• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » بۇلبۇلىستان(ھېكايە)

بۇلبۇلىستان(ھېكايە)

ياسىنجان سادىق چوغلان

كۈز پەسلى ئاخىرلىشاي دەپ قالغان بولسىمۇ، ھاۋا يەنىلا ئىسسىق ئىدى. قەشقەر شەھىرىنىڭ باغۇ بوستانلىق مەھەللىلىرىدىن بىرى بولغان بۇلاقبېشىغا جايلاشقان ئەلى باينىڭ ھەشەمەتلىك قەسىرى بۈگۈن كاتتا بىر مەرىكە بولىدىغاندەك باشقىچە جانلىنىپ كەتكەنىدى، ئەتىگەندىن بىرى خىزمەتكارلار يالغۇز قەسىرنىڭ ئىچىنىلا ئەمەس، قەسىر ئالدىدىكى كوچىنىمۇ خېلى بىر يەرگە بارغىچە سۈپۈرۈپ، سۇ چېچىپ پاك-پاكىز قىلىۋەتكەنىدى. ئادەتتە باي قەسىرىدە ھەر قانداق چوڭ -كىچىك مەرىكە، باراۋەت ئۆتكۈزۈلسە قولۇم – قوشنا، ھەتتا مەھەللىدىكىلەرگە ئالا قويماي خەۋەر بېرىپ، تەكلىپ قىلىدىغان، ھېچ بولمىسا قەسىر ئالدىدىكى ئوتتۇرىسىدا كۆلى بار چىنارلىق باغقا ئايرىم داستىخان ھازىرلاپ مەھەللىدىكىلەرگە بىر ۋاخ ئاش بېرىشنى ئۇنتۇپ قالمايدىغان ئەلى باي قەسىرىنىڭ بۈگۈن جىم – جىملا ئالدىراش بولۇپ كەتكىنىنى كۆرگەن قوشنىلار بىر – بىرىگە تەئەججۈپ بىلەن قارىشاتتى.
−− باي قەسىرى بىرەر مەرىكىگە تەييارلىق قىلىۋاتامدۇ قانداق؟
−− بىلمىدىم، سىلىنى خەۋەر تاپتىمىكىن دەپتىمەن تېخى.
−− كىچىك بايۋەچچىنى ئۆيلەيدىكەن دېيىشىۋاتقان، شۇنىڭ مەسلىھەت چېيىمۇ – يا؟
−− مەسلىھەت چېيى بولسا بىزمۇ خەۋەر تاپار ئىدۇق.
−− شۇنى دېسىلە، قولۇم – قوشنا، مەھەللە -كوينى ئېيتماي مەسلىھەت چېيى قىلماس.
−− …
بىر- بىرىدىن قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن قوشنىلار پات – پات ئىشىك ئالدىغا چىقىپ باي قەسىرىگە گۇمان، تەمە ئارىلاش تۇيغۇدا قاراپ قويۇشاتتى.
شۇنداق، بۈگۈن ئەلى باي قەسىرىدە كاتتا بىر مەرىكىگە −− قەشقەر شەھىرىدىكى ئالىم – ئۆلىمالار، ئىلىمخۇمارلار ۋە قەشقەر خانلىق مەدرىسىدىكى تالىبى ئىلىملەر ئىشتىراك قىلىدىغان كىتابخانلىق مەشرىپىگە تەييارلىق كۆرۈلۈۋاتاتتى. ئىلمىي سۆھبەت، بەس – مۇنازىرىنى ئاساس قىلىدىغان بۇ مەشرەپكە زىيادە كۆپ كىشىلەرنى قاتناشتۇرسا سورۇننىڭ كەيپىياتىغا تەسىر يېتەتتى، مۇشۇنى كۆزدە تۇتقان ئەلى باي دائىملىق ئادىتىگە يات ھالدا قولۇم – قوشنا، مەھەللە – كويلارنى مەشرەپكە ئېيتمىغانىدى.
تەكلىپ قىلىنغان ئەزىز مېھمانلار قەسىرگە بىر- بىرلەپ كېلىشكە باشلىدى. ئاندا-ساندا ئاق ئارىلىغان كەكە ساقىلىنى يارىشىملىق ياسىتىۋلغان، بېشىغا كىچىكرەك سەللە ئوراپ، كىمخاپ توننىڭ ئۈستىدىن يېشىل تاۋار بەلۋاغ باغلىۋالغان ئەلى باي ئۈچ ئوغلىنىڭ ھەمراھلىقىدا قەسىر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا قول باغلاپ تۇرۇپ، كەلگەن مېھمانلارنى ئىززەت-ئېكرام بىلەن كۈتۈۋېلىپ، قەسىر ئىچىدىكى ئۈچ گەز ئېگىزلىكتە كۆتۈرۈپ سېلىنغان ئىشىك-دېرىزىلىرى نەقىشلەنگەن ھەشەمەتلىك سارىيىنىڭ مېھمانخانىسىغا باشلايتتى. ھەر قېتىم يېڭى مېھمان كىرگەندە ئاۋۋال كەلگەن مېھمانلار گۈررىدە ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ ئېھتىرام بىلدۈرۈشەتتى، بىر- بىرىنى تۆرگە تەكلىپ قىلىشىپ تۈزۈت-تەۋەززۇ قىلىشاتتى. ئۆزئارا قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆز سالاھىيىتىگە مۇۋاپىق جايدىن ئورۇن ئالغاندىن كېيىن پاتىھە قىلىپ، ساھىبخانا ۋە مېھمانلاردىن تىنچلىق – ئامانلىق سورىشاتتى. ئەلى باي يېڭى كەلگەن مېھمانغا ئۆز قولى بىلەن سىنچاي تۇتقاندىن كېيىن، يەنە كېلىدىغان مېھماننى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن دەرۋازا ئالدىغا چىقاتتى.
قەسىرنىڭ ھويلىسىدىكى كىچىك-كىچىك گۈللۈكلەردىكى گۈللەر ئاللىقاچان توزۇپ كەتكەن، يوپۇرماقلار سارغىيىپ تۆكۈلۈشكە باشلىغان بولسىمۇ، ئېگىلىپ كەتكەن شاخلاردىكى رەڭ تالىشىپ پىشقان قوش مۇشتۇمدەك ئانار، ئالمىلار، دەرۋازىدىن سارايغىچە سوزۇلغان تال باراڭدىكى ساڭگىلىشىپ كەتكەن ئۈزۈم ساپاقلىرىدا كەھرىۋادەك جۇلالىنىپ تۇرغان ئۈزۈم دانلىرى قۇياش نۇرىدا كۆزنى قاماشتۇرۇپ، شۇنداقلا قارىغان كىشىنىڭ ئاغزىغا شۇررىدە سېرىق سۇ پەيدا قىلاتتى. تام، پېشايۋان تۈۋرۈكلىرى، خە، ناۋالارغا ئويۇلۇپ، رەڭدار سىرلانغان نەقىشلەر باي قەسىرىگە باشقىچە سۆلەت، ھەشەمەت بېغىشلايتتى. ئۇيغۇر مېمارچىلىق، نەققاشچىلىق سەنئىتىنىڭ گۈزەل ئۆرنەكلىرى بىلەن بېزەلگەن يوغان مېھمانخانىنىڭ تاملىرىدىكى ئويۇق، تەكچە، نۆۋەيلەرگە توم-توم بۇلغار تاشلىق كىتابلار، ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، قاشتېشىدا نەپىس ياسالغان لېگەن، پەتنۇس، جام، چۆچەك، قەدەھ، قاندال، لوڭقا، ئاپتۇۋا – چۆگۈن، چىنە – چەينەك، تەخسە – پىيالە… قاتارلىق تۈرلۈك بۇيۇملار تىزىلغان. دۇتار، راۋاب، تەمبۈر، ساتار، غېجەك قاتارلىق چالغۇلار ۋە قىلىچ، نەيزە، ئوقيا، پالتا، قالقان، قارا مىلتىق، پاۋان مىلتىق قاتارلىق جەڭ قوراللىرىمۇ مۇۋاپىق جايلارغا ئېسىلغانىدى. تۆر تەرەپتىكى تامغا قايسى بىر ئۇستا خالۋاپنىڭ قولىدا ئەلىشىر نەۋائىينىڭ:
ھەر كىشىكىم تاپسا دەۋران ئىچىدە جاھۇ ئېتىبار،
كىم ئۇنىڭ زاتىدە بىدادۇ ستەم بولغاي قىلىق.
ياخشىلىق گەر قىلمىسا، بارى يامانلىق قىلماسۇن،
كىم يامانلىق قىلمىسا قىلغانچە بار ئۇل ياخشىلىق.
(بەزىلەر بۇ زاماندا مەنسەپ ۋە ئابرۇيغا ئىگە بولسا
باشقىلارغا زۇلۇم سېلىشنى ئادەت قىلىدۇ.
ئەگەر ياخشىلىق قىلمىسا، يامانلىقمۇ قىلمىسۇن.
يامانلىق قىلماسلىقنىڭ ئۆزى ياخشىلىق قىلغانغا باراۋەر)
دېگەن مىسرالىرى چۈشۈرۈلۈپ، چەت – چۆرىسى چىرايلىق گۈل نەقىشلەر بىلەن يېزىلىپ تۈجۈپىلەپ توقۇلغان بىر پارچە مەرۇزە ۋە زامانىسنىڭ نادىر خەتتاتلىرىنىڭ قولىدىن چىققان فارابى، سەئىدى، جامىيلارنىڭ ھېكمەتلىرى يېزىلغان بىر نەچچە پارچە ھۆسنخەت ئېسىلغان بولۇپ، كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى. مېھمانخانىنىڭ پەگا تەرىپىدە ئولتۇرغان سەككىز−ئون سازەندە قوللىرىدىكى چالغۇلىرىنى سازلىغاچ ئالىم – ئۆلىمالارنىڭ پارىڭىغا قۇلاق سېلىپ ئەدەپ ساقلاپ ئولتۇرۇشاتتى. ئالىم – ئۆلىما سۈپەت كىشىلەر بىر-بىرىگە تەۋەززۇ بىلەن ھۆرمەت بىلدۈرۈشۈپ ئىختىيارىي سۆھبەتكە چۈشكەنىدى. ئۇلارنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە ئولتۇرۇشقان 30 − 35 نەپەر تالىپ – شاگىرت سۈپەت يىگىتلەر بارلىق دىققىتى بىلەن پاراڭغا قۇلاق سېلىشقانىدى. ئىككى نەپەر مۇلازىم يىگىت پات – پات مېھمانلارنىڭ پىيالىلىرىگە چاي جىقلاپ قويغاچ ئىشىك تۈۋىدە قول باغلاپ تۇرۇشاتتى.
قەسىرنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ئوغۇللىرى بىلەن مېھمانلارنىڭ يولىغا قاراپ تۇرغان ئەلى باي پات – پات تاقەتسىزلىك بىلەن كوچىنىڭ ئۇ بېشىغا بويانداپ قارايتتى.
−− ھېكىمبەگ ھەزرەتلىرى ئەجەب كېچىكىپ قالدىيا ئاتا؟ −− ئۆرە تۇرۇۋېرىپ پۇتى تېلىپ كەتكەن ئوتتۇرانچە ئوغۇل سەۋرسىزلىك بىلەن سورىدى.
كاللىسىدا ھەر خىل پەرەزلەر ئەلەڭلەپ تۇرغان ئەلى باي ئوغلىنىڭ چىرايىغا يالت ئېتىپ قاراپ قويۇپ زۇۋان سۈرمىدى.
−− ئەتىمالىم، −− دەپ ئېغىز ئاچتى چوڭ ئوغۇل، −− ھېكىمبەگ ھەزرەتلىرىنىڭ بىرەر زۆرۈرى چىقىپ قالغان چېغى.
ئوتتۇرانچى بايۋەچچىنىڭ «بولمىسا ھېكىمبەگ ھەزرەتلىرىنى قەسىردە ساقلايلى» دېگۈسى بولسىمۇ، دادىسىنىڭ زور ئىشەنچ ۋە ھۆرمەت بىلەن تۇرغان تۇرقىغا قاراپ كۆڭلىدىكىنى ئاغزىدىن چىقىرىشقا پېتىنالمىدى.
−− كەلمەيمۇ قالارمۇ يا؟ −− سورىدى ئۇ دادىسىنىڭ چىرايىغا سىناش نەزىرى بىلەن قاراپ.
ئەلى باي ئوغلىنىڭ چىرايىغا يەنە بىر قېتىم يالت ئېتىپ قارىدى، كۆزلىرىدىن ئالىقانداق بىر نارازىلىق ئىپادىلىرى بالقىدى.
−− ھېكىمبەگ ئالىلىرى ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان تۇتۇرۇقسىز كىشىلەردىن ئەمەس. كېلەلمەيدىغان بولۇپ قالسا ئالىقاچان خەۋىرىنى بېرىپ چاپارمەن ماڭغۇزاتتى.
−− راست ئېيتتىلا ئاتا، −− دېدى كىچىك ئوغۇل دادىسىغا ھۆرمەت بىلەن قاراپ، −− باشقا مېھمانلار سەل بۇرۇنراق كەلگەن چېغى، ھېكىمبەگ ئالىلىرى ۋاقىتقا بەك رىئايە قىلىدۇ.
−− ئەنە كەلدى، −− چوڭ ئوغۇل بوشقىنا ۋارقىرىۋەتتى.
ئەلى باي شارتتىدە بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىدى. كوچىنىڭ ئۇ بېشىدىن 20 − 30 ئاتلىقنىڭ قارىسى كۆرۈنگەنىدى. ئەلى باينىڭ چېھرىدە ياللىدە كۈلكە پارلىدى – دە، ئاتلىقلارنىڭ ئالدىغا قاراپ ئىلدام يۈرۈپ كەتتى، ئۈچ ئوغۇل دادىسىنىڭ ئارقىسىدىن دەمبەسقەدەم ئەگەشتى.
شۇ دەقىقىدە قەشقەرنىڭ ھۆكۈمدارى زوھۇردۇن ھېكىمبەگ 30 نەپەر نۆكىرىنىڭ قورۇقچىلىقىدا ئەلى باي قەسىرىگە قاراپ كېلىۋاتاتتى.
ئەلى باي ئىلدام بېرىپ زوھۇردۇن ھېكىمبەگ مىنگەن قارا قاشنىڭ چۇلۋۇرىنى قولىغا ئالدى. ئاتتىن چاققانلىق بىلەن چۈشكەن زوھۇردۇن ھېكىمبەگ ئاۋۋال ئەلى باي بىلەن، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى بىلەن بىر-بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، تىنچلىق – ئامانلىق سوراشتى.
تۇيۇقسىز بىر ئىشنى ئېسىگە ئالغان ئەلى باي ئوغۇللىرىغا قاراپ قاپىقىنى تۈردى.
−− ئەستاغپۇرۇللا، پايانداز سالماپسىلەرغۇ، ھاڭۋېقىپ تۇرماي چاققان بولۇڭلار.
ئوغۇللار ھەم چۆچۈگەن ھەم خىجالەت بولغان ھالدا قەسىرگە قاراپ ماڭدى.
−− توختاشسىلا بايۋەچچىلەر، −− دېدى زوھۇردۇن ھېكىمبەگ ئۈچ يىگىتكە قاراپ، −− شەخسىي مېھماندارچىلىق بولغاندىكىن ئارتۇقچە قائىدە – يوسۇن، رەسمىيەت سۈرۈشتە قىلىشمايلى. ماڭا كۆرسەتكەن مۇشۇ ھۆرمەت – ئېھتىرامنىڭ ئۆزى ھەرقانداق پاياندازدىن زىيادىدۇر. كەلسىلە، ئاتىلىرىنىڭ قولىدىن چۇلۋۇرنى ئېلىشسىلا.
كىچىك ئوغۇل دادىسىنىڭ قولىدىن ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى ئالدى.
ئەلى باي خىجالەت بىلدۈرۈپ يەرگە قارىدى.
−− ھېكىمبەگ ئالىيلىرىنىڭ ئالاھىدە كەلتۈرگەن پاي – قەدەملىرىگە تۇشلۇق ھۆرمەت بىلدۈرەلمىدۇق. دىتسىزلىقىمىزنى ئەپۇ قىلغايلا.
−− خىجالەت بولمىسىلا، ئارتۇقچە تەۋەززۇ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. باي جانابلىرىنىڭ بىزنى ھەرقاچان ئەزىزلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل. قېنى خوش، قەسىرگە باشلىسىلا.
ئەلى باي گەۋدىسىنى بىرئاز ئېگىپ، ئىككى قولى بىلەن قەسىر دەرۋازىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ زوھۇردۇن ھېكىمبەگنى قەسىرگە تەكلىپ قىلدى.
−− خوش قېنى، كۆلبىمىزگە مەرھەمەت قىلسىلا ئالىيلىرى.
زوھۇردۇن ھېكىمبەگ مەغرۇر قەدەملىرى بىلەن قەسىر دەرۋازىسىغا قاراپ ماڭدى. باينىڭ ئۈچ ئوغلى نۆكەرلەرنى قەسىرنىڭ ئىچىدىكى يەنە بىر سارايغا باشلىدى، خىزمەتكارلار ئاتلارنى باغلاشقا كىرىشتى.
زوھۇردۇن ھېكىمبەگ بىلەن ئەلى باي مېھمانخانىغا يېقىنلىشىشى ھامان ئىشىك تۈۋىدە تۇرغان ئىككى مۇلازىم ئىچكىرىدىكىلەرگە قاراپ بوش ئاۋازدا توۋلىدى:
−− زوھۇردۇن ھېكىمبەگ ئالىيلىرى كەلدى!
شۇ ھامان ئىختىيارىي پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان مېھمانلار دۈررىدە ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ ئېھتىرام بىلدۈرۈشتى.
−− ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قەدەم يەتتى بالا يەتمىگەي! −− دېدى بوسۇغىدىن ئاتلىغان زوھۇردۇن ھېكىمبەگ مېھمانلارغا سالام بېرىپ.
−− ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ھېكىمبەگ ئالىيلىرىنىڭ مۇبارەك قەدىمى قۇتلۇق بولغاي! −− دېيىشتى مېھمانلار ۋە بىر – بىرلەپ كېلىپ بەگ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.
−− قېنى، ھېكىمبەگ ئالىيلىرى تۆرگە مەرھەمەت قىلغايلا!
مېھمانلار ھېكىمبەگنى تۆت تەرەپتىكى قات-قات كۆرپە سېلىنغان بوش ئورۇنغا تەكلىپ قىلىشتى.
−− ھەر سورۇننىڭ قائىدە – يوسۇنى، ھەركىمنىڭ ھەر سورۇندا ئۆزىگە تۇشلۇق ئورنى، جايى بولىدۇ، −− دېدى زوھۇردۇن ھېكىمبەگ تەۋەززۇ بىلەن، −− جانابىي مۆھتەرەم ئۇستازلارنىڭ ئېسىدە بولغايكى، بول دەرگاھ بىزلەركىم قەشقەر دىيارىنىڭ ھۆكۈمدارى زوھۇردۇن ھېكىمبەگنىڭ ئوردىسى ئەمەستۇر، شۇنداقلا ئۇشبۇ سورۇن جانابىي ئىلىم – ھېكمەت ساھىبلىرى بولمىش پازىللارنىڭ ھۆرمىتىگە ئۇيۇشتۇرۇلغان كاتتا ئەنجۈمەندۇر. شۇڭلاشقا ھەر بىرلىرىدەك ئۇستازلار تۇرغان يەردە كەمىنىلىرىنىڭ تۆردىن جاي ئېلىشى مۇناسىپ ئەمەستۇر. قېنى، مۇھەممەد سادىق قەشقەرى جانابلىرى، تۆرگە ئۆزلىرى مەرھەمەت قىلغايلا!
−− ئالىيلىرىنىڭ بىزلەرگە كۆرسەتكەن بۇنداق زىيادە ھۆرمەت – ئېھتىرامغا مىڭلارچە تەسەننا، −− دېدى مۇھەممەد سادىق قەشقەرى ئېھتىرام بىلەن، −− ئەمما ھۆرمەت ئىككى خىل بولۇر، بىرى تىلدا، بىرى دىلدا. ئەلۋەتتە، ئالىيلىرىنىڭ بىزگە كۆرسەتكەن ھۆرمىتى دىلدىدۇر. ئالىلىرىنىڭ ئەلەددامام (ھەر دائىم) بول كىتابخانلىق مەشرىپىمىزنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىسى ھەم ئۆز نۆۋىتىدە پات-پات ساھىبخانى بولغىنىڭىزنىڭ ئۆزىمۇ بۇ سۆزىمىزنىڭ دەلىلىدۇر، شۇڭا تۆرگە يەنىلا ئۆزلىرى مەرھەمەت قىلغايلا.
−− ئەللامە ھەزرەتلىرى كۆپ ئاشۇرۇۋەتتىلە، −− دېدى زوھۇردۇن ھېكىمبەگ كۈلۈمسىرەپ، −− سەئىدى شىرازى ھەزرەتلىرى شاھانە رىسالىسى «گۈلىستان»دا: مەملىكەت ئۆز ئالىملىرى بىلەن ھۆسن – جامال تاپىدۇ، ئىلىم −− ئىلىم پەرۋانىلىرى بىلەن كامالەتكە ئېرىشىدۇ. ئاقىللارنىڭ ھۆكۈمدارغا موھتاج بولغىنىدىن كۆرە، ھۆكۈمدارلار دانىشمەنلەر سۆھبىتىگە كۆپرەك موھتاج بولغىنى ئەۋزەل، دېگەنىكەن. كەمىنىلىرى ھەر بىرلىرىنىڭ سۆھبىتىگە موھتاجمەن. شۇ سەۋەبتىن ئۇشبۇ ئىلىم سورۇنىنىڭ تۆرى يەنىلا ھەر بىرلىرىگە مۇناسىپتۇر.
−− ئالىيلىرى بۇنداق دەپ تۇرۇۋالسىلا مەشرىپىمىزنى ھەرگىز باشلىيالمايمىز، −− دېدى ئابدۇرېھىم نىزارى سۆز قىستۇرۇپ، −− بۈزرۈكۋارىمىز مۇھەممەد سادىق قەشقەرى ھەزرەتلىرىمۇ سىلىنى بېسىپ ھەرگىز تۆردە ئولتۇرمايدۇ. ئەڭ ياخشىسى بىزنى تەڭقىسلىقتا قويمىسىلا. بايا ئەللامە ھەزرەتلىرى توغرا ئېيتتى. ھۆرمەت – ئېھتىرام دىلدا بولۇر. سىلى سورۇنىمىزنىڭ تۆرىدە ئولتۇرۇپ بەرسىلە، بىز بولساق ئالىيلىرىنىڭ كۆڭۈل تۆرىدە بەھۇزۇر ئولتۇرۇۋېرەيلى، −− ئۇ گېپىنى توختىتىپ ئەتراپتىك−ىلەرگە قارىدى، −− قانداق دېدىم جانابلار؟
−− نەق گەپنى قىلدىلا.
−− ئارىي.
−− ئەينى مۇددىئا.
−− ئالىيلىرى تۆرگە مەرھەمەت قىلغايلا.
بىر پەس تالاش – تارتىشتىن كېيىن زوھۇردۇن ھېكىمبەگ مۇھەممەد سادىق قەشقەرى بىلەن ئابدۇرېھىم نىزارىنى ئىككى يېنىغا ئېلىپ تۆردە ئولتۇردى – دە، دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ پاتىھە قىلدى. ئاۋۋال ساھىبخانا ئەلى بايدىن، ئاندىن مېھمانلاردىن تىنچ – ئامانلىق سورىدى.
ئەلى باي مېھمانلارنىڭ قولىغا سۇ بېرىش ئۈچۈن ئاپتۇۋا – چىلاپچا كۆتۈرۈپ كەلدى.
−− بۇ ئىشلىرى قاملاشمىدى ئەلى باي، −− دېدى زوھۇردۇن ھېكىمبەگ نارازىلىق بىلدۈرۈپ، −− سىلىگە قول تەڭلىسەك قانداق بولىدۇ.
−− ھەر بىرلىرىنىڭ مۇبارەك قوللىرىغا سۇ بېرىش ساۋابىدىن كەمىنىلىرىنى مەھرۇم قىلىشمىسىلا، −− دېدى ئەلى باي نىيىتىدىن يانماي.
−− سىلى قولىمىزغا سۇ بېرىپ ساۋابقا ئېرىشكەن بىلەن بىز جانابلىرىغا قول تەڭلەپ گۇناھقا پاتىمىز، ئەڭ ياخشىسى بىزنى تەڭلىك قىلمىسىلا، −− دېدى مۇھەممەد سادىق قەشقەرى.
−− ھاي يىگىتلەر، كېلىپ ئاتاڭلارنىڭ قولىدىن ئاپتۇۋا، چىلاپچىنى ئېلىڭلار، −− دېدى زوھۇردۇن ھېكىمبەگ.
ئەلى باينىڭ چوڭ ئوغلى يۈگۈرۈپ كېلىپ دادىسىنىڭ قولىدىن ئاپتۇۋا – چىلاپچىنى ئالدى – دە، زوھۇردۇن ھېكىمبەگنىڭ ئالدىغا كەلدى.
−− خوش، ئەللامە ھەزرىتىم ئاگال سىلى قول چايقىسىلا، −− دېدى زوھۇردۇن ھېكىمبەگ مۇھەممەد سادىق قەشقەرىگە قاراپ.
−− خوش، ئاۋۋال ئۆزلىرىدىن كەلسۇن، −− دېدى مۇھەممەد سادىق قەشقەرى.
ئۇلار يەنە بىر پەس تەۋەززۇ قىلىشقاندىن كېيىن، يەنىلا زوھۇردۇن ھېكىمبەگ باشتا قول چايقاشقا مەجبۇر بولدى. ئۇنىڭغىچە باينىڭ ئىككىنچى ئوغلىمۇ ئاپتۇۋا – چىلاپچا كۆتۈرۈپ كەلدى – دە، ئىككى يىگىت ئىككى باشتىن مېھمانلارنىڭ قولىغا سۇ بېرىشكە كىرىشتى. مېھمانلار قول چايقاپ بولغاندىن كېيىن، رەسمىي داستىخان سېلىندى. خىزمەتكارلار پەتنۇس، لېگەن، تەخسە، تاۋاقلاردا تۈرلۈك ھۆل – قۇرۇق يەل – يېمىشلەرنى، قەنت – ناۋات، ھەسەل – گۈلقەنت، مۇراببا – شەربەت، ھالۋا قاتارلىق تاتلىق – تۇرۇملارنى، ساڭزا – قۇيماق، پوشكال، بوغۇرساق، سامسا، نان – توقاچلارنى، قېتىق – قايماقلارنى داستىخانغا تىزىشقا باشلىدى، نازۇ – نېمەتلەرنىڭ موللۇقىدىن داستىخان يۈزى كۆرۈنمەيلا قالدى.
−− مۆھتەرەم ھېكىمبەگ ئالىيلىرى، ھۆرمەتلىك پازىللار ۋە مەشرەپ ئەھلى، كەمىنە ئەلى باي ھەر بىرلىرىنىڭ غېرىبانە كۆلبەمگە قەدەم تەشرىپ قىلىپ، باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان بول كىتابخانلىق مەشرىپىمىزگە داخىل بولۇشقانلىقلىرىغا تولىمۇ مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، −− دېدى ئەلى باي پەگادا قول باغلاپ تۇرۇپ، −− ھازىر مەشرىپىمىزگە تەكلىپ قىلىنغان ئەزىز مېھمانلارنىڭ ھەممىسى تولۇق جەم بولدى. مەشرىپىمىزنى رەسمىي باشلاشتىن ئاۋۋال ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي ئەزىزانە قەشقەرگە كېلىپ، سورۇنىمىزنى ئاۋاتلاشتۇرۇپ، مەشرىپىمىزنىڭ ھۆسنىگە ھۆسن قوشقان ئىككى ئەزىز مېھماننى ھەر بىرلىرىگە، شۇنداقلا ھەر بىرلىرىنى ئول ئەزىزلەرگە تونۇشتۇرۇپ قويۇشقا ئىجازەت بېرىشلىرىنى سورايمەن.
−− ئىجازەت −− دېدى زوھۇردۇن ھېكىمبەگ يىراقتىن كەلگەن مېھمان بىلەن تېزرەك تونۇشۇۋېلىشقا ئالدىراپ.
−− ئەمىسە تونۇشتۇرۇشنى ئاۋۋال يىراقتىن كەلگەن مېھمانلاردىن باشلىدىم، −− دېدى ئەلى باي ۋە ئۆچكە ساقال، بەستلىك كىشىگە يۈزلەندى، −− بۇ زاتى مۇبارەك مەۋلانە مۇھەممەد نىياز ياركەندى جانابلىرى بولىدۇ. ئۆزى شەھىرى خوتەندە ئىستىقامەت قىلىدۇ. دەرگاھىمىزغا ئۇل خوتەن دىيارىدىن كېلىشى، يېتىشكەن ساھىبقەلەملەردىن سانىلىدۇ. نەزملىرىنى نىيازى تەخەللۇسىدا يازىدۇ. ھازىر جەننەت ماكان پېشىۋايىمىز مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگانى ھەزرەتلىرىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى «تارىخىي رەشىدى»نى پارسچىدىن ئانا تىلىمىز بولمىش ئۇيغۇر تۈركچىسىگە تەرجىمە قىلىۋاتىدۇ.
مەۋلانە مۇھەممەد نىياز ياركەندى ئورنىدىن تۇرۇپ مېھمانلارغا ھۆرمەت بىلدۈردى.
−− ئەلى باي جانابلىرى تولىمۇ مۇبالىغە قىلىۋەتتى. پېقىرنىڭ نەزم ئىستېداتى تولىمۇ تۆۋەن. يازغانلىرىمنىڭ تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق. ئۆزۈمنى چاغلىماي جەننەتماكان ئابا − ئەجدادلىرىمىزنىڭ تارىخى پۈتۈلمىش ئول شاھانە ئەسەرنى تەرجىمە قىلىشقا تۇتۇنغىنىم راست. ئۇستازلارنىڭ تەلىمىگە موھتاجمەن. كالاملىرىنى ئاياشمىغايلا.
سورۇن ئەھلى مەۋلانە مۇھەممەد نىياز ياركەندىگە قايىللىق، قىزىقىش نەزىرى بىلەن قايتىدىن قاراشتى.
−− ھازىر ۋە كەلگۈسىنىڭ بەخت-سائادەت ۋە شاراپەتلىرى ياخشى نىيەت ۋە ئېزگۈ ئىش – ئەمەللەر بىلەن ھاسىل بولۇر، −− دېدى مۇھەممەد سادىق قەشقەرى سۆز ئېلىپ، −− تولىمۇ كاتتا ئىشقا تۇتۇش قىلىپلا، مەۋلانە. بىزدىن بۇرۇنقى ئىلىم ئىگىلىرى ئۆزى ياشىغان زامان ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى سۇلتانلار، خاقانلارنىڭ ھۆكۈمەت ۋە سەلتەنەت شارائىتىنى، خەلق ۋە مەملىكەتنىڭ قائىدە -قانۇنلىرىنى مۇستەھكەملەش، دەۋا – تەلەپتە تۇتقان ئەدلۇ ئادالىتى ۋە بۇنىڭدىن كۆرگەن پايدىسى، شۇنداقلا زۇلۇم ھەم چىرىكلىشىشتىن تارتقان زىيان، خارابلىشىشلىرى، دۆلەتنى مۇستەھكەم، پاراۋان قىلىپ ياخشى ئات قالدۇرۇشى ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئەقىل – پاراسەت ۋە تىرىشچانلىقلىرىنى، ئاۋامغا جەبىر – زۇلۇم قىلىشتىن ساقلىنىشنى ۋاجىپ دەپ بىلىپ، ئەل – يۇرتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تۆھپە خىزمەتلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تارىخ قىلىپ ئەينەن يېزىپ قالدۇرۇپتۇ. ئەۋلادلىرىمىز ئەجدادلىرىمىزنىڭ شانۇ شەۋكەتلىك تارىخىنى ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇپ بىلسە، ئابا – ئەجدادلىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى، كەلگۈسىدە كىم بولماقچىلىقىنى ئويلىنار، يول تاپار، ئەل – ئاۋامغا پايدىلىق ئىش – ئەمەللەر بىلەن شۇغۇللىنار. مۇبارەك ئات – جونلىرىنى خېلىدىن بىرى ئىشلەتكەن بولساقمۇ بۈگۈن دىدار-مۇلاقەتتە بولۇش نېسىپ بوپتۇ، باشلىغان ئىشلىرى خەيرلىك، بەرىكەتلىك بولغاي.
−− بۈزرۈكۋارىمغا كۆپ رەھمەت، −− دېدى مەۋلانە مۇھەممەد نىياز ياركەندى ھاياجانلانغان ھالدا:
−− دىدارلاشقىنىمىزغا خۇشالمىز، −− دېيىشتى باشقىلارمۇ.
−− بۇ زاتى مۇبارەك، −− دېدى ئەلى باي تونۇشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، −− موللا شاكىر ئىبنى موللا تاھىر جانابلىرى بولىدۇ. شەھىرى ئاقسۇدا، ئۇ ئاقسۇ مەدرىسىدە مۇدەررىسلىك قىلىپ تالىبى ئىلىملەرنى تەربىيىلەۋاتىدۇ، زامانىمىزنىڭ يېتۈك شائىرلىرىدىندۇر.
جۇغى كىچىك، ئورۇقراق كەلگەن موللا شاكىر دەس ئورنىدىن تۇرۇپ سورۇن ئەھلىگە ھۆرمەت بىلدۈردى.
−− ئەزىزانە قەشقەرگە كېلىپ ھەر بىرلىرىدەك ئالىم، پازىللار بىلەن دىدار-مۇلاقەتتە بولغىنىمدىن تولىمۇ پەخىرلىنىمەن.
−− بىزمۇ ھەم شۇنداق، −− دەپ ئېھتىرام بىلدۈرۈشتى ئولتۇرغانلار.
−− ئىككى مۆھتەرەمنىڭ مۇبارەك پايە-قەدىمى قەشقەرگە قاچان يەتكەن بولغىيتى؟ −− سورىدى زوھۇردۇن ھېكىمبەگ مەۋلانە مۇھەممەد نىياز ياركەندى بىلەن موللا شاكىرغا قاراپ.
ئىككىيلەن بىر- بىرىگە قاراپ قويۇپ جاۋاب بېرىشكە ئالدىرىمىدى. زوھۇردۇن ھېكىمبەگنىڭ چىرايىدىن ئىككى ئۆلىمانىڭ قەشقەرگە كەلگىنىدىن ئۆزىنىڭ خەۋەرسىز قالغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. چۈنكى، ئەزەلدىن ئالىم-ئۆلىما، ئىلىم ئەھلىنى تولىمۇ قەدىرلەيدىغان زوھۇردۇن ھېكىمبەگ قەشقەرگە قەدەم باسقان ھەرقانداق ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ ئۆزى بىلەن ئاۋۋال كۆرۈشۈشنى تولىمۇ خالايتتى. زوھۇردۇن ھېكىمبەگ قەشقەرگە ھۆكۈمدار بولغان نەچچە يىلدىن بېرى قائىدىمۇ شۇنداق بولۇپ كەلگەنىدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئىلىمخۇمار، مەرىپەتپەرۋەر دېگەن نامى يىراق – يېقىنلارغا تارالغانىدى. شۇ تاپتا مەۋلانە مۇھەممەد نىياز يار كەندى بىلەن موللا شاكىر راست جاۋابنى بەرسە زوھۇردۇن ھېكىمبەگنىڭ رەنجىشىدىن ئەنسىرەپ، يالغان جاۋاب بېرىشكە كۆڭلى كۆتۈرمەي تۇرۇپ قالغانىدى. ئۇلارنىڭ مۇددىئاسىنى چۈشەنمىگەن ئەلى باي ئالدىراپ جاۋاب بېرىۋەتتى.
−− ھېكىمبەگ ھەزرەتلىرىگە مەلۇم بولغاي. مەۋلانە مۇھەممەد نىياز ياركەندى جانابلىرىنىڭ پايە قەدىمىنىڭ قەشقەرگە يەتكىنىگە تۆت كۈن، موللا شاكىر جانابلىرىنىڭ پايە قەدىمىنىڭ قەشقەرگە يەتكىنىگە ئۈچ كۈن بولدى.
−− شۇنداقمۇ، −− دېدى زوھۇردۇن ھېكىمبەگ چىرايىدىكى ئەپسۇسلۇق ئىپادىلىرىنى يوشۇرماي، −− ئۈچ – تۆت كۈندىن بېرى خەۋەرسىز قاپتۇق – تە. ھېچ بولمىسا ئەلى باي جانابلىرى دەرگاھىمىزغا خەۋەر بېرىۋېتىشى كېرەك ئىدى.
−− بىزنىڭمۇ ھېكىمبەگ ئالىيلىرىنىڭ ئالدىغا سالامغا بېرىش يولىمىز بار ئىدى، −− دېدى موللا شاكىر ئەلى باينى خىجالەتتىن قۇتۇلدۇرماقچى بولۇپ، −− سەپەر ھاردۇقىدا…
−− يوقسۇ، بۇ ئىش زىنھار ئىككىلىرىنىڭ سەۋەنلىكى ئەمەس، −− دېدى زوھۇردۇن ھېكىمبەگ، −− دېمەكچىمەنكى جانابىي ئەلى باي خەۋەر بېرىۋەتكەن بولسا سالامغا ئۆزۈم كېلەتتىم. چۈنكى ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسساللام ئەمىرلەرنى زىيارەت قىلغان ئالىم يامان ئالىم، ئالىملارنى زىيارەت قىلغان ئەمىر ياخشى ئەمىردۇر دېگەنىكەن.
−− ئارىي، ھېكىمبەگ جانابلىرىنىڭ دېگەنلىرى ئەينى مۇددىئادۇر، −− دېدى مۇھەممەد سادىق قەشقەرى سۆز ئېلىپ، −− ئەمما مەۋلانە جالالىدىن رومى ھەزرەتلىرى بۇ ھەدىسنى باشقىچە ئىزاھلايدۇ. يەنى ئۇل ئىلىمگە ھۆددىگەر بېرىمىز «فىمى مافىمى» ناملىق رىسالىسىنىڭ بېشىدا بۇ ھەددىسىنى شۇنداق ئىزاھلايدۇلەركىم: خەلق بۇ ھەدىسنىڭ يۈزەكى مەنسىنىلا قوبۇل قىلغان. يەنى، بىر ئالىم يامان ئاتىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئەمىرنى يوقلىماسلىقى لازىم، ئەمىرنىڭ دەرگاھىغا بېرىش ئۇنىڭغا مۇناسىپ ئەمەس دەپ چۈشىنىۋالغان. ئەسلىدە پىكىرنىڭ ھەقىقىي مەنىسى مۇنداق: ئەمىرلەردىن ياردەم ئېلىش، ئۇلارنىڭ ۋاسىتىسىدە ئۆز ئەھۋالىنى ياخشىلاش، تەسىرىنى كۈچەيتىش، ئىززەت-ئېكرام، ئىنئام تەمە قىلىش، يۇقىرى ئورۇن، مەرتىۋىگە ئېرىشىش مەقسىتىدە ئەمىرلەرنى يوقلىغان، ئەمىرلەرنىڭ دەرگاھىغا قاترىغان ئالىم ئالىملارنىڭ ئەڭ يامىنىدۇر. چۈنكى، ئۇلار ئەلەددامام ئەمىرگە خۇشامەت قىلىدۇ. ئەمىرنىڭ ئالدىدا ھەق سۆزلەشتىن، ھەقنى كۆرسىتىشتىن قورقىدۇ. بۇنداق ئالىم مەيلى ئەمىرنى كۆرگىلى بارسۇن، مەيلى ئەمىر ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كەلسۇن، بەرىبىر ئالىم زىيارەت قىلغان، ئەمىر زىيارەت قىلىنغان بولىدۇ. مەگەركى ئالىم ئەمىرلەرنىڭ سايىسىدا ئالىم بولۇشنى ئويلىمىغان بولسا، تۇتقان يول ۋە بارلىق پائالىيەتلىرىدە ساۋابلىقنى كۆزلىگەن بولسا، بۇنداق ئالىم ئەمىرنىڭ ھۇزۇرىغا بارسا، كۆرۈنۈشتە ئۇ زىيارەت قىلغان بولسىمۇ، يەنىلا زىيارەت قىلىنغان، ئەمىر بولسا زىيارەت قىلغان بولىدۇ. چۈنكى ئەمىر ئول ئالىمدىن ھەر ۋاقىت يۈكسىلىشكە، ئەدلۇ ئادالەتكە چاقىرغۇچى بىر مەدەت، ياردەم ئالىدۇ. بۇنداق ئالىملارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى باشقۇرۇپ، يولغا سېلىپ تۇرىدىغان نەرسە ئەقىلدۇر. ئىنسانلار بولسا بىلىپ – بىلمەي ئۇل ئالىم تاراتقان نۇردىن بەھرە ئالىدۇ. بىزنىڭ نەزىرىمىزدە زوھۇردۇن ھېكىمبەگ ئالىيلىرى ئەلەددامام ئالىملارنى زىيارەت قىلغۇچىدۇر.
−− ھەسەنات، ئۇستازنىڭ باھاسى كۆڭلىمىزدىكى شەك تۇمانلىرىنى تارىتىۋەتتى، −− دېدى زوھۇردۇن ھېكىمبەگ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، −− بىراۋ كەمىنىگە ئالىملىق بىلەن ھېكىمبەگلىكتىن بىرنى تاللا دېگەن بولسا، ئەلۋەتتە ئالىملىقنى تاللىغان بولاتتىم. چۈنكى بەگ بولماق ئاسان، ئالىم بولماق تەس. مىسالەن، مېنىڭ ئورنۇمغا بەگ بولىدىغانغا قەشقەر دىيارىدىن مىڭلاپ ئادەم ھازىرلا تېپىلىدۇ. ئەمما جانابىي پازىللارنىڭ ئورنىنى باسىدىغان ئىلىم – ھېكمەت ئىگىسىدىن 100 يىلدىمۇ بىرەرسى تېپىلمىقى تەس. بۇرادىمىز جانابىي ئەلى باينىڭ مال – دۇنيادىن كۆرە ئالىم – ئۆلىمالارنى ئەزىز بىلىدىغان پەزىلىتىنى ھەممىمىز بىلىمىز. شۇڭىمۇ ئۇنىڭ يۇرت-يۇرتلاردىكى ئالىم ئۆلىما، پازىللار بىلەن باردى – كەلدىسى قويۇق. بۇنىڭدىن كېيىن دەرگاھىغا پايە قەدىمى يەتكەن زاتى مۇبارەكلەرنىڭ خۇش خەۋىرىدىن ۋاقتىدا ۋاقىپلىنىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمىز.
−− ئاللاھ خالىسا بۇنداق سەۋەنلىكنىڭ ئىككىنچى كۆرۈلمەسلىكىگە ھۆددە قىلىمەن، −− دېدى ئەلى باي يەڭگىل تىن ئېلىپ، −− ئەمدى مەشرەپ ئەھلى ئىجازەت بەرسە يىراقتىن كەلگەن ئۇل ئىككى ئەزىزگە دىيارىمىزنىڭ پازىللىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي، گەرچە نام – ئاتاقلىرى بىر- بىرلىرىگە خېلىدىن بىرى تونۇش بولسىمۇ، دىدار – مۇلاقەتتە بولۇشلىرى تۇنجى قېتىمغۇ دەيمەن.
−− ئەلۋەتتە، −− دېدى زوھۇردۇن ھېكىمبەگ.
ئەلى باي گېلىنى قىرىپ قويۇپ تونۇشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى:
−− بۇياق ھەممىمىزگە تونۇشلۇق يۇرت ئاتىسى، ئەدلۇ ئادالەتتە نۇشىرۋاندىن، ساخاۋەتتە ھاتەم تەيدىن، ئىلمۇ كامالەتتە ھۈسەين بايقارادىن ئۆرنەك ئالغان، مۈلكى قەشقەرىنىڭ ھۆكۈمدارى، يېتۈك ساھىبقەلەم زوھۇردۇن ھېكىمبەگ ئالىيلىرى بولىدۇ. زوھۇرى تەخەللۇسى بىلەن نەزم ئىختىرا قىلىدۇ.
زوھۇردۇن ھېكىمبەگ ئورنىدىن بىرئاز قىمىرلاپ، بېشىنى يەڭگىل ئېگىپ سورۇن ئەھلىگە ھۆرمەت بىلدۈرگەندىن كېيىن ئەلى بايغا قاراپ دېدى:
−− جانابىي ئەلى باي، ماختاشنى چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمىسىلە، بەك مۇبالىغە بولۇپ كەتتى.
−− كەمتەرلىك قىلمىسىلا ئالىيلىرى، −− دېدى ئابدۇرېھىم نىزارى سۆز ئېلىپ، −− ئەلى بايمۇ سىلىدە يوق سۈپەتلەرنى دېمىدى.
−− بۇياق موللا مۇھەممەد سادىق قەشقەرى ئەلەم ئاخۇنۇم ھەزرەتلىرى بولىدۇ. قەشقەر خانلىق مەدرىسىنىڭ سەرمۇدەررىسى، شەرئى مەھكىمىنىڭ باش قازىسى، ئۇشبۇ دەرگاھتىكى بارلىق پازىللارنىڭ ئۇستازىدۇر.
مۇھەممەد سادىق قەشقەرى بېشىنى ئېگىپ سورۇن ئەھلىگە ئېھتىرام بىلدۈردى.
−− ئۆلىما ھەزرىتىم بىلەن دىدار مۇلاقەتتە بولغىنىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن، −− دېدى مۇھەممەد نىياز ياركەندى ئېھتىرام بىلەن، −− بۈرزۈكۋارىمىزنىڭ «ئادابۇس سالىمىن» ناملىق ئەسىرىنى بۇخارا، سەمەرقەند، شىراز، باغداد، دەمەشىق ئالىملىرى «شەرقتىكى ئەدەپ – ئەخلاق دەستۇرى» دەپ تەرىپلەشكىنىنى، ئول دەرگاھلاردا ئىلىم تەھسىل قىلغىنىمدا ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلاپ تولىمۇ پەخىرلەنگەنىدىم.
−− جانابىي ئۇستازنىڭ مۇبارەك نام – ئاتىقىنىڭ باغداد، بۇخارادەك كاتتا ئىلىم دەرگاھلىرىدا زىكىر قىلىنغىنى بىزنىڭمۇ شەرىپىمىز، −− دېدى زوھۇردۇن ھېكىمبەگ.
باشقىلارمۇ بىر ئېغىزدىن مۇھەممەد سادىق قەشقەرىگە بولغان تىلەك – تەبرىكلىرىنى بىلدۈرۈشتى.
−− ھەقىقەتەن پەخىرلىنىشكە تېگىشلىك.
−− ئۇستازنىڭ قەلىمىدىن تېخىمۇ كاتتا ئىختىرالار روياپقا چىققاي.
−− ئاللا ئىگەم ئەزىز تېنىنى سالامەت قىلغاي.
−− ھەر بىرلىرىگە كۆپ رەھمەت، −− دېدى مۇھەممەد سادىق قەشقەرى تەشەككۈر بىلدۈرۈپ، −− ئىنشائاللا، ياخشى تىلەكلەرنى قۇدرەت ئىگىسى مەقبۇل قىلغاي.
ئەلى باي تونۇشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى:
−− بۇياق ئابدۇرېھىم نىزارى جانابلىرى بولىدۇ. ھېكىم بەگ ئوردىسىدا سەرمۇنشىدۇر. نەزمىي ئىستېداتى تولىمۇ كاتتىدۇر. «لەيلى – مەجنۇن»، «پەرھاد – شېرىن» قاتارلىق داستانلارنى يېزىپ تاماملىدى. باشقا ئەسەرلىرىمۇ بار، تەخەللۇسى نىزارىدۇر.
ئابدۇرېھىم نىزارى دەس ئورنىدىن تۇرۇپ سورۇن ئەھلىگە سالام بەردى.
−− ئەلى باي جانابلىرى ئۇل تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق ئەمگەكلەرنى زىيادە مۇبالىغە قىلىۋەتتى. مەن پەقەت ئۇلۇغ بوۋىمىز ھەم ئۇستازىمىز ئەلىشىر نەۋائىي ھەزرەتلىرى ماڭغان يوللاردىن تەمەچ تېرىپ ئۇل داستانلارنى يېزىشقا جۈرئەت قىلدىم، بۇنىڭ ئىستېدات دەپ كەتكۈچىلىكى يوقتۇر.
−− كەمتەرلىكنىمۇ يولىدا قىلسا يارىشىدۇ جانابىي سەرمۇنشى، −− دېدى زوھۇردۇن ھېكىمبەگ، −− سىلىنىڭ نەزملىرىنىڭ ئىستېدات دېگۈچىلىكى بولمىسا، بىزنىڭكىنى نېمە دېسەك بولۇر.
−− ئارىي، −− دېدى تۇردۇش ئاخۇن غېرىبى، −− ھېكىم بەگ ئالىيلىرى نەق گەپنى قىلدى. خوش، ئۇل داستانلارنى بوۋىمىز ئەلىشىر نەۋائىي ھەزرەتلىرىگە تەقلىد قىلدىم دېسىلە، ئۇنداقتا يېقىندا يېزىپ تاماملىغان «رابىيە – سەئىدىن» داستانىغا نېمە دەيدىلا.
−− نىزارى جانابلىرىنىڭ ئول داستانلىرىنى ئوقۇپ نەزمىي پاساھىتىدىن بەھرلەنگەنمىز، −− دېدى موللا شاكىر سۆز ئېلىپ، −− ئاللاھ ئىگەم «رابىيە – سەئىدىن»نىمۇ پات يېقىندا ئوقۇپ بەھرىلىنىشكە نېسىپ قىلار. نىزارى جانابلىرىنىڭ «زادۇن نەجات» ناملىق داستانى ئاقسۇ دىيارىدىكى مەدرىسە – ئوقۇللاردا تالىبى ئىلىملەرگە دەستۇر، ساھىبى قەلەملەرگە ئوزۇق بولدى. ئول داستاندىكى مۇنۇ مسىرالار سۆزىمىزگە دەلىلدۇر.
قەلەم دەيدۇرۇر مەنكى شاھ جەھان،
كى شاھ جەھانغە ئىرۇر تەۋ ئەمان.
قەلەمكەشكە يەتكەي فەقىردىن مۇراد
قەلەم نەۋكىدە مۈشكىلىدۇر كۇشاد.
−− ئارىي، ئارىي، −− دېدى نوزۇر ئاخۇن زىيائى مەمنۇنلۇق بىلەن، −− موللا شاكىر جانابلىرى جايىغا كەلتۈرۈپ دەلىللىدى. بول مىسرالاردىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، بىلىملىكلەر ئۈچۈن ھەرقانداق مۈشكۈل ئىشنىڭمۇ ئاسان بولىدىغانلىقى، ئەلگە ئىلىم ساھىبلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلسا ئاۋامغا خاتىرجەملىك بولىدىغانلىقى، فەقىرۇ گادايلار مۇرادىغا يېتىدىغانلىقى نەزمىي بالاغەت بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
−− ئۇستازلارنىڭ تەرىپىگە تەسەننا، −− دېدى ئابدۇرېھىم نىزارى تەۋەززۇ بىلەن، −− بۇ نەزم ئېڭىزلىقىدا باشاق تېرىۋاتقان كەمىنە شاگىرت ئۈچۈن كۆپ مەدەت بولدى.
ئەلى باي تونۇشتۇرۇشنى يەنە داۋاملاشتۇردى:
−− بۇياق تۇردۇش ئاخۇن موللا ئىبنى ئەبەيدۇللا كاتىپ غېرىبى جانابلىرى بولىدۇ. زامانىمىزنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن خۇش قەلەم ساھىبىدۇر. ئۇل زاتى مۇبارەكنىڭ قەلىمى كاغەز يۈزىگە خۇش خەت ئەمەس، گۈل چېكىدۇ، نەزم ئىستېداتى ئاندىن زىيادە.
تۇردۇش ئاخۇن غېرىبى ئورنىدىن تۇرۇپ سورۇن ئەھلىگە سالام بەردى.
−− بۇنچىلىك ماختاشقا لايىق ئەمەسمەن. جانابىي ئۇستازلارنىڭ ھەر بىر مىسراسى دۇر – گۆھەرگە تەڭداشسىز نەزملىرىنى ۋاراق يۈزىگە چۈشۈرۈپ، كىتاب قىلىپ ئاۋامغا تارقىتىش، ئىلىم ئاشنالىرىنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇش پېقىرنىڭ باش تارتىپ بولماس مەجبۇرىيىتىدۇر.
−−كەمتەرلىك قىلمىسىلا ھەزرىتىم، -−− دېدى ئابدۇرېھىم نىزارى، −− زامانىمىزدا خۇش قەلەملىكتە سىلىگە يېتىدىغان ئىستېدات ئىگىسى تېخى يوق.
−− ئارىي، −− دېدى مۇھەممەد سادىق قەشقەرى، −− ئىلىم ساھىبلىرىنىڭ خۇش قەلەم بولمىقى ئەلۋەتتە زۆرۈر. ئەمما خۇش قەلەم بولۇش، كامالىي خەتتاتلىق ھەممە كىشىگە نېسىپ بولۇۋەرمەيدۇ. غېرىبى جانابلىرىنىڭ خەتتاتلىق ئىستېداتى ھەقىقەتەن يېگانىدۇر. جانابلىرى بۇ قابىلىيەتلىرىنى زىنھار ئاددىي چاغلىمىسۇنلار.
−− بۇياق نورۇز ئاخۇن زىيائى جانابلىرى بولىدۇ، −− دەپ تونۇشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى ئەلى باي، −− «مەھزۇنۇل ۋائىزىن» ناملىق داستان ئۇل ساھىبى قەلەمنىڭ ئىستېداتىغا گۇۋاھتۇر. نەزمىي تەخەللۇسى زىيائىدۇر.
نورۇز ئاخۇن زىيائى ئورنىدىن تۇرۇپ سورۇن ئەھلىگە ئېھتىرام بىلدۈردى.
ئەلى باي ئەنە شۇ يوسۇندا سورۇندىكى تالىبى ئىلىملەرگىچە بىر – بىرلەپ تونۇشتۇرۇپ چىقتى.
−− جانابىي ئەلى باينىڭ ئىلىمنىڭلا ئەمەس، ئىلىم ئاشنالىرىنىڭمۇ دوستى ئىكەنلىكىگە، ئۇنىڭغا بېرىلگەن بۇ تەرىپنىڭ زىيادە كەتمىگەنلىكىگە بۈگۈن ئىشەندىم، ھەم قول قويدۇم، −− دېدى زوھۇردۇن ھېكىمبەگ ئەلى بايغا بولغان قايىللىقىنى بىلدۈرۈپ، −− چوڭ -كىچىك سورۇن ئەھلىنىڭ ئات – جونىنىلا ئەمەس، ھەۋەس -قىزىقىشلىرىغىچە تولۇق بىلىدىكەن ئەمەسمۇ.
−− شۇنداق، −− دېدى تۇردۇش ئاخۇن غېرىبى، −−- ئەلى باينىڭ قەسىرىنى ئەينى زاماندىكى بۈزرۈكۋار بوۋىمىز نەۋائىي ھەززەتلىرىنىڭ ھىراتتىكى ئونسىيىسىگە تەققاسلاش مۇمكىن.
−− مۇبالىغە بولۇپ كەتتى، −− دېدى ئەلى باي كەمتەرلىك بىلەن، −− بىزنىڭ بۇ غېرىبانە كۆلبىمىزنى قانداقمۇ ئول بۈزرۈكۋار بوۋىمىزنىڭ ئونسىيىسىگە سېلىشتۇرغىلى بولسۇن، −− ئەلى باي باشقىلارنىڭ ئۆزىنى يەنە ماختىشىغا پۇرسەت بەرمەي گەپنى سورۇنغا بۇرىدى، −− خوش، يىراق – يېقىندىن كەلگەن مەشرەپ ئەھلى بىلەنمۇ بىر قۇر تونۇشۇپ چىقتۇق. ئەمدى جانابىي ئۇستازلار ئىجازەت بەرسە، راسلىغان ئاددىي داستىخىنىمىزغا ئېغىز تەگكەچ كىتابخانلىق مەشرىپىمىزنى باشلىۋالساق دەيمەن.
−− شۇنداق قىلايلى، −− دېدى زوھۇردۇن ھېكىمبەگ، −− ھەر قېتىمقى مەشرىپىمىزگە ئوخشاش بۈگۈنمۇ ئاگال ئۇستازلارنىڭ ئېلىپ كەلگەن ئېسىل سوۋغاتلىرىدىن بەھرىلەنسەك. ھەقىچان ھەر بىرلىرىمۇ قۇرۇق قول كېلىشمىدىلىغۇ دەيمەن.
−− ئالىيلىرى ئېغىز ئاچسىلا سوۋغات تەلەپ قىلىدىكەنلا، −− دېدى نورۇز ئاخۇن زىيائى زوھۇردۇن ھېكىمبەگكە چاقچاق قىلىپ، −− سوۋغات – پېشكەشلەرنى ئېلىۋېرىپ كۆنۈپ قاللىمۇ قانداق. ھېلىمۇ خەزىنىلىرى سوۋغات بىلەن تولۇپ كەتتى، بۇ قېتىم بىزدىن تەمە كۈتمىسىلە. مەشرەپتىن يانغاندا جانابىي ئەلى باي سىلىنى زەللىسىز قايتۇرمىغاي.
سورۇن ئەھلى قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى.
−− ئەسلىرىدە بولسۇن زىيائى جانابلىرى، −− دېدى تۇردۇش ئاخۇن غېرىبى چاقچاقنى ئەۋجىگە كۆتۈرۈپ، −− ھېكىمبەگ ئالىيلىرى ئېلىپنى ئۆگىنىپ بەنى ئۆگەنمىگەن.
باشقىلارمۇ زوھۇردۇن ھېكىمبەگكە چاقچاق قىلىشقا باشلىدى.
−− شۇڭا، ئالىيلىرىنىڭ ئاغزىدىن سوۋغات چۈشمەيدىكەندە.
−− ئالىمەنلا دېگەن.
−− تەمەخورلۇق قىلمىسىلا ئالىيلىرى.
−− ئىنساپ قىلسىلا.
−− ….
−− كەمىنە ھەر بىرلىرىدىن سوۋغات ئېلىشقا ئامراق، −− دېدى زوھۇردۇن ھېكىمبەگ كۈلۈپ، −− چۈنكى جانابىي ئۇستازلارنىڭ سوۋغىتى ھەرقانداق سوۋغاتتىن بىباھادۇر.
−− ھېكىمبەگ ئالىيلىرىنىڭ پەزىلىتى بارچە ئاۋامغا ئايان، −− دېدى مۇھەممەد سادىق قەشقەرى، −− ئالىيلىرى سورىغانىكەن، ھەر بىرلىرىمۇ پىخسىقلىق قىلىشمىسىلا. مەشرىپىمىزگە ئاتاپ يېزىپ كەلگەن ئەشئارلارنى ھېكىمبەگ ئالىيلىرىغا ھەم مەشرەپ ئەھلىگە تەقدىم ئېتىپ سورۇنىمىزنى جانلاندۇرۇشقايلا.
−− ئۇنداق بولسا ئاۋۋال ھېكىمبەگ ئالىيلىرىنىڭ سوۋغىتىدىن بەھرە ئالايلى، −− دېدى ئابدۇرېھىم نىزارى.
−− شۇنداق قىلايلى، −− دېدى تۇردۇش ئاخۇن غېرىبى.
−− تۈگمەن بار يەردە ياغۇنچاقنىڭ نېمە ئىشى، دەپتىكەن ئاتا-بوۋىلار، −− دېدى زوھۇردۇن ھېكىمبەگ، −− بول دەرگاھتا ھەر بىرلىرىدەك نەزم گۈلىستانىنىڭ خۇشناۋا بۇلبۇللىرى تۇرغان يەردە كەمىنە قاغا ئاگال قاقىلدىمىساممۇ بولۇر.
−− كەمتەرلىك قىلمىسىلا ئالىيلىرى، −− دېدى مۇھەممەدنىياز ياركەندى، −− ئۆزلىرىنىڭمۇ نەزم گۈلىستانىنىڭ ناۋاكەش بۇلبۇلى ئىكەنلىكلىرى يىراق – يېقىنغا مەلۇم، يەنىلا ئۆزلىرى باشلاپ بەرسىلە.
−− مەشرەپ ئەھلىنىڭ كۆڭلىنى يەردە قويمىغايلا ئالىيلىرى، −− دېدى مۇھەممەد سادىق قەشقەرى.
−− جانابىي بۈزرۈكۋارىمىزمۇ مۇشۇنداق دەپ تۇرغان يەردە ي−ەنە تىرەجەپ ت−ۇرۇۋېلىشقا نەچارە، −− دېدى زوھۇردۇن ھېكىمبەگ، −− ئۇستازلارنىڭ تەلىپىنى ئىلىك ئالمىسام بىئەدەپلىك بولۇر ھەقىچان. ماقۇل ئەمىسە، ئوزا كۈنى يازغان بىر پارچە غەزىلىم بار ئىدى. شۇنى ھۇزۇرلىرىغا سۇناي، دۇمبۇل (خام) يەرلىرى بولسا پىششىقداپ بېرىشەلا.
مېھمانخانا ئىچى تىمتاسلىققا چۆمدى، زوھۇردۇن ھېكىمبەگ قوينىدىن بىر پارچە قەغەزنى ئېلىپ ئوقۇشقا باشلىدى:
لەتافەت باغىدا يوقتۇر يۈزۈڭدەك بىر ئاچىلغان گۈل،
ئانىڭ شەۋقىدە پەرياد ئەتكەلى يوق كەبى بۇلبۇل.
ئاچىلغان يوق جاھان ئەرسەسىدە ئاغزىڭ كەبى غۇنچە،
گۈلى گۈلشەندە ئۆتكەن يوق يەنە ساچىڭ كەبى سۇنبۇل.
ئەدالەت باغىدا پۈتكەن ئەمەس قەددىڭ كەبى ئەر ئەر
لەبىڭ شەۋقىدە ئاسىلغان ئاڭا ئەجدەر كەبى كاكۇل.
سەخا دەرياسىدا چىقماس تېشىڭدەك ھېچ دۇرى ناياب
ئاڭا يوق مۇستەھەپ مەندەك جەھاندا مۇفلىسى بىفۇل
كۆزۈڭ كەيفىيەتىدىن مەستتۇر ئالەمدە ئاشىقلار
يەنە مەست ئولغالى دائىم ئىچۈرگە ھاجەت ئىرمەس مۇل.
−− پاساھەت، پاساھەت، −− دېيىشتى مەشرەپ ئەھلى ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىپ.
−− نەزم مەملىكىتىنىڭ يېگانە سۇلتانى بولمىش بۈزرۈكۋار بوۋىمىز نەۋائىي ھەزرەتلىرى «سۆزنىڭ مەنىسىدە ئىشق ئوتىنىڭ نىشانى بولمىسا، ئۇ سۆز گويا جېنى يوق ھەرىكەتسىز بەدەندۇر» دېگەنىكەن. ھېكىمبەگ ئالىيلىرىنىڭ بۇ ئەشئارىدا گۈرۈلدەپ كۈيۈۋاتقان ئىشق ئوتىنىڭ تەپتىنى ھېس قىلدۇق، −− دېدى مۇھەممەد سادىق قەشقەرى باھا بېرىپ، −− ئۇشبۇ غەزەلنىڭ دۇمبۇل يېرى يوقكەن ئالىيلىرى.
−− ئارىي، ئۇستازىمىز تولىمۇ جايىدا باھا بەردى، −− دېدى ئابدۇرېھىم نىزارى، −− يەنە بۈزرۈكۋار بوۋىمىز نەۋائىي ھەزرەتلىرى «سۆزىنىڭ شېئىر لەززىتىدىن ھارارىتى بولمىسا، شېئىرنىڭ ئىشق ھارارىتىدىن كۆيدۈرۈشى بولمىسا، ئۇنداق سۆز بىلەن شېئىرنى يورۇقى يوق شام دەپ بىل» دېگەن ئىكەن. ئالىيلىرىنىڭ بۇ غەزىلىدە ئۇل بۈزرۈكۋار بوۋىمىز شەرت قىلغان تەلەپلەر جايىنى تېپىپتۇ.
−− ئەمدى ئەللامە ھەزرىتىمنىڭ سوۋغىسىدىن ھۇزۇرلىنايلى، −− دېدى زوھۇردۇن ھېكىمبەگ مۇھەممەد سادىق قەشقەرىگە قاراپ.
−− ئەپۇ قىلىشقايلا تەقسىرلىرىم، −− دېدى مۇھەممەد سادىق قەشقەرى، −− مەشرەپكە قۇرۇق قول كەلگەنلىكىمدىن ھەر بىرلىرىنىڭ ئالدىدا تولىمۇ خىجىلمەن. نۆۋەتنى سەرمۇنشى جانابلىرىغا بېرەيلى.
مەشرەپ ئەھلى نەزىرىنى ئابدۇرېھىم نىزارىغا ئاغدۇرۇشتى.
−− كەمىنە يېقىندىن بېرى نەزم مەملىكىتىنىڭ يېگانە سۇلتانى بولمىش بوۋىمىز مەۋلانە ئەلىشىر نەۋائىي ھەزرەتلىرىنىڭ بىر غەزىلىگە مۇخەممەس يېزىپ بېقىۋېدىم. شۇنى ھەر بىرلىرىنىڭ ھۇزۇرىغا سۇناي. بول مۇخەممەس جانابىي بۈزرۈك−ۋارىمىزنىڭ ھەر بىر مىسراسى دۇر − گۆھەرگە تەڭداشسىز غەزىلىنىڭ پاساھىتىگە يېتەلمىگەنلىكى ئېنىق. شۇنداقتىمۇ مەشرەپ ئەھلى كەمىنىنىڭ بۇ ئاتىكاچىلىقىنى نەزم ئېڭىزلىقىدا باشاق تېرىۋاتقان بىر ھەۋەسكارنىڭ ئۆزىنى چاغلىيالماسلىقى دەپ ئەپۇ قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئابدۇرېھىم نىزارى بىر نەچچە دەقىقە ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن گېلىنى قىرىپ قويۇپ مۇخەممەسنى ۋەزمىن ئاھاڭدا يادا ئوقۇشقا باشلىدى:
ساغەرى ۋەھدەتبىلە ئەيلەپ تەھارەت، ئابىدا،
قىل مۇھەببەت دەيرىدە پىرى مۇغانە ئىقتىدا.
ئەيلەگىل باشىڭغا ئۇل دەم بادە پالادىن رەۋا،
ئەشرەفەت مىن ئەكس شەمسىل- كەئىسى ئەنۋارۇل ھۇرا
يار ئەكسىن مەيدە كۆر، دەپ، جامدىن چىقتى سەدا.
سىپقارىپ ۋەھدەت مەيىن قىل ماسەۋەللاھنى ئەدەم
دەپ نىدا چەككەي ھىدايەت پىرى چۈن ھەر سۈبھى دەم،
زەۋق بىرلە تىز قويغىل، ئەي كۆڭۈل، ئۇل يان قەدەم،
غەيرىي نەقىشدىن كۆڭۈل جامىدە بولسا زەڭگى غەم
يوقتۇر، ئەي ساقىي مەيى ۋەھدەت مەسەللىك غەمزەدا.
مەي گادالىق ئەيلەبان بولمە كۆڭۈل سەرگەشتەھال،
تۇتقۇسى ساقىي ئەزەل ھەر سۈبھى دەم جامى ۋىسال،
ئۆزلۈكۈڭنى ئەيلەگىل ۋەھدەت مەيىگە پايىمال،
ئەي خۇش ئۇل مەيكىم، ئاڭا زەرف ئولىسە بىر سىنغان سەفال
جام ئولۇر گىتىنەما جەمشىد، ئانى ئىچكەن گەدا.
گەر مۇيەسسەر بولسە ئۇل مەي، غەمدىن ئايرىلماق بولۇر،
نۇش ئېتىپ ئەھلى فەنا سىلكىگە قاتىلماق بولۇر،
ماسەۋەللاھ بارىنىڭ ئەشغالىدىن تىيىماق بولۇر،
جامۇ مەي گەر بۇيلەدۇر، ئۇل جام ئۈچۈن قىلماق بولۇر،
يۈز جەھان ھەر دەم نىسار، ئۇل مەي ئۈچۈن مىڭ جان فىدا.
كىم تەئەققۇل ئەھلى شەيدا بولغالى، ئەي مۇغبەچە ،
تالىبى دىلخەستە ئەھيا بولغالى، ئەي مۇغبەچە،
چۈن نەۋا ئەھلىگە ئىخشا بولغالى، ئەي مۇغبەچە،
دەير ئارا ھۇش ئەھلى رەسۋا بولغالى، ئەي مۇغبەچە،
جامى مەي تۇتساڭ مەنى دىۋانەدىن قىل ئىبتىدا.
مەي ئىنايەت بولسە كىمگە دەيرى پىرىدىن ئەگەر،
ئۆزلۈكىن نابۇد ئېتىپ ھەم كۆڭلىدىن تاپماس خەبەر.
قالماغاي جانۇ دىلىدا غەيرىي نەقىشتىن ئەسەر،
تاكى ئۇل مەيدىن كۆڭۈل جامىدا بولغاچ جىلۋەگەر.
چېھرەئى مەقسۇدا مەھۋ ئولغاي ھەم ئۇل دەم مائەدا.
قالسە بۇ ئالەم ئارا نەفىسى – ھەۋادام ئىچرەكىم،
تاپماسە قۇربەت ھەرىمىن سۈبىھ ئىلەشام ئىچرەكىم،
چىمچېچرەئى مەقسۇدنى تاپقاي جامى گۈلغام ئىچرەكىم.
ۋەھدەتى بولغاي مۇيەسسەر مەي بىلە جام ئىچرەكىم،
جامۇ مەي لەفزىن دېگەن بىر ئىسىم ئىلە قىلغاي ئەدا.
ساغەرى ۋەھدەتنى ئىچكەن ئۆزلۈكى نابۇد ئېرۇر.
ھۇش زايىل ئەيلەبان ئۇل دەيردە بىخۇد ئېرۇر،
ساغەرى سەھبا ھەمە ئىشىق ئەھلىگە مەقسۇد ئېرۇر،
سەن گۇمان قىلغاندىن ئۆزگە جامۇ مەي مەۋجۇد ئېرۇر.
بىلمەيىن نەفي ئەتمە بۇ مەيدانە ئەھلىن، زاھىرا.
سۈبھى دەم كەلگەن نىدا ھەر تۈن فەلەك تاقىسىدىن،
يوق دەۋا غەمگە يۆلەك چۈن بادە تەرياقىسىدىن.
مەي گەدالىق قىل، نىزارا، دەير ئۇششاقىسىدىن،
تەشنە لەب ئۇل نەۋائى، چۈن ئەزەل ساقىسىدىن،
«ئىشرەبۇ، يا ئەيبۇھەل – ئەتىشان» كېلۇر ھەردەم نىدا.
ئابدۇرېھىم نىزارى مۇخەممەسىنى يادلاپ بولۇپ، سورۇن ئەھلىنىڭ باھاسىنى ئاڭلاش ئۈچۈن بېشىنى ئەگدى. شۇ دەقىقىدە مېھمانخانا ئىچى تىمتاسلىققا چۆمگەنىدى. مۇخەممەسنىڭ پاساھىتىدىن ھاياجانلانغان مەشرەپ ئەھلى تېخىچە ئۆزىگە كېلەلمىگەندەك قىلاتتى.
−− ئاپىرىن، ئاپىرىن! −− دېدى موللا شاكىر جىمجىتلىقنى بۇزۇپ، −− بوۋىمىز نەۋائىي ھەزرەتلىرىنىڭ غەزىلىگە يېزىلغان مۇخەممەسلەرنىڭ نادىر ئۈلگىسى بولۇپتۇ، بىر بۈزرۈكۋارىمىزنىڭ ئۇل غەزىلىنى دۇر – گۆھەر دېسەك، نىزارى جانابلىرى ئانى ئۇستا زەرگەرگە ئوخشاش ئالتۇن بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئېسىل بىر ئۈزۈك سوقۇپ چىقىپتۇ.
−− ئارىي، −− دېدى نورۇز ئاخۇن زىيائى ھاياجان بىلەن سۆز ئېلىپ، −− مۇخەممەسنىڭ پاساھىتى ئۇل مۇخەممەسكە مەنبە بولغان ئەسلىي غەزەلنىڭ بالاغىتىگە يېتىشى كېرەك. مەگەر پاساھىتى تۆۋەن چىقىپ قالسا، خۇددى كىمخاپ تونغا بۆزدىن ياماق سالغاندەك ئىش بولۇپ قالىدۇ. نىزارى جانابلىرىنىڭ بۇ مۇخەممىسى بەئەينى گۈل ئۈستىگە گۈل چەككەندەك تولىمۇ پاساھەتلىك چىقىپتۇ.
−− موللا شاكىر جانابلىرى بىلەن زىيائى جانابلىرى تولىمۇ جايىدا باھا بەردى، −− دېدى مەۋلانە مۇھەممەدنىياز ياركەندى، −− مۇخەممەس ئەسلىي غەزەل بىلەن مەزمۇن، پىكىر، كەيپىيات، ھېسسىيات، مەنە جەھەتتە شۇنداق جىپسىلىشىپ كېتىشى كېرەككى، ھۇزۇرلانغۇچىغا خۇددى سۇغا سۇ قېتىلغاندەك ھاياجان بەخش ئەتمىكى زۆرۈر. كەمىنە شۇ تاپتا ئەنە ئاشۇنداق بىر ھاياجاننىڭ ئىسكەنجىسىدىمەن.
سورۇن ئەھلى ئەنە شۇ يوسۇندا شېئىرنىڭ مۇخەممەستىن باشقا شەكىللىرى ۋە ئارۇز ۋەزىننىڭ ھەر خىل بەھرلىرى ھەققىدە خېلى ئۇزاق سۆھبەتلەشتى.
−− ھۆرمەتلىك مەشرەپ ئەھلى، −− دېدى ئەلى باي سۆھبەت بىر ئاز پەسكويغا چۈشكەندىن كېيىن مۇراجىئەت قىلىپ، −− باياتىن بېرى تولىمۇ ياخشى بەھس – مۇنازىرىلەر بولدى، ئەمدى نۆۋەتنى سازەندىلەرگە بېرىپ بىرەر يېرىمدەم مۇسىقى – مۇقاملاردىن ھوزۇرلانساق دەيمەن.
−− شۇنداق قىلايلى، −− دېدى زوھۇردۇن ھېكىمبەگ، −− ئەجدادلار مىراسى مۇقامنىڭ ھۇزۇرى يەنە باشقىچە دېسىلە. سازەندىلىرىمىزنىڭ سوۋغىسىدىن كېيىن بەھس – مۇنازىرىنى يەنە داۋاملاشتۇرارمىز.
زوھۇردۇن ھېكىمبەگنىڭ ئانچىكى سۆزىمۇ پەرمان رولىنى ئوينايتتى، باياتىن بېرى سازلىرىنى تەڭشەپ ئۈلگۈرگەن سازەندىلەر ئەلى باينىڭ قايتىدىن تەكلىپ قىلىشىنى كۈتمەيلا سازلىرىنى قوللىرىغا ئېلىشتى. ئاۋۋال ئوتتۇرىدا ئولتۇرغان 50 ياشلار چامىسىدىكى شاپ بۇرۇت كىشى قولىدىكى ساتارنى چېلىپ، چارىگاھ مۇقامىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى. ساتارنىڭ مۇڭلۇق ئاۋازى بىلەن تەڭلا ساراي−نىڭ ئىچىنى ئاجايىپ بىر خىل تىمتاسلىق قاپلىدى. شۇ تاپتا مەشرەپ ئەھلى سېھىرلىك كۈيگە ئەسىر بولغانىدى. مۇھەممەد سادىق قەشقەرى ئۆمۈر مۇساپىسىنى ئەسلەۋاتقاندەك كۆزىنى يېرىم يۇمۇۋالغانىدى. ئابدۇرېھىم نىزارى سازەندىلەر بىلەن تەڭ مۇقام تېكىستىنى ئىچىدە ئوقۇۋاتاتتى. زوھۇردۇن ھېكىمبەگ بولسا ئوڭ قولىنىڭ بارماق−لىرىنى كىمخاپ توننىڭ پېشىغا رىتىملىق چېكەتتى. تۇردۇش ئاخۇن غېرىبى بىلەن موللا شاكىرنىڭ كۆزىگە غىل – غىل ياش كېلىپ قالغان ئىدى. پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن مۇقام تىڭشاۋاتقان مەشرەپ ئەھلى بېشىنى تۆۋەن سالغىنىچە مىدىر-سىدىر قىلماي ئولتۇرۇشاتتى. سازەندىلەر سازلىرىنى چالغاچ پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن مۇقام توۋلايتتى. گاھى مۇڭلۇق، گاھى شوخ، گاھى جاراڭلىق، گاھى يەڭگىل كۈيلەرگە تەڭكەش بولۇپ ئېيتىلىۋاتقان ناخشىلار سارايدىن قەسىر ھويلىسىغا، قەسىر ھويلىسىدىن پۈتكۈل بۇلاق بېشى كوچىسىغا ئاستا – ئاستا تارايتتى.
ئالاھەزەل بىر ئاش پىشىمىدىن جىقراق ۋاقىت ئۆتكەندە چارىگاھ مۇقامى ئاخىرلاشتى. بىر ياقتىن ساز چېلىپ، بىر ياقتىن مۇقام ئېيتقان سازەندىلەر چىلىق-چىلىق تەرلەپ كەتكەنىدى. ئۇلار سازلىرىنى يانلىرىغا قويۇپ بەلۋاغلىرىنىڭ ئۇچى بىلەن تەرىنى سۈرتۈشكە باشلىدى.
−− بارىكاللا! −− دېدى زوھۇردۇن ھېكىمبەگ، −− بوۋىمىز نەۋائىي ھەزرەتلىرىنىڭ ناخشىچى −− شادلىق ئاتا قىلغۇچى، مۇغەننى −− غەمدىن خالاس قىلغۇچىدۇر دېگەن كالامى بۈگۈن يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاندى، −− ئۇ پەگا تەرەپتە ئولتۇرغان مەھرىمىگە قاراپ توۋلىدى، −− ناسىر بەگ!
مەھرەم چاچراپ ئورنىدىن تۇردى.
−− لەببەي ئالىيلىرى.
−− ئۇل سازەندىلەرنىڭ ھەر بىرىگە ئون سەردىن كۈمۈش ئاقچا ئىنئام قىلسۇنلار.
−− پەرمانبەردارمەن.
زوھۇردۇن ھېكىمبەگ ئادەتتە سىرتقا چىقسا پۇل – پۇچەك دېگەندەك نەرسىلەرنى ئېلىۋالاتتى. بۇ پۇللارنى خالىسا سەدىقە – نىياز قىلاتتى، خالىسا ئىنئام قىلاتتى ياكى ئالدىنى توسۇپ ئەرز – داد ئېيتقانلارغا خىراجەت قىلىشقا بۆلۈپ بېرەتتى.
−− ھېكىمبەگ ئالىيلىرىنىڭ شەپقىتىگە ھەشقاللا، −− دېيىشتى سازەندىلەر مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ.
−− كۆڭۈلنىڭ ئوزۇقى خۇش ئاۋازدىن، روھنىڭ قۇۋۋىتى نەغمە قىلغۇچىدىندۇر، −− دېدى تۇردۇش ئاخۇن غېرىبى ھاياجان بىلەن، −− كىشىگە مۇشۇنداق مۇقام كۈيلىرىدىن بەھرىلىنىش ھەر كۈنى نېسىپ بولسا دىلدا نە ئارمان.
−− ئەينى مۇددىئا، −− دېدى ئاب−دۇرېھىم نىزارى، −− ھەر قېتىم مۇقام ئاڭلىسام ۋۇجۇدۇم ئاجايىپ بىر ھاياجانغا تولىدۇ. ئۆزۈمنى سۈپسۈزۈك سۇلار ئېقىپ تۇرغان، تۈرلۈك گۈللەر ئېچىلىپ تۇرغان، تۈمەنلىگەن قۇشلار سايراپ تۇرغان ساپ ھاۋالىق باغى چىمەندە تۇرغاندەك سېزىمەن.
−− كەمىنىنىڭ كۆز ئالدىدىنمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ مۇسىقى خەزىنىسىدىكى كاتتا مۆجىزە مۇقامنى رەتلەپ، مۇقام شاگىرتلىرىنى تەربىيىلەپ ئەل ئارىسىغا تارقىتىشتا كاتتا تۆھپە كۆرسەتكەن مەرىپەتپەرۋەر سۇلتان ئابدۇرەشىدخان ئالىيلىرى، خانىش ئاماننىساخان ئالىيلىرى، ھەم ئۇستاز يۈسۈپ قىدىرخانلارنىڭ غايىۋانە سېيماسى بىر – بىرلەپ زاھىر بولىدۇ.
−− ئارىي، ئول زاتى مۇبارەكلەر مۇقامنى رەتلەش جەريانىدا لۇتپى، نەۋائىي قاتارلىق بۈزرۈكۋار بوۋىلىرىمىزنىڭ نەزملىرىنى مۇقام كۈيلىرىگە سىڭدۈرۈپ، چەمبەرچاس باغلىۋەتكەنىكەن.
−− بوۋىمىز ئەلىشىر نەۋائىي ھەزرەتلىرى ئول نەزملەرنى خۇددى مۇقام كۈيلىرى ئۈچۈن يازغاندەك.
−− پاساھەت بىلەن يېزىلغان نەزم بىلەن ئېسىل كۈي بىرلەشسە ئۇنىڭ زوق – ھۇزۇرىغا جاھاندىكى ھەرقانداق بىر نەرسىنىڭ زوق – ھۇزۇرىنى تەڭلەشتۈرۈپ بولماس.
−− ئول مۇقامنىڭ خاسىيىتىدىنمىكىن بىلمىدىم، دىيارىمىزدا بوۋىمىز نەۋائىي ھەزرەتلىرىنىڭ نەزملىرىنى ياد بىلمەيدىغانلار يوق دېيەرلىك.
−− ئارىي، مۇقامنىڭ خاسىيىتىمۇ بار، ئۇنىڭدىن باشقا دىيارىمىزنىڭ ئەڭ چەت، بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىدىكى يۇرت – مەھەللىلەردىمۇ بوۋىمىز نەۋائىي ھەزرەتلىرىنىڭ بىرەر پارچە كىتاب-رىسالىسى تېپىلىدۇ.
پاراڭغا قۇلاق سېلىپ ئولتۇرغان زوھۇردۇن ھېكىمبەگ بىر ئىش يادىدىن كەچكەندەك، لەپپىدە تۇردۇش ئاخۇن غېرىبىگە قارىدى.
−− خوش، غېرىبى جانابلىرى، بوۋىمىز نەۋائىي ھەزرىتىمنىڭ تەۋەررۈك خەمسە، دىۋانلىرىنى كۆچۈرۈش ئىشلىرى قانداقراق كېتىپ بارىدۇ؟
−− ھاكىمبەگ ئالىيلىرىغا مەلۇم بولغاي، −− دېدى تۇردۇش ئاخۇن غېرىبى تەۋەززۇ بىلەن ئېگىلىپ، −− خەمسە 15 نۇسخا تەييارلاندى. چاھار دىۋانمۇ پات يېقىندا تەييار بولىدۇ. پەرمانلىرىغا بىنائەن بۈگۈنكى مەشرىپىمىزگە خەمسىدىن بەش نۇسخا ئالغاچ كەلدىم.
تۇردۇش ئاخۇن غېرىبى يىپەك رومالغا ئورالغان كۆن مۇقاۋىلىق كىتابلارنى زوھۇردۇن ھېكىمبەگكە ئېھتىرام بىلەن ئۇزاتتى. مەشرەپ ئەھلى كىتابلارنى قولدىن – قولغا ئۆتكۈزۈپ ئېلىپ، ئاۋۋال تاۋاپ قىلىپ، ئاندىن ۋاراقلاپ كۆرۈشكە باشلىدى.
−− ھەقىقەتەن سۈپەتلىك كۆچۈرۈلۈپتۇ.
−− مۇقاۋىسىمۇ ناھايىتى چىرايلىق نەقىشلىنىپتۇ.
−− بوۋىمىز نەۋائىي ھەزرەتلىرىنىڭ ھايات ۋاقتىدا كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسىنى بۇخارا مەدرىسىدە كۆرگەن ئىدىم، بۇمۇ ئاشۇ نۇسخىسىدىن قېلىشىمغۇدەك چىقىپتۇ.
−− غېرىبى جانابلىرىغا بارىكاللا، −− دېدى زوھۇردۇن ھېكىمبەگ مەمنۇنلۇق بىلەن، −−كاتتا بىر ئەمگەكنى تاماملىغانلىقلىرى ئۈچۈن مۇبارەك بولسۇن. خەمىسىدىن بىر نۇسخا بۈگۈنكى مەشرەپنىڭ ساھىبخانى ئەلى بايغا ھەدىيە بولسۇن. قالغان تۆت نۇسخا كىتابنى مەۋلانە مۇھەممەد نىياز ياركەندى جانابلىرى بىلەن موللا شاكىر ئىبنى موللا تاھىر جانابلىرى ئىككى نۇسخىدىن خوتەن، ئاقسۇ دىيارلىرىغا ئالغاچ كېتىپ، ئۇل شەھەردىكى ئىلىم دەرگاھلىرىغا كەمىنىنىڭ نامىدىن يادىكار قىلغاي. قالغان ئون نۇسخا كىتابىدىن بەش نۇسخىسى تۇرپان، قۇمۇللاردىكى مەدرىسە – ئوقۇللارغا يوللاپ بېرىلگەي. يەنە بەش نۇسخىسىنى چاھار دىۋان بىلەن قوشۇپ تەسەرۇپىمىزدىكى مەدرىسە – ئوقۇللارغا ئەۋەتىپ بېرىلگەي.
−− بەگ ئالىيلىرىنىڭ ھىممىتىگە ھەشقاللا.
−− ئاللاھ ئىگەم ئىككى ئالەملىك ساۋاپ ئاتا قىلغاي.
−− بايا ھېكىمبەگ ئالىيلىرى كەمىنىنى تولىمۇ زىيادە ماختىۋەتتى، −− دېدى تۇردۇش ئاخۇن غېرىبى مەشرەپ ئەھ−لىگە تەكشى نەزەر تاشلاپ، −− شۇنچىۋالا خەمسە، دىۋانلارنى ئۆزۈم يالغۇز كۆچۈرۈپ چىقالىشىم ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. ئەمما، ئۇل تەۋەررۈك كىتابلارنى كۆچۈرۈش ئىشلىرىغا باشچىلىق قىلغىنىم راست. شۇڭا دەيمەن، بايىقى تەشەككۈر، بارىكاللىلارنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى ماڭا ھەمنەپەس بولۇپ، كىتابلارنى تەڭ كۆچۈرۈشۈپ بەرگەن تالىپ-شاگىرتلىرىمدۇر.
−− ھەقىقەتەن ئۇستازغا بېقىپ شاگىرتى بولۇر، −− دېدى كىتابنى ھەۋەس بىلەن ۋاراقلاپ ئولتۇرغان مۇھەممەد سادىق قەشقەرى بېشىنى كۆتۈرۈپ، −− غېرىبى جانابلىرى سەمىمىيلىك بىلەن ئىقرار قىلمىسا ئەردى، بۇل كىتابلارنى ئۇل شاگىرتلارنىڭ كۆچۈرگەنلىكىگە زىنھار ئىشەنمەس ئىدۈق.
−− شۇنداق، كەمىنىمۇ يەنىلا گۇماندىن ساقىت ئەمەس، −− دېدى زوھ−ۇردۇن ھىكىم−بەگ، −− غېرىبى جانابلىرىنىڭ خۇش قەلىمىدىن ئايرىۋالغۇسىز چىقىپتۇ.
−− بۇ، راستتىنلا شاگىرتلىرىمنىڭ خۇش قەلىمى، −− دېدى تۇردۇش ئاخۇن غېرىبى پەخىرلەنگەن ھالدا، −− بولمىسا ئۇلار ھازىرنىڭ ئۆزىدە مەشرەپ ئەھلىگە ئۆزلىرىنىڭ خەتتاتلىق ئىستېداتىدىن ئىمتىھان بەرسۇن.
−− بەلەن گەپ، −− دېدى ئەلى باي، −− بىزمۇ مۇشۇ باھانىدە نەق مەيداندا خۇش خەت ماھارىتىدىن ھۇزۇرلىنىۋالايلى، −− ئەلى باي ئىشىك تۈۋىدە قول باغلاپ تۇرغان خىزمەتكارلارغا قاراپ بۇيرۇق قىلدى، −− بولۇڭلار يىگىتلەر، دەرھال شىرە، قەغەز، قەلەم، سىياھ تەييارلاڭلار.
خىزمەتكارلار ھايت – ھۇيت دەپ بولغىچە داستىخاندىكى مەزەلەرنى ئېلىۋېتىپ، چاققانغىنە تاماق شىرەسىدىن ئىككىنى جۈپلەپ قويدى. تۇردۇش ئاخۇن غېرىبىنىڭ شاگىرتلىرىدىن ئىككى يىگىت شىرەنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئۆتۈپ، قەغەزنى يېيىپ، ئۇچلانغان قەلەملەرنى سىياھدانغا مىلەپ يېزىشقا تەييار بولۇپ تۇردى.
−− خوش، −− دېدى تۇردۇش ئاخۇن غېرىبى تۆردە ئولتۇرغانلارغا قاراپ، −− شاگىرتلار تەق بولدى، يازىدىغان نەزمنى بىرسىلىرى ئوقۇپ بەرگەن بولسىلا.
−− مۇنداق قىلايلى، −− دېدى ئابدۇرېھىم نىزارى، −− ئۇشبۇ مەشرىپىمىزگە داخىل بولغان تالىبى ئىلىملەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك نەزم ھەۋەسكارلىرى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا نەزم پاساھىتى خېلى يۇقىرىلىرىمۇ ھەلەم بار. غېرىبى جانابلىرىنىڭ شاگىرتلىرىغا ئوخشاش ئۇل نەزم ھەۋەسكارلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ نەزمى ئىستېداتىنى نامايىش قىلىش يۈزىسىدىن مۇشائىرە قىلىشسۇن، خەتتات شاگىرتلار ئۇل مۇشائىرەنى ئۇدۇللۇق خاتىرىلىۋالسۇن، قانداق دېدىم ئەھلى مەشرەپ؟
−− مۇشائىرە ھازىر جاۋابلىقنى تەلەپ قىلىدۇ، −− دېدى مۇھەممەد سادىق قەشقەرى، −− ئۇ ھەقىقەتەنمۇ شائىرنىڭ ئىستېداتىنى سىنايدۇ. خەتتاتلارنىڭ مۇشائىرەنى ئۇدۇللۇق كۆچۈرۈۋېلىشى ئۈچۈنمۇ تېزلىك، چاققانلىق تەلەپ قىلىدۇ. بۇ تولىمۇ ياخشى ئىمتىھان بولدى. قېنى، مۇشائىرەگە تەۋى بار شاگىرتلار مەرھەمەت قىلسۇنلار.
−− شۇنداق، ھەقىقەتەن ئويلىمىغان بىر ئىش بولدى، −− دېدى مۇھەممەدنىياز يار كەندى، −− خەتتاتلار تېز خاتىرىلەيمىز دەپ ئىملادا كەتكۈزۈپ قويمىغايسىزلەر.
−− جانابىي مۆھتەرەم ئۇستازلاردىن شۇنى ئىلتىماس قىلىمىزكى، −− دېدى مۇشائىرەگە ھازىرلىنىپ تۇرغان تالىپلارنىڭ ئارىسىدىكى ياشتا چوڭراق، ئېگىز بوي كەلگەن يىگىت قول باغلاپ تۇرۇپ، −− مۇشا ئىرەنىڭ تېما، قاپىيىسىنى ئۆزىمىز ئىختىيارىي تاللامدۇق ياكى بەلگىلەپ بېرىشەملا؟
−− ئەلۋەتتە بەلگىلەپ بېرىمىز، −− دېدى زوھۇردۇن ھېكىمبەگ ئالدىراپ جاۋاب بېرىپ، ئۇ ھۆسنخەت ماھارىتى كۆرسىتىشى ئۈچۈن شىرەگە يېيىتىلغان خوتەن قەغىزىگە شۇنداقلا بىر قارىۋالغاندىن كېيىن گېپىنى داۋاملاشتۇردى، −− مۇشائىرەنىڭ قاپىيىسى كاغەز، مەزمۇنى ئىشق – مۇھەببەت، شەكلى غەزەل بولسۇن، قېنى ئەمىسە، مۇشائىرەنى باشلاشسىلا.
−− مەنمۇ خەتتات شاگىرتلارغا كىچىككىنە شەرت قويۇپ قوياي، −− دېدى نورۇز ئاخۇن زىيائى شىرە يېنىدا بەدەشقان قۇرۇپ ئولتۇرغان ئىككى خەتتات يىگىتكە قاراپ، −− ئۇل مۇشائىرەنى بىرسىلىرى تەئلىق نۇسخىدا، بىرسىلىرى سۇلۇس نۇسخىسىدا كۆچۈرۈشكەيلا، باشقا نۇسخىلار زىنھار ئارىلىشىپ قالمىسۇن.
مۇشائىرەگە تەييارلانغان يىگىتلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئېگىز بويلۇق يىگىت بىر نەچچە دەقىقە ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن مۇشائىرەنىڭ بىرىنچى بېيىتىنى باشلىدى.
دەرىخا! قاسىدىكەلتۈرسە يارىمدىن نىشان كاغەز،
تەلەتتۇفبىرلە مېھىر ئەنگىز سەۋادىدىنبەيان كاغەز.
ئۇنىڭ يېنىدىكى يىگىت ئانچە ساقلاپ تۇرمايلا ئىككىنچى بېيىتىنى داۋاملاشتۇردى:
دەرىخا! ھېچكىم بىلمەس ئېسە ئەفتادە ھالىمنى،
نىگارىم لۇتفۇ قەھرىدىن ئۆزۈم ئەيان كاغەز.
ئۈچىنچى يىگىت بىر نەچچە دەقىقە ئويلىنىۋېلىپ بۇنىڭ ئارقىسىنى ئۈلىدى:
نىگارىم ئىلتىفاتىدىن تۈمەن تۈرلۈك ئۈمىد ئەتكەچ،
يېتەر دەپ ئوڭ قولۇمدىن تۇرفە خوشلۇق ناگىھان كاغەز.
ئۇنىڭ يېنىدىكى پاكار بويلۇق، خام سېمىز كەلگەن يىگىت يەنە بىر بېيىتنى داۋاملاشتۇردى.
قەدەمبۇسوڭغە چەشمى دىلغىگارىم ئىنتىزار ئولغاچ،
مۇيەسسەر بولسە ۋەسلىڭ دەۋلەتىدىن ئەلئەمان كاغەز.
بەشىنچى يىگىت دەرھال بۇ بېيىتنىڭ ئارقىسىنى ئۇلىدى.
كەرەم ئەيلەپ نىگارىم سەتر قىلغان ئەيبۇ نۇقسانىم،
ئۆزىدىن ئۆزگىگە كۆرسەتمىگەيلەر دەپ نىھان كاغەز.
ئۇنىڭ يېنىدىكى تۇرقىدىن شوخلۇقى، زېرەكلىكى چىقىپ تۇرغان 15 – 16 ياشلارىكى يىگىت بىراقلا ئىككى بېيىت ئېيتىپ توختىدى:
نېچۈك قىلغاي ئىشىكىدىن قوغلاسە ئىتىلارنى دەربانىم ،
بۇ غەم بىرلەن يۈزۈم ئەكسىدىن ئولغاچ زەفىران كاغەز.
خىجالەت بابىدىن ھەر كۈندە مىڭ تۈرلۈك ئاچىلمىشدۇر،
بۇ رەڭگىمنى كىشى كۆرگەي دېگەيلەر كىم سەمان كاغەز.
بىر چەتتە قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرغان ئەلى باينىڭ كىچىك بايۋەچچىسى ھاياجېنىنى باسالماي ئىختىيارسىز مۇشائىرەگە قېتىلدى.
ئۈمىد ئەتكەچ تۈشەر دەپ تارى زەررىن تىيرە كۆلبەمگە،
جەمالى ئافتابىدىن سەفايى ئاسمان قەغەز.
كىچىك بايۋەچچىنىڭ كۈتمىگەندە مۇشائىرەگە قېتىلىشى تالىپلارنى تەمتىرىتىپ قويدى. بۇ تاسادىپىيلىق ئۇلارنىڭ ئىلھامىنى قاچۇرۇۋەتكەندەك قىلاتتى.
−− خوش، قاراپ تۇرماي يەنە بىر بېيىت بىلەن مۇشائىرەنىڭ ئاخىرىنى چۈشۈرۈپ تۈگەللەڭلار، −− دېدى ئابدۇرېھىم نىزارى يىگىتلەرگە قاراپ، −−كىمدەكىم چاققان چىقىپ، مۇشائىرەنىڭ ئاخىرىسىنى چۈشۈرۈپ تۈگەللىسە، بۇ بىر پارچە غەزەل شۇنىڭ بولىدۇ. شەرت شۇكى، ئۆزىنىڭ تەخەللۇسىنى مىسرالار ئارىسىغا بەلگە نىشانە قىلغاي.
ئابدۇرېھىم نىزارىنىڭ گېپى ئاخىرلىشىشى ھامان بايا بىراقلا ئىككى بېيىت بىلەن مۇشائىرەگە قېتىلغان شوخ يىگىت بېيىت باشلىدى.
ئەجەب ئېرىمەس تەرەھھۇم قىلسە مەھبۇب شەۋقى ھالىغە،
نەسب ئولسە جەمالۇللاھ ھەياتى جاۋىدان كاغەز.
يىگىت ئاخىرقى مىسرانى ئوقۇپ بولۇپ، قولىنى كۆكسىگە ئېلىپ تەۋەززۇ بىلەن ئېگىلگىنىچە سورىدى.
−− بىلمىدىم، بۇ بېيىتىم بۈزرۈكۋار ئۇستازلارنىڭ نەزىرىگە مەنزۇر كەلدىمىكىن؟
−− بارىكاللا! مۇشائىرەنىڭ تۈگەللىمىسى تولىمۇ جايىغا چۈشتى، −− دېدى ئابدۇرېھىم نىزارى رازىمەنلىك بىلەن.
−− تەخەللۇسلىرى شەۋقى ئىكەندە ئوغلۇم، −− سورىدى مۇھەممەد سادىق قەشقەرى يىگىتكە قايىللىق بىلەن قاراپ.
−− شۇنداق بۈزرۈكۋارىم، −− دەپ چاققانلىق بىلەن جاۋاب بەردى يىگىت، −− ئات – جۇنۇم مۇھەممەد رەسۇل. يۇرتۇم گۇما قوشتاغدىن.
مۇھەممەد سادىق قەشقەرى كىندىكىگە چۈشۈپ تۇرغان ئاپئاق ساقىلىنى سىلاپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
−− ھەرقانداق كىشى بىر ئىش قىلغان بولسا، شۇ ئىشتا ئول كىشىنىڭ بىرەر بەلگىسى بولىدۇ. سەھىپىلەرنى زىننەتلەپ نەزم يازغۇچىلارنىڭ تەخەللۇسى ئۇنىڭ تامغىسىدۇر. ھەرقانداق شېئىرلار تەخەللۇستىن ئىبارەت مۇشۇ نىشانە ئارقىلىق بىر – بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. ئانى ئوقۇغان كىشىلەر ئاشۇ نىشانىگە ئاساسەن بۇ پالانىنىڭ، بۇ پۇستانىنىڭ دەپ خاتاسىز ئايرىۋالالايدۇ. گەرچە ئۇشبۇ ئەشئار بىر نەچچىڭلارنىڭ مۇشائىرە قىلىشى بىلەن روياپقا چىققان بولسىمۇ، بايا نىزارى جانابلىرى دېگەندەك بۇ نەزمنىڭ ئىگىسى مۇشائىرەنىڭ ئاخىرىنى چۈشۈرۈپ تۈگەللىگەن ھەمدە ئۆزىنىڭ تەخەللۇسىنى مىسرالار ئارىسىغا يوشۇرۇپ، بەلگە – نىشانە قىلغان شەۋقى تەخەللۇسلۇق مۇھەممەد رەسۇلغا تەۋە بولدىلەر.
−− ئەلەمئاخۇنۇم ھەزرەتلىرى ئۇشبۇ سورۇندىمۇ يەنىلا قازىلىق مەجبۇرىيىتىنى ئېسىدىن چىقارماي، ئادىل ھۆكۈم چىقاردى، −− دېدى زوھۇردۇن ھېكىمبەگ چاقچاق تەلەپپۇزىدا، −− قېنى ئېيتىڭلارچۇ، باشقىلىرىڭلار بۇ ھۆكۈمگە قايىلمۇ سىلەر؟
يىگىتلەر بىر ئېغىزدىن جاۋاب بېرىشتى.
−− ھۆكۈمگە قايىلمىز.
−− چىن دىلىمىزدىن رازىلىق بېرىمىز.
−− جانابلار، ئول شاگىرتلارنىڭ نەزمى ئىستېداتى قايداراق ئىكەن؟ -−− سورىدى ئابدۇرېھىم نىزارى.
−− مۆلچەرىمدىكىدىنمۇ خېلىلا يۇقىرى ئىكەن، −− دېدى زوھۇردۇن ھېكىمبەگ.
−− نەق مەيداندا توقۇغىنىغا باقماي خېلىلا پاساھەتلىك چىقتى، −− دېدى مۇھەممەد نىياز يار كەندى، −− مىسرالار گۈزەل بولۇپلا قالماستىن، ئىچىگە يوشۇرۇنغان مەنىسىمۇ چوڭقۇر. مەنتىقە جەھەتتىنمۇ كېيىنكى بېيىت ئالدىنقى بېيىتنى تولۇقلاپ بارىدۇ، كىشىگە خۇددى بىر ئادەم توقۇغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.
−− ئارىي، −− دېدى موللا شاكىر، −− ئەڭ گۈزەل شېئىرىيەت پەقەت تەبىئىي شائىرلاردىلا يۈز بېرىدۇ. پاساھەتلىك يېزىلغان شېئىردا مانا ئول مۇشائىرەدە ئىپادىلەنگەندەك ھەم گۈزەل شەكىل، ھەم دىلنى تارتقۇچى مەنە بولىدۇ. شۇڭىمۇ بۈزرۈكۋار بوۋىمىز ئەلىشىر نەۋائىي ھەزرەتلىرى:
نەزمكى ھەم سۈرەت ئىرۇر خۇش ئاڭا،
زېمىندا مەئىنى داغى دىلكەش ئاڭا.
دەپ نەزمگە تەرىپ بەرگەن.
−− شېئىرىيەت بىر ئىلىمدۇر، −− دېدى نورۇز ئاخۇن زىيائى دانىمۇ دانە قىلىپ سۆزلەپ، −− ئۇ كىشىگە تىلدىن ئەۋزەللىك بىلەن ئىزچىللىقنى ماسلاشتۇرۇپ پايدىلىنىشنى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ نىسبەتچانلىقى بىلەن تۇراقلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ پايدىلىنىشنى ئۆگىتىدۇ. شۇڭىمۇ شېئىر ئىنساننىڭ قەلبى ۋە ھېس – تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەيدىغان، قوزغايدىغان ھەم ئانى يورۇتۇپ بېرىدىغان خىسلەتلىك تار، كۈي ۋە مەشئەلدۇر. شۇڭا شېئىر ھېسسىيات، تەسەۋۋۇر ۋە چىنلىق بىلەن يۇغۇرۇلغان، ھېسسىيات ۋە تەسەۋۋۇر بىلەن قاناتلانغان، ئوقۇغان كىشىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە كۆتۈرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك.
−− نەزم ئىلمى ناھايىتى ئەزىز، ئىنتايىن شەرەپلىك − يېقىملىق ئىلىمدۇر، −− دېدى مۇھەممەد سادىق قەشقەرى ۋەزمىن ئاھاڭدا سۆزلەپ، −− چۈنكى جانابىي ئاللاھنىڭ كالامىدا ئۇ بار. ھەدىسلەردىنمۇ ئۇنى ئىزدىسە تاپقىلى بولىدۇ، پەقەت ئاللاھنىڭ كالامىغا بولغان ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئۇنى شېئىر دەپ ئاتىمىغان. شېئىر ئېزگۈ مەقسەتلەرنى دىلغاجا قىلغانلارنىڭ تىنىقىدىن ئوت – يالقۇن بولۇپ چىقىدۇ. دېمەك، شېئىر يېزىشتا مەقسەت – مۇددىئا ئەڭ مۇھىم. مىسالەن ئالايلى، مەۋلانە جالالىدىن رومى ھەزرەتلىرىنىڭ شېئىر يېزىش مەقسىتى ئىلاھىي سىرلارنى بايان قىلىش ۋە ئانىڭ پۈتمەس – تۈگىمەس مەرىفىتىنى تارقىتىشتىن ئىبارەت ئ−ەردى. بۈزرۈكۋار بوۋىمىز نەۋائىي ھەزرەتلىرىنىڭ ھەر بىر بېيىت – مىسرالىرىدا ھەقىقەتەن، مەرىفەتنىڭ لەزىز تەمىن، زوق ۋە ئىشق ئوتىنىڭ گۈرۈلدەپ تۇرغان ھارارىتى روشەن بىلىنىپ تۇرىدۇ. شائىر دېگەن مەنە ئەھلىلىرى ئىچىدىكى ھېكمەت ئىگىسى، ئىشق ئەھلىنىڭ چىن ۋە ساداقەتلىك ئاشىقى، ئىلاھىي ھەقىقەت شەيدالىرى، پاك ئىنسانىي مۇھەببەت كۈيچىسى بولۇشى كېرەك. گەرچە شېئىردىكى سۆز – ئىبارىلەر شەيئىلەرگە تەقلىد قىلىنىشتىن ھاسىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئىنساننىڭ نازۇك تۇيغۇلىرىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلىگەن بولۇشى شەرت.
تالىپلار قول باغلاپ ئۇستازلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈشتى.
−− بۈزرۈكۋارلىرىمىزنىڭ كالامىنى ئېسىمىزدە مەھكەم ساقلايمىز.
−− جانابىي ئۇستازلار، ئەمدى نەزەرلىرىنى ئۇشبۇ خۇشخەتكە ئاغدۇرۇشقايلا، −− دېدى تۇردۇش ئاخۇن غېرىبى قولى بىلەن شىرە ئۈستىدىكى ھۆسنخەت يېزىلغان قەغەزنى ئىشارەت قىلىپ.
−− راست، نەزم بىلەن بولۇپ كېتىپ تالىبى كاتىپلارنىڭ خۇش قەلەملىكتىن ماھارەت كۆرسىتىۋاتقىنىنى ئۇنتۇپتۇق، −− دېدى زوھۇردۇن ھېكىمبەگ.
مۇھەممەد سادىق قەشقەرى شېئىر يېزىلغان ئىككى تاختا قەغەزنى قولىغا ئېلىپ بىر ھازا سىنچىلاپ قارىغاندىن كېيىن مەمنۇنلۇق بىلەن بېشىنى لىڭشىتتى.
−− دەر ھەقىقەت، غېرىبى جانابلىرىنىڭ مۇبارەك خۇش قەلىمىدىن ئايرىۋالغۇسىز يېزىلىپتۇ. ئانىڭ ئۈستىگە ھەر ئىككىلى خەت نۇسخىسى بىر- بىرىدىن گۈزەل چىقىپتۇ، شول تاپتا كۆز ئالدىمدا بىر- بىرىدىن گۈزەل ئىككى پارچە چىمەنلىك نامايان بولدى، −− مۇھەممەد سادىق قەشقەرى قولىدىكى ھۆسنخەتنى زوھۇردۇن ھېكىمبەگ بىلەن ئابدۇرېھىم نىزارىغا بىردىن ئۇزاتقىنىچە گېپىنى داۋاملاشتۇردى، −−كاتىپ، يەنى خەتتات شائىرلارنىڭ شېئىرلىرى بىلەن ۋاراقنى بېزىگۈچى ۋە سۆز خەزىنىسىنىڭ خەزىنىچىسىدۇر.
−− ئارىي، −− دېدى ئابدۇرېھىم نىزارى قولىدىكى ھۆسنخەتتىن كۆزىنى ئۈزمەي تۇرۇپ، −− ياخشى يېزىلغان خەت ۋە جايىدا قويۇلغان چېكىت چىرايلىقلار جامالىغا گۈزەللىك بەخش ئەتكەن خالدەك ئاق قەغەز يۈزىنى بېرەيدۇ. خۇش خەت، يەئەنى خەتنى چىرايلىق يازغۇچى كاتىپ سۆزگە زىننەت ۋە سۆزلىگۈچىگە راھەت بېغىشلايدۇ. ئەگەر خەتتات خەتنى توغرا يازسا، ئۇنىڭ پۈتكىنى ياخشىلار كۆڭلىگە سۆزسىز مەقبۇل بولىدۇ. شائىر خاھى بىر بېيىت، خاھى يۈز بېيىت يازسۇن، خۇش قەلەم كاتىپنىڭ قولىدا كۆچۈرۈلسە، ئانى ئوقۇغان كىشىنىڭ قەلبىدە ھەسسىلەپ زوق – ھەۋەس قوزغايدۇ. ئەگەر خەتنىڭ شەكلى چىرايلىق ۋە توغرا بولمىسا، بىلىم ئەھلى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشىنىشىدە مۈجمەللىك پەيدا قىلىپ قويىدۇ.
−− كەمىنە، نىزارى جانابلىرىنىڭ كەلىمىسىگە بىر شىڭگىل قوشۇمچە قىلاي، −− دېدى مۇھەممەد نىياز ياركەندى، −− خەتتات ئۆز ھۈنىرىنىڭ نۇرغۇن سىرىنى بىلىشى، كەڭ بىلىم ئىگىسى بولۇشى كېرەك. بولۇپمۇ تىلنى، سۆز سەنئىتىنى، ئىلمىي رىيازەتنى پۇختا بىلىشى كېرەك. نەزم يېزىش ئىستېداتى بولسا تېخى ياخشى. بۇنداق بولغاندا شائىرلارنىڭ ئەشئارلىرىنى كۆچۈرۈش جەريانىدا كەتكۈزۈپ قويغان جايلارنى تەھرىر قىلالايدۇ.
−− پاساھەت بىلەن يېزىلغان ھۆسنخەت گۈزەل بىر جانانغا ئوخشىسا، ئۇنىڭ چۆرىسىنى بېزىگەن نەقىش، ئۆرنەكلەر ئۇل جانانغا لاتاپەت بېغىشلىغۇچى ئەڭل – لىباسقا ئوخشايدۇ، – دېدى موللا شاكىر قولىدىكى ھۆسنخەتنىڭ چۆرىسىدىكى نەقىشلەرگە زوقلىنىپ قاراپ، −− مانا بۇ نەقىشلەر ھۆسنخەتنىڭ كۆركەملىكىنى نەچچە ھەسسە جۇلالاندۇرۇپتۇ.
ئىككى پارچە ھۆسنخەت مەشرەپ ئەھلىنىڭ قولىدىن قولىغا ئۆتۈپ ئاخىردا يەنە كاتىپ يىگىتلەرنىڭ قولىغا قايتىپ كەلدى.
−− ئەگەر مۇشائىرە ئىگىلىرى خوپ كۆرسە ئۇشبۇ ھۆسنخەتنى ھېكىمبەگ ئالىيلىرى بىلەن ئەلى باي جانابلىرىغا يادنامە قىلساق دېگەن مۇددىئايىمىز بار، −− دېدى خەتتات يىگىتلەر.
−− بىز بۇنىڭدىن پەخىر ھېس قىلىمىز، −− دەپ رازىلىق بىلدۈرۈشتى مۇشائىرە ئىگىلىرى.
خەتتات يىگىتلەر ئىككى پارچە ھۆسنخەتنى زوھۇردۇن ھېكىمبەگ بىلەن ئەلى بايغا ئېھتىرام بىلەن قوش قوللاپ ئۇزاتتى.
−− ئاددىي سوۋغىمىزنى قوبۇل قىلىشقايلا.
−− ھەشقاللا، بۇنى ئىنتايىن قىممەتلىك سوۋغا دەپ بىلىمەن، −− دېدى زوھۇردۇن ھېكىمبەگ.
−− مېھمانخانام يەنە بىر ئېسىل بېزەك بىلەن بېزىلىدىغان بولدى، −− دېدى ئەلى باي مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ.
−− ناسىربەگ، −− دېدى زوھۇردۇن ھېكىمبەگ مەھرىمىگە قاراپ، −− ئۇل مۇشائىرە ئىگىلىرى بىلەن خۇش قەلەملەرنىڭ ھەر بىرىگە ئون سەردىن كۈمۈش ئاقچا ئىنئام قىلسۇنلار.
−− ئالىيلىرىنىڭ ھەممىتىگە ھەشقاللا، −− دېيىشتى تالىپلار.
ئەلى باي ئوغۇللىرىنى بۇيرۇپ شائىر ۋە خەتتات يىگىتلەرنىڭ ئۈستىگە بىر ياقىلىقتىن كىمخاپ تون ياپتى.
يىگىتلەر ئەلى بايغىمۇ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشتى.
−− غېرىبى جانابلىرى تولىمۇ ئىستېداتلىق شاگىرتلارنى تەربىيىلەپلا، سىلىگىمۇ كۆپتىن كۆپ رەھمەت، −− دېدى ئەلى باي، −− خېلىدىن بېرى بۈزرۈكۋار بوۋىمىز نەۋائىي ھەزرەتلىرىنىڭ «مەجالىسۇن نەفائىس»، «لىسانۇتتەير»، «مۇھاكىمە تۇل لۇغەتەين»، «مەھبۇبۇل قۇلۇپ»، «مىزانۇل ئەۋزان» قاتارلىق رىسالىلىرىنى بىر نەچچە نۇسخىدىن كۆچۈرتۈپ چىقىپ، دىيارىمىزدىكى مەدرىسە – ئوقۇللارغا تەقدىم قىلىش ئويۇم بار ئىدى. جانابلىرىنىڭ تەربىيىسىدە بۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىققۇدەك شاگىرتلار يېتىشىپ چىقىپتۇ، مۇمكىن بولسا شاگىرتلار شۇ ئىشنى قولىغا ئالسا، بارلىق ھەق ۋە خىراجەتلەرنى كەمىنە ئۈستۈمگە ئالسام.
−− تولا ئوبدان، −− دېدى تۇردۇش ئاخۇن غېرىبى، −− جانابلىرىنىڭ ئۇل ئىلتىماسىنى پەرمان دەپ بىلىمىز ھەم بۇ ئىش بىزلەركىم كاتىپلار تائىبەسىنىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر. ئەمما ۋاقتى – سۈرۈكىنى سەل كەينىگە سۈرۈپ بېرىشلىرىنى ئۆتۈنىمىز.
−− خوش، بۇ ئىشنى كېچىكتۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى نېمىكىن؟ −− سورىدى ئەلى باي تەئەججۈپ بىلەن.
−− كەمىنىلىرىنىڭ قولىدا خەتتاتلىقتىن تەلىم ئېلىۋاتقان بىر قانچە تالىپلار بولسىمۇ لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى كىتاب – رىسالىلەرنى كۆچۈرۈشنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقالمايدۇ. بايام ھەر بىرلىرىنىڭ ئالدىلىرىدا ماھارەت كۆرسەتكەن خۇش قەلەملەردەكتىن پەقەت تۆت شاگىرتلا بار. ئۇلار ھازىر ھېكىمبەگ ئالىيلىرىنىڭ پەرمانىغا بىنائەن بۈزرۈكۋار بوۋىمىز نەۋائىي ھەزرەتلىرىنىڭ چاھار دىۋانىنى كۆچۈرۈۋاتىدۇ. بۇ ئىشلارنى تۈگىتىۋالساق، ھېكىمبەگ ئالىيلىرىنىڭ نەزملىرىدىن تۈزۈلگەن «دىۋان زوھۇرى»نى قولىمىزغا ئالىمىز، جانابلىرىغا بىلدۈرگەن ئۆزرىمىزنىڭ بائىسى شولدۇر.
−− ئۇنداق بولسا مېنىڭ دىۋانىمنى تەييارلاش ئىشى تۇرۇپ تۇرسۇن، −− دېدى ئۇلارنىڭ گېپىگە قۇلاق سېلىپ ئولت−ۇرغان زوھۇردۇن ھېكىمبەگ، −− ئاگال ئەلى باينىڭ تەلىپىنى ئورۇنداپ، بۈزرۈكۋار بوۋىمىزنىڭ ئول رىسالىلىرىنى قوللىرىغا ئالغايلا.
−− باش ئۈستىگە، −− دېدى تۇردۇش ئاخۇن غېرىپى.
−− ئۇندىن باشقا، −− دېدى زوھۇردۇن ھېكىمبەگ، −− بايا مۇشائىرە قىلغان تالىپلارنىڭ نەزملىرىنى ئاساس قىلىپ، خانلىق مەدرىسىدىكى تالىبى ئىلىملەرنىڭ نەزملىرىنى توپلاپ بىر باياز تۈزۈپ 30 نۇسخا كۆچۈرۈپ تەييارلانسۇن. بۇنىڭ خىراجەت چىقىملىرىنى مەن بېرىمەن.
زوھۇردۇن ھېكىمبەگنىڭ بۇ ئالىيجانابلىقىدىن سۆيۈنگەن مەشرەپ ئەھلى ھاياجېنىنى باسالماي قېلىشتى.
−− بارىكاللا!
−− ئالىيلىرىنىڭ ھىممىتىگە ھەشقاللا!
−− ئاللاھ ئىگەم سەلتەنەتلىرىگە بەرىكەت بەرگەي!
−− …
−− مەشرەپ ئەھلىگە بىر ئىلتىماسىم بار ئىدى، −− دېگىنىچە قول باغلىدى ئەلى باي.
−− ئىجازەت، −− دېدى زوھۇردىن ھېكىمبەگ.
−− كەنجى ئوغلۇم، −− دېدى ئەلى باي پەگادا قول باغلاپ تۇرغان كىچىك ئوغلىنى قولى بىلەن ئىشارە قىلىپ، −− نەچچە يىلدىن بېرى تەمبۈرگە ئىشتىياق باغلاپ، خېلى يامان ئەمەس چېلىشنى ئۆگەنگەنىدى. مەشرەپ ئەھلى ئىلمىي مۇنازىرىدىن بىر پەس پارىغ بولۇپ ئارام ئالسا، ئۇنىڭغىچە كەنجەم بىر پەدە تەمبۈر چېلىپ بەرسە دەيدىغان تەلىپىم بار. بىلمىدىم، جانابىي ئەھلى مەشرەپكە مەنزۇر كېلەرمىكىن؟
−− ئەلۋەتتە بولىدۇ، −− دېدى زوھۇردۇن ھېكىمبەگ.
−− قېنى ئوغلۇم، مەشرەپ ئەھلىنىڭ ۋاقتىنى زايە قىلماي تەمبۈرۇڭنى قولۇڭغا ئال.
كەنجى ئوغۇل مەشرەپ ئەھلىگە ئېگىلىپ تەۋەززۇ بىلەن سالام بەرگەندىن كېيىن، بىر چەتتە ئولتۇرغان سازەندىلەرگە قاراپ ئىلتىجا قىلدى:
−− مۆھتەرەم ئۇستازلار كەمىنە شاگىرتىغا تەڭكەش قىلىپ بەرگەن بولسا.
كەنجى ئوغۇل سازەندىلەر بىلەن بىرلىكتە ئاۋۋال «يارۇ»نى، ئاندىن ئۇنىڭغا ئۇلاپلا بىر قانچە خەلق ناخشىسىنى ئورۇنلاپ توختىدى.
−− بارىكاللا، −− دېدى موللا شاكىر ھاياجان بىلەن، −− بايا مۇشائىرەگە قاتقان بېيىتلىرىنى ئاڭلاپ نەزمى ئىستېداتلىرىغا قايىل بولغان ئىدىم. ئويلىماپتىمەن، مۇسقى – مۇغەنىلىكتىمۇ خېلى يۇقىرى ماھارەتلىرى بار ئىكەن ئەمەسمۇ.
−− ئارىي، مەرد ئوغۇلغا 72 خىل ھۈنەر ئازلىق قىلۇر دېگەن مۇشۇدە.
−− بوۋىمىز نەۋائىي ھەزرەتلىرىمۇ نەزم ئەھلى مۇسقى – مۇغەننىلىكتىنمۇ ماھارەت ئىگىلىشى كېرەك دېگەن ئىكەن.
شۇ ئەسنادا تالىپلار ئارىسىدا ئولتۇرغان بىر يىگىت دەس ئورنىدىن تۇرۇپ تۆردىكىلەرگە قول باغلاپ سالام بەردى.
−− جانابى مۆھتەرەم ئۇستازلار، بايام ھەمساۋاقلىرىم ئۆزلىرىنىڭ ماھارىتىنى كۆرسەتتى. كەمىنە ناقابىل شاگىرتلىرى خانلىق مەدرىسىدە ئۇستازلارنىڭ بەرگەن تەلىملىرىنى ئۆگەنگەندىن سىرت، ۋائىزلىق سەنئىتىگىمۇ ئانچە-مۇنچە ھەۋەس قىلغان ئەردىم. ناۋادا مالاللىق يەتمىسە مەشرەپ ئەھلىگە بىر نەچچە ئېغىز ۋائىزلىق قىلىپ بەرسەم.
−− بەلەن گەپ، −− دېدى زوھۇردۇن ھېكىمبەگ ۋە مۇھەممەد سادىق قەشقەرىگە قاراپ سورىدى، −− ئەللامە جانابلىرى نېمە دەيدىكىن؟
−− ئارتۇقچە تەۋەززۇ ھاجەتسىز موللا ئوغلۇم، −− دېدى مۇھەممەد سادىق قەشقەرى، −− بول كىتابخانلىق مەشرىپىگە داخىل بولغان ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىش ھەققى باردۇر. چوڭ -كىچىك، ئۇستاز – شاگىرت، ھۆكۈمدار – ئاۋام دەپ ئايرىلمايدۇ. چۈنكى بۇ ئابا – ئەجدادلىرىمىز داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان كىتابخانلىق مەشرىپىمىزنىڭ ئۆزگىچە قائىدە – يوسۇنىدۇر. بۇنىڭدا ئىلىم – زىيارەت مۇنازىرىلىرى، مۇسقى – مۇقاملار، قىزىقچىلىق، ئەلنەغمە، ۋائىزلىق، مەدداھلىق… ۋاللاھۇ ئەلەم ھەممىسى بولىدۇ. لېكىن بىرلا شەرت ئۇل ئەنجۈمەندە ئەل – يۇرتقا پايدىلىق سۆز-ئىبارىلەر بولۇشى، ئىلىم ھەققىدىكى بەھس – مۇنازىرىلەر ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇشى كېرەك. مەشرەپ ئەھلىنىڭ دىلىنى رەنجىتىدىغان بەدئەخلاق قىلىقلارغا، ئارىنى بۇزۇپ پىتنە – پاسات پەيدا قىلىدىغان سۆز – قىلمىشلارغا، ھاياسىزلىقلارغا چەك قويۇلىدۇ، قېنى خوش، مەرھەمەت قىلسۇنلار.
يىگىت سورۇن ئەھلىگە چوڭقۇر بىر سالام بېرىۋېتىپ، گېلىنى قىرىپ قويۇپ ۋائىزلىق قىلىشقا باشلىدى:
−− ئەيۇھانناس! ئەيۇھانناس! ئەيۇھانناس! ھېكايەتكە قۇلاق سېلىڭلار ئامۇخاس! ئاڭلىمىغانلارنىڭ قۇلىقى گاس، ئاڭلىغانلارنىڭ ئەقلى – ئوشى ساز. مەلۇم بولسۇنكى، تۈمەن دەرياسىنىڭ ئول تەرىپىدە، گەز دەرياسىنىڭ بول تەرىپىدە ھەشەمەتلىك بىر چاھارباغدا كۈن چاشگاھتىن قىيىلغاندا بىر بۇلبۇل دەرەخ شېخىغا قونۇپ ئولتۇرار ئەردى…
يىگىت ۋائىزلىقتىن توختاپ تۆردە ئولتۇرغان ئۇستازلارغا ئېگىلەپ سالام بەردى:
−− ۋائىزلىق يەئەنى ئەھلى نەسىھەتكويلۇق پىر – ئۇستازلار ۋە ھوشيار كىشىلەرنىڭ، پىركامىل ۋە ئەۋلىيالارنىڭ ئىشىدۇر دەپ ئاڭلىغان بولساممۇ، ۋۇجۇدۇمدا نە ئەقىل، نە ھوشيارلىق بولمىسىمۇ، ئاۋازىمنىڭ ساز چىقىدىغانلىقىغا، شۇنداقلا ھەر خىل كىشىلەرنىڭ سۆز-تەلەپپۇزىنى ئوخشىتىپ دورىيالايدىغانلىقىمغا ئىشىنىپ، جانابىي ئۇستازلارنىڭ ئالدىدا ۋائىزلىق قىلىشقا جۈرئەت قىلدىم. كەمىنە شاگىرتلىرىنىڭ قىلغان بول ئاتىكاچىلىقىنى ئەقىلسىزلىقتىن ئۆزىنى بىلمەي قىلغان شوخلۇقى ھەم تەنتەكلىكى دەپ بىلىپ ئەيىبكە بويرۇمىغايلا.
يىگىتنىڭ ئاۋازىنى ھەر خىل ئاھاڭدا چىقىرىپ، چىراي شەكلىنى شۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ قىلغان ۋائىزلىقى بارچە مەشرەپ ئەھلىگە يارىغانىدى، شۇڭا ئۇلار يىگىتنى بىر ئېغىزدىن ماختاشتى.
−− بارىكاللا! خېلى مەن – مەن دېگەن ۋائىزلارمۇ بۇنچە قاملاشتۇرۇپ سۆزلىيەلمەيدۇ.
−− ۋائىزنىڭ ھەقنى سۆزلىمىكى جائىزدۇر، −− دېدى مۇھەممەد سادىق قەشقەرى، −− ئاۋۋال ئۆزى ھەق يولغا كىرمىكى، ئاندىن نەسىھەت قىلىپ ئەل – ئاۋامنى شۇ يولغا دەۋەت قىلمىقى، باشلىمىقى لازىم. ئۆزى يۈرمىگەن يولغا ئەلنى باشلىماق، مۇساپىرنى يولدىن ئاداشتۇرۇپ باياۋانغا تاشلىماق بىلەن ئوخشاش، ئەگەر بىرەر ياخشى ئىش-ئەمەلنى باشقىلارغا دەۋەت قىلىپ ئۆزى قىلمىسا، ئۇنداق ۋائىزنىڭ سۆز – نەسىھىتى ھېچكىمگە تەسىر قىلمايدۇ. ئى موللا ئوغلۇم، ناھايىتىمۇ ياخشى بىر ھېكايەتنى سۆزلىدىلە. ئاللاھ ئىگەم ۋۇجۇدلىرىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ نادىر پەزىلەتلەر بىلەن بېزەشكە نېسىپ قىلغاي، كۆرسەتكەن ماھارەتلىرىگە كۆپتىن – كۆپ تەشەككۇر!
−− ئۇستازنىڭ كالامىنى ئېسىمدە مەھكەم ساقلايمەن، −− دېدى يىگىت.
زوھۇردۇن ھېكىمبەگ بېلىدىكى ئالتۇن توقىلىق كەمىرىنى يېشىپ يىگىتكە تەڭلىدى.
−− ئال يىگىت، بۇ سوۋغامنى قوبۇل قىل. مىڭ تىللاغا ئەرزىگۈدەك ھېكمەت بىلەن دىلىمنى روشەن قىلدىڭ.
−− ھېكىمبەگ ئالىيلىرىغا ھەشقاللا، −− دېدى يىگىت كەمەرنى ئىككى قوللاپ ئېلىپ.
−− جانابىي مەشرەپ ئەھلى، −− دېدى نورۇز ئاخۇن زىيائى سورۇندىكىلەرگە تەكشى قاراپ، −− باياتىن بېرى سازەندىلىرىمىز سازلىرىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ قالدى. ئەمدىكى نۆۋەتنى ئۇلارغا بېرىپ، يۈرەكلەرگە زوق – ھەۋەس قوزغىغۇچى نەغمىلەردىن بىرەر پەدە ئاڭلىساق قانداق بولۇر.
−− بۇمۇ ناھايىتى ياخشى تەكلىپ بولدى، −− دېدى زوھۇردۇن ھېكىمبەگ، −− بىراق كەمىنىلىرىنىڭ شۇ تاپتا ئۇل سازەندىلەرنىڭ نەغمىلىرىدىن كۆرە قازان بىلەن چۆمۈچنىڭ نەغمىسىگە بەكرەك ئىشتىياقىم تارتىۋاتىدۇ، ئەھلى مەشرەپنىڭ قانداقكىن، مېنىڭ قورسىقىم ناغرا چالغىلى خېلى بولدى.
سورۇندىكىلەر پىخىلداپ كۈلۈشۈپ كەتتى. زوھۇردۇن ھېكىمبەگنىڭ نېمىگە ئىشارەت قىلىۋاتقانلىقىنى دەرھال ھېس قىلغان ئەلى باي قول باغلىغىنىچە بېشىنى ئەگدى.
−− كەچۈرسىلە ئالىيلىرى، كۆڭۈللەرگە زوق بىغىشلىغۇچى بىر – بىرىدىن ئېسىل سۆھبەتلەر ئەس – يادىمنى ئوغرىلاپتۇ، مەشرەپ ئەھلىگە تەييارلىغان تائاملارمۇ تەييار بولۇپ بولدى ھەقاچان.
ئەلى باي ئىشىك تۈۋىدىكى خىزمەتكارىغا قازان بېشىغا چىقىپ بېقىشنى بۇيرۇدى.
−− ئۇنداق بولسا، −− دېدى مۇھەممەد سادىق قەشقەرى قوينىدىكى ئالتۇن گەردىشلىك يانچۇق سائەتكە قاراپ بېقىپ، −− نامازشامنىڭ ۋاقتىمۇ بولاي دەپ قاپتۇ. مەشرەپ ئەھلى سىرتقا چىقىپ پۇت – قوللىرىنى بوشىتىپ، تاھارەت يەڭگۈشلىۋالغاي. نامازشامنى ئوقۇۋېلىپ ئاندىن غىزاغا ئېغىز تېگەيلى.
خىزمەتكارلار داستىخاندىكى مېۋە شۆپۈكلىرىنى تازىلاپ، مەزەلەرنى قايتىدىن تىزدى. پىيالىلەرنى يىغىپ قايتىدىن چايقىدى. ئۇنىڭغىچە شام نامىزىنى ئوقۇپ بولغان مەشرەپ ئەھلى مېھمانخانىغا قايتىپ كىرىپ قايتىدىن جاي ئېلىشتى.
−− داستىخانغا تائام تارتىڭلار، −− دېدى ئەلى باي خىزمەتكارلىرىغا قاراپ.
ھايال ئۆتمەي داستىخانغا پۈتۈن پىشۇرۇلغان ئوغلاق، پاقلان كاۋاپلىرى، غاز، توخۇ، قىرغاۋۇل گۆشلىرى بىر – بىرلەپ تىزىلىشقا باشلىدى. مەشرەپ ئەھلى ئالسىلا – باقسىلا دېيىشىپ ئىشتىھا بىلەن غىزالىنىشقا كىرىشتى.
−− ئانچە – مۇنچە لەتىپە – چاقچاق بىلەن غىزالىنايلى، −− دېدى ئابدۇرېھىم نىزارى، −− بولمىسا سورۇننى نەرە ئاۋازى قاپلاپ كېتىدىكەن.
−− ئەجەب جايىدا ئوخشاتتىلا، −− دېدى مۇھەممەد سادىق قەشقەرى كۈلۈپ، −− ئاۋاز چىقارماي پەم بىلەن غىزالىنىشمۇ ئەدەپ جۈملىسىدىندۇر. غىزالىنىۋاتقاندا شالاپ – شۇلۇپ ئاۋازلار بەك ئۈنلۈك چىقىپ كەتسە ھەمتاۋاقلارنىڭ ئىشتىھاسىنى بوغۇپ قويىدۇ. قېنى خوش، لەتىپە – چاقچاقلىرىنى باشلىسىلا.
−− باغدا قاغا بىلەن تاۋۇس ئۇچرىشىپ قالدى ۋە بىر-بىرىنىڭ ئەيىبىنى يۈزىگە سېلىشتى، −− دەپ گەپ باشلىدى ئابدۇرېھىم نىزارى، −− سېنىڭ پۇتۇڭدىكى قىزىل ئۆتۈكلەر مېنىڭ ئالتۇن رەڭلىك ئەتلەس ۋە كەشتىلىك كىمخاپ كىيمىمگە يارىشاتتى، −− دېدى تاۋۇس قاغىغا قاراپ، −− يوقلۇقنىڭ قارا تۈنىدىن بارلىقنىڭ يورۇق كۈنىگە ئۆتۈش ۋاقتىدا تاسادىپەن بىر ئادىشىش يۈز بەرگەن ئوخشايدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن سېنىڭ مۈدۈر – چوقۇر قارا ئۆتۈكۈڭنى كىيىپتىمەن. سەن بولساڭ مېنىڭ شاۋرۇن ئۆتۈكۈمنى كىيىۋاپسەن.
−− ياق، −− دېدى قاغا ئۇنىڭغا، −− مەگەركى ئادىشىش يۈز بەرگەن بولسا، ئۆتۈكلىرىمىز ئەمەس، تونلىرىمىز ئادىشىپ قالغان، چۈنكى سېنىڭ رەڭدار تونۇڭ مېنىڭ ئۆتۈكۈمگە بەك ماس كېلەتتى. ئېھتىمال ئۇيقۇچىلىقتا سەن مېنىڭ تونۇمغا باش تىققانسەن، مەن سېنىڭ تونۇڭغا سىغقاندىمەن.
يېقىن جايدا ئوزۇق ئىزدەپ يۈرگەن تاشپاقا ئۇلارنىڭ بەس – مۇنازىرىسىنى ئىشتىپ دېدى:
−− ئەي ئەزىز دوستلار، ئەقىللىق ئاغىنىلەر، بۇ پايدىسىز ۋە مەنىسىز مۇنازىرىنى بولدى قىلىڭلار. خۇدا ھەممە نەرسىنى بىر كىشىگىلا بەرمەس. بارچە ئىستەك يۈگىنىنى بىر قولغىلا تۇتقۇزماس. ھەر بىر كىشىدە بىرەر ئۆزگىچە خۇسۇسىيەت باركى، ئۇ يەنە بىر كىشىدە بولماس، ھەر بىر كىشى ئۆزىدە بارىغا خۇشال بولمىقى ۋە تاپقىنىغا قانائەت قىلمىقى كېرەك.
−− شۇ تاپتا كەمىنىنىڭ يادىغىمۇ بىر لەتىپە كەلدى، −− دېدى نورۇز ئاخۇن زىيائى، −− بىر كۈنى باغداد خەلىپىسى چۈشلۈك تاماق يەپ ئولتۇراتتى. دەرگاھىغا بىر سەھرالىق ئەرەب كىرىپ كەلدى. خەلپە ئۇنى داستىخانغا تەكلىپ قىلدى، ئۇ ئولتۇرۇپلا داستىخاندىكى پاقلان گۆشىگە ئاچ بۆرىدەك تاشلاندى. بۇنى كۆرگەن خەلپە ئۇنىڭغا دېدى:
−− بۇ نېمىدېگەن رەھىمسىزلىك، بىچارىنى سۆڭەكلىرى بىلەن قوشۇپ شۇنداق كۈچەپ چاينىماقتىسەنكى، گويا بۇ پاقلاننىڭ دادىسى سېنى بىرەر قېتىم ئۈسكەندەك.
ئەرەب خەلپىگە جاۋاب بېرىپ شۇنداق دېدى:
−− بۇ تولىمۇ يېيىشلىك تائام ئىكەن، ئەمما سەن ئۇنىڭغا شۇنداق شەپقەت بىلەن قاراۋاتىسەن ۋە ئۇنىڭ يىيىلىپ كېتىشىدىن شۇنچىلىك تەشۋىشلەنمەكتىسەنكى، گويا ئۇ پاقلاننىڭ ئانىسى سېنى بىرەر قېتىم ئېمىتىپ قويغاندەك.
سورۇن ئەھلى قېقىلىپ – قېقىلىپ كۈلۈشتى. بىرلىرى نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرىدىن، بىرلىرى كەمەك ئەييار لەتىپىلىرىدىن سۆزلىدى. خىزمەتكارلار داستىخانغا ئارقىمۇئارقا تۈرلۈك غىزالارنى تارتماقتا ئىدى.
−− ئەمدى داستىخانغا غىزا تارتىش توختىغاي، −− دېدى مۇھەممەد سادىق قەشقەرى ئەلى بايغا قاراپ، −− داستىخاندىكى تائاملارمۇ زىيادە بولۇپ كەتتى. گەرچە نازۇ نېمەتلەرنى مول تەييارلاش مېھمانلارنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ، ئەمما بۇ يەنىلا ئىسراپخورلۇقتۇر. جانابىي ئاللاھ يەڭلار، ئىچىڭلار، ئەمما ئىسراپ قىلماڭلار دېگەن، ئىسراپچىلىق ئېغىر گۇناھتۇر.
−− ئارىي، −− دېدى ئابدۇرېھىم نىزارى، −− ھەدىستە يەنە شۇنداق بايان قىلىپتۇلەركى، پەيغەمبىرىمىز دۈشمەن بىلەن قىلغان ئۇرۇشنى سەغەرى ئۇرۇش نەپسىنى تىزگىنلىمەكنى كەبىرى ئۇرۇش دېگەنىكەن. ئىنسانىي كامىللىققا يېتىشنى ئارزۇ قىلغان پەزىلەت ئىگىسى ئەڭ ئاۋۋال ئۆز نەپسى بىلەن كۈرەش قىلمىقى، نەپسىنى تىزگىنلىمىكى زۆرۈر. تائام – غىزادا ئىسراپچىلىققا بېرىلىش ھەقىقەتەن گۇناھتۇر.
ئەلى باي خىجىللىق بىلەن بېشىنى ئەگدى.
−− جانابىي ئۇستازلارنىڭ كالامىنى ئېسىمدە مەھكەم تۇتىمەن. لېكىن ھازىر يەنە بىر نەچچە قازان تائام تەييار بولۇپ قالدى. ئازراقتىن ئەكىرسەك ئېغىز تېگىپ بېقىشسىلا. ئانى يېمىسەك تېخىمۇ ئىسراپ بولىدۇ.
−− ھاجەتسىز، −− دېدى زوھۇردۇن ھېكىمبەگ گەپنى چورتلا كېسىپ، −− ئەمدى داستىخانغا تائام تارتمىسۇنلار. ئۇل تەييار بولغان تائاملارنى ئەھلى مەھەللىلەرگە قوشنا ھەققى قىلىپ چىقارتىپ بەرگەيلا.
زوھۇردۇن ھېكىمبەگنىڭ تەكلىپىنى مەشرەپ ئەھلى بىر ئېغىزدىن قوللاشتى.
−− ئارىي.
−− جايىدا گەپ بولدى.
−− قولۇم – قوشنا، ئەھلى – مەھەللىلەرگە قوشنا ھەققى سۇنۇش تولىمۇ زۆرۈر.
−− ھەرقانداق تائامدا قوشنىلارنىڭمۇ ھەققى بولىدۇ.
−− مۆھتەرەم مەشرەپ ئەھلى، جانابىي ئۇستازلار، −− دېدى زوھۇردۇن ھېكىمبەگ، −− داۋاملاشتۇرساق بۇل كىتابخانلىق مەشرىپىمىز تاڭ ئاتقۇچە ئاخىرلاشمايدۇ. ئەلى باينىڭ داستىخىنى بولسا زىنھار ئۆكسۈمەيدۇ، ئەمما تۈگىمەيدىغان بەزمە، ئاخىرلاشمايدىغان باراۋەت يوق. ھېلىمۇ بىر ۋاخ بولۇپ قالدى. ئۇشبۇ كىتابخانلىق مەشرىپىمىز مۇشۇ يەرگىچە بولسا، ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي ئەزىزانە شەھىرىمىزگە قەدەم كەلتۈرگەن ئىككى ئۇستازنىڭ يەئەنى مەۋلانى مۇھەممەدنىياز ياركەندى جانابلىرى بىلەن موللا شاكىر ئىبنى موللا تاھىر جانابلىرىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئەتە ئوردا قەسىرىمدە بول كىتابخانلىق مەشرىپىمىزنى داۋاملاشتۇرساق دەيمەن. بۈگۈنكى نېسى قالغان نەزملەر، تۈگەللەنمىگەن بەس – مۇنازىرىلەر ئەتە يەنە داۋاملاشقاي. دانىشمەن پازىللىرىمىز كۆڭۈل خەزىنىسىدىكى ئىلىم دۇردانىلىرىنى كەڭتاشا تۆككەي، −− زوھۇردۇن ھېكىمبەگ مۇھەممەد سادىق قەشقەرىگە قاراپ مۇراجىئەت قىلدى، −− خوش، ئەللامە جانابلىرى دۇئا كەلتۈرۈپ بەرگەيلا.
−− ئامىن، −− دېدى مۇھەممەد سادىق قەشقەرى ئىككى ئالىقىنىنى جۈپلەپ.
مەشرەپ ئەھلى مۇھەممەد سادىق قەشقەرىگە ئەگىشىپ دۇئاغا قول كۆتۈرۈشتى. شۇ تاپتا چىرايلىرىدا رازىمەنلىك، خۇشاللىق جىلۋىلەنگەن مەشرەپ ئەھلى بۈگۈنكى كىتابخانلىق مەشرىپىنىڭ ساھىبخانى بولغان مەرىپەتپەرۋەر سودىگەر ئەلى بايغا چىن كۆڭلىدىن ئىزگۈ تىلەكلەر تىلەشمەكتە ئىدى.

مەنبە: تارىم ژۇرنىلى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top