• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » بۆرىلەر ھوۋلىماقتا…

بۆرىلەر ھوۋلىماقتا…

ئەﺧﻤﻪﺕ ﺋﯩﻤﯩﻦ

ﺋﻮﺭﻣﺎﻥ
ﺋﻮﺭﻣﺎﻥ. ﺋﺎﻳﺪﯨﯔ ﻛﯧﭽﻪ. ﺩﻩﺭﻩﺥ ﻳﻮﭘﯘﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻧﺪﺍ – ﻣﯘﻧﺪﺍ ﺋﻪﺳﻜﻪﻥﺷﺎﻣﺎﻟﺪﯨﻦ ﺷﯩﺮﯨﻘﺸﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻱ ﻧﯘﺭﻯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﭼﯩﻤﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﯘﺱﻳﻮﺭﯗﺗﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﻻ ﺳﺎﻳﻪ، ﻧﯧﺮﯨﺴﻰ ﺳﯘﺱ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﭼﯩﻠﯩﻖ؛ ﺑﯩﺮﻳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﻗﺎﺭﺍ ﺳﺎﻳﻪ، ﻧﯧﺮﯨﺴﻰ ﻗﺎﭘﻘﺎﺭﺍﯕﻐﯘﭼﯩﻠﯩﻖ.

«ﮬﯘﯞ » ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺋﺎﯕﻼﻧﺪﻯ.

ﺑﯘ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﯗ؟

ﺑﻮﺭﺍﻧﻨﯩﯔ ﮬﯘﯞﯗﻟﺪﯨﺸﯩﻤﯘ؟ ﻳﺎﻕ، ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ! ﭘﯩﻠﻨﯩﯔ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﺸﯩﻤﯩﺪﯗ؟ ﻳﺎﻕ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﯩﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ!

«ﮬﯘﯞ »، «ﮬﯘﯞ » ﺋﺎﯞﺍﺯ ﻛﯜﭼﻪﻳﺪﻯ.

ﺗﻮﯞﺍ، ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺟﯩﻦ – ﺋﺎﻟﯟﺍﺳﺘﯩﻼﺭ ﺩﻩﻝ – ﺩﻩﺭﻩﺧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﻣﯚﻛﯜﭖﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﻩﻙ، ﮬﯧﻠﯩﻼ ﺋﯘﻳﺎﻗﺘﯩﻦ – ﺑﯘﻳﺎﻗﻘﺎ ﻳﯜﮔﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻗﯘﺵ ﺑﻪﺳﺘﻰﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯜﺭﻟﯜﻙ ﺳﺎﻳﻪ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻳﻮﭘﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﺋﯘﭼﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ، ﺑﯩﺮ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﺎﻣﺎﻟﺪﺍﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﺷﺎﺧﻼﺭﺩﻩﻙ ﺋﯩﺮﻏﺎﯕﺸﯩﭗ، ﺑﯩﺮ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﺎﺭﯨﻜﺎﺗﻮﺭﯨﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﺖﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﯩﻞ ﺳﯩﻴﺎﻕ ﺗﻮﻟﻐﯩﻨﯩﭗ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ ﻛﯚﺯﺋﺎﻟﺪﯨﻤﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﻟﺪﯨﻐﯘ!؟

ﻣﻪﻥ ﺑﯧﺸﯩﻤﻨﻰ ﭼﺎﻳﻘﯩﯟﻩﺗﺘﯩﻢ، ﻛﯜﭼﻪﭖ ﭼﺎﻳﻘﯩﺪﯨﻢ، ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻲﻣﻪﻧﺰﯨﺮﻩ ﻳﻮﻗﺎﻟﺪﻯ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻤﺪﺍ ﺷﯩﭙﯩﺮﻟﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻤﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺪﯨﻢ، ﺩﻩﺭﻩﺧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺪﯨﻢ، ﮬﯧﭻ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﻮﻕ؛ ﻛﻪﻳﻨﯩﻤﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺪﯨﻢ، ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ، ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺪﯨﻢ، ﻳﻪﻧﻪ ﮬﯧﭻ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﻮﻕ، ﺳﻮﻝﻳﯧﻨﯩﻤﺪﯨﻤﯘ ﺷﯘ. ﺋﻮﯓ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻤﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺪﯨﻢ، ﭼﺎﺗﻘﺎﻟﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺯﯛﻣﮕﻪﭘﯩﻠﯩﻠﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺋﯘ ﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﺗﯩﻜﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﺭﯨﺪﯨﻢ. ﺋﯘ ﭼﻮﻏﺪﻩﻙﻳﯧﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺟﯜﭖ ﻛﯚﺯ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺗﯧﻨﯩﻢ ﺟﯘﻏﯘﻟﺪﯨﺪﻯ، ﺗﻪﺭﻟﯩﺪﯨﻢ. ﻣﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﻯ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﻘﯘﺩﻩﻙ ﺟﯜﺭﺋﻪﺕﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﭼﯧﺪﯨﺮﯨﻤﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ، ﺑﯘﻣﯘ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰﻣﻪﮬﻜﻪﻡ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﻗﺎﻕ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ. ﻧﯧﻤﯩﻼ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻮﺷﻴﺎﺭﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﺎﻻ ﻳﻮﻕ – ﺩﻩ!

ﭼﯧﺪﯨﺮ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ

ﭼﯧﺪﯨﺮ ﺋﯩﭽﻰ. ﭼﺎﯕﻐﯩﺮﺍﻗﻘﺎ ﺗﯩﻜﯩﻠﮕﯩﻨﯩﻤﭽﻪ ﻛﯚﻛﻜﻪ ﺗﻪﻟﻤﯜﺭﯛﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﻤﻪﻥ. ﻛﯚﻛﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﻱ ﭘﻪﺭﯨﺸﺎﻥ ﮬﺎﻟﯩﻤﻐﺎ ﺋﯩﭻ ﺋﺎﻏﺮﯨﺘﻘﺎﻧﺪﻩﻙ، ﻣﺎﯕﺎ ﻣﯘﯕﻠﯘﻕ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﻳﯘﯓ – ﻛﺎﺷﺎﻳﯩﭙﻼﺭ ﭼﯧﺪﯨﺮﻧﯩﯔ ﻛﻪﺭﻩﮔﻪ – ﺋﻮﯞﯗﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﮬﻜﻪﻡ ﭼﯩﺮﻣﺎﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﻩﻙ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﺎﻟﻼﻣﻨﯩﻤﯘ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭ ﭼﯩﺮﻣﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ. ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﺴﺎﻣﻤﯘ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﺮﺟﯜﭖ ﻛﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﯨﻦ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺘﺘﻰ. ﻧﯧﻤﯩﺪﯦﮕﻪﻥ ﺳﯜﺭﻟﯜﻙ ﻛﯚﺯﻟﻪﺭ – ﮬﻪ! ﭼﻮﻏﺪﻩﻙﻳﯧﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯩﺮﯨﭽﯘ!

ﻛﯚﺯﻟﻪﺭ! ﻛﯚﺯﻟﻪﺭ !

ﺗﻪﯕﺮﯨﻢ، ﻣﻪﻥ ﻛﯚﺯﻟﻪﺭﺩﯨﻦ: ﺳﯜﺭ ﻳﯧﻐﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻛﯚﺯﻟﻪﺭﺩﯨﻦ، ﻣﻪﻛﻜﺎﺭﻟﯩﻖ، ﭘﯩﺘﻨﯩﺨﻮﺭﻟﯘﻕ ﭼﺎﻗﻨﺎﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻛﯚﺯﻟﻪﺭﺩﯨﻦ، ﻧﻪﭘﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ، ﺷﯘﻣﻠﯘﻕ ﺗﯚﻛﯜﻟﯜﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥﻛﯚﺯﻟﻪﺭﺩﯨﻦ، ﮬﻪﺳﻪﺕ ﯞﻩ ﯞﻩﮬﺸﯩﻴﻪﺕ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻛﯚﺯﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﻗﺎﭼﯘﺭﯗﭖ، ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﺴﯩﺰ ﺩﺍﻟﯩﺪﯨﻦ ﻣﺎﻛﺎﻥ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯩﺪﯨﻢ؟! ﺭﺍﺳﺖ، ﻣﻪﻥ ﺑﺎﻳﺎﻣﻘﻰ ﻛﯚﺯﺩﯨﻦﺳﯜﺭﺩﯨﻦ ﺑﯚﻟﻪﻙ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﯚﺯ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺍﻟﻤﯩﻐﺎﻥﻛﯚﺯ ﻧﻪﺋﯜﭼﯜﻧﻜﻰ ﺳﺎﯕﺎ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯚﺯﻟﻪﺭﻧﯩﻤﯘ ﺋﻪﺳﻠﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.

ﻣﻪﻥ ﺟﯩﻖ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪﯨﻢ، ﺋﯚﺯﯛﻡ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ، ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺰﺍﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﯩﺘﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪﯨﻢ، ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻣﻪﻥ ﻳﺎﺷﺎﻳﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﮬﯩﺘﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪﯨﻢ. ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻢ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﻳﺎﻣﻘﻰﺑﯩﺮ ﺟﯜﭖ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﺘﻰ.

ﺋﯘ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻤﺪﺍ ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﯩﻨﻪ؟

ﺑﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﯩﻤﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﭼﯧﺪﯨﺮ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﻪﻟﻪﯕﻠﻪﭖ ﻗﺎﺭﯨﺪﯨﻢ، ﺗﯜﯕﻠﯜﻛﻜﻪﻗﺎﺭﯨﺪﯨﻢ. ﺋﺎﻱ ﻣﺎﯕﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯘﯕﻠﯘﻕ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﻛﯚﺯﯨﻨﻰﭼﯩﻤﭽﯩﻘﻠﯩﺘﯩﭗ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ، ﭼﻮﯓ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩﻙﻳﯧﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ﺧﯩﻴﺎﻝ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﻮﻻ ﺗﺎﺳﻘﯩﻠﯩﭗ ﮬﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺋﺎﺧﯩﺮﻛﯚﺯﯛﻡ ﺋﯘﻳﻘﯘﻏﺎ ﺋﯩﻠﯩﻨﺪﻯ.

ﺗﺎﯓ

ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯚﺗﺘﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ، ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﺪﯨﻢ، ﺗﯜﯕﻠﯜﻛﻜﻪ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ، ﺗﺎﯓ ﮔﯩﺮﯨﻤﺴﻪﻥ ﺳﯜﺯﯛﻟﯜﭘﺘﯘ. ﺳﯜﺑﮭﻰ ﭼﯧﻐﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﭖﺗﯘﺭﯗﯞﯦﺪﯨﻢ، ﭼﺎﯕﻐﯩﺮﺍﻕ ﭼﯧﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﯩﺮ ﻧﯘﺭ ﯞﺍﻟﻠﯩﺪﻩ ﭼﺎﻗﻨﯩﺪﻯ، ﮬﻪﺵ – ﭘﻪﺵﺩﯦﮕﯜﭼﻪ ﺋﯚﻳﻨﻰ ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﺩﻩﻙ ﻳﻮﺭﯗﺗﯘﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻧﯘﺭﺩﯨﻦ ﻗﺎﻣﺎﺷﻘﺎﻥ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻢﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﺳﯩﺰ ﻳﯘﻣﯘﻟﺪﻯ، ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﭼﯩﻤﭽﯩﻘﻠﯩﺘﯩﭗ ﺯﻭﺭﯨﻐﺎ ﺋﺎﭼﺘﯩﻢ. ﮬﻮﻱﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺟﺎﻣﺪﻩﻙ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺋﻮﺭﻧﯘﻣﺪﯨﻦ ﭼﺎﭼﺮﺍﭖ ﺗﯘﺭﺩﯗﻡ. ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﺍ ﻧﯘﺭ ﻗﻮﺗﯩﻨﯩﻨﯩﯔﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻛﯚﻙ ﻳﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﻗﯧﺘﯩﭙﻼ ﻗﺎﭘﺘﯩﻤﻪﻥ، ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﯞﺍﻗﯩﺖﻗﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ، ﺑﯩﺮ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﯨﻦ ﺋﯧﺴﯩﻤﮕﻪ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ، ﺑﯘ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺩﻩﻝﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﯨﻜﻰ ﺑﯚﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﮬﯘﯞﻟﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﮬﯘﯞﻻﺵ ﺋﺎﺧﺸﺎﻡﻳﯩﺮﺍﻗﺘﯩﻦ ﺋﺎﯕﻼﻧﻐﺎﻥ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﮬﯘﯞﻻﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﮕﻪﻗﺎﺭﯨﺪﯨﻢ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﻯ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﺋﺎﺧﺸﺎﻡ ﭼﺎﺗﻘﺎﻟﻠﯩﻘﺘﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻥﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯚﺯﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯩﺪﻯ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ. ﺗﻮﯞﺍ، ﺋﯘﻧﯩﯔﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﯞﻩﮬﺸﯩﻴﻠﯩﻚ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪﯨﻐﯘ؟ ﻣﯚﻟﯩﻠﺪﻩﭖ ﺗﯘﺭﻏﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﻠﯩﻜﻤﯩﺪﯗ؟ ﻛﯚﺯﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﻗﯩﻘﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯘ ﻛﯚﺯﯨﻨﻰﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﻪﭘﻘﺎﭼﺘﻰ، ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﯩﺪﯗﺭ، ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﻛﯚﺯﯛﻣﮕﻪﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻘﯩﻨﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﺪﻯ. ﺗﻮﯞﺍ، ﺑﯘ «ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ، ﻛﯚﻙ ﺑﯚﺭﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥﺋﯩﺸﻖ»ﻧﯩﯔ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﺎﺭﺍﻣﯩﺘﯩﻤﯩﺪﯗ؟ ﻣﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﯩﻜﯩﻠﺪﯨﻢ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﯛﻣﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻤﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ «ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﻠﯩﻜﻨﻰ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦﺋﻪﻣﻪﺱ، ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻤﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭ» ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﻤﯩﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺳﯩﻨﭽﻰ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰﻧﻪﺯﯨﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﻠﻤﯩﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺪﯗ؟!

ﺋﯘ ﻣﯧﻨﻰ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻣﯧﯖﯩﺸﻘﺎ ﺋﯩﺸﺎﺭﻩ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺗﯜﯕﻠﯜﻛﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰﻧﯘﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﺳﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﺎﻣﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭ ﻣﯧﻨﻰ ﺳﯧﮭﯩﺮﻟﻪﭖﻗﻮﻳﺪﯨﻤﯘ، ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ، ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﭼﯘﻟﯟﯗﺭﯗﻣﻨﻰ ﺋﯘ ﺑﯚﺭﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎﺗﯘﺗﻘﯘﺯﺩﯗﻡ.

ﺑﯚﺭﻩ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ

ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺰﯨﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ. ﺋﻮﺭﻣﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯘ ﻗﯩﺮﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻣﺎﯕﺪﻯ. ﻣﻪﻥﺋﯚﺯﯛﻣﭽﻪ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ، ﻛﻪﯓ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻚ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺩﺍﺋﯩﺮﻩﻣﻨﻰﺋﯧﭽﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ﻧﻪﮔﻪ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ؟ ﻧﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ؟

ﻣﻪﻥ ﺋﯘ ﺑﯚﺭﯨﮕﻪ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﺪﯨﻢ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﻙ ﺭﻩﯕﮕﻰ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺋﯧﺘﯩﻜﯩﺪﻩﺧﯘﺩﺩﻯ ﻛﯚﻙ ﺑﺎﻳﺮﺍﻗﺘﻪﻙ ﻛﯚﺯﯛﻣﮕﻪ ﺗﺎﺷﻼﻧﺪﻯ. ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ، ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﺋﯧﻜﺮﺍﻧﯩﻤﺪﺍ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭ ﺗﯧﺰ – ﺗﯧﺰ ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﺎﺗﺘﻰ. ﻳﯜﺯﻯﻛﯚﭘﻜﯚﻙ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﯞﺍﻕ ﺋﻮﺭﻣﺎﻧﻐﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﻛﯚﻙ ﻧﯘﺭ ﺩﻩﺭﻩﺥ ﻛﺎﯞﯨﻜﯩﺪﺍ ﭘﻪﻳﺪﺍﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﻪﺭﯨﺰﺍﺕ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﻙ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻛﻪﯕﺮﻯ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻛﯚﻛﻠﯩﻤﻪﻳﺪﺍﻥ ﻛﯚﻙ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥﻛﯚﻙ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﻣﻪﻥ ﺧﯩﻴﺎﻝ ﻗﯘﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻳﯘﻟﻘﯩﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﯩﻨﯩﻤﺪﺍ، ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ «ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ»ﻧﯩﯔ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﻳﯩﺮﺍﻗﻼﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ. ﻛﯚﻙ ﺗﻪﯕﺮﯨﻨﯩﯔﻗﯘﺩﺭﯨﺘﯩﺪﯨﻨﻤﯘ، ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ، ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻳﯜﮔﯜﺭﺩﯛﻡ. ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎﻳﯧﺘﯩﺸﯩﯟﺍﻟﻐﯩﻨﯩﻤﺪﺍ، ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﺑﯚﺭﻩ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﭖ ﺑﯚﺭﻩ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩﻛﯚﺯﯛﻣﮕﻪ ﺗﺎﺷﻼﻧﺪﻯ. ﭼﯚﭼﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ، ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﭼﯩﯔ ﻳﯘﻣﯘﭖ، ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻗﺎﺭﺍﭖﺑﺎﻗﺘﯩﻢ، ﺋﯘﯞﯨﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭙﻤﯘ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﺎﻗﺘﯩﻢ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﯧﺸﯩﻤﻨﻰ ﺳﯩﻠﻜﯩﯟﯦﺘﯩﭙﻤﯘ ﻗﺎﺭﺍﭖﺑﺎﻗﺘﯩﻢ. ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﺍ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﭖ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺗﻮﯞﺍ، ﺑﯘ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ؟ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﯩﺪﯨﻦ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﯩﺪﯨﻢ، ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻮﭘﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗﻗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻢ ﻧﯧﻤﯩﺴﻰ؟

ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻳﻨﺎﺵ

ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﭖ ﺑﯚﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ، ﺋﯘﻻﺭ ﻣﯧﻨﻰﺋﯚﺯﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭼﯚﺭﮔﯩﻠﻪﻳﺘﺘﻰ، ﺗﺎﻗﻼﻳﺘﺘﻰ، ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺗﯧﺨﻰ ﻳﯘﻣﯘﻻﭘﻤﯘ ﻗﻮﻳﺎﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻥﺑﻮﻟﺴﺎﻡ، ﭼﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﻩﻙ ﻗﯧﺘﯩﭙﻼ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﯩﻢ.

ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯚﺭﻩ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯩﺸﺎﺭﻩ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﺳﯧﮭﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥﺋﻮﻳﯘﻧﻐﺎ ﭼﯜﺷﺘﯜﻡ: ﻗﺎﺗﺎﺭﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﭼﯚﺭﮔﯩﻠﯩﺪﯨﻢ، ﺳﻪﻛﺮﯨﺪﯨﻢ، ﻣﻮﻟﻼﻕ ﺋﯧﺘﯩﭙﻤﯘﻗﻮﻳﺪﯗﻡ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﻣﯧﻨﻰ ﭘﺎﺕ – ﭘﺎﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻧﯘﻗﺘﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﺎﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻥﺟﺎﻳﯩﻤﺪﺍ ﭘﯩﺮﻗﯩﺮﯨﻐﯩﻨﯩﻤﭽﻪ، ﺑﯩﻠﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﯩﺘﯩﭗ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﺘﯜﻡ، ﺗﯘﺭﯗﭖ – ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﻗﺎﺱ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭙﻤﯘ ﻗﻮﻳﯩﻤﻪﻥ ﺋﻮﻳﯘﻧﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻘﻰ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺑﯩﺮﺋﺎﺯﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﻤﯘ، ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﻤﯘ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻤﯘ، ﻳﺎﺗﺴﯩﺮﺍﺷﻤﯘ ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺯﺍﺩﻩﻛﻼ ﮬﯧﺲﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ.

ﺑﯩﺮﺋﺎﺯﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﯧﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯚﺭﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺳﯘﺭ ﺑﯚﺭﯨﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﺗﯩﺰﯨﻠﺪﻯ. ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﯚﺭﻩ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﻧﺪﺍﻕﺑﯩﺮ ﺋﺎﯞﺍﺯﻻﺭﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﺩﯗﻝ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺑﯩﺮﺩﻩﻡ ﺋﻮﯕﻐﺎ، ﺑﯩﺮﺩﻩﻡ ﺳﻮﻟﻐﺎ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﺘﻰ؛ ﺳﯘﺭ ﺑﯚﺭﯨﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭﻣﯘ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯚﺭﻩﻗﺎﻳﺎﻗﻘﺎ ﺗﺎﺷﻼﻧﺴﺎ، ﺷﯘ ﻳﺎﻗﻘﺎ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﻣﺎﯕﺎ «ﻗﺎﺭﺍ – ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯘﺷﻼﺭﯨﻢ» ﺋﻮﻳﯘﻧﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﯞﺍﻟﺪﯨﻢ، ﻣﻪﻥﺋﯘﻳﺎﻗﻘﺎ – ﺑﯘﻳﺎﻗﻘﺎ ﺳﻪﻛﺮﻩﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯩﭽﯩﻤﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﻳﺘﺘﯩﻢ:

ﺋﺎﻟﻼ – ﺋﺎﻟﻼ، ﻗﯘﺷﻨﺎﭼﯩﻢ

ﺋﺎﺭﻗﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﯨﯔ؟

ﻗﺎﺭﺍ – ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯘﺷﻼﺭﯨﻢ.

ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺑﻪﺭﺳﻪﯕﭽﯘ،

ﻛﯜﭼﯜﯓ ﻳﻪﺗﺴﻪ ﺋﺎﻟﺴﺎﯕﭽﯘ.

ﻗﻮﺷﺎﻕ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ، ﺳﻪﭘﻨﯩﯔ ﺳﯩﻠﺠﯩﺶ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﻪﺗﺘﻪﻗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﺳﻪﺯﻣﻪﻱ ﻗﺎﭘﺘﯩﻤﻪﻥ. ﻣﯧﻨﻰ ﺋﻪﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯚﺭﻩ ﺋﯘﺩﯗﻝ ﻣﺎﯕﺎ ﺗﺎﺷﻼﻧﺪﻯ. «ﺑﯚﻟﯜﻧﮕﻪﻧﻨﻰ ﺑﯚﺭﻩ ﻳﻪﺭ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﺎﻗﺎﻝ ﮔﯜﭘﭙﯩﺪﻩ ﺋﯧﺴﯩﻤﮕﻪ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯘﺑﯚﺭﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﯕﺎ ﺩﻭﺳﺘﺎﻧﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻝ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺷﯘﻡ ﻗﯩﺴﻤﯩﺘﯩﻤﺪﻩﺋﯚﺯ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻤﯩﺪﻯ!؟ ﺧﻪﻳﺮﯨﻴﻪﺕ، ﺋﯘ ﺑﯚﺭﻩ ﻣﯧﻨﻰ ﻳﻪﯞﻩﺗﻤﯩﺪﻯ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﻗﻮﺷﯘﯞﺍﻟﺪﻯ.

ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺧﯧﻠﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﻰ، ﺳﯘﺭ ﺑﯚﺭﯨﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﯩﻤﯘﺳﻪﭘﺘﯩﻦ ﺑﯚﻟﯜﻧﯜﭖ ﻛﻪﺗﻤﯩﺪﻯ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﻤﮕﯩﻤﯘ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﻗﻮﺷﯘﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺋﻮﻳﻼﭖﺑﺎﻗﺴﺎﻡ، ﺑﯘ ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﺑﯚﻟﯜﻧﯜﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ، ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻛﻮﻟﻠﯧﻜﺘﯩﭙﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﮔﻪﯞﺩﻩ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﺷﯩﻘﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﺋﻮﻳﯘﻧﺪﺍ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺑﯩﺮﺩﻩﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰﻧﺎﻣﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﻣﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ.

ﮬﯘﺟﯘﻡ

ﻣﻪﻥ ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ، ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ، ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﺯﻩﻥ ﺳﯧﻠﯩﭗﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ. ﺑﯩﺮﺋﺎﺯﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﭖ ﻛﺎﻟﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ «ﻛﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮﻻ ﮬﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ» ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﭘﺎﻳﻼﭖ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﺭﻩﺧﻨﯩﯔ ﺩﺍﻟﺪﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﺎﻣﺎﺷﺎ ﻛﯚﺭﯛﭖﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﯗﻡ. ﻛﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑﯚﺭﯨﻨﯩﯔ ﮬﯩﺪﯨﻨﻰ ﭘﯘﺭﺍﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺑﯩﺮﻳﻪﺭﮔﻪ ﻏﯘﮊﻣﻪﻛﻠﻪﺷﺘﻰ. ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﻮﺭﺷﺎﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ، ﻛﺎﻟﯩﻼﺭ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻜﻪﻛﯚﺯﻯ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻧﻤﯘ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ، ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺑﯘ ﺭﻩﮬﯩﻤﺴﯩﺰ ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﺩﯗﻝ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﺪﻯ: ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﻳﺮﯗﻕ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﺩﻩ، ﻣﯜﯕﮕﯜﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻧﻪﻳﺰﯨﺪﻩﻙﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ، ﺑﯩﺮﻩﺭﺳﯩﻤﯘﮬﯘﺟﯘﻣﻐﺎ ﺋﯚﺗﻤﯩﺪﻯ، ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﯟﻩﺭﺩﻯ. ﻣﻪﻥ ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﻪﯞﺭﭼﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﻛﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﯘﻳﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﭼﺎﭘﭽﯩﭗ، ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﮬﻮﺷﻴﺎﺭﻟﯩﻖﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﻜﯩﻠﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭﻣﯘ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﺯ ﺋﯜﺯﻣﻪﻳﺘﺘﻰ. ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭﻛﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﻯ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﺎﻟﯩﻼﺭ ﺳﯧﭙﯩﻨﻰ ﺑﯘﺯﻣﯩﺪﻯ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﻯ، ﻛﺎﻟﯩﻼﺭ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻏﯘﮊﻣﻪﻙ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﺪﻯﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﻳﻪﺗﺘﻪ – ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﻰ. ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﮕﻪﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﯩﺪﻯ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﭗ ﺋﻮﺭﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗﻛﻪﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭﻧﻰ «ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﻪﻥ ﺑﻪﺭﺩﻯ» ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪﯨﻢ. ﻛﺎﻟﯩﻼﺭﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﺎﻟﻘﯩﺴﯩﻤﺎﻥ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﻨﻰﺑﯘﺯﯗﭖ ﺑﻪﮬﯘﺯﯗﺭ ﻳﺎﻳﻼﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺩﻩﻝ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﯚﺭﻩ ﭼﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥﻛﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﺋﻮﻗﺘﻪﻙ ﺋﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﮬﯘﺟﯘﻣﺪﯨﻦ ﻛﺎﻟﯩﻼﺭﭼﯚﭼﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻧﻤﯘ ﭼﯚﭼﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻗﯧﭽﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭﻣﯘ ﺗﻪﺭﻩﭖ – ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻳﻮﭘﯘﺭﯗﻟﺪﻯ. ﺷﯘ ﻗﺎﭺ – ﻗﺎﭼﺘﺎ ﻣﻪﻥﻛﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﯩﯔ ﭘﯘﺗﻰ ﺋﺎﻗﺴﺎﻕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭ ﻗﯧﭽﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﻳﻮﻝ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﮬﯘﺟﯘﻡ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﻨﻰ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰﺋﺎﻗﺴﺎﻕ ﻛﺎﻟﯩﻐﺎ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﺩﻯ. ﺑﯩﺮ ﺑﯚﺭﻩ ﺋﯘ ﻛﺎﻟﯩﻨﻰ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﺸﻠﯩﺪﻯ، ﻛﺎﻻﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﻣﯚﺭﯨﮕﯩﻨﯩﭽﻪ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﺑﯘﺭﯗﻟﯘﯞﯨﺪﻯ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺑﯚﺭﻩ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯔﺑﻮﻳﻨﯩﻨﻰ ﻗﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺘﻰ، ﻛﺎﻻ ﺑﻮﻳﻨﯩﻨﻰ ﺋﻮﯕﺸﺎﭖ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻪ، ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﯚﺭﻩ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘﻧﻰﻛﻪﻳﻨﻰ ﭘﯘﺗﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﺸﻠﻪﭖ ﻳﯩﻘﯩﺘﺘﻰ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭﻣﯘ ﺑﯩﺮﺍﻗﻼﻳﻮﭘﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺟﯧﻨﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ.

ﻣﻪﻥ ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﺪﯨﻢ. ﻳﻪﺗﺘﻪ – ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖﺋﯘﺭﯗﻧﯘﺷﺘﯩﻤﯘ ﺋﯘﺗﯘﻗﻠﯘﻕ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﺪﻩ، ﻣﻪﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻼﺭ ﺋﯩﺪﯨﻢ؟ ﺟﻪﺯﻣﻪﻥ ﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻤﺪﯨﻦ ﻳﺎﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﯩﻢ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﻯ، ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﯩﮕﯜﭼﻪ ﺯﺍﺩﻯ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﻯ، ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﺘﯩﻜﻰ، ﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻤﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﺸﯩﭽﯘ ﺗﯧﺨﻰ، ﺋﯜﻧﺴﯩﺰ – ﺩﺍﯞﺭﺍﯕﺴﯩﺰ، ﮬﻪﺭﺑﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﮬﯘﺟﯘﻣﺪﺍ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﺷﻨﻰ، ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﻯ.

ﺋﯘﻳﯘﺷﻘﺎﻥ ﻛﯜﭺ ﭼﯧﭽﯩﻼﯕﻐﯘ ﻛﯜﭼﻨﻰ ﻳﻪﯕﺪﻯ. ﮬﯘﺟﯘﻣﺪﺍ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺑﯚﺭﯨﻤﯘ ﺋﯚﺯﯛﻣﭽﯩﻠﯩﻚﻗﯩﻠﻤﯩﺪﻯ، ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮﻩﺭﺳﯩﻤﯘ ﺷﯚﮬﺮﻩﺕ ﺩﻩﯞﺍﺳﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﻯ، ﺋﯚﺯﯨﮕﻪﺗﻪﻣﻪﻧﻨﺎ ﻗﻮﻳﻤﯩﺪﻯ، ﮬﻪﺭﺑﯩﺮﻯ «ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻢ ﻛﯧﺮﻩﻙ» ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﺪﻯ. ﻣﻪﻥﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ: ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﯚﺯ ﺟﺎﻣﺎﺋﯩﺘﯩﻢ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯜﻧﺴﯩﺰﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻣﯘ ﺷﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ ﺋﯩﺪﻯ ﭼﻮﻗﯘﻡ!

ﭘﺎﺗﻘﺎﻗﻠﯩﻘﺘﺎ

ﻣﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ، ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﺯﻩﻥ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﺯﻩﻥ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ.

ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺗﻘﺎﻗﻠﯩﻘﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ. ﭘﺎﺗﻘﺎﻕ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻣﯧﯖﯩﺶﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻗﯩﻴﯩﻦ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻣﺎﯕﻐﯘﭼﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﺗﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻛﯚﺯﮔﻪﻛﯚﺭﯛﻧﯜﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺶ. ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﻪﺭﺩﺍﺭﻯ ﻳﻮﻝ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻣﺎﯕﺪﻯ، ﺧﯧﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﮬﺎﺯﺍﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﮬﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺳﻪﭘﺘﯩﻦ ﭼﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﺩﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻮﭘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﻩﺭﺩﻯ. ﺳﻪﺭﺩﺍﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﻤﺪﯨﻦ ﻣﺎﯕﺪﻯ. ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﺑﯚﺭﯨﻨﯩﯖﻤﯘﺳﻪﭘﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺯﯨﻤﻤﯩﺴﯩﮕﻪﺋﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯚﺭﻩ ﺑﯩﺮ ﮬﺎﺯﺍﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﻪﭘﺘﯩﻦ ﻳﺎﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺑﺎﻻ ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻣﺎﯕﺪﻯ. ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯚﺭﻩ ﺑﯩﺮ ﮬﺎﺯﺍﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﻗﻮﺷﯘﻟﺪﻯ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻧﯚﯞﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻮﻝ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻣﺎﯕﺪﻯ، ﻛﯜﭺ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﺩﻯ، ﻳﻮﻟﻤﯘﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﯞﯗﺷﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﯩﺪﺍ ﺟﺎﭘﺎﻧﻰ ﺑﯩﺮﯨﮕﯩﻼ ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﯨﭗﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮﯨﮕﯩﻼ ﺋﺎﺭﺗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﮬﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﻣﺎﻧﺎ ﺳﺎﺩﯨﻘﻠﯩﻖ ﺩﯦﮕﻪﻥ! ﺑﯚﺭﻩ ﺑﯩﺰﭼﻪ ﺋﺎﯕﺴﯩﺰ ﮬﺎﻳﯟﺍﻥ ﺋﯩﺪﻯ، ﺧﻮﺵ، ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ، ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺋﺎﯓ ﻧﻪﺩﯨﻦﻛﻪﻟﺪﻯ؟ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﺎﯕﻠﯩﻖ ﮬﺎﻳﯟﺍﻥ ﺋﯩﺪﻯ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻛﻮﻟﻠﯧﻜﺘﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﻪﺋﻪﺯﺍﺳﯩﺪﯨﻼ ﺋﺎﺷﯘ ﺋﺎﯓ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟

ﻣﻪﻥ ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺰﯨﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ، ﺳﻪﺭﺩﺍﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﯨﻤﻨﻰﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻣﻪﻥ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﯚﺭﯨﺪﻩﻙ، ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺋﯘﻻﺭ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﻩﻙ، ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﯩﻨﺎﻕ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ. ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺑﯚﺭﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺗﻘﯩﻨﯩﻤﺪﺍ، ﺑﯘﺋﯩﻨﺎﻗﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﯩﻨﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺳﻪﭘﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﺎﭘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺗﻘﯩﻨﯩﻤﺪﺍ ﺋﯩﻨﺎﻗﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺩﯦﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﺭﻣﯘ؟ ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺗﻮﭘﯩﺪﺍ ﺳﯘﺭ ﺭﻩﯕﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻤﯘ، ﻗﻮﯕﯘﺭ ﺭﻩﯕﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻤﯘ، ﻛﯜﻣﯜﺵﺭﻩﯕﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻤﯘ، ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺳﯧﺮﯨﻖ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺭﻩﯕﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭ، ﻟﯧﻜﯩﻦﺭﻩﯕﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﻩﻟﻤﯩﮕﻪﻥ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﺩﯨﭽﯘ؟ ﺋﯚﯕﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻕ، ﻗﺎﺭﺍ، ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﺧﯩﻠﻐﺎﺑﯚﻟﯜﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﻼﺭﻏﯩﭽﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﺎﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﭽﯩﺴﻰﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﺪﯨﻐﯘ!؟

ﯞﺍﻱ، ﺑﯘ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ؟

ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺑﯚﺭﻩ ﺧﯧﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻤﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺋﯘ ﺗﯘﺭﯗﭖ – ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺗﻮﭘﺘﯩﻦ ﻗﯧﭙﻘﺎﻻﺗﺘﻰ. ﺑﺎﺷﺘﺎ ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖﺗﯘﺭﯗﭖ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯘﻣﺸﯘﻗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯘﺭﺍﻳﺘﺘﻰ، ﻳﺎﻻﻳﺘﺘﻰ، ﭘﻪﻧﺠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯩﻼﭖ ﻗﻮﻳﺎﺗﺘﻰ، ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻏﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗﻣﺎﯕﺎﺗﺘﻰ.

ﭘﺎﺗﻘﺎﻗﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﺧﯧﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﭼﺎﺗﻘﺎﻟﻠﯩﻘﺘﺎﺗﻮﺧﺘﯩﺪﯗﻕ. ﺩﻩﻝ ﻣﯘﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻣﻪﻥ ﺋﯘ ﺑﯚﺭﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﯕﺎ ﺗﯩﻜﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰﺳﻪﺯﺩﯨﻢ. ﻣﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻣﯧﻨﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚﺗﯩﻜﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ. ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ، ﺋﯘ ﺑﯚﺭﻩ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖﺧﯩﺮﻗﯩﺮﯨﺪﻯ، ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻢ ﻗﺎﺭﺗﺘﯩﺪﻩ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯘﺷﺘﯘﻣﺘﯘﺕ ﺗﺎﺷﻼﻧﺪﻯ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼﺭﭼﻪ ﺋﻮﯕﺪﺍﻣﻐﺎ ﺋﯘﭼﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﻨﻰ ﺳﻪﺯﻣﻪﻱ ﻗﺎﭘﺘﯩﻤﻪﻥ. ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﺍﺋﯘ ﺑﯚﺭﯨﻨﯩﯔ ﮬﯩﯖﮕﯩﻴﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﭼﯩﺸﻠﯩﺮﻯ، ﺳﺎﯕﮕﯩﻠﯩﻐﺎﻥ ﺗﯩﻠﻰ، ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯚﻟﻪﻙ ﮬﯧﭽﻨﯧﻤﻪ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ. ﺷﯘ ﺋﺎﺭﯨﺪﺍ ﻳﯜﺯ – ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﮕﻪ، ﺑﺎﺵ – ﺑﻮﻳﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻤﻐﺎ ﻗﯘﻳﺮﯗﻕ، ﻳﯘﯓ – ﻣﻮﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﺗﯧﮕﯩﯟﺍﺗﻘﯩﻨﯩﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻨﻰ ﺳﻪﺯﺩﯨﻢ ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻛﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺋﺎﭼﺴﺎﻡ، ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﭼﻪﺗﺘﻪ ﺋﻮﭘﯘﺭ – ﺗﻮﭘﯘﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ. ﺯﻩﻥ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ، ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯚﺭﯨﮕﻪ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﯕﻼﻳﻮﭘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﯩﻜﻪﻥ. ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯚﺭﻩ ﻳﺎﺭﯨﻼﻧﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺩﺍﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖﻗﺎﭼﺘﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯜﮔﯜﺭﮔﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﯘﻳﺮﯗﻗﯩﻼ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﺍ ﻗﺎﭘﺘﯘ. ﻣﻪﻥﺋﻮﺭﻧﯘﻣﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﺩﯗﻡ. ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯚﺭﻩ ﻣﯧﻨﻰ ﻗﺎﺳﺎﺷﻘﺎ ﺋﯜﻟﮕﯜﺭﻩﻟﻤﯩﮕﻪﻧﯩﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺋﻪﻣﺪﻯﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﺧﻪﯞﭘﺴﯩﺮﻩﭖ ﺗﯘﺭﯗﯞﯦﺪﯨﻢ، ﺋﯘﻻﺭ ﻗﯘﻳﺮﯗﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﯩﭙﺎﯕﺸﯩﺘﯩﭗﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻤﺪﺍ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﺩﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻳﺘﺘﻰ، ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻪﺭﮔﻪﻗﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯚﺯﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭼﯚﺭﮔﯩﻠﻪﻳﺘﺘﻰ، ﭼﯚﺭﮔﯩﻠﻪﻳﺘﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ﺑﯘﻧﻰ «ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﺠﺎﻟﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﯩﻨﻰ» ﺩﻩﭖ ﮬﯧﺴﺎﺑﻼﺷﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ. ﺋﻮﻳﻼﭖﺑﺎﻗﺴﺎﻡ، ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯚﺭﻩ ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﯘﺗﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﻨﯩﭗ ﻣﺎﯕﺎ ﮬﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﭼﯧﻘﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﭼﯧﻘﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﭼﯧﻘﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﻟﯧﻜﯩﻦﺑﯩﺰﭼﯘ؟

ﮔﯜﻟﺨﺎﻥ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺯﯗﻟﻤﻪﺕ

ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﯩﻦ ﮔﯜﻟﺨﺎﻥ ﻳﻮﺭﯗﻗﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﺪﻯ. ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻗﺘﯩﻜﻰ ﺑﯘ ﻧﯘﺭﻟﯘﻕ ﺷﻮﻻ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦﺷﯘﻧﭽﻪ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﯞﯗﺟﯘﺩﯗﻣﻨﻰ ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﻳﻐﯘﻏﺎ ﭼﯚﻣﺪﯛﺭﺩﻯ. ﻣﻪﻥﮔﯜﻟﺨﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻤﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﻪﺗﺘﯩﻢ. ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭﻣﯘ ﻣﯧﯖﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﻜﻠﯩﺘﯩﭗﻳﻪﯕﮕﯩﻞ ﻳﻮﺭﻏﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﺘﻰ. ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ﻣﯧﯖﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﺷﯜﻣﮕﻪﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﮔﯜﻟﺨﺎﻧﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭ ﻳﻮﺭﻏﯩﺴﯩﻨﻰ ﺷﺎﭘﭙﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻧﻤﯘ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﺷﺘﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﯩﺪﯨﻢ. ﺋﯘﻻﺭ ﮔﯜﻟﺨﺎﻧﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﻼ ﻗﺎﺭﺍﻳﺘﺘﻰ، ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯﺋﻮﺕ ﻳﻮﺭﯗﻗﯩﺪﺍ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻳﯧﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭ ﮔﯜﻟﺨﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻪ – ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ ﻗﻪﺩﻩﻣﭽﻪ ﻧﯧﺮﯨﺪﺍ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﮬﺎﻟﻘﯩﺴﯩﻤﺎﻥ ﭘﯩﺮﻗﯩﺮﺍﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺷﯘ ﺋﻪﺳﻨﺎﺩﺍﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﺍ ﮬﯩﻼﻝ ﺋﺎﻱ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﺩﺍﺟﯩﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﺎﻳﻐﺎﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﻪﻟﻤﯜﺭﺩﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﺩﻩﻡ ﺋﻮﺗﻘﺎ، ﺩﻩﻡ ﺋﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﻳﺘﺘﻰ. ﺑﯩﺮ ﺑﯚﺭﻩ ﮬﯘﯞﻟﯩﺪﻯ، ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻨﻼ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ، ﺋﯘﻟﯩﺸﯩﭙﻼ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ، ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ ﮬﯘﯞﻻﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﮬﻪﺭﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺋﺎﯞﺍﺯ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻼ ﺑﯩﺮﺋﺎﮬﺎﯕﺪﺍ ﮬﯘﯞﻻﻳﺘﺘﻰ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﮬﺎﯕﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻣﯘﯕﻠﯘﻕ ﺑﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﻣﯘﯕﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﯗ؟ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﻣﯘﯕﻠﯘﻕ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭘﻤﯘ؟

ﺑﯩﺮﺋﺎﺯﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﯘﯞﻟﯩﺸﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻪﻧﺴﯩﺰ ﺑﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻧﯧﻤﻪﺋﻪﻧﺴﯩﺰ ﺗﯘﻳﯘﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﯗ؟ ﺋﻮﺗﻤﯘ؟ ﻛﯚﻛﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﭼﯧﻘﯩﻦ، ﻛﯚﻳﮕﻪﻥ ﺋﻮﺭﻣﺎﻥ، ﻛﯜﻝﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻦ – ﺋﯘﯞﺍ، ﺑﯩﺨﺴﯩﭗ ﻛﯚﻳﮕﻪﻥ ﺗﺎﭖ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎﻛﯧﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﻤﯩﺪﯗ؟ ﻳﺎﻛﻰ

«ﭘﺎﯓ – ﭘﯘﯓ » ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﯧﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻮﻕ ﺋﺎﯞﺍﺯﻟﯩﺮﻯ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻤﻨﻰ ﭼﻮﺭﺗﺘﯩﺪﻩﺑﻪﻟﺪﯨﻦ ﺋﯜﺯﯛﯞﻩﺗﺘﻰ. ﺋﯧﺴﯩﻤﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻪ، ﻳﯧﻨﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﯚﺭﯨﻨﯩﯔ ﮔﯜﭘﭙﯩﺪﻩﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﯩﻘﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﺳﯩﺰ ﻛﻪﻳﻨﯩﻤﮕﻪ ﺩﺍﺟﯩﺪﯨﻢ. ﺩﺍﺟﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﺩﺍﺟﯩﺪﯨﻢ. ﻛﻪﻳﻨﯩﻤﮕﻪ ﺑﯘﺭﯗﻟﻤﯩﻐﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻘﺎ ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﯩﻨﯩﻤﺪﺍ، «ﺩﺍﺟﯩﺪﯨﻢ» ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﻩ «ﻗﺎﭼﺘﯩﻢ» ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﻢ ﺗﯜﺯﯛﻙ ﺋﯩﺪﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺑﯩﺮ ﺑﯚﺭﻩﺋﻮﻗﺘﻪﻙ ﺋﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻳﯩﻘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯚﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺗﺘﻰ. «ﭘﺎﯓ – ﭘﯘﯓ» ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻮﻕ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘ ﺑﯚﺭﯨﻤﯘ ﻗﻪﺩﺩﯨﻨﻰ ﺭﯗﺳﻠﯩﻴﺎﻟﻤﺎﻱ ﻳﯧﺘﯩﭗﻗﺎﻟﺪﻯ. ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺑﯚﺭﻩ ﻳﯩﻘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖﻳﯜﮔﯜﺭﺩﻯ. ﻣﻪﻥ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻼ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯨﻢ: ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭ ﺋﻮﻕ ﺗﻪﮔﻜﻪﻥ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺧﻪﯞﭘﯩﮕﻪ ﺋﯘﺭﯗﯞﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ﻛﻪﻳﻨﯩﻤﮕﻪﺩﺍﺟﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﻮﻣﯘﺱ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ – ﺩﻩ، ﮬﯧﭽﻨﯧﻤﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ ﻳﯜﮔﯜﺭﺩﯛﻡ، ﺋﻪﭘﺴﯘﺱ، ﻣﻪﻥ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻪ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﯚﺭﯨﻤﯘ ﺋﻮﻕ ﻳﻪﭖ ﻳﯩﻘﯩﻠﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﻳﯩﻘﯩﻠﻐﺎﻥﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﭖ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗﺗﯘﺭﯗﯞﺍﻟﺪﯨﻢ. ﻣﻪﻥ ﺷﯘ ﺗﯘﺭﯗﺷﯘﻣﺪﺍ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﮔﻮﻳﺎ: «ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﻟﯜﻡﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﺭ – ﻧﻮﻣﯘﺳﺴﯩﺰ ﻣﻪﻟﺌﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﻧﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺴﯩﻠﻪﺭ. ﻗﯘﺭﺑﺎﻥﺑﯧﺮﯨﺶ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﯞﺍﭘﺎ – ﺳﺎﺩﺍﻗﻪﺕ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﺴﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻏﯩﻼﺋﯚﺯ ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯗ» ﺩﻩﯞﺍﺗﺎﺗﺘﯩﻢ. ﻣﻪﻥ ﺷﯘ ﺗﯘﺭﯗﺷﯘﻣﺪﺍ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻘﻼﺭﻏﺎ: «ﺋﺎﺗﺴﺎﯕﻼﺭ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﯖﻼﺭ. ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﯖﻼﺭﺩﺍ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭﺯﯨﻤﻪﺱ ﺋﺎﺩﻩﻡﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﺋﯚﻟﺴﻪﻣﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﺑﯚﺭﻩ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﺋﯚﻟﺪﯛﻡ، ﺩﻩﭖﮬﯧﺴﺎﺑﻼﻳﻤﻪﻥ» ﺩﻩﯞﺍﺗﺎﺗﺘﯩﻢ. ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻘﻼﺭ ﻣﺎﯕﺎ ﭘﻮﭘﻮﺯﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﭗﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﭘﺎﻱ ﺋﻮﻕ ﺋﺎﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ﺟﺎﻳﯩﻤﺪﯨﻦ ﻣﯩﺪﯨﺮﻟﯩﻤﯩﺪﯨﻢ. ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﻤﻨﻰﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﺩﺍﺟﯩﭗ – ﺩﺍﺟﯩﭗ ﺗﯜﻥ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻗﯩﺪﺍ ﻏﺎﻳﯩﺐﺑﻮﻟﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﭼﯘﺭﯗﯞﻩﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﺪﺍ ﻗﯩﺰﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢﺋﺎﺳﺘﺎ – ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺳﻮﯞﯗﺩﻯ. ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺘﯘﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭼﯘﻗﺎﻧﻠﯩﺮﻯ، ﺩﻩﺭﻩﺧﻠﻪﺭﻧﯩﯔﻗﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﺳﻮﻗﯘﻟﯘﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﺎﺭﺍﺱ – ﭘﯘﺭﯗﺳﻼﺭ، ﻳﺎﺭﯨﻼﻧﻐﺎﻥﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺋﯩﯖﺮﺍﺷﻠﯩﺮﻯ، ﮔﯜﻟﺨﺎﻥ ﺋﻮﺗﯩﻨﯩﯔ ﭼﺎﺭﺍﺳﻼﺷﻠﯩﺮﻯ ﻛﺎﻟﻼﻣﺪﺍﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻳﯩﻘﯩﻠﻐﺎﻥﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯧﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﯘﻣﻤﯘﻛﻪﻟﻤﯩﺪﻯ. ﻛﯚﺯﯛﻡ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﻧﻰ ﺋﯚﭼﻜﻪﻥ ﻣﯩﻠﺘﯩﻘﯩﺪﺍ، ﮔﯘﻧﺎﮬﺴﯩﺰ ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔﻗﯧﻨﯩﻐﺎ ﺑﻮﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﭘﯩﭽﯩﻘﯩﺪﯨﻼ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﯩﻠﺘﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯘﻟﯘﯞﯦﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰﺋﯧﺘﯩﯟﻩﺗﻜﯜﻡ ﻛﻪﻟﺪﻯ، ﭘﯩﭽﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﻗﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯚﺭﻩ ﻗﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎﻗﻮﺷﯘﯞﻩﺗﻜﯜﻡ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﯕﺎ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰﺩﯦﮕﯩﻨﯩﻨﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ، ﺑﯩﻠﮕﯜﻣﻤﯘ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪﻯ. ﻗﺎﭼﺎﻥ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﻗﺎﺭﯨﻐﯘﻣﻤﯘ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ، ﮔﯜﻟﺨﺎﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭘﺘﯩﻤﻪﻥ. ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﺴﺎﻣﻤﯘ ﺋﯩﻠﻠﯩﻴﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻢ، ﻣﯘﺯﻟﯩﻐﺎﻥ ﻗﻪﻟﺒﻨﻰ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﺗﻤﯘﺋﯩﻠﻠﯩﺘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﻳﯧﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﺗﻘﺎ ﺗﯩﻜﯩﻠﮕﯩﻨﯩﻤﭽﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭘﺘﯩﻤﻪﻥ، ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭘﺘﯩﻤﻪﻥ، ﺋﺎﺧﯩﺮ ﻻﯞﯗﻟﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺗﻼﺭﻣﯘ ﺋﯚﭼﯜﭘﺘﯘ، ﻛﯜﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍﭘﯩﻠﯩﻠﺪﺍﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﻮﻏﺪﯨﻦ ﻛﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﻳﯚﺗﻜﻪﭖ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ، ﺷﻪﺭﻕ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﭼﻮﻍ ﻗﯩﺰﯨﻠﻠﯩﻘﯩﻐﺎﭼﯚﻣﻜﻪﻟﮕﻪﻧﯩﻜﻪﻥ.

ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺋﻪﺳﺘﯩﻠﯩﻚ

ﺋﻮﺭﻧﯘﻣﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﺩﯗﻡ، ﺗﯧﺮﯨﺴﻰ ﺳﻮﻳﯘﭖ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﭙﻘﯩﺰﯨﻞﺗﯧﻨﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻗﺎﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﻩﻙ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. ﮔﻮﻳﺎ ﭘﯜﺗﯜﻥﺋﻪﺗﺮﺍﭖ ﻗﯩﺰﯨﻠﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ، ﮬﺎﯞﺍﺩﯨﻨﻤﯘ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻗﺎﻥ ﮬﯩﺪﻯ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ. ﻣﻪﻥ ﺷﯘﺗﺎﭘﺘﺎ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﯜﻣﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﻪﭘﯩﻠﻪﺷﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥﺟﻪﺭﺭﺍﮬﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﮔﯚﺷﻨﻰ ﺋﯧﭙﻰ – ﺟﯧﭙﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﺳﺴﺎﭘﻤﯘ ﯞﻩﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﺳﻪﺑﯩﻴﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺟﺎﻟﻼﺗﻤﯘ، ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ، ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﻤﺪﯨﻦ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺑﻪﻛﻪﻣﻨﻰﭼﯩﻘﺎﺭﺩﯨﻢ. ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﯩﺮ ﺑﯚﺭﯨﻨﯩﯔ ﭘﯧﻴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﻛﯧﺴﯩﯟﺍﻟﺪﯨﻢ، ﺋﻮﺷﯘﻗﯩﻨﯩﻤﯘﺋﻪﭘﭽﯩﻠﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﺷﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﭼﯩﮕﯩﭗ ﺑﻮﻳﻨﯘﻣﻐﺎ ﺋﺎﺳﺘﯩﻢ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻧﻪﻣﺨﯘﺵﻳﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻮﻻﭖ ﺋﺎﺯﮔﺎﻝ ﺋﯧﭽﯩﭗ، ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﻣﺪﯛﻡ. ﺑﯚﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺋﻪﺳﺘﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺑﻪﻛﻪﻣﻨﻰ ﺩﯙﯞﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺳﺎﻧﭽﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ. ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺭﻭﮬﯩﻐﺎ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﻛﯚﻛﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ، ﻛﯚﺯﯛﻣﺪﯨﻦ ﻳﺎﺵ ﺋﺎﻗﺘﻰ، ﺑﯘ ﻳﺎﺵ ﺗﯩﺮﻧﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﻧﻨﻰ ﻳﯘﻳﯘﭖﺋﺎﻗﺘﻰ. ﻗﺎﻥ – ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻢ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻘﺎ ﭼﯜﺷﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ﻛﯚﻙ ﺗﻪﯕﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻢ: ﺋﻪﻱﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻣﯘﺷﯘ ﻗﺎﻥ – ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﮔﯜﻝ – ﭼﯧﭽﻪﻛﻠﻪﺭ ﺋﯜﻧﮕﻪﻱ، ﻣﯘﺷﯘﻧﺎﺗﯩﯟﺍﻥ، ﮔﯘﻧﺎﮬﺴﯩﺰ ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﻣﻪﯕﮕﯜ – ﻣﻪﯕﮕﯜ ﮔﯜﻟﮕﻪ ﭘﯜﺭﻛﯩﮕﻪﻱ!

ﻗﺎﻧﻐﺎ ﭘﺎﺗﻘﺎﻥ ﻗﯩﺸﻼﻕ

ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ، ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ، ﺋﻮﯓ – ﺗﻪﺗﯜﺭ ﺩﻩﺳﺴﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ. ﻧﯧﻤﻪﺋﻮﻳﻼﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ، ﻗﻪﻳﻪﺭﻧﻰ ﻧﯩﺸﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ، ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ. ﻛﻪﻳﻨﯩﻤﺪﻩﻳﯧﺸﯩﻠﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭ ﻗﺎﻟﺪﻯ، ﭼﯚﻝ – ﺟﻪﺯﯨﺮﯨﻠﻪﺭﻣﯘ ﻗﺎﻟﺪﻯ، ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﺍ ﻳﯧﺸﯩﻠﭽﯩﻠﯩﻖﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪﺍ «ﻛﯚﺯﯛﯕﻨﻰ ﺋﺎﭺ» ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺩﺍ ﺯﺍﮬﯩﺮ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﺋﻮﭼﯘﻕ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﻨﻰﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺗﯜﺭﺩﻩ ﺋﺎﭼﺘﯩﻢ. ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ، ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﮬﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﻩ: ﻛﻪﭘﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﺎﺗﻘﺎﻝ ﺩﻩﺭﻩﺧﻠﻪﺭ ﻛﯚﻳﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻥ، ﻛﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﻣﯚﺭﻩﯞﺍﺗﻘﺎﻥ، ﻗﻮﻳﻼﺭ ﻣﻪﺭﯨﺸﯩﭗ ﺋﯘﻳﺎﻕ – ﺑﯘﻳﺎﻗﻘﺎ ﻗﯧﭽﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ، ﺋﯘ – ﺑﯘ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍﺋﺎﺩﻩﻡ ﺟﻪﺳﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺳﯘﻧﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺋﯩﺲ – ﺗﯜﺗﻪﻛﻠﻪﺭ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﻨﻰ، ﻗﺎﻥ – ﮬﯩﺪﻟﯩﺮﻯ ﺑﯘﺭﻧﯘﻣﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﺸﺘﯘﺭﺩﻯ. ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﻨﻰﺋﯘﯞﯗﻟﯘﯞﯦﺘﯩﭗ ﺟﻪﺳﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﺘﯩﻢ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﯧﻨﯩﻐﺎ ﺯﺍﻣﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﻳﯩﺮﺗﻘﯘﭺﮬﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯖﻼ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﻩ ﺋﻮﻕ ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﻯﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ﺟﻪﺳﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﭘﯧﺸﺎﻧﻪﻣﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ. ﯞﻩﮬﺸﯩﻴﻠﯩﻚ، ﺋﺎﮪ ﯞﻩﮬﺸﯩﻴﻠﯩﻚ! ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻤﯘ ﻣﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﯞﻩﮬﺸﯩﻴﻠﯩﻚ ﻳﻮﻕﺋﯩﺪﯨﻐﯘ. ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ؟ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ، ﺋﻪﻱ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ! ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﻪﺳﻠﯩﻨﻰﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﺗﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﯞﯞﺍ ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﯨﯖﻼﺭ. ﻗﺎﺑﯩﻞﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﺎﺑﯩﻠﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﯘﺩﯗﻣﻰ ﭘﺎﺕ – ﭘﺎﺕ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﺮ – ﭼﺎﭘﻘﺎﻗﯘﺗﺮﯨﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﺩﻯ. ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯛﯕﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻗﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﮬﺎﻧﻪ – ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﯖﻼﺭﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚﭖ. ﺯﯦﻤﯩﻦ ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻛﺎﻧﻰ ﺋﯩﺪﻯ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﯩﻠﻪﺭ «ﻣﻪﻥ»ﻧﯩﻼ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪﯨﯖﻼﺭ، «ﻣﻪﻥ»ﻧﻰ ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ «ﻣﻪﻥ»ﻧﻰ «ﺑﯩﺰ» ﺩﻩﯞﺍﻟﺪﯨﯖﻼﺭ. ﺑﯘ «ﺑﯩﺰ» ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺘﯘﺭ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯜﺯ، ﻣﯩﯔ، ﻳﯜﺯ ﻣﯩﯔ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﻼﺭﻏﺎ ﯞﻩﻛﯩﻞﺑﻮﻟﯘﯞﺍﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﯘﻗﺎﺭﺷﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪﯓ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ «ﺑﯩﺰ»ﻟﻪﺭ ﺑﯘﺯﯦﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻳﯧﺮﯨﺪﻩ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻳﺎﯞﺍ ﺋﻮﺗﻘﺎ، ﺋﺎﺯﻏﺎﻧﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺑﯘ «ﺑﯩﺰ» ﯞﺍﻗﺘﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ «ﺑﯩﺰ»ﻟﻪﺭﻧﻰ، ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰﺋﻪﺭﺯﯨﻤﻪﺱ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﻛﯚﺭﺩﻯ، ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻧﻪﺳﻠﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﺗﯘﯞﻩﺗﺘﻰ

ﻛﯧﭽﻪ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﺍ ﺳﯘﻧﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﺟﻪﺳﻪﺗﻠﻪﺭ ﻗﺎﻥ – ﻳﺎﺵ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺸﻼﻕ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﺍ ﺗﯧﺰ – ﺗﯧﺰ ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﺎﺗﺘﻰ. ﺑﯘﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﻳﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﻩﻝ – ﺩﻩﺭﻩﺧﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻗﺴﯘﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﯩﺲ – ﺗﯜﺗﻪﻛﻠﻪﺭﭘﺎﺕ – ﭘﺎﺕ ﺳﯜﺭﻩﺗﺴﯩﺰ ﻗﺎﺭﺍ ﻛﺎﺭﺗﯩﻨﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﭙﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ.

ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ، ﺑﻮﻏﯘﺯﯗﻣﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ، ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﺋﯚﺯ ﻛﺎﺭﺍﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ﺋﯚﭺ ﺋﺎﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ، ﺋﯚﺯ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻦﺋﺎﻳﻨﯩﻐﺎﻥ، ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﯩﻚ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﭺ ﻣﻪﻟﺌﯘﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﭺ ﺋﺎﻟﻤﺎﻗﭽﻰﺑﻮﻟﺪﯗﻡ. ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯘﻣﺪﯨﻦ ﺑﯚﺭﯨﻨﯩﯔ ﺳﯩﯖﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ – ﺩﻩ، ﭼﻮﻏﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪﻗﻮﻳﺪﯗﻡ. ﺳﯩﯖﯩﺮ ﭘﯩﮋﯨﻠﺪﺍﭖ ﺳﯜﻳﻰ ﻗﯧﭽﯩﭗ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﺭﯗﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. «ﻣﻪﻥ ﺋﯘﺩﯗﻡ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ، ﺩﯦﺪﯨﻢ ﺋﯩﭽﯩﻤﺪﻩ، ﺑﯘ ﺷﯘﻣﻠﯘﻗﻨﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﻮﻟﯘﯕﻼﺭ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻣﯘﺷﯘﺳﯩﯖﯩﺮﺩﻩﻙ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭗ – ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ، ﻣﯧﯖﻪﯕﻼﺭ ﻣﯘﺷﯘ ﺳﯜﻳﻰ ﻗﺎﭼﻘﺎﻥ ﺳﯩﯖﯩﺮ ﻛﻪﺑﻰﻗﯘﺭﯗﻳﺪﯗ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯜﮔﻪﯕﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﭘﻪﻱ – ﻣﯘﺳﻜﯘﻟﻼﺭ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺪﯗ». ﻣﻪﻥ ﺑﯚﺭﯨﮕﻪ ﺗﯧﯟﯨﻨﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﯩﻢ، ﻛﯚﻙ ﺑﯚﺭﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﯩﮕﻪ ﺗﯧﯟﯨﻨﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﯩﻢ.

ﺟﺎﮬﺎﻥ ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﯩﺪﻩ

ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺭﻭﮬﯩﻲ ﻳﯚﻟﻪﻛﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﻧﯘﻣﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﺩﯗﻡ. ﻗﺎﻥ – ﻳﺎﺵ، ﺋﯩﺲ – ﺗﯜﺗﻪﻙ ﻗﺎﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ﻗﯩﺸﻼﻗﻨﻰ ﻛﻪﻳﻨﯩﻤﺪﻩ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﻤﻨﻰﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺩﯗﻡ. ﻣﻪﻥ ﻗﺎﭼﯘﺭﯗﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪﻛﻪﻟﺪﯨﻢ. ﻣﻪﻥ ﻛﻮﻧﺎ – ﻳﯧﯖﻰ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﺧﯧﻠﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯨﻢ، ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﺩﯨﻢ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﺎ ﺋﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻙ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ ، ﻛﯚﺯﯛﻣﮕﻪ ﺳﯜﺭﺗﺘﯜﻡ. ﺗﻮﻗﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯚﺭﯨﻨﻰ ﺋﯧﻤﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﻯ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻛﻪﻣﻪﺭﻧﻰ ﺑﯧﻠﯩﻤﮕﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﺪﯨﻢ. ﺑﯘ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ ﻛﻪﻣﯩﺮﻯﺋﯩﺪﻯ. ﺩﻩﺳﺘﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﯚﺭﻩ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻗﺎﻣﭽﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﯘﻣﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺑﯘ ﻣﯧﻨﻰﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺑﻮﺷﺎﺷﺘﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻪﻳﺪﻩﻛﭽﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯩﮕﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯚﺭﻩ ﺳﯩﻤﺎﺳﻰﭼﯜﺷﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻛﯚﻙ ﺗﯘﻟﭙﺎﺭﻧﻰ ﻣﯩﻨﺪﯨﻢ. ﺑﯘ ﺋﻪﺭﻛﻪﻛﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯩﺘﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﺗﯧﺒﯩﺮﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﺮﺭﯨﻦ ﺩﯦﯖﯩﺰﯨﻐﺎ ﻗﯘﻳﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰﺋﯧﻤﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﺑﯚﺭﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻳﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﮬﻪﻳﻜﯩﻠﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ. ﺑﯘ ﻛﻪﻣﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻜﻰﺋﻮﻳﻤﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮﯕﺎﻳﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﻪﻡ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﮬﻪﻳﻜﻪﻝ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﻢ: ﻗﻪﺩﯨﻢ – ﻗﻪﺩﯨﻢ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﺩﻩﻝ ﻣﯘﺷﯘ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺳﺎﮬﯩﻠﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﯘﻛﯩﺴﻰ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪ ﺋﺎﻛﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﺗﺎﺟﯘ – ﺗﻪﺧﺘﯩﻨﻰﺗﺎﺭﺗﯩﯟﺍﭘﺘﯘ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻛﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺭﯗﻕ – ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﻨﻰ ﻗﯩﺮﯨﭙﺘﯘ. ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﺟﻴﻪﻥﻗﯩﺰﻻ ﺋﺎﻣﺎﻥ ﻗﺎﭘﺘﯘ. ﺟﻴﻪﻥ ﻗﯩﺰ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺑﻮﻳﻰ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻮﻧﺎﺥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭙﺘﯘ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﯘ ﻣﻮﻧﺎﺥ ﻗﯩﺰ ﻗﻮﺷﻜﯧﺰﻩﻙ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖﺗﯘﻏﯘﭘﺘﯘ. ﻏﻪﺯﻩﭘﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪ ﻣﻮﻧﺎﺥ ﻗﯩﺰﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﭖ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎﻏﺎﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭙﺘﯘ. ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﭼﯩﺸﻰ ﺑﯚﺭﻩ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﯗﯞﯦﻠﯩﭗ، ﺋﯚﺯ ﺳﯜﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥﺑﯧﻘﯩﭗ ﭼﻮﯓ ﻗﯩﭙﺘﯘ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﭘﺘﯘ ﯞﻩﺑﯚﺭﻩ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﯗﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﭙﺘﯘ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻛﺎ – ﺋﯘﻛﺎ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺑﯘ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻳﺴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﺵ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩﺋﺎﺭﺍﺯﻟﯩﺸﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﺋﯘﻛﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﭘﺘﯘ ﯞﻩ ﺑﯘ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰﺑﯩﻠﻪﻥ «ﺭﯗﻡ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﭘﺘﯘ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘ، ﺧﻮﺗﯘﻥ – ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﻩ ﻗﻮﺷﻨﺎ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﯘﭖ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﮔﯩﺮﺩﺍﺑﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﺎﺭﯨﻐﺎ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﺎﻧﺎ ﺑﯚﺭﻩ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳﺎﺭﺍﺷﺘﯘﺭﯗﭘﺘﯘ. ﺷﯘﻧﯩﯔﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭﺩﻩ ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯘ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﭙﺘﯘ .

ﺑﯘ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮬﻪﻳﻜﻪﻟﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺧﯩﻴﺎﻟﻐﺎ ﭼﯚﻣﺪﯛﻡ. «ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ»ﺩﯨﻜﻰ ﮬﺎﺑﯩﻞ – ﻗﺎﺑﯩﻞ ﺋﺎﻛﺎ – ﺋﯘﻛﺎ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﺴﻰ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰﻗﺎﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﮕﻪ ﺳﻪﯞﻩﺑﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﻮﻗﯘﻕ ﯞﻩﺳﯟﻩﺳﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻗﯩﺰ ( ﺋﯩﻘﻠﯩﻤﻪ) ﻛﺎﻟﻼﻣﺪﯨﻦ ﻳﺎﻟﺖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﺘﻰ. ﮬﯘﻥ، ﺋﯘﺳﯘﻥ، ﻗﺎﯕﻘﯩﻞ، ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﯨﻤﯘ، ﺋﻪﺭﮔﯩﻨﻪ ﻗﯘﻧﺪﯨﻤﯘ، ﺋﻮﻏﯘﺯﺧﺎﻥ ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﯩﺪﯨﻤﯘ، ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﺪﯨﻤﯘ، ﻣﯩﺴﯩﺮ ﯞﻩ ﻓﺎﺭﺱﺩﯨﻴﺎﺭﺩﯨﻤﯘ، ﻓﯧﻦ، ﮔﯧﺮﻣﺎﻥ ﯞﻩ ﺳﻼﯞﯨﻴﺎﻥ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﯩﻨﺪﯨﺌﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻤﯘ ﮬﻪﺭﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ ﻗﻪﺗﻠﯩﺌﺎﻣﯩﺪﺍ ﺑﯚﺭﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﻖ، ﻳﺎ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﻛﻰﻳﻮﻟﺒﺎﺷﭽﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﻧﯩﺠﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰﻣﺎﯕﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻼﮬﯩﻲ ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻧﻐﺎﻥ ﻳﯩﺮﺗﻘﯘﭺ ﻗﺎﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺕ ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﭘﺎﺭﺗﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﻪﺭﮬﻪﻡ ﺑﻪﺭﮔﯜﭼﻰ، ﺋﯘﻧﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﮕﯜﭼﻰ، ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﯩﮕﯜﭼﻰ ﻧﯧﻤﻪﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯚﺭﻩ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ؟ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕﻳﯩﺮﺗﻘﯘﭼﻠﯘﻗﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﮕﯜﭼﻰ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺪﻩ ﮬﻪﻡ ﻧﯩﺠﺎﺗﻜﺎﺭ، ﮬﻪﻡ ﻳﯩﺮﺗﻘﯘﭺﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ؟

ﺩﻩﺭﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺕ، ﻛﯜﭺ – ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ، ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﺋﯜﭼﯜﻧﻤﯘ، ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺋﯜﭼﯜﻧﻤﯘﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻤﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻪﻥ؛ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﻪﭘﺮﻩﺕ، ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻛﯚﺯﻟﻪﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﮔﯩﮕﻪ ﺑﯧﻐﯩﺸﻼﺵ ﺭﻭﮬﻰ ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﮬﻪﻣﺠﻪﮬﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ.

ﻣﻪﻥ ﺟﺎﮬﺎﻥ ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﯩﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺰ – ﻧﯩﺸﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﭘﺘﯩﻢ. ﺑﯚﺭﻩ ﺑﯧﺸﯩﻨﯩﯔﺳﯜﺭﯨﺘﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺗﯘﻍ – ﺋﻪﻟﻪﻣﻠﻪﺭ ، ﻳﺎﻏﺎﭺ ﺋﻮﻳﻤﯩﻼﺭ؛ ﺑﯚﺭﻩ ﺳﯩﻤﺎﺳﻰﭼﯜﺷﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻗﯧﻴﯩﻖ ﯞﻩ ﺗﯜﯞﺭﯛﻛﻠﻪﺭ، ﻛﯚﻛﺘﯩﻜﻰ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﯚﺭﯨﻨﯩﯔﺳﯜﺭﯨﺘﻰ ﻛﻪﺷﺘﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺭﻩﺧﺖ ، ﺋﯩﻨﺪﯨﺌﺎﻧﻼﺭ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺋﯘﭼﺎﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺭﻩﺳﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ، ﺑﯚﺭﻩ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻼﮪ ﻧﺎﻣﻰ ﺗﻪﯓ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻧﯩﻼﺭ ﯞﻩﺑﺎﻳﺮﺍﻣﻼﺭ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﯩﺪﯨﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﻣﻪﻥ ﻳﯩﺮﺍﻕ – ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﻖ – ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﻧﺎﺳﯩﻨﻰﺗﺎﭘﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﯞﯗﺟﯘﺩﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺗﯘﺭﻟﯘﻕ، ﻗﻪﻳﺴﻪﺭﻟﯩﻚ، ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻖ، ﮬﻪﻣﺪﻩﻣﻠﯩﻚ، ﻗﺎﻥ – ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﻨﻰ، ﺋﯩﻠﮭﺎﻣﭽﯩﺴﯩﻨﻰﺗﺎﭘﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ. ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﺩﺍﺷﻠﯩﻖ، ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﺍﺷﻠﯩﻖ، ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﺍﺷﻠﯩﻖ ﺑﯘﺭﭼﻰﻗﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﯘﺭﻏﯘﺗﺘﻰ.

ﻣﻪﻥ ﻗﯘﻳﺎﺷﻘﺎ ﻗﺎﺭﯨﺪﯨﻢ، ﺋﺎﻕ ﺗﻪﻧﻠﯩﻚ ﻗﻮﯞﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺋﯩﻼﮬﯩﻨﻰ ﺑﯚﺭﻩ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥﻗﻮﺷﯘﭖ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﺴﯩﻤﮕﻪ ﭼﯜﺷﺘﻰ، ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻣﺎﯕﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﮬﺎﺭﺍﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﻳﯧﻴﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﺗﻼﻕ، ﻳﻪﻟﭙﯜﻧﯜﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﻮﺭﻣﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﺪﯨﻢ، ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﻼﮬﯩﻨﯩﻤﯘ ﺑﯚﺭﻩ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻤﻨﻰﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﻜﻪ ﺗﺎﺭﺍﺗﺘﻰ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺋﯩﻼﮬﯩﻨﻰ ﺑﯚﺭﻩ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯚﻙ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭﯗﻣﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺑﯜﻳﯜﻛﻠﯜﻛﻠﻪﺭﺩﻩ ﭘﻪﺭﯞﺍﺯﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺩﻯ. ﺋﻪﻗﯩﻞ – ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺕ ﺋﯩﻼﮬﻰ ﻣﯩﺮﻛﻮﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ «ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ»ﺩﺍ ﺯﯨﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥﺑﯚﺭﻩ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻯ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻠﯩﻖ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﯗﻣﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﯜﻛﺴﻪﻟﺪﯛﺭﺩﻯ. ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﻳﻐﯘ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﺪﻯ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻗﺘﯩﻦﻳﻮﺭﯗﻗﻠﯘﻗﻘﺎ، ﮬﺎﻻﻛﻪﺗﺘﯩﻦ ﻧﯩﺠﺎﺗﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ، ﺋﯜﻣﯩﺪﺳﯩﺰﻟﯩﻜﺘﯩﻦ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭﻟﯩﻘﻘﺎ، ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯜﻛﺘﯩﻦ ﺟﯘﺷﻘﯘﻧﻠﯘﻗﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺷﯘ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻠﯩﻚﺭﻭﮪ ﺑﯚﺭﻩ ﺭﻭﮬﻰ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻐﺎ ﭼﯚﻣﺪﯛﺭﺩﻯ.

ﺑﻮﻳﻨﯘﻣﻐﺎ ﺋﯧﺴﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﯚﺭﻩ ﺋﻮﺷﯘﻗﯩﻨﻰ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﻳﺪﯛﻡ، ﻣﺎﯕﺎ ﻛﯜﭺ ﻛﯩﺮﺩﻯ. ﺑﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯚﺭﻩ ﺭﻭﮬﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﻛﯜﭺ ﺋﯩﺪﻯ.

ﺋﻮﯞﭼﯩﻨﻰ ﻗﺎﭼﯘﺭﯗﺵ

ﻣﻪﻥ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ، ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﻐﺎ ﺑﯩﺮﺋﻮﯞﭼﻰ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﺘﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﻣﯩﻠﺘﯩﻖ، ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﯧﺮﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭﺋﯩﺪﻯ. ﻧﯧﺮﻯ – ﺑﯧﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﺎﻳﻼ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﯧﺮﯨﺴﯩﻨﻰﺗﺎﺭﺗﯩﯟﺍﻟﺪﯨﻢ. ﺋﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﻣﯩﻠﺘﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﯕﻠﯩﺪﻯ، ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭘﻤﯘ ﻗﻮﻳﻤﺎﻱ ﺑﯚﺭﻩﺗﯧﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﻳﯧﭙﯩﻨﺪﯨﻢ. ﻣﻪﻥ ﺷﯘ ﺗﺎﭘﺘﺎ ﺋﯚﺯﯛﻣﭽﻪ ﺑﯚﺭﻩ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﯩﺪﯨﻢ. ﺋﯘﻣﺎﯕﺎ ﭘﻮﭘﻮﺯﺍ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭﭼﻪ ﺧﯩﺮﯨﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ؛ ﺋﯘ ﻣﯧﻨﻰﻣﻪﻧﺴﯩﺘﻤﻪﻱ ﻛﯜﻟﺪﻯ، ﻣﻪﻥ ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﺪﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺳﺎﺭﺍﯕﻐﺎ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﯨﻢ. ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﮔﻮﻳﺎﺳﯩﺮﺗﺎﺭﺩﯗﺷﻼﺭﻧﻰ ﮬﺎﻻﻛﻪﺗﺘﯩﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯚﺗﯜﻛﻪﻥ ﺑﯚﺭﯨﺴﻰﮬﯧﺴﺎﺑﻼﻳﺘﺘﯩﻢ. ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻢ: «ﺳﻪﻥ ﺳﻪﻧﻠﻪﺭ ﮬﺎﻻﻙ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺧﻪﯞﭘﯩﺪﻩﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﯩﺴﯩﻠﻪﺭ!» ﺋﯘ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺋﯘ ﻣﯧﻨﻰ ﺳﺎﺭﺍﯕﻐﺎ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﯨﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﯞﻩﮬﯩﻤﯩﮕﻪ ﭼﯚﻣﺪﯨﻤﯘ، ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ، ﻣﯩﻠﺘﯩﻘﯩﻨﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﺗﻪﯕﻠﯩﮕﯩﻨﯩﭽﻪ، ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﺩﺍﺟﯩﭗ – ﺩﺍﺟﯩﭗ ﺑﯩﺮﺋﺎﺯ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﺸﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ.

ﺋﯧﮕﯩﺰ ﭼﻮﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯚﺭﻩ

ﻣﻪﻥ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ، ﺑﯚﺭﻩ ﺗﯧﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﻳﯧﭙﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ، ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺑﯚﺭﻩ ﭼﺎﻏﻼﭖ، ﺑﯚﺭﻩ ﺟﺎﻣﺎﺋﯩﺘﯩﻤﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﺴﺎﻡﭘﯘﺭﯨﺪﯨﻢ، ﺗﯩﻜﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﯘﯕﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﺴﺎﻡ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﮕﻪﺳﯜﺭﺗﺘﯜﻡ. ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ. ﻧﺎﮬﺎﻳﻪﺕ ﺑﯩﺮﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﺋﺎﯕﻼﻧﺪﻯ. ﮔﻮﻳﺎ ﺑﯩﺮ ﯞﻩﮬﯩﻲ ﺋﺎﯕﻼﻧﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﯞﯗﺟﯘﺩﯗﻡ ﻟﻪﺭﺯﯨﮕﻪﻛﻪﻟﺪﻯ. ﻳﯜﮔﯜﺭﺩﯛﻡ، ﺋﺎﯞﺍﺯ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﯜﮔﯜﺭﺩﯛﻡ. ﭼﺎﺗﻘﺎﻟﻼﺭﭘﻪﺷﻠﯩﺮﯨﻤﮕﻪ ﺋﯧﺴﯩﻠﺪﻯ، ﭘﻪﺭﯞﺍ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ؛ ﺋﯘﭼﻠﯘﻕ ﺗﺎﺷﻼﺭ ﭼﺎﭘﯘﺗﻠﯩﺪﻯ، ﭘﯩﺴﻪﻧﺖﻗﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ، ﻳﯜﮔﯜﺭﺩﯛﻡ، ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﻢ ﺗﯜﯞﯨﺪﻩ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯚﺭﯨﻨﯩﯔ ﮬﯘﯞﻟﯩﺸﯩﻼ!

ﺋﺎﺧﯩﺮ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﻗﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺪﻯ. ﭼﻮﻗﻘﯩﻐﺎ ﻳﺎﻣﺎﺷﺘﯩﻢ، ﺳﯧﺮﯨﻠﺪﯨﻢ، ﻳﻪﻧﻪ ﻳﺎﻣﺎﺷﺘﯩﻢ، ﻳﻪﻧﻪ ﺳﯧﺮﯨﻠﺪﯨﻢ، ﻗﺎﻧﭽﻪﻗﯩﻠﺴﺎﻣﻤﯘ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺋﺎﻳﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻢ ﻳﯩﺮﺗﯩﻠﺪﻯ، ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻢ ﻗﺎﻧﯩﺪﻯ، ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻢﺟﯘﻟﺠﯘﻝ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﺋﯘ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻳﯜﻛﺴﻪﻛﻠﯩﻜﻜﻪ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻢ. ﺋﺎﺧﯩﺮ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﭼﻮﻗﻘﯩﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭘﻪﺳﺘﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﯨﻢ، ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﻣﯧﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯨﻢ، ﻛﯚﺯﯛﻡ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﺋﯘﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﺍ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﭼﯚﺭﮔﯩﻠﻪﻳﺘﺘﯩﻢ، ﻛﺎﻟﻼﻣﺪﯨﻤﯘ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭﭼﯚﺭﮔﯩﻠﻪﻳﺘﺘﻰ.

«ﺋﻪﻱ ﺑﯚﺭﻩ، ﺩﻩﻳﺘﺘﯩﻢ ﺋﯩﭽﯩﻤﺪﻩ، ﺳﻪﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﻳﯜﻛﺴﻪﻛﻠﯩﻜﻜﻪ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻨﻤﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯﻳﯜﻛﺴﻪﻛﻠﯩﻜﻜﻪ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ. ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺭﻭﮬﯩﯔ ﺗﺎﻍ – ﺋﻮﺭﻣﺎﻧﻼﺭﻏﺎ، ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ، ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻏﺎﺳﯩﯖﮕﻪﻥ. ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﺗﺎ – ﺑﻮﯞﺍﻡ ﺳﺎﯕﺎ ﺳﯧﻐﯩﻨﻐﺎﻥ، ﻣﻪﻥ ﮬﯧﻠﯩﮭﻪﻡ ﺳﺎﯕﺎﺳﯧﻐﯩﻨﯩﻤﻪﻥ. ﻣﻪﻥ ﺳﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﯕﺪﺍﺷﻘﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ، ﺋﯩﭽﯩﻤﺪﯨﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ »

ﮬﯘﯞﻻﺵ

ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ، ﺑﯚﺭﻩ ﮬﯘﯞﻟﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﯘﯞﻟﯩﺸﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻣﯘﯕﻠﯘﻕ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﻥﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﺎﻝ – ﻣﯘﯓ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯨﻢ. «ﺳﻪﻥ ﻣﯘﯕﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎﮬﻪﻗﻠﯩﻖ، ﺩﯦﺪﯨﻢ ﺋﯩﭽﯩﻤﺪﻩ، ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻥ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﺳﺎﯕﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺭﯨﻼﻧﻐﺎﻥ ﮬﺎﻗﺎﺭﻩﺗﻠﯩﻚﺗﺎﺭﯨﺨﻨﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ؟!»

ﺑﯚﺭﯨﻨﯩﯔ ﮬﯘﯞﻟﯩﺸﻰ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺩﻯ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﺑﯚﺭﯨﻨﯩﯔ ﮬﯘﯞﻟﯩﺸﻰﻗﻮﺷﯘﻟﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﺎﯞﺍﺯﻻﺭﺩﯨﻦ ﺩﺍﺩ – ﭘﻪﺭﻳﺎﺩ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ، ﺋﯘﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﻪﺭﻳﺎﺩ ﺋﯘﺭﯗﯞﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. ﻗﻪﺩﯨﻤﺪﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﺍ ﺗﻪﯓ ﻳﺎﺷﺎﭖ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﺭﻭﮬﯩﻲﻣﻪﺩﻩﺕ ﯞﻩ ﺋﯘﻟﯘﻏﯟﺍﺭﻟﯩﻖ ﺑﯧﻐﯩﺸﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﯘ ﺋﻪﻣﺪﯨﻠﯩﻜﺘﻪ ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺶ «ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺳﺎﺯﺍﯞﻩﺭ»ﻣﯘ؟ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﺍﺩ – ﭘﻪﺭﻳﺎﺩﯨﻨﯩﯔ ﺗﯧﮕﯩﻨﻰﭼﯜﺷﯩﻨﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ: ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﺍ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺪﯨﻦ ﻣﺎﻛﺎﻥ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎﮬﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻏﺎﻟﺠﯩﺮ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﯞﯗﺟﯘﺩﯨﻐﺎ ﺳﯩﯖﺪﯛﺭﮔﻪﻧﻤﯘ ﺋﻪﺳﻠﯩﻲﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. «ﻧﻪﺳﻠﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺵ» ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺘﯘﺭ ﺑﯩﺮ ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﺋﯩﺴﺘﻪﻛﻨﯩﯔﻗﯘﺗﺮﯨﺘﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺘﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯧﺘﯩﺸﺘﯘﺭﻣﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﯞﯗﺟﯘﺩﯨﺪﺍﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﺋﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻻﺭﻣﯩﺪﻯ!؟»

ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ، ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﯘﯞﻟﯩﺸﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺳﯜﺭ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺘﯘﺭ ﺑﯩﺮﯞﻩﮬﯩﻤﻪ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﻧﺎﮬﻪﻕ ﻗﺎﺭﯨﻼﻧﻐﺎﻥ، ﻧﺎﮬﻪﻕ ﺟﺎﺯﺍﻻﻧﻐﺎﻥ ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭ ﺋﻪﻣﺪﻯﺋﯩﺴﻴﺎﻥ ﻛﯚﺗﯜﺭﻣﻪﻛﭽﯩﻤﯩﺪﯗ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﯩﺴﺎﺱ ﺋﺎﻟﻤﺎﻗﭽﯩﻤﯩﺪﯗ؟ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭﻣﺎﯕﺎ ﻳﻮﭘﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺑﯘ ﯞﻩﮬﯩﻤﻪ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔﺳﺎﺩﺍﺳﻰ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺪﯨﻦ ﯞﻩﮬﯩﻤﻪ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ.

ﻣﻪﻥ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﯘﯞﻻﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦﺋﻪﻧﺴﯩﺮﻩﯞﺍﺗﺎﺗﺘﻰ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﻩﯞﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺭﺍﺳﺖ، ﺑﯚﺭﯨﻨﯩﯔ ﻧﻪﺳﻠﯩﻨﻰﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺳﻠﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺸﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺋﯩﻜﻜﻰﺟﯩﻨﺴﺘﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺗﺎﻕ ﺑﯩﺮ ﺟﯩﻨﺴﺘﯩﻦ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ (ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ؟) ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ ﻧﯧﻤﻪ ﻛﻮﻳﻐﺎ ﺳﺎﻻﺭ؟ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻨﻰ ﻧﯧﻤﻪ ﻛﻮﻳﻐﺎ ﺳﺎﻻﺭ؟

ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﯘﯞﻻﺷﻠﯩﺮﻯ ﻛﯜﭼﻪﻳﺪﻯ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ – ﻧﯘﺭﻏﯘﻥﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﯘﯞﻻﺷﻠﯩﺮﻯ ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺗﯩﻠﺴﯩﺰ ﺗﺎﻏﯘ – ﺗﺎﺷﻼﺭ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺯﯗﯞﺍﻧﻐﺎﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﻪﻛﺲ ﺳﺎﺩﺍ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﻯ، ﺑﻮﺭﺍﻥ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺩﻩﻝ – ﺩﻩﺭﻩﺧﻠﻪﺭ ﺧﯘﺩﺩﻯﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻴﺎﻧﻜﺎﺭ ﭼﯘﻗﺎﻧﯩﻨﻰ ﭼﺎﯞﺍﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺷﺎﻟﺪﯨﺮﻻﺷﻘﺎﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﮔﯜﻝ – ﮔﯩﻴﺎﮬﻼﺭ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﺑﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻼﭖ ﺑﺎﺵ ﻟﯩﯖﺸﯩﺘﯩﭗﺋﯜﻟﮕﯜﺭﻩﻟﻤﻪﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ؛ ﺑﯘﻻﻕ ﺳﯘﻟﯩﺮﻯ ﺷﯩﺮﯨﻠﺪﺍﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺧﯘﺩﺩﻯﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﭘﯩﭽﯩﺮﻟﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ. ﻛﯚﻝ ﺳﯘﻟﯩﺮﻯ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﯩﻠﯩﭗﻳﺎﺗﻤﺎﻱ، ﺑﯩﺮ ﮬﻪﻕ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻏﺰﯨﻨﻰ ﺋﯚﻣﻪﻟﻠﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ، ﺩﻩﺭﻳﺎ – ﺩﯦﯖﯩﺰﻻﺭ ﺗﺎﺷﻘﯩﻨﻼﭖ ﻣﻪﻳﺪﯨﺴﯩﮕﻪ ﻣﯘﺷﺘﻼﭖ ﺳﯚﺯﻟﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﯧﻨﯩﻤﻤﯘ ﺋﯘﺭﻏﯘﺩﻯ. ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﯚﺭﻩ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺑﻮﺭﺍﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ ﮬﯘﯞﻻﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﯨﻢ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﮬﯘﯞﻻﺷﻠﯩﺮﯨﻤﺪﺍ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﺠﻪﮬﻪﺗﻠﯩﻜﻰ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﯧﺘﻪﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ﺑﯘﮬﯘﯞﻻﺷﻠﯩﺮﯨﻤﺪﺍ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺧﯩﺘﺎﺏ ﻳﺎﯕﺮﯨﺘﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﯩﻢ: «ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭ ﮬﯘﯞﻻﯞﺍﺗﯩﺪﯗ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ، ﻗﯘﻻﻕ ﺳﯧﻠﯩﯖﻼﺭ، ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭ ﮬﯘﯞﻻﯞﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺋﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﺑﯩﺮﻣﻪﻧﺒﻪﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻗﺎﻥ – ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺟﺎﻛﺎﺭﻻﯞﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺋﯘﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯖﻤﯘ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯖﻤﯘ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﻛﺎﻧﺪﺍﺵ، ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﺘﺎﺑﯩﺮﻻ ﻣﺎﻛﺎﻧﺪﺍﺵ ﺑﯩﺮﻻ ﻳﻪﺭﺷﺎﺭﯨﻐﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺟﺎﻛﺎﺭﻻﯞﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺋﯘ، ﺋﺎﻟﻪﻣﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﯩﺶ ﻛﯜﭼﻰ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ، ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺟﺎﻛﺎﺭﻻﯞﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺋﯘ ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﺸﻤﺎﻳﻠﻰ ﺩﻩﯞﺍﺗﯩﺪﯗ، ﻗﯩﺮﻏﯩﻦﻗﯩﻠﯩﺸﻤﺎﯕﻼﺭ ﺩﻩﯞﺍﺗﯩﺪﯗ؛ ﺋﯘ ﺑﯘ ﺟﺎﮬﺎﻧﻨﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻤﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ، ﺩﻭﺯﺍﺥﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻤﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ، ﺩﻩﯞﺍﺗﯩﺪﯗ؛ ﺋﯘ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺳﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺳﺎﮬﯩﺒﻰﺋﯩﺪﯨﻢ، ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﯞﻩﮬﺸﯩﻴﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺳﯩﻤﯟﻭﻟﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻥﮬﯧﻠﯩﮭﻪﻡ ﺋﯘﻟﯘﻏﯟﺍﺭﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺳﺎﮬﯩﺒﻰ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﻳﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﻏﺎﻟﺠﯩﺮﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺗﯩﻤﺴﺎﻟﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﺩﻩﯞﺍﺗﯩﺪﯗ.

ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭ ﮬﯘﯞﻻﯞﺍﺗﯩﺪﯗ، ﺋﻪﻱ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ، ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭ ﮬﯘﯞﻻﯞﺍﺗﯩﺪﯗ، ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﺑﯚﺭﻩﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﺍ ﮬﯘﯞﻻﯞﺍﺗﯩﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﮬﺎﯕﺪﺍ ﮬﯘﯞﻻﯞﺍﺗﯩﺪﯗ، ﻣﻪﻧﻤﯘﺋﯚﺯﯛﻣﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﺍ ﮬﯘﯞﻻﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ، ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﻗﯘﻻﻕ ﺳﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ، ﺳﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﻗﯘﻻﻕﺳﯧﻠﯩﯖﻼﺭ، ﺋﻪﻱ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ »

ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺶ

ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﺪﯨﻢ، ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ ﭼﯧﺪﯨﺮ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﯧﺘﯩﭙﺘﯩﻤﻪﻥ. ﻣﯧﻨﻰ ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭ ﭼﯧﺪﯨﺮ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪﺋﻪﻛﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪﯨﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻤﯘ ﭼﯧﺪﯨﺮﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﻤﺎﻱ ﭼﯜﺵ ﻛﯚﺭﺩﯛﻣﻤﯘ، ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﯩﺪﯨﻢ. ﭼﺎﯕﻐﯩﺮﺍﻗﺘﯩﻦ ﻛﯚﻛﻜﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﯩﻨﯩﻤﺪﺍ ﭼﯧﺪﯨﺮ ﻣﺎﯕﺎ ﻛﻮﻣﺰﻩﻛﺘﻪﻙ، ﺧﯘﺩﺩﻯﺟﻪﺳﻪﺕ ﻛﯜﻟﻰ ﻗﺎﭼﯩﻼﻧﻐﺎﻥ ﻛﻮﻣﺰﻩﻛﺘﻪﻙ ﺑﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺋﯧﯖﻪﻙ، ﺑﻮﻳﻨﯘﻣﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰﺳﯜﺭﺗﯜﯞﯦﺘﯩﭗ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ. ﻛﯚﻛﻜﻪ ﺗﯩﻜﯩﻠﺪﯨﻢ، ﻳﯩﺮﺍﻕ – ﻳﯩﺮﺍﻗﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﺪﯨﻢ. ﺑﯘﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﻰ ﺋﻮﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﻳﻼﻧﻤﺎ ﺋﯧﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦﺯﻭﺭ ﭼﯧﺪﯨﺮﺩﻩﻙ ﺑﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. «ﻣﻪﻥ ﭼﯧﺪﯨﺮ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ ﺑﯩﺰ ﭼﯧﺪﯨﺮ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﯩﻤﯩﺰ» ﺩﯦﺪﯨﻢ ﺋﯚﺯ – ﺋﯚﺯﯛﻣﮕﻪ ﭘﯩﭽﯩﺮﻻﭖ. ﻣﻪﻥ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﯩﻢ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻢ ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﻤﻐﺎ ﮬﯘﯞﻟﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﻛﯩﻢ ﺋﯩﺪﯨﻢ؟ ﻛﯩﻢ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ؟ ﻛﯩﻢ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ؟ ﺑﯩﺰ ﻛﯩﻢ ﺋﯩﺪﯗﻕ؟ ﻛﯩﻢ ﺑﻮﻟﺪﯗﻕ؟ ﻛﯩﻢ ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ؟ ﻗﺎﺗﻤﯘ – ﻗﺎﺕﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﯧﺸﯩﻢ ﺋﯧﺴﻪﻧﮕﯩﺮﻩﭘﻼ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺑﯧﺸﯩﻤﻨﻰ ﭼﺎﻳﻘﯩﯟﻩﺗﺘﯩﻢ. ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺳﻪﻝ ﺋﺎﺯﺍﺩﯨﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺗﻮﯞﻻﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﯨﻢ:

ﻳﯘﺭﺗﯘﻣﻨﯩﯔ ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﻪﻥ، ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻦ ﻣﺎﯕﺎ

ﻗﺎﺭﺍ ﺑﺎﺷﯩﻢ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺑﯚﺭﻩﻡ ﺳﺎﯕﺎ

ﻧﺎﺧﺸﺎﻡ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻠﻪﺭﺩﻩ ﭘﻪﺭﯞﺍﺯ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﻗﯘﺷﻼﺭ ﭼﯘﺭﯗﻗﻼﺷﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯕﻜﻪﺵﺑﻮﻟﺪﻯ؛ ﻧﺎﺧﺸﺎﻡ ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﺎﺭﯨﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ، ﺗﺎﻏﯘ – ﺗﺎﺷﻼﺭ ﺋﻪﻛﺲ ﺳﺎﺩﺍﻳﺎﻧﺪﯗﺭﺩﻯ

ﻣﻪﻥ ﺧﯩﻴﺎﻟﺪﯨﻦ ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﺪﯨﻢ، ﻣﻪﻥ ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﺪﯨﻢ، ﺋﻪﻱ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top