• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » داڭلىق كىشىلەر » تاشاخۇنۇم ئەزىزى توغرىسىدا

تاشاخۇنۇم ئەزىزى توغرىسىدا

شىرىپ خۇشتار

(1) تاشاخۇنۇم ئەزىزىنىڭ ھاياتىي پائالىيىتى

تاشاخۇنۇم ئەزىزى كىچىكىدىنلا زېرەك، كۆرگەنلا نەرسىگە قىزىقىدىغان تىرىشچان، تەدبىرلىك بالا بولۇپ، ئۇ ئوقۇش جەريانىدا پارس، ئەرەب، تۈرك تىل يېزىقىنى پۇختا ئىگىلىگەننىڭ سىرتىدا، ئەرەب تىلى-قۇرئان تەپسىرى جەھەتتىمۇ خېلى ۋايىغا يەتكەنىدى.
تاشاخۇنۇم ئەزىزى دىنىي مەكتەپنىڭ يۇقىرى سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا ھەر قايسى سورۇنلاردا دىنىي مۇتالىئە ۋە تەپسىر(قۇرئان تەپسىرى)دە بىلىمى مول ۋە ناتىقلىقى بىلەن ئەل-جامائەتنى ھەيران قالدۇرۇپ، شۇ زاماندىكى دىنىي ئۆلىمالارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. شۇ چاغدا تاشاخۇنغا دىنىي قائىدە بويىچە «ئاخۇنۇم» ئۇنۋانى بېرىلىپ، «تاشاخۇنۇم» دەپ ئاتالغان. شۇنىڭدىن كېيىن تاشاخۇنۇم بىر تەرەپتىن خەلقنى ئاقارتىش، ئىلغارلىقنى تەرغىپ قىلىش بىلەن جامائەت سورۇنلىرىدا كۆزگە كۆرۈنگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن سودا-سانائەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بۇ ساھەدىمۇ خېلى زور ئۇتۇق قازانغان…

(2) تاشاخۇنۇم ئەزىزىنىڭ ئائىلە نەسەبىنىڭ سۈرۈشتۈرۈلۈش جەريانى

1915-يىلىنىڭ ئاخىرىدا تاشاخۇنۇم يەكەن مىشا كەنتىدە قۇرغان سەرەڭگە زاۋۇتىنىڭ ئورنىنى 1936-يىلى شىڭ شىسەي ھۆكۈمىتى يەكەن خاڭدىيلىق قاسىمخان باي دېگەن ئادەمنىڭ مۈلكى دەپ قاراپ (قاسىمخان باي شىڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان) مۇسادىرە قىلىپ، يەكەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىغا بېرىدۇ. ئۇيۇشما بۇ يەرگە دارىلئېتام قۇرىدۇ.
بۇ ئەھۋال تاشاخۇنۇم ئەزىزىنىڭ ئالتىنچى ئوغلى ئابلىھەق ئەزىزىگە مەلۇم بولغاندىن كېيىن، مۇسادىرە قىلىنغان زاۋۇت ئورنىنىڭ تاشاخۇنۇمنىڭ ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئىسپات كۆرسىتىپ ئەرز يازىدۇ. يېزىلغان ئەرز شۇ ۋاقىتنىڭ قائىدە-يوسۇنى بويىچە ئىسلام شەرىئىتىنىڭ(قازىخانىنىڭ) بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ.شەرىئەت بۇ ئەرزنى خەلق ئىچىدىن سۈرۈشتە قىلىپ، بىلگۈچىلەردىن مەھكىمە شەرئىنىڭ نازارىتىدە گۇۋاھلىق ئالىدۇ. گۇۋاھلىقتا:
تاشاخۇنۇمنىڭ دادىسى ئەزىز شەيخ ئاخۇنۇم، ئۇنىڭ دادىسى ئابدۇرېشىت(كۆك بېشى _ مىراب) ئاخۇنۇم، ئۇنىڭ دادىسى موللا توختى ئاخۇنۇم، ئۇنىڭ دادىسى ھابىل ئۇستا، ئۇنىڭ دادىسى بوۋاخۇن، ئۇنىڭ دادىسى مەھەممەت خەلىپە(ئىشان)، ئۇنىڭ دادىسى مىرزاھاتتا دېيىلىپ، بۇنىڭ ئۈچۈن بىر قىسىم يەر-زېمىن ۋە ئېلىم-بېرىم ھۆججەتلىرى پاكىت قىلىپ قويۇلىدۇ. بىر قاتار ئىسپاتلاردىن كېيىن، تاشاخۇنۇم ئەزىزىنىڭ ئۈچىنچى مومىسى(يەنى چوڭ دادىسىنىڭ مومىسى) تەرەپ تۇققانلىرىدىن قاسىمخان باي تاشاخۇنۇم ئەزىزىنىڭ سەرەڭگە زاۋۇتى قۇرۇشىدىن خەۋەر تېپىپ، يەكەن مىشادىكى 40مودەك زېمىننى خەت مۆھۈر بىلەن تاشاخۇنغا سوۋغا قىلغانلىقى ئېنىقلانغان.بۇ زېمىننى سوۋغا قىلغان شەرىئەت گۇۋاھلىقىدىكى خەتتە تاشاخۇنۇمنىڭ ھابىل ئۇستامغىچە بولغان تۆت ئەۋلادىنىڭ يەكەن ۋە خانئېرىقتا، ھابىل ئۇستىنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىدىن تاشاخۇنۇمغىچە ئاتۇش، سۇنتاغ، ۋاقۋاق، ۋە كېچىڭزى دېگەن يەردە ئۆتكەنلىكى قەيت قىلىنغان. مەرھۇم ئابلىھەق ئەزىزى 1939-يىلى يەكەن مەھكىمە شەرىئىتىنىڭ ئىسپاتى بىلەن قاسىمخان باينىڭ نەسەب قوغلىشىپ تاشاخۇنۇمغا يەر-زېمىن سوۋغا قىلغانلىقى توغرىسىدىكى مۆھۈر خېتىنى ئېلىپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ دەۋا ئاياغلىشىپ، سەرەڭگە زاۋۇتى تاشاخۇنۇمغا تەۋە بولغان.

(3)تاشاخۇنۇم ۋە ئۇنىڭ ئائىلە نىزامى

تاشاخۇنۇمنىڭ تۆت خوتۇنىدىن 17بالىسى بولۇپ، بۇلارنىڭ 12سى ئوغۇل، بەشى قىز بولغان. تاشاخۇنۇم ئەزىزى ئۆزىنىڭ ئائىلە مىزانىدا تۆت ئايالىغا نىسبەتەن ئۇلارنىڭ بالىلارنى ياخشى تەربىيىلەشنى ئالدىنقا ئورۇنغا قويۇشلىرى، ئەگەردە قايسى ئايالى بالىلىرىنى ياخشى ئەخلاق بىلەن تەربىيىلىيەلمىسە، شۇ ئايالنى مىراس ئېلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىدىغانلىقىنى ئائىلە نىزامى قىلىپ بېكىتكەن. شۇڭا بۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى دىنىي بىلىم ئېلىشتىن تاشقىرى زامانىۋى ئىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇپ، ئالىم، ئىنژېنىر، سىياسىئون، دۆلەت ئەربابى، يازغۇچى، مۇئەللىم ۋە تېخنىك بولۇپ يېتىلگەن. قىزلىرى ئەخلاقىي، ئەقلىي ۋە ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتتە كامالەتكە يەتكەن ئۇيغۇر ئاياللىرىغا خاس ئەخلاقىي تەربىيە بىلەن يېتىلگەن.
تاشاخۇنۇم ئائىلىدە بولغان چاغلاردا ئۈچ ۋاق تاماقتا دائىم دېگۈدەك بالىلار بىلەن بىللە بولغان. ئەتىگەن، كەچ بوش ۋاقىتلىرىدا بالىلارغا داۋاملىك ئەدەب-ئەخلاق تەربىيىسى بېرىپ تۇرغان. تاشاخۇنۇم ھايات ۋاقتىدا يېتىلگەن ئوغۇللارنىڭ ھەممىسى ھۈنەر-كەسىپ، دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك، زامانىۋى دوختۇرلۇق، فىزىكا، خىمىيە بىلىملىرى، سودا-تىجارەت كەسىپلىرىنى ئىگىلىگەن. مەلۇم بولۇشىچە تاشاخۇنۇمنىڭ ئوغۇللىرىدىن چوڭلارنىڭ رەخت بوياقچىلىق، يىپەكچىلىك، سەرەڭگىچىلىك، تېرە بوياقچىلىق، دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك، سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللانمىغىنى يوق ئىكەن.

(4) تاشاخۇنۇم ئەزىزىنىڭ مائارىپچىلىق ئىدىيىسى

19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمى يەنى 60-يىللىرىدا تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا يەنىلا جاھالەت ھۆكۈم سۈرەتتى. قەدىمقى زاماندا ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ يېتىشتۈرگەن مەشھۇر«ساجىئە» بىلىم يۇرتى ۋە يېقىنقى زامانلاردا ئۆزىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئالىملىرى بىلەن داڭقى چىققان«مەسئۇدىيە» بىلىم يۇرتىنىڭ مۇنارلىرى يىقىلىپ چۈشۈپ، ئىلىم-مائارىپ شاماللىرى ئاللىقاچان ئۆچۈپ، پۈتۈن تارىم ۋادىسى زۇلمەت ئىچىدە ھالىدىن كەتكەنىدى. دەل شۇ چاغدا ياۋرۇپا ئەللىرىدە سانائەت ئىنقىلابى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، يېڭى مائارىپ ۋە يېڭى تېخنىكا كەشپىياتلىرى جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىپ، يەر يۈزىنى زىلزىلىگە كەلتۈرۈۋەتكەنىدى. بۇنداق جاھانشۇمۇل چوڭ سىگنال تارىم ۋادىسىنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇيقۇسىغىمۇ تەسىر قىلدى. كېيىنكى چاغلاردا تاردىم ۋادىسىدا پەيدا بولغان تۆۋەندىكى ناخشا ئۇنىڭ مۇنازىرىسىز دەلىل-ئىسپاتى ئىدى.
قوپ! ئى ئاداش تۇر،
ئەتراپىڭغا باق،
باق نە كۆرەرسەن،
ئويلىغىن ئۇزاق؛
يەردە، ھاۋادا، سودا كىلىيۇرلەر،
ياۋروپالىقلاردىن _
ئال، ئەمدى ساۋاق….
تاشاخۇنۇم ئەزىزى دەل شۇ ياۋروپادا يارىتىلغان مۆجىزىلەرنى ئالدىن سەزگەن ھەمدە ئۇنىڭ يېڭى مائارىپىنى ئۆگىنىشنى ئالدى بىلەن تەشەببۇس قىلغان، چەت ئەللەرگە بېرىپ رېئاللىقنى بىۋاستە كۆزىتىپ قايىل بولغان ئىلغار زاتلاردىن بىرى ئىدى.

تاشاخۇنۇمنىڭ كارخانىسىدا توقۇلغان شاتاۋا

تاشاخۇنۇم ئەزىزى شۇ چاغلاردا بىر تەرەپتىن شىنجاڭ مىللىي(قول ھۈنەر) توقۇمىچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن سەرگەز، چوتا، ھەمىزەك، شاتاۋا قاتارلىق ئەنئەنىۋى توقۇمىچىلىق ۋە ياۋروپا ئۇسۇلىدا ئېنى كەڭ ھەر خىل تېرىكە، شاتلانكا(كاتەكچە)، ئېنى كەڭ تولىما توقۇش كارخانىسى، قەشقەردە تەڭگە زاۋۇتى، يەكەندە سەرەڭگە زاۋۇتى، پاختا زاۋۇتى، غۇلجىدا پىلە بېقىش يىپەكچىلىك كارخانىسى قاتارلىقلارنى قۇردى ۋە زامانىۋى توقۇمىچىلىق فابرىكا ئۈسكۈنلىرى سېتىۋېلىش ئۈچۈن چەت ئەلدە ئۇزۇن يىل ئىزدەندى. يەنە بىر تەرەپتىن 1894-يىلى يۇرتى ۋاقۋاقتا بىر سىنىپلىق مەكتەپ سېلىپ، مەكتەپنىڭ ئومۇمىي ئوقۇتۇش راسخوتىنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىپ، شۇ يۇرتتىكى ياشلارنىڭ ئوقۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. شىنجاڭدا زامانىۋى توقۇمىچىلىق فابرىكىسى قۇرۇش ئويىدا ئوغۇللىرىدىن مويدىن خان، نەجمىدىن، ھىلالىدىن قاتارلىقلارنى موسكۋا، تاشكەنت، ئەنجان قاتارلىق جايلىرىدا ئوقۇشقا ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا موسكۋادىكى سىۋىردىلوۋ نامىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ھەم تاشكەنتتىكى يەنە بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ خەرىتىسىنى سىزدۇرۇپ كېلىپ، ئاتۇش كاتتايلاق دالىسىنى ئېچىپ باغ-ئورمان بىنا قىلىش، دېھقانچىلىق-باغۋەنچىلىك مەيدانى قۇرۇش پىلانىغا ماسلاشتۇرۇپ كاتتايلاقتا باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپ بىرلەشتۈرۈلگەن 16 سىنىپلىق مەكتەپ قۇرۇش پىلانىنى تۈزدى.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، تاشاخۇنۇم ھەمزەۋىليوۋ دېگەن رۇسىيىلىك بىر ئاتاقلىق ئەربابنىڭ باشچىلىقىدا قازان دارىلفۇنۇنى بىلەن شىنجاڭدا پەننىي مەكتەپ ئېچىش توختامى تۈزگەن. توختامدا: قازان دارىلفۇنۇنى ئوقۇتۇش ماتېرىيالى ۋە ئوقۇتقۇچى بىلەن تەمىن ئېتىدىغان يەنى سانائەت مېخانىكى، زاۋۇت-ئۈسكۈنە قۇراشتۇرۇش، رېمونت قىلىش، ئېلېكتر، ئېنېرگىيە ئىلمى، زامانىۋى توقۇمىچىلىق مۇتەخەسسىسلىرى يېتىشتۈرگۈچى ۋە رۇس تىلى ئوقۇتقۇچىسى قاتارلىقلار بىلەن تەمىن ئېتىدىغان، ئومۇمىي چىقىمىغا تاشاخۇنۇم مەسئۇل بولىدىغان بولغان.
تاشاخۇنۇم بۇ ساھەدە ھەر تەرەپلىمە ئىزدىنىپ رۇسىيە قاتارلىق بىر قانچە دۆلەت ۋە شەھەرلەردە زامانىۋى توقۇمىچىلىق فابرىكىسى سېتىۋېلىش ئۈچۈن كۆپ بەدەل تۆلىگەننىڭ سىرتىدا، شىنجاڭدا كۆپ ھازىرلىقلارنى كۆرۈپ، ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ سەرپ قىلغان. ئەپسۇسكى تاشاخۇنۇمنىڭ بۇنداق بۈيۈك ئارزۇسىغا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى سىياسىي-ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ئىمكان بەرمىگەن…

(5) تاشاخۇنۇم ئەزىزىنىڭ مەرىپەت تەرغىباتچىلىقى

تاشاخۇنۇم ئەزىزى يۇقۇرى مەلۇماتلىق دىنىي ئالىم بولۇپلا قالماستىن يەنە ناتىق ئىدى. ئۇ، ھەرقانداق جامائەت سورۇنلىرىغا بارغاندا ئىلىم-مەرىپەت توغرىسىدا ئىزدەپ، قۇرئاندىكى ئايەتلەرنى تەپسىر قىلىپ : “خۇدا قۇرئاندا <ئوقۇ، بىل> دېدى. ئوقۇغاننىڭ ئۇلۇغلۇقى – ساۋابى ناھايىتى كۆپ. شۇنىڭ ئۈچۈن دىن ۋە پەندىن ئىلىم ئېلىشىمىز كېرەك” دەيتتى.
” ئوقۇدى، ئارتتى بىزلەردىن كاپىر دېگەنلەر….” دېگەن تۆت كۇپلېتلىق شېئىرىنى ئوقۇپ يېڭى زامان مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ ياۋرۇپا ئەللىرىدە كۆرگەن يېڭىلىقلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاش ئادەم، پەقەت ئوقۇپ، بىلىم ئېلىپ بىزدىن ئېشىپ كەتتى. بىز بولساق ساۋاتسىزلىق دەردىدىن ھەممىدىن مەھرۇم بولۇپ ئارقىدا قېلىۋاتىمىز، پەننىي بىلىم ئېلىش قۇرئان ئايەتلىرىگە ئۇيغۇن، ئوقۇغان ئادەمنىڭ گەپ-سۆزى، روھىي ھالىتى، تەپەككۇرى جايىدا بولىدۇ. كۆپ ئوقۇغان كۆپنى بىلىدۇ. ئۇيغۇر خەلقىدە؛”گۆھەر ياتىدۇ سايدا، تونۇمىساڭ نېمە پايدا” دېگەن ماقال-تەمسىل بار. ھازىر بىزنىڭ زېمىنىمىزدا تۈرلۈك-تۈمەن بايلىقلار كۆمۈلۈپ ياتىدۇ. مەسىلەن: ئالتۇن-كۈمۈش، ئۈنچە-مەرۋايىتلار، ئۇلار بىزگە ” ئەي ئۇلۇغ ئىنسان، ئوقۇ، بىل، بىزنى ئەسىرلەپ ياتقان يەر ئاستى زۇلمىتىدىن قۇتۇلدۇر، بىزدىن پايدىلىنىپ روناق تاپ” دەپ زارلانماق. قاراڭلار؟! ياۋروپالىقلار ئوقۇپ بىلىم ئېلىپ ئۆز يېرىدە بولمىغان بايلىقلارنى چەت ئەللەردىن زورلۇق-زۇمبۇلۇق بىلەن بۇلاپ-تالاپ ئېلىپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ئۆز دۆلىتىنى قۇدرەت تاپقۇزۇۋاتىدۇ. بىز بولساق تېخىچە بىخۇدلۇقتا ياشاۋاتىمىز. ئەگەر بىز غەپلەت ئۇيقۇدا داۋاملىق يېتىۋېرىپ ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ بايلىقىدىن، ئەۋزەل شارائىتىدىن ياخشى پايدىلانمايدىغان بولساق، ئاخىر بىر كۈن كۆپ بىلىم ئالغان، بىزدىن بەكرەك كۈچلۈك بولغان جاھانگىرلار كېلىپ ئاشۇ گۆھەر زېمىنىمىز بىز ئۈچۈن ئۆز باغرىدا ساقلاپ ياتقان ئالتۇن-كۈمۈش، ئۈنچە-مەرمەر _ جاۋاھىراتلارنى تالان-تاراج قىلىدۇ، دەيتتى. ئۇ يەنە ” قېرىنداشلار، بىز ئوقۇيلى، بىلىم ئالايلى، بىلىمدىن پايدىلىنىپ ھاۋادا ئۇچايلى، كوڭكىلاردا(ماشىنا دېمەكچى) ماڭايلى! ” دەپ مۇراجىئەت قىلاتتى. تاشاخۇنۇم بىر كۈنى سورۇندا ئوقۇشقا دالالەت قىلىپ ئەمرىمەرۇپ قىلغاندا، ئارىدىن بىرى:
_ تاشاخۇنۇم يەرنىڭ گېپىنى قانداق بىلىپتۇ؟!_ دەپ ئۈنلۈك توۋلاپتۇ. بۇ چاغدا تاشاخۇنۇم:
_ مەن كۆپ ئوقۇدۇم، كۆپ بىلدىم. جۈملىدىن يەرنىڭ تىلىنى بىلىمەن. مەن ھەر قېتىم يەر ئاستى بايلىقلىرى توغرىسىدىكى كىتابنى قولۇمغا ئالغاندا يەر بىلەن، تاغۇ-تاشلار بىلەن سۆزلىشىمەن، _ دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
بۇ سۆزنى ئاڭلىغان كىشىلەر، ” تاشاخۇنۇمۇ يەر، تاغ، دەشت باياۋانلارنىڭ تىلىنى بىلىدىكەن، ھەر كۈنى يەر بىلەن سۆزلىشىدىكەن…” دەپ ھەيران قېلىشىپتۇ. بۇ گەپ يۇرتتىن-يۇتقا تارقىلىپتۇ.
ئاشۇ يىللاردا، ئاتۇشتا مۇخلىس غوجام دېگەن بىر يەر ئىگىسى بار ئىكەن. ئۇ كىشى “تاشاخۇنۇم يەر، تاغۇ-دەشتلەرنىڭ سۆزىنى بىلىدىكەن، ئۇلار بىلەن سۆزلىشىدىكەن”دېگەن گەپنى ئاڭلاپ، ئۆز يەرلىرىنىڭ ھوسۇلى ياخشى ئەمەسلىكىنى ئويلاپ، غوجىدارى بىلەن تاشاخۇنۇمنىڭ ئۆيىگە سوۋغا-سالاملارنى كۆتۈرۈپ بېرىپ”تاشاخۇنۇم، ئاڭلىسام سىلى يەرنىڭ تىلىنى بىلىدىكەنلا، يەر بىلەن سۆزلىشەلەيدىكەنلا، يېقىندىن بېرى بىزنىڭ يېرىمىز ياخشى ھوسۇل بەرمەيدىغان بولۇپ قالدى، بۇ نېمە سەۋەبتىنكىن، سۆزلىشىپ باقسىلا….”دەپتۇ.
تاشاخۇنۇم: ھېچقانداق ئىككىلەنمەستىنلا”غوجام، سىلىنىڭ يەرلىرى خېلى بۇرۇنلا بىزگە ھال ئېيتىپ، مۇخلىس غوجامغا ئېيتىپ قويغان بولسىلا، غوجام بىزگە تويغۇدەك ئوغۇت، قانغۇدەك سۇ بەرمەي قىيناۋاتىدۇ، دېگەن” دەپتۇ. مۇخلىس غوجا، غوجىداردىن بىر مو يەرگە بەرگەن ئوغۇتنىڭ سانىنى ئاڭلاپ، بولماپتۇ، ھەر موغا 20تاغاردىن ئوغۇت قوشۇڭلار، دەپ بۇيرۇپتۇ. بۇ چاغدا تاشاخۇنۇم سۆزىنى مەرىپەتكە بۇراپ، مۇخلىس غوجامنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى، نەۋرە-چەۋرىلىنىڭ ھېچ كىشىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇمىغانلىقىنى ئاڭلاپ، “مۇبادا سىلىنىڭ بالىلارمۇ مەكتەپتە ئوقۇغان بولسا، ئۇلارمۇ ماڭا ئوخشاش يەر، تاغۇ-دەشتلەرنىڭ سۆزىنى بىلگەن بولاتتى. شۇ چاغدا سىلى 80ياشتىن ئاشقاندا بۇ يەرگە جاپا تارتىپ كېلىپ يۈرمەي، ئۆيدە ئولتۇرۇپ يەر بىلەن سۆزلىشەلەيتتىلە” دەپتۇ.
مۇخلىس غوجا بۇ سۆزدىن قاتتىق تەسىرلىنىپ شۇ يىلىلا ئوغۇل-قىزلىرىنى مەكتەپلەرگە بېرىپتۇ. مەلۇمات بەرگۈچىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مۇشۇ كۈنلەردە خېلى يۇقۇرى بىلىم بىلەن ھەر قايسى ئورۇنلاردا ئىشلىگەن ۋە ئىشلەۋاتقان، چەت ئەللەردە چوڭ سودىلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مۇخلىس فامىلىلىكلەر، ئاشۇ ئوقۇمىغان نادان مۇخلىس غوجامنىڭ نەۋرە-چەۋرىلىرىكەن.
دېمەك، تاشاخۇنۇم خىلمۇ خىل ئۇسۇل ۋە تەرغىباتچىلىق بىلەن خەلقنى ئوقۇشقا، بىلىم ئېلىشقا، ئىلىم-پەن ئۆگىنىشكە چاقىرغانىكەن.

(6) تاشاخۇنۇم كۇتۇپخانىسى ۋە ئۇنىڭ ئاسترونومىيە تەتقىقاتى

تاشاخۇنۇم ئۆز زامانىسىنىڭ دىنىي ئالىمى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى خېلى يۇقىرى سەۋىيىدىكى پەننىي بىلىمگە ئىگە ئاسترونومىيە تەتقىقاتچىسى ئىدى.
تاشاخۇنۇم باشتىن –ئاخىر دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ، ئەڭ يۇقىرى دىنىي بىلىم يۇرتىغىچە ئوقۇغان كىشى ئىدى. ئۇ پارس، ئەرەپ، ئوردۇ تىل يېزىقى، چاغىتاي تىل يېزىقى، كونا تۈرك تىلى يېزىقى ۋە قازان(تاتار) تىلى يېزىقىنى پىششىق ئۆگەنگەنىدى. ئۇ دىنىي بىلىم يۇرتى _ خانلىق مەدرىسىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا، ئىلمىي نۇجۇم(ئاسترونومىيە)گە قىزىققان. بىر مەزگىل ئىلمىي نۇجۇم تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا سودا قىلغان مەزگىلدە ئىلمىي نۇجۇمغا ئائىت كۆپ خىل كىتاب-ماتېرىياللارنى سېتىۋېلىپ ئوقۇغان. ئاشۇ چاغلاردا بەزى رەسەتخانىلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان. شۇ كۈنلەردە تاتار تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ئاسترونومىيە ئالىمى گالىلىينىڭ ئاسترونومىيە تەلىماتىنى ئوقۇغان. شۇنىڭ بىلەن پارس ئەدەبىي تىلىدا يېزىلغان ئاسترونومىيە ئىلمى بىلەن گالىلىي تەلىماتىنى سېلىشتۇرۇپ ئۆگەنگەن ۋە تەتقىق قىلغان.
ئۇنىڭ تەتقىقات ئورنى ئاتا-بوۋىلىرىدىن قالغان كونا كىتابخانا بولۇپ، كىتابخانا 36 تەكچىسىگە كىتاب تىزىلغانىكەن. كېيىن تاشاخۇنۇم قەشقەر شەھىرىدىكى ئۆيىدە يەنە بىر زامانىۋى كىتابخانا سالغان. ئۇمۇ ئاتۇشتىكىگە ئوخشاش بولۇپ، كىتابخانا ئۆيىنىڭ تۆت تېمى توققۇزدىن 36 تەكچە بىلەن پۈتكەن. بۇ كىتابخانىمۇ ھەرخىل كىتابلار، ئوخشاش بىلىم ئۈستىدىكى ئوخشىمىغان قاراشلار ۋە ھەر خىل تەتقىقاتلار بايان قىلىنغان ھەر خىل مەجمۇئەلەر بىلەن تولغانىكەن. تاشاخۇنۇم كۈندۈزى تىجارەت ۋە باشقا ئىشلار بىلەن شۇغۇللانسا، كېچىسى كىتاب ئوقۇش ۋە ئاسترونومىيە تەتقىقاتى قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغان. كېچىسى يۇلتۇرزلارنى كۆزىتىپ تاڭ ئاتقۇزغان. تاشاخۇنۇمنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرگەن ئاياللىرى تاشاخۇنۇمنى ئىلىم كۆتۈرۈپ كېتىپتۇ(كۆپ ئۆگىنىپ مېڭىسىدىن ئاجراپتۇ، دېمەكچى)، كېچىسى تاڭ ئاتقۇچە ئاسمانغا قاراپ ئولتۇرىدۇ، دېيىشكەن. بۇ گەپنى ئاڭلىغان كىشلەردىن، تاشاخۇنۇم ساراڭ بوپتۇ، كېچىىسى چىرايلىق خوتۇنلىرىنىڭ قېشىدا ياتماي ئاسمانغا قاراپ يۇلتۇز سانايدىكەن، دېيىشىپ كېچىسى تاشاخۇنۇمنى ماراپ تاماشا كۆرىدىغانلارمۇ بولۇپتۇ. ئەمەلىيەتتە كۈندۈزى ئۇنىڭدىن ھېچقانداق ساراڭلارغا خاس ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدىكەن.
ئۇزاق ئۆتمەي، تاشاخۇنۇم تەبىئەت ئۆزگىرىشىدىن مەلۇمات بېرىپ، قار-يامغۇر، ئاي-كۈن تۇتۇلۇش، قۇرغاقچىلىق قاتارلىقلار توغرىسىدا سۆزلەپ، جامائەتكە: يامغۇر تىلەپ زاراخەتمە ئۆتكۈزمىسەڭلارمۇ بولىدۇ، *ئاينىڭ *كۈنى، ئەڭ كېيىن قالغاندىمۇ *كۈنى يامغۇر ياغىدۇ. ئېرىق-ئۆستەڭلەرنى تازىلاپ سۇ تۇتۇشقا تەييارلىق كۆرۈڭلار، دەيدۇ. نەتىجىدە دەل تاشاخۇنۇم دېگەن كۈنى يۇرتقا قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن خەلق تاشاخۇنۇم يادىچى(ئايەت ئوقۇپ يامغۇر ياغدۇرغۇچى)ئىكەن دېيىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە: تاشاخۇنۇم يەرنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش قانۇنىيىتىنى پىششىق ئۆگەنگەندىن كېيىن يەتتە يىللىق كۈندىلىك ھاۋا ئۆزگىرىشى، يامغۇر، بوران، ئاي-كۈن تۇتۇلۇش قاتارلىق ئىشلارنى خاتىرىلەپ ماڭغان…………..
تاشاخۇنۇم 1927-يىلى قەشقەردىن غۇلجىغا چىقىپ كېتىش ۋاقتىدا ئاتۇش ۋاقۋاق ۋە قەشقەر شەھىرىدىكى كۇتۇپخانا، رەسەتخانا، تەتقىقات ئىشخانىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىشىكىگە تام ئىشكاپى ئورنىتىپ ئېتىۋەتكەن. 1934-يىلى شىڭ شىسەينىڭ تەكشۈرۈپ، مۇسادىرە قىلىشى ۋاقتىدا بۇ ئۆيلەر ئاشكارىلىنىپ، قەشقەر ساقچى ئىدارىسى بۇ ئۆيدىكى ماتېرىياللار ۋە باشقا مۈلۈكلەرنى مۇسادىرە قىلغان ئىكەن.
ئىگىلىشىمىزچە تاشاخۇنۇم ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى سۇ ئىلمىنى ياخشى بىلىدىكەن. بۇ ئىلىم چوڭ دادىسى ئابدۇرېشىت مىراب ئاخۇندىن قالغان مىراس ئىكەن………

(7) ئۇيغۇر يېڭى زامان مائارىپىنىڭ باشلامچىسى

ئۇيغۇر يېڭى زامان مائارىپى توغرىسىدا سۆز بولغاندا، يۇرتىمىزدىكى مەرىپەتپەرۋەر زاتلاردىن مۇسا ھاجىم (مۇسابايوۋ) پەرزەتلىرىدىن ئاكا-ئۇكا ھۈسەنباي-باھاۋۇدۇنبايلار ئاتۇش ئىكىساقتا 1885-يىلى يىللىرى ئاچقان سەككىز سىنىپلىق « ھۈسەينىيە مەكتىپى » ۋە 1894-يىلى تاشاخۇنۇم ئاتۇش ۋاقۋاقتا ئاچقان بىر سىنىپلىق( كېيىن تەرەققىي قىلىپ 12 سىنىپ بولىدۇ) «تاشاخۇنۇم مەكتىپى» نى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز. بۇ مەكتەپلەر شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆچمەس تارىخ بولۇپ كىشىلەر قەلبىدىن ئورۇن ئالغانكى، بۇ مەكتەپلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى زوراۋانلىق بىلەن نىجاتلىق، چېكىنىش بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، جاھالەت بىلەن يورۇقلۇق، نادانلىق بىلەن مەرىپەتپەرۋەرلىك ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن كۈرەشنىڭ ئۆچمەس يالدامىلىرى بىلەن تولغان تارىخىي ئابىدە، بىزنىڭ تۆھپىكار ئەجدادلىرىمىزنىڭ، ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ ئاشۇ كۈرەش قايناملىرىدا قۇربان بېرىشتىن قورقماي پىداكارلىق كۆرسەتكەن شانلىق تارىخى. بولۇپمۇ تاشاخۇنۇم يۈزمىڭلىغان كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ بۈيۈك ئىستىقبالىنى يورۇتۇپ بەرگەن ۋە مەڭگۈ يېنىپ تۇرۇۋاتقان ئۆچمەس مەشئەل، بىز بۇ شانلىق ئۈلگە، ئۆچمەس مەشئەل ئۈچۈن مەدھىيە ئوقۇماي، ئۇنى ئىپتىخارلىق بىلەن تىلغا ئالماي ۋە پەخىرلىنىش بىلەن ئەسلىمەي تۇرالمايمىز.
ئەينى يىللاردا دەۋرنىڭ تەقەززاسى، مىللەتنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن قۇرۇلغان بۇ مەكتەپلەر، ئۇيغۇر يېڭى زامان مائارىپىنىڭ باشلىنىشى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان غەپلەت ئۇيقۇسى ئۈچۈن چېلىنغان جاراڭلىق سىگنال ئىدى. بۇ سىگنالنىڭ جاراڭلىق ساداسىدا ئويغانغان شىنجاڭنىڭ ھەر مىللەت ۋەتەن سۆيەر، مىللەت سۆيەر ئوغلانلىرى ئۆزلۈكىدىن ھەرىكەتكە كېلىپ ئۆز يۇرت، شەھەرلىرىدە ئۆزى خىراجىتى بىلەن يېڭىچە مەكتەپ سالدى. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەپتەر، قەلەم سىياسىدىن تارتىپ كىيىم-كېچەك، ياتاق، تاماقلىرىغىچە ئۈستىگە ئالدى.
ئاكا-ئۇكا ھۈسەنباي، تاشاخۇنۇم ئاچقان يېڭىچە مەكتەپنىڭ تەسىرىدە 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىغىچە قەشقەر، يەكەن، خوتەن، ئاقسۇ، كۇچا، تۇرپان، توقسۇن، ئۈرۈمچى، گۇچۇڭ، بۆرتالا، ئىلى، چۆچەك __ دۆربىلجىن قاتارلىق جايلاردا شەخسلەر سالغان پەننىي مەكتەپ 104كە، سىنىپ سانى 246 گە يەتكەن. ئوقۇغۇچىلار سانى 7380دىن ئاشقان، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلىرى 542گە يەتكەن.
ئالاھىدە تەكىتلەشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، كېيىن ئېچىلغان يېڭىچە مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىگە ، ئىكساق«ھۈسەينىيە مەكتىپى» بىلەن ۋاقۋاق « تاشاخۇنۇم مەكتىپى » دە ئوقۇپ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار مۇئەللىملىككە تەكلىپ قىلىنغان. دەرس سېتكىلىرى ۋە دەرسلىكلەرمۇ يۇقارقى ئىككى مەكتەپنىڭ دەرسلىكلىرىنى ئاساس قىلغان…………..
بىز يۇقارقىلارنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر يېڭى زامان مائارىپىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولغان تاشاخۇنۇمغا ئوخشاش مەرىپەتپەرۋەر زاتلارغا ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالمايمىز!

(8) يېڭىلىققا ئۈندىگۈچى

تاشاخۇنۇم ھەر قانداق سورۇندا ئەمرىمەرۇپ قىلغاندا ئوقۇ، بىلىم ئال، ئوقۇش ئىمكانىيىتىڭ بولمىسا ھۈنەر ئۆگەن، ھۈنەر-كەسىپ ھەر قايسى پەيغەمبەرلەردىن بىزگە قالغان چوڭ مىراس، ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىختىن بۇيان ھۈنەر-كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان، ھۈنەر ئۆگەنگەن دېھقانلار ئېتىز-ئېرىق دېھقانچىلىق ئىشلىرىدىن بوشانغان ۋاقىتلىرىدا ھۈنەر قىلىدۇ…….شۇ ئارقىلىق كىرىمىنى ياخشىلايدۇ. بىراق بىزنىڭ بىر مۇنچە دېھقانلىرىمىز دېھقانچىلىقنىڭ بوش ۋاقىتلىرىدا قىلغىلى ئىش يوق ئىت تالاشتۇرۇپ، خوراز سوقۇشتۇرۇپ ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزىدۇ….قاراڭلار، ھازىر يۇرتىمىزدا ساتىراشخانا يوق. كۆپلىگەن كىشىلەر شەھەرگە بارمىسا چاچ ئالدۇرالماي، ساقال-بۇرۇتلىرىنى ئۆستۈرۈپ دەرۋىشلەردەك يۈرۈۋېرىدۇ. ئۆزىنى مۇسۇلمان ھېسابلاپ، پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىنى ئادا قىلايلى، دېگەن ئادەم ساتىراشلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ساتىراشلىقنى يامان، پەس كەسىپ دەپ قاراش ئېغىر گۇناھ..دەپ نۇتۇق سۆزلەيتتى. ئۇ يەنە، قەشقەر شەھەرلىك ساقى ساتىراس، نىياز سەتىراش دېگەن ئۇستىلارنى يۇرتىغا تەكلىپ قىلىپ كېلىپ 11 نەپەر ياشقا ساتىراشلىق كەسپىنى ئۆگەتكۈزىدۇ. بۇ 11 شاگىرت ھۈنەر ئۆگىنىپ، ئاستىن ئاتۇشتا ساتىراشخانا قۇرىدۇ ۋە سەييارە ساتىراشلىق كەسىپىنى يولغا قويۇپ، جايلاردا شاگىرت تەربىيىلەيدۇ.
تاشاخۇنۇمنىڭ يۇرتداشلىرىغا سۈپۈرگە بوغۇشنى ئۆگىتىپ، بازاردىن پۇلغا سۈپۈرگە سېتىۋېلىشقا خاتىمە بەرگەنلىكى، ئۆيى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ ياسىغىلى خۇشياقمىغان ئائىلىگە خام كېسەك سېتىۋېلىپ، بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنى مەدىكارلىققا سېلىپ ئۆينىڭ تېمىنى ئۆزى ئەتكەنلىكى، كوچىلاردا كىيىم-كېچىكى يىرتىق ۋە مەينەت كىشىلەرنى كۆرگەندە ئۇلاردىن ھال سوراپ، يىپ-يىڭنە ۋە سوپۇن ئېلىپ بېرىدىغانلىقى، ھەر يىلى زاكات بەرگەندە، زاكات مال ئىچىگە يىپ-يىڭنە، بىر قاپ سوپۇن قوشۇپ قويىدىغانلىقى، بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغانلارغا، يىڭنە-يىپ كىچىك ۋە ئەرزان بولغان بىلەن رولى چوڭ، ئائىلىدە بولمىسا بولمايدۇ. يېزا خەلقى شەھەرگە بارمىغۇچە سېتىۋالالمايدۇ، شۇڭا قوشۇپ قويدۇم، دەپ جاۋاب بەرگەنلىكى…..دەك ئىش-ئىزلىرىدىن تاشاخۇنۇمنىڭ تولىمۇ ئەستايىدىل، پۇختا، كىچىك پېئىل، خەلقنى ھەقىقى سۆيىدىغان خىسلىتىنى كۆرۈۋالماق تەس ئەمەس.
تاشاخۇنۇم ياۋروپاغا بېرىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆز مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىغا كاستوم-بۇرۇلكا كىيىشىنى، ھېچ بولمىغاندىمۇ ئۇزۇن يەكتەكلەرنى سېلىۋېتىپ، كالتە چاپان كىيىشىنى تەشەببۇس قىلغان ھەم ئۆز راسخوتىدىن بىر خىل پاسوندا زامانىۋى(كالتە چاپان، شىم) كىيىم تىكتۈرۈپ بەرگەن.
ئادەتتە بۇ ئىشلار كىچىك ئىشتەك كۆرۈنسىمۇ، شۇ دەۋرنىڭ شارائىتى ئۈچۈن دەۋر بۆلگۈچ زور ئىش ھېسابلىنىپ، تاشاخۇنۇم ئەزىزىنىڭ تەرەققىيپەرۋەر ئىدىيىسىنى نامايان قىلىدۇ.

(9) تاشاخۇنۇم ئەزىزىنىڭ خەلقپەرۋەرلىكى

تاشاخۇنۇم ئەزىزى مەكتەپ ئېچىپ مائارىپنى يولغا قويۇش، زاۋۇت-كارخانا قۇرۇش…..قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلىرىدە پۇل تېپىشنىلا كۆزلىمەستىن، بەلكى خەلققە ئوڭايلىق يارىتىپ بېرىشنى، كەڭ خەلقنى شۇ دەۋرنىڭ زامانىۋى تەرەققىياتىدىن بەھرىمەن قىلىشنى، خەلق تۇرمۇشىنى يۈكسەلدۈرۈشنى، خەلقنى يېڭى مەدەنىيەتكە باشلاشنى مەقسەت قىلغان.
1901-يىلى ياكى 1902-يىلى ئاتۇشتا ناھايىتى ئېغىر يەر تەۋرەپ ئۆيلەرنىڭ % 96 ى ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدۇ، ئۆلۈم-يېتىممۇ ناھايىتى كۆپ بولىدۇ. شۇ چاغدا ھەزرىتى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان مازىرىمۇ ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا يەر يېرىلىپ، ئېرىق-ئۆستەڭ سۇلىرىمۇ توختاپ، خەلق ناھايىتى ئېغىر كۈندە قالىدۇ.
نۇ يىللاردا تاشاخۇنۇم ئوتتۇرا ئاسىيادا بولۇپ، ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن ېكيىن تېزلا قايتىپ كېلىپ، ماكانسىز قالغان خەلق ئاممىسىنى قۇتقۇزۇشقا كىرىشىدۇ.
1. ئۆز يېنىدىن نەچچە مىڭ سەر كۈمۈش ئاجرىتىپ يوقسۇللارغا ياردەم
بېرىدۇ. 2. ھۆكۈمەت ئالدىدىكى ئىناۋىتىگە تايىنىپ، پەيزىۋات ھاكىمى( ئۇ چاغدا ئۈستۈن ئاتۇش پەيزىۋات ناھىيىسىگە قارايدىغان بىر يېزا ئىدى)، قەشقەر ناھىيە ھاكىمى ( ئاستىن ئاتۇش قەشقەر ناھىيىسىگە قارايدىغان بىر يېزا ئىدى)غا خەت يېزىپ، ئادەم ئەۋەتىپ ھاكىملارنىڭ كېلىپ ئەھۋالنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشىنى تەكلىپ قىلىدۇ. ھاكىملار كېلىپ ئەھۋالنى كۆرگەندىن كېيىن، ئومۇمىي زىياننى ئىككى ھاكىمغا مۆلچەر بويىچە ھېسابلىتىپ زىياننىڭ بەشتىن ئىككى قىسمىنى ئىككى ناھىيە ھاكىملىرى ئوردا راسخوتىدىن بېرىشىنى، پۈتۈن ۋىلايەتنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ئىقتىسادىي ۋە ئادەم كۈچى بىلەن ياردەم بېرىشنى خەلق نامىدىن ھاكىملارغا مۇراجىئەت قىلىدۇ ۋە دوتەيگە يازغان خېتىنى ھاكىملارغا تاپشۇرىدۇ. دوتەي ئەھۋالنىڭ ئېغىرلىقىدىن خەۋەر تېپىپ ئاتۇشقا چىقىپ زىيانغا ئۇچرىغان پۇقرالاردىن ھال سورايدۇ. دوتەي زىياننىڭ بەشتىن ئۈچ قىسمىنى ئۈستىگە ئالىدۇ ۋە ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە (ئۆلكە تەستىقلىسا بەش يىل، بولمىسا ئۈچ يىل) خەلقتىن يەر، سۇ، ئوتاق بېجى ۋە غەللە-پاراق بېجى ئالماسلىققا ۋەدە قىلىدۇ ھەم ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق قىلىدۇ. تاشاخۇنۇم يەنە بۇنىڭغىلا قاراپ تۇرماي قەشقەر، پەيزاۋات، ئاۋات، بەشكېرەم قاتارلىق جايلاردىكى پۇقرالارغا ئاپەت يۈز بەرگەن جايغا ياردەم بېرىشنى مۇراجىئەت قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قېرىنداش ناھىيىدىكى پۇقرالار ھەرىكەتكە كېلىپ ئاپەتكە ئۇچرىغان جايلارغا كۆپلىگەن ئىقتىسادىي ياردەم __ نەق پۇل، ئوتۇن، ياغاچ، يوتقان-كۆرپە، كىيىم –كېچەك، ئاشلىق قاتارلىقلارنى ياردەم قىلىدۇ. تاشاخۇنۇم خەلقنىڭ ئۆي-جاي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 1000دىن ئارتۇق ئادەم توپلاپ، ئۆرۈلگەن ئۆيلەرنى ياساشقا كىرىشىدۇ……..3. تاشاخۇنۇم ئوتتۇرا ئاسىيادا بولغان مەزگىلدە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان ئوش ئوبلاستى ۋە ئەنجان شەھىرىدىكى تىجارەت ۋە ھۈنەر-كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ياكى ئىش ئىزدەپ چىقىپ مەدىكارچىلىق قىلىۋاتقان يۇرتداشلارغا ئاقساقال بولۇپ، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكى، ھاياتى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ كاپالەتچىسى بولغان.
ئاتۇشتا يەر تەۋرىگەندىن كېيىن ئەنجاندىكى يۇرتداشلار ۋە ئىلىخوغا خەت يېزىپ
ئۇلارنىڭ ئۆز يۇرت خەلقىگە ياردەم بېرىشىنى، ئىش ئىزدەپ چىقىپ قالغان كىشىلەرگە ئىللىق مۇئامىلە قىلىش بىلەن ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
تاشاخۇنۇمنىڭ شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھۆكۈمەت ۋە خەلق ئارىسىدىكى
ئىناۋىتى ناھايىتى يۇقۇرى ئىدى. ئۇنىڭ ئۆتكۈر قەلىمى ۋە جانلىق ئاممىباپ سۆزى كىشىلەرنىڭ چوڭقۇر ئىشەنچىسىگە، ئالقىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ دەۋىتى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر يۇرتىغا ياردەم بېرىشكە ئاتلانغان.
نەتىجىدە ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنىڭ تۇرمۇشى تېزلا ئەسلىگە كېلىدۇ. شۇ مەزگىلدە ھەتتا غۇلجا، ماناس، شىخو قاتارلىق جايلاردىكى خەلق ئاپەتكە ئۇچرىغان يۇرتداشلارغا خالىس خەت يېزىپ، ئاپەتكە ئۇچراپ چىققانلارغا ھەقسىز ئۆي، مال-مۈلۈك، يەر، چارۋا بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. شۇ جايلاردا بەزى ئىش ئىزدەپ چىققان ئۇيغۇرلارمۇ ھەقسىز مال-مۈلۈك، ئۆي، يەر، چارۋىغا ئىگە بولۇپ، كېيىنكى تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇۋالىدۇ. تاشاخۇنۇمنىڭ شۇ قېتىم خەلققە كۆرسەتكەن خىزمىتى ناھايىتى زور بولۇپ، ئۇنى شىنجاڭ خەلقى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ياد ئېتىدۇ.

(10) تاشاخۇنۇمنىڭ چايچىلىق كارخانىسى

19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە شىنجاڭ ئىقتىسادى تالان-تاراجقا ئۇچرىغان، شىنجاڭغا كۆز تىككۈچى جاھانگىر دۆلەتلەر رىقابىتى كۈچىيىپ، سودا كېڭەيمىچىلىكى بىلەن زېمىن باسقۇنچىلىقىغا قەدەم قويغان دەۋر بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەپيۇن ئۇرۇشىدىن كېيىنكى زەئىپلىكى، ئىچكى ئۆلكىلەردىكى مىلىتارىستلارنىڭ ئۆزئارا قوراللىق توقۇنۇشلىرى قوشۇلدى. بۇنىڭ بىلەن ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ ماددىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ئاجىزلاپ، ئىشلەپچىقىرىشىمۇ توسالغۇغا ئۇچرىدى……
چىڭ سۇلالىسىنىڭ زامانىۋى سانائىتىنىڭ يوق، قول سانائەت تەرەققىياتىنىڭ ئاستا بولۇشى، چار روسىيە جاھانگىرلىكىنىڭ 1871-يىلىدىن 1881-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىلى ۋىلايىتىنى بېسىۋېلىپ تالان-تاراج قىلغاننىڭ سىرتىدا، 1881-يىلى «جۇڭگو-رۇسىيە ئىلى شەرتنامىسى»نى تۈزۈپ، رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ ئىلى، تارباغاتاي، قەشقەر، ئۈرۈمچى شەھەرلىرىدە ۋە سەددىچىننىڭ سىرتىدىكى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي-شىمالىي يوللىرىغا جايلاشقان شەھەرلەردە باج تۇرماسلىق…قاتارلىق بىر قاتار زوراۋانلىق شەرتنامىلەرنى تۈزۈپ ئەركىن سودا قىلىشى، ئىچكى ئۆلكىدىن چىقىدىغان ئەسلىدىنلا تەمىناتنى قاندۇرالمايۋاتقان جۇڭگو چېيىنى بىراقلا مونۇپۇل قىلىۋېلىشى بىلەن شىنجاڭدا چاينىڭ باھاسى ھەسسىلەپ ئۆرلەپ كەتتى. بۇنداق ھەسسىلەپ ئۆرلىگەن چاينى ئىچىشكە ئامالسىز قالغان شىنجاڭ خەلقى چايسىز قېلىپ، ئالما قېقى، ئالما يوپۇرمىقى، قۇرۇق ئۈزۈم، ياكى دورا-دەرمەك بىلەن ئارپىبەدىيان قاتارلىقلاردىن چاي ياساپ ئىچىشكە مەجبۇر بولدى.
بۇ يىللاردا، تاشاخۇنۇم رۇسىيىدە بولۇپ، رۇسىيىنىڭ چاي ئىشلەش تېخنىكىسىنى بىر چاي مۇتەخەسسىسىدىن يوشۇرۇن سېتىۋېلىپ ھەم رۇسىيە، ھىندىستان قاتارلىق جايلاردىن چاي خام ئەشياسىنى سېتىۋېلىپ غۇلجىدا كىچىك تىپتا چاي ياساش كارخانىسى قۇرىدۇ. كېيىنچە جەنۇبنىڭ سېرىققول موجا، ئىلىنىڭ خان يايلىقى قاتارلىق جايلاردىن دورىلىق ئوت-چۆپلەر ۋە چاي دەرىخى تىپىدىكى ئۆسۈملۈكلەر بىلەن چايچىلىقنى كېڭەيتىدۇ. شۇ چاغلاردا تاشاخۇنۇم ئىشلەپچىقارغان چېيىنىڭ باھاسى ئەرزان، سۈپىتى ياخشى بولۇپ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىغا مۇۋاپىق كېلەتتى.
ئىگىلىشىمىزچە تاشاخۇنۇمنىڭ چاي زاۋۇتى ئالتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت داۋام قىلغان بولۇپ، 1911-يىلىدىكى شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن ئىچكى ئۆلكىنىڭ چاي ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، 1914-يىلىدىكى 1-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، رۇسىيە چاي زاۋۇتىنىڭ ۋەيران بولۇشى نەتىجىسىدە، بۇ زاۋۇت ئۆز ۋەزىپىسىنى تاماملاپ ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتقانىكەن.

(11) تاشاخۇنۇم ياۋروپادا بولغان مەزگىلدە

تاشاخۇنۇم ئىچكى سودىدا روناق تېپىپ خەلقئارا سودا بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي، تاشاخۇنۇم خەلقئارا يەرمەنكىلەرگە تەكلىپ قىلىنىدۇ.
تاشاخۇنۇم قايسى يەرمەنكىگە بارمىسۇن، يەرمەنكىگە سانائەت خام ئەشياسى(يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى)دىن باشقا يەنە دەستىسى نەقىشلەنگەن پىچاق، قەلەمتىراچ، ئۇيغۇر چورىقى(كۆندىن تىكىلگەن، ئاتچىلار ۋە ئۇزاق يول ماڭغۇچىلار كىيىدىغان ئاياغ)، نەقىشلەنگەن مىس چەينەك، ئاپتۇۋا، كاسا، مىس چىنە، مىس ئىۋرىق، قەلەي يالىتىلغان ئاق ئاپتۇۋا، چىلاپچا، يىپەك توقۇلما بۇيۇملاردىن ئاق چەكمەن شايى ۋە پاختا يىپتا توقۇلغان چەكمەن ماتا قاتارلىق ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى ئېلىپ بارغان.
بۇ خىل ماللارنىڭ كۆپ قىسمىغا ياۋروپالىقلار قىزىقسىمۇ ئوخشىمىغان ئۆرپ-ئادەت تۈپەيلىدىن ناھايىتى ئاز قىسمىغا، مەسىلەن، تاھارەت ئالغاندا ئىشلىتىدىغان ئاپتۇۋا، مىس ئىۋرىق قاتارلىقلارغا كىشىلەر ئانچە دىققەت قىلمىغان. تاشاخۇنۇم ئۆزىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا، بەش ۋاق تاھارەتتە شۇ بۇيۇملارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق يەرمەنكە سودىگەرلىرىنى بۇ مەھسۇلاتلارغا جەلپ قىلىپ، ئۇيغۇر قول ھۈنەر بۇيۇملىرىغا خېرىدار تاپقان.
تاشاخۇنۇم فىنلاندىيىدە بولغان مەزگىلىدە، فىنلاندىيە كارخانىسىدا ئىشلەنگەن رەختلەرنىڭ سۈپىتىنى ياقتۇرماي-دە، ئۇيغۇر چەكمەن، ماتا-ئاق شايىسىنى كۆتۈرۈپ فىنلاندىيىدىكى بىر فابرىكىغا توقۇپ بېرىشنى زاكاز قىلماقچى بولىدۇ. فابرىكا ئىگىسى بۇ خىل ئېنى تار، پىششىق ۋە تولىمۇ سىپتە-سىلىق توقۇلغان رەختنى كۆرۈپ ھەيران قالىدۇ-دە، رەختنىڭ قەيەردە توقۇلغانلىقىنى سورايدۇ(بۇ دەل يەرمەنكىگە قاتناشقان خەلقئارالىق سودىگەرلەرنىڭ بۇ فابرىكىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىۋاتقان كۈنى بولغاچقا، بۇلارمۇ رەختكە قىزىقىپ قولدىن-قولغا ئالىدۇ).
تاشاخۇنۇم بۇ رەختلەرنىڭ شىنجاڭدا توقۇلغانلىقىنى ئېيتىدۇ. سورۇندىكىلەر ئۇ يەردە قانچە زاۋۇت بار دەپ سورايدۇ، تاشاخۇنۇم، ھەر بىر ئائىلىدە بىردىن بار دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بۇ سۆزدىن ھەيران بولغان خەلقئارا سودىگەرلەر بىر زاۋۇتتا قانچە ئادەم ئىشلەيدۇ، _ دەپ سورايدۇ. تاشاخۇنۇم ئۈچ كىشى ئىشلەيدۇ، دەيدۇ ۋە ئۇنىڭ بىرى يىپ ئىگىرىدۇ، بىر توقۇيدۇ، بىرى بويايدۇ، دەيدۇ. ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى سورىغاندا، تاشاخۇنم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆرپ-ئادەت، تۇرمۇشى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇرغاندىن سىرت، ئۇيغۇرلارنىڭ %90__%80 ى دېھقان، ئۇلار كۈندۈزى ئېتىزدا ئىشلەيدۇ، ئاخشىمى ئېرى رەخت توقۇسا، خوتۇنى يىپ ئىگىرىدۇ. قىش كۈنى ئېرى پاختا چىقارسا(كېۋەزدىن چىگىتىنى ئايرىسا)خوتۇنى يىپ ئىگىرىدۇ. ھەرقانداق ئېغىر شارائىتتىمۇ ھەپتىدە بازارغا كىرىش ئۈچۈن توخۇ-تۇخۇم، ئوتۇن-ساماندىن باشقا ئۆز ئائىلىسىدە توقۇلغان ماتا چەكمەندىن بىر قانچىدىن ئېلىپ كېلىپ، سېتىپ تۇرمۇش لازىمىتىنى سېتىۋالىدۇ. ……بازارغا كىرگەن ماللار چارى بازاردىن ناھىيىگە، ناھىيىدىن شەھەرگە ھەم شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىن شىمالىغا ئاندىن چەت ئەللەرگە ئاپىرىپ سېتىلىدۇ، دەپ ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئۇلارنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىك تېخنىكا، تۇرمۇش ئالاھىدىلىكىنى تونۇشتۇرىدۇ.
ئەينى ۋاقىتتا تاشاخۇنۇم تونۇشتۇرغان ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئۇنىڭ يەرلىك مەھسۇلات، دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك قاتارلىق ئەھۋاللىرى يەرلىك ۋە دۆلەتلىك گېزىتلاردا ئېلان قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئەھۋالىغا قىزىققان مۇخبىر-يازغۇچىلار، ئالىملار ھەتتا دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى تاشاخۇنۇمنى زىيارەت قىلىپ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپ مەلۇماتلارغا ئىگە بولىدۇ.(ئىشەنچلىك مەلۇماتتىن قارىغاندا، 1956-يىلى فىنلاندىيە زۇڭلىسى جىگولىن سەيپىدىن ئەزىزى باشچىلىقىدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قوبۇل قىلغاندا، تاشاخۇن ئەينى چاغدا فىنلاندىيىگە كەلگەن تۇنجى جۇڭگولۇق ئىدى. جۇڭگو بىلەن فىنلاندىيە خەلقىنىڭ دوستلۇق رىشتىسىنى باغلىغۇچى تۇنجى دوستلۇق ئەلچىسى ئىدى، دېگەن.) شۇنىڭدىن كېيىن ھەرقايسى دۆلەت سودا-سانائەتچىلەرنىڭ شىنجاڭغا كېلىش، يەرمەنكىلەردە مال زاكاس قىلىش ئىشى تەرەققىي قىلىپ، شىنجاڭ تاشقى سودىسى راۋاجلىنىدۇ.

(12) تاشاخۇنۇمنىڭ سەرەڭگە زاۋۇتى

1910-يىللىرى تاشاخۇنۇمنىڭ ھەممە ئىشلىرى راسا گۈللەپ ياشنىغان مەزگىل بولۇپ، سودىدا روناق تېپىپ، شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا نام-شۆھرەت قازىنىپ، ئاتاقلىقلار ئىچىدىكى ساناقلىقلا كىشىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوغۇللىرى يېتىلىپ، دادىسىنىڭ ئىشلىرىغا ھەمنەپەس بولالىغۇدەك ياراملىق يىگىتلەردىن بولۇپ قالغانىدى.
شۇ يىللاردا تاشاخۇنۇم رۇسىيىنىڭ نىژنى گۇرد دېگەن جايىدا ئۆتكۈزۈلگەن نىژنى يەرمەنكىسىگە تەكلىپ قىلىنىدۇ. تاشاخۇنۇم يەرمەنكە ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ مال ئېلىپ بارىدۇ. يەرمەنكىگە قاتنىشىدىغان ياۋرۇپالىق سودىگەرلەر بەك كېچىكىپ كەلكەنلىكتىن، يەرمەنكىنىڭ ئېچىلىشىنى ساقلىغاچ، رۇسىيىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ تىجارەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ پەننىي بىلىم ساۋاتىنى كۈچەيتىدۇ…
تاشكەنتكە بارغاندا ياكوف ئىسىملىك ئەرمەن مىللىتىدىن بولغان سەرەڭگە ئىشلەش مۇتەخەسسىسى بىلەن تونۇشىدۇ ھەم ئۇنىڭ قولىدا بىر يۈرۈش سەرەڭگە ياساش ئۈسكۈنىلىرىنىڭمۇ بارلىقىدىن خەۋەر تاپىدۇ. بۇ مەزگىلدە شىنجاڭدا بىرمۇ سەرەڭگە ئىشلەپچىقىرىش ئورنى يوق ئىدى. چەتئەلدىن ۋە ئىچكى ئۆلكىلەردىن كەلتۈرۈلگەن سەرەڭگىلەرنى پەقەت پۇلدار كىشىلەر سېتىۋالاتتى. كەڭ ئەمگەكچى خەلق بولسا يەنىلا چوغ كۆمۈش ۋە تارشا گۇگۇت ئىشلىتىش بىلەن ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇراتتى. تاشاخۇنۇم بۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ ياكوف ئەرمەن بىلەن شىنجاڭدا سەرەڭگە زاۋۇتى قۇرۇش توغرىسىدا شەخسىي توختام تۈزىدۇ، كېيىن ئۇنى ماشىنا ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئائىلىسى بىلەن قوشۇپ يەكەنگە ئېلىپ كېلىدۇ شۇنداقلا تاشاخۇنۇم زاۋۇتنىڭ پۈتۈن دەسمايىسىنى چىقىرىش، زاۋۇت ۋە تېخنىكىنى ياكوف چىقىرىش، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشكەندىن كېيىن زاۋۇتنىڭ پۈتۈن ئاۋارىسىنى زاۋۇت چىقىم قىلىش، ساپ پايدىنىڭ بەشتىن بىرىنى ياكوف، بەشتىن بىرىنى باج ۋە ناھىيە ھاكىمى ئېلىش، قالغان ئۈچ ئۈلۈشىنى(%60) تاشاخۇنۇم ئېلىش قارار قىلىنىپ، ناھىيە ھاكىمى ۋە شەرىئەت ئەلەم ئاخۇنلار گۇۋاھلىقى بىلەن توختام تۈزگەن. بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىشلەپچىقىرىش يولغا سېلىنىپ سەرەڭگە بازار تاپقۇچە يۇقىرىقى توختام بىلەن ئىش كۆرگەن(تاشاخۇنۇم ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپا ئەللىرىگە چىقىپ كېتىپ، زاۋۇتقا چوڭ ئوغلى مويدىن خاننى مەسئۇل قىلىدۇ).

لېكىن كېيىنچە ياكوف ئەرمەننىڭ نىيىتىنىڭ بۇزۇلۇشى، مويدىن خاننىڭ تىجارەت ۋە زاۋۇت باشقۇرۇش ئېڭىنىڭ يېتەرسىزلىكى ۋە ھاۋايى-ھەۋەسكە ھەددىدىن تاشقىرى بېرىلىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن سەرەڭگە زاۋۇتىدا كۆپلىگەن ئورۇنسىز رىيازەت ۋە زىيان كۆرۈلىدۇ. شۇ چاغدا تاشاخۇنۇم ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن موسكۋادا ئوقۇۋاتقان ئىككىنچى ئوغلى نەجمىدىننى قايتۇرۇپ كېلىپ، زاۋۇت باشقۇرۇشقا قويۇپ، زاۋۇتنى تەرتىپكە سالىدۇ. ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقان ياكوفنىڭ نىىيىتى بۇزۇلۇپ سەرەڭگە يېقىلغۇسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، سەرەڭگە سۈپىتىنى ناچارلاشتۇرۇپ، بازارنى كاساتلاشتۇرىدۇ شۇنداقلا كېيىنچە يۈزسىزلىك قىلىدۇ…….
تاشاخۇنۇمنىڭ تەڭگە زاۋۇتى زىيانغا ئۇچرىغان ۋاقىتقا توغرا كېلىپ قالغان سەرەڭگە زاۋۇتى تەڭگە زاۋۇتى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا تاقىلىدۇ.
زاۋۇت ئورنى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى:
زاۋۇت ئورنى يەكەننىڭ مىشا دېگەن يېرىدە بولۇپ، ئەسلىدىكى ئورنى 40مو ئەتراپىدا ئىكەن. زاۋۇت ئورنىنى يەكەندىن تاللاشتا، مۇنداق سەۋەب باركەن:
سەرەڭگە ياغىچى ئۈچۈن ھاڭگا تېرەكنىڭ بىر خىل تۈرى بولۇش شەرت ئىكەن. چۈنكى ھاڭگا تېرەكنىڭ نەملىك ساقلاش كۈچى زور بولۇپ، ئاسان قۇرۇپ كەتمەيدىكەن. بۇ خىل تېرەك يەكەندە كۆپ ھەم ئەرزانىكەن.
ئىشسىزلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئەمگەك كۈچى ئەرزان ئىكەن.
يەكەن تاشاخۇنۇمنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ياشىغان يەر بولۇپ ئاتا-بوۋىلار ئۆتكەن زېمىندا يىلتىز تارتىش ۋە تىجارەت قىلىش ئارقىلىق بۇ زېمىندا تۇرۇپ ئاتا-بوۋىلار ئۈچۈن دۇئا-تەگبىر قىلىش كۆزلەنگەنىكەن.
سەرەڭگە زاۋۇتى توغرىسىدا قوشۇمچە ئەھۋاللار:
مەزكۈر سەرەڭگە زاۋۇتى تاقالغاندىن كېيىن، تاشاخۇنۇم ئىلىغا چىقىپ كېتىپ ۋاپات بولىدۇ، چوڭ ئوغلى مويدىن خان سۆۋېت ئىتتىپاقىدا بولىدۇ، نەجمىدىن بىلەن ھىلالىدىن غۇلجىدا، ئابلىھەق بىلەن سەيپىدىن كىچىك بولۇپ زاۋۇت ئورنىغا ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان كىشى بولمىغان. 1936-يىلىغا كەلگەندە، شىڭ شىسەي ھۆكۈمىتى قاسىمخان باينى قولغا ئېلىپ ئۇنىڭ زېمىنىنى سەرەڭگە زاۋۇتىنىڭ ئۆزى بىلەن قوشۇپ مۇسادىرە قىلىدۇ. 1939-يىلى ئابلىھەق ئەزىزى بۇ يەرنىڭ خاتا مۇسادىرە قىلىنغانلىقى توغرىسىدا ئەرز يازىدۇ. بۇ ئىش تەكشۈرۈلۈپ بۇ ئورۇن تاشاخۇنۇمنىڭ ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ يەتتە نەسىبىدىن قالغان ھۆججەتلەر ئارقىلىق ئىسپاتلىنىدۇ. زېمىن قايتۇرۇلغىچە ئابلىھەق ئەزىزى 1940-يىلى شىڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ سەرەڭگە زاۋۇتىنىڭ ئورۇن مەسىلىسى يەنىلا بىر تەرەپ بولمايدۇ.
1946-يىلى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ 11 ماددىلىق تىنچلىق بىتىمى ئىمزالىغاندا، بىرلەشمە ھۆكۈمەت شىڭ شىسەي مۇسادىرە قىلغان زېمىنلارنى قايتۇرۇشنى قارار قىلىپ كۆپلىگەن مال-مۈلۈك، باغ-ۋارانلار قايتۇرۇلىدۇ.
1946-يىلى سايلام مەزگىلىدە، سەيپىدىن ئەزىزى قەشقەر-يەكەنلەردە سايلام خىزمىتىدە بولغاندا، بۇ ئىش قايتا تەكىتلىنىپ شۇ چاغدىكى يەكەن ھاكىمى ئابدۇرېشىت يۈسۈپ 100دىن ئارتۇق كىشىنىڭ مۆھۈر باسقان گۇۋاھلىق قەغىزىنى(بۇ زېمىننىڭ تاشاخۇنۇمنىڭ ئىكەنلىكىگە يېزىلغان ئىسپات) سەيپىدىن ئەزىزىگە تاپشۇرىدۇ. كېيىن ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرى ئىلىغا قايتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش يەنە تاشلىنىپ قالغان.
بۇ ئورۇن(يەنى سەرەڭگە زاۋۇتى) 1936-يىلى يەكەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر مەدىنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىغا تاپشۇرۇلغان. ئۇيغۇر ئۇيۇشما بۇ ئورۇنغا دارىلئېتام مەكتىپى قۇرغان. كېيىن دوختۇرخانا قىلغان. ئېنىقلىنىشىچە ھازىرقى سىفەن مەكتىپى ئەينى چاغدىكى تاشاخۇنۇم سەرەڭگە زاۋۇتىنىڭ ئورنى ئىكەن

مەنبە: ئوكيان تورى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top