• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » دىنىي ھايات » تەسەۋۋۇپچىلار

تەسەۋۋۇپچىلار

ئابابەكرى ئاتىخان بۇتام

ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن يۈسۈپ ھۈسەيىن (قەقنۇس)، فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ دوكتورى ھۆرمەتجان ئابدۇرەھمان فىكرەت ئەپەندى «تەسەۋۋۇپ ۋە تەسەۋۋۇر» ھەققىدە ئەسەرلەر يېزىپ، پەلسەپىۋى ۋە بەدئىي تەپەككۇرىمىزدا ئىزچىل مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن تەسەۋۋۇرۇپ پەلسەپىسى توغرىسىدا گەپ قىلىشتىن بۇرۇن، بۇ پىكىر ئېقىمى ۋە ئۇنىڭ بىزدىكى تارىخىي يىلتىزى ھەققىدە تۈزۈك بىر ئىلمىي تەپەككۇر بولمىغانىدى. مەن بۇ ھەقتە ئويلىنىپ كەلگەنىدىم. شۇڭا بۇ يەردە ئۇلارغا مۇھىم بىر قوشۇمچە قىلاي.

مېنىڭچە، بىزدە تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسىنىڭ مەيدانغا كېلشى، مۇساپىسى، پىكىر قاراشلىرىنىڭ دەۋر ۋە تەرەققىياتقا تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بۇنى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا تۇرۇپ ئەستايىدىل، چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بىزدىكى تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسى ئىسلامىيەت بىلەن قەدەمداش، شۇڭا ئۇ ئىنسانىي مەۋقەدە تۇرۇپ تەبىئەتنى تۆت نەڭ بىلەن تەسەۋۋۇر قىلدى. بىلىم ئىشقىدا كۆيۈپ، روھ يەنى بىلىم توغرىسىدا ئىزدەندى. ئەركەك ئىلىمنى قېزىپ، چىشى بىلىمنى كەشىپ قىلدى. بېيىتتى، نەزريىلەشتۈردى، بۇ ئارقىلىق قېلىپلاشتۇردى، سىستېمىلاشتۇردى، ھەرخىل پەنلەرنىڭ كەشىپ قىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى، ئاساس سالدى. قىسقىسى، ئىنسانلار مەدەنىيلىك تارىخىغا رەڭدار ئەركىن تەپەككۇرى، ئىسسىق جېنى، ئاچچىق تەرى، بۈيۈك كەشپىياتلىرى بىلەن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ پىكىر ئېقىمىنى ئىنسانىي سالاھىيەتكە مۇناسىپ بولغان، ئەنئەنىۋى پىكىر ئېقىمى ، ئالىملارنىڭ پىكىر ئېقىمى، ۋەزىرچە پىكىر ئېقىمى دەپ بېرىلگەن باھاغا قايىل بولۇش، ئاپىرىن ئوقۇشقا توغرا كېلىدۇ. تارىختىن بۇيان ، بۇ پىكىر ئېقىمىدىكىلەر «تەسەۋۋۇپچىلار» ، «سىرلىقلاشتۇرغۇچىلار»، «سوپىزمچىلار» دەپ ئاتىلىپ كەلدى، ئۆتمۈش جەمئىيەتتە ھۆكۈمرانلارنىڭ دىنلارنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىشى، تەسەۋۋۇپچىلار پىكىر ئېقىمىنىڭ شەكىللىنىش تارىخىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى، ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تۆۋەن بولۇشى ۋە رايونلار مەدەنىيەت پەرقىنىڭ تەكشىسىز بولۇشى ۋەجىدىن، ھەر قايسى دەۋرلەردىكى مەدەنىيەت بوستانلىرى ۋە مىللەتلەرنىڭ تەسەۋۋۇپ ۋە تەسەۋۋۇپچىلارنى تەرىپلەپ سۈپەتلىشىدە كۆرۈنەرلىك پەرقلەر مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. ئۇلار ھەر خىل مەزمۇندىكى سۆزلۈكلەر بىلەن تەرىپلەندى. تەسەۋۋۇپ يۇنان تىلىدا ئەقىل پاراسەت، ھېكمەت، ئۇستاز مەنىلىرىنى بېرىدىغان «سوفۇس»، «سوفىيا»، «مىستىتىزم» دېگەن مەنە بىلەن ئىپادىلەندى. تەسەۋۋۇپچى ئالىملار ئۇستاز، مۇتەپەككۇر، پەيلاسوپ، مىستىتىزمچىلار، سىرلىقلاشتۇرغۇچىلار دەپ سۈپەتلەندى. ئەرەب تىلىدا قوي يۇڭى مەنىسىنى بېرىدىغان «سۇف» مەنىسى بىلەن ئىپادىلەپ، ئالىملار، سوپىزىمچىلار ، سىرلىقلاشتۇرغۇچىلار، قوي يۇڭىچىلار دەپ تەرىپلەندى. ئۇيغۇر تۈركىي تىلىدا ئەقىل – پاراسەت، بىلىم، قانۇن مەنىسىنى بېرىدىغان «سۇۋ» يەنى سۇ، دەپ تەرىپلەپ، ئالىملارنى كۆل بىلگى، ئىلمى دىڭىز، ئىلمى دەريا، ئىلىم ئۆگۈز، سۇلۇق يەر، بۈگە، ھۆكۈما، ھېكىم، ۋەھاكازا بىلەن سۈپەتلەپ كەلدى.

11- ئەسىرنىڭ ئۇيغۇر تۇپرىقىدا ياشىغان تەقۋادار ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەينى دەۋردە، بەس مۇنازىرە، ئىلمىي سۆھبەتلەرگە قاتنىشىپ، قەدىمىي ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئىسلامىيەت بىلەن يۇغۇرۇپ، ئىسلام ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى ئىلغار ئىدىيە، پىكىر قاراشلىرىنىڭ جەۋھەرلىرىنى دۇنياغا تونۇشتۇردى. كىتابتا قاراتمىلىقى چوڭقۇر مەنىسى روشەن نەزمىلەر بىلەن سوپىزىمغا تەبىر بېرىپ، سىرلىقلاشتۇرغۇچىلارنىڭ بۈيۈك ئابىدىسى «ئىنسانلارغا بەخت ئاتا قىلىدىغان بىلىم» گە يەكۈنلەپ، نەزىريىلەشتۈرۈپ چىقتى. ئەسەرنىڭ مۇبارەك ئىسمى ۋە ئۇنىڭدىكى نەزمىلەر ئالىم ۋە ئەسەرنى ھەر خىل قىسمەتلەرگە دۇچار قىلدى، بۇ ئىشلارنى روشەن تىل ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ئەركەك ئىلىم «ئوقۇشلۇق» ھەم «قۇتادغۇبىلىك» ئىدىيىسى، شۇنداقلا بۈگۈنكى رېئال دەۋر ۋە تەرەققىيات بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىزدىنىپ چىقساق، رايۇنىمىز خەلقىنىڭ مىڭ يىلدىن بۇيان، ئىدىئولوگىيە، جۈملىدىن بىلىم قارىشى، تەبىئەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، ئۆرپ – ئادەت ھەم پىسخىكىسى قاتارلىقلاردا ئەجدادلىرىغا يۈز كېلەلمەيدىغان چېكىنىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. تۆۋەندە «قۇتادغۇبىلىك» تە شەرھلەنگەن تەسەۋۋۇپ بىلەن تەسەۋۋۇپچىلار توغرىسىدىكى نەزمىلەر بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ چىقىمىز.

بىرىنچى، ئەرەب تىلىدىكى قوي يۇڭى مەنىسىدىكى «سۇف» سۆزى ھەققىدە 4765 – نەزمىدە ئويغاقمىش ئاغزىدىن بايان قىلىنىدۇ.

4765 . تونۇم قوي يۇڭى غىزا ئارپا ئاش،
تولۇق بولدى دۇنيا ماڭا ئەي قاياش.

تىرىك، ئويغاق، ئەر مەنىسىنى بېرىدىغان ئويغاقمىش، كىشىلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەھەر كەنىتلەردىن يىراق ماكان، خىلۋەت ئورمانلىق، تاغ چۆللەردە ماكان تۇتۇپ، قوي يۇڭىدىن تون كىيىپ، ئارپا، تېرىق، كېپەكنى ئوزۇق قىلىپ تاپقانغا قانائەت قىلىدۇ. يالغۇز يېتىپ قوپۇپ، دۇئا – تىلاۋەت قىلىدۇ، تەقۋادارلىق پاكلىق، ئەخلاقنى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە ئۆزى ئۈلگە بولىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئەركەك ئىلىمنى چىشى ئىلىمگە ئايلاندۇرۇش ئەركىنلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى چىن دىلىدىن ئېتراپ قىلىدۇ، قانۇن ۋە ئەخلاق بىلەن دۆلەت قۇرۇش، ئىدارە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. شۇڭا «قۇتادغۇبىلىك» تە تەقۋادار، زاھىدلىق يولىنى تاللىغان ئالىملارنى ئەرەب تىلىدىكى قوي يۇڭى مەنىسىنى بېرىدىغان «سۇف» بىلەن شەرھىلىگەن. بىز شۇنى ئېسىمىزدە تۇتۇشىمىز كېرەككى، ئۆتمۈش جەمئىيەت بىلىملىكلەر ئۈچۈن دوزاخ، ھۆكۈمرانلار ئۈچۈن جەننەت بولغان، ھۆكۈمرانلار دىننى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئالىملار بىلەن خەلق ئاممىسىغا زىيانكەشلىك قىلغان. بۇنداق قىسمەتكە ئىسلامىيەتنىڭ پەيغەمبەرلىرىمۇ دۇچ كەلگەن، پەيغەمبەرلەر ئۆزى ۋە ياكى قوۋملىرى بىلەن بىر مەزگىل قوغدىنىش ئۈچۈن يۇرتلىرىدىن چىقىپ كەتكەن، غارلاردا ئىستىقامەت قىلغان. ئەھۋال شۇ دەرىجىدە بولغان ئىكەن، مۇتەپپەككۇرلار، دانىشمەنلەر، پەيلاسوپلار، تەقۋادارلارنىڭ خالى جايدىن ماكان تۇتۇپ، ھەرقايسىسى ئۆزلىرىنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرى ۋە ياكى كلاسسىك كىتابلىرىنى ئوقۇپ، دۇئا – تىلاۋەت قىلىشنى، قايسىدۇر بىر دىن ئىجاد قىلغان كەشپىيات دەپ تەرىپلىمەپتۇ. ئەزەلدىن ئىجتىمائىي سەۋەبتىن، ھەر قايسى دىنى ئىدىيە، پىكىر قاراشلاردا ئورتاق مەۋجۇت بولغان ئوخشاش بولمىغان پىكىر – قاراشتىكى پىكىر ئېقىمى بولۇپ، شۇ جەمئىيەتتىكى ئەينەنلىكنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئۇلار جەمئىيەتكە ھېچقانداق پايدا – زىيان كەلتۈرمەيدۇ. دېمەك، قوي يۇڭى مەنىسىنى بېرىدىغان «سۇف» پەقەت قوي يۇڭىدىن تون كىيىپ، ئارپا، تېرىق، كېپەك غىزاسىغا قانائەت قىلىدىغان زاھىدلىق يولىنى تاللىغان، قانائەتچان، ئويغاق، تەقۋادار، ئالىم، دانىشمەنلەرنى كۆرسىتىدۇ، ئارپا – كېپەك يەپ پىنھان ماكاندا ياتمىغان ئالىملار بۇ پىكىر ئېقىمىغا كىرمەيدۇ دەپ يەكۈنلەيمىز.

ئىككىنچى، ئۇيغۇر تىلىدىكى بىلىم مەنىسىنى بېرىدىغان «سۇۋ» يەنى سۇ سۆزى ھەققىدە «قۇتادغۇبىلىك» تە ئاز بولمىغان نەزمىلەر ئارقىلىق شەرھلىنىدۇ.

972 . بىلىملىك سۆزى يەرگە سۇدەك بولۇر،
ئېقىتسا سۇنى يەردە نىمەت ئۈنۈر.

2032 .زۇلۇم- ئوت يېقىنلاشسا ئۇ كۆيدۈرەر،
قانۇن- سۇ ئو ئاقسا، نىمەتلەر ئۈنۈر.

974 . «چىم ئوسكەن سۇلۇق يەر كەبىدۇر ئالىم،
چىقار سۇ، قەيەرگە ئاياق باسسا كىم.

بۇ نەزمىلەردىن قەدىمىي ئۇيغۇر ۋە تۈركىي مىللەتلەر، «سۇۋ» دېگەن سۆزنى «سۇف» دېگەن سۆزنىڭ يىلتىزى دەپ قاراپ، «سۇف» نى بىلىم ۋە قانۇن دەپ تەرىپلەپ. بۇ نەزمىلەردىكى سۇ ساماۋى كىتابلاردىكى تۆت نەڭنىڭ بىرى بولۇپ، قەدىمىي تۈركىي مىللەتلەر بىلىم ۋە قانۇننى سۇ بىلەن سۈپەتلىشىدىن، بىلىم ۋە قانۇننى سۇدەك پاك – پاكىز، ئادىل دەپ قەدىرلەيدىغانلىقىنى بىلىشكە بولىدۇ، ئۇلارنىڭ تەبىئەتنى تۆت نەڭنىڭ تەپەككۇر قىلىشى، تەپەككۇرنى ئوبرازلىق، مەنتىقىلىق قىلىشى ئۆزگىچە تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇپ ئۇسۇلىنى ياراتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. مۇتەپەككۇر، پەيلاسوپلارنى بىلگە، بۈگۈ، ئىلىمى كۆل، ئىلىمى دېڭىز، ئىلىمى دەريا سۈپەتلەيدۇ. سۇلتان – خاقانلىرىنى نەچچە دەريالارنىڭ سۈيى ئېقىپ قاچىلىنىدىغان چوڭ كۆلدەك «كۆل بىلگە خان» دەپ ئاتايدۇ. ئۆرپ – ئادەتلىرىدە سۇنى پاك – پاكىز دەپ قەدىرلەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ كىتابلىرىدا ئۇيغۇر خاقانلىرىنى «كۆل بىلگە قاغان» دەپ سۈپەتلەش تارىخىدىن قارىغاندا، تۆت نەڭلىك تەپەككۇر ئۇيغۇرلار مەدەنىيىتىگە ئىسلامدىن بۇرۇن ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان ئىپتىدائى دىنلار ۋە ماھايانا قاتارلىق دىنلار بىلەن كىرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا ئۇيغۇر ۋە تۈركىي مىللەتلەر ئىسلام دىنىغا كىرىشتىن خېلى بۇرۇنلا ئىنسانلارغا بەخت كەلتۈرىدىغان بىلىم ۋە ئادىل قانۇن توغرىسىدا مۇئەييەن ئىدىيە، پىكىر قاراشلار شەكىللىنىپ بولغانلىق ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇ تارىخ «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ دۇنياغا كېلىشىنىڭ تارىخى مەنبەسىنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ. ئۇيغۇر ۋە تۈركىي مىللەتلەر ئىسلامنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئىسلام دۇنياسىدا روھ يەنى ئىنسانىي بىلىم يادرولۇق مۇھاكىمە تېمىسىغا ئايلانغان ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ «سۇۋ» دېگەن سۆزى بىلەن يۇنان تىلىدىكى «سۇف» دېگەن سۆزنى مەنىداش، ۋەزىنداش دەپ قاراپ، روھ يەنى ئىنسانىي بىلىم، ئادىل قانۇن، ئەقىل پاراسەت، دېگەن مەنە بېرىدۇ دەپ بايان قىلىنغان.

ئۈچىنچى، گىرېك تىلىدىكى «ئەقىل – پاراسەت، ھىكمەت» مەنىلىرىنى بىلدۈرىدىغان «سوفىس» ياكى «سوفىيا» سۆزىدىن كېلىپ چىققان دېگەن قاراشقا ئائىت نەزمىلەر «قۇتادغۇبىلىك» دە تېپىلىدۇ.

ئەسىردىن كىلۇچى ساما قۇشلىرى،

بىرى رايى ھىندى، بىرى قەيسەرى.

جاھان پەيلاسوپى بولمىسا نەڭى

نىچە بولسا سۆزمەن كېكەچتۇر تىلى.

گەر خالىساڭ جەبرۇ مۇقابىلە ئوقۇ،

ئوقلىدىس ئشىكىنى يەتكىدەك ئۇرۇ.

بۇ نەزمىلەر، جاھان پەيلاسوپى نەڭى يەنى كىتابى بولمىسا، ھەر قانچە سۆزمەن ناتىق بولسىمۇ كېكەچكە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئوقۇغان كىتابى ۋە يازغان كىتابى ئالىملارنىڭ ئوغرى – قاراقچى ئالالمايدىغان، گادايلاشمايدىغان كاتتا بايلىقى نەڭىدۇر. كىتاب ئوقۇغانلار ۋە يازغانلار دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە بولىدۇ، جەنۇبتىكى ھىندى، غەربتىكى يۇنان، شەرقتىكى خىتايدىمۇ بولىدۇ، بۇلار خۇددى قۇشلارغا ئوخشاش، ئۆز تىلىدا بىلىم، ئىشقىنى كۈيلەپ سايرايدۇ، دۇنيانى رەڭدارلىققا پۈركەيدۇ، تەپەككۇر قىلىدۇ. ئەگەر خالىساڭ دۇنيانىڭ تىلى «جەبرۇ مۇقابىلە»، يەنى ماتېماتىكىلىق سېلىشتۇرما ئىلىمنى ئۆگەن. پىكىرلىرىنىڭ توغرا خاتالىرىنى بايقايسەن.خالىساڭ يۇنان مەدەنىيىتىدىكى ئوقلىدىسلارنىڭ ئشكىنى قاتتىق قاققىن، ئۇلارنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇ، تەبىئەتنى چۈشەن، تەپەككۇر قىل، تەسەۋۋۇر قىل، تەسەۋۋۇپ قىل. دېمەك گىرېك تىلى، ھىندى تىلى، خىتاي تىلى قاتارلىق تىللارنىڭ ھەممىسىدە رەڭدار تەپەككۇر قىلغانلارنى مۇتەپەككۇر، پەيلاسۇپ، ئۇستاز، ئالىم، ئەقىل – پاراسەتلىك، بىلىملىك دەپ باھا بېرىدۇ.

يۇقىرىدىكى مىڭ يىل بۇرۇن ۋە مىڭ يىل كېيىنكى ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ كىتابلىرى ئىچىدىن «سوپىزم» ئاتالغۇسى توغرىسىدىكى ئوخشاش، تىپىك مەزمۇنلارنى سېلىشتۇرۇپ، چۈشىنىش بىلەن مۇئەييەن ئورتاقلىقنى تاپتۇق. «تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسى» دە بايان قىلىنغان سەككىز خىل قاراشنىڭ ھەممىسى «سۇف» دېگەن سۆزنى دەۋرى قىلىدۇ، ئەقىل – پاراسەت بولمىسا، «سۇف» دېگەن بىر سۆز سەككىز تۈرلۈك شەرھلەنمەيدۇ، «سۇف» دېگەن سۆز ئەقىل – پاراسەت، ھېكمەت، روھ، بىلىم مەنىسىنى بېرىدۇ. يۇنان مەدەنىيىتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بىلەن ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدا مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت پەرقى بولۇپ، يۇنان مەدەنىيىتى، دۇنيا مەدەنىيىتىگە تۈرلۈك پەن ۋە ئاتالغۇلارنى ئىسمى تەرىپلىرى بىلەن تۆھپە قىلىپ قوشتى. ئىلىم – پەن قائىدىسى بويىچە ئېيتقاندا، بىر پەن ۋە ياكى بىر ئاتالغۇنى قوللانغان ئىكەنمىز، ئۇنىڭ ئەقلى مۈلۈك ھوقۇقى تۇنجى كەشپىياتچىلارغا مەنسۈپ بولىدۇ. ئۇ ھالدا «سۇف» گىرېكچە، ئۇيغۇر- تۈرىكچە ۋە ئەرەبچە ئەقىل – پاراسەت مەنىسىنى بېرىدىغان سۆزلۈك بولۇپ، بۇ يولنى تۇتقانلار، ۋاستىچىلار، ۋەزىرلەر، سۇلۇق يەر، ئىلىمى دەريا، ئىلىمى دېڭىز، سوپىزىملار، تەسەۋۋۇپچىلار، ئەقىللىقلار، پاراسەتلىكلەر، مۇتەپپەككۇرلار، پەيلاسوپلار، قانۇنچىلار، ئالىملار، زاھىتلار، ھۆكۈمالار، ھېكىملەر، يېڭىلىقچىلار دەپ سۈپەتلىنىدۇ. شۇڭا «قۇتادغۇبىلىك» تە ۋەزىرچە پىكىر ئېقىمى دەپ سۈپەتلەنگەن ئىدى. بۇ پىكىر ئېقىمى ئىنسانلار دۇنياسىدىكى ئەڭ ئىلغار، يېڭىلىقچى پىكىر ئېقىمى بولۇپ ئەركەك ئىلىمنى چىشى بىلىمىگە ئايلاندۇرۇپ، بارلىق پەن – تېخنىكلارنىڭ بارلىققا كېلىشى، ئىنسانلار مەدەنىيلىك تارىخىنىڭ چاقىنى ئالغا سۈرىدىغان ئىلىم پەننىڭ شەكللىنىشىگە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، پىشاڭ بولدى. بۇ پىكىر ئېقىمىنىڭ ئۈچ خىل ھالقىلىق ئالاھىدىلىكى بولىدۇ.

1.بىلىم ئالاھىدىلىكى: باشتىن ئاخىر بىر مەنبەلىك دۇنيا قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمران تەبىقىلەر ئوتتۇرىغا قويغان «ئىنساننىڭ ئىرادە ئەركىنلىكى بولمايدۇ» دەيدىغان سەپسەتىگە قارىتا، ئوخشاش بولمىغان پىكىر – قاراش بولغان ئىنساننىڭ پىكىر ئەركىنلىكى بولىدۇ، ئەركەك ئىلىم ئىنسانىيەت تەرىپىدىن چىشى بىلىمگە ئايلىنىدۇ، قۇياش ۋە ئاي بۇلارنىڭ تەمسىلى بولىدۇ، شەيئىلەردىن قازغان بىلىم- روھ ئاتىلىدۇ، روھ – قانۇن دەپ، روھ ۋە قانۇن ھەققىدە ئىزدەندى، تەتقىق قىلدى. ئۇلار بارلىق پەنلەرنىڭ شەكىللىنىشىگە ئۇل سالدى، ئىلىم پەنلەرنى بىر – بىرىگە ئۇلاپ، يېڭىلاپ، بېيىتتى، بۈگۈنكىدەك ئاسمانغا چىقىدىغان پەن – تېخنىكا ۋە كەشپىياتلارغا ئاساس ياراتتى.

2.تەسەۋۋۇپ ئالاھىدىلىكى: ئىزچىل تۈردە ھۆكۈمران تەبىقىلەر پىكىر ئېقىمى ئوتتۇرىغا قويغان روھ بىلەن ماددىنى ئايرىۋېتىپ، روھنى تەكىتلەپ ماددىغا سەل قارايدىغان، ماددىنى تەكىتلەپ روھقا سەل قارايدىغان ۋە تۆت نەڭلىك تەپەككۇر تەبىئەتنى «سىرلىقلاشتۇردى» دېگەن سەپسەتىسىگە قارىتا ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇلدا تەبىئەتنى، ھاۋا، ئوت، سۇ ۋە تۇپراقتىن ئىبارەت تۆت نەڭ بىلەن تەسەۋۋۇپ، تەپەككۇر، تەسەۋۋۇر قىلدى. روھ بىلەن ماددا بىرلەشكەن ھالەتتە بولىدۇ، دەپ، ماددا بىلەن ئاڭنىڭ قان بىلەن گۆشتەك بىر پۈتۈن گەۋدە ئىكەنلىكىنى، بۇ ئىككىسى ئايرىۋىتىلسە دۇئالىزىم يەنى ئىككى مەنبەلىك دۇنيا قارىشى شەكىللىنىپ ئەقىدە ۋە ئەخلاققا تەسىر يېتىدىغانلىقىنى يىشىپ، چۈشەندۈردى.

3. ئەخلاق ئالاھىدىلىكى: باشتىن ئاخىر ھۆكۈمران تەبىقىلەر دىننى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىپ ياساپ چىققان ئىزىم-لىزىم، مەزھەپ-گۇرۇھ بىلەن تەبىئەتتىكى شەيئىلەر، جۈملىدىن ئالىم ۋە تەپەككۇرلارنى ئاداۋەتلەشتۈرۈپ، ھوقۇق تۇتۇشتەك ناچار خاھىشقا قارىتا ئوخشاش بولمىغان ئىلىم-پەنلەرنىڭ جىنىس، قوۋم، مىللەت ئايرىمايدىغان تۈپ پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن بىلەن ئەلنى ئىدارە قىلىش، ئىلىم-پەننى سۆيۈش، ئىنسانىيەتنى سۆيۈش، تەبىئەتنى سۆيۈشتەك گۈزەل ئەخلاقنى تىكلەشنى تەشەببۇس قىلدى ۋە مېھرى- شەپقەت، مۇھەببەت پەلسەپىسىنى تەرغىپ قىلدى، ئۇل سالدى بېيىتتى.

يۇنان مەدەنىيىتى بوستانلىقى بۇرۇن ئۆتكەن ئەينى دەۋردىكى ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيىتىنى يەكۈنلەپ جەۋھەرلەشتۈردى. ئىنسانلار مەدەنىيىتى مەسلىكى يەنى گۇمانىزىمنى تەرغىپ قىلدى، مائارىپنى ئىسلاھ قىلدى، ئۇ يەردە «بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە بەس – بەستە سايراش» يولغا قويۇلدى. نۇرغۇن ھەر قايسى پەن پىشۋالىرى، ئۇستازلىرى، ئالىملار قوشۇنى يېتىشىپ چىقتى، ئەركەك ئىلىمنى چىشى ئىلىمغا ئايلاندۇرۇش ھەرىكىتىدە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى، ئىلىم-پەنلەرگە ئاساس سېلىندى، كەشپىياتلار مەيدانغا كەلدى.
سوقرات(مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 469-399) مېتافىزىك پەيلاسوپ، سوقراتچە سۆزلەشسە(دىئالوگ) كەشىپ قىلدى. ئۇ «ئۆزىنى بىلىش ئىنساننىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك بۇرچى، ھەقىقەت ئۆزىنىڭ ئوبيېكتىپ ئۆلچىمىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. ئەخلاق بىلىم دېمەكتۇر، بىلىملىك بولغاندا ئەخلاقلىق بولغىلى بولىدۇ، روھ ئۆلمەيدۇ، تەكرار ئايلىنىپ تۇرىدۇ» دېگەن. شۇنداقلا «ئادالەت، باتۇرلۇق، ئەخلاق، ئۆزىنى بىلىش، چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىك قاتارلىق مەسىلىلەردە مۇنازىرە قىلىشقان.» ھۆكۈمرانلار سوقراتنى سوپسىت، دىنسىز دەپ ئەيىبلەپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان.

ئەپلاتۇن(مىلادىيىدىن ئىلگىركى 427-347) مېتافىزىك پەيلاسوپ، سوقراتنىڭ شاگىرتى، «جۇمھۇرىيەت»، «ئاقىل ھەققىدە»، «قانۇن ھەققىدە» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان. ئارىستوتېل(مىلادىيىدىن ئىلگىركى 384-322)، مېتفىزىك پەيلاسوپ، «ئەپلاتون بىلىم يۇرتى» غا كىرىپ 20 يىل ئۆگەنگەن ۋە تەتقىق قىلغان. پەلسەپە، فورمال لوگىكا، زوئولوگىيە، ئاسترونومىيە، فىزىكا، ئېتىكا، پولىتكا، ئەدەبىيات، تەمسىللەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالدىنقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يەكۈنلەپ ۋە قوبۇل قىلىپ، قەدىمى زامان ئۇلۇغ تەتقىقات سىستېمىسىنى ياراتقان، 100 خىلدىن ئارتۇق ئەسەر يازغان. ئارىستوتېل ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ ئۇستازى بولۇپ، ئۇ ئافېناغا كېلىپ، «بىلىم يۇرتى» ئېچىپ، شاگىرت تەربىيىلىگەن، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن «بىلىم يۇرتى» نى خىراجەت بىلەن تەمىنلىگەن. ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆكتىچى ھۆكۈمرانلار ئارىستوتېلنى «خۇداغا تىل تەككۈزۈش جىنايىتى» ئۆتكۈزدى دەپ ئەيىبلەپ تۇتماقچى بولغاندا، ئانىسىنىڭ يۇرتىغا كېتىپ، ئىككىنچى يىلى كېسەللىكتىن ۋاپات بولغان.
ھىپپۇگرات(تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگىركى 460-375) تېبابەت ئالىمى، «تېبابەتنىڭ ئاتىسى» دەپ نام ئالغان. تېبابەتكە ئائىت 60 نەچچە خىل ئەسەر يازغان. تېببىي ئەخلاق «ھېپپوگرات قەسەمنامىسى» نى يېزىپ بەرگەن. تۆت نەڭنى تېبابەتتە قوللىنىپ، «بەدەن سۇيۇڭلۇقى پاتالوگىيىسى تەلىماتى»نى ئوتتۇرىغا قويغان. «ئادەم بەدىنى قان، خىلىت، سېرىق ۋە قارا سەۋدادىن ئىبارەت تۆت خىل خىلىتتىن تەركىب تاپىدۇ، تۆت خىلىتتا تەڭپۇڭلۇق بولسا تەن ساغلام بولىدۇ، تەڭپۇڭسىزلىق يۈز بەرسە كېسەل بولىدۇ» دەپ دەرىسلىك تۈزگەن.

ئېمپېدوكىل (تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگىرى 493-433) مېتافىزىك پەيلاسوپى بولۇپ، ئۇ، «كائىناتنىڭ ئاساسىي ئېلېمېنتى تۆت؛ ئوت، سۇ، تۇپراق، ھاۋا؛ ئۇلار كائىناتنىڭ مەنبەسى،.. گويا ھەممە نەرسە جانلىقتەك، ئۆسۈملۈك، ھايۋانات ۋە ئادەمنىڭ ھەممىسىدە روھ باردەك كۆرۈنىدۇ، ئۇنىڭدىمۇ روھ تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ» دەيدىغان ئىدىيىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

دېموگرت (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىركى 460-370) يۇنان پەيلاسوپى بولۇپ، پەلسەپە، ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، بىئولوگىيە، ئېتىكا، مۇزىكا ۋە شېئىر قاتارلىق كۆپ خىل پەنلەرنى ئۆگەنگەن، تەتقىق قىلغان. ئۇ «ئاتوم ۋە بوشلۇق- ئالەمنىڭ مەنبەسى، ئاتوم كۆرگىلى، ئاجراتقىلى بولمايدىغان ئەڭ كىچىك ماددىي ۋە زەررىدىن ئىبارەت…سان – ساناقسىز ئاتوملار چەكسىز بوشلۇقتا توختىماي ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدۇ، جىسىمنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ئاتومنىڭ تۈرلۈك شەكىلدە بىرلەشكەنلىكىدىن بولغان، بىرلەشمە ۋۇجۇتقا كېلىدۇ، ئاجرىسا يوقىلىدۇ، روھمۇ ئاتومدىن تۈزۈلگەن، بىراق ئۇ ئەڭ نازۇك، ئەڭ زىرەك، ئەڭ سىلىق ئاتوم. ھايات روھى ئاتومنى توختىماي قوبۇل قىلىش ئارقىلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئۆلگەن چاغدا روھى ئاتوم تارقىلىدۇ» دېگەن. 50 نەچچە خىل ئەسەر يازغان.

ئېۋكىلىد(مىلادىيىدىن ئىلگىركى 330- 275) قەدىمكى يۇنان ماتېماتىكى، ئاسترونومىيە، ئوپتىكا، مۇزىكىنىمۇ تەتقىق قىلغان. ئەۋلادتىن ئەۋلادقا تارقىلىپ كەلگەن ۋە كېيىنكىلەرگە زور تەسىر كۆرسەتكەن ئەسىرى «گېئومېتىريە ئاساسلىرى» (13)توم بولۇپ دۇنيا بويىچە ئەڭ دەسلەپكى ئاكسىيۇمىلاشتۇرۇلغان مەشھۇر ماتېماتىكا ئەسىرنى يېزىپ مىراس قالدۇرغان.
ئارخىمېد (مىلادىيىدىن ئىلگىرى تەخمىنەن 287- 212) يۇناننىڭ ماتېماتىكا، فىزىكا، ئاسترونومىيە ئالىمى، ئۇنىڭ تالانتى ۋە كەشپىياتلىرى بېشىغا بالا بولۇپ، ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا قەدىمىي يۇنان مەدەنىيىتىدە ھەر قايسى پەن-تېخنىكلارنىڭ ئاتىسى، پېشۋاسى، پەنلەرنىڭ ئىسمى، ئاتالغۇ، نەزەرىيە، فورمۇلا، تەرىپى، ۋەھاكازالار دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، بۇلارنى ھازىرغىچە قوللىنىۋاتىمەن. شۇڭلاشقا يۇنان مەدەنىيىتى ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى سۈپىتىدە ھەر قايسى پەنلەر ۋە پاراسەتلىك سوپىزمچىلارنى تۇغدۇرۇپ، يېتىشتۈرۈپ، ھەر قايسى پەنلەرنىڭ پېشۋاسى، ئاتىسى، ئۇستازى قىلىپ بەردى. بۇ كىشىلەرنىڭ دانا سۆزلىرى ئىچىدىكى روھ، تۆت نەڭ، زەررە، جانلىقلار تېنىدىكى روھ دېگەن سۆزلەر ساماۋى كىتابلاردا روشەن يېزىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇ مەدەنىيەت ئەركەك ئىلىمنى چىشى ئىلىمغا ئايلاندۇرۇشتا ئۆچمەس تۆپىلەرنى قوشقان قەدىمىي ئىنسانىي مەدەنىيەتتۇر. شۇڭا ئىسلامىيەتنىڭ مۇقەددەس كىتابىدا يۇنان مەدەنىيىتىنىڭ مېۋىسى يەنى ھاسىلاتى بولغان ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ تىلغا ئېلىنىشى دىققەت ئىتىبارىمىزنى قوزغايدۇ.
يۇنان مەدەنىيىتىدىن تەخمىنەن مىڭ يىللاردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، مۇقەددەس كىتابنىڭ نازىل قىلىنىشى بىلەن بارلىققا كەلگەن ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام مەدەنىيىتى ئۈچ قىتئەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسلام ئائىلىسىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئورتاق قۇرۇپ چىققان ، مەدەنىيەت بولۇپ ، ئىسلامىيەتنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭىپ كېڭىيىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام مەدەنىيىتى كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ قالغان يۇنان مەدەنىيىتىنى تىرىلدۈرۈپ ئۇنىڭغا كۈچ قۇۋۋەت ئاتا قىلدى، شەرقتە خىتاي جۈملىدىن ئۇيغۇر- تۈرك، پارىس، مىسىر، رىم، ھىندى مەدەنىيەتلىرىنى ئىسلامىيەت بىلەن يۇغۇرۇپ، بىر مەنبە، كۆپ قىرلىق پەن-تېخنىكا، رەڭدار كەشپىياتلار بىلەن بېزەلگەن ئۆزگىچە ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام مەدەنىيىتىنى ياراتتى. «ئېچىلىپ كەڭتاشا سۆزلەش، يېيىلىپ بەس مۇنازىرە قىلىش»، «تۈمەن رەڭ چېچەكلەر ئېچىلدى كۈلۈپ، ئىپار، كافۇر، ھىدىغا دۇنيا تولۇپ» دەيدىغان چاقىرىقلارنىڭ ئىلھامى بىلەن، تەپەككۇر ئەركىنلىكى قانات يېيىپ، ھەممە ئادەم ئىلىم-پەنگە قىزىقىش، يېڭىچە مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىش، دۇنيا قاراش، ئۆرپ-ئادەت، تۇرمۇش مىزانلىرىنى يېڭىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى. كەڭ شەھەر يېزىلارغا مەسچىت-خانىقالار قۇرۇلدى. ئومۇميۈزلۈك ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىشكە يول ئېچىلدى. باي ۋە قۇل دەپ ئايرىمايدىغان يېڭىچە مائارىپتىن ھەممە كىشى ئورتاق بەھرىمەن بولدى. ئەقىدە پائالىيەتلىرىگە باغلانغان قۇللارنى ئازاد قىلىش ھەرىكىتى ئاز بولمىغان قۇل-چۆرىلەرگە ھۆرلۈك ئېلىپ كەلدى. يۇنان مەدەنىيىتىدىكى «گۇمانىزم يەنى ئىنسانلار مەدەنىيىتى مەسلىكى» ئاتالغۇسى ئىسلام دۇنياسىدا روشەن تىللار بىلەن بىلىم ، قانۇن، روھ دېگەن مەزمۇندا ئاشكارا بەس-مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلاندى. ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەنلەرنى بويلاپ، نۇرغۇن دۇنياۋى ئالىم ۋە بۈيۈك دۇنياۋى ئەسەرلەر، كەشپىياتلار بارلىققا كەلدى. ئىنسانلار بىلىمى، يەنى روھى ھەققىدىكى كىتاب «قۇتادغۇبىلىك» ئوچۇق ئاشكارا يېزىلغان، ئۆزگىچىلىك، تىپىكلىك، قاراتمىلىققا ئىگە كىتاب بولۇپ ، ئۇ تۆت نەڭ تەپەككۇرلىرىنى ئاساس قىلغان ئەركەك ئىلىم ۋە چىش بىلىمنىڭ جىنىس، قوۋم، مىللەت تەۋەلىكى بولمىغان تۈپ ئالاھىدىلىكىنى بايان قىلغان تەسەۋۋۇپچى كىتابتۇر. ئۇنىڭدىكى ئاي، ئىنسانلار بىلىمى ۋە ياكى روھنىڭ ئوبرازى بولۇپ، تولغان ئاي ۋە ياكى ئايتولدى تەمسىلى بىلىمگە توشقان پەيغەمبەرلەر ۋە ياكى ئىنسانلارغا بەخت ئاتا قىلىدىغان بىلىم ۋە ياكى روھقا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

ئورنۇم قوۋۇق، ئىتائەتچى، ئاتىم قۇل،
قىلىقىم ئىبادەت ئەملىم توغرا.

ئېلىگ سىناپ كۆردى بارلىق تۈرلۈكى،
پۈتۈن بوپتۇ ئىلىمى، بىلىمى ۋە ئەقلى.

پەيغەمبەرلەر-ئىنسانلار ئىچىدىن تاللانغان، ئىلىمى، بىلىمى ۋە ئەقلىي پۈتۈن بولغان، ساماۋى كىتابلاردا ئىسمى ئاتالغان ئەركەك ئىلىمنى چىشى بىلىمگە ئايلاندۇشتا ئۈلگە كۆرسەتكەن تولغان ئايلار، سەرخىل كىشىلەردۇر. ئۇلار تۆت تەڭنى ئېغىزى بىلەن بايان قىلغۇچىلار ۋە تەبئىي تۆت نەڭ قىلىشنىڭ نەمۇنلىرىدۇر. ئۇلارنىڭ مىللىتى ئىسلامىيەت بولۇپ، شۇڭا ئىسلامىيەتنىڭ پەيغەمبەرلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ زاتلار ئىنسانلار بىلىمىگە ئۇل سالغۇچىلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ پىكىر ئېقىمى ئايتولدىچە پىكىر ئېقىمى، ۋەزىرچە پىكىر ئېقىمىدۇر.

«ئوڭ، بوي تىل گۈزەل ئوقۇش، ھەم بىلىگ،
ئەقىل، ئەمەل ئون نەڭ تولۇق تەڭ».

ۋەزىرچە پىكىر ئېقىمى بويىچە پىكىر قىلىپ ھاجىپلىق كامالىتىگە يېتىش ئۈچۈن، يۇقىرىدىكى ئون بارماقلىق شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك. ئىنسانىيەتنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن، ئەركەك ئىلىمنى چىشى بىلىمگە ئايلاندۇرغان بارلىق پەيغەمبەرلەر، ئالىملار، ئىجادكارلار، كەشپىياتچىلار، ھاجىپلىق كامالىتىگە يەتكەن كىشىلەر قاتارىغا كېرىدۇ. ئۇلار ئەركەك ئىلىمنى چىشى بىلىمگە ئايلاندۇرۇپ، ئىجادىيەت، كەشپىيات، ئەسەرلىرى بىلەن ئەل ۋە بوغۇن ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ مۇئەللىپى يۈسۈپ خاس ھاجىپ دىۋانى يۇقىرىقى ئون شەرتنى ھازىرلىغان، خاس ھاجىپ يەنى خاس ۋەزىردۇر.

ئۇنىڭ تۆت ھەمراھى ئەزىمەت ئىدى،
ھەر ئىشتا بىللە ھەم كېڭەشچى ئىدى.

قېيىنئاتا ئىككىسى، كۈيئوغۇل ئىككىسى،
خىللانغان كىشى ئىدى بۇ تۆتىسى.

ئابابەكرى، ئۆمەر، ئوسمان، ئەلى قاتارلىق تۆت ساھابە ئىسلامىيەتنىڭ ھىمايە قىلىش، قوغداش ۋە تارقىتىشقا ئەقىل-پاراسەت، جان مېلىنى سەرپ قىلدى، پەيغەمبەر ۋاپاتىدىن كېيىن پەيغەمبەرگە ۋارىسلىق قىلدى. مۇقەددەس كىتابنى رەتلەش، تۈزۈش خىزمىتىنى بەجانىدىل ئورۇنلىدى، ھەدىسلەرنى تارقاتتى، رەتلىدى. پەيغەمبەر قۇرۇپ بەرگەن ئىسلامى «جۇمھۇرىيەت» ئۆرنىكىنىڭ كېڭەش ئۆتكۈزۈش، سايلام تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئىسلام كالېندارى»تۈزۈش، بەش پەرز ۋاقىتلىرى ئۇسۇلى قاتارلىق ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئەركەك ئىلىمنى چىشى بىلىمگە ئايلاندۇرۇپ، ھاجىپلىقنىڭ ئون شەرتىگە تولۇق توشىدىغان ئالىملاردۇر.

«ئوقۇش ھەم بىلىم تەرجىمانى بۇ تىل،
روشەن تىل كىشىنى يورۇتقۇچى بىل.

ئاڭلاتتىم شۇنداق دەرس ئوقۇش تەمسىلى،
قىياس مەنەنى قوشۇپ ئۇنىڭ ئوخشىشى.»

ئەبۇ ھەنىفە (699-767) ئىسلام شەرىئەت ئىلمىنىڭ كەشپىياتچىسى، ئۇ ئىسلام شەرىئەتلىرىنىڭ قۇرئان، ھەدىستە ئوچۇق يېزىلمىغان مەسىلىلىرىنى مەنە، قىياس (تەسەۋۋۇر)، ئىجما(بىرلىككە كەلگەن قاراش) ۋە رايى (كۆپچىلىكنىڭ رايى)دىن ئىبارەت تۆتكە تايىنىپ بىر تەرەپ قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. يەنى بىر دۆلەتتە ئۆز رايونىنىڭ ئوبېيكتىپ رايىغا ئاساسەن قانۇن تۈزسە بولىدۇ دېگەن مەنىنى بېرىدۇ. ئۇ: «ناماز باشلىغاندا ئوقۇلىدىغان ھەمدۇ سانا سۆزلىرىنى پارىسچە (ئوقۇغۇچى ئەرەبچە ئوقۇيالايدىغان تەقدىردىمۇ) ئوقۇشنى، «قۇرئان كەرىم) نى ئەرەبچە ئوقۇشنىڭ ئورنىغا پارىسچە ئوقۇشنى دۇرۇس» دەپ قارىغان.يەنى ھەر قايسى مىللەت ئۆزىنىڭ روشەن تىلىدا ئوقۇپ، ئاڭلىسا، قىياس مەنىسىنى تولۇق چۈشىنىپ بىرلىككە كەلگەن قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويالايدۇ. خەلق ئاممىسىنىڭ رايى ئەكس ئېتىدۇ، دېگەن. ئۇ يەنە يالغان ھەدىسكە رەددىيە بېرىش، «پەقەت يالغانچىغا قارىتىلغان، ھەرگىزمۇ پەيغەمبەرگە ئەمەس» دېگەن. ئالىمنىڭ يۇقىرىقى قاراشلىرى ياۋرۇپا مەدەنىيىتىگە ئەمەلىي تەسىر كۆرسەتتى.

قايدىن كىلۇر تەقدىر؟ قەيەرگە بارار؟
قايدا تۇرۇر تەقدىر؟ قەيەردە يۈرۈر؟

بىلىملىك بىلەمدۇ، دەنا دەر نېمىنى؟

ئەبۇ ھۆزەيىل ئەللاف (753-850) مۇتئەزىلىيەلەرنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى، مۇتئەزىيەلەگ ۋەھىدەت، ئادىللىق، ئەھىدە، ئەيمىنىش، مۆتىدىللىك ۋە ياخشى ئەمەل قاتارلىق بەش ئاساسى پرىنسىپنى تۈزۈپ بەرگەن. «ئىرادە ئاللا بىلەن ماددى دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈك، ئىنسان ئىرادە ئەركىنلىكىگە ئىگە بولۇپ، ئىنسان ئىدراكىنىڭ ياردىمى بىلەن ئاللاھنى، ئۆزىنى تونۇيدۇ، شۇنداقلا ياخشى ۋە ياماننى پەرق ئېتىپ، ياخشىلىققا يۈزلىنىپ يامانلىقتىن خالى بولىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.

«قۇرۇق-ھۆل بىلەن ھەم ئىسسىق سوغۇقنى،
ياراشتۇردى بەردى خەلىققە رىزقىنى.
يېپىق قۇتقا ئىشەنمەي ھەي ئوتۇن.»

ئەل كىندى (801-870) مېتافىزىكل پەيلاسوپ، ماتېماتىكا، لوگىكا، تەبئىي پەنلەرنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن، «پەلسەپە كىشىلەردىن شەيئىلەرنىڭ قىسىمەنلىكىنى ئەمەس، شەيئىلەرنىڭ بارلىق ماھىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇ بارلىق ئىلىملەردىن ئۈستۈن تۇرۇش، ئەڭ ئالىي شەرەپ باش پەلسەپەگە مەنسۈپ» دېگەن. پەلسەپە، ماتېماتىكا، تېبابەتچىلىك، مۇنەججىملىك ۋە مۇزىكا توغرىسىدا قاتارلىق 300 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر يازغان. 70 خىل ئەسىرى لاتىنچە تەرجىمە قىلىنىپ، ياۋرۇپادا «ئەرەب پەيلاسوپى» دەپ نام ئالغان.

«كۆڭۈل تىل ئادىل تۇت تەڭرىگە تېۋىن،
ئۇ دۇنيا ئىشىن قىل غاپىل بولمىغىن.
1356. «مانا ئەمدى ئارتۇق شەپقەتچى بولۇپ،
ۋەسىيەت سۆز پۈتتۈم ئوقۇغىن كۆرۈپ».

بۇ خارى (810-870) ھەدىس توپلىغۇچى بولۇپ، 16 يىل ئىچىدە مىڭدىن ئارتۇق شەيخ ئىماملاردىن ھەدىس توپلاپ ۋە ھەدىسلەرنىڭ راست-يالغانلىرىنى ئايرىپ، «سەيئۇل بۇخارى» نى تۈزۈپ چىققان.

زەكەرىيا رازى (865-925) مېتافىزىك پەيلاسوپ، تېبابەت ئالىمى، ئۇ «ھەرىكەت جىسىمنىڭ ماھىيەتلىك سۈپىتى، بۇ خىل سۈپەت ماھىيەتتە جىسىمغا تەۋە بولىدۇ، ماددا بۆلگىلى بولمايدىغان ئاتومدىن تۈزۈلىدۇ، بۇ ئاتوملارنىڭ زىچلىق دەرىجىسى ياكى ئاتومنى ئايرىپ تۇرغۇچى بوشلۇقنىڭ سخېمىسى، ئوبيېكتنىڭ ئاساسىي ماسسىسى. مەسىلەن، ئېغىر-يېنىكلىكى قاتتىق يۇمشاقلىقى دېگەندەكلەرنى بەلگىلەيدۇ.» دېگەن. 131 پارچە ئەسەر يازغان، ياۋرۇپالىقلار «رازىس» دەپ ئاتىغان.

«ئاي ئورنى ھەم ئۆيى بولۇر مۇنقەلىپ،
ئۆزگىرىپ قالۇر ئويسىز بۇ نەڭ قىلىپ.»
1357. «ئاي بۇرچى، سەھەر- تاڭ بۇرۇچ ئۆزگىرۇر
ئۆيى ئۆزگىرۇر، ھەم ئۆزى چۆرگىلۇر.»

فارابى (870-950) مېتافىزىك پەيلاسوپى بولۇپ، «تۆت چوڭ ئامىل – مىنېرال، ئۆسۈملۈك، ھايۋانات، ئەڭ ئاخىرقىسى ئادەم، بۇ ئامىللار بىرىكىپ ئانچە مۇرەككەپ بولمىغان، بىر – بىرىگە قارىمۇ قارشى خىلمۇ خىل جىسىملار بارلىققا كېلىدۇ، بۇ جىسىملار يەنە ئۆز ئارا بىرىكىپ، تۈرلۈك ئاكتىپ ھەم پاسسىپ ئىقتىدارغا ئىگە بىر قەدەر مۇرەككەپ بولغان بىر تۈردىكى جىسىملار مەيدانغا كېلىدۇ، شۇڭا بۇ ماددىلارنىڭ قارمۇ قارشى بولغان ، خىلمۇ خىل شەكىللىرىنىڭ داۋاملىشىشى تەبىئەت دۇنياسىدىكى پەيدا بولۇش ۋە يوقىلىشنىڭ ئۆزئارا ئالمىشىشىغا سەۋەب بولىدۇ» دېگەن. ئۇ «ھېكمەت گۆھەرلىرى»، «ئىسىلبالىق ئاھالىسى»، «مۇزىكا قامۇسى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان. ياۋرۇپادا «ئاۋېناسېر» يەنى «ئىككىنچى ئۇستاز» دەپ ئۇلۇغلىنىدۇ.

«كېيىن ئېيتتىم ئويغاقمىش ئۆزرە سۆزۈم،
ئۇنى ئاتىدىم ‹ئاقىۋەت› دەپ ئۆزۈم.»
1836. «ئوقۇش ئورنى ئۈستۈن مېڭىدە تۇرۇر.
قىممەتلىكىدىن ئورنى باشتا بولۇر.

ئىبىن سىنا (980-1037) مېتافىزىك پەيلاسوپ، «ئەركەك ئىلىم بىرىنچى پەلسەپە ياكى مۇتلەق ھېكمەت، ماددا ئاتالغۇسى كەڭلىك، ئۇزۇنلۇق، ئېگىزلىككە ئىگە ھەقىقىي گەۋدىدۇر. جىسىم ماددا بىلەن شەكلىدىن تۈزۈلگەن، جىسىم بولسا يۇشۇرۇن ھالەتتىكى، شەكىل بولسا رېئال ھالەتتىكى ئاساسىي گەۋدىدۇر. ماددىنىڭ شەكلى ماددىنىڭ ئىچىدە مۇقىم بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەمەلىي مەۋجۇتلۇق ئاتا قىلىدۇ»، فارابىغا ۋارىسلىق قىلىپ «ئىلىم-پەن ئارقىلىق ئاخىر دۇنيانى تونۇپ يەتكىلى بولىدۇ» دەپ قارىغان. ئۇ «سەرق پەلسەپىسى»، «تېبابەت قانۇنى»، «ئىلىم توغرىسىدا»، «ھىدايەت ۋە تەپسىر كىتابى» قاتارلىق 276 پارچە ئەسەر ۋە ماقالە يازدى.

ياۋرۇپالىقلار «ئاۋىسېننا-تېبابەت شاھى» دەپ نام بەرگەن.

«ئوقۇش ھەم بىلىك تەرجىمانى بۇ تىل،
روشەن تىل كىشىنى يورۇتقۇچى بىل.»
161. «ئوقۇش بىلەن ئىشلە جىمىسى قۇتلۇق،
بىلىگ بىلەن بېكىت كەلگۈ زامانلىق،»

مەھمۇت كاشىغەرى (1008-) ئويغۇر ئىسلام ئالىمى، تىلشۇناس، لۇغەتشۇناس، «دىۋانو لۇغەتىت تۈرۈك» نى يېزىپ چىققان.

«كىتاب نامى قويدۇم قۇتادغۇبىلىگ
قۇتاتسۇن ئوقۇغۇچىغا تۇتسۇن ئېلىگ
979. «ئەي ئېلىگ سورىماقلىق بۇ ئەركەك ئىلىم،
يېتىشسە جاۋابى-بۇ چىشى بىلىم.»

يۈسۈپ خاس ھاجىپ (تەخمىنەن 1012) مېتافىزىكا پەيلاسوپى، «قۇتادغۇبىلىك» ماۋزۇلۇق پەلسەپىۋى ئەسەرنى يېزىپ، 11`- ئەسىردىكى شەرق ئىسلام پەلسەپىسىنى شەرھلەپ بەرگەن. شەرق ئىسلام پەلسەپىسىنىڭ ئاساسلىق كۆز قاراشلىرى: «ئىلاھشۇناسلىق ھەققىدە؛ ئاللا باردۇر، بىردۇر، مەخلۇقاتلار، جۈملىدىن مەنىۋى ۋە ماددىنى ياراتقۇچىدۇر. 2. بىلىم ھەققىدە؛ بىلىم ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. ئەركەك ئىلىم ھەق، ئادالەت، تارازا (ئۆلچەم) دەپ ئاتىلىدۇ. چىشى ئىلىم روھ، بىلىم، قانۇن، ئەقىل دەپ ئاتىلىدۇ. 3. ئىنسان ۋە ئەقىل ھەققىدە؛ ئىنسان ئەسلىدىن بۇيان يارىتىلغان، بىلىم ئېلىپ ئەقىللىنىپ، بىلىملىك، ئەقىللىق ، ئەخلاقلىق بولىدۇ. 4. تۆت نەڭ ھەققىدە: تۆت نەڭ كىشىلەرنىڭ تەبىئەتنى تەپەككۇر، تەسەۋۋۇر، تەسەۋۋۇپ قىلىشتىكى ئاساسىي نەڭلەر بولىدۇ. 5. ئىرادە، تەقدىر ھەققىدە: ئىسلامىيەتنىڭ بەرگەنلىكى ئىرادە تەقدىرنى قولىغا بەرگەنلىك بولىدۇ دېگەنلەردىن ئىبارەتتۇر. ئەسەردە يەنە تۆت نەڭدىن پايدىلىنىپ، فورمال تەمسىل (ئىستىلىستىكا) ئىلىمى، فورمال (لوگىكا) مەنتىقە ئىلىمى، فورمال دەلىللەش (دىئالېكتىكا) ئىلىملىرىنى كەشىپ قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا ئەسەردىكى تېبابەت، ماتېماتىكا، خىمىيە، فىزىكا، ئاسترونومىيە، ئاسترولوگىيە، ئەدەبىيات، تەنتەربىيە، ئەسكىرىي قانۇن، قانۇنچىلىق، دۆلەت مەمۇرلىرى، جەمئىيەت ئەزالىرى ھەققىدە بىلىملەردىن ئالىمنىڭ ئوقۇغان پەنلىرى ۋە ئەمەلىيەتكە پىشقان ئالىملىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

بىزنىڭ ئىزدىنىشىمىز پەقەت «قۇتادغۇبىلىك» توغرىسىدا بولغىنى ئۈچۈن، كىتابتا بىۋاستە ۋە ۋاسىتىلىك تىلغا ئېلىنغان مەشھۇر ئالىملارنى تىزىپ چىقتۇق ۋە ئالىمىمىز بىلەن توختالدۇق.ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام مەدەنىيىتىدىكى مېتافىزىك پەيلاسوپلار ۋە ھەر قايسى پەن ئالىملىرى سۈپىتىدىكى كەشپىياتلار بىزدە ئالىمىمىز بىلەن توختاپ قالمىغان، بەلكى بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار ھەر قايسى دەۋر ۋە زاماندا، ئۆز زامانىغا مۇناسىپ، ئۆتمۈشتىكى تەپەككۇرلاردىن تەنقىدىي پايدىلىنىش، شاكىلىنى تاشلىۋېتىپ مېغىزىنى ئېلىش پرىنسىپىنى قوللىنىپ، كىشىلەرنىڭ تەپەككۇر قاراشلىرىنى ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلاپ كەلدى. پەن-تېخنىكىنىڭ دەۋر ۋە زامان بىلەن يېڭىلىنىپ تۇرۇش قانۇنىيىتى ئىنسانلار بىلىملىرىنىڭ يېڭىلىنىشى بولۇپ، ئالدى بىلەن تەپەككۇرلىرىمىزنى دەۋر بى؛لەن يېڭىلاشقا توغرا كېلىدۇ، ئۆتمۈشتىكى ياكى ئالدىنقى دەۋردىكى ھەقىقەتكە ئۇيغۇن بولمىغان تەپەككۇرلار، بىر مەھەل توغرىدەك بىلىنىپ، شۇ دەۋردىكى رېئال ئەھمىيەتكە ئۇدۇل كېلىپ نەتىجە قازانسىمۇ، ئىلىم-پەننىڭ تۈپ قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىك ۋەجىدىن ھامان زاماندىن قالىدۇ. مېتافىزىكىلىق پىكىر ئېقىمى، ئىسلامىيەت بىلەن تەبىئەت، ئىنسان بىلەن بىلىم، دەۋر بىلەن تەرەققىياتنىڭ بىر-بىرىگە باغلىنىشى، شەرتى، تەقەززاسىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن بولۇپ، ئوڭ تەرىپىدە ئىسلامىيەت، سول تەرىپىدە تەبىئەتنى قويۇپ ئىزدىنىدۇ، تەسەۋۋۇپ قىلىدۇ. بۇ پەن بۈگۈنكى ياۋرۇپالىقلار ئىزدەۋاتقان پەندۇر. ھەر قايسى پەن-تېخنىكا مېتافىزىك ئالىملار تەسەۋۋۇپىدىكى رېئاللىق ۋە ئىسپاتتۇر.

200 يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلغان «ئەھلىسسەلپ» ئۇرۇشى، ياۋرۇپالىقلار بىلەن ئاسىيالىقلارنى ئۇچراشتۇردى. ياۋرۇپالىقلارغا ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشۇش، ئۆگىنىش، قوبۇل قىلىش، ئويغىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. كۆپىنچە مائارىپ ئىسلاھ قىلىنىپ، يېڭىچە (جەدىتچىلىك) مائارىپى يولغا قويۇلدى، مۇقەددەس كىتابلار ۋە كلاسسىك ئەسەرلەر ھەر قايسى تىللارغا تەرجىمە قىلىندى. ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام مەدەنىيىتىدە دۇنياغا كەلگەن ئەسەرلەر ياۋرۇپا دەرىسخانىلىرىغا كىردى. ئىنسان مەدەنىيىتى مەسلىكىنىڭ يولى راۋانلاشتى. مەدەنىيەت گۈللىنىش ھەرىكىتى قوزغىلىپ، تەرەققىياتتىن ئىبارەت داغدام يولدا ئالغا قاراپ ئىلگىرلىدى. كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى يېتەكلەيدىغان نۇرغۇن پەيلاسوپلار، ئالىملار يېتىشىپ چىقتى. تەبىئەتتىكى روھ، يەنى بىلىم بىلەن ئۆلچەملىك، چىرايلىق بىنا قىلىنغان مەخلۇقاتلار جۈملىدىن ئۆسۈملۈك، ھايۋان، ئادەم تېنىدىكى روھلار قېزىپ چىقىرىلدى، نۇرغۇن كەشپىياتلار بارلىققا كەلدى. پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن دېگەندەك ۋاستىچى كەشپىياتلارنى كەشىپ قىلدى. تۆۋەندە مېتافىزىكا ئالىملىرىنىڭ ئەركەك ئىلىم ۋە چىشى بىلىم ئىدىيە پىكىر قاراشلىرىنى دەلىللىگەن بۈيۈك كەشپىياتلار ۋە ئۇلارنىڭ ئالىملىرىنىڭ بىر قىسىمىنى تىلغا ئالىمىز.

لېئوۋېنخوك (1632-1723) بۇ ئالىمدىن بىر ئەۋلاد بۇرۇنقى كىشىلەر مىكىروسكوپنى كەشىپ قىلغان بولسىمۇ، ئۇنى ئىشلەتمەي ئۆز قولى بىلەن فوكۇس ئارىلىقى تېخىمۇ قىسقا لىنزا ياساپ چىقىپ، مىكرپسكوپنى يېڭىلىغان. مۇ مىكروسكوپ بىلەن ئادەمنىڭ چېچى، يامغۇر سۈيى، قۇرت-قوڭغۇز، مۇسكۇل تالالىرى، تېرە، قۇدۇق سۈيى، ساھلىق، شۆلگەي، ئۈچەري يولى قاتارلىقلاردىن مىكرو جانلىقلار، يەنى مىكروسكوپ ئاستىدىكى4-دۇنيانى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ئىنسانلار مەدەنىيەت تارىخىدىكى بۈيۈك بايقاش قاتارىغا كىرىدۇ.

ۋات (1736-1819) پار ماشىنىسىنى كەشىپ قىلغان ۋە ئۇنى يۈرۈشلەشتۈرگەن كەشپىياتچى، سانائەت ئىنقىلابىنىڭ ئاساسچىسى دېيىلىدۇ. پار ماشىنىسى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلدى. سانائەت ئىنقىلابى ئىنسانلار نۇرىنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ئۈچۈن پارلاق يول ئاچقانلىقى ئىنسانلار بىلىمنىڭ تېخنىكىغا ئۆزگەرگەنلىكى بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ يىرىك، نازۇك ۋاستىچىلەرنى ياساش دەۋرىگە كۆچكەنلىكىدىن دېرەك بىرىدۇ.

داگۇ ئېر (1787-1851) ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان قۇياش نۇرىدىن پايدىلىنىپ سۈرەت تارتىش ئۇسۇلىنىڭ كەشپىياتچىسىدۇر.

ئوتتۇ (1832-1891) دۇنيا بويىچە تۇنجى ئىچىدىن يانىدىغان دىۋگاتېل لايىھلىگۈچى ۋە ياسىغۇچى. ئاپتوموبىل سانائىتى ئۈچۈن تۆھپە ياراتقۇچىدۇر.
مېندېلېيىۋ (1834-1907) تەبئىي پەنلەرنىڭ تۈپ قانۇنى، خېمىيىلىك «ئېلېمېنىتلار دەۋرىيلىك جەدۋىلى» نى تۈزۈپ چىققان. ئاتومدىن تۈزۈلگەن خىمىيىلىك نەڭلەرنىڭ يەتتە دەۋر. يەتتە قەۋەتتىن قۇرۇلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان، ئەسەرلىرى 400 خىلدىن ئاشىدۇ.ئەسىرىمىزنىڭ مۇشۇ قۇرىدا 100 دىن ئاشقان ئېلېمېنتلارنى بايقىغان، بايقاۋاتقان، كەسىپ قىلغان، قىلىۋاتقان بارلىق ئالىملىرىمىز تىلغا ئىلىنىدۇ.

رېنتگېن (1845-1923) رېنتگېن نۇرىنى كەشىپ قىلغان.

ئېدىسون (1847-1931) تېلېگرامما، پاتىفۇن قاتارلىق مىڭ خىلدىن ئارتۇق كەشپىياتلارنى كەشىپ قىلىپ، فوتو ئاپپارات، كىنوچىلىق، تېلېۋىزوردىن تارتىپ كىرئالغۇغا قەدەر ئائىلە سايمانلىرى ئۆز ئىچىگە ئالغان سانائەتكە تۆھپە قوشقان.

بېل (1847-1922) تېلېفوننى كەشىپ قىلغان.
ماركونى (1874-1937) رادىئونى كەشىپ قىلغان.
فېمىڭ (1881-1955) دورا پېنىتسىلىننى كەشىپ قىلغان.

يۇقىرىدا ئىسمى يېزىلغان ۋە يېزىلمىغان ئالىملارنىڭ ھەممىسى چىشى بىلىمنى قېزىش، رەتلەش، يېڭىلاش، سىستېمىلاشتۇرۇش، تەرەققىيات ياساش جەھەتتە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى. ئۇلار تۇپراق ئىلمى دېگەن نېمە؟ ۋاستىچى دېگەن نېمە؟ روھ دېگەن نېمە؟ ماددا دېگەن نېمە؟ روھمۇ ياكى ماددىمۇ؟ دېگەن سۇئاللارغا ئەمەلىي جاۋاپ بەرگەن كىشىلەردۇر.

روھ يەنى بىلىم ھەققىدىكى تەپەككۇر ئىسلامىيەتنىڭ كىشىلەرنى ئىسلامىيەتكە يۈزلەندۈرۈشىدىكى بىر خىل تەدبىرى ۋە ئۇسۇلىغا كىرىدۇ. ئەلمىساقتىن تارتىپ ئىنسانلارنىڭ روھ ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرى، يېزىقسىز مەدەنىيەت دەۋرىدىن تارتىپ ئوتتۇرىغا چىققان يادرولۇق تېما بولۇپ، ئېغىز مەدەنىيىتىدىكى ئېغىزدىن چىققان سۆز روھ دەپ تەرىپلەنگەن. ئۇلار تەڭرى ئىنسان، تەبىئەتنىڭ باغلىنىش مۇناسىۋىتىنى پەلسەپىۋى ئۇسلۇب تۆت نەڭ ئاساسىدا ئىزدەندى. تەتقىق قىلدى، ئۈچ قىتئەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام مەدەنىيىتىدە بىلىم ياكى روھ يەنى جان، بىر خىل فۇنكىسىيە (ئىقتىدار) دەپ قارىدى. روھ بىر خىل ئاددىي ماھىيەت، روھ مەلۇم تىرىك ماھىيەتنىڭ شەكىلسىز شەكلى يەنى سۈرىتى ياكى تۈرى، شۇنداقلا روھنى كۆرگىلى، تۇتقىلى، سەزگىلى بولمايدىغان بىر خىل شەكىلسىز ماھىيەتتۇر، روھ يالغۇز ئەمەس، ماددا بىلەن بىرلەشكەن شەكىلدە يارىتىلدى دەپ قارايتتى. مېستىنىزىمىچىلار، ئىنسان«يارالمىش» سۈپىتىدە «ھەق ئاساسىدا يارىتىلدى»، «روھ بىلەن چىرايلىق قىلىپ ياراتقان» دېگەن ئايەتلەرنى پەلسەپىۋى تىل بىلەن يارالمىشلارغا نۇرنىڭ سىرغىپ چىقىشى، يەنى نۇرلىنىش دەپ سۈپەتلەنگەن. ئىنسان، نۇر بىلەن يارىتىلغان زېمىندا ياشايدۇ. بۇ نۇردۇم، ئىنسانغا «نۇرى ئىسلام» يولىنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇ يول نۇر بىلەن نۇرنىڭ قوشۇلۇش يولى، ئىشىق يولى، ئانىسىغا مەست بولۇش يولى، ۋىسال يولى، جۇلالىنىش يولى دەپ سۈپەتلەيدۇ. «ھەممە نەرسە ئاللاھقا قايتىدۇ،» بۇ چاغدا جۇلالىنىش، ۋىسالىغا يېتىش، ئانىسىغا يېتىش، ئاشىق-مەشىقنىڭ مۇرادىغا يېتىشى، نۇر بىلەن نۇرنىڭ قوشۇلۇشى، دەپ سۈپەتلەنگەن. بۇ سۈپەتلەرنىڭ بىر جۈملىگە يەكۈنلەپ، نۇرلىنىش يەنى سىرغىپ چىقىش دەپ ئىسىم قويغان. سىرغىپ چىقىش تەلىماتى ئىسلامىيەت ئەقىدە ئەھكاملىرىنىڭ خەلق تىلى ۋە رېئال تۇرمۇشتا ئەكس ئېتىشى بولۇپ، ئۇ ئىسلامىيەتنىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشىغا ماس كېلىدىغان ئاممىباب، ئاددى پىكىر چۈشەنچىلەر بىلەن سىڭدۈرۈپ، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى بېيىتىش، يېڭىلاشتا چوڭ رول ئوينىدى. ئىنسان كائىناتقا نىسبەتەن تېرىق چامىسىدا كېلىدىغان زېمىندا ياشاۋاتقانلىقىنى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بىلىمى چەكلىك بولىدۇ. ئۆزىگە مۇناسىپ تەپەككۇر، تەسەۋۋۇر، تەسەۋۋۇپ قىلىدۇ. ئەلمىساقتىن تارتىپ، كىشىلەر تۆت نەڭنى تەپەككۇر قىلىپ كەلدى. ئېلىمىز خىتايدا بۇ تۆت نەڭگە مەدەننى قوشۇپ بەش نەڭ دەپ تېبابەتتە قوللاندى. ئەمەلىيەتتە تۆت نەڭ تېبابەت ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى مەنىۋى ۋە ماددى دۇنيا، تەبىئەتتىكى بارلىق شەيئىلەرنىڭ مەنىۋى ۋە ماددى قۇرۇلمىسىغا سىڭدۈرۈلگەنلىكى سەۋەبلىك مۇقەددەس كىتابلار ئارقىلىق دۇنياغا تارقالغان. پەيلاسوپلار تەبىئەتنى تۆت نەڭلىك تەپەككۇر قىلىپ، تەپەككۇر ئۈلگىسىنى ياراتقان. تۆت نەڭلىك تەپەككۇر ئەقلىيەتچىلىكنىڭ نامايەندىسى بولۇپ، جاھاننىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتلىرىنى يېڭىچە ئىسلامى ئۇسۇلدا سۈرەتلەپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ھۆكۈمران پىكىر ئېقىمىنىڭ كۆڭلىگە ياقمىغان ۋە قاملاشتۇرالمىغان. شۇڭا بۇ پىكىر ئېقىمىنى «مېنستىنىمىچىلار» يەنى سىرلىقلاشتۇرغۇچىلار دەپ سۈپەتلەپ ساغلام بولمىغان جامائەت پىكىرى بىلەن كەمسىتكەن، يەنە بىر جەھەتتىن ئاشۇ «سىرلىقلاشتۇرغۇچىلار» كەڭ يول ئېچىپ، ئاسمانغا چىققان بۈگۈنكى دەۋر بىلەن تەرەققىيات شۇ دەۋردىكى كىشىلەرنىڭ ئاڭ-سەۋىيىسىگە تولىمۇ سىرلىق، يۇقىرى سەۋىيە تۇيۇلىدۇ. شۇڭا سىرلىقلاشتۇرغۇچى دېگەن سۈپەت پەقەت پەيلاسوپلار ۋە ھەر قايسى پەن ئالىملىرىنىڭ ھەر جەھەتتىكى بىلىملىرى ئەقىل-پاراسىتىگە ماس كېلىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئەقىدە ئىشەنچىلىرىنىڭ ھاسىلاتىدۇر. قەدىمىي ئۇيغۇر-تۈركى مىللەتلەر تۆت نەڭلىك تەپەككۇر قىلغان بولۇپ، ئۇلار روھقا سۇۋ دەپ ئوبراز بېرىپ، بىلىم ۋە ئادىل قانۇن دەپ تەرىپ بەرگەن. بىلىملىكلەرنى سۇلۇق يەر، بىلىمى دېڭىز، بىلىمى دەريا، كۆل بىلگە خان دەپ سۈپەتلەپ كەلگەن. بۇنىڭدىن ئۇيغۇر-تۈركى مىللەتلەرنىڭ تۆت نەڭلىك تەپەككۇر قارىشى، بىلىم قارىشى، ئادىل قانۇن قارىشى، ئىنسانىي ئەخلاق قارىشىدا تەكرار يېڭىلىنىش ۋە مۇئەييەن قاراشلار شەكىللىنىپ بولغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇيغۇرلار ئىسلامىيەتكە كىرگەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ئىسلامىيەتنىڭ ئەستايىدىل ئىنچىكە ئۆگىنىپ چۈشىنىپ ئەمەلىي تۇرمۇشقا زىچ بىرلەشتۈردى. ئاندىن كونا پىكىر قاراشلىرىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئىسلاملاشتۇردى. ئەگەر ئەستايىدىل، ئىنچىكە، پۇختا ئۆگەنمىگەن بولسا، ئىسلام دۇنياسىنى زىلزىلىگە سالىدىغان، ئىدىيە، پىكىر-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويالمىغان بولاتتى. مەسىلەن، بىلىم-قانۇن، بىلىم-سۇ دېگەن تۈپ ئىدىيە پىكىر قاراشنى ئىسلاملاشتۇرۇپ، ئادىل قانۇننى قۇياشقا ئوبراز قىلدى. ئەركەك ئىلىم، كۈنتوغدى ئېلىگ، شەرق ئىلىمى دەپ نۇر بىلەن سۈپەتلەندى. ئىنسانلارنىڭ بىلىمنى ئايغا ئوبراز(تەمسىل) قىلىپ، چىشى بىلىم، ۋەزىرچە تەپەككۇر دەپ ھاۋا بىلەن سۈپەتلەندى. يەنە ئادالەت ۋە ئايتولدىلار ئىنسانلارنىڭ ئەقلىنى ئاچىدۇ، ئەخلاققا يېتەكلەيدۇ، دەپ ئەقىلگە توشقان ئادەم ئۆگدۈلمىش ئوبرازىنى يارىتىپ سۇ بىلەن سۈپەتلىگەن. ئەخلاقلىق ئادەم ئويغاقمىش ئوبرازىنى يارىتىپ تۇپراق بىلەن سۈپەتلىگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ بىلىم قارىشى، ئەقىل قارىشى، ئەخلاق قارىشى شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق، راستچىللىق، مەردلىك، ئەگىتمەسلىك، كۆچۈرمىچىلىك قىلماسلىق، ئۇدۇل سۆزلەش، ئۆزگىچە تەپەككۇر قىلىش پىسخىكىسىدىن كەلگەن. بۇ ئىدىيە، پىكىر-قاراشلارنى فارابى، ئىبىن سىنا، ئەل رازى، نىزامۇل مۈلۇك، مەھمۇد كاشىغەرى قاتارلىق پىشۋالىرىمىز ھەر قايسى ئىسلام مەدەنىيەت مەركەزلىرىگە ئېلىپ بېرىپ، كىتابلارنى يېزىپ، تەشۋىق تەرغىپ قىلدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇت كاشىغەرىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئالىمىمىز گەپنىڭ پوسكاللىسىنى ئېيتىپ «قۇتادغۇبىلىك» ۋە «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» نى ئېلان قىلدى. بۇ ئىدىيە، پىكىر-قاراش ئىسلامىيەتنىڭ تۆت نەڭلىك تەپەككۇر ئۇسۇلى ئارقىلىق شەكىللەنگەن. ئىسلامىيەتنىڭ مەقسىدىنى تۆت پىكىرگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن، ئۇيغۇر تۈركى مىللەتلەرنىڭ ئىسلامىيەت، جۈملىدىن ئىنسانلار مەدەنىيىتىگە قوشقان بۈيۈك ئۆچمەس تۆھپىلىرىنىڭ بىرىدۇر.

يۇقىرىدا «قۇتادغۇبىلىك» كە ئاساسەن تەسەۋۋۇپ پىكىر ئېقىمىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى، سوپىزم ئاتالغۇسى، يۇنان ۋە ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام مەدەنىيىتىدىكى قىسمەن سىرلىقلاشتۇرغۇچىلار، ياۋرۇپا مەدەنىيىتىدىكى بۈيۈك كەشپىياتچىلار كەشپىياتلار، روھ ۋە تۆت نەڭ ھەققىدىكى ئىزدىنىشلەر توغرىسىدا قىسقىچە ئارىيەلەر بېرىپ، سوپىزم ھەققىدە ئاز-تولا يۈزە چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇق. نۆۋەت بويىچە ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام مەدەنىيىتىدىكى مېستىنىزىمچىلارنىڭ قانداق كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، «قۇتادغۇبىلىك» تىكى نەزمىلەرگە ئاساسەن ئۇلارنىڭ ئىدىيە، پىكىر-قاراشلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم تونۇشۇپ چىقىمىز:

«كۆر كۈن ئىلغىماس جىمىنى ئوقۇ دەر،
نۇرى بىر كەبى تاللاپ ئوقۇ دەر.
تورغار كۈن ئېرىغ يا ئېرىغسىز دېمەس،
ئومۇمغا يورۇقلۇق بېرەر كېمەيمەس»

تەسەۋۋۇپچىلار، ئىسلاھاتچىلار، مەدەنىيەتلەرنى ئۆلچەملەشتۈرگۈچىلەردۇر: ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىسلام مېستىنىزىمچىلىرى ئىسلامىيەتنىڭ ئاسمان-زېمىن بىلىملىرىگە باغلاپ چۈشەندۈرۈشنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتتى. ئۇلار ئالەمنى تۆت نەڭ بىلەن تەپەككۇر قىلىپ، قۇياشنى ئىسلامىيەت يەنى ئەركەك ئىلىمنىڭ ئوبرازى دەپ بېكىتتى. قۇياش بىر، ئىسلام بىر، ئالەم بىر، ئۇلار مۇتلەق ماكان ۋە زاماندا تۇرىدۇ دەپ قۇياشقا قارىتا ماكان، زامان، ئەزەلى، مۇتلەقلىق نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شەرق، غەرب، شىمال، جەنۇب مەدەنىيەتلىرىدىكى ئىدىيە، پىكىر-قاراشلارنى ئىسلاھ قىلىپ، تارازا بىلەن ئۆلچەپ، نازۇك جەۋھەرلەرنى يۇغۇرۇپ، ئىسلاملاشتۇردى. ئىسلامىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ئىدىيە، پىكىر-قاراشلارنى يېتىم قالدۇردى. بۇ نەزم ئۆلچەملەشتۈرگۈچىلەرنىڭ ساداسى بولۇپ، قۇياش ئوبراز قىلىنغان ئىسلامىيەت پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئىسلامىيىتى سۈپىتىدە ، پۈتكۈل دۇنيانى ئىلىم ئوقۇشقا چاقىرىدۇ، ئۈندەيدۇ. كىشىلەرنى ئېرىغ (پاك) ياكى ئېرىغسىز دەپ ئايرىماي ئومۇمغا يورۇقلۇق بېرىدۇ. ئۇنىڭ نۇرى گويا بىر تالدەك ئالدى بىلەن تاللىغان ئەلچى ئارقىلىق ۋاستىچى قوۋمىغا بېرىلىدۇ. ۋاستىچى قوۋمىلار ياخشى سۆز ئەمەللىرى، جۈملىدىن تەرەققىيات ۋە ئىبادەت ئەھكاملىرى بىلەن ئىسلامىيەتنىڭ ئىنسانىيەت دۇنياسىغا تارقىتىدۇ. يەنى ئەركەك ئىلىمنى چىشى ئىلىمگە ئايلاندۇرۇپ، پەن-تېخنىكىنى كەشىپ قىلىپ، تەرەققىيات ياساپ پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىدۇ. بۇ ئەڭ ئالىي ئىبادەت، ئەڭ ئالىي ئەمەللەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بۇ ئىسلامىيەتنىڭ تۈپ ئاساسى مەقسىتىدۇر.

«كۈنتۇغدى ئېلىگ مۇشۇ ئەمىلى بىلەن،
كۈن ئايدەك چېچىپ نۇر يورۇتتى جاھان.»
829. «ئۈچىنچى ئىسسىيدۇ يەر، تۇغقاندا كۈن،
چېچەك ئېچىلۇر شۇندا تۈمەنمىڭ تۈسۇن.»

سوپىزمچىلار ئىنسانىي بىلىم تەرەپتارلىرىدۇر: تەسەۋۋۇپچىلار ئىنسانىي بىلىم مەۋقەسىدە تۇرۇپ، ئاسماندىكى ئاينى بىلىمنىڭ ئوبرازى قىلىپ بېكىتتى. ئەركەك ئىلىم ۋە چىشى بىلىم تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ساماۋى كىتابلار ۋە شەيئىلەرگە سىڭگەن ئىلىملەرنى ئەركەك ئىلىم دەپ سۈپەتلىدى. يەنە ئەركەك ئىلىمنى ئۆلچەم تارازا دەپ ئاتىدى. شەيئىلەردىن قېزىپ چىققان ئىلىملەرنى چىشى بىلىم دەپ نام بەردى. ئەركەك ئىلىم ۋە چىشى بىلىم نۇر چېچىپ دۇنيانىڭ كېچە ۋە كۈندۈزىنى يورۇتىدۇ. بۇ نەزەرىيە يۇنان پەلسەپىسىدىكى «گۇمانىزم»نى يورۇقلۇققا چىقىرىپ، ئىنسانلارغا بەخت ئاتا قىلىدىغان بىلىم دەپ مۇقىملاشتۇرۇلۇپ ئىسلاملاشتۇرۇلدى. دۇنيادىكى ھەر قايسى رايونلار، مىللەتلەرنىڭ بىلىم ئىدىيە، پىكىر-قاراشلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ، ئىسلاملاشتۇرۇپ، دۇنيادىكى ئىلىملەرنى ئىككى ئىلىمگە مۇجەسسەملەشتۈردى. ئەركەك ئىلىمنى قۇياشقا، چىشى بىلىمنى ئايغا ئوبراز قىلىپ، ئىلىم ۋە بىلىمگە كاتتا، ئىخچام، ئوبرازلىق ئابىدە تىكلەپ بەردى. ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام مەدەنىيىتىدە روياپقا چىققان پەيغەمبەر ۋە پۈتۈن ئىلىم قۇرئاننىڭ نازىل قىلىنىشى يۈكسەك مۆجىزىسى بىلەن سوپىزمچىلارنىڭ ئىخچام، ئوبرازلىق، كاتتا، كەشپىياتى يەر شارى مىقياسىدا ئويغىنىش ھەم ئويغىنىش خاراكتېرلىك غايەت زور ئۆزگىرىش يۈز بېرىدىغانلىق ھەققىدىكى خۇش خەۋەر ۋە بېشارەت بولدى. بۇ بېشارەت ئىسلامىيەتنىڭ ئىنسانلارنى پەن-تېخنىكا بىلەن يېتەكلەش بۈيۈك تەدبىرلىرىنىڭ دەۋر بۆلگۈچ بۇرۇلۇش نۇقتىسى، تەرەققىيات ياساش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بەردى. ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام مەدەنىيىتىدە بارلىققا كەلگەن تۆھپىلەرنى ئىنسانلار مەدەنىيىتىگە تەقدىم قىلغان ھەر قانداق تۆھپىلەرگە سېلىشتۇرۇپ، تەڭلەشتۈرۈش مۇمكىن ئەمەستۇر. بۇ ئابىدىنى ئىسلام ئىلىمنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ ، رېئال ئەمەلىيەتكە باغلىغان ئەقلىيەتچى سوپىزمچىلار تىكلىدى، كەڭ خەلق ئاممىسى چۈشىنىپ يەتتى، قىزغىن يار-يۈلەك بولدى. ھەتتاكى بەزى سىرلىقلاشتۇرغۇچىلار مۇشۇ ھەققانىيەت يولىدا «ئەنەل ھەق، مەنەل ھەق» دەپ مەردلىك، شەرەپ ۋە خۇشاللىق بىلەن ھاياتىنى قۇربان قىلدى. يۇقىرىقى ئەمەلىيەتلەر شۇ دەۋردىكى «ئىنساننىڭ ئىرادە ئەركىنلىكى بولمايدۇ.» بىلىمى بولمايدۇ. دەيدىغان ھۆكۈمران تەبىقىلەرنىڭ پىكىر ئېقىمىغا ئېغىر زەربە بولدى. مانا بۇ سەۋەبتىن سوپىزمچى پىكىر ئېقىمىدىكىلەرنى ھەسەت بىلەن ھەر نېمە دېسە دېدى.

بۇ كۈن بۇرچى ئارسلان ئۇ تەۋرىمەس،
تەۋرىمەس بولغاچ ئويى ھەم بۇزۇلماس.
134. تۆتىنچى قۇياشتۇر يورۇتار جاھان
يېقىن ھەم ئۇدۇل كەلگەننى ھامان

سىرلىقلاشتۇرغۇچىلار قۇياش مەركەز تەلىماتچىلىرىدۇر: ئالەمنىڭ مەركىزى ئاسماندىكى قۇياشنىڭ ئورنى سابىت، مۇقىم، يۆتكەلمەيدۇ، تەۋرەنمەيدۇ، تەۋرىمەس بولغاچ ئويى بۇزۇلمايدۇ. قۇياش ئەتراپىدا سەكەنتىر(ساتۇرىن)، ئوڭاي (يۇپېتىر)، كۇرۈد (مارس)، سەۋىت (ۋېنېرا)، ئارزۇ (مېركۇرىي) ۋە يەر شارى قاتارلىق پلانېتلار ئوربىتىلىق ئايلىنىدۇ. دەپ تونۇپ كەلگەن. قۇياش مەركەز تەلىماتى بويىچە ئۇيغۇر ئىسلام كالىندارى تۈزۈپ يەتتە(ھەپتە) كۈنلەرنىڭ تۆتىنچىسى يەنى ئوتتۇرىسىغا قۇياشنى تىزىپ بەشىنچىسىگە ۋېنېرا، ئالتىنچىسىگە مېركۇرى، يەتتىنچىسى يەنى ھەپتىنىڭ ئاخىرقى كۈنىگە ئاينى تىزغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەپتىنىڭ تۆتىنچى كۈنىنى ئۇلۇغ بىلىپ تۇپراق بېشىغا چىقىش، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراق ئۆتكۈزۈش ئۇدۇمى، ئۇشبۇ كالېندارنىڭ بۇ رايوندا خېلى بىر مەزگىل كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىپ بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ قۇياش مەركەز تەلىماتى، ئىسلاملاشقان يېڭىچە پىكىر-قاراش بولۇپ، ئەركەك ئىلىم مەركەز دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

731`. «ئاي ئاۋۋال تولىمۇ كىچىك تۇغۇلۇر.
كۈندىن كۈن چوڭىيىپ يۇقىرى چىقۇر.»

مىستىزىمچىلار پەيغەمبەرلەرگە ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر: ئاي تۇنجى كۈنى كىچىك چىقىدۇ، كۈنسېرى چوڭىيىپ تولۇنلىشىپ يۇقىرىغا چىقىدۇ. كىشىلەرنىڭ بىلىملىرى ئازدىن، يۈزەدىن بېيىيدۇ، چوڭقۇرلىشىدۇ. ھەق-ناھەق، توغرا خاتانى ئايرىيدىغان دەۋرگە يېتىدۇ. ئىسلاممۇ مۇشۇنداق بولدى، ئالدى بىلەن كىچىك دائىرىگە تارقالدى، مانا ئەمدى ئۈچ قىتئەگە تارقالدى. ئىسلامىيەت تەڭرىنىڭ ئىلىمىدۇر، پەيغەمبەرلەر ئىسلامىيەتنىڭ كەشپىياتچىسى ئەمەستۇر، ئەلچى (ۋاستىچى) يەتكۈزگۈچى، چۈشەندۈرگۈچىدۇر، شاپائەتچىدۇر. بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ئىتائەت قىلىنىشى كېرەك، شۇنداقلا ئىسلامىيەت ئالىملارنىڭ قولىغا قاراشلىق ئەمەستۇر. ئىسلامىيەت ئىلىم بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنسانلارنى بىلىمگە يېتەكلەيدۇ. ھەممە كىشى ئۆزىنىڭ روشەن تىلىدا يېزىلغان كىتابنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، چۇڭقۇر تەپەككۇر، تەسەۋۋۇر، تەسەۋۋۇپ قىلىشى لازىم.

«شاپائەتچى سۆز ھەم ساۋىقىنى تۇت،
سۆز ھەم ساۋاق ئوۋلاپ بېرەر ساڭا قۇت.»

سىرلىقلاشتۇرغۇچىلار سۈننەتچىلەر، يەنى ھەدىسچىلەردۇر: بۇ نەزمىدىكى سۆز كالامۇللا دېگەن مەنىنى بېرىدۇ، ساۋاق شاپائەتچىنىڭ ئىش ھەرىكىتى، يەنى پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتى دېگەن مەنىنى بېرىدۇ. سۆز ۋە ساۋاق ئوۋ قىلىپ، ساڭا بەختنى ئېلىپ كېلىدۇ. تەسەۋۋۇپچىلار پەيغەمبەرنىڭ «دۇنيادا ئىككى خىل ئىلىم بولىدۇ، بىرى دىنىي ئىلىم يەنە بىرى تېببىي ئىلىم» دېگەن ھەدىسكە ئاساسەن ئەركەك ئىلىم ۋە چىشى ئىلىم دەپ مۇقىملاشتۇرۇپ ، قۇياش ۋە ئاينى ئوبراز قىلىپ بېكىتتى. ئەركەك ئىلىم ۋە چىشى بىلىمدىن ئەقىل ۋە ئەخلاق تۇغۇلىدۇ دەپ ئەقىلىيەتچىلىك ۋە ئەخلاق مەيدانىدا تۇردى. ئىسلامىيەتنىڭ چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان ھۆكۈمران تەبىقىلەر پەيغەمبەرنىڭ يۇقىرىقى ھەدىسنى چۈشىنەلمىگەنلىك ۋە چەتنەش سەۋەبلىك، ئەقلىيەتچىلىك ۋە ماددىيەتچىلككە قارشى تۇرۇش باھانىسى بىلەن «ئىنساننىڭ ئىرادە ئەركىنلىكى بولمايدۇ» دا چىڭ تۇردى. بۇنىڭدىكى چىڭ تۇرۇش قۇرئان ياراتقۇچى كۆز قارىشىدا چىڭ تۇرۇشقا مەركەزلەشكەن ئىدى. بۇ مەسىلە ئوتتۇرا ئەسىردە تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ ئىككى سەپكە ئايرىلىپ، تەپەككۇر ۋە بەس-مۇنازىرىسىدە قاينام تاشقىنلىق ۋەزىيەت پەيدا قىلدى. بۇ ۋەزىيەت ئېلىمىز خىتايدىكى ماقالىلەردە يەتتە سەككىز ئەسىر داۋام قىلدى دەپ يېزىلغان. تاكى بۈگۈنگە قەدەر ھۆكۈمران تەبىقە ۋە ئۇلارنىڭ گۇماشتىلىرىنىڭ پىكىر ئېقىمى زەررىچە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان پۈتۈن ئەركەك ئىلىمنى پۈتۈن دۇنيا خەلقىدىن قىزغاندى، ئايرىۋەتتى. بىر كۆتەكتىن چىقىدىغان ئۈچ شاخلىق ئىلىم خىمىيە، فىزىكا، ماتېماتىكا پەنلىرى ۋە ئۇنىڭ شاخچىلىرىنى ئەركەك ئىلىمدىن ئايرىۋەتتى، ئەركەك ئىلىم بىلەن تەرەققىيات ھەم تەبىئىي پەنلەر ئوتتۇرىسىغا پاسىل تام سالدى، بۇنىڭ بىلەن ئىسلام ئائىلىسىدە ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيىتى دەۋرىدەك قاينام تاشقىنلىق ۋەزىيەت ئاياغلاشتى. تەرەققىياتتىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن بولمىدى. كىشىلەر تەدرىجىي ئىلىم مەرىپەتكە قىزىقمايدىغان، ئۆگەنمەيدىغان، مەزھەپچىلىك، مەزھەپ كۆچۈرمە يېزىقچىلىقى، كىتاب كۆيدۈرۈش ئەۋج ئېلىپ، موللىغا ئون توقماق، نادانغا بىر توقماق، دەپ نادانلىق ماختالدى. قۇلاققا ياققاننى بىلىم ياقمىغاننى بىدئەت دەپ قارىدى، يات موللام داموللام، ئۆز موللام نەدە موللام دېيىلدى. ئۆزلۈك مەدەنىيەت كەمسىتىلدى. مەدەنىيەت بۇلاڭچىلىرىغا دەرۋازىنى چوڭ ئېچىپ، يول باشلاپ مېڭىش شەرەپ سۈپەتلەندى، مەزھەپ قىرغىنچىلىقى، ئەپ ئۆتمەسلىك، مەنمەنچىلىك، باشباشتاقلىق ھالەتلىرى ئەۋج ئالدى، تەرەققىياتقا ئەگەشكەنلەر دەھرى، دىنسىز، كاپىر ئاتالدى ۋەھاكازالار.

«قايدىن كېلۇر تەقدىر؟ قەيەرگە كېتەر؟
قايدا تۇرۇر تەقدىر؟ قەيەردە يۈرەر؟

تەسەۋۋۇپچىلار ئوبېيكتىپ تەقدىرچىلەردۇر: ئىرادە تەقدىرگە ئىشىنىش ئىسلام ئەقىدىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، سوپىزمچىلار ئىرادە تەقدىر ھەققىدىكى پىكىر-قاراشلىرى ئېنىق، چۇڭقۇر، راستچىل ۋە ئەمەلىي، ئوبېيكتىپ ئىرادە تەقدىرچىلەر پىكىر ئېقىمىدۇر. ئىرادە تەقدىر پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئىنسانلارغا بېرىلىدۇ. ئالدىنقىلار ئىرادە ۋە بەختنى چىڭ تۇتالمىدى. ئاخىردا خالاپ تاللاپ، ئاخىرقى پەيغەمبەر ئەلچى مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ۋاستىچى قوۋمىگە ئىرادە ۋە تەقدىرىنى يەتكۈزدى، چۈشەندۈردى. ۋاپاتىدىن كېيىن ئىرادە ۋە تەقدىر بىلەن ئۈچ قىتئە ئىسلامغا ئىتائەت قىلدى. بۇ بۈيۈك غەلىبىنى سوپىزمچىلار ئىرادە تەقدىر-بەختىنى ئۈچ قىتئەگە بەردى. تەقدىرنى كىشەنلەپ چىڭ تۇتۇش زۆرۈر، بولمىسا قېچىپ كېتىدۇ. ئاسماننى زېمىننى تەپەككۇر قىلىپ ئىزدىنەيلى، تەڭرى ئىنساننى «چىرايلىق، ئۆلچەملىك» كائىنات شەكلىدە ياراتتى. ئىنسان، ھايۋان، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ چىرايلىق زىننىتى سۈزۈك جاننى قېزىپ چىقايلى دېدى. ئىسلامىيەت رۇخسەت قىلغاندا بەندە رۇخسەت قىلمىدى، شۇنىڭ بىلەن سوپىزمچىلار «قايدىن كېلۇر تەقدىر؟ قەيەرگە كېتەر؟ قايدا تۇرۇر تەقدىر؟ قەيەردە يۈرۈر؟» دەپ ياقىلىرىنى چىشلەپ، ئىتەكلىرىنى يىرتىپ، يىغلاپ، قاقشاپ قالدى. ئەۋلادلار شۇنى بىلدۇقكى، بۇ ئىرادە تەقدىر يەنى بەخت ياۋرۇپاغا يۆتكىلىپ بېرىپ، تۇرۇپ قاپتۇ. بۈگۈنكى دەۋر ۋە تەرەققىيات شاراپىتىدىن پۈتكۈل يەر شارىدىكى جىمى ئىنسانلار بېشىغا ئىرادە، تەقدىر، بەخت قۇشى قونغاندەك قىلىدۇ.

«تېگىدە قوڭۇر يەر بىلەن يېشىل سۇ،
ئوتتۇرى سۈزۈك يەل تۇتاش ئوتقا ئۇ.»

سىرلىقلاشتۇرغۇچىلار ئەركىن تەپەككۇرچىلاردۇر؛ تۇپراق، سۇ، ھاۋا ۋە ئوتتىن ئىبارەت تۆت نەڭلىك تەپەككۇر ئىسلامىيەتنىڭ ئەركىن تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى بولۇپ، سىرلىقلاشتۇرغۇچىلار تۆت نەڭلىك تەپەككۇر قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەركىن تەپەككۇرچىلار دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئۇلار مەزكۇر نەزمىدە تۆت نەڭنى يۇقىرىقى تەرتىپ بويىچە ئۇلاپ، تۇتاشتۇرۇپ، تۆت نەڭلىك پەلسىپىۋى تەرتىپنى تۈزۈپ چىققان. تەبىئەتتىكى تۆت نەڭ ئىسلامىيەت بىلەن قەدەمداش نەڭ بولۇپ، ئۇلار، ئوت، ھاۋا، ۋە تۇپراقتىن ئىبارەت تۆت نەڭنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ نەڭلەر ئىنسانىيەت تەپەككۇرىنىڭ ئاساسلىق ئېلېمېنتلىرى سۈپىتىدە، كىشىلەرنى ھېسسى ۋە ئىدراكى تەپەككۇر قىلىشقا تەقەززا قىلىدۇ، قىستايدۇ. تۆت نەڭلىك تەپەككۇر ئىسلامىيەتنىڭ ئىنسانلارنى تەپەككۇرغا تەشكىللەشتىكى بىر خىل تەدبىرى بولۇپ، كىشىلەرگە تەپەككۇر ئەركىنلىكى ئاتا قىلغانلىقىنىڭ ئەمەلىي پاكىتىدۇر. تۆت نەڭلىك تەپەككۇر، ئىنسانلارنى ئەركىن، رەڭدار قىرلىق تەپەككۇر، تەسەۋۋۇر، بەس-مۇنازىرە قىلىشقا ئۈندەيدۇ. تەپەككۇر ۋە بەس-مۇنازىرە تەپەككۇرنىڭ توغرا خاتاسىنى ئايرىپ، بىلىمگە يۈزلەندۈردى. ھېسسىي تەپەككۇر شەيئىلەرنىڭ تاشقى قىسىمى، شەكىل سۈرىتىنى تەپەككۇر قىلىدۇ. كىتابلاردا نېمە يېزىلغان بولسا، شۇلارنى ئەسلى مەزمۇن بويىچە چۈشەندۈرىدۇ. ئۇ ئازغىنا خەت ساۋاتى بولسىلا ئاددىي ئارفىمېتىكىلىق ئۇسۇلدا نۇتۇقلىرىنى راۋانلاشتۇرغىلى بولىدىغان تەپەككۇر ئۇسۇلى بولۇپ، كىتابلاردىكى بەزى چۇڭقۇر مەزمۇنلۇق پەلسەپىۋى ئۇقۇم، چاچما مەزمۇن، تەمسىل، مەنتىقىلىق باغلىنىش، دىئالېكتىكا، دەۋرىي شارائىت بىلەن باغلاپ چۈشىنىش قاتارلىقلارغا ئاجىز كېلىدۇ. ئىدراكىي تەپەككۇر، ھېسسىي تەپەككۇرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ بولۇپ، شەيئىنىڭ ئىچكى قىسىمى ماھىيىتىنى تەپەككۇر قىلىدۇ. شەيئىلەرنىڭ تۆت نەڭدىن تۈزۈلۈشى، ئىقتىدارى، شەيئىلەرنى تەپەككۇر، تەسەۋۋۇر، تەسەۋۋۇپ قىلىشتا دۇنيانىڭ تىلى، ئەدەبىيلىك، ماتېماتىكىلىق، فىزىكىلىق، خىمىيىلىك تەپەككۇر قىلىشنى تەلەپ ۋە تەكلىپ قىلىدۇ. ئەدەبىيىلىك تەپەككۇر، ئىلمىيلىك، تەمسىللىك (ئوبرازلىق) مەنتىقىلىق، دىئالېكتىك تەپەككۇر قىلىشتا تەكلىپ قىلىدۇ. ماتېماتىكىلىق تەپەككۇر، كۆپ تەرەپلىمىلىك، كۆپ قىرلىق، فورمۇلالىق، ھېسابلىق تەپەككۇر قىلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ. فىزىكىلىق تەپەككۇر، ھەرىكەت (فۇنكىسىيە ياكى مېخانىك) لىك (جانلىق)، ماسسىلىق(ۋەزىنلىك)، ئېنېرگىيىلىك (زامانلىق)، نىشان (ۋېكتور) لىق تەپەككۇر قىلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ. خىمىيىلىك تەپەككۇر، ماددا، ئاتوم، رېئاكسىيە (بىرىكىش-ئاجرىلىش) مەۋجۇتلۇق، مېھرى-شەپقەت سۈپىتىدە تەپەككۇر قىلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ. شۇڭا ئىدراكى تەپەككۇر قىلىش ئۈچۈن كەم دېگەندىمۇ ئىككىدىن ئۈچكىچە يۇقىرىقى پەنلەردىن پىشقان بىلىمى بولۇش كېرەك. ئۆتمۈشتىكى ھۆكۈمرانلار پەنلەرنىڭ شەكىللىنىش سۈرئىتىنىڭ ئاتا بولۇش ۋەجىدىن تۆت نەڭلىك تەپەككۇر قىلغۇچىلارنى دىنسىزلىققا ئەيىبلەپ جازا بەرگەن. سىرلىقلاشتۇرغۇچىلار ئەنە شۇنداق تۆت نەڭلىك تەپەككۇر بىلەن مەنتىقىلىق، ئوبرازلىق، دەلىللىك، ئىلمىي تەپەككۇر قىلغۇچىلاردۇر. تۆت نەڭلىك تەپەككۇرىدىن ئايرىلغان تەپەككۇر قېيىپ كېتىدۇ، ئېزىپ كېتىدۇ.

«ئېلىگ بىلىگدۇر ئىككى ياخشى نەڭ،
ئەگەر بولسا ئىشلەت ئۇچۇپ كۆككە تەڭ.»

مىستىزىمچىلار تەرەقىياتچىلاردۇر: مىستىنزىمچىلار ئىسلامىيەتنىڭ ئەستايىدىل ئۆگەنگەن، تولۇق چۈشەنگەن كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ئەركەك ئىلىمنى چىشى بىلىمگە ئايلاندۇرۇپ، بىلىم بىلەن كىشىلەرنىڭ ئاسمانغا چىقىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلالىغان. دۇنيانىڭ ئىشىنى ھەل قىلغان تۆت نەڭلىك چىشى بىلىم ۋە يەتتە نەڭلىك تەبىئەتنى تەپەككۇر قىلىش فورمۇلىسىنى تۈزۈپ بېرىپ ئەۋلادلارغا مىراس قىلىپ بەردى. ئىسلامىيەتتە ئىنسانىيەتنىڭ ئاسمانغا «قۇۋۋەت» بىلەن چىقىدىغانلىقىغا ئىشارەت ۋە رۇخسەت قىلىنغان (55-33) بۇ ئايەتتىكى «قۇۋۋەت» نى تۆت نەڭ تەلىماتى بويىچە چۈشەنگەندە ئوبرازى ئوت، يەنى نۇر، ئىلىم ۋە بىلىم ۋە ياكى ئېنېرگىيەدۇر. ھالا بۈگۈنكى كۈندە ئىسلامىيەتنىڭ مېھرىبانلىقى بىلەن سوپىزمچىلارنىڭ تىلەكلىرى ئەمەلگە ئېشىپ ئىنسانىيەتنىڭ قەدىمى «قۇۋۋەت» بىلەن ئاسمانغا يەتتى. ئېلىمىز خىتايمۇ ئادەملىك ئالەم كېمىسىنى ئاسمانغا چىقارغان، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتتۇر.

«ئادىل قانۇن كۆككە بىر تۈرۈك ئىرۇر،
بۇزۇلسا بۇ قانۇن ئاسمان يىقىلۇر.»

سوپىزمچىلار، قانۇنچىلار، ئادالەتچىلەردۇر؛ يەر شارى، قىتئە، دۆلەت، رايون، مىللەت قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرى بىرىدىن چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كاتېگورىيە بولۇپ، بۇ كاتېگورىيەگە مۇناسىپ نۇرغۇن ئىدىيە، پىكىر-قاراشلار، كۆپ قىرلىق، رەڭدار شەيئىلەر سۈپىتىدە مەۋجۇت بولىدۇ. بۇ مەۋجۇتلۇقلارنىڭ پىكىر-قاراشلىرىنى ئادىل توغرا ھەل قىلىش ئۈچۈن، كاتېگورىيەلەردە قانۇن تۈزۈلىدۇ. قانۇن ئانا قانۇن ۋە بالا قانۇن دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. ئانا قانۇن ئاساسىي قانۇن، بالا قانۇن ھەرخىل قانۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قانۇن، كاتېگورىيىلەرنىڭ تۈۋرۈكى بولۇپ، تەبىقە، مەزھەپلەرنىڭ ئىرادىسى ۋە ياكى شەخسلەرنىڭ تەسىرات-ھېسسىياتى ئەمەستۇر. قانۇن ئومۇمىي پۇقرا تەرىپىدىن تۈزۈلىدۇ. قانۇن جىمى پۇقرانىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىغا كېپىللىك قىلىدۇ، پۇقرا قانۇن بەلگىلىگەن مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىدۇ. يەنى پۇقرالارنىڭ ئەلدىكى ھەقلىرى، ئەلنىڭ پۇقرالاردىكى ھەقلىرى قانۇن ئارقىلىق بېرىلىدۇ. قانۇن دەۋرگە قاراپ يېڭىلىنىپ، بېيىيدۇ. شۇڭا سوپىزمچىلار قانۇن تۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئادىل قانۇن ئاسماننىڭ تۈۋرۈكى، قانۇن تۈزمىسە ئاسمان يىقىلىدۇ، زېمىندا قىيامەت بولىدۇ، نۇرغۇن بىگۇناھ ئادەملەر ئۇۋالچىلىق تارتىدۇ. شۇڭا ئادىل قانۇن تۈزۈش كېرەك دېگەننى تەشەببۇس قىلغۇچىلاردۇر.دەۋر ۋە تەرەققىياتنىڭ تۈرۈتكىلىكىدە دۇنيادا قانۇن تۈزۈش ئومۇملىشىپ دېموكراتىيىگە يۈرۈش قىلدى. ئېلىمىز خىتاي ئاساسىي قانۇن ۋە نەچچە يۈز قانۇن نىزاملار تۈزۈپ چىققان قانۇن دۆلىتىدۇر.

««تۇغار بەخت كۈنى ئەلگە تىنچلىق بولۇر،
ئىستىكىم بۇ ياڭلىغ كىشىلەر ئۆلۈر،»
461. «جاھان باغلىدى پۈتۈن، بەخت قۇرى،
قوزى بىلەن قېتىلىپ، يۈرۈشتى بۆرى.»

تەسەۋۋۇپچىلار تىنچلىق قوغدىغۇچىلىرىدۇر: ئىسلامىيەت پۈتۈن ئىلىم بولۇش سۈپىتى بىلەن جاھانغا تىنچلىق ئېلىپ كەلگەن ئىلىم بولۇپ، مىستىنىزىنچىلار تىنچلىق ئىلىمى، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغدىغۇچى باتۇر جەڭچىلەردۇر. ئىسلام دېگەن ئەرەبچە سۆز ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تىلىدا تىنچلىق دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ. ئىسلام جاھانغا تىنچلىق ئېلىپ كەلدى. جاھان تىنچلىق بەلۋېغىنى پۈتۈن باغلىدى. قوزا بىلەن قوي قېتىلىپ يۈرىدىغان دەۋر كەلدى، بۇ پۈتكۈل دۇنيا ئۈچۈن ياخشى خۇش خەۋەر، بەخت، كاتتا خۇشاللىق ئىدى. ئىسلام تىنچلىق ئىلىمى، ئۇ تۇپراق، سۇ، ئوت، ھاۋادىن ئىبارەت تۆت نەڭدىن تۈزۈلىدۇ. تۆت نەڭ ماددىي نەڭ بولۇپلا قالماستىن، يەنە مەنىۋى نەڭدۇر. تۇپراق ئەركىن تەپەككۇرنىڭ ئوبرازى. سۇ باراۋەرلىكنىڭ ئوبرازى، ھاۋا مۇقىملىقنىڭ ئوبرازى، ئوت ئىناقلىقنىڭ ئوبرازى، تۆت نەڭنىڭ ئۆزئارا باغلىنىش، شەرت قىلىش، تەقەززا قىلىش، ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، مۇقىملىق، ئىتتىپاقلىقنىڭ باغلىنىش، شەرت قىلىش، تەقەززا قىلىشىنى بەلگىلەيدۇ. ئەركىن تەپەككۇر بولمىسا باراۋەرلىك بولمايدۇ، مۇقىملىق بولمىسا ئىناقلىق بولمايدۇ، ئىناقلىق بولمىسا تىنچلىق بولمايدۇ، تىنچلىق بولمىغان جايدا ئىسلاممۇ بولمايدۇ، تەرەققىياتتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس.

«بىلىمنى بۈيۈك بىل، ئىلىمنى ئۇلۇغ،
بۇ ئىككى كۆپەيتەر، خىللىنار قۇللۇق.»

سىرلىقلاشتۇرغۇچىلار پاك ۋە ساپ ئىسلامىزمچىلاردۇر: ئىسلامىيەت ئەزەلى ئىلىم بۇلۇش سۈپىتى بىلەن، پۈتكۈل دۇنيانى ئىلىملاشتۇرۇش، بىلملەشتۈرۈش، تېخنىكلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرىتىنى نامايان قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ ئىدىيە پىكىر قاراشلىرى ئىسلامىيەتكە يۈزلىنىدۇ. بۇ ئىسلامنىڭ يېتەكلەش يولى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ يول بىلەن قۇللۇق(بەندىلىك) دەيدىغانلار تېز سۈرئەتتە كۈنسىرى كۆپىيىدۇ، خىللىنىدۇ، يەر شارىغا تارقىلىدۇ. بۈگۈنكى دەۋەر ۋە تەرەققىيات بىلەن پەن-تېخنىكىنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا ئومۇملاشتۇرۇلۇشى، دەل مەزكۇر نەزمىنىىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. ئىلىم پاك بولىدۇ، شۇڭا ئىلىمنى ئۇلۇغ دەيمىز. بىلىم ساپ بولىدۇ، شۇڭا بۈيۈك دەيمىز. بىلىم ۋاستىچى تېخنىكىلارنى كەشىپ قىلىدۇ. ئىسلامىيەت ئىنسانلارنى پار ماشىنىسى، ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېل، «ئېلېمېنتلار دەۋرىيلىك جەدۋىلى»، ئېلېكتىر ئىلىمى. مىكروسكۇپ ئاستىدىكى تۆتىنچى دۇنيا، رەسىم ئاپپاراتى، تېلېگرامما، تېلېفۇن، رادىئو، پېنىتسىللىن، ئايرۇپىلان، ئاپتوموبىل، پويىز، تېلېۋىزور، يانفۇن، ئېلېكترونلۇق مىڭە، سۈنئىي ھەمرا، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىق بۈيۈك ئەركەك كەشپىياتلار بىلەن يېتەكلەيدۇ. بۇ كەشپىياتلار ئىناقلىق ئەلچىسى سۈپىتى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىپ بولدى. ئەكسىچە چىشى ۋاستىچىلەر كالتەك، توقماق، قىلىچ، نەيزە، مىلتىق، زەمبىرەك، تانكا، سنارەد، ئاتوم بومبىسى بىلەن ھۆكۈمران تەنىقىلەرگە مۇناسىپ بولغان مەزھەپ گۇرۇھلارغا بۆلۈنۈپ كىشىلەرنىڭ كىشىلەرگە زۇلۇم سېلىشتىن ئىبارەت سىياسىدۇر. ئىسلامىيەت ئەمەستۇر. ئىسلامىيەت ئىگىسى بار بولغان ئىلىم بولۇپ، كىشىلەرنىڭ سىياسىسى ئەمەستۇر. بىلىم پۈتكۈل ئىنسانلارغا تەۋەدۇر، سىياسىي ئىدىيە پىكىر-قاراشقا كىرىدۇ، چىشى بىلىم قاتارىغا كىرمەيدۇ.

«ئۇلۇغ بولغۇچى ئوغۇل ئەرسەك تۇغۇلۇر،
كىچىك چاغدا ھەممە نىشان كۆرۈنۈر.»

مىستىنىزىنچىلار ئەقلىيەتچىلەردۇر: ئىنساننىڭ ھەممىسى باراۋەر بولۇپ، ئىرادە بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن مېڭىسىدە خاتىرە تۇتىدۇ، قۇلىقى بىلەن ئاڭلايدۇ، تىلى بىلەن سۆزلەيدۇ، ئەقلى بىلەن ماددا ۋە روھنى تەپەككۇر قىلىدۇ، تەسەۋۋۇر ۋە تەسەۋۋۇپ قىلىدۇ، دەيدىغان ئەقلىيەتچىلەردۇر. ئىنسان مەكتەپكە كىرىپ بىلىم ئۆگىنىپ ئەقىللىق، بىلىملىك ئەخلاقلىق بولىدۇ. تۇغما ئەقىللىق، تۇغما بىلىملىك بولمايدۇ. ئىنسانلار دۇنياسىدىكى بارلىق ئىشلار ئەقىلنىڭ تەپەككۇر قىلىشى بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، بىلىم شەكىللىنىدۇ، ئەقىل بىلىمنىڭ كۆۋرۈكىدۇر.

«ۋۇجۇدۇڭ ئۆيدۇر بېزەكلىك ئۆيۈڭ،
سۈزۈك جان ئۆيدۇر سۈرەتتەك تېنىڭ.»

تەسەۋۋۇپچىلار ھەم ئەقلىيەتچىلەر ھەم ماددىيەتچىلەردۇر: تەسەۋۋۇپچىلار تۆت نەڭلىك تەپەككۇر قىلىپ، تۆت نەڭنى ھەم ماددا ھەم روھ دەپ ، ماددا بىلەن روھ بىر مەنبەلىك بىر ماكاندا تۇرىدۇ، ماددا ئۆي ياكى ماكان روھ ماددىنىڭ بېزىكى.ياكى جېنى ياكى فۇنكىسىيەسىدىن ئىبارەت. ئۆسۈملۈك، ھايۋان، ئادەم قاتارلىق ماددىلار جان ياكى روھ بىلەن ئۆسۈملۈكچە، ھايۋانچە فۇنكىسىيە ۋە ئىنسانىي ئەقىل فونكىسىيىسىنى جار قىلدۇرىدۇ، دەپ قارايدىغان تەسەۋۋۇپچىلار ھەم ئەقلىيەتچىلەر ھەم ماددىيەتچىلەردىن ئىبارەتتۇر.روھنى تەكىتلەپ ماددىغا سەل قارايدىغان ماتېرىيالىزم پىكىر ئېقىمىغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، تەسەۋۋۇپچىلار روھ بىلەن ماددا ئىككىسىنى تەڭ تۇتۇشنى ئىبادەت قىلىش بىلەن تەڭ يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك قاتارلىق لازىملىقلارنى تەييارلاپ، باشقىلارغا ئىقتىسات بىلەن ياخشىلىق قىلىشنى تەكىتلەيدۇ. مۇشۇ ئارقىلىق ئىدېئالىزم ۋە ماتېرىيالىزم قاتارلىق ئىككى پىكىر ئېقىمىنى مۇرەسسە قىلىدۇ. «قۇتادغۇبىلىك» تە بۇنداق نەزمىلەر خېلى كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ. ئىسلامىيەت ھېچقانداق ئىنكار قىلمايدۇ. ئەكسىچە ئىسلامىيەت ئالدى بىلەن ماددا تەبىئەتنى تۇپراق، سۇ، ھاۋا ۋە ئوتتىن ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈپ، ماكاننى پۈتتۈرۈپ بولۇپ، ئاندىن ئىنساننى ياراتتى. ئارقىدىن ماددىلاردىن ئىنسان قانداق ئۆلچەملىك چىرايلىق يارىتىلغان؟نېمە ئۈچۈن ھەسەل ھەرىسى ھەسەل قۇسىدۇ؟ قۇرت نېمە ئۈچۈن يىپەك قۇسىدۇ؟ كېۋەز نېمە ئۈچۈن پاختا بېرىدۇ؟ ئىنساننىڭ ئىچىدىن چىققان بىلىملەر بىلەن تېبابەت ئىلىمنى شەكىللەندۈرۈپ دورا ياساپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرلىشى ئۈچۈن، ھەسەل، يىپەك، ۋە پاختا قاتارلىقلارنىڭ قۇرۇلمىسى، ئىرسىيىتى، تەپەككۇر قىلىپ ماھىيىتىنى بىلىپ، چۈشىنىپ پايدىلىنىشقا يارىتىپ بەردى. روھ بىلەن ماددىنىڭ مۇناسىۋىتى، ئىسلامىيەت بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتى قۇياش بىلەن ئاي، يۇلتۇز، زېمىن، ئادەم ۋە شەيئىلەرنىڭ بىر-بىرىدىن ئايرىلالماسلىق، باغلىنىش، شەرت قىلىش مۇناسىۋىتىدۇر. ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام مەدەنىيىتىدە مۇتىيئەزىللەر قوزغىغان نەزەرىيىۋى بەس-مۇنازىرىدە، تەبىئەتنى ماددا ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ باشلىنىپ كەتكەن. شۇ دەۋرنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىدە، ماددا ئارقىلىق ئىسلامىيەتنىڭ چۈشەندۈرۈش يەنە داۋاملاشسا، «ئىلىم، ھايات، قۇدرەت، ئىرادە، ئاڭلاش، كۆرۈش، سۆزلەشتىن ئىبارەت يەتتە سۈپەتكە ئىگە ئاللاھقا» ماددىي سۈپەت بېرىلىپ قالىدۇ، ئېزىپ كېتىمىز، خاتا يولغا كىرىپ قالىمىز دەپ ئەنسىرىگەن. ئىلىمنى ماددا بىلەن ماكان، زامان بىلەن تەپەككۇر قىلىپ ئىچكىرلەشنى توسقان. بۇ ئىنتايىن توغرا پىكىر-قاراش بولۇپ، بارلىق مەۋجۇلۇقلارغا ماددىي سۈپەت بېرىشكە بولىدۇ. ۋەھالەنكى پەقەت يەككە ئاللاھقا ماددىي سۈپەت بېرىشكە، ھەر قانداق شەيئىلەرگە ئوخشىتىشقا بولمايدۇ. سۈپىتى ئىلىم قۇدرەت بولۇپ، دەۋر ۋە تەرەققىيات بۇنى ئىسپاتلاپ ۋە گۇۋاھلاپ بولدى. بۇ پىكىردىن شۇ دەۋردىكى ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە بارىكاللا ئېيتىمىز، ئۇلارنىڭ بۇ تۆھپىسى، ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە ئىلاھشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە قوشقان بۈيۈك ئۆچمەس تۆھپىلىرى قاتارىدا ئورۇن ئالىدۇ. ئەمما قۇرئاندا كىشىلەرنىڭ ئارىلاشتۇرۇۋېتىشىنى ئالدىن مۆلچەرلەپ، ئىلىم ھەقنى پاك، چەكسىزلىك بىلەن روھنى پاك، چەكلىكلىك بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۈپەتلەپ بايان قىلغان. شۇ دەۋرنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىدە بۇ ئىككى چەك ئايرىپ ئىزدەنسە، ئىسلامىيەتكە پايدىسىز ئىدى. مەزكۇر پىكىر-قاراشتىن پايدىلانغان ھۆكۈمرانلار پىكىر ئېقىمى، ئەرەب تىلدا نازىل قىلغان قۇرئاننى «خالىق»، يەنى «ياراتقۇچى» دەيدىغان پىكىر-قاراشنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، يارالمىش قۇرئاننى يۇقىرىدىكى ئاللاھنىڭ يەتتە سۈپىتى بىلەن چۈمكىدى، ئورىدى. ئۇلار تەبىئەتتىكى تۇپراق، سۇ، ھاۋا ۋە ئوتتىن ئىبارەت تۆت نەڭنىڭ ۋارىيانتى سوغۇق، نەم، قۇرۇق ۋە ئىسسىقنى روھ دەپ چۈشەندۈرۈپ، تۆت نەڭ ئۈستىگە دەسسەتتى، تۆت نەڭنى تاشلىۋەتتى. ئىسلامىيەتنىڭ ماددىي دۇنيادىن ئايرىۋەتتى. ئىسلام دۇنياسى مەزھەپ، پىرقىلارغا بۆلۈنۈپ كەتتى. سوپىزمچىلارغا ئوخشاش ئىسلامىيەتنىڭ ئوڭدا، تەبىئەتنى سولدا تۇرغۇزۇپ پىكىر قىلغۇچىلار ، بىدئەت، دەھرى سوپىزمچىلار دەپ ئاتالدى. قۇرئان خالىق تەرەپتارلىرى ئىدىيالىزىم ئاتالدى. كىشىلەر ماددىنى تەپەككۇر قىلىشتىن ئەنسىرەيدىغان بولدى. ماددىنى تەپەككۇر قىلغۇچىلار ئەقلىيەتچىلەر دەپ تەنقىدلەندى، ماددىنى تىلغا ئالغۇچىلار ماددىيەتچىلەر، ماتېرىيالىسىتلار دەپ ئاتالدى. بۇنىڭ بىلەن ئىدىئولوگىيە، پىسخىكا جەھەتتىن تەدرىجى چېكىنىش يۈز بېرىپ، تەرەققىيات پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويدى.

«تېشىدىن قارا ئىچىگە تاپ گۇۋاھ،
تېشىدەك ئىچى، ئىچىدەك تېشى يا»

سوپىزمچىلار ئەخلاق ئەھلىدۇر: ئادەم ئىلىم، بىلىم ۋە ئەقىل بىلەن ئەخلاق تىكلەيدۇ. ئەخلاق ئادەمنىڭ ۋىجدانى، ئىپپىتى، ھاياسى، زىننىتى گۈزەللىكتۇر. ۋىجدان قەلبىنىڭ سوتى، ئادالىتى تەرىپلىنىدۇ. ۋىجدان ئادىل، ئىپپەتلىك بولۇشنى ئۆلچەم قىلىدۇ. ئىپپەت ۋىجدانغا گۇۋاھ-ئىسپات بېرىدۇ، ھايا بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ھايا ئادەم بىلەن ھايۋاننى پەرقلەندۈرىدۇ. سۆز-ھەرىكەتتە ئىپادىلىنىدۇ. ئادەمنىڭ ۋىجدانى، ئىپپىتى، ھاياسى قاتارلىقلار كىشى زىننىتى دېيىلىدۇ. ئەخلاق ئادەمنىڭ تېشىدىن ئەمەس ئىچىدىن گۇۋاھ ئىزدەيدۇ. ۋىجدان، ئىپپەت، نۇمۇسىدىن ئىزدەيدۇ. بۇ گۈزەللىك دەپ ئاتىلىدۇ. گۈزەللىك ئىلىم، بىلىم، ئەقىل بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەخلاق يالغۇز كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ئەمەس، ھەممە ساھە كەسىپلەرگە ماس كېلىدۇ. ئەقلىيەتچىلىك جارى قىلىنمىسا، ئىمتىياز، بايلىق، گەپ-سۆز، كىيىم-كېچەككە قاراپ، گۈزەل، ئەخلاقلىق دېيىش قىيىنغا توختايدۇ. شۇڭا سوپىزمچى ئەقلىيەتچىلەر ئەخلاق مىزانى تۈزۈشنى تەلەپ قىلغۇچىلار، ئەخلاق مىزانىغا رىئايە قىلغۇچىلاردۇر.

«ئوقۇش ئۆگۈتەر كۆر بىلىك بىلدۈرىدۇ،
قارارسىز جاھاننى ساڭا بىلدۈرەر.

مىستىنىزىمچىلار ئوبېيكتىپ رېئالىزىمچىلاردۇر: ئوقۇش يەنى ئىسلامىيەت تەبىئەتنى تۇپراق، سۇ، ھاۋا ۋە ئوتتىن ئىبارەت تۆت نەڭدىن ياراتتى. ئۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن بىلىملەر، پەنلەر بار. شۇ بىلىمنى قاز، بىپايان جاھان ھەققىدە نۇرغۇن سېھرىي-ھېكمەتلەرنى قېزىپ ئېچىپ، پەنلەرنى ھاسىل قىل، تېخنىكا ئىجاد قىل، پەنلەر بىلەن ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشۇڭنى ياخشىلا، پۇل تاپقاندا كەمبەغەل، يېتىم-يېسىر، قېرى ئاجىز مىيىپلارنى يۈلە، كۈچۈڭ يەتسە ئاسماندا پەرۋاز قىل. دۇنياغا سەپسال، يۇرتۇڭنى كۆر، ئەتراپىڭغا باق، ئۆزگىرىشلەرگە نەزەر سال، كۆرۈپ تۇرۇپ كۆزۈڭنى يۇمۇۋالما، ئاڭلاپ تۇرۇپ قۇلىقىڭنى ئېتىۋالما، بىلىپ تۇرۇپ، گاچا بولۇۋالما، دەيدۇ. «قۇتادغۇبىلىك» تە تەكرار يېزىلغان كۆر، باق، ئاڭلا دېگەن سۆزلۈكلەرنىڭ كۆپلۈكى مىستىزىمچىلارنىڭ رېئالىزىمچىلار ئىكەنلىكىگە گۇۋاھ، ئىسپات بولىدۇ.

يۇقىرىدا ۋەزىرچە پىكىر ئېقىمى، تەرەققىيات پىكىر ئېقىمى، ۋاسىتىچىلەر پىكىر ئېقىمى، سوپىزم، مىستىنىزىم، تەسەۋۋۇپچىلار پىكىر ئېقىمى ھەققىدە پىشمىغان قاراشلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. ئەمدى تەرىقەت پىكىر ئېقىمى ھەققىدە ئاز-تولا پىكىرلىرىمىزنى قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. تەرىقەت پىكىر ئېقىمى مەزھەپ، سۆزلۈكلىرى، قاراشلىرى، ئالىم ۋە ئادەم سانى ئەڭ كۆپ، ئەڭ مۇرەككەپ، دىنى قىزغىنلىقى ئەڭ يۇقىرى بولغان پىكىر ئېقىمى بولۇپ، بۇ پىكىر ئېقىمىنى ھۆكۈمران تەبىقە قاراشلىرى بىلەن تەسەۋۋۇپ پىكىر ئېقىمىنىڭ ئارىسىدىن چىققان ئۆزگىچە مەزھەپ، سۆزلۈكلەر پىكىر ئېقىمى دەپ قارىدۇق. بۇ پىكىر ئېقىمىغا ئەگەشكۈچىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى خەلق ئاممىسى، يېتىم، مىسكىن كىشىلەر بولۇپ، خانىقالاردىكى داشقازان ئۇلارنى بۇ مەزھەپكە مايىل قىلغان. بۇ مەزھەپتىكىلەرنىڭ قول بېرىش، مەسنەۋى ئوقۇش، نەققاش سىزىش، ساما ئۇسسۇلى ئويناش، جەررە سېلىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى دىنىي قىزغىنلىق، تارىخ دەپ قارالسا بولىدۇ.

مەنبە : http://www.bilgkut.com/kitaplar/english/english-grammar.pdf

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top