You Are Here: Home » دىنىي ھايات » پاراغەت قەسىرى

پاراغەت قەسىرى

تاھىربەگ

رىۋايەت قىلىنىشچە ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىيفەنىڭ دادىسى سابىت بىر كۈنى تاھارەت ئالماقچى بولۇپ، ئېرىق بويىغا كەپتۇ. شۇ پەيىتتە ئېرىقتىن ئېقىپ كىلىۋاتقان بىر قىزىل ئالمىغا كۆزى چۈشۈپتۇ. سابىت ئالمىنى ئېلىپ بىر چىشلەپتۇ. چىشلەپتىيۇ، «ئاپلا، بۇ قايسى باغنىڭ ئالمىسىدۇ؟، ئىگىسىنى رازى قىلماي يەپ قويۇپتىمەن يا ! ئاخىرەتتە بۇنىڭ جاۋابىنى قانداق بىرەرمەن» دەپ ئويلاپتۇ ۋە ئالما ئېقىپ كەلگەن تامان مېڭىپتۇ.

بىر ئاز يۈرگەندىن كىيىن ئالدى تەرەپتە بىر باغ كۆرۈنۈپتۇ. سابىت باغدا سۇ تۇتۇپ يۈرگەن باغۋەندىن :

ــــ بۇ ئالما سىزنىڭ بېغىڭىزنىڭمۇ؟ دەپ بايىقى ئالمىنى كۆرسىتىپتۇ.

ـــ ھەئە، مىنىڭ بېغىمنىڭ ئالمىسى ئىكەن.

ـــ ئۇنداقتا ئالمىنىڭ ھەققىنى ئېلىڭ ياكى رازى بولۇڭ، مەن بىلمەستىن ئالمىنى يەپ ساپتىمەن.

باغۋەن ئالدىدا ھالال، ئادىل ۋە ئىنساپلىق بىر يىگىتنىڭ تۇرغانلىقىنى سېزىپتۇ. كۆڭلىدە ئويلىغان ئويى تىلىغا كۆچۈپتۇ ۋە:

ـــ بىر شەرتىم بار، ئەگەر شۇ شەرتىمگە كۆنسىڭىز مەن ئالمىغا رازى بولىمەن.

ـــ شەرتىڭىزنى ئېيتىڭ، دەپتۇ سابىت.

ـــ بىر قىزىم بار ئىككى كۆزى كور، تىلى تۇتۇق، ئىككى پۇتى ۋە ئىككى قولى پالەچ. شۇنى نىكاھىڭىزگە ئالىسىز.

سابىتنىڭ كۆكسىدىن «ۋاھ» دىگەن نىدا ئېتىلىپ چىقىپ كىتىپتۇ. شەرتىگە كۆنەي دىسە بىر ئالمىنى دەپ ھاياتىنى بىر ئۆمۈرگە مەجرۇھ قىز بىلەن ئۆتكۈزدىكەن. كۆنمەي دىسە ئالمىنىڭ ئىگىسى رازى بولماي قىيامەت كۈنى ئەلەم تارتىپ قالىدىكەن. سابىت ئويلاپ ئويلاپ ئاخىرى شۇ قىزغا ئۆيلىنىشكە رازى بوپتۇ. چۈنكى قىيامەتنىڭ ئازابى قاتتىق دە.

كەچتە گۇۋاھچىلارنىڭ ئىشتىراكچىلقىدا نىكاھ ئوقۇلۇپتۇ. سابىت قىز بار ھۇجۇرىغا كىرىپتۇ. كىرىپتىيۇ، ھەيران قاپتۇ. ئالدىدا ھەممە ئەزايى بىجرىم،پەرىزاتتەك بىر قىز سابىتقا سالام بىرىپ تۇرغىدەك.

سابىت ھەيرانلىقتا :

ـــ ئەي قىز، سىز كىمسىز؟

ـــ مەن باغۋەننىڭ قىزىمەن، بۈگۈن سىزگە نىكاھلاندىم، دەپتۇ ساھىبجامال قىز.

سابىت ئەھۋالنىڭ سەۋەبىنى باغۋەندىن سوراپتۇ. باغۋەن سابىتقا دىگەن شەرتىنى مۇنداق بايان قىلىپتۇ :

ــ كور دىگىنىم، ئەقلىگە كەلگەندىن بۇيان ھارام ئىشلارنى كۆرمەگەن ئىدى. تىلسىز دىگىنىم، مۇشۇ ۋاققىچە يامان ۋە بىئەدەپ سۆزلەرنى تىلغا ئېلىپ باقمىغان. ئىككى قولى پالەچ دىگەنىم، كىشىنىڭ ھەققىگە قول ئۇزۇتۇپ باقمىغان. ئىككى پۇتى پالەچ دىگىنىم، گۇناھ ئىشلارغا قەدەم قويۇپ باقمىغانلىقىدۇر، دەپ چۈشەندۈرۈپتۇ.

سابىت بۇ بەخىتتىن خۇرسەن بولۇپ، ئۆزىگە بۇنداق پاك، ھالال جۈپنى ئۇچراشتۇرغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا چەكسىز شۈكۈرلەر ئېيتىپتۇ. ئەنە شۇ پاكىزە ۋە ھالال بىر جۈپلەردىن ئىمامى ئەزەم ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەتۇللاھدەك بۈيۈك زات دۇنياغا كەلگەن ئىكەن.

ئائىلە ـ مۇقەددەس دەرگاھ. ئۇنى پاك ساقلاش ئۈچۈن تۈرلۈك بۇزۇق ئىشلاردىن يىراق بولۇش، خۇسۇسەن پەرزەنىتلەرنى ھالال يول بىلەن بېقىش، تەربىيەلەش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئاتاـ وۋىللىرمىز بۇ ئىشلارغا يۈكسەك ئىتبار بىلەن قارىغان ئىدى. چۈنكى پەرزەنىتنىڭ كەلگۈسىدە قانداق ئادەم بولۇپ چىقىشى، ئاساسەن ئائىلە مۇھىتىغا ۋە ئاتا ئانىنىڭ تەربىيەسىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى ئۇلار ياخشى بىلىشكەن ئىدى.

دىنىمىزدا ئائىلە قۇرۇشقا ئالاھىدە رىغبەتلەندۈرىدۇ. ئىمكان بولغاندا ھەر بىر ئىنساننىڭ ئائىلە قۇرشى تەرغىپ قىلىنىدۇ. جۈملىدىن پەيغەمبىرمىز مۇھەممەد ( س ئە ۋ ) بىر ھەدىس شەرىفتە شۇنداق دىگەن :«ئەي يگىتلەر جامەسى، سىزلەردىن كىم ئۆيلىنىشكە قۇربىتى يەتسە ئۆيلەنسۇن، چۈنكى ئۆيلىنىش كۆزنى ئاياللارغا قاراشتىن ۋە نەفسىمىزنى ھارام ئىشلاردىن ساقلايدۇ. ئەگەر ئۆيلىنىشكە قۇربى يەتمىسە روزا تۇتسۇن. روزا تۇتۇش ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىدۇر». ( ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم راۋايىتى )

دەرھەقىقەت، ئىنساننىڭ چىرايلىق رەۋىشتە، شەرئىي نىكاھ قىلىشى ئۇنى يامان يوللاردىن ئاسىرايدۇ. بۇ ھەم ئازـئازدىن جەمىيەتتە خۈنۈك ئىللەتلەرنىڭ ئاۋۇپ كىتىشىگە توسۇق قويىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆيلىنىش، پاك ئائىلە قۇرۇش ئىنسان مەنىۋىي ئالىمىنىڭ، جەمىيەتنىڭ روناقلىقى ۋە ئاۋاتلىشىشنىڭ ئاساسىدۇر.

لىكىن بۈگۈنكى تەرەققى قىلغان دۇنيانىڭ «مەدەنىيەت» لىك ئىنسانلىرى ھاياتىدا ئائىلىنىڭ قەدىرى بارغانسىرى يوقىلىپ بارماقتا. بۇ ھال دۇنيا ئاممىسىنى تەشۋىشكە سېلىپ قويماقتا. ھەتتا غەرىپ ئائىللىرىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار مەخسۇس «ئائىلە ئىنىستىتۇتى» قۇرۇش قارارىغا سەۋەپ بولماقتا.

20ـ ئەسىرنىڭ ئىككىنجى يەرىمىدە غەرىپ مەملىكەتلىرىدە ئايرىم گورۇھلار «ئەركىنلىك»، «كىشىلىك ئەركىنلىكى» دىگەندەك شۇئارلارنى كۆتەرىپ ‹ ئائىلىنڭ كىرىكى يوق، نىكاھ شەرىت ئەمەس، ئۇ ئىنساننىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلاپ قويىدۇ › دىگەندەك دەۋالار بىلەن چىقتى. ئەنە شۇ بىمەنە ھەركەتكە قوشۇلۇپ مىليونلاپ كىشىلەر ھازىر بۇ سەپسەپتە كەلتۈرگەن كۈلپەتلەرنىڭ ئازابىنى تاتىپ تۇرۇپتۇ. مىڭلاپ ئائىللەر پاراكەندىچىلىككە يۈز تۇتتى، كۆپلەپ بالىلار تىرىك يىتىم بولدى، جەمىيەتتە زىنا، فاھىشە، تۈلۈك بۇزۇقچىلىقلار ئەۋجىگە چىقتى. ھەرخىل بىداۋا كىسەللىكلەر، جۈملىدىن ئەيدىس كەبى نىجىس كىسەللىكلەر ئىنسانىيەت بېشىغا بالالارنى ياغدۇردى. فاھىشە ئىشلارنى تەرغىپ قىلغۇچى مەكفۇرە رادىيو، تىلۋۇزور، مەتبۇئات سەيىپىللىرى ھەتتا بالىلار ئوقۇيدىغان كىتاپلارغا ھەم ‹ چاڭ › سالدى.

بۈگۈن ئىنسانىيەت مەزكۇر ئاسارەتلەردىن قۇتۇلالماي ھەيران. ئاقىۋەتتە ئاشۇ «ئەركىنلىك» دەپ جار سالغۇچىلار ھەم ئائىلىنىڭ، ئۇنىڭدىكى پاك ھاياتنىڭ ئىنتايىن زۆرۆر ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يىتىپ، بۈگۈنكى كۈندە ئائىلىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تەرغىپ قىلىش ۋە ئەرـئاياللارنىڭ ئائىلە قوينىغا قايتىشى ئۈچۈن مىليونلاپ مەبلەغ سېلىپ، مەخسۇس قانۇنلار تۈزۈپ چىقماقتا.

تۆۋەندە ئادەم ئاتا يارالغاندىن تارتىپ ئەمەل قىلىنىپ كەلگەن ئائىلە تۈزۈمىنىڭ بۇزۇلىشى نەتىجىسىدە ۋۇجۇتقا كەلگەن ئىنسانىي پاجىئەلەرنىڭ بىر قىسىم كۆرۈنىشلىرىنى مىسال كەلتۈرۈپ ئۆتىمىز.

ئىككىنجى جاھان ئۇرۇشىدىن كىيىن «ئاممىۋىي مەدەنىيەت» نىقابى ئاستىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان «جىنسىي ئىنقىلاپ» قارشى ئەنئەنىۋىي ئائىلە تۈزۈملىرىگە جىددىي زەرەر يەتكۈزدى. زىنا، فاھىشە ئىشلىرىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئاۋۇپ كىتشىگە سەۋەپ بولدى. ھەتتا بۈگۈنكى كۈندە بەزى دۆلەتلەردە زىناغا قانۇندا يول بىرىلىپ، ئۇلاردا رەسمىي رويخەتتىن ئۆتكەن فاھىشخانەلەر پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. بۇ نەرسىگە ئايرىم ئادەملەرنىڭ« ئەركىن ـ ھوقۇق نۇقتىسىدىن بۇ تەبئي ئىشلار »دەپ قارىشى ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىقتۇر. ئائىلىدە ئاتا ـ ئانا ۋە پەرزەنىت مۇناسىۋەتلىردىكى ئەزەلىي ئەنئەنىلەرگە زەررە يەتتى. جەمىيەتتە ئاجىرشىشلارنىڭ سانى كەسكىن ئېشىپ ماڭدى. مەسىلەن بىرلا بۈيۈك بېرتانىيەدە 1970ـ يىلى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ % 40 گە يېقىنى ئۆز ھاياتىنىڭ مەلۇم بىر دەۋرىدە ئائىلىدە پەقەت دادىسى ياكى ئانىسى بىلەن ياشىغان. شۇنىڭدەك ئائىلە بۇزۇلۇشلىرى پەرزەنىتلەرنىڭ روھىيىتى ۋە تەربىيىسىگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەن.

ئائىلىۋىي جەمىيەتنىڭ بۇنداق ھالەتتە ئۆزگىرىپ مىڭىشى ئىنسانلارنى بۇرۇنقى دەۋىرلەردە بولۇپ باقمىغان تەشۋىشلەرگە سىلىپ قويدى. مەسلەن 1985ـ يىلى «بوستون ژورنىلى» نىڭ بىر ژورنالسىتى شۇنداق دەپ يازىدۇ :«ئەسكى مەنىسىكى ئائىلىۋىي ھايات ئۇنۋىرسىتىتلىرىمىزنىڭ خاراكتىرىگە بەلكى جەمىيىتىمىزنىڭ مەۋجۇدىيىتىگە خەۋىپ كەلتۈرۋاتىدۇ». شۇنىڭدەك 1980_يىلى بۈيۈك بېرتانىيەدە كونسىرۋاتىپلار پارتىيەسى ئائىلىۋىي چۈشەنچىنى سىياسەت دەرىجىسىدە مۇھاكىمە قىلغان. 1986_يىلى باش ۋەزىر مارگىرت ماچچىر خانىم بىر سايلام رىقابىتى سەھنىسىدە ”بىزنىڭ سىياسىتىمىز ئائىلىدىن، ئۇنىڭ ئەركىنلىكى ۋە خاتىرجەمللىكىدىن باشلىنىدۇ“ دەپ سۆزلىگەن.

ھۈللەس، جەمىيەتنىڭ ساغلام تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن ئائىلىنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھازىرقى ئاداشقان ئىنسانلار ھەم تەن ئالماقتا. لىكىن ئەمدى ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى ئارقىغا قايتۇرۇشقا ئىلاج يوق. ئەمدى گەپ كىيىنكى ئەۋلادلارنى ياخشى تەربىيەلەپ ،ئۇلاردا ئىسىل ئىنسانىي خىسلەتلەرنى يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىپ، ئائىلىۋىي ھاياتتىن توغرا پايدىلىنىشنى ئۈگۈتۈشىمىز كىرەك.

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد (س ئە ۋ ) شۇنداق دىگەنلەر: ”قايسى قەۋىمدە زىنا تارقالسا، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئاتا بوۋىللىرىدا كۆرىلىپ باقمىغان كىسەللىكلەرگە مۇپتىلا قىلىدۇ“. بۈگۈنكى كۈندىكى سەراتان، ئەيدىس كەبى ئەسىرمىزدىكى ۋابالار ئىلگىرى بولغان ئەمەس. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بەندىلەرنىڭ قىلۋاتقان قىلمىشى ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ئاپەتلەر ئەمەسمىكەن؟ ھىم، ئائىلىدەك پاك، مۇقەددەس بارگاھنى تاشلىۋىتىش، ئۇنى تۈرلۈك بۇزۇق يوللارغا ئالماشتۇرۇش ئەقلى ھۇشى جايىدا ۋە ئىنسانىي خىسلەتلەر تىپىلىدىغان خەلىقلەر تەرپىدىن ئاقلانغان ئەمەستۇر.

بىز مۇقەددەس ئائىلىۋىي ھاياتنى پۈتۈن ۋە پاك ساقلاپ، ئۇنىڭ ئەسلى قەدىر قىممىتىگە يىتشىمىز كىرەك. شۇنداق قىلغىنمىزدا ئۇ بىز ئۈچۈن جەزبىدار، مىھرى مۇھەببەتكە تولغان راھەت_پاراغەت قەسىرىگە ئايلىنىدۇ.

مەنبە: مىسرانىم تورى

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top