ئولتۇرغىنىچە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىنى كۈتەتتى، لېكىن دەرسلەردە يەنىلا ئارقىدا، ھەتتا بۇرۇنقىدىنمۇ ئارقىدا قېلىۋاتاتتى، مۇئەللىم دەرس سۆزلەۋاتقاندا كۆزلىرىنى بىر نۇقتىغا تىككىنىچە ھوشىدىن كەتكەندەك قېتىپ ئولتۇراتتى. ناۋادا ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭدىن ئۇشتۇمتۇت دەرس سوراپ قالغۇدەك بولسا، دىككىدە چۆچۈپ دەرسخانىدا كۈلكە پەيدا قىلاتتى.
باشقا سىنىپلارنىڭ بالىلىرى ئۇ توغرىسىدا ھەر قىسما پاراڭلارنى قىلىشاتتى. بەزى ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە خۇددى تاغ يولىدا ئۆلۈك ئېشەككە دۇچ كەلگەن كارۋاندەك بۇرنىنى تۇتۇشاتتى. بەزىلىرى شىرتتىدە تۈكۈرۈۋېتىپ كېتەتتى. يەنە بەزىسى قەستەنگە مەتتۇرسۇننىڭ گېپىنى قىلىپ، ئۇنىڭ يۈرىكىگە نەشتەر ئۇراتتى. بۇنداق چاغلاردا ئاينىسا ھېچ نەرسىنى كۆرمىگەندەك، ئاڭلىمىغاندەك قۇلاق يوپۇرۇپ يۈرۈۋېرەتتى.
ئوقۇتقۇچى ئاجايىپ ئادەملەر. ئۇلار ھەممە ئىشتا ھەققانىيەتنى ياقلايدۇ. ھەققانىيەتنى تەشۋىق قىلىدۇ. ئۇلار جەمئىيەتتىكى ئورنىنىڭ تۆۋەن بولۇشىدىن، تۇرمۇشىنىڭ دىشۋارچىلىقتا ئۆتۈشىدىن زارلانمايدۇ. قاقشاپ ئاھ ئۇرمايدۇ. لېكىن ھەق – ناھەقچىلىك ئىشلىرىغا دۇچ كەلگەندە ئاتا – ئانىسىغىمۇ، كاتتا ئەمەلدارلارغىمۇ يۈز – خاتىر قىلمايدۇ. بۇ قېتىممۇ ئاينىسانىڭ مەكتەپكە قايتا قوبۇل قىلىنغانلىقىنى بىلگەن ئۇقۇتقۇچىلارئىشخانىلاردا، مەكتەپ مەيدانلىرىدا، ئىش قىلىپ ئىككى كاللا بىر يەرگە يىغىلغانلىكى يەردە غۇلغۇلا قىلىشتى.
−− بۇ ئىشنىڭ تېگىدە ئويۇن بار. باشلىقلارنىڭ گېلى مايلىشىپ قالغان گەپ. ئۇنداق بولمىغاندا »ئىستىل مەسىلىسى سادىر قىلدى« دەپ مەكتەپتىن ئاشكارا چېكىندۈرگەن ئوقۇغۇچىنى يەنە ئەكېلىپ ئوقۇتامدۇ؟
−− ئاينىسانىڭ يازمىچە ئىقرارى بىلەن مەكتەپنىڭ قارارى بىراقلا يوقالغانمىش.
−− كىچىك بالىمۇ ئىشەنمەيدۇ ئۇنداق گەپلەرگە.
−− بىرەرى ئاشۇ ماتېرىيالنى ساتقان گەپ.
−− ماتېرىيالنىلا ئەمەس، مەكتىپىمىزنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنىمۇ ساتتى.
ئوقۇتقۇچىلار ئاشۇنداق دېيىشەتتى. بىر – بىرىگە گەپ بەرمەي قاينىشاتتى. خۇددى بىنانى كۆمتۈرۈۋېتىدىغاندەك ئۈستەلگە ئۇراتتى. ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھەممە ئىش بۇرۇنقى ئىزىغا چۈشتى. گەپ – سۆزلەر بېسىقتى، ئاينىسامۇ دورىگەرلىك سىنىپىدىكى بىر كىشىلىك ئۈستەل – ئورۇندۇقنى ساقلاپ ئولتۇرۇۋەردى.
ئابدۇرېھىم ئاكا بىلەن مەتتۇرسۇن بىر نەچچە قاپ قىغ بېسىلغان ئېشەك ھارۋىسىنى ھەيدەپ ئېتىزغا كەلدى. كۈنگەي تەرەپلەردىكى قىر بېشىدىن چىم – قىياقلار باش كۆتۈرۈپ چىقىشقا باشلىغانىدى. ئۇلار ھارۋىنى يېقىنلا يەردىكى چىغىر يولدا توختىتىپ قويۇپ، قاپلارنى بىر – بىرلەپ يۈدۈپ ئەكىلىپ ئېتىزغا تۆكتى.
−− بۇ زېمىن سەل زەي ئارىلاش بولغىنى بىلەن ناھايىتى ھوسۇللۇق، −− دېدى ئابدۇرېھىم ئاكا قىر بېشىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، −− خۇدا نېسىپ قىلسا بىرەر توننا پاختا ئالالايمىز.
مەتتۇرسۇن ئايىغى ئاستىدىكى تۇپراققا، دەرەخ شاخلىرىدا ۋىچىرلىشىپ سايرىشىۋاتقان قۇشلارغا، باش ئۈستىدە ئىللىق كۈلۈمسىرەپ تۇرغان مۇقەددەس قۇياشقا… ئىشقىلىپ ئەتراپىدىكى ھەممە نەرسىگە بىر خىل قىزغىنلىق بىلەن تويماي قارايتتى، قارىغانسېرى كىندىك قېنى تۈكۈلگەن بۇ خاسىيەتلىك زېمىن ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىۋاتقاندەك، دەردىگە دەرمان بۇلۇۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى.
−− كېۋەزگە قاچان ئۇرۇق سالىمىز دادا؟
−− ئالەم مۇشۇنداق ئىسسىپ بەرسە، كېلەر ھەپتىدە يالتىراق يېپىشقا چۈشىمىز.
يېقىنلاپ كېلىۋاتقان ئاياغ تىۋىشنى ئاڭلاپ ئىككىسى تەڭلا ئارقىسىغا بۇرۇلدى. مەتتۇرسۇن بىلەن بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان ئۆمەرجان ئۇلار تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتاتتى.
−− بۇ يەرنى قانداق تېپىپ كەلدىڭ؟ −− سورىدى مەتتۇرسۇن ئامانلىق سورىشىپ بولغاندىن كېيىن.
−− ھارۋىنىڭ ئىزىنى بويلاپ كەلدىم، ئۇكاڭ شۇندق دېگەنىدى.
−− يۈرە، ئۆيگە بارايلى.
−− ئىشىڭلارغا دەخلى قىلماي ئاداش. ساڭا دەيدىغان بىر گەپ بار، شۇنى دەۋالساملا قايتىمەن.
−− بىزمۇ قايتماقچى ئىدۇق بالام، −− ئابدۇرېھىم ئاكا ئېشەكنىڭ بېشىنى ئۆي تەرەپكە بۇرىدى.
−− بىرەر يېڭى خەۋەر ئېلىپ كەلگەن ئوخشىمامسەن؟ −− سورىدى مەتتۇرسۇن دادىسى سەل ئۇزاپ كەتكەندىن كېيىن.
−− ئەلۋەتتە يېڭى خەۋەر، −− ئۆمەرجان ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئېشەكنى خىتىلدىتىپ كېتىۋاتقان ئابدۇرېھىم ئاكىغا قاراپ قويۇپ گېپىنى باشلىدى، −− ئاينىسا مەكتەپكە قايتىپ ئوقۇدى ئاداش.
−− مەكتەپكە كەلدى؟
−− ھەئە، ئەينى چاغلاردىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى يالغانغا چىققانمىش، ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسى يۇقىرىغا ئەرز قىلغانىكەن، مەكتەپ ھېچقانداق دەلىل كۆرسىتىپ بېرەلمەپتۇ.
−− مەن شۇ چاغدا »بۇ قانجۇق ماڭا تۆھمەت قىلدى« دېمىگەنمىدىم.
−− راستىنى دېگەندە مەنمۇ ئۇ چاغدا تازا ئىشەنمىگەنىدىم، ھازىر سىنىپتىكى ساۋاقداشلارنىڭ ئارىسىدا دائىم سېنىڭ گېپىڭ بولۇپ تۇرىدۇ.
مەتتۇرسۇنلار ئاستا قەدەم تاشلاپ ئۈنسىز كېلىۋاتاتتى. ئۆمەرجان يەرتېگىدىن ماراپ دوستىنىڭ چىرايىغا سەپسالدى، مەتتۇرسۇننىڭ كۆزلىرى غەزەپتىن قىسىلغان ئىدى، ئۇلار ئېتىز ئارىسىدىكى تار يولدىن ئۆستەڭ بويىدىكى تاشيولغا بۇرۇلغاندا مەتتۇرسۇن زۇۋانغا كەلدى:
−− ئاينىسا دېگەن چوشقىنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن ئاداش، نېمە كۆرسەم مەيلى. ئۇ ماڭا ناھەق تۆھمەت چاپلاپ يۈز – ئابرۇيۇمنى تۆكتى، ئوقۇشتىن مەھرۇم قىلدى.
−− ھازىر ئۇنداق گەپنى قىلمىغىن، −− ئۆمەرجان ئىزىدىلا توختاپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى، −− ئاينىسا گۇناھسىز بولغانىكەن، سەنمۇ گۇناھسىز. ئەمدى ئۇ ئېرىشكەن ئوقۇش پۇرسىتىدىن سېنىڭمۇ بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقۇڭ بار، ئالدى بىلەن مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ يولىنى قىل. ئىنتىقام ئېلىش كېيىنگە قالسۇن، ئۇنى سەن ئۆلتۈرمىسەڭمۇ ئۆزىنى – ئۆزى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا زورلايمىز.
−− ئامالىڭ بارمۇ؟
−− ئامالىم بار، ئوقۇش پۈتكۈزگەندە دەپ بېرىمەن.
−− ئەمدى بۇ گەپنى دادامغا قانداق چۈشەندۈرىمەن؟
−− ھەممىنى قالدۇرماي دېگىن، مەنمۇ ئادەتتە دادامدىن ھېچقانداق گەپ يوشۇرمايمەن. ئەگەر سەن تارتىنساڭ مەن دەي، ئابدۇرېھىم ئاكام غەرەز ئۇقىدىغان ئادەم.
−− دېسەڭ دېگىن، لېكىن مەن مەكتەپكە ئېتىز ئىشىنى تۈگىتىشىپ بېرىپ ئاندىن بارىمەن، ئېھتىمال بىر ھەپتىدە تۈگەر.
ئابدۇرېھىم ئاكا مەتتۇرسۇننىڭ »ئېتىز ئىشلىرىنى تۈگىتىپ بېرىپ ئاندىن باراي« دېگەن تەلىپىنى پىسەنتكە ئالماي ھازىرلا يولغا چىقىشقا ئالدىراتتى.
−− سەن كېتىۋەرگىن بالام، ئېتىز – ئېرىقنىڭ ئىشى دېگەن تۈگىمەيدۇ. بىرسى تۈگىسە يەنە بىرسى چىقىپ، كۈن – ئايغا، ئاي – يىلغا ئۇلىشىپ كېتىۋېرىدۇ، دېھقان دېگەننىڭ بىكار بولىدىغان ۋاقتى يوق.
−− شۇنداق قىلايلى ئاداش، −− ئۆمەرجانمۇ ئابدۇرېھىم ئاكىنىڭ گېپىنى ياقلىدى، −− كونىلاردا »تۆمۈرنى قىزىقىدا سوق« دېگەن گەپ بار، كېچىكسەك مەكتەپ رەھبەرلىكى باشقا باھانە – سەۋەب كۆرسىتىشى مۇمكىن، ھېلىمۇ كۆپ ۋاقىت ئۆتتى.
−− ئەمىسە ئەتە يەرگە تىراكتور سالغاندا تۈزلىشىپ بېرىپ باراي، −− مەتتۇرسۇن يەنە ئۆز گېپىنى يورغىلاتتى.
−− يەرنى قوشنىلار بىلەن لاپقۇتلىشىپ تۈزلەيمىز، سەن كېتىۋەرگىن.
مەتتۇرسۇن مەكتەپكە كېلىپلا مۇدىر ئىشخانىسىغا كىردى، ئالدىراش بىر نەرسە يېزىۋاتقان مۇدىر مەتتۇرسۇننى سوغۇقلا قارشى ئالدى.
−− كېلىپ قاپسىزغۇ؟
−− ئۆزلىرىنى ئىزدەپ كېلىۋېدىم. ئۆز ۋاقتىدا مېنى »ئاينىسا بىلەن مەسىلە ئۆتكۈزدى« دەپ مەكتەپتىن چېكىندۈردىلە، ئەمدى ئاينىسا كېلىپ قايتا ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىپتۇ، شۇڭا ماڭىمۇ ئوقۇش پۇرسىتى بېرەرمىكىن دەپ كېلىشىم.
−− سىزنىڭ مەسىلە سادىر قىلغىنىڭىز راست، بىز تەكشۈرگەن ماتېرىياللارغا ئاساسەن قارار چىقارغان.
−− ئۇنداقتا ئاينىساچۇ؟
−− ئۇنى يۇقىرىدىكى رەھبەرلەرنىڭ پىكرىگە ئاساسەن ئوقۇتتۇق.
−− ئاينىساغا ئوقۇش پۇرسىتى بەرگەن ئىكەنلا، ماڭىمۇ بېرىشلىرى كېرەك، ئاينىسا ئاق بولسا مەنمۇ ئاق، ئاينىسا قارا بولسا مەنمۇ قارا.
مۇدىرنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى. ئۇ ئالدىدا بويۇن قىسىپ ئولتۇرغان بۇ بالىنى بۇنداق چىڭ يەردىن تۇتار دەپ خىيال قىلمىغانىدى.
−− بىز يۇقىرىنىڭ گېپى بويىچە ئىش قىلىمىز، −− دېدى مۇدىر قەلىمىنى ئۈستەلگە پوككىدە تاشلاپ، −− پىكرىڭىزنى يۇقىرىغا بېرىپ دەڭ.
ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندە مەتتۇرسۇن يەنە مەكتەپتە پەيدا بولدى، ئۇ بۇ قېتىم ئاسىم مۇئەللىم بىلەنمۇ، مەكتەپ مۇدىرى بىلەنمۇ كۆرۈشمەي ئۇدۇل شۇجى ئىشخانىسىغا كىردى.
−− بولمايدۇ، −− دېدى شۇجى مەتتۇرسۇننىڭ گېپىنى چالا – پۇلا ئاڭلاپ، −− سەن چاتاق تېرىغان بالا. سېنى قايتا ئوقۇتساق ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا يامان تەسىر بولىدۇ.
−− ئەجەبا ئاينىسانىڭ يامان تەسىرى بولمايدىكەنۇ، مېنىڭ بولامدىكەن؟ سىز بىلىسىز شۇجى، ئاينىسا بىلەن ئىككىمىزنىڭ تەقدىرى بىر يىپقا چىگىلگەن، يىپنىڭ بىر ئۇچىدا ئاينىسا بولسا، بىر بېشىدا مەن بار. ئاينىسا يېشىۋېتىلگەن ئىكەن، مەنمۇ يېشىۋېتىلىشىم كېرەك.
−− بىز ئاينىسانى يۇقىرىنىڭ تەلىپى بويىچە ئوقۇتتۇق، گېپىڭ بولسا يۇقىرىغا بېرىپ دە، يېشەمدۇ، چىگەمدۇ نېمە قىلسا شۇلار قىلسۇن.
مەتتۇرسۇننىڭ مەكتەپكە كېلىشى شۇ بىر قېتىم بىلەن توختاپ قالمىدى، ئۇ پات – پات مەكتەپ مەسئۇللىرىنىڭ ئىشكىنى توكۇلدىتاتتى، ھەر قېتىم كەلگەندە مەكتەپ مۇدىرى نېمىدېگەن بولسا شۇجىمۇ شۇ گەپنى تەكرارلايتتى.
−− مەكتەپتىكىلەرنىڭ يۇقىرىغا ئىتتىرگىنى يالغان بالام، −− دېدى ئابدۇېھىم ئاكا، −− ھەرقانداق ئادەم ئۆزى قاققان قوزۇقنى ئۆزى سۇغۇرۇۋېتەلەيدۇ، يۇقىرىدىكىلەر دېگىنىمۇ ئۆستەڭ بويىدىكى تېرەك، سۆگەت ئەمەس بالام. »پالانى باشلىق بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىڭ« دېمەي »گېپىڭىزنى يۇقىرىغا دەڭ« دېگىنى بىزنى كولدۇرلىتىپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈشنىڭ پېيىگە چۈشكىنى.
−− ئۇلار مېنىڭ گېپىمگە قەستەن ئىشەنگىلى ئۇنىمىدى.
−− كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما ئوغلۇم، −− دېدى ئابدۇرېھىم ئاكا قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، −− ئۇلار بىر نەرسە تاما قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ.
−− مەنمۇ ھېچ چۈشىنەلمىدىم.
−− كالىنى سېتىپ، ئۇلارنىڭ تاماگەرلىك خالتىسىغا تاشلاپ باقايلىمىكىن.
−− ئەرزىمەيدۇ دادا، −− مەتتۇرسۇن دادىسىنىڭ گېپىگە قوشۇلمىدى، −− ئوقۇش پۈتكۈزسەكمۇ يەنىلا ئۆزىمىز خىزمەت تاپىدىغان گەپ، ئەمدى بۇ ئىشنىڭ ئارقىسىدىن ماڭمايلى.
−− مېنىڭ ئەنسىرەۋاتقىنىم خىزمەت ئەمەس، −− گېپىنى سالماقلىق بىلەن داۋام قىلدى ئابدۇرېھىم ئاكا، −− سېنىڭ نامىڭنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مەھەللىدە ھېلىقى گەپ قۇلاقتىن – قۇلاققا يەتتى، ئۇغۇ مەيلى. خەق نېمە دېسە ئۆزىنىڭ ئېغىزى، لېكىن ئەتە – ئۆگۈن بىرەرىنىڭ ھويلىسىغا چالما تاشلىماي بولماس، شۇ چاغدا…
−− ئۇنىڭدىن ئەنسىرىمەڭ دادا، −− دېدى مەتتۇرسۇن يانغا ئۆرۈلۈپ، −− بۇ ھەقتە مېنىڭمۇ ئويلىغىنىم بار.
ئۇلار جىمىپ قېلىشتى، بىردەمدىن كېيىن ئابدۇرېھىم ئاكىنىڭ سوزۇپ – سوزۇپ تارتقان خورىكى ئاڭلاندى.
مەتتۇرسۇن كېچىچە ئۇخلىيالمىدى، ئاينىسانى ئۆلتۈرۈۋېتىش كېرەك دېگەن خىيال ئۇنىڭ كاللىسىغا مەھكەم ئورنىشىۋالغان ئىدى، ئاشۇ خىيال ئۇنى تىغ كۆتۈرۈشكە ئالدىرىتاتتى، ئۇ تاڭ يورۇشقا ئاز قالغاندا دادىسىغا تۇيدۇرماي ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى – دە، ئىشىكتىن چىقىۋېتىپ يېنىغا ئېسىۋالغان پىچىقىنى تۇتۇپ قويدى.
مەتتۇرسۇن كەچكە يېقىن مەكتەپ سەيناسىدا پەيدا بولدى، ئۇ بۇ قېتىم مەكتەپ مۇدىرىنىمۇ، شۇجىنىمۇ ئىزدىمەي، ئۇدۇل ئۆمەرجانلارنىڭ ياتىقىغا كەلدى.
−− سىلەر بىلەن ئوبدان بىر مۇڭدىشىۋالاي دەپ كەلدىم ئاداش.
−− ياخشى قىپسەن، مەنمۇ تازا زېرىكىپ تۇراتتىم، ئەمىسە دەريا بويىدىكى ئاشخانىلارنىڭ بىرىگە جۆنەيلى.
−− جېلىل بىلەن يەھيانىمۇ چاقىرىۋالايلى.
−− سەن دەرۋازا ئالدىدا ساقلا، مەن ئۇ ئىككىسىنى تېپىپ چىقاي.
كەچكى شەپەق دەريانىڭ نېرىقى قىرغىقىنى قىزارتقانىدى، تۆت يىگىت دەريا بويىدىكى كىچىكرەك بىر ئاشخانىغا كىرىپ كەلدى.
ئاشخانىنىڭ تېگىگە خۇددى ئۆتۈكنىڭ چەمىدەك قېلىن كاتەكچە يالتىراق پايانداز سېلىنغانىدى.
ئالا يوللۇق كۆڭلىكىنىڭ يېڭى جەينەككىچە تۈرۈلگەن، ئۇزۇن، قارا پەشتامىسىنىڭ ئايىغى يەرگە تېگەيلا دەپ قالغان پاكار بويلۇق ئاشپەز ئۇلارنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى.
−− كېلىڭلار ئۇكىلىرىم، قېنى، نېمە تاماق يەيسىلەر؟ −− ئاشپەز ئۇلارنىڭ ئالدىدا پايپاسلاپ يۈرۈپ ئۈستەلنى سۈرتكىلى تۇردى، ئاشخانىدا باشقا خېرىدار كۆرۈنمەيتتى.
−− نېمە تاماق يەيسىلەر؟ −− ئاشپەز ئۇلارنىڭ ئالدىغا چاي قۇيۇۋېتىپ بايامقى گېپىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى، −− پولۇنى ھازىرلا ئاچتۇق، تېخى سوۋۇمىدى.
−− پولۇ يەيلى ئەمىسە، −− مەتتۇرسۇن باشقىلاردىن مەسلىھەت ئالمايلا تاماق بۇيرۇتتى.
−− كەچلىك تەكرارنى قۇربان قىلىۋەتتۇقتە.
−− بۈگۈن تەكرارنىڭ گېپىنى قىلمىغىنا.
−− ئۇنداق دېگىنىڭ بىلەن مۇئەللىمدىن تەنقىد ئاڭلايدىغان گەپ.
−− مەيەردە قانغىچە ياشىۋېلىپ مەكتەپكە بارغاندا تەنقىد ئاڭلىساق مەيلى.
ھايت – ھۇيت دېگۈچە ئۈستەلگە تۆت تەخسە ھورى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان پولۇ تەخلىنىپ ئۈلگۈردى، پولۇنى ھاپىلا – شاپىلا يەپ تۈگەتكەن مەتتۇرسۇن سىرتقا چىقىپ بىر بوتۇلكا ھاراق كۆتۈرۈپ كىردى – دە، ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە توككىدە قويدى.
−− بۈگۈن ئىچمەيلىمىكىن ئاداش، −− دېدى ئۆمەرجان ئۆتۈنۈش ئاھاڭىدا، −− ئاشقازىنىمدا ئازراق نۇقسان پەيدا بولۇپ قالدى.
−− بۇ ئەڭ ئاخىرقى ئىچىشىمىز، −− دېدى مەتتۇرسۇن بوتۇلكىنىڭ ئېغىزىنى ئېچىۋېتىپ، −− بۈگۈن جېنىڭ ھەلقۇمغا كېلىپ قالغان بولسىمۇ كۆڭلۈمنى قايتۇرما.
−− ماقۇل، −− دېدى جېلىل ئالىقىنىغا ۋاققىدە ئۇرۇپ، −− ئىچسەك ئىچتۇق.
ۋاقىت توختىماي ئۆتۈۋەردى، رومكىلار توختىماي جىرىڭلاۋەردى. بىر چاغدا كەيپى كۆتۈرۈلگەن يەھيا غىڭشىپ ناخشا باشلىدى، لېكىن ئۇنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى، ئۆمەرجان ئاشپەزنىڭ ياتىقىدىن دۇتار كۆتۈرۈپ چىقتى – دە مەتتۇرسۇنغا تۇتقۇزدى.
−− ئال، تايىنلىق راۋۇرۇس پەيزى قىلايلى.
−− چاتاق يوق، −− مەتتۇرسۇن دۇتارنى تۇتۇپ تۇرۇپ يەڭلىرىنى شىمايلىدى، −− بۈگۈن چالمىغان دۇتارنى قاچان چالاتتۇق.
ئۇلار دۇتارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىماي قالارمەنمىكىن دېگەندەك ئورۇندۇقلىرىنى ئالدىغا سۈرۈپ ئۈستەلگە يېپىشتى، پاكار ئاشپەزمۇ ئاستا كېلىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىسىلدى، مەتتۇرسۇن دۇتارنى بىردەم تىرىڭشىتقاندىن كېيىن ناخشا باشلىۋەتتى.
قارا دەيمۇ، قارا دەيمۇ،
قارا مەندە يوق.
قارامۇقنىڭ قاسراقىدەك
گۇناھ مەندە يوق.
ناخشىنىڭ ئاخىرقى مىسرالىرىغا جېلىل بىلەن يەھيامۇ جور بولدى، ئەمدى ناخشىنىڭ ئاھاڭى نەدە، دۇتارنىڭ پەدىسى نەدە ھېچكىشى ئايرىيالمايتتى، ھەممىسى ناخشىغا جور بولۇپ كالىدەك قوپال ئاۋازدا ۋارقىرىشاتتى.
−− ھوي، ھوي ئۇكام…
سېمىز بىر قول ئۆمەرجاننىڭ پېشانىسىدىن مېھرىبانلىق بىلەن سىلىدى، ئۆمەرجان يۇمىلاق ئۈستەلگە چاپلىشىپ قالغان بېشىنى تەستە ئۆرە قىلدى، ئۇنىڭ ئالدىدا پاكار ئاشپەز قاراپ تۇراتتى.
−− ئەمدى قايتساڭلار بولارمىكىن، بىزمۇ بىردەم كۆزىمىزنى يۇمۇۋالمىساق ئەتە قازانغا ئوت ياقالمايمىز.
ئۆمەرجان كۆزلىرىنى تەست ئېچىپ ھەمراھلىرىغا قارىدى. ئۇنىڭ قارشىسىدا يەھيا بىلەن جېلىل خۇددى ئۈسسۈشكەن بۇقىلاردەك بېشىنى يېقىن قىلىپ پاراڭلىشىۋاتاتتى. ھەر ئىككىلىسى قوللىرىنى شىلتىپ، بىر – بىرىگە سۆزلەش پۇرسىتى بەرمەي بىر نېمىلەرنى دېيىشەتتى – يۇ، ھېچقايسىسى قۇلاق سالمايتتى، لېكىن مەتتۇرسۇن كۆرۈنمەيتتى.
−− مەتتۇرسۇن قېنى؟ −− ئۆمەرجان دەلدەڭشىپ كېلىپ جېلىلنىڭ گەجگىسىدىن تارتتى.
−− مەشەدە بار ئىدىغۇ.
−− يۈرۈڭلار، ئىزدەپ باقايلى، −− يەھيا ئۈستەلگە تايىنىپ ئۆرە بولدى. ئۇلار ئاشخانا ئەتراپىدىكى ئازگال – ئورەكلەرنى، ئىستولبا ئەتراپلىرىنى بىر – بىرلەپ ئىزدەپ چىقتى، ھەتتا ئوتۇنخانىدىكى يىللار بويى قاغجىراپ ياتقان قېرى توغراق كۆتەكلىرىنىمۇ مىدىرلىتىپ بېقىشتى.
−− نەگە كەتكەندۇ؟
−− دەريا بويىغا كەتتىمىكىن، −− دېدى جېلىل يېقىنلا يەردە شاۋقۇن سېلىپ ئېقىۋاتقان دەريا تەرەپكە قولىنى چىنەپ.
−− دەريا بويىغا نېمىشقا بارىدۇ ئۇ؟
−− مەتتۇرسۇن بايا بۇ ئاخىرقى ئىچىشىمىز دېگەندەك گەپلەرنى قىلغان، ئۆزىنى دەرياغا تاشلىۋالدىمىكىن دەيمىنا.
−− ئاغزىڭغا تاش! −− دېدى يەھيا قوللىرىنى شىلتىپ.
جېلىلنىڭ گېپى ئۆمەرجاننىڭ كاللىسىدا يېڭى بىر گۇماننى ئويغاتتى، مەتتۇرسۇن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالمىغاندىمۇ ئاينىسانى يورۇق دۇنيادىن يوقىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى ئېھتىمالدىن بىراق ئەمەس ئىدى.
−− مەكتەپكە قايتايلى ئاغىنىلەر، −− دېدى ئۆمەرجان.
−− مەتتۇرسۇننى ئىزدىمەمدۇق؟
−− ئىزدەيمىز، ئەمما دەريا بويىدىن ئەمەس مەكتەپتىن ئىزدەيمىز.
−− ئۇ مەكتەپكە نېمىشقا بارىدۇ؟
−− بىر نا ئەھلىنى ئۆلتۈرگىلى.
−− ئاينىسانىمۇ؟
−− ئېھتىمال شۇنداق.
−− ياخشى بوپتۇ، −− دېدى جېلىل قولىدىن قاس چىقىرىپ، −− ئاينىسادەك قارا يۈزنى ئۆلتۈرۈش بىر زىيانداشنى مىجىۋەتكەن بىلەن ئوخشاش.
−− كاللاڭ جايىدىمۇ سېنىڭ! −− ئۆمەرجان جېلىلنىڭ گەدىنىگە نوقۇدى، −− ئۇ سېرىق مۈشۈكنى ئۆلتۈرۈۋەتسە مەتتۇرسۇن ھايات ياشىيالامدۇ؟
ئۇلار مەتتۇرسۇننى ئوڭ – تەتۈر قىچقىرىشقىنىچە بىردەمدە مەكتەپ ئالدىغا يېتىپ كېلىشتى، ئۆمەرجاننىڭ قىياسىنىڭ توغرىلىقى دەرۋازا ئالدىدىلا ئىسپاتلاندى، مەتتۇرسۇن قوش قاناتلىق تۆمۈر دەرۋازىنىڭ رېشاتكىسىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قالغانىدى، ئۇنىڭ قولىدىكى پىچاقنىڭ تىغى ئاي نۇرىدا چاقنايتتى.
شەھەردىن K ناھىيەسىگە قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئاپتوبۇس ئەتىگەن يولغا چىقتى، يولۇچىلارنىڭ بەزىلىرى شەھەردە كۆرگەنلىرىنى ھېكايە قىلىشسا، بەزىلىرى دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ قايسىدۇر بىر ئىش ئۈستىدە خىيال سۈرۈۋاتقاندەك ئولتۇرۇشاتتى، ئارقىدىكى ئورۇندۇقتا بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئولتۇرغان مەتتۇرسۇنغا ئەتراپىدا بولۇۋاتقان ئىشلار خۇددى چۈش كۆرۈۋاتقاندەك تۇيۇلماقتا ئىدى. ئۇنىڭ كاللىسى مەستلىكتىن تېخى يېشىلمىگەن ئىدى، توۋا، مېنىمۇ ئوغۇل بالا دېگىلى بولامدۇ؟ نېمىشقا ئۇ سېرىق مايمۇننى بۇ ئالەمدىن يوق قىلالمىدىم، ئۇنى بوغۇزلاپ تاشلىسام بەلكىم شۇ چاغدا مەندىن گەپ سورايدىغانلار چىقار. ھازىر گېپىمگە ئىشەنمىگەنلەر شۇ چاغدا ئىشىنەر، ئۇنىڭ ناپاك تېنىنى چوقۇم قارا تۇپراققا قوشۇۋەتمىسەم بولمايدۇ، ئاشۇنداق خىياللارنىڭ ئاسمىنىدا ئۇچۇپ يۈرگەن مەتتۇرسۇن ئەتىگەندە بېكەت ئالدىدىن ئېلىۋالغان بىر بوتۇلكا ھاراقنى يانچۇقىدىن سۇغۇرۇپ ئالدى، ئاپتوبۇس چەكسىز ساينىڭ باغرىغا تاناپتەك تارتىلغان تۈپتۈز يولدا ئۇچقاندەك چاپاتتى، ئۇ بوتۇلكىنىڭ ئاغزىنى چىشلەپ ئاچتى – دە، غۇرتتىدە بىر يۇتۇم ئىچىۋالدى.
−− ھوي ئۇكام.
ئېغىر بىر قول ئۇنىڭ مۈرىسىدىن بوشراق تارتتى، مەتتۇرسۇن خالار – خالىماس ئارقىسىغا قايرىلدى، قارا كۆپە تەلپەك كىيىۋالغان كەكە ساقاللىق ئادەم ئۇنىڭغا نارازىلىق نەزىرىدە قاراپ ئولتۇراتتى.
−− ئىچمىسىڭىز بولمامدۇ شۇ نىجاسەتنى؟
−− دەردىم بار ئاكا، −− دېدى مەتتۇرسۇن بېشىنى چايقاپ، −− مەن كۆرگەن كۈننى كۆرگەن بولسىڭىز سىزمۇ ئىچەتتىڭىز.
−− چىرايىغا قارىسىغۇ تۈزۈكلا بىر بالا ئىكەن، −− دېرىزە تەرەپتە ئولتۇرغان ئوتتۇرا ياش كىشىمۇ غۇدۇڭشىدى، −− سەپەر ئۈستىدە شۇنداق سەت قىلىقنى قىلغىچە بىسمىللا دەپ ئولتۇرسا بولماسمۇ، ياپياشلا تۇرۇپ نېمە دەردى باردۇ بۇ تۈكباشنىڭ.
−− نېمە دەردى بولاتتى؟ −− ئالدى تەرەپتىكى دېھقان سۆزلىگەچ، سارغىيىپ كەتكەن چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ كۈلدى، −− ھاراقنى ئىچىۋېرىپ خوتۇنىنىڭ قوينىغا سىيىپ ياتقان گەپ، ئاندىن خوتۇنى قېچىپ كەتسە يەنە ھاراق ئىچىدۇ، ھاراقنى ئازراق ئىچىپ تۇخۇم يېسىغۇ دەردى تۈگەيتتى.
−− بۇ زاماننىڭ بالىلىرىزە… −− مەتتۇرسۇننىڭ ھەمراھى غۇدۇڭشىغاچ ئورنىدىن تۇرۇپ ئالدى تەرەپكە كەتتى، −− ئاپتوبۇس ئىچىنى سېتىۋەتتىغۇ بۇ نائەھلى…
−− توۋا دەيلى تۇغقانلار، ھەممىمىزنىڭ بالىلىرىمىز بار، پەرزەنتلىرىمىزگە يېتىپ قالمىغاي ئىلاھىم.
ئۇنىڭدىن كېيىنكى گەپلەر مەتتۇرسۇننىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى.
ئاپتوبۇس يول ئۈستىدىكى بىر ئۆتەڭدە توختىدى، يولۇچىلار بېكەتتىن چىقىشى بىلەن دەرۋازا ئالدىدىكى ئاشپۇزۇلنىڭ مۇلازىملىرى جانلىنىپ كېتىشتى.
−− كېلىڭلار مېھمانلار، نېمە تاماق يېسەڭلار بار.
−− ھەي يىگىت، بۇياققا كېلىڭ، نېمە تاماق يەيسىز؟
كۈتكۈچىنىڭ تەكلىپى جاۋابسىز قالدى، مەتتۇرسۇن ئىككى يېنىغا قارىماي ئۇدۇل كېتىپ باراتتى.
−− ساراڭمۇ نېمە ئۇ، چاقىرسام قارىمايدۇ – يا؟
−− مەست ئوخشايدۇ.
−− ھەئە، مەست ئۇ، −− قولىنى يۇيۇۋاتقان ساقاللىق دېھقان جاۋاب بەردى، −− كەلگىچە ئاپتوبۇسنىڭ ئىچىنى پۇرۇتۇۋەتتى كاساپەت.
مەتتۇرسۇن بېكەتكە قايتىپ كەلگەندە ئاپتوبۇس يوق ئىدى، ئۇ ئاپتوبۇسلارغا بىر – بىرلەپ قاراپ، ئاستا تام تۈۋىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇردى – دە، ئۇزاق ئۆتمەي ئۇيقۇغا كەتتى.
مەتتۇرسۇن چۈش كۆردى، ئۇ چۈشىدە كىچىك بىر ئېرىقتىن ئۆتمەكچى بولۇپ ئۆتەلمەيۋاتاتتى. ئېرىق بويىدا بىر مۇنچە ئادەملەر باشچىلاپ مېڭىپ يۈرەتتى، ئۇلار باشچىلاپمۇ ئوڭ ھالىتىدىكىدەك شۇنداق تەبىئىي ماڭماقتا ئىدى، مەتتۇرسۇن ئۇلارغا قاراپ كۈلدى، شۇ چاغدا قارشى قىرغاقتا بىر ئادەم ئۇنىڭ بىلىكىدىن تۇتتى – دە، ئېرىقتىن ئۆتكۈزۈپ قويۇش ئۈچۈن قولىدىن تارتقىلى تۇردى.
−− ھەي، قوپۇڭ، تېز بولۇڭ تېز.
ئۇ ئادەمنىڭ ئاۋازى مەتتۇرسۇنغا ناھايىتى تونۇشتەك تۇيۇلدى، ئەمما دەماللىققا پەرق قىلالمىدى، نېمىلا بولمىسۇن ئۇ ئېرىقتىن ئۆتۈشى كېرەك ئىدى، ئۇ ھەرقانچە كۈچەپ باقسىمۇ ئېرىقتىن ئۆتەلمىدى.
−− قوپۇڭ دەيمەن!
ھېلىقى ئادەم ئۇنىڭ قولىدىن تېخىمۇ كۈچەپ تارتتى. مەتتۇرسۇن بار كۈچىنى يىغىپ ئېرىقتىن ئاتلىدى، ئۇ ئويغىنىپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ ئالدىدا راستتىنلا تونۇش ئادەم تۇراتتى، تونۇش ئاۋاز، تونۇش چىراي بۇ زادى كىم؟ مەتتۇرسۇن ھەرقانچە ئويلاپمۇ ئېسىگە ئالالمىدى، بىر قارىسا ئاپتوبۇستىكى سەپەردىشىغىمۇ ئوخشايتتى.
−− تاماكىڭىز بارمۇ ئاكا؟ بولسا بىر تال بېرىڭا.
−− مانا تاماكا!
ئىڭىكىگە چاڭ قىلىپ تەگكەن شاپىلاقتىن مەتتۇرسۇننىڭ مەستلىكى يېشىلىپ ئۇيقۇسى تولۇق ئېچىلدى، ئۇ بېشىنى سىلكىدى، كۆزلىرىنى ئۇۋۇلىدى، ئۇنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ ئورنىدىن تۇرغۇزۇشقا تەمشىلىۋاتقان بۇ ئادەم دەل ئابدۇرېھىم ئاكا ئىدى.
مەتتۇرسۇن ئۆيىگە كېلىپ نەچچە كۈنگىچە ھوشسىز ياتتى، ئۇنىڭ بەدىنىدىن ئوت يالقۇنى ئۆرلەيتتى – يۇ، جالاقشىپ تىترەيتتى، كۆزلىرىنى ئاچاتتى – يۇ، باش – ئاخىرى يوق گەپلەرنى قىلاتتى. بەزىدە ئۇنى ئۆلتۈرەلمىدىم، مېنىمۇ ئوغۇل بالا دېگىلى بولامدۇ دېسە، تۇرۇپلا سىلەر قانداق ئادەملەر، نېمىشقا پۇتۇڭلاردا ماڭماي باشچىلاپ ماڭىسىلەر دەيتتى، پات – پات قەي قىلاتتى – دە، ئېغىزىدىن قان ئارىلاش سېرىق سۇ ئېقىپ چۈشەتتى.
دىلى يۇمشاق ئانا مەتتۇرسۇننىڭ قېشىدىن زادى نېرى بولمىدى، ئۇ بالىسىغا قاراپ گاھ يىغلايتتى، گاھى خۇدادىن بىچارە ئوغلىغا شىپالىق تىلەيتتى.
مەتتۇرسۇن ئاخىر ھوشىغا كەلدى.
−− دادا، جېنىم دادا! مەندەك يارىماس ئوغلىڭىزنى ئەپۇ قىلىڭ، مەن ئالدىڭىزدا گۇناھلىق ئىش قىلدىم، مەندەك ئەقىلسىز، نادان ئوغلىڭىزنى ئەپۇ قىلىڭ.
مەتتۇرسۇن يىغلايتتى، دادىسىنىڭ زاغرا ناندەك يىرىك قوللىرىنى كىرپە تىكىنىدەك ساقال – بۇرۇت ئۆسۈشكە باشلىغان ياداڭغۇ يۈزىگە يېقىپ يىغلايتتى.

5

ئابدۇرېھىم ئاكا ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى، تۇيۇقسىز تەگكەن ئاغرىق ئۇنى ھالىدىن كەتكۈزۈۋەتكەنىدى، مەتتۇرسۇن دادىسىنى ئېشەك ھارۋىسىغا ياتقۇزۇپ يېزىلىق دوختۇرخانىغا ئىككى – ئۈچ نۆۋەت ئېلىپ باردى، مەھەللىدىكى تېۋىپتىن دورا ئېلىپ ئىچكۈزدى، ئەمما ھېچقايسىسى مەنپەئەت قىلمىدى، ئابدۇرېھىم ئاكا تۆشەكتە مىدىرلىماي، گەپمۇ قىلماي ياتاتتى، غىزاسى كۈندىن – كۈنگە ئازلاپ كېتىۋاتاتتى، مەتتۇرسۇننىڭ كۆڭلىگە تولىمۇ دەھشەتلىك بىر ئەندىشە كىرىۋالدى، دادام مۇشۇنداقلا ئۆلۈپ كېتەرمۇ؟ ئالىمادىس دادامغا قازا يېتىپ قالسا كىچىك ئۇكىلىرىمنى مەن قانداق قاتارغا قوشارمەن؟ دەپ ئويلايتتى ئۇ. مايسىخان ئاچىنىڭمۇ ئەندىشىسى شۇ ئىدى، لېكىن ھەر ئىككىلىسى بۇ ئەندىشىسىنى بىر – بىرىگە بىلدۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن ئامالنىڭ بارىچە تىرىشاتتى.
−− دادىڭىزنى شەھەردىكى دوختۇرخانىلارغا ئېلىپ بارايلىمىكىن بالام، −− دېدى مايسىخان ئاچا ئابدۇېھىم ئاكىنىڭ بېشىنى يۆلەپ سۇ ئىچكۈزۈۋاتقان مەتتۇرسۇنغا، −− بەلكىم شەھەردىكى ئۇستا دوختۇرلارنىڭ قولىغا چۈشسە شىپا تېپىپ قالار.
مەتتۇرسۇن شەھەرلىك دوختۇرخانىنىڭ ھەيۋەتلىك بىناسى ئالدىدا ساۋاقدىشى نۇرىمان بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدى، نۇرىماننىڭ ۋىجىك بەستىگە ئاق خالات تولىمۇ ياراشقان ئىدى.
مەتتۇرسۇن نۇرىماننى كۆرۈپ سەل ئوڭايسىزلاندى، ئەمما نۇرىماننىڭ ئالاھىدە يېقىنچىلىق قىلىپ ئەھۋال سوراشلىرى ئۇنىڭدىكى خىجالەت تۇيغۇسىنى بىردەمدىلا يوق قىلىۋەتتى.
−− بۇ يەرگە كېلىپ قاپسىزغۇ؟
−− دادامنى ئەكېلىۋېدىم.
مەتتۇرسۇن دادىسىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالغاندا چىرايىدىكى كۈلكە لىپپىدە ئۆچۈپ، يەنە بۇرۇنقى تۈگىمەس خاپىلىق ئالامەتلىرى قايتا پەيدا بولدى.
−− دادىڭىزنىڭ مىجەزى يوقمىدى؟
مەتتۇرسۇن ھەئە دېگەن مەنىدە بېشىنى لىڭشىتتى، ئۇ شۇ تاپتا يىغلاپ تاشلاشتىن ئۆزىنى ئاران تۇتۇۋالغانىدى.
−− دادىڭىز قېنى؟
−− سىرتتا قالدى.
−− ئەمىسە ئەكىرىڭ، مەن دوختۇرنىڭ قېشىغا باشلاپ كىرەي.
دوختۇر مەتتۇرسۇننىڭ دادىسىنى ياتاققا ئورۇنلاشتۇردى، ئۇلارنىڭ دىياگنوز نەتىجىسىنى كۆرۈپ مەتتۇرسۇن خېلىلا تەسەللى تېپىپ قالدى، ئۇنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى تۇمانلاشقان كۆڭلىگە ئۈمىد ئۇچقۇنى لىپپىدە شولا تاشلىغانىدى، دوختۇرنىڭ گېپىگە قارىغاندا ئابدۇرېھىم ئاكىنىڭ كېسىلى خەتەرلىك ئەمەسكەن، بىرەر ھەپتە داۋالانسا ئورنىدىن تۇرۇپ كېتەرمىش.
شۇ كۈنى كەچتىن باشلاپ ئابدۇرېھىم ئاكا كېسەلخانىدا ياتتى.
−− دادىڭىز قانداقراق؟ −− دەپ سورىدى ئابدۇرېھىم ئاكىنى يوقلاپ كىرگەن نۇرىمان.
−− سەل ياخشىلاندى، ئەمما غىزاسى ياخشىلانسا بولاتتى.
−− ئاستا – ئاستا ئەسلىگە كېلىدۇ.
−− سىز مۇشۇ دوختۇرخانىدا ئىشلىدىڭىزمۇ؟
−− ھەئە، ئوقۇش پۈتكۈزۈپلا مەشەدە ئىشلىگەچ تۇردۇم، بىكار يۈرسەك كەسىپنى ئۇنتۇپ كېتىدىكەنمىز، يىل ئاخىرىدا ئىمتىھان بارمىش، ئىمتىھاندىن ئۆتەلىسەك بىر يەردە رەسمىيلىشەرمىش.
−− خۇدا ئۇنداق پۇرسەتنى مەندىن ئاياپتىكەن، قارىغا كەتمىگەن بولسام مەنمۇ بىرەر يەردىن ئىش تاپار ئىدىم.
−− ھەي، نېمىنى دەيسىز، −− نۇرىمان قاتتىق خورسىنىپ بېشىنى چايقىدى، ئاندىن يەنە مەتتۇرسۇنغا يۈزلەندى، −− راستىنى دېگەندە ئۆز ۋاقتىدا بىز سىزدىن گۇمانلانغان، سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى ئاقلاشلىرىڭىزغا ئىشەنمىگەن.
−− ھېچكىم ئىشەنمىدى، ھېلىھەم ئىشەنمەيدۇ، ئەمما ياراتقان ئىگىمىزنىڭ ئالدىدا پاكمەن.
−− كېيىن ھەممىمىز ئىشەندۇق.
−− قانداق بولۇپ؟
−− ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئالدىدا ئاينىسا دېگەن ھازازۇل تۇرانقىزغا راست گەپنى دەۋېتىپتۇ.
−− ئۇ تېگى پەسنى ئۆلتۈرۈۋەتسەممۇ دەردىم چىقمايدۇ، قاراپ تۇرۇپ ئىستىقبالىمنى نابۇت قىلىۋەتتى.
−− ئەمدى ئۇ ئىشلارنى ئېسىڭىزدىن چىقىرىۋېتىڭ، بولىدىغان ئىش بولدى، ھېلىمۇ سىز مەقسىتىڭىزگە يېتەلەيسىز.
−− مېنىڭ ئارمانلىرىم ئاللىقاچان كۆپۈككە ئايلانغان، ئەمدى ھەرقانچە قىلساممۇ ئۆتمۈشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قادىر ئەمەسمەن، ھازىر ئويلايدىغىنىم پەقەت بىرلا ئىش.
−− قانداق ئۇلۇغۋار مەقسىتىڭىز بار؟
−− قانداق مەقسىتىم بولماقچىتتى؟ ئاينىسانى بوغۇزلاپ تاشلاش شۇ. ئۇ نىجىسنى يورۇق دۇنيادىن يوق قىلىۋەتسەملا مەقسىتىمگە يەتكەن بولىمەن.
−− ۋاي خۇدايىم! −− نۇرىماننىڭ كۆزلىرى مەتتۇرسۇنغا يەنە بىر نۆۋەت تىكىلدى، −− نېمانداق جاھىللىق قىلىدىغانسىز، ئۇنى ئۆلتۈرگەن بىلەن ئىش ئەسلىگە كېلەتتىمۇ؟
−− ھازىر ئۇ قانجۇق قايسى دوختۇرخانىدا؟
−− دوختۇرخانىدا ئىشلىمىدى، شەھەردە كوچا ئاپتوبۇسىغا بېلەت سېتىپ يۈرۈيدۇ.
−− نەدە ئولتۇراقلىشىپتۇ؟
−− يامان نىيەتتە بولماسلىققا ۋەدە بەرسىڭىز دەپ بېرىمەن.
−− بولدى، ۋەدە بەرگەن بولاي.
−− سېمونت ئۆستەڭ بويىدا ئاچىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرىدىكەن.
−− سېمونت ئۆستەڭ بويى دېگىنىڭىز…
−− »ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى«نىڭ ئارقىسىدىكى 1 – كوچا 45 – قورۇ.
−− ھە، ئۇ يەرنى بىلىمەن.
ئابدۇېھىم ئاكا دوختۇرخانىدا يېتىۋېرىشكە ئۇنىمىدى، ئۇ ھەر كۈنى مەتتۇرسۇنغا بىردەم يالۋۇراتتى، خۇددى ئانىسىنى تەڭلىككە سالغان كىچىك بالىدەك خەقىشلىق قىلاتتى.
−− مەن سىزدىن ئىككىلا ئالەم رازى بولاي بالام، −− دېدى بىر كۈنى ئابدۇرېھىم ئاكا مەتتۇرسۇننىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ، −− كېچىدىن رەھمەتلىك دادامنى چۈشەپ قاپتىمەن، دادام چۈشۈمدە نەدە يۈرىسەن ئابدۇرېھىم دەپ كايىۋاتقۇدەكمىش، بۇ يەردىن ئېلىپ كېتىڭ بالام.
−− چۈش دېگەندىن ئەنسىرىمىگۈلۈك دادا، كېسىلىڭىز بارا – بارا ياخشىلىنىۋاتىدۇ، يەنە بىر نەچچە كۈن چىداڭ.
−− ياق بالام، بۇ چۈشنىڭ نېمىدىن بېشارەتلىكى كۆڭلۈمگە ئايان. دادام رەھمەتلىكنىڭ روھى رەنجىگەندەك تۇرىدۇ، مەن دادامنى ھايات ۋاقتىدا پەقەت خاپا قىلمىغان، ئەمدى روھىنى خاپا قىلىپ قويسام نائەھلى بولىمەن، مېنى بۇ يەردىن بۈگۈنلا ئېلىپ كېتىڭ.
مەتتۇرسۇن ئەمدى ھېچ نەرسە دېيەلمىدى، ئابدۇېھىم ئاكا »مەن ھايات ۋاقتىمدا دادامنى خاپا قىلمىغان، روھىنى رەنجىتسەم نائەھلى بولىمەن« دېگەن گېپى ئارقىلىق نېمىنى چۈشەندۈرمەكچى؟ مەتتۇرسۇنغا نېمىدىن بېشارەت بەرمەكچى؟ ئەلۋەتتە سىز مېنى خاپا قىلىۋاتىسىز، مېنى رەنجىتىۋاتىسىز، يەنە ئېلىپ كەتمەيدىغان بولسىڭىز قارغىشىمغا ئۇچرايسىز دەۋاتقانلىقى ئېنىق تۇرمامدۇ…
−− ماقۇل دادا، −− دېدى مەتتۇرسۇن ئابدۇرېھىم ئاكىنىڭ قورۇقلار بىلەن قاپلانغان پېشانىسىنى مېھىر بىلەن سىلاپ ئولتۇرۇپ، −− مەن سىزنى بۈگۈنلا ئېلىپ كېتەي.
ئابدۇرېھىم ئاكىنىڭ سالامەتلىكى ئاستا – ئاستا ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى، ھازىر ئۇ يېرىم چىنە غىزانى تۈگىتەلەيدىغان، يوتقاندىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ تېلېۋىزور ئالدىدا بىرەر سائەت ئولتۇرىدىغان، يوقلاپ كەلگەن قوشنىلارنى دەرۋازا ئالدىغىچە ئۇزىتىپ چىقالايدىغان بولغانىدى.
مەتتۇرسۇن ئاينىسانىڭ ئاچىسىنىڭ ئۆيىنى ئاسانلا تېپىۋالدى، شاخ – پۇتاقلىرى يولغا ئېگىلىپ قالغان قېرى تېرەك، ئانچە ھەشەمەتلىك بولمىغان كۆك سىرلىق دەرۋازا، دەرۋازىنىڭ پېشانىسىگە يېزىلغان 54دېگەن رەقەم ھەممىسى نۇرىماننىڭ دەپ بەرگىنى بىلەن ئوپمۇئوخشاش ئىدى. »بۇ يەر تازا ئەپ ئەمەسكەن، بۇنداق ئادەمنىڭ ئايىغى ئۆكسىمەيدىغان كوچىدا قول سېلىش خەتەرلىك.«
مەتتۇرسۇن كوچىنىڭ باش – ئايىغىغا سەپسالدى، 54- نومۇرلۇق قورۇنىڭ سەل باش تەرىپىدە ئادەم بويى ئېگىزلىكتە تام چۆرۈپ قويۇلغان ئىدى. تام ئىشىكنىڭ داتلاشقان زەنجىرىگە توخۇ پاچىقىدەك ئاچىماق ياغاچ ئىلدۈرۈلگەنىدى، مەتتۇرسۇن سوقما تامنىڭ ئىچىگە كىردى، بۇلۇڭدا غازاڭلىرى مەزگىلسىز سارغىيىپ تۆكۈلۈشكە باشلىغان بىر تۈپ شاپتۇل، كىچىككىنە ئىككى كاندۇك يەرگە تېرىلغان چامغۇر، يېسسىۋېلەك، قۇرۇپ قۇلاقلىرى يەرگە چاپلاشقان كۆكتاتلار ئارىسىدا يوغان بىر قارا خورازنىڭ ئۆلۈكى تاشلاقلىق تۇراتتى، خورازنىڭ ئەتراپىدا چىۋىنلار گىژىلدايتتى، مەتتۇرسۇن بىرەر ئىشقا ماقۇللۇق بىلدۈرگەندەك ئىختىيارسىز بېشىنى لىڭشىتتى.
كەچ كىردى، ئىزغىرىن شامال دەرەخ شاخلىرى ئارىسىدا تەلۋىلىك بىلەن شاۋقۇن سالاتتى، مەتتۇرسۇن سالماق قەدەملەر بىلەن كوچىنىڭ بېشىدىن ئاستا كەلدى، ئۇ سوقما تامنىڭ ئۇدۇلىدا توختاپ بىر تال تاماكا تۇتاشتۇردى – دە دەرھال ئۆچۈرۈۋەتتى، چۈنكى كوچىنىڭ بېشىدا بىر كۆلەڭگە پەيدا بولغانىدى. ئۇنىڭ مېڭىشىدىن قارىغاندا ئايال كىشىدەك قىلاتتى، مەتتۇرسۇننىڭ يۈرىكى تېز – تېز سوقۇپ كەتتى، خۇن تۆكۈش ھەرقانداق ماكان ۋە ھەرقانداق زاماندا كەچۈرگۈسىز گۇناھ، ياراتقۇچىنىڭ ئالدىدىمۇ، قانۇننىڭ ئالدىدىمۇ، ھەتتا ئەل – جامائەتنىڭ نەزىرىدىمۇ ئەڭ چوڭ گۇناھ. لېكىن مەتتۇرسۇن ئاشۇنداق گۇناھنى بىلىپ تۇرۇپ سادىر قىلماقچى ئىدى، ئۇ ئاشۇ گۇناھنى سادىر قىلمىسا ئۆزىنى ئەر ھېسابلىمايتتى، ئۆزىگە قەستەن دۈشمەنلىك قىلغان ئىنساننى جەھەننەمگە يوللىمىسا كۆڭلى تىنمايتتى، كۆلەڭگە بارغانچە يېقىنلاپ كەلدى، مەتتۇرسۇننىڭ پۇت – قوللىرىغا تىترەك ئولاشتى، ئۇ ھاياجانلىنىۋاتاتتى. ئۇ ئاشۇ كۆلەڭگە تەرەپكە قاراپ ماڭدى، ئۇلار بىر – بىرىگە يۈزمۇيۈز كېلىشىۋاتاتتى، قەدەملەر خۇددى سائەت ئىسترېلكىسىدەك بىر – بىرلەپ يېقىنلاشماقتا، يىگىرمە قەدەم، ئون قەدەم، مەتتۇرسۇن قەدىمىنى بىردىن تېزلىتىپ شىپپىدە ئۆتۈپ كەتتى، چۈنكى ئۇنىڭ دوقۇرۇشقىنى ياشتا چوڭ، سېمىز ئايال ئىدى. ئايال ئارقىسىغا لەپپىدە بۇرۇلۇپ ئۆزىنى يانداپ ئۆتۈپ كەتكەن ئېگىز بويلۇق يىگىتكە قارىدى، راستىنى دېگەندە ناتونۇش ئايال قارىدىمۇ – قارىمىدىمۇ بۇنىسى نامەلۇم، ئەمما مەتتۇرسۇنغا شۇنداق تۇيۇلدى.
مەتتۇرسۇن سېمونت ئۆستەڭ بويىدىكى چوڭ يولدا يەنە بىردەم تۇردى، ئادەملەر ئۈزۈلمەي ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. بىرەرئادەم يولدا توختاپ تۇرامدۇ، ماڭامدۇ ياكى يول ياقىسىدا يېتىپ ئۇخلامدۇ ھېچ كىشىنىڭ كارى يوق ئىدى. مەتتۇرسۇن تىت – تىت بولۇشقا باشلىدى، تۇرۇپلا ئاينىسا ئۆيىگە كىرىپ كەتكەنمىدۇ – يا، دېگەن خىيال ئۇنىڭ ئۈمىد شامىنى خىرەلەشتۈرۈۋەتتى، ئۇ سائىتىگە قارىدى، سائەت ئىسترېلكىسى دەل ئوننى كۆرسەتكەنىدى. ئۇ ئەمدى كېلىدۇ، ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقتى بولدى، مانا دەپ ئويلىدى مەتتۇرسۇن. ئۇ نەچچە كۈندىن بېرى ئاينىسانىڭ كەچلىكى ئىشتىن چۈشىدىغان، مەشەدىن ئۆتىدىغان ۋاقتىنى ناھايىتى پىششىق ئىگىلەپ بولغانىدى، ئۇ تاماكىدىن يەنە بىرنى تۇتاشتۇردى – دە، ئۆستەڭ بويلاپ ئۇياق – بۇياققا ئاستا ماڭغىلى تۇردى. دەل شۇ چاغدا ئۇنىڭ يۈرىكى قارت قىلىپ قالدى، ئۇزۇن باغلىق كىچىككىنە سومكىنى يېنىغا ئېسىۋالغان ۋىجىك قىز ھېلىقى كوچىغا قايرىلىپ كېتىۋاتاتتى، مەتتۇرسۇن قولىدىكى تاماكىنى ئۆستەڭگە چۆرۈۋېتىپ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەگەشتى، قەدەم ئېلىشلىرىدىن قارىغاندا ئۇنىڭ ئالدىدا شىپىرلاپ كېتىۋاتقان كۆلەڭگە خاتاسىز ئاينىسا ئىدى، مەتتۇرسۇن بىر نەچچە چامداپ ئۇنىڭغا يېتىشىۋالدى – دە، يانداپ كېتىۋېتىپ كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا لەپپىدە بىر قارىۋالدى، تەقدىر بۇ قېتىم ئۇنى دەل ئىزدەپ يۈرگەن نىشانغا ئۇچراشتۇرغانىدى، مەتتۇرسۇن خۇددى نامەلۇم مەنزىلنى كۆزلەپ كېتىۋاتقان بىپەرۋا يولۇچىدەك چوڭ – چوڭ چامداپ ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى.
ئاينىسا ئاچىسىنىڭ ئۆيىگە يېقىنلىشاي دېگەندە ئىستولبا دالدىسىدىن لۆڭڭىدە چىققان نىقابلىق ئادەم ئۇنىڭ ئالدىنى توستى، ئاينىسا توۋلاشقىمۇ ئۈلگۈرەلمىدى، نىقابلىق ئادەم بىر قولىدا ئاينىسانىڭ ئېغىزىنى تۇتۇپ، بىر قولىدا ئۇزۇن پىچاقنى ئۇنىڭ گېلىغا تەڭلەپ تۇراتتى، ئاينىسانىڭ يۈرىكى، تىنىقى… ھاياتلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ھەممە ئالامەتلىرى توختاپ قالغاندەك بىلىندى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆلۈك – تىرىكلىكىگە ھۆكۈم قىلالمايتتى، ئۇنىڭ كۆرۈپ تۇرغىنى بىسى يالتىراپ تۇرغان پىچاقلا ئىدى، لېكىن ئۇ تېخى ئۆلمىگەن؛ ئۇ ئۆزىنى ئۆلۈكتەك ھېس قىلغىنى بىلەن مەتتۇرسۇن ئۇنىڭ ھاياسىز ھېسلار بىلەن تولغان يۈرىكىنىڭ قورقۇنچتىن دۈپۈلدەپ كەتكىنىنى سېزىپ تۇراتتى.
نىقابلىق ئادەم ئۇنى ھېچقانچە كۈچىمەيلا خۇددى ئىتنىڭ كۈچۈكىنى قولتۇقلىغاندەك كۆتۈرۈپ سوقما تامنىڭ ئىچىگە ئەكىرىۋالدى، ئۇنىڭ ئەپتى يامان ئىدى، نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى ئاينىسا بىلەلمىدى، ئەمما شۇ تاپتا نېمە قىلسا قىلىۋېتەلەيدىغانلىقى ئاينىساغىمۇ ئايان ئىدى.
−− مېنى نېمە قىلسىلا مەيلى ئاكا، ئەمما ئۆلتۈرۈۋەتمىسىلە.
ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ھاسىرايتتى، ئاينىسا قورققىنىدىن ھاسىرىسا، مەتتۇرسۇن غەزەپتىن ھاسىرايتتى، ياق ئۇمۇ قورقۇۋاتاتتى. نېمىشقا قورقمىسۇن، ئۇنىڭ ئۆلتۈرمەكچى بولغىنى تامنىڭ كامېرىدا كۈن ئۆتكۈزىدىغان ئىگىسىز ئاق قۇشقاچ ئەمەستە، ئۆلتۈرۈشنىغۇ ئۆلتۈرەر، ئۇنىڭدىن كېيىنچۇ؟ بىر نائەھلىنىڭ يەر يۈزىدىن يوقىلىشى بىلەن بۇ ھەقتىكى گەپ – سۆزلەرمۇ بىرگە يوقىلارمۇ، ھەممە ئىش ئۈن – تىۋىشسىز تۇپراق ئاستىغا كىرىپ كېتەرمۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ. ئادەم ئۆلگىنى بىلەن دەۋا ئۆلمەيدۇ. ئاينىسا يەر قوينىغا كىرگىنى بىلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن دەۋاگەرلەر مەيدىسىگە ئۇرۇپ ئوتتۇرىغا چىقىشىدۇ، شۇلارنى ئويلاپ مەتتۇرسۇننىڭ قوللىرى تىترەشكە باشلىدى، ئۇ قول سېلىشنىڭ ئەجەللىك دۇقمۇشىدا تەمتىرەپ قالغان ئىدى. شۇ تاپتا كىمدۇ بىرى ئۇنى بوغۇزلا دېسە، كىمدۇ بىرى قولۇڭنى تارت دەپ ئاگاھلاندۇرماقتا ئىدى. ئۇ غايىۋانە ئاۋازلار ئۇنى ھەدەپ ئالدىرىتاتتى، ياق ئۇ غايىۋانە ئاۋاز ئەمەس، ئۆلتۈرۈشكە، قان تۆكۈشكە كۈشكۈرتكىنى ئۆز ۋۇجۇدىدىكى غەزەپ، شەيتاننىڭ ئاۋازى، ئۇنى قان تۆكمەسلىككە، جانغا زامىن بولماسلىققا ئاگاھلاندۇرغىنى ئابدۇرېىھم ئاكىنىڭ ئاۋازى ئىدى. مەتتۇرسۇن ئەزەلدىن ئابدۇرېھىم ئاكىنىڭ گېپىنى رەت قىلىپ باققان ئەمەس، ئەمدى رەت قىلسۇنمۇ، ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا راستتىنلا ئاتا – ئانىسى كېلىۋالدى – دە، پىچاق سېپىنى قەھرى – غەزەپ بىلەن قاماللاپ تۇتقان مەزمۇت قوللار لاسسىدە بوشىشىپ كەتتى.
−− مەندەك بىر قىزغا پىچاق چىناشقا يۈرىكىڭىز چىدامدۇ؟ −− ئاينىسا بوشقىنە ئىڭراپ مەتتۇرسۇننىڭ بوينىغا ئېسىلدى.
مەتتۇرسۇننىڭ ۋۇجۇدىدا شەيتان يەنە قۇترىغىلى تۇردى، ئەمما بۇ قېتىم شەيتان ئۇنى ئاينىسانى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، باشقا ئىش ئۈچۈن دەيدەيگە سالماقتا ئىدى. ئاينىسا يېرىم يالىڭاچ كۆكسىنى مەتتۇرسۇنغا سۈركەپ، يىرىك ساقال باسقان يۈزلىرىگە سۆيگىلى تۇردى، ئۇ ئالەمدىكى چىرايلىق گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ مەتتۇرسۇنغا يالۋۇراتتى، مەتتۇرسۇن ئاخىر پىچاقنى غىلاپقا سالدى – دە، ئاينىسانى كۆتۈرۈپلا چامغۇرلۇققا باستى. ئاينىسا تېپچەكلەيتتى، ئىڭرايتتى، مەتتۇرسۇنغا مەدھىيە ئوقۇيتتى، ئۇ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئەتراپىدىكى نەچچە تۈپ چامغۇرنى يۇلۇپ تاشلىدى.
بىردەمدىن كېيىن ئۇلار توپىغا مىلەنگەن كىيىملىرىنى پاق – پۇق قېقىشتۇرۇپ ئورنىدىن تۇرۇشتى.
−− ئىسمىڭىز نېمە؟ ئەمدىغۇ تونۇشلۇق بېرەرسىز، −− ئاينىسا مەتتۇرسۇننىڭ يۈزىدىكى نىقابنى ئاستا تارتتى.
−− مانا ساڭا، −− مەتتۇرسۇن پىچاقنى غىلاپتىن شارتتىدە سۇغۇرۇپ ئاينىسانىڭ يۈزىنى كارت – كۇرت تىلىۋەتتى.
دەھشەتلىك چىرقىراش بىلەن تەڭ ئىتلار ئەنسىز قاۋاشقا، ھەممە ھويلىلارنىڭ ئىشىكلىرى غىچىرلاپ ئېچىلىشقا باشلىدى.
كوچىنى ۋەھىمە قاپلىدى، مەتتۇرسۇن ئۆستەڭ بويىدىكى چوڭ يولغا چىققاندىلا قەدىمىنى سەل ئاستىلاتتى، ئەگەر بۇ يەردىمۇ ئالدى – كەينىگە قاراپ يۈگۈرسە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ قوياتتى.
ئابدۇرېھىم ئاكىنىڭ كېسىلى يەنە ئۆزگىرىپ قالدى. ئەتىگەندە مەتتۇرسۇن دادىسىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن سۈر ھاڭگىنى ھارۋىغا قوشۇۋاتقاندا كەنت باشلىقى يۈسۈپ بوسۇغىدا پەيدا بولدى.
−− ئۇزۇن شورغا بوز يەر ئاچقىلى كىرىدىكەنمىز، بىرىڭلار بارمىساڭلار بولمىغۇدەك، تىراكتور ھازىرلا قوزغالماقچى.
−− دادام ئاغرىق تۇرسا.
−− بىر ئامال قىلىڭلار، −− كەنت باشلىقى تەرگە پىشىپ كەتكەن دوپپىسىنىڭ ئاستىغا قولىنى تىقىپ بېشىنى قاشلىغاچ داۋاملاشتۇردى، −− ئەزالار پىتنە قىلىشىپ بېشىمنى ئوچاق قىلىۋەتتى، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا بەك تەڭقىسلىقتا قېلىۋاتىمەن…
−− قانداقمۇ قىلارمىز ئەمدى.
−− سىز بېرىڭ بالام، −− دېدى ئابدۇرېھىم ئاكىنى يۆلەشتۈرۈپ ئۆيدىن چىقىۋاتقان مايسىخان ئاچا بېشىنى چايقاپ، −− خەقلەر ئالدىمىزدا ھى، ھى قىلغىنى بىلەن يوق يېرىمىزدە ھەر قىسما گەپلەرنى قىلىشىدۇ.
−− دادامنىچۇ؟ دوختۇرخانىغا ئۆزىڭىز ئاپىرالارسىزمۇ؟
−− دوختۇرخانىغا ئاپىرالمىسام يېڭى ئاۋاتتىكى ساۋۇت قارىينىڭ يېنىغا ئاپىرىمەن، كۆزگە ئىلمىغان بىلەن ئۇ ئادەممۇ خېلى كامىل تېۋىپ.
مەتتۇرسۇن كەنت ئىشخانىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە تىراكتور بىر خىل رىتىمدا يېقىمسىز تاقىلداپ تۇراتتى، بەلبېغىغا نان تۈگۈۋالغان بىر توپ ئادەم خۇددى تۇغۇلغان كۈن تورتىغا سانجىلغان بىر دەستە شامدەك كوزۇپتا ئۆرە تۇرۇشاتتى. مەتتۇرسۇن بېرىپ كوزۇپقا يامىشىۋاتقاندا كىمدۇر بىرى ئۇنىڭ مۈرىسىدىكى كەتمەننى ئالدى.
−− داداڭنىڭ ئەھۋالى قانداقراق بالام؟
−− يامان ئەمەس، ئەمما دېگەندەك ياخشىلىنىپ كېتەلمەيۋاتىدۇ.
−− خۇدايىم شىپالىق بېرەر بالام، ھايات ۋاقتىدا داداڭنىڭ ئوبدانراق دۇئاسىنى ئېلىۋالغىن، سېنىڭ داداڭ كىشىنىڭ ھەققىگە قول سوزمايدىغان، بىرەرىگە دىل ئازارى قىلمايدىغان پەرىشتىدەك بەلەن ئادەم.
گېلىغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك بولۇپ، بۇرۇن تۆشۈكچىلىرى پىژژىدە ئېچىشقان مەتتۇرسۇن قوشنىسىنىڭ گېپىگە ھېچ نەرسە دېيەلمىدى، ئۇ گەپ قىلىشقا تەمشەلسىلا كۆز ياشلىرى ئېتىلىپ چىقىشقا تەييار ئىدى.
تىراكتور قوزغالدى، موتورنىڭ قوپال تاراقلىشى، توپىلىق يولدىن كۆتۈرۈلگەن قويۇق چاڭ – توزان ئادەمنى بىزار قىلاتتى. تىراكتورنىڭ تېزلىكى ئاشقانسېرى ئادەملەر ئورنىدا ئولتۇرالماي چايقالغىلى تۇردى، مەتتۇرسۇننىڭ خىيالىمۇ توختاۋسىز چايقىلىپ باراتتى، شەھەرگە نېمىشقا بارغاندىمەن، ئاينىسا دېگەن قانجۇقنى نېمىشقا ئىزدىگەندىمەن، چىرايىمنى نىقابلىۋالغان بىلەن ئاۋازىمدىن تونۇماي قالاتتىمۇ، ئەسلىي نۇرىماننىڭ دېگەنلىرى توغرىكەن ئەمەسمۇ… ناۋادا ئاتا – ئانام ياشىنىپ قالمىغان بولسا يىراقلارغا كېتەتتىم، دەپ ئويلىدى مەتتۇرسۇن.
تىراكتورنىڭ توختىشى بىلەن ئۇنىڭ خىيالىمۇ ئۈزۈلدى. تىراكتور تۈپتۈز كەتكەن قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرىسىدا توختىغان ئىدى. ئادەملەر كەتمەنلىرىنى تاراقشىتىپ كۇزۇپتىن چۈشكىلى تۇردى.
كەتمەنلەر گۈپۈلدەپ يەرنى تىترىتەتتى. ئادەملەر ئېغىر – ئېغىر ھاسىرىشاتتى. ئەتراپنى قويۇن – چاڭ قاپلىغان ئىدى، مەتتۇرسۇن بىردەمدىلا چىلىق – چىلىق تەرگە چۆمدى، ئۇ كەتمەننى قويۇپ نېرىراقتىكى يۇلغۇن چاتقىلىغا چاپىنىنى ئىلدۈرۈۋاتقاندا يۈرىكى چىممىدە قىلىپ قالدى. چۈنكى يېقىنلا يەردە كەنت باشلىقى يۈسۈپ ئاكا ئىككى ساقچىنى ئەگەشتۈرۈپ كېلىۋاتاتتى. مەتتۇرسۇننىڭ كاللىسىدىن قېچىش كېرەك دېگەن پىكىر لىپ قىلىپ ئۆتتى، ئەمما ئۇنىڭغا قېچىپ قۇتۇلۇش مۇمكىنچىلىكى قالمىغان ئىدى. مەتتۇرسۇن چاندۇرماي كەتمەن تەرەپكە بۇرالدى.
−− مەتتۇرسۇناخۇن! −− كەنت باشلىقى ئۇنى ئاستا چاقىردى، −− ماۋۇ يولداشلار سىز بىلەن كۆرۈشمەكچىكەن.
مەتتۇرسۇننىڭ ماغدۇرسىزلانغان پۇتلىرى ساقچىلار تەرەپكە قاراپ ئىختىيارسىز سىلجىپ كەتتى.

6

مەتتۇرسۇن سوراقتا ھېچ نەرسىگە تېنىۋالمىدى. ئاينىسانى تار كوچىدىن سوقما تامنىڭ ئىچىگە سۆرەپ ئەكىرگىنىنى، تامنىڭ ئىچىدە بولۇنغان ھەممە ئىشنى رايىشلىق بىلەن تاپشۇردى. ھەتتا مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاشۇ تام ئىچىنى بىر قانچە كۈن ئىلگىرى كۆرۈپ قويغىنىنىمۇ يوشۇرۇپ ئولتۇرمىدى.
سوراق داۋاملاشماقتا ئىدى. خۇددى ئىچىگە بىر پارچە چوغ كىرىپ كەتكەندەك تامىقى قۇرۇپ، ئېغىزىدا نەم قالمىدى. ئۇ ئاستا پىچىرلىدى:
−− سۇ، ماڭا ئازراق سۇ بەرسەڭلارچۇ.
ئەمما ئۇنىڭ ئېغىزى مەھكەم يەملىشىپ قالغاندەك، ئاۋازىنى ئۆزىمۇ ئاڭلىيالمىدى. ئۇ ساقچىلارنىڭ كېيىنكى سوئاللىرىغا ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى ئىدىم دەپلا جاۋاب بەردى، ئۇنىڭدىن باشقا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلغىلى ئۇنىمىدى.
توساتتىن ساقچىلارنىڭ ھەممىسى چىقىپ كېتىشتى. ئۆي جىمجىتلىققا چۆمدى. ئالاھازەل بىر چۆگۈن چاي قاينىغىچىلىك ۋاقىت ئۆتكەندە ئىشىك غىچىرلاپ ئېچىلىپ، ئۈچ ساقچى كىرىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ بىرى يۈزى سوزۇنچاق، بۇرۇتلىرىغا ئاق كىرگەن، ئوتتۇرا ياشلاردىكى ئادەم ئىدى. قالغان ئىككىسى ئۇنىڭغا قارىغاندا ياش يىگىتلەر بولۇپ، ئارقىسىدا كىرگەن سېرىق چىراي يىگىت مەتتۇرسۇنغا تونۇشتەك كۆرۈندى. ئەمما نەدە كۆرگەنلىكىنى ئېسىگە ئالالمىدى. مۇشۇ ئاداشقا دېسەم بىرەر يۇتۇم سۇ بېرەرمىكىن ياكى ماۋۇ چوڭ ئادەم بېرەرمۇ. مەتتۇرسۇننىڭ ئىلتىجالىق كۆزلىرى بىردە سېرىق چىراي يىگىتگە، بىردە چوڭ ياشلىق كىشىگە تىكىلەتتى.
−− نېمىشقا شۇنداق قىلدىڭ؟
تۇيۇقسىز سورالغان سوئال ئۇنىڭ خىيالىنى چورتلا ئۈزۈپ تاشلىدى. مەتتۇرسۇن پۈتۈن دىققىتىنى يىغىپ ساقچىغا قارىدى. چوڭ ياشلىق ساقچى توختىماي تاماكا چېكىپ، قوشۇمىسىنى تۈرۈۋېلىپ نېمىلەرنىدۇر ئويلايتتى.
−− نېمىشقا گەپ قىلمايسەن؟ −− سېرىق چىراي ساقچىنىڭ كۆزلىرى مەتتۇرسۇنغا مىختەك تىكىلدى.
−− نېمە دەپ سورىغانىدىڭىز سوجاڭ؟
−− سەن بىزنى كولدۇرلاتماقچىمۇ؟ نېمىشقا شۇنداق قىلدىڭ دەۋاتىمەن.
−− ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى ئىدىم.
−− ماڭا قارا يىگىت، −− چوڭ ياشلىق ساقچى بىردىنلا يۇمشاق تەلەپپۇزدا گەپ باشلىدى، −− ئاچچىقلىنىش، قېيىداش بىلەن ھېچ نەرسىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، ئۇقۇشىمىزچە سەن بۇرۇن مەكتەپتە ناھايىتى ياخشى ئوقۇپتىكەنسەن، بىر قەدەمنى خاتا باسقىنىڭ تۈپەيلىدىن مەكتەپتىن ھەيدىلىپسەن، ئەمدى راست گەپنى دېمىسەڭ بولمايدۇ. چىرايىڭغا قارىغاندىمۇ غەرەز ئۇقىدىغاندەك كۆرۈنىسەن. بۈگۈن بىزدىن گەپ يوشۇرما، ئۆزۈڭنى ئويلىمىساڭمۇ جاپاكەش ئاتا – ئاناڭنى ئويلا، قېرىلارنىڭ يۈرىكى ئوشۇق دەردكە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.
مەتتۇرسۇننىڭ يۈرەك – باغرى شۇررىدە ئېرىپ كەتتى، ئۇ ئالدىدا سۆزلەپ ئولتۇرغان ساقچىنىڭ گېپىدىن تەسىرلەندىمۇ ياكى نىمجان دادىسى كۆز ئالدىغا كېلىۋالدىمۇ، ئىش قىلىپ كۆز چاناقلىرى لىققىدە ياشقا تولدى.
مەتتۇرسۇننىڭ ئۇيقۇسى كەلمىدى. توۋا، نېمىشقا قەدىردان دادامنى ئويلىمىغاندىمەن؟ بىچارە دادام كېسەلنىڭ دەردىنى تارتىپ بولالمايۋاتقاندا، ئۇنى يەنە ئازابلىغىنىم نېمىسى، مېنىڭ ۋاپادار ئوغۇل بولغىنىم شۇمۇ… يىراقلاردىن ئاياغ تىۋىشى ئاڭلاندى. ئۇ تولىمۇ سالماق، رىتىملىق تىۋىش بولۇپ، بارغانچە يېقىنلاپ كېلىۋاتاتتى، مەتتۇرسۇن سەگەكلەشتى، بۇ تىۋىش ئۇنىڭغا ئەندىشىلىك تۇيۇلماقتا ئىدى. ئۇنىڭ يۈرىكى خۇددى يېقىنلاپ كېلىۋاتقان ئاشۇ گۇمانلىق تىۋىشتەك بارغانچە قاتتىق سوقۇپ كەتتى.
−− مەتتۇرسۇن! −− ئىشىك ئالدىغا كەلگەن نامەلۇم ئادەم قۇلۇپنى شاراقلاتقاچ ئۈنلۈك ئاۋازدا چاقىردى.
−− مانا مەن!
ئىشىك ئالدىدا ھېلىقى سېرىق چىراي ساقچى قول چىراغنى ياندۇرۇپ قاراپ تۇراتتى. مەتتۇرسۇن ئۇيقۇلۇق كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ ساقچىغا قارىدى. ساقچى ئۇنى شەرەتلەپ ئارقىسىغا بۇرۇلۇپلا ماڭدى. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كېلىۋاتقان مەتتۇرسۇننىڭ كۆڭلىگە بىر خىل قورقۇنچ، غەم – ئەندىشە كىرىۋالدى. دەرۋازا ئالدىدىكى نۆۋەتچىلىك ئۆيىگە كەلگەندە ئۇنىڭ ئەندىشىسى تېخىمۇ ئۇلغايدى، بۇ يەردە كەنتنىڭ قوغداش مۇدىرى، مەتتۇرسۇننىڭ تاغىسى ھېلىقى ياشانغان ساقچى بىلەن بىر نېمە دېيىشىۋاتاتتى. ساقچى قوغداش مۇدىرىنىڭ گېپىگە ماقۇللۇق بىلدۈرگەندەك ھەدەپ بېشىنى لىڭشىتاتتى.
−− ساڭا بىر كۈنلۈك رۇخسەت بېرەيلى، −− دېدى ساقچى قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئەسنىگەچ، −− ئەتە كەچتە مەشەگە كېلىپ ئۆزۈڭنى مەلۇم قىلىسەن.
−− ئۇقتۇم.
ئۇلار ساقچىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ خوشلاشتى.
−− سادىق دادا، نېمە ئىش بولدى، −− مەتتۇرسۇن دەرۋازىدىن چىقىپلا تاغىسىدىن سورىدى، −− دادامنىڭ ئەھۋالى قانداقراق.
−− ھېچ ئىش يوق.
−− راستىنى دەڭا، دادام قانداق تۇرۇۋاتىدۇ؟
−− ئەنسىرىمىسەڭمۇ بولىدۇ ئۇكام، −− دېدى كەنت ساقچىسى، −− ئابدۇرېھىم ئاخۇن بىر خىل يېتىۋاتىدۇ، ئەمما سېنى بەك كۆرگۈسى كېلىپ قاپتۇ.
مەتتۇرسۇن ئۇلارنىڭ گېپىگە بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي يولىغا راۋان بولدى.
ماشىنا مۈدۈر – چوقۇر تاشيولدا غولدۇرلاپ، چايقىلىپ باراتتى. مەتتۇرسۇن پات – پات تاغىسىنىڭ چىرايىغا ئوغرىلىقچە قاراپ قوياتتى، تاغىسى تېگى يوق بىر خىل ھەسرەتكە چۆمگەندەك، ئاشۇ ھەسرەتنىڭ سەۋەبىنى پەقەت ئۆزىلا بىلىدىغاندەك يەرگە قاراپ جىممىدە ئولتۇراتتى. مەتتۇرسۇن تاغىسىدىنمۇ، كەنت ساقچىسى ئىمامنىياز ئاكىدىنمۇ قايتا سوراشقا پېتىنالمىدى. ئۇ، كەنت ساقچىسى ئىمامنىياز ئاكا بىلەن تاغىسىنى مەندىن بىر ئىشنى يوشۇرۇۋاتىدۇ، چوقۇم دادامغا بىرەر خەۋپ يېتىپ قالغان گەپ، بولمىسا مۇنداق كېچىدە مېنى ئىزدىمەيتتى، دەپ ئويلايتتى. ئۇ ئىشنىڭ يامان تەرىپىنى ئويلىماسلىققا خېلى تىرىشىپ باققان بولسىمۇ يەنىلا دادىسى ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا كېلىۋالاتتى.
ماشىنا ئاستا توختىدى، ماشىنىدىن بىرىنچى بولۇپ تاغىسى چۈشتى، ئۇنىڭغا ئەگىشىپلا چۈشكەن مەتتۇرسۇننىڭ ئىچ ئەزايىدىن نېمىدۇر بىر نەرسە ئۈزۈلۈپ چۈشكەندەك، پۈتۈن جىسمىدا مادار قالمىدى. ئۆيگە ئايرىلىدىغان دوقمۇشتا بېشىغا ئاق ياغلىق سالغان ئۈچ ئايال ماشىنىنى يانداپ ئۆتۈپ كېتىشىۋاتاتتى، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن يەنە بىر ئەر كىشى ئالدىراش كەلمەكتە ئىدى. مەتتۇرسۇن ئۆزىنى سەزمىگەن ھالدا تاغىسى ۋە كەنت ساقچىسىنى ئارقىسىدا قالدۇرۇپ خۇددى ئەقلىدىن ئېزىپ قالغاندەك ئۆيگە قاراپ يۈگۈردى.
ئىشىك ئالدىدا، ھويلىدا نۇرغۇن ئادەملەر باشلىرىنى مەيۈس ئېگىپ قاتار تۇرۇشاتتى. مەتتۇرسۇن خۇددى بىر ئىشنى چۈشىنەلمىگەن ئادەمدەك ھېلى ئۇنىڭ، ھېلى بۇنىڭ چىرايىغا ھەيرانلىق بىلەن سەپسالاتتى. ئۇ بىر ئازدىن كېيىن يۈگۈرگەن پېتى ئۆيگە كىردى – دە پاكار سۇپىدا ياتقۇزۇپ قويۇلغان مېيىتنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى ئاتتى. بەدىنى مۇزلاپ، چىشلىرى كىرىشىپ كەتكەن ئابدۇرېھىم ئاكىنىڭ كۆزلىرى ئوچۇق قالغان ئىدى.
ئابدۇرېھىم ئاكا يەرلىككە قويۇلۇپ توپتوغرا 05 كۈن ئۆتكەندە مەتتۇرسۇن رەسمىي تۈرمىگە يوللاندى. ئۇ تۆت يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
دادىسىنىڭ ئۆلۈمى مەتتۇرسۇنغا چىدىغۇسىز ئازاب ئېلىپ كەلدى، ئۇ دادىسىنى ئاجايىپ ياخشى كۆرەتتى. دادىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ مۇقەددەس يۆلەنچۈك، ئەڭ ئىشەنچلىك باشپاناھ ئىدى. يۆلەنچۈكىدىن جۇدا بولۇش، باشپاناھىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئۇنىڭغا بەكمۇ ئېغىر كېلىۋاتاتتى، ئۇ ھەرقاچان ئۆزىنى ئەيىبلىك دەپ قاراتتى. ئۇ، دادامنىڭ ئۆلۈمىگە مەن سەۋەبچى بولدۇم، گۇناھلىق ئىش قىلىپ تۈرمىگە كىرىپ قالمىغان بولسام دادام ئۆلۈپ كەتمەيتتى، دەپ ئويلايتتى.
مەتتۇرسۇن ئۆزگەرتىش مەيدانىغا كېلىپلا باشقا جىنايەتچىلەر بىلەن بىللە ئېتىزدا ئىشلىدى. خامان تەپتى، قوناق تېرىدى، مايسا باشقۇردى. كېچىلىرى ئۆستەڭ ياقىلاپ يۈرۈپ ئېتىزغا سۇ تۇتتى. قىسقىسى، مەھەللىدىكى دېھقانلار قىلىدىغان ئەمگەكلەرنىڭ ھەممىسىگە بىرەر قاتاردىن قولى تەگمەي قالمىدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىدىن كۆڭۈللۈك ئىش ئەمگەك قىلىش ئىدى. ئۇ كەتمەن، پالتا بىلەن ھەپىلىشىۋاتقان چاغلىرىدىلا يۈرەك – باغرىنى تىنىمسىز غاجىلاپ ئاراملىق بەرمەيدىغان شەپقەتسىز تۇيغۇلاردىن قۇتۇلالايتتى.
مەيداندا بوز يەر ئېچىش ئەمگىكى كۆتۈرۈلدى، مەتتۇرسۇنلار يېقىن ئەتراپتىكى چوقچىيىپ تۇرغۇن ئېگىز – ئېگىز دۆڭلەرنى يۈزلەپ، كۆككە بوي سوزغان توغراقلارنى گۈرسىلدىتىپ يىقىتاتتى.
−− مەتتۇرسۇن، مەتتۇرسۇن…
توغراقنىڭ كۆتىكىنى كولاپ ئوق يىلتىزىغا پالتا ئۇرۇشقا تەمشىلىۋاتقان مەتتۇرسۇن يۈز – كۆزلىرىنى سۈرتكەچ ئورەكتىن چىقتى. ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا كۆزەتچىلىك قىلىۋاتقان ساچى ئۇنى ئالدىغا ئىشارەتلىدى.
−− مانا مەن، گۇرۇپپا باشلىقى.
بەللىرى ئاغرىپ، ئالىقانلىرى ئېچىشىپ كەتكەن مەتتۇرسۇن ساقچىنىڭ ئالدىدا قەددىنى تىك تۇتقان پېتى ھازىرلاندى.
−− ئائىلەڭدىن ئادەم كەپتۇ، بېرىپ كۆرۈشۈۋال.
ئۇشتۇمتۇت ئاڭلانغان بۇ خەۋەر مەتتۇرسۇننىڭ بىر نەچچە كۈنلۈك ھاردۇقىنى، خاپىچىلىقىنى بىراقلا يوق قىلىۋەتتى. ئۇ دەررۇ ئانىسىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى. بىچارە ئانام، تەلەيسىز ئوغلۇڭنى ئىزدەپ شۇنچە يىراق يەرگە كەپسەن، يولدا قانچىلىك جاپا تارتقانسەن – ھە، مەن جاپايىڭنى يەڭگىللىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۈستىلەپ جاپا سالدىم. دەردلىك يۈرىكىڭنى يەنىمۇ ئېغىر دەردكە مۇپتىلا قىلدىم. ئۇ شۇلارنى خىيال قىلغاچ توغراقنىڭ شېخىغا ئىلىپ قويغان شەپكىسىنى ئېلىپ كەلدى.
مەتتۇرسۇن جىنايەتچىلەر كۆرۈشۈش ئۆيىگە كەلگەندە ئۇنى ساقلاپ ئولتۇرغىنى ئانىسى ئەمەس، بەلكى دوستى ئۆمەرجان بولۇپ چىقتى، مەتتۇرسۇن ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئۆمەرجاننىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئاتتى.
−− بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتۈڭمۇ؟
−− كۆرۈشتۈم، ئۈلۈشكۈن مۇشۇ ۋاقىتتا سېنىڭ ئۆيۈڭدە ئىدىم. ئاناڭ ساق – سالامەت تۇرۇپتۇ. چوڭ ئىنىڭ ئاجايىپ چېچەن ئادەم بوپتۇ، ئۇنىڭ قانۇن كەسپىدە ئوقۇغۇسى باركەن. سىڭلىڭ بۇ يىل باشلانغۇچنى پۈتكۈزۈپ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىشقا تەييارلىنىۋېتىپتۇ. ئۇكىلىرىڭ ئاناڭغا بەك ئەسقېتىۋېتىپتۇ ئاداش.
−− ئەمما مەن ئەسقاتالمىدىم ئەمەسمۇ.
−− ئىچىڭنى پۇشۇرما، سېنىڭ ئەسقاتىدىغان كۈنلىرىڭمۇ كېلىدۇ.
−− دېگىنىڭدەك بولغاي، −− دېدى مەتتۇرسۇن روھسىزلا.
−− ئاينىسانى كۆردۈڭمۇ، −− ئۇشتۇمتۇت سورىدى ئۆمەرجان ئىشىككە قاراپ قويۇپ.
−− نېمە دېدىڭ؟
−− ئاينىسامۇ مۇشۇ تۈرمىگە كەلگەنمىشقۇ.
−− ئۇمۇ ئاخىر ئورنىنى تېپىپتىمۇ؟
−− بىرەر ئىش قىلىپ سولانماپتۇ، مەشەگە خىزمەتكە ئورۇنلىشىپتۇ.
−− گېپىڭنى ھېچ چۈشىنەلمىدىم ئاداش، ئاينىسا ساقچى مەكتەپتە ئوقۇمىغان تۇرسا.
−− دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. شۇڭا سېنى يەنە بىر ئىش تېرىمىسۇن دەپ…
−− بۇ تۈرمىنىڭ تارماقلىرى بەك كۆپكەن، ئېھتىمال باشقا ئەترەتلەرنىڭ دوختۇرخانىسىغا بۆلۈنگەندۇ.
−− شۇنداق بولغاي ئىلاھىم، ئالىمادىس كۆرۈپ قالغۇدەك بولساڭ قارىماي ئۆتۈپ كەت، ھەرگىز يېنىكلىك قىلىپ قويما.
ئۆمەرجان ئاتاپ ئېلىپ كەلگەن خالتىنى مەتتۇرسۇننىڭ ئالدىغا قويدى.
−− ئاۋارە بولمىساڭمۇ بولاتتىغۇ.
−− ئەتە – ئاخشاملىرى زېرىككەندە يەپ باقارسەن، مەيەردە تېخى مايسىخان ئاچامنىڭ ئۆز قولى بىلەن يېقىپ بەرگەن نېنى بار.
مەتتۇرسۇن كۆك ئالا ياغلىققا چىگىلگەن نان – توقاچنى باغرىغا باستى. مېھرىبان ئانا ھەرقاچان بېشىدىن چۈشۈرمەيدىغان ياغلىقنى ئوغلىغا ئەۋەتكەنىدى. مەتتۇرسۇننىڭ بۇرۇن تۆشۈكلىرى لازا قۇيغاندەك ئېچىشىپ، كۆزلىرىگە غىللىدە ياش تولدى. ياغلىقتىن ئانىنىڭ مەتتۇرسۇنغا ئەڭ تونۇش بولغان ھىدى گۈپۈلدەپ ئۇرۇلۇۋاتقاندەك، ياغلىقنىڭ ھەر بىر تالاسىدىن ئانىنىڭ سولغۇن چىرايى كۆرۈنگەندەك بولدى.
−− مايەردە يەنە بىر ئالاھىدە سوۋغات بار.
−− قانداق ئالاھىدە سوۋغات بۇ؟
−− پەرەز قىلىپ باقە، نېمە بولۇشى مۇمكىن؟
−− ھازىر توغرا پەرەز قىلىشىم ناتايىن، ئادەمنىڭ دوپپىسى سىڭايان بولغاندا كاللىسىمۇ ئىشلىمەس بولۇپ قالىدىكەن.
−− تۇنىساگۈلنىڭ خېتى بار.
−− تۇنىساگۈلنىڭ خېتى؟ −− مەتتۇرسۇننىڭ كۆزى باشقىدىن نۇرلاندى، −− ئادەمنىڭ ئېغىزىغا قۇرۇق ئېمىزگۈ سالمىساڭچۇ؟
−− ئۇ قۇرۇق ئېمىزگۈ ئەمەس، −− ئۆمەرجان يانچۇقىدىن بىر كونۋېرتنى چىقىرىپ مەتتۇرسۇنغا ئۇزاتتى، −− مانا، قارا.
مەتتۇرسۇن كۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قالدى. كونۋېرتقا راستتىنلا تۇنىساگۈلنىڭ مۇبارەك ئىسمى مەتتۇرسۇنغا ئەڭ تونۇش بولغان پوچېركىدا يېزىلغانىدى.
ئۈچتىن قاتارلىشىپ ئۆچىرەتكە تىزىلغان بىر توپ ئادەم توغراقلىق تەرەپتىن چىقىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ باش – كۆزلىرى توپا – چاڭغا مىلەنگەنىدى. ئۇلار ئاشخانىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە خۇددى ئالدىن مەسلىھەتلىشىۋالغاندەكلا جۈمەككە يېپىشتى. قايسىبىرى جۈمەكنى ئاغزىغا ئېلىپلا ئانىسىنى ئەمگەن موزايدەك غورتۇلدىتىپ شورىسا، قايسىبىرى بۇقىنىڭ گەدىنىدەك بۆرتۈپ چىققان بىلەكلىرىگە سۇنى شارقىرىتىپ قۇياتتى. مۇزدەك سۇنى ئىچىپ راھەتلەنگەن مەتتۇرسۇن ئاشخانا تەرەپكە قاراپ بىردىنلا ئەندىكتى. چىشلىرى ئىختىيارسىز غۇچۇرلاپ مۇشتلىرى تۈگۈلدى. كۆزلىرىدىن ئاشۇ بىر چاغدىكىگە ئوخشاش ئۆتكۈر غەزەپ – نەپرەت ئۇچقۇنى چاقناپ كەتتى. چۈنكى ئاشخانىدىن كادىرلار ياتىقى تەرەپكە سوزۇلغان بوزاڭ توپىلىق چىغىر يولدا ئىككى سېسترا پارقىراق ئاياغلىرىنى توپىدىن ئاياپ تاقلاپ – تاقلاپ كېلىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ بىرى دەل ئاينىسا ئىدى. ئۇنىڭ بېشىدىكى ئاپپاق پوسمىسى قوزۇققا ئىلىپ قويغان بوز خالتىدەك قۇلاقلىرىنىمۇ ئېتىۋالغانىدى. بىر چاغدا مەتتۇرسۇن پىچاق ئۇرۇۋەتكەن يۈزىنىڭ تاتۇقى خۇددى گىلوبۇسقا چۈشۈرۈلگەن تۆمۈريولنىڭ شەرتلىك بەلگىسىدەك قىزىرىپ تۇراتتى. ئاينىسا مەتتۇرسۇننىڭ چەكچەيگەن كۆزلىرىگە قاراپلا لاغ – لاغ تىترەپ كەتتى. ئەمدى ئۇنىڭ ئاياغلىرى پېتىقتەك يۇمشاق توپىغا ئوشۇقىغىچە پېتىپ كەتكەنىدى.
توۋا، تەقدىرنىڭ كارامەتلىرى نېمانچە سىرلىق – ھە! ئادەم ئارزۇ قىلغان نەرسىلەرنى نەگىدۇر يوشۇرىدىكەن. ئەمما سەسكەنگەن نەرسىلەرنى تۇيدۇرماي يولۇڭغا ئەكېلىپ تاشلايدىكەن. ئاينىسا بۇ يەرگە تاسادىپىي كېلىپ قالغانمىدۇ ياكى مېنىڭ ئىزىمنى بويلاپ قوغلاپ كەلگەنمىدۇ؟… مېنىڭچە ئۇ ھەرگىز تاسادىپىيلىق ئەمەس، شۇنچە كەڭرى جاھاندا شۇنداقمۇ توغرا كېلىپ قېلىش بولامدۇ. مەيلى ئۇ قانداقلا ئۇسۇل بىلەن كەلگەن بولمىسۇن ئېھتىيات قىلىشىم كېرەك. مەن بۇ يەردە بوينى زەنجىرلەنگەن يولۋاس، ئۇ باشتاقلاپ قويۇپ بېرىلگەن مايمۇن. مەن يۈگەن سېلىنغان تۇلپار، ئۇ ئىگىسىگە ئەركىلەپ يۈرگەن پىستە كۈچۈك. گەرچە مايمۇن يولۋاسقا قارىغاندا ئەرزىمەس ھايۋان بولسىمۇ، باغلاقتىكى يولۋاسنىڭ قۇيرۇقىنى چىشلىۋالالايدۇ. پىستە كۈچۈك تۇلپار ئالدىدا خۇددى چىۋىندەك رەزگى سانالسىمۇ، ئەمما يۈگەنلىك تۇلپارنىڭ پاچىقىنى غاجىلىۋالالايدۇ. شۇڭا قۇيرۇقۇمنى چىشلەتمەسلىك، پاقالچىقىمنى غاجىلاشقا پۇرسەت بەرمەسلىك ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ھوشيار، تۇيغۇن ھالەتتە تۇرۇشۇم لازىم، مەتتۇرسۇن خىيال سۈرگەچ ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى.
شامال غۇيۇلدايتتى، خۇددى يىراقلاردا قارىيىپ كۆرۈنگەن قەدىمىي توغراقنىڭ نېرىسىدا كىمدۇر بىرى ئېسەدەپ يىغلاۋاتقاندەك تولىمۇ غېرىب ئۈندە نالە قىلاتتى. قارا تەرگە چۆمۈلگەن مەتتۇرسۇن ئانچە چوڭ بولمىغان دەپسەننىڭ چوققىسىغا چىقىپ ئولتۇردى – دە، ھەر قاچان يېنىدىن ئايرىمايدىغان، تولا ئوقۇپ قاتلاقلىرى تىتىلىشقا باشلىغان تەۋەررۈك خەتنى قولىغا ئالدى. »قەدىرلىك مەتتۇرسۇن! سالامەتمۇ سىز؟ خۇدانىڭ خام سۈت ئەمگەن بەندىلىرى ھايات سەپىرىمىزنىڭ ھەر بىر قەدىمىدە سەۋەنلىكتىن خالىي بولالمىغاچقا پۇشايمان، ھەسرەت ياشلىرىمىز قۇرۇمايدىكەن، ئەينى چاغدا ئاينىسا ئۆز شەرمەندىلىكىگە سىزنىمۇ چېتىۋالغاندا سىزگە ئىشەنمىگەن ئىدىم، بەلكىم ئاشۇ چاغدا ئاينىسانىڭ قۇرغان قىلتىقىغا دەسسىمەي ئەقىل بىلەن ئىش قىلغان بولسام كېيىنكى ئىشلار يۈز بەرمەس ئىدى… بولدى مەتتۇرسۇن، كۆڭۈلسىز ئىشلارنى قايتا سۆزلەپ نېمە قىلاي، بىزنىڭ ئىنتىلىدىغىنىمىز ئۆتمۈش ئەمەس، بەختلىك كەلگۈسى. مەن سىزنىڭ يولىڭىزغا ئىنتىزار، چاچلىرىمغا ئاق كىرىپ مومايغا ئايلىنىپ قالساممۇ سىزنى ساقلايمەن.« مەتتۇرسۇن بىر پەس جىم ئولتۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ ھايات دەپتىرىنىڭ قىسقىغىنە بىر نەچچە بېتىگە ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا يېزىلىپ قالغان ناپاك تارىخ ئۈچۈن تۇرۇپ كۈلگۈسى كەلسە، تۇرۇپ يىغلىغۇسى كېلەتتى.
−− مەتتۇرسۇن، سۇ.
مەتتۇرسۇن بېشىنى كۆتۈردى. يۈزلىرىنى شامال يالاپ قارايتىۋەتكەن بىر يىگىت ئاليۇمىن چەينەكنى تەڭلەپ تۇراتتى.
−− سۇ ئىچىۋال، سۇ.
لەۋلىرى چاك – چاك يېرىلغان مەتتۇرسۇن سوغۇق سۇنى راسا قانغۇچە ئىچىۋېلىپ تېتىكلىشىپ قالدى.
−− قاچانغىچە يىقىلمايدۇ بۇ بىر نېمە، −−− ئورەكنىڭ تېگىدە توغراق يىلتىزىغا پالتا ئۇرۇۋاتقان چار ساقال ئادەم غۇدۇڭشىدى، −− شۇنچە كولىساقمۇ قىدىرلىمايدۇ – يا.
راست، كۈن چۈشكە يېقىنلاپ قالغان بولسىمۇ، ئەتىگەندىن بېرى بىر تۈپ قېرى توغراقنىڭ تۈۋىنى كولاۋاتقان ئۈچ ئادەم تېخىچە ئۇنى يىقىتالمىدى. باشقا گۇرۇپپىدىكىلەر ئىككىنچى توغراقنىمۇ يىقىتىپ بولغانىدى. ھەر بىر گۇرۇپپىنىڭ بىر كۈنلۈك ۋەزىپىسى ئون تۈپ توغراقنى قومۇرۇپ تاشلاش ئىدى. بۇ ۋەزىپىنى تاماملىماي بولمايتتى. باشقۇرغۇچىلار ئانچە كايىپ كەتمىگەندىمۇ، بۇرۇتىغا ئۇستىرا سالغان ھەر بىر ئەركەك بۇنداق چاغدا ئارقىدا قېلىشنى ئۆزى ئۈچۈن نومۇس ھېسابلايتتى.
−− ئاۋۇ ياققا ئۆتۈپ شېخىدىن تارتىپ باققىنا، مىدىرلامدىكىن، −− مەتتۇرسۇن توغراقنىڭ يەرگە ساڭگىلاپ قالغان شېخىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ سىلكىپ – سىلكىپ تارتقىلى تۇردى.
−− توختا، مايەردە بىر تال يىلتىز بەركەن، كېسۋالاي، −− چار ساقال ئادەم بەلگىچە كولانغان ئورەكنىڭ تېگىدە يەكتىز ئولتۇرۇپ يىلتىزنى گۈرسۈلدىتىپ كەسكىلى تۇردى. پالتا ھەر بىر ئۇرۇلغاندا توغراقنىڭ غولى لىڭشىپ كېتەتتى.
−− مەتتۇرسۇن قاچ! −− بېرى ياندىكى دۈمبەلچەك توپا ئۈستىدە تاماكا چېكىپ ئولتۇرغان ھەمراھى ئەنسىز ۋارقىرىۋەتتى. مەتتۇرسۇن توغراقنىڭ شېخىنى قويۇپ بېرىپ قاچتى. قاراس – قۇرۇس قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى. ئادەملەر تۇشمۇتۇشتىن يوپۇرۇلۇپ كېلىپ ئۇنى بېسىۋالغان توغراققا ياماشتى.
−− تارت، ھە، ماياققا…
−− ئاستىغا پالتىنى سېلىپ كۆتۈرگىنە.
−− ھە، يەنە ئازراق كۈچە.
ئۇلار مەتتۇرسۇننى توغراق ئاستىدىن تارتىپ چىقارغاندا بېشىدىن بۇلدۇقلاپ قان ئاقماقتا ئىدى.
−− كۆتۈرۈڭلار! دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارايلى، −− دېدى ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا كۆزەتچىلىك قىلغان نۆۋەتچى ساقچىمۇ جىددىيلىشىپ، −− ئىسىت، ئەجەب غەرەز ئۇقىدىغان يىگىت ئىدى.
−− راست، بەك ئوڭلۇق بالا ئىدى.
−− خۇدا ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي.
ئەتىگەندىن بېرى ھايات شاۋقۇنلىرى بىلەن جانلىنىپ كەتكەن توغراقلىق جىمىپ كەتتى. مەتتۇرسۇننىڭ بېشىدىن تامچىلىغان قان ئىزلىرى توغراقلىقتىن مەيدان دوختۇرخانىسىغىچە سوزۇلغانىدى.
كېچە، بوران گۈركىرەپ، كىملەرنىدۇر غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغاتماقچىدەك ئىشىك – دېرىزىلەرنى تاراقشىتاتتى، دەل – دەرەخلەرنىڭ شاخلىرىنى قاراسلىتىپ سۇندۇراتتى.

7

مەتتۇرسۇن بىرەر ئايدىن كېيىن ھاسا تايىنىپ ماڭالىغۇدەك بولدى. ئۇنىڭغا يېقىنقى بىر قانچە يىللىق كەچۈرمىشلىرى خۇددى باش – ئاخىرى يوق، قاباھەتلىك چۈشتەك تۇيۇلاتتى. ئۇ دوختۇرخانىدا يېتىپ مەرھۇم دادىسىنى، ئانىسىنى ۋە ئىنى – سىڭىللىرىنى، ساۋاقداشلىرىنى، ئىشقىلىپ ھاياتتا ئۆزى ئۇچراتقان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىرمۇبىر خىيالىدىن ئۆتكۈزدى. ئۇ ھاياتنى، ئادەملەرنى قايتىدىن چۈشەنگەندەك، ئۆزىنىڭ ئىنسانىي قەدىر – قىممىتىنى باشقىدىن ھېس قىلغاندەك بولدى. كامېرداشلىرى ئۇنى ھەر كۈنى دېگۈدەك يوقلاپ تۇراتتى، ئەتە – ئاخشاملىرى ئۇنىڭ ياتىقىغا كېلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى.
دەسلىپىدە دوختۇر، سېسترالار »بىمارنى ئارام ئالغىلى قويۇڭلار« دەپ بىدىدار قايتۇرۇۋەتكەنمۇ بولدى. ئەمما كېيىنكى كۈنلەردە بىمارنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن روھىي تەسەللىنىڭمۇ مۇھىملىقىنى ئەسكە ئېلىشتىمۇ ياكى باشقا سەۋەبتىنمۇ ئىشقىلىپ يوقلاپ كەلگۈچىلەرنى ھېچكىم قوغلىمىدى. ئۇلار تولاراق ئائىلىسىدىن ئەۋەتكەن گۈلە – قاق، نان – توقاچ… دېگەندەك يېمەكلىكلەرنى كۆتۈرۈپ كېلىشەتتى. قىسقىسى، مەتتۇرسۇن چىرايىنى شامال يالاپ قارايتىۋەتكەن، ساقاللىرى قۇشقاچ چاڭگىسىدەك ئۆسۈپ كەتكەن ئاددىي ئادەملەرنىڭ روھىي دۇنياسىدىن ئىنسانىي مۇھەببەتنىڭ تېخى بۇلغانمىغان، ساپ، تەمەسىز ئىزنالىرىنى بايقىغانىدى.
مەتتۇرسۇن ھاسىغا تايىنىپ دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدىكى سەيناغا چىقتى. ھېلىقى ھادىسىدىن كېيىن ئۇنىڭغا كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرۈش پۇرسىتى بۈگۈن تۇنجى قېتىم نېسىپ بولغان ئىدى. ھاۋا ئوچۇق، قۇياش چۆل ئاسمىنىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا پارقىراپ تۇراتتى. ئەتراپتىن قۇشلارنىڭ ۋىچىرلاپ سايراشقان ئۈنى كېلەتتى. مەتتۇرسۇننىڭ روھى كۆتۈرۈلۈپ قالدى. ئۇ ئەتراپتىكى گۈزەل مەنزىرىلەرگە قاراپ تويمايتتى. دەل شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئالدىغا قاپقارا پىكاپ كېلىپ توختىدى، بۇنداق ماشىنىلارنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ – كېتىپ تۇرۇشى يېڭى ئىش بولمىغاچقا، پەرۋاسىز قاراپ قويۇپ ئولتۇرۇۋەردى. لېكىن ماشىنىدىكىلەر ئۇنى ئىزدەپ كەلگەن ئىدى. يەنە بىرى ساقىلىنى پاكىز قىردۇرغان، 05 ياشلاردىكى ناتونۇش ئادەم ئىدى.
−− مانا مۇشۇ يىگىت شۇ، −− سېرىق چىراي ساق−چى ماشىنىدىن پۇتىنى ي−ەرگە ئېلىپلا مەتتۇرسۇننى ئىما قىلىپ ھەمراھىغا تونۇشتۇردى.
مەتتۇرسۇن ئۇلارغا قاراپلا قالدى. ناتونۇش ئادەم مەتتۇرسۇن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈۋاتقاندا، ساقچى مېھماننىمۇ تونۇشتۇرۇپ ئۈلگۈردى:
−− بۇياق ياسىنجان ئادۋوكات بولىدۇ. سىلىنى ئاتايىتەن زىيارەت قىلغىلى كەپتۇ.
ئۇلار ياتاققا كىردى، ھەرھالدا مەتتۇرسۇننىڭ ياتىقىدا باشقا ئادەم يوق ئىدى.
−− ئەمىسە مەن چىقاي ياسىنجان ئاكا.
−− سىزنى ئاۋارە قىلدىم ئۇكام.
−− ئۇنداق بولامدىغان، −− ياش ساقچى ياسىنجان ئادۋوكات بىلەن خوشلاشتى – دە، ئىككى قولىنى شىمىنىڭ يانچۇقىغا تىقىپ چوڭ – چوڭ قەدەملەر بىلەن ياتاقتىن چىقىپ كەتتى.
−− ئىسمىڭىز مەتتۇرسۇنغۇ دەيمەن.
−− ھەئە.
−− تۇنىساگۈل دېگەن قىز نېمىڭىز بولىدۇ؟
−− ساۋاقدىشىم، بىز تېببىي تېخنىكومدا بىر سىنىپتا ئوقۇغان.
−− ئاينىسا دېگىنىچۇ؟
مەتتۇرسۇننىڭ غۇژژىدە ئاچچىقى كەلدى، ئۇ ئاينىسانىڭ نامۇبارەك ئىسمىنى ئاڭلاشنى، تىلغا ئېلىشنى، ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئاشۇ پېشكەلچىلىكلەرنى ئەسلەشنى خالىمايتتى. ئەمما »ئاچچىقىم كەلدى« دەپ شۇنچە يىراق يەردىن ئۆزىنى ئىزدەپ كەلگەن ئادۋوكاتقا توڭلۇق قىلىشنىڭ پايدىسىز ئىكەنلىكىمۇ كۆڭلىگە مەلۇم ئىدى.
−− ئۇنىڭ بىلەنمۇ ساۋاقداش، −− دېدى مەتتۇرسۇن ناخۇشلا.
−− مۇنداق ئىش ئۇكام، −− ياسىنجان ئادۋوكات گەپ قىلغاچ دېرىزىنىڭ ھاۋارەڭ پەردىسىنى بىر ياققا سۈرۈپ قويدى، −− سىز ئاينىسا دېگەن قىز بىلەن بولغان ماجىرا تۈپەيلى تۈرمىگە كىرىپ قالغانكەنسىز، ئەمما تۇنىساگۈل دېگەن قىز ئاينىسانىڭ سىزگە تۆھمەت قىلىپ مەكتەپتىن ھەيدىلىشىڭىزگە سەۋەب بولغانلىقى؛ سىزنىڭ ناھەقچىلىككە چىدىماي ھېلىقىدەك ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلىپ قويغانلىقىڭىز توغرىسىدا مەھكىمىمىزگە قايتا – قايتا ئەرز قىلدى، ھەتتا ئاينىسانىڭ ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان چاغدا سىزگە زىيانكەشلىك قىلغىنى ئۈچۈن پۇشايمان قىلىپ دەپ تاشلىغان گەپلىرىنى شېپى كەلتۈرۈپ بىر ياتاقتىكى سەككىز قىزنىڭ ھەممىسىدىن يازمىچە گۇۋاھلىق خېتى ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ دېلو قايتا تەپتىشلىمىسەك بولمايدىغان يەرگە بېرىپ قالدى. شۇڭا سىز ماڭا يېقىندىن ماسلىشىپ ئەينى چاغدىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى سۆزلەپ بەرسىڭىز. بىرەر ئېغىز يالغان گەپ ئارىلىشىپ قالمىسۇن ئۇكام، ئاساسسىز گەپ سوتتا ئادەمنىڭ تىلىنى تۇتۇپ قويىدۇ.
مەتتۇرسۇن ھەممىنى چۈشەندى. تۇنىساگۈلنىڭ كۆرسەتكەن ھىممىتىگە، تۆلىگەن بەدەللىرىگە كۆڭلىدە رەھمەت ئوقۇدى. تۇنىساگۈل مەتتۇرسۇن بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشكەندە »ئۈمىدسىزلەنمەڭ، كۈنلەر تېخى ئۇزاق« دېگەن ئىدى. شۇ چاغدا مەتتۇرسۇن، كۈنلەر ھەرقانچە ئۇزاق بولسىمۇ، باشقىلار ئۈچۈن خەيرلىك، خاسىيەتلىك، ئەمما مەن ئۈچۈن ھامان قاباھەتلىك، ئۇنداق قاباھەتلىك كۈننىڭ ئۇزاق بولغىنىنىڭ نېمە پايدىسى دەپ ئويلىغان، مانا ئەمدى ئاشۇ ئاددىي گەپنىڭ راستتىنلا ۋەزنىلىك ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.
ياسىنجان ئادۋوكات قارا سومكىسىنىڭ سىيرتمىسىنى جىرتتىدە ئېچىپ، ئادەتتىكى بىر خاتىرە بىلەن قەلەم چىقاردى – دە، مەتتۇرسۇنغا يۈزلەندى.
−− ھەممىنى دەيمەنمۇ؟
−− ھەممىنى سۆزلەڭ، تولۇق سۆزلىمىسىڭىز پاكىتنى يېتەرلىك توپلىغىلى بولمايدۇ، سىزنى ئاقلاش ئۈچۈن پاكىت كېرەك.
مەتتۇرسۇن ئەسلەشنى، تىلغا ئېلىشنى ئىختىيار قىلمايدىغان؛ ئۇنتۇشقا، ئۆزىدىن يىراقلاشتۇرۇشقا تىرىشىدىغان كەچۈرمىشلىرى ئۈچۈن يەنە بىر مەرتەم ئېغىز مىدىرلىتىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇ سۆزلەپ قەدىردان دادىسىنىڭ ۋاپاتىغا كەلگەندە يامغۇردەك تامچىلاشقا باشلىغان كۆز ياشلىرىنى توختىتىۋېلىشقا قادىر بولالمىدى.
−− بولدى، يىغلىماڭ ئۇكام، −− دېدى ئادۋوكات مەتتۇرسۇنغا ئاتىلارچە مېھرىبانلىق بىلەن، −− بولغۇلۇق بولۇپ بولدى، ئەمدى كۆز ياش بىلەن دادىڭىزنى تىرىلدۈرۈۋالغىلى بولمايدۇ، چىداملىق بولۇڭ، ئىستىقبالىڭىز تېخى ئالدىڭىزدا.
مەتتۇرسۇن جىم بولۇپ قالدى. يۈرەكنى قۇرتتەك غاجىلايدىغان كۆرۈنۈشلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى تىزىلىپ كۆز ئالدىدىن ئۆتمەكتە ئىدى.
−− بىرنى چېكىپ قويامسىز؟ −− ئادۋوكات ئۇنىڭغا بىر تال تاماكا ئۇزاتتى.
−− رەھمەت، −− مەتتۇرسۇن سىلىققىنە رەت قىلدى. ئۇ ھېلىقى ئاخشامدا ئاينىسانىڭ چىرايىغا پىچاق ئۇرۇۋەتكەن ھادىسىدىن كېيىن كەيپ قىلماسلىققا، ھەتتا تاماكىنىمۇ ئېغىزغا ئالماسلىققا ئۆز – ئۆزىگە ۋەدە بەرگەن ئىدى.
ئادۋوكات قولىدىكى تاماكىنى پات – پات شوراپ قويۇپ مەتتۇرسۇننىڭ ھەر بىر ئېغىز گېپىنى دەپتەرگە شىرتىلدىتىپ يازماقتا ئىدى. دەل شۇ چاغدا ئاق خالاتنىڭ پېشى يەرگە تېگەي دەپ قالغان ئاينىسا ياتاققا ئۈسسۈپلا كىردى. ئۇلار تەڭلا بېشىنى كۆتۈردى. ئاينىسا ئاستا ئارقىسىغا ياندى – دە، تاختايغا مىخ قاققاندەك تاق – تۇق دەسسەپ چىقىپ كەتتى.
−− مۇشۇ بىر نېمە شۇ، −− دېدى مەتتۇرسۇن ئىشىك تەرەپنى بېشى بىلەن ئىشارە قىلىپ.
−− كىمنى دەيسىز؟
−− ھېلىقى ئاينىسا دېگىنىچۇ.
−− سىز شىكايەتلىگەن قىز مۇشۇ شۇمۇ؟
−− ھەئە.
−− ئۇ بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىدۇ؟
−− مۇشۇ دوختۇرخانىدا سېسترالىق قىلىدۇ.
−− ئاللا كارامەت، −− ئادۋوكات بېشىنى نا ئېنىق مەنىدە چايقاپ قويدى، −− »رەقىبلەر تار يولدا دوقۇرۇشۇپتۇ« دېگەن گەپ راستكەندە. بوپتۇ ئۇ ھازىرچە بۇ يەردە ئاق خالاتتىن پەخىرلىنىپ يۈرگەچ تۇرسۇن، تەھقىقكى سوتنىڭ چاقىرىقى قولىغا تېگىدىغان كۈنلەر ئانچە يىراق ئەمەس. قارىغاندا ھەممە ئەھۋال تۇنىساگۈل دېگەن قىزنىڭ تۇتقان ئەرزى بىلەن ئوخشاشكەن. قانۇن ھەرگىز بىگۇناھ كىشىلەرنى تۈرمىگە سولاپ، گۇناھكارلارنى ئەركىگە قويۇپ بەرمەيدۇ.
ئادۋوكات كەتتى. مەتتۇرسۇن ئۇنى ئۈمىدكە تولغان كۆزلىرى بىلەن ئۇزىتىپ قالدى. مەتتۇرسۇنغا ھەممە نەرسە ئۆزگىرىدىغاندەك، تەقدىرنىڭ قەلىمى ئۆزى توغرىسىدىكى ناباب ھۆكۈمنى قايتا يېزىپ چىقىدىغاندەك تۇيۇلاتتى.
مەتتۇرسۇن كارىۋاتتا ئۆزىنى تاشلاپ سوزۇلۇپ ياتتى. ئۇ خېلى چارچىغان ئىدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا تۇنىساگۈلنىڭ گۈزەل سېماسى كېلىۋالدى. ئۇ تۇنىساگۈلنىڭ بىرەر پارچە سۈرىتىنى ساقلاپ كەلمىگەنلىكىگە ئۆكۈندى. ئۇنىڭ تۇنىساگۈل بىلەن ھازىرلا دىدارلاشقۇسى، تەشەككۈر بىلدۈرگۈسى، قوللىرىنى يۈزىگە سۈرتۈپ راسا بىر يىغلىۋالغۇسى كېلەتتى.
مەتتۇرسۇن بىر ھەپتىدىن كېيىن دوختۇرخانىدىن چىقتى. ئۇ ئاقساقلاپ ماڭالايدىغان بولغان ئىدى. تۈرمە باشلىقلىرى ئۇنى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئەمگىكىدىن ئايرىپ مەيداننىڭ قويلىرىنى بېقىشقا بۇيرۇدى. ئەسلىدە قويلارنى ئېگىز بويلۇق، ياداڭغۇ، گېلىنىڭ بۇغدىيىكى تاغ چوققىسىدەك چوقچىيىپ چىققان بىر كىشى باقاتتى. مەتتۇرسۇن پادىچىلىق كالتىكىنى قولىغا ئالغان كۈنى ھېلىقى بوۋاي قويۇپ بېرىلدى. مەتتۇرسۇن ئورۇن – كۆرپىسىنى ئېلىپ قوي قوتىنىنىڭ يېنىدىكى كىچىككىنە ھۇجرىغا يۆتكەپ كەلدى. تاملىرى ئىستىن قارايغان بۇ پاكار ئۆي ئۇنىڭغا خۇددى شاھ ئوردىسىدەك سۆيۈملۈك بىلىنەتتى.
مەتتۇرسۇن پادىچىلىققا ئاسانلا كۆنۈپ قالدى. ئەمدى ئۇ خىيال دۇنياسىنىڭ گۈزەل دىيارلىرىدا خالىغانچە سەيلە قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدى. قويلارنى تېرىم ياقىسىدىكى جاڭگالغا ھەيدەپ بارغاندىمۇ، ئەتىگەن، ئاخشاملىرى ھېلىقى ھۇجرىسىدا ئولتۇرغاندىمۇ ئۇنىڭغا ھېچ كىشى دەخلى قىلمايتتى. يېڭى تۇغۇلغان قوزىلارنىڭ يايلاقتا سەكرىشىپ ئويناشلىرى، ئانىسىنىڭ يېلىنىغا ئۈسسۈپ – ئۈسسۈپ ئېمىشلىرى، قويلارنىڭ كىرپە تىكىنىدەك شىۋاقنىڭ ئۇچىنى پوسۇلدىتىپ بەس – بەستە ئۈزۈپ يېيىشلىرى مەتتۇرسۇنغا تولىمۇ يېقىملىق تۇيۇلاتتى.
ئارىدىن ئىككى ئايدەك ۋاقىت ئۆتتى. مەتتۇرسۇننىڭ قەلبىدىكى ئۈمىد چىرىغىنىڭ ئاجىز يالقۇنى خىرەلەشكىلى تۇردى. ئۇ ياسىنجان ئادۋوكاتنىڭ بىر كەتكىنىچە جىمجىتلا يوقالغىنىنى ئويلىسا كۆڭلىگە ھەر قىسم خىياللار كېلىۋالاتتى. ئاشۇ تەشۋىشلەرنىڭ ئارىسىدا »ئادۋوكاتنىڭ توپلىغان پاكىتلىرى ھەققانىيەت تارازىسىدا مېنىڭ قىلمىشىمنىڭ سالمىقىنى بېسىپ چۈشەلمىگەن ئوخشايدۇ«« دېگەن گۇمان كۈچلۈك ئىدى.
مەتتۇرسۇن قويلارنى جاڭگالدىن ھەيدەپ كېلىپ قوتانغا سولىغاندا قوياش تىكلەنگەن ئىدى. ئۇ غىزالىنىپ بولۇپلا ياستۇقىنىڭ ئاستىدىن تۇنىساگۈلنىڭ خېتىنى ئالدى. خەتنىڭ چەت – چۆرىلىرى تىتىلىپ، قاتلاقلىرى كېسىلگەنىدى. مەتتۇرسۇن خەتنىڭ باش قۇرىغا ئەمدىلا كۆز يۈگۈرتۈۋېدى، بىراۋنىڭ ئاياغ تىۋىشى يېقىنلىشىپ، ئىشىك يەڭگىل قېقىلدى. مەتتۇرسۇن خەتنى ئاللىكىملەردىن قىزغانغاندەك ھاپىلا – شاپىلا بۇرۇنقى ئورنىغا يوشۇرۇپ قويۇپ ئىشىكنى ئاچتى. ئىشىك ئالدىدا مەيداننىڭ پۇلتايكۆز تازىلىق ئىشچىسى قاراپ تۇراتتى.
−− سىزنى چاقىرىتىۋاتىدۇ، −− تازىلىقچى تۈرمىنىڭ قائىدە – نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ قويۇشتىن ساقلانماقچى بولغاندەك، خەۋەرنى يەتكۈزۈپ قويۇپلا ئارقىسىغا ياندى.
مېنى نېمە ئىشقا چاقىرىشقاندۇ؟ ياسىنجان ئادۋوكات كەلگەنمىدۇ ياكى قوي بېقىش پۇرسىتىنى باشقا بىراۋغا تاپشۇرۇپ، مېنى ئەل قاتارى ئەمگەككە ھەيدىمەكچىمىدۇ؟ بوز يەر ئېچىش ئەمگىكىنىڭغۇ كارايىتى چاغلىق، ئەمما قويلارنىڭ قېشىدىن كېتىپ قالمىسام بولاتتى، قويلار مېنىڭ دەردىمنى ئۇنتۇلدۇرىدىغان ئەرمەك ئىدى، قوزىلارنىڭ قىن – قىنىغا پاتماي سەكرەشلىرى كۆڭلۈمگە تەسەللى بېرەلەيتتى.
مەتتۇرسۇن ئاشۇنداق خىياللار بىلەن تۈرمە باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىشخانىسى جايلاشقان ئۈچ قەۋەتلىك بىنانىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلدى. بىنانىڭ نېرىسىدىكى ئارچا تۈۋىدە بىر دانە ساقچى ماشىنىسى تۇراتتى. تازىلىقچى مەتتۇرسۇننى سىياسىي يېتەكچىنىڭ ئىشخانىسىغا ئىشارە قىلىپ قويۇپ نەگىدۇر يوقالدى. مەتتۇرسۇن ئەيمىنىپقىنە ئىشخانىغا كىردى. ئىشخانا ئىچى تاماكا ئىسىغا توشۇپ كەتكەچكە ، ئولتۇرغانلارنىڭ چىرايىنى تازا ئېنىق تونۇۋالغىلى بولمايتتى. مەتتۇرسۇن ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپ قالدى. ئىشخانا ئىچى ئاستا – ئاستا سۈزۈلگەندەك بولدى. شۇ ئەسنادا ساقچىلار بىر – بىرلەپ ئورنىدىن تۇرۇشتى ۋە مەتتۇرسۇننىڭ قولىغا شۇ يەردىلا كويزا سېلىپ سىرتقا ھەيدەپ چىقىرىشتى.
−− ماشىنىغا چىقە!
مەتتۇرسۇن يېقىندىن بېرى بۇنداق مۇئامىلىلەرنى ھار ئالمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ ئىككى نەپەر ساقچىنىڭ ياردىمىدە ماشىنىغا چىقتى. ئۇ بۇنىڭ نېمە ئىشلىقىنى، ئۆزىنى قەيەرگە، نېمە ئىش ئۈچۈن ئېلىپ كېتىۋاتقىنىنى بىلمەيتتى. ھەر خىل قىياسلارنى قىلىپ باقاتتى – يۇ، ئۆز قىياسىدىن تېزلا ۋاز كېچەتتى.
−− ساڭا قايتا سوت ئېچىلىدىغان بولدى، −− ماشىنا خېلى يەرگە بېرىپ بولغاندا شوپۇرغا ياندىشىپ ئولتۇرغان سوزۇق يۈز، ئوتتۇرا ياشلاردىكى ساقچى ئارقىسىغا بۇرۇلدى، −− ئادۋوكاتىڭنىڭ ئىگىلىگەن ماتېرىياللىرى پۇت دەسسەپ تۇرالىسا قويۇپ بېرىلىشىڭ مۇمكىن. ھېچ بولمىغاندا كېسىم ۋاقتىڭ قىسقارتىلىدۇ. سەن ياش، ئوقۇغان، قائىدىلىك بالىكەنسەن. سوتتا ھەرگىز بىھۇدە گەپلەرنى قىلما، ئالدىنقى قېتىمدا »ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى ئىدىم« دەپلا تۇرۇۋالمىغان بولساڭ، كېسىم باشقىچە بولار ئىدى، چۈشەندىڭمۇ؟
−− چۈشەندىم، −− دېدى مەتتۇرسۇن ساقچى باشلىقىنىڭ ھەر بىر ئېغىز گېپىگە رازىمەنلىك بىلەن باش لىڭشىتىپ، −− ئەمدى ھەرگىز ئۇنداق گەپلەرنى قىلمايمەن.
ماشىنا كۆجۈم مەھەللىلەرنى ئارقىسىغا تاشلاپ تاپتاقىر ساي يولىغا ئۇلاشتى، يول ياقىسىدىكى تەپتەكشى يايلاقتا بىر پادا قوي ئوتلاپ يۈرەتتى. قوي توپىنىڭ نېرىسىدا يالغۇز بىر كىشى ئوڭدىسىغا يېتىپ ئۇخلىماقتا ئىدى. بۇ كۆرۈنۈشلەر مەتتۇرسۇننىڭ كۆز ئالدىدىن تەكشى ئۇچۇۋاتقان قارلىغاچتەك لىپ – لىپ قىلىپ ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ خېلى يەرلەرگىچە ئاشۇ قويلارنى، بەخىرامان ئۇخلاپ ياتقان پادىچىنى ئويلاپ ماڭدى.
ماشىنا ناھىيە بازىرىغا كىرىپ كەلدى. بۇ يەردىكى ھايات باشقىچە ئىدى. كوچىلاردا ئەركىن يۈرۈۋاتقان ئادەملەرنى كۆرۈپ مەتتۇرسۇننىڭ كۆڭلى يېرىم بولدى. ئۆزىنىڭ ئاشۇ قېتىمقى ئەخمىقانە ئىشىدىن يەنە بىر نۆۋەت ئۆكۈندى. ئىسىت، شۇ چاغدا نېمىشقا شەيتاننىڭ ئارقىسىغا كىرگەندىمەن؟ نېمىشقا رەھمەتلىك دادامنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغاندىمەن؟ ناۋادا سەۋر – تاقەت قىلالىغان بولسام ئوقۇش پۇرسىتىمدىن مەھرۇم بولغىنىم بىلەن ئەركىنلىكىمدىن مەھرۇم بولمايتتىم ئەمەسمۇ؟ ماۋۇ ئادەملەردەك خالىغانچە كوچا ئايلىنالايتتىم ئەمەسمۇ!؟ ئەمدى بۈگۈنكى سوتتا قانداق ھۆكۈم چىقىرار؟ ياسىنجان ئادۋوكاتنىڭ دېگىنىدەك بولارمۇ؟دەپ ئويلىدى مەتتۇرسۇن. ماشىنىنىڭ لىپپىدە توختىشى ئۇنى خىيال قاينىمىدىن قايتۇرۇپ كەلدى. ئۇنىڭ ئالدىدا ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ تونۇش دەرۋازىسى تۇراتتى. توساتتىن مەتتۇرسۇننىڭ يۈرىكى جىغ قىلىپ قالدى. چۈنكى ئۇ ئانىسىنى كۆرگەن ئىدى. چاچلىرى تامام ئاقىرىپ كەتكەن مېھرىبان ئانا يول ياقىسىدىكى سۆگەتنىڭ غولىغا يۆلىنىپ خىيالچان ئولتۇراتتى. بىراق ئۇ ئانىسىنى ئوبرانراق كۆرۈۋېلىشقا ئۈلگۈرۈپ بولغىچە دەرۋازا ئېچىلىپ، ماشىنا ئىچىگە كىرىپ كەتتى. مەتتۇرسۇن ھەدەپ ئارقىسىغا قارايتتى. بىچارە ئانام، بۇ يەرنى قانداق تېپىپ كەلگەندۇ؟ مېنىڭ بۈگۈن كېلىدىغانلىقىمنى ئۇنىڭغا كىم خەۋەر قىلغاندۇ؟ قارىغاندا بۈگۈن قايتا سوت قىلىنىدىغانلىقىمدىن دوست – يارەنلىرىم بىخەۋەر ئەمەسكەن – دە، دەپ ئويلىدى ئۇ يەنە.
قۇياش ئاسماننىڭ غەربىي قىرغىقىدا چوغدەك تاۋلانغان ئىدى. ئادەملەر ئۆيلىرىگە ئالدىرىشاتتى. مەتتۇرسۇن كەڭرى ئېچىلغان دەرۋازىدىن چىقىۋېتىپ سۆگەت تۈۋىگە قارىدى. كەنجى سىڭلىسى ئايشەم ئانىسىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ، دەرۋازىدىن چىققان ھەر بىر ئادەمگە چېكىتتەك قاراپ ئولتۇراتتى، مەتتۇرسۇن ھېچ نەرسىگە قارىماي ئانىسى تەرەپكە يۈگۈردى.

مەنبە: تارىم ژۇرنىلى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top