• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » خەتتاتلىق — گۈزەل سەنئەتنىڭ گۈلتاجى

خەتتاتلىق — گۈزەل سەنئەتنىڭ گۈلتاجى

شۆھرەت پازىل

خەتتاتلىق سەنئىتىنى يۈكسەلدۈرۈش ھەر بىر خەتتاتنىڭ ياكى گۈزەل سەنئەت خادىمىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى. يازغان ھۆسنخەتنىڭ قانداق بولۇشى، خەت نۇسخىسى ياكى خەت شەكلىنىڭ قائىدىگە ئۇيغۇن بولغان – بولمىغانلىقى خەتتاتنىڭ ئەمەلىي بىلىمى، نەزەرىيىۋى ساپاسىنىڭ يۇقىرى بولغان – بولمىغانلىقىغا باغلىق بولىدۇ.

ھۆسنخەت يېزىق سەنئىتى بولۇپ، ئۇ قەلب دۇنياسىنى قەلەم ئارقىلىق قەغەز يۈزىدە ئىپادىلەپ بېرىدۇ، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى، روھىي ھالىتىنى، گۈزەللىك ھەم خۇنۈكلۈك ھەققىدىكى نازۇك تۇيغۇلىرىنى يورۇتۇپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسىي ئامىللىرى تىل – يېزىق، يەنى خەتلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، كۆركەملىكى، بەدىئىيلىكى، مەزمۇنى ۋە تەربىيىۋى ئەھمىيىتىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرىدۇ. ئەبۇ نەسىر فارابى: ‹‹خەتتاتلىق سەنئىتىدە ئۇزاق زامان تىرىشىپ مەشىق قىلىش نەتىجىسىدە ئادەم كامالەتكە يېتىدۇ، بۇ سەنئەت بىلەن قانچىكى كۆپ مەشغۇل بولسا، بۇ سەنئەتمۇ شۇنچە كۈچلۈك ۋە مۇكەممەل بولىدۇ، بۇ ھەرىكەتنى داۋاملىق تەكرارلاش ئارقىلىق ماھارەتمۇ ئۆسۈپ بارىدۇ، بۇ روھىي ھالەتتىن كېلىپ چىقىدىغان لەززەتمۇ ئېشىپ بارغاچقا، ئادەمنىڭ ئۆزى تېخىمۇ زور خۇشاللىق، ئىشتىياقتا بۇ سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ›› دېگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ياشىغان نۇرغۇن كلاسسىك شائىر، ئەدىب، سەنئەتكارلارمۇ خەتتاتلىق سەنئىتىگە يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈپ، خەت شەكلىنىڭ كۆركەم، نۇسخىلىرىنىڭ ساپ، ئىملاسىنىڭ توغرا بولۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن ھەم ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئەسىرى خەتتاتلارنىڭ ئەجىر قىلىشى، كۆچۈرۈپ تارقىتىشى، كېيىنكىلەرگە تەۋەررۈك قىلىپ قالدۇرۇشى ئارقىلىق زامانىمىزغا يېتىپ كەلگەن. ئەلىشىر نەۋائىي، ئابدۇرېھىم نىزارى، نورۇز ئاخۇن كاتىپ زىيائى، گۇمنام، زەلىلى، ئەھمەد قازىئاخۇنۇم قاتارلىق نۇرغۇن ئەدىبلەر نەشرىياتچىلىق، مەتبەئەچىلىك تېخنىكىسى تەرەققىي قىلمىغان ئەينى زاماندا پەقەت ھۆسنخەتنىڭ قۇدرىتىگە تايىنىپ ئەسەرلىرىنى بىزگىچە قالدۇرالىغان. چۈنكى ئۇلار ئەينى دەۋرنىڭ يىتۈك شائىرلىرى بولۇپلا قالماي، يەنە يېتىلگەن خەتتات – كوللىگرافلىرى ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ‹‹دىۋان››، ‹‹سۇلۇس››، ‹‹خەتتى فارىس››، ‹‹رەيھان›› قاتارلىق نۇسخىلاردا يازغان ئەسەرلىرى مەدەنىيەت تارىخىمىزنىڭ گۈلتاجى سۈپىتىدە ئەسىرلەر بويى ساقلىنىپ دەۋرىمىزگە يېتىپ كېلىپ، يېپەك يولى مەدەنىيىتىنىڭ ئىچىدىكى ئەتىۋارلىق گۆھەرگە ئايلانغان.

خەتتاتلىق يازما ئەدەبىياتىمىز بىلەن تەڭلا تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئېتىكاپخانا، ئىبادەتخانا ۋە كېيىنكى چاغلاردىكى مەسچىت، مەدرىسە، رەسەتخانا، شىپاخانا قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىسىدە خەتتاتلىقنىڭ ئەڭ گۈزەل ئۆرنەكلىرى ساقلانغان. بىز كلاسسىكلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلىرىنى ۋاراقلاپ كۆرىدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ خەتتاتلىققا چوڭقۇر ئىشتىياق باغلاپ، گۈل – نەقىشلەرنى چىقىرىپ، ئاجايىپ بەدىئىي گۈزەل باغ بىنا قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. شۇڭا، خەتتاتلار ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلغان ئاساستا، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىجادىي روھنى ئۇرغۇتۇپ، توختىماي ئىزدىنىپ، ئېسىل سۆز دۇردانىلىرىدىن تاللاپ، روشەن ئىجادىيەت ئېڭى ئاساسىدا يېڭىلىق يارىتىشى كېرەك.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top