• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى (ئەسلەمەلىك ئەدەبىي خاتىرە)

شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى (ئەسلەمەلىك ئەدەبىي خاتىرە)

شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى (ئەسلەمەلىك ئەدەبىي خاتىرە)

ئۈچىنجى باب

شامالباغدىكى مۇرادبەخشىش ئاتام مەكتەپى

پىروفېسسور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

 * * * * *

مۇرادبەخشىش ئاتامدا،

تاشۋاي ئۇستاز قەبرەسى؛

تۆمەن دەريا بويىدا،

ياڭرار راۋاب نەغمەسى.

– كاشغەر خەلق ناخشاسىدىن.

(1)

دادامغا ئەرگەشىپ، يوپۇ:غا تىيگىن باشلانغۇچ مەكتەپىدىن ئالماشىپ كەلىپ، 1959-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنى، قەشقەر شەھىرى شامالباغ باشلانغۇچ مەكتەپىنىڭ 4-سىنىپىغا ئورۇنلاشتىم ۋە كىچىك ۋاقتىمدىكى ھەمسايە ئاداشىم قادىر قۇربان بىلەن پارتاداش بولۇپ،  ئوقۇشنى داۋاملاشتۇردۇم.

شامالباغ باشلانغۇچ مەكتەپى قەشقەر شەھىرى شامالباغ يەزاسىنىڭ شامالباغ مەھەللەسى بىلەن سوقا كۆل مەھەللەسىنىڭ تۇتاشىدىغان يەرىگە جايلاشقان. كۆلەم جەھەتتە، مەن ئوقۇغان ئۇ يوپۇغا تىيگىن 3-باشلانغۇچ مەكتەپىدىن تۆرت-بەش ھەسسە چوڭ ئىدى. مەكتەپنىڭ كەڭ-كۇشادە مەيدانىنىڭ شىمال تەرەپىدە، سۈپ-سۈزۈك سۈيى بار بىر كۆل، كۆلنىڭ ئەتراپىدا يوغان-يوغان سۇۋادان تەرەكلەر ئاسمانغا پەلەك تارتىپ تۇرىدۇ؛ كۆل بىزلەرنىڭ بويىمىزدىن ئەگىز قىلىپ ياسالغان چىرايلىق نەقىشلىك ياغاچ ۋادەكلەر بىلەن قاشالانغان؛ ئۇ كۆلنىڭ شىمالىغا قىرىق-ئەللىك مەتىر ماڭغاندا، مەكتەپنىڭ شىمالىي چۆرە تامى؛ بۇ چۆرە تامنىڭ غەربىي شىمالى بۇرجەكىگە مەكتەپنىڭ چوڭ دەرۋازەسى بىلەن باراۋەر كەلىدىغان بىر دەرۋازە ئورناتىلغان؛ مەزكۇر دەرۋازەدىن كىرسەك، ئالامەت ئەگىز ۋە بىزدەك بالىلاردىن ئىككى-ئۈچىمىز بىرلەشسەكمۇ  قۇچاقىمىز يەتمەيدىغان يوغان بىر تۈپ رىدە دەرەخى بار. ئۇزاق-ئۇزاقلاردىن گويا بىپايان دەڭىزدىكى ماياتنىك ئوخشاش كۆزگە تاشلانىپ تۇرىدىغان بۇ رىدە دەرەخى سايە تاشلاپ تۇرغان كەڭ سۇپا، سۇپادا «مۇراد بەخشىش ئاتام» لەقەبلىك بىر ئەجدادنىڭ ئەگىز گۈمبەزلىك قەبرەسى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.

شامالباغ باشلانغۇچ مەكتەپى شەرق، شىمال ۋە غەرب تەرەپلەردىن مەزكۇر مۇراد بەخشىش ئاتام قەبرەگاھى مەركەز قىلىنغان «مۇراد بەخشىش ئاتام قەبرىستانى» بىلەن قورشالىپ تۇرغاچ، شۇنداقلا مەزكۇر مۇرادبەخشىش ئاتام قەبرىستانى ياقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر كومپوزىتور، ئاتاقلىق ئۇستاز مۇزىكانت تاشۋاي دەپنە قىلىنغان زىيارەتگاھ بولغانلىقى ئۈچۈن، كەڭ خەلق ئامماسى ئادەتتە، بۇ شامالباغ باشلانغۇچ مەكتەپىنى «مۇراد بەخشىش ئاتام مەكتەپى» دەپ ئاتاشاتتى.

مەكتەپنىڭ شەرققە قاراپ تۇرىدىغان قوش قاناتلىق چوڭ دەرۋازەسىدىن چىققاندا، ئۇدۇل شامالباغ مەھەللەسىگە ئالىپ چىقىدىغان يولدىن باشقا، يەنە جەنۇبتىن شىمالغا ئالىنغان بىر توپالىق يول بار. بۇ يولدىن شىمالغا بۇرۇلۇپ، بىر يانىدا يىل-ئون ئىككى ئاي شىلدىرلاپ سۈيى ئاقىپ تۇرىدىغان ئارىقى بار قىيپاش-يانباغرىلىق ئارقالىق ئىككى يۈز مەتىرچە ماڭىپ، تەخمىنەن ئالتمىش-يەتمىش مەتىر تۆۋەنگە چۈشسەك، بىزگە بۈككىنە ئورمانلىق بىلەن باشلانىدىغان ۋە جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى بىر كىلومەتىردىن جىقراق كەلىدىغان، ساپ ھاۋا، سالقىن شاماللىق تۆمەن دەرياسى ۋاداسى قۇچاق ئاچىپ تۇرىدۇ.

سەلكىن ھاۋالىق ۋە جەلىپكار گۈزەل مەنزىرەلىك بۇ تۆمەن دەرياسى ۋاداسى مەزكۇر ۋادا بىلەن ئۆخشاشماغان ئارالىق ۋە كەڭلىكلەر ئارقالىق لەۋلەشىپ تۇرىدىغان سۇلتانى ھەبىبەم مەھەللەسى، شامالباغ مەھەللەسى، سوقا كۆل مەھەللەسى ۋە تۈگمەنباشى مەھەللەسى قاتارلىقلار قاتارىدا، خاسىيەتلىك ئىسىمغا ساھىب بۇ مۇرادبەخشىش ئاتام مەكتەپىنىڭمۇ تەبىئىي زىننەتى ۋە ئۆزگەچە رۇخسار ياراشىقى ئىدىكى، مەكتەپنىڭ شىمالىي چۆرە تامىنىڭ كۇڭگۇرالارىدىنمۇ روشەن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان كۈمۈش ئاقىنلىق تۆمەن دەرياسى ۋە ئۇ سۇغارىپ، ياشارتىپ تۇرغان ياپ-يەشىل ۋادا بىز ياش بالىلاردەك شاۋقۇنلۇق ۋە جۇشقۇن بولۇپ، بىز ئۆسمۈرلەرنىڭ ۋۇجۇدىدەك قايناق ھاياتىي كۈچ نامايەن قىلىپ تۇراتتى ھەمىشە.

بىز مەكتەپنىڭ چوڭ بالالارى، مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ئاكاشلار بولغاچ، دوسكاغا خەت يازىش بەكمۇ ھاجەتلىك بولۇپ كەتمەيدىغان تەبىئەت، جۇغراپىيە، تارىخ ۋە تەنتەربىيە قاتارلىق دەرسلەرنى بەزىدە مۇشۇ تۆمەن دەرياسى ۋاداسىدا ئوقۇيتتۇق مۇئەللىملەرىمىزنىڭ يەتەكچىلىكىدە.

كىچىك ۋاقتىمدا سۇغا چۈمۈلۈپ تويمايدىغان تۆمەن دەرياسى ۋاداسى گەزى كەلىپ، مەن تۆرتىنجى سىنىپ ئوقۇغۇچىسى بولغاندا، سىناق-ئىمتىھان مەزگىللەرىدە، ئاقىن بويلارىدىكى سۆگەتلەرگە يۆلەنىپ ئولتۇرۇپ كىتاب كۆرۈپ، ئىلىم دەرياسىغا غەرق بولۇپ كەتىدىغان ئىرپان سەھنەسى، ئاۋازىمنى قويىۋەتىپ شىئىر-قوشاق دەكلىماتسىيە قىلىدىغان تالانىت يەتىشتۈرۈش مەيدانى بولغاچقا، بالالىق ھاياتىمنى سىھىرلىك ياڭى مەزمۇنلار بىلەن بايىتقان، مەنى باشلانغۇچ نۇرلۇق ئىلىم ئوچاقى سالاھىيەتى بىلەن مىسلىسىز مەمنۇن ۋە مەپتۇن قىلغان بۇ مۇرادبەخشىش ئاتام مەكتەپى  زىھنىمدىن ئەبەدىي ئۆچمەيدۇ، تاشقا مۆھۈر باسقاندەك ئورناپ كەتكەن ئۇ ئەستلىكلەر قەلب تۆرۈمدىن مەڭگۈ كۆچمەيدۇ!

(2)

بىراق، شامالباغقا قايتىپ كەلىپ، خەلى بىر مەزگىل ئۆتكىچە، ئۆزۈم تۇغۇلۇپ ئۆسكەن شەھىرىم ۋە ئۆز مەھەللەمدىكى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان تۇرۇغلۇق، بەئزىدە ياتسىراش ھىس قىلغانىم، بالالار ئىچىگە بەك سىغىپ كەتەلمەيۋاتقاندەك تۇيغۇدا يۈرگەنىم قىزىق: سىنىپىمدىكى بالالار، بولۇپمۇ ئوغۇل بالالار مەن ئوقۇغان ئۇ يوپۇغادىكى بالالارغا قاراغاندا، بەك شوخ، يامان ۋە قوپال كۆرۈنەتتى.

مەن كەلگەلى مانا بىرەر ئايدىن ئاشىپ قالسامۇ، سىنىپتا مەھەللەداش قادىر ئاداشىمدىن باشقا، بىزنىڭ شامالباغ مەھەللەسىنىڭ شەرق تەرەپ خوشنا مەھەللەسى بولغان سۇلتانى ھەبىبەمدىن كەلىدىغان ھەيت ئابدۇكەرىم (بىز ئادەتتە، «ھەيتاخۇن» دەيمىز)دىن بۆلەك ئاغىنەم يوق. بالالار ماڭا ئانچە گەپ قىلمايدۇ؛ مەن گەپ قىلسام، «توروڭ-توروڭ» جاۋاب بەرىدۇ. بەئزىدە، مەنىڭ گەپ-تەلەپپۇزۇمنى كۆپتۈرۈپ دورايدۇ، مەسخىرە قىلىدۇ تەخى. بۇ ھالنى دادامغا دەسەم: «ھەي، ئۇنچەۋالا نازۇك بولۇپ نەمە قىلىسەن، ئوغلان؟ گەپ-سۆزۈڭدە يوپۇ:غا تەلەپپۇزى بارلىقى راست. ئاستا-ئاستا كۆنۈشۈپ-چىقىشىپ كەتىسەن، بالام. كىچىكىنە بىر جانىڭغا ئىككى نەپەر ئاداشىڭ بولغاندىكىن بولمادىمۇ؟» دەپ پەرۋاسىز جاۋاب بەردى.

بۇنىسىغۇ مەيلى دەيلى ماقۇل، بالالارنىڭ مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كەيىن، دەرۋازەنىڭ تاشىغا چىقىپلا، ئۆزئارا مۇشتلاشىپ ئويناشى مەنىڭ كۆزۈمگە بەك غەلىتە كۆرۈندى. ھەر سىنىپتا بىرەر باشقۇرغۇچى زورىگەر «نوچى» بولىدىكەن، شۇ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، بۇنى ئۇنىڭ بىلەن، ئۇنى بۇنىڭ بىلەن مۇشتلاشقا سالىدىكەن. ئۇلار مەيدانغا چۈشۈپ، «پاراس-پۇرۇس» تۆرت-بەشتىن مۇشت ۋە پەشۋا ئاتىشىپ، مۇشتلاشىدىكەن. ئۇ بالىلارنى باشقۇرىدىغان نوچىلار: «يەتەر، ئەمدى، بولدى!» دەگەندە، ئاندىن بولدى قىلىدىكەن. ئۇ ئۆز ئارا مۇشتلاشقانلار شۇنىڭلىق بىلەن دۈشمەنلىشىپقۇ كەتمەيدىكەن، يەنە قول ئالىشىپ كۆرۈشۈپ، بىللە يۈرىشىدىكەن. ئەمما، نەمەلا دەگەن بىلەن ئۇ بىر-بىرىنىڭ باشىنى سىلاپ قويىدىغان ئىش ئەمەس، ئەكسىنچە، قاتتىق تۈگۈلگەن مۇشت بىلەن بىر-بىرىنى ئۇرىدىغان ئىش-تە، ئاخىر؟! زادى نەمە دەسەم بولۇركى، مەنىڭ كۆزۈمگە پەقەت سىغمادى بۇ ئىش.  شۇڭا، مەن ھەر كۈنى دەگۈدەك دەككە-دۈككىدە يۈرىمەن. مەنى ئاشۇنداق مۇشتلاشقا سالسا، قانداق قىلارمەن؟

قورققانغا قوش كۆرۈنۈر دەگەندەك، بۇ مۇشتلاشىش نۆۋەتى ئۇزۇن ئۆتمەيلا ماڭا كەلىپ، ئەرۋاھىمنى ئۈركۈتىۋەتتى گويا.

بۇ بىر شەنبە كۈنى ئىدى. مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كەيىن، ياڭى ئاغىنەم ھەيتاخۇن ساۋاقداشىم بىلەن گەپلەشكەچ، مەكتەپ ئىچىدىن بىللە چىقتۇق. دەرۋازەدىن چىقىپ، شامالباغ مەھەللەسى بىلەن سوقا كۆل مەھەللەسىنىڭ يول ئايرىشىغا كەلسەك، دەل دوقمۇشتا، بىزنىڭ سىنىپنىڭ ئوغۇل بالالارى ئون بەش-يىگىرمە ئادەم بىر دۆلەڭ بولۇپ تۇرۇپتۇ. ھەيتاخۇن ئىككىمىز ياقىنلاپ، ئۇلارنىڭ يانىغا كەلىشىمىز ھامان سىنىپىمىزنىڭ زورىگەر نوچىسى سۇلتانى ھەبىبەم مەھەللەسىلىك بەردى ھوشۇر ئالدىغا چىقىپ، ھىجىيىپ تۇرۇپ:

– بىز سىلەر ئىككى ئەزىمەتنى ساقلاپ تۇرغالى بىر ئاش پىشىم بولدى، قەنى تۆرتتىن ئاتىشىپ باقىڭلار! دەدى ۋە بالىلارغا يۈزلەنىپ تۇرۇپ بۇيرۇق قىلدى، – مەيداننى ئاچىشە، گۇيلار، بەزدەك قاراپ تۇرۇشماي!

بالىلار دەرھال يوپ-يۇمۇلاق سورۇن ئاچتى. ھەيتاخۇن ئىككىمىز مەيداننىڭ ئوتتۇراسىدا قالدۇق. مەن دەرھال نەمە قىلاشىمنى بىلمەي، يەرگە قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپلا قالدىم. يۈزۈم قىزارىپ ئوت ئالىپ كەتكەنلىكى ئۆزۈمگە بىلىنىپ تۇراتتى. ھەيتاخۇنغا قاراسام، ئۇمۇ نەمە قىلىشىنى بىلمەي قالغاندەك تۇراتتى.

– ئوغۇل بالاچىلىق بۇ دەگەن! قەنى ئاتىشىپ باقىڭلار!،- دەدى توپ ئىچىدىن كىمدۇر بىرى.

شۇ ئاندا، مەن سىكونت تۇرىۋالغاندىن كەيىن، قەتئىي نىيەتكە كەلدىم: «رەت قىلىپ، بالالارنىڭ زاڭلىق-مەسخىرە قىلىشىغا قالغىچە، بوپتۇ، مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ مۇشۇ توپقا قاتىلغانلىقىمنى بىر ئىپادەلەپ قويايچۇ» دەپ ئويلادىم. شۇنداق ئويلادىم-دە، ئۆشنەمدىن كىتاب-دەپتەر سومكامنى چىقىرىپ، سورۇننىڭ ئالدىنقى رەتىدە قاراپ تۇرغان قادىر ئاداشىمغا تۇتقۇزۇپ قويدۇم. ئارقادىن، مەيداننىڭ ئوتتۇراسىغا كەلىپ، ئىككى مۇشتۇمنى تۈگۈپ، مۇشتلاشىشقا تەييار بولۇپ تۇردۇم.

– سەنمۇ بولمامسەن، ھەيتاخۇن، چاپسان!،- يەنە كىمدۇر ۋارقىرادى.

بىراق، ھىچكىم ئويلاماغان ئىش بولدى: ھەيتاخۇن مۇشتلاشقىلى ئۇنامادى. ھەلىقى سىنىپ نوچىسى بەردى ھوشۇر كەلىپ، ۋارقىراپ-جارقىراپ، ئۇنى دۆشكۈشلەپ باقتى، بالىلار: «ۋەلەي!… قورقتى!» دەپ، ئەيىپلەپ، زاڭلىق قىلىپ باقتى، مۇتلەق ئۈنۈم بولمادى. ئۇ ئوڭ قولى بىلەن بالالار توپىنى جۆنەپ تۇرۇپ: «بىلىپ قويۇڭلار، ئابدۇرەئوپ دەگەن مەنىڭ ئاغىنەم! مەن ئاغىنەم بىلەن مۇشتلاشمايمەن!» ئۇ شۇنداق دەدى-يۇ، بالىلارنىڭ ئىسقىرتىش، مەسخىرە قىلىش ۋە ئەيىپلەشلەرىگە پىسەنتمۇ قىلماي، توپ ئىچىدىن ژۇلقانىپ بۆسۈپ چىقىپ، ئىتتىك-ئىتتىك قەدەملەر بىلەن ئۆيى تەرەپكە يۈرۈپ  كەتتى…

مەن تۇرغان يەرىمدە، ھاڭ باقىپ، داڭ قاتىپ، تۇرۇپلا قالدىم.

(3)

ئۆيگە كەلسەم، ئانام لەغمەن ئەتىۋەتىپتىكەن. سومكامنى قوزۇققا ئاسىپ قويۇپ، ئوچاققا ئوت قالاشىپ بەردىم. مەنىڭمۇ كۆڭلۈم نەمىشقىدۇر بەكلا يارىم ئىدى. باياتىن بولۇپ ئۆتكەن ئىش ئويلاماي دەسەممۇ، كۆز ئالدىمغا كەلىۋالىپ، كۆڭلۈمنى بەكلا پەرىشان قىلماقتا ئىدى. ناخۇشلۇقۇمنى سەزىپ قالدى بولغاي، ئانام سورادى:

-جىمىپ كەتىپسەنغۇ، بالام،  بىر ئىش بولماغاندۇ-ھە؟

ئاغىزىمدا، «ھىچ ئىش بولمادى، ئانا» دەپ جاۋاب بەردىم-يۇ، كاللامدا ئوي-پىكىر سوقۇشى بولىۋاتاتتى: «مەنىڭ نەمە قىلغانىم-ھە؟ خەق: ‹ئەڭ ياخشى ئاغىنەڭ بىلەن مۇشتلاش› دەسە، ‹مائقۇل› دەپ، يەڭ شىمايلاپ، مەيدانغا چۈشكەنىم نەمەسى؟ باشقالارنىڭ كۆڭلىنى ئاچىش قورالى بولۇپ، ئاغىنەم بىلەن بوغۇشسام، مۇشتلاشسام، بۇ مەندىكى قانداق ئەقىل-ھە؟..»

بىردەمدىن كەيىن، ئانام ئالدى بىلەن ماڭا لەغمەن راستلاپ بەردى. لەغمەن كۈنلەردىكىدەكلا ئوخشاپتۇ، ئەمما مەنىڭ ئىشتىھايىم يوق ئىدى. يارىم چىنە ئاران يىيەلەدىم. « ھەلى يەرمەن » دەپ، چىنەمنىڭ ئاغزىنى ياپىپ قويۇپ، ئورنىمدىن تۇردۇم. تالاغا چىقىپ، بىر ئاز ئايلانىپ كىرگۈم كەلىپ، ئىشىككە قاراپ ماڭدىم. دەھلىزەنىڭ ئىشىكىنى ئاچىشىمغا، مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەن دادامنىڭ كىرىشى تەڭ كەلدى.

-ئۆيگە كىر!،-دەدى دادام تولامۇ ناخۇش ئاۋاز ۋە بۇيرۇق تەلەپپۇزى بىلەن. يۈرۈكۈم «جىغغىدە» قىلىپ قالدى. «دادام مۇنداق بىردەمدەلا خەۋەر تاپىپ بولماغاندۇ مەنىڭ ئۇ مۇشتلاشماقچى بولغانىمنى-ھە؟» دەگەنلەرنى كۆڭلۈمدىن ئۆتكۈزۈشكە ئاران ئۈلگۈردۈم.

-دەپ باقە، ئابدۇرەئوپ، ئۇ نەمە قىلغانىڭ؟ سەن تەخى ساۋاقداشلارىڭ بىلەن مۇشتلاشقۇدەك بولدۇڭمۇ-ھە؟ داداڭ ئوقۇتقۇچىلىق قىلۋاتقان مەكتەپتە-ھە؟ يەنە كەلىپ، مۇشۇ سەن باشلانغۇچنى پۈتتۈرىدىغان يىلىدا-ھە؟…

ئۆمرۈمدە، بۇ چاغقا كەلگۈچىلىك دادام ماڭا مۇنداق سىياسەت قىلىپ باقماغان ئىدى. ئانامنىڭ ۋە ئۇكالارىمنىڭ ئالدىدا، يۈزۈم يەر بىلەن بىر بولۇپ كەتتى-دە! لام-جىممۇ دەيەلمەي، قاتىپ تۇرۇپلا قالدىم. دادامغۇ بالالارنى ئۇرۇپ، تەن جازاسى بەرمەيدۇ. ئەمما، مەن ئۇنىڭ مۇنداق دەرغەزەپكە كەلگەنىنى زادىلا كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن.

– ئاچچىقلارىغا ھاي بەرسىلە، داداسى،- يەنەلا ئانام قانات ئاستىغا ئالدى ۋە تاڭىرقاپ قالغان قىياپەتتە مەندىن سورادى: «زادى نەمە ئىش بولۇپ كەتتى، بالام؟»

مەن بولغان ئىشنى ئۈجۈر-بۈجۈرىگىچە. ئالىپ قالماي، ھەممەنى دەپ بەردىم ۋە ئاخىردا، سەمىمىي كۆڭلۈم بىلەن دەدىم:

– خاپا بولما، دادا! مەن ئاشۇ ھەيت ئابدۇكەرىم ئاداشىم «مەن ئابدۇرەئوپ بىلەن مۇشتلاشمايمەن» دەپ، مەيداندىن چىقىپ كەتكەن ھامان ئۆزۈمنىڭ خاتا قىلغانىمنى، ئەمەلىيەتتە مەن ئۆزۈمنىڭ بۇ كۈرەشتە ئۇتتۇرغانىمنى چۈشەنگەن ئىدىم. شۇ ئان ئۆزۈمنىڭ ئاشۇ ئاداشىم ھەيتاخۇندەك ئەقىللىق ئەمەسلىكىمنى ھىس قىلىپ، كۆڭلۈم بەكمۇ يارىم بولدى، دادا. مەن تەخى سەنى كەلسە، ئەھۋالنى دەپ، خاتالىقىمنى ئىقرار قىلاي ۋە دەرھال بارىپ ئاداشىم ھەيتاخۇندىن ئەپۇ سوراي، دەپ تۇراتتىم.

دەگەنلىرىم يۈرەكىمنىڭ چوڭقۇر قاتىدىن چىققان سۆزلەر ئىدى.  دادام ئاڭلاپ، ماڭا «لەپپىدە» بىر قارادى. قاراسام، ئۇنىڭ تۈرۈلگەن قوشۇمالارىمۇ ئاچىلىپ، چىرايىدىن غەزەپ بۇلۇتلارى ئاستا-ئاستا تارقاشقا باشلاغان ئىدى.

– قاراغىنا، بالام، سەنىڭ ئاشۇ «ئۆزۈمنىڭ ھەيتاخۇندەك ئەقىللىق ئەمەسلىكىمنى ھىس قىلدىم» دەگەن گەپىڭ مەنى قايىل قىلدى،- دەدى دادام جىددى ئەمما سەمىمىي قىياپەتتە،-  شۇنداق، كىتاب ئوقۇشنى بىلگەن، دەرستە بەش نومۇر (تولۇق نەتىجە) ئالغانلا ھىساب ئەرمەس، ھەممەدىن نوچىسى پەزىلەتلىك، دۇرۇس ئادەم بولغان ئەئلا. ھەيتاخۇننىڭ داداسى ئابدۇكەرىم ئاخۇن ئۇستامنى مەن ياش ۋاقتىمدىن تارتىپ تونۇيمەن. ئەسلىدە، ئۆيى شەھەر ئىچىدىكى قازانچى يار باشى مەھەللەسىدە ئىدى، ئابا-ئەجدادىدىن تارتىپ تۆمۈرچىلىك-قۇيماچىلىق ھۈنەرى بىلەن شۇغۇللانىدىغان، ئەخلاقلىق، ئائىلە تەربىيەسى مۇكەممەل، ھالال تەر ئاققۇزۇپ نان تاپىپ يەيدىغان دۇرۇس ئادەملەر. ئابدۇكەرىم ئاخۇن ئۇستام ھازىر شەھەرلىك قازان زاۋۇتىدا ئىشلەيدۇ، ئۆيى سۇلتانى ھەبىبەم مەھەللەسىدە. بىلىسەنغۇ دەيمەن-ھە؟

«بىلىمەن، بىر قاتىم ھەيتاخۇن بىلەن بىللە بارغانتىم ئۆيىگە» دەپ جاۋاب بەردىم ۋە يوۋاشلىق بىلەن ئورنىمدىن تۇرۇپ، تىز قەدەملەر بىلەن ئۆيدىن چىقتىم.

(4)

ھويلا ئىشىكىنى چەكىپ كىرسەم، ساۋاقداشىم، ئاداشىم ھەيتاخۇن ھويلاسىدا، داداسى ئابدۇكەرىم ئاخۇن داداش بىلەن پاراڭلاشىپ ئولتۇرغانىكەن. مەنى كۆرۈپ، ئىككەيلەن ئۆز ئارا بىر-بىرىگە ھەيران قالغان قىياپەتتە بىر قاراشىۋالدى-دە، گويا تەڭلا ئاۋازدا: «‹كىمنىڭ گەپىنى قىلسا، شۇ كەپتۇ› دەگەندەك» دەپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇشتى. مەن يۈگۈرگەندەك بارىپ، دەسلەپ ئابدۇكەرىم ئاخۇن داداش بىلەن ئىككى قوللاپ كۆرۈشتۈم. ئارقادىن، ھەيتاخۇن ئاداشىمنى ئوڭ قولۇم بىلەن يانچە قۇچاقلاپ تۇرۇپ: «خاپا بولما، ئاداش، مەن خاتا قىلىپتىمەن» دەدىم. بۇ گەپنى دەگەن چاغىمدا، يۈزۈم قىزارىپ، پەشانەمدىن تەرلەر چىقىپ كەتكەنىنى ئۆزۈم سەزىپ تۇردۇم.

ئاڭغىچە، ھەيتاخۇن ئاداشىمنىڭ ئاناسى ھىدايەخان ئاچام ئۆيىنىڭ ئىچىدىن يۆلەنچۈكسىز كىچىك ئورۇندۇقتىن بىرنى ئەپچىقىپ بەردى، ئۇنى ئابدۇكەرىم داداش بىلەن ھەيتاخۇن ئاداشىمنىڭ ئالدىدا قويۇپ، ئۇلارغا يۈزلەنىپ ئولتۇردۇم. ئارقادىن، ئۇلار ھىچ سوراماسىمۇ، مەن دادام بىلەن يوپۇ:غا ناھىيەسىدىن يۆتكەلىپ، مۇراد بەخشىش ئاتامدىكى شامالباغ باشلانغۇچ مەكتەپىگە كىرىپ، 4-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى بولغان مۇشۇ بىرەر ئايدىن ئارتۇغراق ۋاقىتتىن بۇيانقى تەئسىراتلارىمدىن باشلاپ، بۈگۈن مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كەيىن، مەكتەپ دەرۋازەسىنىڭ ئالدىدا بولغان ھۆرپۈيۈشۈش ۋەقەسىگىچە ھەممەنى بايان قىلىپ، ئاخىردا، تەكرار-تەكرار ئەپۇ سورادىم.

– ھىچ گەپ يوق، ئاداش،- دەدى ھەيتاخۇن سەمىمىيلىك تۆكۈلۈپ تۇرغان كۆزى بىلەن دوستانە تىكىلىپ تۇرۇپ،- سەن ياڭى كەلگەچ بىلمەسەڭمۇ، مەن ئوبدان چۈشەنىمەن ئەمەسمۇ ئۇ بىر نەچچە نەپەر ئۇرۇش خۇمار «نوچى» ساۋاقداشلارىمنى. ئۆز ئارا مۇشتلاشقان قانداق ئوغۇل بالاچىلىق بولىدۇ؟ ئوغۇل بالاچىلىق دەگەن ساڭا ئوخشاش مۇئەللىم سوراغان سوئاللارغا دۇدۇقلىماي، راۋرۇس جاۋاب بەرىدىغان ۋە سىناق-ئىمتىھانلاردا ھەمىشە بەشنى قاتۇرۇپ ئالىدىغان ئەزىمەتلىك ھەقىقىي ئوغۇل بالاچىلىق بولىدۇ.

– شۇنداق، سىلى كەلىشتىن بۇرۇن بىزمۇ شۇ گەپلەرنى قىلىشىپ ئولتۇراتتۇق، بالام،- دەدى ئابدۇكەرىم ئاخۇن داداش ۋە نەسىھەت ئاھاڭىدا گەپ باشلادى،- سىلەر كىچىك بالالار بىلمەيسىلەر، بۇ قەشقەردە كونا جەمئىيەتتىن قالغان بەئزەن ئوسال ئادەتلەرمۇ بار، مۇشۇ ئۆز ئارا مۇشتلاشىپ، «نوچى»لىق تالاشىدىغان ئىش ئاشۇ ناكەس ئادەتلەرنىڭ بىرى. بۇرۇن مۇشۇنداق ياشلارنى ئۆزئارا مۇشتلاشتۇرۇپ، نوچى تاللايدىغان ئادەت بار ئىدى. ھەر كوچانىڭ، ھەر مەھەللەنىڭ بىرەردىن نوچىسى بولاتتى. ھازىر ياڭى جەمئىيەت بولدى. سىلەر مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارى، ئۇنداق ئىشلارنى قىلساڭلار مۇتلەق ياراشمايدۇ-دە!

-قانداق بولغان، ئىككىمىزنىڭ باشقالارنىڭ ۋەسۋەسە قىلتاقىغا چۈشۈپ، مۇشتلاش مەيدانىغا چۈشكەنىمىزنى بىرسى بىردەمدىلا ئاقىتماي-تامىتماي دادامنىڭ قۇلاقىغا قۇيۇپ بولۇپتۇ دەڭلا، ئاداش،- دەدىممەن ئابدۇكەرىم داداشنىڭ گەپى ئۈزۈلگەندە،- دادام شۇ قەدەر كايىدىكى، خىجىللىقتىن كىرىۋالىدىغانغا كامار تاپالماي كەتتىم زادى.

– سىلىنىڭ دادالارى پولات ئەپەندىم بىلەن ياش ۋاقتىمىزدىن تارتىپ سالامى سىھھەتىمىز بار. پولات ئەپەندىم قەشقەرگە كومپارتىيە كەلىشتىن بۇرۇنمۇ ئاشۇ مۇراتۋاشتام (مۇراد بەخشىش ئاتام) مەكتەپىدە ئەپەندىچىلىك قىلاتتى. بۇ ئەتراپتا، دادالارىنىڭ بۇرۇندىنلا «ئوقۇغۇچى بالالارنىڭ ئەخلاقسىزلىق، ئىنتىزامسىزلىق قىلىشىغا مۇتلەق يول قويمايدىغان كەسكىن مۇئەللىم» دەپ داڭقى بار ئىدى. ھالبۇكى، بۈگۈن ئەپەندىمنىڭ كايىغىنى ئەلبەتتە دۇرۇس. ئۈمىد شۇكى، ياخشى ئوقۇڭلار، ئىنتىزاملىق، ئەخلاقلىق ۋە بىلىملىك ئەسىل ئادەم بولۇڭلار، بالالارىم.

ئابدۇكەرىم داداشنىڭ تەربىيەسى يۈرەك-يۈرەكىمگە ئورناپ كەتتى. بۇ ھالدا، بىز ھەيتاخۇن ئىككىمىز ئابدۇكەرىم ئاخۇن داداشنىڭ كۆز ئالدىدالا قايتا قول ئالىشىپ تۇرۇپ، ئۆمۈر بويى ئۆز ئارا ئۇرۇش-تالاش قىلمايدىغان، ئەكسىنچە ئەبەدۇل ئەبەد بىر-بىرىمىز بىلەن ئىناق ئۆتۈشىدىغان قىيامەتلىك ئاغىنە بولۇشقا ۋەئدەلەشتۇق.

(5)

قىش ئۆتۈپ، 1960-يىلنىڭ باھار پەسلى كەلدى. شامالباغنىڭ تۆمەن دەرياسى بويى يەنە ياڭىدىن ياشارىپ، ياپ-يەشىلچىلىققا پۈركەندى. شامالباغ باشلانغۇچ مەكتەپىنىڭ دەرسخانالارىدىن ياڭرىغان «ۋاڭ-ۋاڭ» ئۈنلۈك ئوقۇش سادالارى تۆمەن دەرياسى سۈيىنىڭ شاۋقۇن ئاۋازلارىغا قوشۇلۇپ، ئۇزاق-ئۇزاقلارغا كەتەتتى.

نەۋروز بايرامىدا، نەۋروزلۇق ئاشلارىمىزنى ئىچىپ، ياڭى باھار- ياڭى بىر يىلنىڭ باشلانغانلىقىنى قۇتلۇقلادۇق. شۇ كۈنلەردە، بىز 4-سىنىپلىق ئاغىنە بالىلار «بىز دەگەن بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان چوڭلار» دەپ ئۆزىمىزچە پەخىرلەنگەندىن باشقا، ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىپ ئوقۇش ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇشنىڭ نەقەدەر ئابرويلۇق ئىش ئىكەنلىكىنى خىيال قىلىشىپ، بىر-بىرىمىزنى رىغبەتلەندۈرۈشەتتۇق.

بولۇپمۇ مەن ئۆزۈمنى ئەمدى كىچىك بالا ئەمەس، بەلكى باشلانغۇچنى پۈتتۈرۈپ، ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىدىغان چوڭ بالا ھىسابلايدىغان ۋە بۇ خىل چوڭ بالا بولغانلىقىمنى بىرەر ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن ئىپادىلەشكە تىرىشىدىغان بولۇپ قالدىم. ئالايلۇق، مەھەللەدە، تونۇيدىغان-تونۇمايدىغان دەپ ئايرىماي، چوڭ ئاكاش-داداش ۋە ئاپاشلارنى كۆرسەم، ئوڭ قولۇمنى سول تەرەپ كۆكرەكىم ئۈستىگە قويۇپ تۇرۇپ: «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ، قەددىمنى سەل ئەگىپ ئۆتىدىغان بولدۇم. بۇ ھالدا، مەنىڭ سالامىمنى ئىلىك ئالغان كىشىلەرنىڭ مەن ئۆتۈپ كەتكەندىن كەيىن: «پولات ئەپەندىمنىڭ ئوغلى ئۇ»، «ئەدەپ-قائىدەلىك ياخشى بالا بوپتۇ» دەگەنلەرىنى ئاڭلاسام، قەۋەتلا خوش بولۇپ قالاتتىم.

بىر كۈنى ئەتىگەندە، ئەتىگەنلىك چاينى ئىچىپ بولغاندىن كەيىن، دادامنىڭ بىر قەغەز خالتىدىن يۇمۇلاق ئاق دورىدىن بىر نەچچەنى ئالىپ، سوغۇتۇلغان قايناق سۇ بىلەن ئىچىۋاتقانلىقىغا كۆزۈم چۈشتى-دە، دەرھال دادامدىن سورادىم:

– دورا ئىچىۋاتىسەن، زۇكامداپ قالدىڭمۇ، دادا؟

– داداڭ زىققا كەسەلى بولۇپ قاپتۇ، بالام،- ئانام جاۋاب بەردى دادامنىڭ ئورنىدا.

ئارقادىن، دادام ئۆزى «زىققا كەسەلى» دەگەننىڭ قانداق ئاغرىق ئىكەنلىكى ۋە ئۆزىنىڭ قانداق بولۇپ مۇنداق كەسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقى توغراسىدىكى پەرەزلەرى قاتارلىقلارنى مەن چۈشەنەلەگەدەك سۆزلەر بىلەن دەپ بەردى. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ كۆڭلۈمدە: «ئاكام يوپۇ:غا ناھىيەسىدە ئوقۇپ قالدى. مەن دەگەن ھازىر ئۆيدىكى بالالارنىڭ چوڭى بولۇپ قالدىم. شۇنداق ئىكەن، مەن دادامغا ياردەمچى بولۇپ قىلالايدىغان ئىشلارنى قىلىشىم، ئىمكان بار دادامنى ياخشى دەم ئالدۇرۇشۇم لازىم» دەپ ئويلادىم.

شۇنىڭ بىلەن، بىر كۈنى كەچقۇرۇنلۇقى تاماق يەپ بولغاندىن كەيىن، دادام: «مەن بۈگۈن كەچە ۋە ئەرتە كۈندۈز مەكتەپتە نۆۋەتچىلىك قىلىمەن. شۇڭا، بۈگۈن كەچەدە، مەكتەپ ئىشخاناسىدا ياتىشىم كەرەك. ئەرتە سەھەر تۇرۇپ، ئىشخانا ۋە ھويلا-ئاراملارنى سۈپۈرۈپ تازالاپ، ئوقۇتقۇچىلار كەلگىچە چاي قايناتىپ، تەخ قىلىپ تۇرىدىغان گەپ شۇ» دەپ، ئورنىدىن قوپۇپ ماڭغىلى تەمشەلگەنىدى، مەن: «دادا، سەنىڭ ئورنىڭدا، مەن قىلاي ئۇ ئىشلارنى» دەدىم كەسكىن ئاھاڭدا،

– مەكتەپنىڭ ئۈچ تەرەپى مازارلىق، كەچەدە قورقمامسەن؟

– ھازىر بارىپ، ھەيتاخۇن ئاداشىمنى چاقىرىپ كەلىمەن-دە، قورقمايمىز!

شۇنداق دەدىم-يۇ، ئورنىمدىن دەس تۇرۇپ، ئىشىككە قاراپ ماڭدىم. ئىشىكتىن چىقىپ كەتىۋاتسام، ئانامنىڭ پەخىرلەنگەن ئاھاڭدا: «قاراسالا داداسى، ئوغلۇمىز ئابدۇرەئوپ راستىنلا چوڭ بولۇپتۇ» دەگىنىنى ئانىق ئاڭلادىم.

ھەيتاخۇننىڭ ئۆيىگە بارىپ، ئەھۋالنى دەۋىدىم، ئۇ مەمنۇنلۇق بىلەن مائقۇل بولدى. ھەممەدىن تولا ئابدۇكەرىم ئاخۇن داداشنىڭ خوشال بولۇپ كەتكەنىنى دەمەمدىغان تەخى.

– ئوغۇل بالاچىلىق دەگەن مانا ماۋۇ!،- دەدى ئۇ ئىچ-ئىچىدىن ئۇرغۇپ چىققان سۆيۈنۈش بىلەن بىزنى ھويلانىڭ ئىشىكىگىچە ئۇزاتىپ چىقىۋاتىپ.

ھەيتاخۇن ئاداشىم 3-سىنىپ چاغىدا ساۋاقداشلارى بىلەن بىللە سىنىپ مۇدىرىغا ھەمراھ بولۇپ، مۇنداق نۆۋەتچىلىكنى قىلىپ باقىپتىكەن. شۇڭا، ئۇ باشلامچى بولۇپ، كەچتە مەكتەپنىڭ چوڭ-كىچىك ئىشىك-دەرۋازەلەرىنى تاقاش-ئاچىش، ئەتىگەن سەھەردە، كۆلدىن سۇ ئالىپ كىرىپ، چاي قايناتىش، ئىشخانادىكى ئۈستەل-ئورۇندۇقلارنى سۈرتۈپ تازالاش قاتارلىق ئىشلارنى جاي-جايىدا قىلدۇق. شۇغىنىسى، ئىككى ئاغىينە كەچەچە ئۇخلاماي دەگۈدەك مۇڭداشىپ چىققاچ، سەھەردە، مەكتەپنىڭ دەرۋازەسىنى ئاچىشتا، بىر ئاز كەچىكىپ قالدۇق شۇ. بىراق، بۇنى ھىچكىمگە دەمىدۇق.

(6)

6-ئاينىڭ 20-كۈنى بولغاندا، بىز ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان 4-سىنىپنىڭ دەرسلەرى توختادى. ئومۇمىي مۇزاكىرە، ئىمتىھان ۋاقىتلارى كۈن، سائەتلەرىگىچە ئانىق قىلىپ ئۇقتۇرۇلدى. «باشلانغۇچ مەكتەپ ھاياتىمىزدىكى ئەڭ ئاخىرقى ھاياجانلىق چاغلار» دەپ تەسۋىرلەشەتتۇق بۇ سائەتلەرنى ئۆزىمىزچە.

ئومۇمى مۇزاكىرە ۋە ئىمتىھان ئىشلەرىمىز خەلى جىددى، ئەمما تەرتىپلىك ئۆتتى. ئادەتتىكى چاغلاردىن تارتىپ، دەرسلەرنى ۋاقتى-ۋاقتىدا ياخشى تەكرارلاپ، ئوبدان مەشق قىلىپ تۇرغانلىقىم ئۈچۈن، يىللىق ئىمتىھان نەتىجەلەرىم كۆڭلۈمدىكىدەك بولدى. مەكتەپ بويىچە يىللىق ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلەرىنى باھالاشتا، ھەيت ئابدۇكەرىم ئاداشىم مەكتەپ بويىچە، «1960-يىللىق مەكتەپ بويىچە ئۈلگەلىك ئوقۇغۇچى» بولۇپ باھالاندى. مەن سىنىپ ئەلاچىسى ۋە ئەلا نەتىجە بىلەن مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار سەپىدىن ئورۇن ئالدىم.

مەكتەپتىن ئايرىلىش رەسمىيەتلەرىنى بەجىرىپ بولغان كۈنى كەچقۇرۇن، مۇئەللىملەرمۇ ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىت بولغان ئىدى. نەمە ئۈچۈندۇر، مەكتەپ دەرۋازەسى ئالدىدا بىردەم تۇرىۋالغۇم كەلدى. دەرۋازا ئالدىدا، خىيالەن ئۇياندىن بۇيانغا، بۇياندىن ئۇ يانغا ماڭىپ تۇراتتىم. بىردەمدىن كەيىن، مەكتەپ ئىچىدىن ئىشتىن چۈشكەن دادام چىقىپ كەلدى.

– مەنى ساقلاپ تۇرغانمىدىڭ؟ جۈرە ئەمىسە، بىللە قايتايلى ئۆيگە،- دەدى دادام. مەن دەرھال ئۇنىڭغا يانداشتىم ۋە مەھەللەمىز تامان يۈرۈپ كەتتۇق. مەكتەپتىن ئۇدۇل چىقىپ، سوقا كۆل مەھەللەسى بىلەن شامالباغ مەھەللەسىگە ئايرىلىدىغان يول دوقمۇشىغا كەلسەك، شامالباغ مەھەللەسى تەرەپتىن بىر مويسىپىت كىشى چىقىپ كەلدى:

– ھارماغايلا، زىيائىي ئەپەندىم،- دەدى دادام يولنىڭ چەتىگە چىقىپ، قولىنى كۆكسىگە قويۇپ، تولامۇ ئىززەت-ئىكرام بىلەن،- قەدەم ئىزلەرى قالغان مەھەللەمىزدىن گۈللەر ئۈنگەي! مەنمۇ دادامنىڭ يانىدا، قەددىمنى سەل ئالدىمغا پۈكۈپ، ھۆرمەتتە تۇردۇم.

– ئەلەيكۇم سالام، پولات ئەپەندىم،- دەدى ئۇ مويسىپىت كىشىمۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ،- مەكتەپتىن قايتىپلا-دە. مەنمۇ ئىشتىن چۈشۈپ، ئۆيۈمگە قايتىپ چىقىۋاتىمەن،- بۇ يىگىت سىلىنىڭ ئوغال ئوخشامامدۇ، قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىكەن ئۆزلەرىگە.

– شۇنداق، مەنىڭ ئىككىنچى ئوغلۇم. بۇ يىل باشلانغۇچنى پۈتتۈردى،- دەدى دادام تولامۇ مەمنۇن بولغان بىر خىل ئاھاڭدا.

دادامنىڭ گەپىنىڭ ئاياغى ئۈزۈلۈپ بولغاندا مەن: «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەپەندىم تاغا!» دەپ ئوڭ قولۇمنى كۆكسۈم ئۈستىگە قويدۇم. ئۇ كىشى سالامىمنى ئىلىك ئالدى ۋە قولىنى ئۇزاتتى. مەن دەرھال ئالدىمغا ئىككى قەدەم ماڭىپ بارىپ، ئۇ مويسىپىت بىلەن ئىككى قوللاپ كۆرۈشتۈم.

– ياخشى ئوقۇڭ، ئوغلۇم. داداڭىزغا ئوخشاش ئىلىم ئۆگرەتكۈچى مۇئەللىم بولغايسىز، ئىلاھىم.

– ھە راست، پولات ئەپەندىم، مەن سىلە دەگەن ھەلىقى ماتىرىيالنى ئالغاچ چىققان ئىدىم،- دەگىنىچە، قولىدىكى سومكادىن نەپىزرەك بىر كىتابنى چىقارىپ، دادامغا ئۇزاتتى،- ئۆزەم دىككىدە مەكتەپكە ئەپكىرىپ بەرەرمەن، ياكى بالامدىن چىقىرارمەن، دەپ ئويلاپ كەلىۋاتاتتىم تەخى. ئۆزلەرى ئۇچراپ قالدىلا ياخشى،- دەپ قوشۇمچە قىلدى ئۇ مويسىپىت كىشى.

– ھەشقاللاھ، رەھمەت، ئەپەندىم، مەن كۆرۈپ بولغاندىن كەيىن، ئۆز قولۇم بىلەن قايتۇرۇپ ئەكىرىپ بەرىمەن ئۆزلەرىگە، دەدى دادام كىتابنى قولىغا ئالىپ، بەكمۇ خۇرسەن بولغان ھالدا.

ئارقادىن، ئۆز ئارا ياخشى دۇئا-تىلەك گەپلەرنى قىلىشىپ، خەيرلەشتۇق ئۇ ئوتتۇرا بوي، يارىشىملىق چار بۇرۇت-ساقاللىق كىشى بىلەن.

– «ئەھمەد زىيائىي»دېگەن ئالىم كىشى شۇ،- دەدى دادام ئۇ كىشى سەل ئۇزاپ كەتكەندىن كېيىن، بوشراق ئاۋازدا،- ئۇنىڭ «لاداق يولىدا كارۋان»، «نەي ئاۋازى» دەگەن ئەسەرلەرى چەت ئەللەردىمۇ بەك مەشھۇر. ھازىر «قەشقەر گەزىتى» ئىدارەسىدا ئىشلەيدۇ. ئۆيى ئاشۇ سوقا كۆل مەھەللەسىنىڭ تۆمەن بويى تەرەپ دەل ئوتتۇراسىدا.

مەن ئارقامغا بۇرۇلۇپ قاراپ، بىز بىلەن خوشنا مەھەللەدە ياشايدىغان ئۇ شامالباغلىق مەشھۇر ئالىم ئەھمەد زىيائىي ئەپەندىم بىلەن قول ئالىشىپ كۆرۈشكۈنۈم ۋە ئۇ كىشىنىڭ ئىللىق نەزەر بىلەن باقىشىغا، خالىس دۇئاسىغا مۇيەسسەر بولغانلىقىمدىن بەكمۇ پەخىرلەنىپ قالدىم.

(7)

تۆرت يىل ئوقۇغان، تۆرتىنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالغان ئادەمدە، ئۆزى ئۇچراتقان ۋە ئۆزى ئۈچۈن ياڭى، قىزىقارلىق بىلىنگەن ھەر قانداق ئىش ياكى نەرسەنىڭ ئۈجۈر-بۈجۈرىنى بىلىۋالغۇسى كەلىپ، نەپسى تاقىلداپ كەتىدىغان گەپكەن. ھالبۇكى، ھەتتا مەكتەپىمىزنىڭ نامىغامۇ ۋەكىللىك قىلىپ، كەڭ خەلق ئاراسىدا «مۇراتباشتام، مۇراتۋاشتام، مىراقۋاشتام» ئاتالىپ خەقنىڭ ئاغزىدىن چۈشمەيدىغان، بەزى چاغلاردا ئۇزاق-ئۇزاقلاردىن كەلگەن زىيارەتچىلەر بىلەن قورۇسى لىق توشۇپ كەتىدىغان بۇ مۇراد بەخشىش ئاتام مازارى ھەققىدىكى بىلىم مەنىڭ قىزىقىشىمنى بەكلا قوزغادى. ياخشىمۇ دادامنىڭ مۇئەللىم بولۇپ قالغانى. بىر كۈنى ئاخشامى دادامدىن سورادىم. بىلىم-ئىلىم ھەققىدە سوئال سوراسام، خۇددى چوڭ ئادەملەر بىلەن مۇڭداشقاندەك ئەستايىدىل جاۋاب بەرىدىغان مۇئەللىم دادام، سەل تۇرىۋالغاندىن كەيىن، ئۆزىنىڭ خاس كىتاب ساندۇقىدىن بىر كىتابنى ئالدى، مەن تونۇپ قالدىم، ئۇ ھەلىقى بىر كۈنى ئالىم تاغام ئەھمەد زىيائىي بەرگەن كىتاب شۇ ئىدى.

– بۇ كىتابنىڭ ئىسمى “تەزكىرەئى مۇرادبەخشىش ئاتام”، سەنىڭ سوئالىڭغا بۇ كىتاب مۇنداق جاۋاب بەرىدۇ،- دەگىنىچە دادام ماڭا مۇنۇلارنى ئوقۇپ بەردى:

«… قەبرىگاھنىڭ مەركەزىدە ياتقان زاتنىڭ ئەسلىي نامى شەرىپى ‹سەئىد ئابدۇلفەتتاھ غازىي› بولۇپ، ئۇيغۇر قارا خانىيلار دەۋرىدە، ئەرەبىستاندىن كاشغەرگە كەلىپ، سۇلتان سۇتۇق بۇغرا قارا خان (859-955 يىللار) ئورداسىدا، ئوردا ئولەمالارىغا ئۇستاد بولغان، خانلىققا شەيخۇل ئىسلام بولغان. سۇتۇق بۇغرا قارا خان ۋاپات بولغاندا، مەيىت نامازىنى مەزكۇر سەئىد ئابدۇلفەتتاھ غازىي ئوقۇغان. كەيىن، بۇغرا قاراخاننىڭ نەۋرەسى سۇلتان ھەبىبە خانىمنىڭ دۇئاگۇيلارىدىن بولغان. سۇلتان ھەبىبە خانىم ۋاپات بولغاندا، سەئىد ئابدۇلفەتتاھ غازىي ئۇنىڭ مەيىت نامازىنى ئوقۇغان. شۇندىن كەيىن، خەلى بىر مەزگىل سۇلتان ھەبىبەم ئاتالغان مەھەللەدىكى سۇلتان ھەبىبە خانىم مازارىغا شەيخ بولۇپ، دۇئا تىلاۋەتگۇي بولۇپ تۇرغان. كەيىنچە، مەزكۇر سۇلتان ھەبىبەم مەھەللەسىدىن غەرب تەرەپكە سەككىز-توققۇز يۈز مەتىرچە ئارالىقتىكى جۇغراپىيەلىك ئورنى نىسبەتەن ئەگىز بولغان ۋە شامالباغ مەھەللەسى بىلەن سوقا كۆل مەھەللەسىنىڭ ئورتاسىدىكى خىلۋەت جايغا بىر مەدرەسە بىنا قىلدۇرۇپ، مەزكۇر مەدرەسەدە ئۆزى باش مۇدەررىس ئاخۇنۇم بولۇپ، مۇخلىسلارغا ئىلىم-مەئرىپەت ئۆگرەتكەن. ‹مۇرادبەخشىش ئاتام› دەگەن لەقەب شاگىرت تالىبلارى تەرەپىدىن مانا شۇ چاغدا قويۇلغان بولۇپ، ‹ئىلىم-ئىرپان ئۆگرەتىپ، ئىنساننى مۇرادىغا يەتكۈزىدىغان ئاتام› دەگەن بولىدۇ. مۇرادبەخشىش ئاتام بىر يۈز يىگىرمە ياشىدا ۋاپات بولغاندىن كەيىن، ئۆزى بىنا قىلدۇرغان ۋە باش مۇدەررىس بولغان مەزكۇر مۇرادبەخشىش ئاتام مەدرەسەسىنىڭ شىمال يانىغا، خاس دەپىنگاھ ياسالىپ، دەپنە قىلىنغان. شۇندىن كەيىن ۋاپات بولغان مۇخلىس شاگىرتلارى ئۇنىڭ ئاياغىغا دەپنە قىلىنغان. كەيىنچە بارا –بارا كەڭەيىپ، مەشھۇر مۇرادبەخشىش ئاتام قەبرىستانلىقى بولۇپ شەكىللەنگەن».

– شۇنداق گەپ، – دەدى دادام قولىدىكى ئۇ ۋاراقلارى سارغايىپ كەتكەن نەپىز كىتابنى ياپىپ قويۇپ،- سەن ئوقۇش پۈتتۈرگەن بۇ شامالباغ باشلانغۇچ مەكتەپىنىڭ ئەسلى ئاشۇ مۇرادبەخشىش ئاتام مەدرەسەسى بولۇپ، ئۇ قەشقەر شەھىرى ئىچىدىكى ئوردا ئىشىكى جامىئە مەدرەسەسى ۋە ساجىيە خانلىق مەدرەسەسى (皇家学院) قوشۇلۇپ، كاشغەردىكى ئۈچ ئەڭ قەدىمىي ئىلىم-ئىرپان ئوچاقلارى سانالىدۇ، ئوغلۇم.

دادامنىڭ كىتابىي يازما ئاساسى بىلەن بەرگەن بۇ بىلىك ئىزاھى ۋە چۈشەندۈرۈشى مەنى ئاجايىپ ئىپتىخارلاندۇردى. مىڭ يىللار مابەينىدە تىنىمسىز ئاقىۋاتقان تۆمەن دەرياسى ۋە ئۇنىڭ بويىدا ئەۋلادلارنى مەئرىپەتلەندۈرۈش ئۈچۈن تەمەسىز مۇئەللىملىك قىلىپ كەلگەن ئەجدادلارنىڭ سىماسى سەبىي قەلبىمدە ئەبەدىي ئۆچمەس بولۇپ ئورناپ كەتكەندەك بولدى.

شۇ چاغ، بۇ كاشغەرىيلەرنىڭ مەن باشلانغۇچنى ئوقۇغان مەزكۇر “شامالباغ باشلانغۇچ مەكتەپى”نى نەمىشقا “شامالباغ مەكتەپى” دەمەي، “مۇرادبەخشىش ئاتام مەكتەپى” دەيىشكە ئامراملىقىنىڭ سەۋەبىنى نەگىزى بىلەن چۈشەنگەندەك بولدۇم….

ئىلاۋە: بۇ ئەسەر پىروفېسسور دوكتور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى (لايىھە)» بويىچە يېزىلغان بولۇپ، ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئاكادېمىيە تور بېتىدە ئەينەن ئىلان قىلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top