• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » مەن ۋەتەننىڭ ھەممە نېمىسى

مەن ۋەتەننىڭ ھەممە نېمىسى

ئابدۇرېھىم زۇنۇن

دﯦﮭﻘﺎن

دﯦﮭﻘﺎن __ ﻳﻪرﻧﻰ ﺳﯚﻳﮕﻪن، ﻳﻪرﮔﻪ ﻛﯚﻳﮕﻪن، ﻳﻪر ﺋﯩﺸﻘﯩﺪا ﭘﯘﭼﯘلاﻧﻐﺎن، ﮬﯩﺠﺮان ﺧﯘﻣﺪاﻧﻠﯩﺮﯨﺪا ﺗﺎۋلاﻧﻐﺎن ﺋﺎﺷﯩﻖ.
دﯦﮭﻘﺎن __ ﻳﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻮﻣﯘرداش، ﻳﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﻧﻪﺳﯩﻠﺪاش، ﻳﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﻧﻪﭘﻪﺳﺪاش، ﻳﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﭘﯩﻜﯩﺮداش، ﻳﻪر ﺑﯩﻠﻪن دوﺳﺖ – ﺋﺎداش ﺋﯩﻨﺴﺎن.
دﯦﮭﻘﺎن __ ﺋﯚز ﺋﻪﺟﯩﺮ – ﺗﻪرى ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺟﺎﻧﻠﯩﻘلارﻏﺎ دان، ﻧﺎن ﻳﻪﺗﻜﯜزۈپ ﺑﻪرﮔﯜﭼﻰ ﺋﻪﻟﭽﻰ.
دﯦﮭﻘﺎن __ ﺟﺎﭘﺎدﯨﻦ، ﺋﻪﺟﯩﺮ – ﻣﯧﮭﻨﻪﺗﺘﯩﻦ، ﺳﯧﺴﯩﻖ – ﻣﻪﻳﻨﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﻮرﻗﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﺎﺗﯘر.
دﯦﮭﻘﺎن __ ﮬﯘزۇر – ﮬﺎلاۋەﺗﺘﯩﻦ، راﮬﻪت – ﭘﺎراﻏﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﯩﺮاق ﺗﯘرﻏﯘﭼﻰ ﺧﯩﺰﯨﺮ – ﭘﻪرﯨﺸﺘﻪ …
دﯦﮭﻘﺎن __ ﺋﯚﻣﯜر ﺑﻮﻳﻰ ﺋﻪﺟﯩﺮ – ﺗﻪرى ﺋﯜﭼﯜن ﻣﯩﻨﻨﻪت ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن، ﻗﻮﻳﻨﯩﯔ ﻗﻮزﯨﺴﯩﺪەك ﻳﺎۋاش، ﺑﻮۋاﻗﺘﻪك ﭘﺎك، ﮬﺎﺗﻪﻣﺪەك ﺳﯧﺨﻰ، ﻧﯘﺷﺮﯨﯟاﻧﻰ ﺋﺎدﯨﻠﺪەك ﺋﺎدﯨﻞ، رۇﺳﺘﻪﻣﺪەك ﺋﯩﺸﭽﺎن ﺋﯩﻨﺴﺎن.
دﯦﮭﻘﺎن __ ﺗﻮﻏﺮاﻗﺘﻪك ﭼﯩﺪاﻣﻠﯩﻖ، زﯦﻤﯩﻨﺪەك ﻣﻪرد، ﺋﯧﻘﯩﻦ ﺳﯘدەك ﺟﯘﺷﻘﯘن، ﻗﯘﻳﺎﺷﺘﻪك ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺗﻪڭ ﺑﻪﮬﺮﯨﻠﻪﻧﺪۈرﮔﯜﭼﻰ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺪوﺳﺖ ﺋﺎدەم.
دﯦﮭﻘﺎن __ دۇﻧﻴﺎدﯨﻜﻰ ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘلارﻧﯩﯔ ﻳﺎراﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ، ﺗﺎراﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ، ﺧﻪزﯨﻨﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﺒﺎرﭼﯩﺴﻰ، ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﻧﯩﯔ ﮔﯜﻟﺘﺎﺟﻰ، ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻳﺎدروﺳﻰ …

دﯦﮭﻘﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎچ ﺗﯘرار ﻳﻪر ﺋﯚرە،
ﺋﺎﭘﺘﺎپ ﻛﯚرەر ﺟﯩﻤﯩﻜﻰ ﻣﯜرە …
ﻣﻪن ۋەﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﯧﻤﯩﺴﻰ

ﻣﻪن __ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ دﯦﯖﯩﺰدا ﻳﯧﮕﺎﻧﻪ ﻗﻮﻟﯟاﻗﺘﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇپ، ﺳﻪﻳﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻏﯧﺮﯨﺐ ﺳﻪﻳﻴﺎھ.
ﻣﻪن __ ﺗﻪﺗﯜر ﻗﯘﻳﯘﻧلار ﺋﯘﭼﯘرۇپ ﻳﯜرﮔﻪن ﺑﯩﭽﺎرە ﻏﺎزاڭ …
ﻣﻪن __ ﻳﯩﺮاق – ﻳﯩﺮاﻗلاردﯨﻦ ﺷﯩﻠﺪﯨﺮلاپ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎن ﺑﺎﻏﺮﯨﻐﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺟﯘﺷﻘﯘن – ﺋﻮﻳﻨﺎق ﺋﯧﻘﯩﻦ ﺳﯘ.
ﻣﻪن __ ﺋﯚز ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاﺷﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﻳﯜرﯨﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎي ﺳﯚزﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﮔﺎﭼﺎ.
ﻣﻪن __ ﻛﯚزى ﻳﻮق ﻛﯚرەﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ، ﻗﯘﻟﯩﻘﻰ ﻳﻮق ﺋﺎﯕﻠﯩﻴﺎلاﻳﺪﯨﻐﺎن ، ﺗﯩﻠﻰ ﻳﻮق ﺳﯚزﻟﯩﻴﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ، ﭘﯘﺗﻰ ﻳﻮق ﻣﺎﯕﺎلاﻳﺪﯨﻐﺎن ، ﺳﻪزﮔﯜﺳﻰ ﻳﻮق ﺗﯧﺘﯩﻴﺎلاﻳﺪﯨﻐﺎن ، ﮬﯧﺲ – ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭼلاﻧﻐﺎن ﻗﯩﻠﯩﭽﺘﻪك ﭘﺎرﻗﯩﺮاپ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﯚﻟﯜك.
ﻣﻪن − ﺗﯩﻤﺘﺎس داﻟﯩلارﻏﺎ، ﺗﺎغ – ﻳﻮﺗﯩلارﻏﺎ، ﻗﯘرت – ﻗﻮﯕﻐﯘزلارﻏﺎ، ﻳﯩلان – ﭼﺎﻳﺎﻧلارﻏﺎ، ﺋﯩﺰﮔﯜ ﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ − ﺋﺎق ﻛﯚﯕﯜل ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﮔﻪ، ﭘﺎﺳﯩﻖ ﺗﻪﻧﻠﻪرﮔﻪ، ﺗﺎﯕﺪەك ﺋﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ﻳﺎﺗﻘﺎن دۈﻣﭽﻪك – دۈﻣﭽﻪك ﻗﻪﺑﺮﯨﻠﻪرﮔﻪ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﯜﻟﻠﻰ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﺘﯩﻜﻰ ﺟﯩﻤﯩﻜﻰ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﮔﻪ ﺗﻮﺧﺘﺎۋﺳﯩﺰ ﻧﯘر ﺳﯧﭙﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﻪڭ ﺑﯜﻳﯜك، ﺋﻪڭ ﺳﯧﺨﻰ ﻗﯘﻳﺎش.
ﻣﻪن − ﺗﻪﻗﺪﯨﺮى ﻗﯩﻠﯩﭻ ﺋﯘﭼﯩﻐﺎ ﺋﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺋﯘﭘﯘق ﺳﯩﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻜﻰ رەﯕﮕﺎرەڭ ﮬﻪﺳﻪن – ﮬﯜﺳﻪن.
ﻣﻪن − ﺋﯚزى ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﺪە ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﺎﻧﺎ زﯦﻤﯩﻨﺪﯨﻦ ﻣﯩﺪﯨﺮلاﺗﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﻏﺎﻳﻪت زور ﮔﯚﮬﻪر ﺗﺎش …
ﻣﻪن − ﺑﻪﺧﺘﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﺧﺖ، دەرد – ﺋﺎزاب ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺷﺎدﻟﯩﻖ – ﭘﺎراﻏﻪت، ﭘﺎلاﻛﻪت ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﻧﯘﺳﺮەت ﺗﺎﭘﻘﯘﭼﻰ ﺑﻪﺧﺘﯩﻴﺎر ﺋﺎدەم.
ﻣﻪﻧﺪە ﻧﯘرﻏﯘن – ﻧﯘرﻏﯘن ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪر ﻳﻮق. ﺑﯩﺮاق ﻧﯘر، ﺋﻮت، ﺳﯘ، ﮬﺎۋا، ﺗﯘﭘﺮاق، ﺋﯘرۇق، ﺋﺎرزۇ – ﺗﯩﻠﻪك، ﺗﺎﻟﻤﺎس ﺑﯩﻠﻪك، ﺋﻪڭ ﻣﯘﮬﯩﻤﻰ ﻛﺎۋاﭘﺪاﻧﺪا ۋﯨﮋﯨﻠﺪاپ ﭘﯩﺸﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻛﺎۋاﭘﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﻛﯚﻳﯜپ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﺗﻪش ﻳﯜرەﻛلا ﺑﺎر …
ﻣﻪن __ ۋەﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﻪ – ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﯧﻤﯩﺴﻰ …

ﺳﺎﻳﻪﻣﮕﻪ

ﺋﻪي ﺳﺎﻳﻪم، ﺳﻪن ﻧﯧﻤﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺴﻪن؟ ﻗﺎرا ﺳﯩﻴﺎھ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚﭼﯜرۈپ ﺗﺎﺷلاﻧﻐﺎن __ ﺋﻮﻗﯘﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺧﻪﺗﻜﻪ، ﻣﻪﻗﺴﻪت – ﻣﯘددﯨﺌﺎﺳﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺷﯘم ﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ، ﺟﯩﻦ – ﺷﺎﻳﺎﺗﯘﻧلارﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺴﻪن ! ﻗﯘﻳﺎش ﭘﺎرﻟﯩﻐﺎﻧﺪا، ﺋﺎي ﺑﺎﻟﻘﯩﻐﺎﻧﺪا، ﭼﯩﺮاﻏلار ﭼﺎراﻗلاپ ﻳﺎﻧﻐﺎﻧﺪا … ﺧﯘددى ﮬﺎرۋﯨﻐﺎ ﻗﯧﺘﯩﻠﻐﺎن ﺋﯧﺸﻪﻛﻨﯩﯔ ﺗﻪﺧﯩﻴﯩﺪەك ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪى – ﺋﺎرﻗﺎﻣﺪا، ﺋﻮڭ – ﺳﻮﻟﯘﻣﺪا ﮔﯧﺪەﻳﮕﯩﻨﯩﯖﭽﻪ ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﯘپ، ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺧﯧﻠﯩلا ﺋﯘزﯨﺮاپ ﻛﯧﺘﯩﺴﻪن. ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻣﺎﯕﺎ ﻳﻮل ﺑﺎﺷلاۋاﺗﻘﺎﻧﺪەك ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪا ﺷﺎﭘﺎﺷلاپ ﻳﯜرﯨﺴﻪن …
ﻣﻪن ﻛﯩﺘﺎﺑلارﻧﯩﯔ ﮔﯜل ﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﯩﻘﺘﻪك ﻗﺎداﻟﻐﺎن، ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘر ﺋﺎﺳﻤﯩﻨﯩﺪا ﭘﻪرۋاز ﻗﯩﻠﻐﺎن، ﺋﯩﺠﺎد – ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎت ﺋﻮﭼﺎﻗﻠﯩﺮﯨﺪا ﺗﺎۋﻟﯩﻨﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﺪا ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻧﻪﮔﯩﺪۇر ﻏﺎﻳﯩﺐ ﺑﻮﻟﯩﺴﻪن.
ﻣﻪن ﮔﻪﭘﺘﻪ، ﻧﻪﭘﺘﻪ ﺑﺎر، ﻏﻪﻣﺪە ﻳﻮق؛ ﺳﺎﻧﺪا، ﮬﻪردەﻣﺪە ﺑﺎر، ﮬﻪﻣﺪەﻣﺪە ﻳﻮق؛ ﺋﺎﺷﺘﺎ ﺑﺎر، ﺋﯩﺸﺘﺎ ﻳﻮق؛ ﻛﯜﻧﺪۈزدە ﺑﺎر، ﺗﯜﻧﺪە ﻳﻮق ﮬﺎراﻣﺘﺎﻣﺎﻗلاردﯨﻦ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺑﯩﺰار.
ﻳﻮﻗﺎل، ﺋﻪي ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺶ ﻛﻪﻟﻤﻪس، ﺋﻪﻟﮕﻪ ﻧﻪپ ﺑﻪرﻣﻪس، ﺟﺎن ﺑﺎﻗﺎر ﺳﺎﻳﻪم !

دوﺳﺘﻠﯘق ﺋﺎﻟﺒﯘﻣﻰ

ﻣﻪن ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ 40 – داۋﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﯩﻤﺪە، ﻛﻮﻧﯩلارﻧﯩﯔ: «ﺋﺎدەم ﻗﯩﺮﯨﻖ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﭙﻤﯘ ﺋﻪﻗﻠﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﺴﺎ، ﮬﺎﻳﯟاﻧﺪﯨﻦ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق ﭘﻪرﻗﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ» دﯦﮕﻪن ﺳﯚزى ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻤﺪﯨﻦ ﻛﯧﭽﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪى.
ﻣﻪن دوﺳﺘﻠﯘق ﺋﺎﻟﺒﻮﻣﯩﻤﻨﻰ ﻗﻮﻟﯘﻣﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎراپ ﻛﯜﻟﯜپ ﺗﯘرﻏﺎن ﮬﻪرﺑﯩﺮ دوﺳﺘﯘﻣﻨﯩﯔ ﭼﯩﺮاي ﺷﻪﻛﻠﻰ، ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﻰ، ﻗﺎش – ﻛﯚزﻟﯩﺮى، ﺳﯜرەﺗﻜﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪن ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎرﻗﺎ ﻛﯚرۈﻧﯜش ﻗﯩﻠﻐﺎن ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﻠﻪرﮔﻪ ﺳﻪﭘﺴﯧﻠﯩﭗ ﺧﯘددى ﺋﯘﺳﺘﺎ ﭘﺴﯩﺨﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ دوﺧﺘﯘرﯨﺪەك ﺋﺎﻧﺎﻟﯩﺰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ. ﺑﯘ ﺟﺎﻧﺴﯩﺰ دوﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﮬﻪم ﭼﯩﺮاﻳﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ دوﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﭘﻪرﻗﻰ ﺧﯧﻠﯩلا زور ﺋﯩﺪى. ﺷﯘﯕﺎ، ﺋﯘلارﻧﻰ ﺋﯚﺗﻜﻪﻣﻪ، ﻏﻪﻟﯟﯨﺮ، ﻳﯘﭘﻘﺎﺋﻪﻟﮕﻪك ۋە ﺗﻮﻗﺎﺋﻪﻟﮕﻪﻛﻠﻪردﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈپ، ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﻟﻪپ ﺗﺎﺳﻘﺎپ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ:
ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮى ﺳﺎداﻗﻪﺗﻤﻪﻧﻠﯩﻚ، ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﻠﯩﻚ، ﭘﺎﻛﻠﯩﻖ، ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎﺑﻠﯩﻖ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ روھ، ﺋﯩﻠﯩﻢ – ﻣﻪرﯨﭙﻪﺗﺘﻪ ﻛﺎﻣﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﻗﯩﻞ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ … ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎي ۋالاﻗﻠﯩﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﭘﺎﻳﺪا – ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪت، ﻗﯘۋﻟﯘق – ﺷﯘﻣﻠﯘق، ﻛﺎززاﭘﻠﯩﻖ، ﭘﯘرﺳﻪﺗﭙﻪرەﺳﻠﯩﻚ، ﺷﺎراﺑﺨﻮرﻟﯘق، ﺋﻪﻳﺶ – ﺋﯩﺸﺮەت ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯜن ﺋﯚﺗﻜﯜزۈپ، ﺋﻪﻣﻪل – ﺗﺎج ﻛﻮﻳﯩﺪا ﭘﯘﭼﯘﻟﯘﻧﯘپ ﺋﻮﺗﻘﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪن ﻗﯩﻠﺪەك ﺗﻮﻟﻐﯩﻨﯩﭗ ﻳﯜرەﺗﺘﻰ … ﺑﯘﻧﺪاﻗلار ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺶ ﺋﻮﺑﻴﯧﻜﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، روﮬﯩﻲ زۇﻟﯘم، ﺋﺎزاب ﺑﻮﻳﯘﻧﺘﯘرۇﻗﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪا ﺋﯩﯖﺮاۋاﺗﺎﺗﺘﻰ … ﻣﻪن ﺑﯘلارﻧﻰ دوﺳﺘﻠﯘق ﺋﺎﻟﺒﯘﻣﯩﻤﺪﯨﻦ رەﮬﯩﻤﺴﯩﺰﻟﻪرﭼﻪ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﯨﻢ.
ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪزﯨﻠﻪر ﺋﺎددﯨﻲ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺋﻮرﻧﯩﺪا ﺋﯜن – ﺗﯩﻨﺴﯩﺰ ﺋﯩﺸﻠﻪپ، ۋەﺗﻪن ۋە ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﺗﯚﮬﭙﻪ ﻗﻮﺷﯘۋاﺗﺎﺗﺘﻰ . ﺋﯘلار ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﯩلاردەك داۋراڭ ﺳﺎﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ، ﭘﺎﻳﺪا – ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪت، ﮬﻮﻗﯘق .. . دﯦﮕﻪﻧﻠﻪرﻧﻰ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻐﯩﻤﯘ ﻛﻪﻟﺘﯜرﻣﻪﻳﺘﺘﻰ. ﮬﺎراق – ﺷﺎراب، ﺋﻪﻳﺶ – ﺋﯩﺸﺮەﺗﻨﻰ ﺗﻪرك ﺋﯧﺘﯩﺸﻜﻪﻧﯩﺪى. ﺋﯘلار ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺑﺎش ﻗﺎﺗﯘراﺗﺘﻰ. ﻳﺎﺷلار – ﺋﯚﺳﻤﯜرﻟﻪرﻧﻰ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷلاپ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﻰ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﻪﻗﻠﯩﻲ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﻣﻪﺑﻠﻪغ ﺳﺎلاﺗﺘﻰ. «ۋاﻗﺘﯩﯔ ﻛﻪﺗﺘﻰ ! ﺑﻪﺧﺘﯩﯔ ﻛﻪﺗﺘﻰ»رﯨﺴﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﻰ. ﺟﯘﺷﻘﯘن ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ روھ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎب ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﭘﻪزﯨﻠﻪﺗﻜﻪ ﻧﺎﺋﯩﻞ ﺋﯩﺪى. ﻣﺎﺋﺎرﯨﭙﻘﺎ ﺧﯘددى ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎن ﺋﺎﻧﯩﺪەك ﻛﯚﻳﯜﻧﻪﺗﺘﻰ. ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﺑﺎﺳﺎرﻟﯩﺮى __ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلارﻧﻰ ﻛﯚز ﻗﺎرﯨﭽﯘﻗﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺮﯨﻐﺎﻧﺪەك ﺋﺎﺳﺮاﻳﺘﺘﻰ …
ﻣﻪن ﺋﺎﺷﯘﻧﺪاق ﭘﻪزﯨﻠﻪت ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ __ ﭼﯩﻦ دوﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺳﯜرﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﯘﻣﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺗﯩﻜﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘرۇپ ﮬﯚرﻣﻪت ﺑﯩﻠﺪۈرﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺗﻮﭘﺎ ﺑﺎﺳﻘﺎن ﭼﯩﺮاﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯜرﯨﻜﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯜرﺗﯜپ، ﻳﯧﯖﻰ ﺋﺎﻟﺒﯘم ﺗﻪﻳﻴﺎرلاپ، ﭼﯩﺮاﻳﻠﯩﻖ ﺗﯩﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ ۋە »ﻳﺎﺷﺎپ ﻛﯧﺘﯩﯖلار ﺋﻪزﯨﻤﻪﺗﻠﻪر!« دەپ ﺋﯚز – ﺋﯚزۈﻣﮕﻪ ﭘﯩﭽﯩﺮﻟﯩﺪﯨﻢ …

ﻛﯩﻢ ﺋﯘ …

ﻛﯩﻢ ﺋﯘ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﻠﯩﻜﯩﻤﻨﻰ ﺑﯘزۇپ، ﻛﯚﯕﯜل ﻛﯚﻟﭽﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻤﮕﻪ داﯕﮕﺎل ﺋﯧﺘﯩﭗ، داۋاﻟﻐﯘﺗﯘۋاﺗﻘﺎن؟
ﻛﯩﻢ ﺋﯘ، ﻣﯧﻨﻰ ﺑﯧﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﯩﭗ، ﻗﯩﺰﯨﻖ ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﻘﺎ ﺗﺎﺷلاپ، ﭼﺎﻛﯩﻠﺪﯨﺘﯩﯟاﺗﻘﺎن؟
ﻛﯩﻢ ﺋﯘ، ﻣﯧﻨﻰ ﻗﺎﻳﻨﺎۋاﺗﻘﺎن ﻳﺎﻏﻘﺎ ﺗﺎﺷلاپ ﻗﻮرۇۋاﺗﻘﺎن؟
ﻛﯩﻢ ﺋﯘ، ﻣﯧﻨﻰ ۋەﮬﺸﯩﻲ ﭼﯩﻞ ﺑﯚرﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﯩﭗ ﻛﯩﺮﭘﯩﻚ ﺋﻮﻗﻴﺎﻟﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮۋلاۋاﺗﻘﺎن؟
ﻛﯩﻢ ﺋﯘ، ﻣﯧﻨﻰ ﭼﺎﻟﻤﺎ – ﻛﯧﺴﻪﻛﻠﻪرﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﯩﭗ ﺋﯩﺸﻖ – ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﺧﯘﻣﺪاﻧﻠﯩﺮﯨﺪا ﺗﺎۋلاۋاﺗﻘﺎن؟
ﻛﯩﻢ ﺋﯘ، ﻳﯜرﯨﻜﯩﻤﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﯩﭗ، ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻗﻘﺎن ﺗﯘز ﺳﯜﻳﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻳﯘﻳﯘپ، ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘرﺗﺘﻪك ﻏﺎﺟﺎپ ﻳﻪۋاﺗﻘﺎن؟
ﻛﯩﻢ ﺋﯘ، ﻳﯜرﯨﻜﯩﻤﮕﻪ ﺑﺎزﻏﺎن ﺋﯘرۇپ ﻧﻪﭘﻪس ﺋﺎﻟﺪۇرﻣﺎﻳﯟاﺗﻘﺎن؟
ﻛﯩﻢ ﺋﯘ، ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯩﭽﺎرﯨﻠﻪرﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺋﺎﺷﯩﻘﻰ ﺑﯩﻘﺎرار ﺑﻮﻟﯘپ، دﯨﻞ رﯨﺸﺘﯩﻤﻨﻰ ﺋﯜزەﻟﻤﻪﻳﯟاﺗﻘﺎن؟
ﻛﯩﻢ ﺋﯘ …

ﺋﺎرﻣﺎن، ﺳﯚﻳﮕﯜ ۋ رﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻖ

ﺋﺎرﻣﺎﻧلار ﺋﻪﺳﻪﺑﯩﻲ ﮬﯧﺴلارﻧﯩﯔ ﮔﯩﺮۋەﻛﻠﯩﺮﯨﺪە ﻳﯧﯖﻰ – ﻳﯧﯖﻰ ﺋﺎرﻣﺎﻧلارﻧﻰ ﺗﯘﻏﯘپ ﻳﺎﺷﻨﺎﻳﺪۇ. ﺑﻪزﯨﺪە رﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻖ ﺋﺎرﻣﺎﻧلارﻏﺎ ﻣﯩﻨﮕﻪﺷﻜﻪن ﻏﺎﻳﻪ – ﺋﯩﺴﺘﻪﻛﻠﻪرﻧﻰ ﺑﻪرﺑﺎت ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺗﯘﻧﺠﯘﻗﺘﯘرۇپ ﺗﺎﺷلاﻳﺪۇ. ﺗﯘرﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﻳﯧﭙﻴﯧﯖﻰ ﺋﯩﺴﺘﻪﻛﻠﯩﺮى ﻛﯚزﻟﻪرﻧﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎۋﺳﯩﺰ ﻳﺎﺷلاﻳﺪۇ …
ﺋﯩﺸﻖ – ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﺋﻮﺗﻰ ﺗﯘﺗﺎﺷﻘﺎن ﻳﯜرەﻛﻠﻪردە ﻣﺎﮔﻤﺎ ﻗﺎﻳﻨﺎﻳﺪۇ. ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﻧﺘﺎرﻛﺘﯩﻜﺎﻧﯩﯔ ﻣﯘزﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ﻛﺎر ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪۇ. ﺋﺎزاﺑﻨﯩﯔ، ﺗﯚﻟﯩﮕﻪن ﺑﻪدەﻟﻨﯩﯔ ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﺑﺎﺑﯩﺪﯨﻦ ﺗﯜﻣﻪﻧﻠﯩﮕﻪن ﭘﻪرﮬﺎد – ﺷﯧﺮﯨﻦ، ﻏﯧﺮﯨﺐ – ﺳﻪﻧﻪم، ﺗﺎﮬﯩﺮ – زۆﮬﺮە … ﻟﻪر ﺋﯜﻧﯜپ ﭼﯩﻘﯩﺪۇ. ﺳﯚﻳﮕﯜ ﮔﯜﻟﺨﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪا ﭘﯘﭼﯩلاﻧﻐﺎن ﻗﯩﺰ- ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪرﻧﯩﯔ روﮬﻰ ۋە ﺟﯩﺴﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﺪە ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻳﯧﯖﻰ ﺳﯚﻳﮕﯜ داﺳﺘﺎﻧﻠﯩﺮى ﭘﯜﺗﯜﻟﯩﺪۇ. ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﯜزﻟﯜﻛﺴﯩﺰ داۋام ﻗﯩﻠﯩﺪۇ …
ﻛﯜﻟﻠﻰ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎت ﭘﺎك ﺳﯚﻳﮕﯜدﯨﻦ ﺑﻪﺧﺖ ﺑﯚﺷﯜﻛﯩﺪە ﺋﻪﻟﻠﻪﻳﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺳﯚﻳﮕﯜﺳﯩﺰ دۇﻧﻴﺎدا ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق ﻟﻪززەت، راﮬﻪت – ﭘﺎراﻏﻪت ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ.
ﺋﯩﺨلاس – ﺋﻪﻗﯩﺪە، ۋاﭘﺎ – ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ﻗﯘﻳﺎﺷﻰ ﺑﺎﻟﻘﯩﭗ ﺳﯧﺨﻰ ﻧﯘرﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﺎﭼﻘﺎﻧﺪا، دوﺳﺘﻠﯘق ﮔﯜﻟﻠﯩﺮى ﭘﻮرەﻛﻠﻪپ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪۇ … ﺷﯘﯕﺎ ، ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﭗ ﻗﯘرلارﻏﺎ ﻣﯘﻧﺪاق ﻗﻪﻟﻪم ﭼﯧﻜﯩﺪۇ :
ﺳﯚﻳﮕﯜﺳﯩﺰ دۇﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﻟﻪززﯨﺘﻰ؟
ﺳﯚﻳﮕﯜدﯨﻦ ﻗﯘت – ﺑﻪﺧﺖ ﺗﺎﭘﯩﺪۇ ﺋﯩﻨﺴﺎن !
ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﺎدەﻣﺪە ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد، ﺋﺎرﻣﺎن،
ﺋﯘ، ﺋﯚرە ﻳﯜرﮔﯜﭼﻰ ﮔﺎل ﺑﺎﻗﺘﻰ ﮬﺎﻳﯟان …

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top