• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئاكادېمىيە » “ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى پەن-تېخنىكا مېدالى”

“ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى پەن-تېخنىكا مېدالى”

سالام، ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! ئارىمىزدىن چىققان ياش ئىلىم-پەن خادىملىرىنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە تەقدىرلەش مەقسىتىدە، “ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى پەن-تېخنىكا مېدالى” تەسىس قىلىندى. يىلدا پەقەت ئۈچ كىشىگىلا بېرىلىدۇ. ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە پەن-تېخنىكا ساھەسىدە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان ياشلار نىشان قىلىنىدۇ.

تەتقىقاتىدا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرلەش بولغان، نۇقتىلىق ژورناللاردا ماقالىسى ئېلان قىلىنغان، ياكى پاتىنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن بولۇشى ئاساسى ئۆلچەم قىلىنىدۇ. يېشى 40 تىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ئۆزىڭىزنى ياكى ئەتراپىڭىزدىكى ياشلارنى تەشەببۇس قىلىشڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز. قىسقىچە تەرجىمىھال ۋە بىر بەت تەتقىقات نەتىجىسى تونۇشتۇرىشنى europe@uyghuracademy.org ئېلخەت ئادىرىسغا 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن ئەۋەتىپ بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مەركىزى كومىتېتى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top