• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » پىسىخىكىلىق بوھران(پوۋېست)

پىسىخىكىلىق بوھران(پوۋېست)

ئەكبەر ئىمام كۆكبۆرە
(پوۋېست)

قەدىرلىك لالە! مەن سەن ھەققىدىكى خىيال بوستانلىقلىرىمدا ناھايىتى ئۇزاق، ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىت يەككە – يېگانە ھالدا ئايلاندىم. ئاخىر قەدەملىرىم تالدى، يوللىرىم ئۈزۈلدى، ھايات ياپراقلىرىم پىلدىرلاپ تۆكۈلدى. يۇلتۇزلار ھەر ئاخشىمى بۇرۇنقىدەكلا چاقناپ تۇرغىنى بىلەن سۈت رەڭ نۇرلىرى مۇزلاپ كەتتى، گۈللەر ھەر سەھەر ھاياجانلىنىپ تۇرۇپ ئېچىلغىنى بىلەن قىپقىزىل رەڭلىرىدە خۇش ھىدى قالمىدى. بۇ ئارىدا بەش يىل ئۆتتىمۇ ياكى بەش يىلدىن بەشى ئۆتۈپ كەتتىمۇ، مەن ئۈچۈن ۋاقىت ئۆز مەنىسىنى يوقىتىپ بولغانىدى. بىلىكىمدىكى سائەت ئىسترېلكىسى تەنگە سولىنىپ قېلىپ پىرقىراپ يۈرگەن ئىسسىق جاندەك 24 سائەت توختىماي ئايلانغان بىلەن، كېچىدىن كۈندۈز، كۈندۈزدىن كېچە سانسىز قېتىم سۈزۈلۈپ چىققان ھەم دەرەخلەر نەچچە قېتىم يوپۇرماق تاشلاپ پوتلا چىقارغىنى بىلەن، مەن ماھىيىتىنى يوقاتقان ۋاقىت چەمبىرىكى ئىچىدە يۆگىمەچتەك ئاستا – ئاستا قۇرۇپ، روھىي قۇۋۋىتىمدىن ئايرىلىپ قالماقتا ئىدىم.
ئىچىمدە بىر نەرسە تولغىناتتى، قانداقتۇر بىر سۈزۈك – سىلىق نۇر دولقۇنى تەن قەپىسىمدىن چىقىپ كېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقاندەك تۆۋەن تەن ئېقىنىمدىن يۇقىرى تەن ئېقىنىمغا ئۆرلەيتتى. مەن بولسام خۇددى كېتىشى ئېنىق بولۇپ قالغان بىر مېھماننى تەن قەسىرىمدە مەجبۇرىي تۇتۇپ قېلىۋاتقاندەك ھالەتكە كېلىپ قالغانىدىم. بۇ خىل ھالەت مەندە قاچاندىن باشلاپ يۈز بېرىشكە باشلىدى، بىلمەيمەن. مەن پەقەت سەن ھەققىدە خىيال بوستانلىقلىرىمدا ناھايىتى ئۇزاق، ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىت يەككە – يېگانە ھالدا سەرسان – سەرگەردان بولۇپ يۈرگىنىمنىلا بىلىمەن. گەرچە بۇ ئۇزاق ۋاقىت مېنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى بەش يىللىق ھايات مۇساپەمنى ئۆزىگە نىشان قىلغان بولسىمۇ، مەن بۇ بەش يىللىق ھايات مۇساپەمدە بىر ھالەتتىن ئىككىنچى بىر ھالەتكە ئۆتۈپ بولغانىدىم. مەن ھايات مۇساپەمدىكى بىرىنچى خىل ھالەتتە سېنى سۆيۈش بۇرچىغا مۇيەسسەر بولغان بولسام، ئىككىنچى خىل ھالەتتە سەن ھەققىدىكى باش – ئاخىرى يوق خىياللار ئىسكەنجىسىدە ئويلىنىش بۇرچىغا مۇيەسسەر بولدۇم. شۇڭا، مەن بۇ باسقۇچتىكى سەن ھەققىدىكى ئويلىنىش مۇساپەمنى مەن خۇددى سېنىڭ قەدىر – قىممىتىڭنى قەدىرلەش ياكى دەپسەندە قىلىش ھەققىدە مارافونچە خىيال سۈرگەندەك ھېس قىلىمەن.
مەن سېنى سۆيەتتىم لالە. لېكىن مەن سېنى سۆيگەن قەلبىم بىلەن سېنىڭ ھايات بوستانىڭ، ياشلىق چىمەنىستانىڭدىكى رەڭگارەڭ قىسمەت گۈللىرىڭنى ساڭا تۇيدۇرماي ئاستا – ئاستا توزۇتۇپ كەلدىم. مېنىڭ بۇ ھەرىكىتىم شۇنداق ئاستا، شۇنداق سىلىق بولدىكى، مىسالى بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ قېرىپ كەتكەنلىكىنى تۇيۇقسىز ھېس قىلىپ قالغىنىدەك تەبىئىي بولدى. تاڭ ھەر كۈنى بىر قېتىمدىن يورۇشتەك ئىلاھىي قانۇنىيەتكە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن تاڭنىڭ يورۇش قانۇنىيىتى مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. چۈنكى تاڭ ئاستا – ئاستا يورۇيدۇ. تاڭنىڭ يورۇش ھەرىكىتىدىكى ئاستىلىق بوشلۇقى تولىمۇ كىچىك بولغاچقا، ئۇ بىزنىڭ ۋاقىت ئېڭىمىزنىڭ سىرتىدا قالغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. كۆرۈش سەزگۈمىز ھامان پەرق ئېتىش سەزگۈمىزگە ئاڭسىز رەۋىشتە ئالدىنىدۇ. پەقەت بىز ھېس قىلىش سەزگۈمىزگە تايىنىپلا تاڭنىڭ يورۇۋاتقانلىقىنى جەزملەشتۈرگىنىمىزدىلا، كۆرۈش سەزگۈمىز كېچىنىڭ قارا تونىنىڭ سەھەرنىڭ كۈمۈش رەڭ تونىغا ئالمىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يېتىدۇ. ناۋادا تاڭ بىز كۆزىتىپ تۇرغان مەلۇم ۋاقىت دائىرىسى ئىچىدىلا يورۇپ كەتسە بۇ ھال بىزگە غەيرىي تۇيۇلىدۇ – دە، مېڭىمىزدە قانداقتۇر بىر نورمالسىزلىق غەليان كۆتۈرىدۇ. بۇنداق ئۆلچەملىك قانۇنىيەت دائىرىسىدىكى نورماللىقنىڭ نورمالسىزلىق بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرۇشى بىزنىڭ سۇبيېكتىپ ئېڭىمىزدا ۋەھىمىنىڭ رەڭسىز تۇمانلىرىنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ. بۇنداق ۋەھىمە تۇمانلىرى بولسا بىزنىڭ نورمال تۇرمۇش تەرتىپىمىزنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىپ تاشلايدۇ. مېنىڭ سەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەت جەريانىم بولسا دەل تاڭنىڭ يورۇش قانۇنىيىتىدەك ئۆلچەم ئىچىدە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلگەن. شۇ سەۋەبتىن مەن سېنىڭ ھاياتىڭنىڭ ئەڭ مەزمۇنلۇق بىر قىسمىدەك، ياكى سېنىڭ 207- تال سۆڭىكىڭدەك سەندەگۇمان پەيدا قىلماي، قەلب ۋە روھىيەت بوشلۇقۇڭدا بىر پارچە مۇكەممەل ئەقىدە سۈپىتىدە ياشاپ كەلدىم. بۇ ئەقىدە سېنىڭ تەسەۋۋۇرۇڭدا، سېنىڭ بىر كىشىلىك ئەۋرىشىم دۇنيارىڭدا، سېنىڭ مەن ھەققىدىكى گۈزەل ئارزۇ – ئارمانلىرىڭدا ھېچقانداق نۇقسانسىز ۋە كىر – داغسىز ھالدا، خۇددى ئانىنىڭ ئوغۇز سۈتىدەك شان – شەرەپكە مۇيەسسەر بولۇپ كەلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى دەل مېنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى بەش يىللىق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت جەريانىدا ساڭا نامەلۇم، لېكىن ئۆزۈمگە روشەن بولغان قانۇنىيەتنى ساقلاپ ۋە ئۇنى تەبىئىي رەۋىشتە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىمنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسى ئىدى.
−− سەن بىر پەرىشتە!
سەن مەن ھەققىدە تولىمۇ سەمىمىي ئاۋازدا تارتىنىپ تۇرۇپ مۇشۇنداق دېگەنىدىڭ. مەن سېنىڭ مۇشۇ بىر جۈملە سۆزۈڭدىنلا قەلبىڭدىكى مەننىڭ چىڭقىچۈشتە نۇر چېچىپ تۇرغان قۇياشتەك مۇكەممەل بىر شەكىل ئىكەنلىكىنى روشەن ھېس قىلغانىدىم. ئېھتىمال سەن قەلبىڭدىكى بۇ شەكىلنى بۇ قەدەر مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن يىراق كۆككە قاراپ نەچچە قېتىم ئىخلاس دۇئالىرىڭدا بولغانسەن. لېكىن بۇ سېنىڭ قەلبىڭدىكىلا شەكىل ئىدى. مېنىڭ ئەسلىي شەكلىم بولسا ھاياتىمدىكى ئىككىنچى خىل ھالەت ئىچىدە شەكىل ئۆزگىرىشى ياساپ زىننەتلىنىۋالغان ساختا شەكىل ئىدى. لېكىن سەن مەندىن ئىبارەت بۇ ئىككى خىل شەكىلنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىككى يۈزىدىن ئەسلا گۇمانلانمايتتىڭ.
−− سەن بىر پەرىشتە!
سېنىڭ مۇشۇ بىر جۈملە سۆزۈڭ ئۈچۈن بىر جۈپ قاپقارا قوي كۆزۈڭگە قاراپ ئولتۇرۇپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتكۈم كېلىدۇ. لېكىن يوشۇرۇن تەبىئىتىم ئاشۇ يىغا ئاۋازى بىلەن تەڭ قەلبىڭدىكى شەكلىمنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن، ياكى ئۆزۈمدىكى ساختا شەكىلنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن ماڭا شەرتلىك سىگنال بېرىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن روھىمدىكى بىردەملىك جىددىي زىلزىلە ئۆتۈپ كېتىدۇ – دە، مەن يەنە قايتا شەكىل ئۆزگەرتىپ، قەلبىڭدىكى شەكىل ئىچىگە يىلاندەك سويلاپ كىرىمەن.
ئۇنداقتا، سەن نېمە، لالە؟
سەن سەھەردىكى قۇياش نۇرى. سەن سەھەردىكى قۇياش نۇرىنىڭ ئالتۇن رەك نۇر تالالىرى ئىچىدە پورەكلەپ ئېچىلىپ تۇرغان بىر دەستە گۈل. سەن يۇلتۇز گۈللىرى چېچەكلەپ تۇرغان كېچىنىڭ تۇم قارا، سىلىق كۆكسىدە پارلاپ تۇرغان ئاي نۇرى. سەن مېنىڭ رېئاللىقىم چىلىشىپ تۇرغان كۆل سۈيى. سەن مېنىڭ روھىيەت بوشلۇقۇمدا ئاتوم زەرەتلىرىدەك ئاستا – ئاستا پارچىلىنىۋاتقان پەرىزات.
ئەمىسە، مەنچۇ؟
مەن سېنىڭ قەلب لېۋىڭ شىۋىرلاپ تۇرغان پەرىشتىمۇ؟ ياق، ئەمەلىيەتتە مەن بىر ئالۋاستى. مەن سېنىڭ نەزىرىڭدىكى ئاق قاناتلىق پەرىشتىنىڭ شەكلىگە كىرىۋالغان قارا قاناتلىق ئالۋاستى. مەن ساختا شەكلىمنىڭ قەلبىڭدىكى ھۆرمەتلىك ئورنىدىن پايدىلىنىپ لەۋ قىرغاقلىرىڭغا ھاياجان بىلەن شىۋىرلاپ تۇرۇپ تەن ئېكىنزارلىقىڭدىكى ئىسسىق قېنىڭنى شوراۋاتقان يالماۋۇز.
ئېسىڭدىمۇ لالە، تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمىزدىكى دەرسلىكىمىزدە سەندەك بىر مۇلايىم قىز بىلەن مەندەك بىر يالماۋۇزنىڭ چۆچىكى بولىدىغان. ئالۋاستى قان خۇمارى قوزغالغاندا قىزنى تورۇسقا چېچىدىن ئېسىپ قويۇپ تاپىنىدىن ئىسسىق قېنىنى شورايتتى. بۇ چاغدا سەن قىز ئۈچۈن ھەسرەت چېكىپ، يالماۋۇزغا بولغان لەنەت ئوقلىرىڭنى سۆز تاپانچاڭدا شىددەت بىلەن ئاتاتتىڭ.
−− كامال، بۇ قىز نېمىدېگەن بىچارە – ھە!
سەن تىترەپ تۇرغان ئاۋازىڭ بىلەن شۇنداق دەيتتىڭ. مەن شۇ چاغدا ئاھۇنىڭ كۆزىدەڭ مىسكىنلىشىپ كەتكەن قاپقارا قوي كۆزلىرىڭدە لىغىلداپ تۇرغان سۈزۈك ياش تامچىلىرى بىلەن يەنە بىر قەۋەت قويۇق ۋە ئېغىر قايغۇ بۇلۇتلىرىنى ئېنىق كۆرەتتىم – دە:
−− بۇ بىر چۆچەك، لالە، چۆچەك دېگەن توقۇلما بولىدۇ. ئەگەر ئۇ مۇشۇنداق تەسىرلىك، ھەسرەتلىك قىلىپ توقۇلمىسا بىز ئۇنى ئوقۇيتتۇقمۇ؟ شۇڭا سېنىڭ بۇ چۆچەكتىكى قىز ئۈچۈن ھەسرەت چېكىپ ئاھ ئۇرۇشۇڭ تامامەن ئورۇنسىز، −− دەيتتىم.
−− ئەگەر شۇ قىزنىڭ ئورنىدا مەن بولۇپ قالغان بولسام سەن قانداق قىلاتتىڭ، كامال؟
سېنىڭ ساددىلارچە سورىغان بۇنداق سوئاللىرىڭ ماڭا بەكمۇ سۆيۈملۈك تۇيۇلاتتى.
−− ئەخمەق قىز، ئەلۋەتتە يالماۋۇزنىڭ كاللىسىنى ئۆزۈم ئالاتتىم – دە!
−− يەتتە بېشى بار تۇرسا ئۇنىڭ.
−− يەتتە بېشى بار بولسا نېمە بوپتۇ، مەن يەتتە قېتىم چاپساملا بولدى ئەمەسمۇ.
−− كۈنىگە بىردىن چاپساڭ يەتتە باشقا يەتتە كۈن كېتىدۇ – دە.
سېنىڭ خىياللىرىڭ مۇشۇنداق تولىمۇ ساددا ۋە سەمىمىي ئىدى. مەن سېنىڭ قاپقارا قوي كۆزلىرىڭدىنلا ئەمەس، مۇشۇنداق ساددىلارچە خىياللىرىڭدىنمۇ بىر خىل ئىسسىق ھارارەتنى ھېس قىلاتتىم. ئارقىدىنلا ئۆزۈمنى ئاق ياللىق، قارا قۇيرۇقلۇق ئارغىماق مىنگەن باتۇردەك تەسەۋۋۇر قىلاتتىم. تەسەۋۋۇرۇمدىكى بۇ ئارغىماقلىق باتۇر سېنىڭ ئىسسىق ۋە تاتلىق قېنىڭنى شوراۋاتقان يەتتە باشلىق يالماۋۇزنىڭ يەتتە بېشىنى خۇددى يۇمشاق پېلەكتىن تاۋۇز ئۈزگەندەك ئۇزەتتى. يەتتە باشلىق يالماۋۇز بىردەمدىلا بېشى يوق ئۆلۈك يالماۋۇزغا ئايلىنىپ، يەردە بەئەينى لىق بىر تېرە گۆشتەك سوزۇلۇپ يېتىپ قالاتتى. ئۆلۈك يالماۋۇز قارىماققا ھېچقانداق ۋەھىمىلىك كۆرۈنمەيتتى. ئاندىن مەن سېنى ئارغىماقنىڭ ئارقىسىغا مىنگەشتۈرۈپ، ئوپۇقتىكى رەڭدار نۇر چېچىلىپ تۇرغان يىراق بوشلۇققا قاراپ لەرزانغىنە پەرۋاز قىلىپ ئۇچاتتىم. بۇ چاغدا قويۇق بوستان چاچلىرىڭ خۇددى تاغ شامىلىدا يەلپۈنۈپ تۇرغان يېشىللىقتەك توزغۇپ يەلپۈنەتتى. ئىككىمىز مىنگەن ئارغىماق بولسا كۆكتە لەيلەپ ئۇچۇپ بارا – بارا كۆزدىن غايىب بولاتتى.
−− نېمە خىيال قىلىۋاتىسەن، كامال؟
ئاۋازىڭ ھەم يۇمشاق، ھەم يېقىملىق ئىدى. مەن ئاشۇ ھەم يۇمشاق، ھەم يېقىملىق ئاۋازىڭنىڭ سېھرىي جادۇسى ئىچىدە تەسەۋۋۇرۇمدىكى خىيال بوستانلىقىمدىن سېنىڭ قاپقارا قوي كۆزۈڭنىڭ نۇرى ئىچىدىكى رېئاللىققا بىر تال ئاق قۇ پېيىدەك لەرزانغىنە لەيلەپ چۈشەتتىم. بۇ چاغدىكى سەن بولساڭ تەسەۋۋۇرۇمدىكى نۇرلۇق بوشلۇقتا ئەمەس، بەلكى كۆز ئالدىمدىكى مەۋجۇت رېئاللىق قوينىدا ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇراتتىڭ.
−− يالماۋۇزنى ئۆلتۈرۈپ خىيال سۈرۈپ قاپتىمەن.
−− كېيىنچۇ؟
−− كېيىن سېنى ئېلىپ رەڭگاررەڭ نۇر چېچىلىپ تۇرغان ئۇپۇق ئىچىگە كىرىپ كېتىۋاتقۇدەكمەن.
−− بۇ چۆچەكمۇ، كامال؟
−− ياق لالە، بۇ ئىككىمىزنىڭ چۆچەك رەڭلىك كەلگۈسى.
−− ۋاي ساراڭ…
سەن شۇنداق دەپلا ئاق ۋە يۇمران بارماقلىرىڭدا سەدەپتەك ئاق چىشلار بىلەن تولغان ئاغزىڭنى بوش ئەتكىنىڭچە ۋىلىقلاپ كۈلۈپ كېتەتتىڭ.
شۇنداق لالە. ئۇ چاغدىكى مەن ھەقىقەتەنمۇ بىر سۆيۈملۈك ساراڭ ئىدىم. لېكىن ھازىرقى مەن بولسام بىر تۈپ گۈل شېخىغا يۆگىشىپ تۇرغان زەھەرلىك يىلاندەك تېشى پال – پال، ئىچى غال – غال قورقۇنچلۇق ئالۋاستى ئىدىم. سەن بولساڭ مېھرىڭ بىلەن مېنى خۇددى پەرىشتە سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلىپ باغرىڭغا باسىسەن. مەن بولسام قورقۇنچلۇق ئالۋاستى شەكلىدە باغرىڭغا كىرىمەن. مەن مۇشۇنداق ئىسسىق ۋە ھاياجانلىق تۇيغۇلاردا سەن ھەققىدىكى خىياللارغا غەرق بولىمەن. يادىمغا بولسا سەن بىلەن چۆچەكتىكى ئاشۇ قىز كېلىدۇ. تۇرۇپلا چۆچەكتىكى ئاشۇ قىزنى سېنىڭ زامان – ماكان ئېنىقلىقى ئۆچۈپ كەتكەن قەدىمىي زامان رېئاللىقىدىكى مەۋجۇتلۇقۇڭدەك، ياكى چۆچەكتىكى ئاشۇ قىزنى سېنىڭ نۇرغۇن يىللار كېيىنكى مەۋجۇتلۇقۇڭنىڭ بېشارىتىدەك ھېس قىلىپ قالىمەن. ئەمدى ئويلاپ باقسام، چۆچەكتىكى ئۇ يالماۋۇز قانداقتۇر بىر ۋەھشىي ھايۋان بولماستىن، بەلكى ۋەھشىي ھايۋاندىنمۇ ۋەھشىي بولغان ئىنساننىڭ ئوبرازلاشقان سىمۋولى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئېھتىمال ئۇ ۋەھشىي ھايۋان ئۇ قىز سۆيگەن ئەردۇر. ئۇ ئەر ئۇ قىزنىڭ ئۆزىگە بولغان مېھىر – ۋاپا، ساداقەت ئەجرىگە خورلۇق بىلەن جاۋاب قايتۇرغان بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەر ئۇ قىزغا سالغان خورلۇق – كۈلپەتلىرى سەۋەبىدىن يالماۋۇزغا، خورلاش شەكىللىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن ۋەھشىي يەتتە باشلىق يالماۋۇزغا تىمسال قىلىنىپ، بىزگە كەلگەندە ئىنسانىي خاراكتېرىنى تولۇق يوقىتىپ ھەقىقىي بىر ھايۋان سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇ دەل تارىختىن بۇيان بۇ چۆچەكنى سۆزلەپ كەلگۈچى ياكى خاتىرىلەپ كەلگۈچىلەرنىڭ يۈكسەك ئەقىل – پاراسىتىنىڭ، غەزەپ – نەپرىتىنىڭ، بەدىئىي دىتىنىڭ مەھسۇلى، خالاس. ناۋادا مېنىڭ سېنىڭ قەلبىڭدىكى ساختا شەكلىم پارچە – پارچە بولۇپ كېتىپ قورقۇنچلۇق ھازىرقى شەكلىم نامايان بولۇپ قالسا، مېنىڭمۇ سېنىڭ كۆرۈش سەزگۈڭدىكى ئادىمىيلىك سۈپىتىم خانۇۋەيران بولۇپ، ھايۋانىي سۈپىتىم ئورنىدىن دەست تۇرۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ھەر ۋاقىت سېنىڭ كۆرۈش سەزگۈڭ ئىچىدىكى ساختا سۈپەت ۋە ساختا شەكلىمنى بۇزماي ئۆز پېتى ساقلاپ قېلىشقا ئېھتىياجلىق. مەندىكى بۇ ئېھتىياجلىق خۇددى گۆش بىلەن سۆڭەكنىڭ، قان بىلەن تومۇرنىڭ، تەن بىلەن روھنىڭ بىرى يەنە بىرىنى زۆرۈر شەرت قىلغىنىدەك شەرتلىك مۇناسىۋەتكە بەكمۇ ئوخشايدۇ. مەن بۇ ساختا شەكىلنى يارىتىپ، سېنى ئۆزۈم ياراتقان بۇ ساختا شەكىل ئىچىگە سۆرەپ ئەكىرگەنكەنمەن، چوقۇم ئاداققىچە بۇ ساختا شەكىلگە سادىق بولۇشۇم كېرەك. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن مەن بەرداشلىق بېرەلىگەن بۇ ساختا شەكىلنىڭ جان قاقشاتقۇچ زەربىسىگە سەن بەرداشلىق بېرەلمەيسەن. ئۇ ھالدا سەن ئاشۇ چۆچەكتىكى بىچارە قىزنىڭ بۈگۈنكى زامان رېئاللىقىدىكى ئۆزۈڭ، ھېلىقى قان شورىغۇچ يەتتە باشلىق يالماۋۇزنىڭ مەن ئىكەنلىكىمنى شەكسىز ھېس قىلىۋالالايسەن. بۇنىڭ بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سېھرىي جادۇ تاماملىنىدۇ – دە، سەن تىرىك تۇرۇپ ئۆلۈپ دوزاخ ئازابىنى تارتىسەن. كۆز نۇرۇڭ بىر كېچىدىلا ئېقىپ تۈگەپ، قويۇق بوستان چاچلىرىڭ سەھەر كۆۋرۈكىدىن ئۆتمەي تۇرۇپلا كۈلدەك چارلىشىپ كېتىدۇ. ئارقىدىنلا سەن ئۆزۈڭنىڭ مەن بىلەن ئۇپۇقتىكى نۇر چېچىلىپ تۇرغان رەڭدار بوشلۇقىدا ئەمەس، بەلكى قات – قېتى ئوت تىلىدىن پۈتكەن، ئىچىدە شەلۋەرەپ تۇرغان قان – يىرىڭلىق جاراھەتتىن بۆلەك ھېچنېمە يوق كۈلپەت بوشلۇقىغا پەرۋاز قىلىپ كېتىۋاتقانلىقىڭنى ھېس قىلىسەن. قاپقارا قوي كۆزلىرىڭ بولسا »ئۆلۈم« دېگەن قاپقارا نۇردىن بۆلەك ھېچنېمىنى كۆرمەيدۇ. بۇ چاغدا سەن ئۆلۈم گۈللىرىنىڭ قورشاۋىغا چۈشۈپ بولغان بولىسەن. »ئۆلۈم« دېگەندىن ئىبارەت بۇ مەزمۇنىدىن تارتىپ شەكلىگىچە، ئاستىدىن – ئۈستىگىچە، تېشدىن – ئىچىگىچە قورقۇنچ تۇيغۇلىرى بىلەن زىننەتلەنگەن سۆزنى سېنىڭ ياپيېشىل ھايات ياپراقلىرىڭغا باشقا بىر ئادەم ئەمەس، دەل ئۆزۈڭ بارلىق مېھرىڭ بىلەن سۆيگەن بىر ئادەم چىرايلىق ھۆسنخەتچىلەپ يېزىپ قويغانىدى. بۇ خەتنىڭ شەكلى مەيلى قانچىلىك كۆركەم، رەڭدار بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇن شۇ قەدەر ۋەھىمىلىك ئىدى. لېكىن سېنىڭ بۇ خەتنى ئوقۇش جەريانىڭ ئۈمىد جەريانى ئىدى. سەن ئەزەلدىن شەكلى چىرايلىق بۇ خەتنىڭ مەزمۇنىدىن گۇمان قىلىپ باقمىغانىدىڭ. چۈنكى مەن سەن ئۈچۈن مۇكەممەل ئىشەنچ ئىدىم. مەن سەندىكى بۇ ئىشەنچ مۇنارىنى قانداق قىلىپ بۇ قەدەر مۇكەممەل بىنا قىلغانلىقىمدىنمۇ ھەيران قالاتتىم. لېكىن ھەر قېتىم چاقناپ تۇرغان قاپقارا قوي كۆزلىرىڭگە تىكىلگىنىمدە، روھ قۇشۇم تەن قەپىسىمدە يەر بىلەن يەكسان بولاتتى. پەيلىرى توزغاقتەك توزۇپ، كۆزلىرىدىن تارام – تارام قان دەرياسى لۆمۈلدەپ ئاقاتتى. مەن بولسام شەكىل ئۆزگەرتىپ ئۆزۈم قەدىرلەپ سۆيگەن بىر قىزنىڭ تومۇرىدىكى ئىسسىق، قىزىل قېنىنى شوراۋاتقان يەتتە باشلىق يالماۋۇزغا ئايلىنىپ، كىمدۇر بىرىنىڭ ئاتلىق كېلىپ مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىنى كۈتەتتىم. لېكىن مەندىن ئىبارەت بۇ يەتتە باشلىق يالماۋۇزنى قەتلى قىلغۇدەك ئۆزۈمدىن بۆلەك يەنە بىر تىرىك جان مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. چۈنكى مېنىڭ مەۋجۇت رېئاللىقتىكى ھاياتىم مىسالى بىر تور بولسا، مەن بۇ تورنى تولىمۇ ئەستايىدىل، تولىمۇ پۇختا رەۋىشتە توقۇپ چىققانىدىم −− بۇ تور ئىچىدە ياشاش مەن ئۈچۈن قانچىلىك ئازابلىق بولسا بۇ توردىن ئازاد بولۇش ئۇنىڭدىنمۇ قورقۇنچلۇق ئىدى. ناۋادا مەن بۇ تورنى بۇزۇپ تاشلىساملا بىر پۈتۈن جەمئىيەت تەرىپىدىن خۇددى بىر سېۋەت ئەخلەتتەك تاشلىنىپ كېتىشىم مۇقەررەر ئىدى. بۇنىڭ بىلەن سېنىڭ قەلب قەسرەڭدىكى يارقىن ئوبرازىم كاۋا پېلىكىدەك قۇرۇپ، گۆشى يوق قۇرۇق ئىسكىلىت جازىسىغا ئايلىنىپ قالاتتى. ئەمەلىيەتتە مېنىڭ بۇ قاباھەتلىك رېئاللىقنى كۆرگۈم يوق ئىدى. بۇ قاباھەتلىك رېئاللىقنى قوبۇل قىلىش مەن ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ ئەڭ پاجىئەلىك ھالاكىتىمنى قوبۇل قىلىشتىنمۇ مۈشكۈل ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۆز ئىرادەمدە ئاشۇ تور ئىچىدە داۋاملىق ياشاۋېرىشكە نىيەت قىلدىم. شۇنداق بولسىمۇ تەن چۆلۈمنىڭ يىراق باياۋانىدىكى روھىيەت بوشلۇقۇمدا كۈچلۈك بىر قارا بوران ۋەھىمىلىك ھۇۋلايتتى. مېنىڭ يەككە ئىگىلىكتىكى ئاڭ قاتلىمىمدا يەر شارىنىڭ تەنھالىقى، ئىنسانىيەتنىڭ غېرىبلىقى تېنىم بىلەن قوشۇلۇپ روھىيەت بوشلۇقۇمدىكى ئاشۇ قارا بورانغا يەم بولاتتى. پەقەت سېنىڭ بىر جۈپ قاپقارا قوي كۆزۈڭلا زۇلمەتنىڭ يىراق بىر بۇرجىكىدىكى سۈزۈك ۋە يېشىل بىر بوشلۇقتا ماڭا قاراپ نۇرلۇق يۇلتۇزدەك چاقناپ تۇراتتى. ماڭا مەنسۇپ بولغان بۇ تەن ۋە روھىمدىكى بەرباتلىق خۇددى بىر بۆلەك ئېقىن سۈيى بولۇپ، زۇلمەت قاراڭغۇلۇق ئىچىدىكى قورقۇنچلۇق بوشلۇقتىن نۇر مەرۋايىتلىرى خرۇستالدەك يالتىراپ تۇرغان سۈزۈك ۋە يېشىل بوشلۇقۇڭغا قاراپ يېقىملىق شىلدىرلاپ ئاقاتتى. ئەمەلىيەتتە سېنىڭ ئۇ سۈزۈك ۋە يېشىل بوشلۇقۇڭغا قاراپ يېقىملىق شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان بۇ نەرسە سېنى ئاستا – ئاستا نابۇت قىلىۋاتقان ھالاكەت ئىدى، لالە. مەن ئۆز رېئاللىقىمدا لالە ئىسىملىك بىر پەرىزاتنى سۆيگىنىم بىلەن، سەن ئۆز رېئاللىقىڭدا كامال ئىسىملىك بىر ئالۋاستىنى سۆيگەن ئىدىڭ. ھەتتا سەن بۇ ئالۋاستىنى ئۆز تەسەۋۋۇرۇڭدا پەرىشتە سۈپىتىدە ھېس قىلىسەنۇ، لېكىن بۇ پەرىشتىنىڭ ئاغزى – بۇرنىنىڭ سېنىڭ ئىسسىق، قىزىل قان شەربەتلىرىڭ بىلەن بويالغان قارا پەرىشتە ئىكەنلىكىنى خىيال ۋاداڭدا ياكى پەرەز ئېكىنزارلىقىڭدا ئەسلا كۆكلەتمەيسەن. ئەمما مەن ھامان قارا قانىتىم بىلەن سېنىڭ ھايات شاخلىرىڭدىن ئۈمىد مېۋىلىرىڭنى قاقىمەن. قارا رەڭلىك يېقىملىق ئاۋازىمدا سېنىڭ ۋاقىت ئۆلچىمىدىن بۇرۇن گۇگۇمدەك لەيلەپ يېتىپ كېلىۋاتقان ھالاكىتىڭنى كۈيلەپ سايرايمەن. قارا قەلبىم بىلەن سېنىڭ روھ تېمىڭغا بىر سىقىم لايدەك چاپلىشىمەن. »ئۆلۈم« دېگەن خەت يېزىلغان بارماقلىرىم بىلەن بوستان چاچلىرىڭنى تاراپ، يۈزلىرىڭنى سىلايمەن. ئىسسىق نەپەسلىرىم بىلەن سېنىڭ روھىي قۇۋۋىتىڭنى ھۇزۇر بىلەن شورايمەن. ھايات توغرىقىڭنىڭ ئۆمۈر يىلتىزىنى قۇرتتەك ئاۋايلاپ يەيمەن. مېنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىم تاكى سېنىڭ روھ قۇشۇڭ تەن قەسرىڭدىن پەرۋاز قىلىپ چىقىپ كەتكىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن.
قەدىرلىك لالە، مەن مۇشۇنداق قارا قىسمەت ئىچىدە تۇرۇپ ئۆزۈمنىڭ قارا پەرىشتىگە، ئالۋاستىغا، يالماۋۇزغا ئايلىنىپ كېتىشتىن بۇرۇنقى بۇلاق سۈيىدەك پاك ۋە سۈزۈك دەۋرىمنى ئەسلەيمەن. ئۇ چاغلاردا ھەر ئىككىمىز قەلبى گۈزەل ئارزۇ – ئارمانلار، شېرىن ئەسلىمە گۈللىرى بىلەن كۆركەم بېزەلگەن 81 ياشلاردىكى بالىلار ئىدۇق. بۇرۇتلارنىڭ خەت تارتىپ قېلىشى، قىزلىق زىنىخلارنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى بىزنىڭ بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە ئۆتۈۋاتقانلىقىمىزدىن ئۈنسىز بېشارەت بېرەتتى. ھەر ئىككىلىمىزنىڭ ئۆيى شەھەردىن يىراقتىكى ناھىيىدە بولۇپ، ھەر ئىككىمىز ناھىيە مەركىزىدىكى توپا تاملىق كونا مەكتەپنىڭ يۈزلىرى يېرىق، ئادەم ئولتۇرۇپ بولغىچە مىدىرلاپ يېقىمسىز ئاۋازدا غىچىرلاپ كېتىدىغان، جىگەررەڭ سىرلىرى ئۆڭۈپ كەتكەن ياغاچ پارتا – ئورۇندۇقلۇق سىنىپىدىكى ساۋاقداشلاردىن ئىدۇق. ئۆيىمىز بولسا ئارا تام قوشنا ئىدى. مەن ئېسىمنى بىلسەم سەن بىلەن بىللە ئويناپ چوڭ بولۇۋاتقانىكەنمەن. سەن شۇنداق ياۋاش قىز ئىدىڭ. ئۆيۈڭنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى ھاردىم – تالدىم دېمەي قىلاتتىڭ، سەھەرلەردە مەن بىلەن بىللە ماللارغا ئوت ئەكېلەتتىڭ. شۇنداقتىمۇ قاپىقىدىن مۇز يېغىپ تۇرىدىغان سۆرۈن تەلەت داداڭنىڭ ساڭا بۇزۇق كانايدەك كاركىراپ ۋارقىراشلىرى، سېنى شۇمدىن شۇمغا سېلىپ تىللاپ ئۇرۇشلىرىنى پات – پات ئاڭلاپ، كۆرۈپ قالاتتىم. ئاپام: »قىز بالا دېگەنگە ئانا تەربىيە قىلىدۇ. دادا بولغۇچى قىز بالىنى تىللاپ – ئۇرۇپ يۈرسە قىز بالا بەختسىز بولۇپ قالىدۇ« دەيتتى. شۇڭا ھەر قېتىم سەن داداڭدىن ئازار يېگەن ۋاقتىڭدا ئاپامنىڭ شۇ گەپلىرى قۇلاق تۈۋۈمدە جاراڭلاپ كېتەتتى ۋە سېنىمۇ كەلگۈسىدە بەختسىز بولۇپ قالارمۇ؟ دەپ ئويلاپ كېتەتتىم. بۇنداق چاغلاردا سەن مەھەللە كوچىسىنىڭ ئارقىسىدىكى ئەمدىلەتىن بالا بويى بولۇپ ئۆسكەن قويۇق، دىمىق قوناقلىق بويىدا ئۇزاقتىن – ئۇزاق مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ كېتەتتىڭ. گاھىدا يۈز قىسمىڭدا، گاھىدا بويۇن ياكى بىلەكلىرىڭدە پەيدا بولۇپ قالىدىغان توق قىزىل رەڭلىك تاياق ئىزلىرى ماڭا خۇددى سېنى چېقىۋاتقان زەھەرلىك يىلاندەك، ياكى قان ئىچىدە سوزۇلۇپ ياتقان سۆرۈن تەلەت داداڭنىڭ غەزەپتىن قىزىرىپ كەتكەن ئىككى كۆزىدەك كۆرۈنۈپ كېتەتتى. بالىلىق خىياللىرىمدا بولسا ئۇ زەھەرلىك يىلاننى كۆك چىۋىق بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكۈم، داداڭنى قانداقتۇر بىر سېھىر – ئەپسۇن بىلەن ساڭا زۇلۇم سالالماس قىلىپ قويغۇم كېلىپ كېتەتتى. راستىنى دېسەم، ساڭا بەكمۇ ئىچىم ئاغرىيتتى. تاياق ئىزى قېتىپ قالغان يۈز – بەدەن، بويۇن – بىلەكلىرىڭدىكى توق قىزىل رەڭلىك جاراھەتلەرگە قاراپ كىچىككىنە تېنىڭدىكى بىر ئوتلام تاتلىق جېنىڭنىڭ قانچىلىك بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى غۇۋا تەسەۋۋۇر قىلاتتىم. سەن بولساڭ خۇددى روھىڭ تېنىڭدىن ئۇچۇپ چىقىپ كەتكەندەك ئۈنسىز ئولتۇراتتىڭ.
−− سېنى يەنە ئۇردىمۇ، لالە؟
يېنىڭغا كېلىپ بوش، ئەمما سەمىمىي ئاۋازدا سەندىن سورايتتىم. ئۇ چاغلاردا جاراڭلاپ چىقىدىغان ئاۋازىمنىڭ نېمىشقا بوش چېقىپ قالىدىغانلىقىنى ئەسلا بىلمەيتتىم. سەن ئىككى تىزىڭنى قۇچاقلاپ تۇرغان بىلەكلىرىڭدە ماغدۇرسىز ياتقان بېشىڭنى ئاستا كۆتۈرۈپ، سوئالىمغا جاۋاب بەرمەستىن سۇسلا كۈلۈمسىرەپ قوياتتىڭ. كۆزۈم لېۋىڭدىكى ئاشۇ سۇس كۈلكە بىلەن قوشۇپ ئىككى كۆزۈڭنىڭ سۈزۈك كۆكسىدە لىغىلداپ تۇرغان ياش تۇمانلىرىنى بىرگە كۆرۈپ ئۈلگۈرەتتى. سەن مېنىڭ سورىغان سوئالىمغا ئاشۇنداق سۇس كۈلكە بىلەن جاۋاب بېرىپ بولغاندىن كېيىن بېشىڭنى يەنە قايتا ئىككى تىزىڭنى قۇچاقلاپ تۇرغان بىلىكىڭگە ئاستا قويۇپ، ئۇزاقتىن – ئۇزاق سۈكۈتكە چۆمۈپ نېمىلەرنىدۇر خىيال قىلىپ كېتەتتىڭ. بۇ چاغدىكى سەن خۇددى بىر پارچە چىرايلىق تاشقا ئايلىنىسەنكى، بالا بويى ئۆسكەن قوناق شاخلىرىنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازىمۇ، تومۇزغا – چېكەتكىلەرنىڭ بىر – بىرىگە ئۇلاپ يېقىمسىز سايراشلىرىمۇ سېنىڭ ئۇزاقتىن – ئۇزاققا سوزۇلىدىغان سۈكۈتۈڭگە دەخلى قىلالمايتتى. مەن بولسام ئالدىمدىكى سەندىن ئىبارەت بۇ كىچىككىنە چىرايلىق تاشقا قاراپ ئىچ ئاغرىقى تارتقان ھالدا كۆزلىرىمنى چىمىلداتقىنىمچە تۇرۇپ قالاتتىم. سەن بولساڭ يېتىم قوزىدەك بويۇن قىسىپ ئولتۇراتتىڭ. خۇددى بىز ئوقۇغان چۆچەكلەر ئىچىدىكى يەنە بىر چۆچەكتە يىرتقۇچ بۆرە ئوماق، گۇناھسىز قوزىچاقنى يېيىش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن تۇتامى يوق سەۋەبلەرنى ئاق يەردىنلا تاپقاندەك، سۆرۈن تەلەت داداڭمۇ ساڭا زۇلۇم قىلىش ئۈچۈن تۈكى يوق سەۋەبلەرنى تېپىشقا ھەر ۋاقىت تەييار ئىدى. مەن بالىلىق خىياللىرىمدا ئۇ سۆرۈن تەلەت داداڭنى ساڭا زۇلۇم قىلمىسا خاتىرجەم يۈرەلمەمدىغاندۇر، دەپمۇ ئويلاپ قالاتتىم. لېكىن سەن كۆزلىرىڭنىڭ سۈزۈك كۆكسىدە لىغىلداپ تۇرغان ياشلارنى زادىلا كۆز قارىچۇقۇڭنىڭ سىرتىغا چىقارمايتتىڭ. ئەكسىچە ئۇ مەرۋايىتتەك سۈزۈك ياش تامچىلىرىنى كۆز زېمىنىڭدىكى مۇنبەت تۇپراق باغرىغا سىڭدۈرۈپ تاشلايتتىڭ. دەۋرەپ تۇرغان كۆز ياشلىرىڭغا تۇغان سېلىش سېنىڭ ئىلكىڭدىكى ئەڭ گۈزەل سەنئەت ئىدى. مەن كۆپ ھاللاردا چوڭلار بالىلارنى نېمىشقا ئۇرىدىغاندۇر دەپ ئويلايتتىم. لېكىن بالىلىقتىكى گۆدەك، ساددا تەپەككۇرۇم بىلەن ئۆزۈمنىڭ سوئالىغا ئۆزۈم جاۋاب تاپالمايتتىم. كىچىككىنە مېڭەم بولسا مانا مۇشۇنداق جاۋابى يوق سوئاللار بىلەن ئاشلىق بېسىلغان ئامباردەك توشۇپ كېتەتتى.
−− كامال، سەن تاياق يەپ باققانمۇ؟
سەن تىزىڭنى مەھكەم قۇچاقلاپ تۇرغان يۇمشاق ۋە ئاق بىلەكلىرىڭ ئۈستىدە ماغدۇرسىز ھالەتتە ياتقان بېشىڭنى كۆتۈرمەيلا سوراپ قالدىڭ. ئاۋازىڭ ئۇزاق يىل ئېغىر كېسەل تارتىپ ماغدۇرى قالمىغان ئادەمنىڭ ئاۋازىدەك تىترەڭگۈ ۋە جانسىز بولۇپ، ھەسرەت تۇمانلىرى لەيلەپ تۇرغان بىر جۈپ قاپقارا قوي كۆزلىرىڭ نامەلۇم بىر خىيال شولىلىرى ئىچىدە نەگىدۇر بىر يەرگە ئىپادىسىزلا تىكىلىپ قالغانىدى.
سېنىڭ تولىمۇ ئاددىي، بىراق بالىلىق جاراھەت ئىزلىرى بىلەن كۆل سۈيىدەك داۋالغۇپ تۇرغان قەلب قەسرەڭدىن كۈزدىكى دەرەخ شېخىدىن ئۈزۈپ چۈشۈۋاتقان سارغۇچ ياپراقتەك لەيلەپ چىققان سوئالىڭ گوياكى يېلىنجاپ كۆيۈۋاتقان بىر پارچە قىزىل چوغدەك يۈرەك – باغرىمنى ۋاژىلدىتىپ كۆيدۈرۈپ، ئاۋازىڭ قۇلاق تۈۋۈمدە دەھشەتلىك گۈلدۈرمامىدەك گۈلدۈرلەپ ئۆتتى. كاللام بولسا ھاياتلىق كۆرۈنۈشى مەۋجۇت بولمىغان ئۆلۈك چۆللۈكتەك قۇپقۇرۇق ھەم جىمجىت ئىدى. بۇ قۇپقۇرۇق ئۆلۈك چۆللۈكتە ھەتتا بىر تىنىق ھاۋامۇ مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. لېكىن بۇ ھاياتلىق كۆرۈنۈشى مەۋجۇت بولمىغان چۆللۈكنىڭ چەكسىز كەتكەن تۆت بۇلۇڭىدىن سېنىڭ ئاۋازىڭ خۇددى غايىبتىن كېلىۋاتقاندەك ئۈزۈلمەي ياڭراپ تۇراتتى. مەن بولسام بۇ ھەسرەتلىك ئاۋازنىڭ تاۋۇش مەركىزىدە كۆز يەتكۈسىز يىراق كۆككە قاراپ خۇددى شامال چاقپەلىكىدەك توختاۋسىز پىرقىرايتتىم. پۈتۈن چۆل، پۈتۈن ئاسمان باش ئۈستۈمدە نۇر چېچىپ يېلىنجاپ تۇرغان قۇياش بىلەن قوشۇلۇپ چۆرگىلەيتتى. مەن ئىچىمنىڭ قىزىپ، كالپۇكلىرىمنىڭ قۇرۇپ گەز باغلاۋاتقانلىقىنى، ئۇچۇق چىققاندەك تىكەنلىشىپ كەتكەن تىلىمدىن ئىبارەت بىر پارچە يۇمشاق، ئىسسىق، نەم گۆش پارچىسىنىڭ تاڭلىيىمغا چاپلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلاتتىم. بوغۇزۇمدا يارىلانغان ئاھۇنىڭ نىداسىدەك ئاچچىق بىر يىغا ئېسەدەيتتى. بۇغدىيىكىم توختىماي لىكىلداپ، كېكىردىكىمدىكى غۇرتۇلدىغان ئاۋاز ئۆزۈمگە ئېنىقلا ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
قوناقلىقتىن قوناق ياپراقلىرىنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازى ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇراتتى. ياز ئېيىنىڭ دىمىق ھاۋاسى كۆڭۈلنى بىئارام قىلاتتى. چېكەتكىلەرنىڭ يېقىمسىز ئاۋازدا چىرىلداشلىرى يەنىلا ئىلگىرىكىدەك مېڭىنىڭ نەق ئوتتۇرىسىغا يوتقان يىڭنىسىنىڭ ئۇچىدەك گىرتىلداپ سانجىلاتتى. كۆز ئالدىمدا بولسا نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى ئىپادىسىز كۆزىدىن بىلگىلى بولمايدىغان لالە ئىسىملىك سەندىن ئىبارەت چىرايلىق بىر تاش جىمجىت ئولتۇراتتى. لېكىن كۆز ئالدىمدا جىمجىت ئولتۇرغان بۇ چىرايلىق تاشنىڭ قەلب چوڭقۇرلۇقىدا، يۈرەك باياۋانىدا، روھىيەت بوشلۇقلىرىدا مىسكىنلىكنىڭ گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىپ كەتكەنىدى. بوغۇزۇمغا لىققىدە قاپلىشىپ قالغان قىرتاق بىر چاپلىشاڭغۇ سۇيۇقلۇقنىڭ تەسىرىدىن دىماغلىرىم ئېچىشاتتى.
−− لالە…
ئاۋازىم پەيلىرى توزۇغان قۇشتەك ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دىمىق بوشلۇقتا لەيلەپ قالدى. سەن گەۋدەڭدە جاندىن ئەسەرمۇ قالمىغاندەك بېشىڭنى كۆتۈرمەيلا كۆز قۇيرۇقۇڭدا ماڭا ئىپادىسىز قارىدىڭ. كۆز ئەكسىڭدە تۇمان چاڭلىرىدەك لەيلەپ تۇرغان بىر قەۋەت ھەسرەت شولىلىرى سېنى تولىمۇ بىر بىچارە ھالەتتە نامايان قىلىپ تۇراتتى. سېنىڭ بۇ بىچارە ھالىتىڭ يىرتقۇچ بۆرە ئالدىدا بويۇن قىسىپ تۇرغان قوزىچاقنىڭ ھالىتىگە بەكمۇ ئوخشايتتى. ئوماق قوزىچاق ئۈچۈن سۇ شىلدىرلاپ كۆز يېشى قىلغان بولسا، سەن ئۈچۈن قېلىن ۋە دىمىق قوناقلىق شالدىرلاپ تۇرۇپ كۆز يېشى قىلىۋاتاتتى.
−− گەپ قىلغىن كامال.
ھەسرەتلىك ئاۋازىڭ ماڭا بەكمۇ يىراقتىن −− يەرنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ تېگىدىن ياكى ئاسماننىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قاتلىمىدىن كېلىۋاتقاندەك تۇيۇلدى.
−− نېمە دەيمەن؟
−− بىلمەيمەن كامال، سوئالىمغا جاۋاب بەرمىسەڭمۇ بولىدۇ.
−− سەندىن بىر گەپنى سورىسام بولامدۇ، لالە؟
−− قېنى سورىدىن.
−− ساڭا داداڭ نېمىشقا بۇنداق ئۆچ، لالە؟
ئۇزاقتىن بۇيان سەندىن سورىيالماي يۇمشاق تىللىرى بىلەن ئىچىمنى تىنىمسىز يەۋاتقان بۇ سوئالنى بۈگۈن ئاخىر سورىدىم. سوراپ بولۇپلا سەندىن سوراشقا تېگىشلىك بولمىغان بىر سوئالنى سوراپ سالغاندىمەنمۇ، دېگەن خىيال مېڭەمدە چىڭقىچۈشتىكى ئالۋۇندەك پەيدا بولۇۋىدى، ئۆزۈمنى قۇيۇن ئىچىدە قالغاندەك ھېس قىلىپ تىترەپ كەتتىم. چۈنكى مېنىڭ بۇ سوئالىم سوراشقا تېگىشلىك بولمىغان سوئال بولۇپ، سېنىڭ ھەسرەت ئىچىدە نالە قىلىپ ئىڭراۋاتقان جاراھەتلىك قەلبىڭگە تۇز سۈيى بولۇپ قۇيۇلسا، مەن خۇددى ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاندەكلا بولۇپ قالاتتىم.
كۆزۈم سەندە ئىدى. سەن گوياكى مېنىڭ ئاۋزىمنى ئاڭلىمىغاندەك ئىپادىسىزلا ئولتۇراتتىڭ. ئېھتىمال مەنمۇ باياتىن سېنىڭ سوئالىڭغا جاۋاب بېرىشكە ئامالسىز قالغاندەك سەنمۇ مېنىڭ سوئالىمغا جاۋاب بېرىشكە ئامالسىز قالغانسەن، ياكى جاۋاب بېرىشنى بىر قېتىملىق ئەھمىيەتسىز ئاۋاز چىقىرىش جەريانى دەپ قارىغانسەن. چۈنكى كۆپ ھاللاردا بىر ئادەمگە مۇھىم بولغان مەلۇم بىر ئىش – ھەرىكەت ياكى ئوي – پىكىر يەنە بىر ئادەم ئۈچۈن قىممەتسىز بولۇپ قالاتتى.
ئارىدىن بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن سېنىڭ ماڭا تونۇش ئاۋازىڭ ئاقىرىپ، قۇرۇپ كەتكەن لەۋلىرىڭ ئارىسىدىن تومۇز ئايلىرىنىڭ كۈچسىز شامىلىدەك لەيلەپ چىقىپ، قۇلاق پەردەمگە نېپىز بىر قەۋەت شايىدەك يۇمشاققىنە ئۇرۇلدى.
−− ساڭا چوقۇم دەپ بېرىمەنمۇ كامال؟
−− ناۋادا قۇلايسىزلىق ھېس قىلمىساڭ.
−− ئەمەلىيەتتە…
شۇنداق دەپلا سۆزدىن توختاپ قالدىڭ. مەن قوشۇپ قويدۇم:
−− ئەمەلىيەتتە سېنىڭ بۇ ھەقتە ماڭا بىر نېمە دېگۈڭ يوق ئىدى، شۇنداقمۇ؟
−− ياق، مەن ئۇنداق دېمەكچى ئەمەس.
−− ئەمىسە مەن خاتا ھېس قىلىپ قاپتىمەن.
−− ئەمەلىيەتتە سەن بىلمەيسەن كامال، بۇ ئادەم مېنىڭ دادام ئەمەس !
ماڭا بەرگەن جاۋابىڭدىن ھەيرانلا قالدىم. بۇ ئاۋاز ماڭا سەندىن ئەمەس، بەلكى سەن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق باشقا بوشلۇقتىن كەلگەندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. ئارقىدىنلا ئۆزۈمنىڭ ئاڭلاش سەزگۈسىگە بولغان گۇمانىم پەيدا بولدى. بۇ چاغدا سېنىڭ يۇمشاق ئاۋازىڭ ئاڭلاش سەزگۈم دائىرىسىدە يەنە پەيدا بولدى.
−− بۇ راست، كامال. بۇ ئادەم بىلەن مېنىڭ ھېچقانداق قانداشلىق مۇناسىۋىتىم يوق. شۇڭا ئۇ ئادەمنىڭ قەلبىدە ماڭا قىلچىمۇ ئاتىلىق مېھرى يوق. مەن بولسام بۇ ئادەمگە ئارتىلىپ قالغان بىر تاغار كېرەكسىز يۈكمەن، خالاس.
−− نېمىلەرنى دەۋاتىسەن لالە، بەك چارچاپ كەتتىڭمۇ نېمە؟
كۆز ئالدىمدىكى سەندىن ئىبارەت چىرايلىق تاشتىن چىققان بۇ غەلىتە ئاۋازلار مېنى ھەيرانلىق دەشتىدە سەرسان قىلماقتا ئىدى. مەن سېنى خۇددى ماڭا يالغان گەپ قىلىۋاتقاندەك، ياكى ئۆزۈڭمۇ بىلمەي بىرنېمىلەرنى دەپ كېتىۋاتقاندەك ئويلاپ قالماقتا ئىدىم.
−− ياق، كامال، −− سەن يۇمشاق ئاۋازدا سۆزۈڭنى داۋاملاشتۇردۇڭ، −− مەن چارچاپ ھارغان، شۇڭا ئەمدى چارچىمايمەن. لېكىن مېنىڭ سۆزۈم ساڭا بىنورمال تۇيۇلغان بولۇشى مۇمكىن.
−− مەن بۇلارنى پەقەت ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، ئەمىسە…
−− ئەمىسە سېنىڭ بۇ ئادەم بىلەن نېمە مۇناسىۋىتىڭ بار، ئۆزۈڭنىڭ دادىسى كىم بولىدۇ، دەپ سورىماقچىمۇ كامال؟
−− ھەئە.
ئاۋازىم بەكلا بوش چىقتى. چۈنكى سەن مەن سەندىن سوراشقا پېتىنالمىغان يەنە بىر سوئالنى ئۆزۈڭ سورىغان ئىدىڭ.
−− ئۇ ئۆلۈپ كەتكەن.
نەپەس ئېلىشلىرىڭنىڭ ئىتتىكلەپ كەتكەنلىكىنى روشەن ھېس قىلدىم. ئېھتىمال شۇ تاپتا ئاچچىق بىر يىغا يۈرىكىڭنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا يامغۇردەك تۆكۈلۈپ كەتكەندۇر. گەرچە سەن ئۇنى ھېچكىمگە كۆرسەتمىسەڭمۇ شۇ تاپتا مەن ئۇنى ئېنىق ھېس قىلىۋاتاتتىم.
−− كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما، لالە.
−− ماڭا ئىچىڭ ئاغرىۋاتامدۇ؟
نېمىدەپ جاۋاب بېرىشنى بىلمەي تۇرۇپ قالدىم. زۇۋانىم بۇ ئارىلىقتا ئېغىز بوشلۇقۇمدىن چىقىدىغاندەكمۇ قىلمايتتى. ئارىدىكى زىمىستان قىشتەك ئېغىر سۈكۈتنى يەنە ئۆزۈڭ بۇزدۇڭ:
−− دادام مەن بەش ياش ۋاقتىمدا قاتناش ھادىسىسىدە ئۆلۈپ كەتكەن.
−− دېمەك داداڭ شوپۇركەندە؟
−− ياق، ئوقۇتقۇچى ئىدى. بىز دادام قاتناش ھادىسىسىدە ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن بۇ يۇرتقا كۆچۈپ كەلگەنكەنمىز. شوپۇرنىڭ كىملىكىنى بىلەمسەن كامال؟
−− ياق.
−− ئۇ شوپۇر… دەل مۇشۇ ئادەم!
−− بۇ قانداق گەپ بولۇپ كەتتى ئەمدى، مەن سېنىڭ زادى نېمىلەرنى دەۋاتقانلىقىڭنى راستلا ئاڭقىرالماي قالدىم، لالە.
−− ئۇ چاغلاردا دادام يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلاتتى. ھازىرقى ئۆگەي دادام بولسا تەمىنات – سودا كوپىراتىپىنىڭ شوپۇرى ئىكەن. ئېسىمدە غۇۋا قېلىشىچە، ئۇزاق يىللار ئىلگىرىكى قىشنىڭ بىر كۈنىسى لىققىدە كۆمۈر بېسىلغان بىر ماشىنا يولدىن چىقىپ كېتىپ دادامنى سوقۇۋەتكەن. مەن ھازىر پەقەت مونەك – مونەك قان ئۇيۇتمىلىرى بىلەن دادامنىڭ قانغا بويالغان قار ئۈستىدە جىمجىت ياتقان ھالىتىنىلا غۇۋا ئەسلىيەلەيمەن. دادامنى سوقۇۋەتكەن ماشىنىنىڭ شوپۇرى خۇدادىن قورققانمۇ، ياكى ھۆكۈمەتتىن قورققانمۇ پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. ئۇ ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ بۇ قاتناش ۋەقەسى ھەققىدىكى بارلىق شەرتلىرىنى شەرتسىز ئورۇنلاشقا ماقۇل بولدى. ئاپامدىن ئۆزىنى ئەپۇ قىلىشىنى، بۇنىڭ بىر قېتىملىق تاسادىپىي ھادىسە ئىكەنلىكىنى، بىزگە ئۆزىنىڭ چوقۇم ئىگە بولىدىغانلىقىنى قايتا – قايتا دەپ، ئاپامنىڭ كۆزىدىكى غەزەپ نۇرلىرىنى يۇلتۇزلارنىڭ سەھەردىكى نۇرىدەك ئاۋۋال سۇسلاشتۇرۇپ ئارقىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلىدى. دادامنىڭ قىرىق نەزىرىسى بېرىلىپ بولغاندىن كېيىن ماشىنىنىڭ شوپۇرى ئاپام بىلەن مېنىڭ ھالىمدىن بىر ئۆمۈر خەۋەر ئېلىپ دادامنىڭ روھىنى ئەمىن تاپقۇزۇش مەقسىتىدە ئاپامغا چوڭلاردىن بىر قانچىنى ئەلچىلىككە قويۇپتۇ. چوڭلارنىڭ نەسىھەت بىلەن ئارىغا چۈشۈشى، شوپۇرنىڭ سەمىمىي ۋە گۇناھكارلارچە ئۆتۈنۈشى نەتىجىسىدە ئاپام ئاخىر تەقدىرىگە تەن بېرىپ شوپۇرنىڭ تەلىپىگە ماقۇللۇق بىلدۈرۈپتۇ. چۈنكى دادامدىن ئايرىلىپ قالغان بىز ئىككى جاننىڭ باشقا چىقىش يولى بولمىغاچقا، ئاپام تولىمۇ ئامالسىز قالغانىدى. ئاپام زىلۋا بويلۇق، تېرىسى قاردەك ئاق، چىرايىدىن تەبەسسۇم كەتمەيدىغان چىرايلىق ئايال ئىدى. ئاپام دەسلەپ دادامنىڭ ھەسرىتى، شوپۇرنىڭ دادامنىڭ ئۆلۈمىدىكى سەۋەنلىكى ۋە ئۇنىڭ تېخىچە تۇرمۇشلۇق بولمىغان قېرى بويتاق ئادەملىكىدىن ئۇنى قەتئىي رەت قىلسىمۇ، لېكىن تەقدىرنىڭ قولى ئاپامنىڭ قىسمەت شېخىنى شوپۇرنىڭ تۇرمۇش بېغىغا قايرىپ تاشلاپتۇ. لېكىن ئارىدىن نەچچە يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن دادامنىڭ ئۆلۈمىنى خۇدا بىلەن ھۆكۈمەت ئۇنتۇپ كەتتى دەپ ئويلاپ قالدىمۇ، ئۆگەي دادام پات – پات ئاپامنى تىللايدىغان، ھەتتا گاھىدا ئۇرىدىغانمۇ بولۇپ قالدى. بارا – بارا بۇنداق خاپىچىلىق بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالدى. شۇ نەچچە يىلدىلا ئاپام ھالىدىن كەتتى. ھېلىقى تەمىنات – سودا كوپىراتىپى تارقىتىۋېتىلىپ، ئۆگەي دادام ماشىنىدىن ئىبارەت قويۇق سۈتلۈك سېغىن كالىسىدىن ئايرىلىپ قالغان يىلىدىن باشلاپ بىزگە بولغان زۇلمىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. ئاپام بىچارە كېچىلىرى مېنى باغرىغا بېسىپ يۇم – يۇم يىغلايتتى. ئۆگەي دادام زادىلا ھاراق ئىچمەيتتى. ھاراق ئىچىشنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكىگە شەكسىز ئىشىنەتتى. لېكىن ئاپامنى ئۇرۇپ دۇمبالىغاندا خۇددى ئېسى يوقالغان مەست ئادەمدەكلا بولۇپ قالاتتى. بۇنداق چاغدا ئۇنىڭ بويۇن تومۇرلىرى كەتمەن سېپىدەك كۆپۈپ، كۆزلىرى لىق قان توشقۇزۇپ قويۇلغان پىيالىگىلا ئوخشاپ قالاتتى.
−− سەن قېرى خوتۇن مېنى ۋەيرانلىق كوچىسىغا سۆرەپ كىرگەن. قاچان ساڭا ئالدىمنى قىلدىم، شۇ كۈندىن باشلاپ مېنى نەس بېسىپ كەلدى. ساڭا بەرگەن ئاش – تۇزۇمغا ئۇ دۇنيا – بۇ دۇنيا رازى ئەمەسمەن.
ئۆگەي دادام دائىم ئاپامغا مۇشۇنداق زەھەردەك تىل سالاتتى. ئاپام دەسلەپتە جېنى ئىچىگە پاتمىغاندا گەپ ياندۇرۇپ قويغانلىقى ئۈچۈن تاياق ئۈستىگە تاياق يەپ يۈرىكى سۇ بولۇپ، ئاستا – ئاستا زۇۋان سۈرمەسلا بولۇپ كەتتى.
−− خەق توي قىلىپ قىز ئالسا مەن توي قىلىپ سەن قېرىنى ئېلىپ ماڭا نېمە كۆرگۈلۈك، خورلۇق بۇ. يەنە تېخى بۇ ئاز كېلىپ قالغاندەك سەن ماڭا تويدا قىز مېلى سۈپىتىدە قويۇپ بەرگەن شۇمۇڭنىڭ دەردىنى ئۆلگىچە تارتىمەنمۇ دەيمەن. ئىست، سېنى ئېلىپ پالاكەتتىن قۇتۇلۇپ قالغۇچە كېسىلىپ كەتكەن بولسامچۇ كاشكى، ياردىن قاچقان، داردىن قاچقان بولۇپ ماڭا كۈشەندە – كېشەن بولغىنىڭغا تويە ئەمدى…
زەھەردەك ئاچچىق تىلنىڭ ئاخىرى تاياققا ئالمىشاتتى. ئۆگەي دادام ئاپامنى ھارمىسا ئۇرۇپ، ھارسا تىللاپ ئاپامنىڭ ھاياتقا بولغان ئۈمىدىنى رەھىمسىزلىك بىلەن ئۈزەتتى. ئەسلىي ئۆگەي دادام خۇدادىن قورقۇپ ئەمەس، ھۆكۈمەتنىڭ جازاسىدىن قورقۇپ ئاپام بىلەن تۇرمۇشلۇق بولۇۋالغان ئىكەن. ئۇ ئاپام بىلەن مېنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئۆزىنىڭ قىسمەت قەسرىنى بۇرنىغا پۇراپ تۇرغان قاباھەتتىن ساقلاپ قالغانىكەن. ئاپام بۇ چاغدا پۈتۈنلەي كېچىككەن بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئاپام ئالدانغانىدى. مانا شۇ ئالدىنىش ئاخىر ئاپامنى يۈرەك مۇسكۇل تىقىلما كېسەللىكىگە گىرىپتار قىلىپ، بۇ دۇنيادىن ئازاب – ئوقۇبەت، قايغۇ – خورلۇق بولمىغان باشقا بىر جىمجىت دۇنياغا مەجبۇرىي ئېلىپ كەتتى.
دىمىق ھاۋالىق قوناقلىق يەنىلا بىر خىل رىتىمدا شالدىرلايتتى، چېكەتكىلەر يېقىمسىز ئاۋازدا چىرىلدىشاتتى. ئاۋازىڭ ئارقىلىق ماڭا يېتىپ كېلىۋاتقان قان – ياشلىق ھايات كەچۈرمىشلىرىڭ يۈرەك – باغرىمنى خېمىردەك چەيلەپ، لايدەك پېتىقلاپ تاشلايتتى. ئۆپكەم تەتۈر ئۆرۈلۈپ ئاچچىق بىر يىغا ۋۇجۇدۇمدا چۆلدە تېنەپ قالغان كارۋاندەك ئەلەڭلەيتتى. شۇ تاپتا كۆزۈمنى چىمىلدىتىشقىمۇ چامىم يەتمەيتتى. كۆزۈمنى شۇنداقلا بىر چىمىلداتسام يىپى ئۈزۈلگەن ياشلار خۇددى ئاسمان كۆكسى يېرىلىپ يۇلتۇزلار تورۇكلاپ تۆكۈلگەندەك تۆكۈلۈپ كېتىشى ئېنىق ئىدى.
سەن بولساڭ ئاۋۋالقى قىياپىتىڭنى بۇزماي ئىچ – ئىچىڭدىن ئېسەدەيتتىڭ – يۇ، ئاۋازىڭ چىقمايتتى. كۆزۈڭدىن يامراپ چىقىپ مەڭزىڭنى بويلاپ تۆۋەنگە سىرغىۋاتقان ياشلىرىڭ خۇددى سۈزۈك بۇلاق سۈيىنىڭ بىر بۆلەك ئېقىنىدەك ئۈن – تىنسىز ئاقماقتا ئىدى. بۇ ياشلارغا سېنىڭ ھەسرىتىڭ، قايغۇ – ئەلەملىرىڭ، خورلۇق – كۈلپەتلىرىڭ، زەرداپقا ئايلانغان قان – تەرلىرىڭ مۇجەسسەم ئىدى. ياش سۈيىگە چېلىشىپ ھۆل بولۇپ كەتكەن چېكە چاچلىرىڭ چۆچۈرىدەك چىرايلىق قۇلاقلىرىڭغا چاپلىشىپ قالغان بولۇپ، كېپەكتەك ئۇششاق ھاشارات – كۇمۇتىلەر ياش سۈيى بىلەن بويالغان يۈز – بويۇنلىرىڭغا ئۇششاق قارا چېكىتتەك چاپلىشىپ قالغانىدى.
مەن سەن ھەققىدىكى بۇ تراگېدىيىلىك قىسمەتلەرنى ئاڭلاپ، كۆزۈڭدىكى مىسكىنلىكنىڭ سەۋەبىنى، لېۋىڭدىكى تەبەسسۇمنىڭ نېمىشقىدۇر بەكمۇ ئەلەملىك ئىكەنلىكىنى تولۇق ھېس قىلدىم. ئەسلىي سەن ئىچى ھەسرەت – نادامەت بىلەن توشقۇزۇلغان بولسىمۇ، تاشقى پوستى ساختا كۈلكە بېزەكلىرى بىلەن نەقىشلەپ قويۇلغان سىرلىق كومزەك ئىكەنسەن. سېنىڭ پۈتۈن تەن ۋە روھىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جاراھەت گۈللىرى بىلەن ھۆپپىدە چېچەكلەپ كەتكەن بىر چىشلەم ئىسسىق گۆشكەن.
−− لالە…
چىرايلىق ئىسمىڭ بىر – بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن چىشلىرىم ئارىسىدىن كۆككە ئوچۇملاپ چېچىلغان گۈل بەرگلىرىدەك توزغۇپ چىقتى. سەن ئاھۇنىڭ كۆزىدەك چىرايلىق ۋە مۇڭلۇق كۆزۈڭنىڭ سۈزۈك نۇرىدا ماڭا مىسكىنلىك بىلەن قارىدىڭ. مەن سۆزۈمنى داۋاملاشتۇردۇم.
−− كۆڭلۈڭنى بىھۇدە يېرىم قىلما، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ. باھار ھامان كېلىدۇ، گۈللەر ھامان ئېچىلىدۇ.
−− بىراق مەن بەكلا قىينىلىپ كەتتىم. گاھىدا سۇ بولۇپ يىراقلارغا ئېقىپ كەتكۈم، قۇش بولۇپ ئېگىزلەرگە ئۇچۇپ كەتكۈم كېلىدۇ. لېكىن بىر تامچە سۇمەن، ئاقالمايمەن. قانىتى قايرىلغان قۇشمەن، ئۇچالمايمەن.
قوناق شاخلىرى شارىلدايتتى. نەم، دىمىق ھاۋا نەپەسنى بوغۇپ كۆڭۈلنى بىئارام قىلاتتى. ئارىمىزنى سۈكۈت باستى. نەدىندۇر كىمدۇر بىرىنىڭ مۇڭ بىلەن ئوقۇغان ناخشىسىلا ئارىمىزدىكى بۇ سۈكۈتنى بۇزماقتا ئىدى.

تاۋار باللار تاۋار باللار،
تاۋاردىن ئەتىۋار باللار.
ئاتا – ئانىدىن ئايرىلىپ،
يۈرەكتە دەردى بار باللار.
ئاتام بولسا كۆرسەممەن،
ئانام بولسا كۆرسەممەن.
ئاتام بىلەن ئانامنىڭ،
ئاياغىدا يۈرسەممەن.

لالە، شۇ كۈنى ئاخشىمى مەن سەن ھەققىدە تۇنجى قېتىم پۈتۈن بىر كېچە خىيال سۈرۈپ چىقتىم. بۇ كېچە خىيال قەسىرىم سەن بىلەن لىق تولۇپ كەتتى ۋە بۇ قاراڭغۇ كېچە قوينىدا سەن بىلەن بولغان قايسىدۇر بىر سۆھبەتلىرىم ئەس – خاتىرەمدىن ئۇچۇپ ئۆتتى…
−− نېمانچە كۆپ ئوت ئالدىڭ لالە؟
−− ماللارنى ئاچ قالمىسۇن دەپچۇ.
−− مالنىڭ جېنى سېنىڭ جېنىڭدىنمۇ تاتلىقمۇ ئەمىسە؟
−− ماللار تويمىسا مەنمۇ ئاچ قالىمەن – دە.
……
−− لالە، قولۇڭ نېمە بولدى؟
−− ھېچنېمە.
−− يالغان ئېيتما، بىلىكىڭدە قان دېغى تۇرمامدۇ ئەنە.
−− يىقىلىپ چۈشۈپ زەخىملەندۈرۈۋالدىم.
−− سەن نېمانچە پالاكەت – ھە، لالە؟
−− نېمە بولدى؟
−− قاچانلا بولسا مۇشۇنداق يىقىلىپ ئۇ يەر – بۇ يەرلىرىڭنى زەخىملەندۈرۈپلا يۈرەمسەن دەيمەن.

−− يىغلىدىڭمۇ لالە؟
−− ياق، يىغلىمىدىم، قانداق دەيسەن؟
−− كۆزلىرىڭ قىزىرىپ كېتىپتىغۇ ئەمىسە؟
−− ھاشارات كىرىپ كېتىپ قىزارتىۋەتتى.

−− دەريا بويىدا ئويناپ كېلەمدۇق لالە؟
−− ئوقۇيدىغان دەرسىم بار ئىدى.
−− ئوقۇپ موللا بولاي دەمسەن نېمە؟ كەچتە ئوقۇۋالساڭمۇ بولىدۇ ئەمەسمۇ؟
−− ياخشى ئوقۇپ كەلگۈسىدە بۇ يەرلەردىن يىراقلارغا كەتسەم دەيمەن.
−− قايسى يىراق يەرلەرنى دەيسەن؟
−− بىلمەيمەن.
−− سەن نېمانداق غەلىتە – ھە، لالە؟
−− قانداق دەيسەن؟
−− ئۆزۈڭ بىلمەيدىغان يەرلەرگە قانداق كېتىسەن؟
−− بىلمەيمەن. ئىشقىلىپ بىزنىڭ مەھەللىدىكىلەر بارالمايدىغان يىراق بىر يەرلەر بولسا، شۇ يەرگە جىمجىتلا كەتسەم دەيمەن.

خىيالىمدىكى ئىككىمىزنىڭ ئاۋازى نېرۋىلىرىمنى يۇمشاق بارماقلىرى بىلەن توختىماي غىدىقلايتتى. بۇ يۇمشاق غىدىقلاش بىلەن تەپەككۇرۇم يېڭىچە بىر ئىما – ئىشارەتلەرنى ھېس قىلاتتى. مەن قاراڭغۇ كېچىدىكى خىياللىرىم ئىچىدە سېنى ئاستا – ئاستا قايتىدىن تونۇشقا، قەلب جاراھەتلىرىڭنى روشەن كۆز بىلەن كۆرۈشكە باشلىدىم. كىچىك چاغلىرىمىزدا مەھەللىدىكى بالىلارنىڭ سېنى نېمە ئۈچۈن »يېتىم ئوغلاق« دەپ ھاقارەتلەيدىغىنىنىمۇ تونۇپ يەتتىم. بۇ دېگەنلىك ئاتا – ئانىسى يوق بىچارە دېگەنلىك ئىكەن. شۇ ھاقارەتنى ئاڭلىغان چېغىڭدا يۈرەك – باغرىڭ قانچىلىك دەرىجىدە لەختە – لەختە قان بولغان بولغىيتتى دەيمەن. ئەسلىي مەن كۆرگەن سەن بىلەن مەن كۆرۈپ ئۆلگۈرمىگەن سەن باشقا – باشقا ئىككى دۇنيا ئىكەنسەن. مەن پەقەت سېنىڭ تاشقى شەكلىڭنىلا كۆرۈپ كەلگەن، بۇ شەكىلنىڭ ئىچىدە نېمىلەرنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلمىغان ئىكەنمەن. مەن سەن بىلەن بىر يولدا مېڭىپ، ئوخشاش بىر تىلدا سۆزلىشىپ، بىر سىنىپ – بىر پارتىدا ئولتۇرۇپمۇ ھەقىقىي مەنىدىكى سەندىن بەكمۇ يىراقتا ياشىغان ئىكەنمەن. ئەسلىي سەن ئۆزۈڭ چىرايلىق بولغىنىڭ بىلەن قەلبىڭ جاراھەتلىك، كۆزلىرىڭ ئاھۇنىڭ كۆزىدەك مۇڭلۇق بولغىنى بىلەن روھىيىتىڭ ھەسرەتلىك ئىكەن. لېكىن سەن بىر پارچە مەرۋايىت تاشتەك سېنى كۆرگەن كۆزلەرنى ئالداپ كەپسەن. ئەسلىي بۇ چىرايلىق مەرۋايىت تاشنىڭ قات – قېتىغا سېنىڭ قان – زەرداپقا ئايلانغان ئاچچىق كۆز ياشلىرىڭ چۆكمە بولۇپ تىنىپ كەتكەنىكەن. بۇ چۆكمىلەر ئىچىدە سېنىڭ روھ كېمەڭ خۇددى مۇز تاغقا ئۇرۇلۇپ زەخىملەنگەن ھەيۋەتلىك كېمىدەك لەيلەپ قالغانىكەن. سېنىڭ مەۋجۇت رېئاللىقىڭ بۇ زەخىملەنگەن چىرايلىق كېمىنىڭ كاپىتانى بولۇپ، سېنى ھايات دېڭىزىنىڭ رەھمسىز قايناملىرىدا بىر تال تاختاي پارچىسىنى لەيلىتىپ يۈرگەندەك ئاقتۇرۇپ يۈرگەنىكەن. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي سېنىڭ زېھنىڭ پەۋقۇلئادە ئۆتكۈر ئىدى. شۇڭا ئوقۇش نەتىجەڭ سىنىپتىكى بالىلار ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇراتتى. سىنىپ ئىچىدە ساڭا ھەۋەس قىلىدىغانلارمۇ، ھەسەت قىلىدىغانلارمۇ كۆپ ئىدى. بەزىلەر ھەتتا ئاچچىق قىلىپ:
−− زادى مۇشۇنداق قېقىندى – سوقۇندى بولۇپ چوڭ بولغان بالىلار ئەقىللىق بولىدىكەن، −− دەپ يامان سۆزلەر بىلەن ساڭا بولغان قايىللىقىنى تەن ئېلىشقا مەجبۇر بولۇشاتتى. ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىزمۇ:
−− لالەنىڭ مېڭىسى ئۈنئالغۇ، ئاۋازنى يىتتۈرمەي – يوقاتماي قوبۇل قىلىپ ساقلىيالايدۇ، −− دەيتتى سېنى سۈپەتلەپ. مەن سەندە راستلا شۇنداق بىر يوشۇرۇن تالانت بارمۇ، ياكى ئەسەبىي تىرىشچانلىق بارمۇ، تازا ئېنىق بىلمەيمەن. لېكىن ئەمدى ھېس قىلدىمكى، سەندە بىر گۈزەل غايە بار ئىكەن. بۇ غايە بىر ئېقىن سۇ بولۇپ سېنى ھامان يىراقلارغا ئاقتۇرۇپ كېتىشكە، قۇش بولۇپ ئېگىزلەرگە ئۇچۇرۇپ كېتىشكە تەييار ئىكەن.
ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى باشقا بالىلارغا قارىغاندا پەۋقۇلئاددە يېقىن ئىدى. مەن بۇنى بالىلىق خاتىرىلىرىم بىلەن تولغان مەقسەتسىز مۇناسىۋەت دەپ ئويلايتتىم. لېكىن كېچە قاراڭغۇلۇقىدا سەن ھەققىدە سۈرگەن خىياللىرىمنىڭ يېشىل قېتىدا سەن ئەمدى باشقىچە شەكىل ۋە مەزمۇندا زاھىر بولۇشقا باشلىدىڭ. خىيالىمدىكى سېنىڭ قاپقارا قوي كۆزلىرىڭ باشقىچە چاقنايتتى، قاراشلىرىڭ ئۆزگىچە تۇيغۇ بەخش ئېتەتتى. تۇرۇپلا سېنى سېغىنىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلىپ قالسام، يەنە تۇرۇپلا سېنى شېرىن ۋەسۋەسە ئىچىدە خىيال قىلىپ قالاتتىم، يۈزلىرىم بۇ چاغدا دەم ئوت ئالغاندەك قىزىرىپ كەتسە، دەم تىكەنلىشىپ كېتەتتى.
بۇ كېچە سەن مېنىڭ جىمجىت خىيال بوستانلىقىمغا كىرگەن كېچە ئىدى. بۇ كېچە ئۆزۈمنىڭ ياشلىق پەسلىمگە قەدەم بېسىپ سېنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلغان كېچە ئىدى. كېچە بوستان چاچلىرىڭدەك قارا ئىدى، مەن مانا شۇ قاراڭغۇ كېچىدە سەن ھەققىدە خىيال سۈرۈپ، سەن ھەققىدە سۈرگەن خىياللىرىمنىڭ ئاپئاق قاناتلىرىدا پەرۋاز قىلىپ، كۆزۈمنىڭ قاچانلاردىدۇر تاتلىق ئۇيقۇ شەربىتىگە چىلىشىپ قالغانلىقىنى سەزمەيلا قاپتىمەن. بۇ كېچە گۈللۈك قاناتلىق گۈزەل بىر چۈش تاكى مەزىننىڭ ياڭراق ھەم مۇڭلۇق ئەزەن ئاۋازى كېچىنىڭ تۇم قاراڭغۇلۇقى بىلەن تاڭنىڭ بېشارەتلىك سۈزۈك نۇرى قوشۇلۇپ تام، ئىشىك، دېرىزىلەرنىڭ توساقلىرىدىن لەيلەپ كىرگۈچە بولغان ئارىلىقتا روھ بوشلۇقۇمدا سەيلە – ساياھەتتە بولدى. بۇ سېنىڭ تۇنجى قېتىم چۈش بوستانىمدا پەرۋاز قىلىشىڭ ئىدى.
چۈشۈمدە سەن رەڭدار بوشلۇقتا لەيلەپ تۇرغۇدەكسەن. رەڭگارەڭ نۇر چەمبىرەكلىرى سېنىڭ ئەتراپىڭدا كۆزنى قاماشتۇرۇپ چاقناپ تۇرغۇدەك. پۈتۈن ئەتراپ خۇشبۇي ئەتىر ھىدىغا چۆمگەن بولۇپ، مەن بۇنى سېنىڭ ئىسسىق تىنىقىڭدىن تاراۋاتقان خۇش ھىد دەپ ئويلاۋاتقۇدەكمەن. ئۇچاڭدىكى ئۇزۇن ئەتلەس كۆڭلىكىڭ لەرزان شامالدا توختىماي لەپىلدەپ تۇرغۇدەك. مەن بولسام ساڭا قاراپ ئۈمىد بىلەن نىدا قىلغۇدەكمەن:
−− لالە !…
مەن سېنى چاقىرسام سەن ماڭا قاراپ تەبەسسۇم قىلىپ تۇرغۇدەكسەن. مەن سېنىڭ تەبەسسۇملىرىڭدىن يېقىملىق ئاۋازىڭنى ھېس قىلغۇدەكمەن. مەن سەن ھەققىدە نېمە ئويلىسام، ئويلىغانلىرىمنىڭ ھەممىسى سېنىڭ يېقىملىق ئاۋازىڭ بولۇپ قۇلاق تۈۋۈمدە ياڭراپ تۇرغۇدەك.
−− سەن پەرىزاتقا ئايلىنىپ كەتتىڭمۇ، لالە؟
−− مەن ئەسلىدىلا پەرىزات تۇرسام.
−− بىراق سەن ئىلگىرى زادىلا بۇنداق ئۇچۇپ باقمىغان تۇرساڭ.
−− ياق، مەن ئۇچاتتىم. لېكىن سەن بۇنى كۆرەلمەيتتىڭ.
−− نېمىشقا مەن كۆرەلمەيتتىم؟
−− چۈنكى كۆزۈڭ مۆجىزە كۆرۈشكە ئادەتلەنمىگەن ئىدى.
−− مېنىڭمۇ سەن بىلەن بىرگە كۆكتە پەرۋاز قىلىپ ئۇچقۇم كېلىۋاتىدۇ، لالە.
−− مانا، سەنمۇ مەن بىلەن بىرگە ئۇچۇۋاتىسەنغۇ كامال.
−− مېنى ئالداۋاتىسەن، لالە.
−− راست دەۋاتىمەن كامال. مەن يالغان سۆزلەشنى بىلمەيمەن.
−− مەن يەنىلا يەردە تۇرىمەنغۇ ئەمىسە؟
−− بۇ سەندىكى خاتا تۇيغۇ.
−− خاتا تۇيغۇ؟!
−− ھەئە. ئەمەلىيەتتە سەن ئۆزۈڭدىن ھالقىپ كەتكەن يەنە بىر بوشلۇقتا ئۇچۇۋاتىسەن.
−− ئەمىسە نېمىشقا مەن بۇنى ھېس قىلالمايمەن؟
−− چۈنكى سەن ئەزەلدىن ئۆزۈڭنى قۇرۇق شەكىل ئىچىدە دەپ ھېس قىلىپ كېلىۋاتىسەن. ئۆزۈڭدىن ھالقىپ بېقىشنى بىر قېتىممۇ ئويلاپ باقمىدىڭ – دە.
−− ئۇنداق بولسا، مەن بۇ شەكىل ئىچىدىن قانداق قىلىپ چىقىپ كېتەلەيمەن، لالە؟
−− بۇنى مەندىن ئەمەس، بەلكى ئۆزۈڭنىڭ قەلبىدىن سورا.
سەن شۇنداق دەپلا چىرايلىق ۋە رەڭدار نۇر چەمبىرەكلىرى بىلەن قوشۇلۇپ يىراقلارغا ئۇچۇپ كېتىۋاتقۇدەكسەن. مەن ئارقاڭدىن تەرلەپ – تەپچىرەپ يۈگۈرۈۋاتقۇدەكمەن، بار ئاۋازىم بىلەن سېنى چاقىرىۋاتقۇدەكمەن…
سېنى چاقىرغان ئاۋازىم تېشىمغا چىقىپ كەتتى بولغاي، ئۆزۈمنىڭ ئاۋازىدىن ئۆزۈم چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم. شۇ ھامان سەنمۇ، نۇر چەمبىرەكلىرىمۇ، ئىپار ھىدلىق خۇش پۇراقلارمۇ غايىب بولدى. پۈتۈن بەدىنىم خۇددى سۇغا چىلاپ ئېلىپ قويۇلغاندەك چىلىق – چىلىق تەرگە چۆمۈپ كەتكەن ئىدى.
ئەتىسى ئەتىگەندە سېنى سىنىپتا ئۇچراتقان ۋاقتىمدا تۇنجى قېتىم كۆزۈڭگە بۇرۇنقىدەك تىكىلىپ قاراشتىن ئەيمىنىپ قالدىم. كۆزۈڭ ت−اسادىپىي ك−ۆزۈم بىلەن ئ−ۇچرىشىپ قالغۇدەك بولسا يۈرەك رىتىمىم بۇزۇلۇپ، نەپەس ئېلىشلىرىم قالايمىقانلىشىپ كېتەتتى. كۆزۈڭدە يېلىنجاپ تۇرغان يالقۇنلۇق بىر ئوت باردەك؛ كۆزۈڭگە تىكىلىپ سالساملا ئاشۇ ئوت دېڭىزى مېنى قىپقىزىل تىللىرى بىلەن يالماپ تاشلايدىغاندەك ھېس قىلاتتىم. لېكىن سەن ماڭا دىققەت قىلمىغان ئەپلىك پۇرسەتتە ساڭا يوشۇرۇن نەزەر تاشلايتتىم. ئاق ۋە يۇمشاق بىلەكلىرىڭ قول ياكى بەدەنلىرىمگە مەقسەتسىزلا تېگىپ كەتسىمۇ كۈچلۈك بىر ئېلېكتر دولقۇنى تېنىمگە ئۇرۇلغاندەك سىلكىنىپ، تىترەپ كېتەتتىم. ئارقىدىنلا يەنە ناھايىتى ئېھتىيات ۋە يوشۇرۇن ھالدا بىلەك ياكى جەينەكلىرىمنى سېنىڭ بىلەك ياكى جەينەكلىرىڭگە تەگكۈزۈۋېلىشقا تىرىشاتتىم. ھەتتا بەزىدە مۇشۇ خىل ھەرىكىتىم ئۈچۈنلا نەچچە ئون مىنۇت ۋا قىت كېتەتتى. بۇنداق چاغدا پۈتۈن دىققىتىم بىلەن دەرس ئاڭلاۋاتقاندەك قىياپەتكە كىرىۋالغىنىم بىلەن كاللامغا ھېچنېمە كىرمەيتتى.
مەندە ساڭا نىسبەتەن ئەزەلدىن بۇنداق تۇيغۇ بولۇپ باقمىغان ئىدى. ھەتتا بىر كۈنلەردە سەندەك بىر مەھەللىدىشىم، ساۋاقدىشىم، پارتىدىشىمنى ياخشى كۆرۈپ قالارمەن دەپ ئويلىمىغان ئىدىم. لېكىن مەن بىر كېچىدىلا سەن بىلەن بولغان بالىلىق ھېسسىياتىمدىن تولۇق ئايرىلىپ، سېنى ياخشى كۆرۈشتەك زىل ۋە ھاياجانلىق ھېسسىيات قاينىمىغا كىرىپ قالدىم. ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى سەن بۇرۇنقى ساڭا ئوخشىمايتتىڭ. بۇرۇنقى سەن مەن ئۈچۈن ئاددىيلا بىر قىز بولغان بولساڭ، ئەمدىكى سەن مەن ئاۋايلاپ تۇتمىسام جاراڭلاپ چېقىلىپ كېتىدىغان جانان چىنە ئىدىڭ. مېنىڭ بۇ جانان چېنىنى چېقىپ قويغۇم يوق ئىدى. شۇنداقلا بۇنداق تەقدىرنى تەسەۋۋۇر قىلىشقىمۇ قۇربىم يەتمەيتتى.
توۋا دەيمەن، بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشتەك بۇنداق غەلىتە تۇيغۇ ئادەمنى بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە تولۇق يۆتكىۋېتەلەيدىكەن دېسە. سەنمۇ ئەمدى كۆزۈمگە باشقىچە چىرايلىق، ئۆزگىچە لاتاپەتلىك كۆرۈنۈشكە باشلىدىڭ. بىلمىدىم، سەن ئۆزگىرىپ كەتتىڭمۇ ياكى مېنىڭ كۆزۈمنىڭ سېنى كۆرۈش شەكلى ئۆزگىرىپ كەتتىمۇ!
−− ساڭا نېمە بولدى، كامال؟
بىر كۈنى مەكتەپتىن قايتاشىمىزدا تۇيۇقسىزلا سوراپ قالدىڭ. سېنىڭ بۇ سوئالىڭ ماڭا خۇددى ئوچۇق ئاسماندا چاقماق چاققاندەك ياكى ئادەم يوق ئۆيدىن ئاۋاز چىققاندەك تولىمۇ دەھشەتلىك ئاڭلىنىپ كەتتى. شۇڭا دەماللىققا نېمىدەپ جاۋاب بېرىشنى بىلمەي ئۆز – ئۆزۈمگە بىر پارچە گىگانت تاشتەك پېتىپ كەتتىم ۋە ئۆزۈمدىكى بۇ خىل قۇلايسىزلىقنى ساڭا بىلدۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن دەرھال يىراقلارغا قارىۋالدىم. بۇ چاغدا سېنىڭ ئاۋازىڭ يەنە ئاڭلاندى:
−− گەپ قىلمايسەنغۇ؟
نېمىدەپ گەپ قىلسام مۇۋاپىق بولار، دەپ ئويلىدىم. لېكىن مۇۋاپىق بىر گەپ تاپالماي قۇرۇق چالمىدەك پارچىلىنىپ كېتىشكە باشلىدىم. شۇنداق بولسىمۇ ئەمدى گەپ قىلمىسام بولمايتتى. شۇڭا:
−− نېمە دەيمەن؟ −− دېدىم سوئالىڭغا سوئال بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ. سەن يەنە باشتىكى سوئالىڭنى تەكرارلىدىڭ.
−− ساڭا زادى نېمە بولدى، كامال؟
−− ھېچنېمە… بولغىنى يوق…
سەن جاۋابىمدىن قانائەت ھاسىل قىلمىغان بىر تەلەپپۇزدا سۆزۈڭنى داۋاملاشتۇردۇڭ:
−− يېقىندىن بۇيان بۆلەكچىلا بولۇپ قالدىڭ كامال، مەندىن رەنجىپ قالدىڭمۇ – يا؟
−− ياقەي، ئارتۇقچە ئويلاپ كەتمىگىن لالە. مەن سەندىن نېمىدەپ رەنجىگۈدەكمەن؟
−− قارىسام نېمىشقىدۇر ئۆزۈڭنى مەندىن قەستەن قاچۇرۇۋاتقاندەكلا قىلىسەن.
سېنىڭ شۇنداق دېيىشىڭ بىلەن تەڭ ھېلىقى كېچىدىكى چۈشۈمدە سەن ماڭا دېگەن گەپ يادىمدىن كەچتى – دە:
−− بۇ سەندىكى خاتا تۇيغۇ، −− دېدىم.
−− ئىلاھىم شۇنداق بولغاي، −− دېدىڭ سەن ۋە ئارقىدىنلا قوشۇپ قويدۇڭ، −− بىراق سەن راستلا باشقا بىر كامالغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىسەن. راستىنى دېسەم ھېلىقى كۈندىكى گەپلەرنى ساڭا دېمىسەم بوپتىكەن. سەن شۇنىڭدىن كېيىن باشقىچە بولۇپ قالدىڭ.
تەلەپپۇزۈڭدىن ئۆزۈڭنى ئەيىبلەۋاتقانلىقىڭنى ھېس قىلىۋالماق قىيىن ئەمەس ئىدى. شۇڭا:
−− بۇنىڭ ئۇ گەپلەر بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق، −− دېدىم تومتاقلا قىلىپ.
−− سەنمۇ مېنى…
سۆزۈڭنى داۋاملاشتۇرالماي توختاپ قالدىڭ. لېكىن شۇ ھامان يۈرىكىم ئوتتۇرىدىن قاتلىنىپ كەتكەندەك قارتتىدە قىلىپ كەتتى. چۈنكى سەن مەن خىيالمۇ قىلمىغان نەرسىلەرنى خىيال قىلىپ كەتكەن ئىدىڭ. ئەمەلىيەتتە مېنىڭ ساڭا ئاشكارىلاشقا مۇمكىن بولمايۋاتقان پىنھان قەلب سىرلىرىم سەندە شۈبھىلىك گۇمانلارنى پەيدا قىلىپ ئۈلگۈرگەن ئىدى.
−− ياق لالە، مەن سېنى…
تۇيۇقسىز بوغۇزۇمغا بىر نېمە كەپلىشىپ قالغاندەك ئاۋازىم پەسلەپ ئارقىدىن يوقاپ كەتتى.
−− مەن سېنى… نېمە، كامال؟
سەن دەرھاللا سوئال تاشلىدىڭ. سېنىڭ بۇ سوئالىڭ ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سۈكۈتتىن باشقا نەرسە يوق تەنھا ئارالدىكى كۆلگە تاشلانغان قارماق بولۇپ، بۇ قارماق مەندىن ئىبارەت بۇرۇتى خەت تارتقان ئەر بېلىققا تاشلانغان ئىدى. مەن ئۈچۈن ئەمدى كۆز ئالدىمدا پۇلاڭلاپ تۇرغان قاماققا ئىلىنىشمۇ ياكى ئىلىنمەسلىكمۇ ئوخشاشلا تەۋەككۈلچىلىك ئىدى.
مەن سۆز ۋادىسىدىكى ئەڭ ئاددىي جاۋاب بېرىش ئۇسۇلى، يەنى سۇنىڭ تېگىگە چۆكۈۋېلىش ئۇسۇلىنى قوللانماقچى بولۇپ:
−− ھېچنېمە، −− دېدىم جاۋابەن.
−− مەن سېنى… ھېچنېمە، دېگەن قانداق سۆز بۇ، كامال؟ −− سەن توغرا مەنىدىكى تۆت سۆزنىڭ ئۆزئارا قوشۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن خاتا سۆز ئارقىلىق جان تومۇرۇمدىن قاماللاپ تۇتۇۋالدىڭ ۋە، −− بۈگۈن ئەدەبىيات دەرسىدىمۇ مۇشۇنداق غەلىتە گەپ قىلىۋېدىڭ، ساۋاقداشلارلا ئەمەس ھەتتا مۇئەللىممۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي كۈلۈپ كەتتى، −− دېدىڭ.
مەن سېنىڭ بۇ خاتا سۆزگە مىلتىقنىڭ ئىستوۋۇلىدەك مەركەزلىشىپ قالغان دىققىتىڭنى چېچىۋېتىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزۈمدىكى قۇلايسىزلىقنى تۈگىتىش مەقسىتىدە:
−− قايسى گەپنى دەيسەن؟ −− دەپ سورىدىم بىلمەسلىككە سېلىپ.
−− مۇئەللىم، ياغاچ قازاندا بىرلا قېتىم ئاش قاينايدۇ، شۇنداقمۇ كامال؟ دەپ سورىسا، سېنىڭ ئەگەر سىز دەۋاتقان ياغاچ قازان شۇ ئوتتا كۆيۈپ كەتمىسىلا چوقۇم يەنە بىر نەچچە قېتىم ئاش قاينىشىمۇ مۇمكىن. لېكىن ياغاچ قازان ئوتتا كۆيۈپ كېتىپ قالسا چوقۇمكى بىر قېتىممۇ ئاش قاينىماي قالىدۇ، دېگەن جاۋابىڭچۇ.
−− راست ئەمەسمۇ، −− دېدىم مەن بېلىقنى قارماقتىن يەنىمۇ يىراقلاشتۇرۇپ سۇنىڭ تېگىگە تېخىمۇ چۆكتۈرۈۋېتىش ئۈچۈن، −− ياغاچ قازاندا ئاش پىشامدۇ – پىشمامدۇ، بۇ راست ئوت بىلەن ياغاچ قازاننىڭ مۇناسىۋىتىگە باغلىق. ناۋادا ياغاچ قازان ئوتنىڭ كۆيدۈرۈشىگە بەرداشلىق بېرەلمەي كۆيۈپ كەتسە ئەلۋەتتە ئۇ ياغاچ قازاندا ئاش پىشمايدۇ. ناۋادا ياغاچ قازان شۇ قېتىمدا كۆيمەي قالسا چوقۇم يەنە قايتا ئاش پىشۇرغىلى بولىدۇ – دە.
−− ئەگەر ياغاچ قازان بىر قېتىملا ئاش پىشىپ كۆيۈپ كەتسىچۇ؟
سەن جاۋابىمغا قىزىققان ھالدا بۇ مەسىلىدىكى يەنە بىر خىل ئېھتىماللىقنى ئوتتۇرىغا قويدۇڭ.
−− پاھ… ئەجەب بىر ئەقىللىق قازانكەن ئەمىسە ئۇ. ئاشمۇ پىشىپ بولىدىكەنۇ قازان كۆيۈپ كېتىدىكەن، شۇنداقمۇ؟
−− شۇنداق دېمەكچىمەن.
−− ئەمىسە مېنىڭچە، قازاندىكى ئاش ئوتقا پارا بەرگەن بولۇشى مۇمكىن.
−− نېمىدەپ؟ −− سەن قىزىقسىنغان ھالدا سورىدىڭ.
−− مەن پىشىۋالغۇچە قازاننى كۆيدۈرمەي تۇرغىن، دەپچۇ.
−− قىزىق…
سەن شۇنداق دەپلا كۈلۈپ كەتتىڭ. سېنىڭ كۈلگەن ۋاقتىڭدىكى شەكلىڭ شۇ قەدەر ئوماق بولۇپ، ھېلىقى كۈنى قوناقلىق بويىدا ھەسرەت دەرياسىدا پۇچىلىنىپ ئولتۇرغان سەن بىلەن ئاسمان – زېمىن پەرق قىلاتتى. شۇ تاپتا سەن ماڭا ئىككى خىل دۇنيادىكى ئىككى ئادەمدەك تۇيغۇ بەرمەكتە ئىدىڭ.
مەكتەپ بىلەن مەھەللە ئوتتۇرىسىدىكى زېرىكىشلىك مۇساپە ئىككىمىزنىڭ پارىڭى بىلەن بىلىنمەيلا تۈگەپ كەتتى. سۇنىڭ تېگىگە چۆكۈپ كەتكەن بېلىق ئەمدى ساڭا ئەمەس ئۆزۈمگىمۇ كۆرۈنمەيلا قالدى. كۆرۈش سەزگۈمگە چىلىشىپ قالغىنى پەقەت ياقۇت رەڭلىك سىلىق سۇ يۈزىلا ئىدى.
جېنىم لالە، مەن نېمە ئۈچۈن ساڭا بولغان بۇ ئوتلۇق ھېسسىياتىمنى ئاشكارىلاپ بېرەلمەي، تاغنىڭ ئەڭ يوشۇرۇن قاتلاملىرىدىكى مەدەنلەردەك قەلبىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا كۆمۈپ تاشلايمەن؟ نېمە ئۈچۈن سېنى شۇ قەدەر ياخشى كۆرىدىغىنىمنى ھېس قىلىمەنۇ، سېنىڭ ئالدىڭدا تىل بىلەن ئىقرار بولمايمەن؟ نېمە ئۈچۈن، زادى نېمە ئۈچۈن سەن ھەققىدىكى كۆكلەمدەك يېشىل ۋە يۇمران خىياللىرىمنى ئىچىمدىكى ئالتۇن قەپەسكە سولىۋېلىپ سېنىڭ قەلب كۆكۈڭدە ئەركىن پەرۋاز قىلىشىغا يول قويمايمەن.
بۇ ھەقتە نۇرغۇن كېچە خىيال دەرياسىغا غەرق بولدۇم. لېكىن ئۆزۈمنى قايىل قىلالىغۇدەك بىرەر مۇكەممەل جاۋابنى زادىلا تاپالمىدىم. سەن ھامان كۆز ئالدىمدىن كەتمەي بىر پارچە رەڭلىك سۈرەتتەك پارلاپ تۇراتتىڭ. لېكىن سېنى قول سۇنۇپ تۇتۇشقا، ھاياجان بىلەن سىلاشقا ئىمكانىيتىم يار بەرمەيتتى. چۈنكى مېنىڭ ساڭا بولغان ھېسسىياتىم تېخى پوستىمۇ يېرىلمىغان ئون سەككىز ياشلىق يۈرەك ئىدى. بۇ يۈرەكنىڭ ئىچىدە سەن، پوستىدا سېنىڭ »لالە« دېگەن توزنىڭ قانىتىدەك چىرايلىق ئىسمىڭ بار ئىدى. مەن تېخىچە بۇ سىرنى ئۆزۈمدىن باشقا ئىككىنچى بىر ئىنسانغا ھەتتا ساڭىمۇ بىلدۈرمەي، پەقەت ئىچىمدىكى ئالتۇن قەپەسكە سولىۋېلىپ رېئاللىقتىن يوشۇرۇن ھالدا ساقلاپ كەلمەكتە ئىدىم.
ئاھ لالە، مەن نېمىدېگەن بىخەتەر، نېمىدېگەن سەۋرچان، نېمىدېگەن بىچارە ساقلىغۇچى – ھە!
بۇ جەرياندا يەنە ئىككى قېتىم بىلىكىڭگە بىر ئۇچى ئىنچىكە يەنە بىر ئۇچى تومراق جاراھەت دېغى چۈشتى. بۇ چاغدا مەن بىر قىزنىڭ چېچىدىن تورۇسقا ئېسىپ قويۇپ تاپىنىدىن ئىسسىق، قىزىل قېنىنى شوراۋاتقان ۋەھشىي چىراي يالماۋۇزنى خىيال ئەينىكىمدىن ئۆتكۈزدۈم. چۈنكى ئاشۇنداق بىر يالماۋۇز سېنىڭ رېئاللىقىڭدا سېنىڭ قېنىڭنى شوراۋاتماقتا ئىدى. بۇ يالماۋۇز قانات قېقىپ، توپا – تۇمان پەيدا قىلىپ ئۇچالمايتتى؛ ئورنىنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان كۇھىقاپتىن كەلمەيتتى؛ يەتتە بېشىمۇ يوق ئىدى. بىراق ئۇ سەن ئۈچۈن يەتتە باشلىق يالماۋۇزدىنمۇ قاباھەتلىك ئىدى. بۇ يالماۋۇز ئۇچالمىغان بىلەن تۇپراق ئۈستىدە ئەركىن ماڭالايتتى. كۇھىقاپتىن كەلمىگىنى بىلەن زۇلۇم ئىچىدىن كېلەتتى. يەتتە بېشى بولمىغىنى بىلەن ساڭا زۇلۇم قىلالايدىغان يەتتە كۈنى بار ئىدى. بۇ بىر ئۆگەي يالماۋۇز ئىدى. ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا سەن بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى مەۋجۇت بولغان بىر تال ئۆلۈك ھۈجەيرىمۇ مەۋجۇت بولمىغاچقا، ئۇنىڭ روھىيەت ئالىمىدىكى بارلىق ھاياتلىق پائالىيىتى سېنى يەكلەيتتى. سەن ھەققىدە ئىسسىق ۋە گۈزەل ئارزۇ – ئارمانلاردا بولالمايتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇ بىر پۇتۇڭغا كىچىك كەلگەن ئاياغ ئىدى. شۇڭا ئۇ ئاياغنىڭ پۇتۇڭنى قىستىغىنى قىستىغان، جېنىڭنى ئاغرىتقىنى ئاغرىتقان ئىدى.
−− لالە!
باشلىنىش نۇقتىسى بار بولسىمۇ ئاخىرلىشىش نۇقتىسى بولمىغان قاتمۇقات خىياللىرىمدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ ساڭا خىتاب قىلدىم.
−− مېنىڭ ئۇ ئىشلار ھەققىدە بىر نېمە دېگۈم يوق، كامال.
مەن سۆزۈمنىڭ بېشىنى چىقىرىپ بولغۇچە سەن جاۋاب قايتۇرۇپ بولدۇڭ. ھەيران قالدىم، سېنىڭ سەزگۈلىرىڭ نېمانچە زىللىشىپ كەتكەندۇ – ھە !
ساڭا ئەمدى ئۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى قالمىغان ئىدى.
تېخى باياتىنلا ساڭا دېمەكچى بولۇپ ئىچىمدە پاتىپاراق بولۇپ كەتكەن گەپلىرىم مانا ئەمدى سۇنىڭ يۈزىدىكى دۇغدەك ئاستا – ئاستا ئىچىمگە تىنىشقا باشلىدى. تۇيۇقسىز مەن سەن بىلەن خىيالىمدا پاراڭلىشىپ باقتىم. ئىككىمىزنىڭ خىيالىمدىكى پاراڭلىرىمىز ناھايىتى راۋان باشلاندى.
−− لالە!
−− قۇلىقىم سەندە كامال.
−− بىلىكىڭدىكى يەنە يېڭى جاراھەتقۇ ئۇ.
−− ھەئە، ئېھتىياتسىزلىقتىن يەنە جاراھەتلەندۈرۈۋالدىم.
−− نېمىشقا داۋاملىق مۇشۇنداق يالغان ئېيتىسەن لالە؟
−− ئۆزۈمگە ئۆزۈم تەسەللى بېرىش ئۈچۈن بولمامدۇ.
−− بىراق مەن كۆرۈپ تۇرۇپ چىدىمايدىكەنمەن.
−− ئەمىسە كۆزۈڭنى يۇمۇۋالغىن.
−− يۈزۈمدىكى كۆزۈمنىغۇ يۇمۇۋالارمەن، لېكىن كۆڭۈلدىكى كۆزۈمنى قانداق يۇمۇۋالالايمەن؟
−− مەن كۆنۈپ كەتتىم.
−− نېمىگە؟
−− بۇ ئىشلارغا.
−− سېنىڭ ئازاب ياكى زۇلۇمغا كۆنۈش ۋەزىپەڭ بارمىتى؟
−− مېنىڭ بۇنى قوبۇل قىلماي باشقا ئىلاجىم بولمىسا، كامال.
−− ئەسلىي بۇ سېنىڭ گۈلدەك كۆكلەيدىغان پەسلىي باھارىڭ ئىدى.
−− بەلكىم شۇنداقتۇر. لېكىن باھاردىمۇ ئۈششۈك تېگىدىغان گۈللەرمۇ بولىدىكەنغۇ؟
−− لېكىن مەن ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان بىر گۈلنىڭ ئۈششۈك تېگىپ ۋاقىتسىز خازان بولۇپ كېتىشىنى خالىمايمەن لالە.
−− ياق كامال. بۇ دېگەن ياكى قورشاۋ تېمى ياكى باغۋىنى يوق ئىگىسىز باغدىكى گۈل. شۇڭا سەن بۇ گۈلنى پۇراپ قالساڭ ياكى ياخشى كۆرۈپ قالساڭ بولمايدۇ.
−− نېمىشقا بۇنداق دەيسەن؟
−− چۈنكى بۇ گۈلدىن قايغۇ – ئەلەملا كېلىدۇ. قايغۇ – ئەلەم مەڭگۈ خۇشاللىقنىڭ، بەختنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ.
−− بەلكىم شۇنداقتۇر. لېكىن مەن…
−− لېكىن… سەن نېمە؟
−− لېكىن مەن بۇ گۈلنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىشقا تەييار ئىدىم.
−− بىراق ئۇ گۈل ئاي كەبى مىسكىن.
−− شۇنداقلا يەنە ئايدەك گۈزەل ۋە يېقىملىق.
−− ئۇ گۈلنىڭ ئىسمى نېمە، كامال؟
−− لالە!
−− بۇ مېنىڭ ئىسمىم.
−− چۈنكى ئۇ گۈل دەل سەن!
−− ياق كامال، مەن سەن ئۈچۈن كەلگۈسىنىڭ ئالتۇن قاچىسىغا قۇيۇلغان بىر ئوتلام پۇشايمان.
−− ياق لالە، مەن ئۈچۈن سەن بىر ئوتلام ئىسسىق روھ.
−− سەن ئۆزۈڭنى بۇ كىشەندە كىشەنلىمە كامال.
−− مەن بوستان چاچلىرىڭدا كىشەنلەندىم، قوي كۆزلىرىڭدە بوغۇزلاندىم. ئەمدى مېنى رەت قىلما جېنىم لالە!…
مەن سەن بىلەن مەۋجۇت رېئاللىقىمدا دېيىشەلمەيدىغان گەپلەرنى خىيالىمدا دېيىشىپ باقتىم. سۆزلەرنىڭ مەنە بېرىش سەپىرىدىن ئايان بولدىكى، سەن ئۆزۈڭ ھەققىدە تولىمۇ ئېھتىياتچان ئىكەنسەن. ئۆزۈڭنى دېڭىزغا چۆكۈۋاتقان پاراخوتتەك ھېس قىلىدىكەنسەن. لېكىن مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدا سەن گۈل بىلەن بېزەلگەن چىرايلىق پاراخوت ئىدىڭ. بۇ گۈل بىلەن بېزەلگەن چىرايلىق پاراخوتتا بىرلا يولۇچى بار ئىدى. ئۇ يولۇچى مەن ئىدىم.
−− لالە پەقەت سىنىپىمىزنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن مەكتىپىمىزنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى بولۇشقا مۇناسىپ !
بۇ ساڭا بەكلا ئامراقلىق قىلىدىغان ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ ئاۋازى ئىدى. ئوقۇتقۇچى دېگەننىڭ ئۆچ ياكى يامان كۆرىدىغان ئوقۇغۇچىسى بولمايدۇ. لېكىن ياقتۇرىدىغان ياكى ياقتۇرمايدىغان ئوقۇغۇچىسى بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ سەن پەقەت ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىزلا ئەمەس، بەلكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان، ئەڭ ئۈمىد باغلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى ئىدىڭ. گەرچە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇتۇش تۈزۈمى قىز – ئوغۇللار ئوتتۇرىسىدىكى غەيرىي ھېسسىيات خاراكتېرىنى ئالغان مۇھەببەتلىشىشكە چەكلىمە قويسىمۇ؛ مەن بۇلاردىن تولۇق خەۋەردار بولساممۇ يەنىلا مەندە ساڭا نىسبەتەن مۇھەببەت ھېسسىياتى قوزغىلىۋەردى. مەندىكى بۇ ھېسسىيات خۇددى تاغ باغرىدىكى ئېقىن سۇدەك ساڭا قاراپ يەڭگىل شىلدىرلاپ ئاقماقتا ئىدى. ھېس قىلدىمكى، ئىنسان روھى ۋە ئىنسان تەبىئىتىدىكى بۇنداق تەبىئىي يېتىلىش جەريانى ھامان مۇقەررەرلىكنى ئۆزىگە بىۋاسىتە شەرت قىلغان بولىدىكەن. بۇ خۇددى بىر تال ئۇرۇقنىڭ تاش بىلەن باستۇرۇلۇپ قويۇلسىمۇ يەنىلا ئۆز قانۇنىيىتى بويىچە تاشلارنىڭ ئارىسىدىن بىخ ئۇرۇپ كۆكلەپ چىققىنىدەكلا ھالەت ئىكەن. دېمەك، تەبىئىي يېتىلىش ھامان ھەر قانداق شەكىل ۋە مەزمۇندىكى چەكلىمە، ئالدىنى ئېلىشلارنى ئۈزلۈكسىز رەت قىلىپ، ئۆز قانۇنىيىتى بويىچە دەۋر قىلىدىكەن. گەرچە بىز بىر قىسىم فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەرگە »بالدۇر يېتىلىپ كېتىش ھادىسىسى« دەپ ئەقلىي يەكۈن چىقارساقمۇ، بۇنداق يەكۈنلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىنى ئېلىش، چەكلەش رولىنى ئويناشتەك بىۋاسىتە كونترول قىلىش رولىنى يوقىتىپ قويغان بولىدىكەن. بۇنى مەجبۇرىي چەكلەش ئۇسۇلى بولسا خۇددى يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان دەھشەتلىك كەلكۈننىڭ ئالدىغا بىر پارچە چالمىنى تاشلاپ قويۇپ كەلكۈننى توسۇشقا ئۇرۇنغاندەك، ھەم بىھۇدە، ھەم ئەجرى بار ھوسۇلى يوق پايدىسىز ھەرىكەت ئىكەن.
شۇ چاغلار سېنىڭمۇ ئەس – خاتىرەڭدە بارمىدۇ، لالە؟ ئۇ چاغلار بىزنىڭ تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئاخىرقى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىمىز ئىدى. يەنە بىر نەچچە ئايدىن كېيىن بىز بىر سىنىپ بالىلىرى يىپىدىن ئۈزۈلگەن مارجاندەك تەرەپ – تەرەپلەرگە تاراپ كېتەتتۇق.
چوڭلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى »قاپاق يېرىلدى« دەپ سۈپەتلەيتتى. ئەمەلىيەتتىمۇ بىز »قاپاق يېرىلدى« بولۇش ئۈچۈنلا تومۇزنى تومۇز، زىمىستاننى زىمىستان دېمەي ئون بىر يىل تىرىشىپ ئوقۇدۇق. قاپاقنىڭ ئىچىدىن نېمە چىقىدىغانلىقىنى ئالدىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى بەلگىلەيتتى. شۇڭا ھېچكىم بۇ قاپاقنىڭ ئىچىدىن نېمە چىقىدىغانلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلالمايتتى. شۇنداقتىمۇ ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ دىلىدىكى ئەڭ ياخشى تىلەكلىرىمىز بىلەن قاپاققا ئەپسۇن ئوقۇپ، ئىخلاس بىلەن سۈپكۆچلەيتتۇق.
كىم بىلىدۇ، سېنىڭ قاپىقىڭ يېرىلىپ ئىچىدىن نېمە چىقىدۇ، مېنىڭ قاپىقىم يېرىلىپ ئىچىدىن نېمە چىقىدۇ؟
بۇ ئاي، بۇ كۈنلەردە ھەممەيلەننىڭ كەيپىياتىدا جىددىيچىلىك بار ئىدى. بۇ جىددىيچىلىك تاكى ئۈچ كۈنلۈك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئېلىنىپ تۈگىگىچە ئىزچىل داۋاملىشىپ، ئىمتىھاندىن كېيىن ئاندىن تاراپ كەتتى. لېكىن مەندە بولسا بۇ جىددىيچىلىك بىلەن ساڭا بولغان توسقۇنسىز ئىشقىي تەلپۈنۈشمۇ بار ئىدى. بۇنىڭ بىلەن مەن ئوخشاش بولغان بىر ۋاقىتتا ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ئوتتا كۆيۈشتەك قىسمەتنى باشتىن كەچۈرمەكتە ئىدىم.
ماي ئېيىنىڭ ئاخىرقى يەكشەنبە كۈنى سىنىپ مەسئۇلىمىز بىزنى بىر كۈنلۈك دالا سەيلىسىگە ئورۇنلاشتۇردى. شۇ كۈنى ئەتىگەن بىز دەريا بويىدىكى يېشىل توقايلىقنى نىشانلاپ خۇشال – خۇرام يولغا چىقتۇق. دەريا بويى مەكتەپنىڭ غەربىي جەنۇب تەرىپىدە بولۇپ، مەكتەپ بىلەن بولغان ئارىلىقى تۆت كىلومېتىرچە كېلەتتى. شۇڭا ۋېلىسىپىتىمىز بارلار ۋېلىسپىت بىلەن، ۋېلىسىپىتى يوقلار پىيادىلا يېتىپ كېلىشكەن ئىدۇق. ۋېلىسىپىتى يوقلارنىڭ ئىچىدە سەنمۇ بار ئىدىڭ لالە. شۇ ئەسنادا ئىككىمىزنىڭ كۆزى ئوتتۇرىمىزدىكى بوشلۇقتا ئۇچرىشىپ قېلىۋېدى، مەن ساڭا قاراپ سۇسقىنا كۈلۈمسىرەپ قويدۇم. سەنمۇ ماڭا تەبەسسۇم بىلەن دەرھاللا ئۈنسىز جاۋاب قايتۇردۇڭ. بىز قىيا – چىيا ئاۋازلار بىلەن توقايلىققا ئەمەس، باشقا بىر دۆلەتكە ساياھەتكە ماڭغاندەك كەيپىياتتا يولغا چىقتۇق. مەن سېنى ۋېلىسىپىتىمنىڭ ئارقىسىغا ئېلىۋالدىم. سەن بىر قولۇڭدا دولاڭدىكى سومكىنىڭ تاسمىسىنى، يەنە بىر قولۇڭدا ۋېلىسىپىتنىڭ ئورۇندۇق تۆمۈرىنى چىڭ تۇتۇۋالغانتىڭ. ئاشۇ تاپ ئۆزۈم يولدا بولغىنىم بىلەن خىيالىم سەندە ئىدى. مەن سېنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىمنى ھېس قىلغان شۇ كۈندىن باشلاپ روھىي پسىخىكامدا زور ئۆزگىرىش بولغان ئىدى. يەنى ئالدىڭدا ئىلگىرىكىدەك ئەركىن – ئازادە ئەمەس، بەلكى بىر خىل قورۇنۇش ئىچىدە ئويلاپ گەپ قىلاتتىم. سەن بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىش ئالدىدا چاچلىرىمنى بارماقلىرىم بىلەن تاراپ قويۇش، چاپان – كۆڭلەكلىرىمنىڭ ياقا – پەشلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ قويۇش، سەن يېنىمدىن ئۆتۈپ بولغاندا ئارقاڭدىن قاراپ قويۇش… مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى مەندىكى غەلىتە ئۆزگىرىشلەر ئىدى. بۇلارنى كېيىن ھېس قىلسام ئەسلىي مەن ساڭا پاكىز، رەتلىك كۆرۈنۈش ياكى شۇنداقراق تەسىر قالدۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلغانىكەنمەن. دېمەك، بىر ئادەمنىڭ قەلبىدە مۇھەببەت تۇيغۇسى ئويغانسا، ئۇنىڭ بىلەن بىللە گۈزەللىك قارىشىمۇ تەڭلا پەيدا بولىدىكەن، ياكى ئەسلىدىكى گۈزەللىك قارىشى يەنە بىر باسقۇچ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن. ئەمەلىيەتتە مۇھەببەت دېمەك گۈزەللىكنىڭ يەنە بىر خىل شەكلى ئىكەن.
خىيال ئىچىدە يولنى قانداقلارچە بېسىپ تۈگەتكەنلىكىمنى ھېس قىلالمايلا قالدىم. دەريا بويى ياز پەسلىنىڭ يېشىللىقى ئىچىدە بىر پارچە يېشىل مەخمەلدەك كۆرۈنەتتى. بۈك – باراقسان دەرەخلەرنىڭ قاراڭغۇلىشىپ تۇرغان شاخلىرىنىڭ چاتقاللىقلىرىدا قۇشلار سايرىشاتتى. دەريا سۈيىنىڭ بوغۇق ئاۋازدا گۈركىرەپ ئېقىشلىرى غۇۋا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. كەڭلىكى ئون نەچچە مېتىر، چوڭقۇرلۇقى بەش مېتىرچىمۇ كەلمەيدىغان بۇ دەريا بىزنىڭ بۇ يۇرتنىڭ جان تومۇرى ئىدى. پۈتۈن يۇرت مۇشۇ دەريانىڭ سۈيىدە ياشىرىپ تۇراتتى. گەرچە ئىلى دەرياسىدەك ھەيۋەتلىك دەريالارنىڭ ئالدىدا بىزنىڭ بۇ دەريا ئوتتۇراھال ئۆستەڭچىلىك كۆرۈنسىمۇ، مويسىپىتلارنىڭ يىراقتىن رىۋايەت قىلىپ بېرىشىچە، بۇ دەريا بۇرۇنلاردا چوڭ دەريا ئىكەنمىش. تۇغلۇق تۆمۈر زامانىدا بۇ دەريانىڭ كەڭلىكى بىر چاقىرىمدىن ئارتۇق بولۇپ، دەريا ئېقىنى راۋۇرۇس 40 ئاتنى چۆكتۈرۈۋېتەركەن. تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ قوشۇنى بۇ دەريادىن نۇرغۇن ساللار بىلەن ئۆتكەنمىش. كېيىنكى زامانلاردا دەريا ئېقىنى ئۈزلۈكسىز تارىيىپ ۋە تىنىپ كىچىكلەپ ھازىرقى ھالەتكە كېلىپ قالغانمىش. لېكىن بۇنىڭ زادى قايسى زامانلاردىكى ئىش ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بايان قىلىپ بېرەلمەيتتى.
بىز ئۆزىمىز ئېلىپ كەلگەن ھەر خىل تاتلىق – تۇرۇم، يەل – يېمىش، گازىر – پۇرچاقلىرىمىزنى داستىخانغا تۆكۈپ بىر كۈنلۈك پائالىيىتىمىزنى باشلىدۇق. ناخشا ئېيتىش، تانسا – ئۇسسۇل ئويناش، لەتىپە – يۇمۇر ئېيتىپ كۈلۈش بىزنى غەم – غۇسسە بولمىغان بىر دۇنياغا باشلاپ كىرىپ كەتكەن ئىدى. لېكىن مېنىڭ ئىچىمدە تېرىلىرى يالتىراپ تۇرغان بىر يىلان سويلايتتى ۋە سەندىن ئىبارەت بىر تال بۇغداي دېنىنى دەم تارتىپ شوراش ئۈچۈن تىرىشاتتى.
لالە، سەن شۇ كۈننىڭ قانداق كۈن ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغان بولغىيمىتىڭ ياكى قەستەن ئەس – خاتىرەڭدىن كۆتۈرۈۋەتكەن بولغىيمىتىڭ. ئۇ كۈن 31- ماي ئىدى. 31- ماي بولسا سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ ئىدى. گەرچە بۇ كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنىڭ سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ، سەن بىلەن مۇشۇنداق بىر خۇشال كەيپىياتتا بىللە بولغىنىمدىن خۇرسەنلىك ھېس قىلاتتىم. راستىنى دېسەم، مەن ئاخشامدىن بۇيان ساڭا دەيدىغان گەپلىرىمنى كۆڭۈل خاتىرەمگە بىر – بىرلەپ نەقىشلەپ چىققان ۋە بۈگۈن بۇ گەپلەرنى سۆز يۇلتۇزلىرىغا ئايلاندۇرۇپ ساڭا تۇغۇلغان كۈن سوۋغىسى قىلىپ تۇتماقچى ئىدىم. لېكىن مېنىڭ سەن ھەققىدىكى ئارزۇ – ئارمانلىرىم يەنىلا ۋاقىت تۇلپارىنىڭ ئارقىسىدا قالماقتا ئىدى. ئىچىمدە بولسا سەن ھەققىدىكى گۈزەل بىر كۈي يېقىملىق رەۋىشتە ياڭرايتتى. بۇ بۈگۈن سەن ئاڭلاشقا نېسىپ بولماي قېلىۋاتقان ئەمما ساڭىلا ئاتالغان ناخشا ئىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر ئاۋازسىز كۆڭۈل ئىلھامى ئىدى.
لالە، ۋاقىت دېگەن كۆكتە ئەركىن پەرۋاز قىلىپ كېتىۋاتقان قاناتلىق قۇشقىلا ئوخشايدىكەن. ئوخشىمايدىغان يېرى ۋاقىت بىر ئورۇندىن تەكرار ئۆتمەيدىغان قۇش ئىكەن. ۋاقىتتىن ئىبارەت بۇ شەكلى يوق قۇشنى ياكى قەپەسكە سولىۋالغىلى ياكى قانىتىنى بوغۇپ دەرەخ شېخىغا باغلاپ قويغىلى بولمايدىكەن. بىز ھەر بىر تىنىق ۋاقىت بوشلۇقىدىن بىر قېتىمدىنلا ئۆتىدىكەنمىز. ئۆتكەن ۋاقىتتىن بىزگە قالىدىغىنى پەقەت غۇۋا ئەسلىمىلا بولىدىكەن، خالاس.
دەريا بويىدىكى ھېلىقى دالا سەيلىسىمۇ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئالدى – كەينىدىكى جىددىيچىلىكمۇ ئاستا – ئاستا كۆڭۈل خاتىرىلىرىمىزدىلا قالدى. مەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى بىر قېتىملىق نەق مەيدان سوتىدەك تەسەۋۋۇر قىلدىم. لېكىن سېنىڭ قانداق تەسەۋۋۇر قىلغىنىڭ ماڭا نامەلۇم، لالە. بەلكى سەن قانداشلىق مېھرىمۇ ھەم زۇلۇممۇ بولمىغان باشقا بىر تىنچ ماكانغا قۇش بولۇپ ئۇچۇپ كېتىپ تەسەۋۋۇر قىلغانسەن. بۇنى مەن قايسى كۈندىكى سۆزلىرىڭدىن ھېس قىلغان ئىدىم.
ئۇ كۈنى سەن يەنە ھېلىقى بالا بويى ئۆسكەن قوناقلىق بويىدا قايسىدۇر بىر كىتابنى كۆرۈپ ئولتۇرغان ئىكەنسەن. نەچچە ئاي بۇرۇنقى بالا بويلۇق قوناقلار مانا ئەمدى ئادەم بويى بىلەن تەڭ ئۆسۈپ، غول – شاخلىرىمۇ توملىشىپ، قىزىرىشقا باشلىغان ئىدى.
−− يالغۇز ئولتۇرۇپ كېتىپسەنغۇ؟ −− يېنىڭغا كېلىپ سورىدىم.
−− بىكار بولۇپ قاپتىكەنمەن، كىتاب كۆرگەچ ئارام ئېلىپ ئولتۇرۇۋېدىم، −− سەن كىتابنىڭ بىر بۇرجىكىنى قاتلاپ كىتابنى ياپقاچ جاۋاب بەردىڭ.
−− سەن نېمە يىللىق، لالە؟
−− قانداق دەيسەن؟
سەن مېنىڭ نېمىنى بىلمەكچى بولغىنىمنى ئاڭقىرالمىغاندەك قايتۇرۇپ سورىدىڭ.
−− سېنى، قوناق يىللىقمىكىن دەپ گۇمان قىلىپ قېلىۋېدىم.
جاۋابىم ساڭا بەك قىزىق تۇيۇلۇپ كەتتىمۇ، قانداق، چاڭىلداپ كۈلۈپ كەتتىڭ. سېنىڭ بۇنداق كۈلگەن ۋاقتىڭدىكى ئاۋازىڭ شۇنداق جاراڭلىق ئىدى. قاچانلاردىدۇر كۈلكىدىمۇ گۈزەللىك بولىدۇ، دەپ ئاڭلىغىنىم يادىمدا ئىدى. سېنىڭ جانان چىنىدەك جاراڭلاپ كۈلگەن ۋاقتىڭدىكى گۈزەللىكىڭگە قاراپ بۇ گەپكە تولۇق ئىشىنىپ قالدىم. شۇ تاپتا سېنىڭ شۇ گۈزەللىكىڭنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن سېنى توختاتماي كۈلدۈرسەم، دەپمۇ خىيال سۈرۈپ قالدىم. لېكىن بۇ مۇمكىن ئەمەستە ! نەدىمۇ تۈگىمەيدىغان نەرسە بولسۇن. مەيلى قايسى خىل شەكىل ۋە مەزمۇندىكى بولسۇن، مەيلى قايسى ھالەت ۋە ئورۇندا بولسۇن باشلىنىش نۇقتىسىغا ئېرىشكەن ھەر قانداق بىر نەرسە ئاخىرلىشىش نۇقتىسىغا خۇلاسىلەنمەي قالمايدۇ. بۇ بىر تەبىئىي قانۇنىيەت. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن، ئىنسان ئۆلمەسلىكى كېرەك ئىدى. چۈنكى ئىنسان ئىنسانلىق ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلمايدۇ. ئىنسانىيەت تارىخىدا بۇ خىل ئارمان ئىچىدە ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسىنى ئىزدەپ ئۆلۈپ كەتكەنلەر ساماندەك. ھېچكىم ئەجەل پەرىشتىسى كەلگەندە ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالغان ئەمەس. شۇڭا ھەر قانداق بىر نەرسە ئاخىرلىشىش نۇقتىسىدىن يىراق ئەمەس، بەلكى ئاخىرلىشىش نۇقتىسىنىڭ قورشاۋىدا بولغان بولىدۇ. ئاخىرلىشىش نۇقتىسىدىكى غايەت زور كۈچ بار نەرسىنى ئىلگىرى مەۋجۇت بولۇپ باقمىغاندەك يوق قىلىۋېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن مەۋجۇت بارلىق ماڭا خۇددى بىر قېتىملىق چۈشتەكلا تۇيۇلىدۇ.
−− قوناق يىللىق دەپمۇ يىل بولامدۇ، كامال؟ نېمانداق قىزىق گەپ قىلىسەن.
−− مىسالەن شۇنداق بولسىچۇ؟
−− بىراق بۇ مىسالەندىمۇ مۇمكىن بولمايدۇ – دە.
−− مەن دەيمەن لالە، مەن مۇشۇ قوناقلارنى كۆرسەملا سېنى ئەسلەپ قالىمەن.
−− ئەمىسە قوناق بولمىسا مېنى ئەسلىمەيدىكەنسەندە؟
−− كىم شۇنداق دەيدۇ؟
−− ھازىر ئۆزۈڭ شۇنداق دېدىڭغۇ.
−− بۇ مۇمكىنمۇ؟
−− ئەلۋەتتە مۇمكىن.
−− قانداق دەيسەن؟
−− چۈنكى قىشتا قوناق بولمايدۇ – دە.
−− لېكىن مېنىڭ سەن ھەققىدىكى خىيالىم قىشتىمۇ توزۇپ كەتمەيدۇ، لالە.
−− بىلەمسەن كامال؟
−− نېمىنى؟
−− مەن سېنى شۇنداق ھۆرمەتلەيمەن. سېنى بۇ دۇنيادىكى بىردىنبىر يېقىن ئادىمىمدەكلا ھېس قىلىمەن.
−− بۇنداق سېزىم مەندىمۇ بار، لالە.
−− بەزىدە سېنى ئاكام بولۇپ قالغان بولسا قانداق ياخشى بولار ئىدى، دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن تېخى.
−− بىر كۈنلەرگە كەلگەندە مېنى ئۇنتۇپمۇ كېتەرسەنمۇ لالە؟
−− ياق كامال، بىز مەڭگۈ يېقىن دوستلاردىن. مېنى پەقەت سەنلا تولۇق چۈشىنىسەن، مەنمۇ ساڭىلا ئىچ سىرىمنى دېيەلەيمەن.
−− بىلەمسەن لالە، مەن سېنى بىر كۈنلىرى تۇيۇقسىزلا كۆز ئالدىمدىن غايىب بولۇپ كېتىدىغاندەك ھېس قىلىمەن. شۇنى ئويلىسام كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولىدۇ دېگىنە.
−− سەن ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ قالساق دېمەكچىمۇ؟
−− ئۇمۇ بار لالە. ئۇنىڭدىن باشقا سەۋەبلەرمۇ بار.
−− سەن بەك چوڭقۇر ئويلاپ كەتتىڭمۇ، قانداق؟
−− بىلمەيمەن. ئىشقىلىپ سېنى مەڭگۈ يېنىمدىلا بولسىكەن دەيمەن.
−− مانا، مەن سېنىڭ يېنىڭدىغۇ كامال.
−− ئەخمەق قىز بالا، بەزىدە سەن ماڭا سەككىز ياشلىق قىز بالىدەكلا كۆرۈنىسەن جۇمۇ.
−− ياق كامال، مەن تېزرەك چوڭ بولسام دەپ خىيال سۈرىمەن.
−− نېمىشقا؟
−− مەن ھازىر چوڭ بولۇپ مۇستەقىل ياشاشنىلا ئويلايمەن. بەلكىم سەن بۇنى مەندەك روشەن ھېس قىلالماسلىقىڭ مۇمكىن. چۈنكى سەن موھتاجلىق، خورلۇق تارتىپ چوڭ بولمىدىڭ. ئىككىمىزنىڭ بالىلىق دۇنياسى بىر – بىرىگە تامامەن ئوخشاشمايدىغان ئىككى خىل دۇنيا. سېنىڭ بالىلىق دەۋرىڭ قۇياش نۇرىدىكى كۆل يۈزىدەك چىرايلىق بولسا، مېنىڭ بالىلىق دەۋرىم ئۆزۈمنىڭ كۆز ياشلىرىمدا چايقىلىپ ئۆتتى. مەن يىغلاشتىن بەك قورقىمەن، كامال. چۈنكى مەن ياش تۆكسەم كۆز يېشىم چۈشكۈدەكمۇ يەر يوق. شۇڭا يۈرىكىمدە يىغلىسام يىغلايمەنكى، ھەرگىزمۇ كۆزۈمدە يىغلىمايمەن.
−− بولدى سۆزلىمە لالە!
−− كۆڭلۈڭنى يەنە بىئارام قىلىپ قويدۇممۇ، قانداق؟ مېنىڭ مۇشۇ سېپىلى يوق ئاغزىمنىزە…
−− مەن ئۇنداق دېمەكچى ئەمەس.
−− مەن چۈشەندىم كامال، سېنىڭ كۆڭلۈڭ بەك يۇمشاق. ماڭا ئىچ ئاغرىتىسەن، ماڭا ھېسداشلىق قىلىسەن. مەنمۇ كۆڭلۈم بۇزۇلغان چاغلاردا ئىختىيارسىزلا سېنى ئويلاپ قالىمەن.
−− سەنمۇ مېنى ئەسلەپ قالامسەن، لالە؟
سەن يىراقلارغا تىكىلدىڭ. شۇ تاپتا ئاۋازىڭنى شۇنداق ئاڭلىغۇم بولسىمۇ، لېكىن ئاڭلىيالمىدىم.
ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت كىتابتىكى يەڭگىل تېكىستتەك خېلى ئۇزۇن داۋام قىلدى. بۇ جەرياندا مەن ساڭا بولغان مۇھەببەت ھېسسىياتىمنى ئىپادىلەشكە خېلىلا زورۇقۇپ باققان بولساممۇ، ئۈمىد قۇشۇم يەنىلا ئاخىرقى مەنزىلگە يېتىپ بارالماي، تالغان قاناتلىرىنى ھالسىز قېقىپ كۆكتىن يەر يۈزىگە چۈشۈپ كەتتى.
ھەيرانمەن، بىر قىزنى ياخشى كۆرۈشتىن ئۇ قىزغا »مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن« دېيىش نېمانچە قىيىندۇ. ياكى بۇ خىل ھالەت مەندىلا زاھىر بولۇۋاتامدىكىن، بىلمەيمەن. مەن ئۆزۈمنىڭ مەۋجۇت رېئاللىقىدىكى تىرىك بىر قىزنى ياخشى كۆرىمەن، ئۇنىڭغا تەلپۈنىمەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئازابلىنىمەن، ئۇنىڭغا مۇھەببەت ئىزھار قىلىشقا ئۇرۇنىمەن. بىراق سۆز ھايۋانلىرىم بوغۇز چۆلۈمدىن ئۆتەلمەيدۇ، سۆيگۈ قۇشۇم قەلب چىمەنزارىڭغا كىرىش ئالدىدا قاناتلىرى قايرىلىدۇ. تەشنالىقتا قاغجىراپ كەتكەن ۋۇجۇد گۈلىستانىم بۇلاق بويىدا چاكىلداپ قۇرۇپ كېتىدۇ.
قايسىدۇر بىر ھېكايىدە مۇنداق بىر ۋەقە بايان قىلىنغان ئىدى. ھېكايىدىكى باش پېرسوناژ ئۆزىنىڭ رەقىبىنى ئۆلتۈرۈۋېتىش خىيالىنى ئەللىك يىل ئەمەلگە ئاشۇرالماي ئاخىر رەقىبىدىن بۇرۇن ئۆزى ئۆلۈپ كېتىدىكەن. رەقىبى بولسا ئۇنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ناھايىتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈپ بېرىدىكەن. مەن ناۋادا بۇ باش پېرسوناژ رەقىبىنى ئۆلتۈرۈش خىيالىنى رەقىبىگە بىلدۈرۈپ قويغان بولسا رەقىبى ئۇنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ئاشۇنداق داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈپ بېرەر بولغىيمىتى، دەپ ئويلاپ قالغان ئىدىم. مەنچۇ؟ مەن سېنى ياخشى كۆرىدىغىنىمنى ساڭا دېيەلمەيمەن. مەنمۇ ئەللىك يىل بۇ گەپنى ساڭا دېيەلمىسەم، ئېھتىمال ئەللىك يىلدىن كېيىن مەنمۇ ئۆلۈپ كېتىشىم مۇمكىن. ئەللىك يىل كېيىنكى سەن بولساڭ باشقا بىر ئەرنىڭ خوتۇنى بولۇش سۈپىتىڭ بىلەن بەلكىم مەن ئۈچۈن يوشۇرۇن ھالدا ئىخلاس بىلەن بىرەر قېتىم دۇئا قىلىپ قويۇش بىلەنلا چەكلىنىسەن، خالاس. دېمەك، مەن بىلەن ھېكايىدىكى باش پېرسوناژ ئوتتۇرىسىدا مانا مۇشۇنداق ئورتاقلىق بار. يەنى، ھەر ئىككىمىز كۆڭلىمىزدىكى تۈگۈننى يېشەلمەي ئۆلۈپ كەتكىنىمىز ئۈچۈن ھېسداشلىققا ئېرىشىمىز. ئەمما بۇ ھېسداشلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن ھاياتىمىزنى قانچىلىك ئازاب ئىچىدە ئۆتكۈزىدىغانلىقىمىزنى ئۆزىمىزدىن بۆلەك ھېچكىم بىلمەيدۇ. مەن بۇنداق مەڭگۈلۈككە سوزۇلۇپ كېتىش ئېھتىمالى بار بولغان ئازابنى روھ سۈيۈمدە سۇغارماسلىقىم ئۈچۈن ساڭا بولغان ھەقىقىي ھېسسىياتىمنى ئاشكارىلىشىم كېرەك. لېكىن سەن مېنىڭ ساڭا بولغان مۇھەببىتىمنى رەت قىلىۋەتسەڭ ياكى قوبۇل قىلمىساڭچۇ؟ سېنىڭ مېنىڭ ساڭا بولغان مۇھەببىتىمنى رەت قىلىۋېتىشىڭ ياكى قوبۇل قىلماسلىقىڭ بىلەن مېنىڭ قەلبىمدىكى ساڭا بولغان قىزغىن ئىشتىياقنىڭ توزۇپ كېتىشى ناتايىن. ئەمەلىيەتتە مەن ساڭا مۇھەببەت ئىزھار قىلىشتىن ئەمەس، بەلكى مۇھەببىتىمنىڭ رەت قىلىۋېتىلىشى ياكى قوبۇل قىلىنماسلىقىدىن قورقىمەن. مەن كۆرگەن نۇرغۇن مۇھەببەت ھېكايىلىرىدە تۇنجى مۇھەببەت ھامان مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدىكەن. يەنە نۇرغۇن داڭلىق شەخسلەر، ھەتتا بىر ئۆمۈر قىزلار بىلەن سۆيگۈنى تەسۋىرلەپ ئوتلۇق شېئىرلارنى يازغان شائىرلارمۇ بىر ئۆمۈر تۇنجى مۇھەببەتنىڭ قالدۇرغان داغۇ ھەسرىتىدە پىغان چېكىپ ئۆتۈپ كەتكەنىكەن. مەن بولسام مۇھەببەت ھېكايىلىرىدىكى پېرسوناژ ئەمەس ياكى ئۇنداق داڭلىق شەخسمۇ ئەمەس، لېكىن ئۇلار بىلەن ھېسسىيات ئورتاقلىقىم بار. شۇڭا ئۆزۈمنى ئۆزۈم تۇنجى مۇھەببەتنىڭ قۇربانى قىلىۋېتىشتىن قورقىمەن.
كېچە. ئاسماندىكى تولۇن ئاي چار بازارچى ئاياللارنىڭ ئالدىدىكى چىرايلىق بۇغداي نېنىدەك پارلاپ تۇرىدۇ. تولۇن ئاينىڭ مۇرادىغا يېتىپ پىشقان سۈتنىڭ يۈزىدەك ئاق – سېرىق نۇرى دەرەخلەردىكى يېشىل يوپۇرماقلارنىڭ ئۈستىدە، ئۆگزىلەرنىڭ قارا ئىس باغلاپ كەتكەن مورىلىرىنىڭ ئۈستىدە، ئېرىقلاردا ئويناقشىپ ئېقىۋاتقان سۈزۈك سۇلارنىڭ سىلىق – كۆكۈچ يۈزىدە بەخت رەڭدە سوزۇلۇپ ياتىدۇ. ئاسمان كۆكسىنىڭ زىننەت چىرىغى، كېچە يۈزىنىڭ نۇرلۇق كۆزلىرى بولمىش سان – ساناقسىز يۇلتۇز چېچەكلىرى چۆچەكلەردىكى مەلىكىلەرنىڭ بوينىدىكى مەرۋايىتلاردەك چاقناپ تۇرىدۇ. ناگان – ناگاندا ئۇزۇن ئاق ئىز قالدۇرۇپ ساقىغان يۇلتۇزلار، قانداقتۇر بىر يورۇق ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىن لەيلەپ ئۆتۈشلىرى ئادەمدە غەلىتە قىزىقىشلارنى قوزغايدۇ. مەن چاقناپ تۇرغان يۇلتۇز چېچەكلىرىدىن كۆزلىرىڭنى، پارلاپ تۇرغان ئايدىن رۇخسارىڭنى قىياس قىلىمەن.
مەن قانچە كېچىلەرنى سېنى خىيال قىلىپ ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگىنىمنى، يەنە قانچە كېچىلەرنى بۇ كېچىلەرنىڭ داۋامى سۈپىتىدە ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزىدىغىنىمنى بىلمەيمەن. بۇ كۈنلەردىكى مەن ھېلىقى بارسا كەلمەس يولغا كىرىپ كەتكەن ئادەمگىلا تەققاس بولۇپ قالغان ئىدىم.
مۇھەببەتنىڭ قانداق شەكىل، قانداق رەڭدىكى ھېسسىيات ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن. قىزلارنى ياخشى كۆرۈش تۇيغۇسىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئازاب بىلەن مەنىداش بولىدىغانلىقىنى تېخىمۇ بىلمەيمەن. يات بىر ئەرنىڭ يەنە بىر يات ئايالنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىدىكى سىرنى يېشەلمەيمەن. شۇنداقلا يەنە ئاياللار بولمىسا ئەرلەرنىڭ قانداق مۇھىتتا ياشايدىغانلىقىنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن. مەن سېنى تۇنجى قېتىم قوناق بالا بويى بولغاندا ياخشى كۆرۈپ قالغىنىمنى ھېس قىلغان. ھازىر ئۇ چاغدىكى بالا بويى قوناقلار ئادم بويىدىنمۇ ئۆسۈپ كەتتى. لېكىن بۇلارنى سەن ھېس قىلالامسەن – يوق، بۇنىسى ماڭا قاراڭغۇ. نېمىلا بولمىسۇن سەن ماڭا گۈزەل بىر خىيال بىلەن گۈزەل بىر ئازابنى ئاتا قىلغان ئىدىڭ. ئۆز ھاياتىدا ئەسلىگۈدەك كەچۈرمىشى يوق ئادەمنىڭ قانچىلىك بىچارە ئىكەنلكىنى بەلكىم شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەسلىكى مۇمكىن. مېنىڭ بۇ كېچىدىكى سەن ھەققىدە سۈرگەن خىياللىرىمنىڭ داۋامى يەنە بۇرۇنقىدەكلا سېنىڭ ئاۋازىڭغا قوشۇلۇپ كەتتى.
−− ئالىي مەكتەپ جەننەتمۇ، كامال؟
−− مېنىڭچە، ئالىي مەكتەپ ئۈمىد.
−− ماڭا شۇ ئۈمىد نېسىپ بولارمۇ؟
−− ئەلۋەتتە.
−− بىراق مەن قورقىمەن.
−− نېمىدىن؟
−− ئۆتەلمەي قېلىشىمدىن.
−− مېنىڭچە سەن چوقۇم ئۆتۈپ كېتىسەن. كۆڭلۈڭنى توق تۇتقىن.
−− شۇنداقتىمۇ يەنە قورقىمەن، كامال.
−− يەنە نېمىدىن قورقىسەن؟
−− ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ قېلىشىمدىن.
−− بۇ قانداق گەپ بولدى لالە؟ ئۇ بىر خۇشاللىق تۇرسا، نېمىدەپ قورقۇنچ ھېس قىلىسەن؟
−− ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشقا نۇرغۇن پۇل كېتەر – ھە؟
−− ھەئە.
−− مېنى كىم ئوقۇتىدۇ، كامال؟
ئۇھ…
پويىزدەك ئۇزۇن بىر تىنىق بوغۇزۇمدا بىر نەچچە نەپەس قىينالغاندىن كېيىن تۇمشۇقىمدىن پۇرقىراپ چىقىپ كەتتى. چۈنكى ئاخىرقى سوئالىڭ مېنىڭ سەن ھەققىدىكى ئەنسىرەشلىرىمنى ئايان قىلغان ئىدى. شۇ ھالدىكى سەن گوياكى تۆت ئەتراپى سۇ بىلەن قورشالغان يېشىل ئارالغىلا ئوخشايتتىڭ. بۇ ئارالدىكى سەن مەيلى قايسى تەرەپكە نەزەر سالما، قايسى يۆنىلىش بويىچە سەپەر قىلما يولۇڭغا پايانسىز سۇدىن ئىشكەل سېلىنغان ئىدى.
كېيىن سەن نېمىلەرنى دېدىڭ، مەن نېمىلەرنى دېدىم ھېچنېمە يادىمدا قالماپتۇ. ئارىدىكى كۈنلەر خۇددى باش باھاردىكى سېرىق چۈمۈلىلەردەك بىرىنىڭ ئارقىسىدىن بىرى ئەگىشىپ ئۆتۈۋەردى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە قولۇمغا ئالى مەكتەپنىڭ قىزىل تامغىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قەغىزى كېلىۋېدى، بېشىم كۆككە يەتكەندەك بولۇپ كەتتى. چۈنكى مېنىڭ 11يىللىق قاپىقىم مۇۋەپپەقىيەتلىك يېرىلىپ، نۇسرەتلىك بىر ھۆكۈمنامىگە ئېرىشكەن ئىدىم. گەرچە خۇشاللىقتىن ئىبارەت بۇ سېزىم بىر ئادەمنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى تۇيغۇ بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن كۆپ ئادەمنىڭ مەنپەئەتلىنىش قانۇنىيىتى بولىدىكەن. مېنىڭ بۇ خۇشاللىقىمدىن ھەممىدىن كۆپ خۇشال بولغان ئادەم دادام بىلەن ئاپام بولدى. ئۇلارنىڭ قىزىل تامغىلىق قەغەزگە قاراپ تىترەپ تۇرۇپ ھاياجانلىنىشلىرىنى ئۆمۈرۋايەت ئۇنتۇيالمايمەن ھەم ئۇنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرىشكىمۇ ئاجىزلىق قىلىمەن. خۇشاللىقىنى ئىچىگە سىغدۇرالمىغان ئاپام بىر كۈن كەچ بولغىچە مەھەللىدە قاتراپ يۈردى. ئاندى كۈننىڭ كەچ بولۇشىغا قارىماي دەرۋازا ئالدىلىرىنى پاكىز سۈپۈرۈپ سۇ چاچتى. دادام بولسا ئۈزۈم تەكلىرىنى بىراقلا ئاغدۇرۇپ، قورۇدىكى سەي – كۆكتاتلارنى پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن پەرۋىشلەپ چىقتى. مەن ئۇلارنىڭ روھىيىتىدە نامايان بولۇۋاتقان بۇ خىل سۆيۈنۈشكە قاراپ ئۈزۈمنى خۇددى ئاق ئاتقا مىنىپ گۈزەل بىر مەنزىلگە مېڭىش ئالدىدىكى شاھزادىلەردەك ھېس قىلاتتىم. شۇ چاغلاردىمۇ كۆڭلۈمنىڭ ھېچكىمنىڭ كۆزى كۆرەلمەيدىغان بىر يەرلىرىدە سەن كۈلۈمسىرەپ تۇراتتىڭ. كاللامدا بولسا، مېنىڭ بۇ خۇشاللىقىمدىن لالەمۇ خەۋەر تېپىشى كېرەك، دەپ ئويلايتتىم. چۈنكى بۇ ئوتتا ئىككىمىز تەڭ كۆيگەن. شۇڭا بۇ ئوتنىڭ لەززىتىدىن ئىككىمىز ئورتاق بەھرىلىنىشىمىز كېرەك. بەلكىم پات ئارىدا بۇ بىر پارچە قىزىل تامغىلىق قەغەز سېنىڭمۇ ئىسسىق، يۇمشاق قولۇڭغا قۇش بولۇپ قونار. شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ ھايات مۇساپەڭ بىراقلا ئۆزگىرىپ، ئۆزۈڭ كېچە – كۈندۈز ئارمان قىلىپ كېلىۋاتقان خىيالىڭدىكى گۈزەل دۇنيارىڭنىڭ ۋەسلىگە يېتەرسەن.
كەچلىك تاماقتىن كېيىن قوناقلىق بويىغا چىقتىم. دىمىق ھاۋا بىلەن قارا چېكىتتەك ئۇششاق ھاشارات – كۇمۇتىلار ئادەمنى بىئارام قىلاتتى. بىر – بىرىگە سوقۇلۇپ كېتىدىغاندەك قىيپاش بولۇپ ئۇچۇۋاتقان ئۇششاق كۇمۇتىلار سەللا دىققەت قىلمىسا كۆز، ئېغىزلارغا كىرىپ كېتەتتى. تاغ باغرىغا چۆكۈۋاتقان قۇياشنىڭ سۇس قىزغۇچ نۇرى قوناق شاخلىرىنىڭ يېشىل پۆپۈكلۈك ئۇچىدا ئاجىز پارلايتتى. بىلەكتەك – بىلەكتەك باش ئالغان قوناقلارنىڭ ئۇششاق، يۇمشاق پۆپۈكلۈك ساقاللىرى قوناق بېشىنىڭ قاتمۇقات پوستى ئۈستىدە تەكشى يېيىلىپ ساڭگىلاپ تۇراتتى.
مەن بۇ يەرگە سېنى بار دەپ كەلدىممۇ، ياكى سېنى سېغىنىپ كەلدىممۇ بىلمەيمەن. ئىشقىلىپ سەن ماڭا ھامان مۇشۇ يەردە تىزىڭنى قۇچاقلاپ تۇرغان يۇمران بىلىكىڭگە بېشىڭنى قويۇپ نەلەگىدۇر خىيال بىلەن تىكىلىپ ئولتۇرغاندەكلا تۇيۇلىسەن. ئەمەلىيەتتە مېنى بۇ يەرگە باشلاپ كەلگىنى بولسا باشقا نەرسە بولماستىن دەل ئۈمىد ئىدى. ئادەملەر ئۆلۈپ كەتسىمۇ ئۈمىد ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان بۇ جاھاندا بىزنى پەقەت ئۈمىدلا ئەتىدىن ئەتىگە ئۇلاشتۇرىدۇ. ھەممە ئادەم ئۆلۈپ كېتىدىغان مۇقەددەس قانۇنىيەت ئىچىدە ئۆلۈم ۋاقتىنىڭ سىر تۇتۇلۇشىمۇ ئۈمىدنىڭ ئۈزۈلۈپ كەتمەسلىكىنى قوغداشتىكى ئۇلۇغ مۆجىزىلەرنىڭ بىرى بولسا كېرەك. ناۋادا بىز ئۆزىمىزنىڭ قاچان، قەيەردە ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىمىزنى ئالدىن بىلسەك بىزدىكى ھاياتقا بولغان ئۈمىد ئۈزۈلىدۇ – دە، ياشاشنى ئەمەس بەلكى ئۆلۈپ كېتىشنى كۈن ساناپ كۈتۈپ ئولتۇرغان بولىمىز ۋە بىزدىكى ھاياتقا بولغان ئىشەنچ، مۇھەببەت مەۋجۇت بولمايدۇ. ھەتتا ۋەھىمىلىك ئۆلۈم قورشاۋىدا مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆلۈپ كېتىشىمىزمۇ مۇمكىن. شۇڭا ھاياتلىقتىكى بىر قىسىم مۆجىزىلەر سىرىنىڭ بىز ئىنسانلاردىن سىر تۇتۇلۇشى بىزگە ئاتا قىلىنغان پاك نېمەتلەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
قوناق شاخلىرىنىڭ ئۈستىدىكى قۇياشنىڭ سۇس سېرىق نۇرىمۇ ئاستا – ئاستا ئۆچۈشكە باشلىدى. مەن بۇ يەردە ئۆزۈم يالغۇز تاكى يۇلتۇز گۈللىرى ئاسمان كۆكسىدە غۇچچىدە پورەكلەپ، تۈن مەلىكىسى قارا يېپىنچىسىنى زېمىن يۈزىگە تولۇق يېپىپ بولغىچە تۇردۇم. قوناقلىق بويىدىكى ئىككى ئات قاتار ماڭغۇدەك كەڭلىكتىكى يولغا ئۈمىد بىلەن پات – پات قاراشلىرىم ئاخىر تۈن قاراڭغۇلۇقىدا ئاستا – ئاستا غايىپ بولدى.
ئەتىسى سەھەردە سېنى دەرۋازاڭنىڭ ئالدىنى سۈپۈرۈپ، سۇ چېچىۋاتقان ھالەتتە ئۇچراتتىم. سەن ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىگەندەك قىلدىڭ. مەن ئۇدۇللا يېنىڭغا كەلدىم.
−− ياخشى تۇردۇڭمۇ لالە؟
−− ئانچە ياخشى ئەمەس.
سېنىڭ ئادەت يۈزىسىدىن بولسىمۇ »ياخشى« دېگەن جاۋابنى بەرمەسلىكىڭ مېنى ھەيران قالدۇردى.
−− مىجەزىڭ يوقمۇ نېمە؟
−− بىلمەيمەن.
−− ئاخشام سېنى چىقىپ قالارمىكىن دەپ خېلى بىر كەمگىچە ساقلىدىم، بىراق سەن چىقمىدىڭ.
−− ھە راست، مۇبارەك بولسۇن، ساڭا چاقىرىق كەپتۇ.
−− رەھمەت لالە، مەنمۇ ساڭا مۇشۇ خەۋەرنى يەتكۈزەي دېگەن. سېنىڭكىدىن خەۋەر يوقمۇ تېخى؟
−− ھازىر ئىشىم بارتى، كامال. مەن كىرىپ كېتىۋېرەي، كەچتە قوناقلىقتا كۆرۈشەيلى.
−− ماقۇل، ئەمىسە كەچتە كۆرۈشەيلى، لالە.
سەن بېشىڭنى يېنىك لىڭشىتىپ، سۇس كۈلۈمسىرەپ قويغاچ ئارقاڭغا بۇرۇلدۇڭ. كەچلىك قۇياش نۇرى قوناق شېخىنىڭ ئۈستىدىن سۈرۈلۈپ يوقالغان چاغدا قوناقلىق بويىغا كەلدىم. بۇ چاغدا سەن مەندىن بۇرۇن كېلىپ بولغان بولۇپ، يەنىلا شۇ بۇرۇنقى ئورنۇڭدا يالغۇز ئولتۇراتتىڭ.
−− نېمە گېپىڭ بارتى لالە؟ −− مەن يېنىڭدا ئولتۇرغاچ ئۇدۇللا سورىدىم.
−− ئالدى بىلەن سېنى چىن دىلىمدىن قۇتلۇقلايمەن كامال. مۇبارەك بولسۇن!
−− رەھمەت ساڭا. ماڭا قارا، لالە، سېنىڭ يەنە باشقىچە گەپ – سۆزلىرىڭ باردەك قىلىدۇ، قانداق گەپ بولسا ئوچۇق دېگىن. مەن سەل دۆترەك، ئوچۇق دېمىسەڭ چۈشىنەلمەي قالىدىكەنمەن.
−− ئەمىسە بۇنى كۆرۈپ باققىن.
سەن ماڭا بىر پارچە قەغەزنى سۇندۇڭ.
−− نېمە بۇ؟
−− ئاۋۋال كۆرمەمسەن.
قولۇڭدىكى بىر پارچە قەغەزنى بىر پارچە چوغنى ئالغاندەك ئالدىم. كاللامدا ھەر قىسما خىياللار توزۇيتتى. مەن قەغەزنى ئېچىپلا كۆزلىرىم خۇشاللىقتىن كېرىلگەن ھالدا تۇرۇپ قالدىم. دەماللىققا تىلىمغا گەپمۇ كەلمەي قالدى. قولۇمدىكىسى ئالى مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزى ئىدى.
−− لالە، بىز يەنە بىر شەھەردە ئوقۇيدىغان بوپتۇق. بۇ نېمىدېگەن خۇشاللىق – ھە!
مەن سەن ئۈچۈن شۇنداق خۇشال بۇلۇۋاتاتتىم، لېكىن سەن ئانچە خۇشال ئەمەستەك قىلاتتىڭ.
−− كامال، مەن ئوقۇيالمايدىغان ئوخشايمەن، كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولۇۋاتىدۇ.
−− نېمىشقا؟ −− دەرھاللا قايتۇرۇپ سورىدىم سەندىن ئىچىمگە سوغۇق بىر تىترەك كىرىپ كەتكەندەك ئەندىكىپ.
−− ئۇلار قوشۇلمىدى.
سېنىڭ كىملەرنى دەۋاتقانلىقىڭنى دەرھال ھېس قىلىپ يەتتىم.
−− ئۆزۈڭچۇ، ئۆزۈڭ قانداق قىلاي دەپ ئويلاۋاتىسەن؟
سەن بىر ھازا ئىچىڭگە تىنىپ جىمجىت تۇرغاندىن كېيىن خۇددى ماڭا ئەمەس ئۆزۈڭگە گەپ قىلىۋاتقاندەك بوش ئاۋازدا دېدىڭ:
−− بىلمەيمەن.
ئىچىمدە ئاچچىق بىر نەرسە لۆمۈلدەشكە باشلىدى. پۇلدىن ئىبارەت بۇ نەرسە سېنىڭ ئىرادەڭنى ئاستا – ئاستا سۇندۇرماقتا ئىدى.
−− شەنبە كۈنى دەريا بويىغا بارالامسەن؟ −− سەندىن سورىدىم خېلى ئۇزاقتىن كېيىن.
−− قانداق دەيسەن؟
−− ساڭا دەيدىغان گەپ بارتى.
−− ھازىرلا دېسەڭ بولمامدۇ؟
−− ياق، شەنبە كۈنى بارساڭ دەيمەن، بارالامسەن؟
−− قانداق بولار؟
−− چوقۇم بارغىن لالە. مەن سەن كەلمىگىچە ھەرگىز كەتمەيمەن.
مەن سۆزۈمنى تۈگىتىپلا ئارقامغا بۇرۇلۇپ، سەندىن يىراقلاپ كېتىشكە باشلىدىم. سەن ئۆزۈڭدىن ئاستا – ئاستا يىراقلاپ كېتىۋاتقان ماڭا قاراپ تۇردۇڭمۇ ياكى باشقا يەرلەرگە قاراپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ قالدىڭمۇ بىلمەيمەن. ئۆزۈم بولسام ئارقامغا قاراپ باققۇدەكمۇ ماغدۇر يوق بىر ھالەتتە قوناقلىقتىن چىقىپ كەتتىم.
شۇ ئاخشامدىن بۇيان كاللامغا نۇرغۇن زىددىيەتلىك خىياللار كىرىۋالدى. مەن سېنى سۆيەتتىم، شۇڭا مەن سېنى خۇددى چۆچەكلەر دۇنياسىدىكى ئالتۇن كەشلىك مەلىكىدەك تەسەۋۋۇر قىلاتتىم. ئەمدى بولسا ئۆزۈمنى ئاشۇ ئالتۇن كەشلىك مەلىكىنىڭ يېنىدىكى ئاق ئاتلىق شاھزادىدەك تەسەۋۋۇر قىلىشقا باشلىدىم. مەن چوقۇم سېنىڭ ئاق ئاتلىق شاھزادەڭ بولۇپ سېنى ئۆزۈم بىلەن بىللە ئېلىپ كېتىشىم كېرەك. بۇرۇنقى زامانلاردا 18 ياش دېگەن شىر سۈپەت بىر ئەرنىڭ يېشى بولۇپ سانىلاركەن. 18 يېشىدا جەڭ قىلىپ باتۇر ئاتالغانلارمۇ، 18 يېشىدا تەختكە ۋارىسلىق قىلىپ شاھ ئاتالغانلارمۇ بولغان. مەن نېمىشقا 18 يېشىمدا ئۆزۈم سۆيگەن بىر قىزنىڭ دەردىگە دەرمان بولالمايمەن؟
ياق لالە. سەن مېنىڭ مەلىكەم، سەن مېنىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى رېئاللىقىم. شۇڭا مەن چوقۇم ئۆزۈمنىڭ رېئاللىقىغا يۈزلىنىشىم كېرەك.
شەنبە كۈنى دەريا بويىغا بالدۇرلا كېلىپ سېنى ساقلاشقا باشلىدىم. دەريا بويىدىكى توقايلىق ھازىر بۇرۇنقىدىنمۇ قويۇقلىشىپ، قاراڭغۇلىشىپ كەتكەنىدى. قۇياشنىڭ ئالتۇن رەڭ نۇرىمۇ دەرەخلەرنىڭ قويۇق شاخلىرى ئارىسىدىن ئۆتەلمەي، يوپۇرماقلارنىڭ ئارىسىدا ۋىلىلداپ چاقنايتتى. دەريا سۈيىنىڭ ئاۋازى يەنىلا بۇرۇنقىدەك بىر خىل رىتىمدا بوغۇق گۈركىرەيتتى. قۇشلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئاۋازلاردا چۇرۇقلاپ سايراشلىرىنى ئېنىق ئاڭلىغىلى بولاتتى – يۇ، قايسى دەرەخ، قايسى شاختا سايراۋاتقانلىقىنى ئىلغا قىلغىلى بولمايتتى. كۆزۈم توساتتىن يىراقتىن كېلىۋاتقان ساڭا چۈشتى. سەن كۆپكۆك چىم، يېشىل دەرەخ، سالقىن سايىلەر ئىچىدە خۇددى ئورمان مەلىكىسىدەك لەرزانغىنە قەدەم تاشلاپ ماڭا يېقىنلاپ كەلمەكتە ئىدىڭ.
−− ساقلىتىپ قويدۇممۇ كامال؟ −− سەن يېنىمغا كېلىپلا سورىدىڭ.
−− ياقەي، مەن سېنى مەڭگۈ ساقلاشقا رازى، لالە.
ئىككىمىزنىڭ دەريا بويىدىكى پارىڭى مۇشۇنداق باشلاندى.
−− لالە، بۇ يەردىكى ھېلىقى قېتىملىق دالا سەيلىسى پائالىيىتىمىز يادىڭدىمۇ؟
−− يادىمدا، قانداق دەيسەن؟
−− ئۇ كۈنى سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ ئىدى – ھە؟
سەن ھەيران قالغان ھالدا مەندىن قايتۇرۇپ سورىدىڭ.
−− ئۇنى سەن قانداق بىلەتتىڭ؟
−− مەكتەپتە ئانكىت تولدۇرغاندا كۆرۈپ قالغان.
−− سەن بۇ ئارقىلىق نېمە دېمەكچى كامال؟
−− مەن شۇ كۈنى سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭنى تەبرىكلەپ ناخشا ئوقۇغان.
−− چاقچاق قىلمىغىن كامال. نەدە ئۇنداق ئىش بولغان ئۇ كۈنى؟
−− راست دەۋاتىمەن.
−− سەن داۋاملىق مۇشۇنداق غەلىتە گەپلەرنى قىلىسەن – ھە، كامال؟
−− بىلەمسەن لالە، ئۇ مېنىڭ سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭنى تۇنجى قېتىم تەبرىكلىشىم ئىدى. شۇڭا شۇ كۈنى مەن سەن ئۈچۈن ئۆزۈم يازغان بىر پارچە تۇغۇلغان كۈن ناخشىسىنى ساڭا ئاتاپ ئوقۇغانتىم.
−− چۈشەندىم. دېمەك سەن ئۇ ناخشىنىمۇ ئىچىڭدە ئوقۇپتىكەنسەن – دە؟
−− ھەئە.
−− قانداق ناخشا بولغىيتى ئۇ؟
−− ساڭا ئوخشاش ھەم يېقىملىق، ھەم چىرايلىق ناخشىتى.
−− مەن يېقىملىقما؟
−− ئۆزۈڭ ھېس قىلمىغانمۇ؟
−− مەن سۆزلىرىڭنى پەقەتلا چۈشىنەلمەي قېلىۋاتىمەن. بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟
−− چوقۇم سەۋەب بولۇشى كېرەكمۇ لالە؟
−− مەن بەك تاسادىپىيلىق ھېس قىلىپ قالدىم.
−− ئەمىسە سەۋەب كۆرسىتەي لالە، چۈنكى…
سۆزۈمنى داۋاملاشتۇرالماي توختاپ قالدىم. بىر جۈپ قاپقارا قوي كۆزۈڭ ماڭا تەئەججۈپ بىلەن تىكىلىپ قالغانىدى. مەن بولسام ساڭا دېمەكچى بولغان سۆزلىرىمنى قەيەردىن، قانداق باشلاشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم. ئىچىمدىكى سۆزلەر خۇددى قۇم بىلەن بۇغداي دېنى ئارىلىشىپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى.
−− گەپ قىلغىن كامال!
يېقىملىق ئاۋازىڭ قۇلاق پەردەمدىن سىلىققىنە ئۆتۈپ ئىچىمگە يامغۇردەك تۆكۈلۈپ كەتتى. ئىچىمدىكى سۆزلەر ئىچىمدىن قايناپ چىقىپ بوغۇزۇمدا كۆپۈپ – سەمرىمەكتە ئىدى.
−− چۈنكى… مەن سېنى.. . لالە…
مەن سۆزۈمنى داۋاملاشتۇرالماي يەنە تۇرۇپ قالدىم.
−− چۈنكى، مەن سېنى، نېمە شۇ كامال؟ −− سەن يەنە سورىدىڭ. مەن يۈرىكىمنى يولۋاسنىڭ يۈرىكىدەك يوغىنىتىپ تۇرۇپ جاۋاب بەردىم:
−− چۈنكى، مەن سېنى سۆيەتتىم لالە!
مەن شۇنداق دېدىم – دە، ساڭا قاراشقا پېتىنالماي ئالدىمدىكى بىر تۈپ دەرەخنىڭ ئۇچىغا قارىۋالدىم. لېكىن شۇ تاپتا سېنىڭ ماڭا قانداق ئىپادە ۋە كەيپىياتتا بولىدىغىنىڭنى شۇنداق بىلگۈم بار بولسىمۇ، ساڭا تىكىلىپ قاراشقا پېتىنالمايتتىم. چۈنكى سەن كۆزلەرنىڭ نۇرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدىغان كۈچلۈك نۇر ئىدىڭ. شۇڭا ساڭا تىكىلىپ قاراش مەن ئۈچۈن تولىمۇ دەھشەتلىك ئىدى. تۇيۇقسىز سېنى بۇ يەردىن پۇتۇڭنىڭ ئۇچىغا قارىغىنىڭچە كېتىپ قالارمۇ، دەپ ئويلاپ قالدىم. ناۋادا سەن ماڭا بۇ يەردە بىر قېتىملىق كېتىپ قېلىشنى سوۋغا قىلساڭ، سەن ماڭا سوۋغا قىلغان بۇ بىر قېتىملىق كېتىپ قېلىش سېنىڭ مېنىڭ رېئاللىقىمدىن مەڭگۈ چىقىپ كېتىڭ بىلەن خاراكتېرلىنىپ قالاتتى.
ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن، بىر چاغدا سېنىڭ ئاجىز شامالدا شىلدىرلىغان يوپۇرماقنىڭ ئاۋازىدەك بوش ئاۋازدا ماڭا خىتاب قىلغىنىڭ ئاڭلاندى.
−− كامال!
−− سەن مېنى خاتا سۆزلەپ قويدى دەپ ئويلىمايدىغانسەن لالە؟ −− سەن سۆزۈڭنى داۋاملاشتۇرغىچە مەن ئۆزۈم تەشەببۇسكارلىق بىلەن سورىدىم ۋە سەندىن ئىبارەت كۈچلۈك نۇر دولقۇنىغا غەيرەت قىلىپ تىكىلدىم.
سەن »ياق« دېگەن مەنىدە بېشىڭنى سۇسقىنە چايقىدىڭ ۋە مەندىن يەنە سورىدىڭ:
−− بىز چوڭ بولدۇقمۇ كامال؟
−− بىلمەيمەن. مەن پەقەت سېنى ئۇزاقتىن بۇيان ياخشى كۆرۈپ كېلىۋاتقانلىقىمنىلا بىلىمەن. لېكىن سېنىڭ مېنى رەت قىلىۋېتىشىڭدىن قورقۇپلا كۆڭلۈمدىكى بۇ سىرلارنى تاكى بۈگۈنگە قەدەر ئىچىمدىن چىقىرالماي پۇچىلىنىپ كەلدىم. سېنىڭ مېنى رەت قىلىۋەتمەسلىكىڭنى ئۈمىد قىلىمەن لالە.
−− مەن سېنى قالايمىقان، بىمەنە خىيال سۈردى، دەپ ئويلايمەن كامال.
−− ياق لالە. بۇ خىيال ئەمەس، بەلكى مېنىڭ رېئاللىقىم. مەن ئۇزاقتىن بۇيان بۇ ئىسسىق رېئاللىق ئىچىدە ياشاپ كەلدىم.
−− بىراق بۇ مۇمكىنمۇ كامال؟
−− نېمىدەپ مۇمكىن بولمىغۇدەك؟
سەن سوئالىمغا جاۋاب بەرمەي تۇرغان جايىڭغىلا ئولتۇردۇڭ، ئىككى قولۇڭ تەبىئىي رەۋىشتىلا تىزىڭنى قۇچاقلاپ ئۈلگۈردى. شۇ ئارىدا قويۇق توقايزارلىقنىڭ قەيېرىدىندۇر كاككۇكنىڭ بوغۇق ئەمما مۇڭلۇق ئاۋازدا سايرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
كاككۇك، كاككۇك، كاككۇك…
−− ئاڭلىغىن لالە، كاككۇكنىڭ ئاۋازى!
سەن ئىككى تىزىڭنى قۇچاقلاپ ئولتۇرغان قىياپىتىڭىنى بۇزمايلا:
−− سەن تۇغۇلغاندىن بۇيان مۇشۇنداق سايراپ كېلىۋاتىدۇ بۇ قۇش، −− دېدىڭ.
−− مەن بۇ قۇشنىڭ نېمىدەپ ھەرچاغ ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئۆزىنىڭ چاقىرىپ سايرايدىغانلىقىغا ھەيرانمەن.
−− ياق كامال، بۇ قۇشنىڭ ئىسمى كاككۇك ئەمەس زەينەپ، كاككۇك ئۇ ياخشى كۆرىدىغان يەنە بىر قۇشنىڭ ئىسمىمىش. بۇ ئىككى قۇشنىڭ ئارىلىقى تاكى قىيامەتكە قەدەر سوزۇلغانمىش، شۇڭا بۇ قۇش مۇشۇنداق سايرايدىكەن.
−− دېمەك يەنە بىر ماكاندا يەنە بىر قۇش بار. ئۇ قۇش »زەينەپ« دەپ سايرايدۇ، شۇنداقمۇ؟
−− بەلكىم.
−− مەن قورقىمەن لالە؟
−− نېمىدىن قورقىسەن؟
−− ئۆزۈمنىڭ سېنىڭ ئىسمىڭنى چاقىرىپ قېلىشىمدىن.
−− كامال، مەن راستتىنلا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي قېلىۋاتىمەن.
−− مېنىڭ ئۆزۈم كاككۇك، سېنى زەينەپ قىۋالغۇم يوق لالە.
−− بىراق، مەن سېنىڭ سۆيۈشۈڭگە ئەرزىمەيمەن كامال.
−− ئەمما مەن سېنى سۆيۈپ بولدۇم لالە.
−− بىلەمسەن كامال، مەن ساڭا بۇ ھاياتلىقتا بەلكىم ھېچقانداق خۇشاللىق ئاتا قىلالماسلىقىم، پەقەت ئازابنىلا ئاتا قىلىشىم مۇمكىن.
−− ياق لالە، مەن سېنى مەڭگۈ خۇشاللىق دەپ بىلىمەن ھەم سېنىڭ ھەرقانداق بىر ئازابىڭنىمۇ قوبۇل قىلىشقا تەييارمەن.
−− جەمئىيەتتە نۇرغۇن ياخشى قىزلار بار، كامال.
−− ياخشى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى مۇھەببەت ئۈچۈن بولمايدىكەن، لالە.
−− بىز پات ئارىدا ئايرىلىمىز، شۇنىڭ بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزاققا سوزۇلغان قىزغىن مۇناسىۋەت ئاخىرلاشقان بولىدۇ. بۇ بىر چۈش، كامال، بىز بۇ چۈشتىن چۆچۈپ ئويغانغان ۋاقتىمىزدا، ئىككىمىزنىڭ بۆلەك – بۆلەك ئىككى دۇنيانىڭ ئادىمى ئىكەنلىكىمىزنى روشەن ھېس قىلىپ قالىمىز.
−− ئۇنداق دېمىگىن لالە. مەن سېنى ھامان مەن بىلەن بىللە بىر دۇنيادا ياشىسىكەن، دېگەن ئۈمىدتىمەن.
−− قايسى دۇنيانى دەيسەن؟
سەن شۇنداق دەپلا سۇس كۈلۈمسىرىدىڭ. ئەمما سېنىڭ بۇ كۈلۈمسىرىشىڭ مېنىڭ جان – جېنىمدىن سوغۇقنىڭ نەشتىرىدەك ۋاژىلداپ ئۆتۈپ كەتتى. بۇ بىر ئاستا – ئاستا پارچىلىنىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدىغان كۈلكە ئىدى.
−− بۇ مېنىڭ ساڭا مەنسۇپ بولغان دۇنيارىم.
−− ياق كامال. سەن مەندەك بىر ئېغىر ئىشكەلنى ئۆزۈڭ ئۈمىد قىلىپ تۇرۇپ بوينۇڭغا سالما. بۇ ئىشكەلنىڭ ئازابىغا سەن چىدىغان بىلەن مەن چىدىمايمەن.
−− لالە، سەن مەن ئۈچۈن ئىشكەل ئەمەس، بەلكى بىر دەستە گۈل. مەن بۇ گۈلنى ئۆزۈم بىلەن يىراقلارغا ئېلىپ كېتىشنى قارار قىلدىم.
−− قولۇمدىكى ئاشۇ بىر ۋاراق قەغەز بىلەنما؟ مەن ئۇ قەغەزنىڭ ھەممە يېرىدە گەپ قىلالايدىغان ئاغزى باردەك، ئۇنىڭ ھەممە ئاغزى »پۇل«لا دەپ چۇقان كۆتۈرىدىغاندەك ھېس قىلدىم. شۇڭا سېنىڭ مەن ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇشۇڭنىمۇ خالىمايمەن، بۇ دېگەن مېنىڭ ئازابىم. ئۆزۈمنىڭ ئازابىغا ئىككىنچى بىر ئادەمنى ھەمراھ قىلىۋالغۇم كەلمەيدۇ. مېنى كەچۈر كامال، كۆڭلۈڭگە ئازار بېرىپ قويىدىغان بولدۇم، شۇنداقتىمۇ مېنىڭ ھازىر نېمىنى خىيال قىلىۋاتقىنىمنى بىلگۈڭ بارمۇ؟
−− ئەلۋەتتە بىلگۈم بار.
−− مېنىڭ شۇ تاپتا ھېلىقى دالا سەيلىسى كۈنى ماڭا ئاتاپ ئىچىڭدە ئېيتقان تۇغۇلغان كۈن ناخشىسىنىڭ قانداقلىقىنى بىلگۈم كېلىۋاتىدۇ. ئەپسۇس، ئەمدى بۇ مۇمكىن بولمايدىغان بولۇپ قالدى.
−− ئۇ ناخشىنى راستلا ئاڭلىغۇڭ بارمىتى؟
−− ھەئە. ئۇ ناخشىنى چوقۇم ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغانلىقىمغا ئىشىنەتتىم.
−− ئەمىسە ساڭا ۋەدە بېرەي لالە.
−− نېمىگە ۋەدە بېرىسەن؟
−− كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن ئۇ ناخشىنى چىرايلىق گۈللەر بىلەن بېزەلگەن ھەشەمەتلىك سەھنىدە ساڭا بېغىشلاپ تۇرۇپ ئېيتىمەن بېرىمەن.
−− راستمۇ كامال؟
−− مەن شۇنداق قىلسام سەن خۇش بولامسەن؟
−− ھەئە، ئەلۋەتتە خۇش بولىمەن.
−− ئەمىسە مەن ھازىردىن باشلاپ ساڭا بىر ناخشىغا قەرزدار بولغان بولاي.
−− ماقۇل، مەنمۇ بىر دەستە گۈل بىلەن شۇ كۈننى كۈتىمەن.
مەن ساڭا تەلپۈنۈش بىلەن قارىدىم. بىر جۈپ قاپقارا قوي كۆزلىرىڭ تولىمۇ چىرايلىق بولۇپ، مەن بۇ قوي كۆزلەرنىڭ چىمەنىستانىدىكى تەبەسسۇم چېچەكلىرىنى روشەن ھېس قىلىشقا باشلىدىم. قوللىرىم تىترەپ تۇراتتى. مەن تىترەپ تۇرغان قوللىرىم بىلەن تىزىڭنى بوشقىنە قۇچاقلاپ تۇرغان يۇمشاق، ئىسسىق قولۇڭنى ئاستاغىنە تۇتتۇم. شۇ ھامان سېنىڭ تەن چوڭقۇرلۇقۇڭدىن لەپىلدەپ ئۆرلەپ چىققان ئىسسىق ئېقىم ۋۇجۇدۇمغا ئوتنىڭ تەپتىدەك تاراپ كەتتى. سەن مېنىڭ ساڭا بولغان مۇھەببەت ئىزھارىمنى رەت قىلىش، ئارىسالدى بولۇش، ئۈمىدسىزلىككە پېتىش ئىچىدە قوبۇل قىلغان ئىدىڭ. ئەمدىلا يېتىلىپ كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغان ئىككى كۆكسۈڭنىڭ بىر ئۆرلەپ بىر پەسلەپ تۇرۇشىدىن سېنىڭمۇ ماڭا ئوخشاشلا جىددىيلىشىۋاتقانلىقىڭنى ھېس قىلىۋالماق تەس ئەمەس ئىدى.
−− سېنى سۆيىمەن لالە!
−− رەھمەت كامال، لېكىن كۈنلەرنىڭ بىرىدە پۇشايمان قىلىپ قالماسلىقىڭنى ئۈمىد قىلىمەن.
لەۋلىرىڭنىڭ تاغ باغرىدىن شىلدىرلاپ ئېقىپ چۈشكەن بۇ ئاۋاز ساڭا مەنسۇپ بولغان يۈرىكىمگە بىر تامچە قان بولۇپ قۇيۇلۇپ كەتتى.
شۇ تاپتا ۋۇجۇدۇمدىكى قانداقتۇر بىر سىرلىق كۈچ مېنى سېنىڭ سۇس تىترەپ تۇرغان ئىسسىق، نېپىز، يۇمران لەۋلىرىڭگە سۆيۈشكە ئۈندەۋاتاتتى. ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئالىقانچىلىك بوشلۇقتا جىددىيچىلىك، تەشنالىق، تەلپۈنۈش لەيلەيتتى. بوغۇزۇمدىن غۇرتۇلدىغان غەلىتە ئاۋاز ئۈزۈلمەيتتى. سەندىن كېلىۋاتقان توسۇپ بولغۇسىز بىر خىل تارتىش كۈچى مېنى ئاستا – ئاستا ئۆزىگە تارتماقتا ئىدى.
خىيالىمدا بولسا قىزلارنىڭ ئەرلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىش، تارتىش كۈچى بىلەن ئەرلەرنىڭ قىزلارغا بولغان گۈزەل موھتاجلىقى ھەققىدىكى پىكىرلەر قانات قاقاتتى. شۇ تاپتا مېنىڭ ساڭا بولغان ھېسسىيات جەھەتتىكى تەلپۈنۈشۈم ھەرىكەت ھالىتىدىكى تەلپۈنۈشكە، مەنىۋى دۇنيارىمدىكى شەكىلسىز سۆيۈش ماددىي دۇنيارىمدىكى شەكىللىك سۆيۈشكە ئايلانماقتا ئىدى.
مەن سېنىڭ لەۋلىرىڭگە سۆيۈش ئارقىلىق نېمىنى ئىسپاتلىماقچى لالە؟
لەۋدىن ئىبارەت ئىككى پارچە گۆشنىڭ بىر – بىرىگە تېگىشى ئىككى روھنىڭ بىر – بىرى بىلەن قوشۇلۇپ كېتىشىنىڭ بېشارىتىمۇ ياكى ئالدىنقى شەرتىمۇ؟ سۆيۈش ئەڭ تۆۋەن چەكتىكى جىنسىي ھاياجانمۇ؟ ئۇنداق بولسا مەجنۇننىڭ لەيلىگە بولغان مۇھەببىتىدە جىنسىي ھاياجان يوق دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟
بىر قېتىم مەھەللە دوقمۇشىدىكى كىچىك دۇكانغا نەرسە – كېرەك سېتىۋالغىلى كىرگىنىمدە قۇلىقىمغا ھاراق ئىچىپ ئولتۇرغان بىر نەچچەيلەننىڭ گېپى كىرىپ قالدى: مۇھەببەت، ياخشى كۆرۈش، سۆيۈش دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى، −− دېگەن ئىدى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى خۇددى پەيلاسوپلاردەك ئىشەنچ بىلەن، −− ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەن قىزلارنى سۆيۈش ۋە ئۇ قىزلار بىلەن ھېلىقى ئىشنى قىلىش. ئۆزى ياخشى كۆرگەن قىزغا جان سېلىپ بەرگۈدەك بولۇپ كەتكەن قايسى بىر ئەر نەسلى ئۆزى ياخشى كۆرگەن قىز بىلەن شۇ ئىشنى قىلمايدۇ دەيسىلەر؟
ئۆزۈمنى ئاشۇ ئادەم دېگەن تارازىغا خىيالەن سېلىپ باقتىم. مەنمۇ سېنى سۆيىمەن لالە،لېكىن مېنىڭمۇ ساڭا بولغان مۇھەببىتىم ئاشۇ ھاراق ئىچىپ ئولتۇرغان ئادەم دېگەندەكلا جىنسىي تۇيغۇغا چېلىشىقلىق ئىكەن. شۇ تاپتىكى مېنىڭ سېنى سۆيۈش، سېنى قۇچاقلاش، چاچلىرىڭنى ھىدلاش ئىستىكىمدىمۇ ئاشۇ خىل جىنسىي ھاياجان راستتىنلا مەۋجۇت ئىدى. دېمەك، ئاشىقنىڭ مەشۇقىنىڭ ۋىسالىغا يېتىشى راستلا ئاشۇ ھاراق ئىچىپ ئولتۇرغان ئادەم دېگەندەك »ھېلىقى ئىش«نى قىلىش شەكلى بىلەنمۇ ئوڭ تاناسىپ تۈزىدىكەن.
مەن ۋۇجۇدۇمدىكى ساڭا بولغان بېسىپ بولغۇسىز بىر كۈچنىڭ تەسىرىدە سېنى يېنىككىنە كۆتۈرۈپلا قۇچىقىمغا ئېلىۋالدىم. كۆزلىرىڭ خۇمارلىشىپ كەتكەن بولۇپ، پەيدەك يەڭگىل بەدىنىڭ سۇس تىترەيتتى. مەن قىزىپ، لىپىلداپ كېتىۋاتقان لەۋلىرىمنى سۇس تىترەپ تۇرغان لەۋلىرىڭگە باستىم. شۇ ھامان لەۋلىرىڭدىن تارالغان كۈچلۈك ئوت ئېقىمى تومۇر – تومۇرلىرىمغا ماگمىدەك ئېقىپ كىرىشكە باشلىدى. ئەمدى دەريانىڭ ئۈزۈلمەي گۈركىرەشلىرىمۇ، قۇشلارنىڭ چاڭىلداپ سايراشلىرىمۇ، كاككۇكنىڭ ئۈنلەشلىرىمۇ، يوپۇرماقلارنىڭ شىلدىرلاشلىرىمۇ ئاڭلاش سەزگۈمدىن بىراقلا يوقالغان بولۇپ، پەقەت لەۋ بوستانىڭدىن پورەك – پورەك بولۇپ ئېچىلىۋاتقان سۆيگۈ گۈللىرىڭلا رېئاللىقتىن ئايرىلغان روھىيەت ئالىمىمگە خۇشبۇي ھىد تارىتىپ توختىماي چېچىلماقتا ئىدى.
جىنسىي ھاياجان ئادەمنى گاس قىلىدۇ!
مەن شۇ تاپتا بۇ خىل ھالەتنى ئۆز ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم بېشىمدىن ئۆتكۈزۈۋاتاتتىم. سېنى دەسلەپ ياخشى كۆرۈپ يۈرگەن چاغلىرىمدا، مەندە بۇ خىل تەلپۈنۈش يوق ئىدى. پەقەت سەن مېنى سۆيسەڭلا مەن مەڭگۈ شۇ سۆيۈش ئىچىدە ئۆتۈپ كېتىدىغاندەك تەسىراتتا ئىدىم. لېكىن سەن مېنى سۆيگەنلىكىڭنى ئېتىراپ قىلغان ۋاقتىڭدىن باشلاپ مەندە ساڭا نىسبەتەن جىنسىي ئىنتىلىش پەيدا بولدى. ئۆزى سۆيگەن ئادىمىگە بولغان غەرەزسىز، پاك نىيەتتىكى جىنسىي ئىنتىلىشكە باشقىلار نېمىدەپ باھا بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، مەن بۇ جىنسىي ئىنتىلىشنى مەڭگۈ قەدىرلەيمەن. چۈنكى مەندىكى بۇ جىنسىي ئىنتىلىشنىڭ ئوق مەركىزىدە ھامان سەن مەۋجۇتسەن لالە.
جېنىم لالە! مەن سېنى سۆيەتتىم. مەن سېنى تۇنجى قېتىم دەريا بويىدا نورمال ئاڭ – تەپەككۇرۇمدىن تولۇق ئايرىلغان ھالدا سۆيگەن ئاشۇ لەززەتلىك كۈندىن باشلاپ، سېنى سۆيگەن پاك قەلبىم بىلەن سېنىڭ ھايات بوستانلىقىڭدىكى تەقدىر گۈللىرىڭنى ساڭا تۇيدۇرماي ئاستا – ئاستا توزۇتۇپ تاشلايدىغان ئالۋاستىغا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىمنى ئەسلا ئويلىماپتىكەنمەن. ناۋادا بۇ ھالدىن مەن ئازراقلا ئوچۇق بېشارەت ھېس قىلىپ قالغان بولسام، سېنى چوقۇم سۆيمەسكەنمەن ۋە سېنى چوقۇم سۆيمەسلىك بىلەن تەقدىر گۈلۈڭنى ئۆزىنىڭ شېخىدا ساقلاپ قالاركەنمەن. سەندىن مەھرۇم بولۇپ قېلىش مەن ئۈچۈن قانچىلىك دەھشەتلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سېنىڭ ئاخىرقى بىر تال 207- تال سۆڭىكىڭگە ئايلانماس ئىكەنمەن. ھالبۇكى سەن ئۆز تەسەۋۋۇرۇڭدا پەرىشتە سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلىپ كېلىۋاتقان مەندىن ئىبارەت 207- تال سۆڭەك، پەقەت سېنىڭ قەلبىڭدىلا ئەڭ دەسلەپكى ھالىتىنى يوقاتماي ساقلىنىپ كېلىۋاتقان شەكىل ئىدى. ھەقىقىي شەكىلدىكى مەن بولسام ئالۋاستىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدىم. مەن ئىلگىرىكى سېنى سۆيگەن پاك بىر ئىنساندىن قانداق بولۇپ ھازىرقى ئالۋاستىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىمنى بىلمەيمەن. مەن بۇنى ھېس قىلغان ۋاقتىمدا ئاللىقاچان كېچىكىپ بولغانىدىم. يەنە كېلىپ بۇ مەڭگۈلۈك كېچىكىش ھايات بىلەن ئۆلۈمنىڭ ئۆزئارا بىر تۈز سىزىقتا ئۇچراشقان نۇقتىسىدا قان رەڭگىدە پارلاپ تۇراتتى. كۆزلىرىم بۇ قان رەڭلىك نۇقتىدا خۇددى ئۆلۈكنىڭ كۆزىدەك چەكچىيىپ قالغانىدى. شۇڭا سېنى ھەر بىر قېتىم كۆرگىنىمدە ئۆزۈمدىن يىرگىنىپ كېتىمەن. ئىچ – ئىچىمدىن ئۆرلەپ چىقىپ بوغۇزۇمدىلا قېتىپ قېلىۋاتقان ھەسرىتىمنىڭ ئازابىدا توپىدەك ئۇۋىلىپ كېتىمەن. ئاشۇ ئاجىز پىلدىرلاپ تۇرغان قوي كۆزلىرىڭگە قاراپ يىغلاپ كەتكۈم، ئالدىڭغا ئىنسان شەكلىدىكى ئۆزۈمنى ئەمەس ئالۋاستى شەكلىدىكى ئۆزۈمنى ئوچۇق – ئاشكارا تاشلاپ قويۇپ سېنىڭ ئەپۇ قىلىشىڭنى قولغا كەلتۈرگۈم كېلىدۇ. لېكىن قەلبىڭدىكى مۇكەممەل شەكلىمدىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن يەنىلا ساختا شەكلىم بىلەن چىرايلىق، مۇلايىم قوي كۆزلىرىڭنى ئالداشقا مەجبۇر بولىمەن.
سېنىڭ باغرىڭ سۇدىنمۇ يۇمشاق ئىدى، لالە. ئەمەلىيەتتە سەن جىمجىت بوشلۇق ئىچىدە پارغا ئايلىنىۋاتقان سۇ، ئاستا – ئاستا پارچىلىنىۋاتقان پەرىزات ئىدىڭ. سەن ھەققىدىكى خىياللىرىم ھامان مېڭەمنىڭ ئەڭ سەزگۈر ھۈجەيرىلىرىگە ئوتتا قىزىتىپ تاۋلانغان يىڭنىنىڭ ئۇچىدەك چاراسلاپ سانجىلىدۇ. بۇ چاغدا يادىمغا سەن بىلەن چۆچەكتە تەسۋىرلەنگەن ھېلىقى قىز كېلىدۇ – دە، قۇلاق تۈۋىمدە شۇ چاغلاردىكى ئاۋازلىرىمىز يەنە قايتا ياڭرايدۇ…
−− كامال، بۇ قىز نېمىدېگەن بىچارە -ھە؟
−− بۇ بىر چۆچەك لالە.
−− ئەگەر شۇ قىزنىڭ ئورنىدا مەن بولۇپ قالسام، سەن قانداق قىلار بولغىيتىڭ كامال؟
−− ئەخمەق قىز. ئەلۋەتتە يالماۋۇزنىڭ كاللىسىنى ئۆزۈم ئالاتتىم – دە.
−− يەتتە بېشى تۇرسا ئۇ يالماۋۇزنىڭ؟
−− مەن يەتتە قېتىم چاپساملا بولدى ئەمەسمۇ.
−− كۈنىگە بىردىن چاپساڭ يەتتە باشقا يەتتە كۈن كېتىدۇ -دە.
سۈكۈت…
−− نېمە خىيال سۈرۈۋاتىسەن كامال؟
−− يالماۋۇزنى ئۆلتۈرۈپ خىيال سۈرۈپ قاپتىمەن.
−− كېيىنچۇ؟
−− كېيىن سېنى ئېلىپ رەڭگارەڭ نۇر چېچىلىپ تۇرغان ئۇپۇق ئىچىگە كىرىپ كېتىۋاتقۇدەكمەن.
−− بۇمۇ چۆچەكمۇ كامال؟
−− ياق لالە، بۇ چۆچەك ئەمەس. بەلكى ئىككىمىزنىڭ چۆچەك رەڭلىك رېئاللىقى.
−− ۋاي ساراڭ…
قۇلاق تۈۋىمدە پات – پات زاھىر بولۇپ قالىدىغان بۇ ئاۋازلار يۈرىكىمنى جېنى چىقىۋاتقان ئاتتەك ئېچىنىشلىق چىرقىرىتىدۇ. چۈنكى مەن سېنىڭ رېئاللىقىڭدىكى يالماۋۇزغا ئايلىنىپ كەتكەنىدىم. مەن سېنىڭ ھايات سۈيۈڭنى بىر ئوتلام – بىر ئوتلامدىن شوراپ ئىچىپ تەن شېخىڭنى قۇرۇتۇپ، روھ قۇشۇڭنى ھالسىرىتىۋاتاتتىم. لېكىن سەن چوڭقۇر ئىشەنچ بىلەن سۆيۈپ كېلىۋاتقان بىر ئەرنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى ساڭا ئاشكارىلاپ بېرىشكە قۇربىم يەتمەيتتى. بالىلىق دەۋرىمدە سېنى گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ تۇرغان گۈزەل بىر دۇنياغا ئېلىپ كەتمەكنى ئىرادە قىلغان بولساممۇ، ئاقىۋەت سېنى ئۆز قولۇم بىلەن ئۆلۈم گۈللىرى ھۈپپىدە پورەكلەپ كەتكەن ئۆلۈم دۇنياسىغا سۆرەپ كېتىۋاتاتتىم. ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت غايە ۋە خىيالىمىزدىكى بۇ چىرايلىق قۇش ھازىر ئىككىمىزنىڭ ھالاكىتىنى ئوقۇماقتا ئىدى. ئىلگىرى بۇ شەھەرگە بىز ھاياتنىڭ بىر جۈپ ئالتۇن قانىتىدا پەرۋاز قىلىپ كەلگەن بولساق، ئەمدى ئۆلۈمنىڭ قارا قانىتىدا ئۇچۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتاتتۇق. ھەر قېتىم كېسەل كارىۋىتىدا كونا قەغەزدەك سارغىيىپ ياتقان سېنى كۆرگىنىمدە سەن بىلەن بۇ شەھەرگە قەدەم باسقان ئاشۇ كۈنلىرىم خۇددى كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدەك كۆز ئالدىمدىن رەت – رېتى بىلەن لەپىلدەپ ئۆتىدۇ…
ئىككىمىز ئاخىر سەپەر سومكىلىرىمىزنى كۆتۈرۈشكىنىمىزچە ئۆزىمىزگە تونۇش بولغان بارلىق مۇھىتنى ئارقىمىزغا قالدۇرۇپ، ئۈرۈمچى دېگەن شەھەرگە قاراپ يولغا چىقتۇق. ئىككىمىزنى ئېلىپ يولغا چىققان كارىۋاتلىق ئاپتوبۇس توپتوغرا بىر كېچە توختىماي ماڭغاندىن كېيىن ئەتىسى كۈن قىزىلىدا كىشىگە بىر قارىسا ئادەمدىن ماشىنا تولىدەك، بىر قارىسا ماشىنىدىن ئادەم تولىدەك غەلىتە تۇيغۇ بېرىدىغان بۇ ھەيۋەتلىك شەھەرنىڭ ئۇزۇن يوللۇق قاتناش بېكىتىگە كىرىپ توختىدى. راستىنى دېسەم سەنلا ئەمەس، مەنمۇ ئادەم بىلەن تولغان بۇ شەھەرگە قاراپ ھەيران قالدىم. ماڭا پۈتۈن ئادەملەر بىر كېچىدىلا بۇ شەھەرگە كېلىۋالغاندەك تۇيۇلماقتا ئىدى. ماشىنىلارنىڭ ئۈزۈلمەي ئۇرۇلۇپ تۇرىدىغان يېقىمسىز سىگنال ئاۋازى، ئادەملەرنىڭ قىيا – چىيا ئاۋازلىرى، ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان قۇيۇق شاۋقۇن – سۈرەنلەر ئادەمنى تولىمۇ بىئارام قىلاتتى. بىر – بىرىدىن ئېگىز بىنالار بولسا بۇ شەھەردە ياشاشنىڭ تولىمۇ قىيىنلىقىدىن يوشۇرۇن بېشارەت بېرىپ تۇراتتى.
−− ئۇكىلىرىم نەگە بارىسىلەر؟ مەن ئاپىرىپ قوياي.
يېنىمدىلا چىققان ئاۋازدىن چۆچۈپ قارىۋېدىم يېشىل رەڭلىك كىرا ماشىنىسى ئىچىدە قويۇق قارا ساقاللىق، تەخمىنەن 35 ياشلار چامىسىدىكى بىرەيلەن بىزگە قاراپ تۇرۇپتۇ.
مەن بارىدىغان مەكتەپنىڭ ئىسمىنى دېدىم. بۇ ئىسىم شۇ چاغدا مەن ئۈرۈمچىدە بىلىدىغان بىردىنبىر جاي ئىسمى ئىدى.
−− ماشىنا كىرا قىلامسىلەر؟ قولۇڭلاردا يۈك – تاقاڭلارمۇ باركەن ئەنە. پىيادە بېرىپ بولالمايسىلەر، كوچا ئاپتوبۇسىغا چىقساڭلار ھەرەج تارتىپ قالىسىلەر.
شوپۇرنىڭ گېپى ماڭا ئورۇنلۇق تۇيۇلدى. ئەمەلىيەتتىمۇ مەن بارىدىغان يېرىمنىڭ قاياقتىلىقىنىمۇ بىلمەيتتىم. كوچا ماشىنىلىرىنىڭمۇ قاياقتىن كېلىپ قاياققا كېتىۋاتقانلىقىنى، قايەردىن قوزغىلىپ قايەردە توختايدىغانلىقىنى تېخىمۇ بىلمەيتتىم. شۇڭا دەرھاللا:
−− ماقۇل ئاكا، −− دېدىم رازىلىق بىلدۈرۈپ. شوپۇر شۇئان ماشىنىسىدىن چۈشۈپ ماشىنىسىنىڭ ئارقا ياپقۇچىنى ئاچتى. ئاندىن قولىمىزدىكى چامادان، سومكا، يوتقان – كۆرپە يۆگەلگەن بوپىلىرىمىزنى ماشىنىنىڭ ئارقىسىغا باستى ۋە بىزگە قاراپ »ماشىنىغا چىقىڭلار« دېگەن مەنىدە بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى. بىز ماشىنىنىڭ ئارقا ئورۇندۇقىغا چىقىپ جايلىشىپ ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ماشىنا يەڭگىل تەۋرىنىپ ئورنىدىن قوزغالدى – دە، ماشىنىلار تولۇپ تۇرغان چوڭ كوچىدا غۇيۇلداپ مېڭىشقا باشلىدى.
سەن مېنىڭ يېنىمدا بۇ چوڭ شەھەرنىڭ رەڭگارەڭ يات مۇھىتىغا ھەيرانلىق، قىزىقىش بىلەن نەزەر سالغاچ جىمجىت ئولتۇراتتىڭ. ماشىنا بىردە ئوڭغا بۇرۇلسا، بىردە سولغا بۇرۇلۇپ ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە ئىدى. پۈتۈن شەھەرگە ماشىنا ئاپىتى تارقالغاندەك كۆز ئالدىمىزنىڭ ھەممە يېرى ماشىنا بولۇپ، ماشىنىلارنىڭ كۆپلۈكىدىن ئازادىرەك بىرەر يولمۇ باردەك قىلمايتتى. مېنىڭ بۇ شەھەردىكى دەسلەپكى تەسىراتىم ئادەممۇ، ماشىنىمۇ نورمىدىن ئارتىپ كەتكەندەك تەسىرات بېرىدىغان شەھەر كارتىنىسى بولدى.
چوڭ يولدا ماشىنىلار قانچە كۆپ بولسا، مەنزىرىلىك دەرەخلىك پىيادىلەر يولىدىمۇ ئادەملەر شۇنداق كۆپ ئىدى. بىر – بىرىدىن ئېگىز ۋە ھەيۋەتلىك بىنالارنىڭ نەچچە قەۋەت ئىكەنلىكىنى ماشىنىدا كېتىۋېتىپ ساناشمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ماشىنا بىر نەچچە چوڭ -كىچىك كوچىلاردىن يىلاندەك تولغىنىپ ئۆتكەندىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ قايسى تەرەپتىن كېلىپ، قايسى تەرەپكە كېتىۋاتقانلىقىمنىمۇ ئاڭقىرالماي قالدىم. كۆز ئالدىمدىكى ئوخشاش بىنا، ئوخشاش كوچىلارغا قاراپ ماشىنىنى بىر ئورۇندا چەمبەر شەكلىدە ئايلىنىپ يۈرۈۋاتقاندەكلا ھېس قىلاتتىم. مېنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغىنى، چوڭ شەھەرنىڭ ئادەملىرىنىڭمۇ يۈرىكى چوڭ بولامدۇ قانداق، ئوغۇللارنى بەل – بويۇنلىرىدىن قۇچاقلىۋالغان قىزلار يول بويلىرىدىكى دەرەخلەرنىڭ تۈۋىدە پات – پات كۆزگە چېلىقىپ قالاتتى. بۇ ھال ماڭا ئوخشاش قىزلارنى كېچىسى ئادەم يوق خىلۋەت ئورمانلىق، قوناقلىقلاردا قۇچاقلىسىمۇ جىددىيلىشىپ پۇت – قوللىرى تىترەپ كېتىدىغان ئادەم ئۈچۈن تەسۋىرلىگۈسىز كۆرۈنۈش ئىدى. شوپۇر بولسا ھېچنېمىنى كۆرمىگەندەك، ئەتراپتىكى غەلىتە ئىشلار ئۆزى ئۈچۈن قاراشقىمۇ ئەرزىمەيدىغان ئەھمىيەتسىز ئىشلاردەك بىپەرۋا ھالەتتە يولىنى داۋاملاشتۇراتتى.
مەن ماشىنىنىڭ دېرىزىسىدىن ئەتراپقا نەزەر سالغاچ خىيال قۇشۇمنى يەنە سېنىڭ بوستانلىقلىرىڭغا قويۇپ بەردىم. سەن لاياقەتلىك بىر ستۇدېنت بولالايتتىڭ لالە. لېكىن ئوقۇش خىراجەت مەنبەيىڭنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولماسلىقى سېنى بىر ئەر ۋە بىر پارچە ئېتىزنىڭ كۆرۈنمەس يىپلىرى بىلەن باغلايتتى. بۇنىڭ بىلەن سەن تىپىك سەھرا ئاياللىرىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ، ئۆمۈر بويى جاپا – مۇشەققەت ئىچىدە ئۆتەتتىڭ. قۇياش نۇرى، ئاچچىق توپا، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك، روھىي بېسىم قاتارلىقلار سېنى ناھايىتى تېزلا ياشلىقىڭدىن ئايرىپ تاشلايتتى. شۇنىڭ بىلەن گۈزەل رۇخسارىڭ خۇددى سەھەردە ئېچىلىپ چۈش بولغىچە سولىشىپ بولغان گۈلدەك سەن بىلەن مۇددەتتىن بۇرۇن خوشلىشاتتى. چىرايلىق قوي كۆزلىرىڭ خىرەلەشكەن يۇلتۇزدەك ھەممە نېمىگە پەرۋاسىز قاراشقا ئاستا – ئاستا كۆنۈپ كېتەتتى. لېكىن مەن ئۆزۈم سۆيگەن بىر قىزنىڭ گۈل بولۇپ ۋاقىتسىز توزۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، خىيالىمدىكى ئاق ئاتلىق شاھزادىگە ئايلىنىپ، سېنى تەسەۋۋۇرۇمدىكى بەخت گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىپ تۇرغان گۈزەل بىر دۇنياغا ئېلىپ كېتىش ھەققىدە خىيال سۈرۈپ پۇچىلىناتتىم. پۇل دېگەن بۇ قەغەز پارچىسىنىڭ قۇدرەت – كارامىتىگە ھەيران قالاتتىم. شۇ كۈنلەردە تۇيۇقسىز ئۇچراپ قالغان سىنىپ مەسئۇلىمىزدىن ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلىنى مۇددەتكە بۆلۈپ تاپشۇرۇشىغا بولىدىغانلىقىدەك، ياكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ياردىمىدە بىر قىسىم ئوقۇش پۇلىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقىدەك ئۇچۇرنى ئاڭلاپ مەندە ئۈمىد بىخى تۇغۇلدى. چۈنكى مېنىڭ ئوقۇش پۇلۇم دادامنىڭ بەرىكەتلىك ئالىقىنىدا تايىن ئىدى. مەن دادامنىڭ بەرىكەتلىك ئالىقىنىدىكى بۇ پۇلنى ئوتتۇرىدىن ئىككىگە بۆلۈشنى خىيال قىلدىم. شۇنداق قىلساملا سېنىڭ ئوقۇش خىراجىتىڭنىڭ بىر قىسمىنى ئالدىن تەييارلىغىلى بولاتتى. بۇنىڭ بىلەن مەن ئۆزۈم مەڭگۈلۈك ھەمراھ قىلىپ تاللىغان بىر قىز ئارقىلىق ھاياتىمنى گۈزەل ئەسلىمىلەر بىلەن بېزەلەيتتىم. شۇنداقلا يەنە مەندەك بىر ئېتىز قوينىدا ئاچچىق تەرلەپ چوڭ بولغان بىر سەھرا بالىسىغا ھامان پۇل تاپالىغۇدەك بىرەر ئىشنىڭ تېپىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل ئىدى.
مەن بۇ ھەقتە ئۆزۈمگە ئۆزۈم ناھايىتى تېزلا قايىل بولغان بولساممۇ، سېنى قايىل قىلىش خۇددى ئاق يەردىن مايسا كۆكلەتكەندەك تولىمۇ قىيىن بولدى. چۈنكى بۇ بىر توغرا بولمىغان تاللاش ئىدى. ناۋادا ئۆيدىكىلەر مېنىڭ بۇ قىلمىشىمنى بىلىپ قالسا چوقۇم تاپا – تەنە قىلاتتى. ئۇلار توپا ئىچىدىكى مايسىلارنىڭ باشاقلىرىدىن يىغىپ – توپلىغان پۇللىرىدىن ئۆزلىرى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغان بىر قىزنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلىنىشىنى تەسەۋۋۇرىغا سىغدۇرالمايتتى. ئۇلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى مېنىڭ بىر قىزغا بولغان ھېسسىياتىم ئەمەس، بەلكى مېنىڭ ئوقۇشۇم ئىدى. كەلگۈسىنىڭ ئالتۇن تاۋىقى كۆمۈلۈپ ياتقان ئالىي مەكتەپتىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت تۇپراق ھەممە ئادەمگە ئورتاق مەنسۇپ بولۇۋەرمەيتتى. بۇ بىر خىل شان – شەرەپ تۇيغۇسى ئىدى. لېكىن مەن بۇ ئىككىسىدىن بىرنى تاللاشنى قوبۇل قىلالمايتتىم. ئالىي مەكتەپ بىلەن سەن ئىككى خىل شەكىلدىكى ئىككى تامچە نۇر بولۇپ، مېنى ئۆزۈڭلارغا جەلپ قىلاتتىڭلار. بۇ ئىككى تامچە نۇرنىڭ بىرى مېنىڭ ماددىي مەئىشەتىمنى بېيىتسا، يەنە بىرى مەنىۋى مەئىشەتىمنى بېيىتاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سېنى ئۆزۈمنىڭ پىكرىگە قايىل قىلىشقا تىرىشمىسام بولمايتتى. نۇرغۇن قېتىملىق تەكرار – تەكرار چۈشەندۈرۈشلەردىن كېيىن سەن ناھايىتى تەسلىكتە مېنىڭ پىكرىمگە قوشۇلدۇڭ ۋە بۇنى ھەر ئىككىمىز ئىچىمىزدە سىر تۇتىدىغان بولۇپ كېلىشتۇق. شۇنداق قىلىپ ئاخىر تەقدىرگە تەۋەككۈل قىلىپ ئىككىمىز بۇ شەھەرگە قەدەم باستۇق.
شوپۇرنىڭ ماشىنىنى تورمۇزلىشىدىن پەيدا بولغان يەڭگىل سىلكىنىشتىن خىيال قۇشلىرىم توزۇپ كەتتى. كۆز ئالدىمدا يوغان بىر رېشاتكىلىق مەكتەپ دەرۋازىسى داغدام ئوچۇق تۇراتتى. دەرۋازىنىڭ ئۈستىگە »يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!« دەپ يېزىلغان قىزىل پلاكات ئېسىپ قويۇلغان بولۇپ، دەرۋازىدىن كىرىپ – چىقىۋاتقانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. مەكتەپ ئىچىدىكى ئېگىز بىنالار، بۈك – باراقسان سەيلىگاھلار يىراقتىنلا كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. ماشىنىنىڭ نۇرغۇن چوڭ كوچا، بىر نەچچە ئاسما كۆۋرۈكلەردىن ئۆتۈپ ماڭغىنىغا قاراپ ئۆزۈمنى بۇ شەھەرنىڭ ئەڭ چېتىگە قاراپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلغانىدىم. ئەمدى قارىسام، بۇ يەرمۇ ئادەم، بىنا، ماشىنىلار بىلەن تولغان يەر ئىكەن.
مەن ماشىنىدىن چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن قولۇمدىكى قوبۇل قىلىش قەغىزىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ ئۆزۈمنى تىزىمغا ئالدۇرۇۋالدىم. لېكىن ئوقۇش خىراجىتىمنى مۇددەتكە بۆلۈپ تاپشۇرۇش ھەققىدە خېلى كۆپ ئاۋارىچىلىك تارتتىم. كېيىن ماڭا سىنىپ مەسئۇلى بولىدىغان ئورۇق، ئېگىز بوي، 50 ياشلار ئەتراپىدىكى قاپقارا بۈدۈر چاچلىرى قۇلاقلىرىنى يېرىم ياپقان ئوقۇتقۇچۇمنىڭ كاپالەت بېرىشى، بىر نەچچە بۆلۈملەردىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ قول قويۇپ، تامغا بېسىشلىرىدىن كېيىن ئوقۇش خىراجىتىمنىڭ كەم قالغان قىسمىنى ئىككىنچى ئوقۇش مەۋسۇمىنىڭ بېشىدا تاپشۇرۇش شەرتى ئاستىدا ئۆزۈمگە تەۋە ياتاقنىڭ بىر تال مىس ئاچقۇچىغا ئېرىشتىم. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن يەنە كىرا ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ سېنىڭ مەكتىپىڭگە بېرىپ، سېنىڭ رەسمىيەتلىرىڭنىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدىكى ۋەدە بىلەن پۈتكۈزۈپ، سېنى قىزلار ياتىقىنىڭ 505 – نومۇرلۇق ياتىقىغا ئورۇنلاشتۇردۇم. كەچتە مەكتەپ ئالدىدىكى ئانچە ھەشەمەتلىك بولمىسىمۇ مۇھىتى ئازادە ئاشپۇزۇلغا كىرىپ بىر قاچىدىن ئۆي لەڭمىنى بۇيرۇتقاچ ياغاچ قوشۇقتىن سەل چوڭراق كۆرۈنىدىغان پىيالىدە چاي ئىچىشىپ ئولتۇردۇق.
−− رەھمەت ساڭا كامال!
سەن قولۇڭدىكى پىيالىنىڭ چۆرىسىدىن لەيلەپ چىقىۋاتقان ئاقۇچ ھورلارنى پۈۋلىگەچ شۇنداق دېدىڭ. كۆزلىرىڭ بولسا مەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بىر ھالەتتە چاقناپ تۇراتتى. ئۇ بىر ئۈمىد نۇرى ئىدى.
−− سەن خۇددى يات ئادەمگە گەپ قىلغاندەك گەپ قىلىسەنغۇ لالە؟
−− ئۇنداق ئەمەس، −− سەن ئىنچىكە بارماقلىرىڭدا پىيالىنى ئايلاندۇرغاچ سۆزۈڭنى داۋاملاشتۇردۇڭ، −− سەن مەن ئۈچۈن ناھايىتى زور بەدەل تۆلەپ كەتتىڭ كامال. مەن بىر تەرەپتىن ئۆزۈمنى ساڭا ئۆمۈرلۈك قەرزدار بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلسام، يەنە بىر تەرەپتىن قورقۇنچ ھېس قىلىۋاتىمەن.
−− قورقۇنچ؟! يەنە نېمىدىن قورقۇنچ ھېس قىلىۋاتىسەن؟
−− بۇ ئىش ھامان ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ.
−− قايسى ئىشنى دەيسەن؟
−− پۇلنىڭ ئىشىچۇ؟
−− ئەمدى بۇ توغرۇلۇق كۆپ ئويلانماي خۇشال ياشىغىن لالە.
−− مەن ساڭا دېگەن كامال، مەن ساڭا يۈك بولۇپ قالىمەن، دەپ. بولمىسا سەن ماڭا مۇۋاپىق بىر ئىشنى تېپىپ بەرسەڭ مەنمۇ دەم ئېلىش كۈنلىرىمدە ئىشلىسەم بولارمىكىن.
−− نەدە ئىشلەيسەن؟
−− نەدە بولسا مەيلى، بىرەر ئاشپۇزۇلدا تازىلىق قىلىدىغان ياكى قاچا يۇيىدىغان ئىش بولسىمۇ مەيلىتى.
−− ياق لالە، مېنىڭ ئەمدى يەنە سېنىڭ جاپا تارتىشىڭنى كۆرگۈم يوق.
−− بىراق سەنچۇ؟
−− مەن دېگەن ئوغۇل بالا.
كۈتكۈچى قىزنىڭ ھورى ئۆرلەپ تۇرغان ئىككى قاچا لەڭمەننى ئېلىپ چىقىپ ئالدىمىزغا قويۇشى بىلەن پارىڭىمىز ئۈزۈلۈپ قالدى.
−− ياتىقىڭغا كىرىپ كېتەلەمسەن؟ −− ئاشپۇزۇلدىن چىقىپ مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلگەندە سورىدىم.
−− كىرىپ كېتەلەيمەن. بىراق كۆڭلۈم يېرىم بولۇۋاتىدۇ.
−− نېمىگە؟
−− بىلمەيمەن.
−− يېڭى مۇھىتقا كۆنگىچە ئادەمدە مۇشۇنداق كەيپيات بۇزۇلۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. نەچچە كۈن ئۆتسىلا كۆنۈپ قالىسەن.
−− ئەمىسە پات – پات كېلىپ تۇرغىن.
−− ماقۇل. ئارىلىقىمىزمۇ ئانچە يىراقتەك قىلمايدۇ. سەن ئىچىڭدە مېنى چاقىرساڭلا مەن شۇئان ئالدىڭدا پەيدا بولۇشقا كاپالەت بېرەي.
−− يەنە چاقچاق قىلىۋاتىسەن – ھە.
ئايرىلىش ئالدىدا مەن ساڭا بەرگەن تۇرمۇش خىراجەت پۇلىنى خىجالەتچىلىك ئىچىدە ناھايىتى تەستە ئالدىڭ. بىز ئەمدى مۇستەقىل، ئەمما جاپالىق تۇرمۇش قاينىمىغا قەدەم باسقانىدۇق. بۇ ئۇزاق مۇساپىدە بىزنى يەنە قانداق تەقدىر – قىسمەتلەرنىڭ كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقى ھەر ئىككىمىزگە قاراڭغۇ ئىدى. شۇنداقتىمۇ بۇ ئۇزاق مۇساپىنى ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بېسىپ تۈگەتمىسەك بولمايتتى.
سەن مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا مېنى كۆزۈڭ قىيمىغان ھالدا ئۇزىتىپ قالدىڭ. مەن سەن بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن مەكتەپكە قايتىپ چىقتىم. بىز ئالتە ئوغۇل بىر ياتاقتا ئىدۇق. چىراي – شەكلىمىزمۇ، بوي – بەستىمىزمۇ، مىجەز – خۇلقىمىزمۇ ئوخشىشىپ كەتمەيدىغان ئالتە ياتاقداش ئەمدى بەش يىللىق بۇ ئۇزاق مۇساپىنى بىرگە باساتتۇق. مەن كىرگەندە ياتاقتا باشقىلار يوق ئىدى. مەن ئىشىك بويىدىكى قوش قەۋەتلىك كارىۋاتنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى ئورنۇمغا چىقىپ سوزۇلۇپ ياتتىم. كارىدوردا بالىلارنىڭ ئاۋازلىرى بىردەممۇ بېسىلمايتتى. گەرچە سېنتەبىر ئېيى كىرىپ بولغان بولسىمۇ ھاۋا يەنىلا ئىسسىق ئىدى. قوش قانىتى ئېچىۋېتىلگەن دېرىزىدىن ناگان – ناگاندا كىرىپ قالىدىغان سالقىن شامال ئادەمگە ھۇزۇر بېغىشلايتتى. گىتار مۇزىكىسىغا تەڭكەش قىلىنىپ ئوقۇلۇۋاتقان ناخشا ئاۋازى مەكتەپ باغچىسى تەرەپتىن كېلىپ ياتاق ئىچىدە لەيلەيتتى.
مەن كۆزۈمنى يېرىم يۇمۇپ ياتقىنىمچە ناخشىنىڭ رىتىمىگە قۇلاق سالدىم. ناخشىنى بىر ئوغۇل بالا ئېيتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ گىتار چېلىشتىكى ماھارىتى، ئاۋازىمۇ ناھايىتى ياخشى ئىدى.
گىتار چېلىپ ئولتۇرسام،
خىيالىمغا سەن كەلدىڭ.
دەردىڭ بولسا ئېيت يارىم،
مۇڭداشقىلى مەن كەلدىم.
ناخشىنىڭ تېكىستمۇ، مۇزىكىسىمۇ يېقىملىق ئىدى. گەرچە بۇ ناخشا مەن بۇرۇن ئۈنئالغۇ لېنتىسىدىن كۆپ ئاڭلىغان، ئۆزۈممۇ گىتار بىلەن ئوقۇپ يۈرگەن تونۇش ناخشا بولسىمۇ، ۋۇجۇدۇمنى غېرىبلىق تۇيغۇسى چىرمىۋالغان ئۇشبۇ تاپتا مېنى يەنىلا ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالدى. كۆڭلۈمنىڭ قاراڭغۇلۇق باسقان بىر يەرلىرىنىڭ نېمىگىدۇر بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى غۇۋا ھېس قىلاتتىم – يۇ، زادى نېمىگە بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالمايتتىم.
كېچىدە بوران چىقىپ،
ئۆرۈۋەتتى باراڭنى.
باغلاپ قويسا تۇرمايدىكەن،
كۆڭۈل دېگەن ساراڭنى.
يېقىملىق ناخشا ئاۋازى خىيالىم بىلەن ئارىلىشىپ كەتتى. تۇيۇقسىز كۆزۈم ئۈنسىز تىكىلىپ تۇرغان تورۇستىكى ئاق رەڭ ئىچىدە سەن پەيدا بولدۇڭ. چاچلىرىڭ خۇددى دېڭىز بويىدىكى نەمخۇش شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغاندەك تال – تال بولۇپ توزۇپ تۇراتتى. لەۋلىرىڭدىكى سۇس، ئەمما قىزغىن تەبەسسۇم سېنى گوياكى بىر پارچە گۈزەل ماي بوياق رەسىمدەك جەلپكار تۈسكە كىرگۈزۈۋەتكەنىدى.
شۇنداق قىلىپ يېڭى مۇھىتتىكى يېڭى ھاياتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك باشلاندى. ھېس قىلدىمكى، ئالىي مەكتەپ ھاياتىمۇ ئۆزگىچە بىر دۇنيا بولۇپ، بۇ دۇنيادىكى تۇرمۇش تولىمۇ قىزغىن، تولىمۇ رەڭدار، تولىمۇ كەپسىز ئىدى. سەن بۇ يەردىكى قىزغىن، رەڭدار، كەپسىز دۇنيادا قائىدە – ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، ئىمتىھان نەتىجىسىگىلا كاپالەتلىك قىلالىساڭ سەن بىلەن ھېچ كىمنىڭ كارى بولمايدىكەن. مەكتەپ كىنوخانىسىدا يېڭى – يېڭى فىلىملەر قويۇلۇپ، تانسا كېچىلىكلىرى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ تۇراتتى. پات – پات قىز ساۋاقداشلارنىڭ تۇغۇلغان كۈن خاتىرە پائالىيەتلىرىمۇ ئۆتكۈزۈلۈپ تۇراتتى. مەكتەپكە يېڭى كەلگەندە ئىككى ئۆرۈم چاچ بىلەن كەلگەن قىزلار ناھايىتى تېزلا چاچلىرىنى كېسىپ، پاخپايتىپ بولاتتى. ئۇلار تېزلا قوبۇل قىلغان ياسىنىش مەدەنىيىتى ئۇلارنى باشقىچە بىر قىزلارغا ئوخشىتىپ قويسا، ئۇلار كىيىۋالغان بەدەنلىرىنى چىڭڭىدە قىسىپ تۇرىدىغان ئىشتانلار ئوغۇللارنىڭ كۆزىدىن نۇر چاقنىتىپ تاشلايتتى. قىز – ئوغۇللارنىڭ مۇھەببەتلىشىپ يۈرۈشى بۇ يەردە ئادەتتىكى ئىشلار بولۇپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى بالىلار بۇ خىل تۇرمۇشنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدىكەن.
ئوقۇشۇم ناھايىتى كۆڭۈللۈك باشلاندى. مەندە يوشۇرۇن مۇزىكا سېزىمى بارمۇ، قانداق، مۇزىكىلارنى ئەستە تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتىم پەۋقۇلئاددە يۇقىرى ئىدى. شۇڭىمىكىن سىرلىرى ئۆڭۈپ كەتكەن قاپاق گىتار بىلەن ناخشا ئېيتىشنى تولۇق ئوتتۇرىنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىلا ئۆگىنىۋالغانىدىم. گىتاردىن ئىبارەت بۇ يېقىملىق ئاۋاز چىقىرىدىغان چالغۇ ئەسۋابى بالىلىق ھەۋەسلىرىم بىلەن قوشۇلۇپ مېنى ئۆزىگە شۇ قەدەر مەھلىيا قىلىۋالغانكى، كەلگۈسىدە قايسىدۇر بىر گىتار چولپانلىرىدەك چىرايلىق سەھنىلەردە ناخشا ئېيتىشنى ئارمان قىلاتتىم. شۇڭا قولۇمغا سەنئەت كەسپىنىڭ چاقىرىق قەغىزى تەگكەن ۋاقىتتا بېشىم كۆككە يەتكەندەك خۇش بولۇپ كەتكەنىدىم. گەرچە ئاتا – ئانام يەر تېرىپ تۇرمۇش قامدايدىغان بولسىمۇ، مېنىڭ ئوقۇشۇم ئۈچۈن ھەتتا جانلىرىنىمۇ سېلىپ بېرىشتىن يانمايتتى. ئۇلار مېنىڭ ياخشى ئوقۇپ كەلگۈسىدە راھەتتە ياشايدىغان ئادەملەردىن بولۇشۇمنى ئۈمىد قىلىشاتتى. مېنى ئاتا – ئانام قانچىلىك ياخشى كۆرسە، مەنمۇ سېنى شۇنداق ياخشى كۆرەتتىم لالە. گەرچە بۇ ئىككى خىل مۇھەببەتنىڭ شەكلى ۋە مەزمۇنىدا زور پەرق مەۋجۇت بولسىمۇ، ماھىيىتىدە ھېچ قانداق پەرق يوق ئىدى. شۇڭا مەن سېنىڭ پەقەت بىلەكلىرىڭدىكى ھېلىقى جاراھەت ئىزلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى يۈرىكىڭدىكى جاراھەت ئىزلىرىنىمۇ يۇيۇپ تاشلاشنى ئىرادە قىلغانىدىم. گەرچە ئاتا – ئانامنىڭ مېنىڭ بۇ خىل تاللىشىمنى ھازىر قوبۇل قىلالمىسىمۇ، ھامان بىر كۈنى قوبۇل قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل ئىدى. شۇڭا ئاتا – ئانام يېمەي – ئىچمەي تولۇقى بىلەن تەييارلاپ بەرگەن ئوقۇش خىراجىتىمنى ئوتتۇرىدىن ئىككىگە بۆلۈپ، سەن بىلەن ئورتاق خىراجەت قېلىشتەك تاللىشىمدىمۇ ھېچقانداق گۇناھ تۇيغۇسى، ئاتا – ئانامغا يۈز كېلەلمەسلىك خاھىشىنىمۇ سەزمىدىم.
جېنىم لالە! گەرچە مەن سېنىڭ ۋەسلىڭ، خۇشاللىقىڭ ئۈچۈن تاغ تېشىپ، دەريا كېچەلمىسەممۇ؛ يالماۋۇز ئۆلتۈرۈپ سېنى ئاق ئاتقا مىندۈرۈپ ئۇچۇپ كېتەلمىسەممۇ، لېكىن مەۋجۇت رېئاللىقتىكى يىگىتلىك كوچامدا سەن ئۈچۈن ئادا قېلىشقا تېگىشلىك بارلىق بۇرچۇمنى تولۇق ئادا قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييارلىنىپ بولغانىدىم. گەرچە ئالىي مەكتەپ قوينىغا يېڭىلا قەدەم باسقان مەندەك بىر يېڭىياچە ستۇدېنتنىڭ بۇ چوڭ شەھەردە جانغا دال بولالىغۇدەك ئىقتىسادىي مەنبەگە ئىگە بولۇشى خىيالنىڭ ئورنىدىكى ئىش بولسىمۇ، مەن بۇ خىيالنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشاتتىم. لېكىن بۇلارنى ساڭا بىلدۈرۈشنى ۋە بۇ ئارقىلىق سېنى ماڭا ھېسسىيات جەھەتتە قەرزداردەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويۇشنى خالىمايتتىم.
مەن ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرى سېنى كۆرگىلى چىقاتتىم. سەن بىلەن كۆڭۈللۈك پاراڭلىشاتتىم. سېنىڭ مەكتەپتىكى تۇرمۇشۇڭ، ساۋاقداشلىرىڭ، ياتاقداشلىرىڭ ھەققىدە قىزىقسىنىپ سۆزلەپ بەرگەن پاراڭلىرىنى ئاڭلايتتىم. سەن بىلەن گۈللۈكلەرنى ئايلىنىپ ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ سەزمەي قالاتتىم. سەن بىلەن خوشلىشىپ قايتقان ۋاقتىمدا بولسا سېنى باشقا قىزلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ، سېنىڭمۇ ئاشۇ قىزلاردەك چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىپ يۈرۈشۈڭنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلاتتىم. سېنىڭ ئاددىي – ساددا تۇرمۇش رىتىمىڭگە قاراپ ئىچىم ئاچچىق بولاتتى ۋە بىر كۈنى كۆپلەپ پۇل تېپىپ سېنىمۇ ئاشۇ قىزلاردەك چىرايلىق ياسىۋېتىمەن، دەپ ئۆزۈمگە ۋەدە بېرەتتىم.
لېكىن مەن بۇ شەھەردە تۇنجى قېتىم كۈتۈۋالغان ئۆكتەبىرلىك دەم ئېلىشنىڭ تەقدىرىمنى ئۆزگەرتىپ تاشلايدىغانلىقىنى زىنھار ئويلىماپتىكەنمەن.
ئۆكتەبىرنىڭ ھارپا ئاخشىمى ياتاق ئىشىكىم بوشقىنە چېكىلدى. ئادەتتە ئوغۇللارنىڭ ياتاق ئىشىكى چېكىدىغان ئادەت يوق ئىدى. شۇڭا ئىشىك چەككۈچىنىڭ چوقۇم قىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.
−− كىرىڭ!
ئاۋازىم بىلەن تەڭ ئىشىك ئاۋايلاپ ئېچىلىپ ياتاققا نەزىرە ئىسىملىك قىز ساۋاقدىشم كىرىپ كەلدى. مەن ئۇنى كارىۋاتتا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلغاچ بىر قۇتا پۇراقلىق چاي دەملەپ ئۇنىڭغا تۇتتۇم. نەزىرە مەن سىنىپتا ياخشى ئۆتىدىغان ئوچۇق – يورۇق، خۇش چاقچاق قىزلارنىڭ بىرى ئىدى.
−− مۇنداق ئىش ئىدى، −− دېدى نەزىرە سۇس ھور چىقىپ تۇرغان چايدىن بىر نەچچە ئوتلام ئىچكەندىن كېيىن سۆز باشلاپ، −− ئەتە كەچتە تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئۆتكۈزمەكچى ئىدىم. شۇڭا سىزنىمۇ قاتنىشىپ بېرەرمىكىن دەپ ئالاھىتەن يېنىڭىزغا تەكلىپ قىلىپ كىرىشىم ئىدى.
مەن دەرھاللا ماقۇللۇق بىلدۈردۈم ۋە ئەتە كەچتە بەلگىلەنگەن رېستوران، يەنى »ئاتەش« رېستورانىغا دەل ۋاقتىدا بېرىشقا ۋەدە قىلدىم.
ئەتىسى كەچكە يېقىن بىر دەستە قىزىلگۈل سېتىۋېلىپ، »ئاتەش« رېستورانىغا قاراپ يولغا چىقتىم. مەن ئاتەشكە كىرىپ كەلگىنىمدە رېستوران ئىچى ئادەم بىلەن لىق تولغان بولۇپ، مۇلازىم قىزنىڭ ياردىمىدە نەزىرەلەر ئورۇنلاشقان ئورۇننى تېپىپ كېلىپ، ئۆزۈمنىڭ ياخشى تىلەكلىرىم بىلەن بىر دەستە قىزىلگۈلنى نەزىرەگە بەخت تىلەپ تۇرۇپ تۇتتۇم. ئاندىن ياندىكى بوش ئورۇندا ئولتۇرغاچ رېستوراننىڭ بېزىلىشىگە نەزەر سالدىم. رېستوران ئىچى زامانغا لايىق بېزەلگەن بولۇپ، رەڭدار چىراغلار، گۈزەل نەقىشلەر، قاپارتما ئويمىلار، تاملاردىكى چىرايلىق رەسىملەر ياڭراتقۇدىن پەس ئاۋازدا چىقىۋاتقان لىرىك مۇزىكا ئاۋازى بىلەن قوشۇلۇپ رېستوران ئىچىنى ئاجايىپ بىر رومانتىك كەيپىياتقا چۆمدۈرۈۋەتكەنىدى. 06 − 07 چە تاماق شىرەسى ئازادە پاتىدىغان بۇ رېستوراندا ھەر خىل ناملار بىلەن كەلگەن مېھمانلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ پاراڭلىرى بىلەن ئاۋارە ئىدى.
بۈگۈنكى ئولتۇرۇشلارنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى نەزىرەنىڭ تۇغۇلغان كۈن مۇراسىمىنىڭ مۇقەددىمىسى بىلەن باشلىنىپ، قالتىس پۇزۇر كىيىنىۋالغان بىر قىز مىكروفون ئالدىدا پاساھەتلىك گەپلەر بىلەن نەزىرەگە بەخت تىلىدى ۋە ئۆزىنىڭ بىر قۇچاق كەلگۈدەك رەڭدار گۈلىنى نەزىرىگە سوۋغا قىلدى. ئارقىدىنلا ئۇزۇن چاچ، قىسقا چاچ، ساقاللىق – ساقالسىز رېستوران مۇزىكانتلىرى جۇشقۇن مۇزىكىلارنى چېلىپ ياڭراق ناخشىلىرىنى باشلىۋەتتى. ئۇسسۇل – تانسىلار بىرىنىڭ ئارقىسىدىن بىرى باشلىنىپ سورۇن شۇنداق قىزغىن كەيپىياتقا چۆمدى.
مەن بەخت قوينىدا ئۆزىگە تۇتۇلغان گۈللەردەك پورەكلەپ ئېچىلىپ كەتكەن نەزىرەگە قاراپ ئولتۇرۇپ يەنە سېنى ئەسلىدىم.
بىز دالا سەيلىسىگە چىققان ھېلىقى كۈنىمۇ سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ ئىدى لالە. لېكىن ئۇ كۈن سەن ئۈچۈن ھېچ قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە ئەمەستەك، سەن ئۇ كۈن ئۈچۈن شۇنچە بىپەرۋا ئىدىڭ. گەرچە مەن ئۇ كۈننىڭ سېنىڭ قۇتلۇق تۇغۇلغان كۈنۈڭ ئىكەنلىكىنى بىلسەممۇ، ساڭا بىر دەستە گۈل ئەمەس، بىر تال ياۋا چۆپمۇ تۇتالمىدىم، سېنى تەبرىكلىيەلمىدىم، پەقەت ساڭا ئاتاپ تەييارلىغان ناخشامنى ئىچىمدىلا ئوقۇپ بولدى قىلدىم. ئەمدى دىققەت قىلسام، سەن بىلەن نەزىرە ئىككىڭلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرق تولىمۇ چوڭ بولۇپ، سەن بىلەن نەزىرەدىن ئىبارەت ئوخشاش بىر يەر يۈزىدىكى ھەم ئوخشاش ياشتىكى ئىككى قىزنىڭ تەقدىر – قىسمەت گۈلۈڭلارنىڭ مەزمۇنىدىن تارتىپ ماھىيىتىگىچە زور پەرق مەۋجۇت ئىدى.
−− بىر قول تانسا ئوينايلىمۇ؟
قۇلاق تۈۋىمدىلا ئاڭلانغان ئاۋاز ۋە بۇرنۇمغا گۈپپىدە پۇرىغان خۇشبۇي ئەتىر ھىدىنىڭ تەسىرىدىن خىيالىم بۆلۈپ تاشلاندى. قارىسام ئالدىمدا پۇزۇر كىيىنىۋالغان چىرايلىق بىر قىز ئوماققىنە لەۋلىرىدە تاتلىققىنە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپتۇ. بۇ قىز باياتىنقى رىياسەتچى قىز ئىدى.
−− نېمە دېسەم بولار، −− دېدىم مەن سەل قورۇنغان ھالدا ئالدىمدىكى بۇ چىرايلىق قىزغا قاراپ تۇرۇپ، −− مەن تانسىنى تازا ياخشى ئوينىيالمايتتىم.
−− ھېچقىسى يوق، −− دېدى رىياسەتچى قىز جاۋابەن يەنىلا شۇ مۇلايىم ئاۋازى بىلەن، −− ئاستا – ئاستا ئۆگىنىپ قالىسىز. ھېچكىم بىر قېتىمدىلا ھەممىنى بىلگەن ئەمەس.
قارىماققا بۇ قىز تولىمۇ ئوچۇق – يورۇقتەك كۆرۈنەتتى.
−− نېمە دېسەم بولار، راستىنى دېسەم ئانچە – مۇنچە پۇتقا دەسسىۋالىدىغان ئەسكى خۇيۇممۇ بار، مەيلىمۇ؟ −− دېدىم تېخىمۇ ئوڭايسىزلانغان ھالدا. لېكىن ئۇ يەنە:
−− ئەمىسە راست گەپ قىلدىڭىزمۇ ياكى يالغان گەپ قىلدىڭىزمۇ سىناپ باقسام بولغۇدەك جۇمۇ، −− دېدى. ئۇ يەنىلا شۇنداق تاتلىق كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى. يوغان ئات كۆزلىرىنىڭ قارا قارىچۇقىدا كۈچلۈك بىر نۇر دولقۇنى توختاۋسىز دولقۇنلايتتى. مەن چىرايلىق بىر قىز بىلەن تانسا ئويناش ئۈچۈن ئورنۇمدىن تۇردۇم. ياڭراتقۇدىن چىقىۋاتقان يېقىملىق كۈي ئىچىدە ئۇنىڭ قاردەك ئاق، بۇلۇتتەك يۇمشاق قولىنى ئەدەپ بىلەن بوشقىنە تۇتتۇم – دە، مۇزىكا رىتىمىگە ماس ھالدا قەدەم يۆتكەشكە باشلىدىم. ئاڭغىچە سەھنىدە قايغۇلۇق بىر ھالەتتە ئۇيان – بۇيان قەدەم تاشلاپ مېڭىۋاتقان ناخشىچى بالىنىڭ ناخشا ئاۋازى ياڭراتقۇدىكى مۇزىكا ئاۋازى بىلەن قوشۇلۇپ ياڭراپ چىقىۋېدى، رېستوران ئىچىدە ئالقىش سادالار بىلەن قىزغىن ۋە كۈچلۈك چاۋاك ساداسى گۈررىدە كۆتۈرۈلدى. بۇ ئۇيغۇر جامائىتىگە تونۇشلۇق بولغان ياش ناخشىچى ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇندىغان »ئۇنتالمايمەن« ناملىق ناخشىسى بولۇپ، بۇ ناخشا ھازىر ياشلار ئارىسىدا مودا بولۇپ ئېقىپ يۈرگەن ناخشىلارنىڭ بىرى ئىدى. سەھنىدىكى قايغۇلۇق ھالەتتە تۇرغان ناخشىچى يىگىتنىڭ ئورۇنداش ماھارىتى ئەسلىدىكىسىگە يەتمىسىمۇ يەنىلا يېقىملىق ئاڭلىناتتى.
سەن كۈلگەندە كۈلەر گۈل – گىياھ،
سايرىشىدۇ مىڭ بۇلبۇلگويا.
ئۇلغىيىدۇ تېخىمۇ دەريا،
ئەي نىگار كۈلكەڭنى ئۇنتالمايمەن.
ناخشىنىڭ كۆڭۈلنى رام قىلغۇچى سېھرى ئىچىدە مەن ئەڭ سەزگۈر ھالىتىمدە قەدەملىرىمنى ئۆلچەملىك رەۋىشتە يۆتكەشكە تىرىشاتتىم. بەدىنىدىن خۇشبۇي ئەتىر ھىدى گۈپۈلدەپ ئۇرۇلۇپ تۇرغان رىياسەتچى قىز بولسا خۇددى كۆكتىكى قۇشتەك ئەركىن ئىدى. ئۇنىڭ نەپەسلىرىمۇ سېنىڭ نەپەسلىرىڭدەك ئىسسىق بولۇپ، يۈزۈمگە بىر خىل رەۋىشتە ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. دەسلەپ ئۇنىڭ ئاپئاق قولى بىلەن ئىنچىكە، يۇمشاق بېلىنى تۇتقان ۋاقتىمدا ۋۇجۇدۇمدا پەيدا بولغان قورۇنۇشلارمۇ ھازىر نەگىدۇر يوقالغان ئىدى.
−− سىزنى بەكلا ئەدەپلىك دەپ ئاڭلىۋېدىم، ئاڭلىغىنىمدەكلا ئەدەپلىك ئىكەنسىز.
ئۇنىڭ نېپىز لەۋلىرىدىن چىققان يېقىملىق ئاۋازى ماڭا خۇددى »سىزنى بەكلا قىز بالا مىجەز دەپ ئاڭلىۋېدىم، ئاڭلىغىنىمدەكلا قىز بالا مىجەز ئىكەنسىز« دېگەندەك غەيرىيلا تۇيۇلۇپ كەتتى. شۇڭا:
−− مېنى مەسخىرە قىلىۋاتامسىز، قانداق؟ −− دەپ سورىدىم ئۇدۇللا.
ئۇ چىرايلىق ئات كۆزلىرىنى شامالدا يەلپۈنۈۋاتقان گۈلدەك ئوينىتىپ تۇرۇپ ناز بىلەن بېشىنى يەڭگىل چايقىدى ۋە:
−− ياقەي، سىزگە ھەۋىسىم كېلىۋاتىدۇ، −− دېدى.
ئۇنىڭ نازلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن ئەركىلەپ تۇرۇپ جاۋاب بېرىشلىرى ماڭا قايسىدۇر بىر كىنولاردىكى ساھىبجاماللارنىڭ ھاياجانلىق ئوبرازىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى. بۇنداق ھاياجانلىق كۆرۈنۈشلەر ئەرلەرنىڭ بارلىقىنى ئاسانلا يوقلۇققا ئالماشتۇرۇپ تاشلىيالاتتى.
−− ئىسمىڭىز كامالمۇ؟ −− سورىدى ئۇ مەندىن. مەن چاقچاق ئارىلاشتۇرۇپ جاۋاب بەردىم:
−− شۇنداق، قۇلىقىڭىز خېلىلا ئۇزۇنكەن – ھە؟
−− ئۇچۇر دەۋرى ئەمەسمۇ، خاتا دېمىگەندىمەن؟ −− دېدى ئۇ يەنە ناز بىلەن كۆزۈمگە بېقىپ تۇرۇپ.
ئۇنىڭ بۇ جاۋابىدىن كۈلگۈم كېلىپ كەتكەن بولسىمۇ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم. چۈنكى ئۆزۈم ئويلىمىغان بىر بوشلۇق ئىچىدە بۇ قىزنىڭ ئۇچۇر سىگنالىغا ئىلىنىپ قالغانلىقىم ھەقىقەتەنمۇ ھەيران قالارلىق ئىش ئىدى.
−− سىز مېنىڭ ئىسىمىمنى سورىمايسىزغۇ؟
−− ھەقاچان دەپ بەرمەيدۇ، دەپ ئويلىدىم.
−− ۋىيەي قوۋۇرغام، نېمانداق تېگى بار گەپ قىلىدىغانسىز كامال.
ئەمدى ئۇ ئىسمىمنى ئاتاپ تۇرۇپ پاراڭلىشىشقا باشلىدى.
−− نەدىكى تېگى بار گەپنى دەيسىز، مەن ئۇنداق ھېس قىلمىدىم بولمىسا.
−− ھىيلىگەر!
ئۇنىڭ مېنى بۇنداق سۈپەتلىشى ماڭا تازا ياقمىدى. شۇڭا دەرھاللا ئىنكاس قايتۇردۇم:
−− ھازىر نېمە دېدىڭىز؟
−− كۆڭلىڭىزگە كەلدىما؟
−− ياقەي، بىراق باشقىچىلا ئاڭلىنىپ كەتتى.
−− شۇ، مەنمۇ باشقىچىلا ئاڭلىنىپ كەتسۇن دەپ ئەركىلەپ دەپ قويدۇم.
−− سىز باشقا قىزلارغا ئانچە ئوخشاپ كەتمەيسىكەنسىز – ھە؟
−− بەلكىم، لېكىن باشقا قىزلارنىڭ ماڭا ئوخشاپ قېلىشى مۇمكىن.
−− قانداق دەيسىز؟
−− مۇھىت ھەممە ئادەمگە بىۋاسىتە تەسىر قىلىدۇ ئەمەسمۇ.
ئۇنىڭ ئاخىرقى جاۋابى ماڭا ناھايىتى ئورۇنلۇق تۇيۇلۇپ كەتتى. چۈنكى ئادەمنىڭ ئۆزى ھەم بارلىق ئوي – پىكرىنىڭ، ھامان ئۆزىنى ئوراپ تۇرغان مۇھىتنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىگە ئۇچراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىقىغا مەنمۇ ئىشىنەتتىم.
−− سىزنى ماختاپ قويايمۇ؟
بۇ قېتىم مەن ئۆزۈم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېغىز ئاچتىم.
−− مەسىلەن، نېمىدەپ؟
−− سىز بەك چىرايلىق ھەم يېقىملىقكەنسىز، دەپ.
−− راستما؟
−− ئەلۋەتتە، مەن يالغان سۆزلىگەندەك تۇرمايدىغاندىمەن؟
−− ياقەي، مەنچىغۇ ئۇنداقدەكقۇ قىلمايدۇ.
−− بەلكىم ئىسمىڭىزنىمۇ ئۆزىڭىزگە ئوخشاشلا چىرايلىق بولسا كېرەك، دەپ ئويلاپ قالدىم. مېنىڭ بۇ ئويۇم خاتا چىقىپ قالماس – ھە؟
−− سىزنىڭچە چوقۇم ئۆزى چىرايلىق بولسا ئىسمىمۇ چىرايلىق بولۇشى ياكى ئىسمى چىرايلىق بولسا ئۆزىمۇ چىرايلىق بولۇشى كېرەكمۇ؟
−− ئەمدى شۇنداق توغرا كېلىپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ ئەمەسمۇ. بولمىسىغۇ بىزنىڭ يۇرتتىكى گۈزەل دېگەن بىر قىزنىڭ چىرايى شۇنداق كۆرۈمسىز ئىدى دەڭا.
−− چولپان! چىرايلىق ئىسىممىكەن؟
−− شۇنداق، ھەم چىرايلىق، ھەم مۇڭلۇق ئىسىمكەن دەڭا.
−− مۇڭلۇق؟! مەسىلەن، قانداق مۇڭلۇق؟
−− ئاڭلاڭ – ھە ئەمىسە، −− مەن چولپانغا ناخشا چىقىۋاتقان سەھنە تەرەپنى ئىشارە قىلدىم. يېقىملىق ناخشا يەنىلا بىر خىل رىتىمدا ياڭراۋاتاتتى.
يىراقلاردا يانىدۇ گۈلخان،
ئۇزۇن كېچە قىينايدۇ ھىجران.
سۈبھى دەمدە كۈلىدۇ چولپان،
ئەي نىگار كۈلكەڭنى ئۇنتالمايمەن.
−− ئاڭلىدىڭىزمۇ؟
−− ھەئە، ئاڭلىدىم. قانداق دەيسىز؟
−− ئىسمىڭىزنى ئاشۇ ناخشىدەكلا يېقىملىق ئىكەن، دېمەكچىدىم.
چولپان سۆزۈمنى ئاڭلاپ كۆزى ئېچىلىپ كەتكەن بۇلاقتەك ۋىلىقلاپ كۈلۈپ كەتتى. ئۇنىڭ كۈلگەن ۋاقتىدىكى كۆزلىرى تېخىمۇ چىرايلىقلىشىپ كەتكەن بولۇپ، قارىغان ئادەمگە خۇددى قاراڭغۇدىكى ئايدىڭنى ئەسلىتەتتى. چولپان »شۇنداقمۇ« دېگەن مەنىدە كۆزۈمگە كۈلۈپ تۇرۇپ قارىۋەتكەندىن كېيىن ئىسسىق قوللىرى بىلەن قولۇمنى چىڭڭىدە سىقىپ قويدى. ئۇنىڭ قولۇمنى سىقىشلىرىدىن تۇيۇقسىز ھاياجانلىنىپ كەتتىم. ئىچىمگە بولسا بىر خىل تاتلىق سېزىم تاراپ، ئۇنى ئىختىيارسىزلا ئۆزۈمگە يەنىمۇ يېقىنراق تارتتىم. شۇ ھامان ئۇنىڭ بىر جۈپ چىڭڭىدە كۆكسى مەيدەمگە يۇمشاققىنە تېگىۋېدى، ئەركەك شەيتانلىرىم قانلىرىمدا موللاق ئېتىپ كەتتى.
−− ئەسكى …
چولپان مېنىڭ شۇ چاغدا نېمىلەرنى خىيال قىلىپ كەتكىنىمنى بىلىپ قالغاندەك شۇنداق دېۋېدى، تولىمۇ ئوڭايسىزلىنىپ كەتتىم. ئەمما ئۇنىڭ تەلەپپۇزىدا ئاچچىقلىنىش ياكى قېيىداش ئالامەتلىرى باردەكمۇ قىلمايتتى.
كۆپ ھاللاردا بىز ئەرلەر ئۆزلىرىمىزنىڭ ئاياللار ئالدىدىكى يوشۇرۇن ھېسسىياتلىرىمىزنى قارشى تەرەپكە بىلدۈرمەيمىز، دەپ ئويلايمىز. بىراق قارشى تەرەپمۇ چاقماق تېزلىكىدە بىزنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى بارلىق ھېسسىياتلىرىمىزنى ھېس قىلىپ بولىدۇ – يۇ، ھېچ نېمىنى چاندۇرماي بىپەرۋا قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ. تېخى ھېلىلا مەنمۇ بىر ياۋايى ھاياجاننىڭ تەسىرىدە چولپاننى ئۆزۈمگە تارتىپ ئۇنىڭ يۇمشاق، ئىسسىق كۆكسىنى مەيدەمگە تەگكۈزۈۋالدىم. مېنىڭ ئويۇمچە بولغاندا، چولپان بۇنى ھېس قىلماسلىقى ياكى سەزمەسلىكى كېرەك ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ »ئەسكى« دېگەن بىر ئېغىز سۆزىدىنلا ئۆزۈمنىڭ ئويىنىڭ خاتالىقىنى ھېس قىلدىم.
مەن چولپان بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىپ بېقىش ئىستىكىدە يەنە قايتا ئېغىز ئاچتىم.
−− سىز نېمە ئىش قىلىسىز؟
−− مېنىڭ نېمە ئىش قىلىشىم سىز ئۈچۈن شۇنچە مۇھىمما؟
−− ھەر ھالدا بىلىپ قالغاننىڭ زىيىنى بولماس دەپ ئويلايمەن.
−− مەن مۇشۇ ئاتەشتە رىياسەتچى.
−− مۇنداق دەڭ. مەن تېخى سىزنى…
چولپان سۆزۈمنى بۆلۈپلا ئېغىز ئاچتى:
−− ئوقۇغۇچىمىكىن دەپ قالغانما؟
−− توغرا پەرەز قىلدىڭىز. ئەمەلىيەتتىمۇ سىز ستۇدېنتقىلا ئوخشايدىكەنسىز.
−− رەھمەت سىزگە كامال. سىز مېنىڭ گۈزەل ئەسلىمىلىرىمنى تۇيۇقسىزلا يادىمغا سېلىپ ئۆتتىڭىز. ئەسلىي مەنمۇ سىز ئوقۇۋاتقان مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدىم. لېكىن كېيىن ئوقۇشۇمنى داۋاملاشتۇرالماي مۇشۇ رېستوراندا ئىشلەپ قالدىم.
−− نېمە ئۈچۈنلىكىنى سوراپ باقسام بولامدۇ؟
−− مېنىڭ كۆڭۈلسىز ئىشلارنى يەنە قايتا تىلغا ئالغۇم يوق، كامال.
ئۇنىڭ ئۆزى ھەققىدە سۆزلەپ بەرمىگىنىدىن باشقىچە گۇماندا بولۇپمۇ كەتمىدىم. چۈنكى ھەر قانداق ئادەمنىڭ باشقىلارغا بىلدۈرۈشنى خالىمايدىغان شەخسىي سىرلىرى بولىدۇ ئەمەسمۇ. ناۋادا بىز مەلۇم بىر پارچە ھېكايىدىكى پېرسوناژ بولغان بولساق، بەلكىم ئۇ ماڭا ئاجايىپ دەبدەبىلىك ياكى قايغۇلۇق كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بېرىپ، مېنى بىردەمدىلا قايىل قىلىۋەتكەن بولاتتى. چۈنكى ئەسەر دېگەندە شۇنداق قىستۇرمىلار بولمىسا ئىككى پېرسوناژ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئوڭۇشلۇق راۋاجلاندۇرغىلى بولمايدۇ. لېكىن چولپان بىلەن مەن ئەسەردىكى توقۇلما ئادەم ئەمەس، بەلكى رېئاللىقتىكى ھەقىقىي ئادەم. شۇڭا رېئاللىقتىكى ھەقىقىي ئادەمگە ئەسەردىكى پېرسوناژلارغا قويۇلىدىغان يۈكسەك تەلەپلەرنى قويۇشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق ئىدى. شۇڭا:
−− كەچۈرۈڭ، مەن سورىمىغان بولاي ئەمىسە، −− دېدىم مەن.
−− كېرەك يوق. مەن ئۈچۈن سورالغان بىلەن سورالمىغاننىڭ، جاۋاب بەرگەن بىلەن جاۋاب بەرمىگەننىڭ پەرقى يوق. ھە راست كامال، سىزگە مۇھىم بىر تەكلىپ بار جۇمۇ.
−− قانداق تەكلىپ ئۇ؟
−− نەزىرە سىزنىڭ بىر ناخشا ئورۇنداپ بېرىشىڭىزنى ئۆتۈنگەنىدى. رەت قىلىۋەتمەڭ، نەزىرەدىن ئاڭلىسام سىز ناخشىنى بەك ياخشى ئېيتقۇدەكسىزغۇ؟
−− توۋا دەڭا، تۆت ئادەمنىڭ ئالدىدا گەپنىمۇ قاملاشتۇرۇپ دېيەلمەيدىغان تۇرسام، بۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئالدىدا ناخشا ئېيتىش قانداقمۇ قولۇمدىن كەلسۇن. مېنى تىرىك ئۆلتۈرمەڭلار، چولپان.
−− سەل غەيرەتلىك بولسىڭىزچۇ كامال. سەھنىدە سىز پۇتىنى دەسسىۋالغۇدەكمۇ ئادەم بولمىسا، نېمىدىن ۋايىم يەيسىز.
−− بىراق مېنىڭ تەييارلىقىم بولمىسا.
−− ئىشقىلىپ مەن ماقۇللىقىڭىزنى ئالدىم جۇمۇ كامال. مۇشۇ ناخشىدىن كېيىن سىزنى تەكلىپ قىلىمىز.
سەھنىدىكى ناخشا ئاستا – ئاستا ئەۋجىگە كۆتۈرۈلۈۋاتاتتى.
يېقىملىق ناخشىنىڭ ئەۋجى بىلەن بىر قول تانسا ئاخىرلاشتى. مەن چولپاندىن ئايرىلىپ ئەمدىلا ئورنۇمدا ئولتۇرۇشۇمغا، چولپاننىڭ باياتىنقى ئەتىر ھىدلىق تونۇش ئاۋازى ياڭراتقۇدىن ياڭراشقا باشلىدى. دىققەت قىلسام چولپان ئاجايىپ پاساھەتلىك سۆزلەر بىلەن مېنى سەھنىگە تەكلىپ قىلىۋاتاتتى. مېنىڭ بىر تەرەپتىن چولپاننىڭ شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ كۆزلىرى تىكىلىپ تۇرغان سەھنىدە ئۆزىنى شۇنداق تەمكىن، شۇنداق ئەركىن تۇتۇپ مارجاندەك دانىمۇ دانە سۆزلەشلىرىگە ھەۋىسىم كەلسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزۈمنىڭ ئاشۇ چىرايلىق سەھنە ئۈستىدە ئۆتىدىغان بىر نەچچە مىنۇتلۇق ھاياتىمنىڭ تولىمۇ جاپالىق سەپەر ئىكەنلىكىنى ئويلاپ ئىچىمگە سوغۇق تىترەك كىرىپ كەتتى.
ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغلىرىمدىن باشلاپ مۇشۇنداق كۆركەم بېزەلگەن رەڭدار چىراغلىق سەھنىلەردە ناخشا ئېيتىۋاتقان ناخشىچىلارنى كۆرسەم، ئۇلارغا شۇنداق ھەۋەس قىلاتتىم ۋە ئاشۇنداق چىرايلىق سەھنىلەردە ناخشا ئېيتىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم. شۇڭا بۈگۈنكى بۇ پۇرسەتنى شۇ ئارزۇلىرىمنىڭ تۇنجى قېتىم رېئاللىققا ئايلىنىشى، دېسەم ھېچ خاتاسى بولمايتتى. لېكىن تۇرۇپلا بۇنىڭمۇ ئۆزىگە لايىق قىيىنلىق دەرىجىسى بار جەريان ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتىم. دېمەك، ئاڭلاش باسقۇچى بىلەن ئورۇنداش باسقۇچى ئوتتۇرىسىدا مەن تولۇق تونۇپ يەتمىگەن ناھايىتى زور پەرقلەر مەۋجۇت ئىكەن. مەن ھازىر مانا شۇ پەرق ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇقتا خۇددى كۆكتە ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قۇشنىڭ قانىتىدىن چۈشۈپ قالغان بىر تال پەيدەك لەيلەپ قالماقتا ئىدىم. بىر تال پەي كۆكتە مەيلى قانچىلىك ئۇزاق لەيلىمىسۇن ئۇ ھامان تۇپراق ئۈستىگە چۈشۈشتەك رېئال تەقدىردىن قېچىپ قۇتۇلالمايتتى.
چولپاننىڭ يەنە نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى ئاڭقىرالمىدىم. قۇلىقىمغا ئەتراپىمدىكى ئادەملەرنىڭ رىتىملىق چالغان چاۋاك ئاۋازى ئاڭلاندى. كۆزۈم تۇيۇقسىز گۈلدەك ئېچىلىپ ئولتۇرغان نەزىرەنىڭ كۆزى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. نەزىرەنىڭ كۆزى ھاياجاندىن يۇلتۇزدەك چاقناپ كەتكەن بولۇپ، ئىككى مەڭزى سۇس قىزىرىپ قالغانىدى. ئۇ ئالىقانلىرىنى بوش ئۇرۇپ چاۋاك چالغاچ ماڭا قاراپ بىر كۆزىنى بوشقىنە قىسىپ قويدى.
−− قورۇنۇۋاتامسەن؟ −− يېنىمدا ئولتۇرغان بىر سورۇندىشىم مەندىن پىچىرلاپ دېگىدەك سورىدى.
−− ئازراق، −− دېدىم مەن.
−− ئەمىسە مانىڭدىن بىرنى ئوتلىۋالامسەن – يا؟
ئۇ ئالدىدىكى ھاراق رومكىسىنى ئىشارە قىلدى. بۇرۇندىن ھاراق ئىچىپ باقمىغاچمىكىن ھاراقنىڭ ئاق رەڭدە، ئاچچىق بولىدىغانلىقىنى بىلسەممۇ بۇ مىنېرال سۇدەك سۈزۈك سۇيۇقلۇقنىڭ ئاچچىق تەمىنىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم.
شۇڭا سورۇندىشىمنىڭ تەكلىپىنى دەرھاللا رەت قىلىۋەتتىم:
−− بولدىلا، ئىچىپ كۆنمەپتىكەنمەن.
−− بىر رومكا ئىچىپ قويغانغا مەست بولۇپ كەتمەيسەن، ماقۇل دەپ سەل قىزىۋال ئاداش، −− دېدى ئۇ يەنە.
−− مەن مەست بولۇپ قالساممۇ كارايىتى چاغلىق، لېكىن ناخشام مەست بولۇپ قالسا ياخشى بولماسمىكىن.
مەن سۆزۈمنى تۈگىتىپلا ئورنۇمدىن تۇردۇم. ئورنۇمدىن تۇرۇپ قارىسام ئۆزۈم بىلەن سەھنىنىڭ ئارىلىقى كۆزۈمگە شۇنداق يىراق كۆرۈنۈپ كەتتى. مەن سەھنىگە قەدەم بېسىپ بولغىچە چاۋاك ساداسى يەنە بىر قېتىم كۆتۈرۈلدى. شۇ تاپتا قۇلىقىمغا چاۋاك ئاۋازىدىن باشقا ئاۋاز ئاڭلانمايتتى، كۆزۈمگە سەھنىدىن بۆلەك نەرسە كۆرۈنمەيتتى. ماڭا بۇ ئاۋاز، بۇ مۇساپە تولىمۇ ئۇزاق تۇيۇلۇپ كەتتى. مەن سەھنىگە چىقىپ قولۇمغا ئۇزۇن، قارا، توم توك سىمى يەردە سوزۇلۇپ ياتقان گىتارنى ئالدىم ۋە گىتارنىڭ تارلىرى ئۈستىدە بارماقلىرىمنى رىتىملىق ھەرىكەتلەندۈرۈشكە باشلىۋىدىم، گىتاردىن چىققان مۇزىكا ئاۋازى ياڭراتقۇدىن ياڭراپ چىقىشقا باشلىدى. خىيالىمدا بولسا ئىككىمىز بىللە ئۆتكۈزگەن ھېلىقى دەريا بويىدىكى دالا سەيلىسى يەنە قايتا نامايان بولۇپ، مەن شۇ كۈنى ساڭا ئاتاپ ئېيتىپ بەرمەكچى بولغان، ئەمما ئېيتىپ بېرەلمىگەن ناخشام مانا ئەمدى ئىچىمدىن ئاغزىمغا، ئاغزىمدىن مىكروفونغا، مىكروفوندىن ياڭراتقۇغا، ياڭراتقۇدىن ھاراق بۇسى، تاماكا ئىسى، ئەتىر ھىدى بىلەن تولغا قىزغىن كەيپىياتتىكى رېستورانغا تاراشقا باشلىدى.
جېنىم لالە، ئۇ كۈنى مەن كۆركەم سەھنىدە ناخشا ئېيتىشنىڭ ھۇزۇرى ۋە مۈشكۈللۈكىنى ھېس قىلغان تۇنجى كۈن بولدى. مەن ناخشىنى ئاخىرلاشتۇرغاندا رېستوران ئىچىنى چاۋاك ساداسى بىلەن كۈچلۈك قىيقاس – سۈرەن ئاۋازى بىلەن بىر ئالغان بولۇپ، كىملەرنىڭدۇر سوزۇپ – سوزۇپ ئىسقىرتىشلىرى ئېنىقلا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. مەن سەھنىدىن چۈشۈپ بولغىچە بولغان ئارىلىقتا نەزىرە يوغان بىر دەستە گۈلنى كۆتۈرۈپ چېقىپ ماڭا ھاياجانلانغان ھالدا سوۋغا قىلدى. مەن سەھنىدىن چۈشۈپ ئورنۇمغا بېرىپ ئولتۇرۇپ بولغىچە بولغان ئارىلىقتا سورۇنداشلىرىم بىر – بىرىگە گەپ بەرمەي ماڭا نېمىلەرنىدۇر دېيىشەتتى. ئۇلارنىڭ بىرلىرى ناخشىنى ئاجايىپ بەلەن ئوقۇۋەتتىڭ جۇمۇ، دەپ مېنى ماختىسا، يەنە بىرلىرى قوللىرىدىكى ھاراق چايقىلىپ تۇرغان رومكىلارنى ماڭا سۇناتتى. مەن ئۇلارنىڭ قالايمىقان ئاۋازلىرى ئىچىدە ئۇلارنىڭ نېمىلەرنى دەۋاتقانلىقىنى بىلمىسەممۇ خۇددى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتقاندەك كۈلۈمسىرىگەچ بېشىمنى لىڭشىتىپ قوياتتىم.
لالە، مەن شۇ بىر ناخشام بىلەن ئەتراپىمدىكى ئادەملەرنىڭ قىزغىن ھۆرمىتىگە ئېرىشكىنىمدىن شۇنداق ھەيرانلىق ھېس قىلدىم. ئۇلارغا ماڭا نىسبەتەن ھۆرمەت قوزغىۋەتكەن بۇ ناخشا دەل بۇرۇن مەن ساڭا ئاتاپ يازغان، لېكىن ھېلىقى دالا سەيلىسىدە ساڭا ئېيتىپ بېرىشكە پۇرسەت تاپالماي ئىچىمدىلا ئېيتىۋەتكەن ناخشا ئىدى. شۇنداق قىلىپ نەزىرەنىڭ تۇغۇلغان كۈن مەرىكىسى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئاخشام مەندە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات قالدۇرغان گۈزەل بىر ئاخشام بولدى.
ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن سەن بىلەن كۆرۈشۈپ كېلىش ئۈچۈن جابدۇنۇپ تۇرسام، ياتاق ئىشىكىم بوش چېكىلدى. مەن دەرھال ئىشىكنى ئاچتىم. ئىشىك ئالدىدا نەزىرە بىلەن چولپان كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى.
−− ياخشىمۇسىز كامال؟ −− چولپان تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەھۋال سورىدى.
−− سىلەرمۇ ياخشى تۇرغانسىلەر، قېنى ئىچكىرى كىرىڭلار، −− مەنمۇ ئەھۋال سورىغاچ ئىككى قىزنى ياتاققا تەكلىپ قىلدىم.
−− ياخشى ئۇخلاپسىزمۇ؟
چولپان مەندىن شۇنداق دەپ سورىدى، كۆزۈم چولپاننىڭ كۆزى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ تېنىم جۇغۇلداپ كەتتى. شۇ ھامان خىيالىمدىن ئاخشام چولپان بىلەن ئوينىغان بىر قول تانسا، ئۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرىمىزدا بولغان پاراڭلار، ئۇنىڭ تانسا ئويناۋېتىپ قولۇمنى سىقىپ قويۇشلىرى، مېنىڭ ئۇنى نېمىشقىدۇر ئۆزۈمگە تارتىپ ئۇنىڭ ئىسسىق – يۇمشاق كۆكسىنى مەيدەمگە تەگكۈزۈۋېلىشلىرىم، ئۇنىڭ بولسا مېنىڭ بۇ ھەرىكىتىمگە ناز بىلەن »ئەسكى« دەپ ئىپادە بىلدۈرۈپ كۈلۈمسىرەشلىرى سېكۇنت ئىچىدە لەپىلدەپ ئۆتۈپ كەتتى. ئاخشام مەن مەست ئەمەس ئىدىم. لېكىن چولپان ھەققىدە قانداقلارچە شېرىن خىياللارغا ئەسىر بولۇپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن. ئەتىسى بۇ ئىشلار قايتا يادىمغا يەتكەندىلا، ئۆزۈمنى سېنىڭ ئالدىڭدا نومۇسلۇق بىر ئىش قىلىپ قويغاندەك ھېس قىلىپ ئىچ – ئىچىمدىن قاتتىق ئۆكۈندۈم لالە. چۈنكى باشقا قىزلارنىڭ كۆكسى ھەققىدە شېرىن خىيال سۈرۈشۈم ئەمەلىيەتتە ساڭا قىلغان ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى خىيانىتىم ئىدى.
−− نېمە خىيال سۈرۈۋاتىسىز كامال؟
نەزىرەنىڭ سوئالى مېنىڭ پۇشايمانلىق خىيالىمنى بۆلۈپ تاشلىدى.
−− ھېچ نېمە.
−− قۇلايسىز بىر ۋاقىتتا كىرىپ قالمىغاندۇق – ھە؟−− نەزىرە نېمىنىدۇر گۇمان قىلغاندەك مەندىن يەنە سورىدى.
−− ياقەي، ئۇنداق ئەمەس.
−− ئاخشام سىزدىن شۇنداق مىننەتدار بولۇپ كەتتىم كامال. خۇددى ماڭىلا بېغىشلاپ يېزىلغان ناخشىدەك ھاياجانلىنىپ كەتتىم. ئۆزىڭىز يازغانمۇ؟
−− شۇنداق، مەشىق سۈپىتىدە يېزىپ باققان. سىزنىڭ ياقتۇرغانلىقىڭىزدىن كۆپ خۇرسەن بولدۇم.
مەن ئاددىيلا جاۋاب بەردىم.
−− مۇنداق دەڭ، −− دېدى نەزىرە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، −− بىراق مېنىڭچە ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان ئەسەر بوپتۇ. ناۋادا ئاككورتىنى ياخشى ئىشلەپ پلاستىنكا ئىشلىسە چوقۇم ھەممە ئادەم ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ناخشا بولغۇدەك.
−− ئۇنداق دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ، مەشىق ئەسىرى ئىكەنلىكى ئۇنىڭ مېلودىيىسىنىڭ ئاددىيلىقىدىن بىلىنىپ تۇرىدۇ، −− دېدىم مەن نەزىرەنىڭ ماختاشلىرىدىن سەل بىئەپلىك ھېس قىلىپ.
−− مەيلى سىز قانداقلا قاراشتا بولماڭ مەن بىر ئاڭلىغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ ناخشىنى ياقتۇردۇم. شۇڭا چولپانمۇ سىزنى ئاتايىن مۇھىم بىر ئىش بىلەن ئىزدەپ كەپتۇ.
نەزىرەنىڭ ئاخىرقى سۆزىدىن ھەيران قالدىم ۋە چولپانغا قارىدىم. چولپان شۇنداق دېگەن مەنىدە بېشىنى يېنىك لىڭشىتىپ قويدى ۋە:
−− سىز بىلەن مۇھىم بىر ئىشنى مەسلىھەتلەشكىلى كېلىۋېدىم. بىلمىدىم، سىز قانداق قارايسىزكىن، −− دېدى.
−− قانداق مۇھىم ئىشتى ئۇ؟−− چولپاننىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي سورىدىم.
−− ئەمىسە گەپنى ئەگىتىپ ئ−ولت−ۇرماي ئۇدۇللا دەۋېرەي كامال، بۈگۈن مەن ئالايىتەن سىزنى بىزنىڭ »ئاتەش«تە ناخشا ئېيتىشقا تەكلىپ قىلىپ كېلىۋېدىم.
چولپاننىڭ مەن ئويلاپمۇ باقمىغان بۇ تەكلىپىدىن شۇنداق ھەيران قالدىم. شۇڭا ھەيرانلىقىمنى يوشۇرۇلماي سورىدىم:
−− بۇنى قانداق ئويلاپ قالغانسىز، چولپان؟
−− خاتا چۈشىنىپ قالماڭ كامال. بۇ مېنىڭ ئەمەس، بىزنىڭ خوجايىنىمىز سەلىمە ئاپپاينىڭ تەكلىپى. مەن پەقەت سىزگە ئەلچى بولۇپلا كەلدىم.
−− دېمەك سىلەرنىڭ خوجايىن مېنى تونۇيدىكەندە؟
−− ياقەي، مەن ئۇنداق دېمەكچى ئەمەس. سەلىمە ئاپپاي ئاخشام سىزنىڭ ناخشىڭىزنى ئاڭلاپ ياقتۇرۇپ قالغان چېغى، شۇڭا مېنى سىزنىڭ پىكرىڭىزنى ئېلىپ بېقىش ئۈچۈن ئالايىتەن يېنىڭىزغا ئەۋەتكەنىدى.
−− لېكىن مېنىڭ مەكتەپتىن ئايرىلىش ئىمكانىيىتىم يوق، شۇڭا مۇۋاپىق بولماسمىكىن.
−− سەلىمە ئاپپاينىڭ پىكرىچە سىز پەقەت ھەر كۈنى ئاخشىمىلا قاتناشسىڭىز بولىدىكەن. بۇنىڭدا ئوقۇش ۋاقتىڭىزغىمۇ تەسىر يەتمەسلىكى ئېنىق. بايرام، دەم ئېلىش، شەنبە – يەكشەنبە كۈنلىرى پۈتۈن كۈن ئىشلىسىڭىزمۇ بولىدۇ. چۈنكى بۇنداق كۈنلەردە رېستورانىمىزدا توي – ۋىچىركىلار بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ. ئاخشامقى سازچى بالىلارمۇ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ئۇلار بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، بىر تەرەپتىن ناھايىتى ياخشى ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.
بۇ پىلان خېلىلا بولىدىغان پىلان ئىدى. شۇنداقتىمۇ سەل گاڭگىراپ قالغاندەك ھېسسىياتقا كېلىپ قالدىم. شۇڭا كۆڭلۈمدىكىنى يوشۇرماي ئوچۇقلا ئېيتتىم:
−− مۇشۇنداق قىلساق مۇۋاپىق بولارمۇ؟
−− بەلكىم سىز بىلمەيدىغانسىز كامال، −− دېدى چولپان تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ، −− بۇ كەسىپتىكى كۆپ سانلىق سەنئەتكارلار خىزمەتتىن سىرت ئىشلەيدۇ. سىلەرنىڭ مەكتەپنىڭمۇ بىر قىسىم بالىلىرى بار تېخى. بۇ خىزمەت سىز ئۈچۈن ھېچ بولمىغاندا ئەمەلىي پراكتىكا جەريانى بولۇپمۇ قالامدۇ تېخى.
چولپاننىڭ بۇ گەپلىرى توغرا ئىدى. مەنمۇ يۇقىرى يىللىق سىنىپلاردىكى بىر قىسىم بالىلارنىڭ رېستوران، تانسىخانا، كېچىلىك بەزمىخانىلاردا مۇزىكا چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ پۇل تاپىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانىدىم. ماڭا پۇل ھازىر جىددىي زۆرۈر ئىدى، لالە. چۈنكى ئىككىمىزنىڭ كېيىنكى ئوقۇش مەۋسۇمىدە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان قالدۇق ئوقۇش پۇللىرىمىز يەلكەمنى خۇددى يوغان بىر پارچە گىگانت تاشتەك بېسىپ تۇراتتى. شۇڭا بۇ بىرەر ئايدىن بۇيان مۇۋاپىق خىزمەت تاپالماي بىئارام بولۇپ يۈرگەنىدىم. ئاتەشتىكى بۇ خىزمەت مەن ئۈچۈن تاش ئىچىدىن ئالتۇن چىقىپ قالغاندەكلا بىر ئىش بولدى. ئوقۇشۇمغا تەسىر يەتمىسە، يەنە كېلىپ مەلۇم ئىقتىسادىي مەنبەگە ئىگە بولسام ھازىرقى باش قېتىنچىلىقىم تۈگەيتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ھامان مۇشۇ ساھەنىڭ ئادىمى ئىدىم. شۇڭا بۇ ئىش بىلەن بالدۇر ياكى كېيىن شۇغۇللىنىشىمنىڭ ھېچ قانداق پەرقى يوق بولۇپ، پەقەت باشلىنىش نۇقتىسىلا مۇددەتتىن بۇرۇن يولغا چىقىشتەك ئوبيېكتىپ رېئاللىق بىلەن خاراكتېرلىنەتتى، خالاس.
مەن ئازراق ئويلىنىشتىن كېيىن چولپاننىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلدىم. ئاندىن ئۇنىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە ئاتەشنىڭ 50 ياشلاردىكى بوي – بەستى پاكارراق، پاكىز چىراي، قويۇق ئۇششاق بۈدۈر چاچلىق دىرېكتورى سەلىمە ئاپپاي بىلەن كۆرۈشتۈم. ئوچۇق مىجەزلىك، گەپنى ياساپ قىلىدىغان بۇ ئايال خوجايىن مېنى ناھايىتى قىزغىن كۈتۈۋالدى. سەلىمە ئاپپاي بىلەن بولغان سۆھبىتىمىز ئانچە ئۇزاققا تارتىلمايلا ئۆزئارا تۈزۈلگەن كېلىشىمگە قول قويدۇق. كېلىشىمنىڭ مەزمۇنى بويىچە مەن ھەر ئاخشىمى ئۈچ سائەت ۋە شەنبە – يەكشەنبە، دەم ئېلىش كۈنلىرى پۈتۈن كۈن خىزمەت قىلىدىغان؛ سەلىمە ئاپپاي مېنىڭ ئاتەشتىكى تامىقىمنى ھەقسىز كۆتۈرۈش بىلەن ماڭا ھەر ئايدا 2000 يۈەن ئىش ھەققى بېرىدىغان بولدى. گەرچە مەن سەلىمە ئاپپاي بىلەن كۆرۈ شۈشتىن بۇرۇن ھەر ئايلىق ئىش ھەققىمنى بىرەر مىڭ يۈەن ئەتراپىدا تەلەپ قىلىشنى ئويلىغان بولساممۇ، لېكىن سەلىمە ئاپپاينىڭ مەن باھا ھەققىدە ئېغىز ئاچقۇچە ئۆزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېغىز ئېچىپ، ماڭا ھەر ئايدا 2000 يۈەن ئىش ھەققى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋاقتىدا بېشىم ئاسمانغا يەتكەندەك خۇش بولۇپ كەتتىم. چۈنكى 2000 يۈەن دېگەن ئاز پۇل ئەمەس ئىدى. سەلىمە ئاپپاي سۆھبەتنىڭ ئاخىرىدا مېنىڭ بۈگۈن ئاخشاملا خىزمەتكە چۈشۈشۈمنى ئالايىتەن ئەسكەرتىپ ئۆتتى. شۇنداق قىلىپ مەن ساڭا ئاتاپ يازغان، ئەمما ساڭا سوۋغا قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن بىر ناخشىنىڭ شاراپىتى بىلەن خېلىلا يۇقىرى ئىقتىسادىي كىرىمگە ئىگە ئوقۇغۇچىغا ئايلىنىپ قالدىم.
مەن ئاتەشتىن چىقىپلا بۇ خۇش خەۋەرنى ساڭا يەتكۈزۈش ئۈچۈن كوچا ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ يولغا چىقتىم. قىسقا مۇساپىلىك يولۇچىلار بىلەن لىق تولۇپ تۇرىدىغان كوچا ئاپتوبۇسى ھەر بىر بېكەتتە ئادەم ئېلىپ، ئادەم چۈشۈرۈپ مېڭىپ خېلى ئۇزاقتا مەن چۈشمەكچى بولغان بېكەتكە كىرىپ سىلكىنىپ توختىدى.
مەن مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئاممىۋى تېلېفون بوتكىسىدىن ياتاق تېلېفونۇڭغا تېلېفون قىلدىم. تېلېفون تۇرۇپكىسىدىن بىر نەچچە قېتىملىق ئۇلىنىش سىگنالىنىڭ سوزۇپ سايرىغان ئاۋازى ئاڭلانغاندىن كېيىن سېنىڭ تونۇش ئاۋازىڭ ئاڭلاندى.
−− ياخشىمۇسىز؟ كىمنى ئىزدەيسىز؟
ئاۋازىڭنى دەرھاللا تونۇپ ئۈلگۈرگەچكە ئۇدۇللا جاۋاب بەردىم.
−− بۇ مەن، لالە!
−− كامالمۇ سەن؟ سەن قەيەردە؟
−− مەكتەپ ئالدىدىكى ئاممىۋى تېلېفون بوتكىسىدا.
−− ياتاقتا ئۆزۈم يالغۇز ئىدىم، چىقامسەن؟
−− سەن چۈشكىن لالە، مەن سېنى گۈللۈكتە ساقلاپ تۇراي.
−− ماقۇل، ئەمىسە مېنى ساقلاپ تۇر، ھازىرلا چۈشىمەن.
شۇئان تېلېفوندىكى ئاۋازىڭ ئۆچۈپ تېلېفوننىڭ ئۈزۈپ – ئۈزۈپ سايرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. مەن ئۇدۇللا ئىككىمىز ھەر قېتىم ئۇچرىشىدىغان گۈللۈك بويىغا كەلدىم. سەنمۇ ئارقىمدىنلا يېتىپ كەلدىڭ.
−− ياخشى تۇردۇڭمۇ؟ −− مەن سەندىن قايتىدىن ئەھۋال سورىدىم.
−− يامان ئەمەس، ئۆزۈڭچۇ؟ مەن تېخى سېنى بۈگۈن كەلمەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ تۇرۇۋېدىم.
سېنىڭ تەلەپپۇزىڭدا بىر ئاز رەنجىش ئالامەتلىرى باردەك ئىدى.
−− ئەتىگەندىلا ئازراق جىددىي ئىشىم چىقىپ قالغان، شۇڭا سەل ھايال قالدىم. خاپا بولمىغانسەن؟
−− ئاۋۇ يەردە بوش ئورۇن باركەن، شۇ يەردە ئولتۇرۇپ پاراڭلىشايلى، كامال.
ئىككىمىز سۈزۈك سۇ شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان كىچىك تاش ئېرىق بويىدىكى كۆك سىرلانغان ياغاچ ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردۇق.
−− ياتاقتا باشقىلار يوقمىتى؟
−− قىزلار بازار ئارىلاپ چىقىپ كەتكەن.
−− سەن بازار ئايلانمامسەن؟
−− بولدىلا.
−− مەن ئايلاندۇرۇپ كىرەي بولمىسا.
−− بولدى كامال. كۆڭلۈم ھېچ نېمە تارتمايۋاتىدۇ.
−− مىجەزىڭ يوقمۇيا؟
−− ئۇنداق ئەمەس. ئارتۇقچە ئويلاپ كەتمىگىن.
−− ساڭا بىر خۇش خەۋەر يەتكۈزەيمۇ لالە؟
−− قانداق خۇش خەۋەر؟
−− مەن خىزمەت تاپتىم. مەكتەپ ئەتراپىدىكى بىر رېستوراندا كېچىسى ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىم نەغمە – ناۋا قىلىشىپ بېرىدىكەنمەن.
−− ئوقۇشۇڭچۇ؟ −− سەن ئەنسىرىگەندەك بىر ھالەتتە سورىدىڭ.
−− كۈندۈزى ئوقۇپ كېچىسى ئىشلىمەمدىم.
مەن ساڭا قايسى كۈنى بولغان ئىشلارنى تەپسىلىي سۆزلەپ بەردىم. ئەلۋەتتە چولپان بىلەن تانسا ئوينىغىنىم ۋە ئۇنىڭ كۆكسىگە مەيدەمنى تەگكۈزۈۋالغان قىلمىشىمدىن يانداپ ئۆتۈپ كەتتىم.
−− بۇنداق قىلساڭ قانداق بولار؟ چارچاپ قالارسەنمۇ؟ −− دېدىڭ سەن سۆزۈمنىڭ ئاخىرىغا ئۇلاپ.
−− ئۇنداق بولمايدۇ، بۇ بىر دەم ئېلىش ئورنىدىكىلا ئىش.
−− ئەگەر مەن بولمىغان بولساممۇ مۇشۇنداق قىلارمىدىڭ كامال؟
−− نېمىشقا دائىم مۇشۇنداق گەپ قىلىدىغانسەن لالە.
−− رەنجىپ قالدىڭما؟ ئەمىسە دېمىگەن بولاي.
−− ياقەي، بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق خىياللاردا بولماسلىقىڭنى ئۈمىد قىلىمەن، لالە.
−− ماقۇل، مەن ۋەدە بېرەي، كامال.
تاش ئېرىقتىكى سۇنىڭ شىلدىرلاپ ئاققان ئاۋازى يەنىلا بىر خىل رىتىمدا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. مەكتەپ قورۇسىدىكى يولدا توپ – توپ بالىلار ئۇياندىن بۇيانغا توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. دەرەخ شاخلىرىدىكى ئالدىن سارغىيىشقا باشلىغان سېرىق يوپۇرماقلار قۇياش نۇرىدا بەخت رەڭدە جۇلالىنىپ تۇراتتى.
شۇ كۈنى ئاخشىمى سەن بىلەن خوشلىشىپ، ئۇدۇللا ئاتەشكە يېتىپ كەلدىم. چۈنكى بۇ يەردە ئەمدى مەن ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلمىسام بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم بار ئىدى. بۇ يەردە ماڭا كۆپرەك ھەمراھ بولىدىغىنى يەنىلا چولپان بولدى. بارا – بارا چولپان بىلەن ئوتتۇرىمىزدا يېقىن ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى شەكىللىنىشكە باشلىدى. ھەر كۈنى دەرستىن چۈشۈپلا ئاتەشكە، كەچتە ئىشىمنى تۈگىتىپلا ياتاققا قاراپ چاپىمەن. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ مەنمۇ چولپاندەك سەھنىگە، مېھمانلارنىڭ ھەر خىل تەكلىپ – پىكىرلىرىگە كۆنۈپ، بۇرۇنقىدەك جىددىيلەشمەيدىغان بولۇپ قالدىم. سەن بىلەن ھەپتە ئاخىرىدىكى ئۇچرىشىشلىرىممۇ شەنبە – يەكشەنبە كۈنلىرىنىڭ چۈشتىن بۇرۇنقى چاغلىرى بىلەنلا چەكلىنىدىغان بولۇپ قالدى. لېكىن سەن ھامان قەلبىمدە مەن بىلەن بىرگە ئىدىڭ. ئارىدا سىنىپىمىزدىكى يەنە بىر قىز تۇغۇلغان كۈن مەرىكىسىنى ئاتەشتە ئۆتكۈزدى. ئۇ سورۇنمۇ ناھايىتى قىزغىن ۋە كۆڭۈللۈك داۋاملاشتى.
−− كامال، كېلە ئاداش. سەنمۇ بىز بىلەن بىر دەم بىللە ئولتۇرغىن، −− مەن بىلەن بىر ياتاقتا ياتىدىغان تاقىرباش ياتاقدىشم مېنى ئۆزىنىڭ يېنىدىن ئورۇن چىقىرىپ ئولتۇرغۇزۇۋالدى ۋە ماڭا بىر رومكا ھاراقنى تۇتتى.
−− ماڭا زولىما ئاداش، مەن ئىچىپ باقمىغان، −− دېدىم مەن رەت قىلىپ.
−− ماقۇل دەپ ئاۋۋال قولۇمدىن رومكىنى بىر ئالە ئاداش. بىز دېگەن ھەم ساۋاقداش، ھەم ياتاقداش. مەن ساڭا زەھەر تەڭلىمايۋاتىمەن، ئاۋۋال قولۇمدىن ئال. ئاندىن تېتىپ باق، ئىچمىگەن بولساڭ ئىچىپ باق. كۈندە ئىچىدىغان نەرسە بولمغاندىن بۇ، بىر – ئىككى رومكا ئىچىپ قويغانغا نېمە بوپتۇ دەيسەن.
ئۇ ئاسانلىقچە بولدى قىلىدىغاندەك قىلماتتى. ئاڭغىچە باشقىلارمۇ:
−− بوپتۇ دەپ بىرنى ئېلىپ قويمامسەن.
−− ئوغۇل بالا دېگەنگە كۆڭۈلنى قايتۇرۇشتىنمۇ يامان ئىش يوق ئاداش، ئالە بىرنى.
−− ئاچچىقى بىزگە، تاتلىقى ساڭا بولسۇن، −− دەپ خۇددى كېلىشىۋالغاندەكلا تەرەپ – تەرەپتىن زورلاشقا باشلىدى. ئاشۇنداق سۈلھى – سالاھ ئىچىدە ھاراق كۆل سۈيىدەك چايقىلىپ تۇرغان رومكا قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويۇلدى. ھاراقنىڭ قاڭسىق ھىدى بۇرنۇمغا گۈپۈلدەپ ئۇرۇلۇپ كۆڭلۈمنى ئاينىتاتتى. شۇ تاپتا شىرەدىكى ھەممىنىڭ كۆزى مەندە ئىدى.
−− قېنى كامال، ھەممىمىزنىڭ سالامەتلىكى، خۇشاللىقى ئۈچۈن، خوشە قېنى!
تارقىرباش ياتاقدىشىم ھاراق تەسىرىدىن قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرى بىلەن كۆزلىرىمگە تىكىلىپ تۇرۇپ يەنە زورلىدى. ئامالنىڭ يوقلۇقىدىن قولۇمدىكى رومكىنى ئاستا كۆتۈردۈم. ھاراقنىڭ قاڭسىق پۇرىقى مېنى سەسكەندۈرۈپ تۇرۇۋاتسىمۇ، رومكىدىكى ھاراقنى غورتۇلدىتىپ يۇتۇشقا باشلىۋېدىم، ھاراق بوغۇزۇمنى چوغ بىلەن داغلاپ، تىغ بىلەن قىرغاندەك ۋاژىلدىتىپ كۆيدۈرۈپ ئۆتتى. ئارقىدىن ئىچىمنىڭ بىر يەرلىرىگە ئوت كەتكەندەك تولغىنىپ كەتتىم ۋە سوزۇپ تۇرۇپ بىرنى پۈۋلىۋەتتىم. بىردەمدىلا يۈزۈم ئوت ئالغاندەك قىزىپ – قىزىرىپ كەتتى. ئاچچىق ھاراق ئىچىمنىڭ كۆيدۈرۈشكە تېگىشلىك يەرلىرىنىڭ ھەممىسنى بىرەر قۇر كۆيدۈرۈپ ئۆتكەندىن كېيىن ئاستا – ئاستا پەسكويغا چۈشۈشكە باشلىدى. بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم ھاراق ئىچىشىم ئىدى. شۇڭىمىكىن تۇنجىلا رومكا ھاراق ماڭا تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى. تۇنجى رومكا ھاراقنىڭ تەسىرىدە، تېزلا ئايلىنىپ كەلگەن ئىككىنچى رومكا ھاراقنى تۈزۈتسىزلا قولۇمغا ئېلىپ بوغۇزۇمغا تۆكتۈم. شۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئىچتىممۇ – ئىچمىدىم، ئىچكەن بولسام يەنە قانچىلىك ئىچتم، ئەسلىيەلمەيمەن…
سەھەردە مەستلىكىم تاراپ ھوشۇمغا كېلىپ ئۆزۈمنى باشقا بىر ياتاقتا كۆردۈم. بېشىم ھازىرلا يېرىلىپ كېتىدىغاندەك لوقۇلداپ ئاغرىيتتى، بوغۇزۇم مەدەك بىلەن تىلىۋېتىلگەندەك سانجىلاتتى. كالپۇكلىرىم بولسا قۇرۇپ – گەژ باشلاپ كەتكەنىدى.
−− ئويغاندىڭىزمۇ؟
چولپاننىڭ ئاۋازى قۇلاق تۈۋۈمدىلا ئاڭلاندى. قارىسام ئۇ يېنىمدىلا ئولتۇرۇپتۇ. ئاڭغىچە ئۇ دېرىزە تۈۋىگە بېرىپ، دېرىزە تەكچىسىگە قويۇپ قويۇلغان چايداندىن بىر ئىستاكانغا قايناقسۇ قۇيدى ۋە كىچىك قۇتىلىق ھەسەلدىن ئىككى قوشۇقچە ئارىلاشۇرۇپ يېنىمغا كېلىپ باش تەرىپىمدە ئولتۇردى.
−− ئاخشام بەكلا مەست بولۇپ كېتىپتىكەنسىز، قارىسام يول ماڭغۇدەكمۇ ھالىڭىز قالماپتۇ. شۇڭا سىزنى كېچىدە يولغا سېلىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ ياتىقىمدا قوندۇرۇپ قالدىم.
چولپان مېنى قوندۇرۇپ قېلىش سەۋەبىنى قىسقىلا چۈشەندۈرۈپ تۈگەتتى. راستىنى دېسەم، ھاراق ئىچكەندىن كېيىنكى ھالىتىمنى پەقەت ئەسلىيەلمەيتتىم. تېخى مەن بىلەن ھېچ قانداق مۇناسىۋىتى يوق بىر قىز مېنى ئۆزىنىڭ ياتىقىدا قوندۇرۇپ قېلىپ كىيىملىرىمنى يېشىندۈرۈپ قويۇپتۇ. مۇناسىۋەتسىز بىر ئەرنىڭ مۇناسىۋەتسىز بىر قىز بىلەن بىر ئۆيدە بىر كېچە بىللە بولۇشىنى ھېچ كىم ئەقلىگە سىغدۇرالمايتتى. ھەتتا بۇنى ساڭا چۈشەندۈرۈشمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى، لالە. گەرچە چولپان بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا ھېچقانداق غەيرىي مۇناسىۋەت بولمىسىمۇ، مېنىڭ ئۇنىڭ ياتىقىدا بىر كېچە تۈنەپ چىقىشىمنىڭ ئۆزىلا توغرا بولمىغان بىر ئىش ئىدى.
مەن چولپان بىلەن تانسا ئوينىغان ھېلىقى ئاخشىمى ئۇ ھەققىدە شېرىن خىياللارغا ئەسىر بولۇپ قالغان ھەم ئۇنىڭ ئىسسق، يۇمشاق كۆكسىنى مەيدەمگە تەگكۈزۈۋېلىشتەك بىمەنە ھەرىكەتتە بولغان بولساممۇ، ئەمەلىيەتتە مەندە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھېچقانداق ھېسسىيات مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. بەلكى ئۇ مەندىكى بىردەملىك ئۆتكۈنچى ھاياجاننىڭ ئىپادىسى ئىدى، خالاس. ئەرلەرنىڭ ئاياللار ئالدىدا نېمىشقىدۇر مۇشۇنداق ئۆتكۈنچى ھېسسىياتقا ئەسىر بولۇپ قالىدىغانلىقى ماڭا پۈتۈنلەي قاراڭغۇ ئىدى. يۇرتتىكى چاغلىرىمدا ئوغۇللارنىڭ قىزلارنىڭ ئارقىسىدىن قوناقلىق، ئورمانلىق، پىنھان يۇيۇنۇش ئېقىنلىرىدا مارىلاپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ قالاتتىم. ئەمدى بىلسەم بۇ ئۇلارنىڭ جىنسىي ھاياجىنىنىڭ ئاشكارىلىنىشىنىڭ بېشارىتى ئىكەن. گەرچە مارىلاش، يوشۇرۇن كۆزىتىش بىلەن جىنسىي ھاياجاننىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكىلى بولمىسىمۇ، ئۇ يەنىلا جىنسىي ھاياجاننىڭ يەنە بىر خىل جەريانى ئىكەن. مېنىڭمۇ ئۇ بىر قېتىملىق تانسىدا چولپاننىڭ ئىسسىق، يۇمشاق كۆكسىنى مەيدەمگە تەگكۈزۈۋېلىش جەريانىمۇ مەندىكى ئاشۇنداق بىر جىنسىي ھاياجاننىڭ ئاشكارىلىنىشىدىن بۆلەك نەرسە ئەمەس ئىدى. گەرچە چولپاننىڭ گاھىدا ماڭا تىكىلىپ قاراشلىرىدىن ئېچىرقىغان بىر تەننىڭ ئوتلۇق تەلپۈنۈشلىرىنى روشەن ھېس قىلىپ تۇرساممۇ، بۇنىڭ بىر قېتىملىق ياكى بىر نەچچە قېتىملىق تەكرار سەۋەنلىك ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم. شۇنداقتىمۇ بەزىدە ئۇ تۇرۇپلا خىيالىمنىڭ بىر بۇلۇڭلىرىدا پەيدا بولۇپ تاتلىق كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى. مەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە خىزمەت قىلاتتىم، بىللە تانسا ئوينايتتىم، شاۋقۇن – سۈرەنلىك ئاخشاملارنى بىللە ئۆتكۈزەتتىم. ئىشتىن چۈشۈپ ئاتەشتىن ئايرىلىپ ياتىقىمغا قاراپ يولغا چىققىنىمدىلا، سەن خۇددى كېچىنىڭ ئارامبەخش لەرزان شامىلى بولۇپ يېنىمغا قايتىپ كېلەتتىڭ. مەن تاكى ئۇخلاپ قالغىچە بولغان ئارىلىقتا سەن بىلەن ئاشۇنداق خىيالەن مۇڭدىشىپ چىقاتتىم.
−− كامال، نېمانداق پوخۇر بولۇپ كەتتىڭ دەيمەن؟
بىر قېتىم سەن مەندىن مۇشۇنداق سورىغان ئىدىڭ.
−− قانداق دەيسەن، كىيىنىشىم ساڭا ياقمىدىمۇ نېمە؟
−− ئۇنداق دېمىدىم، كۆزۈمگە شۇنداق سۆلەتلىك كۆرۈنۈپ كېتىۋاتىسەن.
−− سېنىمۇ بىر ياسىۋەتسەم قانداق دەيسەن؟
−− قانداق قىلىپ؟
−− مەن ساڭا ۋەدە قىلغان لالە، كۈنلەرنىڭ بىرىدە پۇل تاپسام سېنى چۆچەكلەردىكى مەلىكىلەردەك ياسىۋېتىمەن، دەپ.
−− شۇ گەپلەر تېخىچە يادىڭدىمۇ سېنىڭ؟
−− شۇنداق لالە، مېنىڭ ساڭا دېگەن گەپلىرىم، بەرگەن ۋەدىلىرىمنىڭ ھەممىسى يادىمدا.
−− رەھمەت ساڭا كامال، لېكىن مەن ھازىرقى تۇرمۇشۇمدىن شۇنداق رازى. ئارتۇق تەلىپىممۇ يوق، ئەمدى ئۇ گەپلەرنى ئۇنتۇپ كەت.
−− ياق لالە. مەن ساڭا بەرگەن ھەر بىر ۋەدەمنى چوقۇم بىر – بىرلەپ رېئاللىققا ئايلاندۇرىمەن. ھە راست، كېلەر يەكشەنبە كۈنى بىللە بازار ئايلىنايلى. ئاندىن سېنى بىر ياسىۋېتەيكى، سەن مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقاشىڭدا بىر خىل، قايتىپ كىرەشىڭدە يەنە بىر خىل بولۇپ كەت.
−− ئەسكى…
سەن شۇنداق دەپلاكۈلۈپ كەتتىڭ. مەن تەبەسسۇم نۇرلىرى تۆكۈلۈپ تۇرغان كۆزۈڭگە قارىۋېدىم، سەن كۆزۈڭنى مەندىن ئېلىپ قېچىپ يەرگە قارىۋالدىڭ. دېمەك سەن ئاستا – ئاستا چوڭ بولغان، ئۆزۈڭ سۆيگەن بىر ئەرنىڭ ساڭا تەلپۈنۈپ تۇرغان كۆزىگە تىكىلىپ قاراشنىڭ تولىمۇ قىيىنلىقىنى ھېس قىلغان ئىدىڭ.
يەكشەنبە كۈنى سەن بىلەن ئەتىگەندىلا بازارغا چىقتىم. بۇ مېنىڭ ئاتەشتىن تۇنجى قېتىملىق ئىش ھەققىمنى ئالغان كۈن ئىدى. ئۇ كۈنى سەن ئۇچاڭغا سۇس سېرىق رەڭلىك مايكا كىيىۋالغان بولۇپ، ئەتىگەنلىك قۇياش نۇرىدا خۇددى پورەكلەپ تۇرغان بىر تۈپ سېرىق سەبدە گۈلىگىلا ئوخشاپ قالغان ئىدىڭ. بىز پىيادىلەر يولىدا ئەتراپنى تاماشا قىلغاچ خەلقئارا چوڭ بازار رەستىسىگە كەلدۇق. بۇ يەردىكى بىر – بىرىگە يانداپ سېلىنغان چوڭ – كىچىك سودا سارايلار، تېز تاماقخانىلار، ئىشىك – دېرىزىلىرى كىنو ۋە ناخشا چولپانلىرىنىڭ ئېلان – تەشۋىقات رەسىملىرى بىلەن تولۇپ كەتكەن پلاستىنكا دۇكانلىرى، ئەسلىي ماھىيىتى يوقىتىلىپ پۇل تېپىشنىڭ ۋاسىتىسىگە ئايلىنىپ قالغان بىچارە تۆگە، بىز ئىلگىرى تېلېۋىزوردىلا كۆرۈپ تۇرىدىغان ناخشىچى، ئۇسسۇلچى، ئىتوتچىلار ۋە سېرىق چۈمۈلىلەردەك يوللاردا لۆمۈلدەپ كەتكەن ئادەملەر توپى بۇ يەرگە ئاجايىپ بىر جۇشقۇن، قايناق مەنزىرە ئاتا قىلغانىدى.
مەن سەن بىلەن چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىلەرگىچە بازار ئارىلاپ، سېنىڭ ئۇنىمىغىنىڭغا قويماي ھازىر مودا بولۇۋاتقان كىيىملەردىن ساڭا ئاتاپ سېتىۋالدىم. چۈشلۈك تاماقنى كەينىگە تارتىپ تۇرۇپ قورساق راسا ئاچقاندا بىر مۇزىكىلىك تاماقخانىغا كىرىپ مۇزىكا ئاڭلىغاچ يەپ چىقتۇق. ئاندىن سائەت ئىككىلەردە سەن بىلەن خوشلىشىپ ئاتەشكە قاراپ يولغا چىقتىم. چۈنكى بۇنداق دەم ئېلىش كۈنلىرىدە مەرىكە بالدۇرلا باشلىنىپ كېتەتتى. شۇڭا بۇ بىر كۈننى سەن بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈش ئارزۇيۇمنىڭ مەيلى قانچىلىك زور بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سەندىن ئايرىلىپ ئاتەشكە بارمىسام، ئۇ يەردىكى ئۆزۈمگە مەنسۇپ بىر كىشىلىك خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقمىسام بولمايتتى. شۇنداق قىلىپ مەن مەكتەپ، ئاتەش، سېنىڭ يېنىڭدىن ئىبارەت ئۈچ نۇقتىدا توختىماي ھەرىكەت قىلىپ كۈنلىرىمنى ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈشكە باشلىدىم.
ئالتۇن رەڭلىك كۈز پەسلى پىيادىلەر يولىدىكى چىرايلىق ئايالدەك ناھايىتى تېزلا ئۆتۈپ كېتىپ، ئاق قار، كۆك مۇزلۇق قىش پەسلى يېتىپ كەلدى. مېنىڭ كۈزدىن باشلانغان بۇ نەچچە ئايلىق تۇرمۇشۇم يەنىلا ئىلگىرىكىدەك مەكتەپ، سەن ۋە ئاتەش ئارىلىقىدا ئۆتمەكتە ئىدى. ھازىر ھەر ئايدا قولۇمغا تېگىشلىك 2000 يۇەن ئىش ھەققى بىلەن تۇرمۇشۇم خېلىلا خاتىرجەم بولۇپ قالغان بولۇپ، بانكا ئامانەت كارتامدىمۇ ئېشىنچا پۇلۇم بار ئىدى. ئەگەر قىشلىق تەتىللىك ۋاقتىمدا ئاتەشتىن كەتمەي پۈتۈن كۈن خىزمەت قىلىۋالسام ئىككىمىزنىڭ مەكتەپكە قەرزدار بولۇپ قالغان ئوقۇش خىراجىتىمىزنىمۇ جەملىۋالىدىغانلىقىمغا ئىشەنچىم كامىل ئىدى. شۇڭا قىشلىق تەتىللىك دەم ئېلىشىمنى يۇرتقا قايتماي ئاتەشتە ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلىپ، ئۆيگىمۇ بىر پارچە خەت سېلىۋەتتىم.
يېڭى يىل يېتىپ كېلىش ئالدىدا مەكتەپ قوينى باشقىچە جانلىنىپ كەتتى. ھەممە يېڭى يىل تەييارلىقىغا چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، بالىلار بىر – بىرىدىن ئالدىراش كۆرۈنەتتى. بىزنىڭ يۇرتلاردا بولسا يېڭى يىلنىڭ كېلىشى تولىمۇ ئاددىي بولۇپ، يېڭى يىل 31- دېكابىرنىڭ 1 – يانۋارغا ئالمىشىشى ئىدى، خالاس. بۇ خۇددى يەكشەنبىنىڭ دۈشەنبىگە ئالماشقانلىقىدەكلا ئاددىي جەريان ئىدى. لېكىن بۇ شەھەردە بولسا يېڭى يىل تۇرمۇشنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى سۈپىتىدە تەبرىكلىنىدىكەن.
مېنى ھەممىدىن بەك خۇشال قىلغىنى، بىزنىڭ سىنىپ بىلەن سىلەرنىڭ سىنىپنىڭ يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىنىڭمۇ ئاتەشتە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغانلىقى بولدى. بۇنداق بولغاندا مەن سەن بىلەن گۈزەل بىر ئاخشامنى بىرگە ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولاتتىم.
ھارپا ئاخشىمى ئاتەش ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى. خوجايىن سەلىمە ئاپ−پايمۇ نەچچە كۈن بۇرۇنلا يېڭى يىللىق سوۋغات بۇيۇملارنى تەييارلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، بۇ سوۋغات بۇيۇملار يېڭى يىللىق ئورۇننى ئالدىن زاكاز قىلغان ساھىبخانىلارغا بېرىلەتتى.
چولپاننىڭ ياڭراق ئاۋازدا يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قېلىشى بىلەن تەڭ مۇزىكىلار چېلىنىپ ئۇيغۇر ئۇسسۇلى باشلاندى. مۇراسىم باشلىنىشتىن بۇرۇنلا ئىچىلگەن ھاراقنىڭ تەسىرىدىن ئۇيغۇر ئۇسسۇلى ئۆلچەمسىز بىر رەۋىشتە قوپال، قالايمىقان ھەرىكەتلەر بىلەن ئوينالماقتا ئىدى. لېكىن ھېچكىمنىڭ بۇ ھال بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرغۇدەك ھالى باردەكمۇ قىلمايتتى. ھاراق قۇيۇلغان رومكىلار نەچچە رەت ئايلىنىپ، يۈزلەر قىزىرىشقا باشلىغان بىر چاغدا چولپاننىڭ مېنى ئىشارە قىلغىنىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. دېمەك ئەمدى مېنىڭ سەھنىدىكى ھاياتىم باشلىنىش ئالدىدا تۇراتتى. مەن قولۇمدىكى بىر رومكا ھاراقنى قىينالمايلا ئىچىۋەتكەندىن كېيىن سەھنىگە چىقىپ مىكروفوننىڭ يېنىغا كەلدىم. كۆزۈم ئادەملەر دېڭىزى ئىچىدىكى سېنى ئىزدەيتتى. مەن شۇنچە كۆپ ئادەملەر ئارىسىدىن سېنى قىينالمايلا تېپىۋالدىم. سەن ماڭا تېڭىرقاپ قالغاندەك بىر ھالەتتە قاراپ ئولتۇراتتىڭ.
−− ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز مېھمانلار، ئەپەندىلەر، خانىملار، دوستلار! ھەر بىرىڭلارنىڭ يېڭى يىل بايرىمىڭلارغا قۇت بولسۇن، −− ئەمدى ياڭراتقۇدىن مېنىڭ ئاۋازىم ياڭراپ چېقىشقا باشلىدى، −− تۆۋەندە مەن مۇشۇ مەيداندىكى بارلىق مېھمانلىرىمىزنىڭ كەيپىياتىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن »لالەم« دېگەن ناخشامنى ئەزىزلىرىمىزنىڭ دىل ھۇزۇرىغا سۇنماقچىمەن. مەن بۇ ناخشامنى لالە ئىسىملىك بىر قىزغا ھۆرمەت بىلەن بېغىشلايمەن.
مەن گۈلدۈراس ئالقىش ئىچىدە مۇزىكا رىتىمىگە ماس ھالدا ناخشامنى باشلىدىم.

باھاردا باغلاردا ئېچىلغاندا گۈل،
گۈللەرنىڭ شاخىغا قونغاندا بۇلبۇل.
ئالتۇندەك يۇلتۇزلار قىلغاندا ۋال – ۋۇل،
ئەسلەيمەن ناخشامدا مەن سېنى لالە.
ئېسىمدە سەن بىلەن يۈرگەن شۇ جايلار،
ئېسىمدە دەريا بويى، چىمەنزار باغلار.
ئۆچمەيدۇ ئىشقىڭدا كۆيگەن بۇ جانلار،
ئەسلەيمەن ھەر سەھەر مەن سېنى لالە.
چېھرىڭ بار سۇلارنىڭ سۈزۈك كۆزىدە،
تەپتىڭ بار قۇياشنىڭ نۇرلۇق يۈزىدە.
كۆزۈڭنى كۆرىمەن ئاينىڭ يۈزىدە،
ئەسلەيمەن ناخشامدا مەن سېنى لالە.

جېنىم لالە، بۇ مېنىڭ رېئاللىقىمدا ساڭا ئاتاپ ئوقۇغان تۇنجى ناخشام ئىدى. نېمىشقىدۇر سەن مېنىڭ ھەر بىر ئاۋاز تاۋۇشۇم، ھەر بىر مۇزىكا ئۇدارىمدا ھامان ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇراتتىڭ. مەن ھەر ۋاقىت ئىقرار بولىمەنكى، ئۆزۈمنىڭ سېنى نەقەدەر ياخشى كۆرىدىغىنىمنى مەڭگۈ تىل بىلەن تەسۋىرلەپ، يېزىق بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن. ناۋادا مەندە تولۇپ تاشقان ھاياجان بار دېيىلسە، ئۇ دەل سەن مېنىڭ قەلبىمدە قوزغىغان ھاياجان ئىدى.
سەھنىدىكى بىر مۇدددەتلىك پائالىيىتىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مەن سېنى تانسىغا تەكلىپ قىلدىم. گەرچە تانسىنى تانساخۇمار قىزلاردەك ئۆلچەملىك ئوينىيالمىساڭمۇ، ھەرىكەتلىرىڭ پەيدەك يەڭگىل ئىدى.
تەبرىكلەش كېچىلىكى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ تۈن تەڭ بولغاندا ئاخىرلاشتى. سەن مەن بىلەن خوشلىشىپ ساۋاقداشلىرىڭ بىلەن مەكتەپكە قاراپ قايتتىڭ. مەن سەن بىلەن ئايرىلغاندىن كېيىن يۈز – كۆزۈمنى سوغۇق سۇدا يۇيۇپ سەگىۋېلىش ئۈچۈن تازىلىق ئۆيىگە كىردىم. بۈگۈن ئىچكەن ھاراقلىرىم نورمىدىن ئېشىپ كەتكەچكىمىكىن قانلىرىم قىزىپ تۇراتتى. شۇ ئەسنادا تازىلىق ئۆيىگە چولپان كىرىپ كەلدى. قارىماققا ئۇنىڭ كەيپىياتى ئانچە ياخشى ئەمەستەك قىلاتتى.
−− قايتامسىز؟ −− چولپان مەندىن سورىدى. مەن ئۇدۇللا جاۋاب بەردىم.
−− ھەئە، بەك چارچاپ قالغاندەك قىلىمەن.
−− ھېلىقى قىز كىم بولىدۇ؟ −− چولپان ئۇشتۇمتۇت سوراپ قالدى. چولپاننىڭ قايسى قىزنى دەۋاتقانلىقى كۆڭلۈمگە ئايان ئىدى. شۇنداقتىمۇ بىلمەسكە سېلىپ قايتۇرۇپ سورىدىم.
−− قايسى قىز؟
−− سىز تانسا ئوينىغان قىزچۇ؟
−− ھە، ئېسىمگە كەلدى، ساۋاقدىشىم بولىدۇ.
−− بوۋاق ۋاقتىڭىزدىكى ساۋاقدىشىڭىز بولامدۇ؟
چولپاننىڭ بۇنداق تەلەپپۇزدا گەپ قىلىشى مېنى ھەيران قالدۇردى.
−− ئىچىۋالمىغانسىز؟ −− تېرىككەندەك بولۇپ سورىدىم مەن.
−− ياق! –كەسكىنلا جاۋاب بەردى ئۇ.
−− ئەمىسە چارچاپ قاپسىز، بالدۇراق ئارام ئېلىڭ چولپان.
−− گەپنى ئەپ قاچماڭ!
ئۇنىڭ تەلەپپۇزى خېلىلا قاتتىق ئىدى. ئۇ ئۆزى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىغان بىر قىز ھەققىدە مەن بىلەن مۇنازىرىلىشىۋاتاتتى. لېكىن ئۇنىڭ نېمىدەپ مەن بىلەن بۇ ھەقتە مۇنازىرىلىشىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم.
−− ئەمىسە سىزگە نېمىدەپ بەرسەم رازى بولىسىز، چولپان؟
−− ئەمىسە جاۋاب بېرىسىز، شۇنداققۇ؟
−− ئەلۋەتتە.
−− ئۇ قىز بىلەن نېمە مۇناسىۋىتىڭىز بار؟
−− دېدىمغۇ، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم دەپ.
−− مۇشۇنداق ئاددىيما؟
−− ئەمىسە سىزچە قانداق بولسا بولاتتى؟ بۇ جاۋاب سىز ئۈچۈن شۇنچە گۇمانلىقما؟
−− مېنىڭ گۇمان قىلىش ھوقۇقۇم بار، كامال.
−− سىز ئۇ قىزنى تونۇمسىز قانداق؟
−− تونۇغان بولسام چېچىنى يۇلۇپ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويغان بولاتتىم، ئۇ ئالۋاستىنىڭ!
چولپاننىڭ سېنى ھاقارەتلەپ گەپ قىلىشىغا پەقەتلا چىدىيالمىدىم. يۈرىكىمنىڭ ھاراق تەسىر قىلمىغان بىر يەرلىرى ۋاژىلداپ ئېچىشىپ كەتتى. چۈنكى مەن ئالۋاستى دېگەن بۇ سۆزگە شۇنداق ئۆچ ئىدىم. شۇڭا چولپاننىڭ سېنى ئالۋاستى دەپ سۈپەتلىشى جان – جېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى.
−− باشقىلارنى قالايمىقان ھاقارەتلىمەڭ!
ئاۋازىم كۈچلۈك چىقىپ كەتكەن بولسا كېرەك، چولپان كۆزۈمگە ئاچچىق بىلەن تىكىلدى. ئۇنىڭ ئاچچىقلانغاندا بۇنداق تىترەپ كېتىدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم ئىدى. توۋا دەيمەن، دائىم كۈلۈپلا تۇرىدىغان بىر قىز توساتتىن ئاچچىقلانسا ئەجەپ بىر قىسىملا تۇرىدىكەن دېسە.
−− ئۇ قىزنىڭ ئىسمى لالە، شۇنداقمۇ؟
−− شۇنداق، تەسەۋۋۇرغا خېلىلا بايكەنسىز.
ئاۋازىمدا تەنە بار ئىدى. لېكىن چولپان بۇنى پىسەنتىگىمۇ ئېلىپ قويمىدى.
−− سىزنىڭ نېمىشقا ئۇنىڭغا ئاتاپ ناخشا ئېيتقىنىڭىزنى پەقەتلا چۈشىنەلمىدىم. ئۆتكەندە نەزىرەگە ئاتاپ ناخشا ئېيتتىڭىز. بۇ قېتىم ئۇ قىزغا ئاتاپ ئېيتتىڭىز. سىزنىڭ باشقا قىزلارغا ئاتاپ ناخشا ئېيتىدىغان مىجەزىڭىز يوق بولغىيتى – ھە؟
چولپاننىڭ تەلەپپۇزىدىكى تەنە مېنىڭ تەلەپپۇزۇمدىكى تەنىنى بىراقلا بېسىپ چۈشتى.
−− بۇ مېنىڭ سەنئەتتىكى ئەركىنلىكىم!
−− دېمەك سىز سەنئەتتىن قىزلارنى ئىندەككە كەلتۈرۈشنىڭ ۋاسىتىسى سۈپىتىدە پايدىلىنىدىكەنسىزدە؟
−− توۋا خۇدايىم ماۋۇ قىزبالىنى. ھاراقنى مەن ئىچسەم سىز مەستتەك گەپ قىلىسىزغۇ، چولپان.
−− مەن سىزگە دېدىمغۇ كامال، مەن ھازىر ناھايىتى نورمال. ھەتتا باشقا ھەر قانداق ۋاقتىمدىكىدىنمۇ نورمال.
−− ئەمىسە نورمال ئادەمدەك گەپ قىلمامسىز؟
−− مەن خاتا گەپ قىلدىمما ئەمىسە؟
−− سىزچە توغرا گەپنىڭ ھەممىسى ئورۇنلۇق بولامتى ئەمىسە.
چولپان گەپ قىلماي كۆزۈمگە غەزەپ بىلەن نەشتەردەك تىكىلدى ۋە ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپلا چىقىپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن نېمە قىلارىمنى بىلمەي تۇرۇپ قالدىم.
شۇ كۈنى ئاخشىمى پەقەتلا ئۇيقۇم كەلمىدى. ھاراقنىڭ قانلىرىمدىكى تەسىرىمۇ تازىلىق ئۆيىدىكى ۋاقتىمدىلا تاراپ كەتكەنىدى. كۆز ئالدىمدا بىردەم سەن پەيدا بولساڭ، بىردەم چولپان پەيدا بولاتتى. ئۆزۈمنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىمنى، ياكى نېمە ئويلىماقچى بولغانلىقىمنى بىلمەتتىم. مەن مۇشۇ چاغدىلا چولپان بىلەن تۇنجى قېتىم تانسا ئوينىغان ئاشۇ ئاخشام تومۇرۇمدىكى ئەركەك شەيتانلارنىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن چولپاننىڭ ئىسسىق، يۇمشاق كۆكسىنى مەيدەمگە تەگكۈزۈۋېلىپ خاتا قىلغىنىمنى ھېس قىلدىم. چۈنكى مەن شۇ ھەرىكىتىم ئارقىلىق چولپانغا خاتا سىگنال بېرىپ قويغانىدىم. بولمىسا ئۇنىڭ سەن ھەققىدىكى گەپ – سۆزلىرىدە قىزلارغىلا خاس بولغان كۈنداشلىق نېمە قىلاتتى. راستىنى دېسەم، چولپاننىڭ ئوچۇق – يورۇق مىجەزى، تاتلىق كۈلۈمسىرەپ تۇرۇشلىرى ئاللىقاچان قەلب چوڭقۇرلۇقۇمغا پېتىپ بولغانىدى. لېكىن مەن بۇنى مۇھەببەت تۇيغۇسىدا ئەمەس، بىر ئەرنىڭ بىر ئايالغا بولغان جىنسىي تەلىپى بويىچە ھېس قىلغانىدىم. ئاياللار ئالدىدا ئازمايدىغان قانداق ئەر بار دەيسەن، لالە. مەنمۇ گاھىدا چولپان ھەققىدە ئاجايىپ شېرىن خىياللارنى سۈرۈپ باققان. ئاشۇ شېرىن خىياللار مېنىڭ چولپانغا بولغان جىنسىي ھاياجىنىمنى نەچچە قېتىم قوزغاپ قويغانىدى. لېكىن قەلبىمدىكى بىر ئاۋاز ماڭا ھامان ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىقنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇراتتى.
چولپان بىلەن بولغان ئاشۇ قېتمقى كۆڭۈلسىز سۆھبەتتىن كېيىن پۈتۈن بىر قىش ئۆتۈپ كەتتى. بۇ جەرياندا چولپان ماڭا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىپ باقمىدى. بۇ خىل ھالەت گوياكى ئۇزاققا سوزۇلغان چۈشتەك مەن ئالىي مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىغا چىققۇچە داۋاملاشتى. مەن ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چولپاندىن قانچىلىك يوشۇرماي ئۇ ھەممىنى ھېس قىلىپ بولغانىدى. ئارىدا چولپان ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت يوقاپ كەتتى. ئارىدىن بىرەر ھەپتىچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىنلا مەن چولپاننىڭ ئىچكىرى ئۆلكىگە ساياھەتكە كەتكەنلىكىنى سەلىمە ئاپپايدىن ئۇقتۇم. ئىككى ئايدىن كېيىنكى بىر كەچقۇرۇنلۇقى مەن چولپان بىلەن ئاتەشنىڭ ئىشىكى ئالدىدا يەنە قايتا ئۇچرىشىپ قالدىم. چولپان قولىدا قىزىل رەڭلىك سومكا تۇتۇۋالغانىدى.
−− ياخشىمۇسىز، كامال؟
چولپاننىڭ يېقىملىق ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئىچىمگە ھاياجان كىرىپ كەتتى.
−− سىزنىمۇ كۆرىدىغان كۈن بولىدىكەن – ھە؟
−− سىز شۇنداق ئويلامسىز؟
−− بەلكىم سىز ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن، چولپان.
−− لالە بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرۇۋاتقانسىز – ھە؟
چولپان گەپنىڭ تېمىسىنى شاققىدە يۆتكىدى. بىر قىز بىلەن يەنە بىر قىز ھەققىدە سۆزلەشمەكنىڭ قىيىنلىقىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدم. ئەمما جاۋاب بەرمەي بولمايتتى، شۇڭا تومتاقلا قىلىپ:
−− ھەئە، −− دېدىم.
−− مېنىڭچە ئۇ قىز ياخشى قىزدەك قىلىدۇ.
چولپان سۆزۈمنىڭ ئاخىرىغا شۇ گەپنى قوشۇپ قويدى. لېكىن ماڭا ئۇنىڭ بۇ گېپى خۇددى »ئۇ بىر ئالۋاستىدەك قىلىدۇ« دېگەندەك غەيرىيلا تۇيۇلۇپ كەتتى. شۇنداقتىمۇ مەن ئوتتۇرىمىزدا يەنە بىر كۆڭۈلسىزلىكنىڭ يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن چولپاننىڭ بۇ گېپىگە ئىپادە بىلدۈرمەسلىك بىلەن بۇ قېتىملىق سۆھبىتىمىزنى ئاخىرلاشتۇردۇم. شۇ كۈنى ئاخشىمى چولپان ماڭا ئالغاچ كەلگەن بىر دانە چىرايلىق چاقماقنى سوۋغا قىلدى. قارىسام چاقماقنىڭ بىر يۈزىگە ئىككى ئوماق پىنگۋىننىڭ قۇچاقلىشىپ تۇرغان كۆرۈنۈشى نەقىشلەنگەن بولۇپ، ئاستىغا چىرايلىق قىلىپ »سىزنى سۆيەتتىم« دېگەن خەت ئويۇلغان ئىدى. شۇڭا مەن چولپاننىڭ چاقمىقىنى ئەمەس، بەلكى يۈرىكىنى قولۇمدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقاندەك ئىچ – ئىچىمدىن جۇغۇلداپ كەتتىم. چۈنكى قولۇمدىكى بۇ چاقماق سودا سارايلىرىدىكى بۇيۇم بولماستىن، بەلكى ئالاھىدە بۇيرۇتۇپ ياسالغان سىمۋول خاراكتېرىدىكى بۇيۇم ئىدى.
كەچتە ئاتەش مېھمانلار بىلەن يەنە لىق تولدى. نېمە ئۈچۈن، قانداقلارچە مەست بولۇپ كەتكىنىمنى بىلمەيمەن. ھاراق تەسىرىدىن بېشىم ئايلىنىپ تۇرسىمۇ چولپانغا يۆلىنىپ دېگۈدەك ئارقىمۇئارقا بىر نەچچە قول تانسا ئوينىدىم. لېكىن بۇ قېتىم چولپان مېنى ئەمەس، بەلكى مەن چولپاننى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تانسىغا تەكلىپ قىلغانىدىم. تانسا ئويناش جەريانىدا چولپاننىڭ چىڭڭىدە كۆكسى مەيدەمگە بىر نەچچە قېتىم تېگىپ كېتىپ، بەدەنلىرىمدە يۇقىرى بېسىملىق توكتەك كۈچلۈك تەۋرىنىش پەيدا قىلىۋەتتى. بەزىدە ئۇ مەيدەمگە تېگىپ تۇرغان ئىسسىق كۆكسىنى تارتىۋېلىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالغاندەك كۆكسىنى مەيدەمگە ياققىنىچە تانسا ئويناشنى داۋاملاشتۇرۇۋېرەتتى. كۆزۈم بولسا پات – پات چولپاننىڭ ئويما ياقىلىق كۆڭلىكى ئىچىدە لىغىلداپ تۇرغان بىر جۈپ ئاپئاق كۆكسىگە چۈشۈپ قېلىپ، ئۇنى قۇچاقلاپلا كۆتۈرۈپ نەگىدۇر ئېلىپ كەتكۈم كېلىپ كېتەتتى. ئىقرار قىلىمەنكى، شۇ تاپتا ئەرلەرنىڭ ئاياللار جىسمىدا سادىر قىلىدىغان گۈزەل سەۋەنلىكى مېنىڭ تېنىمدىمۇ پەرۋاز قىلماقتا، مېنى قاتتىق ئارامسىزلاندۇرماقتا ئىدى.
−− سىز نېمىدېگەن يېقىملىق – ھە، چولپان؟ −− مەن بىر تەرەپتىن تانسا ئوينىغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن چولپاننىڭ قولۇمدىكى يۇمشاق بارماقلىرىنى بارماقلىرىم ئارىسىغا ئېلىپ بوشقىنە سىقىپ قويغاچ دېدىم.
−− ئەمدى ھېس قىلىۋاتامسىز؟ −− چولپان سوئالىمغا سوئال بىلەن جاۋاب قايتۇردى. شۇ تاپتا يات جىنسقا بولغان ئەسەبىي قىزغىنلىقىمدىن بولسا كېرەك، سۆز قۇشلىرىم تىل شېخىمدىن ئايرىلىپ ئەركىن پەرۋاز قىلىشقا باشلىغانىدى.
−− بىلەمسىز چولپان، سىز شۇ تاپتا مېنى بەكلا ھاياجانلاندۇرۇۋەتتىڭىز.
−− مېنى راستلا سېغىنىپسىز – دە، شۇنداقمۇ؟
−− سىزدىن ئەپۇ سورايمەن.
چولپان كۆزۈمگە تىكىلىپ قاراپ تۇرغىنىچە كۆزىگە لىققىدە ياش ئالدى. ئەمەلىيەتتە بۇ مېنىڭ چولپانغا قىلغان يالغان سۆزۈم ئىدى. مەن پەقەت ئۇنىڭ ماڭا بولغان قىزغىنلىقىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش ۋە بۇ قىزغىنلىق ئىچىدە ئۇنىڭغا بولغان جىنسىي تەلپۈنۈشلىرىمنى ئوڭۇشلۇق قاندۇرۇش ئۈچۈنلا مۇشۇنداق دېگەنىدىم. چولپان بارماقلىرىم ئارىسىدىكى بارماقلىرىنى بارماقلىرىمغا سۈركەش ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى. مەن ئۇنى ئۆزۈمگە تېخىمۇ يېقىنراق تارتىپ تانسىنى داۋاملاشتۇردۇم.
ئاتەشتىكى مېھمانلار تولۇق تارقىغاندا مېڭەمدىكى ۋاقىت ئۇقۇمىمۇ ئۆلۈپ بولغان بولۇپ، سىرتقا چىققان ۋاقتىمدا چولپاننىڭ ئىككى مۇرىسىدىن قاماللاپ تۇتۇپ كۈچ بىلەن قۇچاقلىدىم. ئاندىن خۇددى ئېچىرقاپ كەتكەن ئادەمدەك چولپاننىڭ لەۋ، بۇيۇنلىرىغا ئىشتىياق بىلەن سۆيۈشكە باشلىدىم. چولپان دەسلەپتە ماڭا ئازراق قارشىلىق كۆرسەتكەندەك قىلغىنى بىلەن، مەن لەۋلىرىگە سۆيگەندە ئۇمۇ بوينۇمغا گىرە سېلىپ قەلبىدىكى ئوتلۇق ھاياجىنىنى لەۋلىرى ئارقىلىق تەن بوستانىمغا كەلكۈندەك يامرىتىپ تاشلىدى.
مەن ئۇنى قۇچاقلىغان پېتى ئۇنىڭ بىر كىشىلىك ياتىقى تەرەپكە ئېلىپ ماڭدىم.
چولپان ياتاق ئىشكىنى خېلى قىيىندا ئاچتى ۋە ياتاققا كىرىپلا ياتاق چىرىغىنى ياندۇردى، ياتاق ئىچى بىنەپشەرەڭ چىراغ نۇرىدا مايسا رەڭدە يورۇدى. ئۇ مېنى ئۆزىنىڭ تام ياقىلىتىپ قويۇلغان بىر كىشىلىك يۇمشاق كارىۋىتىغا ئولتۇرغۇزۇپ تۇرۇشىغا مەن ئۇنى بېلىدىن قۇچاقلاپ ئۆزۈمگە تارتتىم. شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئاپئاق كۆكسى يۈزلىرىمگە تېگىپ تۇراتتى. قويۇق بۈدۈر چاچلىرى باش ئۈستۈمدە كۆل بويىدىكى مەجنۇنتالنىڭ ئەۋرىشىم نوتىلىرىدەك ساڭگىلاپ تۇراتتى. مەن ئۇنى شۇ ھالەتتە بىرلا ئۆرۈپ يۇمشاق كارىۋات ئۈستىگە ياتقۇزدۇم. نەپەس ئېلىشلىرىنىڭ تېزلىشىشى، كۆكسىنىڭ دەم كۆتۈرۈلۈپ، دەم چۈشۈشى ئۇنىڭمۇ ھاياجانلىنىۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بېرىپ تۇراتتى. مەن ئۇنىڭ بىر جۈپ ئاپئاق، ئىسسىق كۆكسىنى كۈچلۈك ئالىقانلىرىم بىلەن چىڭ مۇجۇغىنىمچە ئۇنى سەۋدايىلارچە سۆيۈشكە باشلىدىم…
سەھەردە ئويغانسام بېشىم ھەرە توپى كىرىۋالغاندەك غوڭۇلداپ كېتىپتۇ. پۈتۈن بەدىنىم لايدەك بوشىشىپ كەتكەن بولۇپ، گاللىرىم قىرىلىپ، ئېچىشىپ تۇراتتى.
يېنىمدا بولسا چولپان ئانىدىن تۇغما ھالەتتە يېنىك پۇشۇلداپ ئۇخلاپ ياتاتتى. شۇ ھامان ئاخشام يۈز بەرگەن ئىشلار ئېسىمدىن خۇددى غۇۋا چۈشتەك سۇسقىنە لەيلەپ ئۆتتى.
مەن يېنىمدا ياتقان بۇ ئايالغا پۇشايمان ئىچىدە نەزەر سالدىم. تۇرۇپلا ئۆزۈمدىنمۇ ھەم بۇ ئايالدىنمۇ قاتتىق يىرگىنىش ھېس قىلدىم. بىراق بۇ چاغدا ئوت ئۈستىگە قويۇلغان چۆگۈندىكى سۇ ئاللىقاچان قايناپ جۈمىكىدىن تېشىپ بولغان بولۇپ، مەن بۇ رېئاللىقتىن تانالمايتتىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بۇ رېئاللىقنى قانداق قوبۇل قىلىشنىمۇ بىلمەيتتىم.
مەن ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ يىگىتلىك ھېسسىياتىمنىڭ تۇنجى چېچىكى توزۇپ كەتكەن بۇ ياتاقتىن چىقىپ كەتتىم. دەل شۇ ئاخشام مەن ئالۋاستىغا ئايلانغان تۇنجى ئاخشام ئىدى. مەن ئەنە شۇنداق روھىي قالايمىقانچلىق ئىچىدە تۇرۇپ يەنىلا سېنى ئەسلىدىم لالە. بەلكىم شۇ كېچە چۈشلىرىڭ قالايمىقانلىشىپ كەتكەندۇر. لېكىن سەن مېنىڭ شۇ كېچىدە يات بىر ئايال بىلەن گۇناھ مېۋىسىنى تەڭ يېگىنىم، بۇ ئارقىلىق ساڭا خىيانەت قىلغىنىمنى خىيالىڭغىمۇ كەلتۈرمىگەنسەن. ئەسلىي مېنىڭ بارلىق تەن ۋە روھىي مۈلكۈم ساڭىلا تەئەللۇق ئىدى. لېكىن مەن بۇ تەن – روھىمنى گۇناھ سۈيىدە سۇغىرىپ تاشلىدىم. شۇنىڭ بىلەن بۇ تەن – روھ تولۇق بۇلغىنىپ كەتتى. لېكىن بۇ رېئاللىقنى مېنىڭ قوبۇل قىلغۇدەك مادارىم بولمىسىمۇ، ئېتراپ قىلماي ئامالىم يوق ئىدى. مەندە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھېچقانداق مۇھەببەت تۇيغۇسى بولمىسىمۇ، قانداقتۇر بىر قىزىقىش تۇيغۇسى بار ئىدى. ئۇنى ياخشى كۆرمىسەممۇ، ئۇنى ئەسلەپ قالاتتىم ۋە ئۇ ھەققىدە شېرىن خىياللارنى سۈرۈپمۇ قالاتتىم. ئەپسۇس شېرىن خىياللىرىم رېئاللىققا ئايلانغان ۋاقىتتا بولسا قەلبىمنى پۇشايمان ئوتلىرى چىرمىۋالدى. بىر نەچچە كۈن مۇشۇنداق قەلب پاراكەندىچىلىكىم بىلەن ئۆتۈپ كەتتى. ھەر شەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سېنىڭ يېنىڭغا بېرىشىم كېرەك ئىدى. لېكىن ھازىرقى روھىي ھالىتىم بىلەن سەن تەرەپكە يول ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم. لېكىن بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن رېئاللىقتىن قېچىپ قۇتۇلالمايتتىم. چولپان بولسا ھەر كۈنى ئاخشىمى ئاتەشتە خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك مەن بىلەن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ سالاملىشىتاتتى. كۆزۈمگە بولسا ئۇ تېخىمۇ چىرايلىقلىشپ، كۆزلىرى بۇرۇنقىدىنمۇ نۇرلىنىپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى. لېكىن ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ ئاشۇ ئاخشامقى ئىش ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ زۇۋان سۈرۈپ باقمىدى. شۇنداق قىلىپ پۈتۈن بىر شەنبە مۇشۇنداق قالايمىقان خىياللىرىم بىلەن ئۆتۈپ كەتتى. يەكشەنبە كۈنى غەيرەت قىلىپ يېنىڭغا قاراپ يولغا چىقىم. ئۆتكەنكى ئۇ ئىش ھاياتىمدىكى بىر قېتىملىق سەۋەنلىك ئىدى. ئەمدى بۇنداق سەۋەنلىكنى قايتا سادىر قىلماسلىققا ئۆز – ئۆزۈمگە قاتتىق ۋەدە بەردىم.
−− بەك سولغۇن كۆرۈنىسەن كامال، مىجەزىڭ يوقمۇ نېمە؟
سەن مېنى كۆرۈپلا شۇنداق سورىدىڭ لالە. مەن سېنىڭ مەن ئويلاپمۇ باقمىغان سوئالىڭدىن ھودۇقۇپ كەتكەن بولسام كېرەك، دەسلەپ قاتتىق ساراسىمە ئىچىمنى ئورىۋالغان بولسىمۇ لېكىن ئۆزۈمنى ناھايىتى تېزلا رۇسلىۋالدىم ۋە:
−− ياق، ئۇنداق ئەمەسقۇ، −− دېدىم.
−− تۈنۈگۈن يولۇڭغا قارىسام كەلمىدىڭ. شۇڭا سەندىن سەل ئەنسىرەپ قالدىم كامال.
−− ئەنسىرىگۈدەك نېمە ئىش بار دەيسەن. تۈنۈگۈن مەكتەپتە يىغىن بولغان، شۇڭا كېلەلمىگەنىدىم.
−− كامال!
ئاۋازىڭدىن چۆچۈپ كەتتىم ۋە:
−− ھە… مەن خاتا گەپ قىلدىمما، −− دەپ سالدىم تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەكلا ئىچىمدە يوق بىر گەپنى ئاغزىمدىن چىقىرىپ قويۇپ.
−− نېمە؟ ساڭا زادى بولدى كامال؟ نېمانداق تاققا – تۇققا سۆزلەپلا يۈرىسەن دەيمەن؟
−− ھېچ نېمە بولمىدى. ماڭا بىر ئىش بولغاندەك تۇرامدۇ؟
−− ئەمىسە نېمانداق جىددىيلىشىپلا تۇرىسەن؟
−− شۇنداقمۇ، بەلكىم سېنى بەك سېغىنىپ كەتكىنىمدىن شۇنداق بولسا كېرەك.
ئۆزۈممۇ ئويلاپ باقمىغان قالتىس يالغان گەپتىن بىرنى دېدىم. سەن كۆزۈمگە ماڭا ئەمەس، بەلكى باشقا بىر غەيرىي نەرسىگە ھاڭۋېقىپ قارىغاندەك قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن:
−− مېنى سېغىنىپ كەتسەڭ جىددىيلىشەمسەن؟ −− دەپ سورىدىڭ.
−− بازارغا چىقىپ ئايلىنىپ كېلەيلىمىكىن.
ئوتتۇرىمىزدىكى قۇلايسىز سۆھبەتنى يۆتكەپ كېتىش ئۈچۈن گ−ەپنىڭ تېمىسىنى بىراقلا بۇرۇۋەتتىم.
−− ماقۇل.
ئىككىمىز مەكتەپ قورۇسىدىن چىقىپ پىيادىلەر يولىدا ئۈن – تىنسىز ھالدا ماڭدۇق. شۇ كۈنى كەچكىچە ساڭا ھەمراھ بولدۇم. قۇياشنىڭ ئاقۇچ نۇرى سارغىيىشقا باشلىغاندىلا سەن بىلەن خوشلىشىپ:
−− ئەمدى مەن ماڭاي لالە، بولمىسا سەلىمە ئاپپاي رەنجىپ قالىدۇ، −− دېدىم.
−− مۇشۇ كەيپىياتىڭ بىلەن قانداقمۇ خىزمەت قىلارسەن كامال؟ يەنە تېخى ئەتە دەرسكە كىرمىسەڭ بولمايدۇ.
−− سېنىڭچە مېنىڭ كەيپىياتىم شۇنچە ناچارمۇ لالە؟ ئۆزۈم پەقەت ھېس قىلماپتىمەن.
−− مەن دەيمەن كامال. پۇل تاپمىساڭمۇ مەيلى، لېكىن ئۆزۈڭنى ئاسرا. سەن مېنىڭ بۇ دۇنيالىقتىكى بىردىنبىر يېقىن ئادىمىم. شۇڭا سەندىن بەك ئەنسىرەپ قالىدىكەنمەن.
سېنىڭ ئۇشبۇ ۋاقىتتىكى ھەر بىر ئېغىز سۆزۈڭ قەلبىمگە نەشتەر بولۇپ سانجىلاتتى. يۈرىكىمنىڭ بۇنداق زەربىگە بەرداشلىق بېرەلىگۈدەك قۇۋۋىتىمۇ ئاستا – ئاستا ئاجىزلىشىپ بارماقتا ئىدى. مەن ناھايىتى مۈشكۈلچىلىك ئىچىدە سەن بىلەن خوشلىشىپ ماڭدىم. خىيالىمدا بولسا سەن بىلەن بولغان بارلىق ئۆتمۇشۈم ئەگىيتتى، بۇ خىيالىمنىڭ بىر ئۇچى ئىدى. خىيالىمنىڭ يەنە بىر ئۇچىدا بولسا يېقىملىق كۈلۈمسىرەپ تۇرغان چولپان پارلاپ تۇراتتى. مەن چولپاندىن ئۆزۈمنى قانچە قاچۇرغانسېرى ئۇنىڭغا بولغان ياۋايى تەلپۈنۈشۈم شۇنچە ئېشىپ باراتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ لەۋلىرىگە سۆيۈش، ئاپئاق كۆكسىلىرىنى سىلاش، ئۇنىڭ بىلەن ھېلىقى لەززەتلىك ئىشنى يەنە قايتا بىر قېتىم سادىر قىلىش ھەۋىسى قانلىرىمنى قىزىتىپ تۇراتتى. بۇ ھەقتە ھېلى پۇشايمان قىلسام، ھېلىلا قىلغان پۇشايمىنىمدىن يېنىۋالاتتىم.
دېمەك، مەن يېيىشكە تېگىشلىك بولمىغان مېۋىنى يەپ قويۇپ، ئاقىۋەتتە شۇ مېۋىنىڭ تەمىگە خۇمار بولۇپ قالغانىدىم. ئەمەلىيەتتە مېنىڭ چولپانغا بولغان تەلپۈنۈشۈمدە ھامان جىنسىي تەلپۈنۈش يۇقىرى ئورۇندا تۇراتتى. شۇنداق قىلىپ گۇناھ تۇيغۇسى سادىر بولغاندىن كېيىن پۇشايمان يەپ، سادىر بولۇشتىن ئىلگىرى ئارزۇ يەپ، چولپان بىلەن بىنەپشەرەك چىراغ نۇرىدا مايسارەڭدە يورۇپ تۇرغان بىر كىشىلىك ياتاقتىكى يۇمشاق كارىۋاتتا دائىم دېگۈدەك ئۇچرىشىپ تۇردۇم. دەسلەپتە ماڭا ئېغىر كەلگەن، مېنى گۇناھ تۇيغۇسىغا چۆمدۈرۈۋەتكەن بۇ خىل نورمال بولمىغان مۇناسىۋەت ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ تۇرمۇشۇمنىڭ نورمال بىر قىسمىدەك ئاددىي تۇيۇلۇشقا باشلىدى. خىيالىمدا بولسا بۇ بىر ئۆتكۈنچى دەۋر. مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن بېسىقىپ قالىدۇ، دەپ ئۆزۈمنىڭ ئۈزلۈكسىز رەۋىشتە بۇزۇلۇۋاتقان روھىي پسىخىكامغا يېشىل چىراغ ياندۇرۇپ بېرەتتىم. لېكىن كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن دەھشەتلىك قارا قىسمەتنىڭ ئۆز بېشىمغا چۈشۈپ قېلىشىنى پەقەتلا ئويلىمىغان ئىكەنمەن.
مەن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانىدىم. بۇ بىر ھاقارەتلىك، يىرگىنچلىك، داۋاسى يوق كېسەل ئىدى. بۇ بىر ئۆپكە راكى، جىگەر راكى، كاناي راكىدىنمۇ دەھشەتلىك بولغان ھېسسىيات راكى ئىدى.
مەن ئۆز تېنىمدا پەيدا بولۇۋاتقان غەلىتە ئۆزگىرىشلەرگە دەسلەپ ئانچە ئېتىبار قىلماپتىمەن. كېيىن سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ باققان ۋاقتىمدىلا مېنى قوبۇل قىلغان ياشانغان ئايال دوختۇر مېنى تولۇق تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن يۇقىرى گرادۇسلۇق كۆزەينىكىنى كۆزىدىن ئېلىپ ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ قويغاچ:
−− سىز نېمە خىزمەت قىلىسىز؟ −− دەپ سورىدى كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قادىلىپ تۇرۇپ.
دوختۇرنىڭ سوئالى مېنى ھەيران قالدۇردى. چۈنكى مېنىڭ نېمە خىزمەت قىلىشىم بىلەن نېمە كېسەل بولغانلىقىمنىڭ قانداق باغلىنىشى بارلىقىنى پەقەتلا ھېس قىلالمايتتىم. شۇڭا:
−− مەن ئوقۇغۇچى، −− دېدىم شۈبھە بىلەن.
دوختۇر مېنىڭ جاۋابىمدىن ھەيران قالغاندەك ماڭا تىكىلىپ قارىدى. ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى قاراشلىرى تولىمۇ سوغۇق ئىدى. دوختۇر قولىدىكى ئىرماش – چىرماش خەت ۋە قانداقتۇر نامەلۇم سانلار يېزىلغان قەغەزگە يەنە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىققاندىن كېيىن:
−− سىز ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپسىز، −− دېدى.
ئەيدىز!!! دوختۇرنىڭ ئاۋازى قۇلاق تۈۋۈمدە ئاتوم بومبىسى پارتلىغاندەك دەھشەتلىك ئاۋاز چىقىرىپ ئىچ – ئىچىمگە زەھەردەك يامراپ كەتتى. كۆز ئالدىم دەسلەپ غۇۋالىشىپ ئارقىدىن قاراڭغۇلاشتى. دوختۇر ماڭا يەنە نېمىلەرنىدۇر دېگەندەك قىلىۋېدى، مەن ھېچنېمىنى ئاڭقىرالمىدىم. شۇ تاپتا كۆرۈش سەزگۈملا ئەمەس، ئاڭلاش سەزگۈممۇ كاردىن چىقىپ كەتكەندەك ئىدى.
ئەيدىز!
بۇ بىر قورقۇنچلۇقلا ئەمەس، مەينەت كېسەل ئىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى ئەخلاق قارىشىنى دەپسەندە قىلىشتىن پەيدا بولىدىغان يامان ئاقىۋەت ئىدى. بۇ كېسەل ھەر خىل ناملاردىكى راكتىنمۇ يامان بولۇپ،بۇ راكنىڭ بەدەن ئەزالىرىدىن ھېسسىياتقا كۆچۈشى ئىدى. شۇنداقلا بۇ يەنە بىر ئادەمنىڭ ئاستا – ئاستا ئۆلۈش جەريانى ئىدى.
−− زەھەر ئىستېمال قىلامسىز؟ −− دوختۇرنىڭ ئاۋازى يىراق بوشلۇقتىن كەلگەندەك تولىمۇ سۇس ئىدى. مەن »ياق« دېگەن مەنىدە بېشىمنى چايقىدىم.
−− ئۇنداقتا قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغانمۇ؟
مەن يەنە بېشىمنى چايقىدىم. لېكىن بېشىم تولۇق چايقىلىپ بولغىچە بېشىمنىڭ ئاجىز ھەرىكىتى توختاپ قالدى ۋە مېڭەمدىن بىر قارا تۈتەك كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. شۇ تاپتىكى رېڭى ئۆچۈپ كەتكەن خىيالىمغا بولسا بىنەپشىرەڭ چىراغ نۇرىدا مايسارەڭدە يورۇپ تۇرغان ياتاق كەلدى. ياتاق ئىچىدىكى بىر كىشىلىك يۇمشاق كارىۋاتتا قويۇق بۈدۈر چاچلىرى ياستۇق ئۈستىدە تەكشى يېيىلغان بىر ئايال ئانىدىن تۇغما ھالەتتە ياتاتتى. بۇ ئايال دەل چولپان ئىدى. ئۇ ئايال دەل مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدىكى، مېنىڭ ھېسىياتىمدىكى ئەيدىز ئىدى.
دوختۇرخانىدىن قانداق چىققىنىمنى بىلمەيمەن. ئەمدى ماڭا جاھاندىكى ھەممە نەرسە تولىمۇ سوغۇق ۋە مۇدھىش تۇيۇلماقتا ئىدى. ئەتراپىمدىكى ئادەملەر ماڭا خۇددى توختاۋسىز ئېقىۋاتقان زەھەردەك كۆرۈنەتتى. مەقسەتسىز بېسىلغان قەدەملىرىم مېنى ئاڭسىز رەۋىشتە چولپاننىڭ ياتىقى ئالدىغا ئەكەلدى. ياتاق ئىشىكى تېشىدىن قۇلۇپلانغانىدى. شۇ ھامان چولپاننىڭ ھەپتە بۇرۇن ئىچكىرىگە كەتكەنلىكى يادىمغا يەتتى. ئۇنىڭ ئىچكىرىدە نېمە ئىشلارنى قىلىدىغىنى ماڭا نامەلۇم ئىدى. بەلكىم ئۇ ئىچكىرىدىكى يېڭىدىن – يېڭى ئەيدىز ۋىرۇسلىرىنى تېنى بىلەن بۇ يەرگە توشۇپ چىقىدىغاندۇ ۋە ياكى…
خىيالىمنى داۋاملاشتۇرۇشقىمۇ قۇربىم يەتمەي، ئىشىك تۈۋىدىلا زۇڭزىيىپ ئولتۇرۇپ قالدىم. كۆزلىرىم لىق ياش، كالپۇكلىرىم زەپىران ئىدى. ئىچ – ئىچىمدىن چولپانغا بولغان ئۆچمەنلىكىم قايناپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئاشۇ ئەخلەت بىلەن توشۇپ كەتكەن سېسىق تېنىنى پارچە – پارچە قىلىپ تاشلىۋەتكۈم، مەينەت قانلىرىنى يۇندى ئازگىلىغا شالاقشىتىپ تۆكۈۋەتكۈم كېلەتتى. ئىشىك تۈۋىدە ئولتۇرغان پېتىم ئۆزۈمنى سەكراتقا چۈشۈپ قېلىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم.
ئارىدىن 20 كۈندىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى. بۇ ئارىلىقتا مىجەزىمنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى سەۋەب قىلىپ ئاتەشكىمۇ بارمىدىم، ياتىقىمدا يالغۇز يېتىۋېلىپ دەرسكىمۇ چىقمىدىم. چۈنكى مەن ئۈچۈن ھازىر ھەممە نەرسە ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى يوقىتىپ بولغانىدى.
چولپان ئىچكىرىدىن قايتىپ كەلگەن كۈنى يېرىم كېچىلەردە ئۇنىڭ ياتىقى ئالدىدا پەيدا بولدۇم. ئىشىك ئىچىدىن ئېتىۋېلىنغانىدى. مەن ئىشىكنى بوش ئاۋازدا چەكتىم.
−− كىم؟
ياتاق ئىچىدىن چولپاننىڭ تونۇش ئاۋازى ئاڭلاندى.
−− مەن.
−− كامالما؟
ئۇ مېنى ئاۋازىمدىن تونۇپ ئۈلگۈرگەنىدى. ھايالشىمايلا بىنەپشە رەڭ چىراغ يورۇپ ياتاق ئىچى مايسا رەڭدە يورۇدى. كۆزۈم ئەينەك ئىچىدىن ئىشىك تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقان چولپان ئىسىملىك لىق بىر تېرە ئەيدىز ۋىرۇسىنى كۆرۈپ ئۈلگۈردى. ئۇ ئىشىكنى ئېچىشىغىلا ئۇنى كۈچ بىلەن بىر تەستەك سالدىم. ئۇ تۇيۇقسىز زەربىدىن ئۆزىنى كونترول قىلالماي كەينىگە سەنتۈرۈلۈپ يىقىلىپ چۈشتى. كۆزۈم ئۇنىڭ ئېغىزىنىڭ سول تەرەپ جاۋغىيىدىن سىرغىپ چىققان قانغا چۈشۈۋېدى، تولىمۇ ھەيران قالدىم. چۈنكى ئۇنىڭ قېنى يەنىلا قىزىل رەڭدە ئىدى.
چولپان ئوڭ قولىنىڭ ئالىقىنى بىلەن جاۋىغىيىدىكى قاننى سۈرتكەچ ماڭا زەھەردەك ئاچچىق نەزىرىدە تىكىلدى.
−− ھۇ پەسەندە بۇزۇق. مەن سېنىڭ قولۇڭدا نابۇت بولدۇممۇ ئەمدى؟ مەن تېخى سېنى ئادەممىكىن دەپ قاپتىكەنمەن، ئەسلىي سەن بىر تاغار مەينەت يىرىڭكەنسەن.
بىر – بىرىدىن سېسىق گەپلەر ئاغزىمدىن خۇددى شېغىلدەك تۆكۈلمەكتە ئىدى. مەن بولسام ئاغزىمغا نېمە كەلسە شۇنى دېيىش بىلەن ئۆزۈمنى قىينايتتىم.
−− ئېيتە پەس، نەگە بېرىپ نەدىن كەلدىڭ؟ يەنە نەلەردىن يەنە قانداق يېڭى ئەخلەتلەرنى تېنىڭگە قاچىلاپ كەلدىڭ؟ يەنە كىملەرنى ئەخلەتكە ئايلاندۇرۇپ تاشلاشنى نىشان قىلدىڭ؟ ئېيت دەيمەن.
مەن ئۇنى بىر تەرەپتىن تىللىغاچ يەنە بىر تەرەپتىن چېچىدىن قايرىپ تۇرۇپ تاراسلىتىپ ئۇرۇشقا باشلىدىم. ئۇنىڭ يۈزلىرى دەقىقە ئىچىدىلا تاياق زەربىسىدىن شەلپەردەك قىزىرىپ چىقتى. شۇ چاغدا ئۇ ماڭا قاراپ ۋارقىرىدى:
−− كامال!
شۇ ھامان ئۇنىڭ يۈز – بۇيۇنلىرىدا غەزەپ بىلەن ھەرىكەتلىنىۋاتقان قولۇم ھاۋادا توختاپ قالدى. چولپان ماڭا غەزەپ بىلەن تىكىلىپ تۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدى:
−− مېنى بۇنچە ھاقارەتلىمە كامال. مېنى ھاقارەتلىمىگەن ئەمدى سەن قالغانما؟ بۇنىڭسىزمۇ مېنىڭ تارتىۋاتقان ئازاب – ئوقۇبەتلىرىم ئازمۇ؟ سەن ھەر ۋاقىت پەقەت مېنىڭ كۈلۈپ تۇرغان تاشقى پوستۇمنىلا كۆرۈپ كەلدىڭ. لېكىن مېنىڭ ئىچكى روھىي دۇنيارىمغا بىرەر رەت قۇلاق سېلىپ باقتىڭمۇ؟ ياق، سەن ئۇنى ئويلاپ باقمىدىڭ. چۈنكى سەنمۇ ئەر. سەنمۇ پەقەت ئەر بولغانلىقىڭ ئۈچۈنلا نېمە قىلسام بولىدۇ، دەپ ئويلايسەن، شۇنداقمۇ؟ ماقۇل، مەن ساڭا نەگە بېرىپ، نەدىن كەلگىنىمنى دەپ بېرەي. مەن ئىچكىرىدىكى بىر دوختۇرخانىغا داۋالانغىلى باردىم. ئەمدى بىلگەنسەن. يەنە نېمىشقا دېمەمسەن. چۈنكى مەن ئەيدىز! مەن مۇشۇ ئىپلاس كېسەلنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇش ياكى بىر مەزگىل بولسىمۇ ئارام تېپىش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىپ كېلىۋاتىمەن. چۈنكى مېنىڭ ئۆلۈپ كەتكۈم يوق، بىر كۈن بولسىمۇ ئۇزاقراق ياشىسام دەيمەن.
چولپان ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەيتتى. كۆز چاناقلىرىدىن تۆكۈلۈۋاتقان ياشلار خۇددى كىچىك بىر ئېقىن سۈيىدەك مەڭزىنى بويلاپ پەسكە سىرغىيتتى.
−− بۇ كېسەل ساڭا قەيەردىن يۇققان؟ −− چولپان خېلى بىر ھازادىن كېيىن ھاسىراپ سۆزىدىن توختىغاندىن كېيىن سورىدىم. چولپان يىغا ئارىلاش بىر نېمىلەرنى دېگەندەك قىلدى، لېكىن مەن ئۇنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى زادىلا ئاڭقىرالمىدىم.
−− بىراق نېمە ئۈچۈن، نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلسەن دەيمەن؟ نېمە ئۈچۈن ئۆزۈڭگە قوشۇپ مېنىمۇ نابۇت قىلىپ تاشلايسەن دەيمەن. مەن ساڭا نېمە يامانلىق قىلغان؟ نېمە ئۈچۈن بۇ كېسەلنى ماڭىمۇ بېغىشلايسەن؟ ئېيت دەيمەن، ماڭا جاۋاب بەر چولپان…
سۆزۈم ئاخىرلاشتىمۇ ياكى ئاخىرلاشمىدىمۇ، بىلمەيمەن. ئۇ سۆزۈمگە ئۇلاپلا جاۋاب بەردى:
−− چۈنكى… چۈنكى مەن سېنى سۆيەتتىم كامال.
چولپاننىڭ جاۋابى مېنى ھاڭ – تاڭ قالدۇردى. بۇ بىر نورمال بولمىغان جاۋاب ئىدى.
−− نېمە، سۆيەتتىم؟! سەن مېنى ياخشى كۆرەمتىڭ؟… ھا… ھا… ھا… سەن ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭگە مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلامسەن؟ بۇنىڭغا غۇرۇرۇڭ قانداق يول قويدى؟ سەندە ئازراق بولسىمۇ ئەقىل ياكى ئىنسانىي پەزىلەت بارمۇ؟
−− بىلىمەن كامال، −− ئۇنىڭ ئاۋازى ئەمدى جېنى چىقىۋاتقان ئادەمنىڭ ئاۋازىدەك بىراقلا تۆۋەنلەپ كەتكەن بولۇپ، خۇددى ئۆزىگە – ئۆزى سۆزلەۋاتقاندەك چېقىشقا باشلىدى، −− مەنمۇ دەسلەپ ئۆزۈمنىڭ مۇشۇ ئىپلاس كېسەل بىلەن يۇقۇملىنىپ قالغىنىمنى بىلگىنىمدە خۇددى سەندەك، ھەتتا سەندىنمۇ بەتتەر بولۇپ كەتكەن. ھەتتا شۇ كېچىسى ئۆلۈپلا تۈگىشىپ كېتىشنىمۇ ئويلىغان. لېكىن مېنىڭ ئۆلۈپ كەتكۈم يوق ئىدى، مەن ياشاشنى ئۈمىد قىلاتتىم.
بىلەمسەن كامال، مەنمۇ بۇرۇن ساڭا ئوخشاش ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ستۇدېنت ئىدىم. قەلبىمدە ئاجايىپ گۈزەل ئارزۇ – ئارمانلىرىم بولسىمۇ، ئائىلىمىز بەكلا نامرات ئىدى. مەن ئۈچ يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنى ئائىلەمدىن كېلىدىغان نەچچە ئون يۈەنگە تايىنىپلا ئۆتكۈزۈپ كەلدىم. مەن ئالىي مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىغا قەدەم قويغىنىمدا قاۋۇل ئېشەك ئىسىملىك بىر تىجارەتچى بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. ئۇ ئادەم مەندىن خېلىلا چوڭ بولسىمۇ، ماڭا بەكلا ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى. چۈنكى ئۇ مېنى ياخشى كۆرۈپ قالغانمىش. شۇ چاغلاردا مېنىڭ نامرات تۇرمۇشقا بەرداشلىق بېرەلىگۈدەك ھالىممۇ قالمىغانىدى. شۇڭا ئاستا – ئاستا مېنىڭ ھەقىقىي بەختىم ئاشۇ مەلئۇننىڭ قولىدىكىدەك تۇيغۇغا كېلىشكە باشلىدىم. گەرچە مەندە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھېچقانداق مۇھەببەت تۇيغۇسى بولمىسىمۇ، ئۇنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر ئىدىم. لېكىن ئۇنىڭ قوي تېرىسىگە ئورىنىۋالغان يىرتقۇچ ئىكەنلىكىنى زادىلا ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. كېيىن تۇيۇقسىزلا ئۆزۈمنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغىنىمنى بىلدىم. شۇنىڭ بىلەن نەچچە كۈن ئاغزىمغا بىر تال گىياھ، بىر تامچە سۇ سالمىدىم. كېيىن بىلسەم ئەسلىي ئۇ زەھەر سودىسى قىلىدىغان ئالۋاستى ئىكەن. مەن ئۇنىڭ ھەقىقىي ئەپت – بەشىرىسىنى بىلگەن ۋاقتىمدا ئاللىقاچان كېچىككەن ئىدىم. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇ ھايۋان قولغا ئېلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئۇ ھايۋان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىممۇ تولۇق ئۈزۈلدى. لېكىن ئۇ ھايۋان ماڭا مەڭگۈلۈك بىر مەينەت كېسەلنى، قۇتۇلۇپ بولغۇسىز ئېغىر ئازابنى قالدۇرۇپ كەتكەنىدى. كېيىن بۇ ئىش ئاشكارىلىنىپ قالغاندىن كېيىن مەكتەپ رەھبەرلىكى مەندەك بىر كېسەل ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىنى مەكتەپتىن چېكىندۈردى. مېنىڭ بۇ ھالىم بىلەن يۇرتقا كەتكۈم يوق ئىدى. لېكىن بۇ شەھەردە باش تىققۇدەك بىر ماكانغا ئېرىشمىسەممۇ بولمايتتى. مانا مۇشۇنداق سەرسان بولۇپ يۈرگەن ۋاقتىمدا سەلىمە ئاپپاي بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن ئاتەش مېنىڭ بۇ شەھەردىكى بىردىنبىر ماكانىم بولۇپ قالدى. ئارىدىن بىرەر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندە مەن بىرسىدىن ئىچكىرىدىكى مەلۇم بىر دوختۇرخانىنىڭ بۇ كېسەلنى مەلۇم كۆلەمدە كونترول قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرگە ئېرىشتىم. شۇنىڭدىن كېيىن ئىچكىرىگە نەچچە قېتىم كىردىم. گەرچە بۇ جەرياندىكى داۋالىنىشىم مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان بولسىمۇ يەنىلا ئىشەنچىم بار ئىدى. مەن مانا مۇشۇ چاغلىرىمدا سەن بىلەن تونۇشۇپ قالدىم كامال. راستىنى دېسەم سېنىڭ ھاياتقا بولغان قىزغىنلىقىڭدىن، سەمىمىيلىكىڭدىن ئۆزۈمنىڭ ئۆتمۈشىنى كۆرگەندەك بولدۇم. لېكىن سېنى نېمىدەپ ياخشى كۆرۈپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن. چۈنكى مەن ساڭا مۇناسىپ كەلمەيتتىم. مەن دېگەن ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچى ئىدىم. ئەمما ساڭا بولغان مۇھەببىتىم بۇ كېسەلدىنمۇ دەھشەتلىك ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ مەن سېنى كۈتمەكچى، كېسىلىم ساقايغىچە كۈتمەكچى ئىدىم. لېكىن ھېلىقى لالە ئىسىملىك قىز مېنىڭ ئارامىمنى بىراقلا بۇزۇۋەتتى. مەن ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۆزۈم سۆيگەن بىر ئەرنىڭ باشقا بىر قىزنى قۇچاقلاپ سۆيۈشلىرىنى پەقەتلا قوبۇل قىلالمىدىم. سېنى مەڭگۈ ماڭىلا مەنسۇپ بولسىكەن دەپ ئويلايتتىم. شۇڭا ساڭا ئېرىشىش يولىدا كۆزلىرىم تورلاشتى. شۇ چاغلاردىمۇ مۇشۇ كۈننىڭ ھامان يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. لېكىن سېنى مېنى كەچۈرسىكەن دەپمۇ ئۈمىد قىلمايمەن، كامال.
مۇھەببەت دېگەن مانا مۇشۇنداق شەخسىيەتچى بولىدىكەن. مەن سەندىن زادىلا ۋاز كېچەلمىدىم. لېكىن ئويلاپ باققىن كامال، سەن لالە ئىسىملىك ئاشۇ قىزدىن ۋاز كېچەلەمسەن؟ سەن مەندەك ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان بىر قىزنى ئۆزۈڭگە راۋا كۆرەلەمسەن؟ ناۋادا لالە سېنىڭ مۇشۇنداق بىر كېسەل بىلەن يۇقۇملىنىپ قالغىنىڭنى بىلىپ قالسا ئۇ سېنى يەنىلا بۇرۇنقىدەك سۆيەلەمدۇ؟ سەن ئۇنىڭ سېنى تاشلاپ باشقا بىر ئەرنى سۆيۈشىگە چىداپ تۇرالامسەن؟ ياق كامال، بۇنداق ئالىيجانابلىق مېنىڭلا ئەمەس، بەلكى سېنىڭمۇ قولۇڭدىن كەلمەسلىكى مۇمكىن. بۇنداق خورلۇق بۇنداق كېسەلدىنمۇ دەھشەتلىك بولىدىكەن. كېسەللىك ئازابىغا بەرداشلىق بەرگىلى بولغىنى بىلەن خورلۇقنىڭ ئازابىغا بەرداشلىق بەرگىلى بولمايدىكەن. دېگىنە كامال، مەن قانداق قىلىشىم كېرەك ئىدى، مەن ساڭا زىيانكەشلىك قىلىپ قويدۇم، مەن گۇناھكار، مەن ئىنسان ئەمەس…
مەن چولپاننىڭ ئۇزاقتىن – ئۇزاققا داۋاملاشقان بايانلىرىنى ئاڭلاپ تامدەك تاتىرىپ ئولتۇردۇم. كاللام قۇپقۇرۇق، كۆزۈم نەگىدۇر بىر يەرگە مەقسەتسىزلا تىكىلىپ قالغانىدى.
پۈتۈن بىر كېچە مۇشۇنداق ئۆلۈم جىمجىتلىقىدا ئۆتۈپ كەتتى. تاڭنىڭ ئاستا – ئاستا يورۇشى بىلەن بىنەپشەرەڭ چىراغنىڭ نۇرىدا مايسارەڭدە يورۇپ تۇرغان ياتاقنىڭ ئىچىمۇ بارا – بارا يورۇپ بارماقتا ئىدى. ئەسلىي مەن بۇ يەرگە ئالدىمدىكى بۇ قىزنى ئۆلتۈرۈۋەتكىلى كەلگەن ئىدىم. لېكىن ئۇ پۈتۈن بىر كېچە ئالدىمدا تىرىك ئولتۇردى. سەھەرگە يېقىن مەن ئۇنى يەنىلا تىرىك پېتى ياتاقتا قالدۇرۇپ چىقىپ كەتتىم.
ئارىدىن بىرەر ھەپتىدىن ئارتۇقراق ۋاقىت ئۆتۈپ چولپان بۇ شەھەردىن ئۈن – تىنسىز غايىب بولدى. بۇ قېتىم ئۇنىڭ قەيەرگە كەتكىنىنى مەندىن باشقا بىرمۇ ئىنسان بىلمەي قالدى. ئۇ كېتىش ئالدىدا ماڭا بىر پارچە خەت قالدۇرۇپ قويغان بولۇپ، خەتتە ئامېرىكىدىكى مېدىتسىنا ئالىملىرىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى مەلۇم بىر T ھۈجەيرىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقى، ئالىملارنىڭ ھازىر بۇ T ھۈجەيرىنى بايقىغانلىقى، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يوشۇرۇن جەننىتىگە ئايلانغان بۇ T ھۈجەيرىنىڭ ئەمدى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ دوزىخىغا ئايلانغانلىقى، گەرچە بۇ بايقاشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك دەرىجىسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى ئېنىق بولمىسىمۇ، ئۆزىنىڭ بۇنى سىناپ بېقىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى بايان قىلغانىدى. بەلكىم ئۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە راستتىلا بەدىنىدىكى ئاشۇ نامەلۇم بولغان T ھۈجەيرىدىكى ئەيدىز مىكروبىدىن پۈتۈنلەي خالاس بولۇپ، يېڭى بىر ھاياتقا قەدەم قويار، ياكى ئاشۇ پارلاق ئۈمىد ئىچىدە بۇ دۇنيا بىلەن كۆزى ئوچۇق ھالەتتە خوشلىشار.
شۇنداق قىلىپ ئاشۇ بىر پارچە خەت بىلەن مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىر مۇھىتتا بىللە تۇرۇش تارىخىم ئاخىرلاشقان بولدى. ئەسلىي ئۇ بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىدى. كېيىن ئۇ زىيانكەشلىككە ئۇچراتقۇچىغا ئايلىنىپ، مېنى زىيانكەشلىككە ئۇچراتتى. گەرچە ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئەقىل نۇقتىسىدىن قوبۇل قىلىش مۇمكىن بولمىسىمۇ، ھېسسىيات جەھەتتىن قوبۇل قىلمايمۇ ئامال يوق ئىدى. ئۇ راست دېگەن ئىدى، ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادىمىنى باشقىلار ئىگىلىۋالسا قانداقمۇ چىداپ تۇرغىلى بولسۇن.
مېنىڭ ئۇنىڭ بەدىنىدە يۈزى ئېچىلىپ كەتكەن جىنسىي ھاياجىنىم ئەمدى پات – پات قوزغىلىپ مېنى بىئارام قىلىپ تۇرىدىغان بولۇپ قالدى. بۇ چاغلاردا نېمىشقىدۇر يادىمغا سەن كېلەتتىڭ، لالە. چولپان بۇ شەھەردىن غايىب بولغاندىن كېيىن بىنەپشەرەڭ چىراغلىق ياتاق مېنىڭ ياتىقىمغا ئايلاندى. چۈنكى مەكتەپ قوينىدا تۇرۇشىم ئۇزاققا بارمايتتى. ھامان بىر كۈنى ھەممە مېنىڭ بىر ئەيدىز ۋىروسىنى ئېلىپ يۈرگۈچى ئىكەنلىكىمنى بىلىشەتتى ۋە ماڭا سەسكىنىش كۆزى بىلەن قارايتتى. مېنىڭ ئۇ كۈننى كۆرگۈممۇ يوق ئىدى. شۇڭا مەكتەپ ھاياتىمنى ئۆزلۈكۈمدىنلا ئاخىرلاشتۇرۇپ بۇ ياتاققا كۆچۈپ كېلىۋالدىم. شۇنداق قىلىپ مېنىڭ بارلىق گۈزەل ئارزۇ – ئارمانلىرىم ئاشۇ مەكتەپ قوينىغا مەڭگۈلۈككە كۆمۈلۈپ كەتتى.
ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان روھىي تەڭپۇڭلۇقۇم ئاستا – ئاستا تىنچىشقا باشلىدى. لېكىن قەلبىمدە ئۈمىد دېگەندىن ئەسەرمۇ قالمايۋاتاتتى. بۇنىڭغا مېنى تەكشۈرگەن ھېلىقى ئايال دوختۇر بىلەن بولغان ئىككىنچى قېتىملىق سۆھبىتىم سەۋەب بولغانىدى.
−− داۋالاشنى قوبۇل قىلامسىز.
دوختۇر شۇ چاغدا ماڭا شۇنداق دېگەن ئىدى. مەن مۈجمەللا جاۋاب بەردىم:
−− شۇنداق دېسىڭىزمۇ بولىدۇ. لېكىن…
−− قانداق گېپىڭىز بولسا ئوچۇق بايان قىلىڭ. بىز سىزنىڭ شەخسىي سىرىڭىزنى چوقۇم قوغدايمىز.
دوختۇر مېنىڭ سۆزۈمنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىنى شۇنداق چۈشەندى بولغاي، ماڭا ئالاھىتەن ئەسكەرتىش بېرىپ ئۆتتى.
−− مەن دېمەكچى دوختۇر، ماڭا قويۇلغان بۇ كېسەللىك دىئاگنوزىدا ئۇقۇشماسلىق كۆرۈلۈپ قالمىغاندۇ – ھە؟
دوختۇر مېنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجە قەغىزىمگە قاراپ ماڭا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى:
−− مانا قاراڭ، سىزنىڭ قان تەركىبىڭىزدەHIV تەركىبى بايقالدى. بۇ بىر خەلقئارالىق تېببىي ئاتالغۇ بولۇپ، بىزدىكى تولۇق ئاتىلىشى »ئىممۇنىتېتنى كەمتۈكلەشتۈرگۈچى ۋىرۇس، يەنى قىسقارتىلىپ ئەيدىز ۋىرۇسى« دىن ئىبارەتتۇر. ئەيدىز ۋىرۇسى ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى بولۇپ، ئۇ لىمفا ھۈجەيرىسى بىلەن تاق يادرولۇق ھۈجەيرىلەرگە كىرىپ، بۇ ئورگانىزملارنىڭ نورمال ئىقتىدارىدىكى ھەرىكەت مېخانىزمىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ ۋە بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئاجىزلىتىش ئارقىلىق تولۇق مەنىدىكى ئەيدىز كېسەللىكىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇنداق يوشۇرۇن ھالەتتىكى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان دەسلەپكى باسقۇچتا بەدەندە غەيرىي ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ. بۇنداق يوشۇرۇن ھالەت ئادەتتە ئىككى ھەپتىدىن ئۈچ ئايغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. بۇ مەزگىل ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن بەدەندىكى ئەيدىز ۋىرۇسى ئەيدىز كېسەللىكىگە ئۆزگىرىپ كېسەللىكنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بەدەندە قىزىش، ئىچ سۈرۈش، ئورۇقلاش، تېرە بۇزۇلۇش، رېئاللىققا قارىتا خاتا سېزىم پەيدا بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىمارنىڭ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى بىۋاسىتە زەخىملىنىپ، زور دەرىجىدىكى مېڭە يىگلەپ كېتىشتەك ئالامەتلەرمۇ پەيدا بولىدۇ.
دوختۇرنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرى بىر – بىرىدىن قورقۇنچلۇق بولۇپ، دوختۇر ماڭا »سەن مۇشۇنداق ئۆلىسەن« دېگەن گەپنى ئەڭ چىرايلىق گەپلەر بىلەن چۈشەندۈرۈۋاتقاندەك قىلاتتى.
−− دېمەك، بۇ كېسەل ئۈزۈل – كېسىل يوقالمايدۇ، شۇنداقمۇ دوختۇر؟
−− شۇنداق دېيىشكىمۇ بولىدۇ. پەقەت ھەر بىر باسقۇچىنى مەلۇم ئۆلچەمدە كونترول قىلىش ئارقىلىق ۋىرۇس ۋە كېسەللىكنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىنى ئاستىلاتقىلىلا بولىدۇ. بۇمۇ ھازىرقى مېدىتسىنا ئىلمىدىكى زور بۆسۈش.
ئەمدى مەندە گۇمانغا ئورۇن قالمىغانىدى. داۋالىنىشنى قوبۇل قىلىش بولسا پەقەت قارا بوراندەك يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان ئ−ۆلۈمنى مەل−ۇم ۋاقىتلا كەينىگە سۈرۈش بىلەن خۇلاسىلىنەتتى. ھېس قىلدىمكى، مېنى ئۆلۈم ئوراپ بولغان بولۇپ، بۇ ئۆلۈم قورشاۋىنى بۆسۈپ چېقىپ كېتىش مېنىڭلا ئەمەس، بەلكى 21- ئەسىردىكى يۈكسەك تەرەققىي قىلغان بىر پۈتۈن مېدىتسىنانىڭمۇ قولىدىن كەلمەيتتى.
شۇ كۈندىن كېيىن مەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى خىيال قىلدىم. گەرچە ھاياتىمنىڭ تراگېدىيە بىلەن ئاخىرلىشىشى ئېنىق بولسىمۇ، مەن ئاخىرقى پەللىگە بارغۇچە ياشىشىم كېرەك ئىدى. لېكىن مەن سېنىڭ مېنىڭ بۇ ھالىمدىن خەۋەر تېپىپ قېلىشىڭدىن قورقۇشقا باشلىدىم. چۈنكى مەن سەندىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىنكى ھاياتىمنى پەقەت تەسەۋۋۇر قىلالمايتتىم. ھەتتا سنىڭ مەندىن باشقا بىر ئەرنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىڭنىمۇ قوبۇل قىلالمايتتىم. سېنىڭ باشقا بىر ئەرنىڭ باغرىدىكى ھالىتىڭنى كۆرۈش جان قۇشۇمنىڭ تەن قەپىسىمدە قان قۇسۇپ ئۆلۈشى بىلەن باراۋەر ئىدى.
ياق! مەن چوقۇم ئۆزۈمگە مەنسۇپ بولغان ئىمكانىيەت بوشلۇقۇمنى چوقۇم جان تىكىپ قوغدىشىم كېرەك!
سەن ھەققىدىكى زىددىيەتلىك خىياللىرىم ئاخىرى قارارلاشتى. شۇنىڭ بىلەن مەن خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك، جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن سەن بىلەن ئاشۇ سۇ سىڭمەس تاش ئېرىق بويىدا كۆرۈشتۈم. سەن چىرايلىق بولۇپ كەتتىڭمۇ ياكى ئۆلۈم قورشاۋىغا چۈشۈپ قالغان كۆزۈم چىرايلىقلىشىپ كەتتىمۇ، ئەيتاۋۇر سەن كۆزۈمگە بۇرۇنقىدىنمۇ چىرايلىقلىشىپ كەتكەندەك كۆرۈنۈپ كەتتىڭ.
−− ئەجەب يوقاپ كەتتىڭغۇ كامال؟ بىرەر قېتىم تېلېفونمۇ قىلىپ قويمىدىڭ.
ئاۋازىڭدىن چوڭقۇر سېغىنىشنى ھېس قىلدىم.
−− مەكتەپ تولۇقلىما دەرس ئۇيۇشتۇرغان. شۇڭا مانا كېلىمەن، ئەنە كېلىمەن دەپ ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىپ قالدى.
مەن ساڭا ھاياتىمدىكى تۇنجى قېتىملىق يالغان سۆزنى خ−ۇددى راست سۆزدەك−لا ق−ىينالمايلا دېدىم. ئەمما ئۆزۈمنىڭ كېسەللىك ھالىتىم ھەم مەكتەپتىن چېكىنىپ كەتكەنلىك قىسمىتىمنى يوشۇرۇپ قالدىم. شۇ كۈنى ئاخشىمى سېنى ياتىقىمغا تەكلىپ قىلدىم. سەن مەن بىلەن ياتاققا كىرگەن ۋاقتىڭدا:
−− بۇ ياتاقنىڭ مۇھىتى خېلى بولىدىكەن − ھە كامال؟ −− دېدىڭ بىنەپشەرەڭ چىراغ نۇرىدا مايسارەڭدە يورۇپ تۇرغان ياتاق ئىچىگە نەزەر سالغاچ.
−− ھەر ھالدا يامان ئەمەس، −− دېدىم مەن، −− سەلىمە ئاپپاي ئارام ئېلىشىم ئۈچۈن ئالاھىدە ئاجرىتىپ بەرگەن.
مەن بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرۇپ كۆكۈچ ئىسنى بوشلۇققا پۈۋلىگەچ سەندىن سورىدىم:
−− مېنى سۆيەمسەن لالە؟
−− ھەئە، سۆيىمەن! −− سەن تىنىمسىز ھەرىكەتلىنىۋاتقان قولۇڭنى ئويناپ ئولتۇرغاچ بوش ئاۋازدا جاۋاب بەردىڭ. جاۋابىڭدىن ۋۇجۇدۇم لەرزىگە كەلگەندەك قاتتىق سىلكىنىپ كەتتى. تىتىرەپ تۇرغان قولۇم بىلەن توختىماي ھەرىكەتلىنىۋاتقان بارماقلىرىڭنى تۇتتۇم. سەن بېشىڭنى كۆتۈرۈپ ماڭا تىكىلدىڭ. ئىسسىق نەپەسلىرىڭ يەنىلا بۇرۇنقىدەك يۈز – كۆزۈمگە گۈپپىدە ئۇرۇلدى. مەن ئوڭ قولۇم بىلەن سېنىڭ شەلپەردەك قىزىرىپ كەتكەن يۈزلىرىڭنى مېھرىم بىلەن سىلىدىم. مېنىڭ سېنىڭ يۈزلىرىڭنى سىلاشلىرىم خۇددى ئۇستا رەسسامنىڭ رەسىم سىزىۋاتقان ھالىتىدەك تولىمۇ ئەستايىدىل ئىدى. مەن ئاستا – ئاستا سېنى ئۆزۈمگە تارتتىم. ئىسسىق لەۋلىرىڭ لەۋلىرىمگە تەگكەندە تەسۋىرلىگۈسىز بىر تاتلىق سېزىم تېنىمگە زەھەردەك تاراپ كەتتى. مەن رېئاللىقتىكى ھەممە نەرسىنى بىردەملىككە ئۇنتۇغان ھالدا سېنىڭ لەۋ، بويۇنلىرىڭغا سەۋدايىلارچە سۆيۈشكە باشلىدىم. سەن بارا – بارا ماغدۇرسىزلانغاندەك بولۇپ ئىختىيارىڭنى ماڭا تاپشۇردۇڭ. مەن سېنى يەڭگىلگىنە كۆتۈرۈپ ئېلىپ يۇمشاق كارىۋات ئۈستىگە ياتقۇزدۇم – دە، ئەمدىلا يېتىلگەن يۇمران كۆكسۈڭگە باش قويدۇم. سەن بولساڭ پورەكلەپ ئېچىلغان ئەتىرگۈلدەك كۆز ئالدىمدا پورەكلەپ ياتاتتىڭ. بەدىنىم بولسا ئەسەبىي ھاياجان ئىچىدە لاۋۇلداپ كۆيەتتى. كونتروللۇقىمنى يوقاتقان قوللىرىم بىر پەستىلا سېنىڭ كىيىملىرىڭنى سالدۇرۇپ، سېنى ئالدىمدا يالىڭاچلاپ ئۈلگۈرگەنىدى. سەن بولساڭ بۇ ھاياجانلىق مىنۇتلاردا كۆزۈڭنى بوشقىنە يۇمۇپ، لەۋلىرىڭنى چىشلىۋالغان ئىدىڭ… شۇ دەقىقە ئىچىدە توخۇ كۆزىچىلىك ھالرەڭ قان ئۇيۇتمىسى ئاچچىق ئەمما يېقىملىق ئاۋازدا نىدا قىلىشىڭ بىلەن تەڭ مېنىڭ ئەرلىك تۇپرىقىمدا مەڭگۈلۈككە قېتىپ قالدى!
قەدىرلىك لالە! مەن سېنى سۆيەتتىم، سېنى ئەزىز جېنىمدىنمۇ ئارتۇق كۆرەتتىم. لېكىن بىنەپشەرەڭ چىراغ نۇرى ئاستىدا مايسارەڭدە يورۇپ تۇرغان كېچە قوينىدا ئۆزۈمنىڭ ۋۇجۇدىدىكى بىر تامچە ھالاكەتنى سېنىڭ مۇنبەت تەن تۇپرىقىڭغا مۇھەببەت بىلەن چاچتىم. ئىلگىرى مەن مۇشۇ مۇھىت ئىچىدە ئاڭسىز رەۋىشتە بۇ ھالاكەتنى ئۆز تېنىمگە قوبۇل قىلغانىدىم. ئەخلاق ئۆلچىمىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتكەن، دىنىي ئەھكاملاردىمۇ »ھارام« سۈپىتىدە كەلگەن جىنسىي بالاغىتىم مېنى بۇ قارا ئۆڭكۈرگە بەند قىلغانىدى. بۇ بىزنى ياراتقان تەڭرىنىڭ مېنىڭ چەكتىن ئاشقان قىلمىشىمغا بەرگەن جازاسى ئىدى. لېكىن مەۋجۇت رېئاللىقتا مەن سېنى نابۇت قىلغۇچى قارا پەرىشتە سۈپىتىدە كەلدىم. ئاشۇ بىنەپشەرەڭ چىراغ نۇرى ئاستىدا مايسارەڭدە يورۇپ تۇرغان ياتاق ئىچىدىكى ئاخشامدا مېنىڭ روھىيىتىمدە قاتتىق توقۇنۇش يۈز بەردى. بۇ توقۇنۇش سېنىڭ قەلبىڭدىكى پەرىشتە بىلەن ئۆزۈمنىڭ تېنىدىكى ئالۋاستى شەكىللىك مەننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئىدى. چولپاننىڭ دېگىنى توغرا ئىكەن. بىر ئادەم ئۆزى سۆيگەن ئادىمىنىڭ باشقىلارغا مەنسۇپ بولۇپ كېتىشىنى راستتىنلا قوبۇل قىلالمايدىكەن. ئۆز ۋاقتىدا چولپاننىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ تەتۈر قىسمەتلەر كۆپ ئۆتمەيلا ئۆزۈمنىڭ بېشىغا كەلمەكتە ئىدى. بۇرۇن ماڭا تولىمۇ بىمەنە، قوبۇل قىلىنىش ئاساسى يوقتەك تۇيۇلغان چولپاننىڭ گەپلىرى مانا تولۇق ئاساس بىلەن قەلبىمگە بۆسۈپ كىرمەكتە ئىدى. بەلكىم بۇنى بۇنداق قارا قىسمەتكە دۇچار بولمىغانلار ھېس قىلالماسلىقى، قوبۇل قىلالماسلىقى مۇمكىن.
شۇ تاپتا سەن ئاخىرەتلىك كېپەندەك ئاق رەڭلىك كېسەل كارىۋىتىدا ھاياتىڭنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئالدىدا تۇرىسەن. نېمىشقىدۇر بۇ ئىپلاس كېسەلنىڭ مېنى نابۇت قىلىشىدىن سېنى نابۇت قىلىشى تېز بولۇپ كەتتى. يەنە ئىككى ئايدىن كېيىن ھەر ئىككىمىزنىڭ ساۋاقداشلىرى ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى تاماملاپ، ئىككىمىز ئولتۇرغان سىنىپ – ياتاقلارنى تاشلاپ بۇ چوڭ شەھەردىن غايىب بولىدۇ. لېكىن سەن بىلەن مەن بۇ دۇنيادىن غايىب بولۇش ئالدىدا تۇرماقتا ئىدۇق. لېكىن سەن ئۆزۈڭنىڭ نېمە كېسەلگە گىرىپتار بولغىنىڭنىمۇ بىلمەيتتىڭ. سېنىڭ قەلبىڭدىكى ئەسلىي ئوبرازىمنى ساقلاپ قېلىش، بۇ قىسقا ھاياتىمدا بىر قىزنىڭ ئەڭ پاك تۇيغۇسىدىكى سۆيگۈسىدىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن، ئۆزۈمنىڭ بۇ ھالاكەتنى سېنىڭ تېنىڭگە قانداق كىرگۈزگەنلىكىمنىمۇ سەندىن يوشۇرۇپ كەلدىم. چۈنكى مەن سېنىڭ ماڭا نەپرەت بىلەن قارىغان ھالىتىڭنى كۆرۈشنى تاكى كۆزۈم يۇمۇلۇپ كەتكىچە خالىمايتتىم. ناۋادا سەن بۇ قاباھەتلىك رېئاللىقتىن خەۋەر تاپساڭ، ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سېھرىي جادۇ تاماملىناتتى – دە، سەن تىرىك تۇرۇپ دوزاخ ئازابىنى تارتاتتىڭ. كۆز نۇرۇڭ بىر كېچىدىلا ئېقىپ تۈگەپ، قويۇق بوستان چاچلىرىڭ سەھەر كۆۋرۈكىدىن ئۆتمەي تۇرۇپلا كۈلدەك چارلىشىپ كېتەتتى. ئارقىدىن سەن مەن بىلەن نۇر چېچىلىپ تۇرغان رەڭدار بوشلۇققا ئەمەس، بەلكى قات – قېتى ئوت تىلىدىن پۈتكەن، ئىچىدە شەلۋەرەپ تۇرغان يىرىڭلىق جاراھەتتىن بۆلەك ھېچنېمە يوق كۈلپەت بوشلۇقىغا قاراپ ئۇچۇپ كېتىۋاتقانلىقىڭنى ھېس قىلاتتىڭ. بىر جۈپ قوي كۆزۈڭ بولسا ماڭا نەپرەت بىلەن قادالغىنىچە تاشتەك قېتىپ قالاتتى. لېكىن ئاشۇ تاشتەك قېتىپ قالغان كۆزلەردە مەن سەندىن بۇرۇن ئۆلۈپ بولاتتىم.
جېنىم لالە، ھەر قېتىم سېنىڭ كارىۋات ئۈستىدىكى ھالىتىڭگە، قويۇق جاراھەت قاپلاپ شەلۋەرەپ كەتكەن قول، بويۇن، يۈزلىرىڭگە؛ ئورۇقلاپ سۆڭەككە ئايلىنىپ كەتكەن تېنىڭگە؛ خۇنى قېچىۋاتقان كۆزلىرىڭگە قارىسام مېنى سۈر باسىدۇ. كېچىلىرى ساڭا تۇيدۇرماي كارىدورغا چىقىپ سوغۇق، مەينەت تامغا يۈزۈمنى يېقىپ تۇرۇپ ئېسەدەپ، ئۆكسۈپ يىغلايمەن.
جېنىم لالە، كۆپ ھاللاردا مەن سېنى بۇ شەھەرگە مۇشۇنداق نابۇت قىلغىلى ئەكەلگەنمىدىم، دەپ پىغان چېكىمەن. مۇشۇنداق چاغلاردا كۆز ئالدىمدىن بالا بويى ئۆسكەن قوناقلىق بويىدا سېنىڭ تىزىڭنى مەھكەم قۇچاقلاپ تۇرغان بىلىكىڭگە بېشىڭنى قويۇپ خىيالچان ئولتۇرغان ھالىتىڭ؛ قول – بىلەكلىرىڭدىكى توق قىزىل رەڭلىك جاراھەت ئىزلىرى؛ نەگىدۇر تىكىلىپلا تۇرىدىغان چىرايلىق، ئەمما ھەسرەتلىك قوي كۆزلىرىڭ… ئۆچۈۋاتقان ئەسلىمە بولۇپ لەپىلدەپ ئۆتىدۇ.
−− كامال، مەن ئۆلۈپ كېتەرمەنمۇ؟ −− سەن پات – پات مەندىن مۇشۇنداق سورايتتىڭ. ئەمما مېنىڭ ساڭا ئۆلۈم بىلەن تولۇق قورشىلىپ بولغانلىقىڭنى ئېيتىپ بېرىشكە تىلىم بارمايتتى. شۇڭا سېنىڭ بەك ئۇزاق ياشايدىغانلىقىڭ ھەققىدىكى يالغان گەپلىرىم بىلەن سېنى ئالدايتتىم:
−− ياق لالە، سەن ئۆلۈپ كەتمەيسەن. دوختۇرلار سېنى كۈندىن – كۈنگە ياخشى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، دەيدۇ. سەن يازنىڭ ھالىتى كۈزنىڭ ھالىتىگە يەتكىچە ياخشى بولۇپ كېتىسەن. ئىككىمىز يەنە بىللە بازارلارنى ئارىلاپ، ساڭا چىرايلىق كىيىملەرنى سېتىۋالىمىز.
باشقىلار تۇتسا ئەمەس، قارىسىمۇ بىئاراملىق ھېس قىلىدىغان ئىسكىلىتتەك جىسمىڭنى قۇچاقلاپ ئولتۇرۇپ شۇنداق دەيتتىم. شۇ تاپتا مەن سېنىڭ ئۆز ئەھۋالىڭنى بىلىش ھوقۇقۇڭنىمۇ ئىگىلىۋالغانىدىم. چۈنكى ئەيدىز دېگەن بۇ مەينەت ئاۋاز مېنىڭ ئاغزىمغا پاتمايتتى.
ھەيرانمەن، مېنىڭ سەن ھەققىدىكى روھىي تەپەككۇرۇم نېمانچە شەخسىيەتچى، نېمانچە غەيرىي ئاڭنىڭ كونتروللۇقىغا چۈشۈپ قالغان بولغىيتتى دەيمەن. نېمە ئۈچۈن مەن ئۆز خۇشاللىقىمنى سېنىڭ ئازابىڭ ئۈستىگە قۇرىمەن؟ نېمە ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ سەندىن مەھرۇم بولۇپ قېلىشىمدىن شۇ قەدەر قورقىمەنۇ، سېنىڭ ھاياتتىن مەھرۇم بولۇپ قېلىشىڭدىن قورقمايمەن؟ نېمە ئۈچۈن سەندەك بىر بىگۇناھ قىزنى ئۆلۈم سۈيىدە ئىشتىياق بىلەن سۇغىرىدىغاندىمەن؟
مۇشۇنداق زىددىيەتلىك كۈچ ئېلىشىشلاردىن كېيىن ئاخىر ئۆزۈمدىن بىر قېتىم غالىب كېلىشكە تىرىشتىم. چۈنكى مېنىڭ سېنىڭ ھاياتىڭنى ئىگىلىۋالغىنىممۇ يېتەرلىك ئىدى. ئەمدى يەنە داۋاملىق سېنىڭ بىلىش ھوقۇقۇڭنى ئىگىلىۋالماسلىقىم، ئۇنى بولسىمۇ ساڭا قايتۇرۇپ بېرىشىم كېرەك ئىدى. گەرچە مېنىڭ سېنىڭ بىلىش ھوقۇقۇڭغا ئېرىشكەندىن كېيىنكى ھالىتىمدە مەيلى قانچىلىك دەرىجىدە ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەن چوقۇم بەرداشلىق بېرىشىم، ئەخلاقىي يىمىرىلىشلىرىم، جىسمانىي خىيانەتلىرىم، جىنسىي مەھكۇملۇقلىرىمنى ئېتىراپ قىلىشىم كېرەك ئىدى.
لالە، شۇ تاپتا قوللىرىم خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ كۇنۇپكا تاختىلىرىدا بەكمۇ تەستە ھەرىكەت قىلماقتا. ساڭا دېمەكچى بولغان، ئەمما تاكى بۈگۈنگە قەدەر دېيەلمەيۋاتقان گەپلىرىم ئېكرانغا خەت بولۇپ چۈشمەكتە. بۇ مېنىڭ ساڭا يېزىۋاتقان تراگېدىيىلىك ئەسىرىم. بەلكىم سەن مېنىڭ بۇ خەتلىرىمدىن ئۆزۈڭنىڭ ھالىتى بىلەن مېنىڭ ھالىتىمنى روشەن ھېس قىلىسەن. لېكىن كۆپ ئۆتمەي مەنمۇ سەن ياتقان كارىۋات ئۈستىدە بىر پارچە سۆڭەككە ئايلىنىپ يېتىشىم كۆڭلۈمگە ئايان. ئۆلۈم مېنىمۇ ئاستا – ئاستا قورشاپ كەلمەكتە، مېنىڭمۇ ھايات چەمبىرىكىم خۇددى سېنىڭ ھايات چەمبىرىكىڭدەك ئاستا – ئاستا تارايماقتا. مەن مانا مۇشۇنداق جان ھەلقۇمىغا قىستاپ كەلگەندە ساڭا راست گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلىۋاتىمەن. بىلمىدىم، بۇ مەندىكى تېخى تولۇق ئۆلۈپ بولمىغان سەمىمىيلىكنىڭ ساقىندى نۇرلىرىمۇ ياكى بۇزۇلغان روھىي پسىخىكامنىڭ مەقسەتسىز، قالايمىقان ھەرىكەتلىنىشىنىڭ نەتىجىسىمۇ؟ مەيلى نېمىلا بولمىسۇن مەن ئۆلۈم گۈلىنىڭ خۇش ھىدىگە چۆمۈلۈپ ئولتۇرۇپ ساڭا بۇ خەتنى يېزىۋاتىمەن. لېكىن مەن سەندىن بۇ ئارقىلىق كەچۈرۈمگە ئېرىشىشنىمۇ ئويلىمايمەن.
قەدىرلىك لالە! مەن سەن ھەققىدىكى خىيال بوستانلىقلىرىمدا ناھايىتى ئۇزاق، ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىت يەككە – يېگانە ھالدا ئايلاندىم. ئاخىر قەدەملىرىم تالدى، يوللىرىم ئۈزۈلدى، ھايات ياپراقلىرىم پىلدىرلاپ تۆكۈلدى. يۇلتۇزلار ھەر ئاخشىمى بۇرۇنقىدەكلا چاقناپ تۇرغىنى بىلەن سۈت رەڭ نۇرلىرى مۇزلاپ كەتتى، گۈللەر ھەر سەھەر ھاياجانلىنىپ تۇرۇپ ئېچىلغىنى بىلەن قىپقىزىل رەڭلىرىدە خۇش ھىد قالمىدى…
لالە، قوللىرىم تېلىپ، كۆزلىرىم تورلىشىپ كەتتى. خېتىمنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇراي. ئاخىرىدا سېنى سۆيۈپ تۇرۇپ خوش دېگۈچى قارا پەرىشتەڭ −− كامالدىن.
پۈتۈن بىر كېچە خەت بېسىش سەۋەبىدىن ئۇنىڭ تاغاقلىرى قېتىپ، كۆزلىرى قان قۇيغاندەك قىزىرىپ كەتكەنىدى. ئېكراندا بولسا ئۇنىڭ بۇ شەھەردىكى قىسقىغىنە نەچچە يىللىق ھاياتىدىكى تەقدىر قىسمەتلىرىنىڭ يادنامىسى خەت شەكلىدە چاقناپ تۇراتتى. ئۇ بارماقلىرى بىلەن يىڭنە سانجىپ قويۇلغاندەك ئېچىشىپ ئاغرىۋاتقان ئىككى چېكىسىنى بوش ئۇۋۇلاشقا باشلىدى. تۇيۇقسىز ئۇ ئاجىز بىر ئاۋازدىن چۆچۈپ بېشىنى كۆتۈردى.
−− كامال…
ئۇ يانغا ئۆرۈلۈپلا كۆز نۇرى ئۆچۈش ئالدىدىكى شامنىڭ نۇرىدەك ئاجىز پىلدىرلاپ تۇرغان لالەنىڭ پاخالدەك يېنىكلەپ كەتكەن ئورۇق گەۋدىسىنى كۆتۈردى.
−− مانا مەن لالە، مەن سېنىڭ يېنىڭدا جېنىم مەلىكەم.
ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى ئاۋازى خۇددى يىغلاۋاتقاندەك چىقىپ كەتتى.
−− كامال، تاڭ ئاتتىمۇ؟… مەن قورقۇۋاتىمەن، مەن بەك قورقۇۋاتىمەن كامال… قاراڭغۇلۇق مېنى قورشاپ كېلىۋاتىدۇ. مېنى چىڭ قۇچاقلىۋال كامال، مەن قاراڭغۇلۇققا چۆكۈپ كېتىۋاتىمەن…
−− ياق. ئۇنداق دېمە، ئۇنداق دېمىگىن لالە. تاڭ ئاتايلا دەپ قالدى. قۇياشنىڭ چىقىشىغىمۇ كۆپ ۋاقىت قالمىدى. بىز يورۇق كۈندۈزگە يەنە بىللە كىرىمىز. سەن چوقۇم ياخشى بولۇپ كېتىسەن. باياتىن دوختۇر كىرىپ چىقىپ كەتتى. ئۇ سېنى يەنە نەچچە كۈندىلا ياخشى بولۇپ كېتىدۇ دەيدۇ. دوختۇر دېگەن يالغان گەپ قىلمايدۇ، لالە. سەن راستلا ياخشى بولۇپ كېتىسەن. ئاخشام بىر چۈش كۆرۈپتىمەن قارا، چۈشۈمدە ئىككىمىز چىرايلىق بىر باغدا سۈزۈك سۇغا چۆمۈلۈپ ئويناۋاتقۇدەكمىز. بەلكىم ئۇ بىزنىڭ كىچك چاغلىرىمىز بولسا كېرەك. مەن دەيمەن، سەن چوقۇم كىچىك ۋاقتىڭدىكىدەكلا ياخشى بولۇپ كېتىسەن، بىز بىللە ئوقۇيمىز، بىللە چۆچەك ئېيتىمىز. بىز قىلىدىغان يەنە نۇرغۇن ئىشلار بار جېنىم لالە…
ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى تاراملاپ تۆكۈلۈشكە باشلىدى. لالە تۇرۇپ – تۇرۇپ سىلكىنىپ خارقىرايتتى. ئۇ لالەنىڭ سەكراتقا چۈشۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. لالەنىڭ قول – پۇتلىرى مۇزلاپ كەتكەن بولۇپ، بوغۇزىدىكى خارقىراش بارا – بارا كۆپەيمەكتە ئىدى. ئۇ لالەنىڭ مۇزلاپ كەتكەن قوللىرىنى يۈزىگە يېقىپ تۇرۇپ يىغلاپ كەتتى.
−− رەھمەت… كامال. سې… نى … سۆيى… مەن. ھېلىقى قوناقلىق… يادىڭدىمۇ … ئىككىمىز شۇ يەرگە … باردۇق – ھە… ئاندىن ئىككى … ئاق تۇرنىغا ئايلىنىپ يىراقلارغا… ئۇچۇپ كېتىۋاتقۇدەكمىز… كامال، سەن ماڭا… ھېلىقى ناخشىنى ئېيتىپ … بېرىۋاتقۇدەكسەن… بۈگۈن 31- ماي – ھە…
لالەنىڭ ئاۋازى ئۇنىڭ قۇلاق، مېڭە، بەدەن، تومۇرلىرىدا گۈلدۈرمامىدەك گۈلدۈرلەپ ئۆتتى. توغرا بۈگۈن 31- ماي ئىدى. 31- ماي لالەنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى. لالە نۇرى ئۆچۈۋاتقان تۇيغۇلىرىنىڭ ئىچىدە ھېلىقى بىر يىلىدىكى دالا سەيلىسىنى ئەس – خاتىرىسىگە ئالغانىدى. ئۇ كۈنى ئۇ لالەگە بېغىشلاپ يازغان ناخشىسىنى ئىچىدە ئېيتىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالغانىدى. كېيىن ئۇ بۇ ناخشىنى لالەگە بېغىشلاپ ئېيتىپ بېرىشنىمۇ ۋەدە قىلغان. لېكىن ئارىدىن بەش يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ لالە ئاشۇ ۋەدىنى تېخىچە يادىدىن چىقارمىغانىدى.
ئۇ تۇيۇقسىزلا لالەنىڭ ئۆزىنى مەڭگۈ پاك پەرىشتە سۈپىتىدە سۆيۈپ ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ لالەنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىنى ئۆز قولى بىلەن نابۇت قىلىۋېتىشنىڭ نەقەدەر دەھشەتلىك بولىدىغانلىقىنى ئويلىدى ۋە تۇرۇپلا ئۆزىنىڭ لالەنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىنى ئىككى دۇنيالىق ساقلاپ قالماقچى بولدى – دە، كارىۋات يېنىدىكى كىچىك شىرەدە خەت بىلەن لىق تولۇپ تۇرغان خاتىرە كومپيۇتېرىنى سىمى بىلەن قوشۇپلا تارتتى. تاراق – تۇرۇق قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ كومپيۇتېر سېمونت يەرگە چۈشۈپ، ئېكراندا قالايمىقان نەرسىلەر كۆرۈنۈشكە باشلىدى. نەچچە سېكۇنتلۇق قالايمىقان سىگنالدىن كېيىن كومپيۇتېر ئېكرانى ئۆچۈپ قاراڭغۇلىشىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پۈتۈن بىر كېچە باغرىنى ئوتقا يېقىپ تۇرۇپ يازغان خەتلىرى سىمنىڭ ئىچىدىكى بوشلۇقتىن يوقلۇققا كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. ئۇ يەردە نۇرى ئۆچۈپ ياتقان كومپيوتېرغا قاراپ يېنىك تىن ئالدى.
−− كا … مال…
لالەنىڭ ئاجىز ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ دەرھال لالەگە قارىدى. لالە بىر نېمىلەرنى دېگەندەك قىلىۋاتاتتى. لېكىن ئۇنىڭ ئاۋازى بەكمۇ پەس بولغاچقا لالەنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماق تولىمۇ قىيىن ئىدى. تۇيۇقسىزلا ئۇ لالەنىڭ نېمە داۋاتقانلىقىنى كۆڭۈل تۇيغۇسى ئارقىلىق ھېس قىلىشقا باشلىدى.
شۇ تاپتا لالە ئاشۇ دەريا بويىدا كامالنىڭ ئۆزىگە بېغىشلاپ ئوقۇپ بېرىۋاتقان ناخشىسىنى ئاڭلاش ئۈچۈن جان – جەھلى بىلەن تىركىشىۋاتماقتا ئىدى. كامالنىڭ يۈرىكىدىكى ئاشۇ ئوتلۇق سادا ناھايىتى تەسلىكتە ئۇنىڭ بوغۇزىدىن ھەسرەت بىلەن ئېتىلىپ چىققاندا، لالەنىڭ تېرىلىرى سۆڭىكىگە چاپلىشىپ كەتكەن چېھرىدە تەبەسسۇمنىڭ شولىلىرى ئەكس ئەتتى. شۇ تاپتا دەريا بويىدىكى ئاشۇ يېقىملىق كۈي كېسەل بىلەن چىرمالغان ياتاق ئىچىدە ياڭرىماقتا ئىدى. ئەنە، بىر توپ بالىلار بىر – بىرىگە مېھىر بىلەن تىكىلىپ ئولتۇرۇشۇپ خىياللار دەرياسىدا ئۈزمەكتە. ئەنە…
ئاي پارلىغان مۇھەببەتلىك ئاخشامدا،
قۇتلۇقلايمەن لالە سېنى ناخشامدا.
قۇتلۇق بولسۇن سەن تۇغۇلغان بۇ ئاخشام،
سەن تۇغۇلدۇڭ تەڭرىم بەخت چاچقاندا.
ئون سەككىزگە كىردى بۈگۈن بۇ دۇنيا،
ئون سەككىزگە كىردى يەنە بىر يۈرەك.
ئون سەككىزدە پورەكلىگەن بىر گۈلسەن،
باھار كۈلگەن باغلاردىكى سەھەردەك.
ناخشا ئاۋازى ئاستا – ئاستا دەريا بويىدىكى ئاشۇ يېشىل تەبىئەت قوينىدىن لەيلەپ چىقىپ، كۆك ئاسماندىكى ئىككى ئاق تۇرنىغا ئايلىنىپ بوشلۇققا سىڭىپ كېتىۋاتماقتا ئىدى. بارا – بارا لالەنىڭ چېھرىدە پارلاپ تۇرغان ناھايىتى سۇس تەبەسسۇم ئۇنىڭ چېھرىدىن كۆتۈرۈلۈپ، ياتاق ئىچىدىكى كىچىككىنە بوشلۇققا قوشۇلۇپ كەتتى. شۇ ھامان كامالنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ، قارىچۇقلىرى كېرىلىپ كەتتى ۋە ۋۇجۇدۇدىكى بار ئاۋازى بىلەن توۋلىدى.
−− لالە… مېنىڭ مەلىكەم، مېنىڭ ئېچىلماي توزۇغان لالەم!…
ياتاق ئىچىدە ئۇنىڭ ئەسەبىي نالە – پەريادى كۆتۈرۈلدى. ئەپسۇسكى بۇ ئېچىنىشلىق نالە – پەرياد ئۇزاق داۋاملاشمايلا زۇلمەت قاراڭغۇلۇق قوينىغا سىڭىپ، ئاستا – ئاستا ئۆچۈشكە باشلىدى. شۇ تاپتا ئۇ ئۆزىنىڭ قانداقتۇر بىر قاراڭغۇلۇق قوينىغا كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى – يۇ، لېكىن ئۇنىڭ زادى قانداق قاراڭغۇلۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالمىدى. بۇ قاراڭغۇلۇق بولسا كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقىغىمۇ، كۆڭۈلنىڭ قاراڭغۇلۇقىغىمۇ ياكى نىيەتنىڭ قاراڭغۇلۇقىغىمۇ ئوخشىمايتتى.
ۋادەرىخا، شۇ تاپتا پۈتۈن دۇنيانى قاراڭغۇ سۈكۈت ئۆز ئىلكىگە ئېلىپ كېتىۋاتماقتا ئىدى. ئۇ تېخى نەچچە مىنۇت ئالدىدىلا ئەرۋاھقا ئايلىنىپ كەتكەن لالەنىڭ مۇزلاپ كەتكەن سۆيۈملۈك جىسمىنى باغرىغا مەھكەم باسقىنىچە كارىۋاتنىڭ يان تەرىپىگە ئاستا – ئاستا سىڭايان بولدى ۋە بىر نەچچە قېتىملىق خارقىراشتىن كېيىن بىردىنلا قارا رەڭدىكى مەڭگۈلۈك سۈكۈتنىڭ سىمۋولىغا ئايلىنىپ كەتتى…

مەنبە: تارىم ژۇرنىلى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top