• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » مەدەنىيەت بوستانى » ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىق ئوتتۇرىسىدا

ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىق ئوتتۇرىسىدا

-زامانىۋىلىقنىڭ ئەنئەنىۋىي ئەخلاقىمىزغا ئېلىپ كېلىۋاتقان سەلبىي تەسىرى

سۆز بېشى

نەچچە قېتىم كۇنۇپكا تاختىسىغا بارماقلىرىمنى قويۇش، نەچچە قېتىم يالتىيىشتىن كېيىن، ئاخىرى بۇ يازمىنى يېزىش قارارىغا كەلدىم.
كۆز ئالدىمدىكى ئاچچىق رېئاللىق، كۈنسېرى خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان ئەخلاق قورغىنى نەزىرىمدىن بىر-بىرلەپ ئۆتتى: نەۋائى كۈيلىگەن، نازۇگۇم ھەقدادىغا يەتكۈزگەن ئەخلاق يىمىرىلىشكە باشلاپتۇ. «ئۇلۇغ» دەپ خاسلىنىشقا تېگىشلىك ئانىلار ئانا ئۈچۈن ئەڭ مۇقەددەس بۇرچ ھېسابلىنىدىغان پەرزەنت تەربىيەسىنى تەرك ئېتىپتۇ، ئاللىقانداق سورۇنلاردىن بوشىيالماۋېتىپتۇ. تاغنى تالقان قىلغۇدەك ئاتىلار ئىشرەت سورۇنلىرىدا «شاھ» بولۇپ يايراۋېتىپتۇ. «بېشى بارنى باش ئەگدۈردۇق، تىزى بارنى تىزلاندۇردۇق» دەپ ياشىغان ئالىپلارنىڭ ئىزباسارلىرى ئاياللارنىڭ ئىچ كىيىملىرىنى سېتىپ يۈرۈپتۇ. «يولۋاس ئۆلتۈرگەن باتۇر»لارنىڭ ئوغۇللىرى ئايالىنىڭ كىرىنى يۇيۇپ ياشاۋېتىپتۇ. ئەسىرلەر بۇرۇن ئاتىلىرىمىز 10 نەچچە يېشىدا شاھلىق تەختىگە ئولتۇرۇپ ئەلگە باش بولغان بولسا، بۈگۈن شۇ ياشتىكى پەرزەنتلىرىمىز تەربىيەسىز ھالدا خارلىق كوچىسىدا تەمتىرەپ يۈرۈشۈپتۇ. شۇ دەمدە ھەم بەزى ئاتالمىش «تەربىيەتچىلەر» بۇ غۇبارسىز پەرىشتىلەرنى ئۆز قوينىغا تارتىپ ئۈلگۈرۈپتۇ.

بەس، ئەمدى يازماي بولمىدى! ئاتا-ئانىلىرى تەربىيەچى سالاھىيىتىنى ھازىرلىيالمىغان بەختسىز پەرزەنتلەر ئۈچۈن بارماقلىرىم كۇنۇپكا تاختىسىغا قويۇلدى.
ئىنتېرنېتنىڭ ئەخلاققا بولغان سەلبىي تەسىرى

ئىنتېرنېت رايونىمىزغا كىرگەن 16 يىلدىن بېرى ئىدارە-ئورۇن، شىركەت-كارخانىلارنىڭ خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك رول ئويناپ، رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولدى. بۇ جەرياندا ئىنتېرنېتنى خاس كەسىپ قىلغان شىركەت، شەخسلەرمۇ مەيدانغا كېلىپ، دۆلەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە يۆلەكتە بولىدىغان، جەمئىيەتنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىدىغان ئىجابىي مەنزىرە نامايان بولدى.
خوش، ئۇنداقتا ئىنتېرنېت بىلەن ئەنئەنىۋى ئەخلاقىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟

كەمىنىمۇ يىللاردىن بېرى كومپيۇتېرنىڭ، ئىنتېرنېتنىڭ نېنىنى يەپ، جېنىمنى جان ئېتىپ يۈرۈپتىمەن. بۇرادەرلەرنىڭ ئېغىزىدا «قىسمەت ئەپەندى» تەرىپلىنىشكىمۇ مۇشۇ كەسىپ سەۋەب بوپتۇ. ئاتىلار سۆزى بويىچە «ئاش بەرگەن قازاننى چاقما»سلىق كېرەك ئىدى. لېكىن، بۇ «قازان»دىن ھەر دائىم «پولۇ، لەڭمەن »لا چىقمىدى. بەزى ئېتىقادسىز «ئاشپەزلەر» سەۋەبىدىن ئەخلەتمۇ، گەندىمۇ چىقىپ قالدى. شۇ مەنقۇلاتلارنى بەزىدە مەجبۇرىي، بەزىدە پەرقلەندۈرمەي يەپ سالغاندىمەن. لېكىن، خۇداغا شۈكرى، تولۇق بۇلغىنىپ كەتمەپتىمەن، ھەرھالدا روھىم سۈزۈك، ئەقلىم ئويغاق ئىكەن. چۆچۈپ ئويغاندىم. يەنە نەچچە كىشى مۇشۇ «داشقازان»دىن چىقىۋاتقان ھەممە نەرسىنى (مەيلى ئۇ پوق-سۈيدۈك بولسىمۇ) يەپ كېلىۋاتقاندۇ؟!

بەس، ئەمدى يېتەر! بەزى «ئاشپەزلەر»نى سۈر-توقاي قىلماي، بەزى «داشقازان»لارنى چاقماي بولمىدى؛ تەم سەزگۈسى يوقالغان بەزى «خېرىدارلار»نى ئويغاتماي بولمىدى! ئەخلاققا ھۇجۇم قىلىۋاتقان بەزى ئاتالمىش «ئىنتېرنېت»قا ئۆزۈم ئۈچۈن ئەمەس، پەرزەنتلىرىم ئۈچۈن قايتۇرما ھۇجۇم قىلماي بولمىدى!!!
تېببىي كەسىپ تارىختىن بۇيان قەدىرلىنىپ كېلىۋاتقان، ئىناۋىتى يۇقىرى كەسىپلەرنىڭ بىرى. بىزدە دوختۇر-تېۋىپلار ناھايىتى ئەتىۋارلىنىدۇ (بىزدىلا ئەمەس، دۇنيا مىقياسىدا دېسەك تېخىمۇ توغرا بولىدۇ). ھېكىم ، ھەزرىتىم دېگەن يۈكسەك ناملار بىلەن ئاتىلىدۇ.

ئۇيغۇرلاردا بۇ كەسىپ تەخمىنەن 5-6 يىل ئاۋۋال ئىنتېرنېتقا يۈزلەندى. بۇ ئارقىلىق، جۇغراپىيەلىك چەكلىمە بۇزۇپ تاشلىنىپ، كىشىلەر ئىنتېرنېت ئارقىلىق دوختۇر-تېۋىپلارنىڭ مەسلىھەتىنى ئالالايدىغان، ناھايىتى ئاز ئىقتىسادىي چىقىم بىلەن خېلى زور مەنپەئەتكە ئېرىشەلەيدىغان بولدى.
لېكىن بەزىلەر «كۆزۈم كۆرمىدى، قۇلىقىم ئاڭلىمىدى» دېگەن ئاڭ بىلەن، خالىي ئورۇندا پەقەت دوختۇر-تېۋىپ بىلەن بىمار ئوتتۇرىسىدىلا بولۇشقا تېگىشلىك خاس پاراڭلارنى ئاممىۋىي سورۇن-ئىنتېرنېتتا ئاشكارىلاپ، دوختۇر-تېۋىپلارنى، ئىنتېرنېت زىيارەتچىلىرىنى ئوڭايسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويماقتا.
تۆۋەندىكى بايانغا قاراڭ:

بۇ يەردىكى بايان ئورنىغا كۆپ چېكىت قويۇلدى. بۇ كۆپ چېكىتنىڭ ئورنىدا نېمىلەر بارلىقى ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ئۆتكۈر نەزىرىدىن قېچىپ قۇتۇلماس.
بۇ باياننى ئوقۇپ، مەن ئۇيالدىم، ئەتراپىمدا بىرسى باردەك ئۇياق-بۇياققا قاراپ كەتتىم. مەن 33 ياشقا كىرگەن، توي قىلغىلى 10 يىل بولغان ئەركەك. ئەگەر بۇنى ئوقۇغۇچى بالاغەت يېشىدىكى قىز-ئوغۇللار بولسا قانداق بولار؟ تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ: يۇقىرىدىكى باياننىڭ شەھۋانىي فىلىملەردىكى كۆرۈنۈشلەردىن نېمە پەرقى بار؟ ئەگەر ھەقىقەتەن پەرقى بار دېيىلسە بىرسى سىن، بىر ئېقى بەت، قارىسى خەت ئىنتېرنېت، خالاس.

تېببىي ئىلىم بىر قەدەر ئاشكارا ئىلىم. بىز پىنھاندا قىلىدىغان خۇسۇسىي ئىشلار تېببىي ئىلىمدە ئاشكارا سۆزلىنىدۇ. بۇنى خاتا دەپ ئىنكار قىلىش قولىمىزدىن زىنھار كەلمەس، «ئاغرىقنى يوشۇرساڭ، ئۆلۈم ئاشكارا» دېيىشىدۇ دانىشمەنلەر. لېكىن، بىزدىكى مىللىي ئەخلاق بىلەن تېببىي ئىلىمنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلماق بەسىي مۈشكۈل ئىش. بىمار دوختۇر-تېۋىپ بىلەن ھەرنېمە دېيىشەر، ھەر يەرلەر تەكشۈرۈلەر، ساقلىق ئۈچۈن بۇلار زۆرۈردۇر. لېكىن، تور مەتبۇئاتىدا بۇنى ئاشكارا ئېلىش تېببىي نۇقتىدىن چەكلىمىگە ئۇچرىمىسىمۇ، بىزدىكى ئەخلاقىي نۇقتىدىن قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئىش. تېببىي تور بېكەت قۇرغانلار، قۇرغۇچىلار تېببىي ئىلىم بىلەن ئۇيغۇر ئەخلاقى ئوتتۇرىسىدىكى بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ناھايىتى سەگەك، سوغۇققان بولمىقى لازىمدۇر .
كەمىنە بۇ يەردە تېببىي تورلارنى رەت قىلماقچى ئەمەس، مەنمۇ تېببىي تورلارنىڭ دائىملىق زىيارەتچىسى، تېببىي تورلاردىن پايدىلىنىپ، ساغلاملىقىمغا خېلى كۆپ مەنپەئەتلەرنى ئالغان كىشىمەن. مەن بۇ يەردە تېببىي تورلار ئىسلاھ قىلىنىشى، بەزى خالىي مەزمۇنلارنى پەقەت شۇ مەزمۇنلارنى كۆرۈشكە تېگىشلىك كىشىلەر كۆرىدىغان قىلىپ تەڭشەش كېرەك، دېمەكچى..

بۇنىڭغا قانداق ئامال بار؟ بۇ خىل مەزمۇننى كۆرۈش ئۈچۈن كىملىكتىن پايدىلىنىش، تور بېكەت ئىگىسى بىلەن تېلېفون ئالاقىسى قىلىش ئارقىلىق كۆرۈش ھوقۇقىغا ئېرىشىش، ئەڭ بولمىغاندا شۇ خىل مەزمۇنلارنى كۆزگە چېلىقمايدىغان ئورۇنغا جايلاشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىش مۇمكىن.
ھېكايەت: قېيىنى ئىنىمنىڭ ئوغلىنى يېنىمىزغا ئەكېلىۋالغان ئىدۇق. زېھنى ئوچۇق، ئەقىللىك، لېكىن ئاتا-ئانىسىنىڭ ناقابىللىقى تۈپەيلىدىن ياخشى تەربىيە ئالالمىغان بۇ جىيەن ئوغلۇم يېنىمىزدا تۇرۇپ ئوقۇپ كەلدى. خۇداغا شۈكرىلەركى، تەربىيەمىز ئۈنۈم بېرىشكە باشلىدى. گەپ-سۆز، يۈرۈش تۇرۇش، دەرسلەردە ئېچىلىپ كەتتى. شۇنداق ئەركىن كىرىپ چىقىدۇ، ھەدە-سىڭىللىرى بىلەن ئاجايىپ جۇشقۇن مۇنازىرىلىشىدۇ، قىسقىسى ئەجرىمىز ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىۋاتاتتى…
7-8 ئاي ئۆتتى. بىر كۈنى ئايالىم گەپ ئارىلىقىدا دەپ قالدى: «بۇ خېلى چوڭ بولۇپتۇ جۇمۇ، يۇيۇپ قوياي دەپ مۇنچىغا ئەكىرسەم، كەينىنى قىلىپ يۇيۇنۇۋاتىدۇ، ئۆزى يۇيۇنسۇن دەپ يېنىپ چىقتىم.»

مەن «ھە» دېدىم ، لېكىن ئەر كىشى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن باشقا بىر خىيال كاللامغا كەلدى «نەچچە چاغدىن بېرى ئاپا دەپ كېلىۋاتقان تۇرۇپ، بۈگۈن نېمىشقا توساتتىن بۇنداق بولىدۇ؟ بۇنىڭ بۇ خىل ھەرىكىتىگە زادى نېمە سەۋەب ئەمدى؟»

ئىككى كۈندىن كېيىنكى شەنبە كۈنى ئىشتىن يېنىپ، قورۇغا كىرسەم، ئالدىمغا قىزلىرىم ئۇچرىدى، «دادا، مەيداندا چويلا توپ ئوينىماقچى ئىدۇق، …جان چۈشمەيۋاتىدۇ، چاقىرىپ قويسىڭىز». 5-قەۋەتتىكى ئۆيۈمگە چىقىپ ئىشىكنى چەكتىم، جىيەن ئوغلۇم ئۆڭ-سۆلى يوق ھالدا ئىشىكنى ئېچىپلا يەنە ئىشخانا ئۆيۈمگە كىرىپ كەتتى.

مەن كىرىپ بولغىچە پەسكە چۈشۈپ كەتتى.

بالىنىڭ ئالدىنقى كۈندىكى ئىپادىسى، بۈگۈنكى ماۋۇ ھالى مېنىڭ تېخىمۇ گۇمانغا سالدى.

رازۋېدكىنى باشلىدىم: ئايالىمنىڭ كومپيۇتېرىنى ئاچتىم (مىنىڭ كومپيۇتېرىمغا پارول سېلىنغان، مەندىن باشقا ھېچكىشى ئاچالمايدۇ)، كومپيۇتېرنىڭ ھەممە دىسكىسىنى چالا قويماي ئاقتۇردۇم، ئىشلار نورمال. QQ نى ئاچتىم، بىر نومۇر ئاپتوماتىك ساقلاقلىق ھالەتتە تۇراتتى. ئاچتىم. پاراڭلىشىش خاتىرىسىنى بىرمۇ-بىر تەكشۈردۈم. يېرىم سائەت بۇرۇنقى بىر خاتىرىدە بىر گۇمانلىق تور ئادرېسى تۇراتتى. ئاچتىم، نېمىسىنى ئېيتاي، كۆرگۈسىز بەدبەشىرەلىكلەر بىلەن تولغان بىر شەھۋانىي سۇپا كۆز ئالدىمدا لەيلەپ تۇراتتى. تىترەپ كەتتىم…
-بىزنىڭ نەچچە ئايلىق تەربىيەمىز بىكار بولدىمۇ؟ جىيەنىمنى ياخشى تەربىيەلەيمىز دەپ ئەكېلىۋالغان ئىدۇققۇ؟…
بىرەر سائەتتىن كېيىن ئايالىم ئىشتىن ياندى، بالىلار كىردى. مەن ھېچقانداق چاندۇرماي، بۇرۇنقىدەكلا تاماق شىرەسىگە كەلدىم. ناھايىتى خۇشھال (ئىچىمدە ئۇنداق ئەمەس) كەيپىياتتا تاماق يېدىم.
دادام رەھمىتى بالىلارغا تەربىيە بېرىدىغان ئىش بولسا، ھەرگىز ئاچ قورساق قويۇپ تەربىيە بەرمەس ئىكەن. مەنمۇ شۇنداق قىلماقچى بولدۇم.
تاماق ئارىلىقىدا ناھايىتى تەبىئىي رەۋىشتە گەپنى QQ غا يۆتكىدىم.
– سېنىڭ نومۇرۇڭ بارمۇ بالام-، جىيەنىمدىن سورىدىم.
ئۇمۇ خۇشھال ھالدا مۇنچە دېدى. بۇ دەل ھېلىقى نومۇر ئىدى.
دۇئاغا قول كۆتۈردۇق.
بالىلار ھۇجرىسىغا كىرمەكچى بولۇپ مېڭىشتى.
-قايسىڭلار ئۆيدە تومراق سىم كۆردۈڭلار- بالىلاردىن سورىدىم، ئەمەلىيەتتە ئۆيدە ئۇ خىل سىم يوق ئىدى.
– كۆرمىدۇق، نېمە قىلاتتىڭىز دادا؟
-بۈگۈن بىزنىڭ بىنادا بىرسىنىڭ سىمدىن ياسىغان ئاجايىپ بىر نەرسىسىنى كۆردۈم. بەك چىرايلىق ياساپتۇ. شۇنى مەنمۇ ياساپ باقاي دېگەنىدىم.
-ۋاھ، قانداق نېمىكەن ئۇ؟
-ھېلى ياسىغاندا كۆرىسىلەر، ھازىر ئۈچىڭلار چۈشۈپ، ئۈچ تال ھۆل چىۋىق تېپىپ چىقىڭلار. بىرەر مېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولسا بولىدۇ-، دېدىم.
ئۇلار چۈشۈپ كەتتى.
– چارچاپتىمەن، بىر نەرسە ياساپ ھاردۇقۇمنى چىقىراي-، ئايالىمغا شۇنداق دەپ قويدۇم.
بالىلار كىردى. ھەرقايسىسى ئۆزلىرى ئەكىرگىنىنى ماختاپ تۇرۇشاتتى.
– … جاندىن باشقا ھەممىڭلار چىقىپ كېتىڭلار!
قىزلىرىم گەپ قىلماي چىقىپ كەتتى، ئايالىم كۆزۈمگە قارىدى. ۋارقىرىدىم:
-سىزمۇ چىقىڭ!
مەندىن ئەزەلدىن مۇنداق پوزىتسىيە كۆرمىگەن ئايالىم ھەيران قالغان ھالدا چىقىپ كەتتى.
سوراق باشلاندى:
– ماۋۇ نومۇرلۇق QQ سېنىڭمۇ؟
– ھەئە.
– يېقىندىن بېرى كىملەر بىلەن پاراڭلىشىۋاتىسەن؟
– ساۋاقداشلىرىم شۇ.
– ھېلى مەن كىرگەندە QQ ئويناۋاتقان، شۇنداقمۇ؟
– ياق، سومكامنى رەتلەۋاتقان.
– قېنى سومكاڭ؟
– ھېلى با…ر…تى…
ئۇ پاچاققا تەگكەن ھۆل چىۋىقتىن سەكرەپ كەتتى.
ئايالىم يۈگۈرۈپ كىردى.
– ماڭ، چىق!
مەندىن تۇنجى قېتىم قاتتىق گەپ ئاڭلاۋاتقان ئايالىم كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا چىقىپ كەتتى.
يېرىم سائەتتىن ئارتۇق سوئال-سوراقتىن كېيىن، جىيەن ئوغلۇم ھەممىنى بىر باشتىن دېگىلى تۇردى.
تۆت كۈن ئىلگىرى بىر ساۋاقدىشىنىڭ ئۆيىدە تور ئويناۋاتقانىكەن، تونۇمايدىغانلا بىرسى ئۇنى QQ غا قوشۇپ، ئۇنى-بۇنى دەپ بىر ئادرېسنى يوللاپ بېرىپتۇ. ئۇ يەردىكى «ئاجايىپ-غارايىپ» مەنزىرە بۇ نارەسىدىلەرنى ئۆز قوينىغا سۆرەپ كىرىپتۇ.
– كىم-كىملەر بىلىدۇ بۇ بەتنى؟
ئۇ بىر نەچچە ساۋاقدىشىنىڭ ئىسمىنى دېدى.
جىيەن ئوغلۇمنى چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇپ، ئايالىمنى چاقىردىم.
ئىككىمىز شۇ ھامان سىنىپ مۇدىرىغا تېلېفون قىلىپ، بارلىق ئەھۋالنى ئەينەن ئېيتتۇق. بۇ ئايال ئوقۇتقۇچىمۇ بىر-ئىككى كۈندىن بېرى بىر نەچچە ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىگە غەلىتە قاراۋاتقانلىقىنى سەزگەنلىكىنى ئېيتتى.
خوش، مەسىلە ئايان بولدى.

شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇياقتىن سىنىپ مۇدىرى، بۇياقتىن بىز بالىلارنى تېخىمۇ كۆيۈنۈپ تەربىيەلىدۇق. بالىلار بىلەن بۇرۇنقىدىنمۇ بەك مۇڭداشتۇق. بۇرۇن ھەپتىدە بىر كىتابخانىلارغا ئېلىپ بارغان بولساق، ئەمدى بىر نەچچە كۈندە بىر بېرىشقا ئۆتتۇق. موزىي، باغچە ، يېشىللىقلار ۋە شۇ قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىسىگە ئېلىپ باردۇق. بالىنىڭ كاللىسىدىكى قالايمىقان خىياللارنى چىقىرىۋېتىشكە پايدىسى بولىدىغان ھەممە ئىشنى قىلدۇق…

نەتىجىسى شۇ بولدىكى، جىيەنىم قاتارلىق نەچچە نارەسىدە ئوغۇل ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتتى. ھېلىقى بىر نەچچە كۈندە چىرايى سارغىيىپ، ئىشتىھاسى ناچارلاپ كەتكەن بۇ يىگىتلەر ئەمدى جۇشقۇن ياشايدىغان، چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان، سىنىپنى باشلاپ ماڭىدىغان سەركىلەرگە ئايلاندى…
قىسقىسى، ناھايىتى رەھىمسىزلىك قىلدۇق. بالىلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ نەزىرىدىكى شۇ «شاھ»لارنى نۆۋىتىدە ناھايىتى قاتتىق تۇتتۇق. ئاقىۋەت بىر تۈركۈم ئېسىل يىگىتلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاساس سالدۇق…

قېنى مەن سوراپ باقاي، رايونىمىزدىكى بولۇپمۇ ئۈرۈمچىدىكى قايسى ئاتا-ئانا پەرزەنت تەربىيەلەش جەريانىدا مۇشۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلمىدۇق دېيەلەيدۇ؟ قايسى ئاتا-ئانا مۇشۇ ھەقتە سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىپ باقتى؟

قېنى مەن سوراپ باقاي، قايسى ئاتا-ئانا ئويۇن-تاماشىسىغا خەجلىگەن پۇلىنىڭ ئوندىن بىرىنى بالا ئۈچۈن سەرپ قىلىپ باقتى؟ نەچچە مىڭ يۈەنلىك كىيىمگە، نەچچە يۈز مىڭ يۈەنلىك ئۆي بېزەشكە پۇل چىقىرالىغان ئاتا-ئانىلار ئىچىدە بالا بىلەن مۇڭدىشىشقا بىرەر سائەت ۋاقىت، پىسخىكا تەربىيەچىسى ئۈچۈن ئايدا بىرنەچچە يۈز يۈەن سەرپ قىلغان ئاتا-ئانىدىن نەچچىسى باردۇ؟

بۇ كىچىك مەسىلە ئەمەس، پەرزەنتلەرنى (بۇ نوقۇل قىز پەرزەنتلەرگە قارىتىلمىغان) ئىپپەتلىك قىلىپ تەربىيەلەش ھەرقانداق ئاتا-ئانىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان تەخىرسىز مەسىلە. سىز كېچە-كۈندۈز پەرزەنت ئىشقىدا كۆيۈپ، ياتسىڭىز، ماڭسىڭىز پەرزەنت تەربىيەسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ئۆتۈۋاتسىڭىز، بىراۋلار سىزنىڭ ئەمگەكلىرىڭىزنى يوققا چىقىرىپ، نارەسىدە پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ ئىپپەت قارىشىغا ھۇجۇم قىلىۋاتسا، بۇنى كىچىك مەسىلە دېيەلەمسىز؟
ئۆيدە ساقلىنىشقا تېگىشلىك، چوڭلارغا دائىر كىتاب-ژۇرناللارنىغۇ بالىلار كۆرمەيدىغان يەرگە قويۇش قويۇش ئارقىلىق چەكلەرمىز. ئىنتېرنېتنىچۇ؟
بالىلارنىڭ، بولۇپمۇ چوڭ قىزىمنىڭ دەرسلىكلىرى خېلى كۆپ قىسمى ئىنتېرنېتتىن ماتېرىيال ئىزدەش ئارقىلىق تولۇقلىنىدۇ. قىزىم ئىنتېرنېتتىن ماتېرىيال ئىزدىگەندە مەن ياكى ئانىسى ئاساسەن بېشىدا بار، بۇ ئارقىلىق ئىنتېرنېتتىكى سەلبىي مەزمۇنلارنىڭ قىزىمنى زەھەرلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇمكىن. لېكىن، قىزىم ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۆيىدە ماتېرىيال ئىزدەشكە توغرا كەلگەندە بۇنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ ساۋاقداشلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ بىزدەك نازارەتتە ئىكەنلىكىگە كىم كېپىللىك قىلالايدۇ؟

بەلكىم بەزىلەر «توردىكى دادا (网络爸爸)» دېگەندەك قوراللاردىن پايدىلىنىپ، بەزى تور بېكەتلەرنى چەكلىۋەتسىڭىزلا بولمىدىمۇ؟ دەپ ئەقىل ئۆگىتەر. دەرۋەقە بۇ خىل قوراللاردىن پايدىلىنىپ، بەزى تور ئادرېسلىرىنى، سەزگۈر مەزمۇنلارنى سۈزۈۋەتكىلى بولىدۇ. لېكىن، ھازىر بۇ خىل «چىرايلىق» مەزمۇنلار بەزى مائارىپ، تېببىي، خەۋەر بېكەتلىرىگىمۇ ئورۇنلىشىپ بولدى. بۇ خىل ئەھۋالدا «پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا سالغان»دەك ئىش بولىدۇ. بۇ ئاقىلانە ئۇسۇل ئەمەس. ئەڭ ئاقىلانە ئۇسۇل تور بېكەتلەردىن ئەنە شۇنداق بولمىغۇر مەزمۇنلارنى تازىلاپ چىقىرىش، بىر مەيدان ھۆكۈمەت، خەلق قاتنىشىشىدىكى ئىنتېرنېت تازىلاش جېڭى، ئەخلاق قوغداش كۈرىشى قوزغىماق زۆرۈر.

بۇنى ئۆزىڭىز شەخسىي سالاھىيەتتىمۇ تامامەن قىلالايسىز. شۇ خىل تور بېكەتلەرنىڭ ئىگىسىنى (مەيلى تونۇشىڭىز بولسىمۇ) رەھىمسىزلىك بىلەن تەنقىدلەڭ، قانۇن يولغا قويغان دائىرىدە بايقۇت قىلىڭ. شۇ خىل مەزمۇن بولمىسىمۇ بېكەت قۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى، بېكەتنىڭ ئەلگە ئېلىپ كېلىدىغان ئەخلاق پايدىسىنىڭ ئالدىدا زىيارەت ئېقىمى، ئىقتسادىي كىرىم دېگەنلەرنىڭ ئەرزىمەس ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈڭ.

قىستۇرما: نەچچە يىللار ئىلگىرى رايونىمىزدا قوزغالغان ھاجەتخانا تاملىرىدىكى بەچچىۋازلار ئېلانىنى تازىلاش ھەرىكىتى ھەقىقەتەن ئۆگىنىشكە، مەدھىيەلەشكە لايىق، نەچچە يۈز ماقالىدىن ۋەزنى ئېغىر ھەرىكەت ئىدى. بۈگۈنكى كۈنلۈكتە نارەسىدە بالىلار ئۈچۈن، شۇ خىل ھەرىكەتلەرنى قايتىدىن تېپىۋالساققانداق بولار!؟

مەنبە: قىسمەت تورى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top