• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » تەسەۋۋۇپچى شائىر ئابدۇللا نىدائى(قەشقەرى)

تەسەۋۋۇپچى شائىر ئابدۇللا نىدائى(قەشقەرى)

يۈسۈپجان ياسىن

15- ئەسىردىن باشلاپ تىمۇرىيلار بىلەن ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ مۇناسىۋىتى كۈچىيىپ، ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدا مەدەنىيەت ۋە ئىلىم– پەن ئالاقىسى قويۇقلاشقان. بۇ چاغدا ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىدىن قازىزادە رۇمى، فەنارى ئالى قاتارلىق بىر مۇنچە ئىلىم ئىگىلىرى ھېرات، بۇخارا ۋە سەمەرقەندكە كېلىپ ئۈگىنىش، ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. ئوسمانلى شائىرلىرىدىن شەيھى، ئابدۇللاھ ئىلاھى، مەلىھى، كاستامونۇلۇ جامى، ئۈمەر رۇشەنى، بۇرسالى قەندى، بەھىشتى سىنان، جەمىلى ۋە كاتىبى قاتارلىقلارمۇ تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت مەركەزلىرىنى زىيارەت قىلىپ، بۇ يەردە مەيدانغا كەلگەن ئىلمىي ۋە ئەدەبىي تەرەققىيات بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقان. بۇلار تىمۇرىيلارنىڭ ئەدەبىيات مەھسۇللىرىنى ئوسمانلى تۈركلىرىگە تۇنۇشتۇرۇشتا مۇھىم ۋاسىتە بولغان. ئوسمانلى سۇلتانلىرىدىن مۇرات2(1421-1451)، فاتىھ سۇلتان مەھمەت2(1451-1481)، بەيازىد2(1481-1512)، ياۋۇز سۇلتان سەلىم (1512-1520) ۋە قانۇنى سۇلتان سۇلەيمان(1520-1566) قاتارلىقلار ئىلىم – پەن ۋە سەنئەتنىڭ ھامىسى بولۇپ، بۇ سۇلتانلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرلەردە تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان. ئۇلارنىڭ مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن يۈرگۈزگەن بەزى قارار ۋە تەدبىرلىرىھەتتا ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى سىرتىدىكى ئىلىم ئىگىلىرى ۋە ئەدىپ – شائىرلارنىمۇ جەلپ قىلغان. نەتىجىدە ئوتتۇرا ئاسىيامۇھىتىدا يىتىشكەن بىر قىسىم ئالىم ۋە شائىرلار ئاناتولىيە ۋە ئىستانبۇلغا بىرىپ، ئوقۇتۇش ۋە ئىلمىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. بۇلاردىن ئەلى قۇشچى ۋە فەتھۇللاھ شىرۋانى قاتارلىقلار ئوسمانلىلارنىڭ ماتىماتىكا ۋە ئاسترونومىيە ئىلمىگە كۆپھەسسە قوشقان. تۈركىيە ئالىمى جەمال كۇرنازنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، 15- ئەسىردىن باشلاپ تاكى 19- ئەسىرگە قەدەر خوراسان، ئىران، ھىندىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىدىكى سەمەرقەند، بۇخارا ۋە قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەردىن ئالىم، شائىر ۋە باشقا سەنئەت ئەرباپلىرىدىن بولۇپ جەمئىي 88 كىشى ئوسمانلى ئىمپېرىيسى تەۋەسىگە بېرىپ، ئىجادىيەت ۋە ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە 18- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە ئىستانبۇلدا يەرلەشكەن قەشقەرلىك شائىر ئابدۇللاھ نىدائىئوسمانلى دەۋرىدىكى تەسەۋۋۇپ ئەدەبىياتى ۋە نەقشىبەندى تەرىقىتىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. شۇنىڭدەك يەنە ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ سارىيىدىمۇ بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە شەخسلەردىن بىرى سۈپىتىدە تۇنۇلغان.

ئابدۇللاھ نىدائىنىڭ ئىستانبۇلغا كېلىشتىن بۇرۇنقى ھاياتى ھەققىدە كۆپ مەلۇمات يوق. ئۇنىڭ بىزگىچە يىتىپ كەلگەن ئەسەرلىرىدىن بىرى بولغان <<رىسالەئى ھەققىييە>>دىكى مەلۇماتلارمۇ ئىنتايىن چەكلىك بولۇپ، بۇنىڭدا پەقەت ئابدۇللاھ نىدائىنىڭ تەرىقەت ئېقىمىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى زىيارەت بىلەن ئۆتكۈزۈپ مەككىدە ماكانلاشقانلىقىدىن ئىبارەت بىر جەرىياننىڭ ئىنتايىن قىسقىغىلا بىر خاتىرىسى بىرىلگەن. ئاشۇ مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قەشقەردە تۇغۇلغان ئابدۇللاھ نىدائى 17 ياشقا كىرگەن چېغىدا تەرىقەت يولىغا قەدەم قويۇپ(ئۆزىنىڭ تەبىرى بويىچە ئېيتقاندا ۋۇجۇدىدا بەزى ھالەتلەرنىڭ زاھىر بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ مەنىلەر دۇنياسىغا يۈزلەنگەن)، كۇچادىكى مەۋلانە ئەزھەرىي قەشقەرى دېگەن بىر شەيخكە مۇرت بولغان. ئابدۇللاھ نىدائى شېئىرلىرىدا ئۇنى <<پەۋقۇلئاددە خۇسۇسىيەتكە ئىگە شەخىس>> دەپ تەسۋىرلىگەن. بۇ شەيخ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۇئال –جاۋاپلىق سۆھبەتلىرىدىن ئۇنىڭ باي بىر ئائىلىنىڭ پەرزەنتى ئىكەنلىكىنى مەلۇم. بىر مەزگىل بۇ شەيختىن نەقشىبەندى تەرىقىتىنىڭ ئەقىدىلىرىنى ئۈگىنىش ۋە ئۇنىڭ زىيارىتىگە ھەمراھ بولۇپ سەپەر قىلىش جەرىيانىدا تېخىمۇ كۆپ جايلارنى زىيارەت قىلىش ئىستىكى پەيدا بولغان ئابدۇۇللاھ نىدائى ئۇستازىنىڭ تەۋسىيەسى ۋە رۇخسىتى بىلەن تەسەۋۋۇپ ئىدىيىسىنىڭ تارىختىكى مۇھىم مەركەزلىرىنى زىيارەت قىلىشقا ئاتلانغان. ئۇ بارغان ھەر بىر شەھەردە ئاۋۋال مەشھۇر تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلغان.

ئابدۇللاھ نىدائى ئالدى بىلەن يەركەنگە بېرىپ، بۇ يەردە <<پىرانى خانىدان>> دەپ ئاتىلىدىغان ، خەلق ئارىسىدا بولسا <<ھەفت مۇھەممەدان>> دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان يەتتە قەبرىنى زىيارەت قىلغان. ئاندىن يۇرتى قەشقەرگە قايتىپ، موللا ئامانى بەلخى دېگەن كىشىنى ئۇستاز تۇتقان. يەنە خوجا ھېدايىتىللا قەشقەرى(ئاپپاق غوجا)نىڭ قەبرىگاھىنى ئالاھىدە تاۋاپ قىلىپ، بۇ يەردە بىر مەزگىل تۇرغان. قەشقەردىن خوجەندكە بىرىپ بۇ يەردە شەيخ مۇسلىھۇددىن خۇجەندى بىلەن بابا كەمال خۇجەندىنىڭ قەبرىسىنى، سەمەرقەندكە ئۆتۈپ شەيخ ئەبۇ مەنسۇر ئەل ماتۇرىدى، خاجە ئۇبەيدۇللاھى ئەھرار، مەقدۇم ئەزەم قاتارلىق تەرىقەت پىرلىرىنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلغان. كېيىن بۇخاراغا بېرىپ ئاۋۋال ئابدۇلخالىق گۇجدۇۋانى ۋە شاھ نەقشىبەندىنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلغان. بۇخارادىن كېيىن بەلخكە بارغان نىدائى بۇ شەھەردىمۇ قەبرە زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرغان. كېيىن خوراسانغا بېرىپ خاجە ئابدۇللاھ ئەنسارى، مەۋلانە سادەددىن قەشقەرى، مەۋلانە ئابدۇراھمان جامى ۋە زەندىپىل ئەھمەد قاتارلىق مەشھۇر شائىرلارنىڭ ۋە قاسىم ئەنۋار، ئىمام ئەلى رىزا، فەرىدۈددىن ئەتتار ۋە بايەزىد بىستانى قاتارلىق شەيخلەرنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلغان. خوراساندىن كېيىن ئىرانغا بېرىپ ئىسفىھاندا سەئىبنىڭ، شىرازدا ھاپىز شىرازى ۋە سەئىدىنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن باغدادقا بېرىپ، بۇ يەردە ئىمام ئەزەمنىڭ قەبرىسى بار مەھەللىدە بىر مەزگىل تۇرغان.

<<بۇرجى ئەۋلىيا ۋە مابەدگاھى ئەسفىيا>> دەپ تەرىپلىنىدىغان بۇ مەھەللىدە ئۇ ھەر كۈنى بىر قېتىم ئىمام مۇسا كازىم، جۈنەيدى باغدادى، شەيخ مارۇفى كەرخى، شەيخ شىھابۈددىن سۈخرەۋەردى، شەيخ ئابدۇلقادىر جەيلانى، شەيخ شىبلى ۋە مەنسۇر ھەللاجى قاتارلىق مەشھۇر تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىپ تۇرغان. كېيىن كەركۈك، مۇسۇل ۋە ھالەپ شەھەرلىرىدىن ئۆتۈپ شامغا بارغان. بۇ يەردە بىر مەزگىل خەلىپە ھاجى مۇھەممەد بەلخىنىڭ خىزمىتىنى قىلغاندىن كېيىن قۇددۇسنى زىيارەت قىلغان. ئۇ يەردىن مەككىگە ئۆتۈپ بۇ شەھەردە ئۈچ يىل تۇرغان ۋە ئۈچ قېتىم ھەج پەرزىنى ئورۇندىغان. مەككىدە تۇرغان مەزگىلىدە يەنە ئۈچ قېتىم مەدەنىگە بېرىپ، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلغان. ئابدۇللاھ نىدائىنىڭ بۇ زىيارىتى 45 يىل داۋاملاشقان. بۇ جەرىياندا ئۇ قەشقەرىيە، ماۋرەئۈننەھرى، خوراسان، ئىران، ئىراق ۋە ئاناتولىيە قاتارلىق جايلاردىكى ئىسلام مەدەنىيەت مەركەزلىرىنى، ئىسلام تارىخىنىڭ، شەرق ئەدەبىياتىنىڭ ۋە تەسەۋۋۇپ پىكىر ئېقىمىنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلغان. ئابدۇللاھ نىدائى بۇ سەپىرى ھەققىدە مۇنداق يازغان:<<ھەق ئەھلىنى تەلەپ قىلىپ 45 يىل شەھەردىن شەھەرگە، ئىقلىمدىن ئىقلىمغا سەپەر قىلدىم. بۇلارنى سۆزلەشتىن مەقسىتىم ماختىنىش ئەمەس. ھەق تالىپلىرى بىلسۇنكى، مەقسەتكە ئاسان يەتكىلى بولمايدۇ، بۇ يولدا مەرتلەرچە يۈرۈش كېرەك.>> ئابدۇللاھ نىدائى تەسەۋۋۇپ يولىدا مەنىۋىي كامالەتكە يىتىش ياكى ئۆز تەسەۋۋۇرىدىكى ھەقنى تېپىش يولىدا شەھەرمۇ شەھەر كىزىپ ۋە كۆپ رىيازەتلەرنى چىكىپ، ئاخىرى نەقشىبەندى تەرىقىتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىدىن بىرى سۈپىتىدە تۇنۇلغان. ئەسەرلىرىمۇ تەسەۋۋۇپ پىكىر ئېقىمىدىكىلەرنىڭ ۋە خانىقا ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم دەستۇرلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان.

يۇقىرىدىمۇ تىلغا ئېلىنغىنىدەك، ئابدۇللاھ نىدائىنىڭ ئەسىرىدە ئۇنىڭ مەككىدىن ئىستانبۇلغا بېرىپ يەرلەشكەندىن كېيىنكى ھاياتى ھەققىدە ھېچقانداق بىر مەلۇمات يوق. نىدائىنىڭ ھاياتىنىڭ بۇ دەۋرىگە ئائىت مەلۇماتلار ئومۇمەن ئۇنىڭ شاگىرىتى ئىسمائىل مۇفىد ئەفەندى(1802- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) تەرىپىدىن ئىشلەنگەن <<رىسالەئى ھەققىييە تەرجىمىسى>>، ھاپىز ھۈسەيىن ئايۋانسارايىنىڭ <<ھەدىقەتۇل جەۋامى>> دېگەن ئەسىرى ۋە بۇ ئەسەرنى مەنبە قىلغان تەتقىقات نەتىجىلىرىدە ئۇچرايدۇ. مۇشۇ مەنبەلەرگە قارىغاندا، ئۇنىڭ ئىسمى ئومۇمەن ئابدۇللاھ قەشقەرى ياكى تەخەللۇسى بىلەن بىرلىكتە ئابدۇللاھ نىدائى دەپ تىلغا ئېلىنىدۇ. <<ھەدىييەتۈل ئارىفىن>> دە ئىسمى ئابدۇللاھ ئىبن مۇھەممەد ئەل قەشقەرى، تەخەللۇسى بولسا نىدائى دېگەن شەكىلدە خاتىرىلەنگەن. يەنە نەقشىبەندى تەرىقىتىگە مەنسۇپ كىشى بولۇش سەۋەبى بىلەن نەقشىبەندى، ئىستانبۇلنىڭ ئەييۇپ مەھەللىسىگە يەرلىشىپ ئىرشاد پائالىيەتلىرى (بۇ تەسەۋۋۇپتىكى بىر ئۇقۇم بولۇپ، مەنىسى توغرا يولدا مېڭىشنى ئۈگىتىش دېگەنلىكتۇر-ئا) بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن ئەييۇبى دېگەن لەقەملەر بىلەنمۇ ئاتالغان. مەنبەلەردىن پەقەت <<سەفىنەتۇل ئەۋلىيا>> دېگەن ئەسەردە نىدائىنىڭ ھىجرىيە 1100 – يىلى تۇغۇلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ مىلادى 1688- يىلىغا توغرا كىلىدۇ. لېكىن نىدائىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەن ۋاقتى ۋە يېشى ھەققىدىكى مەلۇماتلاردا بىراز پەرقلىق تەرەپلەر بار. مەسىلەن، ئايۋانسارايىنىڭ <<ھەدىقەتۇل جەۋامى>> دېگەن ئەسىرىدە نىدائىنىڭ ھىجرىيە 1174- يىلى سەپەر ئېيىنىڭ 7- كۈنى 74 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى سۆزلەنگەن، بۇ مىلادى 1760- يىلى 9- ئاينىڭ 18- كۈنىگە توغرا كېلىدۇ. ئىسمائىل مۇفىد ئەفەندى <<رىسالەئى ھەققىييە تەرجىمىسى>>دە شەيخنىڭ سەپەر ئېيىنىڭ 6- كۈنى 75 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭغا قارىغاندا، نىدائى ھىجرىيە 1175- يىلى، يەنى مىلادىيە 1761- يىلىغا 9- ئاينىڭ 17- كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن. ھالبۇكى خەتتات ئىبراھىم ئەفەندى نىدائىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەن ۋاقتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن <<ئەكبەرۇ مەشايىخ>> دېگەن سۆزنى قوللانغان بولۇپ، بۇ سۆز ھىجرىيە 1174- يىلىنى ئىپادە قىلىدۇ. بۇ مەلۇماتقا ئاساسەن يېڭى تەتقىقاتلاردا نىدائىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەن ۋاقتى مىلادى 1760- يىلى دەپ قوبۇل قىلىنماقتا. مۇشۇ بويىچە بولغاندا، نىدائىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەندە 74 ياكى 75 ياشقا ئەمەس، بەلكى 72 ياشقا كىرگەنلىكىنى بىكىتىشكە بولىدۇ.

مەككىدە ئۈچ يىل تۇرغاندىن كېيىن ئىستانبۇلغا كەلگەن ئابدۇللاھ نىدائى تەرجىمە ئەسەرلىرى ھەم تۈزگەن كىتاپلىرى ئارقىلىق تەسەۋۋۇپ ئەدەبىياتىغا مۇھىم ھەسسە قوشقان شائىر لالەزادە ئابدۇلباقى ئەفەندى(يېتىم) تەرىپىدىن ئىستانبۇلنىڭ ئەييۇپ سۇلتان رايونىدا قۇرۇلغان دەرۋىشلەر خانىقانىسىدا شەيخ بولغان. بۇ يەر قەشقەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ باشقا شەھەرلىرىدىن كەلگەن تەرىقەتچىلەر توپلانغان جاي بولۇپ، نىدائى ئۈچۈن ئېيتقاندا تەرىقەت پىكرىنى تارقىتىدىغان مۇھىم سورۇن ئىدى. ئۇ 1743 – 1746 – يىللاردا بۇ خانىقادا ئۈچ يىل شەيخلىق قىلغاندىن كېيىن، يەكچەشىم ئاھمەد مۇتەزا ئەفەندىنىڭ كۆمۈش سۈيى تۆپىلىكىدە قۇرغان خانىقانىسىڭ تۇنجى شەيخى بولغان. بۇ خانىقا قۇرغۇچىسىنىڭ نامى بىلەن <<مۇرتەزا خانىقاسى>> ياكى ئابدۇللاھ نىدائىنىڭ قەشقەرلىك بولۇشى سەۋەپلىك <<قەشقەرى خانىقاسى>> دېگەن نام بىلەن ئاتالغان. ئابدۇللاھ نىدائى تۇنجى شەيخ بولغاندىن باشلاپ تەرىقەت پائالىيەتلىرى چەكلەنگەن 1925- يىلىغا قەدەر بۇ خانىقادا شەيخلىق قىلغان كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرى زاكىر شۈكرۈ ئەفەندىنىڭ <<مەجمۇئايى تەكايا>> دېگەن ئەسىرىدە خاتىرىلەنگەن. ھاپىز ھۈسەيىن ئايۋانسارايىمۇ ئۆزىنىڭ دەۋرىگىچە شەيخ بولغان كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. ئابدۇللاھ نىدائىنىڭ شەيخلىق دەۋرىدىن باشلاپلا بۇ خانىقانىڭ پائالىيىتى ناھايىتى جانلانغان ۋە ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان سىياسىي ۋە مەدەنىي ئالاقىسىدا مۇھىم رول ئوينىغان. بۇ خانىقانىڭ ئەينى تارىخىي دەۋردىكى رولىنى مۇنداق كۆرسىتىشكە بولىدۇ:

1- قەشقەرى خانىقاسى ياكى مۇرتەزا ئەفەندى خانىقاسى ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ نەزەرىدە مۇھىم بىر ئورۇنغا ئايلانغان. ئابدۇللاھ نىدائى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمىي مەشھۇر شەھەر قەشقەردىن بولغاچقا، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن ھەجىگە بېرىپ قايتقانلار ئىستانبۇلغا كەلگەندە ئاۋۋال مۇشۇ خانىقاغا چۈشكەن. شۇڭا، بۇ خانىقا ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ ئىستانبۇلدىكى مۇھىم پاناھگاھى ھېساپلىناتتى.

2- ئاناتولىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىكى خانىقالاردا پاناھلىنىۋاتقان سەيياھ، شەيخ ۋە دەرۋىشلەر ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن نەقشەبەندى تەرىقىتىدىكى مۇرتلار ئاساسەن تەسەۋۋۇپ پىكىر ئېقىمىنىڭ كاسانىيە مەزھىپىدىن بولغاچقا، بۇ خانىقا ئاشۇ ئېقىمنىڭ ئىستانبۇلدا تارقىلىشىدا كۈچلۈك رول ئوينىغان.

3- قەشقەرى خانىقاسىنىڭ بەزى شەيخلىرى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خانلىقلار ئارىسىدا ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتەپ، ئىككى ئەل ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنىڭ كۈچىيىشىگە بەلگىلىك ھەسسە قوشقان. بولۇپمۇ 19- ئەسىردە ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى بىلەن بۇخارا خانلىقى ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك ئالاقىدا بۇ خانىقانىڭ شەيخلىرى كۆپ قېتىم ئەلچى سۈپىتىدە ئوتتۇرا ئاسىياغا ئەۋەتىلگەن.

4- قەشقەرى خانىقاسى ئەمىر بۇخارا خانىقاسى بىلەن بىرلىكتە نەقشىبەندى تەرىقىتى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك مەدەىنىيىتىنى ئىستانبۇلدا تارقىتىشتىكى مۇھىم بىر بازىغا ئايلانغان.

مۇرتەزا ئەفەندى 1747- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۆزى سالدۇرغان خانىقانىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان. ئابدۇللاھ نىدائىمۇ 1760- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاشۇ خانىقانىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن مۇرتەزا ئەفەندى خانىقاسى ياكى قەشقەرى خانىقاسى نەقشىبەندى تەرىقىتىگە مەنسۇپ شەيخلەر، مۇرتلار ۋە ئۇلارنىڭ يېقىن كىشىلىرى دەپنە قىلىنىدىغان خاس قەبرىستانلىق بولۇپ قالغان. كېيىنچە قەبرىستانلىقنىڭ كۆلىمى تېخىمۇ كېڭىيىپ، خانىقانى قورشاپ تۇرغان چوڭ بىر قەبرىستانلىققا ئايلانغان. ئابدۇللاھ نىدائىنىڭ ئوغلى ئۇبەيدۇللاھ قەشقەرى، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ دۆلەت خادىملىرىدىن جەمال پاشا بىلەن ئاەھمەد بىجان پاشامۇ بۇ قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىنغان. جەمال پاشا ۋە ئاھمەد بىجان پاشالار ھايات چېغىدا خانىقانىڭ ئىشلىرىغا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئىستانبۇلغا كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئامانلىقىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن شەخسلەر ئىدى.

كېيىنكى ۋاقىتلاردا قەشقەرى خانىقاسى بەزى ئالىملارنىڭ تەتقىقات تېمىلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى. بۇ خانىقا ھەققىدە غەرپ ئالىملىرىمۇ تەتقىقات ئېلىپ باردى. مىسال قىلىدىغان بولساق، تېررى زاركون يازغان <<قەشقەر خانىقاسى>> دېگەن ماقالىنىڭ تۈركچىسى 1995- يىلى نەشىر قىلىنغان <<تۈنۈگۈندىن بۈگۈنگىچە ئىستانبۇل ئېنسىكلوپېدىيىسى>>نىڭ 4- تومىدا بېسىلدى. گراك مارتىن سمىتنىڭ <<ئىستانبۇلدىكى قەشقەر دەرگاھى>> دېگەن ئەسىرىنىڭ تۈركچىسىمۇ <<ئوسمانلى مىمارچىلىقى>> ژورنىلىنىڭ 1995- 1996- يىللىق سانلىرىدا ئىلان قىلىندى. كلائۇس كرېسىرنىڭ <<قەشقەر خانىقاسى>> دېگەن ئەسىرى 1990- يىلى پارىژ ۋە ئىستانبۇلدا بېسىلدى.

مەنبەلەردە كۆپۈنچە <<ئۇلىما>>، <<مەنىۋىي نۇپۇزى بار بىر شەيخ>> دەپ خاراكتېرلەندۈرۈلگەن ئابدۇللاھ نىدائىمۇ كاسانىيە مەزھىپىدىكى باشقا شەيخلەرگە ئوخشاش ئەدەبىياتنى، بولۇپمۇ شېئىرنى ئىنساننى توغرا يولغا باشلاش ۋە تەربىيلەشتىكى زۆرۈر ۋاسىتە دەپ قارىغان. ئەمەلىيەتتىمۇ ئابدۇللاھ نىدائىنىڭ قەدىمكى شەرق كىلاسسىك ئەدەبىياتىنى، شۇنىڭدەك تەسەۋۋۇپ ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم ئەسەرلىرىنى ناھايىتى پىششىق بىلىدىغان بىر شائىر ئىكەنلىكى مەلۇم. ئۇ ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن خانىقاسىدا مۇرتلىرىغا راست مۇقامىنىڭ ئاھاڭىدا مەسنىۋىي ئوقۇپ بىرىپ ئاندىن ئۇنىڭ مەزمۇنىنى شەرھىيلەش بىلەن شۇغۇللانغان. <<دىۋان>>ىدا پارسلارنىڭ بەزى مەشھۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىگە تەھمىس(دىۋان ئەدەبىياتىدا بىر غەزەلنىڭ ھەر بىر بېيىتىنىڭ ئالدىغا ئۈچ مىسرا قوشۇپ ئۇنى بەش مىسرالىق شېئىرگە ئايلاندۇرۇپ يېزىش شەكلى –ئا)يازغانلىقى ۋە <<رىسالەئى ھەققىييە>> دېگەن ئەسىرىدە ئەنسارى، مەۋلانە ئابدۇراھمان جامى، ھاپىز شىرازى ۋە جالالىدىن رۇمى(مەۋلانە)نىڭ شېئىرلىرىدىن نەقىل ئالغانلىقى ئۇنىڭ پارس ئەدەبىياتى بىلەن يېقىندىن مەشغۇل بولغانلىقى ۋە بۇ ساھەدە بەلگىلىك بىلىمگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. ئۇنىڭ نەسرىي ۋە نەزمىي شەكىلدە يازغان ئەسەرلىرى ھازىر ئىستانبۇلدىكى كۇتۇپخانىلاردا ساقلانماقتا.

نىدائىنىڭ 1755- يىلى پارسچە يازغان <<رىسلەئى ھەققىييە>> دېگەن كىتابى تەسەۋۋۇپقا ئائىت مۇھىم بىر ئەسەر ھېساپلىنىدۇ. نەسرىي شەكىلدە يېزىلغان بۇ ئەسەر كۇتۇپخانا تىزىملىكلىرىدە يەنە <<ھەققىييەئى نىدائى>>، <<رىسالە فى بەيانى تەرىقەتىن نەقشىبەندىييە>>، <<رىسالە دەر تەرىقەتى نەقشىبەندىييە>> ۋە <<شىرىن شەمائىل>> دېگەن ئىسملار بىلەنمۇ ئۇچرايدۇ. بۇ ئەسەرنىڭ <<شىرىن شەمائىل>> دېگەن نام بىلەن خاتىرىلىنىشى ئەسەردىكى <<نىۋىشتەم نامى ئىن شىرىن شەمائىل>> دېگەن مىسرادىكى ئىپادىنى ئاساس قىلىپ قويۇلغان. ئەسەر نىدائىنىڭ شاگىرىتلىرىدىن ئىسمائىل مۈفتى ئەفەندى تەرىپىدىن 1790-1791- يىللاردا پارسچىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان. لېكىن بۇ تەرجىمە نۇسخا ئەسەرنىڭ قۇرمۇ قۇر، سۆزمۇ سۆز ئىشلەنگەن تەرجىمىسى بولۇشتىن بەكرەك، ئەسەرنىڭ مۇھىم مەزمۇنىنى تەرجىمە قىلىپ تۈزۈش ئاساسىدا مەيدانغا كەلتۈرۈلگەن. ئاھمەد مۇنزەۋىمۇ كاتولوگىدا نىدائىگە ئائىت <<ئەسرارى تەمھىد>> ۋە <<فۇقەرا>> دېگەن ئىككى رىسالىنىڭ بارلىقىدىن خەۋەر بەرگەن ۋە <<فۇقەرا>> دېگەن ئەسەرنىڭ ئۇبەيدۇللاھ ئەھرارنىڭ سۆزلىرىدىن تاللانغان رىۋايەتلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ مۇرىتلىرىغا يازغان تەسەۋۋۇپقا ئائىت بىر قانچە پارچە پارسچە مەكتۇپلىرىمۇ بار.

نىدائىنىڭ نەزمىي ئەسەرلىرىنىڭ توپلىمى سۈپىتىدە پارسچە شېئىرلاردىن تۈزۈلگەن <<دىۋان>>ى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. <<دىۋان>>نىڭ كۆپ خىل نۇسخىلىرى بار. بۇ <<دىۋان>> 85 پارچە غەزەل ۋە مۇخەممەستىن، ئابدۇراھمان جامى، ھاپىز شىرازى ، قاسىم ۋە ئىسمەت بۇخارى قاتارلىق مەشھۇر شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىگە يازغان تەھمىسلەردىن، <<ھەيرەتنامە>> ناملىق مەسنەۋىدىن، مۇھەممەد پەيغەمبەر بىلەن مۇھەممەد باھائېددىن ناقشىبەندىگە يازغان چاغاتايچە ئىككى شېئىرىدىن تەشكىل تاپقان. لېكىن دىۋاننىڭ بەزى نۇسخىلىرىدا مۇخەممەسلەر ئۇچرىمايدۇ. ئېھتىمال بۇنى قول يازمىنى كۈچۈرگەنلەر دىققەتسىزلىكتىن چۈشۈرۈپ قويغان بولۇشى ياكى ئەسەرنى كۆچۈرگەندە ئۆز خائىشى ۋە قىزىقىش دائىرىسى بويىچە تاللاپ كۆچۈرگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. <<مەجەللەتۇن نىساب>> دېگەن ئەسەرنىڭ ئاپتورى سۈلەيمان سادەددىن مۇستەقىمزادە ئابدۇللا نىدائىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ پايدىلىق ئەسەر ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بىرىش بىرلىكتە شېئىرلىرىدە <<تاج>> ۋە <<سەللە>> ھەققىدە كۆپ توختالغانلىقىنىمۇ كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ شېئىرلىردا تەسەۋۋۇپ ئەدەبىياتىدىكى مۇھىم چۈشەنچىلەر بولغان دىنىي لىرىكىزم، ئاللاھقا قوشۇلۇش يوللىرى، نەپىسنى تىزگىنلەش، ئىنسان سۆيگۈسى، ئۆلۈم قاتارلىق تېمىلار ئىشلەنگەن بولۇپ، شېئىرلىرىنىڭ كۆپ قىسمى پارسچە يازغان بولسىمۇ، لېكىن ئاددىي بىر تىل ئىشلىتىشكە تىرىشقان. شېئىرلىرىدا ئارۇز ۋەزنىدىن باشقا يەنە بۇغۇم ۋەزنىمۇ قوللىنىلغان. شېئىرلىرىدا ئەرەبچە ۋە پارسچىدىن كىرگەن تەسەۋۋۇپ ئاتالغۇلىرىغىمۇ ئورۇن بىرىلگەن.

نىدائىنىڭ نەسرىي ئەسەرلىرى ئىچىدە مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن <<رىسالەئى ھەققىييە>> دېگەن ئەسىرى جەمئىي 12 بۆلۈمگە ئايرىلغان بولۇپ، ئەسەر كلاسسىك ئىسلام ئەدەبىيات ئەنئەنىسى بويىچە ئاللاھقا ھەمدۇ سانا، مۇھەممەد پەيغەمبەرگە مەدھىيە ئوقۇش بىلەن باشلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزى تەرىپىدىن <<ئەھلى سۈننەت ۋەل جەمائا>> دەپ تەرىپلەنگەن نەقشىبەندى تەرىقىتى ھەققىدە ئېنىقلىما بىرىلگەن. ئەسەرنىڭ كىرىش قىسمىنى تەشكىل قىلغان بۇ بۆلۈمدە تەرىقەت ئەھلى بولۇشنىڭ جەرىيانلىرى ۋە مۇشەققەتلىك باسقۇچىلىرى تۇنۇشتۇرۇلغان. ئەسەرنىڭ 1- بۆلۈمىدە نەقشىبەندى تەرىقىتىنىڭ ئۇسۇل ۋە پەرھىزلىرى، 2- بۆلۈمىدە تەرىقەتنىڭ ئەدەب —يوسۇنلىرى ۋە شەيخلەرنىڭ رولى، 3- بۆلۈمىدە تەرىقەت يولىغا كىرگەن سالىكلارنىڭ ۋۇجۇدىدا ھەقنىڭ جىلۋىلىنىشى، 4- بۆلۈمىدە تەۋھىد(تەسەۋۋۇپتىكى ھەقىقەتكە يىتىش، كىشى روھىنىڭ ئىلاھ، ئىلاھىي روھ بىلەن قوشۇلۇپ كىتىشى–ئا) باسقۇچلىرى، 5- بۆلۈمىدە نەقشىبەندى تەرىقىتىدىكى شەيخلەرنىڭ سۆھبتىنىڭ ئەھمىيىتى، 6- بۆلۈمىدە يوقسۇللۇق– دەرۋىشلىكنىڭ ئەھمىيىتى، كۇلاھ ۋە جەندە ئاتالغۇلىرىنىڭ ئېنىقلىمىسى، 7- بۆلۈمدە ئىنسان نەپسىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى، ئۇنى تۇنۇش ۋە تىزگىنلەشنىڭ يوللىرى، 8- بۆلۈمىدە تەسەۋۋۇپتىكى خاتا چۈشىنىلگەن نوقتىلار ۋە بۇ خاتالىقنى تۈزۈتۈش ئۈچۈن ھەر بىر ماددىغا بەرگەن جاۋاپلىرى، 9- بۆلۈمىدە ئىنسانلارنى ئۈچ تۈرگە ئايرىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ھەر بىر تۈرى ھەققىدە بەرگەن تەرىپى، 10- بۆلۈمىدە بۇ دۇنيادا ۈە ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ بايقىلىشى، 11- بۆلۈمىدە ئۆزىنىڭ نەسرىي ۋە نەزمىي ئىجادىيەت ھاياتى، 12- بۆلۈمىدە مۇناجات ۋە پەيغەمبەر قەسىدىسى يېزىلغان. ئاپتور ئەسەردە تەسەۋۋۇپنىڭ پىكىر ئاساسلىرى، مۇھىم ئۇقۇملىرى، قائىدە –پىرىنسىپلىرى، ئەدەب —يوسۇنى، ھەقىقەتنى تېپىشنىڭ يوللىرى، تەرىقەت ئەھلىنىڭ سۈپىتى ۋە ئىلاھىي روھ بىلەن بىرلىشىشتىن ئىبارەت تۈپ ئەقىدىسىنى تەپسىلى بايان قىلغان. بۇنىڭدىن سىرت ئەسەردە ئىشلىتىلگەن مەسلەك ئاتالغۇلىرىدىن قارىغاندىمۇ ئاپتورنىڭ تەسەۋۋۇپ پىكىر ئېقىمى ساھەسدە چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق تەتقىقات ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلىشكە بولىدۇ. 18- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىدە نەقشىبەندى تەرىقىتىنىڭ جانلىنىشىدا ۋە تەسەۋۋۇپ ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىشىدە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن بۇ ئەسەر ئوسمانلىلارنىڭ ئەدەبىيات تارىخىدىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تىگىشلىك بىر ئەسەر ھېساپلىنىدۇ. نىدائىنىڭ بۇ ئەسىرى ۋە شېئىرىلىرى ھەققىدە يېقىنقى يىللاردىن بېرى مۇھىم تەتقىقات نەتىجىلىرى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. تۈركىيەدە گۈللەر نۇھئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان <<ئابدۇللاھ نىدائى قەشقەرى ۋە رىسالەئى ھەققىييە>>(تەتقىقات — مەتىن –تەرجىمىسى) دېگەن كىتاپ 2004- يىلى سىمۇرغ نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. ئەسەردە ئابدۇللاھ نىدائىنىڭ ھاياتى، تەسەۋۋۇپ قارىشى ۋە ئەسەرلىرى ھەققىدە مەلۇمات بىرىلىش بىلەن بىرلىكتە <<رىسالەئى ھەققىييە>> دېگەن ئەسەرنىڭ تۈركچە تەرجىمىسى بىرىلگەن. بۇنىڭدىن باشقا ئەسەرنىڭ ئۈچ خىل قول يازما نۇسخىسى سېلىشتۇرما قىلىنىش ئارقىلىق پارسچە مەتنىمۇ تۇرغۇزۇلغان. گۈللەر نۇھئوغلۇنىڭ يەنە ئابدۇللاھ نىدائىنىڭ شېئىرلىرى ھەققىدىمۇ تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئابدۇللاھ نىدائى ھەققىدە يەنە تۈركىيەلىك ئازمى بىلگىن دېگەن تەتقىقاتچىمۇ ئىزدەنگەن. ئۇنىڭ <<ئابدۇللاھ نىدائى ۋە ئۇنىڭ ئىككى شېئىرى>> دېگەن ئەسىرى ئىستانبۇل ئۈنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىدىغان <<تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى>> ژورنىلىنىڭ 17- سانىدا ئىلان قىلغان. ئازمى بىلگىنمۇ بۇ ئەسىرىدە نىدائىنىڭ ھاياتى، ئەدەبىي چۈشەنچىسى ۋە شېئىرىي ئىجادىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇنىڭ ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى دەۋرىدىكى دىنىي مۇھىتقا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە توختالغان.

مەنبە: ئوكيان تورى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top